ئۇيغۇرلۇقۇم،ئۇيغۇر يارىم سۆيىمەن سېنى
ئەركيار
تاڭ سەھەردە تۇرسام ھەركۈن تاڭغا يۈز ئېچىپ،
قول ئېلىشسام كۆرۈشكەندەيۈزۈمگە يېقىپ.
قۇياش بولسام سەھرالارگە مېھرىمنى چېچىپ،
ئىپتىخارىم،تىلتۇمارىم سۆيىمەن سېنى.
سالام-سەھەت،كۈلۈمسىرەش...گۈزەل ھەرقىلىق،
تۇتاش قەلب،تۇنۇش سۆزلەر،تونۇش ھەر تىنىق.
سېنى تاپتىم گۈل شەھىرىم سۆيگۈ ئارقىلىق،
ياشلىق چېغىم، دىل قارارىم سۆيىمەن سېنى.
دەريالەركى گۇۋاھ بولغان سۆيگۈ ئاھىمغا،
بوستانلەركى ئوخشارچاچلىق ئوماق يارىمغا،
تاغلەر ئېگىز كېلەر ئەگىز كۆڭۈل باغىمغا،
تۇمۇرۇمدا كۈچ-مادارىم سۆيىمەن سېنى.
سېنى سۆيۈش خىزمىتىمدۇر ، ۋىجدانىي خىزمەت،
ياخشى كۈنلەر قۇچاق ئاچتى بەخىت –سائادەت.
سۆيگۈ-دوپپام،سۆيگۈ-ياغلىق،سۆيگۈم تائەبەت،
ئۇيغۇرلۇقۇم،ئۇيغۇر يارىم سۆيىمەن سېنى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 04:27 AM