مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1635|ئىنكاس: 21

خىجىللىق(ھىكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26894
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2428 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 03:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               خىجىللىق
                                                           (ھىكايە)

           بۈگۈن يەكشەنبە بولغاچقىمىكىن،ئاپتۇبۇستا ئادەم كۆپ ئىدى.ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرغان ئەركىننىڭ چىرايىدا بىر خىل خۇشاللىق ئەكس ئىتىپ تۇراتتى.ئۇنىڭ ھەمشە كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان قاپقارا،يوغان كۆزلىرى بۈگۈن بۆلەكچىلا يېقىملىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇنىڭ كەيگەن كىيىملىرىمۇ ياشلىق قامىتىگە تولىمۇ ياراشقان ئىدى.
           ئاپتۇبۇس بىر خىل رېتىمدە كىتىپ باراتتى،ئەركىن،بىرتۇرۇپ ئاپتۇبۇس ئەينىكىدىن سىرتقا قاراپ سىرتتىكى قاينام-تاشقىنلىققا چۈمگەن مەنزىرلەرگە نەزەر سالسا،بىرتۇرۇپ ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەرگە نەزەر سالاتتى،گويا كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى خۇشاللىقلىرىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ قارايتى.
            ئاپتۇبۇس ئۈچىنجى بىكەتكە كىلىپ توختىدى.ئاپتۇبۇستىن ئىككى-ئۈچ كىشى چۈشۈپ كەتكەندىن كىيىن،بىر قولىدا بىر ياغ تۇڭىنى،بىر قولىدا چوڭ بىر سومكىنى كۆتەرگەن،چىرايى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارايغان قىرق بەش ياشلار ئەتراپىدىكى دېھقان سۈپەت بىر ئەر ئاپتۇبۇسقا چىقتى. ئۇ كىشى ئەتراپقا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن ئىشىكنىڭ يېنىدىلا ئۆرە تۇردى.ئاپتۇبۇس تۇيۇقسىز بىرلا چايقىلىپ،كىشىلەرئالدى-كەينىگە مۈدۈرۈپ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇپ،سوقۇلۇپ كەتتى.ھېلىقى كىشى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ،ئەركىنگە يۆلۈنىپ قالدى ۋە ھېلىقى كىشىنىڭ قولىدىكى ياغ تۇڭىنىڭ ئاغزى چىڭ ئىتىلمىگەنمۇ،تۇڭنىڭ ئاغزىدىن ئازراق ياغ ئېقىپ ئەركىننىڭ بۈگۈنلا كەيگەن يېڭى كەشىگە ئازراق تېمىپ كەتتى،بۇنى كۆرگەن ئەركىننىڭ چىرايى بۇلۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلۇپ،مىڭىسى تەتۈر قۇيۇندەك پىقىراپ،بەش مىنۇت بۇرۇنقى خۇشاللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.

