مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: مارشال

ئۆمەرجان ھەسەن بوزقىر بىلەن سۆھبەت   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

يالقۇن085

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14300
تۆھپە نۇمۇرى: 3301
توردا: 1969 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ  دەۋرىمىزنىڭ غۇرۇرلۇق يىگىتىىنىڭ  تېنىنىڭ ساغلام ، قەلىمىنىڭ تېىخىمۇ ئۆتكۈر بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40351
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4523
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1991 سائەت
تىزىم: 2011-5-11
ئاخىرقى: 2014-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:37:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇلىمۇ  ئەھمىيەتلىك   بىر ئۇچرىشىش  بوپتۇ.

نىكاھ تەڭ باراۋەرلىك-ئادالەت ئۈستىگە ئەمەس، پەزلى- مەرھەمەت ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ.

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4452
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2014-2-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-26 11:46:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مارشال بۇرادەرنىڭ تىرىشچانلىقى، بوزقىر ئاكىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن پۈتۈپ چىققان بۇ سۆھبەت خاتىرسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغىنىغا تولىمۇ تەشەككۈر!
بوزقىر ئاكىنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىقىگە بەرگەن تەلىملىرىدىن ھەقىقەتەنمۇ سۈيۈندۈم!
ئەمدى بوزقىر ئاكا، سەرگۈزەشتىلىرىڭىزنى  ئوقۇۋېتىپ مەندە بىر سوئال تۇغۇلۇپ قالدى، بىرقانچە يىل ئىچىدە سىز بىرنەچچە ئىدارىغا يۆتكىلىپسىز، بۇ جەريانلاردا سىز خورلۇق ھېس قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن‹‹ئەگەر مەن بولساممۇ شۇنداق بولاتتىم›› ، ئۇنداق ئىتىندى سۇقۇندى بولۇپ تۇرغاندىن كۆرە باشقا ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭىزمۇ؟ ياكى تۈمۈر تاۋاقتىن ۋاز كەچكىڭىز كەلمىدىمۇ؟ۋە ياكى بەزى ناپاك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرەش قىلغۇڭىز كەلدىمۇ؟

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62322
يازما سانى: 1151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7877
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1518 سائەت
تىزىم: 2011-10-27
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:06:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74235
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3046
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-1-29
ئاخىرقى: 2012-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 12:17:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ سۇھبەتنى ئۇقۇپ كۇرۇپ ،شۇنداق خۇش بۇلدۇم ،ھەم بۇ تىمىنى ئۇرۇنلاشتۇرغان تۇرداش دۇستلارغا مەسلگىم كىلىپ پۇرسەت بۇلسا تۇنۇشۇپ .ۇخشاش بۇلمىغان پىكىرلەرنى ئۇتۇرغا قۇيۇپ پىكىرلىشىش ئۇيغا كىلىپ قالدىم ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13027
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6375 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2015-5-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 01:37:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جون ستۇئارت مېل: سەگەك كىشىلەر ئۆزىدىكى پىكىرلەرنىڭ مەنبەسىنى، دەۋاتقانلىرىنى ئۆزىمۇ چۈشەنمەي ئەمرىمەرۇپ قىلىۋاتقانلاردىن ئەمەس ؛ تەشۋىقات ماشىنىسىغا ۋەكالىتەن سۆزلەۋاتقانلاردىن ئەمەس ؛ ئۆزىنى كۆرسىتىشكە، جامائەتچىلىك ئالدىدا نازلىنىشقا ئامراق ئەربابلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە ھەقىقىي كۆيىدىغان، ئۆزى ئۈچۈن سۆزلەۋاتقان ئادەملەردىن ئالىدۇ. بۇنداق پىكىردىن ئوزۇق ئېلىش جەريانى كۆپىنچە ئاشۇ پىكىر قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ئۇلارنى غىدىقلىغان دەملەردە يۈز بېرىدۇ، دېگەن ئىكەن.
مەتبۇئات ۋە تور دۇنياسىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ شۇنى بايقىدىمكى، گەرچە ئاغزىدا ۋەتىنىم، خەلقىم-مىللىتىم دەپ داۋراڭ سېلىۋاتقان زىيالىيلار خېلى كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇيغۇرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، ئۇيغۇرنىڭ سۈيىدە ئېقىۋاتقان زىيالىي بارماق بىلەن سانىغىدەكلا ئازكەن. بۇنى ھېس قىلغان ۋاقتىمدا چۆچۈدۈم، ئېچىندىم، يەنىلا ئۆزۈمگە تەسەللى بەردىم، نېمىلا بولمىسۇن، يۈرىكى خەلقى ئۈچۈن سوقىدىغان پىكرى ئويغاق زىيالىيلىرىمىز ئاز بولسىمۇ بارىكەن، تۈگەپ كەتمەپتۇ. بوزقىر ئەپەندىنى ئەنە شۇنداق زىيالىيلارنىڭ بىرى دەپ سانايمەن. بوزقىر ئەپەندىگە تەن ساقلىق ۋە چىدام-غەيرەت تىلەيمەن.

سۆھبەتنى روياپقا چىقارغان مارشال ئەپەندىگە كۆپ تەشەككۈر.  


تاماكا چەكمەڭ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 3569
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2413
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 7195 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 02:34:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سۆھبەت ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن بوزقىر ئەپەندىنى تېخىمۇ تۇلۇق چۈشەندىم، بوز قىر ئەپەندىنىڭ تېنىگە سالامەتلىك خىزمىتىگە ئۇتۇق ئىجادىيتىگە ئىلھام تىلەيمەن...

بۇ سۆھبەتنى ئۇيۇشتۇرغان مارشال ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. جاپا چەكتىڭىز ...

ئاسمان يېرىلغاندا، يۇلتۇزلار تۆكۈلگەندە، دېڭىزلار بىرـ بىرىگە قوشۇلغاندا، ئۆلۈكلەر چىقىرىلغاندا ھەر ئادەم ئىلگىرى كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ.

ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرق بو

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10336
يازما سانى: 8342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55732
تۆھپە نۇمۇرى: 3763
توردا: 6666 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 04:37:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ئارقىلىق بوزقىر ئەپەندىم بىلەن تونۇشۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن بولدۇم، گەرچە بوزقىر ئەپەندىمنى ئەسەرلىرى بىلەن تونىغان بولساممۇ كىشىلىكى ۋە شەخسىيىتىنى تونىمايتتىم مارشال بۇرادەرنىڭ تېرىشچانلىقى بىلەن بوزقىر ئەپەندىم بىلەن تونىشىۋالغان بولدۇم....
بوزقىر ئەپەندىمنىڭ قانۇن ئارقىلىق ھوقۇقىمىزنى قوغداش پىكرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق پىكىر. قانۇندىن خەۋرى بارلارنىڭ بۇ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن
بوزقىر ئەپەندىمنىڭ ۋە مارشال بۇرادەرنىڭ كېيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 753
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5279
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 643 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 09:49:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوزقىر ئەپەندىنى تېخىمۇ ئوبدان چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلغان مارشال ئەپەندىگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-2-27 11:15:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    بوزقىر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن،‹ئېشەك بوستاندا ، بۇلبۇل قوتاندا›نى ئوقۇپ ئەمدى ئەزالار زىيارەت نۆۋىتى بوزقىر ئاكىغا كەپتۇ دەپ ئويلىغانىدىم،مارشال كۆڭلۈمدىكىنى تېپىۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟
    ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك ،مەن بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدىن بوزقىر ئەپەندىنىڭ ھەقىقەتەن كۆپنى كۆرگەن ،كۆپ كىتاب ئوقۇغان ،نەزەر دائىرىسى كەڭ ،مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق ئويلاپ ،ئىلمىي پىكىر قىلالايدىغان ، جەمئىيەتتىكى تەڭسىزلىك ،ئادالەتسىزلىككە قارشى ئۈنلۈك مۇقام توۋلىيالايدىغان ئۇقۇمۇشلۇق بىر زىيالىي ،ياق  قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم،ئۇنىڭ سوئاللارغا بەرگەن جاۋابىنى قوللايمەن،بەزىلىرى دەل بىز ئويلىغان ،ئەمما نېمە ئۈچۈندۇر دېيەلمىگەن گەپلەر ئىكەن.<تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمىغاننىڭ پىكىر قىلىش ھوقۇقى يوق>،بوزقىر ئەپەندىنىڭ مەسىلىلەرنى مۇشۇنداق ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشلىرىدىن ئۇنىڭ يۇقىردىكى مەسىلىلەر ھەققىدە خېلى چوڭقۇر تەتقىق قىلغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.(بۇ يەردە بۇ يەردە مۇنبەرداشلارغا شۇنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ،بىرەر تېما ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەندە ،ئاۋۋال شۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېريال كۆرۈڭ ،جەمئىيەت كۆزىتىڭ،نەزەر دائىرىڭىزنى كېڭەيتكەندىلا ئاندىن شۇ مەسىلە توغرىلىق ،ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ،ئىلمىي ئىنكاس يازالايسىز.)  
     لېكىن بىر نۇقتىنى چۈشىنەلمىدىم،بوزقىر ئاكا ،سىز <ئېشەك بوستاندا ، بۇلبۇل قوتاندا>دېگەن تېمىڭىزدا ۋە بۇ سۆھبەت خاتىرىسىدە تىلغا ئالغىنىڭىزدەك سىز نېمە ئۈچۈن بۇنداق چەتكە قېقىلىسىز،رەھبەرلىك نېمە ئۈچۈن سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزنى مۇئەييەنلەشتۈرمەيدۇ؟بۇ يەردە بىرەر ئارقا كۆرۈنۈش بارمۇ قانداق؟بەلكىم بۇلارنى مۇنبەر يۈزىدە ئاشكارىلاش بىئەپتۇر،لېكىن...........
    مەن بوزقىر ئەپەندىم ئۇچۇرغان خورلۇق ۋە ھاقارەتلەرگە بەك ئەپسۇسلاندىم ،ئىچىم ئاچچىق بولدى،بۇ قايسى زامان،نېمىشقا بوزقىردەك مۇشۇنداق ئىختىساس ئىگىلىرى چەتكە قېقىلىدۇ،خورلىنىدۇ؟ بۇ بەلكىم ئاشۇ چىرىك ،پارىخور ،خىيانەتچى ،چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ رەزىللىكى ،كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن ھېلىقىدەك <....   چى>لارنىڭ سەۋەبىدىندۇر................
    قارىغاندا <ئېشەك بوستاندا ، بۇلبۇل قوتاندا> دېگەن تېمىدىكى ئىنكاسلاردا ئېيتىلغاندەك سىياسىي تۈزۈلمە ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولسا كېرەك.(....چى ئىنكاسچىلار ،بۇ گېپىمنى سىياسەتكە كۆتۈرۋېلىشماڭ،خەنزۇچە تور بەتلىرىدە سىياسىي تۈزۈلمە ئۆزگەرتىشنىڭ زۆرۈرلىكى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.)
    مارشال ،سىزنىڭ بۇ سۆھبەتنى دەل ۋاقتىدا ئۇيۇشتۇرغىنىڭىزدىن تولىمۇ مەمنۇن بولدۇم،قارىغاندا سىز مۇنبەر ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ،ئەزالارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپسىز،سىزگە كۆپ  تەشەككۈر،ھارماڭ!
    ئاخىردا مىسرانىمغا ئىككى ئېغىز تەكلىپىم،بوزقىر ئەپەندى ئېيتقاندەك مۇنبەرنىڭ خاسلىقى يوق،ئەزالارنىڭ كۆپلىكىدىن مەغرۇرلىنىشقا بولمايدۇ،چۈنكى مىسرانىمدا يۇمۇر چاقچاق،پىسخىكا سىناش قاتارلىق كىشلەرنى جەلپ قىلىدىغان تېمىلار كۆپرەك ،شۇڭا بۇ مۇنبەرگە قىزىقىدىغانلار كۆپ بولىشى مۇمكىن ،يەنە بىرى بوزقىر ئەپەندى يۇقىردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك بىزنىڭ ئۆزىمىزنى قوغدايدىغان نۇرغۇن قانۇنلىرىمىز بار،شۇڭا بەزى ھەق ناھەق مەسىلىلىرىدە  مەيدانىمىز مۇستەھكەم بولسا،باغداش مۇنبىرىگە يوللانغان <بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئاھۇ زارى>دېگەن تېما ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردىن بىلىشىمچەبۇ تېما ئەسلى مىسرانىم  مۇنبىرىغا يوللىنىپتىكەن،كېيىن
قەشقەردىكى بەزى ئەمەلدارلار باشقۇرغۇچىلارغا تېلفون بېرىپ تەھدىت سېلىپ ئۆچۈرگۈزۋېتىپتۇ،ئەجىبا ئۇلارنىڭ مۇشۇنداق ھوقۇقى بامۇ؟سىلەر نېمە ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك قانۇنلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزەڭلارنى قوغدىمايسىلەر؟كەچۈرۈڭلار ،سىلەر ئۇيغۇر تورى ،ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقانلار،سىلەردىن چىن كۆڭلىمىزدىن مىننەتدارمىز  ،سىلەرنى ئۇنى بۇنى دېيىشكە ھەققىمىز يوق،بىراق بۇنى دېيىشىمدىكى مەخسەت،ئاشۇ تېمىدىكى ئىنكاسلاردا پەقەت باغداش تورىلا ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ بۇ تېمىغا مۇنازىرە سورۇنى ھازىرلاپ ،بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىغا تۈرتكە بولدى،مىسرانىم بۇ جەھەتتە < باغداش>نىڭ پوقىنىمۇ دورىيالمايدۇ دېگەندەك گەپ سۆزلەر بولۇنغان،شۇڭا سىلەرنىڭ مۇشۇ جەھەتتىنمۇ دىققەت قىلىشىڭلانى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن !
    بوزقىر ئاكا ،تېنىڭىز سالامەت بولسۇن ،بىز ھەرقاچان سىز بىلەن بىللە!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvlqay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-2-27 12:49 PM  


مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش