مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1648|ئىنكاس: 14

سودا تەركىپلىك ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كىتابۇللاھ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50552
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3546
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 12:45:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

          ئەتراپىمىزدىكى سۈنئىي ئىچىملىكلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيىنى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارمۇ كۆپەيمەكتە. تۆۋەندە توختىلىدىغىنىم دەل شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى سودا تەركىبلىك ئىچىملىكلەر، مەسىلەن كوكا-كولا توغرىسىدىكى ئىچىملىكلەرنىڭ زىيىنى.

گەرچە خەلقارادا بۇ مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىلىپ، زىيانلىق تەركىبلەرنىڭ ئورنىغا زىيانسىز تەركىبلەر قوشۇلۇشقا ھەرىكەت قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭغا تېخى «ئاتلار ئورۇق، يول يىراق». شۇڭا تورداشلارنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ا

1.   ڧوسڧورىك كىسلاتالار سۆڭەك تەركىبىنىڭ شالاڭلىشىنى ۋە چىشنىڭ چىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2.   زىيادە تاتلىق سۈنئىي تېتىتقۇچىلار سىزدە سوداغا ئىچىملىكلىرىگەخۇمارلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ..

3.   شىكەر قىيام رەڭ ماددىسى خىمىيىۋى بىرىكتۈرۈلگەن بولۇپ(كۆپىنچە سودا ئىچىملىكلىرىدە، جۈملىدىن كوكا-كولا دىگەندەكلەر)، ئەمما ئۇنى تېتىتقۇ ئورنىدا ئىشلىتىشنىڭ ئۆسمە كىسەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تېخى بايقالمىسىمۇ، ئەمما ئۇ بىر خىل گىرىم بۇيۇمى تەكىبىدۇر.

4.     ڧورمالدىھايد--- ئۇ بىر خىل ئۆتكۈر ئۆسمە كىسەل پەيدا قىلغۇچى خىمىيىۋى بىرىكمە، ئۇ سوداغا قېتىلمىغان بولسىمۇ ئەمما سودائىچىملىكلىرى تەركىبىدىكى ئاسپارتېيم (بىرخىل سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن شىكەر) ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە ھەزىم بولغاندا، ئىككى ئامىنو كىسلاتاسى، مېتانول ۋە ڧورمىك كىسلاتا--ڧورمالدىخيدقاپارچىلىنىدۇ.

5.   كۆممە قوناق مىۋە شىكىرى شىكەردىن قويۇلدۇرۇلىدۇ،يەنە بىر تەركىب مىۋە شىكىرى كۆممە قوناقتىن قويۇلىدۇرۇلىدۇ،  بۇلار سىزنى ئاسانلا سەمرىتىۋىتىدۇ، شۇنداقلا بۇلار قان تەركىبىدىكى خولىسترول ۋە ترىگلىتسىرىد تەركىبىنى ئىلگىرىلىتىپ، سىزنىڭ تويماسلىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

6.   كالىي بېنزولات— بىر خىل چىرىشكە قارشى خىمىيىۋى تەركىب بولۇپ، بەدىنىڭىزدە بېنزولنىڭ جۇغلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بەدەندىكى جۇغلانما بېنزول ئۆسمە كىسىلىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

7.   يىمەكلىك بويىقى---مىڭە خىزمىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ،زىيادە ئاكتىپلىق، دىققىتىنى بىر يەرگە يىغالماسلىق، ئۆزىنى تۇتالماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.



بۇنىڭدىن سىرت بېشىمدىن ئۆتكەن، ئۆزۈمدە تەجرىبە قىلغان بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرسەم.


            ئامرىكىنىڭ NCIS دىگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرىنى قەۋەتلا ياقتۇرۇپ كۆرىمەن، ھەر بىر يېڭى قىسىمى چىققۇچە كۆزۈم تەشنا، شۇ تېلىۋىزىيەدە، جىنايى ئىشلار تەتقىقاتچىسى ئەبىي شۇتو خانقىز بىر خىل Caf-Paw دەيدىغان ئىچىملىككە زىيادە ئامراق، كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇ خىزمىتىگە تېخىمۇ تېتىك ھالەتتە ئۆزىنى بېغىشلاش ئۈچۈن، دائىم يوغان بوتۇلكىسىدا Caf-Paw سىنى ئىچكىنى ئىچكەن.

           ئۆزۈم بىر بىئو-خېمىك بولغاچقىمۇ، بۇ ھەقتە مەن بەك قىزىقىپ قالدىم، چۈنكى مېنىڭ قولۇمدىمۇ بىر تالاي ئىشلار باردى، گەرچە كۈنىگە 14~16 سائەت ئىشلەۋاتقان بولساممۇ، ئەمما ۋاقتىم يىتىشمەيۋاتقاندەك، شۇڭا بۇ ئىچىملىكنى نەدىن بولسا ئىزدەپ تېپىپ، بىر ئىچىپ كۆرۈش قارارىغا كەلدىم. ئەمما توردىن ئىزدىسەم بۇ خىل ئىچىملىك شۇ تېلىۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن سۈنئىي ئويدۇرۇپ چىقىلغان ئىكەن. ئەمما ئەبىيخاننىڭ سۆزلىرىگە دىققەت قىلسام، بۇنىڭ ئاسالىق تاركىبى كەڧىين (قەھۋە ماددىسى) ۋە سودانىڭ بىرىكمىسى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، شۇ ھەقتىكى بازاردىكى ئىچىملىكلەرنى ئىزدەشكە باشلىدىم، قىزقارلىقى ئەتراپىمىزدا پۈتۈنلەي شۇنداق ئىچىملىكلەر تولۇپ- تېشىپ ياتقانكەن ئەمەسمۇ، تىپىك مىسالى دۇنياغا داڭلىق قىزىل كالا ئىچىملىكى....

          شۇنىڭ بىلەن مانا «دوستۇم»، ئىچىشىڭنى بىل، كۈچ قۇدرىتىمنى بىر ئۇرغۇتۇپ، تازا بىر ئىشلەپ باقاي دەپ كۈنىگە 1-2 دىن ئىچىشكە باشلىدىم، دەسلىۋىدە ياخشى ئۈنۈم بەردى، ھەقىقەتەن روھلۇق تېتىك يۈردۈم، ئەمما بىرەر ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن، يۈرەك سوقۇشۇم سەل قالايمىقانلىشىشقا باشلىدى، ئەڭ ئېغىر بىر قېتىملىقىدا، كىچە سائەت ئۈچ بولغان ۋاقىت ئىدى، سىرتتا گۈلدۈرمامىلىق، چاقماقلىق يامغۇر، ئەنە شۇ ۋاقىتتا يۈرىكىم قاتتىق ئېغىپ ئويغۇنۇپ كەتتىم، بىردەم- بىردەم يۈرىكىم سوقۇشى توختاپ قالدى، «ئاللاھ» دەيتتىم ئىچىمدە،ئۇستازىمغا تېلىڧون قىلاي دىسەم،  تېلىڧونىمنى ئېلىشىمغا ھەم مادارىم يوق ئىدى، شۇ خىل ھالەتتە سائەت بەشكىچە ئولتۇرۇپلا قالغانچە قىمىرمۇ قىلالمىدىم، كۆڭلۈمدە تۈمەنمىڭ خىيال ۋە ئەندىشە، «مۇشۇ تائىپلارنىڭ ماكانىدا بىرەر ئىش بوپ قالسا قانداقمۇ قىلارمەن، بىرەر ئىش بولسا، ھەتتا ئىڭىكىمنى تېڭىشقىمۇ بىرەرسى يوق» دەيتتىم ئىچىمدە، كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلاتتى، ئەمما شۇ ھالەت، بەلكىم بۇ چەتئەلدە ياشاش ۋە ئوقۇش ئۈچۈن بەدەل بولسا كېرەك... سائەت بەشلەر بولغاندا چاقماقمۇ توختىدى، مەن بىر ئامال قىلىپ كارىۋاتقا چىقىۋالدىم، شۇ بويىچە ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلىمەن، كۆزۈمنى ئاچسام چۈش بولاي دەپتۇ، «خۇداغا شۈكرى، ھاياتكەنمەن» دىدىم ئىچىمدە، ئورنۇمدىن تۇرۇپ، خىزمىتىمگە چىقتىم،شۇ تەرىقىدە بىر نەچچە كۈنلەر ئۆتتى، بەلكى ۋاقىتلىق شۇنداق ئەھۋالدۇ، دەپ پىسەنت قىلماي، ئىشلەپ يۈردۈم. ئەمما بىر كۈنى كەچ سائەت 11 لەردە تەجرىبىخانىدا ئىشلەۋەتسام، يۈرىكىم يەنە تۇيۇقسىز سوقۇپ كەتتى،شۇ چاغدىلا ئامالسىز تەجرىبەمنى توختىتىپ، ئۇستازىمغا بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم، ئۇ دوختۇر بولغاچ مېنى بىر قۇر تەكشۈردى، ئەمما تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ زۆرۈر بولغاچقا، چوڭ دوختۇرخانىغا خەت قىلىپ بەردى، جىددىي قۇتقۇزۇشقا كىرىپ بىر كىچە ياتتىم، قان ۋە يۈرەك رېتىمىمنى تەكشۈرۈشتى، ئەمما قىزىقى ھەممىسى نورمال.

           ئەتىسى دوختۇرخانىدىن چىقىپلا، بىرىنچى بولۇپ، مەندىكى بۇ خىل ھالەتنىڭ سەۋەپچىسىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. چۈنكى بۇ خىل تۇيۇقسىز بىنورمال ھالەت مەندە بارغانسىرى تەشۋىشكە ئايلانغان ئىدى. تۇرمۇش ئادىتىمنى ئەسلەشكە باشلىدىم، «زادى نەرى چاتاقتۇ؟» دەپ ئويلايتتىم، قارىماققا، بىر خىزمەت بېسىمىدىن باشقا ھەممە ئىش نورمالدەك ئىدى، چوڭ پەرق يوق، بىردىنبىر  پەرق پەقەت ۋاقىتلىق چەككەن تاماكام بىلەن ئىچكەن «ئېنىرگىيە ئىچىملىكلىرى» بولدى. تاماكىنىڭ زىيىنىنىغۇ بىلىمەن، ھەم ئۇنى پەقەت نەچچە ئايلا ۋاقىتلىق چەكتىم، ئەمما بۇ ئېنىرگىيە ئىچىملىكىدە نىمە گۇناھ؟ تور بەتلەرنى ئاختۇرسام، دەرۋەقە ئامرىكا ڧىدراتسىيەلىك دورا- ۋە يىمەكلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ (FDA) تورىدا، يېقىندىن بۇيان سادىر بولۇۋاتقان ماڭا ئوخشاش ھادىسىلەر توغرلىق مەلۇماتلار باركەن، ھەتتا ئامرىكىدا، ئالۋاستى (Monster) ئىچىملىكىنى ئىچىپ، نەچچە كىشىنىڭ يۈرەك كىسىلى بىلەن قازا قىلغىنى توغرلىق مەلۇماتلارغا ئىگە بولدۇم، ئۇنىڭدىن قانچىنى ئىچكىنىمنى ئكزەممۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ خېلى ئوبدانلا ئىچكەن ئىدىم... كىيىن بىلسەم سودادا ئېرىگەن كەڧېيىن يۈرەككە ئىنتايىن زىيانلىق ئىكەن، بەلكىم ئۇنىڭغا نىكوتىن ئارلاشسا «ئالە شەرىڭنى» دىگۈدەك ئىش بولىدىكەن.

          شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئېنىرگىيە ئىچىملىكلىرىنى بىراقلا توختاتتىم، «قايناقسۇ ئىچ، كۆڭلۈڭ تىنچ» دەپتىكەن، ھەتتا چايمۇ ئىچمەي قايناقسۇ ئىچىپ يۈردۈم، دەرۋەقە قىسقا ۋاقىت پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدىم، سالامەتلىكىمگە ۋە چۆنتىكىمدىكى پۇلغا پايدىسى بولدى.  شۇندىلا بىلدىمكى، ئېلان يەنىلا ئېلان ئىكەن، يەنىلا تەبىئىيلىككە يەتمەيدىكەن.

          بىلگۈچى ئاللاھتۇر، مانا بۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن شۇنداق بىر رىئال ۋەقە، ئۈرۈمچىدىكى ۋاقىتلىرىمدا قىز-يىگىتلەرنىڭ ۋوتكا بىلەن كوكا-كولانى ئارلاشتۇرۇپ ئىچكەنلىرىنى، يەنە بەزىلەرنىڭ ھاراق سورۇنلىرىدا تاماكىنى ئۈزمەي چىكىپ، قىزىل كالىنى بولۇشىغا ئىچكىنىنى كۆرگەن ئىدىم، ئىشىنىمەنكى ھېلىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر شۇ خىل ئەھۋالدا. گەرچە ھەممىلا كىشىدە بۇ خىل ئالاھىدىلىكلەر بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ماقالىنىڭ شۇلارغا بىر ئۈندەش بولۇپ قېلىشىغا ئۈمىتۋارمەن!




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dostum. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 02:37 PM  


رىئال زەخمىسىدن ئۆلسەم، خىيال رەھمىسىدىن كۈلدۈم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:10:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يىمەكلىك ئىستىمال قىلىشقمۇ ساپا زۆرۈر بولۇپ قالدى ............بەك توغرا تىزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يىمەكلىك ئىستىمال قىلىشقمۇ ساپا زۆرۈر بولۇپ قالدى ............بەك توغرا يىزىپسىز
ئەجرىڭىزگە ئاللاھ ئەجىر ئەزىم بەرسۇن رەخمەت

uysoda بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:54:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:05:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دىمەك «  قايناقسۇ ئىچ ، كۆڭلۈڭ تىچ » دىگەن تەمسىل يەنە بىر يېڭى مەناغا ئىگە ئىكەندە .................
   

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

پۇل يوق!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47746
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3035
تۆھپە نۇمۇرى: 490
توردا: 1207 سائەت
تىزىم: 2011-7-14
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:31:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏نان ياققاندا بولۇپمۇ گىردە ياققاندا خېمىرگە كۆپ مىقداردا سودا سىلىنسا ......پاھ گىردە شۇنداق يۇمشاش يەنە شۇنداق چوڭ كۆرۈنىدۇ،كۆپىنچە ناۋاي بۇرادەرلەر  نانلىرىنى كۆپ سېتىش ئۈچۈن نانغا نورمىدىن بەكلا ئارتۇق سودا سالىدۇ  بۇ ناننى يىگەن كىشى  چوقۇمكى كىچىدە ھاجەتخانىنى  بىر قانچە نۆۋەت يوقلىماي قالمايدۇ

‏ئىلىشتا بىسمىللاھ، بىرىشتە  ئەستەغپىرۇللاھ   

كۈلكە شەيتاننىڭ راھىتى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2385
يازما سانى: 2039
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13944
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 9224 سائەت
تىزىم: 2010-6-10
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 05:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يا ئاللاھ  ھىلىمۇ ياشاپ كەپتۇق .

ئالدىمغا كەلدى دەپ يەۋەرمە ، ئىغىزىمغا كەلدى دەپ دەۋەرمە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10285
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3543 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 06:42:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر يىمەكلىك بىخەتەرلىگى بەكلا مۇھىم. شۇڭا دىققەت بىلەن ئىستىمال قىلايلى.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2126
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 270 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 07:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىققەت قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73736
يازما سانى: 479
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 882 سائەت
تىزىم: 2012-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 07:36:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ كولانىڭمۇ خۇمارى بۇلىدىكەن ، نەچچە قېتىم ئىچمەسلىككە نىيەت قىلىپ يەنە ئىچىپ سالدىم ، خەپ .
تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش