ئانا تىل
يوچۇن ئادەم (شۈكران)
بىر تورداش مېنى ئەتتىگەندە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى.
تىل ئىچىدە تەڭرىتاغ گۇيا ۋەسلىڭ ئانا تىل،
كۈندە باھار خۇش ھىدىڭ ماڭا پەسلىڭ ئانا تىل،
تاغ ئوغلىسەن باتۇردەك پاكىز نەسلىڭ ئانا تىل،
ئۇيغۇرلارنىڭ شەۋكىتى ‹ئۇيغۇر› تەكتىڭ ئانا تىل.
تاغلار ئىچىدە تەڭرىتاغ ماڭا تولا بەك ھەيۋەت،
نۇرغۇن جانلىق نەپ ئالۇر تۈگىمەس ئۇندا ھەم بەركەت،
قامىتىگە ياراشقان مىلىيۇن كىشىلىك شان-شەۋكەت،
شۇ شەۋكەتنىڭ ئاتىسى ئۇيغۇر بەختىڭ ئانا تىل.
گۈل-چېمەنلىك ئەتىراپى ئىزتىراپى ئۆچمىگەن،
جاپا تارتىپ مىڭ يىللاپ ماكانلاشقان كۆچمىگەن،
تاقەت قىلىپ ھەممىگە تەڭرىتاغدا كۆكلىگەن،
يۈتمەس شاھىد باھاردەك ئۇيغۇر تەختىڭ ئانا تىل.
ئوۋچى بولۇپ تىل ئارا كائىناتنى ئوۋلىغان،
يۈتۈپ كەتسە تىللىرى ھەمكارلىشىپ توۋلىغان،
يۈزسىز ئەمەس ئۇ زادى باشقا تىلنى خورلىغان،
ئوۋ گۆشتىگە ھەمغىزا ئۇيغۇر ئەپتىڭ ئانا تىل.
بۇزۇلمايسەن چېلىنىپ پەدەڭ مەھكەم چىگىلگەن،
مەجنۇنتالسان بەئەينى قەددىڭ يادەك ئىگىلگەن،
قەلبىمىزدا سەن مايسا تېخى باھار تىكىلگەن،
ھارارىتىڭ ئۇيغۇرغا قوياش تەپتىڭ ئانا تىل.
2013-يىل10-فىئورال