ھۇرمەتلىك تورداشلار ياخشىمۇسىلىەر،ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھدىن ھەممىڭلارغا سالامەتلىك بەخىت تىلەيمەن،
ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق،بەرىكەت تىلەيمەن. ھەممىڭلارغا مەلۇملۇق ھازىرقى دەۋىر رىقابەت ئۇچۇر دەۋرى.ئىلىم-پەن ئۇچقانداق تەرەققىي قىلۋاتقان بۇگۈنكى بۇ كۈندە گەرچە تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن قۇلايلىقلار بولغان بولسىمۇ،تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانا تىلىمىزغا بولغان بېسىم بارغانسېرى ئېشىپ بارماقتا.قوشتىلنىڭ يەنە بىر پاسسىپ تەرىپى بولسا ئانا تىلىمىزنىڭ ئەۋلاتلار بالىلار قەلبىدىكى ئورنى باسغانسېرى سۇسلىىپ بارماقتا.كىشىنى ئىچىنى ئېچىشتۇردىغىنى بەزى بالىلار ھەتتا ئانا تىلىدا ئۆزئىسمىنى يازالمايدۇ.بۇ بىرمىللەت ئۈچۈن ئېچىشىنىش.مۇشۇنداق تۇرغان يەردە كەلگۈسىدە ئۇلار توم-توم ئاناتىل رومانلىرىنى قانداق ئۇقۇيالىسۇن؟ شۇڭا بەزىلەر كىتاب ئېلىپ سېتىۋىلىپ قانداق قىلىمىز دەپ ئويلاپ قالغان بۇلىشى مۇمكىن.
مېنىڭچە بۇنداق ئويلاش خاتا.مىللەتنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئالدى بىلەن بالىلىرىمىزنى ساۋادلىق قىلىشىمىز،ئۇلارغا مىللەتنىڭ بەلگىسى بولغان ئانا تىلنى پۇختا ئىگەللىتىتىشىمىز،ئۇلارغا كۆپرەك كىتاب ئېلىپ بىرىشىمىز،ئۆزىمىزمۇ كۆپرەك كىتاب ئېلىپ ساقلىشىمىز كېرەك.كىتاب ساقلاش تۇلىمۇ ئۇلۇغ ۋە ياخشى بىر ئىش.مەنمۇ كىتاب ساقلاش ھەۋەسكارى.مەن ئۇزۇندىن بىر كىتاب ساقلاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىم.ئاساسلىق كىتاب ساقلىغۇچىلار كىتابنىڭ قىممىتىنى بىلىپ ئەسلى نەشىردىكى ياخشى كىتابلارنى ساقلىسا يەنە بەزى كىشىلەر ئەزان دەپ ناچار كۆپەيتىلمە كىتابلارنى سېتىۋالماقتا.
باشقىلار ھەقىقىي تۇنجى نەشىردىكى كىتاب ساتسا ئۇنى قىممەت كۆرىدۇ.مېنىڭچە بۇلار ھەقىقىي ئەخمەق كىشىلەردۇر.
كىتاب ساقلاشتا چۇقۇم ياخشى تۇنجى نەشىردىكى كىتابلارنى ساقلاش كېرەك.
مەن ئۇزۇندىن بېرى كۆپ ئىزدىنىپ،ھەرقايسى جايلاردىن تۇنجى نەشىردىكى كىتابلارنى يىغىپ توپلىدىم.بەزى كىتابلار ھەتتا نەچچە مىڭ يۆەنگە كەلدى. ئاخىرى نەچچە مىڭ يۆەن خەجلەپ نۇرغۇن كىتابلارنى يېغىپ كەلدىم.مېنىڭ پەقەت پايدا ئېلىش مەخسىتىم يوق.شۇڭا كۆپچىلىك قىممەت كۆرمىگەن بولمىساڭلار.ئەگەر لازىم بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
ئەگەر تۇنجىسى بىلەن ھازىرقىسنىڭ پەرقى يوق،دىگۈچىلەر بولسا بۇ يەردە جىق گەپ قىلماي دەرھال كىتابخانىدىن سېتىۋېلىڭ.
ئەسكەتىش:بۇيەرگە يېزىلغان كىتابلارنىڭ بەزىللىرىنى يىڭى نەشىر قىلدى.ئۇلار مەن يازغان باھادىن ئەزانراق.لېكىن مەندە بارلىرى بولسا تۇنجىسى،شۇڭا خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار.
تەۋەرۈك كىتابلار
1.ئانا يۇرت (3 قىسىم)
2.ئويغانغان زېمىن (2 قىسىم)
3.ئىز (2 قىسىم)
4.خەمىسە داستانى (5 قىسىم)
5.ئۆمۈر داستانى (2 قىسىم)
6.لېيىغان بۇلاق(7 قىسىم)
7.بابۇرنامە
8.باياۋاننىڭ سىرى
9.موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە
10.ئەزىزانە قەشقەر
11.كەلىلە ۋە دېمىنە
12.مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمالى
13.تارىخى رەشىدى
14.تارىخى ئەمىنىيە
15.تارىخى ئەمىنىيە
16.پولات قانداق تاۋلاندى
17.ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر
18.سۇتۇق بۇغراخان
19.ئەنجانباي
20.تىيانشان باغرىدا
21.شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى تارىخى
22.ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى
23.شىياڭيۇ قىزى
24.ئاق پاراخوت
25.تەكلىماكاندىكى ئالتۇن كولدۇرما
26.سەيپىدىن ئەپەندى شېئىرلىرى
27.ل.مۇتەللىپ
28.ئۇيغۇر پوۋىستلىرىدىن تاللانما
29.بۈيۈك شائىر ئەلشىر نەۋائى
30.ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدە قۇتادغۇبىلىك
31.يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ دۇنيا قارىشى
32.تۇندىكى چاقماق
33.پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر
34.قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل
35..ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى
36.ئەلشىر نەۋائى ئەسەرلىرى
37.مەمتىلى ئەپەندى
38.ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە
39.زۇنۇن قادىر ئەسەرلىرى
40.يۈسۈپ خاس ھاجىپ
41.رامىزاننىڭ ئۈن يەتتىسى
42.بالدۇر ئويغانغان ئادەم
43.سوفىيەنىڭ دۇنياسى
44.چالىقۇشى
45.قاينام ئۆركىشى
46.سەرسان روھ
47.ئاپاق خوجا
48.تورغاق خوجا
49.مەخدۇم ئەدەم
50 .بەدۆلەت