مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 482|ئىنكاس: 7

خېلىل شېئىر توپلىمى 1 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2652
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:28:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

1.ئانا تىل


ئەجداتتىن مىراس بوپ قالغان ئانا تىل،
غەلبىلەر كۆيىنى چالغان ئانا تىل،
قەلبىمگە بىلىمنى سالغان ئانا تىل،
ئۇيغۇر دەپ بۈيۈك نام ئالغان ائانا تىل

سەن بىلەن ياشنايدۇ ئۇيغۇرۇم دېگەن،
سەن بىلەن گۈللەيدۇ ئۇيغۇرۇم دېگەن،
سەن بىلەن كۆكلەيدۇ ئۇيغۇرۇم دېگەن،
بىر ئۇلۇغ مىللەتى تۇغقان ئانا تىل.

سەن بىلەن يېزىلغان دۇنياۋى ئەسەر،
سەن بىلەن تارقالغان يىڭى خەۋەرلەر،
سەن بىلەن ئۇيغۇرۇم مۇرايقا يېتەر،
شۆھرەتكە ئىگە قىلغان بىزنى ئانا تىل.

تىلسىملار سىر ئەمەس بىزگە ھېچقاچان،
يىشىلىپ سەن بىلەن يېزىلار داستان،
ھۇررا دەپ توۋلايدۇ باھادىر پالۋان،
تارىخلار بېتىدە چولپان ئانا تىل.


مەڭگۈ تاش سۆزلەيدۇ ئىلتەرىش خاقان،
مۇقاملار كۆيىدە ئاماننىساخان.
قىسسەگە ئايلانغان ئاندۇرەشىدخان،
مەرىپەت نۇرىنى چاچقان ئانا تىل.

سەن بىلەن تۇنۇلغان ئالىم فارابى،
لۇغەتلەر پۈتكەن ھەم بۇۋام قەشقىرى،
شىئىرغا ئايلانغان ئەلشىر نەۋائى،
تىللارنىڭ تۆرىدە چولپان ئانا تىل.

مەن ئۇيغۇر ئەۋلادى ئانا تىل بەختىم،
بىر ساڭا تالىقتۇر قەلبىمدە تەختىم.
شەنىڭگە گۈللەرنى قىلاي مەن تەقتىم،
ئۇيغۇرنى چوڭ قىلىپ باققان ئانا تىل.

ئەزەلدىن ئەمگەكچان تىرىشچان خەلقىم،
ئەۋلادى بولغىنى ئۇمېنىڭ بەختىم،
ئاڭلىسام ئانا تىلىنى يايرايدۇ دىلىم
بەكمۇ يېقىملىق بىزنىڭ بۇ ئانا تىل.

مۇقاملار ئيتىلغان ئاناتىل بىلەن،
ئۇيغۇرۇم مەۋجۇتتۇر ئانا تىل بىلەن.
خۇشالمەن سۆزلىسەم ئانا تىل بىلەن،
مۇراتقا يەتكۈزگەن مېنى ئانا تىل.




2.ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم

                                              تارىخ ئىزىم ‹ئانا تىل› ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم،   

                                              ئىپتىخارىم،يۇلتۇزۇم، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                              ئاسقان سومكا بەك ئېغىر،دۈمچەيگەچكە بەللىرىم،

                                               تىل چىقارغان ‹ئىلىپە›، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                              سالام-سائەت چاڭلىشىپ،ئۇيغۇرچىلاپ دىيىلمەي،

                                             ‹ئەسسالام›نىڭ ھۆرمىتى، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                               يىراقلاشقاچ بىزلەردىن ‹سۇزۇق تاۋۇش› ئوتتۇرا ئا،

                                               ئوتتۇز ئىككى ھەرىپنى، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                               يازغان تېمام ئارىسىغا،ئارلاشقاچقا يات تىللار،

                                               مەزمۇنى ھەم تۇراقسىز ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                              بولغان ياخشى كۆپ تىللىق،پەن بىلمدىن شان قۇچۇپ،

                                              لېكىن ئانا تىل مۇڭسىراپ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                              تېلغۇن نۇمۇر ئاتىلار،‹ياۋ سەن چى› ھەم ‹ياۋ سەن با›،

                                              ئۆز تىلىمدا دىيەلمەي ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                                   تىلى چىققان بۇۋاقمۇ ‹ماما›دەيدۇ ئانىنى،

                                              ‹ئانا›سۆزى ئۇنتۇلۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                               ئەتراپىمدا جۇلادۇر ‹خەنزۇتىلى› ‹روس تىلى›،

                                             كۈمۈلۈپ قالغاچ ئاناتىل، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                               باش ‹ئە› بىلەن ئاخىر ‹ئە› دەت تۆكىدۇ ئۆز-ئار،

                                              ‹ش›ھەرىپكە چېكىت كەم، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                             جۇدۇن سوقتى ‹ج›نىمۇ،ياشلار تۆكەر ‹ي›مۇ ھەم،

                                            ئۇيغۇر چىلاپ ئىسىم كەم، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                           خىيال قۇشۇم ئەسلەيدۇ،‹ئورغاق ئاينى›،بالىلىقنى،

                                            ئىسىم بېشىم ‹ئا› ھەرىپ، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.

                                             ھەر مىللەتكە ئۆزگىچە،بەك يېقىملىق ئانا تىل،

                                             شۇ تىللارنىڭ ئىچىدىن، ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم.



3.ئۇيغۇرتىلى


ئۇيغۇلارنىڭ ئانا تىلى ئۇيغۇرتىلى،

ئۆزى ئاددى چۈشىنىشلىك ئۇيغۇرتىلى،

بىز ئۇيغۇرلانى تۇنۇتقان ئۇيغۇرتىلى،

تارىخىمىزنى بىلدۈرگەن ئۇيغۇرتىلى،

پەخىرلەنسەم ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلى

ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان كۆپ ئۆزگىرىپ،

تالاي مۇشەققەتلەرنى باشتىنن ئۆتكۈزۈپ،

باشقا تىللار كۆپ ئارىلىشىپ ئەبجەشلىشىپ،

ھەممە كىشى بۇنىڭ ئۈچۈن زار يىغلىشپ،

لېكىن نەسلى يۇقالمىغان ئۇيغۇرتىلى.

باشقا تىللار سىڭىپ كىردى ئانا تىلغا،

ئاتالغۇلار تىز ئۆزگەردى باشقا تىلغا،

شۇڭىلاشقا غەم چۈشمەكتە ھەممە باشقا،

بىز قانداقمۇ چىدارمىز تۆكۈلگەن ياشقا،

ئەي بىچارە ئانا تىلىم ئۇيغۇرتىلى.

ھەر بىر كىشى سېتىۋالدى بىرا دانە تېلغۇن،

تېلغۇنلاردا ئەسكى ناخشا جاراڭلىسۇن،

ئالتە ياشلىق بالىمۇ تېلغۇننى تۇتسۇن،

تېلغۇن نۇمۇر خەنزۇچىدا جاراڭلىسۇن،

ئانا تىلدا دىيەلمەي ئۇنى ئۇيغۇرتىلى.

چۈشەنمەيدۇ بەزىلەر ئۇيغۇرچە گەپنى،
ئىنتىلىدۇ غەرىبكە ئۇنتۇپ ئۆزىنى،

ياقتۇرىدۇ چەت ئەلچە پاراڭلىشىنى،

ھېچ بىلمەستىن ئۆزىنىڭ ئاتا نەسلىنى،

شۇلارغۇ تىل بولغان ئەي ئۇيغۇرتىلى.

كىچىكىدىن خەنزۇچە ئوقۇغان بالىلار،

چۈشەنمەيدۇ ئۇيغۇرچە ئۆتىدۇ يىللار،

نېمە قالار كەلگۈسىگە ئويلان ئۇيغۇرلار،

ئەبجەشلەشكەچ ئانا تىل قاينار ۋىجدانلار،

يۇقالمىسۇن ئۇيغۇرلار بۇ ئۇيغۇرتىلى.

ماختايدۇ ھەممە كىشى<مىنكاۋ خەن>بولدى،

سۆزلەيدۇ خەنزۇچە <قارا ئالىم> بولدى،

چۈشەنمەيدۇ ئەسسالام دىسە< نېم بولدى؟>

ئۇنتىدى ئانا تىلنى  يۇقالدى ئۆلدى،

كىشىلەرگە پاناھتۇر بۇ ئۇيغۇرتىلى.

قايىتسام دەيمەنمەن ئۇزاق ئەسىرلەرگە،

بۇۋام مەھمۇد ياشىغان شۇ زامانلەرگە،

قانغۇچە  بىر سۆزلىسەم ساپ ئۇيغۇرچىدە،

يوق ئىدى ئارمانىم يېتەتتىم مۇرادىمگە،

يەزكۈزگۈن مۇرادىمگە مېنى ئۇيغۇرتىلى

تەشنا بۇلۇپ ھەركۈنى كۈتىمەن سېنى،

ساۋادىمنى چىققارغان شۇ ئېلىپبەنى،

ئوتتۇز ئىككى ھەرىپىنى شۇ تاۋۇشلانى،

سەن بىلەن ئۆتكۈزگەن شۇ مىنۇتلارنى،

قەيەرلەرگە كەتتىڭ سەن ئەي ئۇيغۇرتىلى.

ئەي ئۇيغۇلار ئۇيقۇڭلاردىن ئويغۇنىڭلار،

ئۇيغۇر تىلىنى ساپ پېتى قوغداپ قېلىڭلار،

ئۇيغۇرتىلىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈڭلار،

ئۇيغۇرتىلى نەسىلنى يۇقتىۋەتمەڭلار،  

بىر مىللەتنىڭ بەلگىسى ئۇ ئۇيغۇرتىلى.





4.بۇ زادى كىمنىڭ مەدەنىيىتى؟


1


ئولتۇراتتىم بىر كۈنى ئۈيۈمدە يالغۇز،

خىيال قىلىپ بىر ئەسەر يېزىپ بېقىشنى.

جىرىڭلىدى ئۈيۈمنىڭ ئىشىك قوڭغۇرىقى،

قاچتى ئىلھام شۇ ھامان بۇزۇپ كەيپىمنى.



ئاچچىقلىنىپ ئىشىكنى ئاچتىم شۇ ھامان،

باغاق كۈتۈرۈپ تۇرۇپتۇ پوچتا خادىمى.

تېشى گۈللۈك رەڭمۇرەڭ بىر باغاق ئىكەن،

ئەممە ئىچى ئاق رەڭلىك نەزرە باغىقى.



مۇسىبەتتىن شۇم خەۋەر كەلگەچكىمىكىن،

قايغۇ ئەلەم ئۆرتىدى يۈرەكلىرىمنى.

ئەمما ئاشۇ رەڭمۇرەڭ نەزرە باغىقى،

ئويلاندۇردى ئادەتلەر ئۈستىدە مېنى.



مېيىت ئۇزۇتۇپ نەزرە قىلىش بار ئەنئەنە،

ئەمما لېكىن ھەر ئىشنىڭ بار قائىدىسى.

ھوقۇق-ئابروي تالىشپ بىر-بىرىمىزدىن،

ھەشەمەت قىپ بۇزۇشنىڭ نېمە ھاجىتى.



تەييارلىق قىپ نەزرىگە ماڭدىم مەن دەرھال،

مۇسىبەتتىن يامان ئىش كەلمەس بېشىڭغا.

نەزرە ئورنى رىستۇراندا ئىكەن توۋا،

يەنە نېمە يىڭىلىق بار بۇ سورۇندا.





2



يىتىپ كەلدىم ئاتالمىش نەزرە ئورنىغا،

چېلىنپتۇ ئالدىدا ناغرا ۋە سۇناي.

مۇسىبەتتە ناخشا ئۇسسۇل بولماس ئەسلى،

كۆرۈلدىغۇ بىزلەردە ئەمدە نېمە قىلاي.



ساۋاب ئىزدەپ نەزرىگە كەلگەن ئادەملەر،

قالايمىقان ئىچىدە قاپتۇ تەمتىرەپ.

چىقمىغاچقا ئالدىغا ھېچبىر كۈتكۈچى،

قەدەم ئاپتۇ رىستۇران ئىچىگە قاراپ.



رىستۇرانغا كىردىغان ئىشىك ئالدىدا،

بار ئىكەن ئىككى نەپەر پۇل مۇئەككىلى.

تىزىملىتىپ كىرىدىكەن ھەممە كىشىلەر،

يازدۇرۇپ ھەممىسى ئاتىغان پۇلىنى.



تىزىلغانكەن چوڭ زالغا ئەللىكتەك ئۈستەل،

تىزىلىپتۇ ئۈستىگە رەڭمۇرەڭ سەيلەر.

ئولتۇرۇپتۇ ئۇدۇلدا بىر نەچچە موللام،

دۇئا ئۇقۇپ ئاللاھتىن پاناھلىق تىلەر.



ھەممە كىشى بەك ئالدىراش مېڭىپ يۈرەر،

يەنە بەزى كىىشلەر قۇرساق دەردىدە.

ئىسراپچىلىق بۇ يەردە ھەممىدىن ئېغىر،

خارلىنىپتۇ يىمەكلىك يۇندا ئىچىدە.





3


توۋا دەپ رىستۇراندىن يىنىپ چىقتىم مەن،

ئويلاپ قالدىم بۇ زادى كىمنىڭ مەدەنىيىتى.

ساۋاب تېپىش ئورنىغا گۇناھ قىلىشنىڭ،

ئويلاڭلار خالايىق ،بىزگە نېمە پايدىسى.



ئويلاندۇردى بۇ ئىشلار ھەر كېچە مېنى،

ئارام بەرمەي كۆڭلۈمگە ئىزەر دىلىمنى.

نادانلىقتىن قۇتۇلۇش شۇنچىلىك تەسمۇ،

قاچانغىچە تۈزەتمەيمىز ئىللەتلەرنى.



ئۇيغۇر دېگەن نامىمىز چىرايلىق ئىدى،

بار ئىدى ئۆزگىچە رەڭدار مەدەنىيەت.

خەقنى دوراپ بەسلىشىش شۇنچە مۇھىممۇ،

بىلىڭ ئەسلىنى ئۇنتۇش ئەڭ چوڭ خىيانەت.



ھەر ئىشنىڭ لايىقىدا بولغىنى ياخشى،

ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە چىقىدۇ چاتىقى.

قايتايلى ئۇيغۇرلار ئۆز ئەسلىمىزگە،

بولمىسا تاپالمايمىز پۇشايمان قاچىسى.

5.دادامغا ئاتاپ


تەربىيلەپ ئۆستۈردۈڭ مېنى جان دادا،

چوڭ بولدۇم شاد خۇرام بەخىت قوينىدا.

كۈتكەن ئۈمىدىڭنى چۇقۇم ئاقلايمەن،

قىلغان شۇ تەربىيەڭ ھېلى يادىمدا.


سۈت بېرىپ چوڭ قىلدى مېھرىبان ئانام،

ئەللىيىنى ئاڭلاپ تاپاتتىم ئارام.

سېنىڭكى تەربىيەڭ ماڭا تۇتىيا،

ئاڭلىغاچ كۈزۈمدىن ئاقمىدى تارام.


خاپا قىلدىم بەزىدە ئۇرۇنسىز سېنى،

چوڭ بۇلۇپلا ئاندىن تاپتىم ئەقلىمنى.

بىلمەپتىمەن شەيتان ئازدۇرغان ئىكەن،

ئەقىل تاپتىم ئەمدى كەچۈرگىن مېنى.


مۇبارەك جان دادا قۇتلۇق كۈنىڭگە،

گۈللەرنى تۇتاي مەن سېنىڭ شەنىڭگە.

سېنىڭ ئۈمىدىڭنى چۇقۇم ئاقلايمەن،

سەن بولغاچ يەتتىم مەن مۇراد-مەخسەتكە.


ئانا دېسەم  يايرايدۇ مېنىڭ بۇ دېلىم،

ئاتام سەن مېنىڭكى ئىپتىخار پەخرىم.

قەددىڭ تەڭرىتاغدەك شۇنچە ھەيۋەتلىك،

سەن بولغاچ ئېچىلدى ياشلىق گۈللىرىم.


چوڭ بۇلۇپ ئاخىرى ئەقىل تاپتىم مەن،

ياخشى ئۇقۇپ چۇقۇم شەرەپ قۇچىمەن.

رازى بول مېنىڭدىن مېھرىبان دادا،

سېنىڭ ئۈمىدىڭنى چۇقۇم ئاقلاتمەن.


ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر ئەركەكتەك دادا،

غۇرۇر دەپ بىر ئۆمۈر توۋلىدىڭ سادا.

خىلاپلىق قىلمىدىڭ ئۆز ۋىجدانىڭغا،

تىز پۈكمىدىڭ ھەرگىز دۈشمەن ئالدىدا.


پەخرىمسەن سەن مېنىڭ مېھرىبان دادا،

ماڭىمەن بىر ئۆمۈر سېنىڭ يۇلۇڭدا،

ياشايمەن بىر ئۆمۈر مەنمۇ ئەركەكتەك ،

باش ئەگمەيمەن ھەرگىز دۈشمەن ئالدىدا.


بىر ئۆمۈر پەقەتلا ھالال ياشىدىڭ،

ئۇزاتمىدىڭ خەقنىڭ رىسقىغا سەن قول.

قايىلمەن مەن ساڭا مىھرىبان دادا،

قىيىنچىلىق ئىچىدىن تاپتىڭ سەن يول.

6.ئانا


سۈت بىرىپ چوڭ قىلدىڭ مېھرىبان ئانا،

چوڭ بولدۇم سېنىڭكى ئىللىق قوينىڭدا.

كۈنلىرىم ئۆتمەكتە تىنىچ خاتىرجەم،

سېنىڭ قىلغان نەسىھىتىڭ ھېلى يادىمدا.


تەشەككۈر بىلدۇرمەن ساڭا جان  ئانا،

سۈت بېرىپ چوڭ قىلدىڭ قاتارغا قوشتۇڭ.

گەر كىرىپ قالسام مەن ئەگرى يوللارغا،

سەن مېنى توغرا يولغا باشلىدىڭ.


دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ سەن ئانا،

تەربىيلەپ قاتارغا قوشتىڭ ئەۋلادنى.

سەن بولغاچ يەتتىم مۇراد-مەخسەتكە،

ئىللىتقاچ تەربىيەڭ سەبىي دىلىمنى.


مەڭگۈ ھايات تۇرغىن كۈيۈمچان ئانا،

قېنىۋالاي سېنىڭ ئىللىق ھىدىڭگە.

تەتۈر پەلەك كەلمىسۇن بۇ بېشىمغا،

مۇھتاجمەن سېنىڭكى تەربىيەرىڭگە.


ئەجرىڭنى ئاقلايمەن چۇقۇم مەن ئانا،

كۆپتۇر قەرىزىم مېنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا.
بىر يۈدۈم ئاپارسام مۇقەددەس جايغا،

بۇلارمۇ  مېنىڭكى  قەرىزىم ئادا.

7.گۈزەللىك

گۈزەللىك نېمە ئۇ بىلەمسەن ئىنسان،
چىرايلا ئەمەستۇر ئۇنىڭ بەلگىسى.
سەمىمىيەت،ۋىجدان ۋە ئەخلاق بىلەن،
تاپار ئۇ ھەققىي ئۆز مەنىسىنى.

پۇل بىلەن ئالغىلى بولمايدۇ ئۇنى،
ئالتۇندىن،كۈمۈشتىن بەكمۇ قىممەتلىك،
ئىرىشمەكچى بولساڭ ئۇنىڭغا ئەگە ر،
بولغىن ساپ نىيەت،سەمىمىي ئىپپەتلىك.

كىيۋىلىپ كىيىمنى،بۇياپ يۈزۈڭنى،
ئاۋارە بولمىغىن گۈزەل بولدۇم دەپ.
ئويلىساڭ ئەگەردە گۈزەل بۇلۇشنى،
ھەمراھ قىل ئۆزۈڭگە ئەخلاق ۋە ئەدەپ.

چىرايىڭ سەت بولسا مەيۈسلەنمىگىن،
ئەمەستۇر ئۇ سېنىڭ بەخىتسىزلىكىڭ،
قەلبىڭ پاك بولسۇن ھەركىتىڭ گۈزەل،
بۇلىدۇ ئۇ سېنىڭ چىن گۈزەللىكىڭ.

ئاڭلىغىن ئەي قىزچاق ساڭا بىر خىتاب،
ئىنتىلمە ھەرگىزمۇ ساختا شۆھرەتكە.
گۈزەللىك تۇلمىۇ ئاددى ۋە ئۇلۇغ،
كىلىدۇ بىلىمىڭ ۋە پەزىلەتكە.


8.تۇپراق


دۇنيادا ھەممىدىن ئانا بەك ئۇلۇغ،
ئانىدىنمۇ بەكرەك ئۇلۇغ بۇ تۇپراق.
تۇپراقسىز ھاياتلىق مەۋجۇت بۇلالماس،
ئۇ بولغاچا كۈنلەر ئۆتەر مۇشۇنداق.

تۇپراق ئۇ ئاشۇنداق ئۇلۇغ بىر نەرسە،
زىرائەت ئۇنىڭسىز ئۈنۈپ چىقالماس،
ھاياتلىق بىز ئۈچۈن شۇنچە بەك مۇھىم،
تۇپراقسىز ھاياتلىق مەۋجۇت بۇلالماس.

كۆز ئېچىپ تۇغۇلسا دۇنياغا ئىنسان،
ئالىدۇ بۇ ئۇلۇغ تۇپراقتىن نەپەس.
ئەركىلەپ ئوينايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە،
ئالىدۇ ئۇنىڭدىن يىڭى-يىڭى ھەۋەس.

ھايۋانات،ئۆسۈملۈك،جان-جانىۋارلار،
توپراقسىز ھەرگىز مەۋجۇت بۇلالماس،
تۇپراق ئۇ ئۇلارنىڭ جان تۇمۇرلىرى،
تۇپراقسىز نەپەس  يايرىيالماس،

تۇپراق ئۇ ئاشۇنداق تۆگىمەس خەزىنە،
بىرىدۇ ھەرۋاقىت تۈرلۈك مول-ھۇسۇل.
تىرىششاڭ تاپىسەن ئەمگەككە قاراپ،
بەرمىگەچ چۇنكى ئۇ ھۇرۇنغا ھۇسۇل.

تۇپراقىنى ھەر ۋاقىت كۆرسەم مەن ئەگەر،
جېنىم دەپ باغرىمغا باسقىم كېلىدۇ.
ئاشۇ ياۋاش نېمجان سازاڭدەك،
ئۈستىدە ئۆمىلەپ ماڭغىم كىلىدۇ.

9.مۇئەللىم،بايرىمىڭغا مۇبارەك

سۈت بىرىپ چوڭ قىلسا ئانا بالىنى،
ئۆگەتتى مۇئەللىم ئادەم بۇلۇشنى،
قەلبى تولغان ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببەتكە
بىلىدۇ ئۈن-تىنسىز بىلىم بىرىشنى.

ئۇ بولغاچ يۇرىدى قاراڭغۇ دىللار،
سىڭدۈرگەچ بىلىمنى كىشى قەلبىگە.
ئېيىتماي تۇرالمايمىز مانا بۈگۈن،
تىللاردا داستان قىپ ئۇنىڭ شەنىگە.

يىتىپ كەلدى بۈگۈن ئۇنىڭ بايرىمى،
بۇ كائىنات تولدى شاد-خۇراملىققا.
جاراڭىدى مەكتەپتە ناخشا  كۈيى،
تارقالدى بۇ كۈيلەر بەكمۇ يىراققا.

مۇ بارەك مۇئەللىم بايرىمىڭىزغا،
ئۆمرىڭىز بولسۇن تېخىمۇ ئۇزۇن.
تۆھپىڭىز بولغاچقا بەكمۇ ئۇلۇغ،
بىرىمىز ياخشىلار تۆرىدىن ئۇرۇن.

تەبرىكلەي مۇئەللىم مەن سېنى قانداق،
گۈللەرنى تۇتاي مەن سېنىڭ شەنىڭگە.
سىنىڭكى ئەجرىڭنى چۇقۇم ئاقلايمەن،
سىڭدۈردۈڭ بىلىمنى سەبىي دىلىمغا.

مانا بۈگۈن ھەممە تەبرىكلەر سېنى،
ئىشچى،دېھقان،ئالىن يازغۇچى شائىر.
سەنسىز بۇ يۇرۇق ئالام قاراڭغۇ،
چۈنكى سەن بولغاچ ھەممىگە قادىر

چاڭقىغىن ئىلىم-پەن ئاسمىنىدا سەن،
چاڭقىغان دىللارغا بەرگىن سەن شەربەت.
نامىڭ مەڭگۈ ئۈچۈپ قالمىسىۇن،
يادلانسۇن دىللاردا ئەبەدىل-ئەبەت.





10.چۈشەنمىدىم




ئۇيغۇر تۇرۇپ ئانا تىىلدا سۆزلىمىدى چۈشەنمىدىم،

ئەبجەش قىلىپ سۆزلەۋەردى نېمە دىدى چۈشەنمىدىم.


مىللىتىڭنىڭ نامى دىسە ئۇرغۇي دەيدۇ نۇمۇس قىلماي،

ئۇيغۇر دېگەن  نامىمىزنى دېيەلمىدى چۈشەنمىدىم.


ھەممە كىشى بەكمۇ ئامراق دەنشى كۈرۈپ ئولتۇرۇشقا،

تېلۋىزۇر دەيدۇ دېسەم ھاڭۋىقىپ قالدى چۈشەنمىدىم.


شوۋجى دەيدۇ يان تېلغۇننى چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە،

نۇمىرىنى ياۋ سەن چى دەپ تىز يادلىدى چۈشەنمىدىم.


كىر يۇيارمىز شىجىدا،مىۋە-چىۋەلەر بار بىڭشاڭدا،

ئانا تىلدا  دىيىشكە ئېغىز كۆنمىدى چۈشەنمىدىم.


لازا بولدى كۆك مۇچمۇ چىڭسەي بولدى شۇ كەرەپشە،

كۆكتاتلارنىڭ نامىلىرى ئۆزگەرتىلدى چۈشەنمىدىم.


يەر ناملىرى ئۆزگەردى باشقا تىلغا يۇقالدى ئەكسى،

ئۇيغۇرچىسىنى دىسەم مەن بىلەلمىدى چۈشەنمىدىم.


كۆپتۇر بۇنداق مىساللار بولدى خېلىل سەن قاقشىما،

تىبابەتتە يوقمۇ داۋا بۇ كېسەلگە چۈشەنمىدىم.


بىلىپ قۇيۇڭ ئەي دوستۇم تىل مىللەتنىڭ بەلگىسىدۇر،

نېمە ئۈچۈن ئانا تىلنى خارلايمىز بىز چۈشەنمىدىم.


ئوبدان ئويلان ئەي مىللىتىم ئانا تىلىم ئەبجەشلەشتى،

ئانا تىلدا ئەۋلاتلارنىڭ ھەققى يوقمۇ چۈشەنمىدىم.

11.مىسرانىم

مۇخەممەس

مىسرانىم مۇنبىرنىڭ ئالتە يىللىق تويىغا ئاتاپ

مەدەنىيەت بوستانى سەن مىسرانىم،

ئىلىم-ئىرپاننىڭ كانى سەن مىسرانىم،

ھېكمەتلەر خەزىنىسى سەن مىسرانىم،

مۇنبەرلەر تۆرىدە شاھ سەن مىسرانىم،

تەرەققى قىل گۈللەنگىن سەن مىسرانىم.

سەھىپەڭ رەڭمۇرەڭ بەكمۇبەك ئېسىل،

تۈرلىرى خىلمۇخىل مەزمۇنى ئېسىل،

مىزانىڭ سەمىمىيەت بەكمۇ ئېسىل،

توپلانغان كىشىلەر ھەممىدىن ئېسىل

ئېسىللىق ساڭلا خاستۇر مىسرانىم.

تۇغۇلدۇڭ مىللىتىم مەدەنىيىتى دەپ،

توۋلىدۇڭ بىر ئۆمۈر ياشنا ئۇيغۇر دەپ،

ياشىدىڭ بىر ئۆمۈر مىللىتىملا دەپ،

قوغدىدىڭ سىرىمنى مەجبۇريىتىم دەپ،

باشقىلار ئۈچۈن ياشىدىڭ مىسرانىم.

كۆڭلۇم بەك خۇشالدۇر چىقسام مۇنبەرگە،

تاپىمەن كۆپ ئەقىل چىقسام مۇنبەرگە،

ھەقىقىي سۆزلىرىمنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ياخشى ئەسەرلەرنى يازىمەن مۇنبەرگە،

ھېكمەت دۇردانىلەر كانى مىسرانىم.

ئۇچرىشار بۇ يەردە بىلىم ئىگىسى،

يوللىنار ئەسرنىڭ باش سەركەردىسى،

سىنىلار مۇنازىردە ئەركەك چىشىسى،

ئايرىلار ئىنكاس ئارقىىلق ھەممىسى،

پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورنى مىسرانىم.

ئۈتكۈزگەچ مۇنبەردە پائالىيەتنى،

تىز تارتتىڭ ئۈزىڭگە كىشى قەلبىنى،

ئۆتكۈزدۇڭ دانالار بىلەن سۆھپەتنى

كۈپەتتىىڭ مۇنبەرنىڭ يازما تۈرىنى،

دانا سەن باشقۇرۇشتا ئەي مىسرانىم.

قەدەم قويدىڭ بۈگۈن سەن ئالتە ياشقا،

ياخشى بىلەن ياماننى ئايرىدىڭ باشتا،

ئاق سانجىلدى بۈگۈن بۇ قارا قاشقا،

ئەمما سەن قىرانسان ۋاي تېخى ياشلا

گۈل ئىنسۇن قەدىمىڭدىن ئەي مىسرانىم.

يېتىپ كەلدى مانا بۈگۈن قۇتلۇق بىر كۈن،

توغۇلغان كۈنىڭ سېنىڭ شاد بىر كۈلگۈن،

شاھلىق تەختىڭنى سەن مەڭگۈ يۈرگۈزگۈن،

جەۋلان قىل تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرگىن،

مۇبارەك تۇيىڭغا سېنىڭ مىسرانىم.

تەنتەنە قىلماقتا مۇنبەردە ھەممە،

باشۇرغۇچى ۋە ئاددى ئەزامۇ ئەنە،

مۇبارەك بولسۇن دەپ قىلار تەنتەنە،

چۈنكى بۇ يىللاردىن قالغان ئەنئەنە،

گۈللەرنى سۇنىمىز ساڭا مىسرانىم.

رۇبائىيلار


كونىلار زەپمۇ توغرا ئېيىتقان ئىكەن،

ئەلمىساقتىن ياندا بارنىڭ قەدرى يوقكەن.

ئەپسۇس ئۇنىڭدىن ئايرىلغان چاغدا ،

كىشى شۇ ياندا يوققا ئىنتىزاركەن.


تۇغۇلغان ئىكەنسەن ئىنسان بۇلۇپ سەن،

ياشىغىن ئىنسانىي ئەخلاقىڭ بىلەن.

ھاياتنى قەدىرلەپ ھالال ياشىغىن،

چۈنكى بۇ ھاياتلىق بەك قىسقا ئىكەن.


ياشلىق كىلىدۇ  كىشىگە بىر قېتىم،

كەتسە ئۇ كەلمەيدۇ يەنە بىر قېتىم.

تىرىشىپ ئۈگەنگىن ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،

ياشلىقنى قەدىرلە قالمىغىن يېتىم.


دوستسز دۇنيادا بولماس مۇھەببەت،

ئۇ بولغاچ تاپتىڭ سەن ئەقىل پاراسەت.

كۆرسىتىپ بەرگەچ ئۇ نۇقسانلىرىڭنى،

تاپتىڭ سەن باشقىلار ئالدىدا شۆھرەت.



چىن دوستۇڭ بولسا ئەگەردە سېنىڭ،

دوسلۇقنى قەدىرلە ئاۋۋال سەن ئۈۈزڭ،
ئۆرۈمە يۈزۈڭنى،بۇزما دوستلۇقنى،

ھەقنى-ياماننى پەرق ئەتسۇن كۆزۈڭ.


كىتاب ئۇ بىلىمنىڭ خەزىنىسىدۇر،

ھېكمەت-دۇردانىلەر يىغىندىسىدۇر.

قەدىرلە كىتاننى ياخشى ساقلىغىن،

چۇنكى ئۇ تارىخنىڭ پاكىتىدۇر.


خار بولماس بىلىمنى بىلگەن كىشى،

مەيلى چوڭ-كىچىك بولسۇن يېشى.

بىلىملىك كىشىلەر بۇلار بەخىتلىك،

ھەرۋاقىت تەيياردۇر ئۇنىڭكى ئېشى.


شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە ئەي ئىنسان،

بولىسەن بولمىسا ھەر جايدا سەرسان.

بېرىلمە ھەۋەسكە،ئەيىش-ئىشرەتكە،

بولىسەن بولمىسا يەر بىلەن يەكسان.


ھەرداۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،

ھەۋەسنى شەيتاننى سەن چۆرۈپ تاشلا.

قالىسەن بولمىسا بىر پۇشايمانغا،

تۈكىلەر ئۇچاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.


شەيتان ئۇ ئازدۇرار سېنى ھەر يەردە،

ئۈندەيدۇ پايدا بار تېز كەل بۇ يەرگە.

ھوشيار،ئېھتىياتچان بولمىساڭ ئەگەر،

باشلايدۇ  ئۇسېنى يامان يەرلەرگە.


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
تاڭنۇر + 10 643913581 بۇنى قېتىڭ ،بىر .
XERHAN + 111 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 121   باھا خاتىرىسى

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1646
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11314
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1486 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 09:55:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يازمىلاردا تېما تاللاشتىكى مەيدانىڭىز شېئىرغا ئەڭ چوڭ ئۇتۇق بولغان ،پىكىر ۋە تىلدا خېلى ئىچكىرىلەپسىز، قاينامنىڭ تېگىدە قاينام بار ئىكەن...

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 7083
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 33551
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3098 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:26:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلگىرى يوللىغان شېئرلىڭىزنى جەملەپ ،بىر يەرگە يىغىپسىز-دە...


تېخخمۇ ئېسلى شېئىرلارنى روياپقا چىقىرىشىڭزغا تىلەكداشمەن..

باشقۇرغۇچىلار ،ما تېمىنى نادىرلاشنى ئويلۇشۇپ باقساڭلار....


تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3848
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28208
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5361 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 11:22:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 10:26 PM
ئىلگىرى يوللىغان شېئرلىڭىزنى جەملەپ ،بىر يەرگە يىغىپس ...

خىزمەتتىن پىنسىيەگە چىقىپ كەتتىڭىزمۇ موما ؟ ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىگە بېرىۋالدىڭىزما ئەجەپ يوقاپ كەتتىڭىزغۇ ، ئۇ يەردە تور يوقمىكەن ؟


ئون كوي پۇلنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم ، ئەمما ئون يىللىق دوستىنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆردۈم .

سابا توي فىلىم ئ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77
يازما سانى: 3717
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 237132
تۆھپە نۇمۇرى: 2816
توردا: 11888 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
XERHAN يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 11:22 PM
خىزمەتتىن پىنسىيەگە چىقىپ كەتتىڭىزمۇ موما ؟ ياشانغان ...


ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم دىگەن تېما مېنىڭ ئىدى ، ئەپسۇس بۇ دوستۇمنىڭ بولۇپ كىتىپتۇ

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-39421-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاڭنۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 01:07 PM  


مەندە كىچىكىنە يۈرەك بار ، لىكىن ئۇنىڭغا چەكسىز مىھىر مۇھەببەت قاچىلايمەن

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 7083
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى : 33551
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 3098 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:14:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تاڭنۇرنىڭ يوللىغىنى .....


2011- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى يوللىنىپتۇ.....


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-39421-1-1.html




بۇ ئۇيول ئەپەندىنىڭ يوللىغىنى....


2012--يىلى 12- ئاينىڭ 15-كۈنى  يوللىنىپتۇ...


https://uyghur-archive.com/misranim/thread-94041-1-1.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 01:17 PM  


تىرىكلىك پەيتىنى غەنىيمەت بىل،دەم -ئۇشبۇ دەمدۇر،بۇ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتنى ياندۇرغىلى بولىدىغان دۇنيا ئەمەس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 2652
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 15062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 930 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 03:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 01:04 PM
ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم دىگەن تېما مېنىڭ ئىدى ، ئەپسۇس ...

كەچۈرۈڭ،بۇ سېزنىڭ لىقى راس،مەن دىققەت قىلماي يوللىۋىتىپ قاپتىمەن،خاپا بولماي باشقۇرغۇچىلارغا دەپ بۇنى ئۈچۈرۋەتكەن بولسىڭىز 11

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 3848
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28208
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 5361 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2013-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:43:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاڭنۇر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 01:04 PM
ئۇيغۇر تىلىنى سېغىندىم دىگەن تېما مېنىڭ ئىدى ، ئەپسۇس ...

بالدۇرراق دىگەن بولساڭ 111 كوي پۇلۇم قۇددۇققا چۈشۈپ كەتمەيىتتى .

سەن تۆلەپ بەرگىن ئەمدى ئۇ پۇلنى ؟...  

ئون كوي پۇلنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆرمىدىم ، ئەمما ئون يىللىق دوستىنى تاشلىۋەتكەن كىشىنى كۆردۈم .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش