باجىنىڭ پوجاڭزا ئېتىشى
باجى تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈۋاتقان چاغان كېلىشكىمۇ ئاز قالدى، ئۇ بۇيىلمۇ بۇرۇنقى يىللارغا ئوخشاش پوجاڭزا ئېتىپ ئۆزىنى خۇش قىلىش ئۈچۈن دۇكانغا ماڭدى. ئەمما ئۇ پوجاڭزا سېتىۋالالامەنمۇ دەپ ئەنسىرەيتى، چۈنكى نەچچە كۈن بۇرۇن باجى خەۋەردە ‹خېنەن ئۆلكىسىدە پوجاڭزا توشۇپ ماڭغان يۈك ماشىنىسى پارتىلاپ، كۆۋرۈك ئۆرۈلۈپ نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى› دىگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ قالغان ئىدى.
- ئەلمىساقتىن ھەر قانداق نەرسىدىن چاتاق چىقىشتىن ئىلگىرى ھېچ گەپ يوق، چاتاق چىققاندىن كېيىنلا تەكشۇرۇلۇپ، چەكلىنەتتى. پوجاڭزىنى چەكلىۋەتكەنمىدۇ؟
باخى ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەچ دۇكانغا كىردى ۋە قاتار تىزىقلىق پوجاڭزىلارنى كۆرۈپ كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، تاللاپ يۈرۈپ ھەرخىلىدىن مىڭ يۈەنلىك ئالدى.
مانا باجى كۈتكەن ھارپا كۈنىمۇ كەلدى، ئۇ ئېغىناپ ئاران تەستە پوزاڭزىلارنى مەيدانغا ئەپچىقىپ، پىلەككە ئوت ياقتىدە 2 بارمىقىنى قۇلىقىغا تىقىپ ئارقىسىغا يېنىشىغا مۇزغا تېيىلىپ پوجاڭزىلار ئارىسىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتتى.
باجى كۆزىنى ئاچسا ئۆزىنى يۈز-كۆزى تېڭىق ھالدا دوختۇرخانىدا كۆردى.
- ھە، ياخشى كۆزىنى ئاچتى، مەنمۇ ئۆيگە قايتاي.
باجى خوشنىسى سېيتاخۇننىڭ ئاۋازىنى تونۇدى ۋە ‹بۇ سېسىق قاسساپ نىمە قىلۋاتقاندۇ بۇيەردە› دەپ ئويلىدى. باجى ئەزەلدىن خوشنىسىنى سېيتاخۇن قاسساپنى مەينەت دەپ ياراتمايتى.
- ياخشىمۇ بولسا سىز ئەكىلىپسىز، بولمىسا سوغۇقتا ئۈششۈپ قالاتتى بۇ بايقۇش!
سېستىرا قىزنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باجى قۇلىقىغا ئىشەنمەي قالدى،‹مېنى ئاشۇ قاسساپ............؟›.
ئىشىك جاڭ قىلىپ ئېچىلىپ تاڭسىڭ، سۈن مايمۇن، شاسىڭلار كىرىپ كەلدى. تاڭسىڭ:
- ھۇ چوچقا(تاڭسىڭ خۇشال ۋاخلىرىدا باجى دەپ ،ئاچچىقى كەلگەندە چوچقا دەپ چاقىراتتى)، ھارپا كۈنى ئارقاڭنى قىسىپ كىرىپ جۇۋاۋاڭنى يىمەي پوق باما ساڭغا پوجاڭ ئېتىپ؟ چىرايىڭغا قاراپ باقە بىر چوشقىغىلا ئوخشاپ قاپسەن!
‹توغرا، سەن ئەزەلدىنلا بىر چوشقا› دەپ ئويلىدى، ئەمما تاڭسىڭ ئاچچىقىنى ھېچ بېسىۋالالايدىغاندەك ئەمەس.
- ھەي چوچقا، ساڭغا پوجاڭ ئېتىپ نىمە كەپتىكەن ھاۋانى بۇلغاپ؟ بۇ مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىمۇ قىززىككەن، مېنىڭ ئاق ئېتىمنى سېسىق يەل قويۇپ بېرىدىكەن، ھاۋانى بۇلغايدىكەن دەپ يېشىل كارتا ئۇياقتا تۇرسۇن سېرىق كارتىمۇ بەرمىدى، ئەگەر ئۈچەي يوللىرىنى داۋالاتمىسام قىزا قىۋىتەمىش، ھۇ ئاناڭنى........
ئۆزىنىڭ ئاغزىنى بۇزۇپ قالغىنىنى سېزىپ قالدىمۇ قانداق، بىر قولىنى كۆتۈرۈپ ‹ئامىتابا› دەپ قويدى.
ئەمدى شاسىڭ قايناپ قالدى.
-ئاغا، سىلەر كىچىچە پوجاڭ ئېتىپ ئەتىسى ئارام ئالغان بىلەن، مەن بىچارە دەم ئالماي يۈك كۆتۈرىمەن، كېچىچە پوجاڭزا ئاۋازىدا ئۇخلىيالمىسام ئەتىسى قانداق ئىشلەيمەن؟ ماڭىمۇ ئىچىڭلار ئاغرىسۇن، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇڭلار!
- ئىنىم، ئاكاڭ سۈن قارىغاينىڭ قېپىنى ئاڭلاپ قوي، سەن پوجاڭ ئېتىپ ھەممە يەرنى مەينەت قىلىۋەتسەڭ، ئەتىسى ئاشۇ بىچارە تازىلىق ئىشچىلىرى قانداق جاپادا تازىلايدۇ؟ ئۇلارنىڭمۇ ئىللىق ئۆيىدە ئارام ئالغۇسى بار. سەن ئۆز خۇشاللىقىڭنى ئاشۇ جاپاكەشلەرنىڭ جاپاسى ئۈستىگە قۇرامسەن؟
باجى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي تىپراپ كەتتى، ئۇلارنىڭ گېپى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق، ئۆزى خىجىل بولۇشقا ھەقلىق ئىدى.
ئاپتور: يەكچەش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-11 03:49 PM