-
بىر باشلىقنىڭ بەلگىلىمىسى - [ئەدەبىي ئەسەرلەر]
ئايلاپ ئاچقان يىغىندىن زېرىكىشكە رۇخسەت يوق،
تەنقىدلەيمەن، تىللايمەن، تېرىكىشكە رۇخسەت يوق.
كېچىككەنلەر بىر مىنۇت، ئۆرە تۇرسۇن يۈز مىنۇت،
پۇتۇم تالدى دەپ تامغا يۆلىنىشكە رۇخسەت يوق.
ماڭا باغلىق يىغىننىڭ قاچان، قانداق تۆگىشى،
ۋاقت توشتى دەپ قاپاق تۈرۈشىشكە رۇخسەت يوق.
ئىزدەپ كەلسە سىرتتىن ھەر قانچە چوڭ يوغان زات،
بۇزۇپ يىغىن كەيپىنى كۆرۈشۈشكە رۇخسەت يوق.
ئۆزى يىغىن زالىدا، كۆڭلى گۈلگۈن دالىدا،
يارى بىلەن خىيالىدا سۆيۈشۈشكە رۇخسەت يوق.
بىردەكلىكنى ساقلاش شەرت ئىدىيىدە مەن بىلەن،
ئىككى-ئۈچتىن بىر بولۇپ بىرىكىشكە رۇخسەت يوق.
ئېزىپ كەتسەم ناۋادا ماروفونچە سۆزۈمدىن،
بىر-بىرىگە كۆز قىسىپ كۈلۈشۈشكە رۇخسەت يوق.
نۇتقۇمنى ئاڭلىماي، چاۋاك چېلىپ داڭلىماي،
ژۆرنال، كىتاب ئەكىرىپ ئۆگىنىشكە رۇخسەت يوق.
سەۋەب تېپىپ يۈرەكتىن ياكى جىگەر، بۆرەكتىن،
كېسەلمەن دەپ دوختۇرغا كۆرۈنىشكە رۇخسەت يوق.
دەپ قويۇشقىن ئۆيدىكى كېسەل بوۋا-موماڭغا،
مۇھىم يىغىن ۋاقتىدا ئۆلۈشىگە رۇخسەت يوق.
تۈگىمىدى گەپ تېخى، شەنبە يەنە يىغىن بار،
يەكشەنبىگە خام خىيال سۈرۈشۈشكە رۇخسەت يوق.
مەنبە: ‹‹سەككىز سۈرىتىم›› ناملىق كىتابتىن.
ئاپتورى: تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس
收藏到:Del.icio.us
评论