رۇبائىيلار
كونىلار زەپمۇ توغرا ئېيىتقان ئىكەن،
ئەلمىساقتىن ياندا بارنىڭ قەدرى يوقكەن.
ئەپسۇس ئۇنىڭدىن ئايرىلغان چاغدا ،
كىشى شۇ ياندا يوققا ئىنتىزاركەن.
تۇغۇلغان ئىكەنسەن ئىنسان بۇلۇپ سەن،
ياشىغىن ئىنسانىي ئەخلاقىڭ بىلەن.
ھاياتنى قەدىرلەپ ھالال ياشىغىن،
چۈنكى بۇ ھاياتلىق بەك قىسقا ئىكەن.
ياشلىق كىلىدۇ كىشىگە بىر قېتىم،
كەتسە ئۇ كەلمەيدۇ يەنە بىر قېتىم.
تىرىشىپ ئۈگەنگىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،
ياشلىقنى قەدىرلە قالمىغىن يېتىم.
دوستسز دۇنيادا بولماس مۇھەببەت،
ئۇ بولغاچ تاپتىڭ سەن ئەقىل پاراسەت.
كۆرسىتىپ بەرگەچ ئۇ نۇقسانلىرىڭنى،
تاپتىڭ سەن باشقىلار ئالدىدا شۆھرەت.
چىن دوستۇڭ بولسا ئەگەردە سېنىڭ،
دوسلۇقنى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۈۈزڭ،
ئۆرۈمە يۈزۈڭنى،بۇزما دوستلۇقنى،
ھەقنى-ياماننى پەرق ئەتسۇن كۆزۈڭ.
كىتاب ئۇ بىلىمنىڭ خەزىنىسىدۇر،
ھېكمەت-دۇردانىلەر يىغىندىسىدۇر.
قەدىرلە كىتاننى ياخشى ساقلىغىن،
چۇنكى ئۇ تارىخنىڭ پاكىتىدۇر.
خار بولماس بىلىمنى بىلگەن كىشى،
مەيلى چوڭ-كىچىك بولسۇن يېشى.
بىلىملىك كىشىلەر بۇلار بەخىتلىك،
ھەرۋاقىت تەيياردۇر ئۇنىڭكى ئېشى.
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە ئەي ئىنسان،
بولىسەن بولمىسا ھەر جايدا سەرسان.
بېرىلمە ھەۋەسكە،ئەيىش-ئىشرەتكە،
بولىسەن بولمىسا يەر بىلەن يەكسان.
ھەرداۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھەۋەسنى شەيتاننى سەن چۆرۈپ تاشلا.
قالىسەن بولمىسا بىر پۇشايمانغا،
تۈكىلەر ئۇچاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.
شەيتان ئۇ ئازدۇرار سېنى ھەر يەردە،
ئۈندەيدۇ پايدا بار تېز كەل بۇ يەرگە.
ھوشيار،ئېھتىياتچان بولمىساڭ ئەگەر،
باشلايدۇ ئۇسېنى يامان يەرلەرگە.
ئابدۇخېلىل مەمەت
2012-12-1