مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 51566|ئىنكاس: 93

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1366
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51408
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9971 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:40:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بوزقىر بىلەن سۆھبەت



  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىلىم ئۆگىنىش كويىدا،مۇنبەردىن ئىبارەت ياخشى بولغان مۇنازىرە سۇرۇنىدا بىللە جەم بۇلۇپ،گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن تىرىشۋاتقان ،ئۈمىدۋارلىق بىلەن ياشايدىغان،مۇستەھكەم ئىرادىنى تاۋلاش ئۈچۈن ئۆگىنۋاتقان، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك بولغان بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە كەمىنى مارشالدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!

   جەمىيتىمىزدە ئۆز غورۇرى،ۋىجدانى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان،ئۆتكۈر قەلەملىرى بىلەن خەلق ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئىشلەۋاتقان تۆھپىكار باغۋەن،نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى،مائارىپى ئۈچۈن مېھنەتسىز ئىشلەۋاتقان،تۇرمۇشنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقان شۇنداق بىر ئىنسان بار،ئۇ كىشى ھەممىزنىڭ قەلبىدىن يۈكسەك ئورۇن ئالغان،زىيالىيلارنىڭ باشلامچىسى بۇلۇپ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئۆز يازمىلىرىنى چىقىرۋاتقان،ئۇيغۇر زىيالىرىنىڭ باشلامچىسى يازغۇچى،ئەدەبىي تەرجىمان ئۆمەرجان ھەسەن  بوزقىر ئەپەندى ھەممەيلەنگە تۇنۇش.

ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى،بۇ ئاكىمىزنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ،شۇنداق بىر سۆھبەتلىشىپ بېقىش نىيىتىدە پىلان تۈرگەن ئىدىم،مانا بۇ ئويلىغان ئارزۇلۇرۇم ئاخىرى رېئاللىقا ئايلاندى،تۇرمۇش سەزگۈرەشتلىرىنىڭ جۇت-شىۋىرغانلىرىدا بۇ ئاكىمىزنىڭ يازمىلىرى ھەممەيلەنگە روھىي ئۇزۇق،مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى،شۇ مەقسەتتە ئۆزۈمنىڭ بىلىم -سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي ،بوزقىر ئاكىمىز بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم ھەمدە بۇ قېتىملىق سۆھبەت پىرۇگراممىسنى
مۇنبەرگە يوللىدىم،مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن بوزقىر ئاكامغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.ئەمىسە،دېققىتىڭلار تۆۋەندىكى مەزمۇندا بولسۇن!



رەسىم ھەققىدە چۈشەنچە:بوزقىر ئەپەندى 2002-يىلى كۈزدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاۋاز ئارتىسلىرىدىن پاتىمە ھوشۇر، پەرھات ئابدۇرېشىت ۋە تۇرغۇن قۇربانلار بېلەن بىرگە باي ناھىيىسىنىڭ توقسۇن يېزىسىدىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى ، تارىخچى موللا مۇسا سايرامىنىڭ مەقبەرىسى ئالدىدا.
ئوڭدىن 1-كىشى پاتىمە ھوشۇر، 2-كىشى پەرھات ئابدۇرېشىت،3-كىشى بوزقىر ئەپەندى،4-كىشى تۇرغۇن قۇربان



سۆھبەت خاتىرسى


.مارشال:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،بوزقىر ئاكا،بۈگۈن سىز  بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش توغۇرسىدا سىزدىن بىر قانچە سوئاللارنى سورايمەن،سىزئۇيغۇر جەمىيتى ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىرى،ئېسىل يازمىلىرىڭىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان سىزدەك قەلبى ئويغاق زىيالىي بىلەن پىكىر مۇتائىلىدە بولالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم،ئەڭ ئاۋال مۇشۇ بوزقىر دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسىڭىز ھەقىقىدە ئىزاھات بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام مارشال ئىنىم.شۇنچە كۆپ تور ئەھلى ئارىسىدىن  مېنى تور دۇنياسى ھەققىدىكى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلغىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم.راسىت گەپنى ئېيتسام، دەسلەپ سىز بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللىغاندا مەن سەل ئارىسالدى بولۇپ قالغان ھەم ئىلگىرىكىدەك بىرەر باھانە تېپىپ ئۆزۈمنى سۆھبەتتىن قاچۇرۇشنىمۇ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز مېنى تەسىرلەندۈردى.ھەم بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنىڭ تور ئەھلىگە نىسبەتەن ئاز-تولا پايدىلىق تەرىپىمۇ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ ئاخىر سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىشنى لايىق تاپتىم.ئەمما، سۆھبەتنىڭ بېشىدىلا شۇنى ئەسكەرتىمەنكى،سۆھبەتتىكى جاۋابلار مېنىڭ ئۆز كۆز قارىشىمغىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ.شۇڭا تورداشلارنىڭ مۇۋاپىق بولمىغان تەرەپلىرىنى ئومۇمىيلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ چۈشىنىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا مارشالنىڭ مېنى مۇشۇنداق بىر سۆھبەت سورۇنىغا داخىل قىلغانلىقىغارەھمەت ئېيتىمەن.

  «بوزقىر»نى مېنىڭ تەخەللۇسۇم دېگەندىن كۆرە ئەڭ موھىمى، مېنىڭ  فامىلەم-تەگئېتىم دېگىنىم تۈزۈك. شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىمدە بىر كۈنى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇمدىن خەت كەپتۇ. ئوقۇتقۇچۇم خېتىدە مېنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە خېلى ئىلگىرلەپ قالغانلىقىمنى « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»گە چىققان شىئېرلىرىمنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى يېزىپ ماڭا كۆپ مەدەت ۋە ئىلھاملارنى بېرىپتۇ. خەتنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم .گەرچە مەن بالىلىق دەۋرىمدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا قىزىققان بولساممۇ، ھەتتا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىمدە بەزى مەشىق ئەسەرلىرىمنى يېزىپ ، تام گېزىتلىرىگە چىقىرىپ ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ ماختىشى ۋەمەدەت-ئىلھامىغا ئېرىشكەن بولساممۇ، ئەمما « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»گە ئەسەر بېرىپ باقمىغانىدىم. بۇ ئىشنىڭ تېگىگە يېتەلمەي مەكتەپ قىرائەتخانىسىغا كىرىپ  « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ توپلاملىرىنى قويماي ئاقتۇرۇپ چىقتىم. دەرۋەقە مەن بېلەن ئىسىمداش بىرەيلەننىڭ نامىدا بىر نەچچە پارچە شېئىرنى ئۇچراتتىم. كېيىن ئەدەبىيات فاكولتېتىدىكى شېئىر ھەۋەسكارلىرىدىن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيدىغان مەن بېلەن ئىسىمداش بىر بالا شائىرنىڭ بارلىقىنى، يۇرتىنىڭ كەلپىندىن ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ شېئىرلارنى شۇبالا شائىرنىڭ ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇم.

بۇئىش مەندە ئاز-تولا بېسىم پەيدا قىلىش بېلەن بىرگە ماڭا ئىلھام-مەدەت بولدى. شۇنىڭ بېلەن مەنمۇ قايتىدىن قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ئىلگىرى يازغان مەشىق ئەسەرلىرىم ئاساسىدا بىر نەچچە پارچە شېئىر –ھېكايىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدىم . گەرچە ئىجادىيەتكە شۇ كىرىشكەنچە ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولساممۇ، ئەمما بۇساھەدە ئۇتۇق قازاندىم دېيەلمەيمەن. كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاقسۇغا قايتىپ كەلدىم.مەن بىلەن ئىسىمداش شائىر ئۈرۈمچىدە بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچى بولۇپ قاپتۇ.2002-يىلى يازلىق تەتىلدە مەن بېلەن ئىسىمداش شائىر كەلپىنگە تۇغقان يوقلىغاچ بېرىپ قايتاشىدا ئاقسۇغا مېنى ئىزدەپ كەپتۇ. بىز قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق.گەپ ئارىسىدا ئۇ ئۇقۇشماسلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر ئىككىلىمىزنىڭ  بىردىن تەخەللۇس ياكى فامىلە قوللۇنىۋېلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.مەن بۇنى توغرا تېپىپ نۇرغۇن ئويلىنىشلار ئارقىلىق«بوزقىر»نى ئۆزۈمگە فامىلە قىلىپ قوللاندىم.

«بوزقىر» باي ناھىيىسىنىڭ ياقېرىق بوستانلىقىدىكى مەن تۇغۇلغان بىر كەنىتنىڭ نامى.يەنە كېلىپ مېنىڭ 4-ئەجدادىم كۆچمەن يۆتكەپ بەرپا قىلغان بىر يۇرىتنىڭ ئىسمى.كەڭ جەھەتتىن ئالغاندا تارىختا قەدىم زامانلاردا تۈرك-ئۇيغۇر قوۋىملىرى ياشىغان بىپايان زېمىن«بوزقىر» دەپمۇ ئاتالغان. «بوزقىر ئىمپىرىيىسى » دېگەن كىتابنى ئوقۇغانلار بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.

مارشال:مەن سىزنى <<بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا>>دېگەن كىتابىڭىز  ئارقىلىق تۇنۇشقا باشلىغان،يىپەك يولى دەپ شۆھرەتلەنگەن قەدىمقى مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئوچىقى بولغان كۈسەن دىيارىدا كۈسەنلىك بۇددا ئالىمى كوماراجىۋانىڭ مەدەنىيەت تارىخىمىزدىكى مۇھىم شەخس ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۇماراجىۋا جوڭگۇ بۇددىزم تارىخىدىكى ئۈچ مۇتەپەككۇر ئالىملارنىڭ بىرى.سىز  بۈيۈك ئۇيغۇر بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا توغۇرلۇق يازغان كىتابىڭىزنىڭ قانداق شەرت-شارائىتلار ئاساسىدا روياپقا چىققانلىقى توغۇرلۇق توختۇلۇپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : كەچۈرۈڭ ،مارشال.بۇ ھەقتە سەل قايناپ سېلىشىم مۇمكىن.مەن ئەسلى ئۇنۋېرسىتېتنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئوقۇغان .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن تەرجىمانلىق خىزمىتى بېلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.بۇ جەرياندا مەندە تەرجىمە دېگەن نېمە؟ئۇيغۇرلاردا تەرجىمە تارىخى قاچاندىن باشلانغان ۋە قانداق بۈيۈك تەرجىمانلارئۆتكەن ؟ دېگەندەك ئوي-پىكىرلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. شۇنىڭ بېلەن بۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرۈپ ئىزدىنىشكە باشلىدىم.

ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﻣﯩﻼﺩﻯ 344- ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ (ھاﺯﯨﺮﻗﻰ ﻛﯘﭼﺎ) ﺩﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﻣﯩﻼﺩﻯ 413-ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ (ھازىرقى شىئىن ) ﺩﻩ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﻲ ﺋﻪﻧﻪﺗﻜﻪﻙ (ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ)ﺩﯨﻜﻰ ﻛﺎﭘﻜﺎ (ﻛﻪﺷﻤﯩﺮ)،ﺳﯘﻟﻰ (ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ) لەردە بۇددا ئىلمىدىن ئىلىم تەھسىل قىلغان .39 ﻳﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎھﺎﻳﺎﻧﺎ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻤﯩﻨﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﺸﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ.ﻣﯩﻼﺩﻯ 384- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ401- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ مۇھىم ئۆتەڭ گوزاڭ ( ھازىرقى گەنسۇ  ئۆلكىسىنىڭ ۋۇۋىي شەھىرى، تارىختا لىياڭجۇ دەپمۇئاتالغان) ﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﯨﻨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﻯ 401-ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ413- ﻳﯩﻠﻐﯩﭽﻪﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﭼﯩﻦ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪﻧﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﭖﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘﺵﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ 800  ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻐﺎ ﻳﯩﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ 300 ﺟﯩﻠﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯘﺩﺩﺍﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘۇﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﺘﻰ، ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ- ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻏﺎ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ. ھېلىھەم شۈنزاڭ، جىن دىلار بىلەن بىر قاتاردا جوڭگۇنىڭ  ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ” ﺋﯜﭺ مەشھۇر تەرجىمىشۇناس“ ئاتىلىپ ئالاھىدە شۆھرەتلىنىپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.ئۇنىڭ تۆھپىسى يالغۇزﺑﯘﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ئۇ بۇدنىزىم  ﺋﺎﺗﺎﭖ «ھەقىقىي ئالەم» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺷﺌﯧﺮ، ﻣﻪﻛﺘﯜﭖ، ﺗﻪﻗﺮﯨﺰ ﮊﺍﻧﯩﺮﻟﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺧﺮﻯ ﯞﻩ ﺳﺎﻧﯩﺴﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ 2600ﺟﯩﻠﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻏﻪﺭﺒﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﯨﺴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ، ﺋﻮﺗﺘۇﺭﺍﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺗﯩﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻧﯩﯔ راۋاجلىنىشىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.

   ﻛوﻣرﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﯩﻐﺎ قوشقان تۆھپىسىمۇ ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك . ﺋﻮﺗﺘﻮﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﯜﭺ ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ، ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﻖﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥﺷﺎﮔﯩﺮﯨﺘﻼﺭ 5 ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ. ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ «ﺗﯚﺕ ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ»، « ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻥ»، «10 ﭘﻪﻳﻼﺳوﭖ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ھاﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﺗﻪﺳﯩﺮﻧﻰﺳﺎﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

    ﻛوﻣراجىۋا ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﺘﻰ، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯﺋﯩﺪﯨﻴﺴﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﻮﺭﺍ ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ 6 ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻨﻰ ﺑﯘﺯﯗﭖ ﺗﺎﺷﻼﭖ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﺌﯧﺮ، ﻧﻪﺳﯩﺮ، ﺩﯨﺮﺍﻣﺎ، ﺗﻪﻗﺮﯨﺰ، ﺋﻪﻟﻨﻪﻏﻤﻪﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘﺩﺩﺍﺗﺎﺷﻜﯧﻤﯩﺮﻟﯩﺮﻧﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ، بۇددا ھەيكالتىراشلىق ۋە ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺗﺎﻡ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﺳﻪﻧﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺭﺍﯞﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻳﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ.ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺟﻮﯕﮕﻮﺩﯨﻼﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰﺷﻪﺭﻗﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﺩﯨﻤﯘ ھېلىھەم ﺋﯚﺯﺗﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ.


   ﻣﺎﻧﺎﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﻧﻪﺯﻩﺭﻳﯩﯟﻯﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ 2ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ھاﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪﺋﯚﺯ ﺗﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻱ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﻪﺧﺲ ھەﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﯧﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺟﺎﻻﻟﯩﺪﯨﻦﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ھەقتە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ:«ﻛﯘﻣﺎﺭﯨﺠﯟﺍ ( 413- 344) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﭘﯩﺪﺍﮔﻮﻙ، ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭ،ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺸﯘﻧﺎﺱ. ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﯩﻠﻪﭖ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ، ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﺩﻩﯞﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰﯞﻩ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ، نوم تەجرىبىچىلىكتىكى ئۇسلۇب ھەمدە ئۇيغۇرﺗﻪﺭﺟﯩﻤﭽﯩﻠﻜﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﯨﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﺭﺩﯨﻜﻰﺧﺎﺱ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ. ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﯩﭽﻜﻪ،ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻳﻮﻕ. »

ﺋﻪﻣﻤﺎ،ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﺍ ﻛﯘﻣﺎﺭﯨﺠﯩﯟﺍﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﺴﯩﺮﻧﯩﯔ 20– ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﺩﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ. ﯞﯦﻦ ﺗﺎﯞ 1923- ﻳﯩﻠﻰ «ﺩولقۇن ساداسى » (海潮音) ﻧﯩﯔ15- ﺟﯩﻠﺪ 5- ﺳﺎﻧﺪﺍ « ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ » ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺟﺎﯓ ﺷﯩﻨﺘﯩﻴﻪﻥ، ﺷﻰﺷﯩﯩﻴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ 30 ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﺎﻟﯩﻢ- ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺲ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯘﻧﯘﭖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ھەﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺧﺎﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﻛﯘﻣﺎﺭﯨﺠﯩﯟﺍﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﭘﯘﻧﯩﻴﺪﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥﺑﯘﻟﯘﭖ، ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ماكىتا تائىيو (收田谛亮) ، ناكامۇرا خاجىمې (中村元) ﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻﻫﯩﺪﻩ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ « ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺩﯨﻦﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ » ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ.

  ﺑﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ 20- ﺋﻪﺳﺴﯩﺮﻧﯩﯔ 80- ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘ ھەقتە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥﺑﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺗﯘﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﺎﺭﻩﻛﺘﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ.  بۇلاردىن ئىبراھىم مۇتىئى، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئابدىرىھىم سبىت ، ﺋﯩﺴﺮﺍﭘﯩﻞ ﻳﯜﺳﯜﭖ ،ﻏﻪﻳﺮﻩﺗﭽﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ، ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىرلارنى ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﯩﺴﻮﺭ ﺋﺎﺑﺪﯛﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘھەﻣﻤﻪﺗﺌﯩﻤﯩﻦ« ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﻮﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰﺋﯩﻠﻤﻲ ﮊﯗﺭﻧﯩﻠﻰ » ﻧﯩﯔ -1981 ﻳﯩﻞ 3- ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ « ﻗﻪﺩﯨﻤﻘﻰ ﻛﯚﺳﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺗﻪﭘﭙﻪﻛﻜﯘﺭﻯ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯟﺍ ھەققىدە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺎﺭﯨﻴﻪ ﻳﺎﺯﺩﻯ. ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ 1997- ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﺷﯩﺮﻗﯩﻠﻨﻐﺎﻥ « ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻣﻮﻣﻰﺑﺎﻳﺎﻥ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻴﺴﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﭘﻪﺳﺴﻪﻝ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﺪﻯ ھەم ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻨﻰ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﺷﻪﺧﯩﺲ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﺎﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ.2003-ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻧﻪﺷﯩﺮىيات ﺳﻮﺩﯨﮕﯩﺮﻯ، ﺷﺎﺋﯩﺮ ئەركىن ئىبراھىمنىڭ تەلىپىگە ئاساساسەن مەن ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ « ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﺩﺩﺍﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﭘﭽﯩﻨﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻳﺎﺗﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻝ ﯞﻩ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﯘﺩﺩﻩﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻕ ﯞﻩ ﻛﻪﯕﻠﯩﻚ ﺟﻪھەﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﺩﻩﭖ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ھەر ھالدا  ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﭖ ﻧﻪﺷﯩﺮﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ھەققىدىكى تۇنجى خاس ئەسەر بۇلۇش  ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﻼﺭﻧﻰﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ  ھەققىدە ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﻧﯘﻡﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ- ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﮔﯜﺭﯗﭘﭙﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻰﯞﻩ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡﺭﺍﻳﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ-ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭺ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﺋﻮﻗﯘﺗﯜﺵ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺶ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﻧﻪﺷﯩﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2003- ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ 7- ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ2- ﻗﯩﺴﯩﻢ «ﺗﯩﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ» ﺩﻩﺭﺳﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟۈپ ، پۈتۈن ئۇيغۇرئاپتونوم رايون بويىچە مىللىي تىلدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆتۈلمەكتە .

  نىھايەت،ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯩﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ 1700 ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﭼﺎﯓ ﺗﻮﺯﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻣﯜﻟﮕﻪﻥﺳﯩﻴﻤﺎﺳﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥﺋﻪﮔﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﺎﻱ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﯞﻩ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩق ئەجىر-مېھنەتلەر ئارقىلىق ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯘﭖ ، ئالىم ھەققىدە مەخسۇس ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ھەم دەرسلىككە كىرگۈزۈلۈپ، كۇماراجىۋادىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى مەشھۇر ئالىمنىڭ  ﺋﻪﯞﻻﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪﯞﯨﭙﯩﮕﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ .


  دۇرۇس ،بۇنى بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى نۇقتىسىدىن بىر تۈرلۈك يېڭى مۇۋەپپەقىيەت دەپ قارىغاندىمۇ كۇماراجىۋادىن ئىبارەت بىر بۈيۈك دۇنياۋى ئالىمنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۈچۈن بۇنداق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ قىلچە ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقى كىشىنى ئويغا سالماي قالمايتتى.بۇنداق بىر ئەھمىيەتلىك ئىلمىي ئەمگەكنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن بىر ئىزدەنگۈچى ئاز-تولا مەنىۋى مەدەتلەرگەئېرىشىش تۈگۈل ھەتتا خالىغانچە سۈرگۈن قىلىنىش، ئون ئايلاپ ئىش ھەققىنى ئالالماي سوغۇق مۇئامىلىلەرنىڭ زەربىسىدىن تەنلىرى تىترەپ، تالاي ۋاقتى ، زېھنىنى ئەمەلدارلارنى ئىزدەش، ئۇلارنىڭ بوسۇغىسىدا كۈنلەپ-كۈنلەپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرۇش،خۇددى تىلەمچىلەردەك ئۇلاردىن شاپائەت تىلەش بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزىۋېتىشكە مەجبۇربولدى.

  مۇبادا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ناھىيىسىدىن يېتىشىپ چىققان كۇماراجىۋا بۇددا دىنى  مەدەنىيىتى كاتاگورىيىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان تارىخ ،بۈگۈن ، كەلگۈسىنىڭ ئومۇمىي ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالىغۇدەك ئىدىيىۋى سىستېما قۇرۇلۇشىنى رۇياپقا چىقىرالمىغان بولسىدى بۈگۈنگەقەدەر تارىخ بېتىدىن ئاللىقاچان سۈپۈرۈپ تاشلانغان بولاتتى.نېمە ئۈچۈن 1983-يىلى10-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ياپونىيە پايتەختى توكيودا كۇماراجىۋاتۇغۇلغانلىقىنىڭ 1650يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدۇ؟

  يەنەنېمەئۈچۈن «1994- ﻳﯩﻠﻰ 8-،9- ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻱ ﻧﺎھﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ1650 ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﻪﺵﺧﻪﻟﯩﻘﺌﺎﺭﺍ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ مۇھاكىمە يىغىنى ﯞﻩ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻣﯩﺲ ھەيكىلىنىڭ يۇپۇقىنى ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ، ﻳﺎﭘﻮﻧﻴﻪ، ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ، ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ،ﺗﻪﻳﯟﻩﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ 140 ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺲ-ﺋﺎﻟﯩﻢﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺟﺎھاﻧﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ ﯞﻩﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ يۇقىرى باھا بېرىدۇ؟ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ- ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ- ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺳﺎﻳﺎھەﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻧﻰ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻛﯚﺭﻣﻪﻱ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻣﯩﯖﺌﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ  3.10ﻣﯧﺘﯩﺮﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ 1800 ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻡ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯧﻨﯩﻖ ﻗﻮﯕﯘﺭ ﺭﻩﯕﻠﯩﻚ ﻣﯩﺲ ھەﻳﻜﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺨﯩﻼﺱ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭىدۇ؟ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﻳﺎﭘﯘﻧﻴﯩﺪﯨﻜﻰ 40 مەشھۇر ئالىم ﻛﻮﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍ ﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﯩﻨﺪﯗ؟ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﯘﮔﻤﻪﺱ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻧﻠﻪﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﺷﯚھﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩﻩﯞﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﯨﻢ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﻠﯩﻚ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﯧﺮﯨﺪﯗ.»

   بەلكىم باي ناھىيىسىنىڭ قىزىل مىڭئۆيىدە 1994-يىلى كۈزدە ئۆتكۈزۈلگەن شۇ قېتىمقى يىغىن ھازىرغىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە چاقىرىلغان كۆلىمى ئەڭ زور، قاتناشقان دۆلەت ۋە رايون سانى ئەڭ كۆپ ، قاتناشقان مۇتەخەسىس ۋە ئالىملارنىڭ ساپاسى ئەڭ يۇقۇرى، ئىلمىي ئەھمىيىتى ۋە رېئال قىممىتى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق خەلقئارالىق يىغىن بولۇشى مۇمكىن.

مۇبادا كۇماراجىۋا ئاقسۇ دىيارىدىن يېتىشىپ چىقمىغان بولسا ﻳﺎﭘﻮﻧﻴﻪ،ﻛﻮﺭﯨﻴﻪ،ﻓﯩﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ، ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ،ﺗﻪﻳﯟﻩﻥﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﻪﭘﻪﺭﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺲ- ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻛﯘﻣﺎﺭﺍﺟﯩﯟﺍﻧﯩﯔ ﺟﺎھﺎﻧﺸﯘﻣﯘﻝ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﯞﻩﭘﯩﻘﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺗﯘﻟﯘﻕﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﯞﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ باھا بېرىش مەقسىتىدە ئاقسۇغا قەدەم باسارمىدى ؟ ئۇلارنى ئاقسۇغا باشلاپ كەلگىنى  قانداقتۇر ئاقسۇنىڭ جانابىي رەھبەرلىرى ھاياجان بىلەن سۆزلەيدىغان ئاقسۇنىڭ يىلدا مانچەپىرسەنىتلىك سۈرئەت بېلەن ئېشىۋاتقان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى، شۇنچە ماختىغانغا تۇشلۇق تۈزۈك كۆلەم شەكىللەندۈرەلمەيۋاتقان سانائىتى ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقانغا يارىشا مىللىي ئۆزگىچىلىكىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان بىرى –بىرىدىن پەرىق قىلمايدىغان سانائەتنىڭ تازدەك شەھەرلىرى، يەرلىك خەلقلىرىگىلا ئەمەس ئۆزگە يۇرىتتىكىلەرگىمۇ نەپ بېرىۋاتقان تەبىئىي گېزى ، ئەينى ۋاقىتتا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىكىلەرگە تارتۇق قىلىنىدىغان ئونسۇنىڭ خۇش پۇراقلىق نومى گۈرۈچى ، جاھانغاداڭلىق كۇچانىڭ قارا كۆل كۆرپىسى ، شايارنىڭ قەلەمتىرىچى ، كەلپىننىڭ چامغۇرى،ئاۋاتنىڭ مۇسەللىسى ، باينىڭ سېرىق قىچى مېيى ۋە ئاللىقانداق نەرسىلىرى ئەمەس بەلكى دەل دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە كۇماراجىۋادىن ئىبارەت كاتتا ئالىمى ئىدى.

ئەشۇنداق ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قۇچقان بىر تارىخىي شەخىسنىڭ سىيماسىنى قايتا يورۇتۇشتا مەخسۇس تۈر تۇرغۇزۇپ، ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن مەخسۇس راسخوت ئاجرىتىپ ، ئالاقىدارمۇتەخەسىسلەرنى تەشكىللەپ ،بۇ ئالىمنىڭ ئەينى يىللىرى كۇچادىن كەشمىرگىچە ؛ يەنەكۇچادىن شىئەنگىچە بولغان قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ باسقان  قەدەم ئىزلىرىنى ئىزدەپ، ماتىرىيال توپلاپ ، بۇھەقتىكى تەتقىقاتلارغا شارائىت ھازىرلانغان ھەم ئەمەلىي ئەمگەك مېۋىلىرى رۇياپقاچىقىرلغان بولسا ئاندىن بۇ ئالىمنىڭ شانۇ-شەۋكىتىگە تۇشلۇق ئىش قىلىنغان بولاتتى.

ۋاھالەنكى ،ماتېرىيال مەنبەسى قىس ، ئۇچۇر –ئالاقە راۋان بولمىغان ئەشۇ يىللاردا ھۆكۈمەتتارماقلىرىدىن بىر تىيىن راسخوت تەلەپ قىلماي تۇرۇپ ئۆز يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ گەنسۇ، سەنشى، بېيجىڭ قاتارلىق ئۆلكە-شەھەرلەردىن كىتاب ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىپ؛ مۇناسىۋەتلىك  لۇغەت مەنبەلىرى  كەم بولغان ئەھۋالدىمۇ قەدىمكى زامان خەنزۇتىلىغا چېتىشلىق بىر قىسىم تارىخى تېرمېنلىرىنى توغرا مەنىسى بويىچە ئىپادىلەشتە قىيىنچىلىققا يولۇقسام ئېرىنمەي شۇساھەدىكى خەنزۇ زىيالىيلىرىنى ئاتايەن ۋېلىسپىت ياكى پىيادە بېرىپ ئىزدەپ تېپىپ ئۇلاردىن ياردەم سوراپ؛ بىر قىسىم قەدىمقى نوم-بېتىكلەرنىڭ نامىنى ئۇيغۇرچەبېكىتىشتە ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلىرىنى ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلىرىمغا خەت يېزىپ ،ساۋاقداشلىرىم  ئاتايەن ئالاقىدارمۇتەخەسىس -ئالىملارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ياردەم سوراپ جاۋاپ ئېلىپ، ساۋاقداشلىرىمنىڭ جاۋابىدىن يەنە خەت ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ؛ 13يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ مىڭ بىر بالالىقتا يورۇقلۇققا چىقارغان ئەشۇ ئىلمىي ئەمگەك مېۋىسى يارلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئانچەنەزەرگە ئېلىنمىدى. ئەشۇ ئىلمىي ئەمگەك بەدىلىگە كەلگەن بىر مىڭ 300يۇەن قەلەم ھەققىنى 13يىلغا چاچسا يىلىغا ئاران يۈز يۇەندىن توغرا كەلدى دېگەن گەپ. ئەشۇئازغىنە پۇل بىر ئادەمنىڭ 13يىللىق ئىزدىنىشىگە قانچىلىك دال بولماقچى؟ ئۇ ھەتتا كىتاب-ماتېرىيال، پوچتا ھەققى، قەغەز ،سېيا پۇلى ئەمەس ئاددىيسى ماتېرىيال نۇسخىلاشقىمۇ  يېتەمدۇ- يوق؟


ئەمما،مېنىڭ « بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا »ناملىق كىتابىم 2003-يىلى5- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر  قىلىنىپ،تۇنجى نەشرىدە بەش مىڭ نۇسخا تارقىتىلىپ ئارىدىن قاق بەش يىل يەتتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم،كۇچا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىر تۇتاش پىلانلاپ نەشىرگە تەييارلىغان «كۇماراجىۋانىڭ تەرجىمىھالى »ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر  قىلىنىپ تۇنجى نەشرىدە ئۈچ مىڭ  نۇسخا تارقىتىلدى . ئەمما، شۇ كىتابنىڭ خەنزۇچەنۇسخىسىنى  پىلانغا ئېلىشتىن تارتىپ نەشىرقىلىنىشقىچە بولغان ئارىلىقتا نەچچىلىگەن ئادەم كۇچادىن يولغا چىقىپ،كۇماراجىۋا ئەينى يىلى يىپەك يولىدا قالدۇرغان قەدىمىي ئىزلارنى بويلاپ ،گەنسۇدىكى دۇنخۇاڭ ،جاڭيې ، ۋۇۋېي؛ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىئەن شەھرى ۋە لۇشەن ناھىيەلىرىگىچە بولغان نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىقمۇ ساپىنى بېسىپ،بارغانلىكى جايدا كۈنلەپ تۇرۇپ ماتېرىيال يىغدى،سۆھبەت يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، شۇ جاينىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، ئېتنىگررافىسى بېلەن تونۇشتى. بۇسەپەر ئايلاپ داۋاملاشتى.شۇنچە ئادەمنىڭ ياتاق-تاماق راسخودى، كوماندىروپكا چىقىمى،كىتابنىڭ ئورگىنالىنى تۇرغۇزۇش، تۈزىتىش، نەشىرگە تەييارلاشقىچە بولغانجەريانلاردا چىقىم بولغان راسخودلار بەلكىم كەم بولغاندىمۇ نەچچە ئون مىڭ يۇەندىن كەم بولمىسا كېرەك.بەلكىم شۇ كىتابنىڭ خەنزۇچىسىنى يېزىشقا قاتناشقانلارنىڭ بەزىلىرى يىللىق باھالاشتا شۇ نەتىجىسى ئۈچۈن ئىلغار باھالانغان بولۇشى مۇمكىن،بەزىلىرىنىڭ ئۇنۋانى ۋە مەنسەپ تاجى ئۆسكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.

ئەمما ، شۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يازغان ئاپتور ئۇچرىغان مۇئامىلە ۋە قىسمەتلەر دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ چىقتى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مالىيە جەھەتتىن بىر تىيىنلىق قوللىشى،مەنىۋى جەھەتتىن بىرەر ئېغىز  رىغبىتىگە ئېرىشىش ئەمەس ئەكسىچە يەكلىشى،سۈرگۈن قىلىشى، خورلىشىغا ئۇچرىدى.بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە ئاپتوردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىدا ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتى بېلەن شۇغۇللىنىشى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئېرىشمەكتە يوق چەكلەنگەنمۇ-قانداق ؟ چەكلەنمىگەن ھالەتتىمۇ بۇ جەھەتتە قوش ئۆلچەم تۈزۈمى يولغاقويۇلغانمۇ قانداق ؟دېگەندەك گۇمانىي سۇئاللارنىڭ تۇغۇلىشىغا  سەۋەب بولماي قالمىدى.

يەنە كېلىپ ئەسلى ۋەسلىدىن بەش نامازنى تەرك قىلماي كەلگەن، ھەتتا  ھەرەمگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلگەن سادىق مۇسۇلمان پۇشتىنىڭ پەرزەنتى بولغان مەندەك بىر زىيالىينىڭ ئىسلام ئەقىدىلىرىگە يات بولغان بۇددىزم ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشىمۇ كىشىدىن بىر خىل جاسارەت ۋە بەدەل تەلەپ قىلىدىغان ، تەۋەككۈلچىلىك تۈسىنى ئالغان زىل ئەمگەك ئىدى.دېمىسىمۇ مەيلى ئىنتېرنېت تورى ياكى رېئاللىقتا بولسۇن ئاپتورئۇچرىغان بۇ جەھەتتىكى ھاقارەت ۋە بېسىملار ئاز ئەمەس ئىدى.ئەجابا ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ئەمەلدارلار شۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى چۈشەنسىمۇ قەستەن چۈشەنمىگەن (« كۇماراجىۋانىڭ تەرجىمىھالى »ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىنى نەشىر قىلىش ئىشىغا شۇنچە كۆپ مالىيە كۈچى، ئادەم كۈچى ئاجراتقىنىغا قارىغاندا تولۇق چۈشىنىدىكەن) قىياپەتكە كىرىۋالغان ھالەتتىمۇ ئاپتورنىڭ سادىق مۇسۇلمان پۇشتى تۇرۇپ  تەتقىقاتتا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاتىزىملىقچاقىرقىغا ئاۋاز قوشقان ئاساستا ئىپادىلىگەن ماركىسىزملىق مىللەت قارىشى ۋە دۇنياقارىشى نېمىدەپ ماركىسىزم نەزەرىيىلىرىنى تۈپ يېتەكچى ۋە دۆلەت ئاساسى قىلغان بىردۆلەتتىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىلچە نەزىرىگە ئىلىنمايدۇ؟ ئەكسىچە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاتىزىملىق چاقىرقىغا ئاۋاز قوشقان ئاساستا ئىپادىلىگەن ماركىسىزملىق مىللەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى يەنە شۇ ماركىسىزم نەزەرىيىلىرىنى تۈپ يېتەكچى ۋەدۆلەت ئاساسى قىلغان بىر دۆلەتتىكى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىلچە نەزىرىگە ئىلىنماقتايوق ئەكسىچە خالىغاندا يۆتكەپ ئوينايدىغان ، ئۆز بېشىمچىلىق بېلەن ئىش ھەققىنى كەينىگە سۆرەيدىغان ھەتتا جۇمھۇرىيەتنىڭ مۇقەددەس قانۇندا بەلگۈلەنگەن ئاپتورلۇق ھوقۇقى ۋە يىغىلىش،ئۇيۇشۇش ھوقىقىنىمۇ خالىغاندا بۇغۇپ ئوينايدىغان موللا بوزەككە ئايلىنىپ قالسا بۇنىڭغا نېمەدېگۈلۈك؟ جوڭگۇنىڭ زىيالىسى  بولۇپ قالغانلىق شۇنچە گۇناھمۇ؟ئەجىبا ئۇيغۇرلاردىن زىيالىي چىقماسلىقى، ئۇلار ئۆگەنمەسلىكى، كىتاب ئوقۇماسلىقى، تەپەككۇر قىلماسلىقى،سۆزلىمەسلىكى، كۆرمەسلىكى، يازماسلىقى پەقەت كالىدەك يەپ-ئىچىش ۋە ئىشلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھايۋان بولۇشى كېرەكمۇ؟

ئەجىبا بۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى»نىڭ4-ماددىسىدىكى « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىدە ھەممە مىللەت باپباراۋەر.دۆلەت ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقوقى ۋە مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك ،ئىتتىپاقلىق ،ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى قوغدايدۇ ۋە راۋاجلاندۇرىدۇ.ھەر قانداق مىللەتنى كەمسىتىش ۋە ئېزىشنى مەنئى قىلىدۇ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزۇدىغان ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك قىلدىغان قىلمىشلارنى مەنئى قىلىدۇ»دېگەن مەزمۇنلارنىڭ روھىغا ئۇيغۇنمۇ؟ ئەجىبا مۇقەددەس قانۇننىڭ شۇ ماددىلىرىدىكى مىللىي باراۋەرلىكنىڭ ئىلمىي  تەتقىقات ساھەسىدىكى مىللىي باراۋەرلىكنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدىغانلىقى ھەممىگە ئورتاق ئەقەللىي ئۇقۇم ئىدىغۇ؟

  دائىرىلەر مەندىن شۇنچە ئۆچ ئالغۇدەك  مەن قانداقتۇر شۇنچە يىل ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ تارىختىكى بىرەر سەلبىي شەخىسنى تەتقىق قىلىپ،كىشىلەرنى مالىمانچىلىققا قۇترىتىپ،ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغىنىم يوق.مېنىڭ تەتقىق قىلغىنىم دەل ئەكسىچە غەربىي يۇرت بېلەن ئوتتۇرا ئىقلىم ئوتتۇرىسىدىكى،ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم ئېتنىك تەركىبىنى تەشكىل قىلغۇچى توخرىيلار بېلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىددىكى مەدەنىيەت ئالاقىسىنى يۈكسەك بىر پەللىگەكۆتۈرگەن كۇماراجىۋادىن ئىبارەت ئاز سانلىق مىللەتتىن يېتىشىپ چىققان بىر مەدەنىيەت ئەلچىسىنى ،مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنىڭ بىر ئۈلگىسىنى تەتقىق قىلدىم.جۇڭگونىڭ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئاتاقلىق دۆلەت ئۇستازى،دۆلەت مائارىپچىسى لىياڭ چىچاۋ ئۆزىنىڭ « تەرجىمە ئەدەبىياتى ۋە نوم-سوترىلار»ناملىق ئەسىرىدە «ئۇدۇل تەرجىمە قىلىش ئۇسلۇبىنى تەشەببۇس قىلغۇچى داۋئەن تەرجىمە قىلغان نوملار ئۆلۈك تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا نەچچە ئەسىردىن بۇيان كىشىلەر ئانچە چۈشەنمەي كەلگەنىدى. ۋەھالەنكى، كۇماراجىۋانىڭ قولىدا پۈتكەن نوم-سوترىلار ھەم تۆت تەلىماتلار كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يېپ-يېڭى بىر دۇنيانى زاھىر قىلدى . ئۇنىڭدا ئەدەبىي تۈس بەك قويۇق ، ئۇسلۇبى يەڭگىل، مەزمۇنى يېقىشلىق بولغاچقا ئۇنى ئوقۇماي دېسىڭىزمۇ ئوقۇغۇڭىز كېلىدۇ.» دەپ يېزىپ كۇماراجىۋانىڭ ئىلمىي مۇۋەپپەقىيىتىگە يۇقۇرى باھا بەرسە ، جاڭ شۈيفەن ئەپەندى  : « كۇماراجىۋا ئېلىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلىرىدىن يېتىشىپ چىققان ۋەكىل، جۇڭگونىڭ قەدىمقى دەۋرىدىكى بۈيۈك بۇددا مۇتەپەككۇرىدۇر. ئۇياراتقان مۇۋەپپەقىيەتلەر ئاللىقاچان دىن كاتېگورىيىسىدىن ھالقىپ ، دۇنيانىڭ شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرىشى ۋە جوڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغائالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشتى» دەپ يېزىپ ئۇنىڭ مەدەنىيەت-سىياسىي ئورنىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ.

  دېمەك ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۇماراجىۋادىن ئىبارەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ بۈيۈك ئۈلگىسىنىڭ تارىختىكى ئوبرازىنى قايتا نامايەن قىلىپ، ئۇنى كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىش ۋە دەرىسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈپ ياش-ئۆسمۈرلەرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ،ۋەتەنپەرۋەرلىك،مەرىپەتپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ئاپتورغا قارشى چىققانلىق، ئۇنى جازالىغانلىق ئەمەلىيەتتە،  پارتىيە مەركىزىي كومېتىتى بېلەن قارشى يۆنىلىشتە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا تۈپتىن قارشى چىققانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس!

مارشال:سىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،<<ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت>>،<<خېشىننىڭ يەنە بىر يۈزى>>،<<دېپلۇم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرىزىسى>>،<<بۇلبۇل قوتاندا،ئېشەك بوستاندا>>....ۋە بىر تۈركۈم تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىز توردىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنيادا خېلى كۆپ ئىجابىي تەسىلەرنى قوزغىدى،نۇرغۇن ئەزالارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى،شۇڭا،ئۇقۇرمەنلەر ئارىسدا سىزنىڭ يېزىقچىلىق تۇرمۇشىڭىزغا، ھاياتىڭىزغا ۋە ئۆتكۈر قەلەملەر بىلەن يازغان ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەر ۋە تەرجىمە ئەسىرىڭىزگە قىزىقىدىغانلار تولىمۇكۆپ،مۇشۇ توغۇرلۇق مۇنبەردىكى دوستلارغا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر :ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئاسمان -پەلەك قەد كۆتۈرگەن مۇزلۇق چوققىرلىرىدىن سىرغىپ چۈشۈپ ، ئاتام زامانلاردىن بۇيان تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى مۇنبەت ئېكىنزارلىقنى ھاياتلىق مەنبەسى بېلەن تەمىن ئېتپ كېلىىۋاتقان بىر ئانا دەريا بار. بۇ نامى يىراق-يېقىنغا پۇركەتكەن مەشھۇر دەريا-مۇزات دەرياسىدۇر. مەن ئەنە شۇ مۇزات دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى،ئەسىرلەر مابەينى ياشارتىپ تۇرغان قەدىمىي يۇرت-باي ناھىيىسىنىڭ غەربىدىكى ياقېرىق بوستانلىقىنىڭ بوز كەنتىدىكى بىر ئۇقۇمۇشلۇق دېھقان ئائىلىسىدە 1965-يىلى 2-ئاينىڭ8-كۈنى  يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپتىمەن. ياقېرىقبوستانلىقى شىمال تەرەپتىكى يازدا يامغۇر-يېشىن، قىشتا قار-مۇز ئۆكسىمەيدىغان تەڭرىتېغى بېلەن جەنۇب تەرەپتىكى ئاندا-ساندا ئۇچراتقىلى بولىدىغان چۆل ئۆسۈملۈكلىرىدىن بۆلەك ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان تەكلىماكاننىڭ شىمالىي گىرۋەكلىرىدىكى غەربتىن شەرىققە قاراپ ئۇزۇنىسىغا سوزۇلۇپ ، شىمالدىكى تەڭرىتېغى بېلەن پاراللىل تۈز سىزىق ھاسىل قىلغان چۆلتاغ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ، تەڭرىتېغىنىڭ نەم ئىقلىم ىبېلەن چۆلتاغنىڭ قۇرغاق ئىقلىمى ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ ئۆزگىچە كېلىمات ھاسىل قىلغان سۈيى ئەلۋەك، تۇپرىقى مۇنبەت يۇرت ئىدى.

ئېسىمنى بىلگۈدەك بولسام قاچانلا قارىسا بىر خىل بوزىرىپلا تۇرىدىغان تاقىر تاغلارغا يانداش كىچىككىنە مەھەللىمىز ئاجايىپ قاينام-تاشقىنلىقلارغا ئىگە ئىكەن. ئېتىزبېشىغا قادالغان قىزىل بايراقلارنىڭ جەۋلانىغا جۆر بولۇپ قاينام-تاشقىنلىق ھاسىلقىلغان كوللىكتىپ ئەمگەك مەنزىرىسى،ياغاچ مىلتىق بېلەن قوراللانغان خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ كىنولاردىكىدەك جەبدەس ھەركەتلىرى، يول ئاغزىغا چازا قۇرۇپ ئۆتكەن-كەچكەنلەرنى توسۇپ ماۋزېدوڭ ئۈزۈندىلىرىن ئىمتاھان ئېلىپ، ئىمتاھاندىن ئۆتەلمىگەنلەرنى ئۆتكۈزمەسلىكى؛ يول بويلىرىغا شۇنداق كۆركەم ھالەتتە سېلىنغان «ئۈزۈندە تاملىرى»، مەھەللىمىزنىڭ بۇ بېشىدىن باشلىنىپ يەنە بىر چېتىدىن چىقىدىغان ئەگرى-بۈگرى لەخمىلەر، مەھەللە بويلاپ سوزۇلغان يولنىڭ قاپ بېلىگە شۇنداق كۆركەم ھالەتتە سېلىنغان زىننەت دەرۋازىسى...مانا بۇلار مەھەللىمىز بالىلىرىنىڭ سەبىي قەلبىگە ئەرمەك ئويۇنلاردەك ئاجايىپ ئۆچمەس يالدامىلارنى قالدۇرغانىدى.

  يازدا مەھەللىدىكى بالىلار بېلەن گاھ قاشلىرى ياپيېشىل ياۋا ئوت-چۆپلەرگە پۈركەنگەن ئەگرى-بۈگرى ئېقىن ياساپ لۆمشۈپ ئاقىدىغان ئۆستەڭ سۈيىگە چۆمۈلسەك، قىشتا ئىتلىرىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ ساي بويلىرىدا توشقان قوغلايتتۇق؛ گاھ مەھەللىنى چاڭكەلتۈرۈپ ھەربىي-دۈشمەن ئويۇنى ئوينىساق گاھ خامان بېقىۋاتقان بوۋايلاردىن قىسسە ئاڭلايىتتۇق. يەنە كېسەك ئۆينىڭ تېمىدىكى قوزۇققا ئېسىپ قويۇلغان كونا رادىودىن پاشا ئىشان، داۋۇتجان ناسىر،مۇساجان روزىلارنىڭ مۇڭلۇق خەلق كۈيلىرى بىلەن ئۇزۇن تۈنلەرنى تۈڭلۈكتىن جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا قاراپ ياتقىنىمچە ئاپام ئېيىتقان چۆچەكلەر قوينىدا ئۆتكۈزۈش بالىلىقىمغا ئۆزگىچە مەنىلەرنى ئاتاقىلاتتى.بولۇپمۇ مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك سانىلىدىغان ناھىيە بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە ئاكام مەھەللىمىزگە يىلدا پەقەت بىر-ئىككى قېتىملا كېلىدىغىنىغاقارىماي ھەر قېتىم كەلگىنىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئەكىلىپ بېرەتتى.« قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە» ، « قاناتلىق خەت » ، « گاۋيۈباۋ » دېگەندەك كىتابلار مەن ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى. بۇ ھال مېنىڭ بالىلىق قەلبىمگە ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ئىشقىنى سالغانىدى.

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا مۇشتۇمدەك تۇرۇپ يوتقان-كۆرپە ۋە بىر كىچىك ساندۇقنى ئېشەك ھارۋىسىغا سېلىپ ئۆيىمىزدىن ئوننەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يېزا مەركىزىگە جايلاشقان ياتاقلىق مەكتەپكە يول ئالدىم. ئېشەك ھارۋىسىنى ھەيدەپ مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويماقچى بولغان تاغام بۇمېنىڭ مەھەللەمدىن ئايرىلىپ يۇقۇرلاپ ئوقۇپ ئاخىر چوڭ شەھەرلەردە خىزمەت قىلىدىغان كادىر بولۇپ قېلىشىمنىڭ نىشانى ئىكەنلىكىنى ئېيىتقانىدى.

  كېيىنكى رېئاللىق ئەشۇ رەھمەتلىك تاغامنىڭ دېگىنىدەك بولۇپ چىقتى. شۇ يوسۇندا تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەھەللىمىزدىن 60 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە مەركىزىگە جايلاشقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇدۇم. ئۇ چاغلاردا يېزىمىزدىن ناھىيە بازىرىغا قاتنايدىغان مەخسۇس قاتناش يوق ئىدى. تەتىل ھەم بايراملاردىكى ئۆيگە بېرىپ-كېلىشتە گاھ كۆمۈر توشۇيدىغان ماشىنىلارنىڭ كوزۇپىدا سوغۇقتا دىر- دىر تىترەپ ، گاھ تىراكتورنىڭ چاتما كوزۇپى ئۈستىدە ئىسسىقتا تەرلەپپىشىپ دېگەندەك قاتنايتۇق.ھەتتا 130 كىلومېتىرتدىن ئارتۇق مۇساپىنى ۋېلىسپىت مىنىپ بېرىپ كەلگەن ۋاقتىممۇ بولغانىدى.

     شۇنداق جاپالىق شارائىتلارغا چىداپ ئوقۇپ 1983--يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن ئەلا نەتىجە بېلەن ئۆتۈپ شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرىشىغا ئېرىشتىم. شۇنداق قىلىپ مەن بىزنىڭ جەمەتىمىز ھەم ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىمىز ئىچىدىلا ئەمەس يەنە بوز كەنتىمىز بويىچىمۇ تۇنجى سىتودېنىت بولۇپ قالغانىدىم. ئۇقتۇرۇشتا بىزنىڭ ئاۋال قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكولتېتىدا مەخسۇس ئىككى يىل خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇيدىغانلىقىمىزيېزىلغاچقا 1983-يىلى 10-ئايدا قەدىمىي شەھەر قەشقەرگە قاراپ يول ئالدىم. 1985-يىلى  قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ئككى يىللىق خەنزۇچە تەييارلىق مۇساپىمىزنى غەلىبىلىك تاماملاپ ، قالغان ئوقۇشىمىزنى شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدا داۋاملاشتۇرۇشتەك شېرىن چۈشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقىنىمىزدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بېلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدىن بىزنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشقا كەلگەنلەر ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولۇپ قالغانلىقىتىن بىزنىڭ  شاڭخەي فۇدەن ئۇنۋېرسىتېتىدا ئوقۇش پىلانىمىزنىڭ كۈچتىن قالغانلىقىنى ، قالغان ئوقۇشنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە  ئوقۇيدىغانلىقىمىزنى ئۇقتۇردى.

   شۇنداق قىلىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۇنۋېرسىتېتتا خەنزۇ تىلى تەييارلىق سىنىپىدا ئوقۇپ ،شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۇنۋېرسىتېتتا كەسىپ ئوقۇشتەك باشقىلار ئاسان قوبۇل قىلالمايدىغان  بۇ مۇشەققەتلىك ئوقۇشمۇساپىسىنى 1989-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ ، ھازىرغا قەدەر ئىلگىر- ئاخىربولۇپ ئاقسۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك رادىئو –تېلېۋىزىيەئىدارىسى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتىتىغا قاراشلىق مىللەتلەر ئىتتىپاق ژۇرناللىرى نەشىرىياتى شىنجاڭ شۆبىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئىشخانىسى ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۆكەرتىش كومېتىتى ئىشخانىسىدا تەرجىمان ، تەرجىمە تەھرىرى، كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى،مۇدىر ياردەمچىسى ، مەمۇرىي خادىم بولۇپ ئىشلەپ كەلدىم.

   بۇ جەرياندا تالاي يىللار ئۆتتى ، مەندە تالاي ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۆزۈمدىكى تالاي نەرسىلەردىن ۋاز كەچتىم ، يەنە تالاي يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلدىم. ئەمما ، ئۆزۈمدىكى مۇنداق ئىككى نەرسىدىن ۋاز كېچەلمىدىم : بۇنىڭ بىرى ئۇنتۇلماس بالىلىق خاتىرلىرىم قالغان ئەشۇ بوز تۇپراق .يەنە بىرى  ئەشۇ بوزتۇپراقتىكى مېنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرگەن ، چوڭ بىلگەن ، مەندىن تالاي ئۈمۈتلەرنى كۈتكەن ، خۇرسەنلىك، خۇرسىنىش، گاڭگىراش، ئىزتىراپلىق نەزىرى بېلەن مەندىن جاۋاب ئىزدەۋاتقان سەبى، ئاقكۆڭۈل يۇرتداشلىرىم ئىدى.

    ھەر قېتىم يۇرتداشلىرىمنىڭ ئەشۇ ھالىتىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم ئازاپلىق خىياللارغاپاتىمەن. ئۇلارغا ھېچقانداق بىرەر ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلمىگەنلىكىمدىن پۇچىلىنىمەن-دە ئۇلارنىڭ تەگسىز سۇئاللىرىغا جاۋاب تېپىش ئىستىگىدە قەلەمنى بولسىمۇ قولۇمغا ئېلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇ تەرىزدە يازغان يازمىلىرىمدىن پۈتۈلگەن  « بۈيۈك بۇددا ئالىمى كۇماراجىۋا» بىلەن « مىڭئۆيلەر ، سىلەرگە يۈز كېلەلمەيمىز » ناملىق ئىككى كىتابىم 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلنىپ تارقىتىلدى. ئالدىنقى كىتابىمدىن ئېلىنغان شۇ ناملىق تېكىسىت 7-يىللىقلار ئۈچۈن تۈزۈلگەن 2-قىسىم « تىل-ئەدەبىيات »دەرسلىكىگە تاللاپ كىرگۈزۈلدى، كېيىنكى كىتابىم ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ ياخشى كىتاب مۇكاپاتى» غا نائىل بولۇپ ماڭا قارىغاندا بوزتۇپراقتىكى يۇرتداشلىرىمنى تېخىمۇ خۇرسەن قىلدى. ھەر قېتىم تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇمغا بارغىنىمندا ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسىتىۋاتقان ئىلتىپاتلىرىدىن مەن بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ تولۇق ھېس قىلىمەن-دە ئۆزۈمنى ئۇلار ئالدىدا تېخىۇ قەرزداردەك ھېس قىلىپ قالىمەن.

  ئەنە شۇنداق قەرىزدارلىق ھېسىياتى مېنى توختىماي قەلەم تەۋرىتىشكە ئۈندەپ كەلدى.

مارشال:سىز ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئۇقۇغان بىر ئىقتىساس ئىگىسى،سىزنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىڭىزغاتەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەر بۇلۇشى مۇمكىن،مۇشۇ مەۋقەدە تۇرۇپ،كىچىك ۋاقتىڭىزدىكى ئارزۇ -غايە ۋە ھازىرقى رېئاللىق ئۈستىدىكى ھايات كەچمىشلىرى  توغۇرلۇق توختۇلۇپ  ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : يۇقۇرقى جاۋابدىمۇ دەپ ئۆتتۈم.مېنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىمغا تۇنجى قېتىم تەسىر كۆرسەتكەن كىشى بالىلىق دەۋرىمدىكى مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك سانىلىدىغان ناھىيەبازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە ئاكام –پەرھاد رۇستەم ئىدى. نەۋرە ئاكام –پەرھاد رۇستەم مەھەللىمىزگە يىلدا پەقەت بىر-ئىككى قېتىملا كېلىدىغىنىغا قارىماي ھەر قېتىم كەلگىنىدە نۇرغۇن كىتابلارنى ئەكىلىپ بېرەتتى.« قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزە» ، «قاناتلىق خەت » ، « گاۋيۈباۋ » دېگەندەك كىتابلار مەن ئەڭ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان كىتابلار ئىدى. بۇ ھال مېنىڭ بالىلىق قەلبىمگە ئەدەبىياتقا بولغان كۈچلۈك مۇھەببەت ئىشقىنى سالغانىدى.

   يەنە شۇ چاغدىكى دەرىسلىك كىتابلارغا كىزگۈزۈلگەن « كىچىك قەھرىمان يۈلەي» دېگەن تېكىسىتنىمۇ تويماي تەكرار –تەكرارئوقۇيۇتتۇم. چۈنكى، بىزمۇ يۈلەيدەك مەھەللىدىكى بالىلار بېلەن قاشلىرى ياپيېشىل ياۋا ئوت-چۆپلەرگە پۈركەنگەن ئەگرى-بۈگرى ئېقىن ياساپ لۆمشۈپ ئاقىدىغان ئۆستەڭسۈيىگە ئۆزىمىزنى تاشلاپ ، گاڭ چۆكۈپ-گاھ لەيلەپ ئۈزۈپ ئوينايىتتۇق. زۇنۇن قادىرنىڭ « ماغدۇر كەتكەندە » ھېكايىسىدىكى باقى ئوبرازى ھازىرقىدەك كۆز ئالدىمداتۇرۇپتۇ.بولۇپمۇ باقىنىڭ چۆچۈرىدەك بالىلىرىنىڭ غۇربەتچىلىك دەستىدىن قازاندىكى نەگۆش نە ماي دىدارى يوق غورىگىل تاماقنى بىر-بىرىدىن قىزغىنىشىپ تالىشىپ يەۋاتقاندىكى بىچارە ھالىتى ، باقى ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كىرلەشكەن يۈزلىرىنى بويلاپ سىرغىپ چۈشكەن ئاچچىق ياشلىرى ھېلىھەم يۈرەك باغرىمنى ئېزىدۇ.نېمىشقىدۇر لۇشۈننىڭ «يۇرتۇم » ھېكايىسىنى ئەسلىسەم مەھەللىمىزدىكى كۆل بويىغا جايلاشقان كونا ئۆيىمىز ئېسىمدىن كېچىدۇ.ئەشۇ كونا ئۆيدە مەنمۇ دوسىتلىرىم بېلەن خۇددى لۇشۈن بېلەن روڭتۇ قىشتا قار ياغقاندا باسماق قۇرۇپ قۇشقاچ تۇتۇپ ،يازدا تاۋۇزلۇقتا ئارا بىلەن سېسىق كۈزەنلەرنى سانجىپ ئوينىغانغا ئوخشاش خوشال كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەن.20يىلدىن كېيىن لۇشۈن ئۆز يۇرتىغا بارغىنىدا بالىلىقتىكى شوخ،غۇبارسىز روڭتۇنى ئەمەس، بېشىغا ئەسكى كىگىز مالخاينى ،ئۇچىسىغا ئۇزۇن كونايەكتەكنى كىيىۋالغان، ئۇزايىدىن نامراتلىق، بىچارىلىق چىقىپ تۇرغان ،جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بۇتقا باش ئۇرۇپ شەپقەت تىلەيدىغان روڭتۇنى كۆرۈپ چوڭقۇر ئۇھ تارتقاندەك، مەنمۇ تەقدىرى كاج كېلىپ كىچىككىنە تۇرۇپلا يېزىنىڭ ئايىغى چىقماس قارا ئەمگىگىدە پۇچۇلىنىپ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە بالدۇرلا قېرىپ مۈكچىيىپ قالغان تەڭتۇشلىرىمنى كۆرسەم چوڭقۇر ئازاپلىنىمەن.

   تولۇقسىزئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا «تارىم» ژۇرنىلىدا ئوقۇغان   مۇھەممەت باغراش ئاكىنىڭ « ساۋاب »ھېكايىسىنىڭ ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى ھازىرغىچە ئۇنتۇمايمەن. تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن مەكتەپ مېنى 1988-يىلى « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» ئىدارىسىگە پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇردى. شۇ چاغدا مۇھەممەت باغراش ئاكا شۇ گېزىتتە ئەدەبىي تەھرىر ۋە مۇخبىر ئىكەن. شۇ جەرياندا مۇھەممەت باغراش ئاكا بىلەن يېرىم يىلغا يېقىن بىرگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، بۇ مۆھتەرەم يازغۇچىدىن ئەدەبىيات، تۇرمۇش،كىشىلىك قاراشھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ھەم بۇ يازغۇچىنىڭ ۋاستىسى بېلەن نۇرغۇنداڭلىق يازغۇچى، شائىرلار ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەرباپلار بىلەن تونۇشتۇم ۋە ھەمسۆھبەتتە بولدۇم.

   ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يازغۇچىنى تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە مەن يەنىلا چىڭغىز ئايىتماتوفنىتىلغا ئالماي تۇرالمايمەن. ئۇنۋېرسىتېتتىكى چېغىمدىلا بۇ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ۋەئىدىيىسى بېلەن تونۇشۇشقا باشلىغانمەن.ئۇنىڭ «ئاق پاراخوت»،«جەمىلە»،« تۇنجى مۇئەللىم»،« يەر ئانا» ۋە « سەرۋى قامەتلىك دىلبىرىم» پوۋېسىتلىرىدىكى كىشىقەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تەسۋىرلەر ھېلىھەم مېنى ھاياجانغا سالىدۇ.ھېلىمۇئېسىمدە ، باش ياز ئايلىرىنىڭ بىرىدىكى يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشتا ياتاقتىن چىقىپ،مەمۇرىيەت بىناسىنىڭ كەينىدىكى بىر خالىي بۇلۇڭدا ئولتۇرىۋېلىپ چىڭغىز ئايىتماتوفنىڭ«يەر ئانا» پوۋېستىنى ئوقۇشقا باشلىدىم.ئوقۇپ ئانىنىڭ بىر ئۇرۇش مەيدانىدىن يەنەبىر  ئۇرۇش مەيدانىدانىغا ماڭغان ئوغلىنى كۆرۈۋېلىش ئۈچۈن ۋوگزالغا بېرىپ قۇيۇندەك تېز كېتىۋاتقان پويىز دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ ئۆزىگە قاراپ بىر نېمىلەرنى دەپ ۋاقىراۋاتقان ئوغلىنىڭ سىيماسىنىڭ ھايىت-ھۇيىت دېگۈچە غايىپ بولغان يېرىگە كەلگەندە كۆزلىرىمدىن مۇنچاقتەك ياشلارتۆكۈلگەنىدى. ئومۇمەن چىڭغىز ئايىتماتوفنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان بارلىق ئەسەرلىرىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇدۇم ۋە چىڭغىز ئايىتماتوفقا ئائىت بارلىق ماتېرىياللارنى يىغىپ ساقلىدىم.

     ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىدىن ئەختەم ئۆمەرگە ئالاھىدە ھۆرمىتىم بار. بۇ يازغۇچىنىڭ دەسلەپكى بىريۈرۈش پوۋېسىتلىرىدا تەكلىماكان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىدام تەسۋىرى پەردازسىز رەۋىشتە سىزىپ چىقىلغان. مەن بۇ يازغۇچى بېلەن بىر نەچچە قېتىم ۋاستىلىق ھالدا ئەسرار بولۇپ باقتىم. كىچىك پېئىل، راست سۆزلۈككەن. قارىسام ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بۇ يازغۇچى ئانچە كۆپ چېلىقمايدىكەن. ئىلمىي-ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ نام-ئەمەل تىزىملىكى ،مۇكاپات تىزىملىكى ياكى  تەھرىر ھەيئەت تىزىملىكى دېگەن يەرلەردىمۇ ئىسىم –شەرىپى ئانچە چېلىقمايدىكەن. بۇ ئادەم ماڭا ئەدەبىيات كوچىسىغا  ساپ قەلبى بېلەن كىرىپ ساپ قەلبى بېلەن چىقىپ كېتىۋاتقاندەكلا تۇيىلىدۇ.

   مېنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىم ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىمغا تەسىر كۆرسەتكەن يەنە بىر موھىم كىشى دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومېتېتى قارمىقىدىكى جۇڭگو مىللەتلەر ئىتتىپاقى ژۇرناللىرى نەشىرىياتى پارىتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋېن شۇجىسى ، مۇئاۋېن باش مۇھەررىرى قوشۇمچە شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇدىرى ئىدرىس بارات ئاكىدۇر .بۇ ئاكىمىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شۇنچە كۆپ زىيالىيلار ئىچىدىن مېنى تاللاپ مەركەزگە يۆتكەپ ئاپارغانىدى. ئەپسۇس مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئاكىمىزنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويدۇم.ئەمما بۇ ئىشلار ھاياتىمنىڭ ۋە ئىجادىيىتىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىپ قالدى.مەن ئىدرىس بارات ئاكىنى ماڭا كۆڭۈل بۆلگەن، مېنى چۈشەنگەن بىردىن بىر ئەمەلدار زىيالىي دەپ قارايمەن. مەڭگۈ ھۆرمەتلەيمەن ۋە سېغىنىمەن.

    مەيلى تولۇقسىزدىكى ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم ئايشەم مۇئەللىم بولسۇن مەيلى ئالىي مەكتەپتىكى يېزىقچىلىق مۇئەللىمىم مۇختار مەخسۇت بولسۇن مەندىن يېزىقچىلىق جەھەتتە ئالاھىدەئۈمىدلەرنى كۈتەتتى.ئۆزۈممۇ تار دائىرىدىكى سىنىپ، سىياسىي، مىللەت ، دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەشنى غايەقىلغان بىر ساپ سەنئەت ئەقىدىسىگە ئىگە يازغۇچى بولۇشنى غايە قىلغانىدىم.

ئەمما ،رېئاللىق كۆپ ھاللاردا غايىگە باقمايدىكەن.ئۇنۋېرسىتېتتا ئاخباراتچىلىق كەسپىنى ئالتە يىل ئۆگۈنۈپ تەرجىمان بولدۇم، تەرجىمانلىق كەسپىنى 10نەچچە يىل ئۆگۈنۈپ ئەمدى ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزەي دېگەندە ئورمانچىلىق ئىدارىسىگە سۈرگۈن قىلىنىپ ئورمانچى بولدۇم. ئەشۇنداق ئۈچ قېتىم كەسىپ ئالماشتۇرۇش تالاي زېھنىم ۋە ۋاقتىمنى يەپ كەتتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 2006-يىلى10-ئايغىچە  ماڭا بىر تىيىنمۇ ئىش ھەققى بېرىلمىدى. ئالتە ئايغىچە جوزا- ئورۇندۇق بېرىلمىدى. قاق تۆت يىل ئۆتكەندە ئاندىن زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىنلا قويۇدىغان يەر تاپالماي قالغان بىر كومپۇيېتېرنى ئىشخانامغا قويۇپ قويۇشتى.سان-ساناقسىز كۈنلىرىمنىڭ ، تالاي ۋاقتىمنىڭ مەمۇرىي مەھكىمە بېلەن ئورمانچىلىق ئىدارىسى ئوتتۇرىسىدا ئازابلىق قەدەملەرنى ئېلىپ ،تۈگىمەس سوئاللار قاينىمىدا قانچە قېتىم ماڭغانلىقىمنى بىلمەيمەن. خەيرىيەت،مېنىڭ شۇ چاغدىكى  ھالىتىمنى ئامېرىكىنىڭ خۇددى تاقىلىش ئالدىدا تۇرغان گۈۋانتاناما تۈرمىسىىدىكى جىنايەتچىلەرنى مەلۇم بىردۆلەتكە تاڭغىنىغا، شۇ دۆلەتنىڭ ئۆز ئوبرازىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ۋە ئىچكى نارازىلىقتىن قورقۇپ ئۇ جىنايەتچىنى قوبۇل قىلمىغىنىغا ئوخشىتىشقا بولاتتى. مەن ئىككى ئارىلىقتا قېلىپ شۇنچە خورلۇق تارتقۇدەك زادى قانداق جىنايەتلەرنى سادىرقىلغان بولغۇيدۇم؟ مېنىڭ سىياسىي ئارقا كۆرىنىشىم شۇنچە خەتەرلىك ، سىياسىي جەھەتتىن شۇنچە قورقۇنۇشلۇق ئادەممۇ ؟ مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا مەن مىللىي بۆلگۈنچى ياكى تېرورچىمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا شەرىقى چوڭ كوچىنىڭ شىمالىدىكى بىرئىدارە مېنىڭ خىزمىتىمنى  نېمىدەپسەۋەبسىزلا  شۇ كوچىنىڭ جەنۇبىدىكى بىرئىدارىغا تەڭشىۋېتىدۇ ؟ شۇ كوچىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىدارە نېمىدەپ ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقۇرى ئورۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى رەت قىلىپ خىزمەت رەسمىيىتىمنى ۋاقتىدابېجىرمەيدۇ؟ مەن ئون ئايلاپ پۇل خەجلىمەيدىغان ، تاماق يېمەيدىغان، كىيىم كىيمەيدىغان تۆمۈر ئادەممۇ ؟ ماڭا ئوخشاش ئون ئايلاپ ئىش ھەققى ، نەچچە ئايلاپ جوزا –ئورۇندۇق بەرمىسىمۇ غىڭ قىلماي ئىشلەيدىغان كومپارتىيە ئەزاسىدىن مەملىكەت بويىچە نەچچىسى چىقار؟ ئەجىبا شەرىقى چوڭ كوچىنىڭ غەربىدىكى  ئىدارە بىر پارتىيىنىڭ ، شەرىقى چوڭ كوچىنىڭ شەرقىدىكى يەنە بىر ئىدارە يەنە بىر پارتىيىنىڭ ئىدارىسىمۇ؟ جۇڭگودا پۈتكۈل خەلق ۋە بارلىق ھەر دەرىجىلىك پارتىيە-ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيسىدىن ئىبارەت ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىرلا پارتىيىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ئەڭ ئاددىي ئۇدۇمغۇ؟ شۇنداق تۇرۇپ بىركومپارتىيە ئەزاسى  ، بىر دۆلەت مەمۇرى  يەنە كېلىپ بىر زىيالىي  كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى توخۇنىڭ كاتىگىدەك كېلىدىغان كىچىككىنە بىر شەھەردىكى بىر كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان ئىككى ئىدارە ئوتتۇرىسىدا خۇددى ھەق تەلەپ دەۋاسىغا چۈشكەن بىچارە دەۋاگەردەك ئون ئايلاپ توختىماي قاترىسىمۇ يەنە نېمىدەپ  ئۆزخىزمەت رەسمىيىتىنى بېجىرەلمەيدۇ؟ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلارغا مەسئۇل بولۇش،زېيالىيلارغا كۆڭۈل بۆلۈش چاقىرغى نەگە كەتتى؟ ئەجىبا ئۇ ئېقى قەغەز قارىسى سىياھدىن پۈتۈلگەن ، يىغىنلاردا باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈنلا دېيىلىدىغان قۇرۇق گەپلەرمۇ؟  پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ، چىرىكلىكنى تۈگىتىش، ئورگانلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ ئىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى ئەمىر-مەرۇپلىرى توختىماي توۋلىنىۋاتقان بۈگۈنكى يېڭى دەۋىردە خۇددى گومىنداڭ كىنولىرىلىدىلا كۆرۈشكەبولىدىغان بۇ خىل چىرىك، پاسسىپ ھالەتنىڭ تەكرارلىشىغا نېمە دېگۈلۈك؟

      تېخىمۇ ئېچىنىشلىقى يەرلىك دائىرىلەر نېمە ئۈچۈندۇر مەركەزدە ئىشلەش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ، ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغائېرىشكەن، دەرىسلىك كىتابلارغا كىرگۈزۈلۈپ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆتۈلۈۋاتقان مەندەك بىر قانۇنلۇق گىراژداننىڭ « جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى »بەرگەن مۇقەددەس ئاپتورلۇق ھوقۇقىمنى چەكلەپ ، يەرلىكتە نەشىر قىلىنىۋاتقان «ئاقسۇئەدەبىياتى»دا ئەسەر ئېلان قىلىش ۋە يەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەت تەشكىلاتلىرى تەشكىللىگەن تۈرلۈك يىغىلىشلارغا قاتنىشىش ھوقۇقۇمنى بوغدى. بۇ جەرياندا تالاي تونۇش-بىلىشلىرىم،دوستلۇرۇم، ھەتتا بىر قىسىم ئۇرۇغ-تۇغقانلىرىممۇ «قارىسى يۇقۇپ قالىدۇ» دەپ ئەنسىرەپ مەندىن ۋاز كەچتى.
   
    ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدىكى ئورۇنسىز گۇماندىن كەلگەن بېسىم، چەتكە قېقىش، سۈرگۈن قىلىشلار ۋە ئاز بولمىغان خانىۋەيرانچىلىقلار مېنىڭ تاردائىرىدىكى سىنىپ، سىياسىي، مىللەت ، دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممەت قارىشىنى ئىپادىلەشنى غايە قىلغان بىر ساپ سەنئەت ئەقىدىسىگە ئىگە يازغۇچى بولۇش غايەمنى بىت-چىت قىلىۋەتتى.گەرچە «سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دەپ ياشاش كىشىگە شۇنچە روھى ئازادىلىك بەخىش ئېتىدىغان، شۇنچە لەززەتلىك ئىش بولسىمۇ ئەمما شۇنىڭغا چۇشلۇق ياشاش ئىمكانىيىتى يوقالسا ئۇ خىل لەززەت تەبىئىيلا ئازاپقا ئورۇن بوشىتىدىكەن.مەن بى مەھەل ئىزدەنگەن تارىخ كىشىگە ھەرقانچە سەلتەنەتلىك، ھەرقانچە جەسۇرانە تۇيغۇ ئاتا قىلسىمۇ ئەمما بۈگۈنگە باراۋەر ئەمەسكەن.بىر ئەدىب ئۆزى تەۋە بولغان قوۋمىنىڭ كۆز ئالدىدىكى رېئاللىقىغا كۆزيۇمسا،ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى چۈشىنىشنى خالىمىسا، رېئالنى مەسىلىلەرنى چىن،ھەققانىي مەيداندا ئەكىس ئەتتۈرۈشنى تەرىك ئەتسە مەيلى ئۇ قانچە دۇنياۋى ئاڭغائىگە بولۇپ كەتىسۇن، مەيلى تارىخي بىلىمى قانچە چوڭقۇر بولۇپ كەتىسۇن ياكى قانچەكۆپ كىتاب نەشىر قىلىسۇن، قانچە كۆپ مۇكاپات ياكى شان-شەرەپ ئىگىسى بوپكەتسۇن،بەرىبىر ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ، ئۆزى تەۋە قەۋىم، ئۆزىنى باققان زېمىن، ئۆزى ياشىغان دەۋىر تەرىپىدىن ئۇنتۇپ كېتىلىشى مۇقەرەركەن.

      مەن ئۆزۈم دۇچ كەلگەن رېئاللىق ئالدىدا كەسكىن تاللاشقا دۇچ كەلدىم. ئاخىردا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سېياسەت-قانۇنلىرىغا قارشى يول تۇتۇپ ، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش تالاي زامانداش،ماكانداشلىرىمغا ئارامچىلىق بەرمەيۋاتقان ئادالەتسىزلىك، چىرىكلىك، قاراقورساقلىققا جەڭ ئېلان قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. شۇ يوسۇندا يازغان <<ئالىمجان ساقىلىڭىزغا رەھمەت>>، <<خېشىننىڭ يەنە بىر يۈزى>>، <<دېپلۇم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرىزىسى>>، <<بۇلبۇل قوتاندا،ئېشەكبوستاندا>>....ۋە بىر تۈركۈم تەرجىمە ئەسەرلىرىم شۇنداق بىر كۈچنىڭ تۈرىتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن دېسەممۇ بولىدۇ.

  مارشال: ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا،قانداق شارائىت ئاسىتىدا،ئېنتىرنىتتىن ئىبارەت مەۋھۇم دۇنياغاقانداق يوللار بىلەن كىرىپ كەلگەنلىكىڭىز،بۇ مەۋھۇم دۇنياغا قەدەم بېسىشىڭىزغا تۈرتكە بولغان ئىشلار توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

   بوزقىر: مەن2006-يىلى ياز ئايلىرىدا ئاقسۇدىكى ئىككى سىرداش دوستۇمنىڭ دەۋەت قىلىشى بېلەن توردۇنياسى بېلەن ئۇچرىشىپ قالدىم.شۇندىن ئىلگىرى كومپۇيۇتېر بېلەن ئاز-تولا تونۇشلۇقۇم بولسىمۇ ئەمما ئۇنى نوقۇل خەت ئۇرۇش، جەدۋەل سىزىش ،سىخېما لاھىيىلەش ،ناخشا-مۇزىكا چۈشۈرۈپ ئاڭلاش دېگەندەك ئىقتىدارلارغىلا ئىگە دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما ئىنتېرنېت دېگەن بۇ يېڭى ۋاستە ھەققىدە مەندە ھېچقانچە  تەسىرات يوق ئىدى. شۇڭا دەسلەپ دوسىتلىرىمنىڭ تور دۇنياسى ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلىرى ئانچە دىققىتىمنى تارتالمىغانىدى.ۋاقىت تاپساملا كونا ئادىتىم بويىچە ۋىلايەتلىك ياكى شەھەرلىك كۈتۈپخانىلارغابېرىپ گېزىت-ژۇرنال كۆرەتتىم.بىر كۈنى بىر دوستۇم مېنى بىر تورخانىغا باشلاپ كىرىپ ئۆز قولى بېلەن «بوستان» ، «گۈلىستان » ، « سۇمرۇغ » قاتارلىق ئۇيغۇرچە توربەتلىرىنى ئېچىپ ئۇنىڭدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بېقىشىمنى ھاۋالە قىلدى. قارىسام«بوستان تورى» دا مېنىڭ ئىلگىرى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنىپ خېلى كۈچلۈك تەسىرقوزغىغان «مىللىتىدىن تانغۇچىلارغا بىر پەشۋا» ناملىق بىر ماقالەممۇ تۇرۇپتۇ (ئەسلىدە شۇ دوستۇم مېنى تورغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈنشۇ ماقالىنى تورغا ئۆزى يوللاپ قويغانىكەن). قەغەز مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان شۇماقالەمنى تور يۈزىدە قايتا بىر ئوقۇپ چىقتىم . دەرۋەقە تور دۇنياسىنىڭ ھوزۇرى ئۆزگىچە ئىكەن. مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقىنى تېما كەينىدىكى ئىنكاسلار بولدى . قەلەم -قۇۋىتىمگە بەرگەن يۇقۇرى باھالار، ئىزگۈ تىلەكلەر ، تىرەن مۇلاھىزىلەر قەلىب ئاسمىنىمنى قارا تۇمانلار قاپلاپ پەۋقۇلئاددە قىسمەت ئاچىلىدا تۇرىۋاتقان شۇيىللاردا ماڭا خېلىلا ئىلھام-مەدەت بولدى. دوستۇم شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىلا مېنى«بوستان تورى» غا ئەزا قىلىپ «bozqir » دەپ تىزىملىتىپ بەردى. شۇندىن كېيىن مېنىڭ تور ھاياتىم باشلاندى.

     شۇ چاغدا بەزىدە چۈشتە ۋە كەچتە ئۆيگە قايىتماي ئىدارەمنىڭ ئەتراپىدىكى تورخانىلارغا كىرىدىغان بولدۇم. دەسلەپكى تور ھاياتىمدا ئاساسەن ئەسەر ئوقۇدۇم. بولۇپمۇ ئۆزۈم تەشنا بولغان ، قەغەز مەتبۇئاتلاردا كۆرۈش نېسىب بولمايدىغان بەزى تارىخىي تېمىلارنى ئوقۇدۇم، شۇنچە تەشنا بولغۇنۇمغا يارىشا ئەزەلدىن كۆرۈپ بېقىش نېسىب بولماي كەلگەن بىر قىسىم  تارىخىي رەسىملەرنى كۆرۈپ تويماي قارايىتتىم. كېيىنچە ئۆزۈم قىممىتى باردەپ قارىغان بەزى تېمىلىرىمنى خەت ئۇرالمىغاچقا سىرتتا ئۇرغۇزۇپ، ھېلىقى دوستۇمنى ئىزدەپ بېرىپ تورغا يوللاپبېرىشنى ھاۋالە قىلدىم . دوستۇم تەييار تېمىلىرىمنى ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان توربەتلىرىگە يوللاپ بەردى. ئەشۇ تېمىلىرىمنىڭ كۆپ قىسمى تور دۇنياسىدا خېلى كۈچلۈك بەس- مۇنازىرىلەرنىمۇ قوزغىدى. كېيىنچە كومپيۇتېردا خەت ئۇرۇش ۋە تېما –ئىنكاسلارنى يوللاشنى ئۆگۈنىۋالدىم.

مارشال: ئۇيغۇرتور تەرەقىياتى يېقىنقى 10نەچچە يىل مابەينىدە نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆتتى،ئۇچۇرلاشقان زامانىۋى مۇھىتتا ئېنتىرنىت دۇنياسى ۋە ئۇنىڭدىكى قامۇسلار  ھەممە كىشى بىلىشكە تېگىشلىك پايدىلىنىش قىممىتى زور،زامان،ماكاننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بىر دەۋرگە قەدەم قويدى، ھازىر سىز ئۇزاق يىللىق تورغا چىقىشتىكى تارىخىڭىزغاباغلاپ تۇرۇپ،ئۇيغۇر تور تەرەقىياتىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرتوغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

  بوزقىر : ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھازىرغىچە يېزا ئىگىلىك دەۋرى ، سائەت دەۋرىنى تاماملاپ ئۇچۇر دەۋرىگە رەسمىي قەدەم قويدى. بۇنى بەزىلەر « ئۇچۇر ئىنقىلابى» دەپمۇ سۈپەتلاۋاتىدۇ.بۇيەردىكى «ئىنقىلاپ» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا مەلۇمكى، ئۇ «ئۆزگەرتىش» مەناسىدىكى «ئىسلاھات»قا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. «ئىنقىلاپ» شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىن تۈپكى بۇرۇلۇش ياساشنى ، يوقنى بار ، بارنى يوق قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.دېمەك بۇ يەردە پۇرسەت ۋە رىقابەت  تەڭلا مەۋجۇت ۋە بەكلا كەسكىن.

    ﺋﯩﻨﯩﺘﯩﺮﻧﺘﻨﯩﯔﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯧﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﻗﯘﺩﯗﺭﻩﺗﻠﯩﻚﻗﻮﺭﺍﻝﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻳﻪﺭ ﺷﺎﺭﻯ ﮔﻮﻳﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﻛﻪﻧﯩﺘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ. دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻛﯧﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘ ھﺎﻣﺎﻥ پۈتۈن يەر شارىنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىغىچە،ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮﻻ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.بۇ ھال ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﺋﻪﻧﺪﯨﺰﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. جۈملىدىن ئەسىرلەردىن ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ئىچكىرسىدەك ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﺑﻠﯩشىدىن بېكىنمە مۇھىتتا ياشاپ ئادەتلەنگەن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪتتىن ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﺎ – ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﻮﺭ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﻯﻗﯘﺭﯗﻟﯘﭖ ﺗﻮﺭ ﻣﻪﺩﻩﻧﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﻪﺭﺩﻯ.قىسقىغىنە 10يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئۇيغۇرتورچىلىقى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، ئازلىقتىن كۆپلۈككە قاراپ تەرەققىي قىلدى.سان ھەم سۈپەت جەھەتتىن ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى جۇڭگودىكى باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەممىنىڭ ئالدىدا تۇرىشى مۇمكىن.بۇ مېنىڭ پەرىزىم ھەم ئارزۇيۇم.

   ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ بىر قىسىم ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ؛ نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش تىپىدىكى سەنئەت تېمىلىرىنىڭ بازار تېپىشى، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى تەخىرسىز تېمىلارنىڭ كەملىكى ۋە ئۇنداق تېمىلارنىڭ چۆلدەرەپ قېلىشى؛ مىللەتلەر باراۋەرلىكى، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ئەدلىيە ئادىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تېمىلارنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا بولۇشى ؛ئىنكاسلاردىكى لاۋزىلىق، «كاللا» دەپ تېما يوللىسا «پاچاق» دەپ ئنكاس قايتۇرۇش؛ تېما ئوقۇماي ئىنكاس ئوقۇش ، باشتىكى ئىنكاس قانداق بولسا شۇنىڭغا ئەگىشىپ قارغۇلارچە ئىنكاس يوللاش؛ شەخسىي ئۆچ-ئاداۋەتنى دەپ توپلۇشۇپ جىدەل چىقىرىش؛ بىرىبىرىگە گۇپپاڭچىلىق قىلىپ چاپان يېپىش؛ نوقۇل دىنىي ھېسىياتقا تايىنىپلا ئىسلامىزمدىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرمەدەنىيىتىنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش؛ تارىختا ئۆتكەن ۋە رېئالنى شەخىسلەرگە ئادىل-لىللا باھا بەرمەي ھېسسىي بىلىملىرىگە تايىنىپ قالايمىقان باھالارنى بېرىش؛بەزى  تېمىلارنىڭ ﺋﯩﻤﻼﺳﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﯘﻟﯘﺷ قاتارلىق قىسمەن نۇقسانلارمۇ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﺎﻻﻱ ﺩﯨﻠﻰ ﺳﯜﺯﯛﻙ، ﺋﯩﻤﺎﻧﻰﻛﺎﻣﯩﻞ، روھى ئويغاق كىشىلىرىمىزنى ئازاپلارغا دۇچار قىلدى. ﺋﯧﻨﺘﯩﺮﻧﯩﺖ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕﻳﺎﺯﻣﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻫﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺮﯨﺪﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯧﭽﯩﭗﻛﯚﺭﻩﻟﻪﻳﺪﯗ. ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰﺋﻪﺷﯘ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖﺗﯜﺱ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزۋە باشقا ئەل خەلقلىرى نېمە دەپ باھا بېرەر؟ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺋﻪﻟﻼﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﺎھاﺭﻩﺕﺋﯧﻠﯩﭗ ﺟﯩﺴﻤﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﭖ ﭘﺎﻛﯩﺰﺭوھىي ھاﻟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﺷﺘﻪﺗﺘﯩﻜﻪﻥ. ﺑﯘﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﺋﯘﺳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﻳﯜﺭﯛﮔﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ؟ﻛﻮﻣﭙﯩﻴﻮﺗﯧﺮﯨﺪﺍ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺗﯧﻤﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﻤﻪﻥ؟ ﺗﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺴﺎﻗﺎﻧﺪﺍﻕﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ؟ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﺪﯨﻞ ﺋﻮﻳﻼﺷﻤﯩﺴﺎﻕ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ.ﺋﯧﻨﺘﯩﺮﻧﺘﻘﺎ روھى ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﺴﯩﺰﻻ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼﺷﺴﺎﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭﻻﺭ،ساۋاتسىزلار قۇشۇنىغا قۇشۇپ قۇيۇشﺑﻪﻛﻼ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﻩﻛﻼ ﻗﯩﻼﻣﺪﯗ ﻧﯧﻤﻪ؟         

  مارشال:ھازىرقى تەرەقىيات نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇيغۇر تورچىلىقى يەنىلا تۆۋەن باسقۇچتا تۇرماقتا،يىللاردىن بېرىمۇ رايۇنىمىزدا تور ھەممە  ئائىلىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى،بۇنىڭغا قارىتاپارتىيە-ھۆكۈمەتمۇ بىر چەتتە قاراپ تۇرمىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تورنىڭ ئۇمۇملىشىش سۈرئىتى خېلى تېز بولماقتا، بۇ بىزنى تولىمۇ سۆيۈندۇردىغان ئىش،ئەمدى سىز تورغا چىقىشتىكى ئۇزۇن جەريانىدا ،نۇرغۇن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغانسىز ھەم كومپىيۇتۇر ۋە تور دۇنياسى سىزگە مۇئەييەن تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەندۇ،سىز مۇشۇنۇقتىدا تۇرۇپ،تور دۇنياسىنىڭ سىزنىڭ كىشلىك ھايات،ئىجتىماھىي تۇرمۇشىڭىزغا كۆرسەتكەن ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىرلىرى توغۇرسىدا ئازراق ئىزاھات بەرگەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : ئامېرىكاپىرزېنتى ئوباما ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىسنىڭ ماتەم مۇراسىمىدە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئۇنىڭ ئىنسانىيەت تېخنىلوگىيىسىگە  قوشقان تۆھپىسىنى « جوبىس دۇنيانى يانچۇقىمىزغا سېلىپ بېرىپ كېتىپ قالدى » دېگەن ئوبرازلىق سۆزىگە يىغىنچاقلىدى . ئوبامانىڭبۇ يەردە دەۋاتقىنى جوبىس لاھىيىلىگەن ئالما ئايفونلىرىدىكى تور دۇنياسىنى كۆرسەتسە كېرەك. غەرىبلىكلەرنىڭ يانچۇقىغا ئومۇمىيلىشىۋاتقان ئىنتېرنېت دۇنياسى ھازىر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئائىلىسىگە قاراپ شىددەت بېلەن كېڭەيمەكتە.تولۇق بولمىغان سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا  ئىنتېرنېت500مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو ئائىلىسىگە كىرىپ بولغان. بۇ جۇڭگو نوپۇسىنىڭ يېرىمىغاباراۋەر دېگەن گەپ.يەنە كېلىپ بۇ سان داۋاملىق جىددىي رەۋىشتىكى كۆپىيىش ھالىتىن ىساقلاۋېتىپتۇ.

.2010-يىلى ئۈچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئىماملىرىم يېزىسىنىڭ چەت بىر كەنتىدە بىر يىل نامراتلىق خىزمىتىنى ئىشلەشكە ئەۋەتىلىدىم. شۇ چاغدا كەنىتتىكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ بەزى كۈنلىرى كەچتە موتسىكلىتقا مىنگىشىپ 18كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغابېرىپ تورخانىلارغا كىرىپ كېچىچە تورغا چىقىپ ئەتىسى ئەتىگەندە يەنە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالغانىدىم. ئۇلار بېلەن بولغان سۆھبەتتىن مەلۇم بولۇشىچە ئۇلار تورغا نوقۇل ئىچ پۇشۇقى چىقىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس يەنە خەۋەر –ئۇچۇر ۋە ئۆزلىرى قىزىقىدىغان مۇلاھىزىلىك ماقالىلەرنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن كىرىدىكەن.ھەتتامۇنازىلەرگىمۇ ئىنكاس يوللايدىكەن.

     ئۆز كۆزۈم بېلەن كۆرگەن يۇقۇرقى ئەھۋاللاردىن قارىغاندا ئىنتىرنېتقا ئۇيغۇرلار، بولۇپمۇئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ  تەقەززاسىمۇ تېخىمۇ كۈچلۈكتەك قىلىدۇ. شەرىت-شارائىتلار پىشىپ يېتىلگەن جايلاردا ئىنتېرنېتنىڭ ئۇيغۇرئائىلىلىرىگە كىرىش نىسبىتى بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا. بۇ بىر خىل ياخشى ئەھۋال.

     ئۆزۈم ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، ئېغىر كۈنلەردە تور دۇنياسى ماڭا ئىللىق قۇچىقىنى ئاچتى. كومپيۇتېرھەم تور دۇنياسى ھەقىقەتەن ماڭا نۇرغۇن نەپ ئېلىپ كەلدى. ئۇ ھازىر تۇرمۇشۇمنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالدى. ھازىر كۈندە كەم دېگەندىمۇ ئۈچ سائەت ۋاقتىم تور ئالدىدا ئۆتىدۇ. تور دۇنياسى ئارقىلىق نەزەر دائىرەم ئىلگىرىكىدىن زوردەرىجىدە كېڭەيدى. نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگەندىم.يېڭى پىكىرداشلارنى تاپتىم .بېيجىڭدىن ئاتايەن كۆرۈشكۈلى گەلگەن بىر تورداش بېلەن ھازىرغىچە يېقىن دوست بولۇپ ئۆتىۋاتىمەن.زۆرۈر تېپىلسا تورداشلىرىم بېلەن قىتئەلەر ئارامۇ ئۇچۇر-ئالاقە قىلپ قويۇمەن.ئاپتونوم رايونمىزنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن  ھال سوراش تېلېفونلىرى كېلىپ تۇرىدۇ.ئەسرارلىق ئىستىكىدە قەدەم ئالغانلار بېلەن سىردىشىمەن. ئىش قىلىپ ئىلگىرىكى ئورۇنسىزئولتۇرۇش، توپلىشىپ غەيۋەت –شىكايەت قىلىش سورۇنلىرىدىن  قۇتۇلۇپ قالدىم. ھېساپلاپ كۆرسەم مۇشۇنىڭدى نتېجىلىپ قالغان پۇلۇم تورغا خەجلىگەن پۇلدىن كۆپكەن. زور تەسەللىي ۋە رىغبەتلەرگەئېرىشتىم. دەسلەپكى يىللاردا ئەڭ كۆپ تەنقىت ۋە ھاقارەت ئاڭلاۋېرىپ، تەنقىتكە كۆندۈمۋە ھاقارەتكە قارشى ئېممۇنىتىت كۈچۈممۇ ماس ئاشتى.ئىىلمىي ئاساسى يوق تەنقىت ۋەھاقارەتكە «پەرۋايىم پەلەك» رېتسىپىنى  راسلىۋالدىم.ئىش قىلىپ پىسخىكام خېلى پىشىپ، ئىلگىرىكى نازۇك تەبىئىتىمنىڭ ئەكسىچە كۆپ «قېلىن»لىشىپ كەتتىم.

      ئۆتكەندە ئىدارە باشلىقى مېنى ئىشخانىسىغا سولىۋېلىپ بىر سائەتتەك كاپىلداپ، ئۆز ھوقۇق مەنپەئەتىمنى قوغداش يولىدا يۇقۇرىغا ئەرز يازغانلىقىمنى تەنقىتلەپتى، قىلچە تەسىر قىلمىدى. «شۇنىمۇ تەنقىت دەمدۇ، بۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغۇ» دەپ غودۇڭشۇپ يېنىپ چىقتىم.

   پايدىسىز تەرىپى ۋاقتىمنى بەك كۆپ ئېلىپ كېتىپ ئەسلىدىكى ئۆگۈنۈش ۋە يېزىش پىلانىم خېلى زورتەسىرگە ئۇچرىمايلا قالماي، بەزىسى پۈتۈنلەي تاشلىنىپ قالدى. جەمئىيەتتىكى بەزى نورمال باردى-كەلدىممۇ زور تەسىرگە ئۇچراپ ، خېلى ياخشى پىكىرداش دوستلىرىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم. كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ كۆزەينەككە چۈشۈپ قالدىم.ئىلگىرىكىدىنمۇ سەپرا، ئاچچىقچان بولۇپ قالدىم.بويۇن ئومۇرتقۇسىدا ئۇستىخان ئۆسۈپ قېلىشتىن سەل ئەنسىرەۋاتىمەن.

  مارشال:سىزنىڭ خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىنغان نۇرغۇن ياخشى ئەسەرلەر تور دۇنياسى ئارقىلىق بىزلەرگە ئۆز ئانا تىلىمىزدا كۆرسىتىپ كېلىۋاتىسىز،مۇشۇ ئىككى تىلدىكى مۇنبەرلەر ئارىسىدىكى كۆزىتىش،سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ،بىزدە قايسى ئىشلاردا ،قايسى تەرەپلەردەسەل قاراپ قالغان نۇقتىلار ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ساقلانغانلىقى ھەم خەنزۇلارنىڭ توربەتلىرىگە قارىغاندىكى قانداق ئارتۇقچىلىقلار ۋە تۇلۇقلاشقا تېگىشلىك بولغان تەرەپلەرنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ ھېس-قىلغانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر :مېنىڭ تولاراق ۋاقتىم خەنزۇچە تور بەتلىرىنى ئارىلاش بېلەن ئۆتىدۇ.مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، تور تېخنىكىسى،تېما  سۈپىتى،ئابونىت سانى قاتارلىق تەرەپلەردە خەنزۇچە تور بەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقى كۆز يۇمغۇسىز پاكىت. ئەمما ئەڭ زور پەرىقنى يەنىلا پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتىكى پەرىق دەپ قارىدىم.      مەلۇمكى،ﺋﯩﻨﯩﺘﯩﺮﻧﺘﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭖ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.جۈملىدىن ﺋﻪﺳىرﻟﻪرﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﺎﺳﻴﺎ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ئىچكىرسىدە ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ خارابلىشىدىن كېيىنكى بېكىنمە مۇھىتتا ياشاپ ئادەتلەنگەن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﻪﺗتىن ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﯞﻩ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ.

     ئەمما ، ئىنتېرنېتقا نىسبەتەن بىز تېخىچە كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ، دەردىنى تۆكۈپ قورساق بوشىتىش كۆزقارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلىش خاھىشىدىن ھالقىيالمايۋاتىمىز.


     خەنزۇلار ئاللىقاچان كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ، دەردىنى تۆكۈپ قورساق بوشىتىش باسقۇچىدىن ھالقىپ ئىنتېرنېتتا ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە ھەل قىلىش دەرىجىسىگە كۆتۈرىلىپ بولدى.مەسىلەن تور دۇنياسىدا ئاشكارىلانغان «مېنىڭ دادام لى گاڭ» سەتچىلىكى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    2011-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېبېي ئۇنۋېرسىتىتى " 10.16 " مەكتەپ ئىچى قاتناش ۋەقەسى دېلوسىدا بىرىنچى سوتھۆكۈمى ئېلان قىلىندى، خېبېي ئۆلكىسى ۋاڭدۇ ((望都)) ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى لى چىمىڭ (李启铭) مەس ماشىنا ھەيدەپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى، بىر ئادەمنىڭ يارىلىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى ھەمدە ۋەقەدىن كېيىن قېچىپ كېتىپ قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرۇش دېلوسى پەيدا قىلغانلىقتىن، لى چىمىڭغا مۇددەتلىك 6 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى (خەلق تورى-« خەلق گېزىتى » 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى).

      تورداشلار لى چىمىڭنى تۈرمىگە تاشلىدىمۇ؟ چوقۇمشۇنداق! ئويلاپ باقايلى، مۇبادا تورداشلارنىڭ توختىماي غۇلغۇلا قىلىشى ۋە قويۇپبەرمەي ئىز قوغلىشى بولمىغان بولسا، ئېھتىمال « مېنىڭ دادام لى گاڭ، نوچى بولساڭ دادامنى ئىزدە » دېيىشى بىلەنلا بۇ ۋەقە ئەرز قىلىنمايلا ئاخىرلىشاتتى. باۋدىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىمالىي تارمىقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقىنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ موشۇنداق خورىكى ھەم موشۇنداق جاسارىتى بار ئىدى.بىرلا ۋاقىتتا ئۇ پەقەت دادام بولسىلا ھېچكىم مېنى بىر نېمە قىلالمايدۇ دەپ قارايتتى. خېبېي ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بۇ نۇقتىنى ئاللا بۇرۇن ئىسپاتلاپ بەردى. ئەمما ھازىر دېگەن ئېنتىرنېت دەۋرى، مەزكۇر ۋەقەنى ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاشكارلىغاندىن كېيىن، جاھىل تورداشلار قېرىشقاندەك بۇ شەرمەندىلىككە ئىشەنمىدى،خۇددى ئەينى يىلى جوۋ جيۇگېڭنىڭ بىر بولاق تاماكىسىنى تۇتۇۋالغاندەك قويۇپ بەرمىدى، تېگى-تەكتىنى سۈرۈشتۈردى. دەل « ئېنتىرنېت تورىنىڭ قۇدرىتى بەك قورقۇنۇچلۇق بولغانلىقتىن »، دەل تورداشلار ئاممىسى قاتتىق بەس مۇنازىرەقىلغانلىقتىن ئۆلكە باشلىقىنىڭ قاتتىق غەزەپلىنىشىنى ۋە ئۆزى باش بولىشىغا سەۋەب بولغاچقا جىنايەتچى   ئاشكارا سوراق قىلىندى ۋە 6 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. لى چىمىڭنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشىنى ئۇلۇغ تورداشلارنىڭ تۆھپىسى دېسەك ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز!

     بۇنداق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى مۇلاھىزەقىلىپ ھەل قىلىش كۈن تەرتىپىگە كەلتۈرىدىغان تېمىلار خەنزۇچە تور بەتلەردە خېلىلا ئومۇمىيلاشتى .ئالدىنقى كۈنلەردە شېنجېندىكى بىر شىركەت «خېنەنلىك ئىشچىلارنى قوبۇللاش كۆرسەتكۈچى توشۇپ كەتتى » دەپ خەۋەر بېرىپتىكەن، تورداشلار « بۇخېنەنلىكلەرنى كەمسىتكەنلىك» دەپ تەنقىت ياغدۇرۇپتۇ.« يەر شارى» تورىدا « شەنشىدەئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈنىگە ئاران ئۈچ يىل بولغان بىر بالاڭزا كادىر مۇئاۋېن باشقارما باشلىقىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى » دەپ خەۋەر بېرىپتىكەن كىشىلەرتۇشمۇ-تۇشتىن « مۇئاۋېن شەھەر باشلىقىنىڭ ئوغلى ئۈچ يىلدا راكىتاغا ئولتۇرۇپمۇ  مۇئاۋېن باشقارما باشلىقىلىق پەللىىسىگە چقىپ بولدى» دېيىشىۋېتىپتۇ. ھەتتا بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر نۆۋەتتىكى پارتىيىلىك رەھبىرى كادىرلاردىكى مەۋقەسىنى مەنپەئەتدارلار گۇرۇھى تەرەپتە ياكى خەلق ئاممىسى تەرەپتە قويۇش –قويماسلىق ؛ ئىسلاھات ئارقىلىقلا مۇۋاپىق بولغان مەنپەئەتدارلار گۇرۇھىدىكىلەر بېلەن ئۈزىل-كېسىل چەك-چېگرا ئاجرىتىش-ئاجرىتالماسلىق؛مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى قايتا تەشكىللەش ئارقىلىق ئاۋام-خەلققە پايدا يەتكۈزۈش -يەتكۈزەلمەسلىك ؛ جەمئىيەتنى جامائەت ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بايلىقلار بېلەن تەمىن ئېتىش-ئېتەلمەسلىك؛ ھوقۇقنى خەلققەقايتۇرۇپ بېرىش-بېرەلمەسلىك ، پۇخرالارنىڭ بىلىش ھوقۇقى ، بايان قىلىش-ئىپادىلەش ھوقۇقى ، قاتنىشىش ھوقۇقى ، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق ئەل كۆڭلىنى قايتىدىن مايىللاشتۇرۇپ ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيىنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسى ۋە قانۇنىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش-ئۆستۈرەلمەسلىك ؛ ئىدىيىنى ئازات قىلىش-قىلالماسلىق ۋە ئىسلاھات ئىرادىسى قەتئىي بولۇش-بولماسلىق قاتارلىق بىر قاتار تەخىرسىز مەسىلىلەر ھەققىدىمۇتوختاۋسىز چوقان سالماقتا.

       خەنزۇچە مۇنبەرلەر ئىچىدەئوخشىمىغان پىكىر ئېقىمىدىكىلەرگىمۇ كەڭ مۇنازىرە مەيدانى ھازىرلانغان . 乌有之乡‹‹ئۇتۇپىيە››مۇنبىرى ماۋزېدوڭ ئىدىيىسىنى يادرو قىلغان «سولچىل»پىكىر ئېقىمىدىكىلەرگە يېشىل چىراق ياقسا،« يەنخۇاڭ ئەمىنىيىسى»炎黄春秋)t])مۇنبىرى دېڭ شىياۋپىڭ ۋەكىللىكىدىكى ئىسلاھاتچى « ئوڭچى» پىكىر ئېقىمىدىلەرگە مۇنازىرە سۇپىسى ھازىرلىغان.ئەشۇ ئىككى خىل پىكىر ئېقىمىدىكىلەرشۇنچە يىللاردىن بۇيان  جۇڭگونىڭ تارىخى ،بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلىرىنى قارشى قۇتۇپتىن چىقىپ ئەڭ يۇقۇرى چەككىچە شەرھىلەپ كەلمەكتە.

   دېمەك، قاتمۇقات كىرزىس ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قورشاۋىدا قالغان بىزدەك قوۋمگە نىسبەتەن قاپلاشدا ئىرىسى ئەڭ كەڭ،ئۇچۇر يوللىرى ئەڭ راۋان ،  ئەڭ ئىلغار زامانىۋى  تاراتقۇ بولغان ئىنتىرنېتقا  نوقۇل كۆڭۈل ئېچىش، ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ، دەردىنى تۆكۈپ قورساق بوشىتىش پوزىتسىيىسى بويىچەمۇئامىلە قىلىش  ئىنتىرنېتقا قىلىنغان ھاقارەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس خالاس!

مارشال:ئەمدى سۆزىمىزنى ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكى توغۇرلۇق ئازراق پىكىرلىشىپ باقساق دېگەن ئۈمىدتىمەن،ھازىر قارايدىغان بولساق،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىنتايىن كۆپ،ئەڭ كۆپ ئەزالىرى 100مىڭغا يەتكەن،ئەزالىرى 100گىمۇ بارمايدىغان مۇنبەرلەرمۇ بار،مۇنبەرنىڭبىزگە ئېلىپ كېلىدىغان پايدىلىق تەرەپلىرى ئىنتايىن كۆپ،لېكىن،سان،سۈپەت جەھەتتە يەنىلا تۆۋەن،مۇنازىرە جەريانىدا ئىختىلاپلار ئىنتايىن كۆپ،مۇشۇنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ،مۇنبەرنىڭ ئەھمىيتى،نېمە مەقسەتتە قۇرۇلغانلىقى توغۇرلۇق ئۆزىڭىزنىڭ چۈشەنگىنى بويىنچە ئازراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز؟ ئۇيغۇرمۇنبەرچىلىكىدىكى زىدىيەت،سۈركىلىشلەر توغۇرلۇقمۇ توختىلىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

  بوزقىر:ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ، كىچىكلىكتىن زورىيىپ سان جەھەتتىنمۇ ئەييەن كۆلەم ھاسىل قىلغان بولسىمۇ ئەمما، سۈپەت جەھەتتىن يۈكسىلىش ھاسىل قىلىشقا جىددىي مۇھتاج بولماقتا. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە خاسلىققا قارىغاندا ئورتاقلىق كۆپرەك، كەسپىي مۇنبەرلەرگە قارىغاندا ئۇنۋېرسال مۇنبەرلەر كۆپرەك.ئۇچۇر ھەم ئەدەبىيات مۇنبەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز ساندىكى كەسپىي مۇنبەرلەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپ ساندىكىلىرى بىر-بىرىدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئاددىيسى ھازىرغا قەدەر مۇكەممەلراق بىرەر خاس تارىخ تور بېتى ياكى خاس تەرجىمە مۇنبىرى بارلىققا كېلىپ باقمىدى. ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە دورامچىلىق ۋە تېماتەكرارلىقى ئېغىر. « ئەلكۈيى» مۇنبىرى باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىنغان تېمىلارنى ئېلان قىلىشقا  چەك قويىۋاتقان بولسىمۇئەمما، باشقا مۇنبەرلەر تېما تەكرارلىقىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىيەلمەيۋاتىدۇ.بەزى مۇنبەرلەر كۆچۈرۈپ چاپلانغان تېمىلارنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتمەيدۇ. بەزى مۇنبەرلەرئاپتورنىڭ ئىجازىتىنى ئالماي تۇرۇپلا تېمىلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈپ چاپلايدۇ، ھەتتا ئاپتورلارنىڭ ئىسمىنىمۇ ئالمايدۇ ۋە خالىغانچە قىسقارتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ تەھرىرلەيدۇ. بۇ تور ئەخلاقىغىلا ئەمەس گېزى كەلگەندە ئاپتورلۇق ھوقۇقىغىمۇ خىلاپ جىنايى قىلمىش ھېساپلىنىدۇ.

    ئەمما ،مۇنازىرەجەريانىدىكى  ئىختىلاپلارغا كەلسەك بۇنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ. چۈنكى، تور دۇنياسى باشقا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئەركىن پىكىر مۇھىتى ۋە دېمىگراتىك تۈسكە ئىگە بولۇپ تۈرلۈك چەكلىمىلەردىن نىسپەتەن خالىي . شۇڭا مۇنبەرلەردە ھەر خىل پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ بولۇپ تۇرىشى تەبىئىي ئەھۋال.ئەمما كىشىلىك ھوقۇققا، كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگەچېتىلىدىغان شەخسىي مۇددادىكى مۇلاھىزىلەر بۇنىڭ سىرتىدا.

     قەستەن قۇسۇر ئىزدەش ، بىر بىرىنىڭ يېغىرىنى تاتىلاش، كىشىلىك ھوقۇققا، كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە چېقىلىش ، گۇرۇھلىشىپ ماجرا تېرىش قىلمىشلىرى ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ھەقىقەتەن مەۋجۇت.يەنە كېلىپ بۇ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زىيالىيلار قاتلىمىغىچە كېڭەيمەكتە. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇنداق قىلمىشلارغا چەك قويۇپ ئۇنىڭ ئالدىنى ئالسا ؛ قارشىلىشىۋاتقان ئىككى تەرەپمۇ ئۆز سالاھىيىتىنى ئۇنتۇمىغان ئاساستا سوغۇققانلىق بېلەن ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدىن ئويلىنىپ كۆرسە بۇمۇ چوقۇم ئىزىغا چۈشىدۇ ۋە ھەل بولىدۇ.ئەمەلىيەتتەقارشى قۇتۇپتىكىلەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى كۆپ ھاللاردا بىر بولۇپ چىقىدۇ، گەپ ئىپادىلەشتىكى پەرقتە كۆرۈلىۋاتىدۇ.

      ئەمما،نوقۇل سېياسىي ئىمتىياز ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتنى دەپ باشقىلارغا سېياسىي جەھەتتىن قارا سۇۋاپ زىيانكەشلىك قىلىدىغان سىياسىي پاھىشىلەر ئۈستىدىكى تەنقىت پاكىتلىق،ئىلمىي ئاساسى بار، ئومۇمىي مەنپەئەتكە ئۇيغۇن بولسىلا ئۇنىڭغا ئانچە چەك قويۇۋالماسلىق كېرەك. چۈنكى ئەشۇنداق مۇناپىقلار چوڭقۇر ۋە ئۇزاققىچە تەنقىت قىلىنمىغانلىقتىن ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق مۇھىتى يوقىتالمىغانلىقتىن ئەشۇنداقلار تارىختىن بۇيان ئىجتىمائىي ئاساسقا ئىگە بولۇۋېلىپ ، ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرىمۇ خاتىرجەمياشايدىغان ھالەت شەكىللىنىپ  قالماقتا. بۇھەقتىكى تەجرىبە ساۋاقلارنى ئوبدان يەكۈنلەپ ، تەنقىت سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرىشىمىز ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىمكانىيىتىنى يوق قىلالمىغان ھالەتتىمۇ تارايتىۋېتىشىمىز كېرەك.بۇ جەھەتتىكى تەلەپنىڭ ھۆددىسىدىن ئىنتېرنېت چوقۇم چىقالايدۇ.


   مارشال:ئۇيغۇرتورچىلىقى تېز تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ،10نەچچە يىللىق تەرەقىيات مۇساپىسى كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ،ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ھازىرقى ھالىتى ئارىسىدا بېسىپ ئۆتكەن نۇرغۇن مۇساپىلەر بار،ھازىرقى تەرەقىياتتىكى بەزى رىقابەتلەر كېيىنكى ئۇيغۇر تورتەرەققىياتىغا بەزى خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن،ھازىر ئۆز پەرىزىڭىزگەبىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ،ئالدىمىزدىكى بىزگە كېلىدىغان خىرىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قايسى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك،مۇشۇ ھەقتە ئۆز چۈشەنچىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

بوزقىر :ئۇيغۇر تور بەتلىرىگە كېلىدىغان ئەڭ چوڭ خىرىس ھەرگىزمۇ ئۆز-ئارا رىقابەتتىن كېلىدىغان خىرىس ئەمەس بەلكى  تاشقى جەھەتتىن كېلىدىغان خىرىستۇر. ئىنتېرنېت تارقىلىش دائىرسى ئەڭ كەڭ ، سۈرئىتى ئەڭ تېز ، ئىقتىدارى ئەڭ تولۇق ، ئەڭ ئىلغار زامانىۋى تاراتقۇ بولۇش سۈپىتى بېلەن سېياسىي جەھەتتىن ئىنتايىن سەزگۈر مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كەلمەكتە.شۇڭا ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر مۇنبىرى ئەڭ ئالدى بېلەن خەلقئارا ئىنتېرنېت ئەھدىنامىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرىنىڭ روھى بويىچە ئىش تۇتىشى ۋە شۇ بويىچەچوقۇم ئۆزىنى قاتتىق قوغدىشى؛ ھەر قانداق قانۇنسىز-يولسىز تاقاش بۇيرۇقى ياكى جازانى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك.

     ئۇيغۇرمۇنبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئابونىتلىرى ئۇيغۇرلار. شۇڭا ئۇلار ئالاقىدار قانۇن ۋە سېياسەتلەر بەرگەن ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈپ ھەر زامان ئۆز ئابونىتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى كېرەك.

       ئۇيغۇرمۇنبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى ئۇيغۇر تىلى. شۇڭا ئۇلار جۇڭخۇاخەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزاملىرىدا بەلگۈلەنگەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇ تىلنىڭ ساپلىقى ۋە قانۇنىيىتىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ۋەئۇنى كېڭەيتىشى كېرەك. مەسىلەن يالغۇز ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىلا ئېلىپ ئېيىتساق ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساىي قانۇنى » ۋە « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى » قاتارلىق قانۇنلاردا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-يېزىق ئەركىنلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندىن سىرىت يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تۈزگەن ئون قانۇن؛ گوۋۇيۇەن ۋە ئۇنىڭ فۇنكىتسىيىلىك تارماقلىرى تۈزگەن 23قانۇن-نىزام ۋە قائىدە –تۈزۈملەر ؛ ھەر دەرىجىلىك يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر تۈزگەن 23تۈرلۈك يەرلىك نىزامدىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يېزىقىنى قوللۇنۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كاپالەتكە ئىگەقىلىنغان ۋە قېلىپ لاشتۇرۇلغان.بۇ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ناھايتى كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

      ئىچكى جەھەتتىن كېلىدىغان كىچىك خىرىسلار ئاساسلىقى خاسلىق يارىتالماسلىقتىن،دورامچىلىقتىن،نوقۇل ئىقتىسادىي نەپنىلا كۆزلەشتىن ، نام-ئاتاققا بېرىلىشتىن ، يېڭىلىق يارىتالماسلىقتىن، ئاپتورلار ۋە ئەزالارنى تۇتۇپ قالالماسلىقتىن كېلىدۇ.

   مارشال:ھازىرمۇنبەر يۈزىدە نۇرغۇن تېمىلار بارلىققا كېلىۋاتىدۇ، قولايلىق شارائىتلار ياخشى پۇرسەت نۇرغۇن كىشىلەردە تور دۇنياسىدىن پايدىلىنالايدىغان ياخشى بىر كەيپىياتنى جانلىنىشقا شەكىللەندۈردى،ھازىر قارايدىغان بولساق،نۇرغۇن قەلەمكەشلەر،تەرجىمانلار،خەتتاتلار،رەسساملار،ناخشىچىلار....ئۆزئىقتىدارىنى مۇنبەر يۈزىدە جارى قىلدۇرىدىغان ئىشلار ھەممىمىزنى سۆيۈندۇرىدۇ، مۇنبەردىنئىبارەت بۇ ئاممىۋىلىققا ئىگە،قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان پالىيەت سۇرۇنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىلىم ئۆگىنىدىغان ياخشى سۇرۇنىغا ئايلاندى،مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،بۇ ياخشى باشلىنىش ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىۋاتقان بۇ مۇھىتتا بىزگە ئېلىپ كەلگەن پايدىلىق تەرەپلىرى ھەممىمىزنى سۆيۈندۇرىدۇ،مۇنبەر يۈزىدە ئۆزىنىڭ تەبىئىي تالانتىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقان ئەزالار توغۇرلۇق ئىككى كەلىمە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ باققان بولسىڭىز؟

بوزقىر:قەلەمكەشلەر،تەرجىمانلار،خەتتاتلار،رەسساملار،ناخشىچىلار...ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇپ ،مۇنبەر مەزمۇنىغا ھۆسۈن قوشماقتا.ئۇيغۇر  مۇنبەرلىرى ئومۇمەن خالىسلىق روھى ئاساسىدا راۋاج تاپماقتا. بۇمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تور دۇنياسىنىڭ كىشىنىڭ قايىللىقىنى قوزغايدىغان بىر تەرىپىدۇر.قۇرغۇچىلاردىن تارتىپ باشقۇرغۇچىلارغىچە، تېمايوللىغۇچىلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى ئەزاغىچە ھەممىسى خالىس نىيىتى بېلەن تور ئەھلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. بۈگۈنكىدەك پۇل ئىگىلىكى دەۋرىدە بۇنداق خالىس روھنى باشقاساھەدىن تېپىش تەس.شۇڭا خالىس نىيىتى بىلەن تور ئەھلى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىكى بارلىق قۇرغۇچىلار،باشقۇرغۇچىلار، تېما يوللىغۇچىلار ،ئەزالارغا مۇشۇ مۇناسىۋەت بېلەن چوڭقۇر ئېھتىرام بىلدۈرىمەن.

     2010-يىلى يازدا تۇيۇقسىز « چوغلان ئەدەبىيات مۇنبىرى»دىن « بوزقىرغا مۇراجەت »ناملىق بىرتېمىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.ئوقۇپ باقسام «algha nazar» ئىسىملىك بىر تورداش ماڭا يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئىجتىمائىي قىممىتى زور تېمىدىن بىرنى يوللاپ ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالىسام  ئىقتىسادىي جەھەتتىن مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى يېزىپتۇ.خىيالىمدا يوق ئۆز ئىشىم بېلەن مەشخۇل بولۇپ يۈرسەم ئارىدىن بىر يىلدەك ۋاقىت  ئۆتۈپ بىرسىدىن تېلېفون كەپتۇ.ئالسام « ۋەدەمگە ۋاپا قىلىپ مۇكاپاتنى ئەمەلىيلەشتۈرىۋېتەي دەپ يېنىڭىزغا كېلىشىم، مەن ھېلىقى مۇراجەتنى يازغان algha nazar شۇ. ھازىر ئاقسۇدا» دەيدۇ.بىز يۈز كۆرۈشۈپ ئەسرارلاشتۇق. مەن بېلەن تەڭ دېمەتلىك بۇ بۇرادەر شىياڭگاڭنىڭ رايونىمىزدىكى بىر شىركىتىدە 6 خانىلىق سانغا باراۋەر يۇقۇرى مۇئاش بېلەن ئىشلەيدىكەن . بۇ بۇرادىرىم تېلېفونۇمنىڭ سىگنالىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى پەملەپ دۇكاندىن يىپيېڭى «nokia»ماركىلىق تېلېفوندىن بىرنى ئېلىپ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي سوۋغاقىلدى.ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ « ئالىمجان ، ساقىلىڭىزغا رەھمەت» دېگەن تېمامنىڭ مۇكاپاتى ئىكەن. alghanazar بېلەن ھازىرغىچەئالاقىلىشىپ تۇرىۋاتىمىز.

     دېمەكچى بولغۇنۇم ئۆزى تېما يازالمىسىمۇ ، تېما يوللاشقا ۋاقىت چىقىرالمىسىمۇ، ئەممامۇنبەرنىڭ تەرەققىياتىنى قولىدىن كېلىشىچە قوللاشقا تەييار تۇرىدىغان alghanazar دەك ساخاۋەتچىلەرمۇ يوق ئەمەس. ئۇلارنىڭ خالىس نىيىتىگىمۇ رەھمەت ئېيىتماي تۇرالمايمىز.

    مارشال:يازغۇچىلار ئارىسىدا ھازىر مۇنبەريۈزى ئارقىلىق ئۆز يازمىلىرىنى چىقىرۋاتقانلار پەرەز قىلىشىمچە ئۇمۇمىي نىسبەتنىتۇتقا قىلغاندا يەنىلا ئاز ، يېقىنقى تور ئېچىلغاندىن بۇيان،سىز ئۆزيازمىلىرىڭىزنى، ياخشى تەرجىمە ئەسەرلەرنى مۇنبەر يۈزىدىكى ئەزالارغا ئاتاپ كېلىۋاتىسىز، سىزنىڭچە ژۇرنال ،مەتبۇئات قاتارلىق ئورۇنلارغا ئەسەر ئەۋەتكەنگە قارىغاندا،مۇنبەر يۈزىگە ئەسەر چىقىرىشنىڭ قانداق پايدىلىق ۋە ئارتۇقچىلىقلىرى بار؟
  بوزقىر :پەرىزىڭىز توغرا.دەرۋەقە يازغۇچىلار ئارىسىدا ھازىر مۇنبەر يۈزى ئارقىلىق ئۆزيازمىلىرىنى چىقىرۋاتقانلار ئۇمۇمىي نىسبەتتىن ئالغاندا  ھەقىقەتەن يوقنىڭ ئورنىدا  . مەن ئۆزىنى خېلى چوڭ ئەدىب ھېساپلايدىغان بىرقىسىملار بېلەن تور توغۇرلۇق پىكىرلىشىپ باقتىم.ئۇلار تورنى ئەخلەت، قالايمىقان سۆزلەيدىغان سالپا-ساياقلار ماكانى دەپ قارايدىكەن. ئۇلارغا توردا ئەركىن سىدىقتەك ئالىمنىڭ، ئە.ئوسماندەك شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بارلىقىنى ، ئۇلارمۇ ئۆزئەسەرلىرىنى تورغا يوللاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتسام لام-جىم دېيەلمىدى.دېمەك تورغائەسەر بەرمەيۋاتقانلار مۇنداق تۆت  خىلكىشىلەر بولۇشى مۇمكىن : 1.ئىنتېرنېت تورىنى چۈشەنمەيدىغانلار،2.قەغەز مەتبۇئاتلىرىدا مىڭ تەستە تىكلىگەن ئابرويىنى دېموكراتىك تۈس ئالغان ئىنتېرنېتتىن ئىبارەت ئەركىن پىكىر مۇھىتىدا بۇلغاپ قويۇشتىن قورقۇدىغانلار، 3، سىياسىي سەزگۈسى ئېشىپ كەتكەن توخۇ يۈرەكلەر، 4. قەلەم ھەققى ئۈچۈنلا ئەسەر يازىدىغانلار.

    مېنىڭچە قەغەز مەتبۇئاتلىرىدا ئەسەر ئېلان قىلىشقا قارىغاندا توردا ئەسەر ئېلان قىلىشنىڭ مۇنداق تۆت تۈرلۈك ئارتۇقچىلىق بولىدىكەن : 1.توردا ئەسەرنى  تېز ئېلان قىلغىلى بولىدىكەن.تېز بولسا نەچچە مىنۇت،ئاستا بولغاندىمۇ نەچچە سائەتلا ۋاقىت كېتىدىكەن،2.كۆرۈدىغان ئادەم سانى كۆپ بولىدىكەن. ئۇنى يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلىكى ئادەم ئېچىپ كۆرەلەيدىكەن.3.ئەسەر ھەققىدە ھەر خىل پىكىر-ئىنكاسلار چۈشىدىكەن.بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئادەمگە –ئىلھام –مەدەت بەرسە يەنە بەزىلىرى ئەسەرنى يەنىمۇ ئۆزگەرتىپ تولۇقلاشتا موھىم رول ئوينايدىكەن.4. ئەسەر ئېلان قىلىشتا قەغەز مەتبۇئاتلىرىنىڭ مۇھەررىرلىرىنىڭ ئالدىدىكىدەك پاسسىپ ئورۇندا تۇرۇپ قېلىش خاھىشى ياكى ئەسەرلىرى قاتمۇ-قات تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ئەھۋالى كۆرۈلمەيدىكەن.

مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بۇ يەردە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ.ئالدىنقى يىللارداخەنزۇچە تور بېتىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر مۇنازىرىدىن ئايان بولۇشىچە، ئەمەلدارلارتەبىقىسىدىكىلەر تور دۇنياسىدىن ئەڭ خەۋىپسىرەيدىكەن.يولداش ماۋزېدوڭنىڭ « ناھايتى يامان بولدى ۋە ناھايتى ياخشى بولدى»دېگەن ئەسىرىنى تور دۇنياسىغا تەدبىقلىساق مۇنداق يەكۈن چىقىشى مۇمكىن : ھوقۇق-مەنپەئەتى، سۆزلەش-يېزىش ھوقۇقى چەكلىمىگەئۇچراپ كەلگەنلەرگە نىسبەتەن ئىنتېرنېتنىڭ پەيدا بولۇشى ناھايتى ياخشى بولدى؛ئاقماس سەپسەتەلىرى بېلەن ئادەم كولدۇرلىتىپ كۈننى ئېتەك بېلەن ياپماقچى بولغان پىكىر مۇستەبىتلىرىگە نىسبەتەن ئىنتېرنېتنىڭ پەيدا بولۇشى ناھايتى يامان بولدى.

مارشال:ھازىرئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئەزالىرى بىر قەدەر كۆپ،تەرەقىيات ئىستىقبالى پارلاق بولغان،يېڭىلىنىش تېز ھەم ئۇنۋىرىساللىققا ئىگە بولغان مىسرانىم،ئەلكۈيى،ئىزدىنىش،تەڭرىتاغ قاتالىقلار بار،بۇ مۇنبەرلەرنىڭ تەرەقىياتىدىكى ئارتۇقچىلىق ۋە بەزى ساقلانغان ئوبىكتىب مەسىللەر ئۈسىتدە ئازراق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ باققان بولسىڭىز؟
  بوزقىر :شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى ، تورداشلار بېلەن يۈز كۆرۈشىۋاتقان ھەر بىر مۇنبەر قانۇنلۇق رەسمىيەتلەر ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىققان جامائەت سورۇنى، ئىجتىمائىيەتداستىرخىنى . شۇڭا ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا خاسلىقى ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرى بولۇشىكېرەك. خاسلىقى ۋە قائىدە-پىرىنسىپلىرى بولمىسا رىقابەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خاسلىق بەك موھىم.شەخسىي كۆز قارىشىمچە « ئىزدىنىش»مۇنبىرىدىكى ئىنكاسلار روشەن خاسلىققا ئىگە.« ئوكيان» ، « نۇر» ۋە « شىنجاڭ لېنىيىسى» قاتارلىق مۇنبەرلەر مەملىكەت ۋە خلقئارا خەۋەرلەردىكى قىزىق نۇقتىلارنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە يەتكۈزۈشتە روشەن خاسلىققا ئىگە.« ئەل بەھرە»مۇنبىرى بولسافېليەتون ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق ، ئەدلىيە ئادىللىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان تېمىلىرى بېلەن خاسلىق يارىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

«باغداش»تورىغا 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى يوللانغان « بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ-زارى» ناملىق تېما 318مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.كۈچلۈك جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمىدا بىر پىشقەدەم ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسىلىسى ئۆز دائىرىسىدە ئىمكانىيەت يار بەرگەن شارائىت بويىچە شۇ ئوقۇتقۇچىنى رازى قىلىش ئۆلچىمى بويىچە ھەل قىلىندى. «باغداش»تورىنىڭ بۇ خىل جاسارىتى ھەم قەدىمىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

        ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئارىسىدىكى توغرا يۆنىلىشلىك رىقابەتنى قوللاش كېرەك.رىقابەت بولمىسا يۈكسىلىش بولمايدۇ.ھازىر  بىر قىسىم مۇنبەرلەر تور رادىئوسىنى يولغا قويدى. ئەتە-ئۆگۈن تور تېلېۋىزىيىسىنى يولغا قويۇدىغان مۇنبەرلەرمۇ مەيدانغا چىقىشى مۇمكىن.« مىسرانىم» ، « ئەل كۈيى» قاتارلىق مۇنبەرلەركۆرۈنۈشلۈك سۆھبەت پىروگراممىلارنى ئىشلەپ ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.بولۇپمۇ «مىسرانىم» بۇ جەھەتتە ئىزچىللىقنى ساقلاۋاتىدۇ. بۇ مۇنبەر ئىشلىگەن ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام ھەققىدىكى پروگرامما دەل ۋاقتىدا ۋە خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەن بولۇپ ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ھەپتە –ئون كۈنلەردىن كېيىنلا ئاندىن بۇھەقتە فىلىم تارقاتتى. دېمەك « مىسرانىم» بۇ جەھەتتە ھۆلاكۈمەت تاراتقۇلىرىدىن بىرقەدەم ئالدىدا مېڭىشقا مۇۋەپپەق بولدى دېگەن گەپ.

      ئەمما ، يۇقۇرقى مۇنبەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مۇنبەرلەر ئىشلىگەن كۆرۈنۈشلۈك سۆھبەت پىروگراممىلاردا ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈنلا ئىشلەنگەن شەكلىدىن مەزمۇنىغىچە قېلىببازلىق، گەپ ئوينىتىش تىپىدىكى پىروگراممىلارغا تەقلىد قىلىش ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر. ساپلا تېلېۋىزوردا چىقىپ بولغان سەنئەتكارلار ۋە مەشھۇرشەخىسلەرنى قايتا تونۇشتۇرۇش تىپىدىكى فىلىملەر ئىشلىنىۋاتىدۇ. تور دۇنياسى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئەركىن پىكىر مۇھىتى ۋە دېموكراتىك تۈسكە ئىگە بولۇپ ، تۈرلۈك چەكلىمىلەردىن نىسبەتەن خالىي . شۇڭا مۇنبەرلەرئۆزىدىكى بۇ ئەۋزەللىكنى تولۇق تونۇپ، تار رامكىغا سولىنىپ  كونا مۇقامغا دەسسەشتىن قۇتۇلۇپ، نەزىرىنى ئاۋام-پۇقرا ۋە رېئال مەسىلىلەرگە قارىتىپ، بىر قىسىم ئەمەلىي مەۋجۇت مەسىلىلەر،قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇلاھىزىگە قويۇپ ، شۇ خىل مەسىلىلەرنىڭ كۈنتەرتىپكە قويۇلۇشىنى تېزلىتىشكە تۈرىتكە بولۇشى كېرەك.  

   مەسىلەن ،مۇ شۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ بىرەر قېتىم ئۆزى تۇرۇشلۇق ناھىيە بازىرىغا بېرىپ باقمىغان بىرەر قېرىندىشىمىزنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلاپ باقساق قانداقراق ھېسىياتقا كېلىپ قالارمىز؟

   كەچۈرۈڭ،« تەڭرىتاغ مۇنبىرى» بېلەن ئاساسەن ئۇچرىشىپ باقمىدىم. شۇڭا بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىش سالاھىيىتىم يوق.


مارشال:سىز يېقىنقى يىللاردىن بېرى،مۇنبەرگە چىقىش تارىخىڭىزغا بىرلەشتۈرگەن ئاساستا،سىزگە قايسىمۇنبەرنى ئەڭ  ياقتۇرىسىز؟نېمەئۈچۈن شۇ مۇنبەرنى ياقتۇرۇپ  قالغانلىڭىزتوغۇرسىدا ئىككى كەلىمە سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟
بوزقىر : خەنزۇچە مۇنبەرلەردىن « سۇمرۇغ»، « يۇلتۇزلۇق ئارال»، «Ft»،« يەر شارى» ،« ئاۋىستىرالىيە رادىئوسى»، بىرقىسىم ئارمىيەقاناللىرى ، بىلوگلار ؛ ئۇيغۇرچە تورلاردىن 13-سۇئالغا بەرگەن جاۋاپتا  ئىسمى ئاتالغانلىرىدىن باشقا «trt»،« ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى» قاتارلىقلار . چۈنكى ئۇلاردا مەن ياقتۇرىدىغان تەرەپلەر بار.مەن مەخسۇس ئىنكاس كۆرۈش ئۈچۈن خەنزۇچە«Ft» قا، ئۇيغۇرچە « ئىزدىنىش»قا كىرىمەن.

    خەۋەر ماۋزۇلىرىنىلا كۆرۈش ئۈچۈن « ئاۋىستىرالىيە رادىوسى»غا، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ماتەم خەۋىرى ۋە ژۇرناللارنىڭ مۇندەرىجىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»غا كىرىپ چىقىمەن.نېمىشقىدۇر بۇ تور مېنى قوغلاندى قىلغان، ئەمما خاپا بولماي يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ كىرىپ قويىمەن بەزىدە.
  
مارشال:شېئىرىيەت -ھازىر مۇنبەر يۈزىنى ئەڭ كۆپ ئىگەللىۋالغان ئەدەبىيات ژانىرلىرىنىڭ بىرى،سىزنىڭ ھازىر مۇنبەر يۈزىگە چىقىپ تۇرغان شېئىرلارنىڭ سان ۋە سۈپەت مەسىلسى توغۇرسىدا ئازراق پىكىرىڭىزنى ئاڭلاپ باققان بولساق؟
  بوزقىر :مەنچە، ئۇيغۇرلار يېزىشقا تېگىشلىك شېئىرنىڭ ھەممىسىنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يېزىپ بولغان ، ئۇندىن باشقا شېئىر يازىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىھۇدە ئۇرۇنۇۋاتقانلارمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن.

    ئەمما ،مۇنبەر ئاممىۋى پىكىر سورۇنى بولغاچقا بەزى ھەۋەسكارلار قەلىمىنى چېنىقتۇرۇش ياكى پايدىلىق پىكىر ئېلىش ئۈچۈن مۇنبەرگە شېئىر يوللىسا ئۇنىمۇ توغرا چۈشەنمەي بولمايدۇ.شېئىر يازمىغاندىن يازغان ياخشى .يازمىغان ئادەمگە قارىغاندا يازغان ئادەمدە ھېچ بولمىسا تەپەككۇر قىزغىنلىقى بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما ، مەن مۇنبەردىكى شېئىرلارنى ئانچە كۆپ ئوقۇمايمەن. يامان ئەمەس يېزىلغان بەزى ساتېرىك شېئىرلاربۇنىڭ سىرتىدا.مەسىلەن ئالدىنقى يىللاردىكى « ئۇيغۇر تىلى يوقالسۇن» دېگەندەك شېئىرلار.

مارشال:مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا،قانداق يوللار ئارقىلىق تېخىمۇتەرەقىي قىلىش پۇرسىتىگە مۇيەسسەر بولالايدىغانلىقى،قايسى نۇقتىلارغا ئالاھىدەدىققەت ئېتىبارىنى قاراتسا،تېخىمۇ ياخشى بولغان ،ئۇنۋىرساللىقى كۈچلۈك بولغان ياخشى مۇنازىرە سۇرۇنى بولالايدىغانلىقى ھەققىدە ئۆز تەسەۋۇرىڭىزغا بىرلەشتۈرۈپ،پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : «مىسرانىم تورى» ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىچىدە ئەزا سانى 100مىڭدىن ئاشقان، تېخنىكا سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقۇرى ، ئۇنۋېرسال ئىقتىدار جەھەتتىن باشلامچى مۇنبەرگە ئايلاندى. ئەمما تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكىنى ھېساپقا ئالمىغاندا، تېما مەزمۇنلىرى جەھەتتىن ئانچە خاسلىق يوق.تېما تەكرارلىقى مەۋجۇت، باشقا مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلارنىمۇ قوبۇل قىلىۋېرىدۇ. تېما كۆپ . ئەمما نادىر تېمىلار ، سەرخىل تېمىلارئاز. ئەتراپلىق ، چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزىدىغان، كۆپ قىرلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغائىگە ئىنكاسچىلار « ئىزدىنىش» ، « ئەلكۈيى» دىكىدەك كۆپ ئەمەس. تېما تەشكىللەش پوزىتسىيىسى سۇس. دەل مۇشۇ ئاجىزلىق تور دۇنياسىدا خېلى مۇنازىرە قوزغىغان گۈلەن،ئۇيغۇرزادىلەرگە ئوخشاش قابىللارنى مەزكۇر مۇنبەرگە جەلىپ قىلالمىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

    ‹‹ مىسرانىم تورى»تېخنىكا ئاساسى،ئەزالار كۆلىمى جەھەتتىن مۇئەييەن سەۋىيىگە يەتتى. ئەمدى سۈپەتكە كۈچەپ بېقىشى كېرەكتەك قىلىدۇ.ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ،مۇنبەرداشلار پائالىيىتى ۋە مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق مۇنبەر مۇھىتىنى جانلاندۇرۇپ،تەسىر دائىرسىنى كېڭەيتىش. نۇقتۇلۇق قىلىپ بىر تۈركۈم قابىل يازارمەن، تەرجىمان، ئىنكاسچىلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە جەلىپ قىلىش.تېما كۈتۈپ ياتماي بەزى تەخىرسىز تېمىلارنىيېزىشقا تەشكىللەش ياكى سېتىۋېلىش.چەتئەلدىكى ئەزالارنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ تېلېۋىزىيىدىكى « جاھاندىكى ئىشلار پىروگراممىسى»دەك بىرەر سەھىپە تەسىس قىلىش ۋە ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلىش؛ قارشى قۇتۇپتىكى رەقىپلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ مۇنازىرىگە سېلىش ئارقىلىق ئوتتۇردىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە تۈگۈننى يېشىپ بىرلىك ھاسىل قىلىش؛ مۇنازىرە ئىستىلى دۇرۇس بولمىغان، غەيرى نىيەتتىكى ئوت قۇيرۇقلىرىنى مۇنبەردىن ۋاقتىدا تازىلاش. « مىسرانىم خاتىرە بويۇمى»ئىشلەپ مۇنبەر پۇلى مۇئەييەن باسقۇچقا يەتكەن ئەزالارغا  تارقىتىپ بېرىش؛مىسرانىمدا ئېلان قىلىنغان ئەڭنادىر تېمىلاردىن يىلدا بىرەر كىتاب ئىشلەپ بازارغا سېلىپ مىسرانىمنىڭ ئىقتىسادىيكىرىمىنى ئاشۇرۇش؛مىسرانىم ئەزالىرىدىن پاي يىغىپ ئۇنى مىسرانىمنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش.

   يەنە 13-سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابتىمۇ «مىسرانىم»غا بەزى تەكلىپلەربېرىلگەن.قايتا تەكرارلىماي.

مارشال:سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئارزۇ-غايىلىرىڭىز،قانداق ئىجادىيەت توغۇرلۇق كۆپرەك ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ تولىمۇ بىلگۈسى بار دەپ قارايمەن،مۇشۇ توغۇرلۇق ئۆزىڭىزنىڭ كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ھاياتىڭىز توغۇرسىدا ئويلىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟

بوزقىر : مەندە ئىجادىيەت پىلانلىرى خېلى كۆپ. ئەمما ۋاقىت يېتىشتۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن.ھەتتا نەشىرىياتنىڭ پىلانغا كىرىپ بولغان بىر كىتابىنى تەرجىمەقىلىشقىمۇ ۋاقتىم يوق قايتۇرىۋەتتىم. كۈندۈزلىرى بىرنېمە يېزىش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتى ئاساسەن يوق.ئاساسەن ئاخشامدىكى جىمجىتلىقتا يازىمەن.تېنىم ساقلابولسا ،بىرەر پەۋقۇلئاددە كېلىشمەسلىك بولمىسىلا تورغا ئەسەر يېزىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن. باشقىنى قىلالمىساممۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان بىر لاياقەتلىك ئەلمۇخبىرى بولالىسام شۇ كۇپايە. چۈنكى، مەن ئاخبارات كەسپىدە مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن.ئاخباراتنىڭ ھەقىقى ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا بىز ئۇيغۇرلاردىن چىن مەنىدىكى ھەقىقى مۇخبىر تېخى تۈزۈك چىقىپ باقماپتۇ. ھازىرقى مۇخبىر ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى جان باقتى ياللانمىلاردىن پەرىقسىزكەن.ئىنتېرنېت دۇنياسى ماڭا بۇ پۇرسەتنى بەرگەندە ئەمدى مەن يەنە نېمىشقا يازمىغۇدەكمەن؟

     ئۈرۈمچىدە نېرى -بېرى بولۇپ تۆت كىتابىم نەشىر نۆۋىتىنى كۈتۈپ ياتىدۇ.ئالدىغا تۆت يىل بوپ قالدى. ئىككىسى شەخسىنىڭ قولىدا ،يەنە ئىككىسى نەشىرىياتتا.ئۈچى ماقالىلار توپلىمى ،بىرسى تەرجىمە ئەسەرلەر توپلىمى ئىدى.تەقدىرى قانداق بولىدۇ بىر نېمە دېمەك تەس. ئۆز كەچمىشلىرىم ئاساسىدا يېزىلىۋاتقان « ئاقسۇخىياللىرى»ناملىق كىتابىمنىڭ  4 قىسمى پۈتۈپ قالدى. ئاخىرقى قىسمىنى قولۇمغا ئېلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئەسلى بۇ بەش قىسىمدىن پۈتۈلگەن مۇكەممەل كىتاب بولۇپ ئۈزمەي باشتىن ئاياققىچە ئوقۇپ چىقسا كىشىنى خېلى  ئويغا سالىدىغان كىتاب بولاتتى. ئۇنىڭ 2-قىسمى بولغان « دېپلوم زاۋۇتلىرى ۋە بىراك ماللار كىرزىسى» نى ۋە3-قىسمى بولغان « بۇلبۇل قوتاندا ، ئېشەك بوستاندا »دېگەن قىسمىنى «مىسرانىم»لىقلارغا سوغا قىلغانىدىم.  خېلى ياخشى باھا ۋە تەكلىپلەرگە ئېرىشتىم.يەنە باشقا يىرىكرەك ئەسەر يېزىش پىلانىممۇبار. خام ماتېرىيياللىرى پۈتۈپ قالغان كۈسەنشۇناسلىققا ئائىت يەنە بىر ئىلمىي ئەمگەك پىلانىممۇ بار.خۇدا بۇيرۇسا بۇ پىلانلىرىممۇ ئورۇنلىنىپ قالار.

مارشال:قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ،مەن سورىغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىنىڭىزگە مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار نامىدىن سىزگە رەھمىتىمنى ئېيتىمەن.سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق،تېنىڭىزگە سالامەتلىك،خىزمىتىڭىزگە مۇۋەپىقىيەتتىلەيمەن.ئاخىرىدا،مۇنبەردىكى ئەزالارغا دەيدىغان يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم كېلىۋاتىدۇ.

بوزقىر : مارشال ئىنىم،سىزنىڭمۇ شۇنچە كۆپ تورداشلار ئارىسىدىن مېنى سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىپ كەڭ  تور ئەھلى بېلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگەئىگە قىلغىنىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

    ئاخىردا ئاۋال كەڭ قېرىنداشلارغا دەيدىغىنىم «BDT تەشكىلاتى نىزامنامىسى»، « دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى»، «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى BDTباياننامىسى»، « خەلقئارا ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ،مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ،«خەلقئارا پۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقى ئەھدىنامىسى». « دىن ياكى ئېتىقات سەۋەبىدىنبولغان بارلىق شەكىلدىكى تاقەتسىزلىك كەمسىتىشلەرنى بىكار قىلىش خىتابنامىسى» ۋە «مىللەت ياكى ئۇرۇق ، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى ئاز سانلىقلار توپىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ ھوقۇق خىتابنامىسى» دىن تارتىپ جۇمھۇريىتىمىزنىڭ بارلىق نېگىزلىك قانۇن –نىزاملىرىغىچە، ھەتتا پارتىيىمىزنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىغىچە بىز ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھوقۇق-ئىمتىيازلار بېرىلگەن. ھەتتا قانۇندابېرىلگەن   بەزى ھوقۇق-ئىمتىيازلىرىمىزخەنزۇ خەلقىنىڭكىدىنمۇ كۆپكەن.بىز ئاسان قولغا كەلمىگەن ئەشۇ سىياسەت-قانۇن-نىزاملارنى ئەستايىدىل ئۆگۈنۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ،  ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلا بولساق  يۇرتىمىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمىنلىكى ۋە ھالقىما تەرەققىياتىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇشقا گەپ كەتمەيدۇ! قانۇننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھېچقاچان قانۇنغا خىلاپ ئەمەس! قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزنى قوغدىشىمىز بىزدىكى ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتتۇر!  

      ئىككىنچى گېپىم، مەن ئىنتېرنېتنىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلاردىن. ئىنتېرنېتقا چىقىدىغانلار قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەپ قارايمەن. بولسا ئىنتېرنېت تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشكە خالىس تۆھپە قوشساق.

    تېما تەقەززاسى تۈپەيلى بەزى جاۋابلارنىڭ سالمىقى  سەل ئېشىپ كەتتى. تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويغۇنۇم ئۈچۈن ئۆزرىلىكمەن.

   خەير ئامان بولۇڭلار،قادىر ئاللاھ بىزنى تور يۈزىدە بولسىمۇ دائىم ئەسرارلىشىپ تۇرۇشقا ھەر ۋاقىت نېسىپ قىلغاي!




2012-يىلى2-ئاي.


بوزقىرنىڭ يازمىلىرىنى بۇ يەرنى بېسىپ كۆرۈڭ!



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-9 02:50 PM  


ھازىرغىچە 26 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qaraxani + 500 دەلىللەر يېتەرلىك
pari119 + 155 تەپەككۇرى كۈچلۈك
aklala220 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
pasil + 68 تەپەككۇرى كۈچلۈك
mahsatlik + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك
xohsarsan + 100
hasretim + 44 ماختاشقا تېگىشلىك
nim-japa + 213 ماختاشقا تېگىشلىك
sazguri + 10 ئەجىرىڭىزگە رەھمەت
Dakyanos + 500 ئەھمىيەتلىك سۆھبەت بۇ.
uzumtal + 300 كۆپ ئەجىر قىپسىز مارش.
hokumran + 500 ئەجرىڭىزگە رەخمەت!!
زامانى + 500 ئېسىل نادىر يازما
gulbaxikar + 500 بەك ئىسىل ئىش قىلدىڭى.
ئەلشاھ + 500 جاپا چىكىپسىز ...
atux-0908 + 300 ماختاشقا تېگىشلىك
attirgul + 300
nazila998 + 157
fatima + 100 يارايسىز ئىنىم
dawan~ + 99 نادىر تىما

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 6827   باھا خاتىرىسى

ئىشەنمەيمەن ساڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6159
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21102
تۆھپە نۇمۇرى: 1444
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:21:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋال مارشال ئەپەندىنىڭ تىنىگە سالامەتلىك ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،ھەم بوز قىر ئەپەندىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،بولسا مۇشۇنداق سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسا،،،،

قىنى كۆرەرمىز،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23357
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8576
تۆھپە نۇمۇرى: 1561
توردا: 608 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:41:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمنى كۆرۈپلا ئالدى بىلەن بۇ يېڭىلىق بوپتۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . مىسرانىممۇ ئەمدى ئاساسى قاتلامغا يۇزلىنىپتۇ ....بۇ ئىشقا بەكمۇ خوشال بولدۇم . مۇنبەر ئۈچۈن كۈچ چىقىرۋاتقانلارمۇ ئايرىم زىيارەت قىپ تونۇتۇلسا شۇ ئەجرىگە ئازراق بولسىمۇ رازى بوپ ئىلھام تاپسا مەدەت بولسا ئەجەپ ئەمەس....


ئەمدى ئاساسى تىمىغا كەلسەك مەن بوز قىر ئەپەندىمنىڭ تەرجىمھال ۋە ئۆزى ھەققىدە ئېيىتقانلىرى ، ۋەيەنە ئۇيغۇر تور بەتچىلىك ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرنى ئاساسەن قوللايمەن . ۋە ئاكىمىزنىڭ تورئەدەبىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىللرىگە رەھمەت ئېيتىمەن . ئىشلىرنىڭ تېخمۇ ياخشى يۈرۈشۈپ كىتىشىگە تىلەكداشمەن .

قارىغايغا قىش ۋە ياز ئوخشاش ، كۈندە ئىللىق نۇر چاچار قۇياش . يات ئۇنىڭغا زارلىنىش .قاقشاش ، خىسلەت ئاڭا ئۈمىدۋار ياشاش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 10182
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 64067
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 8018 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:42:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«BDT تەشكىلاتى نىزامنامىسى»، « دۇنيا ئىنسانىي ھوقۇق خىتابنامىسى»، «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدىكى BDTباياننامىسى»، « خەلقئارا ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ،مەدەنىيەت ھوقۇقى ئەھدىنامىسى» ،«خەلقئاراپۇقرالارنىڭ ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇقى ئەھدىنامىسى». « دىن ياكى ئېتىقات سەۋەبىدىنبولغان بارلىق شەكىلدىكى تاقەتسىزلىك كەمسىتىشلەرنى بىكار قىلىش خىتابنامىسى» ۋە «مىللەت ياكى ئۇرۇق ، دىن ۋە تىل جەھەتتىكى ئاز سانلىقلار توپىغا تەۋە كىشىلەرنىڭھوقۇق خىتابنامىسى» دىن تارتىپ جۇمھۇريىتىمىزنىڭ بارلىق نېگىزلىك قانۇن –نىزاملىرىغىچە، ھەتتا پارتىيىمىزنىڭ مىللىي سېياسەتلىرىغىچە بىز ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ھوقۇق-ئىمتىيازلار بېرىلگەن. ھەتتا قانۇندابېرىلگەن    未命名hh.gif

مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بوزقىر ئەپەندىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تېنىگە سالامەتلىك ۋە ئائىلىسىگە بەخىت ، كەمتەرلىك ھەم زېھنى ئوچۇقلۇق تىلەيمەن .
مارشال ئىنىمىزنىڭمۇ تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن بىرگە ئەقلىگە ئىدراك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن . ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ﺳﯘ، ﺋﯘﺯ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﺋﯘﭼﯘﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﭼﺎﯕﻘﺎﻕ ﺗﻮﭘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ...!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5000
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2334
تۆھپە نۇمۇرى: 356
توردا: 1145 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:43:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مارشال ئىنىم ئارقىلىق بوزقىر ئەپەدىم بىلەن تۇنۇشۇپ چىقتۇق ،مەنمۇ بوزقىر ئەپەندىم تىلغا ئالغان گۈلەن ،ئۇيغۇرزادە بۇ ئىككى ئەزادىن گۈلەن دىگەن تۇرداشنىڭ تىما ئىنكاسلىرىنى كۆرمەپتىمەن لىكىن ئۇيغۇرزادە قىرىندىشىمىزنىڭ تىما ئىنكاسلىرى ھەقىقەتەن جانىلىق .
ئاخرىدا بوزقىر ئاكىمىزنىڭ تۇرمۇشۇغا بەخىت خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بىزگە يىڭى يىڭى پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەسەرلەر بىلەن تەمىنىلىشنى چىن كۆڭلىمدىن ئۈمىت قىلىمەن

ھەر بىر كۈن ئىنس

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 1392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9124
تۆھپە نۇمۇرى: 887
توردا: 7003 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:53:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئالدى بىلەن بوزقىر ئاكىمىزنى يۇقىرىدىكى قىممەتلىك سۆھبەتكە چاقىرىپ كەلگەن بۇرادىرىمىز مارشالغا ئالاھىدە تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن . شۇنىڭدەك جىددىيچىلىك ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىز مىسرانىم ئەزالىرىغا ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن ۋە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ھازىرقى شارائىتى ، ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات نىشانى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان بەرگەرن بوزقىر ئاكىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن .
مەن بوزقىر ئاكىمىزنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ، ئىلمى ئەمگەكلەر داۋامىدا تۈرلۈك سىقىلىشلارغا ئۇچراپ ، ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن كۆپ زىيانلارغا يولۇققانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم ۋە ئىچىم كۆيدى . بۇ يەردە مەن خوتەن دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدىكى ئۆگەنگەن بىر ھېكمەتنى يېزىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ .
« ھەقىقەت چىرىقى كۆپىنچە كۆتۈرگۈچىلەرنىڭ قولىنى كۆيدۈرىدۇ » -بۇئېسىت
مەن بۇرۇندىن باشلاپلا «شىنجاڭ ياشلىرى » ژۇرنىلىدا بوزقىر ئاكىمىزنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ تۇراتتىم . بولۇپمۇ « مەھمۇت كاشىغەرىي ۋە پىرخۇيلان » ناملىق تەرجىمە ئەسىرىنى نەچچە نۆۋەت ئوقۇغان ئىدىم . ئۇنىڭدىن باشقا بۈيۈك ئالىم كۇماراجىۋا ھەققىدىكى ئەسەرلىرىنىمۇ مەزكۇر ژۇرنالدىن ئوقۇغان .ئىلمى ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغانلار ھەرگىزمۇ ماددىي نەپنى كۆزلىمەيدىكەن . جۈملىدىن مىسالغا ئالساق ، يازمىلاردىن ، خاتىرىلەردىن كۆردۇق . مەلۇم بولدىكى گىگانىت يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەپەندىمۇ ھايات ۋاقتىدا قاتمۇ-قات قەرزگە بوغۇلۇپ ئۆتكەن ئىكەن . ھاياتىدا تۈزۈك بىر خوۋلۇق كۆرمىگەن قەدىردان يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر ئۇيغۇر خەلقىگە « ئانا يۇرت » ،« ئىزدىنىش » ، « ئاۋرال شاماللىرى » ،« ئاتا » قاتارلىق رومانلىرى ۋە نۇرغۇن نادىر ھېكايە-پوۋېسىتلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى . بىزگە نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلارنى قالدۇرۇپ قويۇپ كەتتى . ئۇنىڭ تۆسىپىنى ھازىر بەس-بەستە قىلىۋاتىمىز مانا .
بىزدە بىر ئادەت بار ياخشى نەرسىلەرنىڭ ، ياخشى كىشىلەرنىڭ قەدىرىنى بار ۋاقتىدا ھايات ۋاقتىدا قىلمايدىكەنمىز . ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن جۇدالىق دەردىدە ئاغزىمىز يۇمۇلمايدىكەن . مەرھۇم ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندىمۇ شۇنىڭ ئۆرنەك بىر مىسالى .
مەن يەنە يۇقارقى زىيارەت خاتىرىسىدىن ئۆمەرجان ئاكىمىزنىڭ ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرى ھەققىدىكى كۆپلىگەن ئىجادىي يېڭى گەپ-سۆزلىرىنى كۆردۈم . بۇ ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ . بولۇپمۇ ئەڭ يامان يېرى -بىز پارتىيىمىزنىڭ ، دۆلەتنىڭ بىز ئازسانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان تۈرلۈك سىياسەت ، ئەمىر-پەرمانلىرىنى بىلمەيمىز ۋە چۈشەنمەيمىز . شۇ سەۋەپلىك دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن قەدىر-قىممىتىمىز ، ھوقۇقىمىز دەپسەندە قىلىنسىمۇ كارىمىز يوق ، سۈكۈتتە تۇرۇۋېرىمىز . مانا بۇ ئۆگەنمەسلىكنىڭ ، بىلمەسلىكنىڭ چوڭ -قاباھەتلىك زىيىنى .
ئېغىزدىن چىقىسىلا گەپ-سۆز بولۇۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ مۇقىم مەۋقەسى ، قاراتمىلىقى ، بەلگىلىك سىياسەت ، قانۇن ئاساسىي بولۇشى كېرەك . ئاندىن ئېزىپ كەتمەيمىز .
بىز مۇنبەر ئەھلى ئۆمەرجان ئاكىمىزغا ، شۇنىڭغا ئوخشاش زىيالىيلىرىمىزغا بەكمۇ تەشنا . قىممەتلىك تېمىلىرىڭىزنى پات-پات ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
تاماسىز ، مىننەتسىز ، بىلىم سەۋىيىلىك تور ئەھلىنىڭ يەنىمۇ زورىيىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .
مىسرانىم مۇنبىرىگە تەرەققىيات ۋە ئەمىنلىك تىلەيمەن .
تورداش دوسىتلىرىمىزنىڭ مۇمكىن بولسا يۇقارقى زىيارەت خاتىرىسىنى چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ باشتىن-ئاخىر ئوقۇپ چىقىپ ، ئۆزىگە بىر بىلىم يېڭىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   باياۋان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-26 11:57 AM  


كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
قەبرە بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئۇزۇن سەپەر ...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 674
يازما سانى: 1117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40011
تۆھپە نۇمۇرى: 482
توردا: 3197 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2014-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:07:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋوي ماۋۇ مارشال ئۇكام نىمانداق ئوماق ..... ھى ھى
بورقىز ئەپەندىمنى تولۇق چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم دېسە ...رەھمەت سەلكىنداش

خۇشچىراي ، شېرىن سۆز ( بولسا ) ، مال - دۇنيا بېرىلسە ، بۇ ئۈچ نەرسە ئەتراپىغا ئەركىن كىشىلەرمۇ توپلىنىدۇ . قۇتادغۇبىلىكتىن :

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5143
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8492
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 12:48:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەۋرىمىزنىڭ غۇرۇرلۇق يىگىتى ، كۇرۇشۇپ بىر پاراڭلىشىشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، ھەقىقى ئىسمىنى بىلىمەن ، (زاھىر مۇئەللىم دەپ بەرگەن) لىكىن  پۇرسەت تاپالمىدىم . كىيىن پۇرسەت تاپسام ئاقسۇغا بېرىپ ئىزدەرمەن .

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1763
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 01:12:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىىتى ياخشى بىر سۆھبەت خاتېرىسى بولۇپتۇ . ئۇيغۇر تور ئەسەرلىرى ئىچىدە بوزقىز ئاكىدەك ئەسەر يازىدىغانلار بەكلا ئاز ئۇچرايدۇ . بۇ كىشىنىڭ تېنىنىڭ ساغلام ، قەلىمىنىڭ تېىخىمۇ ئۆتكۈر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش