مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7836|ئىنكاس: 17

مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلى 2-سان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 08:01:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سس.jpg


مىسرانىم ژورنىلى  2013-2 سان

بۇ ساندا ئاساسەن ئىجادىي تېمىلار ئېلىندى،تېرىشىپ ئىجادىي تېما يوللاۋاتقان دوسلار قەلەم تۇلپارىڭىلار ھارمىغاي!تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ئىجاد قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.جۈملىدىن، ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتقان دوسلارنىڭ ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ سەھىپىلەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!



14_副本دۈەاز.jpg


12_副本.jpg

13.jpg



سىرداشلار كۆزنىكى


ئابلىكىم كەلكۈن بىلەن مىسرنىمدا سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-75321-1-1.html


ئۆمەرجان بوزقىر بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72822-1-1.html


ئادىل مىجىت بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-56640-1-1.html

2.jpg


دۇنيادىكى ئىشلار

دۇنيادىكى ئەڭ يىڭى ئىشلار مانا بۇيەردە


ۋىتنام "ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى" بىلەن 22ئادەمنى جازالىدى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98144-1-1.html

دۇبەي يەرئاستى مېھمانساراي سالماقچى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97608-1-1.html

ش ئا ئە ت چىكىنسىلا جۇڭگۇ ئافغانىستانغاكىرىشى مۇمكىن

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97605-1-1.html

www.Gm1.cn007_副本.jpg


ئايدىن گۈزەل ئاي ئانام   ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98644-1-1.html

سودا تەركىپلىك ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدا

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98532-1-1.html

كىتاب ئاشنالىرىغا خوش خەۋەر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96497-1-1.html



1.jpg


باجىنىڭ پوجاڭزا ئېتىشى~~~~~ يەكچەش

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98665-1-1.html

ياتاق يىتىشمەي~~~~~ ئەختەر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98572-1-1.html

خىجىللىق~~~~~ مەخمۇت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98547-1-1.html


www.Gm1.cn668_副本.jpg

ئۇيغۇرتىلى   ~~~~      ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94004-1-1.html



رۇبائىيلار    ~~~~      ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-92920-1-1.html


ئون ئىككى كۈرۈش    ~~~~    ئەپچىلەم

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98565-1-1.html

ئانا تىل    ~~~~ يۈچۈن ئادەم   

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98604-1-1.html

ئۇيغۇرلۇقۇم ئۇيغۇر يايرىم سۆيىمەن سېنى~~~~ يانغىن

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98649-1-1.html


مىللىتىم~~~~تاڭنۇر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-93960-1-1.html

خېلىل شېئىرلار توپلىمى~~~~ئۇيغۇر ئوغلى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96370-1-1.html

ئاۋات مۇنبەر مىسرانىم~~~ ئەرتۇرا

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-98118-1-2.html

غەيۋەتخورلار~~~~قارا سۇ

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96559-1-1.html


www.Gm1.cn687_副本.jpg



ئۇيغۇر قىزى بىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار

كەل ھەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى ،ساڭا بۇ نەسھەتلەرنى قىلاي،ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ ئەمەل قىلساڭ ،ئۆمۈر بۇيى راھەتتە ياشايسەن ئۆمۈر يولدىشىڭ بىلەن ھېچ قاچان ئاراڭلار بۇزۇلمايدۇ.بۇ دۇنيادا بەخىتلىك ياشىغانغا ئوخشاش ئاخىرەتتىمۇ خوشال ياشايسەن،مەڭگۈ بەخت -سائادەتكە ئېرىشىسەن.

1.قانائەتلىك بول يەنى ،ئۆمۈر يولدىشىڭ كەلتۈرگەن ئۇزۇق-تۈلۈك ،كىيىم -كېچەكنىڭ ھەممىسىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قوبۇل قىلغىن.چۈنكى قانائەت قەلىبكە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ.

2.ئېيتىلىۋاتقان گەپلەرنى دائىم قۇلاق سېلىپ ئاڭلا ۋە ھەمىشە ئىتائەتمەن بول.ئۆمۈر يولدىشىڭغا ئىتىراز بىلدۈرمە.ئۇنىڭ بىلەن ھەم پىكىر ۋە بىر نىيەتتە بولۇشقا ھەركەت قىل.بۇنداق ھەركەتلەر بىلەن جانابى ئاللاھۇ تائالانىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن.

3.يولدۇشىڭنىڭ كۆزى چۈشىشى مۇمكىن بولغان ھەممە جايغا ئىتىبار بەر،شۇنداق قىلغىنكى ،ئۇنىڭ كۆزى زىنھار قالايمىقان ھالەتلەرگە چۈشمىسۇن.

4.يامان ھىد چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىكى نەرسە ۋە يەرلەرگە دىققەت قىل ،ئۇلارنى تېپىپ تازلا.ئۆيىڭدىن دائىم خۇشپۇراقلار ئۈزۈلمىسۇن.چۈنكى پاكىزلىق ئىماننىڭ يېرىمىدۇر.
5-شۇنى ياخشى بىل،تازلىق ۋە لاتاپەت سۇغا باغلىق .ھەرقانداق نەرسە سۇ بىلەن پاكىز بۇلىدۇ.ئۆيلەردە سۇنىڭ پاكىز بۇلۇشىغا دىققەت قىل.

6-.يولدۇشىڭنىڭ تاماقلىنىش سائىتى ۋە ئۇيقۇ ۋاقتىغا دىققەت قىل ،تاماقنى ھەمىشە ئۇنىڭ ئادىتى بۇيىچە تەييارلا.
ۋاقتىدا ئۇخلاش ئۈچۈن ئىشىڭنى ۋاقتىدا تۈگەت.چۈنكى،ئاچلىق ۋە ئۇيقۇسىزلىق خاپىلققا سەۋەپ بۇلىدۇ.
7.ئۆيۈڭدىكى مال -مۈلۈك ۋە جازىلارغا ئېھتىيات قىل،ئۇلارنى پاكىز تۇت.ئۆيۈڭدىن چاڭ -تۇزاڭ نىرى كەتسۇن.

8-.يولدۇشىڭنىڭ يېقىنلىرىغا چىرايلىق مۇئامىلىدە بول،بۇ سىنىڭ ياخشىلىقىڭنى بىلدۈرىدۇ.بىراۋغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۇچۇق-يۇرۇق دوستانە بول.

9-.يولدۇشىڭنىڭ سىرلىرىنى زىنھار باشقىلارغا تىنما.ئەگەر سىرلىرىنى ئەتراپقا يايساڭ ،سەندىن رەنجىيدۇ.بىۋاپالىق يولىغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن.

10-.يولدۇشىڭنى ھۆرمەت قىل.بۇيرۇقلىرىنى بېجىر.گەپ قايتۇرۇپ جاۋاپلاشما.ئەگەر ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ جاۋاپلاشساڭ ،ئاچچىقى كىلىپ رەنجىشىگە ھەتتا دۈشمەن كەبى ھەركەت قىلىشىغا سەۋەپ بولىسەن..يولدۇشىڭنىڭ غەمكىن ۋەخاپا بولغاندا ئۆزۈڭنى خۇرسەن تۇتما.ئۇنىڭ غەم -ئەندىشىگە شىرىك بول ھەم سەن شۇنداق كەيىپىياتتا بول.
قىسقىسى ،ئەي سۈيۈملۈك ئۇيغۇر قىزى ،سەن يولدىشىڭىنى قانچىلىك ھۆرمەت قىلساڭ شۇنچىلىك ھۆرمەتكە ،مۇھەببەتكە ئېرىشىسەن .ھەمىشە ئەخلاقلىق ،ئىپپەتلىك بول.«ئاياللارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورۇنغانلاردۇر»

                                                    مۇنبەر ئەزاسى شىرىننىسا يازمىسى


كىشىلىك ھاياتتىكى تۆت دەرس


1- دەرس: ئەتىراپىمىزدىكى كىشلەرگە كۆڭۈل بۆلۇشنى ئۆگىنىۋېلىش.
مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدىكى مەلۇم بىر كۈنى ئوقۇتقۇچىمىز دەرىستىلا بىزدىن بىر سىناق ئالدى.مەن سۇئاللارغا قىينالمايلا جاۋاپ بېرىپ كېلىۋىتىپ،ئاخىرقى بىر سۇئالغا كەلگەندە << ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە چاخچاق قىلىۋاتامدۇ-نېمە ؟ >> دەپ ئۇيلاپ قالدىم.سۇئال مۇنداق قويۇلغاندى.<< مەكتىپىمىزدىكى تازلىق ئىشچى ھەدىمىزنىڭ ئىسمى نېمە ؟ >> مەن ئۇ ئايال تازلىق ئىشچىسىنى كۆپ ئۇچىراتقان،ئۇنىڭ تۇرقىنىمۇ سۈرەتلەپ بىرەلەيمەن.ئەمما ئۇنىڭ ئىسمىنى نەدىن بىلەي.شۇنىڭ بىلەن مەن بۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرمىدىم.كېيىنچە مۇئەللىم بىزگە : << سىلەر بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلاردا نۇرغۇن ئادەمگە ئۇچىرايسىلە.سىلەر ئۇچىرغان شۇ ھەربىر ئادەم سىلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم.ئۇلار سىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشۈڭلارغا ئەرزىيدۇ.ئەقەللىيسى،ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قۇيۇشىڭلار ياكى ئۇلاردىن ئەھۋال سورىشىڭلار كېرەك.
بۇ مېنىڭ مۇشۇ سۇئالىم ئارقىلىق سىلەرگە دېمەكچى بولغىنىم،دېدى.



2 - دەرس : شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتكەن بىر كېچىسى نېگىر موماينىڭ پىكاپى يولدا بۇزۇلۇپ قاپتۇ.يامغۇردا چىلىق-چىلىق ھۆل بولۇپ كەتكەن موماي بىرەر ئاق كۆڭۈل شۇپۇرنىڭ ئۆزىنى ئالغاچ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ،يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا تىت-تىت بولۇپ تۇرۇپتۇ،ئەمما ئۆتۈپ كېتۋاتقان ماشىنىلارنىڭ بىرەرسىمۇ تۇختىماپتۇ.خېلى ۋاقىتلار ئۆتۈپ،موماي ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە قالغاندا،ياش بىر شۇپۇر يولدىن ئۆتۇپ كېتۋىتىپ موماينى كۆرۇپتۇ-دە،ماشىنىسىنى موماينىڭ يېنىغا ئەكىلىپ تۇختىتىپتۇ ۋە موماينى ماشىنىغا سىلۋاپتۇ.ئاندىن ماي قاچىلاش پونكىتىغا كەلگەندە موماينى بىر تاكسىغا سېلىپ قۇيۇپتۇ.خۇشلىشىش ئالدىدا،موماي ھېلىقى ياش شۇپۇرنىڭ ئۇنمىغىنىغا ئۇنىماي ئادېرسىنى يېزۋاپتۇ.


ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ،ھېلىقى ياش شۇپۇر ھەيرانلىق ئىچىدە ئىنتايىن ئېسىل تېلېۋىزۇردىن بىرنى تاپشۇرۋاپتۇ.تېلېۋىزۇرغا يەنە << يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيۇلدا ماڭا قىلغان ياردىمىڭىز ئۈچۈن ئىنتايىن مىننەتدارلىق بىلەن رەھمەت ئېيتىمەن.سىزنىڭ ياردىمىڭىزدە سەكراتتىكى ئېرىم بىلەن دىدارلىشۋالدىم >> دېگەن خەتلەر يىزىلغان نەپىس ئىشلەنگەن بىر دانە كارتچكىمۇ چاپلانغانكەن.

3 - دەرس : تۇسالغۇ ۋە پۇرسەت
بۇرۇننىڭ بۇرنىسىدا بىز پادىشاھ يول ئۈستىگە يۇغان بىر تاشنى قويۇپ قويۇپ،بىر چەتكە يوشۇرنۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ.
دەسلەپتە يولدىن ئۆتۈپ كېتۋاتقارنىڭ بەزىلىرى تاشنى ئايلىنىپ مېڭىپتۇ،بەزىلىرى ئاغرىنىپ،ئاللىنېمىلەرنىدۇر دەپ كېتىپتۇ.ئەمما ھېچقايسىسى تاشنى ئېلىۋېتەي دېمەپتۇ.خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن،بىر مۇنچە كۆكتات قاچىلانغان سېۋەتلەرنى كۆتۈرگەن بىر قانچە دېھقانلار كېلىپ قاپتۇ ۋە تاشنى كۆرۈپ سىۋەتلىرىنى بىر ياققا قۇيۇپتۇ دە،تاشنى كۈچە-كۈچە ئىتتىرىپ چەتكە چىقىرىپ قۇيۇپتۇ.

شۇ چاغدا دېھقان تاشنىڭ تىگىگە باسۇرۇپ قۇيۇلغان بىر خالتىنى كۆرۈپ قاپتۇ.ئۇ،خالتىنى ئاۋايلاپ ئېچىپ قارىسا،ئىچىدە لىق تىللا تۇرغىدەك،يەنە تىخى بىر باغاقچىمۇ بار ئىكەن،باغاقچىغا << كىمكى مۇشۇ تاشنى يولنىڭ چېتىگە ئاچىقۋەتسە،شۇ ئادەم مۇشۇ تىللاغا ئىگە بۇلىدۇ >> دەپ يېزىلغانكەن.

4 - دەرس : ئۆزىنى قۇربان قىلىش رۇھىنى تۇرغۇزۇش.
بىر سىڭىلچاق ئاكىسىنىڭ قان بېرىپ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۋېلىشىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ قاپتۇ.ئەمما،بۇ بالا تېخى گۆدەك بۇلغاچقا،دوختۇرلار قېنىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ سىڭلىمغا سېلىپ،ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ.مەن بۇلسام ئۆلۈپ كېتىمەن،دېگەن خاتا ئۇيغا كەلگەن بۇلسىمۇ،يەنىلا قان بېرىشكە رازى بوپتۇ.قان ئېلىنۋاتقاندا، ئۇ بالا سىڭلىسىنىڭ يېنىدا يېتىپ،ئۇنىڭ چىرايىغا قان يۈگۈرگەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.


ئەمما ئۇنىڭ چىرايى ئاستا-ئاستا تاتىرىپ كېتىپتۇ ۋە تىتىرەپ تۇرۇپ دوختۇردىن:<< دوختۇر مەن ھازىر ئۆلۈپ كىتەمدېمەن ؟ >> دەپ سۇراپتۇ.شۇ يەردە تۇرغانلار بۇ ئوغۇل بالىنىڭ سىڭلىسىغا قان بېرىش ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەييارلىق قىلىپ قۇيغانلىقىنى چۈشىنىپتۇ بۇ ئۇغۇل بالا ئۆزىنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتى بىلەن سىڭلىسىنى قۇتقۇزسا ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلغىنى ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشتىمۇ باش تارتمىغانكەن.


ئاپتۇرى : لۇجيا   


مۇھەببەت تورمۇش توغرىسىدىكى دۇردانىلەر

گۈل تىكىنى بىلەن مەۋجۇت بولالايدۇ ، شاخلار بىلەن باراقسان تۇرىدۇ ، شاخ - شۇمبىلىرى ئېلىۋېتىلگەن غۇنچە قانچە پورەكلەپ ئېچىلسىمۇ يەنىلا پۈچەك كۆرىنىدۇ .
              ھەقىقى ساپ مۇھەببەت ئاق كۆڭۈللۈك ۋە كەڭ قۇرساقلىققا مۇھتاج ، يەنە سەمىمىيلىك ۋە ساداقەتلىكنى تەلەپ قىلىدۇ . بارلىق گۈزەل نەرسىلەر مۇھەببەتتىن كېلىدۇ ، مۇھەببەت يورۇقلۇق ئەلچىسى ، بەختلىك ھاياتقا يول باشلىغۇچى .
              بىراۋنىڭ باشقىلارغا ئاتا قىلغان بەختى ۋە خوشاللىقى قانچە كۆپ بولسا ، ئۇ ئېرىشىدىغان بەخت ۋە خوشاللىق تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ .
              خوشاللىققا ئېرىشكەندە شادلىقتىن ئەقلىڭىز ئازمىسا ، قايغۇغا يولۇققاندا ئۈمۈد شامىڭىز ئۆچۈپ قالمىسا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن قانغۇدەك ھۇزۇر ئالالايسىز .
               بىر ئادەمنىڭ بىر ئۆمۈر كۈلۈپ ياشىيالىشى مۇمكىن بولمىغىنىدەك ، بىر ئۆمۈر قايغۇ ئىچىدە يىغلاپ ئۆتۈشىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، شۇڭا تۇرمۇشتا ئازابقا يولۇققاندا توغرا مۇئامىلىدە بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك .
               دوستۇم ، ئاچچىق قىسمەتلەرنى خۇددى ئاچچىق مېغىزنى يۈتىۋەتكەنگە ئوخشاش يۈتىۋېتىڭ ، ئۇنتۇپ كېتىڭ ، ئالدىڭىزدا يەنە تاتلىق بىر مېغىز سىزنى كۈتمەكتە .
               بىردەملىك خوشاللىق ئۆمۈرلۈك بەختكە ۋەكىللىك قىلالمىغىنىدەك ، ۋاقىتلىق قايغۇ - ھەسرەتمۇ ئۆمۈرلۈك بەختسىزلىكنىڭ بەلگىسى ئەمەس .
مۇنبەر ئەزالىرى يازمىسى


www.Gm1.cn599_副本.jpg

ئەمدى قېچىپ قۇتۇلالمايسەن

ئىم~~ ئىم!~~
ئەمسە باشلامدۇق!! ئوماق  ئوماق ئوماق جانانىم...
(بولدى پاناق،،سەن ئابلاجان ئەمەس، تولا ناخشىنى بۇزما..گىپىڭ بولسا تېز قىل!!)
ھى ھى ھى بولدى بولدى..راستمىي باشلايلى..

شۇنىڭ بىلەن..مۇشۇ كۈنلەردە جان باقماق تەس بولغان كۈنلەر دە، مۇشۇ پارول بىر بۇلاڭچىلىق قىلىپ باي بولماقچى بولۇپتۇ، ئەلۋەتتە بۇنداق قانۇنسىز ئىشلارغا كەلگەندە شۇنداق ئەتراپلىق پىلان تۈزۈيدۇ بۇ...بىر بايۋەتچىنى بىر ئادەم يوق خالتا كوچىغا ئېلىپ كىرىپ،بىشىغا كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ،شۇنداق بىر بۇلاپتىكى، نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ ماڭغاننى ئازدەپ،بۇنىڭغا قانائەت قىلماي،ساقىلىنى يۇلىۋىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالماپتۇ..ئەگەر بۇ دىلونىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقساڭلار،مىسران دىلو پىروگىراممىسىغا نەزەر سېلىڭىلار..داڭ داڭ
(ھەي پاناق،تولا ئىچىمىزنى پۇشۇرماي،تېز دىمەمسەن...ھېلى باكا..)
بولدى بولدى..چاقچاق قىلىپ قويدۇم..پارول بۇقېتىملىق ئىشنى شۇنچىلىك پاكىز قىلدىكىن، ھېچقانداق ئىز قالدۇرمىغان ئىدى، ھەتتا بۇ ئىشنى كۆرۈپ قالغان بىر مۇ ئادەم يوق ئىدى..شۇڭا ئۇ ئۆيىدە خاتىرجەم ئۇخلاپ ياتقاندا،ئىشىك تۇيۇقسىز «جاڭ!!» ئاۋاز بىلەن تەڭ سۇنۇپ كەتتى،ئىككى ساقچى كېلىپ پارولنىڭ ئۇخلاۋاتقان يېرىدىنلا يۇلۇپ ئېلىپ قولىغا كويزا سالدى..
- ھوي ھوي..نىمە بولدى،تانسىغا زورلاپ تۇرغۇزغاندەكلا تارتتىڭلارغۇ مېنى..
-ھىڭ...قوپە ..بىز بىلەن ماڭ..
-ۋاھ ۋاھ، قالتىس گەپقۇ بۇ، مەن ئۇنداق يىنىك ،سۇيۇق ئادەم ئەمەس جۇمۇ،كىملا ماڭ دىسە كېتىۋىرىدىغان..كىشىلەرنىڭ «پارول سۇيۇق ئادەم ئەمەس،سۇيۇقلاشسا ئادەم ئەمەس،»دىگەن كوچا ھېكمىتىنى ئاڭلىمغانما،،...
-سەن قولغا ئېلىندىڭ،سىنى بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغان ئالىمىز، تۇر بىز بىلەن ساقچىخانىغا،..
-نىمە؟نىمە ئىسپاتىڭلار بار-پارول ھەيرانلىق ھەم قورقۇنچ ئىچىدە ئاران گەپ قىلدى
-ماڭە ئاداش،مۇشۇيەردىن سىنى ئۇدۇل سوتقىلا ئاپىرىمىز،ھەممەيلەن يىغىلىپ بولدى..ساڭىلا قاراپ قالدۇق..
شۇنداق قىلىپ ئىككى ساقچى توپا توزان چىقىرىپ،پارولنىڭ پۇتىنى يەرگە تەگكۈزمەي ئۇدۇل سوت مەيدانىغىلا ئېلىپ كىردى..

ئەمدى ئېلان ئاڭلاڭلار..
(ھەي ھەي.تازا پەيزى يېرىگە كەلگەندە،تولا تېىلۋىزورنى دورىماي،تېز دىمەمسەن،تەمى يوق پاناق..)
(ئوبدان،ئوبدان)

سوت مەيدانىدا لىق ئادەم بار ئىدى،سوتچى قاپاقلىرىنى تۈرگەن ھالدا ئاسمانغا قاراپ تۇراتتى،قارىلىغۇچى ئادوۋكات نىمىلەرنىدۇ دىگىنىچە ،تەسۋىيسىنى سېيرىپ ئولتۇراتتى،ساقچىلار پارولىنى ئۇدۇللا جىنايەتچى ئوروندۇقىغا ئاپىرىپ ئولتۇرغۇزدى،،
سوتچى:
-ھىم، بۇ قارىلىغۇچى ئادوۋكات،بۇ پاناقنى نىمە جىنايەت بىلەن ئەرز قىلغان؟
-سوتچى جاناپلىرى،بۇ پاناق ئۈلۈشكۈن ئاخشام ئادەم يارىلاندۇرۇش،ئادەم بۇلاش،پۇل بۇلاش،ساقال بۇلاش جىنايىتىنى سادىر قىلىپ،بىر ئادەمنىڭ تەن ساقىلىقىغا ئېغىر دەخلى تەرۇز قىلىپ،جەمئىىيەتتە قاتتىق تەسىر قوزغىدى..
سوتچى:
-نەق مەيداندا تاپقان دەلىل ئىسپاتلار تولۇقمۇ؟
-ياق
-جىنايەتچى بىر ئىز،بارماق ئىزى قالدۇرغانمۇ؟
-ياق
-ئۇنداق بولسا،ئۇ ئۆزىنى ئۆزى مەلۇم قىلغانمۇ
-ياق
-ئۇنداق بولسا،بۇيەرگە بەش تاش ئوينىغىلى كەلگەنما؟-سوتچى رەنجىدى-ئۇمۇ ياق بۇمۇ ياق بولسا،بۇنى قانداق سوتلايمىز.
پارول كۆرەڭلىگەن ھالدا «خىڭ خىڭ خىڭ»قىلىپ كەتتى.
-سوتچى ،جىنايەتچى ھەقىقەتەن قاتتىق پىلانلىق ئىش قىلغان،ھېچقانداق جىنايەت يىپ ئۇچى قالدۇرمىغان،ھەمدە ھېچقانداق ئادەم ئۇنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى كۆرمىگەن ،ئاڭلىمىغان،ھېس قىلىمىغان،ھەتتاكى چۈشىگىمۇ كىرمىگەن،بىراق ئۇنىڭ جىنايىتى كۆرگەنلەر يەنىلا بار، ھەمدە ئۇلار گۇۋاھلىق بىرىشكە ماقۇل بولدى ھەمدە ئالدىرىدى،
-ئوبدان،قېنى ئۇلارنى بىربىرلەپ سوت مەيدانىغا تەكىلىپ قىلايلى.. قەنە.سەھىنىگە مەرھەمەت-سوتچى ئۆزبىكلەردەكلا ۋارقىرىۋەتتى...
قارىلىغۇچى ئادوۋكات يۇقىرى ئاۋازدا:
-بىرىنچى گۇۋاھچى مەيدانغا كىرسۇن..
پارول بويۇنلىرىنى تولغاپ كەينىگە قارىدى«زادى كىمدۇ،كىممۇ كۆرۈپ قالغاندۇ،بېخەستىلىك قىلدىممۇ نىمە»دىگەنلەرنى ئويلاشقا ئۈلگۈردى..
ساقچىلار سوت مەيدانىغا بىر ئسىتۇلبىنى سۆرەپ كىردى.
ئادوۋكات:گۇۋاھچى،ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ
ئىستۇلبا:مەن  شۇ خالتا كوچىدىكى بىر ئستولبا.
پارولنىڭ كۆزى چەكچىيىپ كەتتى.«توۋا نىمە جاھان بۇ..ئىستولبىمۇ گەپ قىلامدۇ ئەمدى..»
ئادوۋكات:ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ.ئۇكوچىدا نىمە ئىش قىلغىلى بارغان؟نىمىنى كۆردىڭىز
ئىستولبا:مەن شۇ كوچىغا ئىشچىلار تەرىپىدىن بىلىمگىچە كۆمۈلگەن،تۆپۈمدە چىراق بار،شۇ كوچىنى يورىتىمەن،شۇكۈنى مەن خىيالى كوچىنى يورىتىپ تۇراتتىم،بىر چاغدا نەدىكى بىر لالما ئىت  بىر تۈۋۈمگە كېلىپ،كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى..شۇنداق ئاچچىقىم كېلىپ تۇرسام،تۇيۇقسىز ئاۋۇ بۇرنى يوق ئادەم،بىر باي ئادەمنى شۇ كوچىغا سۆرەپ كىرىپ،كاللىسىغا بىر كالتەك سالدى دە،ئاندىن ئۇنىڭ ھەممە نەرسىسىنى بۇلاپ كەتتى...
ئادوۋكات: ھېلىقى لالما ئىت كىچىك تەرەپ قىلغىچە گەپ قىلماي،جىم تۇردىڭىزما.
ئىستولبا:توۋا دەڭە،مەن بىر ئىستولبا تۇرسام،قانداقمۇ گەپ قىلالايمەن..
پارول:ھەجەپ بۈگۈن زۇۋانىڭ چىقىپ قاپتىغۇ..(ئەسەبىيلەرچە ۋارقىرىدى)
سوتچى:جىم..سەن گەپ قىلما..جىنايەتچىنىڭ ئاغزىغا شىلىم سۈركەڭلار..
ئىستولبا:مەن ئەسلىدە خەلق ئۈچۈن ئۈن تىنسىز خىزمەت بىر ئىستولبا ئىدىم،باشقىلار قورسىقىمغا ھەرخىل ئېلان تەشۋىقاتلارنى چاپلاپ،تۈۋۈمگە كېلىپ كىچىك چوڭ تەرەپ قىلىپ،بەزىلەر پىچاق بىلەن تۈپەمگە ھەرخىل خەتلەرنى ئويۇپ يېزىپ،ھەتتا بەزى مەستلەر كېلىپ،ماڭا مۇشت پەشۋا ئاتسىمۇ،ۋايسىماي،قاقشىماي،ئاغرىدى دىمەي،ئىشلەپ كېلىۋاتقان..
سوتچى :بولدى،،مۇشۇ يىتەرلىك بولدى..كىينكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر توك سىمىنى سۆرەپ كىردى
ئادوۋكات:گۇۋاھچى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ،
توك سىمى:مەن بايىقى ئىستولبىنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىكى توك سىم،ۋەزىپەم توك يەتكۈزۈش.
ئادوۋكات:ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ..
(پارولنىڭ بۇرنىدىن قان ئېقىپ كەتتى..)
توك سىمى:مەن بىر توك سىمى،ئۆزۈم مۇشۇ ئىستولبىنىڭ يۇقىرىسىدا تۇرۇپ،يۇقىرى بېسىملىق توكلارنى ئۇيەر بۇيەرگەيەتكۈزۈشكە مەسئۇل،ئۇ كۈنى كەچتە ماۋۇ ئىچىمدىكى توك قاچان سوقىۋىتىدىكىن دەپ ئەنسى____رەپ ئاران تۇرسام،تۇيۇقسىز بىر لالما ئىت كېلىپ ماۋۇ ئىسىتولبىنىڭ تۈۋىگە كېلىپ،كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى،تازا ئاچچىقىم كېلىپ،تازا تېرىكىپ تۇرسام،تۇيۇقسىز ئاۋۇ پاناق ئادەم، بىر بايۋەتچىنى سۆرەپ ئەكىلىپلا،بېشىغا كالتەك بىلەن بىرنى سېلىپ،پۇل پىچەكلىرىنىڭ ھەممىسنى بۇلاپ كەتتى...
سوتچى:ئېنىق كۆردىڭىزمۇ ،..
توك سىمى:ئىنىق كۆردۈم،ئۇ پاناق ئادەم تېخى كالتەك بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئالدىدا دۈمبىسنى تاتىلاشقىمۇ ئۈلگۈردى..
ئادوۋكات:سىز بىرەر تەدبىر قوللانمىدىڭىزمۇ، مەسىلەن ۋارقىراپ ئادەم چاقىرىش دىگەندەك..
توك سىمى:چاقچاق قىلماڭە،مەن بىر توك سىمى تۇرسام،قانداقمۇ گەپ قىلالايمەن..
پارول:ھەجەپ بۈ گۈن سايراپ قاپسەنغۇ...!!!(چاپلىغان شىلىم ئاجراپ كەتتى)
سوتچى:ۋوي سەن جىم ئولتا دەيمەن.. مانىڭ ئاغزىنى تىكىۋىتىڭلار!!!
ئادوۋكات:بولدى رەھمەت سىزگە..ئەمدى ئۈچىنچى گۇۋاھچى..

ساقچىلار پاراسلاپ ئوت چاقنىتىپ تۇرغان بىرنىمىنى سوت مەيدانىغا سۆرەپ كىردى
سوتچى:گۇۋاھچى،ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ،،سىز كىم..
پاراسلاپ جسىم ئۆزىنى تونۇشتۇردى
توك:مەن بايىقى توك سىمىنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئۈزۈپ كېتىپ بارغان يۇقىرى بېسىملىق توك..
پارول ئاھ دەپ چاچلىرىنى قاماللاپ كەتتى«پاھ نىمە جاھان بۇ...»
ئادوۋكات:قېنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى سۆزلەڭ
توك:مەن ئەسلىدە خەلقلەرنىڭ چىراق تىلىۋىزورلىرىغا يېىتىپ بېرىپ ئۇلارنى تەمىنلەيدىغان ئۈچتە ياخشى توك ئىدىم..مۇشۇ سىمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ تازا ئىچىم سىقىلىپ تۇراتتى..قارىسام بىر يالاڭ سىم تۇرمامدۇ..تېچى سىرتى ئېچلىپ تالاغا قاراپ قاپتۇ..شۇنىڭ بىلەن شۇيەردىن سىرتتىكى دۇنياغا قاراپ،تازا ھوزۇلىنىۋاتسام.بىر لالما ئىت كېلىپ. ماۋۇ ئىستبولنىنىڭ تۈۋىگە كىچىك تەرەت قىلىپ قويدى..تازا خۇيۇم تۇتۇپ گەپ قىلىپ پاراسلاي دەپ تۇرسام. ماۋۇ پاناق ئادەم بىر بايۋەتچىنى سۆرەپ كېلىپ،كاللسىغا بىر سالدىدە،ھەممە نىمىسىنى بۇلاپ ئېلىپ كەتتى..
پىژ پاژ....
توك پاراسلاپ كەتتى.
سوتچى:خاتا تونۇپ قالمىدىم دەپ جەزملەشتۈرەلەمسىز..ئېنىق ئاشۇ ئادەممۇ..
توك:جەزملەشتۈرىمەن..دۇنيادا ئۇنىڭدىن پاناق ئادەم بولمىسا كېرەك..
پارول:ئۆزەڭ پاناق ...
سوتچى:پاھۇي،مانىڭ ئاغزى بىردەم جىم تۇرمايدىكەنغۇ..كېىڭلار پاناقنىڭ ئاغزىنى پاياتلىۋىتىڭلار،،،
ئادوۋكات:رەھمەت سىزگە،ئەمدى كېيىنكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر قۇتىغا قاچىلانغان قىپقىزىل نەرسىنى كۆتۈرۈپ كىردى.
سوتچى:قېنى ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇڭ..
قۇتىدىكى قىزىل نەرسە زۇۋانغا كىردى
-مەن ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ بېشىدىن چاچراپ چىققان قان..
پارول گۈپلا قىلىپ ھوشىدىن كەتتى
ئادوۋكات:قېنى ،ئۇكۈندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قالدۇرماي سۆزلەڭ
قان:مەن ئەسلىدە بايۋەتچىنىڭ تىنىدىكى ئويناقشىپ ئېقىپ تۇرىدىغان قىپقىزىل قان ئېدىم،جىسمىم كۈچ قۇۋۋەتكە تولغان،تىنىم ھارارەتتە ئىدى..شۇ كۈنى تازا ئويناقشىپ ئېقىپ،بايۋەتچىنىڭ مىڭىسىگە بىر ئوزۇقلۇق بولايچۇ دەپ، باش تەرىپىگە شىددەت بىلەن ئېقىۋاتسام،تۇيۇقسىزلا بىر ئېغىز ئېچىلىپ،مەن تالاغا قاراپ چاچراپ چىقىپ كەتتىمدە،يەرگە پوكلا چۈشتۈم...شۇنداق قارىسام ماۋۇ پاناق ئادەم قولىدا كالتەك، بايۋەتچىنىڭ ئۈستى بېشىنى بۇلاشقا باشلاپ بوپتۇ...
ئادوۋكات:سىز ھېچقانداق تەدبىر قوللانمىدىڭىزمۇ
قان:توۋا  مەن دىگەن قان تۇرسام،ساقچى بولمىسام..
پارول:ھىم،،،ھىم...ھىم..
سوتچى:ھى ھى ھى ئەمدى گەپ قىلالمىغانسەن.ئاۋۇ ئىمپورت قىلىنغان ماتىرىيال،ئاسان ئاجرىمايدۇ..ئىم..رەھمەت سىزگە قان..ئەمدى كېيىنكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر كالتەكنى سۆرەپ كىدى
سوتچى:ئۆزىڭىزنى مەلۇم قىلىڭ،ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەڭ
كالتەك:مەن ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ كاللىسغا تەگكەن كالتەك شۇ..مەن ئەسلىدە بىر ھويلىنىڭ ئىچىدە تاشلىنىپ ياتاتتىم...تۇيۇقسىز بىر قول كېلىپ مېنى يەردىن يۇلۇپلا ئالدى،،توۋا بېشىم پېرقىراپلا كەتتى..سۈرئەت شۇنداق ئىتتىك،نىمە بولغىنىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا، بىرسىنىڭ بېشىغا ۋاسلا قىلىپ سوقۇلدۇم..بايىقى قان سەكرەپ تۆپەمگە چىقىۋالدى..ئەمدى پاراڭلىشاي دەپ تۇرسام. يەنە يەرگە تاشلىۋىتىلدىم..قارىسام،ئاۋۇ پاناق ئادەم ھېلىقى بايۋەتچىنى بۇلاۋىتىپتۇ..
پارول:ھۈ ھۈ ھۈ ھۈ
سوتچى:ھى ھى ھى ھى ،،بولدى سىزگە رەھمەت ،كېيىنكىسى..

ساقچىلار بىرمۇنچە سان سېفىر ھەرپلەرنى ئەكىرىپ قويدى

سوتچى:ئۆزىڭىزنى مەلۇم قېلىڭ
ھەرپ:مەن بىر قىسقا ئۇچۇر ئېدىم..بىر يىگىت بىرقىزغا قارىتىپ ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر..تېلىفوندىن چىقىپ يەنە بىر تېلىفونغا ئەمدى يېىتىپ باراي دەپ ھېلىقى خالتا كوچىغا كەلگەندە،قارىسام بىر لالما ئىت بىر ئىستولبىغا كىچىك تەرەت قىلىۋىتپتۇ..ئىچىدە«ۋۇ ئەدەپسىز»دەپ تۇرۇشۈمغا ،ئاۋۇ پاناق ئادەم بىر بايۋەتچىنىڭ كاللىسىغا بىر كالتەك سېلىپ،ئۇنى ئايلاندۇرۇپ،ئۈستى بېشىنى بۇلاشقا باشلىدى..ئاخىرىنى كۆرۈپ بولغۇچە، مەن تېلىفوننىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم...
پارول ئۈستەلگە ئۈسۈشكە باشلىدى
سوتچى:ھى ھى رەھمەت ..قېنى كېيىنكىسى...

ساقچىلار بىرمۇنچە كىيىم كىچەكنى ئەكرىىپ قويدى

سوتچى:قېنى ئۆۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار..
كىيىم كىچەك:بىز ھېلىقى بايۋەتچىنىڭ ئۈستىدىك كيىم كىچەكلەر ئىدۇق..ئەسلىدە بىز بايۋەتچىگە شۇنچە يارىشىپ،ئۇنىڭ ئۈچىسىدا ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارىيى قىلدۇرۇپ،تازا نايناقشىپ كېتىپ بارساق،ئاۋۇ پاناق ئادەم بايۋەتچىنىڭ كاللسىغا بىر نى سېلىپ،بىزنى سالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ تۆپىسىگە ئارتىۋالغانىدى..ھۆ!!ئۇ ئەزەلدىن يۇيۇنۇپ باقمىغانمۇ بىلمىدۇق...ئىچىمىز ئېلىشىپ،،قۇرۇق ھۆ تۇتۇپ ....
پارول چاچلىرىنى قاماللاپ كەتتى...
سوتچى:بولدى سىلەرگە رەھمەت...كېينكى گۇۋاھچى..

ساقچىلار بىر پاشىنى سۆرەپ كىردى
سوتچى:سەن كىمۇ؟
پاشا:مەن بىر پاشا ئىدىم. شۇ كۈنى بىر كۈن ئاچ قالغان.شورايدىغان قان يوق...(ھېلىقى گۇۋاھچى قان دەرھال مۆكىۋالدى)..قارىسام بىر بايۋەتچە غىڭشىپ كېتىپ بارمامدۇ..پاھ پاھ..مۇشۇ چوققىسىدىن بىر چىكىم قان سۈمۈرۈپ تازا ھوزۇرلىنايچۇ دەپ، كاللسىغا قونۇپ. ئەمدى نەشتىرىمنى سانجىي دەپ تۇرسام. بىر كالتەك 80دەپ مېىڭىپ كەلمەسما..ئاپام دەپلا ئۆزۈمنى چەتكە ئالدىم..قارىسام ئاۋۇ پاناق ئادەم ھېلىقى بايۋەتچىنى تازا بۇلا ۋىتىپتۇ...
خەپ دەپ ئۇچۇپ كەتتى،..
پارول ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى...
سوتچى:ھى ھى ھى ياخشى..گۇۋاھلىق سۆزۈڭ بەك مۇھىم..بىراق ئۆزۈڭ بىرزىيانداش..شۇڭا
پاشا ۋاي رەھىم قىلىڭلار دەپ بولغىچە ۋاسلا قىلىپ پالاقنىڭ ئاستىدا ئۆلدى..
سوتچى:يەنە بارمۇ..گۇۋاھچىلار.. بىراقلا كىرىڭلارچۇ..

گۇۋاھچىلار ئېتىلىپ كىرىشكە باشلىدى
-مەن بايۋەتچىنىڭ بۇرنىنىڭ يېنىدىكى بىر مەڭ..ئۇ كۈنى ئاۋۇ پاناق ئادەم بىر كالتەك سېلىپ، بايۋەتچىنى تازا بۇلىدى،،
-مەن ئۇياق بۇياققا چىقىۋاتقان شامال ئىدىم...ئۇ كۈنى ئاۋۇ پاناق بايۋەتچىنى ئۇرۇپ ئايلاندۇرۇپ،تازا پۇخادىن چىققۇچە بۇلىدى..
-مەن شۇ ماۋۇ پاناق يۇلۇپ ئېلىپ كەتكەن بايۋەتچىنىڭ ساقىلى...
-مەن ھېلىقى كىچىك تەرەت قىلغان لالما ئىت..
-مەن ئىستبۇلبىغا چاپلانغان تەشىۋىقات قەغىزى..
-.............................
تەرەپ تەرەپتىن كەلگەن گۇۋاھچىلار ھەممسى پارولنىڭ جىنايەت قىلمىشىنى بايان قىلدى..ھەممەيلەن دىگەن جەريان، ۋاقت،ۋاستە،ھەرىكەت دىگەندەكلەر ئوپمۇئوخشاش چىقتى...
سوتچى غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدى
-ۋۇ رەزىل پاناق.يەنە قانداق گىپىڭ بار..ئەمدىغۇ تىنىۋالالماسسەن..قېنى يەنە گۇۋاھچى بارمۇ..
ئادوۋكات:ئەڭ ئاخرىقى بىرسى قالدى..يەنى ئاۋۇ لالما ئىت ئىستولبىنىڭ تۈۋىگە بىرىپ... ھېلىقى كىچىك..
سوتچى:بولدى بولدى..ئۇ نەرسىلەرنى چاقىرىپ يۈرمەيلى...ئەمدى مەن ئاخىرقى سۆزنى قىلىمەن

-ھىم..پاناق سەن ئۆزۈڭچە تولۇق پىلانلاپ،ھېچقانداق قۇيرۇق تۇتقۇزماي.ھېچقانداق ئادەمگە بىلىندۈرمەي،رەزىل پىلانىڭنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم دەپ كۆرەڭلەپ كېتىۋىدىڭ..بىراق سىنى كۆرۈپ قالغان نەرسىلەر شۇنداق جىق بولۇپ چىقتى..نىمە ئۈچۈن ،،چۈنكى ھەققەنىيەتنىڭ،ئادىللىقنىڭ، ھەقىقەتنىڭ كۆزى ھامان يورۇق.رەزىللىك ھېچقاچان ئادالەتنى،ياخشىلىقنى،ھەقىقەتنى يەڭگەن ئەمەس،سەن ئۈزۈڭچە ھىلگەرلىك بىلەن بىزنىڭ ،خەلقنىڭ،ھەققانىيەتنىڭ كۆزىنى بوياپ،ئۆزۈڭنىڭ رەزىل قىلمىشىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دەپ ئويلىۋىدىڭ،بىراق يەنىلا يېڭىلدىڭ،سەن بىر بىگۇناھنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزۈپ،ئۇنىڭ مال مۈلىكىگە دەخلى تەرۇز قىلىپ،ئۆزۈڭنىڭ نەپسانىيەتچى ،قارا كۆڭلۈڭنى قاندۇرۇپ،رەزىل يۈرىكىڭنى يايرىتىپ،ئۆز ئۆزۈڭچە خوشال ياشىماق بولىۋىدىڭ ئاقىۋىتى نىمە بولدى...بۇ رەزىل قىلمىشىڭدىن ھەتتا جانسىز نەرسىلەرمۇ چىداپ تۇرالمىدى...
سوتچى كۆپچىلىككە قاراىدى
- بىز ئۆزىمىزچە بەزى بىر قىلمىشلىرىمىزنى باشقىلار كۆرمىدى،باشىقىلار بىلمىدى دەپ، ئۆز ئۆزىمىزچە تايتاڭشىپ،ئۆزىمىزنى يوقىتىپ،يامانلىقنى ھەققانىيەت ئادالەت ئۈستىدىن يۇقىرى قويۇپ، بىپەرۋا يۈرىمىز،بىراق ھېچقايسىمىز بۇ قىلمىشلىرىمىز ئ ۈچۈن ھامان جاۋاپ بېرىدىغىنىمىزنى ئويلىمايمىز..ھامان ئىگىمىزنىڭ ئالدىغا بېرىپ،ۋىجدان سوتىغا تارتىلىپ،قىلمىشلىرىمىزنىڭ جاۋابىنى بىربىرلەپ بېرىشنى كاللمىزغا كەلتۈرمەيمىز..بىزنىڭ مۇشۇ رەزىل قىلىمىشلىرىمىزنى كىشىلەر كۆرمىگەن ياراتقۇچى ئىگەم كۆرمەي قالارمۇ..ئۇ  بۇ رەزىل قىلمىشلارنى سوراقسىز قويارمۇ.بىزنى ۋىجدان ئازابى ئوتىدا كۆيدۈرۈپ،نومۇس سۈيىدە ئاقتۇرماسمۇ...ئۆزىمىزنڭ كىچىككىنە نەپسىمىزنى دەپ،ئۆزىنىڭ ئازراق خوشاللىقىنى دەپ،باشقىلارغا پۈتمەس ئازاپ، قايغۇ  ئېلىپ كېلىپ،خوشال يۈرۈشكە كۆڭلىمىز،ۋىجدانىمىز يول قويارمۇ...ھىم،  ھەممەيلەن ئوبدان ئويلاپ باقايلى...
گۇۋاھچىلارنىڭ سۆزى ۋە باشقا دەلىل ئىسپاتلار ئارقىلىق ئاخىرقى ھۆكۈمىمىز شۇكى
پارولنىڭ جىنايىتى بېكىتىلدى.. ئۇئادەم زەخمىلەندۈرۈش، باشقىلارنىڭ مال مۈلىكىنى بۇلاش دىلوسى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن، مۇددەتسىز قاماق ھۆكۈمى بېرىلىدۇ..
ئادوۋكات گەپكە ئارىلاشتى
-شۇنىڭ بىلەن قوشۇپ،پارول كۈندە بىر ۋاقلا سۇ بېرىلىدۇ..ئۈچ تامىقىغا تەييار چۆپ بېرىلىدۇ. تەييار چۆپ سوغۇق سۇدا تەييارلىنىدۇ،...
سوتچى:
-يوق گەپ قىلما...ھۆكۈم ھازىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ...
پارول گەپ قىلالماي بېشىنى ساڭگىلىتىپلا قالدى...
بۇ ھۆكۈمدىن بارچە خەلق ئاممسىى ئىنتايىن رازى...

تۈگىدى،،

(ۋاي ۋاي  قانداق پەيزى ھېكايىكىن دىسەم..كىچىك بالىنىڭ كىنوسىدەكلا تۇترۇقسىز نىمە ئىكەنغۇ بۇ...ماڭە پاناق..ئادەمنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ..

ھى ھى ھى تېخى يەنە بىرسى بار...«قىزىل بۆك بىلەن رەزىل بۆرە»نىڭ ھېكايسى..ھەي  ھەي..توختاڭلار..يەنە بار..

(ئەمدى ئاڭلىساق. سىنى ئۇرۇپ قويىدىغان ئوخشايمىز...جىنايەتچى بولۇپ كەتمەيلى..ماڭە سەنمۇ..ئۆيۈڭگە كىرىپ ئۇخلا..)

ئەمدى راسىت تۈگىدى..ھى ھى ھى ھى..


مۇنبەر ئەزاسى پارول يازمىسى

قىزىل بۆك

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىىسدا ،بىر گۈزەل ئورمانلىقتا ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ياشايدىكەن،ئۇيەردە شۇنداق بىر ئوماق قىز بار بولۇپ،ئۇدائىم ئۇچىشىغا ياپيىشىل چاپان،ئىشتان،پايپاق،ئاياق كىۋىلىپ يۈرگەن بولسىمۇ،كىشلەر بىكار بىكاردىنلا ئۇنى ئەركىلىتىپ"قىزىل بۆك "دەپ چاقىرىدىكەن،ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق چاقىرىۋەرگەچكە،كىچىك ئوماق قىزبالىمۇ ئامال يوق بېشىغا چوڭ كېلىپ قالسىمۇ،ئاپىسىنىڭ قىزىل بۆكىنى كىيىپ يۈرىدىغان بولۇپ قاپتۇ..(ھەي پاناق،يوق گەپ قىلماي،بولە داۋامىنى دە....)

بۈگۈن ئاجايىپ بىر چىرايلىق كۈن بولغان ئىدى،ھاۋا ئوپئوچۇق بولۇپ،قويۇق بۇلۇتلار ھەممە يەرنى قاپلىغانىدى (پارول پاناق،چىشىمىزغا تەگمە..)،ھى ھى ، قىزىل بۆكنىڭ ئاپىسى قىزىنى ئويغاتتى:
-قىزىل بۆك،ھەي قىزىل بۆك،ھۇيت قىزىل بۆك..توختاڭلا..بۇ مىنىڭ قىزىم تۇرسا "قىزىم "دەپلا چاقىرسام بولمىدىمۇ،توۋا..مەنمۇ ئەخمەق..قىزىم..ھەي قىزىم.
-ئىڭ~~~~ نىمە بولدى ئاپا-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاچالمىغان ھالدا
-قوپىڭە قىزىم..قۇياش نەيزە بويى ئۆرلىدى،ئەمدى ئويغىنىڭ..
-ئۆيدە نەيزە بولمىسا،قانداق ئۆلچىدىڭىز ئاپا..-قىزىل بۆك كۆزىنى ئاران ئېچىپ..
-ئوھوش ئىچىمنى پۇشۇرماي قوپە ئاچا....باش پېرسوناژئىكەن دەپ سىزلەپ قويسام نىمانداق قىلىدۇ ماۋۇ گەزلىمە قۇرۇت..قوپە..تۇرە ئورنۇڭدىن...
ئاپىسى قاتتىق رەنجىگەن ھالدا ،يوتقان كۆرپىنى سىلكىپ،قىزىنى ئويغىتىۋەتتى...
-تۇرىڭە ھە...يۈز كۆزىڭىزنى يۇيۇپ،چىيىڭىزنى ئىچىپ بولۇپ،ماڭا بىر ياردەم قىلڭ
-نىمە ئىش ئاپا،ئەتتىگەندىلا تېرىكىپ قاپسىزغۇ،-قىزىل بۆك كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ
-بولىڭە ھە..ئاۋۋال يۈزلىرىڭىزنى سۇدا يۇيۇڭ،ئاندىن تاماق بىلەن غىزالىنىپ بولۇپ،چوڭ ئاپىڭىزغا تاماق ئاپىرىپ بېرىڭ.ئاڭلىسام مېنى تاماق ئېتىدۇ دەپ،نەچچە ئاي بوپتۇ بىرنىمە يىمىگىلى...دۈمبىسى مەيدىسىگە چاپلىشىپ قالمىسۇن ئۇ قېرىنىڭ-ئايال قېيىنئانىسىغا شۇنداق ئۆچ ئىدى..
-ھو ھو ھو...چوڭ ئاپامنى كۆرۈپ كېلىدىغان بولدۇم...قېنى ئاۋۇ يۈزۈمنى يۇيىدىغان تاماقلار، يۇيۇپ بولۇپ سۇنى ئىچىۋىتەي...
-بولە خېنىم نايناقشىماي..چىيىڭنى ئىچە...

ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتۈپ،قىزىل بۆك غىزالىنىپ بولدى،ئاپىسى تەييار قىلغان تاماقلارنى چىرايلىق قىلىپ سېۋەتكە سېلىپ بەردى..
-ھوي ئاپا،بۇ نىمە تاماقلار، چوڭلار دىگەن مانداق پولو ،پىتىر مانتا،لەغمەن،گۆشنان دىگەندەك قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يىسە ئاندىن ساغلام بولمامدۇ-دىدى قىزىل بۆك ئاپىسىغا قاراپ تۇرۇپ
-ھوي قىزىم،ئۇ سىز دىگەن جاپاكەش،ئىشچان،باتۇر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تائاملىرى بولۇپ،تەمى ياخشى ،قۇۋۋەتلىك،يىيىشلىك بولۇپ.ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدۇ،بىراق بىز چەتئەللىك تۇرساق،شۇڭا بىر مانداق كالباسا،تۇرۇپ قالغان بولكا،سوغۇق سۈت،ئادەم يىمەيدىغان قېيزا دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن يوقلايمىز چوڭلارنى...
-بىراق سىز باياتىندىن بېرى ئۇيغۇرچە گەپ قىلىۋاتىسىز،نىمىشقا تاماقلىرىنى ئىتەلمەيسىز..-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-قاراڭ مەنمۇ بىر مۇنچە ئۇيغۇرچە سۆزلىۋەتتىم..
-ۋوي بۇ دىگەن ماۋۇ ئاپتور باشقىلارنى ئۇقسۇن دەپ قەستەن بىزنى سۆزلەتكىنى..بولىڭە چاققان..ھېلى باكا...
-مانا  ....مانا....-قىزىل بۆك ئوقتەك چىقىپ كەتتى..
ئايال ۋارقىرىدى:
-ھەي ئاپتور...ماۋۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى ..قېنى سىز..
-ھە مانا-دىدى ئاپتور
-ئاۋۇ بىرنىمىنى ماۋۇ جاڭگالدا چاقماق سوقۇپ ئۆلىدىغان قىلىپ يېزىڭە.ھەجەپ چىشىمغا تەگدى.
-قىزىل بۆك ئۆلۈپ قالسا،ھېكايە تۈگىمەمدۇ...مەن قانداق پۇل تاپىمەن..-ئاپتور رەنجىگەن ئاھاڭدا سۆزلىدى
-كارىم يوق..ئىشقىلىپ چاقماق سوقامدۇ،توك سوقامدۇ،ماشىنا سوقامدۇ كارىم يوق..ئىشقىلىپ كۆزدىن يوقىتىڭ..-ئايال چاچلىرىنى تارىغاچ ئاپتورغا بۇيرۇق قىلدى..\
-ۋۇ رەزىل ئايال،قارانىيەت،سىنى ھېكايىدە جىق تۇرغۇزسام بولمىغۇدەك،ئاۋۋال سىنى يوقىتىۋىتەي..چىقە ماۋۇ ھېكايىدىن..
-نىمە؟؟؟-ئايال ئېچىنىشلىق نالە قىلدى-ئەمدى ھېكايىنىڭ ئاخىرىدا مەن يوقما...ياق`~~ ياق~~~
ئاپتور ئايالنى ھېكايىدىن چىقىرىۋەتتى...

ئىككىنچى كۆرۈنۈش

ئەلۋەتتە،ھەرقانداق ئەتتىرگۈلنىڭ بىر تىكىنى بولغاندەك،ياخشى ئەرنىڭ بىرلا ئايالى بولغىنىدەك،بۇ كۆڭۈللۈك ھېكايىنىڭمۇ بىر قورقۇنۇچلۇق پىرسوناژى بار ئەلۋەتتە. ئۇ بولسىمۇ مۇشۇ ئورماننىڭ ئەڭ چوڭقۇر يەرلىرىدە،ياشايدىغان،رەزىل،قانخور،تويماس،ئەسكى،رەھمىسىز،سەت،قورقۇنۇچلۇق،بەدبەشرە..
-ئاغزىڭنى يۇم-بۆرە ئاپتورغا قاراپ ۋارقىرىدى-نىمە گەپ قىلمىسام تىللاۋىرىسەن،ئۆزۈڭ سەلبىي پىرسوناژ قىلىپ يارىتىپ، ئۇنداق تىللاۋەرسەڭ،ئالمايمەنە ۋا بۇرولنى، ئەۋۇ پىل كېلىپ رول ئالسۇن...كۆتە قاسقىنىڭنى..
-ھى ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم-دىدى ئاپتور كۈلۈپ تۇرۇپ-بولە ،نۆۋەت ساڭا كەلدى..

شۇنداق،بۇ ئورماندا شۇنداق بىر بۆرە ياشايتتى..
-ھاي ھاي كۆپچىلىك ،مەن مۇشۇ ھېكايىدىكى ئەڭ چوڭ سەلبىي پىرسوناژ بۆرە بولىمەن،ھەرگىزمۇ ئاۋۇ ئاپتور دىگەندەك،ئۇنداق ئەمەس،ئەمەلىيەتتە مەن بىر ھېسىياتقا باي،شېئىر يېزىشقا ھەۋەسكار،ناخشا ئېيتىشقا ئۇستا ،تىنىم ساغلام،بويۇم ئىگىز،ناچار ئادىتىم يوق،چەكمەيمەن، ئىچمەيمەن. ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا ،تىلىفون نۇمۇرۇم،،،،..
-ئىم ئىم~~-ئاپتور گىلىنى قىرىپ قويدى-بولامىكىن..
بۆرە ھى ھى ھى دەپ ھېجىيىپ قويدى..

قىزىل بۆك مومىسىغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى يولدا كېتىۋاتقاندا چاغدا،دەل بۇ يىرتقۇچ بۆرە ئورمانلىقتا ئوزۇق ئىزدەپ يۈرەتتى..
-ئاھ.. كەڭ تەبىئەت ..سەن نىمىدىگەن گۈزەل..سىنىڭ قوينۇڭدا ئۆسكەن بارلىق مەۋجۇدات ساڭا ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ،سىنىڭ گۈزەل باغلىرىڭ،ھەيۋەت تاغلىرىڭ،زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇلىرىڭ،ئوتقاشتەك باغرىڭ...ئادەمگە گۈزەل ئىستتىك زوق بېغىشلايدۇ..مەن نىمە ئۈچۈن بۆرە بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغان..كىپىنەك بوپ قالسام،گۈلدىن گۈلگە قونسام...شادلانسام،كۈلسەم..مەندەك مۇشۇنداق رومانتىك جانلىقنى نىمە دەپ بۆرە قىلىپ يارىتىپ قويغانسەن...ئاھ...
"ئىم ئىم~~ نايناقشىما،سەن شېكىسپىر ئەمەس،بۆرە لاۋزا گۇي.."
-ئوۋ راسست. مۇشۇ كەڭ تەبىئەتنى ھوزۇرلۇنۇپ ،كۆڭلۈمنى تازا بىر خوش قىلايچۇ-بۆرىنىڭ قورسىقى غورۇلداپ كەتتى-ئاھ..يەنە قورساق ئاچتى،يەنە شۇ توشقان ،قوي تۇتۇپ يەمدىم..مۇشۇ ئېسىل ،ئالىي تىرناقلىرىم بىلەن ئاشۇ ھاڭۋاقتى ھايۋانلارنى يەيمەن دەپ شالۋاقلىرىمنى ئېقىتىشتىن نۇمۇس قىلىمەن..مۇشۇ ئېسىلزادىلەرگە خاس چىرايىم بىلەن ئاشۇلارنىڭ قىغ پۇرايدىغان يۇڭلىرىغا مىلىنىپ،قاشتىشىدەك چىشلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ سامان پۇرايدىغان گۆشلىرىنى يىسەم....ھۆ~~~~~~~
بۆرىنىڭ قورسىقى يەنە بېر قېتىم قاتتىق غورۇلدىدى
-پاھ ماۋۇ قورساق يەنە ئاچتى..ئاپتور..مېنى مانداق قورسىقى ئاچمايدىغان بۆرە قىلىپ تەسۋىرلىسەڭ بولمامدۇ..
-بولە جىق گەپ قىلماي-ئاپتورنىڭ ئاچچىقى كەلدى.-نىمانداق نايناق،تاۋى نازۇك نىمە بۇ.ھېلى باكا ئىشەك قىلىپ تەسۋىرلىۋىتىمەن جۇمۇ..
-ھوي ياق ياق...بولدى..ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن..
بۆرىنىڭ قورسىقى بۇ قېتىم قاتتىق غۇرولداپ كەتتى.
-كاساپەت بولمدى،بىرەر ئوزۇق ئىزدەپ يىمىسەم..نىمە يىسەم بولا...تۈنۈگۈن قوي يىگەن،ئۇنىڭ ئالدىنقى كۈنى پادىچىدىن تاياق يىگەن..ئەتتىگەن بىر توشقان يەۋالدىم...نىمە يىسەم بولا..
بۆرە مۇشۇلارنى ئويلاپ ئولتۇرغاندا،ئوماق قىزىل بۆك بالىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، ئۆتۈپ قالدى.بۆرىنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى..
-ۋاھ..~~~!!! كىچىك قىزچاق ئىكەنغۇ...مانا غىزا دىگەن...ۋاھ ۋاھ  كەمپۈت كەمپۈت...مانا مەن كەلدىم....
دەل شۇچاغدا ھاۋادا كۈچلۈك مۇزىكا ياڭرىدى،،،،.....

"بۆرىجان ان ان ان ان ان ان ان ان ان"

بۆرە قىزىل بۆكنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپلا چىقىپ ناخشىسىنى باشلىۋەتتى...

ئۇچراشتۇق بۈگۈن مانا،قىزىل گۈللەر ئارا،ئاپىرىپ قويايمۇ سىزنى
يول بويى بىللە ماڭغاچ،ھەمدە پاراڭ سالغاچ، چايناپ يەۋىتەيمۇ سىزنى
سىز كۆڭلۈمدىن بىخەۋەر،سېلىپ قويۇڭ نەزەر،ئېيتسام سۆزۈم تۈگىمەس.....
مەھكەم يىپىشىپ سىزگە،كانيىڭىزدىن چىشلەشكە،باھانەم جىق تۈگىمەس....

سىزدىن ئەنسىرەپلا يۈرىمەن...
(قىزىل بۆك) نىمىشقا؟؟
باشقا ھايۋانلار يەپ قويامدىكى دەپ..
(قىزىل بۆك) ۋاي مىڭىڭە..
سىزنى ئەمدى چايناپ يۇتىمەن..
(قىزىل بۆك)راستما؟؟
ھەرگىز رەھىم قىلىپ يۈرمەيمەن..
(قىزىل بۆك)ۋەدە بېرىڭ..

ۋەدە بېرەي،چوقۇملا سىزنى چايناپ چايناپ يۇتىۋىتىمەن...

ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم..مېنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...~~
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم،مەھلىياقىلىۋالدىڭىز..
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم مىنى شەيدا قىلىۋالدىڭىز...
ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق ئوماق جانانىم.......ما...

مۇزىكا شاپلا قىلىپ توختىدى..بۆرە قىزغا قاراپ رەھىمسىزلەرچە تىكىلىپ تۇراتتى،قىزىل بۆك بولسا سەبىيلەرچە كۈلۈپ تۇراتتى....
ئارىدىن بىرھازا ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،قىزىل بۆك بارلىق كۈچى بىلەن بۆرىگە قاراپ ئېتىلدى..
-ھو~~~~ ئىشەك!!!!!
ئەندىكىپ كەتكەن بۆرە قىزىل بۆكنى يىراققا ئىتتىرىۋەتتى..
-ھوي خانقىز،سىز قايسى ئىشەكنىڭ گەپ قىلغىنىنى كۆرگەن..
قىزىل بىر ئاز ئويلىنىۋىلىپ،يەنە بۆرىنىڭ قۇچاقلىماقچى بولۇپ ئېتىلدى:
-ھو~~~گەپ قىلالايدىغان ئىشەك!!!!
بۆرە غەزەپ بىلەن قىزىل بۆكنى يەنە ئىتتىرىۋەتتى،،
-كۆزىڭىز تورلىشىپ قالغانمۇ سىزنىڭ...نەرىم ئىشەك مېنىڭ..مەن دىگەن بۆرە!!يىرتقۇچ بۆرە~~!!!!!(ئاۋاز شۇنداق ياڭراق،ئەكس سادالىق چىقتى)
قىزىل بۆك يەنە بىر دەم تۇرىۋىلىپ،يەنە بۆرىنى قۇچاقلىماقچى بولدى:
-ئۆزىنى بۆرە دەۋالغان ئىشەك!!!!!

بۆرە قاتتىق سىلكىپ،قىزىل بۆكنى يىقىتىۋەتتى..
-يوقال!!! ۋۇ بۆرە كۆرۈپ باقمىغان ئالۋاستى...مەن دىگەن ئورمانلىقتىكى ئەڭ ياۋۇز بۆرە...ئىشەك ئورمانلىقتا نىمە قىلىدۇ...سىلەر ئىنسانلار ئۇنى مىنىڭ دۆت قىلىۋەتكەن تۇرساڭلار،ئورمانلىققا كىرىپ قالسا،ئاللىبۇرۇن ئۆلمەمدۇ..ئىشەك قانداقمۇ مەندەك ئېسىلزادە،چىرايلىق،كېلىشكەن ،بۆرە بىلەن بەسلىشەلىسۇن....
قىزىل ئورنىدىن تۇرۇپ ،كىيىملىرى قېقىپ تۈزەشتۇردى
-مەيلى كىم بولسىڭىز،ئىككىمىز دوست بولايلىچۇ،سىز ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىدىكەنسىز...
بۆرە ئېرىپ يۇمشاپلا كەتتى:
-ھى ھى ھى ھ ئۇغۇ راست،سىزنىڭ دوست بولغىڭىز بارمۇ؟
-بەكمۇ دوست بولغۇم بار...سىز بەك تالانتلىق ئىكەنسىز،ئىشەك..ھوي ياق..بۆرە ئەپەندى...
-ئوبدان گەپ  ئوبدان گەپ..سىزنەگە ماڭدىڭىز ئاپئاق قىز...ئۆزىڭىز يالغۇز ماڭسىڭىز قورقمامسىز..
-مەن مومامغا تاماق ئاپىرىپ بەرگىلى كېتىپ بارغان...نىمىدىن قورقىمەن
-بۆرىدىنچۇ..بۇ ئورمانلىقتا بەك ياۋۇز بۆرە بار جۇمۇڭ..ئېھتىيات قىلىڭ..
-ماقۇل..-قىزىل بۆك بۆرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ-بولمىسا ماڭا ھەمرا بولىڭە..مېنى ھېچكىم بوزەك قىلالمايدۇ..
-چاتاق يوق...مۇمىڭىزغا قانداق تاماقلارنى ئىلىۋالدىڭىز....مۇماينىڭ ئۆيى قەيەردە-بۆرە باشقىچە پىلان سوقۇشقا باشلىدىئ
قىزىل بۆك سېۋەتنى ئېچىپ،تاماقلارنى چىقىرىپ بۆرىگە كۆرسەتتى،بۆرە ھېيلە ئىشلىتىشكە باشلىدى:
-قىزچاق ،بۇلار بەك ئاددىي بولۇپ قاپتۇ،ماۋۇ ئورمانلىقتا ياخشى يىمەكلىكلەر بەك كۆپ..بىز بىللە تېرىپ كىلەيلى...بولۇپمۇ..
قىزىل بەك خوش بولۇپ كەتكەچكە ،سەكرەپ كەتتى:
-سىز بەك ياخشى ئىكەنسىز،،مەن ھازىرلا تېرىپ كىلەي..
قىزىل بۆك ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردىدە،بىردەمدىلا بىرنەرسە كۆتۈرۈپ كەلدى..
-مانا،ماۋۇنى تېرىپ كەلدىم..
-نىمە بۇ؟؟-بۆرىنىڭ كۆزى چەكچەيدى..
-كالا تېزىكى!!!!
بۆرىنىڭ بېشىدىن سۇ ئېقىپ كەتتى...
-خانقىز،چوڭ ئاپىڭىز تېزەك يەمدا؟؟؟؟
قىزىل بۆك خاتالىقىنى ھېس قىلىپ ،يەنە ئورمانلىققا قاراپ يۈگۈردى،بىردەمدىلا قايتىپ كەلدى
-مانا ماۋۇ بولامدۇ..
-بۇ دىگەن تەشۋىقات قەغىزى..
..
-ماۋىچۇ؟
-ئاھ خۇدا،بۇ دىگەن كونا ساپما كەش..
...
-ماۋۇچۇئ؟
-ھۆ~~~~
.....
-ماۋۇچۇ
-توۋا..بۇ ئىنسانلار مۇھىتنى نىمانداق بۇلغىۋەتكەن...بۇ دىگەن گىلەمدىن چىققان قىل...ھەي كالۋا قىز..مانداق موگو،ئالۇچا،گىلاس دىگەنلەرنى تەرمەمسىز....بولىڭە ،ئاۋۇ ئىچكىرى كىرسىڭىز كۆرەلەيسىز..

قىزىل بۆك ئورمانلىققا كىرىپ كەتتى..بۆرە ھېجىيپ تۇرۇپ،ئۇنىڭ چاپانلىرىنى كىيدىدە،ئۇنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ يۈگۈردى..ئادرىسىنى باياتىن بىلىۋالغان....ئۇ شۇنداق ئىلدام يۈگۈردىكى، پۇتى بىلەن ئىككى قولى شۇنداق ماسلىشىۋاتاتتى...
بۆرە تۇيۇقسىز توختىۋالدى:
-توۋا..مەن دىگەن بۆرە تۇرسام،تۆت پۇتلاپ يۈگۈرسەملا بولمىدىمۇ،كاللام نىمە بولغان،تېخى ئىنسانلاردەك مارافونچە يۈگۈرۈپ كېتىپتىمەن...ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ ھۇ..
بۆرە قىزىل بۆكنىڭ مۇمىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ،ئۇچىۋەتتى.....

ئۈچىنچى كۆرۈنۈش

بۆرە قىزىل بۆكنىڭ چاپانلىرىنى كىيىپ ،مۇماينىڭ ئىشكىنى چەكتى.
تاك تاك تاك
ئىشىك ئېچىلمىدى
تاڭ تاڭ تاڭ
ئىشىك يەنە ئىچىلمىدى
دۇڭ دۇڭ دۇڭ
ئىچىلمىدى،
جاڭ جاڭ جاڭ
.....
-ھەي ئاپتور..نىمانداق ئىشكىنى ئاچقۇزمايسەن،،.ئادەمنى توڭلىتىپ ..-بۆرە نالە قىلدى
-ماڭەۋە ،سەن نەدە ئادەم..سەن دىگەن بۆرە..مانداق ئۈچلا چەكسەڭ كىم ئاچاتتى..جىقراق چىكىپ باقمامسەن ئىشىك دىگەننى...-ئاپتور رەنجىپ تۇرۇپ بۆرىگە رەددىيە بەردى
بۆرە ئىشىكنى قايتىدىن چەكتى
تاك تاك تاك تاك
ئىشىك غىچ قىلىپ ئىچىلدى.بۆرە ئۆيدە ئاستا دەسسەپ كىردى..ئۆينىڭ ئىچى شۇنداق پاكىز تازلانغان،شۇنداق رەتلىك ئىدى..
-ئۆيگە كىرگەن كىم-بىر مۇلايىم ئاۋاز كارىۋات تەرەپتىن كەلدى
-مەن~~~~~~-بۆرە قويدەك مەرەپ سالدى.
-ھوي..قويما سەن.
-ۋوي ياق چوڭ ئاپا، بۇ مەن،قىزىل بۆرە..ۋوي ياق..قىزىل بۆك..
-كىلە ساقام،يىنىمغا كىلە..كۆزلىرىم ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى،يېقىنراق كىلە..
بۆرە موماينىڭ كارىۋىتىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇردى..
-پاھ پاھ .ئاۋاز لىرىڭ توملىشىپ،تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ،ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىدىغان بوپتۇ جۇمۇ،ئادەمگە بىرخىل جەڭگىۋار روھنى ئەسلىتىدۇ..
موماينىڭ تەسىۋىرىنى ئاڭلاپ،ماختانچاق بۆرە ئۆزىنى تۇتالماي قالدى:
-توغرا ھاھاھاھا توغرا..ئېسىل تەسۋىر بولدى..يەنە يەنە.
-ھوي قىزىم ..تېخى قويۇق ساقال قويۇۋاپسەن..ئادەمگە بىرخىل قوپاللىق ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بەدىئيلىكنى ئەسلىتىدۇ..
-ئېسىل !!! ئېسىل!!!!!يەنە  ھە ،،يەنە..
-پاھ قارىغىنە چىشلىرىڭغا،قىلىچتەك تۇرىدۇ،ئادەمگە بىرخىل قەدىمىي باتۇرلارنىڭ جەڭلەردە .ئۆز مۇھەببىتىنى قوغداش ئۈچۈن ،ياۋغا قاراتقان ياراقلىرىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..
-راھەت!!!بەك راھەت!!! ياخشى..يەنە ..يەنە...ھو ھاھاھاھاھا
-قارا پۇت قوللىرىڭغا،،تاپانلىرىڭ قېلىن،تىرناقلىرىڭ ئۇزۇن...كونىلىقتىن ئۇرغۇپ چىققان يېپيېىڭى ھېسىيات..
-راھەت~~~!!ھاھاھاھ بەك راھەت..موماي..تەسىۋىرگە ئۇستىكەنسىز..يەنە..
-تىللىرىڭ،كۆزلىرىڭ قىپقىزىل قىزىم..ئادەمگە ئوتقاش مۇھەببىتىنى ئەسلىتىپ،ياشلىق جىلۋىسى ھەدىيە قىلىدۇ
-يارايسىز!!!ھو ھاھاھاھاھا..ۋاي قېرى...سىزلا مېنى چۈشىنىدىكەنسىز جۇمۇ..راھەت!!بەك راھەت!!!
بۆرە تەرىنى بۇزدى:
-بىراق ..سىزنى يىمىسەم بولمايدۇ..ئاۋۇ نەۋرىڭىز كېلىپ قالسا،پارىڭىمىزنى بۇزۇپ قويىدۇ...
بۆرە ھاپلا قىلىپ، موماينى پۈتۈن يۇتىۋەتتى...موماي بۆرىنىڭ قورسىقىغا تۇرۇپمۇ گەپ قىلىشىنى توختاتمىدى:
-ھوي چىراقنى ئۆچىرىۋەتتىڭلارغۇ..پاھ بۇ سىنىڭ قورسىقىڭ ئىكەندە،،قارىغىنا ئۇچەيلىرىڭگە،شۇنچىلىك توم،شۇنچىلىك ئۇزۇن،ئادەمگە ھەقىقىي يات ئەل مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىدۇرىدۇ..ئاۇۋ يۈرەك...

بۆرە موماينىڭ مەدھىيەلىرىگە مەس بولۇپ،قىزىل بۆكنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى،...ئالاھەزەل ئىككى سائەتتىن كېيىن،ئۈچ تاغار موگۇ،ئىككى تاغار گىلاس ،بۆلجۈرگەننى سۆرەپ قىزىل بۆك كىرىپ كەلدى..
-مۇما مەن كەلدىم،سىزگە بىرمۇنچە نەرسە ئېلىپ كەلدىم...
بۆرە موماينىڭ ئاۋزىنى دوراپ گەپ قىلىشقا باشلىدى:
-كىلە قوزام كىلە،كۆزۈم ياخشى كۆرەلمەيدۇ،يىنىمدا ئولتۇر..سىنى كۆرۈپ قېنىۋالاي
-ۋوي موما-قىزىل بۆك ھەيران بولۇپ-كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتىغۇ..
-جىنىم ساقام ،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ۋوي موما،پۈتۈن بەدىنىڭ پارقىراق تۈك بولۇپ كېتىپتىغۇ؟؟
-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ...
-ھوي موما،پۇت قوللىرىڭنىڭ تىرناقلىرى نىمانداق ئۇزۇن؟؟
-ھوي ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ھوي موما.تاملارنىڭ ھاكلىرى ئۇۋۇلۇپ چۈشۈپ كېتىپتىغۇ..
-جىنىم ساقام،سىنى سېغىنىپ بولمامدۇ..
-ھوي موما...
-بولدى بەس...تولا سوئال سوراۋەرمەي،يەيدىغان نەرسىلەرنى چىقارمامسەن..-بۆرەى ،ئاپتور ھەمدە بۆرىنىڭ قورسىقىدىكى موماي ئۈچەيلەن تەڭلا ۋارقىرىۋەتتى...
قىزىل بۆك قورقۇپ كېتىپ،ئەكەلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بۆرىگە بەردى...بۆرە قورسىقى ئىسىلىپ قالغۇچە يەۋالغاچقا،ئۇيقۇغا كەتتى..
قىزىل بۆك بۇ مۇمىسىنىڭ بېشىدا قاراپ،بەكمۇ زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ،"ھوي راست،مومامنىڭ قورسىقىنى بىر ئېچىپ كۆرۈپ باقايچۇ"دەپ شۇنداق كېسىۋىدى .ھەقىقىي مۇمىسى تاقلاپ چىقتى:
-ئۇھ ئەمدى توك كەلدى،،ھەجەپ ئىچىم سىقىلغان
-مۇما،بىردەمدىلا بايىقى ھەيۋەتلىك ھالىتىڭىزنى يوقىتىپ قويدىڭىزغۇ،يەنىلا شۇ تېرە يارىشىپتىكەن سىزگە-دىدى قىزىل بۆك.
-قىزىم،بۇياۋۇز بۆرە بىزنى يەۋىتىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇنى بىر بابلايلى-موماي شۇنداق دىدىدە،بىر تاغار تاشنى بۆرىنىڭ قورسىقىغا قاچىلاپ،قايتىدىن تىكىپ قويدى،ئۇلار ئۆيدىن ئاستا قېچىپ چىقىپ كەتتى.

ئۇزۇنلارندىن كېيىن بۆرە ئويغىنىپ،قورسىقىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلپ:
-پاھ پاھ ئۇيقۇچىلىقتا ،ماۋۇ ئىككى لاۋزىنى يەپ قويۇپتىمەندە...بۇمۇ بوپتۇ.ئويغاق بولغان بولسام،كۆڭلۈم ئاينىپ چىدىيالماس بولغانتىم...ئەجەپ ئۇسساپ كەتتىم..بىرچاڭ سۇ ئىچەي..
بۆرە قۇدۇق بىشىغا كېلىپ ئەمدى سۇئىچمەكچى بولىۋىدى،قورسىقىدىكى تاشلار ئالدىغا سۈرۈلۈپ،موللاق ئېتىپ قۇدۇققا چۈشۈپ كەتتى..
بۆرە قۇدۇق ئىچىگە چۈشۈش جەريانىدا قاتتىق ۋارقىرىدى:
-ئاپتور...ۋۇ ئالدامچى..مېنى سەلبىي پىرسوناژ بولساڭ،بەك نوچى بولىدۇ دىگەنىدىڭ،بۇ نىمىسى ئەمدى.....!!!!!!
ئاپتورنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى..شۇنداق قىلىپ بۇ گۈزەل ئورمانلىقتىن بىر زىيانداش يوق بولدى،كىشىلەر ۋە جانۋارلار خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە بولدى...


ۋاھ ۋاھ ئەجەپمۇ ئۇزۇن بوپ كەتتى ھە...زېرىكمەي ئوقۇڭلار.ئەگەر تولۇق ئوقۇپ مۇشۇيەرگە كەلگەن دوستلار بولسا..سىلەرگە رەھمەت..ئەمدى چىشىڭلارغا تەگمەيمەن..قېنى تەنقىدچىلەر...ئالغا!!!!!

ھى ھى ھى سەت بولدى...ھۆرمەت بىلەن پارولدىن

مۇنبەر ئەزاسى پارول يازمىسى

                                                
بىر چىرايلىق ئورانغان مۇسۇلمان قىز كىتىپ بارسا .ئۇنىڭ ئىككى مەدەنىييەتلىك قىز دوستلىرى ئۇچراپ بىر بىرىدىن ناھايتى قىزغىن ئەھۋال سورىشىپ بولۇپ .مەدەنىييەتلىكى سوراپتۇ
            -ئاداش شۇنچە پىژغىرىم تىنجىقتا نىمانچە پىششىق ئورىنىۋالدىڭ؟ ساڭا قاراپ مىنىڭ ئىچىم ئېلىشىپ كەتتى جۇمۇ؟
ھېلىقى مەدەنىييەتلىكنىڭ قولىدا 2دانە قەغىزى سويۇلمىغان مەھلىيا كەمپۇتلىرى باركەن .مۇسۇلمان قىز ھېلىقى 2دانە كەمپۇتنى ئېلىپ 1 دانىسىنى سويۇپ يەرگە تاشلاپ دەسسەپ لاي قىلىپ قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ .
          -قارا دوستۇم مۇنۇ 2دانە كەمپۇتتىن قايسىنى بىەكرەك يىگۇڭ كرلىدۇ؟ دەپتۇ ھېلىقى مەدەنىييەتلىك نىمە دىيشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قاپتۇ.
                                            


بىر تەقۋادار  كىشى بولۇپ .ئۇنىڭ تېخىمۇ تەقۋادار بىر ئايالى باركەن .بىر كۇنى ئايالى ئېرىگە
     -سىز مەندىن  ياشراق چىرايلىقراق يەنە بىر ئايال ئېلىڭ .مەن خۇدالىق ئۇچۇن سەۋىر قىلىمەن .دەپتۇ.ھېلىقى ئەر -سىزمۇ ياش ھەم چىرايلىققۇ؟ بولدىلا ! دەپتۇ
ئايالى ئۇزىنىڭ ئىرىگە سادىقلىغىنى بىلدۇرۇپ قەتئى يەنە بىر .ئايال ئېلىشنى تەۋسىييە قىپتۇ. ئېرى ئاخىرى ماقۇل بولۇپ ياشراق چىرايلىقراق يەنە بىر ئايالغا ئويلۇنۇپتۇ.ھەم يېڭى ئايالىغا كوپرەك كوڭۇل بېرىپتۇ .بۇئىشقا چىدىيالمىغان چوڭ ئايالى قاخشاپ
    بۇنى كوزۇمدىن يۇقات .دەپتۇ .ئەر -مەن باشتا دىگەن مانا ئەمدى ئۇنى قانداق يۇقىتىمەن؟دەپتۇ . بىر كۇنى -ھەي خوتۇن ماڭا بىر خوجۇن نان يېقىپ بەرگىن. يەنە ئازراق گوش.ھەم  تاتلىق چايلاردىن رۇسلاپ بەرگىن دەپتۇ .نەگە بارىسىز ؟ دەپ سوراپتۇ چوڭ ئايالى
ئاۋۇنىڭ ئۇيىگە بېرىپ بىر نەچچە كۇن تۇرۇپ يېنىدا قونۇپ ئۇنى ئولتۇرىۋېتىپ كېلەي دە سىزنى بىر خوش قىلىۋىتەي  
دەپتۇ .بۇنى ئاڭلىغان چوڭ ئايالى ئىچىدە خوشال بولسىمۇ يەنىلا سادىقلىقىنى ئىپادىلەپ .
           -ئەگەر نىيىتىڭىز راست شۇنداق بولىدىغان بولسا جېنىم بۇياققا كىلىڭ جېنىم پىدا بولسۇن ئۇنىڭ ئورنىدا مەن ئۇلەي .دەپتۇ                        

مۇنبەر ئەزاسى ئابدۇل مىجىت يازمىسى

222.jpg




تىپىشماق كەتتى
1.بىر بوۋاينىڭ يۈزىگە بىر تال پاشا قۇنىۋاپتۇ.لىكىن ئۇ بوۋاي قۇلىنى ئىشلەتمەي تۇرۇپ ھىلىقى پاشىنى ئۆلتۈرىۋىتىپتۇ.بۇ بوۋاي پاشىنى قانداق ئۆلتۈرگەن؟
2.ئىككى بالا باركەن.ئۇلار قوشنىكەن.بىر مەكتەپتە بىر سىنىپتا ئوقۇيدىكەن.لىكىن مەكتەپكە ماڭغاندا بىرى ئۆيدىن چىقىپ ئوڭغا يەنە بىرى سولغا ماڭىدىكەن.بۇ نىمە ئۈچۈن؟
3.بىر ياشانغان موماي كوچا ئاپتۇبۇسىغا چىقىپتۇ.لىكىن بۇ مومايغا ھىچكىم ئورۇن بەرمەپتۇ.نىمە ئۈچۈن بەرمىگەن؟
4.ئۆزى قىزىل قېنى يوق.ئاچچىقى يامان جىنى يوق.ئۇ نىمە؟
5.ئىشىك ئىچىلدى.بىر قىز چىقتى.مۇزدا تىيىلدى.چىراغ يىقىلدى.ئۇ نىمە؟
6.قۇشقاچ5پۇڭ.كەپتەر5كوي.توخو1كوي بولسا 100كويغا قانچە قۇشقاچ قانچە كەپتەر قانچە توخو كىلىدۇ؟
7.قۇلىقى قۇيرىقىنىڭ قىشىدا.ئۈچىيى قۇرسىقىنىڭ سىرتىدا.بۇ نىمە؟
قېنى دوستلار تىپىپ بىقىڭلار.بەلكىم ئاڭلىغانلار باردۇ.بەك ئاسان ھە!



مۇنبەر ئەزاسى  گۈزەل 417  يازمىسى


ھېسابلىماق قىيىن سۇئاللار

ئۈچ ئادەم ياتاقتا ياتماقچى بوپتۇ،ياتاقنىڭ بىر كېچىلىك باھاسى 30 يۈۋەن ئىكەن،بۇ ئۈچ ئادەم بىرى 10 يۈۋەن دىن چىقىرىپ 30 يۈۋەننى خوجايىنغا بېرىپتۇ.خوجايىن ئۇلارغا ئېتىبار قىلماقچى بولۇپ مۇلازىمەتچىگە 5 يۈۋەننى قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ . مۇلازىمەتچى 2 يۈۋەننى تىقىۋاپتۇ . ھەم 3يۈۋەننى ئۇلارغا قايتۇرۇپ بېرىپتۇ ، بۇنداق بولغاندا بۇ ئۈچ كىشى بېشىدا بىرى 10 يۈۋەندىن كىيىن ھەر بىرىگە 1  يۈۋەندىن  ياندۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن 10-1=9، بىرەيلەن 9يۈۋەن تۆلىگەن بولىدۇ .3ئادم 9  يۈۋەندىن 3 ئادەم 27=9x3يۈۋەن  ، بۇنىڭغا  مۇلازىمەتچى تىقىۋالغان 2  يۈۋەننى قوشساق 27+2=29يۈۋەن . ئۇنداقتا بىر يۈۋەن  نەگە كەتتى؟

223.jpg


ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىن مۇنداق دىگەن؛
             ھازىر زەھەرلىك چىكىملىك ياشلىرىمىزدا بارغانسىرى ئېغىر ئىجتىمائى ئاپەتكە ئايلانماقتا، بۇ ئاپەت خەلقنىڭ ئۈممۈدى بولغان ياشلارنى؛بەختسىزلەر،مەھبۇسلار،جەسەتلەر لاگىرىغا

ئىتتىرمەكتە.شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى؛مىللەتنى يالغۇز توپ-زەمبىرەكلا ئەمەس،چىكىملىك نەيچىسى،ئىچىملىك رۇمكىسى بىلەن بۇزۇقچىلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ.
        (جالالىدىن بەھرامنىڭ‹‹ئامەت ۋە ئاپەت››رۇمانىنىڭ 2-تومىدىن ئېلىندى)
                     پەيلاسوف ئارستوتىل مۇنداق دىگەن؛
           قانچىلىك ياخشى، پايدىلىق بىر نەرسە يازماقچى بولساڭ،گۈزەل ۋە دۇرۇس قەلەم بىلەن كىشىلەر ئوقۇيالىغىدەك يازغىن.قانچىلىك ياخشى،پايدىلىق نەرسىلەرنى خىيال قىلىدىكەنسەن،ئۇنى
كۆڭلۈڭدىن چىقىرىپ تەرتىپلىك يېزىۋىلىشقا تىرىش.ئۇنتۇلۇشتىن ساقلان.قەلەم تىلنىڭ ئەلچىسى،
يېزىق قولنىڭ تىلىدۇر.      (‹‹بەھرىلدۈرەر››ناملىق كىتاپتىن)
                         بىر ئالىم سورىغۇچىغا مۇنداق دىدى؛
         ئىلىم ئىزلەش ئىككى خىل بولىدۇ،بىرى،ئاڭلىق ئىلىم ئىزلەش،ئىككىنچىسى،نادانلىق بىلەن
ئىلىم ئىزلەش.
          -نادانلىق بىلەن ئىلىم ئىزلەش قانداق بولىدۇ؟
           -نادانلىق بىلەن ئىلىم ئىزلەش؛بىلمىگەننى سورىماسلىق،سورالغۇچىغا ھۆرمەت قىلماسلىق،ئاڭلىغاننى يېزىۋالماسلىق،يېزىۋالغاننى مۇھاكىمە قىلماسلىق؛-دەپ جاۋاپ بەردى.
                         (‹‹فەۋاكەلجەلسە››ناملىق كىتاپتىن)
                      بىر پەيلاسوف مۇنداق دىدى؛
           كىشىنىڭ ئىلىمى بولۇشى بىلەن بىللە ئەدەپ-ئەخلاقى ھەم بولۇشى لازىم،ئەدەپ ئەقىلگە
خىزمەت قىلىدۇ.ئىلىم ئۈستىگە ئەدەپ قوشۇلسا،نۇر ئۈستىگە نۇر قوشۇلىدۇ.
                   ‹‹بەھرىلدۈرەر›› ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى.
                            ھىكمەتلىك سۆزلەر
           ئوغرى مال ئوغۇرلايدۇ، ئىغۋاگەر جان ئوغۇرلايدۇ، ئوغرى تۈن يېرىمىدە، ئغۋاگەر كۈندۈزدە.     
           ئىغۋانى ھەقىقەت يېڭىيدۇ.
           سىنى ئۆزەڭدە يوق زىننەت بىلەن بىزىيەلىگەن ئادەم،ئۆز نۆۋىتىدە سىنى ئۆزەڭدە يوق
جىنايەتلەر بىلەن قارىلىيالايدۇ.
            ئىلىم-يىڭنە بىلەن قۇدۇق قازغانغا ئوخشاش.
            ياخشىلىق بىلەن نام قالدۇرۇشنىڭ ئۆزى ئۇلۇغ مۇكاپات.
            ئادەمنى ئۇنىڭ ئىشى تونۇتىدۇ.
            ۋاختىدا ئاگاھلاندۇرۇش دوسلارنىڭ ئىشى.
            ئىتنىڭ ئاغزى تەككەن بىلەن دەريا ئىپلاس بولمايدۇ.
           ئاستا ماڭغانمۇ ماڭغان،ئەمما توختاپ قالغان يامان.
            جاپا چەكمەي ھالاۋەت يوق،ئىناق بولماي سائادەت يوق.
             تىرىشچان ۋە چىداملىق ئادەم باشلىغان ئىشنىڭ ئوبدان نەتىجىسىنى كۆرەلەيدۇ.
                                    (ۋ،گ،يان ‹‹چىڭگىزخان››رۇمانىدىن)

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ


ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﮬﺎﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﯞﺍﺭﯨﺲ ﻣﻪﮬﺰﯗﻥ




ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﺎﺋﺎﻻ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻤﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «(ﺋﻰ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ!) ﺳﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﯩﺴﻪﻥ.»[1]
ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﺎﺋﺎﻻ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺧﻼﻕ، ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﯩﺠﻪﺯ-ﺧﯘﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ «ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ-ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ، ﺋﺎﺧﯩﺮﻩﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﻳﺎﺩ ﺋﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ-ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪﺩﯗﺭ.»[2] ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺶ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻳﯜﺭﯛﺵ-ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﯞﻩ ﺗﯘﺭﻣﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﯓ-ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﻘﻼﭖ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ، ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ  ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ.
ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﻯ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ  ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ.

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﯧﺮﻯ-ﻳﺎﺵ، ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﻪﺗﺘﻰ. ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﮬﺎﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﻗﯘﺷﻨﺎ-ﻗﯘﻟﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺩﻩﺭﺩﯨﮕﻪ ﺩﻩﺭﻣﺎﻥ ﺑﯘﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯚﻟﯜﻡ-ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺗﻪﺯﯨﻴﻪﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ. ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻧﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛﭖ-ﺗﺎﺯﯨﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.[3]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﯘﻧﯘﺵ ﯞﻩ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻧﺎﺗﯘﻧﯘﺵ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺭﯗﺧﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﭼﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ  ﮬﻪﺭ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘﻡ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.ﺳﯚﺭﻩﻥ-ﭼﻮﻗﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻛﯚﭖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﮭﯘﺩﻩ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻐﯘﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺯﻣﯘ-ﻳﯜﺯ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.  ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ : «ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﭙﺘﯘ ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﯩﻤﺎﻱ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺷﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺘﺘﻰ».[4]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﭖ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ، ﻏﻪﻳﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭘﯩﺘﻨﻪ-ﭘﺎﺳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﻣﯘﺋﺎﺯ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺟﻪﺑﻪﻝ ﺭﻩﺯﯨﻴﺎﻟﻼﮬﯘ ﺋﻪﻧﮭﯘ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﻣﺪﺍﺕ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: «ﭘﯩﺘﻨﻪ ﺗﯧﺮﯨﻤﺎﻗﭽﯩﻤﯘﺳﻪﻥ؟!» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﮔﺎﮬﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ.[5]
ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﯞﻩ ﮬﺎﺭﺍﻡ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﺌﻰ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: «ﺑﯘ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺎﯕﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﻪﻥ؟!... ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﺩﻩ-ﺳﯧﯖﯩﻠﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ، ﮬﺎﻣﻤﺎﭼﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻐﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻣﺴﻪﻥ؟» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ: «ﻳﺎﻕ» ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻳﺎﺵ ﻳﯩﮕﯩﺘﻜﻪ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﺑﯘ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ  ﯞﺍﺯ ﻛﻪﭼﻜﻪﻥ.[6]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﻪﺭﯨﺰﻟﻪﺭﻧﻰ ﯞﺍﺧﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﺭﯨﺰﺩﺍﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﯨﺰﻯ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﻘﯩﺴﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﻰ ﮬﻪﺩﺭﻩﺩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ: «ﺑﯩﺮ ﻳﻪﮬﯘﺩﯨﻴﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ.ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻪﺭﺯﯨﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺭﺯﻧﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ. ﻣﻪﻥ ﺑﻪﺭﮔﯜﺩﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪﻣﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺘﯩﻢ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﭺ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯜﺳﺘﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻥ ﭼﺎﭘﺎﻧﻨﻰ ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﻗﻪﺭﺯﯨﻤﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ».[7]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯨﺸﻪﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ: «ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺳﯚﻳﺴﻪﻡ ﺑﯘﻻﻣﺪﯗ؟.»ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: «ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﺴﻪﻡ ﺑﯘﻻﻣﺪﯗ؟» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﻳﺎﻕ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺑﯘ ﻧﯚﯞﻩﺕ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ: «ﻗﻮﻝ ﺋﯧﻠﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﯛﺷﺴﻪﻣﭽﯘ؟.» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ[8]. ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮬﯚﺭﻣﻪﺕ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻠﯘﻕ ﺳﺎﻻﻣﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﺎﺭﺍﮬﯩﻴﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﻟﯩﯟﯨﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻩﺭﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻣﯩﻐﺎﻥ. ﻗﯘﻝ ﯞﻩ ﺩﯨﺪﻩﻛﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯚﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
ﺟﺎﺑﯩﺮ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﻪﻟﻪﻣﻪ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﺎﺯ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺘﺘﻰ، ﺋﺎﺯ ﻛﯜﻟﻪﺗﺘﻰ، ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﺷﺎﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯ-ﺋﺎﺭﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﭺ ﻛﯜﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ.»[9] ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ، ﺗﻪﺭ ﺗﯜﻛﯜﺷﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺗﯩﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ: ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ، ﺑﯩﺮ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺳﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﺎﭺ ﺗﺎﯞﯨﻘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ «ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻝ.» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺠﯩﺘﺘﻪ ﺑﺎﮬﺎ ﭼﯩﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺳﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﯕﮕﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻟﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﭘﻼﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ: «ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ، ﺑﯧﺮﭖ ﺋﯘﺗﯘﻥ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺳﺎﺕ.» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻥ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﮬﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﯘﻟﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﻳﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎﯕﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺩﻩﻙ ﮬﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻝ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ: «ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ (ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ) ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺪﯗﺭ.» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[10]

ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ


ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ  ﻣﯘﻧﻪﯞﯞﻩﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.» «ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯖﻼﺭﺩﯗﺭ. ﻣﻪﻥ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺗﺎ ﺋﻪﯓ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﺪﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ.» ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﯘﺷﺨﯘﻱ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﺯ ﭼﯩﺮﺍﻱ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ، ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ.[11] ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻟﯩﻢ-ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺟﯩﺮﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻜﺎﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ: «ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰ ﮬﻪﺭﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﺎﺭﺩﯗﺭ.»[12] ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻘﺎ ﺩﻩﯞﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯘﺭﻣﯩﻐﺎﻥ. ﯞﯨﺪﺍﻟﯩﺸﯩﺶ ﺧﯘﺗﺒﯩﺴﯩﺪﻩ: «ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﮬﻪﻗﻘﯩﻐﻪ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﯞﻩ ﺑﯘ ﺑﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺎﻧﯩﺘﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻧﯩﻜﺎﮬﻼﭖ  ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ-ﮬﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﯕﻼﺭ.» ﺩﻩﭖ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ.[13]

ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯜﻳﯜﭖ ﻗﯘﻳﺎﺗﺘﻰ، ﭘﯘﺭﺍﻳﺘﺘﻰ، ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ، ﺋﻪﮬﯟﺍﻝ ﺳﯘﺭﺍﻳﺘﺘﻰ، ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﻳﯩﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ «ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ  ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.» ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.[14]
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ.  ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺭﻩﺑﯩﮌ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻨﮕﻪ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﮬﯚﺳﻪﻳﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﺎﻕ-ﺑﯘﻳﺎﻗﻘﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﯘﺭﮔﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﯩﺪﻯ.[15]
ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺳﺎﻻﻡ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﻩﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﮬﻪﺩﯨﻴﻪ ﺑﯩﺮﻩﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﺎﻏﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼﮬﻨﻰ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﯜﺯﯛﭖ ﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ: «ﻛﯩﻢ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻣﺎﯞﯗﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪﻥ.» ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ.[16]

ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﮬﺎﻝ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯧﭽﻪ-ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻟﯜﻙ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﮬﺎﻝ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﺎﺋﯩﺸﻪ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﻤﻪﻥ.» ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﺩﯨﺴﺘﻪ ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﯘﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ، ﺋﯘﺧﻼﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﻱ ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘﺧﻼﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﺭﻩﺗﺘﯩﯔ».[17]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻴﺘﯩﮕﻪ ﺯﯨﺖ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻗﯘﻻﻱ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﺯ ﺋﯧﻴﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪﯞﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ: «ﺋﯘ ﭘﺎﻻﻧﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺭﻩ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﯞﻩ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﯞﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ» ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻗﯘﻳﯘﯕﻼﺭ؛ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ، ﺳﺎﻳﯩﺪﯨﺴﯘﻥ ﯞﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺳﯘﻥ...» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[18]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﮬﺎﻝ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻪﮬﯩﻴﮭﯘﻝ ﺑﯘﺧﺎﺭﯨﻴﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ: «ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯜﭺ  ﻛﯩﺸﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ  ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﺭﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺩﻩﻙ ﺑﯘﻻﻻﻳﺘﺘﯘﻗﻤﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﺘﻜﻰ ﯞﻩ ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﯘﻧﺎﮬﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎ!» ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺳﻰ: «ﻣﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﭽﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ» ﺑﯩﺮﺳﻰ: «ﻣﻪﻥ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺭﻭﺯﺍ ﺗﯘﺗﯘﻣﻪﻥ» ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ: «ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﯜﻳﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﻧﻤﻪﻱ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ: « ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ- ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ؟ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﺋﻪﯓ ﻗﯘﺭﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺗﻪﻗﯟﺍﺩﺍﺭﯨﻤﻪﻥ. ﻣﻪﻥ ﺭﻭﺯﯨﻨﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺗﯩﻤﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ﻛﯧﭽﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺋﯘﺧﻼﻳﻤﻪﻥ، ﺋﯚﻳﻠﯩﻨﯩﻤﻪﻥ. ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﯜﻧﻨﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.»[19] ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﮬﺎﻝ ﻳﯘﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ. ﺋﻪﻣﻪﻝ-ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﮬﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺯﯨﻤﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﺎﺋﺎﻻ: «ﺋﺎﻟﻼ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ، ﺗﻪﺳﻠﯩﯩﻜﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ».ﺩﯦﮕﻪﻥ [20]. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯕﻼﺭ، ﻗﯩﻴﯩﻨﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﺧﯘﺵ ﺑﯩﺸﺎﺭﻩﺕ ﺑﯩﺮﯨﯖﻼﺭ ﮬﯜﺭﻛﯜﺗﻤﻪﯕﻠﻪﺭ»ﺩﯦﮕﻪﻥ.[21] ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﺩﯛﭺ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﮔﯘﻧﺎﮪ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻼ ﺋﺎﺳﯩﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺘﺘﻰ.[22]

ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ. ﺗﻪﯞﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺑﯘﻳﺮﯗﻏﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮬﻪﺭﻛﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻤﯘ ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻣﯘﺷﺮﯨﻚ ﺋﻪﺑﯘ ﺟﻪﮬﯩﻞ: «ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺋﯚﻣﺮﯨﺪﻩ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻧﻪﺩﺭ ﺑﯩﻦ ﮬﺎﺭﯨﺲ: «ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺵ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﻪﯓ ﺭﺍﺳﺖ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﯦﮕﻪﻥ. ﺋﻪﺑﯘ ﺳﯜﻓﻴﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.[23]
ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪﭖ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ، ﺭﺍﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[24]
ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﭼﺎﻗﭽﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺸﻨﻰ ﯞﻩ ﻧﻪﺭﺳﻪ-ﻛﯩﺮﻩﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﭖ ﻗﯘﻳﯘﺷﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ.»[25]

ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻘﻰ ﯞﻩ ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ

«ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺳﯧﺨﯩﻴﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ».[26] ﻣﻪﺭﺗﻠﯩﻚ-ﺳﯧﺨﯩﻴﻠﯩﻖ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻐﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻧﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺗﻪﯓ ﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺳﻮﺭﺍﻟﺴﺎ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﻤﻪﻳﺘﺘﻰ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺑﯧﺨﯩﻠﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﺧﻼﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﻣﯘﺋﻤﯩﻦ ﻛﯩﺸﯩﺪﻩ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[27]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﺎﻝ-ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﮬﻪﺕ-ﭘﺎﺭﺍﻏﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﭘﯧﻘﯩﺮ-ﻣﯩﺴﻜﯩﻨﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.ﺋﯘ: «ﺋﯘﮬﯘﺩ ﺗﯧﻐﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﯘﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﺎﺭﻧﯩﻤﯘ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[28]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﺴﻠﯩﺘﻰ ﺗﻪﻏﺎﺑﯘﻥ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ 16- ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮬﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﯧﺨﯩﻞ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺠﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺳﯘﻧﺎﺗﺘﻰ، ﻣﯘﮬﺘﺎﺟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺘﺘﻰ. ﺧﻪﺑﺒﺎﺏ ﺑﯩﻦ ﺋﻪﺭﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﯩﻨﯩﺪﻩ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﮬﺎﻳﯟﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻏﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﺧﻪﺑﺒﺎﺕ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﭼﻜﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﻪﻧﻪ، ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺯﻭﻕ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ.[29]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﺎﺭﭼﺎﻳﺘﺘﯩﻜﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻧﻪﭘﻠﻪ ﻧﺎﻣﺎﺯﻻﺭﻧﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺋﯘﻗﯘﻳﺘﺘﻰ.[30]

ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻜﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ، ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﮬﺎﻛﺎﯞﯗﺭﻟﯘﻗﺘﯩﻦ، ﻣﺎﺧﺘﺎﻧﭽﺎﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﻣﯧﻨﻰ ﻧﺎﺳﺎﺭﺍﻻﺭ ﺋﯩﻴﺴﺎﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﯘﭼﯘﺭﻣﺎﯕﻼﺭ، ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻧﺪﻩ. ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﯕﻠﻪﺭ» ﺩﻩﻳﺘﺘﻰ.[31] ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺗﺎﺋﺎﻻ ﻣﺎﯕﺎ ﯞﻩﮬﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ، ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻣﺘﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﭼﻮﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ، ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﻳﯘﻏﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﯘﻥ.»[32]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.[33] ﺗﯘﻝ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ، ﻳﯩﺘﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﯞﻩ ﻳﯘﻗﺴﯘﻝ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ-ﻗﯘﭘﯘﭖ، ﭘﺎﺭﺍﯕﻠﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ، ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﻳﺘﺘﻰ، ﻣﯧﻴﺖ ﻧﺎﻣﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻗﯘﻝ-ﺩﯦﺪﻩﻛﻠﻪﺭ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﻰ.[34]  ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻳﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻠﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ[35] ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺗﯩﺘﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ: «ﺗﯩﺘﯩﺮﻣﻪ! ﻣﻪﻥ ﮬﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻣﻪﻥ، ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﮔﯚﺵ ﻳﯧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ»ﺩﯦﮕﻪﻥ.[36]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯩﺪﻯ.ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻏﻮﻡ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﺋﯚﭺ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.[37] ﮬﯜﻧﻪﻳﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﮭﯘﯞﻩﻳﺴﻪﺭﺍ ﻧﯩﯔ: :ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﯔ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻤﺎﺳﺘﯩﻦ: «ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﻢ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻼﺭ» ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜﺭﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ. ﮬﯘﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﺎﺗﯘﺵ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ-ﻗﯘﭘﺎﻝ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ.

ﺟﻪﺳﯘﺭﻟﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻪﯓ ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ[38] ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﺩﻩ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺋﺎﯕﻼﻧﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺩﯨﻨﻪ ﺧﻪﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﻣﻪﺩﯨﻨﻪﮔﻪ ﮬﯩﺠﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻰ ﻗﻮﺭﺷﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﺍ،[39] ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻳﯘﺷﯘﺭﻧﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﺭﻏﺎ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﺪﻩ،[40] ﺋﯘﮬﯘﺩ ﺋﯘﺭﯗﯨﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺑﻪﻳﺪ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﮬﺎﻟﻪﺑﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﯩﻨﯩﺪﺍ[41] ﯞﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﺭﯗﺷﻼﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻗﻮﺭﻗﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﺳﮭﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

ﯞﺍﭘﺎﺩﺍﺭﻟﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﯞﺍﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﯩﻤﯘ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ  ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯩﻠﮭﻪﻣﺴﻪﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻜﺘﯘﺭ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﮬﯩﻠﯩﻴﻪﺕ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﯩﻢ-ﺑﯧﺮﯨﻢ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﯨﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﮪ ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺩﯨﻴﯩﺸﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭﺗﯩﺪﯗ.[42]

ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﮬﻠﻰ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯗﺭ.[43] ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺯﺍﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ، ﺳﯜﻳﻘﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ  ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪﺩﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺋﻪﻗﻪﺑﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺯﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻮﯕﻠﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺟﯩﺒﺮﺍﺋﯩﻞ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻛﯩﻠﯩﭗ: «ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﺎﺋﺎﻻ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﻪﯞﻣﯩﯖﮕﻪ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﯞﻩ ﻗﻪﯞﻣﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺭﻩﺩﺩﯨﻴﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﻍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﺘﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﯖﻨﻰ ﺑﯘﻳﺮﯨﻐﯩﻦ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.... ﯞﻩ ﺗﺎﻍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﺴﻰ: «ﺧﺎﻟﯩﺴﺎﯓ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻛﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺩﯛﻡ ﻛﯚﻣﺘﯜﺭﻩﻱ» ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻣﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ، ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﯞﻣﯩﮕﻪ ﺑﻪﺩﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺟﺎﺯﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻣﺎﻱ ﺋﺎﻟﻼﮬﺘﯩﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯩﻠﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ: «ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﯩﻼ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﺷﯩﺮﯨﻚ ﻛﻪﻟﺘﯘﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﯞﻻﺩﻻﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﺷﯩﻨﯩﻼ ﺋﯜﻣﯜﺩ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ»[44]
ﺋﯘﮬﯘﺩ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﯩﺸﻰ ﺳﯘﻧﯘﭖ، ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭ ﻣﯘﺷﺮﯨﻜﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﻣﻪﻥ ﻗﺎﺭﻏﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺩﻩﯞﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞﻩ ﺭﻩﮬﻤﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ»[45]
ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﻰ ﮬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﺵ ﯞﻩ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺰﺯﻩﺗﻠﻪﺷﻨﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﮬﺎﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻘﺎ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯨﻨﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ.[46]
«ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮪ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ»[47] ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»[48] ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻤﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ.

ﺳﻪﯞﺭﻯ-ﺗﺎﻗﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﯘﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﭘﺎﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ﯞﻩ ﻛﻪﭼﯜﺭﻩﺗﺘﻰ[49] ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﯘﭘﺎﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻛﻰ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺮﻩﺗﻠﯩﻚ ﮬﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺳﯚﺯﻟﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺳﻪﯞﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﯞﻩ ﺋﻪﭘﯘﭼﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺘﺘﻰ.
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜﻟﭙﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﭼﯩﺮﻏﺎﻥ ﯞﻩ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؛ ﺗﯘﻏﯘﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺩﺍﺩﺳﻰ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﭼﻮﯓ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ،ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ ﯞﻩﺗﯩﻨﻨﻰ ﺗﻪﺭﻙ ﺋﯩﺘﯩﭗ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﮕﻪ ﮬﯩﺠﯩﺮﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.ﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﯞﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻳﻪﻛﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﺘﯘﺭﯗﭖ ﮔﻪﺩﻩﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﺍﺭﺗﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﻪﺳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.[50]

ﺋﯩﭙﭙﯩﺘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺩﯗﺋﺎﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﭙﭙﻪﺗﺘﯘﺭ.[51] ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ، ﻗﻪﺑﯩﮫ ﺳﯚﺯ-ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﯞﻩ ﻧﺎﺷﺎﻳﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯘﻳﯘﻧﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ-ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ.[52]
ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﻩ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ، ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺗﯘﺳﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ.[53]

ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﺪﺍ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﺑﺎﺭ، ﺋﯩﺴﻼﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻕ ﮬﺎﻳﺎﺩﯗﺭ» ﺩﯦﮕﻪﻥ.[54] ﺳﺎﮬﺎﺑﯩﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ: «ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﮬﻮﺟﺮﺳﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﺩﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮﺍﻕ ﮬﺎﻳﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ» ﺩﻩﭖ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ.
ﮬﺎﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻪﯞﯞﻩﻝ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﮬﺎﻳﺎﻧﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯞﯨﺘﯩﺪﯗ، ﮬﺎﻳﺎﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﭘﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺕ (ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ) ﻣﯘ ﻛﯚﺗﯩﺮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﺧﺎﺋﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ، ﺧﺎﺋﯩﻦ ﻛﯧﺸﯩﺪﻩ ﻣﯧﮭﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻣﯧﮭﺮﻯ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﻰ ﻟﻪﻧﻪﺗﮕﻪﺭﺩﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﻳﯘﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.»[55].

ﺋﺎﺩﯨﻠﻠﯩﻘﻰ


ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻧﻪﺯﯨﺮﺩﻩ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﺭﺍﯞﻩﺭﺋﯩﺪﻯ.ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﺠﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺭﺍﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﻻﻕ ﺳﺎﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﮬﺎﻣﻤﺎﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﺭﺭﯗﺑﻪﻳﺌﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧﺴﺎﺭﻯ ﺩﯦﺪﻩﻛﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯜﻛﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺴﺎﺱ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ ﯞﻩ ﺋﯩﺘﯩﺮﺍﺯ ﺑﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﯞﺍﺳﺘﯩﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺋﯩﺠﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.[56]
ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﯘﻝ-ﺩﯦﺪﻩﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﻳﺎﻗﯩﻼﭖ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻕ-ﮬﯘﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺘﺘﻰ.ﻣﻪﺧﺰﯗﻡ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﯘﺭﻩﻳﺶ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻏﻪﻣﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺳﺎﻣﻪ ﺑﯩﻦ ﺯﻩﻳﯩﺪﻧﻰ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﺳﺎﻣﻪ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ: «ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺭﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﭽﯩﻤﯘ ﺳﻪﻥ؟» ﺩﻩﭖ ﺋﻮﺭﻧﯘﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﯘﺗﺒﻪ ﺋﯘﻗﯘﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﻳﺪﯗ: «ﺳﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜﻣﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻜﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﭘﯘﺯﻟﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻤﺎﻱ، ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺟﺎﺯﺍﻻﻳﺘﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼﮬﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﻧﯩﯔ (ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ) ﻗﯩﺰﻯ ﻓﺎﺗﯩﻤﻪ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻨﻰ ﻛﻪﺳﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ».[57]

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺩﻩﺏ- ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﭖ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﮬﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺳﻘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮬﻪﺩﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ. ﻳﯘﻗﺎﺭﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻠﺪﻯ.ﺋﺎﻟﻼﮪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺧﻼﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺯﯨﻨﻨﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﻧﯧﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ!

مەنبە: جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سانى.

www.Gm1.cn241_副本.jpg


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-97931-1-1.html

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-96905-1-1.html

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-91452-1-1.html


www.Gm1.cn229_副本.jpg










2013-1-22 05:52:35 AM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (453.32 KB)




     ئانا تىلىم ئۇيغۇر تىلى (سۈرەتلىك)

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۈگۈن تور ئارلاۋېتىپ بۇ سۈرەتلەرنى ئۈچۇرتۇپ قالدىم. قارىسام يۇرتىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا جىددى غۇل-غۇلا قىلىنىۋاتقان ئانا تىلىمىز ۋە مىللى مائارىپىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ۋە رېسىملار ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىكنىمۇ كۆرۈپ باقسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.

      











      









   

     



      

     

            
    كىم بولسا، نەردە بولسا بولسۇن شىۇ مىللەتنىڭ مائارىپچىلىرى، ئاتا- ئانىلار ۋە خەلق چوقۇم كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.


                    

                  

                  

         

         




www.Gm1.cn731_副本.jpg


بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋايى (1441-1501)


ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر(1901-1933)

  


    پۈتۈن تۈ*رك دۇنياسىنىڭ شەرەپ يۇلتۇزى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پارلاق قۇياشى، مۇتەپەككۇر شائىر نىزامىدىن مىرئەلىشىر نەۋايى ھەزرەتلىرى 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى نەۋايى ھەزرەتنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 572-يىلى باشلاندى.  شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئوت يۈرەك شائىرى، ئىنقىلابچى، جەڭچى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تەۋەللۇتىغىمۇ دەپمۇ -  دەل 112 يىل بولدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز بۇ شائىرلىرىمىزنى چوڭقۇر سېغىنىش بىلەن ئەسلەيمىز ۋە ئۇلارغا ئىھتىرام بىلدۈرىمىز!ئۇيغۇرنىڭ ئۇلاردەك جاھان قايىل بولغان كاتتا شائىرى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز ۋە تەنتەنە قىلىمىز!
  ئىشىنىمىزكى، ئۇيغۇر مەۋجۇت بولسىلا ئۇلارنىڭ نامى ئەدەبىي يادلىنىپ، ئارمانلىرى ئەزىزلىنىپ تۇرغۇسى!  ئۇيغۇردىن مۇشۇنداق ئىلىم ئوغلانلىرىنى، پەزىلەت ساھىبلىرىنى، ئەل ئوغلانلىرىنى كەم قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە تىلەيمىز!


نەۋايى ھاياتىغا دائىر ئەستىلىك:


  
ئەلىشىر نەۋايى ھاياتىنىڭ ۋە ئىجادىنىڭ قىسقىچە سالنامىسى

(1) 1441-يىلى 9-فېۋرال: ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان ۋاقىت
(2) ھىرات: ئەلىشىر نەۋايى تۇغۇلغان شەھەر، خۇراسان دۆلىتىنىڭ پايتەختى.
(3) غىياسىدىن باھادىر(كىچكىنە): ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئاتىسى، تىمۇرىيلەر خاندانلىقىغا يېقىن ئەمەلدارلاردىن.
(4) ئانىسىنىڭ ئىسمى ھىچبىر تارىخىي مەنبەلەردە ئۇچرىمايدۇ. ئەمما، ئاتا-ئانىسى ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتلىك كىشىلىرىدىن بولغان، تىمۇرىيلەر سارىيىدا خىزمەت قىلغان. «ئاتام بۇ ئاستانىنىڭ خاكبېزى،
ئانام بۇ ساراي بوستانىنىڭ كەنىزى»
(«بەدايىئۇل-بىدايە»دىن)
(5) مىرسەئىد كابۇلىي، مۇھەممەد ئەلى غەرىبىي: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تاغىلىرى، ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەتلىك كىشىلىرى، شائىرلىرى.
(6) 1445-يىلى: تۆت ياشلىق ئەلىشىر نەۋايى ئالىينەسەب ئائىلىلەرنىڭ پەرزەندلىرى تەلىم ئالىدىغان مەكتەپكە بارغان. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ يېزىشنى، ئوقۇشنى ئۆگەنگەن.
(7) «قۇرئان كەرىم»، سەئىدىي شىرازىينىڭ «بوستان»، «گۈلىستان»، فەرىدىددىن ئەتتارنىڭ «مەنتىقۇت-تەيىر» داستانلىرى: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تۇنجى ئوقۇغان كىتابلىرى. «مەنتىقۇت-تەيىر»نى تولۇق يادلىغان.
(8) ھۈسەيىن بايقارا: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ مەكتەپداش دوستى. كېيىن خۇراسان دۆلىتىگە ھۆكۈمدار (1469-يىلدىن 1506-يىلغىچە) بولغان.
(9) 1447-يىلى: نەۋايىلار ئائىلىسى ئىراققا كۆچۈپ بارغان. ئىراقنىڭ تەفت شەھرىدە مەشھۇر تارىخچى ئالىم شەرەپىددىن ئەلىي يەزدىي ۋە ياش ئەلىشىر نەۋايىنىڭ تارىخىي ئۇچرىشىشى يۈز بەرگەن. ئەللامە ياش شائىرغا «ئۆمرۈڭ ئۇزاق، باشىڭ ئامان بولسۇن، ئالىم، فازىل بولۇپ ياخشى ئابرويغا ئېرىشكەيسەن» دەپ بىشارەتلىك دۇئا قىلغان.
(10) 1450-يىلى: نەۋائىيلار ئائىلىسى يەنە ھىراتقا قايتقان. ئاتىسى غىياسىددىن باھادىر سەبزەۋار ۋىلايىتىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن.
(11) 1452-يىلى: نەۋايىلار ئائىلىسى ھىراتقا قايتىپ كەلگەن.(كەتمەنباينىڭ ئىزاھاتى: بۇ يەردە بىر ئېنىقسىزلىق بار.)
(12) خوجا يۈسۈف بورھان: ئۆز زامانىسىنىڭ مەشھۇر مۇسىيقاشۇناسى، ئەلىشىر نەۋايىغا مۇسىقا(مۇزىكا) سىرلىرىنى ئۆگەتكەن تۇنجى ئۇستازلاردىن.
(13) مىرشاھىي: ئەلىشىر نەۋايى 10-12 ياشلىرىدا بۇ شائىر بىلەن ئۆزئارا شېئىر يېزىشىپ تۇرغان.
(14) لۇتفىي: ئەلىشىر نەۋايىنىڭ ئۇستازى. ياش ئەلىشىر نەۋايىنىڭ
«ئارەزىن ياپقاچ كۆزۈمدىن ساچىلۇر ھەر لەھزە ياش،
بويلەكىم، پەيدا بولۇر يۇلتۇز نىھان بولغاچ قۇياش.»
دەپ باشلىنىدىغان غەزىلىگە، ئەگەر ئىلاجى بولسا ئۆزىنىڭ ئون-ئون ئىككى مىڭ تۈركىيچە ۋە فارىسچە يازغان شېئىرلىرىنى ئالماشتۇرماقچى بولغان شائىر.
(15) «نەۋائىي»(«نەۋا» سۆزىدىن): تۇركىي تىلىدىكى شېئىرلىرىنىڭ تەخەللۇسى. «فانى»(«فەنا» سۆزىدىن): ئەلىشىر نەۋايىنىڭ فارىس-تاجىك تىلىدىكى شېئىرلىرى ۋە «لىسانۇت-تەيىر» داستانىدا قوللانغان تەخەللۇسى.
(16) 1457-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى 16 يېشىدا ئاتىسى غىياسىددىن كىچكىنە ۋاپات بولغان، شۇ يىلى ئوبۇلقاسىم بابۇر خىزمىتىگە كىرگەن. مەشھەد شەھرىدە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. سەييىد ھەسەن ئەردەشىر، كامىل تۇربەتىيگە ئوخشاش مەشھۇر شائىرلار بىلەن تونۇشقان ۋە يېقىن دوستلاردىن بولغان.
(17) 1459-يىلى: تىمۇرىيلەردىن ئەبۇسەئىد خۇراسان تەختىنى ئىگەللىگەن. ئەلىشىر نەۋايى ۋە ئۇنىڭ يېقىن قېرىنداشلىرى تەقىپكە ئۇچرىغان. خۇسۇسەن، تاغىلىرى مىرسەئىد(تەخەللۇسى: كابۇلىي) ۋە مۇھەممەد ئەلى(تەخەللۇسى: غەرىبىي)لار قەتلى قىلىنغان.
(18) 1465-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى سەمەرقەندكە كەلگەن. ماۋرائۇننەھىرنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى بىلەن تونۇشقان.
(19) فەزلۇللاھ ئەبۇلەيىس سەمەرقەندىي، ئەلايى شاشىي: ئەلىشىر نەۋايىغا سەمەرقەنددە تەلىم بەرگەن مەشھۇر ئالىملار.
(20) مىرزا ھاجى سوغدىي، سەييىد قۇتۇب سەمەرقەندىي، يۈسۈف سەفائىي، شەيخىم سۇھەيلىي: ئەلىشىر نەۋايى تونۇشقان ۋە سۆھبەتتە بولغان سەمەرقەندلىك شائىرلار.
(21) 1469-يىلى: ھىرات تەختىنى سۇلتان ھۈسەيىن بايقارا ئىگەللىگەن، ئەلىشىر نەۋايى ھىراتقا قايتقان، مۆھىردارلىق مەنسىپىگە تەيىنلەنگەن، كېيىن (1472-يىلدا) ئەمىرلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.
(22) 1476-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر ئابدۇراھمان جامىي بىلەن ئۇچراشقان. ئۈنى ئۆزىگە «ئۇستاز ۋە پىر» دەپ بىلگەن.
(23) 15-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئوتتۇرىلىرىدا بىرىنچى دىۋانى - «بەدايىئۇل-بىدايە»نى تۈزگەن.
(24) 1476-1483-يىللار ئارىسىدا ئىككىنچى دىۋانى - «نەۋادىرۇن-نىھايە»نى ياراتقان.
(25) 1483-1485-يىللار ئۆزىنىڭ 51 مىڭ 230 مىسرادىن ئىبارەت مەشھۇر «خەمسە»سىنى ياراتقان.
(26) 1487-يىلى: ئەلىشىر نەۋايى ئاستىرابات ۋىلايىتىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلەنگەن.
(27) 1482-1489-يىللار ئارىسىدا ئۆزىنىڭ «ۋەقفىيە»، «تارىخى ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما»، «تارىخى مۈلۈكى ئەجەم» ناملىق ئەسەرلىرىنى يازغان.
(28) 1490-يىلى: «ھالەتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر» ناملىق ئەسىرىنى ياراتقان.
(29) 1491-يىلى: «رىسالەئى مۇئەمما» ئەسىرىنى ۋە «مەجالىسۇن-نەفايىس»نى يېزىپ پۈتتۈرگەن ۋە كېيىن قايتا تولۇقلىغان.
(30) 1492-1494-يىللار ئارىلىقىدا ئابدۇراھمان جامىي ھەققىدە «خەمسەتۇل-مۇتەھەييىرىن»(«بەش ھەيرانلىق») ئەسىرىنى ياراتقان.
(31) 1492-1498-يىللار ئارىلىقىدا «مۇنشەئات»، «مىزانۇل-ئەۋزان»(«ۋەزىنلەر ئۆلچىمى»)، «ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەد»، «نەسايىمۇل-مۇھەببەت» ئەسەرلىرىنى يېزىپ تۈگەتكەن.
(32) 1491-1498-يىللار ئارىسىدا «خەزايىنۇل-مەئانىي»(«مەنالار خەزىنىسى»)، «دىۋانى فانىي»نى تۈزگەن.
(33) 1498-1499-يىللاردا «لىسانۇت-تەيىر» پەلسەپەۋىي داستانىنى، «مۇھاكىمەتۇل-لۇغەتەيىن»(ئىككى تىل ھەققىدە مۇھاكىمە»)نى يازغان.
(34) 1500-يىلى: ئاخىرقى يىرىك ئەسىرى - «مەھبۇبۇل-قۇلۇب»(كۆڭۈللەرنىڭ سۆيگۈنى»)نى يازغان.
(35) 1501-يىلى 3-يانۋاردا ئەلىشىر نەۋايى ۋاپات بولغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى:

(1) «بەدايىئۇل-بىدايە»
(2) «ناۋادىرۇن-نىھايە»
(3) «چاھار دىۋان»(«خەزايىنۇل-مەئانى»):
›1‹ «غەرايىبۇس-سىغەر»
›2‹ «نەۋادىرۇش-شەباب»
›3‹ «بەدايىئۇل-ۋەسەت»
›4‹ «فەۋائىدۇل-كىبەر»
(4) «خەمسە»(«خەمسە نەۋائى»):
›1‹ «ھەيرەتۇل-ئەبرار».
›2‹ «پەرھاد-شېرىن».
›3‹ «لەيلى-مەجنۇن».
›4‹ «سەبئىي سەييارە».
›5‹ «سەددى ئىسكەندەرىي».
(5) «مەجالىسۇن-نەفائىس».
(6) «نەسايىمۇل-مۇھەببەت».
(7) «رىسالەئى-مۇئەمما».
(8) «مىزانۇل-ئەۋزان».
(9) «مۇھاكىمەتۇل-لۇغەتەيىن».
(10) «مۇناجات».
(11) «ئەربەئىن»
(12) «نەزمۇل-جەۋاھىر».
(13) «لىسانۇت-تەيىر».
(14) «سىراجۇل مۇسلىمىن».
(15) «مەھبۇبۇل-قۇلۇب».
(16) «تارىخي ئەنبىيا ۋە ھۆكۈما».
(17) «تارىخي مۈلكىي ئەجەم».
(18) «زۇبدەتۇل-تەۋارىخ».
(19) «ھالاتى سەييىد ھەسەن ئەردەشىر».
(20) «خەمسەتۇل-مۇتەھەييىرىن».
(21) «ھالاتى پەھلىۋان مۇھەممەد».
(22) «ۋەقفىيە».
(23) «مۇنشەئات».
(24) «دىۋان فانى» (پارسچە شېئىرلار توپلامى).
(25) «مۇفرەدات»(پارسچە ئىلمىي ئەسەر)
( مەنبە: كەتمەنباي بىلوگى، ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)


٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ھەققىدە ئەستىلىك:

   تالانتلىق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئابدۇراخمان ئوغلى 1901- يىلى 2- ئاينىڭ 9- كۈنى تۇرپان شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن مەرىپەتلىك ئائىلە ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بەش يېشىدىلا ساۋادىنى چىقارغان بولۇپ، 12 ياشلارغا كەلگەندە دىنىي مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەرەپ، پارس تىللىرىنى ئۆگەنگەن ۋە كىلاسسىك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشقا باشلىغان.
1916- يىلى چوڭ دادىسى مىجىت ھاجى سودا بىلەن روسىيىگە بارغاندا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، روسىيىنىڭ شەمەي (ھازىرقى سمپىلاتنىسكى) شەھىرىدە رۇس تىل-يېزىقىنى ئۈگىنىدۇ. تۇرپانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە تۇرپان يېڭى شەھەردىكى شۆتاڭغا كىرىپ خەنزۇ تىل يېزىقىنى ئۆگۈنىدۇ ۋە ئەلا نەتىجە بىلەن مەكتەپنى تاماملايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشۇپلا قالماي، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى توغرىسىدىمۇ مۇئەييەن ساۋاتقا ئىگە بولىدۇ. ئەينى دەۋىردە ئۇ دوست بۇرادەرلىرىگە خەنزۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ «سۇ بويىدا»، «قىزىلراۋاقتىكى چۈش» رومانلىرىنىڭ مەزمۇنىنى سۆزلەپ بەرگەن ۋە سۇن جوڭشەن ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، دېمۇكراتىيىگە نىسبەتەن تونۇشىنى ئۆستۈرگەن. ئەنە شۇ مەزگىللەردىلا ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىدىيىسىدە فىئوۋدال كونىلىققا، خۇراپاتلىققا ۋە نادانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئىلىم-پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئۆزگەرتىش غايىسى توغۇلغان.
   1923 – يىلى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەخسۇت مۇھىتى قاتارلىقلار بىلەن بىرگە 2- قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ، يەنە ئۈچ يىل ئىلىم تەھسىل قىلىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ پوشكىن، لېرمۇنتوۋ، تولوستوي ۋە گوركى ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ رۇس ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىدۇ. شۇنداقلا ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ. 1926- يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپلا يېڭىچە ئىلىم-پەننى تەرغىپ قىلىپ، خەلقنى ئويغىتىش ئۈچۈن گېزىت ژۇرنال نەشر قىلىشقا ھەرىكەتلىنىپ، تۇرپاندا باسما زاۋۇتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. لېكىن ئەكسىيەتچى، مىللىتارست ياڭ زىڭشىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەخسۈت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر خۇجا قاتارلىق كىشىلەر بىلەن 1927- يىلى «ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى» نامىدا بىر مەرىپەت جەمئىيىتى قۇرۇپ، ئىئانە توپلاپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ دېگەن كىشىنىڭ قوروسىدا بىر يېڭى مەكتەپ، كېيىنكى يىلى يېڭىشەھەر ئاقسارايدا «ھۆرىيەت مەكتىپى»، كونا شەھەر جەنۇبىي قۇۋۇقتا يەنە بىر مەكتەپ ئاچىدۇ.
   بۇ دەۋىردە ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ئىجادىيىتىدە زورئىلگىرىلەشلەر بولىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي مەزمۇن، ئۆتكۈر ئىسيانكارلىق سادالىرى ھەتتا ئەينى دەۋىردىكى مۇستەبىت ھاكىميەتنى ئەندىشىگە سالىدۇ. ھۆكۈمەت ئۇنى شېئىر يېزىشتىن، خەلقنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشتىن چەكلەيدۇ.
    1932- يىلى 12- ئاينىڭ بېشىدا تۇرپان ۋە قۇمۇلدا دېھقانلار زۇلۇمغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا بارغان شىڭ شىسەي 1933 – يىلىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىگە قايتىشىدا تۇرپانغا كەلگەندە ئۆز غايىسى يولىدا تېز پۈكمەس روھقا ئىگە ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە سەبدىشىنى دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مەنىۋى تەرغىباتچىسى دەپ قاراپ تۇتقۇن قىلىپ تۇرمىگە تاشلايدۇ. جاللات شىڭشىسەي 1933- يىلى 3- ئاينىڭ 13- كۈنى ئۇنى سەبداشلىرى بىلەن قوشۇپ تۇرپان شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدا قەتلى قىلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بوينىغا قىلىچ تەڭلەنگەندىمۇ دۈشمەنگە باش ئەگمەيدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىدا قەلەم بىلەن ئەلەمنى تەڭ تۇتۇپ ئۆزىنىڭ كۆرەشچان ئەركپەرۋەر شەجەرىسىنى يازىدۇ. خەلقىمىز ئۇنى دائىم سېغىنىش بىلەن ئەسلەيدۇ.


ئەقىدە ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك بايلىق،ئەقىدە-ئېتقادىنى يۇقاتقان ئادەم ھايۋاندىن  بەتتەر.

                                                                           ـ ئابدۇقادىر داموللا


2012-يىلى ئابدۇقادىر داموللا تۇغۇلغانلىقنىڭ 150 يىللىقى.شۇڭا كۆپچىلىككە بۇ تېمىنى سۇندۇم.

1.كىرىش سۆز ئورنىدا

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك،ئەقىللىق مىللەت.تارىختا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.

   11-ئەسىردىكى خاراخانىيلار سۇلالىسىدىن تارتىپ يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرگىچە ئۇيغۇرلار گۈللەپ ياشنىغان.ئەپسۇس،16-ئەسىرلەردىن كېيىن سۇپىىزىمنىڭ،خۇراپاتلىقنىڭ تەسىرىدە نادانىلىق پاتقىقىغا چۇڭقۇر پېتىپ قالغان.يەنە چىڭ سۇلالىسى ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەنە بىر قېتىم غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاپ قالغان.بىرجەھەتتىن دىنىي خۇراپاتلىق كىشىلەرنى زەئىپ قىلىپ قويغان.يەنە بىر جەھەتتتىن سىياىسي تۈزۈلمە كىشىلەرنىڭ يىڭىلىققا ئىنتىلىشىنى تۇسۇپ،يىڭى مائارىپنىڭ گۈللىنىشىنى تۇسۇپ،بىر تۈركۈم دىنىي تونغا ئورنىۋالغان مۇتەسسىپ دىنىي چوماقچىلارنى ئىشقا سېلىپ تۈرلۈك يوللار بىلەن مائارىپقا،يېلىققا ئىنتۈلگۈۈچىلەرنى كۆزدىن يۇقاتتى.ھەمدە خەلىقنى داۋاملىق نادانلىقتا قالدۇردى،مىللىي مائارىپنىڭ گۈللىنىشىگە چىش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇردى.دەل شۇ ۋاقىتتا چەت ئەللەردە بىلىم تەھسىل قىلۋاتقان ئابدۇقادىر داموللابىننى ئابدۇلۋارىس ھىجرەتتىن ىەشقەر قايتىپ كەلدى.ئۇ «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىپ ئوقۇش زۆرۈر» دېگەن پەرتىۋانى ئېلىپ كەلدى.ھەمدە مائارىپ،ئىسلاھاتچىلىق بىلەن شۇغۇللاندى.ئۇنىڭ تولى توغرا،مەسلىكى توغرا،ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلەتتى.ئۇ دەرھال ھەرىكەتكە كىلىپ مەرىپەتچىلىك ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى.

خۇراپاتلىققا قارشى تۇرۇپ،ئىلم-پەننى تەشەببۇس قىلدى.ئۇنىڭ بۇ ئىشلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالاقەزادە قىلىپ قويدى.نەتىجىدە ئۇلار تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇنى كۆزدىن يۇقاتتى.

2.ئابدۇقادىر داموللامىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا

ئۇيغۇر يىڭى مائارىپىنىڭ مەنىۋى يېتەكچىسى،مەشھۇر ئۇيغۇر ئىسلاھاتچىسى ئابدۇلۋارىش بىننى ئابدۇقادىر داموللام 1862-يىلى ئاتۇش شەھرىنىڭ مەشھەد كەنتىدە تۇغۇلغان.ئۇقۇشقا ھېرىسمەن ئابدۇقادىر داموللا ئائىلە تەربىيىسى ۋە باشلانۇچ تەربيىسىنى ئۆز يۇرتىدا ئالىي نەتىجە بىلەن تاماملىغاندىن كېيىن قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇغان.بۇ جەرياندا نۇرغۇن داڭلىق مۇتەپپەككۇرلار نىڭ ئىلغار ئىدىيىىسى بىلەن تۇنۇشقان ئابدۇقادىر داموللام يەنىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇپ بۇخارا كۆكتاش مەدرىسى ،دېھلى ئۇنۋىرسىتىدەك داڭلىق بىلەم كانلىرىدىن ئۈنچە-دۇردانىلەرنى قازغان.ئىلم-ئېرپان ساھابىللىرىنى ئۆزىگە دوس تۇيقان.ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھىجاز،مەدىنە،قاھىرە،ئىستانبول،ئوفالاردا زىيارەت ۋە سايەتتە بۇلۇپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.يۇرۇتقا قايىتقاندىن كېيىن پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن خەلىقىنى ئويقاتقان.دىنىي ئىسلاھات ۋە مەرىپەتچىلىك ھەركىتى بىلەن شۇغۇللانغان.شۇنداقلا بىر قىسىم نامى ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يېزىپ سائادەت شاراپىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قالدۇرغان.بىلىمنى ئۆزىگە قۇرال قىلغان ئابدۇقادىر داموللا تالاي بىلىم ئىگىللىرىنى يىتىشتۇرۇپ ۋەتەننى،مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشتەك بۇ بۈيۈك يولدا ئاخىرغىچە قان كېچەپ كۈرەش قىلغان.

ئىلگىرى كېيىن بۇلۇپ بۇخاراغا بېرىپ بېرىپ ھەج قىلىش ۋە بىلىم نەزىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 1890 -يىلى بۇخاراغا قاراپ يولغا چىقتى.ئۇ بۇ قېتىم بۇخارادىن ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىپ ئۇنى ئۇقۇش زۆرۈر دېگەن پەتىۋانى ئېلىپ قەشقەرگە قايتىپ كەلدى.17يىللىق بۇخارا سەپرى جەريانىدا ئابدۇقادىر داموللا چەت ئەللەردە ئەرەب تىللىرىنى ئۆگىنپلا قالماي يەنە بىر قىسىم تەبىىي پەن،ئىجيىمائىي پەنلەتدىن ساۋاق ئالدى.كۆپ كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.ئۇ ئۇزۇن يىل تىرىشىش ئارقىلىق مۇفتتەھىل ئەدىپ ناملىق ئەسەرنى يېزىپ قالدۇرۇدى.

ئابدۇقادىر داموللا ھەقىقەتەن يۈرەكلىك زات ئىدى.ئۇنىڭ شېۋىد دىن تارقاتقۇچىللىرىغا قارشى قىلغان كۈرۈشلىرى قەشقەردىكى ھۆكۈمرانلەرنى سارسەمىگە سېلىپ قويغان.شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم مۇتەسسىپ كىشىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ ئۆز ئۆيىدە 1924-يىلى 9-ئاينىڭ 14 كۈنى سەيشەنبە ئۆزئۈيىدە قەتل قىلنغان.

3.ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تۆھپىسى

1.شۇنچە كۆپ جايلاردا بىلىم ئالغان ئادۇقادىر داموللا يەنە ئارقا-ئارقىدىن بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلدى.ھەتتا«ئۇسۇلى جەددىد ھارام،ئۇنى ئۇقۇش دەھرىرلىك» دېگەن بىر جۈملە ناتوغرا پەتىۋانىڭ توغۇرلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بۇخاراغا بېرىپ

پىشۋا ئۇستازلارنىڭ تەلىمىدىن «ئۇسۇلى جەدىد ۋاجىىپ،ئۇنى ئۇقۇش زۆرۈرر» دېگەن ئادىل پىتىۋانى ئېلىپ كېلىپ مائارىپنى قوللىمايۋاتقان سوپى-ئىشانلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلايدۇ.ئەگەر شۇ چاغلاردا ئاشۇ سۇپى-ئىشانلارنىڭ شۇ بىر جۈملە پەتىۋاسىنىڭ ناتوغرىلىقنى ئىسپاتلىمىغان بولسا مىللىتىمىزنىڭ نادان ھالىتى قانچە ئۇزۇن داۋاملىشاتتى؟!!ئەمما-تۇلىمۇ ئۇقۇشقا سان كەپتۇ دېسە بىر-بىرسىگە ئىتتىرشىشتەك بۇ مەنزىرە ئابدۇقادىر داموللىنى قاتتىق ئازابلايدۇ،
2.ئەنە شۇنداق كۆپ جايلاردا ئىلىم تەھسىل قىلغان ئابدۇقادىر داموللا يىڭى مائارىپ ئىدىيىسىنى ئۇيغۇر جەميىتىگە ئېلىپ كىرىپ خەلقىمىزنى نادانلىقتىن ئويغاتتى.

3.ئۇ يېڭىچە ئىدىيىنى تەشۋىق قىلىشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى تۇنۇپ يېتىپ ،يىتىم-يىسىرلەرنىڭ بېشىنى سىلىغان.مائارىپقا نۇرغۇن تۆھپە قوشقان.

3.ئابدۇقادىر داموللام قالدۇرغان ئەسەرلەر.

مورفولوگىيە ۋە سىنتاكسىس

ئەدەبىياتتىن مۇقەددىمە

ئۆسمۈرلەر مائارىپى

مۇھىم قائىدىلەر

ھەقىكەتلەر جەۋھىرى


خاتىمە

مانا بۈگۈن يەنى 2012-يىلى ئۇ تۇغۇلغانلىقىنىڭ دەل 150 يىللىقى.بۈگۈنكى كۈندە بىز ئابدۇقادىر داموللامدەك مائارىپ پىشۋاسىنى يات ئېتىپ،ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلشىمىز،مائارىپىمىزنى تەرەققى قىلدۇرشىمىز كېرەك.


مەنبە-توپلىما ماتىرياللار

111111.jpg

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، ھەممىڭلاغا كەمىنە نازىلەدىن يىڭى يىللىق ئوتلۇق سالام ،        ھەممەيلەننىڭ  يىڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن ، تىنىڭلا سالامەت ، كۈنلىرىڭلار خۇشال ئۆتسۈن

                                           مىسرانىمدا يىڭى يىللىق مەشرەپ


    مۇنبەرنىڭ چوڭ پالىيەت زالى مۇنبەردىكى كۆرۈرمەنلەر بىلەن  لىق تولغان  ، ئالدىدىكى بىر قاتار ئورۇندا بىكەت باشلىقى مىسرانىم ئەپەندى باشلىق مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئولتۇرغان  ، سەھنىنىڭ بىغىررەڭ دۇخاۋا پەردىسى مۇڭلۇق چىقىۋاتقان مۇقام مۇزىكىسىغا ئەگىشىپ لەرزان ئىچىلدى ، كىپىنەكتەك ياسانغان رىياسەتچى قىز نازۇركۇم بىلەن مىرشاپ ئەپچىلەم سەھنىگە چىقتى ،
      _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق مۇنبەرداشلار كەمىنە رىياسەتچى نازۇركۇمدىن ھەممىڭلاغا ئىگىلىپ سالام ، ھەممىڭلانىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، تىنىڭلا سالامەت تۇرمۇشۇڭلار كۆڭۈللۈك بولسۇن .
       _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار كەمىنە مىرشاپتىن ھەممىڭلاغا يىڭى يىللىق ئوتلڭق سالام ، ھەممىڭلانىڭ يىڭى يىلىڭلارغا ، ھەم قوشۇلغان يىڭى بىر يىشىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، بۈگۈن نازىلە خانىم ئۇيۇشتۇرغان يىڭى يىللىق مەشرەپنى باشلاشتىن بۇرۇن بىكەت بااشلىقى مىسرانىم ئەپەندىنى سۆزگە تەكلىپ قىلايلى ، مىسرانىم ئەپەندى ! قىنى مەرھەمەت   ( چاۋاك )
    مىسرانىم ئەپەندى سەھنىگە چىقتى :
     << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۆزىنىڭ ئىسىل يازمىلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بىيىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ چىقىرۋاتقان بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى ھەم مۇنبەرنىڭ ئىشلىرىنى يىقىندىن قوللاپ مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈن - تۈنسىز  تۆھپە قوشۇۋاتقان باشقۇرغۇچىلار ، ھەممىلانىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ، 2012 - يىلى مۇنبەر ئۈچۈن بەكمۇ ياخشى بىر يىل بولدى ،بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن نادىر تىمىلارنىڭ روياپقا چىقىش بىلەن بىللە مۇنبەرنىڭ ئەزا سانى ھەم يازما سانى كۆپەيدى ، بولۇپمۇ مەشرەپ شىركىتىنىڭ قوللىشى بىلەن بۇ قىتىم ئۆتكۈزگەن << مىسرانىم ، مەشەپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پالىتى >> مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنە بىر ياخشى باشلىنىش بولدى ، بۇ پالىيەتكە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشىنى  ھەم ياخشى نادىر تىمىلارنى روياپقا چىقىرشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ، ئاخىردا ھەممىڭلانىڭ تىنىڭلارغا سالامەتلىك ، كۈنلىرىڭلارغا خۇشاللىق ، ئىشلىرىڭلارغا ئاسايىشلىق تىلەيمەن ، سۆزۈم تۈگۈدى ، مۇنبەرداشلارغا رەخمەت  ( قىزغىن چاۋاك )
     رىياسەتچى نازۇركۇم : مىرشاپ ئەمدى مەشرەپنى باشلامدۇق
     مىرشاپ ئەپچىلەم  : ئوتتۇز  ئوغۇلنىڭ سەركىسى يىگىت بىشىنى ئىلان قىلىۋىتەيلىمىكىن  
     رىياسەتچى نازۇركۇم  : شۇنداق قىلايلى ، شۇ يىگىت بىشىنى ئۆزىڭىز بىر ئىلان قىلىۋىتىڭە
    مىرشاپ ئەپچىلەم : بۈگۈنكى مەشرىپىمىزنىڭ يىگىت بىشى مۇنبىرىمىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ، ئەستايدىل تىرىشچان بارقۇرغۇچىسى مارشال ئەپەندى ، ( قىزغىن چاۋاك ) قىنى مارشال ئەپەندى سەھنىگە مەرھەمەت ،
    كاستۇم بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ سالاپەتلىك ياسانغان مارشال سەھنىگە چىقتى ،
   يىگىت بىشى مارشال : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەشرەپكە قاتناشقان مۇنبەر ئەزالىرى ، مەن ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ يىڭى يىلىڭلارنى مۇبارەكلەيمەن ،ھەممەيلەننىڭ يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ! كۈنلۈرۈڭلار خۇشال ئۆتسۇن ،مەن مارشالدىن ھەممىڭلارغا ئالى ئىھتىرام . مۇنبەردە بۇنداق جەم بولمىغىلى ئۇزۇن بوپتكەن ،بۇ قىتىم نازىلە خانىم ئۇيۇشتۇرغان يىڭى يىللىق مەشرەپتە ئوبدانلا جەم بوپتۇق  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نازىلە خانىمغا رەخمەت ئىيتىمەن  ھەم مىسرانىمدىكى برلىق مۇنبەرداشلار نامىدىن مۇشۇنداق مۇنازىرە سورۇنىنى   ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم ئەپەندىمگە ئالاھىدە تەشەككۇرۇمنى بىلدۈرمەن ،ئاخىردا بۈگۈنكى مەشرەپنىڭ كۆڭۈللۈك ، خۇشال-خۇرام داۋاملىشىشىنى ۋە مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، ( يەنە بىر قىتىم قىزغىن چاۋاك ) مارشال سەھنىدىن چۈشتى  ، رىياسەتچى بىلەن نىرشاپ يەنە سەھنىدە كۆرۈندى
     رىياسەتچى نازۇركۇم : مەشرەپنى باشلىساق بولامدىكىن
     مىرشاپ  ئەپچىلەم : قىنى يىگىت بىشى ، مەشرەپنى باشلاشقا ئىجازەتمىكىن ،
    يىگىت بىشى مارشال  : ئىجازەت ، قىنى باشلاڭلار
    مىرشاپ ئەپچىلەم  : مەشرەپ باشلاندىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى مىرشاپ سوزۇپ توۋلاپ مەشرەپنىڭ باشلانغانلىغىنى ئىلان قىلدى ،
    رىياسەتچى نازۇركۇم : ئالدى بىلەن  ئېلىجاننىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇسۇللۇق ناخشا << مەشرەپ >> ، رىياسەتچى سەھنىدىن چىقىپ كەتتى ، شوخ مەشرەپ مۇزىكىسىغا كەلتۈرۈپ  ھۆكۈمران ، ئەزىزىم ، زامانى ، دەقيانۇسلارنىڭ شوخ ئۇسۇلى ، زۇمرەت ، ئايتۇغ ، كەتران ، مەلىكىلەرنىڭ لەرزان ئۇسۇلى ئاندىن مۇزىكىغا ئەگىشىپ ئىلىجاننىڭ ياڭراق ئاۋازى توۋەندىكى كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئىرىشتى
    ناخشا تىكىستى     :    خەلقىمگە ناۋا مەشرەپ ،
                                كۆڭلۈمگە راۋا مەشرەپ .
                                شىكەستە يىگەن دىلغا
                                ھايالسىز داۋا مەشرەپ

                                ئۈمۈدنىڭ جىنى ، ئۇلى
                                ئىناقلىقنىڭ مەھسۇلى
                                بۇ ھاياتنىڭ ھوزۇرى
                               سۈپ-سۈزۈك ناۋا مەرەپ

                               تۈن ئالماشتى كۈندۈزگە
                               ياز ھوسۇللۇق كەچ كۈزگە
                               خوش-خەۋەر ، ئىناقسىزلىق
                              قىلغان ئۆز-ئارا مەشرەپ

                             ۋاي-ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا
                             مەشرەپ ئوينىغان باللا
                            ۋاي-ۋاي ئاللا ۋاي ئاللا
                            مەشرەپ ئوينىغان يىللار

   بىرىنچى نۇمۇر ئاخىرلىشىپ سەھنىگە رىراسەتچى نازۇركۇم چىقتى ، ئۇ ئۆزىنىڭ يىقىملىق ئاۋازى بىلەن :
     _ نوۋەتتىكى نۇمۇرمىز ئۈزۈمتالنىڭ ئورۇنلىشىدا يالغۇز كىشىلىك دۇتتارلىق ناخشا << ئوماق سىڭلىم >> ،سەھنىگە دۇتتارىنى كۆتەرگەن ئۈزۈمتال چىقىپ كۆڭۈلگە ھوزۇر ئاتا قىلدىغان مۇڭلۇق ناخشىسىنى باشلىدى ،
       ناخشا تىكىستى  :  ھۆسنۈڭ گۈزەل مىسلى ھىلال ئاي
                               گۈزەللىكىڭ بىر ئۆزۈڭگە تەل
                               بىراق شۇنى ئۇنۇتما سىڭلىم
                              سەندىن ئۈمۈد كۈتمەكتە ۋەتەن
                               ئوماق سىڭلىم ، سەبى سىڭلىم
                              پاك غۇرۇرۇڭ ئەۋلادىڭغا تەڭ

                             ئاتا - ئاناڭ خۇددى پەرىشتە
                             ئارزۇسىنى قىلما ۋەيرانە ،
                            ساڭا مەكتەپ ، ساڭا باغ ئوچۇق
                           سىنىڭ جايىڭ ئەمەس مەيخانا
                            ئوماق سىڭلىم ، نادان سىڭلىم
                            ئىزىتقۇغا بولما مەستانە

                            لاپ-لاپ چىراق ئالمىسۇن ھۇشۇڭ ،
                            تۈن بەزمىدە ئوينىما ئۇسۇل ،
                            پەرزەنتى سەن ئەمگەكچى ئەلنىڭ
                            ئازدۇرمىسۇن سىنى شەيتان پۇل
                           ئوماق سىڭلىم ، چىچەن سىڭلىم
                            بولغىن مەڭگۈ ۋاپادار بۇلبۇل

    ناخشا ئاخىرلىشىپ مىرشاپ سەھنىگە چىقتى ، لىكىن رىياسەتچى كۆرۈنمىدى ، مىرشاپ ئۇيان - بۇيان قاراپ تۇرشىغا  رىياسەتچى قىز ھاسىراپ - ھۆمىدەپ يىتىپ كەلدى ،
    مىرشاپ ئەپچىلەم : كىچىكىپ قالدىڭىزغۇ نازۇركۇم
    رىياسەتچى نازۇركۇم : كەچۈرۈڭ ئۇنى بىر دىمەڭ ، بىر خىزمەددىشىم ئۆزىگە ئوتتۇزمىڭ ۇۈئەنلىك نوركا پەلتۇ ئاپتىكەن ، شۇنىڭ باھاسىنى ، سۈپۈتىنى ، سىتىۋاغان سودا - ساراينى تەھلىل قىلىپ ئولتۇرۇپ كىچىكىپ قالدىم ،
      مىرشاپ ئەپچىلەم : سىلە ئاياللار بەك ھەشەمەتخور جۇمۇ
     رىياسەتچى نازۇركۇم : راس دەيسىز ، خىلى - خىلى ئىغىر كىسەللەرگە دورا تىپىلدى مۇشۇ ھەشەمەتخورلۇقتىن ئىبارەت يۇقۇملۇق كىسەلگە پەقەت دورا تىپىلمىدى دىسە ،
      مىرشاپ ئەپچىلەم : شۇنداق ئىغىرمۇ ؟
      رىياسەتچى نازۇركۇم : بۇنى توۋەندىكى ئىتوتتىن كۆرۈڭ ، ئىتوت << ھەشەمەتخورلۇقنىڭ ئاقىۋىتى >>

        سەلكىنئاي بىلەن خۇشچىراينىڭ ئۆيى ، قولىدا نەرسە كۆتۈرۋالغانچە ئىشىكتىن كىرگەن سەلكىنئاي شۇنداق خۇشال ، ئۇ قولىدىكى نەرسىنى ئىچىپ ئىچىدىن بىر ئىسىل نوركا پەلتۇنى ئىلىپ ئۇچىسىغا كەيدى - دە ئەينەككە قاراپ شۇنداق ھوزۇرلاندى < ئاخىر سىتىۋالدىمغۇ سەن نوركىنى ، تىخى ئاۋۇ بايخىنىم بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىپ مۇشۇ ئۈچ يىل ئىچىدە ئىككىنى كىيىپ بولدى ، تىخى ئاۋۇ ئايچىن دىگەنچۇ تىخى ............... ئىشقىلىپ نىمىلا بولمىسۇن ئاخىر ئالدىم تازا ، يىڭى يىل بايرىمىدا كىيىپ ئەشۇلارنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋەتمىسەم ..........>> سەلكىنئاي  ئۆز ئۆزىگە سۆزلىگەچ ئەينەك ئالدىدا پىقىراپ يۈرەتتى ، ئىشىك قوڭغۇرقى بىسىلدى ، سەلكىنئاي ئىشىكنى ئاچتى ، ئۆيگە سەلكىنئاينىڭ ئانىسى مۇسسىلىنە بىلەن يولدىشى خۇشچىراي  كىرىپ كەلدى
      سەلكىنئاي :  ئەسسالام ئانا ، بۇ ئۆيلەگە قەدىمىڭ يىتىپ قاپتۇغۇ
      مۇسسىلىنە : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قىزىم ، نەۋرەمنى سىغىنىپ قاپتىكەنمەن ، كۆرۈپ كىتەي دەپ كىلىشىم ، يەنە كىيىم ئالدىڭمۇ ؟ ،
      سەلكىنئاي : بىر نوركا پەلتۇ ئالدىم ئانا ، خۇشچىراي سىزگە يىڭى يىللىق بىرە نەرسە سوۋغا قىلاي دىگەنتى ، پۇللا بىرىڭ ، ئۆزەم ئالاي دەپ بايام بازاغا بېرىپ ئون سەككىزمىڭ يۈئەنگە بۇ پەلتۇنى ئىلىپ كەلدىم
     مۇسسىلىنە : نىمە ؟ ئون سەككىزمىڭ يۈئەن ،؟ خاتا ئاڭلاپ قالمىغاندىمەن ؟
    سەلكىنئاي : ياق ئانا خاتا ئاڭلىمىدىڭ مۇسسىلىنەنىڭ چىرايى ئۆزگەردى :
    مۇسسسىلىنە : ھەي سەن ئۆي تۇتۇشنى بىلەمسەن ، بىلمەمسەن ، بىر پەلتۇنى ئون سەككىزمىڭغىمۇ ئالامدۇ ؟ سىز نىمىشقا توسىمىدىڭىز ؟
     خۇشچىراي : ئۆزىنىڭ بەك ئالغۇسى بار ئىدى ئاپپا ، شۇڭا پۇل بەرگەن ،
     مۇسسىلىنە : ھىلىتىن مۇشۇنداق چاچقىلى تۇرساڭلا كىيىن قانداق قىلىسىلەر ؟ ئۆتكەندە بىر چىرايلىق بىزەلگەن ئۆينى << پالانچىم ئۇنداق قىپتۇيەي ، مۇنداق ياساپتۇيەي ، بىزنىڭ ئۇلادىن نەرىمىز كەم ........... >> دەپ يۈرۈپ بىر ئوبدان ئۆينى قايتا بىزىدىڭلا ، مۇشۇمۇ سىنىڭ بەسخورلۇقۇڭدىن بولدى _ مۇسسىلىنە سەلكىنئايغا قاردى _ ئىسىت پۇل ،
      خۇشچىراي : بولدى خاپا بولمىسىلا ئاپپا ، بۇ ئاياللا دىگەن مۇشۇنداق بىر ھەشەمەتخور بولىدىكەن ،
     سەلكىنئاي : ئانا ، سەنمۇ مىنىڭ ئانام بولدۇڭمۇ ؟ بۇنداق تاپا قىلغۇچە چىرايلىققىنە ياخشى بوپتۇ .... ئوبدان قىپسە  ، مۇبارەك بولسۇن دەپ قويساڭ بولمامدۇ ؟
     مۇسسىلىنە : مۇشۇنداق بۇزۇپ _ چاچساڭ ئوبدان بوپتۇ دەيمەنمۇ ؟ ئادەم دىگەننىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىپ قىلىشى بولىدۇ ، بەزىدە بىرە تاسادىپى ئىشلا بولىدۇ ، شۇنداق چاغدا پۇل بەك لازىم بولىدۇ ، ئۇنداق قىلما ، ھازىر ئەتراپىمىزدا بىرقىشنى ئىسسىققىنا چىقىرالمايدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بار ، سەن شۇلارغا قارا ، مۇشۇ كۈنلىرىڭگە شۈكرى قىلىشنى بىل
    دەل شۇ چاغدا خۇشچىراينىڭ يانفۇنى سايراپ قالدى يانفۇننى ئالغان خۇشچىراي قارشى تەرەپنىڭ گىپىنى ئاڭلاپلا جىددىلىشىپ كەتتى -دە سەلكىنئايغا قاراپ :
    _ ئوغلىمىز كۆكتۇلپار تۇيۇقسىز قىزىتىپ بۇرنى قاناپ قاپتۇ ، ھازىر دوختۇرخانىدا ئىكەن ، تىز بولۇڭ  ، ئۇلار ئالدىراش ئۆيدىن چىقىشتى ، سەھنە قاراڭغۇلاشتى
       ئۈچ كۈندىن كىيىن
       ئوغلىنى كۆتەرگەن خۇشچىراي كىرىپ كەلدى ، كەينىدىن چىرايى سولغۇن سەلكىنئاي قولىدا ئوغلى كۆكتۇلپارنىڭ نەرسە كىرەكلىرىنى كۆتەرگەنچە كىرىپ كەلدى ، ئىككىلسى تولىمۇ مەيۈس ، خۇشچىراي  بالىنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويۇپ ،چىقىتى
    خۇشچىراي : ئەمدى قانداق قىلساق بولار ؟ بانكىدىن ئازراق قەرىز ئىلىپ تۇرايلىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ،
   سەلكىنئاي : شۇنداق قىلساققۇ بولاتتى ، ئۆتكەندە ئۆينى بىزەيمىز دەپ ئالغان قەرىز تىخى تۈگۈمىگەن تۇرسا
   خۇشچىراي ئىغىر تىندى ، ئىشىك قوڭغۇرقى بىسىلىدى ، سەلكىنئاي ئىشىكنى ئىچىۋىدى ئانىسى مۇسسىلىنە كۆرۈندى
     سەلكىنئاي : كەلدىڭمۇ ئانا
    مۇسسىلىنە : دوىتۇرخانىغا بارسام سىلەنى بۈگۈن چىقىپ كەتتى دەيدۇ ، ئۇدۇللا كىلىشىم ، زادى نىمە كىسەلكەن ؟ دوختۇرلار نىمە دىدى ؟ نىمە دەپ مۇنداق تىز ياندۇرۇپ ئەكەلدىڭلا ؟
    خۇشچىراي : بالىنىڭ كىسىلىنى ئەتراپىدىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىدىن ئۆپكە ھەم نەپەس يوللىرى ئىغىر يۇقۇملىنىپتۇ ، بۇ خىل يۇقۇملىنىشنى بۇ يەردە داۋالاتساڭلا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ، شۇڭا يۇقۇرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلا دەيدۇ ،
   مۇسسىلىنە : مانا بىر چىرايلىق بىزىگەن ئۆينى خەختىن قالامدىم دەپ قايتا بىزەتتىڭ ، چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرمەن دەپ ئۆيدىكى سىر پۇرۇقى يۈتمەستە كۆچۈپ كىلىۋالدىڭ ، مانا بولدىمۇ ، ئاخىر ھەممە تاتقۇلۇق مۇشۇ مىنىڭ ئوماق نەۋرەمگە بوپتۇ ئەمەسمۇ ؟ كىيىم دىسە قوسۇقۇڭ ئاچ قالسىمۇ كارىڭ يوق كىيىم كىيسە ، پۇل دىگەن مۇشۇنداق ۋاقىتتا لازىم بولمامدۇ ؟
  سەلكىنئاي : بولغۇلۇق بولدى ، ئازراق تاپا قىلە
مۇسسىلىنە : مەن تىخى ساڭا ھىچنىمە دىمىدىم ،  مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماي ئولتۇرسىلەغۇ ئەمىسە ؟
  خۇشچىراي بىلەن سەلكىنئاي نىمە دىيىشىنى بىلمەي بىر - بىرىگە ھەسرەتلىك قاراشتى ، بۇ قاراشنى سەزگەن مۇسسىلىنە : مانا پۇل ، بۇ ئون بەشمىڭ يۈئەن قالغىنى ماۋۇ كارتىدا خىلى كۆپ پۇل بار ، ماڭا نەۋرەمنى ساقايتىپ ئەكىلىپ بىرىڭلا ، سەلكىنئاي يىغلىۋەتتى ، خۇشچىراي نىمە قىلىشىنى بىلمەي كۆزلىرىگە ياش ئالغانچە مۇسسىلىنەنى < رەخمەت ئاپپا > دەپ يەڭگىل قۇچاقلىدى ،
    مۇسسىلىنە : قىزىم ئايال قولىدا ئىختىسادى روناق تاپمىغان ئائىلە ھەرگىز ئىلگىر كەلمەيدۇ ، ھەم ئۇنداق ئارتۇقچە ئىسراپچىلىقنى ئاللاھمۇ راۋا كۆمەيدۇ ، ۋاپادار ئايال ، ياخشى ئانا بولىمەن دەيدىكەنسەن مۇشۇنداق ناچار قىلىقلىرىڭنى تۈگەتكىن ، سەلكىنئاي يەرگە قاراپ كۆزلىرىگە ياش ئالدى
    خۇشچىراي : خاتىرجەم بولسىلا ئاپپا ، مەن بۇ قىتىم ئوغلۇمنىڭ كىسىلىنى داۋالاتقاچ سەلكىنئاينىڭمۇ ھەشەمەتخورلۇق كىسىلىنى داۋالىتىپ كىلىمەن
    مۇسسىلىنە : شۇنداق قىلىڭ ئوغلۇم ، ئەمىسە چاققانراق مىڭىڭلا ، مەنمۇ قايتاي ھەممىڭلانى ئاللاھقا تاپشۇردۇم ،
    ئىتوت ئاخىرلىشىپ بۇلا كۆرۈرمەنلەرگە سالام بىرىپ سەھنىدىن چۈشتى
   سەھنىگە مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى چىقىپ كەلدى
   رىياسەتچى نوزۇركۇم : مىرشاپ ، يىڭى يىللىق بۇ پالىيەتكە مۇنبەردىكى كىچىك ئۆسمۇرلەرمۇ تەييارلىق بىلەن كەپتۇ ، سەھنىنى بىردەم شۇلارغە بىرەيلىمىكىن دىگەن ،
   مىرشاپ ئەپچىلەم : ياخشى بوپتۇ ، شۇنداق بولسۇن نوۋەتتىكى نۇمۇرمىز مۇنبەردىكى ئوماق كىچىك دوسلارنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇسۇللۇق ناخشا < تورغا چىقايلى  >
    سەھنىدە شوخ بالىلار مۇزىكىسى ياڭرىدى ، سەھنىگە شاتئاي ، سۈمەييە ، شىرىن ، دەرتمەن119 ، مەرۋايىت ، مىرۇل قاتارلىقلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ناخشىلىرىنى ئىيتقاچ ئوماق شوخ ئۇسۇلىنى باشلىدى
        ناخشا تىكىستى : مۇنبەرداشلار مۇنبەرداشلار
                              تورغا چىقايلى
                              مۇنبەر ئارلاپ تىما كۆرۈپ
                              ئنكاس يازايلى

                               مۇنبەرداشلار مۇنبەرداشلار
                               تورغا چىقايلى
                               ئنكاس يىزىپ كەچ كىرگەننى
                               سەزمەي قالايلى

                                مۇنبەرداشلار مۇنبەرداشلار
                                تورغا چىقايلى
                                ئنكاس ئارا جىدەل قىلماي
                                 ئىناق ئۆتەيلى

     بۇ ئوماقلار ناخشا ئۇسۇللىرىنى تۈگۈتۈپ سەھنىدىن چۈشتى ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ كەيپىياتى شۇنداق كۆتۈرەڭگۈ ، مىرشاپ سەنىگە چىقتى
     مىرشاپ ئەپچىلەم : ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى كونىلاردا < كۈلكە ئادەمنى ياشارتىدۇ >دەيدىغان گەپ بار ، ئەمدى مۇنبەردە ئوزىنىڭ قىزىقارلىق يۇمۇرلىرى بىلەن ھەممەيلەنگە كۈلكە ئاتا قىلىپ كىلىۋاتقان مۇنبەردىشىمىز  زاغرانىڭ بىر نەچچە يۇمۇرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى سەھنىدە زاغرا پەيدا بولدى :

    زاغرانىڭ يۇمۇرلىرى :
           بىر كۇنى ئاخسا يىگىت ئۆي كۆچمەكچى بولۇپ  ئەر-ئايال ئىككەيلەن ئۆيدىكى مەللىلىرىنى ساندۇققا قاچىلاپ تالاغا ئەپچىقىپ بولغاندىن كىېيىن ئۇنىڭ ئايالى : @2 h& P  R. H+ v0 X6 b
   — سىز بۇ 10 ساندۇققا قاراپ تۇرۇڭ ، مەن بىرىپ ماشىنا چاقىرىپ كىلەي - دەپتۇ ; C9 r6 R3 d' b( B$ ^
بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ئايالى ماشىنا چاقىرىپ قايتىپ كەلسە  ئاخسا يىگىت تىخېچە ساندۇقلارنى ساناپ يۇرگۇدەك ،  ئۇ ئايالىغا ،* g( Z0 d7 g3 v+ ].
      — سىز بۇ ساندۇقلارنى 10 دېگەن ئىدىڭىز ، بىىراق مەن نەچچە رەت ساناپ باقتىم ، 9 لا چىقىۋاتىدۇ - دەپتۇ،4I#
   p       — توغرا ئەمەس ، بۇلارنىڭ10  ساندۇقلىقى ئىنىق تۇرمامدۇ - دەپتۇ ئايالى  
       _  مەن ساناپ بىرەي ئەمىسە  0،1،2،3،4،................... دەپ ساناپتۇ ئاخسا يىگىت


          مۇنبىرىمىزدىكى ماتىماتىكا باغچىدا لايىقى بىلەن سەيلى قىلىپ تۇرغاندا لايىقى سوراپتۇ :
           _ قاراڭ ، ئاخىردا سورىۋالاي ، مىنىڭ يۇزۇمدە  مۇشۇنداق سەپكۇنلەر تولا، مەن سەت بولساممۇ مىنى يەنە ياخشى كۆرەمسىز؟/ o% h  _( V3 {- _. c) T, v. f+ qa3 m2 a' w& R- e. t, v- z% e. w
       _ھېچقىسى يوق، مەن كىچىكىمدىن باشلاپلا مۇشۇنداق چېكىتلەر بىلەن ھەپىلىشىشقا ئامراق ئىدىم !  _ دەپتۇ ماتىماتىكا  
S0 @

       _ كىيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ بىز دەرسلەرنى ئىنگىلىز تىلىدا ئۆتىمىز_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارغا.
        _ ياق،ياق! بىز چۈشىنەلمەيمىز_ دەپ قارشى چىقىپتۇ سەھرالىق.# h1 z) N) e9 [9 y
   _ چۈشۈنەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەڭلا، مەن ھەر كۈنى ئىنگىلىز تىلىدا سۆزلەۋەرسەم، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، سىلەر تەبىئى ھالدا چۈشىنەلەيدىغان بولىسىلەر،_ دەپتۇ ئوقۇتقۇچى.
       _ ئۇنداقتا، مەن كۈندە كۈچۈكۈمنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، بىراق تېخىچە ئۇنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۇقالمىدىمغۇ؟_ دەپتۇ سۈمەييا ھەيرانلىق بىلەن.
5 j% _! k9 L$ y% {9 [

     سۈمەييا ئۆينى رەتلەۋېتىپ، ئېرىنىڭ ناتونۇش بىر ئايال بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى تېپىۋالدى. ئۇ ئېرىدىن بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى غەزەب بىلەن سورىدى.  ئەر قىلچە تەمتىرىمەي جاۋاب بەردى#: w$ ئەر قىلچە تەمتىرىمەي جاۋاب بەردى B+ }$  - بۇ بەش يىل ئىلگىرى قىز دوستۇم بىلەن چۈشكەن رەسىم. ئۇنىڭ بىلەن شۇ چاغدىلا مۇناسىۋىتىمنى ئۈزۈۋەتكەن.
      - كىمىڭنى ئالدايسەن! - سۈمەييەنىڭ ئىمانى قىرىق گەز ئۆرلىدى، - مەن بۇلتۇر توقۇپ بەرگەن پوپايكا بەش يىل ئىلگىرى ئۇچاڭدا نېمىش قىلىدۇ؟!: A; D# W+ H2 k; }7 D0 j( H! p

) `4 X& W$ Z# K7 c0 l
        باھادىر  سول قولدا ماشىننىڭ رولىنى ، ئوڭ قولىدا لايىقىنىڭ بېلىنى تۇتۇپ يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسا قاتناش ساقچىسى كۆرۈپ قېلىپ  ۋاقىراپتۇ :, P3 M8 A/ P( v" Z' N  a
         - ئىككى قول بىلەن ئىككى قول ! - باھادىر دەرھال
        - ئەمسە ماشىنىنى  قانداق ھەيدەيمەن ، - دەپ ۋاقىراپتۇ .* ]8
  `. o7 U3 u- e1 i' g6 m
/ `* d& k* D; Q( W% B6 ]
     ئۆل ساتىراشخانىغا كىرىپ بېشىنى چۈشۈرتۈپ،پولمۇ تۆلىمەي سىرىتقا مېڭىپتۇ .  Q$ z% H  S7 \5 |4 S
        - پۇلنى تۆلىمەمسىز ؟ - دەپتۇ ساتىراش ھەيران بولۇپ .
         - نىمە پۇل؟ - دەپتۇ ئۆل ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ھەيران بولۇپ، - گال ئۇستىراڭنى بېشىمدا بىلىۋالغىنىڭغا سەن پۇل بەرسەڭ بۇلامدىكىن تېخى .

    موللا زەيدىننىڭ ئىشىكىنىڭ  قۇيرۇقى كېسىۋېلىنغاندا ،ئېشەك زار-زار قاقشاپ ھالىدىن كېتىپتۇ. بۇ چاغدا كېسىۋېلىنغان قۇيرىقى ئۇنىڭغا :( [8 u/ L3 r7 `6 k  Y8 j
     -قانداق چىدىماس نىمە سەن ،مېنىڭدىن بىر پۈتۈن ئېشەكنى  كېسىپ ئېلىۋەتكەندىمۇ  غىڭ قىلمىدىم . سەن بولساڭ بىر تۇتام قۇيرۇقۇڭ ئۈچۈن شۇنچىۋالا داد-پەرياد سالسىنا! -دەپتۇ.: E2 M7 m( T& [3 X6 Z2 N) M
8 F$ J( j  k) U% ^9 B
      _ مۇزىكىنى ياخشى كۆرىدىغانلار ئالدىغا ئۈچ قەدەم مارش!- بۇيرۇق بەردى كوماندىر. ئالتە ئەسكەر ئالدىغا چىقتى. ) k5 ]) l* p4 ?
   - ناھايتى ياخشى ! ئەمدى ئالتىڭلار بۇ پىئانىنۇنى 3- قەۋەتكە كۆتۈرۈپ چىقىڭلار
@
       شىركەتتىن 20 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالغان ئەر ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالى ئەركىنازغا  ساياھەت قىلىپ كېلىش ئارزۇسىنى دەپتۇ. بىراق بۇنىڭغا ئەركىناز قوشۇلماپتۇ:
    — بۇنداق قىلساق پۇلنى ئىسراپ قىلىۋېتىمىز، مەبلەغ سالىدىغان بىر ئىشنى ئويلاپ قويدۇم.
       بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئەركىناز ئىرىگە دەپتۇ:
      — مەن بۇ پۇللارنى ئىككى تۈرگە مەبلەغ قىلىپ سالدىم!
       — قايسى ئىككى تۈرگە مەبلەغ سالدىڭىز؟
        — بىرىنچى تۈر، 10 مىڭ يۈەنگە ئۆزۈمگە بىر ئالتۇن بىلەيزۈك سېتىۋالدىم؛ ئىككىنچى تۈر، قالغان 10 مىڭ يۈەنگە ئاپامغا ئاتاپ يەنە بىر بىلەيزۈك سېتىۋالدىم. مېنىڭچە بۇ تازا كۆڭۈلدىكىدەك سېلىنغان مەبلەغ بولدى، ئالتۇننىڭ قىممىتى بەرىبىر ئاشىدۇ ئەمەسمۇ!
  
      يېڭىدىن توي قىلغان چوغنىڭ ئايالى ئىشتىن ھېرىپ–ئېچىپ كەلگەن چوغنىڭ ئالدىغا ئۈچ تەخسە قورۇما كەلتۈرگەندىن كېيىن دەپتۇ:
       — قورۇمىلارنى ئالدىرىماي چايناپ، مەززە قىلىپ يەڭ!& _/ B, d4 v' D
        — نېمە ئۈچۈن ئەمدى؟
       — بۇنداق قىلسىڭىز بىرىنچىدىن، قورۇمىنىڭ تەمىنى تېتىيالايسىز؛ ئىككىنچىدىن، تاماق ئېتىشتىكى ھۈنىرىمنى بىلىپ قالىسىز؛ ئۈچىنچىدىن، بايا قورۇمىغا ئارىلىشىپ قالغان يىڭنىنى تېپىۋالىسىز.   

       iنېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرى داۋالاش ئۈنۈمىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن بىر قانچە بىمارنى يىغىپ، ئۇلارغا بىر ئورۇندۇقنى كۆرسىتىپ دەپتۇ:! H6 R9 s' f0 f2 Q' |0 u; F/ ]
   — بۇ بىر پىكاپ، ھەممىڭلار پىكاپقا چىقىڭلار!
      بىمارلار بىر–بىرىگە قارىشىپ قويۇپ، مىدىر–سىدىر قىلماپتۇ، بۇنى كۆرگەن دوختۇر داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، خۇشال ھالدا يەنە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ:
         — نېمىشقا پىكاپنى ھەيدەپ ماڭمايسىلەر؟
         — ھېچقايسىمىزنىڭ پىراۋىسى يوق!, @
: p. `- f) l" h

      يېڭىلا توي قىلغان باي خىنىم ئەر-خوتۇنلارغا ئۈزۈلمەي سوۋغا-سالاملار كىلىپ تۇرۇپتۇ، بىر كۈنى ئۇلارغا بىر كونۋېرىت كەپتۇ، كونۋېرىتنىڭ ئاستى ئادېرىسىغا پەقەت <<مىنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى تېپىپ بېقىڭلار>> دەپلا يېزىقلىق ئىكەن، ئۇلار بۇنىڭ كىمنىڭ قىلغان ياخشىلىقىنى بىلمەي كونۋېرىتنىڭ ئىچىنى ئېچىپ قارىسا 2دانە كىنو بېلىتى ئىكەن، باي خىنىم شۇ كەچلىكى يولدىشى بىلەن كىنوغا بېرىپ، كىنونى كۆرۈپ بولۇپ ئۆيگە قايتىپ كەلسە ئۆيگە ئوغرى كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچىنى قالايمىقان بولۇپ كەتكەن ئىكەن، ئۇلار ئۈستەل ئۈستىگە قارىسا بىرتال قەغەز ئۈستىگە <<ئەمدى كىملىكىمنى بىلگەنسىلەر>> دەپ يېزىقلىق خەت تۇرغانىكەن.


        قىشنىڭ قەھرىتان سوغۇق كۈنلىرىدە، بىر جۈپ ئەر - ئايال ياز پەسلى بولۇۋاتقان باشقا بىر مەملىكەتكە بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ كەلمەكچى بوپتۇ. ئەرنىڭ ئازراق ئىشى چىقىپ قالغاچقا، ئايالى ئېرىدىن بىر كۈن ئاۋۋال بېرىپ جايلىشىپ تۇرۇپتۇ ۋە ئەتە كېلىدىغان ئېرىنىڭ رەسمىيەتلىرىنىمۇ بېجىرىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلخەت يوللاپتۇ. بىراق، ئادرېستا بىر ھەرپ خاتا يېزىلىپ قالغاچقا، خەت بىر كۈن ئاۋۋال خوتۇنى ئۆلۈپ كەتكەن يەنە بىر ئادەمگە كېتىپ قاپتۇ. ياشىنىپ قالغان بۇ ئادەم كومپيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا بىر قاراپلا، دەھشەتلىك چىرقىراپ يىقىلىپ چۈشۈپتۇ - دە، ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئاۋازنى ئاڭلىغان قوشنىلىرى يۈگۈرۈپ كىرىپ، ئۇنى ھوشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن، نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتىكەن، ئۇلارغا ئېكراننى كۆرسىتىپتۇ: ‹‹سۆيۈملۈك ئېرىم، بۈگۈن مەن بۇ يەرگە كېلەر - كەلمەيلا، ئالدى بىلەن ئەتە سېنىڭ كېلىشىڭگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ قويدۇم، ئاندىن ماڭا ئايرىلغان يەرگە جايلاشتىم. بۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ خەقلەر دېگەندەك تونۇرغا ئوخشاش ئىسسىق ئىكەن... سېنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتۈۋاتىمەن... — ئايالىڭ››.


    بىر كۈنى nazila998 ئېرىدىن سوراپتۇ
    _ ھېلىقى كاتىۋىڭىزغا كەلگىلى نەچچە يىل بولدى ؟
   _ ئۈچ - تۆت يىل بولدىغۇ دەيمەن
   _ نەچچە ياشقا كىرىپتۇ ؟
   _  ئوتتۇزلاغا كىرگەندۇ  ، ئىنىق سوراپ باقماپتىمەن
   _ ئۇ چىرايلىقمۇ ؟
    _ دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ، ئادەتتىكىچە بولىدۇ
    _ ئۇنىڭ كىينىشىچۇ ؟
    _ كىيىم كىيىشى ناھايىتى تىز _ دەپ تاشلاپتۇ ئېرى

    مەشرەپ ئەھلى بۇ يۇمۇرلارغا كۈلۈپ قوساقلىرىنى تۇتۇشۇپ كىتىشتى ، سەھنىگە مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى چىقىپ كەلدى
     مىرشاپ ئەپچىلەم : تىنىچ يولداشلار تىنىچ  ، زال ئىچى جىمىدى _ يىگىت بىشى - دىدى مىرشاپ
     _ خوش ، مانا مەن _ دىدى يىگىت بىشى مارشال
    مىراپ ئەپچىلەم : كۆپچىلىكنىڭ بىر تەكلىۋى باركەن ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق مەشرەپ سورۇنلىرى ئارقىلىق دىدارلىشىپ تۇرساق ، كىينكى مەشرەپنىڭ گۈل چىيى كىمگە مەنسۇپ بولىدۇ شۇنى بىلىۋالساق _ دەيدۇ
     يىگىت بىشى مارشال : بۇ بىر ياخشى تەكلىپكەن ، ئەمىسە بۇ تەكلىپنى ئورۇنداڭلار
     مىرشاپ ئەپچىلەم : سىرلىق قاپاق كەلتۈرۈلسۇن
   سەھنىنىڭ يان تەرپىدىن قاپاق كۆتەرگەن زۈلەيخا يىنىك دەسسەپ چىقىپ كەلدى ،
    مىرشاپ ئەپچىلەم : زۈلەيخا مۇشۇ سىرلىق قاپاق ئىچىدىكى چەكنى ئۆزىڭىزلا بىر ئىلىۋىتىڭە
   زۈلەيخا : بولىدۇ دەپلا چەكنى ئالدى - دە رىياسەتچىگە بەردى
   رىياسەتچى نازۇركۇم : كىلەر قىتىملىق مەشرەپ مۇنبىرىمىزنىڭ پىشقەدەم باشقۇرغۇچىسى ھۆكۈمران ئەپەندىگە چىقىپتۇ ، مۇبارەك بولسۇن ( قىزغىن چاۋاك ) ئەمدى نازىلە خانىمنى بۇ قىتىملىق مەشرەپنىڭ گۈل چىيىنى ھۆكۇمران ئەپەندىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە تەكلىپ قىلايلى ، ( يەنە بىر قىتىم قىزغىن چاۋاك ) ، نازىلە خانىم بىلەن ھۆكۈمران ئەپەندى سەھنىگە چىقتى ، نازىلە خانىم قولىدىكى پەتنۇستا قويۇلغان چەينەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ :
                            ئەزەلدىن ئۈزۈلمەس ئىسىل ئەنئەنە
                            قۇتلۇق كۈن ئايلاردا قىلماق تەنتەنە
                            مەنمۇ ھەم شەنىگە ئۆتكۈزدۈم مەشرەپ
                            دوسلارغا بەخىتلەر تىلىدىم ئەنە

                             ئەژدادلار مىراسى مەشرەپتۇر - مەشرەپ
                            مۇنبىرىم كەڭ سەينا مەن ئۇندا زەينەپ
                             قىنى بۇ گۈل چىيىم تۇتۇلدى سىزگە
                             يىڭىچە بىر سانغا ئىنتىزار ئەيلەپ

   ھوكۇمران ئەپەندى پەتنۇسنى ئىلىپ تۇرۇپ :

                             قولدىن - قولغا ئۆتۈلگەن مەشرەپ
                             يىتىپ كەپتۇ ئۇشبۇ خانەمگە
                             شەرەپ بىلدىم چىھرىمدە كلكە
                             مەشرەپ بىرەي خەلقى ئالەمگە

                             ئۈزۈلمىسۇن مۇنبەردە مەشرەپ
                              بىرەر مەشرەپ ئەخلاق ۋە ئەدەپ
                              تەييارلايمەن ئىسىل داستىخان
                              مۇنبەرداشلار شەنىگە ئاتاپ
     ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى ، كىلەر قىتىملىق مەشرەپكە ھەممىڭلانى تەكلىپ قىلىمەن ، ھۆكۈمران بىلەن نازىلە سەنىدىن چۈشتى  
     مىرشاپ ئەپچىلەم : ئەمدى ھوزۇرۇڭلاردا بولدىغىنى تاجىكچە  ئۇسۇل ناخشىدا مۇنبەردىشىمىز چارتىكىن
    زەنجىر ، ئاپتاپ104 سەلكىنداش ، بىرمىسقال ، گۈلبەشىكەر ، كۆزۇم ، بەرگى ،ئۆل قاتارلىقلار نەپىس ھەركەتلىرى بىلەن   چارتىكىنىڭ ناخشىسىغا تەڭكەش قىلىپ ئۇسۇلغا چۈشتى
      ناخشا تىكىستى : ئوچاق باشىدا مورا ، تۇپراق باشىدا تورا
                          ئىزدىسەم تىپىلمايدۇ ، كۆيەك ئوتىغا دورا

                          ئۆستەڭ بىشىدىن تىپىۋالدىم ، ئاق تاشنى قارا تاشنى
                          ناخشامغا قىتىۋالدىم سەن يارىم قەلەم قاشنى

                         قوغۇن تىرىدىم قەندەك ، خەخمۇ تىرىسۇن مەندەك
                        خەخ سۆيگەننى سۆيمەيمەن ، ئۆزەمنىڭ سۆيگىنى قەندەك

                        چاي ئىچەيلى چايداندا ، شوخ ئوينايلى مەيداندا
                       ئۆلمىسەك كۆرۈشەمىز خالاستاننىڭ بويىدا

                       مەن بارايمۇ بارمايمۇ لىۋەن يارنىڭ قىشىغا
                      بارمىدىمغۇ قاشىغا دەرىت كىلەرمۇ باشىغا

        چارتىكىننىڭ  ناخشىسىغا كەلتۈرۈپ كۆپچىلىكنىڭ ئوينىغان بۇ تاجىكچە شوخ ئۇسۇلى سەھنىنى شۇنداق جانلاندۇرۋەتتى ، ھەم مەشرەپ ئەھلىنىڭ كەيپىياتىنى يەنە بىر قىتىم يۇقۇر كۆتۈردى  ، مىرشاپ بىلەن رىياسەتچى سەھنىگە چىقتى ،
     مىرشاپ ئەپچىلەم : ھۆرمەتلىك مەشرەپ ئەھلى نازىلە خانىمنىڭ بۇ قىتىمقى يىڭى يىل مۇناسىۋىتى ئۇيۇشتۇرغان مەشرەپ پالىتى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى خۇش ۋاخ بولۇڭلار ،
      رىياسەتچى نازۇركۇم : خىيىر -خوش مەشرەپ ئەھلى ، ئەمدى كىلەر قىتىملىق مەشرەپتە كۆرۈشەيلى ،
    قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئەممەيلەن تارقاشتى
       ئاپتورى : نازىلە
       تەھرىرلىگۈچى : كەپتەر
       سەھنە لاھىيەلىگۈچى ۋە سىن ئالغۇچى : شېرخان
      نازارەتچى : ئېلتىكىن ، زۈمرەت
      باش نازارەتچى : مىسرانىم  

     مەنبە  : نازىلە
222222222.jpg



مىسرانىم

مۇخەممەس

مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئالتە يىللىق تويىغا ئاتاپ


مەدەنىيەت بوستانى سەن مىسرانىم،

ئىلىم-ئىرپاننىڭ كانى سەن مىسرانىم،

ھېكمەتلەر خەزىنىسى سەن مىسرانىم،

مۇنبەرلەر تۆرىدە شاھ سەن مىسرانىم،

تەرەققى قىل گۈللەنگىن سەن مىسرانىم.


سەھىپەڭ رەڭمۇرەڭ بەكمۇبەك ئېسىل،

تۈرلىرى خىلمۇخىل مەزمۇنى ئېسىل،

مىزانىڭ سەمىمىيەت بەكمۇ ئېسىل،

توپلانغان كىشىلەر ھەممىدىن ئېسىل

ئېسىللىق ساڭلا خاستۇر مىسرانىم.

تۇغۇلدۇڭ مىللىتىم مەدەنىيىتى دەپ،

توۋلىدۇڭ بىر ئۆمۈر ياشنا ئۇيغۇر دەپ،

ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر مىللىتىملا دەپ،

قوغدىدىڭ سىرىمنى مەجبۇريىتىم دەپ،

باشقىلار ئۈچۈن ياشىدىڭ مىسرانىم.


كۆڭلۇم بەك خۇشالدۇر چىقسام مۇنبەرگە،

تاپىمەن كۆپ ئەقىل چىقسام مۇنبەرگە،

ھەقىقىي سۆزلىرىمنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ھېكمەت دۇردانىلەر كانى مىسرانىم.


ئۇچرىشار بۇ يەردە بىلىم ئىگىسى،

يوللىنار ئەسرنىڭ باش سەركەردىسى،

سىنىلار مۇنازىردە ئەركەك چىشىسى،

ئايرىلار ئىنكاس ئارقىىلق ھەممىسى،

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورنى مىسرانىم.


ئۈتكۈزگەچ مۇنبەردە پائالىيەتنى،

تىز تارتتىڭ ئۈزىڭگە كىشى قەلبىنى،

ئۆتكۈزدۇڭ دانالار بىلەن سۆھپەتنى

كۈپەتتىىڭ مۇنبەرنىڭ يازما تۈرىنى،

دانا سەن باشقۇرۇشتا ئەي مىسرانىم.


قەدەم قويدىڭ بۈگۈن سەن ئالتە ياشقا،

ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىدىڭ باشتا،

ئاق سانجىلدى بۈگۈن بۇ قارا قاشقا،

ئەمما سەن قىرانسان ۋاي تېخى ياشلا

گۈل ئىنسۇن قەدىمىڭدىن ئەي مىسرانىم.

يېتىپ كەلدى مانا بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈن،

توغۇلغان كۈنىڭ سېنىڭ شاد بىر كۈلگۈن،

شاھلىق تەختىڭنى سەن مەڭگۈ يۈرگۈزگۈن،

جەۋلان قىل تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرگىن،

مۇبارەك تۇيىڭغا سېنىڭ مىسرانىم.

تەنتەنە قىلماقتا مۇنبەردە ھەممە،

باشۇرغۇچى ۋە ئاددى ئەزامۇ ئەنە،

مۇبارەك بولسۇن دەپ قىلار تەنتەنە،

چۈنكى بۇ يىللاردىن قالغان ئەنئەنە،

گۈللەرنى سۇنىمىز ساڭا مىسرانىم.




                             لاھىلىگۈچى ۋە خەت كىرگۈزگۈچى:
                                      

       مۇنبەر ئەزاسى: خېلىل(ئۇيغۇر ئوغلى)

131707xothiw7toz6x7f7o_副本.jpg







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-11 08:24 PM  


AWQ0OIV0K4P%4GW}$6ORFXE.jpg
ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
harsan + 206 ماختاشقا تېگىشلىك
باھادىر + 200
پەرى + 200 جاپا چەكتىڭىز
مارشال + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 806   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3027
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5973
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2548 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 09:36:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سان ئالدىنقىسىغا قارىاندا تېخىمۇ تاكامموللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىپتۇ، كېيىنكى سانلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، مۇقىم چىقىرىدىغان ۋاقىت بولسۇن ، بەك بالدۇر چىقىپ كەتكەندەك بىلىندى ماڭا، ياكى ئايدا ئىككى سان چىقىدىغان ژۇرنالمۇ بۇ ، يولانغان يازمىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئۇقۇپ بوپتىمەن ، ئۇقىمىغانلىرىنى مەشەدىنلا ئۇقۇۋالىدىغان بولدۇمدە،  
.................بولسا ئاۋۇ مەشرەپنىڭ گۈلچېيىنى ئالىدىغانلار بولسا نازىلە998 بىلەن https://uyghur-archive.com/misranim/forum.ph ... 4%D8%B1%DB%95%D9%BEتېما ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭلار ، بۇ ھۆكۈمران  ئاكاممۇ يوقاپ كەتتى، بولسا باشقا بىرسىڭلار ئىشلەپ تۇرۇڭلار ، كەمىنە مىرشاپتىن ئالاھىدە ئۆتۈنۈش بولسۇن

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 09:53:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ap~qilam يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 09:36 PM
بۇ سان ئالدىنقىسىغا قارىاندا تېخىمۇ تاكامموللىشىشقا ق ...

مەن بۇ ژورنالنى ھەر بىر ئايدا بىر قېتىم چىقىرىشنى قارارقىلدىم،ئالدىنقىسى بىرىنچى ئايغا تەۋە بولسۇن.ماۋۇ ئېككىنچى ئايلىق،ئەسلى ئاي ئاخىرىدا چىقارماقچى ئىدىم،ئاي ئاخىردا سەل ئالدىراش بوپ قالدىكەنمەن،ئەمدى ئۈچىنچى ئاي ئاخىردا چىقىرمەن،توغرا چۈشەنگەيسىز،

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78185
يازما سانى: 559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5365
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 09:59:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل چىقىپتۇ

ئىسىل ياشا،ياشلىق ئەمەسمۇ......

كامىل يۇۋاش

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 1428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8121
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1731 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:06:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90265
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 900
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2013-1-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:16:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا مۇنداق ئىشلارمۇ باركەندە.
ئەجەپ ياخشى چىقىپتۇ.خۇددى بىر روماننى ئوقۇپ تۈگەتكەندەك بولدۇم.رەھمەت سىلەرگە.جاپا چېكىپسىلەر.....كوپ نەرسىلەرگە ئىگە بولدۇم.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1361
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51055
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9867 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.سىزگە بىر قانچە تەكلىپ بەرسەم رەنجىمىسىڭىز.ئاڭلاپ باقسىڭىز:
1.مىسرانىم تور ژۇرنىلى چىقىرىش دېمكۇراتىيە تۈسىنى ئالسا ھەمدە مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ تېمىلارنى چىقىرىش ھەققىدە ئۇمۇمىي جەھەتتىن پىكىر ئېلىپ،بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئەسەر تاللاش ئىشىنى قىلساق دېگەن ئۈمىدتىمەن.
2.تاللانغان سەھىپىلەردىكى ئەسەرلەر كۆپ بوپ كەتمىسىمۇ،ئاز بولسىمۇ سەرخىل بولۇشقا دېىققەت قىلىنسا ھەمدە ھەربىر ئەسەرنىڭ ماۋزۇسى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن فوتۇشۇپتا شۇ مەزمۇنغا ماس كېلىدىغان رەسىم لاھىيلەنسە.
3.بۇ مۇنبەرنىڭ تەسىر دائىرسىگە نىسبەتەن،قەلەمكەشلەر سالۇنىنىڭ ئەجرى ۋە تۆھپىسىنى بايقاپ،سەرخىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلسە.
ئاپتۇرنىڭ بۇ چىقارغان ژۇرنالدىكى ئارتۇقچىلىق تەرىپى:
1.تېمىغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلىنغان،ژۇرنالنىڭ دەسلەپكى لاھىيلىنىشى ياخشى بولغان.
2.ئاپتۇر ھەربىر سەھىپگە كۈچىنى چىقىرىپ،ئۆز ئىستىداتىغا تايىنىپ،ئۆزگىچە رەسىملەرنى لاھىيلەپ چىققان.
تېمىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ كەمچىلىك:
تېمىدا لاھىيلەنگەن رەسىمدىكى ئۇيغۇر سۆزى ئويغۇر دەپ ئېلىنىپ قالغان...
ئاپتۇرغا مۇۋەپىقىيەت تىلەيمەن.

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:29:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارشال يوللىغان ۋاقتى  2013-2-11 10:17 PM
سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا ئاپىرىن.سىزگە بىر قانچە تەكل ...

بەرگەن تەكلىىپىڭىزگە رەھمەت،ئەمسە مەن مۇنبەرگە بۇ توغۇرلۇق ئېلان چىقىراي،ئەزارلار ياخشى يازمىلارنى تاللىسۇن،ئاندىن تېما خاراكتېگە ئاساسەن رەسىم كىرىشتۈرىلى.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:34:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلىنىڭ ئايدا بىر سان چىقىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16637
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2555 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-11 10:46:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر قەدەمنى بىر قەدەمدە ئىنكار قىپ ،
ماڭغىن دوستلار ۋىسالىڭغا ئىنتىلىپ.
قالسۇن قارا ئۆتمۇش يىراق چۈش بولۇپ،
تالاي چۈشكە كەتتى زېھىن چېچىلىپ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش