رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
(غەيۋەتخورلار)
كۆنۈپ قاپتۇ بەزىلەر غەيۋەت بىلەن ياشاشقا،
كۆرەلمەستىن ئۆزگىنى لەززەت بىلەن غاجاشقا.
تىپىلماستىن ھىچ داۋا قاغشاپ كەلدۇق ئەل-ئاۋام،
تاشلىمايدۇ خۇيىنى شۇ كاززاپلار نېمىشقا.
ياخشىنىمۇ يامان دەپ بۇغداينىمۇ سامان دەپ،
شۇملۇق ياغار ئاغزىدىن چىقماس ئەسلا لىللا گەپ.
ياخشىلىقتىن ئەسەر يوق بالا بولدى شۇنداقلار،
يۈرۈكىنى ئاۋامنىڭ پارازىتتەك خۇددى يەپ.
ئىيتىلمىغان ناخشىلار ئىيتىلماقتا شۇ سەۋەب،
ئۆزگەرمىدىڭ شۇندىمۇ غەيۋەتخورلار سەن ئەجەب.
سېنى كۈيلەر قەلەم يوق پىقىردىمۇ ھەم بۈگۈن،
لەنەتلەرگە كۆمۈلدىڭ ساڭا بارچە دەيدۇ خەب.
غەيۋەت يامان زىنادىن دېگەن قۇرئان ھەدىستە،
ھىچ بولمىسا ئۇستازىڭ ئۆتمىگەنمۇ دەرىستە.
ئىلىمدىمۇ-پەندىمۇ ئىيتىلغاندۇر ئىللەت دەپ،
غەيۋەتلەردىن يىراقنىڭ ئىسمى ئەلدە پەرىشتە.
ئەسكەرتېش بۇ ئەسرىم تاجىكىستان دۈشەنبەگتىكى مەتبۇئات ئورنىغا
بىرىلگەن ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ
رۇستەم قاراسۇ......ئاتۇش
كىچىڭىز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-16 05:40 PM