        -ھو قېرى،كۆزۈڭ نەگە كەتتى سىنىڭ،مۇنداق تۇرە،مەن سىنىڭ يۆلىنىدىغان يۆلەنچۈكىڭ ئەمەس؛-دىدى-دە،ھېلىقى كىشىنى ياقىسىدىن تۇتۇپ ئىتتەردى،ھېلىقى كىشىنىڭ تەلىيىگە ئاپتۇبۇستا ئادەم كۆپ بولغاچقا يېنىدىكى كىشىلەرگە يۆلۈنىپ قالدى،بولمىسا قانداق ئاقىۋەت يۈز بىرەركىن-تاڭ.
         -خاپا بولمىسلا ئوغلۇم،ئېھتىياتسىزلىقتىن------،
          -كىم سىنىڭ ئوغلۇڭكەن،ئۈستى-بېشىڭغا قاراپ بېقىپ گەپ قىل ھو،ماي چاپان دىۋانى،-ئەركىن شۇنداق دىگىنىچە ئالدىغا بىر قەدەم سىلجىپ،ھېلىقى كىشىگە نەپرەت بىلەن قاراپ قويۇپ،دېرىزىدىن سىرتقا قارىۋالدى.ئاپتۇبۇستىكى كىشىلەر بۇ يىگىتنىڭ قوپاللىقلىرىغا نارازى بولغاندەك نەپرەتلىك قاراپ قويۇشتى.
             ئەركىننىڭ خىيال قۇشلىرى كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا ئىدى،خىيال ئەينىكىدە مىھرىگۇلنىڭ تال چىۋىقتەك زىلۋا بويلىرى،قاپقارا سۇمبۇل چاچلىرى،قويۇق ئۇزۇن كىرپىكلىرى سايە تاشلاپ تۇرغان ئويناق كۆزلىرى،كەمپۈتنىڭ قاسىقىدەك يۈزلىرى،ئانارنىڭ دانىسىدەك لەۋلىرى پەيدا بولىشى  بىلەنلا،بايامقى تىمساقنىڭكىدەك ئەلپازى يېلى چىكەتكەن ئەرشىبا تەرەكتۇنىڭ چاقىدەكلا بوشاپ كەتتى.مىھرىگۇلنىڭ ئۆزىنى مەغرۇر،سالاپەتلىك تۇتۇشلىرى،مۇلايىم گەپ-سۆزلىرى،ئەدەپ-ئەخلاقى،خىزمەتتىكى تىرىشچان،ئەستايدىللىقى ئەركىننى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلىپ قىلىۋالدى.
           ئەركىن بىلەن مىھرىگۇل ئۆز-ئارا تونۇشقان ئالتە ئايدىن بۇيان،ئۇلار بىر-بىرىگە بولغان چۈشۈنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ،تونۇشنى ئايدڭلاشتۇرۇپ ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈشىپ قېلىشقان ئىدى.
           بۈگۈن مىھرىگۇل، ئەركىننى بىر قانچە خىزمەتداشلىرى بىلەن بىرگە ئۆيىگە چاقىرغان.شۇڭا ئەركىن مىھرىگۇلنىڭ ئۆيىگە خىزمەتداشلىرىدىن بۇرۇنراق ماڭغان چېغى ئىدى.ئاپتۇبۇس ئاخىرقى بىكەتتە توختىدى،يولوچىلار بىر-بىرىنى ئىتتىرشىپ چۈشۈشكە باشلىدى،ئەركىننىڭ قولىدا بىر نەرسە يوق سالتاڭ بولغاچقا بالدۇرلا چۈشۈپ تۇرشىغا،بىكەتنىڭ ئالدىدىكى چوڭ ماگىزىندىن مىھرىگۇل چىقىپ كەلدىيۇ ئۇلار چىرايلىق سالاملىشىپ،تىنىچلىق سورشاپ تۇرىشىغا،ھېلىقى يولۇچى ياغ تۇڭلىرنى ۋە يوغان سومكىللىرىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ مىھرىگۇل بىلەن سالاملىشىپ كۆرۈشتى،ئەركىن ھېلىقى ئادەمگە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن،مىھرىگۇلدىن سورىدى،
        - ئۇ كىم؟
         -مىنىڭ دادام،
         -سىزنىڭ دادىڭىز؟
         -شۇنداق.مىنىڭ دادام،
         -مىنىڭ دادام،مىھمانلارنى ياخشى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن يېڭى بازاردىن لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋىلىپ كەلدى.
         ئەركىننىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى،ئۇ يا ئالدىغا مېڭىشنى،يا كەينىگە يېنىشنى بىلەلمەي، خۇددى تاشتا ياسالغان ھەيكەلدەك قېتىپلا قالدى.


                                  ئاپتۇرى؛مەخەت ئابدۇرېھىم.
      
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 04:26 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YuqunAdam + 271

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 271   باھا خاتىرىسى

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 954
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3559
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 328 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2013-11-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:19:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى ياشلارنى زە ئاپتوبۇستا يۆلىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ ،كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ بۈگۈنكى ياشلار ئەتىكى كۈندە ياشانغانلارغا ئايلىنىدۇ مۇشۇنچىلىك ئىشقا ياقىسىدىن تۇتۇپ ھەي ~~

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2679
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2542
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 6882 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:27:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم. تېما مەزمۇنى خەت چوڭلىقى 4- نۇمۇردىن چوڭ بولۇپ كەتسە يانفۇن زىيارەتچىلىرى نۇرمال كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ئالاھىدە ئىھتىياج بولمىسا 4-نومۇردىن چوڭ قىلىۋەتمەڭلار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 04:27 PM  


مايماق بولۇر شاخ مەيلىگە قويغاندىن،
يىغا ياخشى ئانا تىلسىز كۈلگەندىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26894
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2428 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:33:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن خەت دەرجىسىنىڭ ئىكرانغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى  بىلمەپتىمەن،مەن ئۆزەم يازغان ھىكايىدىكى پىسۇناژ ئەركىندىنمۇ بەكرەك خىجىل بولدۇم.بۇدا چوقۇم دىققەت قىلىمەن.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 75 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2013-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:47:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىسەم بولار

كۈلۈپلا قويدۇم خالاس !!!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2842
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2698 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 04:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھە مانا ئوبدان بوپتىغۇ ، تازا كۆڭۈل ئازابى تارتقۇزىدىغان گۇيكەن ...خەخنىڭ تىشىغا قاراپ باھا بەرگىلى بولمايدۇ جۇمۇ ،

ھايات بىر چۇش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر .
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق باھا بەرگىنگە ئەمەس قانداق ئادەمنىڭ باھا بەرگىنگە قارا
سەن ئەڭ زىرىككەن ھازىر ، كىيىن ئارزۇ قىلساڭمۇ قايتالمايدىغان ئۆتمۈش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7021
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12800
تۆھپە نۇمۇرى: 1934
توردا: 610 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2013-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 05:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈمەييە يوللىغان ۋاقتى  2013-2-9 04:47 PM
ھە مانا ئوبدان بوپتىغۇ ، تازا كۆڭۈل ئازابى تارتقۇزىدىغ ...

توغرا دەيسىز

ئويلان ئۇيغۇر ، ئۇيغۇر دېگەن ئىسمىڭ بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر  مەدىنيىتىڭ ، تىلىڭ  بىر  .
ئويلان ئۇيغۇر يېزىقىڭ بىر  ،  دىنىڭ بىر  .
ئويلان  ئۇيغۇر  قاچان بولۇر دىلىڭ  بىر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86801
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 253 سائەت
تىزىم: 2012-11-4
ئاخىرقى: 2013-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 06:18:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەب ئادەملەر بار ھە !

ئەر قۇتى بەلىڭ ، سۇۋ قۇتى تەرىڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 656
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2000
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 06:33:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەدەپ -ئخلاق ھەممىمىزگە يار بولسۇن ،شۇندىلا يۈزىمىز يورۇق بۇلىدۇ

يالغانچىنىڭ رىسقى كام بۇلۇر .سەمىمىلىك ،راستچىللىق مىنىڭ مىزانىمدۇر.

تۈلكىلەرگە قارا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11678
يازما سانى: 2417
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 84169
تۆھپە نۇمۇرى: 1745
توردا: 9484 سائەت
تىزىم: 2010-9-26
ئاخىرقى: 2013-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-9 06:34:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلى يىنىك ياخشى ئەسەر بوپتۇ.كەش، ئەرشىبا تەرەكتۇر،... دىگەن گەپنى ئويلۇشۇپ بېقىڭ. باشقا ئوخشۇتۇشلارمۇ بارغۇ تېلىمىزدا؟ كىيىنكى ئەسەرلىرىڭىزنىڭ بۇنىڭدىن ياخشى چىقىدىغانلىغىغا ئىشىنىمەن.
يەنە

ئەركىن ئۇ كىشىنى ئىتتىرگەندە ئەركىندىنمۇ قاۋۇر باشلىق سۈپەت ئوقىغان ئادەمنىڭ شىمىغا تۆكىلىپ كەتسىمۇ خۇشاللىق بىلەن بىلەن ئۇ كىشىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش كۆرنىشى قىستۇرۇلسا ئەركىنگە تەنبىھ بولۇپ زورىغا ئەينەك تەرەپكە قاراپ تۇرۋالغان كۈرنىشىنى ئويلاشسىڭىز تېخىمۇ مەزمۇندا بېيىدىغۇ دەيمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
يازغۇچى + 20 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

شەرەپتۇر مەن ئۈچۈن قاقشال دەرەخ بوپ،ئەلنىڭ ئوچىقىدا تاراسلاپ كۆيۈش!پۇراقسىز ، چىرايلىق غۇنچىسىز گۈلدىن،خۇشپۇراق،كۈلگۈنچەك ياپىراقنى سۆيۈش!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش