مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 20060|ئىنكاس: 64

مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 01:56:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەھرىردىن:


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىللىرى، جاپاكەش باشقۇرغۇچىلار، قەدىردان ئۇستازلار،ئاكا-ئىنى،ئاچا-ساڭىللار كەمىنە ئۇيغۇر ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئالىم ئېھتىرام،ئوتلۇق سالام. بۈگۈنكىدە باياشات كۈز ئايلىرىدا سىلەر بىلەن بۇ ئەرزىمەس تېما ئىچىدە يۈز كۈرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. مىسرانىم مۇنبىرى 6 يېرىم يىللىق جاپا مۇشەققەتنى باشتىن كەچۈرۈپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كەلدى. بۇ ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە. ھازىر مىسرانىم ھەممىزنىڭ ئىللىق ئائىلىسى بولۇپ قالدى. بىر كۈن كىرمىسەك تۇرالمايدىغان ھالەتكە كەلدۇق. يوللانغان تېمىلار كۈندىن-كۈنگە سەرخىل بولماقتا. تېمىلارنىڭ يوللىنىش سانى بەك كۆپ. بۇ بىزنى خۇشال قىلىدۇ ئەلۋەتتە.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، يىل بېشىدا تۇيۇقسىز كاللامغا بىر ئوي كەلگەن، يەنە مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بىر قىسىم نادىر تېمىلارنى تاللاپ بىر ژورنال ئىشلىمەكچى بولۇپ 4 سان چىقارغان ئىدىم. لېكىن  5- ئايدا تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن توختاپ قېلىپ ئودا 3 ئاي چىقرىلماي قالدى. كەچۈرگەيسىلەر! مانا بۈگۈن ھەپىلىشىپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ 4 ئاي ئىچىدىكى نادىر ۋە مەزمۇنى چۇڭقۇر تېمىلارنى تاللاپ 5-سان مۇنبەر ژورنىلىنى چىقىاردىم. بەلكىم تېمىلارنى ياخشى تاللىيالمىغاندىمەن. سىلەرنىڭ كۈرۈپ تەنقىدى پىكىر بىرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.

                                                         مىسرانىم مۇنبىرى ئەزاسى: ئۇيغۇر ئوغلى



2.jpg


مىسرانىم ژورنىلى  2013-5-سان



بۇ ساندا ئاساسەن ئىجادىي تېمىلار ئېلىندى،تېرىشىپ ئىجادىي تېما يوللاۋاتقان دوسلار قەلەم تۇلپارىڭىلار ھارمىغاي!تېخىمۇ نادىر يازمىلارنى ئىجاد قىلىشىڭلارغا تىلەكداشمەن.جۈملىدىن، ئەھمىيەتلىك تېمىلارنى يوللاۋاتقان دوسلارنىڭ ئېسىل تېمىلارنى يوللاپ سەھىپىلەرنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!



4.jpg



6.jpg

7.jpg

8.jpg



9.jpg


ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107746-1-1.html


لىلا شىر كەت دېرىكتورى بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-103725-1-1.html


كىنارە شىركەت دېرىكتورى بىلەن مىسرانىمدا سۆھبەت

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-103604-1-1.html

10.jpg


دۇنيادىكى ئەڭ يىڭى ئىشلار مانا بۇيەردە




ئۈرۈمچىدە قاتتىق يەر تەۋرىدى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110365-1-1.html

تۈركىيەنىڭ سىنىپى كۈرۈشى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109091-1-1.html

مۇقەددەس كەبە يۇيۇلدى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108077-1-1.html

ئامرېكىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108053-1-1.html

11.jpg


        «راۋانيول»دىن خۇشخەۋەر!!!...

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110220-1-1.html

خوتەن قاشتېشىنىڭ شىپالىق رولى

ttp://bbs.misranim.com/thread-109442-1-1.html

دانىش كىتانخانىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ

//bbs.misranim.com/thread-107288-1-1.html



14.jpg


ھاراقكەشنىڭ رامىزانلىق كۈندىلىك خاتىرىسى..................ئايبەرچىنhttps://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=109382&extra=page%3D1%26filter%3Ddigest%26digest%3D1%26digest%3D1


قانخور قونچاق..................قويچى

https://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=108574&extra=page%3D1%26filter%3Ddigest%26digest%3D1%26digest%3D1


قۇرۇق يۇيۇش دۇكىندىكى مۇھەببەت   توپلام..................ئەپچىلەمhttps://uyghur-archive.com/misranim/forum.php?mod=viewthread&tid=102788&extra=page%3D1%26filter%3Ddigest%26digest%3D1%26digest%3D1


قاركۆز ..................تاتلىق 920

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109879-1-1.html


تېلغۇندا ئۇقۇلغان نېكاھ ..................داڭگال

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-109347-1-1.html


12.jpg




ئەخمەق چاغلىرىم..................ھەققانىي

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110325-1-1.html


ئابدىكىرىم ئابلىزغا شىئېرى چاقچاق..................زۇلۇم

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110323-1-1.html


ئۇ ئىسلام ئالىمى ،ئۇيغۇر ئالىمى..................قاراخان

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110171-1-1.html


كەچۈرگىن مەنمۇ ئاشىق بىر بەندە..................شاتيار

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108966-1-3.html


رامىزان قوشقى ..................ساباق

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108666-1-1.html


ئىسمىڭ ئەمدى بۇلۇپ كەتتى ئۈندەللال ..................13629982958

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108167-1-4.html


قورقۇپ قالدىم ..................ئەپچىلەم

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108076-1-5.html


مۇئەللىم بايرىمىڭغا مۇبارەك..................ئۇيغۇر ئوغلىhttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-110383-1-1.html






13.jpg


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ!كۇنلىرىمىزنى خاتىرجەم قىلغان ۋە  بىزنى ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلشقا نىسىپ قىلغان ئاللاھتائاللاھغا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن! ئاللاھتائاللاھنىڭ سۇيۇملۈك رەسۇلى مۇھەممەت سەللەلاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم گە سالاۋەتلەر ، سالاملەر ۋە رەھمەتلەر  بولسۇن ! ئۇ زاتقا ئەگەشكەن ئىنسانلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن !   خالىسلىق ئىنساننىڭ زىنىنىتى ھىسابلىنىدۇ، خالىس ياشاپ ئۆتكەن ئىنسانلار ھەققىدە ئىنشائاللاھ تاكى قىيامەتكىچە گەپ قىلىمىز ، ئولارنىڭ ئۈممەت ئۇچۇن قىلغان ئىشلىرى ۋە ئۆز نەپسىنى قانداق باشقۇرغانلىقى توغرىسىدا كۆپ رىۋايەت قىلمىز ، بىزنىڭ بۇ يازمىمىز ھەم شۇ  خۇلفارىراشىدىنىلار ساھابىلار  توغرىسدا بولغۇسى ئىنشائاللاھ!!!

يېقىندا گىرمانىيە پايتەىتىگە جايلاشقان غەربىي گىرمانىيە روھشۇناسلىق ئىنىستوتى شۇنداق بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان   قىلدى :ئىنسان ئۆلگەندە ئەگەر ئوڭ پۇتنى ئالدىغا ئېلىپ يېقىلغان بولسا ئالدى
تەرەپكە يېقىلدۇ،سول پۈتىنى ئالدىغا ئالغان بولسا ئارقى تەرەپكە يېقىلدىغانلىقىنى بايقىغان ،ئەجىبا مۇشۇ مەسلە توغرىسىدا شۇنداق يىغىنلار مۇنازىرلا بولدى ، مۇسۇلمانلار بولسا بۇنى شۇنداق ئاددىي چۇشۇنىدۇ ،چۈنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۆز ئۈممەتلىرىگە مەسچىتكە كىرگەندە ئوڭ پۇتىنى ئېلىپ كېرىشىنى ، چىقىۋاتقاندا بولسا سول پۈتىنى ئېلىپ چىقشىنى بۇيرۇغان ئىدى، ھاجەتخانىغا كىرگەندە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، گىرمانىيەلىك روھشۇناسلار ئىسپاتلىغان بۇ مەتىقەگە ئاساسلىنىدىغان بولساق كىشى مەسچىتكە كىرگە ئوڭ پۇتنى ئالغان بولسا ئالدىغا مەسچىتكە  يېقىلدىغانلىقىنى ، مەسچىتتىن چىقىپ سول پۇتنى ئالغان بولسا يەنە مەسچىتكە يېقىلدىغانلىقىنى ،  ئەكسىچە سول پۇتىنى ئېلىپ  ھاجەتخانىغا كىرگەندە بولسا ھاجەتخانا سىرتىغا يېقىلدىغانلىقنى بىلگىلى بولدۇ ئەلۋەتتە ،
مۇشۇ ئىش پۈتكۇل دۇنيا كىشلىرنى ئويغا سالغان بولسا ئىدى ، مۇسۇلمانلار خاتىرجەم تۇرۇپ ئاللاھقا خىزمەت قىلار ئىدى، دەرۋەققە  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھەدىسلىرنىڭ ئىنسانلار ھاياتىغا چەمبەرچاس باغلانغانلىقنى  غەرىبلىقلارنىڭ ئۆزى ئىسپاتلاشقا باشلىدى، قىيامەتكىچە  قۇرئانى كەرىم ۋە  رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نىڭ ھەدىسىدە كۆرسىتىلگەن ئىشلار رىئاللىققا ئايلىنىپ بارىدۇ، ھەقىقىي مۆممىنلەر بولسا بۇ ئىشلار رىئاللىقتا ئىسپاتلانمىسمۇ  ئۇنى تەستىقلاپ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىپ كېتىۋېرىدۇ ، بۇنداق ھالەتنى پەقەت ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن قولغا كەلتۇرەلەيسىز ...

ھىكايەت(1)
قىش كېلىپ قالدى ، مۆممىنلەر ئەمىرى ھەزىرتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا تېخىچە يازلىق كىيمى بىلەن ئىدى ،سوغۇقيىن دىد-دىر تىتىرەر ئىدى، ئۇ زاتقا دۆلەت خەزىنىسى بەيتۇل مالدىن قىشلىق كىيىم ئېلىپ كىيىشنى تەكلىپ قىلشتى ، ئۇ زات ھەزىرتى ئەلى :
ــــ بولمايدۇ!يازلىق كىيىمدە يۇرۇش دۆلەت خەزىنىسىدىن قىشلىق كىيىم ئېلىپ كىيىشتىن ياخشىدۇر،چۈنكى خەلق مالىدا بەربىر يىتىملەرنىڭ ھەققى بار.ــ دەپ جاۋاپ بەردى.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ساھابىللىرنىڭ ھەربىر ھەركىتى بىزگە كاتتا ئۆرنەك ،مۆممىنلەرگە ئەمىر بولۇپ سايلانغانلىرى بولسا كىشلەرگە قانداق باشلىق رەئىس بولشىنى كۆرسىتىپ كەتكەن ، دۆلەت رەئىسى ئەلىنىڭ بۇ سۆزلىرنى چۇشۇنۇشكە تىرىشايلى! ئىنساننى ئىنسان ئەتكەن ،ھەتتا سۇلتان ئەتكۇچى ھەزىرتى ئەلىنىڭ ئىمانى كەبى ئىماندۇر، مىللەت مالىنى يىتىم ھەققىنى پەقەت ئىمانى بارلار ساقلايدۇ ۋە قوغدايدۇ.  
(2)

ئىسلام ئالەمنىڭ زەربىدار ئالىمى ،مەزھىپىمىزنىڭ ئاساسچىسى ئىمامى ئەزەم ئەبۇ ھەنىفە(رھىمۇتۇللاھى ئەلەي)نىڭ ھوزۇرۇغا ھېچ قاچان كۆرۇلۈپ باقمىغان بىر مەسلىنىڭ ھۆكۈمى توغرىسىدا سوراپ كېلىشتى،بۇ مەسىلە مۇنداق ئىدى ، بىر نەچە كۇن ئىلگىرى تىېنى تۇتاش بولغان قوشكېزەك تۇغۇلغان ئىدى، ئىككى باللا بىر-بىرگە يەلكىسىدىن چاپلاشقان ئىدى، ئۇلارنىڭ بىر ۋاپات ئەتكەنلىكى تۇپەيلىدىن ئىمامى ئەزەمدىن بالىنى نىمە قىلىش توغرىسىدا سوراپ كەلگەن ئىدى ،ئىمام بۇگۈنكى كۈندىكى تىبىيى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر پەتىۋانى بەردى
ــــ ئۇلارنىڭ ئۆلگىنىنى يەرگە كۆمىڭلار ،ھايات قالغىنى بولسا تېشىدا قالدۇرۇڭلار ،ئاللاھ رەبىلئالەمىن ئۇلارنى بىر-بىردىن ئاجىرتىپ تاشلايدۇ.
راست دېگەندەك ئىككى كۈندىن كېيىن يەر  ئۆلۈك بالىنى تىرىك بالدىن  ئاجىرتىپ تاشلىغان ئىكەن .
ئىمامى ئەزەمنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىسنى ئاساس قىلىپ چىقارغان بۇ پەتىۋاسى 21-ئەسىر دوختۇرلىرىنى ئىسلام ئالدىدا تىز پۇكدۇرسە ئەجەپ ئەمەس....

بۇ ھىكايەت بولسا مەشھۇر ئۆلىمارلاردىن بىر ۋاخىب ئىبىنى مۇنەببەخ تەرىپىدىن ئىمامى زەھەبىنىڭ كەبايەت كىتاپىدا كەلتۇرلگەن بىر ئوقۇپ قويۇڭ
زوراۋان پادىشاھلاردىن بىر كاتتا قەسىردىن بىرنى بىنا قىلپتۇ، بىر كەمبەغەل كەمپىر  قەسىرنىڭ يېنىغا كىچىكىنە كەپە تىكلەپ ياشىغىلى باشلاپتۇ،كۇنلەرنىڭ بىرى پادىشاھ ئاتقا مىنىپ قەسىر ئەتراپىدا ئايلىنىپ ئاشۇ كەپىگە كۆزى چۇشۇپ قاپتۇ،
ـــ بۇ كەپە كىمنىڭكى ؟
ــــ كەمبەغەل ئايالنىڭكى ،دەپتۇ ، بۇن كەپىنى  بۇزۇپ تاشلاشقا بۇيرۇپتۇ، كەمپىر كېلىپ ھەممنى سۇرۇشتۇرپ بولغاچ قولنى ئاسمانغا  كۆتۇرۇپ شۇنداق دېگەن ئىكەن :
ــــ ئەي پەرۋەردىگارا مەن بۇ يەردە بولمىغاندىكىن ! سەن قايەردە ئىدىڭ!!
ئاللاھ جەبرايىلغا قەسىرنى ئىچىدىكى كىشلەر بىلەن قېرتىپ دۇم كۆمتۇرۋېتىشنى بۇيرۇغان ئىدى ،ئۇ دەرھال بىجردى.
يەنە بىر ھىكايەت
خالىد ئىبنى بەرمەك ۋە ئوغلىنى زىندانغا تاشلاشتى، پادىشاھ ۋە ئوغۇل زىنداندا سۆھبەتلىشىۋېتىپ ،ئوغلى ئاتىسىغا قاراپ:ـــ  كېچىچە ئەزىز ئىدۇق بۇگۈن بولسا مەھبۇسمىز !
ـــ ئى ئوغلۇم كېچىچە مەزلۇملەر دۇئايى بەد قىلغان گەپ ، بىز بولساق ئۇنىڭدىن غەپلەتتە قالغانمىز ، ئاللاھ بولسا  غاپىل ئەمەس!! :ـ دەپ جاۋاپ بەردى پادىشاھ

ئەبۇ ئاتايئى ئىسىمىلىك شائىرنى سۇلتان رەشىد زىندانغا تاشلىدى، شائىر بولسا ئۇنىڭغا تۆۋەندىكى ئىككى بېيتنى يېزىپ ئۇۋەتتى
ئاللاھ قەسەمكى زۇلۇم يامانلىق يامان كىشى بولسا شەككسىز زالىمدۇر سۆزسىز،
ئەي زالىم ئەتىگە ئاللاھ ئالدىدا مالامەت ئېغىردۇر  باھانەڭ يوق شەككسىز،

يەھيا ئىبى ھاكىم شۇنداق دەيدۇ مەن  بۇ كىشىدىن قوققاندەك ھېچكىشىدىن قوقمىغان ئىدىم  ،مەن بۇ كىشگە  ئۇنىڭغا ئاللاھتىن ئۆزگە ياردەمچى يوقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق زۇلۇم قىلغان ئىدىم ئۇ كىشى شۇنداق دەر ئىدى
ــــ ئاللاھ ماڭغا كۇپايە ، سەن بىلەن مېنىڭ ئارا مدا ئاللاھ ھاكىمدۇر.:ــ دەيتتى
مانا شۇ ھىكايەتلەردىن ئەقىل ئىگىلىرى يىتەرلىك ئىبرەت ئېلىپ خۇلاسە چىقارالايدۇ،
مەزلۈملارنىڭ دۇئاسى ناھايىتى قاتتىق بولىدۇ،بۇ دۇئا بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا پەردە يوق(يەنى شەككسىز ئىجابەت) ، دەپ خەۋەر قىلنىدۇ ھەدىسلەردە ، بۇگۈنكى باي- باياشات تۇرمۇشىمىز بىر دۇئائىي بەد تۇپەيلىدىن   تۇرمۇشمىزنىڭ كۈلگە ئايلنىپ قېلىشىدىن قوراقايلى ، قىيامەت كۈنى مۇڭگۈزۇك قوچقاردىن مۈڭگۈزى يوق قوچقارنىڭ قىساسىنى ئېلىپ بەرگەن يەردە بىز بۇگۈن ئويلاپ كۆرمىسەك ئەتىگە كەچ بولسا قانداق قىلمىز  ؟؟ بىر ئويلاپ بېقىڭ..

مۇنبەر ئەزاسى ھۈكۈما يازمىسى


ھېكمەت
    ئىسلام دىنى ئىنسانلارنى بۇ دۇنيادە ھەم ئاخىرەتتە ھەم  بەخىت-سائادەتلىك بولۇشىنى ئىستەيدۇ.
                     -----ئىمامۇ رەببانى
      ئالىملاردىن باشقىلارنىڭ بارچىسى ئۆلۈكتۇر،ئىلمىگە ئەمەل قىلمايدىغان بارچە ئالىم بىھۇشتۇر
ئىخلاسلىقلاردىن باشقا بارچە ئەمەل قلغۇچى ئالدانغاندۇر،ئىخلاسلىق كىشى بولسا ئاقىۋىتى نىمە بىلەن ئاخىرلىشىنى بىلگۈچە خەۋىپ ئىچىدىدۇر.
                     ___سەھىل تۈستەرى  
  كىمىكى دۇنيا مۇھەببەتى بىلەن ئاللاھ مۇھەببەتىنى بىر قەلىپتە جەم قىلدىم دېسە ئىنىقى ياغان سۆزلەپتۇ.
                  ___ئىمامى شافى
   سۆز ئەھلى بولغاندىن كۆرە ئىش ئەھلى بولغىن .
                 __ئەلى ئىبىنى ئەبۇ تالىپ
  ئىلمىگە ئەمەل قىلمىغان كىشى ئالدىدا مەزىلىك تاماق تۇرۇپ  يىمىگەن تاماققا زار كىشىگە ، ئالدىدا  كىسەلنىڭ دورىسى تۇرۇپ كىسەلنى داۋالىيامىغان تىۋىپقا ئوخشايدۇ.
                        __ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد
   كىمىكى يادىلىغان قۇرئانىنى ئۈنۇتسا  بۇنىڭغا ئۇنىڭ گۇناھى سەۋەپچىدۇر، ئۇنىڭغا سىزلەرگە يەتكەن مۇسىبەتلەر ئۆزىڭىىز ئۆتكۇزگەن گۈناھلىرىڭىز سەۋەپچىدۇ دېگەن ئايەت ئەينەن دەلىلدۇر،
زەخخاك يۇقارقى ئايەتىنى ئوقۇغاچ دۇنيادا قۇرئاننى ئۈنۇتۇشتىنىمۇ ئېغىر مۇسىبەت بارمۇ !!
                     ___  ئىسلام ئالىمى زەخخاك
  خالىغانچە ئىلىم ئېگەنلاڭلا ئەمەل قىلمىگىچە ئاللاھ ئىلىمنىڭ ئەجىرنى بەرمەيدۇ، ئەخمەقلار ھممىتى بويسۇنماسلىق ، ئالىملار ھىممىتى بولسا رىئايە قىلشتۇر.
                        __ھەسەن بەسىرى
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى قۇرئاننىڭ تەئەزۇسى ئۇنىڭ ھەرىپلىرىنى يادىلاپ سۇ قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدۇ، شۇنىڭ ئۇچۇن ئادەملەر قۇرئان ئوقۇدۇم دېيىشىدۇ ، قۇرئان ئۇلارنىڭ نە خۇلقىدا نە ئەمىلىدە كۆرۇلمەيدۇ.
                    ----تابىئىنلار سولتاننى ھەسەن بەسىرى

     ھېكايەت
   رىۋايەت قىلشچە بىر پادىشاھ بالىسىنى ئۇستازغا تاپشۇرۇپتۇ.ئوغلى 10يىل ئۆگۈنۇشى كېرەك بولغان نەرسىنىڭ ھەممسىنى ئۆگۈنۇپتۇ، شۇندىكىيىن ئۆيگە قايتىشقا تەييارالىق قىلىپ تۇرىۋاتقان شاگىرىت ئۇستازىنىڭ تەستەكىدىن چۇچۇپ كەتتى، بىكاردىن-بىكارغا ئۇرۇلغان بۇ تەستەك  شاگىرتنىڭ ئىچى-ئىچىگە ئۆتۇپ كەتتى،شاگىرتلىق ھۆرمىتىدە ئۆزىنى باستى،
يىللار ئۆتتى ئاتىسىنىڭ ئورنىغا شاھ بولغىنىدا ئۇنىڭ بىرنىجى قىلغان ئىشى ئۇستازىنى ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىش بولغان ئىكەن .
ئاشۇ كۇندىكى تەستەك سەۋەبىنى سورىغاندا ئۈستازى  شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
__مەن سىزنى بىكاردىن-بىكار ئۇرمۇدۇم، ئەنە شۇ تەستەك 10يىلدىن بېرى قەلبىڭىزدا ئۆچمەي كېلىۋېتىپتۇ،  《بىلىپ قېلىڭكى سىز كىمگە زۇلۇم قىلسىڭىز ئۇنىڭ قەلبىدە ھەم ئەلەم ساقلىنىپ قالىدۇ!!!!››بۇ مېنىڭ ئاخىرقى دەرىسىم ئىدى.......  
مۇنبەر ئەزاسى ھۈكۈما يازمىسى


ئۈچ نەرسىنى قوغداش لازىم :  ۋەتەن  ، شان - شەرەپ  ۋە ئائىلە .




ئۈچ  خىل نەرسىنى  تىزگىنلەش لازىم : ھېسيات  ، تىل  ۋە  ھەرىكەت .



ئۈچ خىل نەرسىنى  ئويلاش  لازىم :  ھايات  ، ئۈلۈم   ۋە ئەبەدىيلىك  .




ئۈچ خىل نەرسىنى  تاشلىۋېتىش  لازىم :  جىنايەت  ، نادانلىق  ۋە خائىنلىق .




ئۈچ  خىل  ئىشتىن  ساقلىنش  لازىم :  ھورۇنلۇق  ، ياۋايىلىق  ۋە  مەنسىتمەسلىك  .



ئۈچ  خىل  نەرسىنى  ھۆرمەت  قىلىش  لازىم : سۇباتلىق  ، ئىززەت - ھۆرمەت  ۋە مېھرىبانلىق  .




ئۈچ خىل ئادەتنى  يېتىلدۇرۈش لازىم :  ئىداراك ،  ئەدەپ  ۋە  تىرشچانلىق  .


مۇنبەر ئەزاسى سۈبىجان يازمىسى




  ئەدەپ - ئەخلاقلىق بولسىڭىز ، ھۆرمەتكە ئېرىشەلەيسىز .
           ئۆزئارا ياردەم قىلسىڭز ، ياردەمگە ئېرىشەلەيسىز .
           ئۆزئارا ئىناق ئۆتسىڭىز ، خاتىرجەملىككە ئېرىشەلەيسىز .
           تىرىشچان بولسىڭىز ، نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز .
           ئىرادىلىك بولسىڭىز ، ئارزۇ - مەقسەتكە يېتەلەيسىز .
           ئىلمىي تۇرمۇشقا بېرىلسىڭىز ، ساغلاملىققا ئېرىشەلەيسىز .
           رەتلىك ، پاكىز بولسىڭىز ، كۆڭۈل ئازادىلىككە ئېرىشەلەيسىز .
           پاك - دىيانەتلىك بولسىڭىز ، بەھۇزۇر ياشىيالايسىز .
           كىتابنى دوست تۇتسىڭىز ، باي مەنىۋىيەتكە ئېرىشەلەيسىز .
           بىلىم ، ھۈنەر ئۆگەنسىڭىز ، خار بولمايسىز .
           ئىسراپچىلىق قىلمىسىڭىز ، ئاچ - يالىڭاچ قالمايسىز .
           تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز ، پۇلسىز قالمايسىز .
           تەكەببۇرلىق قىلمىسىڭىز ، دوستسىز قالمايسىز .
           ئاچ كۆزلۈك قىلمىسىڭىز ، خىجالەتچىلىكتە قالمايسىز .
           ئەلنى سۆيسىڭىز ، سۆيۈنۈشكە ئېرىشەلەيسىز .
           باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسىڭىز ، كۆڭۈل بۆلۈشكە ئېرىشەلەيسىز .
           دانىشمەنلەردىن دوست تۇتسىڭىز ، نىشانسىز قالمايسىز .
           ئۈمۈدۋار بولسىڭىز ، چۈشكۈنلەشمەيسىز .
            ئەپۇچان بولسىڭىز ، خوشاللىق تاپالايسىز .
            سودىدا ئادىل بولسىڭىز ، بەرىكەت تاپالايسىز .
            سەمىمىي بولسىڭىز ، ئىشەنچكە ئېرىشەلەيسىز .
            قانائەتچان بولسىڭىز ، بەخت ھېس قىلالايسىز .
            ئاتا - ئانىڭىزنى قەدىرلىسىڭىز ، پۇشايماندا قالمايسىز .
            پەرزەنتىڭىزنى ئوبدان تەربىيەلىسىڭىز ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشالايسىز .

مۇنبەر ئەزاسى چىچەك 1219 يازمىسى



15.jpg



‏ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﭽﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﻳﯘﻟﯩﺪﺍ ﻛﯧﺘﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭘﺘﯘ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ: « ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺋﯩﺘﯩﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﯟﯨﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ» ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮪﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﯘﺳﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ, ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﯟﯨﺮﯨﭙﺘﯘ.
ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ, ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﯞﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ ﯞﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﭘﺘﯘ.
ﺋﯘ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ, ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﻰ ﺗﻪﺭﭘﯩﮕﻪ « ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ, ﺋﻪﺧﻤﻪﻕ» ﺩﻩﭖ ﻳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺭﯛﭘﺘﯘ.
‏      كەسپى كىسەل
ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺩﻩﻡ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ.ﺋﯘ ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﮪﻪﺭﺑﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﺑﯩﺮﯨﭙﺘﯘ,ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ-ﺩﻩ,ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ,ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯘ.
-ﻗﺎﺭﺍﯓ,-ﺩﻩﭖ ﭘﯩﭽﯩﺮﻻﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ,-
ﺋﻮﻏﻠﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ.ﮪﻪﺭﺑﯩﻴﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.
ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﯩﭽﻪﺯﻩﻥ ﺳﯧﻠﯩﭗ,ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺩﻩﭘﺘﯘ:
ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﻯ.

‏   قوي ھارام بولغاندا
‏ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ ﺷﻪﮪﻪﺭﻟﯩﻚ ﺩﻭﺳﺖ - ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﺗﯩﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻠﻰ ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ , ﮪﻮﻳﻠﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﻗﻮﻳﻰ ﺗﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﻏﯘﻟﯘﭖ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ , ﺋﯚﻳﺪﻩ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻪﺵ - ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﭙﻪﺭﯞﺍﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮭﻘﺎﻥ :
- « ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭖ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﭘﺘﯘ » ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺩﻩ , - ﺩﻩﭘﺘﯩﻜﻪﻥ , ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮﻩﻳﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯘ:
- ﺑﯩﺰ ﺋﯧﺸﻪﻙ ﻳﯧﻤﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ , ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﯞﯗ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﮪﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﭼﺎﺗﺎﻕ ﺑﻮﭘﺘﯘ .

‏   بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات
‏- ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ  ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﯖﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ؟ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ؟
- ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﺩﺍ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ
- ﯞﯗﻱ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﮔﻪﭘﻘﯘ!
-ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ! ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺭ- ﭘﯘﻝ, ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﺪﻩ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ.

‏   ھەقىقى كالا تېزىكى
‏ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﯓ ﺷﻪﮪﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﯓ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺯﺍﺩﯨﻠﯩﻚ , ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ,ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ,ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻗﺎﭘﺘﯘ,ﮪﻪﻡ ﺋﯚﺯ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ" ﮪﻪﻱ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ,ﻛﺎﻻ ﺗﯧﺰﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ"ﺩﻩﭘﺘﯘ, ﺋﯘ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ"ﮪﻪﻱ ﺑﯩﺮﺋﺎﺯ ﻳﯩﻘﯩﻨﻼﺷﺴﺎﻣﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﺎﻻ ﺗﯧﺰﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗﻏﯘ"ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺋﯘ ﻳﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯧﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﺋﯚﺯﯨﮕﻪ"ﮪﻪﻱ ﻳﯩﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﺎﻻ ﺗﯩﺰﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ ﺟﯘﻣﯘ!"ﺩﻩﭖ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ, ﺋﯘ ﺋﯩﯖﯩﺸﯩﭗ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺑﯧﻘﯩﭗ "ﮪﻪﻱ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﻛﺎﻻ ﺗﯩﺰﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﭘﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ "ﺩﻩﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﯧﯩﻘﯩﭗ"ﮪﻪﻱ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻡ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﻛﺎﻻ ﺗﯩﺰﯨﻜﯩﺪﻩﻛﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ"ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺋﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ ,ﺑﺎﺷﻤﺎﻟﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﻧﻪﺭﺳﯩﮕﻪ ﭘﺎﺗﺘﯘﺭﯗﭖ ,ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﯩﺰﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺗﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﭗ :
_ ﭘﺎﮪ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﺎﻻ ﺗﯧﺰﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﺷﯘ !...ﻳﺎﭘﯩﺮ !!! ﺗﺎﺱ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﺳﺴﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ!!!

‏    ئاشىق مەشۇقلارنىڭ مۇھاببەت خېتى
‏ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﮪﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺷﭙﻪﺯﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ . ﺋﯘ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ , ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺧﯧﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮪﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ . ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭖ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ :
ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﯩﻜﯩﻢ : ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ ﺋﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﺭﯗﻣﺎ ﻗﻮﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺴﯩﺰ . ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺗﯘﺯﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﻛﻪﻡ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯘﺯﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ؟ !
ﮪﻪﺭ ﻛﯧﺘﯩﻢ ﻣﻮﮔﻮﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻛﯜﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ , ﺳﯘﯕﭙﯩﻴﺎﺯﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻗﯘﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ , ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﻳﯜﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ , ﻳﯧﺴﻰ ﭘﯘﺭﭼﺎﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﻪﯞﺭﯨﺸﯩﻢ ﺑﯘﻳﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ . ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﯧﮕﯩﯔ . ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﻴﯩﻖ ﺗﺎﭘﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﻳﻤﻪﻥ ! ........

ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ ﻛﻪﭘﺘﯘ . ﻗﯩﺰ ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ : ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ < ﻏﺎﺯ ﭘﯧﻴﯩﺪﻩﻙ ﻗﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ > , ﭘﻪﻣﯩﺪﯗﺭﺩﻩﻙ ﻛﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﻰ , ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘﺭﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ , ﻳﺎﯕﻴﯘﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ . ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﯞﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻱ - ﺑﻪﺳﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯨﻤﻪﻥ . ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻣﺒﯘﻙ ﻧﻮﺗﯩﺴﯩﺪﻩﻙ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻮﻟﻐﯘﻧﯘﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ , ﺗﺎﻻﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻳﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ . ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺴﯩﺰ ؟!!! ..........

‏   ھەقسىز غىزالىنىش مۇكاپاتى
‏ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﻻ ﮔﯚﺷﻰ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺴﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﺗﯘﭘﺘﯘ. ﺋﯘ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻻﻱ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﻮﺭﯗﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ, ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻐﺎ ﻛﺎﻳﯩﭗ:
  — ﻗﺎﺭﺍﯕﻪ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ, ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺴﯩﺰ؟ — ﺩﻩﭘﺘﯘ.
   ﻣﯘﻻﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﮪﻮﺩﯗﻗﻤﺎﻱ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ:
  — ﻣﯘﺑﺎﺭﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ, ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺷﭙﯘﺯﯗﻟﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﮪﻪﻗﺴﯩﺰ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﯖﯩﺰ.

‏   پىخسىق قاسساپنىڭ ھىساۋاتى
‏ﺑﯩﺮ ﭘﯩﺨﺴﯩﻖ ﻗﺎﺳﺴﺎﭖ  ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻻﺵ ﮪﻪﻗﻘﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻟىقىغا ﺋﺎﭼﭽﻘﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﻟﯩﻐﯘﺩﻩﻙ ﺑﻮﯗﭖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﻗﺸﺎﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯘ :
ﻧﯩﻤﯩﺪﯨﮕﻪﻥ ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ﺑﯘ  !  ﺗﯘﻏﯘﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻻﻏﺎ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻥ ﭘﯘﻝ , ﺋﺎﻳﺎﻟﻤﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ  ﭘﯘﻟﻰ , ﺩﺍﯞﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﮪﻪﻗﻘﻰ , ﻛﯚﺗﯜﻧﯜﺵ ﭘﯘﻟﻰ , ﺋﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﺑﯘﻻﭖ  ﮪﻪﻣﻤﻨﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺟﯩﯖﻼﭖ ﺑﺎﻗﺴﺎﻕ  ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﮔﯩﺮﺍﻣﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ  ﺑﯘ ﺑﺎﻻﻡ 5000 ﻳﯩﯟﻩﻧﮕﻪ ﺗﯘﺧﺘﺪﯨﻤﯘ.

‏   بەدىنىڭىزنىڭ قايسى ئەزاسى
‏ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ, ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﺎﭖ ﻛﯚﺭﯛﭘﺘﯘ, ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ. ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪﺍ, ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯩﻖ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﭘﺘﯘ, ﻳﯩﮕﯩﺖ ﻗﯩﺰﻏﺎ: «ﺳﯚﻳﯜﻣﻠﯜﻛﯜﻡ, ﻣﻪﻥ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ» ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺋﯧﺮﯨﮕﻪ:
ـ ﮪﻪﻱ, ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ؟ ـ ﺩﻩﭘﺘﯘ.
ﺋﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺩﻩﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ, ﺋﯜﻧﺪﯨﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺮﯨﭙﺘﯘ.
ـ ﮪﻪﻱ, ﻣﻪﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﻤﻪﻥ! ﺳﯩﺰ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ, ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟
ﺋﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﭘﺘﯘ:
ـ ﺳﻮﻗﯘﺭ ﺋﯜﭼﯩﻴﯩﻢ!

‏   ئەسلى سەن سىيىپتىكەنسەن دە...
‏ﺋﯘﻛﺎﯕﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ , ﺗﺎﻻﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﯓ , ﻛﯚﺭﭘﻪ ﮪﯚﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﻰ , ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﻦ ﮪﻮﺷﻴﺎﺭﺭﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﯩﻦ , - ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﺎﻳﯩﭗ .
ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ , ﺋﯘﻛﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ :
- ﻛﯚﺭﭘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻴﺪﯨﻤﻤﯩﻜﯩﻦ ﺩﯦﺴﻪﻡ , ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺳﻪﻥ ﺳﯩﻴﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ - ﺩﻩ - ﺩﻩﭘﺘﯘ .
  
‏     چىرايلىق ئانا
‏ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﺎﻱ-ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﻗﯩﺰ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﯩﺘﻠﯩﻚ ﺑﻮﭘﺘﯘ ,ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ‹‹ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ›› ﺩﻩﭖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ.ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻐﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ,ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩﭘﺘﯘ؛
-ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻳﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ,ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ.ﮪﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﺎ –ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ, ﺑﯘ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺴﺎ , ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ‹‹ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ››ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﺴﻪ ,ﯞﺍﮪ, ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ؟!

‏    ئاپتۇبۇس ساقلاش
‏ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﻪ ,ﺋﻪﺭ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ,ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺗﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ -ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ.
_ ﻛﺎﺭﯨﯟﺍﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻛﯩﻢ ﺑﺎﺭ ؟ _ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ,_ﺑﯘ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ؟
_ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ,_ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻝ ,_ﻛﯩﻴﯩﻢ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺩﯗﻛﻜﯩﻨﻐﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯧﺮﻩﻱ ﺩﻩﭖ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ .
ﺋﻪﺭ ﭼﺎﭘﯩﻨﯩﯩﻨﻰ ﺋﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﺸﻜﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﭽﯩﭗ, ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﮪﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺩﻯ.
_ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺴﻪﻥ ؟ _ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ.
_ﺳﻪﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﯩﯖﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﯩﻘﻰ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﯖﻤﯘ ؟ _ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﻪﺭ .
_ﺋﺸﻪﻧﺪﯨﻢ !_ﺩﯦﺪﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯧﺮﻯ.
_ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ,_ﺩﯦﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﻪﺭ ,_ﻣﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺱ ﺳﺎﻗﻼﯞﺍﺗﯩﻤﻪﻥ.

‏      پاكىزلىقتا ئۇچىغا چىقىش
‏ﺑﯩﺮ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﭖ ﺗﯧﻨﻪﭖ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟﻯ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﯩﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﺵ  ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﻩ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺳﻮﻣﻜﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﻗﻪﻏﻪﺯﻧﻰ ﭼﻘﯩﺮﯨﭗ  ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯞﯞﺍﻝ ﭘﺎﻙ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺳﯜﺭﺗﯩﯟﻩﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺭ , ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﻼ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﮪﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺪﻩﻙ ﺩﻩﺭﺟﯩﺪﻩ " ﻛﻮﺗﺘﯩﺪﻩ" ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻮﺳﯘﺭﭖ ﺳﺎﻟﺪﻯ .
ﺑﯘ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺩﻩﻝ ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯗﻗﺘﺎ ﺋﯘﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖ : " ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﻘﻨﯩﻐﯘ ﮪﻪﻗﻘﻪﺕ ﺳﯚﻳﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ , ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﯗﻗﻨﻰ ﺳﯜﺭﺗﯩﭗ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ  ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﯞﻟﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﺗﻪ !"
ﻗﯩﺰ : " ...."

‏   گىلۇبۇس نىمىشقا قىيسىق؟
‏ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺋﯘ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﮔﻠﻮﺑﯘﺳﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ, ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﺳﯘﺋﺎﻝ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ:
    -- ﺩﻩﭘﭙﺎﻗﻘﯩﻨﻪ, ﺑﯘ ﮔﻠﻮﺑﯘﺱ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ 23.5ºﻗﯩﻴﺴﯩﻖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ؟
--- ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ! --- ﮪﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻻﻗﺰﺍﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﭘﺘﯘ.
   ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﺎﻳﻘﺎﭖ ﻗﻮﻳﯘﭖ, ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯩﻜﻪﻥ, ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ:
    --- ﺳﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚﺭﺩﯨﯖﯩﺰ, ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﮪﺎﺯﯨﺮﻻ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺳﺎﻡ, ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﻰ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯜﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ, ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭘﺘﯘ.
   ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﯕﺎﻳﺴﯩﺰﻻﻧﻐﺎﻥ ﮪﺎﻟﺪﺍ:
    --- ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺑﯘ ﮔﻠﻮﺑﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻜﻪﻥ, --- ﺩﻩﭘﺘﯘ.
     ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭖ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﭖ, ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ:
     --- ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎﻕ ﺑﻪﻙ ﺧﯩﺠﯩﻠﻤﯩﺰ, ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ, ﻳﺎﻳﻤﯩﺪﯨﻨﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯗﻕ.

‏    دۇنيادا ئەڭ تىز نەرسە نىمە؟
‏ﺟﯧﻚ, ﺟﻮﻥ, ﺟﯧﻢ, ﺟﻮﺭﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻨﺘﯩﮭﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﻮﺭﻯ ﺑﺎﮪﺎﻻﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭙﺘﯘ.
   - ﻛﻪﭼﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﯖﻼﺭ , ﺋﻪﺗﻪ ﮪﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ , ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﯞﺍﺑﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.. ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ ﺋﯩﻤﺘﯩﮭﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ.
    ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺟﯧﻚ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ.
    - ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟-ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ, ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
   ـ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺧﯩﻴﺎﻝ- ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ﺟﯧﻚ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﻳﻼ
   - ﺑﯘ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ -ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺑﺎﺵ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
   ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﻮﻥ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ.
   - ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟-ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﺍﭘﺘﯘ, ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
  - ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺩﻩﭘﺘﯘ - ﺩﻩﭖ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ﺟﻮﻥ ﺋﻮﻳﻼﻧﻤﺎﻳﻼ-ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﯘﻣﯘﭖ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
  - ﺩﯨﮕﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺩﯨﺮﯨﻜﺘﻮﺭ.
   ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ,
    - ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟-ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭘﺘﯘ, ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
   - ﺗﻮﻙ- ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺟﯧﻢ, ﻣﻪﻥ ﻣﻪﯞﮪﯘﻡ ﺟﺎﯞﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﻗﺘﯘﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ, ﺗﻮﻙ ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺳﯜﺭﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻧﻪﺭﺳﻪ, ﺳﯩﺰ ﺋﯜﺯﭼﺎﺗﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭼﯩﺮﺍﻗﻤﯘ ﺩﻩﺭﮪﺎﻟﻼ ﻳﺎﻧﯩﺪﯗ.
  - ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ ﺋﻪﻣﻪ ﻟﻰ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ- ﺩﻩﭖ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
   ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﻮﺭﺟﻰ ﺟﺎﯞﺍﭖ ﺑﻪﺭﮔﯩﻠﻰ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ.
   - ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪﯓ ﺗﯧﺰ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻧﯩﻤﻪ؟-ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﭘﺘﯘ, ﺩﯨﺮﯦﻜﺘﻮﺭ.
   - ﺋﯩﭻ ﺳﯜﺭﯛﺵ- ﺩﻩﭘﺘﯘ ﺟﻮﺭﺟﻰ ﺑﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺗﻼﭖ, ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﺧﺸﺎﻡ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﻳﻪﭖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻛﺎﺭﯞﺍﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ, ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﮪﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﻤﺎ , ﻣﻪﻥ ﺧﯩﻴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﯩﻤﯘ, ﻛﯚﺯﯛﻣﻨﻰ ﭼﯩﻤﭽﯩﻘﻠﯩﺘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ, ﺋﯜﺯﭼﺎﺗﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﯩﻤﯘ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﺋﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﻯ...

مۇنبەر ئەزاسى سىرداش 997 يازمىسى


                                         يۇمۇرلار
1. پور سېمىز:قانداق قىلسا ئۈنۈملۈك ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ
دوختۇر:باش چايقىسا.
پور سېمىز:قانداق چاغدا
دوختۇر:باشقىلار تاماققا زورلىغاندا.                  

2.ماگزىندا ئادەم كۆپ ئىكەن، بىر ئەر بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-ئىككىمىز بىر ئاز پاراڭلىشايلى،
-نىمە دېمەكچىتىڭىز
-نېمىلا دېسەم بولىۋېرىدۇ، خوتۇنۇم يوقاپ كەتتى.بىراق مەن قىزلار بىلەن پاراڭلاشسام ئۇ ھازىرلا پەيدا بولاتتى.

3.
-بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، ماڭا قانداق سوۋغات ئالدىڭىز  -دەپ سورىدى خوتۇنى.
-ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك پىكاپنى كۆردىڭىزمۇ
-كۆردۈم !-دېدى خوتۇنى خۇشاللىقىدا.
-مەن سىزگە ئاتاپ ئوخشاش رەڭدىكى چىش چوتكىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.

4.قىز:بىز ئايرىلىپ كېتەيلى.
يىگىت:نېمىىشقا
قىز:ئىمتاھان بىرىپ بولدۇق ،ئەمدى سىزنىڭ كۈتۈپخانىدا ئورۇن تالىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
يىگىت:ئەمما مەندە ئىككى دانە پويىز بېلىتى بار ئىدى.
قىز:ئەسكى ،ئەسلىدە ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويغان.

5.بىر ئايال ئۆز نەۋرىسىنى《دىپلوم》دەپ چاقىراتتى.
بىرەيلەن ئەجەپلىنىپ سورىدى:
-نەۋرىڭىزنى نېمىشقا 《دىپلوم》دەپ ئاتايسىز
-قىزىمنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتسەم ،ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ،مۇشۇ نەۋرەمنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ ئەمەسمۇ.

6.بىر ئايال مېھمان چاقىرىپتۇ.مېھمانلار كەلگەندە ئايال قىزىغا مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان بىر نەچچە سۆزقىلىشنى
بۇيرۇپتۇ.بىراق ،قىزى نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، مېھمانلاردىن بىرى ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ:
-جىددىلەشمەڭ ،ئاپىڭىز ئادەتتە نېمە دېگەن بولسا،سىزمۇ شۇنداق دېسىڭىزلا بولىدۇ،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز مۇنداق دەپتۇ:
-خۇدايىم،نېمىدەپمۇ مېھمان چاقىرغان بولغىيتتىم،بۇ ئايلىق مائاشىم تۈگەيدىغان بولدى-دە.

7.ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
-سىز قايسى كۈنى تۇغۇلغان
-3-ئاينىڭ10-كۈنى.
-قايسى يىلى
-ھەر يىلى.

مۇنبەر ئەزاسى نىنى يازمىسى

16.jpg


ئىللەتلەر ئۈستىدىن ئاۋامغا ئەرىز.......................... ئابلىكىم

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110200-1-1.html


مەشرەپ مۇسىممۇ چېلىشمۇ........................توختۇر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108643-1-1.html


نامراتلارنىڭ باللىرى ئونۋېرسىتىتا ئوقىمامدۇ؟.............بوزقىر

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-106938-1-1.html


قوي ھالالمۇ؟.............ئاپتاپ

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104745-1-2.html


بۈگۈنكى مۇسۇلمانلارنىڭ غايىسى ۋە ئۈمىدى نېمە؟.................مەرەز886

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-105156-1-2.html


ئۈلۈمدىن غاپىل ئاياللار ..................يانغىن

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104321-1-2.html


بىز ئۇيغۇرلار شۇنچە دۆتلىشىپ كەتتىقمۇ؟ ..................بىجرىم

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-104701-1-2.html


قىزئاياللارنىڭ نامازدا كېينىشى قانداق بولىشى كېرەك............يانغىن

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-107372-1-1.html




17.jpg



        «راۋانيول»دىن خۇشخەۋەر!!!...

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-110220-1-1.html

خوتەن قاشتېشىنىڭ شىپالىق رولى

ttp://bbs.misranim.com/thread-109442-1-1.html

دانىش كىتانخانىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ

//bbs.misranim.com/thread-107288-1-1.html



18.jpg

قىمارنىڭ زىيىنى توغرىسىدا

(ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن )

قىمار دىگەن ئەسلىدە <قامر-يقامر>دىگەن پېئىلنىڭ سۆز يىلتىزى بولۇپ <قىمار ئوينىماق ،بىرەر نەرسىنى دوغا تىكمەك ،بىراۋنىڭ ھەققىنى ئەجىر قىلماستىن ئۆزىنىڭ قىلۋالماق >دىگەندەك مەنىلەرگە ئىگە بولۇپ ،ئەرەپچىدىن ئۇيغۇرچىغا كىرگەن .

قىمار ئويناش بولسا ئەڭ چوڭ گۇناھ ،ئەڭ ئېغىر جىنايەت ،ئەڭ ئۇچچىغاچىققان ئەخلاقسىزلىق بولۇپ ،ئاللاھتائالا بۇ قىلمىشنى <شەيتاننىڭ ئىشى ،پاسكىنا قىلىق> دەپ ئاتاپ ،بىز مۇسۇلمانلارنى مۇنداق ئىشقا قول تىقماسلىققا بۇيرۇپ ،قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن <ئى مۇئىمىنلەر، ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش ،بۇتلار(يەنى چوقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)،پال ئوقلېرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى ،پاسكىنا قىلىقلاردۇر .بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار .شەيتان ھاراق،قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك،ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى، سىلەر ئەمدى (ھاراق ،قىماردىن )يانمامسىلەر؟> {سۈرە  <مائىدە>(5-سۈرە) ،90-91-ئايەت }

يۇقىرىقى ئايەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،بىرىنچىدىن،ئاللاھ <ئى مۇئىمىنلەر> دەپ خىتاپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەندىلىرىنى ھاراق ئىچىش قىمار ئويناش .......قاتارلىق گۇناھى كەبىرلەردىن توسۇپ ،يالغۇز ئىمان ئېيتىش بىلەنلائىش پۈتمەيدىغانلىغى،ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن كىشىنىڭ گۇناھى كەبىر ئۆتكۈزسە كامىل مۇئىمىن بولالمايدىغانلىقى بايان قىلىندۇ.

ئىككىنچىدىن ،قىماردىن ئىبارەت بۇ قىلمىشنى ،ھاراق ئىچىش ،بۇتلارغا چوقۇنۇش ،پال ئوقلېرى بىلەن پال سېلىش قاتارلىق چوڭ گۇناھلار قاتارىدا ساناپ ،قىمار ئويناشنىڭ قاباھەت دەرىجىسىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى .مىسال ئېلىپ ئېيتساق بىر ئادەم قىمار ئويناۋاتقان ھالەتتىمۇ يەنىلا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ھېساپلايدۇ ،شۇنۇڭدەك شۇ قىمار سورۇنىدابولغان ئىككىنچى بىر شەخسمۇ ئۆزىنى يەنىلا مۇسۇلمان دەپ تۇنۇيدۇ .ئەمما بىر ئادەم بۇتنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ،ئۇنۇڭغا ئىبادەت قىلسا ھەرگىزمۇ ئۆزىنى مۇسۇلمان دىمەيدۇ .چۈنكى ئىسلام دىنىدىكى مۇسۇلمانلار بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ ھەم شۇنۇڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ .ئاللاھتائالا يۇقىرىقى ئايەتتەقىمار ئويناش بىلەن بۇتقا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئىشنى بىر ئورۇندا بايان قىلدى ،بۇيەردە قىمار ئويناش گەرچە گۇناھى كەبىر ، بۇتقا چوقۇنۇش ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەنلىك بولسىمۇ ،ئەمما قىماردىن ئىبارەت بۇ چوڭ گۇناھنى يەڭگىل ساناش ئىنساننى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك يولدۇر .

ئۈچۈنچىدىن ،ئاللاھتائالا <قىمار ھارام قىلىندى >دىمەستىن <يىراق بولۇڭلار>دىيىش ئارقىلىق ،قىمار تۈگۈل قىمارغا ۋاستە ،سەۋەپ بولىدىغان ،مەسىلەن :قىمارغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىش ،يېشىل چىراق يېقىپ بېرىش جەزە قىلىش ،قەرز بېرىش قاتارلىق قىلمىشلار بىلەنمۇ شوغۇللانماسلىققا بۇيرىدى .

تۆتىنچىدىن ، ئاللاھتائالا  يۇقۇرقىدەك جىنايى قىلمىشلارنى ئاللاھتىن قورقۇپ سادىر قىلمىغان كىشىلەرگە دۇنيادىمۇ ،ئاخىرەتتىمۇ بەخت -سائادەت ئاتا قىلىدىغانلىقىدىن خوش -بىشارەت بېرىپ ئۇلارنى ئىلھاملاندۇردى .

بەشىنچىدىن ،شەيتاننىڭ ھەقىقەتەن ئىنسانلارغا دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ھەمىشە ئىنسانلارنى تۈرلۈك گۇناھ -مەئىسىيەتلەرگە قىزىقتۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا دۈشمەنلىك ،ئاداۋەت پەيدا قىلىپ شۇنۇڭ بىلەن ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يولۇقتۇرۇپ ئۆچ ئاقىدىغانلىقى ،شۇنۇڭ ئۈچۈن شەيتاننىڭ قۇرغان توزاقلىرىنى پاچاقلاپ تاشلاپ ئۇنىڭ ۋەسۋەسىسىگە ،ئازدۇرۇشلېرىغا بوي بەرمەسلىكنى ۋەئۇنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى .

ئالتىنچىدىن ،ئاللاھتائالا < سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن ،قىماردىن )يانمامسىلەر؟> دىيىش ئارقىلىق قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن تەھدىت سالدى .چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ <سىلەر ئەمدى (ھاراق ،قىماردىن )يانمامسىلەر ؟> دىگەن سۆزى ئەقىللىق ئادەمگە نىسبەتەن <سىلەر ئەمدى ھاراق ئىچمەڭلار ،قىمار ئوينىماڭلار >دىگەن سۆزىدىن ۋەزىن جەھەتتە پەۋقۇلئاددە كۈچلۈك ھەم ئېغىر .

ئەمدى قىمارنىڭ زىيانلىرىغا كەلسەك ،مەسىلەن :قىمار بولسا ئوينىغۇچىلار ئارسىدا ئۆچمەنلىك ،ئاداۋەت ،دۈشمەنلىشىش تۇغدۇرۇدۇ ،ئاللاھنىڭ زىكرىدىن توسۇيدۇ .ئادەمنى ھورۇنلۇققا كۆندۈرۈپ خىيالى بايلىققا قىزىقتۇرىدۇ .جەمىئەتنى بۇزۇپ ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ ،پەرزەنتلەرنىڭ ئىستىقبالىنى نابۇت قىلىدۇ .ئەقىلدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ نېمەتنى ئاجىزلىتىدۇ .ۋاقىتنى زايە قىلىدۇ .ئىنساننى بىكار تەلەت قىلىپ قويىدۇ .مىللەتنى تەرەققى قىلدۇردىغان ،ئائىلىنى رۇناق تاپقۇزدىغان ھالال كەسىپتىن توسىدۇ .بايلارنى ئۇشتۇمتۇت بىر كېچىدىلا نامرات مۇھتاج قىلىپ تاشلايدۇ .كىشىلەرنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ،يۈز ئابرويىنى تۆكىدۇ .ھەتتا ئەر-خوتۇن ،بالا -چاقا ۋە ئىللىق ئائىلىدىن ئايرىپ يالاڭتۆش قىلىپ قويىدۇ .قىماردا ئۇتتۇرغۇچى تارتقان زىياننىڭ ئىچ ئاغرىقىدا سالپىيىپ ،شۈمشىيىپ روھى جەھەتتە چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ .ھەتتا ئۆزىنى چوڭقۇر ھاڭغا تاشلىۋالغۇسى ،ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئاتقۇسى كېلىدۇ .شۇ سەۋەپلىك دائىم تارتقان زىيىنىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۋېلىش كويىدا بولۇپ ،قىماردىن ھەرگىزمۇ قول يىغالمايدۇ ،ھەمدە ئۇتىۋالغۇچىنى چايناپ پۈركىۋەتكۈسى كېلىدۇ .قىماردا ئۇتقۇچى بولسا ئۇتتۇرۋەتكۈچىنىڭ ئالدىدا غادىيىپ ،گىدىيىپ، كۆرەڭلەپ ،ئۆزىنى قابىل ساناپ تېرىسىگە سىغماي قالىدۇ ،ھەمدە يەنىمۇ ئۇتىۋېلىپ ئاز ئىقتىسادىنى كۆپەيتىشنىڭ خىيالىدا بولىدۇ .دىمەك قىماردا ئىككى تەرەپ دائىم بىر -بىرىنى قەستلەش ،بىر -بىرىنى ئورىغا ئىتتىرىش ،زىيانغا ئۇچرىتىشنىڭ پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ .شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روھى ھالىتىدە نورمالسىزلىق ھالىتى كۆرۈلۈپ ،ئۆزئارا ئاداۋەت ،دۈشمەنلىشىش پەيدا بولۇپ دوستلار دۈشمەنگە ئايلىنىدۇ -دە نەتىجىدە ئائىلە ،مەھەللە جەمىيەت ئىناقسىزلىقى يۈز بېرىدۇ ،ھەتتا جانغا زامىن بولىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەيدانغا چىقىدۇ.

قىماردا ئۇتۇش ياكى ئۇتتۇرۇش بولسۇن ،ھەر ئىككىلىسى زىيانلىق .چۈنكى ئۇتتۇرساڭ ،ئۆز قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن مال بىساتىڭنى بىھۇدە زايە قىلغان بولىسەن ،ناۋادا ئۇتىۋالساڭ ئۆزەڭگە دۈشمەن كۆپەيتىۋالىسەن .ھارامدەن مال توپلاپ ،يەپ-ئىچىپ ،بۇزۇپ -چېچىپ ھارام بىلەن ئوزۇقلانغان بولىسەن-دە ،پەيغەمبەرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ  قالىسەن .كەئىبى ئىبنى ئۆجرە رەزىياللاھۇ ئەنھۇ  رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ :پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : < ھارام بىلەن ئوزۇقلانغان بەدەن جەننەتكە كىرمەيدۇ > (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان )  يەنە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن : < ھەرقانداق بەدەن ھارام بىلەن ئۆسسە ياكى سەمرىسە ئۇنداق بەدەنگە دوزاخ ئەڭ لايىق > (بۇخارى رىۋايەت قىلغان )  .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قىمار ئويناش تۈگۈل <كەل قىمار ئوينايلى > دەپ سالغان كىشىنىڭمۇ سەدىقە بېرىۋېتىشى توغرىسىدا بۇخارى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق دىگەنلىكى بايان قىلىنغان :<بىر كىشى بىراۋغا كەل قىمار ئوينايلى دىگەن بولسا سەدىقە بېرىۋەتسۇن > .

قىمار ئويناش بولسا ،باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋەلغان بولۇپ ،ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن : < بىر-بىرىڭلارنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالماڭلار > (يەنى بەزىڭلار  بەزىڭلارنىڭ ماللىرىنى ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان يول بىلەن يەۋالمىسۇن ).  {سۈرە <<بەقەرە >>(2-سۈرە ) ،188-ئايەت } .   پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دىگەن : < كىملەركى كىشىلەرنىڭ ماللىرىنى ناھەق يەۋالسا قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ .> ( بۇخارى رىۋايەت قىلغان ) .  

يۇقارقى ئايەت ،ھەدىسلەردىن شۇ نەرسە ئېنىقكى :قىمارۋاز مەيلى ئۇتتۇرسۇن ،ياكى ئۇتۇۋالسۇن ھامان ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيدۇ .دۇنيادا كىشىلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ .ئاخىرەتتە بولسا ئاللاھنىڭ ئالدىن تەييارلاپ قويغان ئازابىغا يولۇقىدۇ .

مۇپەسسىر مۇجاھىد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دىگەن : قىمارغا ئادەتلىنىپ كەتكەن بىر ئادەمگە ئۈلۈم ھازىر بولۇپ (سەكراتتا) قالغان چاغدا يېنىدىكىلەر ئۇنىڭغا <لا ئىلەھە ئىللەللاھ (بىر ئاللاھتىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق ) دىگىن > دىگەندە ،ھېلىقى سەكراتتا قالغان كىشى <دەتتىكام > دەپ سالغان.دىمەك ،ئۇنىڭ تىلىغا ئۈلەر چاغدا شاھادەت كەلىمىسى كەلمەستىن ،ھاياتىدا ئادەتلىنىپ ،تىلىغا رام بولۇپ ،قەلبىگەئورناپ كەتكەن يۇقۇرىقى ناشايان سۆزكىرىپ قالغان .

شۇڭا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلگەن ئادەم قىماردىن ئىبارەت بۇ نىجىس ئەمەلدىن قەتئى يىراق تۇرىشى ،قىمارغا چاپلاشقاننىڭ ئورنىغا ،بىلىم-مەرىپەت ،ھۈنەر-سەنئەت ئىگىلەشكە چاپلىشىشى ،كېچىلىرى قورقۇش ،ھۇدۇقۇش ،دەككە-دۈككە ئىچىدە خۇپىيانە ئولتۇرۇپ ،مال-بىساتىنى ،يۈز -ئابرويىنى دو تىكىپ ،تىگى يوق ھاڭغا ئىتتەرگەننىڭ ئورنىغا،بالدۇر يېتىپ سەھەر تۇرۇپ ،ھالال ئىشلەپ ،نەتىجىسىنى ئاللاھتىن تىلەپ ،ھاياتلىقنىڭ قىممىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ،ماددى ۋە مەنىۋى قىممەت يارىتىپ ،ھالال كۈچ بىلەن مىھنەت قىلىشى لازىم .

ئى ئاللاھ !قىمارۋازلارنىڭ قەلبىگە ھىدايەت ،كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن .قىماردىن قول ئۈزگىدەك ئىرادە ،قىمارۋاز ئۆلپەتداشلېرى بىلەن تاشلىشىپ كىتەلىگىدەك روھ ،قىمار سورىنىغا بارمىغۇدەك غەيرەت ،قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلغۇدەك تەۋبە نىسىپ قىلغايسەن .      ئامىن  ...!!

مەنبە : <<جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى >> ژورنىلى  .

مۇھاببەتلىشىۋاتقان قىز –يىگىتلەر تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا ،ئالدى بىلەن نامايەن بولىدىغىنى ،ئۇلاردىكى جەلپ قىلىش كۈچىدۇر.جەلپ قىلىشنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولىشى ئۇچرىشىشنىڭ داۋاملىشىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ.شۇڭا،قانداق قىلغاندا مۇھاببەتلىشىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ،مۇھاببەتنى چەكسىز كۈچ –قۇدرەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ ،دېگەن  مەسىلە مۇھاببەتلىشىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىدۇر.



بىرىنچى،ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى پەزىلىتىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.



قىزلارنىڭ تاشقى گۈزەللىكى ھەقىقەتەنمۇ ناھايىتى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولىدۇ،كېلىشكەن،رەتلىك كىينگە قىزلار ھەرقانداق كىشىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلالايدۇ ،ئەمما چىرايلىق بولۇشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە قىلمايدۇ.مۇھىمى ئىدىيۋى پەزىلەتنى يېتىلدۈرۈشتە ،مۇنداق بىر ھەقىقىي ئەھۋالنى مىسال قىلىپ ئۆتىمىز:بىر جۈپ قىز –يىگىت مۇھاببەتلەشكەندە ،يىگىت قىزنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە مەھلىيا بولۇپ ،ئۇنى ئىنتايىن ياخشى كۆرگەن.،بىراق مۇناسىۋەتنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىنەرلىك كۆڭۈلسىزلىكلەر بولغان.ئاقىۋەت يىگىت قىزدىن يۈز ئۆرىگەن.يىگىتنىڭ بىر ئاغىينىسى بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ‹‹بىر مەزگىل ئارىلىشىش ئارقىلىق ئۇنىڭ چىرايىغا يارىشا پەزىلىتىنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلدىم،ئۇنىڭدىكى ئۆز بېشىمچىلىق،شەخسىيەتچىلىك ۋە ئىچى تارلىقتىن ئىبارەت  ناچار ئىللەتلەر مېنى بىزار قىلدى››دېگەن.

ئۆزى چىرايلىق،ئەمما سۆزلىرى قوپال،يۈرۈش –تۇرىشى يېقىمسىز قىزلار قانداقمۇ يىگىتلەر قەلبىدە ياخشى تەسىر قالدۇرالىسۇن؟شۇنى بىلىش كېرەككى،قارشى تەرەپنى جەلپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئامىلى ‹‹ئىچكى گۈزەللىك››تۇر.



ئىككىنچى:مۇھاببەتلىشىش جەريانىدا قىزلار ئاقىلانىلىق بىلەن ئۆز ھېسياتىنى تىزگىنلىشى،يىگىتى بىلەن بەك قويۇق ئارىلاشماستىن،ئوتتۇرىدا مۇۋاپىق ‹‹ئارىلىق››ساقلاپ قېلىش لازىم.



‹‹ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنىڭ قىممىتى بولمايدۇ››.مۇھاببەتكە قەدەم قويغان قىزلار بۇ نوقتىنى چوقۇم ئەستە ساقلىشى لازىم.مۇھاببەتلىشىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ھەرقانچە تەشنا بولسىڭىزمۇ يەنىلا ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھېسياتىڭىزنى كونۇرۇل قىلىپ  ،مۇۋاپىق ‹‹ئارىلىق››ساقلاپ قېلىڭ،ئۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپ سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزدىن گۇمانلىشى ۋە ۋە سىزنى كۆزگە ئىلماي قويۇشى مۈمكىن،گەرچە مۇھاببىتىڭلار ئوڭۇشلۇق داۋاملىشىپ ،بىر –بىرىڭلاردىن ئايرىلماسلىققا قەسەم ئىچىپ،ۋەدىلەرنى بېرىشكەن بولساڭلارمۇ ئالدىراپ ئۆزىڭىزنى يىگىتىڭىزگە بېغىشلىۋەتمەڭ.



ئۈچىنچى:قائىدە –يوسۇنلۇق،سالاپەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ.



ھازىر جەمىيىتىمىزدە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويىلىۋاتىدۇ.ئىجتىمائىي ئالاقە كۈنسېرى كۈچەيمەكتە.يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك قىز دوستىنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا ھەم ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇپ ھەم قائىدە –يوسۇنلۇق بولۇپ،باشقىلارغا ياخشى تەسىر قالدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.شۇڭلاشقا،يىگىتىڭىز بىلەن ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرىغا بارغاندا ياكى يىگىتىڭىزنىڭ ئۇرۇق –تۇققانلىرى ۋە خىزمەتداشلىرىنى يوقلىغاندا  سۆز –ھەركىتىڭىز سىلىق بولىشى كېرەك. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى،قىزلارنىڭ يۈرۈش –تۇرىشىنىڭ نازاكەتلىك ،سىپايە  بولىشىمۇ يىگىتلەر قەلبىدە مۇھاببەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ.



تۆتىنچى:ئۆزىنىڭ خاراكتىر ۋە مىجەزىگە ماس ياسىنىشى لازىم.



ھازىرقى يىگىتلەر جېنىنىڭ بېرىچە مودا قوغلىشىدىغان دورامچىلىق،ياسانچۇقلۇق قىلىپ ئۆز خاراكتىرىنى يوقۇتۇپ قويىدىغان قىزلارنى ياقتۇرمايدۇ.بەزى قىزلار يىگىتىنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش مەقسىتىدە ،ھېچنەرسىگە قارىماستىن مودا قوغلىشىدۇ.ئاقىۋەتتە ئۇستۇلۇق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويىدۇ-دە،يىگىتىنى ئۆزىدىن بىزار قىلىپ قويىدۇ.ياسىنىپ،گىرىم قىلىشتا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىش ھەم ھەم دەۋرگە ماسلىشىش ھەم ئۆزىدىكى تەبىئىي گۈزەللىك ۋە خاراكتىرنى ساقلاپ قېلىش لازىم.


ئومۇمەن،ئالىجاناب ئەخلاقىي پەزىلەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،مۇھاببەتلىشىش جەريانىدا ئاقىلانىلىق بىلەن ئىش كۆرۈش،سىلىق –سىپايە بولۇش،ياسانغاندا ئۆزىنىڭ سالاپىتى ۋە خارەكتىرىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك.مانا بۇ جەلپ قىلىش كۈچىنى مەڭگۈ ساقلاپ قېلىشتىكى ئاچقۇچ.




قەبرە ئازابى ھەققىدە ھەدىسلەر


ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن مىيىت قەبرىگە بارغاندا، ياخشى كىشى قەبرىسىدە چۇچىماستىن قاتتىق قورقۇتۇلماستىن ئولتۇرغۇزۇلىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا سەن قايسى دىندا ئىدىڭ؟ دېيىلىدۇ، ئۇ مەن ئىسلام دىنىدا ئىدىم دەيدۇ، بۇ قانداق كىشى دىيىلسە، ئۇ، بۇ مۇھەممە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئۇ بىزگە ئاللاھ تەرەپتىن رۇشەن مۆجىزە ئالامەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىز تەستىقىلاپ ئىشەندۇق دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا سەن ئاللاھنى كۆردۈڭمۇ دىيىلىدۇ، ئۇ، بۇ دۇنيادا بىرەر كىشىنىڭ ئاللاھنى كۆرەلىشى لايىق ئەمەس دەيدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا دوۋزاخ تەرەپتىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇ قارىغۇدەك بولسا، دوۋزاخنىڭ بەزىسى، بەزىسىنى يەپ كېتىۋاتقۇدەك، ئاندىن ئۇنىڭغا، سېنى ئاللاھ ساقلىغان نەرسىگە قارا، كۆردۈڭمۇ؟ دىيىلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇ ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرگە، گۈزەللىككە قارايدۇ، ئۇنىڭغا بۇ سېنىڭ جايىڭ، مەڭگۈلۈك ئورنۇڭدۇر، سەن شەكسىز ئىشەنچ ئۈستىدە ئىدىڭ، شۇ ئىشەنچ، ئىمان ئۈستىدە ئۆلگەن ئىدىڭ، ئاللاھ خالىسا شۇنىڭ ئۈستىدە قوپۇرۇلىسەن دىيىلىدۇ.
يامان كىشى بولسا، قەبرىسىدە چۇچىغان، قاتتىق قورقۇغان ھالدا ئولتۇرغۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا،سەن قايسى دىندا ئىدىڭ؟ دىيىلىدۇ، ئۇ مەن بىلمەيمەن دەيدۇ، بۇ قانداق كىشى؟ دېسە، ئۇ، كىشىلەرنىڭ بىر سۆزىنى قىلغىنىنى ئاڭلاپ مەنمۇ شۇنداق دەپ قويغان ئىدىم دەيدۇ. ئاندىن ئۇنىڭغا جەننەت تەرىپىدىن بىر تۆشۈك ئېچىلىپ، ئۇ جەننەتتىكى بارلىق نەرسىلەرنى، گۈزەللىكنى كۆرىدۇ، ئۇنىڭغا؛ ئاللاھ سېنى ئۇنىڭدىن چۆرىۋەتكەن، سەندىنمۇ ئۇنى چۆرىۋەتكەن(يەنى يۆتكەپ باشقىلارغا ئېلىپ بەرگەن) نەرسىگە، جەننەتكە قارىۋالغىن، كۆرىۋالغىن، دىيىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈچۈن دوۋزاخ تەرىپىدىن بىر تۆشۈك ئېچىلىدۇ، ئۇ قارىسا دوۋزاخ قىززىقلىقىدىن بىر – بىرىنى يەپ كېتىۋاتقىدەك، ئۇنىڭغا مانا بۇ سېنىڭ جايىىڭ، ئورنۇڭدۇر، سەن شەك ئۈستىدە ئىدىڭ، يەنىلا شەك ئۈستىدە ئۆلگەن ئىدىڭ، ئاللاھ خالىسا، سەن يەنىلا شەك ئۈستىدە قوپۇرۇلىسەن دىيىلىدۇ، ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ. بارلىق كىتابلاردا بۇنىڭ ئوخشىشى باردۇر

جابىر ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن:مىيىت قەبرىگە كىرگۇزۇلگەن چاغدا، ئۇنىڭغا كۈن كىرىپ كىتىۋاتقاندەك قىياپەت شەكىللەندۇرلىدۇ،ئاندىن ئۇ ئولتۇرۇپ كۆزلىرىنى سۇرتۇپ،مىنى ناماز ئۇقۇغىلى قۇيۇڭلار دەيدۇ.ئىبنى ماجە توپلىغان .

ئەبۇ بەكرىنىڭ قىزى ئەسما رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇنداق دەيدۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئورنىدىن تۇرۇپ كىشىلەرگە خۇتبە سۆزلەپ،كىشى قەبرىسىدە ئازابلىنىدىغان قەبرىنىڭ ئازاپ پىتنىسىنى تىلغا ئېلىۋىدى مۇسۇلمانلار ئاۋاز قىلىپ يىغلىشىپ كەتتى.ئۇ يىغا ئاۋازى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۆزلىرىنى چۇشۇنىشىمنى تۇسۇپ قويدى.ئۇلارنىڭ ئاۋازى بېسىققاندا ، ماڭا يېقىن تۇرغان كىشىگە؛ھەي! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سۆزىنىڭ ئاخىردا نىمە دىدى؟دىسەم،ئۇ كىشى ماڭا: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ھەقىقەتەن ماڭا مۇنداق ۋەھى قىلىندى، سىلەر قەبرەڭلاردا مەسىيھ دەججالنىڭ پىتنىسىدەك ياكى شۇنىڭغا يېقىن سوراق – سۇئال، ئىمتىھان قىلىنىپ سىنلىسىلەر، پىتنىگە قالىسىلەردىدى،دەپ بەردى.بۇخارى،نەسەئى توپلىغان سەھىھ.

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: مانا مۇشۇ ئۆلۈمى ئۈچۈن ئەرشى تەۋرەپ، ھەرىكەتلىنىپ كەتكەن، ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىغان، 70000 پەرىشتە ھازىر بولۇپ، نامىزىغا قاتناشقان كىشىگىمۇ، قەبرىسى قاتتىق سىقىلىپ ئاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ئاسان قىلىندى.

ئەبى سەئىدىلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: كاپىرغا قەبرىدە 99 يىلان قويۇلىدۇ، قىيامەت قايىم بولغۇچە ئۇنى چىشلەپ، چېقىپ تۇرىدۇ، ئەگەر بىر تال زەھەر دۇنياغا پۈۋدەلسە، پۈتۈن زىمىن شۇ زەھەرنىڭ تەسىرىدىن گىياھ ئۈندۈرمەيدۇ دىگەن ھەدىسنى دارمى، تىرمىزى خاتىرلىگەن

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مىيىتنى دەپنە قىلىپ، پارىغ بولغاندا، ئۇ جايدا تۇرۇپ مۇنداق دەيىتتى: قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھدىن مەغپىرەت سوراڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن سۇباتلىقنى يەنى لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەپ مۇقىم تۇرۇپ، توغرا جاۋاب بېرىشنى سوراڭلار، ھەقىقەتەن ئۇ ھازىر سوراققا تارتىلىۋاتىدۇ، (يەنى رەببىڭ كىم؟ دىينىڭ نېمە دەپ سورىلىۋاتىدۇ). ئەبۇ داۋۇد توپلىغان، سەھىھ.

)ئوسمان ئىبنى ئەففان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قەبرە ئۇستىدە تۇرۇپ قالسا،ساقىلى يۆل بۇلۇپ كەتكەنگە قەدەر يىغلاپ كىتەتتى،ئۇنىڭغا؛جەننەت بىلەن دۇۋزاخنى ئەسلەۋاتاملا؟يىغلىمىسلا ، سىلى دائىم مۇشۇ قەبرى ئازابىدىن قورقۇپ يىغلايدىكەنلا دىيىلگەندە، ئۇ؛ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: ھەقىقەتەن قەبرە، ئاخىرەت مەنزىللىرىنىڭ تۇنجىسىدۇر، ئەگەر قەبرىدىن نىجات تاپسا، ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭدىن كىيىنكى، ئۇنىڭدىن ئاسانراقتۇر، ئەگەر قەبرىدە نىجات تاپالمىسا، ئۇنىڭدىن كېيىنكى سۇئال – سوراق، ئازابلار ئۇنىڭدىن قاتتىقراقتۇر، مەن كۆرگەن ھەر قانداق قورقۇنۇشلۇق مەنزىرىدىنمۇ قەبرە بەكىرەك قورقۇنۇشلۇق ئىكەن دىدى. (قەبرىدە سۇئال–سوراق، ئازاب- راھەتنىڭ مۇقەددىمىسى باردۇر) تىرمىزى، ھاكىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، ھەسەن

بەررا ئىبنى ئازىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن: (ھەقىقەتەن مۆئمىن بەندىنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىدىغان، ئاخىرەتكە ئالدىنى قىلىنىدىغان ۋاختى كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئاسماندىن خۇددى يۈزلىرى قۇياشتەك نۇرلۇق، ئاپئاق يۈزلۈك پەرىشتىلەر چۈشىدۇ، ئۇلار بىلەن بىللە جەننەتنىڭ كېپىنەكلىرى، جەننەتنىڭ خۇشپۇراقلىرىدىن خۇشپۇراق ئەتىرلەر باردۇر، بۇ پەرىشتىلەر مۆئمىندىن بىر كۆز يېتىم مىقداردا ئولتۇرىدۇ، (يەنى كۆرگىلى بولغۇدەك يىراقلىقتا ئولتۇرىدۇ) ئاندىن ئۆلۈم پەرىشتىسى كېلىدۇ، ئۇ مۆئمىننىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەي پاك، ئېسىل روھ، جان! ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ۋە رازىلىقىغا چىققىن! ئاندىن روھ، جان خۇددى تۇلۇننىڭ ئاغىزىدىن بىر تامچە سۇ تامغاندەكلا شۇنداق ئاسان چىقىدۇ، ئۆلۈم پەرىشتىسى روھنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ، ئاندىن ئۇنى ئالغاندا، قولىدا كۆزىنى يۇمۇپ ئاچقىچىلىلىكمۇ قويماي تۇرسا، پەرىشتىلەر ئېلىپ، بۇ پاك روھنى ئاشۇ كېپەنلەردە ئاشۇ ئەتىرلەردە قىلىدۇ، بۇ روھدىن مىسكىدىنمۇ خۇشپۇراقراق پۇراق چىقىدۇ، بۇ خۇشپۇراقلار يەر يۈزىدە تېپىلىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇ روھنى ئېلىپ يۇقىرغا ئۆرلەيدۇ، ئۇلار پەرىتىشلەرنىڭ جامائەتلىرىدىن ئۆتسىلا، بۇ پاك، ئېسىل روھ كىم بولىدۇ؟ دەپ سورىشىدۇ، يۇقىرغا ئۆرلەۋەتقانلار: ئۇ بەندىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ، پالانىنىڭ بالىسى، پالانى بولىدۇ، دەپ جاۋاب بېرىدۇ، پەرشىتلەر ئۇنى دۇنيا ئاسمىنىغا ئاپىرىپ، ئاسمان ئىشكىنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇ مۆئمىن روھى ئۈچۈن ئىشىكى ئېچىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئېسىل روھقا ھەربىر ئاسماننىڭ ئەڭ يېقىن مۇقەررەپ پەرىشتىلىرى ئەگىشىۋالىدۇ، ئۇلار يەنە بىر ئاسمانغىچە ئەگىشىپ بارىدۇ، تاكى بۇ مۆئمىننىڭ روھى يەتتىنچى ئاسمانغىچە ئاپىرىلىدۇ، (ھەربىر ئاسماننىڭ مۇقەررەپ پەرىشتىلىرى يەنە بىر ئاسمانغىچە ئەگىشىۋالىدۇ) ئاندىن، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: مىنىڭ بۇ بەندەمنىڭ كىتابنى، ئىللىيىن دەرىجىلىك ئەڭ يۇقىرى ئالى مەرتىبە قاتارىدا يېزىڭلار! بۇ بەندەمنى زىمىنغا قايتۇرۇڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئۇلارنى زىمىندىن ياراتتىم، ئۇلارنى زىمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلارنى زىمىندىن يەنە بىر قېتىم يارىتىپ چىقىرىمەن، ئاندىن مۆئمىننىڭ روھى ئۆزىگە قايتۇرۇلىدۇ،) ئاندىن كىيىن، ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ،
رەببىڭ كىم؟ دەپ سورايدۇ:
مۆئمىن، رەببىم ئاللاھ دەيدۇ.
پەرىشتىلەر: دىنىڭ نېمە؟ دەيدۇ:
مۆئمىن بەندە: دىنىم ئىسلام دىنى دەيدۇ.
پەرىشتىلەر ئاراڭلارغا ئەۋەتىلگەن بۇ كىشى قانداق كىشى بولىدۇ؟ دەيدۇ:
ئۇ بەندە: ئۇ، ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، پەيغەمبىرىدۇر دەيدۇ.
پەرىشتىلەر: سىنىڭ ئىلىمىڭ قانداق؟ سەن بۇنى نەدىن بىلدىڭ؟ دەيدۇ
مۆئمىن بەندە: مەن ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇدۇم، بۇ كىتابقا شەكسىز ئىمان كەلتۈردۈم، ۋە تەستىقلىدىم دەيدۇ،ئاشۇبولسا« ئاللاھ مۆئمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن مۇشۇ دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ» 14 – سۈرە ئىبراھىم، 27 –ئايەتتۇر.ئاندىن ئاسماندىن بىر توۋلىغۇچى، نىدا قىلىپ، بەندەم راست دېدى، ئۇنىڭغا جەننەتتىن كۆرپە سېلىڭلار! جەننەت كىيىملىرىدىن كىيىم كىيدۈرۈڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەت تەرىپىگە بىر ئىشىك ئېچىپ بېرىڭلار دەيدۇ، ئاندىن ئۇ بەندىگە جەننەتنىڭ راھەتلىرى، رىزىقلىرى، پاك، مول تۇرمۇشلىرى، خۇشپۇراقلىرى يېتىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قەبرىسى بىر كۆز يېتىم مىقدارى شۇنداق كەڭ كەڭرىتىلىدۇ، (ئاندىن ئۇنىڭغا يۈزى گۈزەل، كىيىمى گۈزەل، خۇشپۇراق بىر كىشى كېلىپ، سىنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلار بىلەن خۇش بىشارەت ئالغىن، مانا بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان، سېنىڭ كۈنۈڭدۇر، دەيدۇ، بەندە ئۇنىڭغا سەن كىم؟ سېنىڭ يۈزىڭ ياخشىلىقنى ئېلىپ كېلىدىغان يۈزئىكەن دەيدۇ، ئۇ كىشى مەن سېنىڭ سالىھ، ياخشى ئەمەللىرىڭ بولىمەن دەيدۇ، ئاندىن بەندە خاتىرجەم بولۇپ، ئى پەرۋەردىگارىم، قىيامەتنى قۇرۇپ بەرگىن، ئى رەببىم، قىيامەتنى قايىم قىلىپ بەرگىن، مەن ئەھلىمگە، مال – مۈلۈكلىرىمگە قايتاي دەيدۇ،) (مانا بۇ مۆئمىن كىشىنىڭ ئاقىۋىتى بولىدۇ). ھەقىقەتەن كاپىر، دىنسىز بەندىنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغان، ئاخىرەتكە ئالدىنى قىلىدىغان ۋاختى كەلگەندە،( ئۇنىڭغا ئاسماندىن يۈزلىرى قاپقارا، تەلەتى سەت، قەبىھ پەرىشتىلەر چۈشىدۇ، ئۇنى كىپەنلەشكە ئەسكى كىگىز، تاشلاندۇق پالاسلارنى ئېلىۋالىدۇ، پەرىشتىلەر بۇ كاپىردىن بىر كۆز يېتىم مىقداردا ئولتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئى نىجىس، سېسىق جان، ئاللاھنىڭ كايىشىغا، غەزەپ – نەپرىتىگە چىققىن! دەيدۇ: ئاندىن ئۇنىڭ روھى، جېنى پۈتۈن بەدەنلىرىگە تارقاپ كېتىدۇ، ئاندىن پەرىشتە ئۇ جاننى خۇددى قوينىڭ يول يۇڭىدىن شوخۇلۇق شاخنى تارتىپ ئالغاندەك، قاتتىق تارتىپ ئالىدۇ، ئۇنى ئېلىپ، قولىدا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلىك مىقداردا قويمايلا، ساقلاپ تۇرغان پەرشىتىلەر ئېلىپ، ھېلىقى كىگىز پالاسنىڭ ئىچىگە سالىدۇ، بۇ نىجىس، سېسىق جاندىن تاپنىڭ پۇرىقىدىنمۇ سېسىق پۇراق چىقىدۇ، بۇ سېسىق پۇراق يەر يۈزىدە تېپىلىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەر ئۇنى ئېلىپ يۇقىرغا ئۆرلەيدۇ، ئۇلار ھەربىر پەرىشتە جامائەتلىرىدىن ئۆتسە، ئۇلار بۇ نىجىس، سىسىق جان، روھ كىم بولىدۇ؟ دەيدۇ: ئۆرلەۋاتقانلار، ئۇ دىنسىزنىڭ دۇنيادىكى كىشىلەر ئاتايدىغان ئەڭ قەبىھ، سەت ئىسىملىرى بىلەن ئاتاپ، پالانىنىڭ بالىسى، پالانى بولىدۇ دەيدۇ، ئاندىن ئاسمان ئىشكىنىڭ ئېچىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، لېكىن ئىشىك ھەرگىز ئېچىلمايدۇ، ئاندىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى، «ئۇلارغا ئاسمان ئىشىكلىرى ھەرگىز ئېچىلمايدۇ» سۈرە ئەئراب، 4- ئايەت، ئاندىن، ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭ كىتابىنى ئەڭ تۆۋەن زىمىننىڭ ئىچىدىكى سىججىيىن، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك چوڭقۇر مەنزىللىك قىلىپ يېزىڭلار،) ئاندىن ئۇنىڭ روھى قاتتىق تاشلىنىدۇ، جەسىتىگە قايتۇرۇلىدۇ، ئاندىن ئىككى پەرىشتە كېلىپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزۇپ، مۇنداق سۇئال سورايدۇ.
رەببىڭ كىم؟
ئۇ، ھا! ھا! مەن بىلەيمەن دەيدۇ.
ئۇلار، دىنىڭ نېمە؟ دېسە:
ئۇ ھا ھا مەن بىلمەيمەن دەيدۇ.
ئاراڭلارغا ئەۋەتىلگەن ماۋۇ كىشى كىم؟ دېسە، ئۇ، ھا! ھا! مەن مەن بىلمەيمەن دەيدۇ. ئاندىن، ئاسماندىن مۇنداق نىدا كېلىدۇ، ئۇ يالغان سۆزلىدى، ئۇنىڭغا دوۋزاىدىن، ئوتتىن كۆرپە سېلىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن دوۋزاخ تەرىپىگە بىر ئىشىك ئېچىڭلار! ئاندىن ئۇنىڭغا دوۋزاخنىڭ ھارارەتلىرى، قىززىقلىرى، زەھەرلىرى كېلىدۇ، ئۇنىڭ قەبىرىسى شۇنداق تار قىلىنىدۇكى، قوۋۇرغىلىرى بىر – بىرىگە كىرىشىپ، گىرەلىشىپ كېتىدۇ،ئاندىن ئۇنىڭغا كور،گاس بىر پەرىشتە مۇئەككەل قىلىنىدۇ،ئۇپەرىشتە بىلەن تۇمۇر توخماق بار بۇلۇپ،ئەگەر ئۇ توخماق بىلەن تاغنى بىرنى ئۇرسا،تاغ كۇكۇن تالقان بۇلۇپ تۇپىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ،پەرىشتە ئۇ كىشىنى شۇ توخماق بىلەن شۇنداق قاتتىق ئۇرىدۇكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئىنسى-جىندىن باشقا مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىدىكى بارلىق نەرسىلەر ئاڭلايدۇ،ئۇ تۇپىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ،ئاندىن ئۇنىڭغا رۇھى قايتۇرلۇپ (يانا ئۇرىلىدۇ.) (ئاندىن ئۇنىڭغا، يۈزى، كىيىمى قەبىھ سەت، سېسىق پۇراقلىق بىر كىشى كېلىپ، سىنى خاپا قىلىدىغان، غەم قىلدۇرىغان نەرسە بىلەن بىشارەت ئال، مانا بۇ ساڭا ۋەدە قىلىنغان سېنىڭ كۈنۈڭدۇر دەيدۇ. ئۇ، سېنىڭ يۈزۈڭ يامانلىقنى ئېلىپ كېلىدىغان يۈز ئىكەن، سەن زادى كىم؟ دەپ سورايدۇ. ئۇ، مەن سېنىڭ نىجىس، يامان ئەمەللىرىڭ بولىمەن دەيدۇ. ئاندىن ئۇ، ئى پەرۋەردىگارىم، ھەرگىز قىيامەتنى قايىم قىلمىغىن دەپ كېتىدۇ،) (مانا بۇ دىنسىزنىڭ ئاقىۋىتى، ئى ئاللاھ، بىزلەرنى مۆئمىن قىلىپ، بۇنداق يامان ئاقىۋەتتىن ساقلسىلا، ئامىن!) بۇ ھەدىسنى ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى خۇزەيمە، ھاكىم، بەيھەقى، زىيائۇلمەقدەسى توپلىغان، سەھىھ، .


زەيىد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ؛ بىر چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ قەچىرى ئۇستىدە بەنى نەججارنىڭ بوستانلىقىدا كىتىپ باراتتى ، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە ئىدۇق، تۇيۇقسىز قەچىر ئۇركۇپ يولدىن قېچىپ ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۇستىدىن تاشلىۋەتكىلى تاس-تاس قالدى. ناگاھان ئۇجايدا ئالتە ياكى بەش-توت قەبىرە تۇراتتى ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛بۇ قەبرىلەرنىڭ ئىگىللىرىنى كىم تۇنىيدۇ؟دىدى.بىر كىشى ؛مانا مەن تۇنىيمەن دىدى.ئۇلار قاچان ئۆلگەن ؟ دىسە،ئۇكىشى؛ئۇلار شىرىك ھالەتلىرىدە ئۆلگەن دىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ھەقىقەتەن بۇ ئۈممەت قەبىرىلىرىدە سۇئال- سوراق قىلىنىپ، سىنىلىدۇ، ئازابلىنىدۇ، ئەگەر مىيىتلەرنى دەپنە قىلالماسلىقىڭلار بولمىغان بولسا، ئەلۋەتتە، ئاللاھقا دۇئا قىلىپ، مەن ئاڭلىغان قەبرە ئازابىنى سىلەرگىمۇ ئاڭلىتىپ قويۇشنى سورىغان بولاتتىم، (ئەگەر ئاڭلاپ قالساڭلار، مىىيتلەرنى دەپنە قىلالمايسىلەر، ياكى ئۆلىسىلەر)ئاندىن بىز گە يۇزى بىلەن ئالدىنى قىلىپ؛ سىلەر ئاللاھقا سېغىنىپ، دوۋزاخ ئازابىدىن، قەبرە ئازابىدىن پاناھ تىلەڭلار، ئاللاھقا سېغىنىپ، پىتنە – پاسادنىڭ ئاشكارا، يوشۇرۇنلىرىدىن پاناھ تىلەڭلار، ئاللاھقا سېغىنىپ، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن پاناھ تىلەڭلاردىدى،ئۇلار ھەرقېتىم اللھ قا سېغىنىپ يۇقىرقى ئازاپ ، پىتنىلەردىن پاناھ تىلەشتى. ئەھمەد، مۇسلىم توپلىغان، سەھىھ

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا بىر يەھۇدىي ئايال كىرىپ،قەبرى ئازابىنى تىلغا ئېلىپ؛اللھ سىزنى قەبرى ئازابىدىن ساقلىسۇن دىدى. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قەبرە ئازابى توغرىسىدا سورغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ھەئە شۇنداق،قەبرى ئازابى ھەق راستۇر دىدى. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا؛شۇندىن كىيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئۇقۇپ قالسىلا قەبرى ئازابىدىن اللھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيىتتى دىدى. بۇخارى،مۇسلىم

ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قېشىغا بىر يەھۇدىي ئايال كىرىپ،قەبرى ئازابىنى تىلغا ئېلىپ؛اللھ سىزنى قەبرى ئازابىدىن ساقلىسۇن دىدى. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن قەبرە ئازابى توغرىسىدا سورغاندا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم؛ھەئە شۇنداق،قەبرى ئازابى ھەق راستۇر دىدى. ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھا؛شۇندىن كىيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ناماز ئۇقۇپ قالسىلا قەبرى ئازابىدىن اللھ قا سېغىنىپ پاناھ تىلەيىتتى دىدى. بۇخارى،مۇسلىم

مەنبە:ھەدىسلەر بىلوگى


19.jpg




مۇنبەرداشلارغا چاقچاق كەتتى (دەھشەت )



2نازۇكئاي نىڭ چاچ پوسۇنى دۇنيا جىنس قامۇسىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ

فوتۇگىرافلىقتا مۇنداقمۇ ھۆنىرىىڭىز باكەن ھە باھادىر




باش كىيىمىڭىز ھەققەتەنمۇ ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇردىكەن دىسە


0998aa


ئۆل ھەدە ماشىنىڭىزغا ئىچىمىلىك قۇيۇپ نىمە قىلاسىز دەيمە


998نازىلە ھەدەم كىمنى چۈشەپ قالغاندۇ





يۈرىكىم زېدە تور دا قىزلار بىلەن پاراڭلىشىپ قولىدىن قان چىكەتسىمۇ سەزمىگىننى كۆرمەمدىغان


كاككۇك ئايىغىمنى باشقىلار كىيۋالمىسۇن دەپسىزدە



xarariمىسرانىمدا مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئۆتكۈزىۋىتىپتۇ ئائىلە بويىچە بېرىپ كېلەيلى


مۇسلىنە سومكىڭىزغا ھېزى بولۇڭ



نىمىگە قارايسىلەر قاندا ئېشەك يوق



205رۇستەم ئاغىزىڭىزنى بوشراق ئېچىڭ چىۋىن كىرىپ كەتمىسۇن يەنە



ئاردا كالا مىنگەنگە تويدىڭىزمۇ ؟؟


ئېسىمدە كىچىك ۋاقتىڭىزدا نىمدىگەن تىرىشچان بولغىيتىڭىز  




تۈركىيار نىمىگە شۇنچە خۇشال بوپ كەتكەندۇ



34زەنجىر مۇنبەردىكى قىزلارنى ماراۋاتقاندا قىز دوستدىن پەشۋا يەپتۇ



مەخەتجان ئاكىمىزنىڭ چېچىنى مۇنداق زامانىۋى قايچىدا ياسىمىسا ئىككى كۈندە ئۆسۈپ گەدەنگە چۈشىۋالىدۇ













20.jpg



ئانا يۇرت ئوغلى زوردىن  سابىر

زوردۇن سابىر ( 1937 – 1998 ) 20 – ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەببىياتىدىكى مەشھۇر رېئالىستىك يازغۇچى. ئۇ ئاساسلىقى 20 – ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ. ئۆزى ياشىغان دەۋرىدىكى ئەدىبىي ئىجادىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشتى. شۇنىڭدەك كىتاپخانلار، ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇر پروزىسىدىكى بايراقدار يازغۇچى» دەپ تەرىپلەنگەن. ئۇ رۇس يازغۇچىلىرىدىن شولوخوۋ، تولىستوي، گوركىي قاتارلىق رېئالىستىك يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپ ئوقۇغان بولغاچقا، ئىجادىيەتتە ئاشۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ تەسىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۇرگەن. ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە سىستېمىلىق بولغان رېئالىزملىق ئەدەبىي ئىجادىيەت نەزىريىسىنى مۇكەممەل تۇرغۇزغان. ئۇ تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار ۋە يۈزەكى ھادىسىلەرگە ھەرگىز سەل قارىمايتتى. كۈزەتكەن، ھېس قىلغانلىرىنى خاتىرىسىگە يېزىپ قالدۇرىۋالاتتى.. بۇنداق خاتىرىلەر كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىنى دەلىللەش رولىنى ئويناپ، ئەسەرنىڭ رېئالىزملىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان. تۇرمۇش بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېققىنلاشتۇرغان ئىدى. ئۇ مەيلى قەيەرگە بارسۇن، قانداق ئادەملەر بىلەن ئۇچراشسۇن ئۇلاردىن ئۆز ئىجادىيىتىگە كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئىزدەيتتى. ئۇ بىر قېتىم تۇرمۇش ئۆگۈنۈش ئۈچۈن مەكىتكە بارغاندا ئۇ يەردە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىغان دېھقان ئىسمائىل روزى بىلەن تونىشىدۇ. ئويلىمىغان يەردىن بۇ دېھقان ئۆز ئىگىلىكى توغرىسىدا ئەمەس، بۈركىتى توغرىسىدا كۆپ سۆزلەيدۇ. بۇ ھال رېئال تۇرمۇشقا يازغۇچىدا باشقىچە ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. يازغۇچى «ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش» ناملىق ماقالىسىدە ( بۇ ماقالە «تارىم»ژورنىلىنىڭ 1986 – يىللىق 1 – سانىدا ئېلان قىلىنغان ) ئاشۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق يازىدۇ. «ئۇنىڭ بۈركۈت توغرىسىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلىرى مېنى جەلپ قىلىۋالدى. مەن بۇ رېئاللىق ئالدىدا چارۋا توغرىسىدا ئەھۋال ئىگىلەشتىن دەرھال ۋاز كەەچتىم – دە، بۈركۈت توغرىسىدا ئويلاشقا باشلىدىم. بۈركۈتنىڭ سۆھبىتى مەندە يېڭى چۇشەنچە ھاسىل قىلدى». دېمەك، زوردۇن سابىر بەدىئىي توقۇلمىنى شۇ ۋەقەلىككە مۇناسىۋەتلىك، باغلىنىشلىق بولغان رېئال تۇرمۇشنى ياكى تۇرمۇشتىن كېسىۋالغان بىر پارچە ماتېريالنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ بارلىققا كەلتۇرىدۇ.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ رېئاللىقا بولغان سادىقلىقى ئۇنىڭ «قەرزدار»ھېكايىسىنى يېزىش جەريانىدىن تېخىمۇ روشەن كۆرۇنۇپ تۇرىدۇ. يازغۇچى«قەرزدار» ھېكايىسىنى يازغان 1980- يىلى خەلق گوڭشېسى تېخى بىكار قىلىنمىغان ئىدى. لېكىن يازغۇچى خەلق گوڭشېسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ قازاننىڭ جوڭگو دېھقانلىرىنى باي قىلالمىغانلىقىنى دېھقانلار ئارىسىدا يۇرۇپ كۆرگەن ئىدى. بۇ رېئاللىق ئۇنى«دېھقانلارنى ھەقىقى بېيىتىش ئۈچۈن بۇ چوڭ قازاننى چاقماي بولمايدۇ»دېگەن ئىدىيىنى چىقىش قىلىپ ئەسەر يېزىشقا ئۈندىگەن.
زوردۇن سابىر 1937 – يىلى باھار ئايلىرىدا غۇلجا ناھىيە يېڭىتام يېزا بوستان كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. دادىسى سابىر ئاكا دېھقان بولسىمۇ، ئىلىم – پەنگە قىزىقىدىغان، ئىلىم ئەھلىلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم ئىدى. ئانىسى ئانارخان ھەدە ئىشچان، پاكىز، چېۋەر ئايال ئىدى. زوردۇن سابىرنىڭ بالىلىق ھاياتى شىمالدىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى ئۇرۇپ تۇرىدىغان مۇشۇ كىچىككىنە بوستانلىق مەھەلىدى ئۆتتى. 1942 – يىلى زوردۇن سابىر بەش ياشقا كىرگەن يىلى ئۇنىڭ ئانىسى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، بۇ ئائىلىدىكى ئالتە جان ئادەم دادىسى سابىر ئاكىنىڭ ھەم دادا ھەم ئانا بولۇپ بېقىپ چوڭ قىلىشىغا قاراشلىق بولۇپ قالىدۇ.
1946 – يىلى زوردۇن سابىر مەھەلىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئۇقۇشقا كىرىدۇ، ئۈچىنچى سىنىپنى پۇتتۇرگەندە تۆتىنچى سىنىپ بولمىغاچقا داۋاملىق ئۆرلەپ ئۆقۇشقا ئامالسىز قالىدۇ. زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، شۇ ۋاقىتتا ئۇرۇق – تۇغقانلار زوردۇن سابىرنى مەھەلىدىكى ئىمامدىن دىنىي تەلىم ئالدۇرۇپ قارىي قىلىپ تەربىيىلىمەكچى بولۇشقان ئىكەن. لېكىن زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئارزۇسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان. دادىسىمۇ زوردۇننى زادى ئوقۇتىمەن دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ يار بەرمەسلىكىگە قارىماي ئۇنى باشقا يەرگە ئەۋەتىپ داۋاملىق ئوقۇتۇش ئويىغا كەلگەن.
شۇ ۋاقىتتا مەھەللە باشلانغۇچ مەكتىپىدە زامانىدىن ئەپەندى ئىسىملىك مۇئەللىم بار بولۇپ، ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ داۋاملىق ئوقۇشىنى تەشەببۇس قىلغانلارنىڭ بىرى ئىدى. زامانىدىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنى ئارا ئۆستەڭ يېزىدى ئارا مەھەلە كەنتىدىكى تولۇقسىز مەكتەپكە ئاپىرىپ، تۆتىنچى سىنىپقا كىرگۈزگەن. زوردۇن سابىر بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئۆگۈنۈشتىكى تىرىشچانلىقى ھەم زېرەك، ئەقىللىقلىقى بىلەن سىنىپتا بىرىنچى بولۇپ ئوقۇغان. بولۇپمۇ ماتېماتىكا دەرسىدە نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىشى تولىمۇ قىيىن بولغان. كۆپىنچە ساۋاقداشلىرى بايلارنىڭ ياكى ئىقتىسادىي شارائىتى ياخشى ئائىلەرنىڭ بالىلىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زوردۇن سابىر نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى قارىلىپ بەزىدە كەمسىتىلگەن. نۇرۇم سابىر ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ :«1949 – يىلى كۈزدە زامىدىن ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىز بىر يوتقان – كۆرپە، كىگىز نان دېگەندەكلەرنى تەسلىكتە تەييارلاپ، زوردۇننى ئارا ئوستەڭگە يولغا سېلىپ قويدۇق. قېرىشقاندەك شۇ يىلى قىشتا ناھايىتى قېلىن قار ياغدى. دادام بالام توڭلاپ قالىدىغان بولدى، دەپ مەندىن بىر چاپان ئەۋەتتى، مەن بارسام راست دېگەندەك ئىنىم يازدا كەتكەن يالاڭ چاپان ئىكەن. بۇ يالاڭ چاپىنىمۇ كونا بولغاچقا سوغاقتا تالاغىمۇ چىقالماي قاپتىكەن.ھەتتا بەزى مۇئەللىملەر ئىنىمنى مەكتەپتىنمۇ قايتۇرۋەتمەكچىمۇ بولۇپ تۇرۇپتىكەن»
1951-يىلى زوردۇن سابىر غۇلجا شەھرىدىكى تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇپ«ئىلى مەكتەپ » تە ئوقۇيدۇ. 1952-يىلى بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ 1953-،1954-يىللىرى گىمنازىيە(ھازىرقى سەككىزىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئورنىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ) دە ئوقۇيدۇ. 1955-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى نامىدىكى ئىلى دارىلمۇئەللىمىن «ھازىرقى ئىلى پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى»گە ئوقۇشقا كىرىپ، 1957-يىلى پۈتتۈرىدۇ.
دۇنيادا مەيلى كىم بولسۇن ئۇستازنىڭ رولىسز ھايات يولىنى توغرا باسالىغان ئەمەس. نۇرۇم سابىر«مەن زاماندىن مۇئەللىمنى زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازى دەپ قارايمەن ›› دەيدۇ. شۇنداق،زاماندىن مۇئەللىم زوردۇن سابىرنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا ئىلھام بەرگەن ھەم ئۇنى ئۆز قولى بىلەن ئۆرلەپ ئوقۇشقا ئاپىرىپ بەرگەن.ناۋادا شۇ قېتىم زامانىدىن مۇئەللىم كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەرمىگەن بولمىسا، بەلكىم زوردۇن سابىر ئوقۇش ئارزۇسىدىن مەھرۇم قالغان بولاتتى.
زوردۇن سابىر كىچىگىدىنلا ئەدەبىياتقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. ئۇ مەھەلىدىكى باشكانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىلا مەكتەپتىكى تۈرلۈك پائالىيەتلەردە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلاتتى. ئۇنىڭ شېئىرغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ يېتىلىشىگە ئۆز مەھەلىسىدىكى ھاشىم ئاكا، ئۆمەر قاتارلىق قوشاقچىلارنىڭ ئاغزىدىن نۇرغۇن قوشاقلارنى ئاڭلىغان، يادلاپ ئالغان، دائىم ئۇلارنىڭ قېشىدىن يىراق كەتمىگەن. نۇرۇم سابىرنىڭ دەپ بېرىشىچە، زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە 1956 – يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى تېما قىلىنغان تۆت پەردىلىك بىر درامما يازغان. بۇ درامما شۇ يىلى يازدا ناھىيىلىك تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ۋە قوللىشى بىلەن مەھەلىدە ئوينالغان ئىكەن.
زوردۇن سابىر ئوقۇۋاتقاندا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات، پەلسەپە، تارىخ، جۇغراپىيىگە دائىر نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەينى يىللاردىكى ئەدەبىيات مۇئەللىمى، درامماتورگ، يازغۇچى ماناپ قادىرىنىڭ ئەسلەپ بېرىشىچە، ئۇ سىنىپ بويىچە ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇپلا قالماي يەنە يېزىقچىلىق قابىلىيىتىمۇ يۇقۇرى ئوقۇغۇچى ئىكەن. ئۇ دائىم«ئانا»،«كېلىدۇ بىر كۈن»، «ئاتۇن ۋادىدىكى شاماللار»،«بوتا كۆز»قاتارلىق رومانلارنى قولىدىن چۇشۇرمەيدىكەن. دېمەك، زوردۇن سابىر ئۆزىدە ناھايىتى كۆپ بىلىم جۇغلانمىسى ھاسىل قىلىشقا تىرىشقان. زوردۇن سابىر 1989 – تەتقىقاتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىدىنلا باشلانغانلىقىنى توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ :«توققۇزۇنچى سىنىپتا ئوقۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا داستان يازغان ئىدىم. مەن يازغان ئىككى پارچە دراممىنىڭ بىرى«ئېتىز كەپىسى»ئەينى يىللاردا رايون سەھنىلىرىدە ئوينالغان. زوردۇن سابىرنىڭ ئىلى دارىلمۇئەللىمىندىكى ئوقۇتقۇچىسى مولداغالى مۇنداق دەيدۇ «مەن زوردۇن سابىرغا پېداگوگىكا، پىسخىلوگىيە، دۇنيا يېڭى زامان تارىخى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتكەن. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ مەندىن دائىم چوڭقۇر سۇئاللارنى سوراپ تۇرۇۋالاتتى. دەرسنى تولىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرەتتى. مەن ئۇنىڭ يەنە، «لېنىنىڭ بالىقى چاغلىرى»، « بۇ ۋەقە روۋنو ئەتراپىدا بولغان»دېگەندەك كىتاپلارنى ئوقۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم.«ئانا يۇرت»رومانىنىڭ قازاقچە تەرجىمىسىنى ئوقۇپ چىقىپ مۇشۇنداق بىر ئوقۇغۇچۇم بولغانلىقىدىن تولىمۇ پەخىرلەندىم».
نۇرۇم سابىر يەنە مۇنداق دەيدۇ : زوردۇن ھەقىقەتەن كۆپ ئوقۇيتتى. ئىلى دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇۋاتقاندا تەتىلدە بىرلا قېتىم چىقاتتى. چىققاندىمۇ بىرمۇنچە كىتاپ – ژورناللارنى ئېلىپ چىقاتتى. كۈندۇزى ئېتىز ئەمگىگە قاتناشسا كېچىسى لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇيتتى. مەن زوردۇننىڭ تەسىرىدە كىتاپ ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان. مەكتەپنى پۇتتۇرگەندە مەن ئۇنى مەھەلىگە ئاچىققان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، ئۇ شۇ چاغدا ئىككى يۈز پارچىدىن ئوشۇق كىتاپ ئاچىققان ئىدى. بىز ئىككىمىز كەچتە رومان ئوقۇيتتۇق. بىر قېتىم لامپا يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇپ تاڭ ئېتىپ كېتىپتۇ. سەھەردە دادام بىزنى كۆرۇپ خاپا بولۇپ «مۇنۇغۇ كىتاپ ئوقۇسۇن، سەنچۇ، سېنىڭ ئۇخلىمىغىنىڭ نېمىسى ؟ سەن دېگەن ئېتىزغا بارىدىغان، كەتمەن چاپىدىغان تۇرساڭ»دەپ كايىپ كېتىۋىدى، زوردۇن دادامغا«مەن بىكارغا رومان ئوقۇمايمەن، مەن كېيىن رومان يېزىپ سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۆچمەس ئىسىمغا ئايلاندۇرىمەن، دادا » دېدى. بىز تالاغا چىققاندا شىمال تەرەپتىن ئابرال تېغىنىڭ شامىلى چىقىۋېتىپتىكەن. زوردۇن ھاياجانلىنىپ«مەن رومانىمدا مۇشۇ ئابرال شاماللىرىنى يازىمەن. قارا، سەھەردىكى بۇ سالقىن شامالنىڭ راھىتىنى» دېدى. راست دېگەندەك كېيىن«ئابرال شاماللىرى»يېزىپ چىقتى. مەرھۇم دادام 1976 – يىلى ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ۋاقتىدا، روماننىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنى كۆرۇپ خوشال بولغىنىدىن، «بالام دېگىنىنى قىپتۇ، مېنىڭ ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ»قايتا -قايتا ماختاپ كەتكەن ئىدى.
زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە رەسمىي قەدەم قويۇپ، يازغۇچى بولۇپ يېتىلىشىگە ئۇستاز بولغان ھەم تەسىر كۆرسەتكەن ئادەمنىڭ بىرى يازغۇچى توختاخۇن ناسىرى ئىدى.
توختاخۇن ناسىرى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، 1963 – يىلىدىن 1970 – يىلىغىچە لەنجۇدا غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان. زوردۇن سابىر بىلەن توختاخۇن ناسىرىنىڭ دوستلۇقى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستوتىتىدا بىللە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئورنىتىلغان.


مېنىڭ  ئىنىم  دوكتۇر   ئابدۇرېھىم  تۇرسۇن  (2)


          نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)



   دۇنيادا ئېلان قىلىنغان تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ئۇيغۇر شېئىرلار توپلىمى



ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  قوشقان تۆھپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىدۇر. ئۇ،  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ  ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردىن باشقا مىللەت كىشىلىرى،  ئومۇمەن،  خەلقارا ئەدەبىيات ساھەسىدىن بىخەۋەر قالغانلىقىنى  ھېس قىلىپ،  ئۇيغۇر دىيارىدىكى  كلاسسىك ۋە ھازىرقى زامان شائىرلىرىدىن 28 كىشىنىڭ نادىر شېئىرلىرىدىن تاللانمىلارنى رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشىغا كىرىشىپ،   ئاخىرى 2001-يىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا تۇنجى قېتىم «  ئۇيغۇر  پوئېزىيىسى » نامىدا   ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى شېئىرلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقاتتى .

«  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   ماۋزۇلۇق  مەزكۇر توپلامغا زەلىلى، نۆۋبىتى، بىلال نازىم، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللا مۇتەللىپ،  تۇرغۇن ئالماس، ئىبراھىم تۇردى، ئىبراھىم نۇرۇز، ئەنۋەر ناسىرى، ئىمىن تۇرسۇن، نىمشېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېيىپجان ئېلىيوف،   ئەلقەم ئەختەم، ئابلىز نازىرى، غەنىزات غەيرانى، قاسىمجان قەمبىرى، بۇغدا ئابدۇللا، رەھىم قاسىم، ئابدۇقەييۇم ئىمىن  ۋە باشقىلارنىڭ بىر قىسىم  نادىر ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى  تەرجىمىسى كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نىمشېھىت،ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، قۇتلۇق شەۋقى، مەمتىلى تەۋپىق ۋە باشقا ئونلىغان شائىرلارنىڭ  بىر قىسىم داڭلىق شېئىرلىرى تۇنجى قېتىم رۇس تىلىغا  تەرجىمە قىلىنىپ، رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دائىرىسىدىن  رۇس-ياۋروپا ئەدەبىيات مۇخلىسلىرى  جۇغراپىيىسىگە يول ئالدى.

ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ تۇنجى چەت تىللىرىدىكى شېئىرلار توپلىمى ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  جاپالىق ئەمگىكى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 2001-يىلى، « قىرغىزىستان»  نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

ئەنە شۇنىڭغىچە بولغان ئارىلىقتا  ئۇيغۇر دىيارىدا ياشاپ ئىجاد قىلغان ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرى مۇنداق دۇنيادىكى چوڭ تىللاردا تېخى توپلام سۈپىتىدە  يورۇققا چىقمىغان،  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى خەلقئاراغا تېخى مۇنداق  بىر توپلام سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلمىغان ئىدى.  ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى مەزكۇر زور نەتىجىدە ئەنە شۇ ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  تىرىشچانلىقى ، پىداكارلىقى   بىلەن دۇنياغا كەلدى.

مەزكۇر توپلام ھەققىدە يەنە شۇنى قوشۇمچە قىلىش مۈمكىنكى، مەن 1990-1996-يىللىرى ئارىسىدا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى، يەنى 1992-يىلىدىن كېيىنكى رۇسىيە  پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە  ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، تارىخى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات ، سەنئىتى ۋە باشقا ساھەلەر بويىچە ئۇيغۇر ئالىملىرى ھەم مۇتەخخەسىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ، جۈملىدىن  20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە شەكىللىنىپ،  يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتلىق  تەرەققىيات مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ  دۇنيانىڭ خەۋەرسىز قېلىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدىم.   رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي قېرىنداش زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى تەتقىق قىلىش ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى،  زامانىۋى ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىگە بولۇپ، پروزا ۋە شېئىرىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىدىن بىخەۋەر ياكى ئاساسىي جەھەتتىن  مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى. ئۇلار، 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى، ژانىرلىرى ، ئۇنىڭدىكى ئىدىيە ۋە مىللىي روھ ۋە باشقىلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس ئىدى.

بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 70 يىللىق   « بۈيۈك سوۋېت خەلقى» ،  « ئۇلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى»  نۇقتىئىينەزەرىنىڭ تەسىرى بىلەن  بىر قىسىم رۇس ۋە باشقا مىللەت زىيالىيلىرىدا ئۆزلىرىنى دۇنيادا  ئەڭ ئۈستۈن ھېسابلاش،   سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەڭ مۇكەممەل دەپ قاراش خاھىشى ئېغىر ئىدى.  بۇنداق ئەھۋال   ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، قازاق ، قىرغىز، ئۇيغۇر ۋە باشقىلاردىمۇ مەلۇم دەرىجىدە كۈچلۈك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىشىكنى ئېتىش سىياسىتى نەتىجىسىدە چەتئەللەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن تونۇشۇش  ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش  ئىدىيولوگىيىلىك مەسىلە بولغانلىقى ئۈچۈن  بۇنداق تاشقى ئامىللارنى چەكلەش مۇئامىلىسى قوللىنىلغان،  ئىلىم ساھەسىدىمۇ بۇ ئەھۋال داۋاملاشقان ئىدى . ئۇزۇن مەزگىللىك   ئىشىك تاقاش،  «ئۇلۇغ سوۋېت » تەشۋىقاتى ۋە كاللا يۇيۇش ھەرىكىتى جەمئىيەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىغا ، جۈملىدىن ئىلىم ساھەسىگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. ھەتتا بەزى ئۇيغۇرشۇناسلىق ماتېرىياللىرىدا   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ ئاپتورلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار تارىخى، تىلى-ئەدەبىياتى،  مەدەنىيىتى ھەققىدىكى قىسمەن ئەسەرلىرىگە باھا بېرىلگەندە  ، مەزكۇر ئەسەرلەرنىڭ   ئىلمىيلىك دەرىجىسى تۆۋەنرەك، ئاكادېمىيىلىك  ساھەگە  تەۋە  ئەمەس، بەلكى  ئادەتتىكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن  يېزىلغان  « ئىلمىي ئاممىباب»  لىق خاراكتېرى بارلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بىراق، 1990-1992-يىللاردىن كېيىن ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇر ئالىملىرى بۇ خىل چۈشەنچىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ  ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ھەر خىل يوللار  بىلەن ئىپادە قىلىشقا باشلىدى. لېكىن، مۇتلەق كۆپ قىسىم  رۇس تىللىق زىيالىيلار ئۇيغۇرچە  بىلمىگەنلىكى،  بولۇپمۇ  ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ئوقىيالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەسەرلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇشى قىيىن ئىدى.

مەن ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئىلىم ساھەسىگە تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.

مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رۇس تىلىدىكى  چوڭ ھەجىملىك بىر ئانتولوگىيىسىنى تۈزۈپ، موسكۋادا نەشىر قىلىش ئارقىلىق  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا  يۈزلەندۈرمەكچى بولدۇم. 1996-يىلى، ئۈرۈمچىدىكى  بىر ئىلمىي مۇھاكىمە  يىغىنى جەريانىدا  بۇ لايىھىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.  بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر ئېلىش پائالىيىتىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى. كۆپىنچە كىشىلەر قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.  قۇۋۋەتلىگەنلەر، قوللىغانلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلىدى. ئەشۇ 1996-يىلى، مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس خاتىرىلەرنى قالدۇردى. مەن ھازىرمۇ دائىم ئەشۇ كۈنلەرنى ، ئۈرۈمچىنىڭ 1980-90-يىللىرىدىكى  ئەشۇ گۈزەل كۈنلىرىنى ئەسلەيمەن.  1995-1996-يىللىرى، مېنىڭ  تەتىل جەريانىمدا  مەن ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە زىيالىيلارغا نۇتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلدى.  « موسكۋا خىياللىرى»  ناملىق ئەسىرىم   جەمئىيەتنىڭ ھەر خىل قاتلىمىدا ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆزلىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا ئېلىپ كەلدى. بەلكى ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئەنئەنىۋى تەسىر ئىسكەنجىسى  ئاستىدا ئۇزۇن ۋاقىت ياشىغان ئۇيغۇر جەمئىيىتى، ئۇيغۇر زىيالىيلار قاتلىمى  سوۋېت ئىتتىپاقىدەك قۇدرەتلىك مەملىكەتنىڭ بىر پاي ئوقسىز غولاپ چۈشكەنلىكىنىڭ سىرلىرىنى مېنىڭ « موسكۋا خىياللىرىم» دىن ئىزدىمەكچى بولغان بولسا كېرەك.   مەن ئۇچراشقان  20-ئەسىرىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇيغۇر  زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى، سىياسىيونلىرى  بىلەن  بولغان سۆھبەتلەردە موسكۋا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەقدىرى ئاساسلىق تېما ئىدى.   سەيدۇللا سەيفۇللايېف،  ھاكىم جاپپار، سوپاخۇن سوۋۇروف   قاتارلىق تارىخىي شەخسلەر، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر،  ھاجى ياقۇپ، ئىبراھىم مۇتىئى، ئىمىن تۇرسۇن ،  شەرىپىدىن ئۆمەر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن، زارىپ دولات،ئابلىمىت روزى  ۋە باشىقا تەبىئىي پەن  ھەم ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدىكى  كۆپلىگەن  ئۇيغۇر پروفېسسور-دوتسېنتلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئابدۇللا تالىپ،  قەييۇم تۇردى  قاتارلىق كۆپلىگەن، بۇ يەردە مەن  ئىسمىنى ئاتىمىغان  پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش ئەدىبلەر، ئەدەبىي تەنقىدچىلەر   ھازىرغىچە مېنىڭ   خاتىرلىرىمدە ساقلانماقتا.

ئەنە شۇ 1996-يىلى مېنىڭ   ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى بىر توپلام قىلىپ، رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش ، ئارقىدىن ئۇيغۇر پروزا ئەسەرلىرىنى توپلام قىلىپ نەشىر قىلىش، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ۋە سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش  ئويۇم  خېلى كۆپ كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن، ھەتتا  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى ئارىسىدىمۇ قوللاش ۋە ئىلھام بېرىش پوزىتسىيىسى  بولغان ئىدى.

ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا  ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى  رۇس تىلىدا نەشىر قىلىش پىلانىم ئىقتىسادىي ۋە تۈرلۈك سەۋەبلەردىن كۈن تەرتىپتىن قالدى.  بىراق ، مەن كۆڭلۈمدىكى بۇ ئارزۇيۇمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن دېگەن ئويدىن  ھېچقاچان قالمىدىم.  مېنىڭ بۇ ئارزۇيۇم بەرىبىر يەنىلا خېلى كۆپساندىكى ئەدىبلەر تەرىپىدىن قوللاشقا ئېرىشىلدى. مەن  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى  ۋاپات بولغان ئەدىبلەرنىڭ  مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تاللانما شېئىرلىرىدىن كىچىكرەك بولسىمۇ بىر توپلاپ چىقىرىش، ئىككىنچى قەدەمدە ھاياتلار ۋە  ياشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى توپلاپ قىلىش ئويىغا كېلىپ، جىددىي تاللاشقا كىرشتىم ۋە ئاخىرىدا 20-ئەسىردىكى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدىبلەر ۋە بىر قىسىم ھايات ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشتىم.  بۇ ئىش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى.  مەن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تولۇق تەرجىمە قىلىش ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي تەرجىمىسىنى تەييارلاش ھەمدە ھەر بىر ئاپتورنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى تەييارلاش ، ئاخىرىدا كىتاب قىلىپ نەشىر قىلىش ئىشى قەدىرلىك ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا يۈكلەندى.   بۇ جەرياندا قازاقىستاندا تونۇلغان ئاتاقلىق  ئۇيغۇر شائىرى ، مەرھۇم  ساۋۇتجان مەمەتقۇلوف  شېئىرلارنىڭ رۇسچە تەرجىمىسىنى  گۈزەل شېئىرىي  ھالغا كەلتۈرۈشتە  تەجرىبىلىك بولغان رۇس شائىرەسىنى تېپىشقا ياردەملەشتى. ئەلۋەتتە، شېئىرنى شېئىرىي ھالدا تەرجىمە قىلىش ئەڭ يۈكسەك تىل سەنئىتى ۋە شائىرلىق قابىلىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

ئاخىرىدا  مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى،  پروفېسسور مۇرات ھەمرايېف ھايات ۋاقتىدا تەرجىمە قىلغان ئاز ساندىكى  ئۇيغۇر كىلاسسىكلىرى ۋە لۇتفۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى  ھەم باشقىلارنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرىمۇ توپلىنىپ، 28 شائىرنىڭ تاللانما شېئىرلىرىدىن  تۈزۈلگەن «  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى»   دۇنياغا كەلدى.  

ئىنىم ئابدۇرېھىم بۇ جەرياندا  بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمىسىنى قىلدى، بارلىق شائىرلارنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىنى مېغىزلىق قىلىپ رۇسچە يېزىپ چىقتى ھەمدە مېنىڭ  كىتابنىڭ ئاخىرىغا بېرىلگەن «   20‏-ئەسىر  ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى»  ماۋزۇلۇق  ماقالەمنى ئۇيغۇرچىدىن  رۇسچىغا تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى. ئەلۋەتتە، كىتابنىڭ تەرجىمىسىدىن تارتىپ، تەھرىرلىكىنى قىلىش، كومپيۇتېرغا ئېلىش، نەشىر قىلىنىشىدىن ئىبارەت  ئۇزۇن خىزمەت جەريانىدا خېلى كۆپ مەبلەغ تەلەپ قىلىناتتى. ئىنىمنىڭ ئوقۇشى  ئۈچۈنمۇ خىراجەت كېتتەتى.   بۇ، مېنىڭ ئامېرىكىغا يېڭى كەلگەن، تېخى تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ئىشلىرىم ياخشى ئورۇنلاشمىغان يىللار  بولۇپ،  تۇرمۇش، ئۆي كىراسى، ئېلېكتىر، تېلېفون  ۋە باشقا ھەممە چىقىملار ئۈچۈن زور ئىقتىساد تەلەپ قىلىدىغان بۇ دۆلەتنىڭ ھاياتى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىگە كۆنۈش ئۈچۈن ۋاقىت كېرەك ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئىنگلىزچە ئۆتكىلىدىن ئۆتۈشۈم كېرەك بولۇپ، ئىنگلىزچە ئۆگىنىش ۋە باشقا ئوقۇش  چىقىمىمۇ  يۇقىرى ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 8-10 سائەتلەپ ئىشلەشكە توغرا كېلەتتى.  مەن، دەسلەپتە  بىر ياقتىن ئوقۇپ، بىر ياقتىن   تاماق توشۇپ، ئاشخانىلاردا ئىشلەپ ،زاۋۇتلاردا ئىشلەپ  تاپقان پۇللارنىڭ بىر قىسىمىنى ئىنىمنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەۋەتىپ بېرەتتىم  ھەمدە ئاخىرىدا «  ئۇيغۇر پوئېزىيىسى» نى نەشىر قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتتىم.  ئىنىممۇ دادام ئەۋەتىپ بەرگەن تۇرمۇش پۇللىرىدىن  ئىقتىساد قىلغانلىرىنى مەزكۇر  كىتاب ئۈچۈن ئىشلەتتى.

ئاخىرىدا ئىنىم بۇ كىتابنى ئۆزى نەشىرگە تەييارلاپ، ئىككىمىزنىڭ  نامى ئاستىدا  ئېلان قىلدى. قىسقىسى، ئەگەر ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  جاپالىق ئەمگىكى، ساداقىتى،  ئەقىل-ئىدرىكى، قابىلىيىتى ۋە  مەبلىغى بولمىغان بولسا،  مەزكۇر كىتاب دۇنياغا كەلمەيتتى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات  تارىخىغا يېزىلمايتتى.  شۇڭا مەن   ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر  شائىرلىرىنىڭ  تۇنجى چەتئەل تىلىدىكى ، يەنى رۇس تىلىدىكى ئانتولوگىيىسىنى  ئىنىم ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  تۆھپىسى دەپ قارايمەن.

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ رۇس تىلىدىكى تۇنجى شېئىرلار توپلىمى   ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن،  ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە  ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەتبۇئاتلارلار ھەم ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئۇچۇرلار تارقىتىلىپ، خەلق ئىچىدە ياخشى ئىنكاسلار بولدى. بۇ توپلامغا شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن شائىرلاردىن ئىمىن تۇرسۇن، بۇغدا ئابدۇللا ، غەنىزات غەيرانى  ۋە باشقىلار   كىتابنى تاپشۇرىۋېلىپ،  ئۆز ئەسەرلىرىنىڭ رۇس تىلىدا نەشىر قىلىنغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن ئابدۇرېھىم تۇرسۇنغا چەكسىز رەھمىتى ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈردى.

ۋاپات بولغان شائىرلارنىڭ ئائىلە-تاۋىباتلىرىمۇ  بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ ئىنىمغا رەھمىتىنى بىلدۈردى.  ئەلۋەتتە، ۋاپات بولغان شائىرلار بىلەن بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانچىلىقىمىز ياكى  ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋىئاباتلىرى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىز يوق، ئەمما ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ۋە ئارزۇ -ئارمانلىرىنى بىز ياخشى چۈشەنگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى مەنىۋى جەھەتتىن تەقدىرلەش ئۈچۈن  ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تونۇشتۇرغان ئىدۇق،  ئۆزلىرىنىڭ ئاللىبۇرۇن  ۋاپات بولغان دادىلىرىنىڭ  شېئىرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن   چوڭ بىر تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، كىتابقا كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنىشىدىن  ئۇلارنىڭ خۇشال بولۇشى تەبىئىي ئىدى. دېمەك،  ئىنىم بۇ ئىشلارنى ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقى  ئۈچۈن قىلغان ئىدى. بۇنىڭ قىممىتىنى  خەلق بىلىدىكەن !

مەزكۇر توپلام، رۇسىيە،ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۈتۈبخانىلارنىڭ تىزىملىكلىرىگە كىرگۈزۈلدى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە تارقىتىلدى.  ھەر مىللەت   رۇس تىللىق ئوقۇرمەنلەر   مەزكۇر توپلامنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات دۇردانىلىرىدىن، ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ دۇنيا قاراشلىرى ۋە شېئىرىي تەپەككۈرلىرىدىن  خەۋەردار بولدى . ھەتتا،  بۇ ئەسەر قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە باشقا جايلاردىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئەدەبىيات  فاكۇلتېتلىرىنىڭ دەرسلىك قوللانمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر ئەدەبىيات دەرسلىرىدە بۇ ئەسەرلەر ئاساس قىلىندى ھەمدە كىتاب ئاخىرىدىكى « 20‏- ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەتقىقات پروگراممىسى»  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە تۈركىي خەلقلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىلىرى ھەم ئوقۇتۇش پروگراممىلىرى ئۈچۈن مۇھىم مەنبەلىك رولىنى ئوينىدى.

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەگەردە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇش ۋە دۇنياغا يۈزلەندۈرۈلۈش  تارىخىنى يېزىش  توغرا كەلسە، ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ  بۇ ئەمگىكى ئەڭ ئالدىنقى بەتلەردىن ئورۇن ئېلىشى كېرەك . چۈنكى،  ھەر قانداق بىر ئەدەبىيات باشقا تىللارغا، بولۇپمۇ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلمىسا،  ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىدىن خىلۋەت قېلىشى،نەزەردىن ساقىت قىلىنىشى تەبىئىي.  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرۇش  ھېچقاچان  ئۆز جىددىيلىكىدىن قالغىنى يوق، ھەتتا بۈگۈنكى كۈنلەردە بۇ خىزمەت تېخىمۇ مۇھىمدۇر.  بۇنداق ئەسەرلەر  دۇنيادىكى چوڭ تىللاردىن ئىنگىلىزچە، رۇسچە، فرانسۇزچە، ئەرەبچە، خەنزۇچە،تۈركچە، ياپونچە    ۋە باشقا تىللاردا  كۆپلەپ چىقىرىلىش لازىم،  پەقەت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىلا ئامەس، بەلكى ئۇيغۇر پروزىچىلىقىنىڭ نادىر ئەسەرلىرى، مەسىلەن :  ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ، زوردۇن سابىر،  مەمتىمىن  ھوشۇر ، پەرھات جىلان، ئەخمەت ئىمىن،   جالالىدىن بەھرام،  ياسىنجان چوغلانى ، ئەخەت تۇردى،  باتۇر روزى،  پەرھات تۇرسۇن، ئەختەم ئۆمەر ، ئابدۇۋەلى ئەلى ، مۇھەممەد پولات ۋە باشقا  يۈزلىگەن ئەدىبلەرنىڭ   ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى،  زامانىۋى  ھايات مۇئەممەئالىرى  ۋە  كارتىنىلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان   نادىر رومانلىرى،  ھېكايىلىرى ،  نەسىرلىرى ۋە باشقا زھانىردىكى ئەسەرلىرىنى  دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا كۆپلەپ تەرجىمە قىلىش كېرەك،  ئەنە شۇ چاغدىلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى  تەكلىماكان-جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدىن چىقىپ دۇنياغا يۈزلىنەلەيدۇ.   ئومۇمەن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ،ئۆزگىچىلىكى، رەڭدارلىقى ۋە باشقا  ئالاھىدىلىكلىرى پۈتۈن جۇڭگوغا، بولۇپمۇ دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى كېرەك،  ئۇيغۇر تىلىنىڭ  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىرلەر غەزىنىسىگىلا ئۆچمەس ھەسسە قوشقانلىقى ئەمەس، بەلكى بۇ تىلنىڭ دۇنيادىكى چوڭ تىللارغا ئوخشاش سەۋىيىدە  مەمۇرىي باشقۇرۇش تىلى، ئىلىم-پەن تىلى، ئۇنىۋېرسىتەت مائارىپ تىلى، مەمۇرىيەت تىلى، دىپلوئاتىيە تىلى، ئاممىۋى ئاخبارات تىلى ھەمدە دۇنيادىكى   فرانسۇز، رۇس، ئىنگىلىز قاتارلىق  ياۋروپا تىللىرىدا يېزىلغان ئەڭ نادىر كىلاسسىك ئەدەبىي  ئەسەرلەر، نوبېل مۇكاپاتى ئەسەرلىرى،   19-20-ئەسىر ئىدېئولوگىيە كۈرىشىنىڭ نەزەرىيە ئاساسلىرى  بولغان ماركىس، ئېنگلىس، لېنىن، ستالىن، گېگېل، فېييېرباخ،  ماۋزېدوڭ، نىتزې، فرويىد   ۋە باشقىلارنىڭ  ئەسەرلىرى، خەنسۇ  تىلىنىڭ جەۋھەرلىرى بولغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى  ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تەرجىمە قىلىشقا مۇۋەپپەق بولۇنغان  مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى، قانداقتۇر ھەرگىزمۇ  «  قۇشلار» نىڭ تىلى ئەمەسلىكىنى ئىپادە قىلىش  ھاجەتتۇر، بۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ  باش تارتىپ بولماس  بۇرچى! بۇ مېنىڭ ئۇزۇن يىللىق  جۇڭگو  ۋە چەتئەللەردىكى   ئوقۇتقۇچىلىق ، ئوقۇغۇچىلىق ۋە ئىلمىي تەتقىقات ھاياتىمدا داۋاملىق ھېس قىلغانلىرىمدۇر.  

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم شېئىرلارنى رۇس تىلىدا تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق  ئۆزىنىڭ  شۇ يولدىكى   پىداكارلاردىن ئىكەنكلىكىنى كۆرسەتتى.

ئابدۇرېھىم  ئۇيغۇر زىيالىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك بۇرۇچنى ئادا قىلدىمۇ يوق؟  بۇنى خەلق بەلگىلەيدۇ ئەلۋەتتە !



ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتىش ۋە قىسمەت


ئابدۇرېھىم تۇرسۇن 2003-يىلى،  تۈركىيە، ئامېرىكا، رۇسىيە، قىرغىزىستان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىزمەت قىلىش  ۋە  بىلىم ئاشۇرۇش تەكلىپلىرى ھەم  ئىمكانىيەتلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ  ئۇيغۇر  ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىجتىمائىي پەلسەپىسى  تەتقىقاتىغا ھەسسە قوشۇشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، يۇقىرى قىزغىنلىق بىلەن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.

مەن ئۇنى  ئامېرىكىغا چاقىرتىشنى ئېيتسام، «ئەڭ ياخشىسى ئاتا-ئانامنىڭ  يېنىدا تۇراي، ئىككى ئوغۇل چەتئەلدە تۇرساق، ئاتا-ئانىغا كىم قارايدۇ ؟» دەپ رەت قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيىلىك پروفېسسورلار ئۇنىڭ تۈركىيىگە بېرىشى ۋە ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئىشلەپ تېخىمۇ گۈللىنىش ئىمكانىيىتى بارلىقى ھەم بۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى  ئېيتقان. بىراق ، ئۇ  ئۇدۇل ئانا ۋەتەنگە يول ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېڭىش ئالدىدا  ئۆزىنىڭ دىپلومىنى  ۋەتەندە ئىشلەش پۇرسىتى ئۈچۈن پايدىلىق بولسۇن دەپ  قانۇنىي گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەن .

ئۇ، ئالتە يىللىق ئوقۇشنى پۈتۈنلەي ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ خىراجىتى بىلەن تاماملىغان  بولۇپ،  جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا ئىقتىسادچانلىق بىلەن  ياشاش ئىستىلىنى تۇرغۇزغان ئىدى.   بىر ياقتىن ئوقۇش خىراجىتىنى تۆلەش ، بىر ياقتىن  تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىش، كىتاب -ماتېرىيال سېتىۋېلىش ئاسانغا چۈشمەيتتى.  جاپالىق ئوقۇش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئاغرىپ قېلىش، ھەتتا خەجلەيدىغانغا پۇل قالمايدىغان ئەھۋاللارغىمۇ يولۇققان ، مەن ئۇنىڭغا ۋاقتىدا پۇل ئەۋەتىپ بېرەلمىگەندە ياكى ئۈرۈمچىدىكى ئاتا-ئانامدىن ئىقتىسادىي ياردەملەر ۋاقتىدا يېتىپ كەلمىگەندە قىيىن ئەھۋاللاردا قالغان پەيتلەرمۇ كوپ  بولغان .  ئۇ، باشقىلارنىڭ  « ھەممە ئادەم سودا-تىجارەت قىلىپ جان بېقىۋاتسا، جېنىڭنى قىيناپ ئوقۇيمەن دەپ نېمە قىلىسەن؟»  دېگەن تاپا-تەنىلىرىگە پىسەنت قىلماي، ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىۋەتمەستىن  ئۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن يانمىدى.  ئۇنىڭ بۇ روھى ئۇنى بىلگەن  ئۇيغۇر، قىرغىز، رۇس ۋە باشقا ھەر مىللەت ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى  ھەم تونۇشلىرىنى تەسىرلەندۈرگەن ئىدى.

ھەقىقەتەن، 1992-2000-يىللارغىچە ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا ئىچكىرى جۇڭگودىن رۇسىيە ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇشقا چىققان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى خېلى كۆپ بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى بىرەر يىل رۇسچە ئۆگىنىپلا بولدى قىلدى، يەنە  بەزىلىرى ئالىي مەكتەپلەرگە كىرسىمۇ ئوقۇشنى يېرىم يولدا تاشلىدى. شۇ سەۋەبتىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە جۇڭگودىن كەلگەن بۇ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىشەنمەسلىك ۋە ئۇلارنىڭ ۋاقتىنى  ئويۇن -تاماشا قىلىش ياكى تىجارەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقى ھەققىدە سەلبىي چۈشەنچىلەر پەيدا  بولغان ئىدى.

قىرغىزىستان، قازاقىستانلاردىمۇ  ئەنە شۇنداق ئىنكاسلار مەۋجۇت بولۇپ، قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدىكى مۇتەخەسسىس -ئۇستازلار ۋە ئابدۇرېھىمنىڭ ساۋاقداشلىرى دەسلەپتە  ئابدۇرېھىمنى  ئەنە شۇ جۇڭگودىن كەلگەن « ئوقۇغۇچىلار»  غا قارىغاندەك   ئىشەنمەسلىك كۆزى بىلەن قارىغان ئىدى. لېكىن، ئۇلار ئابدۇرېھىمنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ  پوزىتسىيىسى ئۆزگەردى ۋە ئۇنى قەدىرلەشكە ، ھۆرمەتلەشكە باشلىدى.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قىرغىزىستان، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستان جەمئىيىتىدە  ئۇيغۇرلارنى « سودىگەر مىللەت، ئوقۇشقا قىزىقمايدۇ» دەيدىغان خاتا چۈشەنچىلەرمۇ مەۋجۇت بولۇپ،  ئابدۇرېھىم تۇرسۇن بۇ  جۇمھۇرىيەتتىكى خەلقلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-مەرىپەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى قەدىرلەيدىغان ۋە ھۆرمەتلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن  ئۆزىنىڭ شەخسىي ئوبرازىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ياخشى چۈشەنگەن ئىدى.

ئابدۇرېھىم  جاپاغا چىداپ، ئائىلىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىسادىنى سەرپ قىلىپ،  ئۆزىنى زور بىلىم بىلەن تەييارلاپ، ۋەتىنىگە، ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى، دوستلىرى، جۈملىدىن ئۆز مىللەتداشلىرىنىڭ  يېنىغا قايتىپ كېلىش يولىنى تۇتتى. ھەتتا،  بېيجىڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردىكى تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىشكەككە   بىلىم  ئاشۇرۇشقا  كېلىپ، ئابدۇرېھىم بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ ئىلمىي ياردەملىرىگە ئېرىشكەن بەزى مۇتەخخەسىسلەرمۇ ئابدۇرېھىمنىڭ  تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى كۆرگەندىن كېيىن،  ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  پەلسەپە ساھەسى بويىچە مەخسۇس تەربىيە كۆرۈپ، يۇقىرى ئىلمىي ئۇنۋان ئالغانلارنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكى، ئەگەردە ۋەتىنىگە قايتسا، چوقۇم ئۇنىڭ تەتقىقات ئورۇنلىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە ئۆز قابىلىيىتىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش ھەم راۋاجلاندۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭ تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىشكەن .

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئەنە شۇ يۇقىرى قىزغىنلىق ۋە ئۈمىد-ئىشەنچ بىلەن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلدى .  بىراق، ئۇ ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى، بېيجىڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئۆز قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بىرىدە ئۆزىگە مۇۋاپىق خىزمەت ئورنى تېپىپ، ئۆز بىلىمىنى  ۋەتەن ئۈچۈن ئىشلىتىش ھەم  تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇشقا كۆپ ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئەمما  مۇۋاپىق خىزمەت تېپىش  ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى. ئۇنىڭ  سۆزلەپ بېرىشىچە،  ئۈرۈمچىدىكى  بەزى  تەتقىقات  ئورنى  ئۇنىڭ ئەھۋالىنى  كۆرگەندىن كېيىن،  ئۇنىڭ  بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتا  ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش مۇمكىنلىكى، بىراق ئۇزۇن يىللارغىچە قايتىدىن چەتئەلگە ۋە باشقا جايلارغا بىلىىم ئاشۇرۇشقا بېرىشقا رۇخسىەت قىلمايدىغان قاتتىق شەرتنى قويغان.  بۇلارنىڭ ھەممىسىمۇ  ئەمەلىيەتتە رەسمىي خىزمەتكە قوبۇل قىلىش تەكلىپى ئەمەس بولۇپ،  پەقەت سۆھبەت جەريانىدىكى  ئاغزاكى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. ئابدۇرېھىمنىڭ پىلانىدا بىرەر-ئىككى يىل ئىشلەپ،  قايتىدىن موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ۋە ياكى ئىچكىرىدىكى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنىڭ بىرىدە   بىلىم ئاشۇرۇپ ، ياكى دوكتور ئاشتىلىق ئوقۇپ،   ئۆزىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش  نىشانى بار ئىدى.  كىم بىلىدۇ؟ بۇ بەلكى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بىر پۇرسەتنى  قاچۇرۇپ قويۇش بولسا كېرەك؟!، ئەگەر ئۇ ئاغزاكى ئېيتىلغان  بۇ  شەرتكە كۆنگەن بولسا، ئۇ ئورۇندىن ئاخىرقى جاۋاب قانداق بولار ئىدى؟ ھەقىقەتەن ئالارمىدى؟ بۇنىسى نامەلۇم. بىراق، ئۇ شەرتلەرنى بىراقلا رەت قىلىۋەتتى.  ئۇ كېيىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەپ، ئۆزىنى ئىختىساسلىق ئورۇنلىرىغا تىزىمغا ئالدۇرۇپ قويدى.  ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا  ئېيتىشىچە، ئىختىساسلىقلارغا  ئىش تېپىپ بېرىش ئورنى ئۇنىڭ مۇۋاپىق خىزمەت  ئورنىغا كىرىشى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ چەتلەردە ئوقۇپ، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن.  ئەمما، بەرىبىر  ئۇنىڭ ئارزۇلىرى  لايغا چىلاشتى.  دېمەك، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى يول تۇراتتى،  ئۇنىڭ بىرى يەنە قايتىدىن چەتئەلگە كېتىپ، ئۆز ئورنىنى تېپىش، يەنە بىرى داۋاملىق ۋەتىنىدە قېلىپ، باشقا كەسىپلەر  بىلەن  شۇغۇللىنىپ، تۇرمۇش تىرىكچىلىكى قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن ئىشتىن سىرت شۇغۇللىنىش. ئابدۇرېھىم تۇرسۇن  ئىككىنچى يولنى تاللىدى.  ئۇ،  ۋەتەندە قېلىپ، سودا -تىجارەت بىلەن  تىرىكچىلىك يولىنى تۇتۇپ، پەلسەپە تەتقىقاتىنى ئىشتىن سىرىت قىلىشقا قارار قىلدى. ئابدۇرېھىمنىڭ بۇ چاغدىكى ئۆي -پىكىرى ھېچكىمگە تايانماسلىق، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆزىنى-ئۆزىنى بېقىش ، ئەركىن تەتقىقاتچى بولۇش،  تاپقان پۇلىنى ئىلىم-مەرىپەت ۋە  خەيرى-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىغا سەرپ قىلىش ئىدى.  

ئەمما, ئابدۇرېھىمنىڭ قوبۇل قىلماقچى بولغان ئورۇننىڭ ئاغزاكى شەرتىنى رەت قىلىپ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز ئوي-پىكرىگە ئۆزى ئىگە بولۇپ ياشاش قارارىغا كېلىشىگە نىسبەتەن ئانىمىز نارازى بولدى. ئانا دېگەن بەرىبىر ئانا!  دۇنيادىكى ئەڭ مېھرىبان ئىنسان ! ئانا بالىسىنىڭ ئىستىقبالىنىڭ ھەر بىر ئېلېمېنتلىرىغىچە  ئەڭ  دىققەت قىلىدۇ ۋە  ئەڭ كۆيۈنىدۇ. ئانىمىز ئاخىرغىچە ئابدۇرېھىمنىڭ بىرەر خىزمەت ئورنىغا داخىل بولمىغانلىقىدىن ئەڭ ئەپسۇسلىنىپ، كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا باش قاتۇرغان ئىدى.  مەنمۇ  كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنسىرەپ، مۇمكىن بار  بىرەر خىزمەت ئورنىغا كىرىپ ئىشلەپ، خۇسۇسىي ئىگىلىك تىكلەشتىن يېنىشنى  تەۋسىيە قىلغان ئىدىم، بىراق ئۇ «  ھېچ  يەردە ئىشلىمەيمەن، ھېچكىمنىڭ ئالدىغا  بېرىپ، يالۋۇرمايمەن،  ئۆزۈمنى ئۆزىم باقىمەن، ئۆزۈم ئويلىغان ئوي پىكرىمدە ياشايمەن »   دەپ  ئۆزىگە تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ۋە ياكى كەسپىگە مۇۋاپىق  بىرەر ئورۇندىن داۋاملىق خىزمەت ئىزلەشنى رەت قىلغان  ئىدى . ئەلۋەتتە، ئۇ نېمە ئويلايدۇ؟  نېمە ئۇنىڭ كاللىسىغا ۋە ئىدىيىسىگە   تەسىر قىلدى؟  نېمە ئۈچۈن شۇنچە يىل ئوقۇپ، يۇقىرى سەۋىيە ۋە ئىلمىي ئۇنۋانغا ئېرىشىپ تۇرۇپ،  بىرەر جايدىن ئاخىرغىچە  چىڭ تۇرۇپ،  ئۆزىنىڭ دىپلوملىرىنى كۆرسىتىپ، كىشىلەرگە يالۋۇرۇپ،  ئىپادە بىلدۈرۈپ بولسىمۇ، خىزمەت تېپىش يولىنى تۇتماي،   ئۆزى  مۇستەقىل ياشاش  قارارىغا كەلدى؟  بەلكى ئۇنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىدىغان نۇرغۇن ئوي پىكىرلىرى بار بولسا  كېرەك، ئەمما ئۇنىڭغا ئۈلگۈرمىدى.  بىراق، مەن ئەقلىمنى  ئىشلىتىپ، كۆپ نۇقتىلارنى قىسمەن بولسىمۇ پەرەز قىلالايمەن.

ئۇ،  ئاخىرى  رۇس تىلىدىن پايدىلىنىپ، تىجارەت ئىشلىرىغا كىرىشىپ،  بەزى شىركەتلەردە خىزمەت قىلدى ھەمدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئۈچۈن تىرىشتى.  ئۇ، دەسلەپتە خىزمەت   قىلغان بىر شىركەتنىڭ خەنزۇ خوجايىنى ئابدۇرېھىمنىڭ دوكتورلىق ئۇنۋانى بار،  رۇس، خەنزۇ، ئۇيغۇر ۋە قىرغىز تىللىرىنى بىلگەن   ھەم قابىلىيەتلىك ۋە ئەخلاقلىق يىگىت ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى خىزمەتكە قوبۇل قىلدى شۇنىڭدەك ئۇنى گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلاردىكى سودا ئالاقىلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى. ئابدۇرېھىم مەزكۇر شىركەت ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت ياراتتى ھەمدە شىركەت رەھبەرلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.   خوجايىن ئۇنىڭ سەمىمىيىتى  ۋە قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇنى  يۇقىرى دەرىجىدە ھۆرمەتلىدى. ئەينى ۋاقىتتا  ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە،  مەزكۇر  شىركەت پرېزىدېنتى   ئانىمىزنىڭ   ئاغرىپ قالغانلىقىنى  بىلىپ،  ئۆيىگە كېلىپ ئانىمىزنى يوقلىغان  ھەمدە، ئابدۇرېھىمدەك سەمىمىي ۋە قابىلىيەتلىك ياشنى ئۆستۈرگەنلىكىگە رەھمەت  ئېيتقان.

بۇ جەرياندا ئابدۇرېھىم بىر ياقتىن ئىشلەپ ، يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقاتىنى داۋاملاشتۇرۇپ،   بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئىلمىي دوكلات بەردى. ئىلمىي ژۇرناللاردا  ئىلمىي ماقالىلار يېزىپ ئېلان قىلدى.  بىراق ، بىرەر تەتقىقات ئورنى ۋە ياكى ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىپ، ئۆز كەسپى بىلەن  بىۋاسىتە ۋە  مەخسۇس شۇغۇللىنىش بىلەن تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا باشقا كەسىپ بىلەن مەشغۇل بولۇپ، تەتقىقاتنى ئىشتىن سىرت قىلىشنىڭ زور پەرقى بار ئىدى.  ئەلۋەتتە،  كۆپ ۋاقىتلارنى ئۆز كەسپىگە ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش يولىغا سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى.مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىلمىي نەتىجىلەرنىڭ ئازلىشى تەبىئىي ئىدى.  چۈنكى، ئىنسان ھاياتىدا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قورسىقىنى باقىدىغان تىرىكچىلىك يولىنى يارىتىشى، تۇرمۇش چىقىمىنى ھەل قىلىدىغان كىرىم مەنبەسىنى ھەل قىلىشى، قىسقىسى  ئالدى بىلەن كۈندۈلۇك تاماق يېيىشى ھەم كىيىشى كېرەك ئىدى. بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ،  ھەر قانداق خىزمەت ۋە ياكى تەتقىقاتتىن سۆز ئېچىش  مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

ئەمما، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ قايناملىرىدا يۈرسىمۇ، ئۆزى سۆيگەن پەلسەپە كەسپىنى تاشلىمىدى، پەلسەپىۋى تەپەككۈر قىلىش، ھايات ۋە تۇرمۇشىنى ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى  پىكىرلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى.ئۇ، دائىم «  ئىلگىرى مەن پەلسەپىنى كىتابتىن ئۆگەنگەن بولسا، مانا ئەمدى تۇرمۇشتىن ئۆگىنىۋاتىمەن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ  ئۆزى ھەقىقىي پەلسەپە»  دەيتتى. ئۇنىڭ دوستلىرىمۇ  ئۇنىڭ چوڭقۇر پىكىرلىرى، ئاز ئەمما،  چوڭقۇر ۋە كۈچلۈك، مەنتىقىيلىق سۆزلىرى ۋە خۇلاسىلىرىدىن قايىل ئىدى.  ھەر بىر سۆزىنى ئويلىشىپ، مەنتىقىيلىق، ئىلمىي ئاساس ۋە پاكىت بىلەن  ئېيتىشقا ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ دوستلىرى ئۇنى « دوكتور ئابدۇرېھىم »  دەپ چاقىراتتى.

كىچىك پېئىل، سالماق،كەمتەر ۋە مەرتلىك، ، ۋىجدانىغا، ئۆز خەلقىگە ۋە ئۆز قوۋىمىگە،  ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ھەدە سىڭىللىرىغا ھەم  تۇغقان قېرىنداشلىرى شۇنىڭدەك دوستلىرىغا  سادىق بولۇش ،  ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئالدىدا كۈچۈكلەنمەسلىك، كىشىلىك غورۇرىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە ئۆز نىشانىغا يەتكەنلەر ھەم ئۆز ئىمتىيازلىرىدىن پايدىلىنىپ،  باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسەتكەنلەرگە نەپرەتلىنىش ئابدۇرېھىمنىڭ شەخسىي خاراكتېرلىرىدىن ھېسابلىناتتى. سېخىلىق، كەڭ قورساقلىق،   ئاق كۆڭۈللۈك ، تاپقىنىنى دوستلىرىدىن ئايىماسلىق  ئۇنىڭ  كىشىلىك خۇسۇسىيەتلىرىدىن ئىدى.

ئابدۇرېھىم تۇرسۇن  كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئاساسلىق تەتقىقاتىنى  ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر پەلسەپىۋى پىكىرلەر  تەرەققىيات تارىخى، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنىشى ھەم   ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئىجتىمائىي-پەلسەپىۋى پىكىرلەر تارىخى تەتقىقاتىغا قارىتىپ، بىر قىسىم ئەسەرلەرنىڭ دەسلەپكى نۇسخىلىرىنى پۈتتۈردى. بۇ يىللاردا ئۇ ئىككى قېتىم ئامېرىكىدىكى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ  خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ماقالە ئوقۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولدى، مەزكۇر ئىلمىي  جەمئىيەت ئۇنىڭ  ئۇيغۇر بۇددىزم پەلسەپىسىگە ئائىت  ئىلمىي دوكلاتلىرىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى لايىق كۆرۈپ، تاللىنىش تەلىپى يۇقىرى بولغان مەزكۇر خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا  قاتنىشىپ، دوكلات بېرىش سالاھىيىتىنى تەستىقلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ  يىغىنغا قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىدى.

قىسقىسى، ئابدۇرېھىم تۇرسۇن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىنكى يىللار جەريانىدا  بىر تەرەپتىن  جاپالىق تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىدا  ئەمگەك قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلارنى چىڭ تۇتۇپ، بار ئىمكانىيەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە ئىجادىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى. بىراق ئۇ دائىم ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئارزۇ قىلغان نەتىجىلەرگە ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ، نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ تۇرمۇش تىرىكچىلىكى يولىغا كېتىۋاتقانلىقىدىن، ئەسلىدىن بىرەر تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەش پۇرسىتى بولغان بولسا، بۇنداق نۇرغۇن ۋاقتىنىڭ زايا كەتمەيدىغانلىقىدىن  ئەپسۇسلانغانلىقىنى   ئېيتقان ئىدى.  ئۇ، ھەقىقەتەن  زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە ئۇنى ئۆز خەلقىغە تەقدىم قىلىشقا ئۈلگىرەلمىدى. بەلكى ئۇلۇغ ئاللاھ ئۇنىڭغا يەنە ئۆمۈر بەرگەن بولسا، بەلكى ئۇنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئەمەلگە ئاشقان، بەلكى يازغان ھەم يېزىۋاتقان ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن بولار ئىدى. بىراق، ئىشىنىمەنكى،  ئۇنىڭ  ئەمگەكلىرى  پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنىلىدۇ. ئۇنى چۈشەنگەن ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى ۋە قىممىتىنى بىلگەن خەلقى ئۇنىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ ! ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان ئۆزىنىڭ  ياخشى پەرزەنتلىرىنى ئۇنتۇپ قالغان ئەمەس!


21.jpg



2013-8-5 11:53:30 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (214.76 KB)





ئۇنتۇلغان ھېكايە-كۆچمە كۆل ۋە لوپنۇرلۇقلارنىڭ ھايات شەجەرىسى


ئەسئەت سۇلايمان


بۇ يەرئەزەلدىنلا بىر سىر ئىدى. بۇ يەردە قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ شانلىق سەھىپىلىرى يارىتىلغان ئىدى. ھەيۋەتلىك قاراقۇرۇم ۋە تەڭرىتاغلىرىدىن ئېقىپ چۈشكەن سانسىز ئېقىنلار ئەڭ ئاخىرى تارىم دەرياسىغا يىغىلاتتى. يېرىم چەمبەر ھاسىل قىلىپ،كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ لۆمۈلدەپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى ئەڭ ئاخىردا سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى.



    تىنىمسىز ئورۇن يۆتكەپ، داۋاملىق كۆچۈپ تۇرىدىغان لوپنۇر كۆلى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى-شىمالى بۇرجىگىدىكى ئالاھىدە بىر جۇغراپىيەلىك رايۇننى  ھاسىل قىلغان ئىدى. بۇ رايۇن بۈگۈنكى كۈندە سۇ مەنبەسىنىڭ كەمچىللىكى، ھۆل-يىغىن مىقدارىنىڭ ئازلىقى، ئىقلىمىنىڭ قۇرغاقلىقى،بوستانلىقلار كۆلىمىنىڭ كىچىكلىكى ۋە ئادەم ئايىغىنىڭ ئاز تەگكەنلىكى بىلەن خاراكتېرلەنمەكتە.ۋاھالەنكى، قەدىمكى دەۋىرلەردە بۇ رايۇن تارىم ئويمانلىقىدىكى ئىنسانلارپائالىيىتىنىڭ ئەڭ جانلىق كارتىنىسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى. ئۇ زامانلاردا بۇيەرنىڭ ئىقلىم شارائىتى ھازىرقىدىن ئاسمان-زىمىن پەرق قىلاتتى. كۆمۈش لېنتىدەك سوزۇلۇپ ئاقىدىغان تارىم دەرياسى كۆنچى دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ، مول سۇ سېستىمىسىنى ھاسىل قىلاتتى-دە، لوپنۇر كۆلىنى غايەت زور سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيتتى. تارىم دەرياسى ھاۋزىسىدىكى كۆز يەتكۈسىز توغراقلار، يىراقتىن قىزىرىپ كۆرۈنىدىغان يۇلغۇنلار، شۇنىڭدەك لوپنۇر كۆلىنى ئوراپ تۇرغان چەكسىز قۇمۇشلۇقلار بۇ يەردىكى ھايۋانات ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ جەننىتى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىنسان تۈركۈملىرىنىڭمۇ كۆڭۈلدىكىدەك پائالىيەت ماكانى ئىدى.







لوپنۇر كۆلىدە بېلىق تۇتۇۋاتقان لوپنۇرلۇقلار


    مانا مۇشۇ يەردە، مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى نەمدەپ تۇرغان مۇشۇ ماكاندا، قەدىمكى تارىم مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ پارلاق بىر قىسمى يارىتىلدى. ھەممىگە مەشھۇر بولغان كروران دۆلىتى دۇنياغا كەلدى. كروران شەھرىنى ئاساس قىلغان بۇ ئەلدە قەدىمى شەرق ۋە غەرپ مەدەنىيەتلىرىنىڭ تېنىمسىز ئۇچۇرلىرى ئۆز-ئارا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئورا كۆز، قاڭشارلىق، ساقال-بۇرۇتلىرى قۇيۇق ۋە بەستلىك كەلگەن قەدىمكى كرورەنلىكلەر چەكلىك بوستانلىقلار بىلەن چەكسىز قۇملۇقلارنىڭ ئۆز-ئارا تىركىشىشىدە، پەسىللىك دەريا-ئېقىنلار بىلەن يىراقتىكى قارلىق تاغلارنىڭ ئۇلانما مۇناسىۋىتىدە، ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ دىئالىكتىك بىرلىكىدە ئۆزلىرىنىڭ ھاياتى مەۋجۈتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى. تارىم ئويمانلىقىدىكى پىشامشان،ئۇدۇن، كۈسەن قاتارلىق قەدىمكى ئەللەرنىڭ پارلاق مەدەنىيەتلىرىمۇ كرورەنلىكلەرنى مول بولغان سىرتقى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ تۇراتتى.



   لوپنۇر كۆلى ۋە ئۇنىڭ مول سۇ زاپىسى قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ موھىم كاپالىتى ئىدى. تارىم ، كۆنچى، چەرچەن، مىرەن دەريالىرىدىن ئېقىپ كەلگەن سۇلار ئۇ زامانلاردا قۇملۇقلار ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلاتتى. شۇڭا بۇ ۋادىدا كروران مەركىزىي شەھرىدىن باشقا نۇرغۇن بوستانلىقلاربار ئىدى. ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقىمۇ خېلىلا يۇقىرى ئىدى. تېرىقچىلىق، ئوۋچىلىق،چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق قاتارلىق تۈرلۈك ئىگىلىك شەكىللىرى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان ئىدى. ئالتۇن كولدۇرمىلىرىنى ياڭرىتىپ، يىراقتىكى ئۇپۇق چەمبىرىكى ئىچىدىن چىقىپ كېلىۋاتقان تۆگە كارۋانلىرى ئاستا-ئاستا كروران شەھرى سېپىلىغا يېقىنلاشقاندا؛تۇلۇن ئاي ئۆزىنىڭ سۈتتەك ئاپئاق نۇرلىرىنى ئۇزاقلاردىكى قۇم بارخانلىرىغا سەپكىنىدە؛ لوپنۇر كۆلىدىكى قۇمۇشلۇقلار ئارىسىدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن تەنھا قېيىقتا بېلىقچى بوۋاينىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك ناخشىسى ئاڭلانغىنىدا؛ تەكلىماكاننىڭ شەرىقى بۇرجىگىدىكى بۇ قەدىمىي بوستانلىقلارھايات گۈزەللىكىگە ئەسىر بولاتتى.








لوپنۇر كۆلىدىكى تەبئىي قۇمۇشلۇقلار


   ئارىدىن تالاي يىللار ئۆتۈپ كەتتى، لوپنۇر كۆلى نۇرغۇن قېتىملار ئورۇن يۆتكىدى، دەريا-تاراملار ئېقىنلىرىنى ئۆزگەرتتى، ئىلگىركى ئاۋات بوستانلىقلار قۇم ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. بۇ يەردىكى ئادەملەر سۇمەنبەلىرىنىڭ يۆتكىلىشىگە ئەگىشىپ يىراقلارغا كۆچۈپ كەتتى. كروران شەھرىمۇ شۇنىڭ بىلەن تاشلىنىپ قالدى ۋە ئاستا-ئاستا قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى.كرورانلىكلەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى يىراقلارغا كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ يادىدا پەقەت بۇ غايىۋىي شەھەرھەققىدىكى غۇۋا ئەسلىمىلەرلا ساقلىنىپ قالدى. دەۋىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشۇخىرە-شىرە ئەسلىمىلەرمۇ ئۇنتۇلۇپ كەتتى.



2



ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ھېچكىممۇ دەپ بېرەلمەيتتى. ۋاقىت تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگە نىسبەتەن بىر خىل چەكسىزلىك ئىدى. بۇ يەردە كۈنلەر ئايلارنى، ئايلاريىللارنى، يىللار ئەسىرلەرنى قوغلاپ ئۆتۈپ كەتكەنىدى. بۇ يەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىدە دەريالارنىڭ ئېقىن يۆتكىشى، كونا بوستانلىقلارنىڭ ئورنىغا يېڭىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشى، شەھەر-بازارلارنىڭ كۆچۈشى داۋاملىق ھادىسە ئىدى. شۇڭىلاشقا، بۇيەردەھەقىقىي رىئاللىق مەۋجۈت ئەمەس ئىدى، بەلكى رىۋايەتلا مەۋجۈت ئىدى.بۇ يەرنىڭ رىئاللىقىنى ئەسىرلەر بويى بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن سېھىرلىك رىۋايەتلەر يۇشۇرۇپ كەلگەنىدى. رىۋايەت ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشى، تارىخى، ئەسلىمىسى، بەدىئىي ئەدەبىياتى ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى ئىدى.



2013-8-5 11:53:25 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (158.28 KB)






كۆنچى دەرياسىدا قېيىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھېدىن


ئەنە ئاشۇ رىۋايەتلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە، قەدىمكى كروران شەھەر خاربىسىدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا بىرلەپ-ئىككىلەپ يەنە ئادەملەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كىچىك تىپتىكى بوستانلىقلار ئاستا-ئاستا بەرپا قىلىندى. لوپنۇر كۆلى گەرچە بۇرۇنقىدەك ھالىتىگە قايتالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مۇددەتلىك ئورۇن يۆتكەش جەريانىدا يەنىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى ساقلاپ كەلگەنىدى. تارىم دەرياسى بىلەن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدا، چەرچەن، مىرەن، چاقىلىق دەريالىرىنىڭ ھاۋزىلىرىدا،لوپنۇرنىڭ يېزا –قىشلاقلىرىدا ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۈتلىقىنى قايتىدىن ئىپادىلەشكەباشلىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ بۇ تاشلاندۇق ماكانغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئاتا-بوۋىلىرىدىن نېمىلەرنى ئۆگەنگەنلىكىنى ھەقىقىي ئەسلىيەلمەيتتى،بەلكى رىۋايەتلىك بىر خاتىرىنىڭ ئۈزۈك-ئۈزۈك كۆرۈنۈشلىرىنى رىۋايەتلىك ھايات رېتىمى ئىچىدە ئېسىگە ئالاتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ يەرنىڭ رىۋايەتلىك ھايات تارىخى قايتا باشلاندى.



   قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ قاياقلارغىدۇر چېچىلىپ-توزۇپ كەتكەن ئەۋلادلىرى ئۇزاق زامانلارئۆتكەندىن كېيىن، بۇ يەرگە قايتىدىن جەم بولۇشتى. ئاشۇ ئۇزاق جەرياندا، ئۇلارقانچىلىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك تەركىبلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ، ناھايىتى مۇرەككەپ بولغان ئېرقىي خۇسۇسىيەتنى ھەمدە مەركىزىي ئاسىيا ئىنسان تۈركۈمىگە خاس قان تىپىنى ھاسىل قىلغانىدى. ھالبۇكى ئۇلار قەدىمكى ئەجداتلىرىنىڭ قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ساقلاپ قالغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، كروران ۋە لوپنۇرمەدەنيىتىگە بولغان ۋارىسچانلىق ۋە ھەقدارلىق تۇيغۇسىغا ئىگە ئىدى. ئۇلار لوپنۇررايۇنىغا ھەمدە تارىم ۋە كۆنچى دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغا ئۆزلىرىنىڭ يېڭى جەننىتىنى قۇرۇپ چىقماقچى بولدى. ئەمما تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىنىڭ ئىقلىمى قەدىمكى دەۋىرلەردىن خېلىلا ناچارلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇر رايۇنىغا ئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارى ئىلگىركى دەۋىرلەردىن خېلىلا ئازىيىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكى بارغانسىرى تارىيىپ كەتكەنىدى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، لوپنۇرلۇقلار بۇ يەردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ بېكىك ۋە جاھاندىن خالىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى.







تېيىز كۆلدە بېلىق تۇتۇش


    لوپنۇرلۇقلارنىڭ يېقىنقى دەۋىرلەردىكى ھاياتلىق مۇساپىسى بىلەن پارالىل ھالدا، ئۇنىڭغا قوشنابولغان چاقىلىق، مىرەن ۋە چەرچەن بوستانلىقلىرىدىمۇ بۇ خىل تۇرغۇن ھايات داۋاملاشماقتا ئىدى. دەرۋەقە بۇ يەردىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئاللىقاچان قۇم ئاستىغاغەرق بولغان بولۇپ، ئۇزاق زامانلار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ خارابىسى ئۈستىگە يېڭى ھاياتلىق ماكانى بەرپا قىلىنغانىدى. ئۇنداقتا بۇ رايۇندىكى يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى قۇرۇپ چىققۇچىلار زادى كىملەر؟ ئۇلار قەيەردىن پەيدا بولدى؟ ئۇلارنىڭ لوپنۇرلۇقلاربىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟



بۇ يەردە تارىخ رىۋايەتلەر بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەنىدى. شۇڭىلاشقا گەپنى قەدىمكى كرورانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىك ئۆتمۈشىدىن باشلاشقا توغرا كېلەتتى. كروران ئېلى خاراپ بولغاندىن كېيىن، ئاھالىلەر تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغانىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمى يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ مىرەن، چاقىلىق ۋە چەرچەن تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى. ھالبۇكى، بۇيەرلەردىمۇ دەريا-ئېقىنلار قانچە قېتىملار يۆلىنىشىنى ئۆزگەرتىپ، كونا-يېڭى بوستانلىقلار قانچە قېتىملاپ ئالمىشىپ، ئاھالىلەر تىنىمسىزكۆچۈپ يۈردى. ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۆرەشلەر توختاپ قالمىدى. بولۇپمۇناچار شارائىت ۋە سۇ مەنبەلىرىنىڭ گاھ ئۇلغىيىپ، گاھ ئازىيىشى سەۋەبىدىن بۇيەردىكى بوستانلىقلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش ئىمكانىيىتى بولمىدى. نوپۇسنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتىمۇ ناھايتى ئاستا بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئەسىردىن يېقىنقى زامانغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى بۇ كەڭ رايۇن ئەڭ قاقاس، ئاھالىلەر ئەڭ شالاڭ ھەمدە بېرىش ئەڭ تەس بولغان تاشلاندۇق ماكانغائايلىنىپ قالدى.



    تارىخ توختاۋسىزئالغا ئىلگىرلەپ يېقىنقى زامانغا كەلگەندە بۇ يەرنىڭ ھاياتىدىكى ئۇزۇن مەزگىللىك جىمجىتلىق بۇزۇپ تاشلاندى. بۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ھايات رېتىمى قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. خوتەن بوستانلىقلىرىدا، تېخىمۇ ئېنىقراقى ، كىرىيەبوستانلىقىدا نوپۇسنىڭ پارتىلىشى ئاھالىلەرنى يېڭى ھاياتلىق ماكانى ئىزدەشكەمەجبۇر قىلدى. كىرىيىلىك بىر توپ ماھىر ئوۋچىلار ئوۋ ئوۋلاش جەريانىداتەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىنى بويلاپ داۋاملىق كۈنچىقىش تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ جەزىرىلەرنى ئاتلاپ ئاخىر ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كەلگەن بىرئەزىم دەريا ۋادىسىدىكى بوستانلىققا كېلىپ قالدى. بۇ جاي دەل چەرچەن دەرياسى ۋە چەرچەن بوستانلىقى ئىدى.



بۇ يېڭى بوستانلىقتا ئەسلىدىكى ئاھالىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز ئىدى. ئۇلار قەدىمكى لوپنۇركۆلى ئەتىراپىدا قۇرۇلغان بىر قانچىلىغان ئەللەرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.قەدىمكى كېرىيە ۋە ئۇدۇن ئەللىرىدىن ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ بۇ يەرگە كەلگەن ئاھالىلەر بىلەن قوشۇلۇپ، بۇ بوستانلىققا كەلگەنىدى. ئەپسۇسكى، زامان رىيازەتلىرى ۋە ئېكىلوگىيەنىڭ بۇزۇلىشى تۈپەيلىدىن بۇ جاينىڭ خوتەن بوستانلىقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۇزۇن زامانلارغىچە ئۈزۈلۈپ قالغانىدى. خەيرىيەت، كىرىيىلىك ئوۋچىلار بۇجاينى قايتىدىن بايقىدى، خوتەن رايۇنى بىلەن چەرچەن بوستانلىقىنىڭ ئالاقە يولى ئاخىر تۇتاشتۇرۇلدى.



    كىرىيىلىك ئوۋچىلار قەلبىگە گۈزەل ئۈمىدلەرنى پۈكۈپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىشتى ھەمدەكۈنچىقىش تەرەپتىكى يېڭى بوستانلىقنىڭ خەۋىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. بۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدىكى كىرىيە ئاھالىلىرى ئۆي ماكانلىرىدىن خوشلىشىپ يىراق سەپەرگە ئاتلاندى.ئۇلار قانچە ئايلار جاپالىق سەپەر قىلىپ ئاخىر چەرچەن بوستانلىقىغا يىتىپ كېلىشتى ۋە بۇ يەرنىڭ ئۇزۇن زامانلار بىر ئىزىدا توختاپ قالغان تۇرغۇن كەيپىياتىنى جانلاندۇرۋەتتى. شۇندىن بۇيان بۇ يەرگە نۇرغۇن كىرىيىلىكلەر كۆچۈپ كەلدى،ئاھالىلەرنىڭ سانىمۇ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ باردى، بۇ يەردىكى ئەسلىدىكى يەرلىك ئاھالە(قەدىمكى لوپلۇقلار- يەنى كورورانلىكلەر بىلەن پىشامشانلىقلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن؟) لەر بىلەن كىرىيىلىك كۆچمەنلەر ئۆز ئارا قوشۇلۇپ، يېڭى چەرچەنلىكلەرنى شەكىللەندۈردى. ۋاھالەنكى، بۇنداق قوشۇلۇشنىڭ نەتىجىسى مۇقەرەرھالدا كىرىيىلىكلەر ئېلىپ كەلگەن خوتەن دىيالىكتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىشى بىلەن خاراكتىرلەندى. ئەمما قەدىمكى لوپنۇرمەدەنىيىتىنىڭ سۇس ھالەتتىكى خۇرۇچلىرىمۇ ساقلىنىپ قېلىۋەردى.



   چەرچەن بوستانلىقىنىڭ قايتا گۈللىنىشى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى ئۇنتۇلغان رايۇنلارغا يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. ئۇزاق ئۆتمەي كىرىيىلىك ئوۋچىلار يەنىمۇشەرققە قاراپ مېڭىپ تۇيۇقسىز چاقىلىق بوستانلىقىنى بايقاپ قالىدۇ ۋە بۇ يەرنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن چەرچەن بوستانلىقىغاكۆچۈپ كەلگەن كىرىيىلىكلەرنىڭ بىر قىسمى چاقىلىققا سۈرۈلۈشكە باشلايدۇ. رۇس شەرقشۇناسلىرىدىن پىرژىۋالىسكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇر رايۇنىغا بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ ھەمدە چاقىلىق چەرچەن ۋە خوتەن بوستانلىقلىرىغىچەيېتىپ بارىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ "لوپنۇرغا سەپەر" ناملىق ئەسىرىدە چاقىلىق ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ:" چاقىلىق بىر كەنت بولۇپ، قىشلاق دەپمۇ ئاتىلىدىكەن،ئۇيغۇر تىلىدا قىشلاق <قىشلىق ئوتلاق> دېگەنلىكنى بىلدۈردىكەن. مەن1876-يىلى بۇ يەرگە تۇنجى قېتىم كەلگەنىدىم. بۇ كەنت چاقىلىق دەرياسى بويىغاجايلاشقان بولۇپ، دەريا سۈيى ئانچە يىراق بولمىغان ئالتۇنتاغدىن ئېقىپ كېلىپ،ئاخىر چەرچەن دەرياسىغا قوشۇلاتتى. چاقىلىق كەنتى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرتۈركۈم كىرىيىلىك كۆچمەنلەر تەرەپىدىن بىنا قىلىنغانىكەن. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ دېيىشىگە قارىغاندا، شۇ زامانلاردا بىر تۈركۈم كىرىيىلىك ئوۋچىلار چەرچەندىن چىڭخەينىڭ گاس دېگەن يېرىگە بېرىپ ئوۋ ئوۋلىغان. ئۇلار قايتىشىدا ئالتۇن تاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، تۇيۇقسىزلا بۇ جايغا كېلىپ قالغان. ھەمدە بۇ جايدىكى ئۆرۈلۈپ كەتكەن قەدىمكى شەھەر سېپىللىرىنى، قۇمغا كۆمۈلۈپ تۇرغان ئۆيلەرنىڭ ياغاچلىرىنى ، يارىيارھارۋىلارنىڭ يوغان چاقلىرىنى ۋە يىپ ئىگىرىدىغان چاقلارنى كۆرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇيەرنى <چاقىلىق> (يەنى چاقلىق) دەپ ئاتىغان. ئۇ زامانلاردا بۇ يەردەئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر بولمىغان، پەقەت چەرچەنگە بارغاندىلا ئاندىن ئاھالىلەرنى ئۇچىراتقىلى بولاتتى. شۇڭىلاشقا لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەر خۇددى تەنھائارالدا ياشاۋاتقاندەك ئۆز ئەتىراپىدىكى ئۇزاق چۆل-جەزىرىلەر تەرپىدىن قامال قىلىنىپ، ئىپتىدائى ھالەتتىكى بېكىك ھاياتنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتى"(1)


چاقىلىقنىڭ بايقىلىشى مۇشۇ ئەتىراپتىكى لوپ، مىرەن، ئارغان قاتارلىق يۇرتلارنىڭ قايتىدىن بىنابولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەسلىدە ئوۋچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن  بۇ يەردىكى ئاز ساندىكى  يەرلىك ئاھالىلەر ناھايىتى تىزلا كىرىيىلىك كۆچمەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. شۇنداقلا كىرىيىلىكلەرنىڭ نىسبەتەن ئىلغار بولغان دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، كىچىك دائىردىكى تېرىم ئىگىلىكىنى بەرپاقىلدى. بۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى شىمالىي گىرۋىكىدىكى كەڭ كەتكەن ئۈچ بۇرجەك رايۇن ئۇزاق مەزگىللىك جىمجىتلىقتىن كېيىن  قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئاھالىلەر رايۇنى ، جۈملىدىن ئابدال، ئويدۆڭ، قارا قۇرچىن، دۆڭقوتان قاتارلىق  چوڭراق كەنىتلەردە ياشىغۇچى ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش ئادىتى، ئىگىلىك شەكلى ۋە تىل خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغاندىن سىرت، يەنە خوتەن رايۇنىدىن چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ نىسبەتەن يۇقىراراق بولغان تېرىم مەدەنىيىتىنىڭمۇ مۇئەييەن تەسىرلىرىنى قۇبۇل قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنى ۋە ئۇنىڭغا قوشنابولغان چەرچەن، چاقىلىق بوستانلىقلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندا شەكىللەنگەن مەدەنىيىتىنى قەدىمكى لوپنۇر مەدەنىيىتى بىلەن خوتەن مەدەنىيىتىنىڭ ئورگانىك قوشۇلمىسى دېيىشكە بولاتتى. ئەمما لوپنۇر رايۇنىنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا، بولۇپمۇچەرچەن، چاقىلىق دەريالىرى بويلىرىدا بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ تەسىر دائىرسى ۋە نىسبىتى ئوخشاش ئەمەس ئىدى.



3



قەدىمكى لوپنۇرۋە كروران مەدەنىيىتىنىڭ خارابىسى ئۈستىدە يېڭى ھاياتلىق چەمبىرىكى قۇرۇلۇپ چىقىلدى. يېقىنقى زامان تارىخىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بۇ تىمتاس ماكانغاھېچقانچە يېڭىلىقلار ئېلىپ كېلەلمىدى. بۇ خىل دۈملەنمە ھالەتتىكى تۇرغۇن كەيپىيات ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتى. پۈتۈن دۇنيا گويا قەدىمكى كروران ئېلىنىڭ خاراپ بولىشىغائەگىشىپ بۇ جاينى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كەتكەندەك، بۇ رايۇننىڭ جاھان ئۆزگىرىشلىرى بىلەنقىلچە مۇناسىۋىتى يوقتەك بىر خىل زېرىكەرلىك غېرىبلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى.



قۇرۇقلۇقتىكى يىپەك يولىنىڭ خارابلىشىشى قەدىمكى دۇنيا ئۇچۇر بەلۋىغىنىڭ ئوتتۇرا قانىلىنى چۆلدەرىتىپ قويدى. قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى كرورەن دۆلىتى خاراپلاشقاندىن كېيىن، مەدەنىيەتلىك دۇنيانىڭ بۇ يەر ھەققىدىكى بىلىدىغانلىرى بارغانسىرى ئازىيىپ باردى. ھەتتا ئورۇن يۆتكەپ، دەريا يۆلىنىشىگە قاراپ ئۆز تەقدىرىنى بەلگىلىگەن لوپنۇر كۆلىمۇ ئاستا-ئاستا سىرتقى دۇنيا تەرپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىلدى. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەتارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ كۆتۈرلىشىگە ئەگىشىپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ياۋرۇپالىقلار لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنگە قەدەر، دۇنياخەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بەلگىلەنمىدى. ھەتتا شۇ چاغدىكى جۇڭگۇخەرىتىلىرىدىمۇ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇمات يوق ئىدى. دۇنيا جۇغراپىيىسى لوپنۇر رايۇنىغا نىسبەتەن پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ئىدى.







روسىيەلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى نېكولاي پرژىۋالىسكىي


    رۇس شەرقشۇناسى نىكولاي پىرژىۋالىسكى (1839-1888) نىڭ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇررايۇنىغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيىسى دۇنيا ئىلىم ساھەسىنى سىرلىق لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تۇنجى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىدى. پىرژىۋالىسكى ئۆز خاتىرىسىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى: " ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تارىم دەرياسى، لوپنۇر كۆلى ۋەئالتۇنتاغ ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىدىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى ئەڭ سۇس بولغان جۇغراپىيىلىك رايۇن دەپ قارالغانىدى. جۇڭگۇ يىلنامىلىرىدىكى خاتىرلەردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ تارىم دەرياسى ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ناھايتى غۇۋا ئىدى. ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدىكى كۆپلىگەن دەريا- ئېقىنلارنىڭ تارىم دەرياسىغا جۇغلىنىپ، ئەڭ ئاخىرى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغانلىقىدەك جۇغراپىيىلىك ئۇقۇمغا ئىگە ئەمەس ئىدى. جۇڭگۇلۇقلار سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە ھەمدەياۋرۇپالىقلارنىڭ مۇشۇ ئاساستا سىزغان جۇڭگۇ خەرىتىسىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ۋەتارىم دەرياسىنى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ لوپنۇر كۆلىگە ئېلىپ كىرىدىغان جايى ھەققىدىكى خەرىتىلىك تەسۋىردە ناھايتى چوڭ خاتالىقلار مەۋجۈت ئىدى. لوپنۇر كۆلىدىن باشقايەنە ئالتۇنتاغنىڭ ئورنى مەسىلىسدىمۇ خېلى چوڭ ئېنىقسىزلىق بار ئىدى. تارىختىن بۇيان قانچىلىغان تۆگە كارۋانلىرى ئالتۇنتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرئوتتۇرسىدىكى سودا ۋە مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ كەلگەنىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇ تاغ تىزمىسى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ۋە يازمائۇچۇرلىرى كەمچىل ئىدى. بۇ رايۇننىڭ تەبئىي ھالىتى ، كېلىماتى، ھايۋانات ۋەئۆسۈملۈكلىرى، تۇپراق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە ھېچكىم مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارمىغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەلىيىمىز ئوڭدىن كېلىپ بۇ پۇرسەتكەئېرىشتۇق، شۇنداقلا ۋېنىتسىيىلىك ماركوپولودىن كېيىن بۇ رايۇننى دەسسىگەن تۇنجى ياۋرۇپالىق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن سىرلىق لوپنۇر كۆلىگە، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ تاكى خوتەن بوستانلىقلىرىغىچە بولغان جايلارغا قەدەم باستۇق، بۇ دەل 1876-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1877-يىلىنىڭ باھار پەسلىگىچە بولغان مەزگىل بولۇپ، ئاسىياغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرىم ئىدى"(2).


بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن ئىلگىرى ياۋرۇپالىقلارنىڭ بۇ جاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى پەقەت ماركوپولونىڭ ساياھەت خاتىرسىدىكى قۇمغاكۆمۈلگەن لوپ شەھىرى توغرسىدىكى غەلىتە رىۋايەتلەر بىلەن جۇڭگۇنىڭ تارىخى يىلنامىلىرىدىكى مۇجىمەل بايانلار بىلەنلا چەكلەنگەنىدى.شۇڭىلاشقا پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى يېڭى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنى زىل-زىلگەكەلتۈردى. شۇ ۋاقىتقا قەدەر دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىلەر لوپنۇر كۆلى ئاللىقاچان قۇرۇپ كەتكەن، مۇشۇ ئەتىراپتىكى ئاھالىلەرمۇ باشقا ياقلارغا كۆچۈپ كەتكەن، بۇجايدا مىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان ھاياتلىق ئۆچكەن، دەپ قاراپ كەلگەنىدى.ۋاھالەنكى، پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرغا قىلغان سەپىرى يۇقىرقى قاراشلارنىڭ بىر خىل خاتاتۇيغۇ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. پىرژىۋالىسكى بۇ رايۇنغا كېلىشتىن خېلى زامانلار ئىلگىرىلا بۇ يەردە بىر قانچىلىغان ئاھالىلەر كەنتلىرى قايتاشەكىللىنىشكە باشلىغانىدى. لوپنۇر كۆلى ئۆز ھاۋزىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى زۆرۈر بولغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىدى.







پىرژىۋالىسكىي سۈرەتكە تارتقان قاراقۇشۇنلۇق كىشىلەر


   پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ياۋرۇپادا بىر مەيدان كەسكىن بەس-مۇنازىرىنىڭ قانات يېيىشىغا سەۋەب بولدى. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، مەيلى ياۋرۇپالىقلار بولسۇن ياكى جۇڭگۇلۇقلار بولسۇن، لوپنۇر كۆلىگە نىسبەتەن بىر خىل سىرلىق تۇيغۇدا بولۇپ كەلگەنىدى، شۇنداق لوپنۇر كۆلى ئەزەلدىنلا يېشىلمەس بىر سىر ئىدى! پىرژىۋالىسكىنىڭ بۇ تۈگۈننى يېشىشكە ئۇرۇنىشى تەبىئىي ھالدا جۇغراپىيە ئالىملىرى ئارىسىدا مۇنازىرەقوزغىدى. ھەممىدىن بۇرۇن ياۋرۇپا جۇغراپىيە ساھەسىدىكى نوپۇزلۇق ئەرباب، بېرلىن ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفىسسورى فېردىناد ۋون رېچخوفىن (1883-1905) ئۆزىنىڭ پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بايقىشىغا بولغان گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى:جۇڭگۇ يىلنامىلىرى ۋە خەرىتىلىرىدە لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ،تارىم دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەپ كۆرسىتىلگەن،ئەمما پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدا دەيدۇ. بۇتارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنى بىلەن ماس كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقالوپنۇر كۆلى ئىزچىل ھالدا كىشىلەر تەرپىدىن تۇزلۇق سۇ كۆلى دەپ قارالغان، لېكىن پىرژىۋالىسكى ئۇنى تاتلىق سۇلۇق كۆل دەپ جاكارلىدى. بۇ تەرپىمۇ ئىشىنەرلىك ئەمەس،دەپ كۆرسەتتى.





رېچخوفىن سىزغان لوپنۇر رايۇنىنىڭ خەرىتىسى


       ھالبۇكى، بۇ ھەقتە قانچىلىك بەس-مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلمىسۇن،پىرژىۋالىسكىنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ھەقىقەتەنمۇ رىئاللىققا ئۇيغۇن ئىدى. يېقىنقى زامانغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئېقىمىدا دېھقانچىلىقنىڭ نىسبەتەن تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، لوپنۇر كۆلىگەئېقىپ بارىدىغان سۇ مىقدارىمۇ تەدىرىجىي ئازايغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قەدىمكى لوپنۇر كۆلى بىلەن يېقىنقى زاماندىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئورنىدا خېلى چوڭ ئارىلىق ھاسىل بولغان بولۇپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئۆز ئېقىنىنى يۆتكىشى بىلەن لوپنۇر كۆلىگەقۇيۇلىدىغان دەريا تاراملار ئازايغانىدى. شۇڭىلاشقا، پىرژىۋالىسكى لوپنۇر كۆلىگەتەكشۈرۈشكە كەلگەن ۋاقىتلاردا لوپنۇر كۆلى ئۆزىنىڭ قەدىمكى ئورنىدىن خېلىلايۆتكەلگەن بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا توغرا كېلەتتى. ئەمما كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ مىقدارى تەدىرىجىي ئازىيىپ، لوپنۇركۆلىگە بارمايلا قۇملۇقلارغا سىڭىپ كېتىدىغان بولۇپ قالغان. پىرژىۋالىسكى ئۆزخاتىرىسىدە، لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋاتقانلىقى، كۆلنىڭ دائىرسىنىڭ بارغانسىرى كىچىكلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ھازىرقى قۇرۇغان ھالىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر كۆلى يەنىلا تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق كۆلى ھېسابلىناتتى. پىرژىۋالىسكى بۇ ھەقتەمۇنداق دەپ يازىدۇ: "يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، ھازىرقى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي جەنۇبتىن شەرقى شىمالغا بولغان ئۇزۇنلۇقى 100 كىلومېتىرئىكەن. كۆلنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەڭ كەڭ يېرى 20 كىلومېتىر كېلىدىكەن. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمى لوپنۇر كۆلىدە ئاخىرلىشىدىكەن. لوپنۇر كۆلىنىڭ شەرقى شىمالىي قىسمىدا چەكسىز كەتكەن شورتاڭ ساھىل بولۇپ، ئۇ يەر كۆز يەتكۈسىز قۇمۇشلۇق بىلەن قاپلانغانىكەن... پۈتكۈل لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ يۈزى خېلىلا تېيىز بولۇپ، ئادەتتىكى چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئىكەن. بەزى جايلىرىنىڭ ئىككى مېتىر، ئايرىم جايلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ھەتتا بەش مېتىرمۇ كېلىدىكەن. بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى ئەڭ چوڭ تەسىراتىمىز لوپنۇر كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىنىڭ يىلدىن-يىلغا ئازىيىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش بولدى. چۈنكى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى لوپنۇر كۆلىگەقۇيىلىدىغان سۇ زاپىسى كۆرۈنەرلىك ئازىيىۋىتىپتۇ. لوپنۇر كۆلىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ مەزگىلسىز ھالدا كۆپىيىدىغانلىقى ۋە ئازىيىدىغانلىقى توغرىسىدا يەرلىك ئاھالىلەرئىچىدىكى ياشانغان كىشىلەرمۇ گۇۋاھلىق بېرىشتى. ئومۇمەن ئېيتقاندا، لوپنۇر كۆلى ئاستا-ئاستا ۋە تىنىمسىز رەۋىشتە تارىيىۋىتىپتۇ، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا،قۇرۇپ كېتىشتىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق تەقدىرگە قاراپ يۈزلىنىۋىتىپتۇ. بىز بۇ نۇقتىنى لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەتىراپىدىكى گويا قىسماققا ئوخشايدىغان پايانسىز شورتاڭلىقنىڭ بارغانسىرى كۆل يۈزىنى تارايتىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق".(3)


    پىرژىۋالىسكى ۋاپات بولۇپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنى 1889-يىلى 9-ئايدا،فىرانسىيىلىك گابرېل بونۋالوت (1853-1933) بىر ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىنى باشلاپ،لوپنۇر رايۇنىغا تەكشۈرۈشكە كېلىدۇ. ئەمما لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەھۋالى بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىركى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن چاغدىكىدىن خېلىلا ناچارلىشىشقا باشلىغانىدى. بونۋالوت ئۆز خاتىرىسىگە ئېچىنىش ئىچىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ: "لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەرنىڭ تەقدىرى تامامەن تارىم دەرياسى بىلەن باغلانغان بولۇپ، دەريا سۈيىنىڭ تەدىرىجىي ئازىيىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق چەمبىرىكىمۇ بارغانسىرى تارىيىۋېتىپتۇ. ئادەملەر بۇ يەردىن ئايرىلىشى بىلەنلائۆيلەر ئۆرۈلۈپ، كەنتلەر غايىپ بولىدىكەن، مەھەلىلەرنىڭ ئورنىنى قۇمۇشلۇقلارئىگىلەيدىكەن، قۇمۇشلۇقلار ھامان بىر كۈنى ئۆزىگە زۆرۈر بولغان سۇ مىقتارىنىڭ كېمىيىشى بىلەن ئاستا-ئاستا قۇرۇپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئاقما قۇملار شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ بارلىق شەھەر خارابىلىرىنى ، كەنىتلەرنىڭ ئىزلىرىنى ، ياغاچتىن قوپۇرۇلغان ئۆيلەرنىڭ ئۆگىزىلىرىنى، قۇرۇغان قۇمۇشلۇقلارنى، ئىشقىلىپ ھەممەنەرسىنى كۆمۈپ تاشلايدىكەن. ھېچقانداق بىر كۈچ ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قالالمايدىكەن. رەھىمسىز قۇملۇق كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىغا شىددەت بىلەن بېسىپ كىرىپ، ئىنسانلارنى تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بۇ ئەڭ ئاخىرقى كۆلنى مەڭگۈگە ئۇنتۇپ كېتىشكە مەجبۇر قىلارمۇ؟ ۋاقىتنىڭ ئۇچقاندەك ئۆتىشىگە ئەگىشىپ،تەبىئەتتىمۇ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن ئىدى. بىز ھازىر كۆرۈۋاتقان لوپنۇر كۆلى ئۆز ۋاقتىدىكى پىرژىۋالىسكى كۆرگەن لوپنۇر كۆلى بىلەن تامامەن ئوخشىماي قالغانىدى.كۆل سۈيى بارغانسىرى ئازلاپ، كۆلنىڭ دائىرسىمۇ تارىيىشقا باشلىغانىدى. يەرلىك ئاھالىلەر ھەسرەت بىلەن: دەريا سۈيى كۈندىن كۈنگە ئازىيىۋاتىدۇ، كۆلمۇ بارغانسىرى تارىيىۋاتىدۇ، شورتاڭلىقلار ۋە قۇمۇشلۇقلارنىڭ دائىرىسى چوڭىيىۋاتىدۇ... دەپ دەرت تۆكۈشمەكتە ئىدى" . (4)







قارا قوشۇندىكى كىچىك كەنت ئۇتۇن كەنتى


     شۇنىڭدىن كېيىن يەنە شىۋىتسىيىلىك سۋېن ھېدىن (1865-1952) ، ياپۇنيەلىك ئوتانى (1876-1948)قاتارلىق مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىلەر تەكشۈرۈش- قېدىرىش ئەتىرەتلىرىنى باشلاپ،پىرژىۋالىسكىنىڭ ئىزىدىن لوپنۇر رايۇنىغا كەلدى. داڭلىق جۇغراپىيە ئالىمى رىچخوفىننىڭ ئوقۇغۇچىسى بولغان سۋېن ھېدىن ئۆز قەلبىگە لوپنۇر كۆلىنىڭ سىرىنى ئېچىش ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇزاققا سوزۇلغان بەس- مۇنازىرىگە خاتىمە بېرىش ئارزۇسىنى پۈككەنىدى. دېگەندەك سۋېن ھېدىن لوپنۇر توغرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقاردى:لوپنۇر كۆلى تەخمىنەن 1600 يىلنى دەۋىر قىلىپ ئورۇن يۆتكەلگەن، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ئىچكى ئاسىيا رايۇنىدىكى بىر كۆچمە كۆل، خالاس!



4



لوپنۇرلۇقلار ۋەئۇلارنىڭ ئەمگەكچان ئەۋلادلىرى تەبىئەت بىلەن بولغان تىنىمسىز كۆرەش ئىچىدەتارىخنىڭ ئۇزۇن تۈنلىرىنى ھازىرقى زامانغا ئۇلىدى. مۇقەددەس لوپنۇر كۆلى بەخشئەتكەن ھاياتلىق ئىمكانىيىتىدىن ئەڭ ئاخىرقى چەككىچە پايدىلاندى. بۇ يەردىكى ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ياشاپ كەلگەن "جەننەت"ىنى قانداق قىلىپ ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە جاپالىق ئىزدەندى. ۋاھالەنكى، تارىم ئويمانلىقنىڭ بارغانسىرى يامانلىشىۋاتقان ئېكولوگىيە كىرزىسى لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىدەك تىراگىدىك تەقدىرنى خېلى بۇرۇنلا بەلگىلەپ قويغان ئىدى.


شۇنداق،لوپنۇرلۇقلارنىڭ قەدىمكى لوپنۇر ۋادىسىدىكى جەننىتى بەرپا بولدى، بۇلار ھەر قانچەقىلىپمۇ بۇ رىئاللىقنى كەينىگە قايتۇرالمىدى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقى شىمالىي بۇرجىكىگە دۈملەنگەن قەدىمكى مەدەنىيەت لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقى بىلەن تەڭ قۇم بارخانلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كەتتى. ئەمما لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۆز يۇرتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدىكى ئادەققىچە داۋاملاشقان كۆرەشلىرى ۋە قايتماس روھى مەركىزىي ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئۇزاق مۇددەتلىك دىيالوگىنىڭ ئەڭ تەسىرلىك بىر بۆلىكىنى تەشكىل قىلدى. ئۇلار تىرىشتى، تىرماشتى، تىركىشتى.... لوپنۇر كۆلى ۋەئۇنىڭ باغرىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىدى. ئەمما كۈنساناپ زورىيىۋاتقان ئاقما قۇملارنىڭ زەربىسىنى توسۇپ قېلىشقا،بارغانسىرى ئاجىزلاۋاتقان لوپنۇر كۆلىنىڭ تىنىقىنى قۇتقۇزىۋېلىشقا قۇربى يەتمىدى.رەھىمسىز تەبىئەت ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى قىساسىنى بىراقلا ئالماقچى بولغاندەك بۇيەردىكى ئادەملەرگە قىلچىمۇ رەھىم قىلمىدى.


    تەخمىنەن19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، لوپنۇر كۆلىنىڭ تەدىرىجىي تارىيىشىغا ئەگىشىپ،بۇ يەردىكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي بىرلىكلىرىمۇ پارچىلىنىشقا  باشلىدى.پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇرلۇقلار ھەققىدىكى ئېتنوگىرافىيىلىك خاتىرلىرى بىزگە تېخى ئۆزىنى بىزگە تامامەن ئېچىۋەتمىگەن بىر جەمىيەتنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى گۈزەل ئەخلاقىي تۈزۈلمىنى، تەبىئەت بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ساپ ھالەتتىكى جىمجىت ھايات رېتىمىنى، شۇنداقلا زامانىۋىي مەدەنىيەتلەرنىڭ غىدىقلىشىدىن مۇستەسنا قەدىمىي ئۇدۇم-ئەنئەنىلىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.


    شۇنىسى ئېنىقكى،ئەينى چاغدىكى لوپنۇرلۇقلار تەبىئىي مۇھىتنىڭ قىستىشى بىلەن ئاستا-ئاستا تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا يۆتكىلىۋاتاتتى. چۈنكى، لوپنۇر رايۇنى بارغانسىرى ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئىمكانىيىتىدىن يىراقلىشىۋاتاتتى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغاقارىغاندا، شۇ چاغدىكى لوپنۇر رايۇنىدا، يەنى قاراقۇرچىن دېگەن مەمۇرىي بىرلىككەتەۋە بولغان لوپنۇر كۆلى بويىدىكى 11 كەنىتتە جەمئىي 70 ئائىلە بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇس 300 كىشىدىن ئاشىدىكەن. ئەنە ئاشۇ 300 كىشى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چىرىقىنى ياندۇرۇپ كېلىۋاتاتتى.


دەرۋەقە،بۇنىڭدىن ئانچە ئۇزاق بولمىغان ئۆتمۈشتە، لوپنۇر رايۇنىدىكى ئاھالىلەر نوپۇسى ھازىرقىدىن خېلىلا كۆپ ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ يەردە 550 تۈتۈن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئاھالە لوپنۇر كۆلىدە بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.ئەمما 20 يىل ئىلگىرى بۇ رايۇندا ئېغىر ۋابا تارقىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغانلىرى يىراق جايلارغا قېچىپ بېرىپ جان ساقلىغان.شۇنىڭ بىلەن لوپنۇر كۆلى بويلىرىدىكى ئاھالىلەر نوقتىلىرى تەدىرىجىي ئازىيىپ،تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى كەنتلەر بارغانسىرى كۆپەيگەن.ھازىرقى لوپنۇرناھىيىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتىراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاساسىمۇ شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ تەدىرىجىي شەكىللىنىشكە باشلىغانىدى.






يەرلىك لوپنۇرلۇقلار


    لوپنۇرلۇقلاربىلەن تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەدەن تۈزۈلۈشىدە ئوخشىمىغا نئېرىقلارنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدا مۇڭغۇللوئىدلارنىڭ قان تەركىبلىرى بار ئىدى. مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئارىيان ئېرىقىنىڭ سۇس ھالەتتىكى يۈزشەكلى ساقلانغان بولۇپ، ساپ ئارىيان ئېرىقىدىنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنەتتى.لوپنۇر ۋادىسىدا ئەسلىدىن ياشاپ كەلگەن لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بوستانلىقلاردىن كۆچۈپ كەلگەن ئاھالىلەر يېقىنقى زامانغاكەلگەندە ئۆز ئارا يۇغۇرلۇپ، كېيىنكى لوپنۇرلۇقلارنى شەكىللەندۈرگەنىدى.شۇڭىلاشقا، لوپنۇرلۇقلار بىلەن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئېرقىي ئالاھىدىكىدە روشەن ھالدا شالغۇت تىپىنىڭ ئالامەتلىرى مەۋجۈت ئىدى. (5)



ئۇلار قىيىن شارائىتقا، جاپالىق تۇرمۇشقا، ماددىي بويۇملارنىڭ كەملىكىگە كۆنۈك ئىدى. رەھىمسىزتەبىئەتلا ئەمەس، بەلكى مۇشەقەتلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرىمۇ ئۇلارنى قاتتىق تاۋلىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ چىرايى، چىڭ بەدەنلىرى قۇياش نۇرى بىلەن كۆل يۈزىدىن كېلىدىغان ئاچچىق شامالدا قارايغانىدى. داۋاملىق قېيىق بىلەن ھەپىلەشكەچكىمۇئۇلارنىڭ كۆكرەك، مۈرىلىرى كەڭ، بىلەكلىرى كۈچلۈك ئىدى. لوپنۇر ماتاسىدىن تىكىلگەن ئاددىي كىيىملىرى ئىچىگە يۇشۇرنۇپ تۇرغان ۋۇجۇدىدا تەبىئەت بىلەن تۇتىشىپ كەتكەن بىر خىل ئىچكىي چوڭقۇرلۇق، يىراق ئۆتمۈشكە سوزۇلغان مەنىۋىي كەڭلىك زاھىر بولۇپ تۇراتتى.


كۆل، قۇمۇش،قېيىق، قارماق، ساتما ۋە بېلىق پۇرىقى.... مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھايات مەئىشىتىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئىدى. ئۇلار دىماغنى يارغۇدەك ئاچچىق بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇدۇنياغا تۇغۇلاتتى، يەنە ئاشۇ بېلىق پۇرىقى ئىچىدە بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشاتتى.ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن، كېيىم-كېچەكلىرىدىن، تىنىقلىرىدىن بېلىق پۇرىقى كېلەتتى،كەنت-مەھەلىلەردىن، كۆل بويىدىن، ھەتتا پۈتكۈل لوپنۇر رايۇنىدىن خام بېلىقنىڭ گۈپۈلدەپ تۇرغان پۇرىقى كېلەتتى. شۇنداق، ئۇلار بېلىقچىلىققا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلاتتى، بېلىق گۆشىدىن، قىلتىرىقىدىن، مېيىدىن قانداق پايدىلىنىشنى ياخشى بىلەتتى. بېلىق پۇرىقىنى تېخىمۇ ياخشى كۆرەتتى.



ئۇلار قۇمۇشتىن ياسالغان ساتمىلاردا ئولتۇراتتى. ياغاچ ماتىرىياللىرى كەمچىل بولغانلىقتىن ھەممەنەرسىلەرنى قۇمۇشتىن ياسايتتى. قۇمۇش ساتمىلاردىن تەركىب تاپقان غۇجمەك مەھەلىلەرلوپنۇر كۆلى بويىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكىنى ھاسىل قىلغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىگەكېرەكلىك بولغان نەرسىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. تىنىمسىزلىق،قانائەتچانلىق، ئاق كۆڭۈللۈك، ساددىلىق ۋە راستچىللىق ئۇلارنىڭ خاراكتىرئالاھىدىلىكى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى غورىگىل، ئاددىي-ساددا ۋە جاپالىق بولسىمۇ،لېكىن ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ خۇشال كىشىلەر ئىدى. ئۇلار ئۆز كۆڭلىنى قانداق ئاۋۇندۇرۇشنى، زېرىكەرلىك ھايات رېتىمىنى قانداق بېزەشنى، تۇرمۇش گۈزەللىكىنى قانداق ھېس قىلىشنى ئوبدان بىلەتتى.


قېيىق، تور،قارماق ۋە بېلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ موھىم تەئەللۇقاتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىدىن زىيادە مال-مۈلكى بولمايتتى. قىز-يىگىتلىرى توي قىلغاندا، يىگىت تەرەپ تويلۇق ئۈچۈن بىر قىيىق، تور ۋە مەلۇم مىقداردا بېلىق تەييارلايتتى، بۇقىز-يىگىتنىڭ يېڭى تۇتقان ئۆيىنىڭ مال-مۈلكى ھېسابلىناتتى. بېلىقچىلىق سايمانلىرىنىڭ ئۆزى يەنە ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكى ھېسابلىناتتى. بىرەر كىشى قازاقىلسا، ئۆلگۈچىنى يۇيۇپ-تاراپ بولغاندىن كېيىن، قېيىققا سېلىپ ئۈستىنى يەنە بىرقېيىق بىلەن دۈم كۆمتۈرۈپ يېپىپ قوياتتى. ئاندىن ئىككىنچى كۈنى دەپنە قىلاتتى.ئۆلگۈچى ھايات چېغىدا ئىشلەتكەن قارماق، تور قاتارلىق تەۋەرۈك بويۇملىرىنى مېيىت بىلەن قوشۇپ دەپنە قىلاتتى. (6)


گەرچە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ناھايتى قىيىن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ساغلام، تەمبەل ۋەكېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى يۇقىرى ئىدى. بۇ يەردە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەتتى. 100 ياشتىن ئارتۇقلارمۇ ئەمگەك قىلالايتتى. ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى چېچەك، كۆز كېسەللىكلىرى، قىيىن تۇغۇت ۋە باشقا ۋاباكېسەللىكلىرى ئىدى. غەربنىڭ تېز ئۈنۈم بېرىدىغان خېمىيۋىي دورىلىرى بولمىغان شارائىتتا چېچەككە ئوخشاش تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايتتى.


لوپنۇرلۇقلارتۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان ھەننىۋا نەرسىلەرنى تەبىئەتتىن ئالاتتى. ئۇلار ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ قىممەت نەرسىلەرنى ئۆيدە ساقلىمايتتى، بەلكى ئوت ئاپىتىدىن ۋە باشقاكېلىشمەسلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جاينى كولاپ مەخپىي ساقلايتتى. ھەممە ئائىلىنىڭ پەقەت ئۆزلىرىلا بىلىدىغان مەخپىي جايلىرى بولاتتى.پىرژىۋالىسكى لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاقساقىلى كۈنچىققانبەگكە سوۋغا سۈپىتىدە بىر يانچۇق سائەتى بىلەن سترېئولۇق ئەينەك تەقدىم قىلغىنىدا، كۈنچىققانبەگنىڭ تولىمۇ خۇشال بولغانلىقىنى ھەمدە ئۆزى يالغۇز قېيىققا چۈشۈپ بۇ نەرسىلەرنى تارىم دەرياسى بويىدىكى باشقىلار بىلمەيدىغان بىر جايغا يۇشۇرۇپ قويغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.


لوپنۇر رايۇنىداشۇ چاغقا قەدەر ئادەم ئۆلتۈرۈشتەك چوڭراق جىنايى قىلمىشلار ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغانىدى، ئوغرلىق ۋە جېدەل-ماجىرا ئىشلىرىمۇ كەمدىن –كەم ئۇچىرايتتى. كىشىلەرئىناق-ئۆم ۋە تېنچ ياشاپ كەلگەنىدى. پىرژىۋالىسكى مۇنداق بىر ۋەقەنى ئۆزخاتىرىسىگە يازىدۇ: " لوپنۇرلۇقلار بىز بىلەن تولىمۇ ئىناق ۋە دوستانەبېرىش-كېلىش قىلدى. ئەمما ئويلىمىغان يەردىن بىر كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى. ئۇلارئىچىدىن بىر ياش يىگىت بىزنىڭ چېدىر تىكىدىغان زەنجىرىمىزنى ئوغرلاۋاتقاندا، كازاك قاراۋۇللىرىمىز تەرىپىدىن نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالدى. بۇ ئىش كۈنچىققانبەگ بىلەن كەنىتتىكىلەرنى تولىمۇ بىئارام قىلدى. كۈنچىققانبەگ دەرھال يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى يىغىپ، بۇ ۋەقەنى جىددىي مۇزاكىرە قىلدى، نەتىجىدە گۇناھكارغا بىردەك ئۆلۈم جازاسى بېرىش قارار قىلىندى. بىز ئارىغا كىرىپ جازانىڭ ئېغىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتۇق،ئۇلار شۇندىلا يەنە بىر قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىپ،گۇناھكارنى دەررىگە تارتىشنى ۋە يىراققا سۈرگۈن قىلىشنى قارار قىلدى" . (7)


لوپنۇرلۇقلارناھايىتى كۈچلۈك بولغان ئىجتىمائىي بىرلىككە ئۇيۇشقان بولۇپ، بۇ بىرلىكتە يۇرت ئاقساقىلى ئەڭ يۇقىرى مەمۇرىي ئەمەلدار ھېسابلىناتتى. كۈنچىققانبەگ شۇ ۋاقىتتىكى لوپنۇر رايۇنىنىڭ يۇرت ئاقساقىلى بولۇپ، ئۇ يەرنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى يۇرت مۆتىۋەرلىرى بىلەن كېڭىشىش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلاتتى. ئۆز دەۋرىدىكى چىڭ ھۆكۈمىتىمۇكۈنچىققانبەگنىڭ لوپنۇردىكى ئورنىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. پىرژىۋالىسكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كۈنچىققانبەگ ئېسىل پەزىلەتلىك كىشى بولۇپ، 1885-يىلى 73ياشقا كىرگەنىكەن. ئەمما ئۇ ناھايتى ساغلام بولۇپ، ئۆز پۇقرالىرىغا خۇددى ئاتابالىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنىدىكەن. قولىدا بار نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ھاجەتمەنلەردىن ئايىمايدىكەن. شۇڭا، ئۇ گەرچە ئاقساقال بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن. كۈنچىققانبەگ شەھەر تۇرمۇشىدىن بىزار بولۇپ، يامۇلنىڭ تۈرلۈك ئالۋاڭلىرىدىن تولىمۇ باشقېتىنچىلىق ھېس قىلىدىكەن. شۇڭا ئۇ ھاياتىداكورلىغا ئۈچ قېتىم، چاقىلىققا بىر قېتىملا بارغانىكەن، ئۇندىن باشقا جايلارغائەزەلدىن بېرىپ باقماپتۇ. پىرژىۋالىسكى خاتىرىسىدە ئۆز دەۋرىدىكى لوپنۇر خەلقى ئارىسدا كۈنچىققانبەگكە بېغىشلانغان بىر گۈزەل داستاننىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى تىلغائالىدۇ ھەمدە داستاندىن ئارىيەلەر كەلتۈرىدۇ.(8)





لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنىۋىي تۈۋرۈكى ئاقساقال كۈنچىققانبەگ ۋە ئۇنىڭ ئوغلى توختىئاخۇن


لوپنۇردا شۇچاغلارغا نىسبەتەن ئابدال كەنتى ئەڭ باي ۋە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭرەك جاي ھېسابلىناتتى. بۇ يەرگە خوتەن بوستانلىقلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن، نىسبەتەن ئىلغاربولغان تېرىقچىلىق تېخنىكىلىرىدىن خەۋەردار ئاھالىلەر كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەسىرىدە يەرلىك لوپنۇرلۇقلارمۇ يەر ئېچىپ دىھقانچىلىق قىلىشقاباشلىغانىدى. پىرژىۋالىسكى ھەتتا ئابدال كەنتىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تۆمۈريول، تېلېگراف، ھاۋا شارائىتى دېگەندەك يېڭىلىقلارنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەردارئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ يەنە ئابدال كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ بۇغداي ئۇنى ۋەقوي گۆشىدىن قىلغان تاماقلارنى يېيىشكە تەدىرىجىي ئادەتلەنگەنلىكىنى ، قاراقۇرچىن،ئويدۆڭ قاتارلىق كەنتلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ يەنىلا بېلىقنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلىدىغانلىقىنى، قوي گۆشى ۋە ئۇندىن قىلىنغان تائاملارنى يېسە كۆڭلى ئاينىيدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە لوپنۇرلۇقلار يەنىلا بېلىقچىلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ئاساسلىق تىرىكچىلىكى قىلغانىدى. شۇڭىلاشقا، دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان، ئۆزىنى تېخى ئېچىۋەتمىگەن بۇ خىلۋەت جەمىيەتتە تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەسىرلەر بويى قۇمغابەخشەندە بولۇپ كەلگەن ئانتىك مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنمەس روھ چەشمىلىرى ساقلىنىپ كەلگەنىدى.



5



شۇنداق قىلىپ،لوپنۇر ۋادىسىدىكى ھاياتلىق چەمبىرىكى ئېغىر تىنىقلار ئىچىدە 20-ئەسىرگە كىرىپ كەلدى. لوپنۇر كۆلىنىڭ كۈنساناپ تارىيىشى، تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى سۇمىقدارىنىڭ ئازىيىشى نەتىجىسىدە بۇ يەردىكى ئاھالىلەر تەدىرىجى ھالدا ھاياتلىق ئىمكانىيىتى ئىزدەپ، ئەسلىدىكى لوپنۇر كۆلى ۋادىسىدىن ئىككى يۆلىنىشكە_ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلەرگە سىلجىشقا مەجبۇر بولدى. غەربىي شىمال يۆلىنىشكەقاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە كۆنچى دەرياسى بويىدىكى ھەر قايسى بوستانلىقلارغا ئولتۇراقلاشتى ۋە ھازىرقى لوپنۇر ناھىيىسىنىڭ ئاساسىي ئاھالىسىنى تەشكىل قىلدى. غەربىي جەنۇب يۆلىنىشىگە قاراپ سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار چاقىلىق، مىرەن، ئارغان، ۋاششەررى قاتارلىق يۇرتلاردىكى تېرىم ئاھالىلىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى. تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا سۈرۈلگەن لوپنۇرلۇقلار شارئىتنىڭ قىستىشى ۋە بۇ يەردىكى كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ تەسىرىدەئاستا-ئاستا تېرىم ئىگىلىكىگە كۆچكەن بولسىمۇ، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەرگىچىلىكلاكىچىك دائىردىكى بېلىقچىلىق ئىگىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. شۇڭا، بۈگۈنكى لوپنۇردىئالىكتىدا بېلىقچىلىققا ئائىت سۆزلەر باشقا دىئالىكىت-شېۋىلەرگە قارىغاندا كۆپ ئۇچىرايدۇ.


پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر سەپىرىدىن 20 يىل كېيىن، يەنى 1806-يىلى 4-ئايدا يەنە بىر مەشھۇر ئەجنەبىي تەۋەككۇلچى شىۋىتسىيىلىك سېۋىن ھېدىن تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىنى بويلاپ،قېيىق بىلەن لوپنۇر رايۇننىڭ مەركىزى بولغان- ئابدال كەنتىگە يېتىپ بارىدۇ. سېۋىن ھېدىن ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن پىرژىۋالىسكىنىڭ لوپنۇر خاتىرلىرىنى قانچەقېتىملار ئوقۇغان ھەم ئۆزى رۇسچىدىن شىۋىتچىگە تەرجىمە قىلغان بولغاچقا، قېيىق ئابدال كەنتىگە يېتىپ كەلگەندە چەكسىز ھاياجانغا چۆمىدۇ. گويا ئۇزۇن يىللارئىلگىرى بارغان بىر تونۇش جايغا باشقىدىن قايتىپ كەلگەندەك ئىللىق تۇيغۇ ئۇنى ئۆزئىلكىگە ئالىدۇ. ئابدال كەنتىدىكى ھەممە كىشى- ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك ئەر-ئايال، قېرى-ياش ھەممىسى قىرغاققا كېلىپ سېۋىن ھېدىننى قىزغىن كۈتىۋالىدۇ.سېۋىن ھېدىنمۇ ئۆزى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان، قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن كۈنچىققانبەگنى يىراقتىنلا تونىۋالىدۇ. سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ يەرگە كېلىشى لوپنۇرلۇقلار ئۈچۈن پىرژىۋالىسكىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ۋەقە ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلار ئۆز دەۋرىدە پىرژىۋالىسكىنى "چوڭ تۆرەم" دەپ ئاتىغان بولسا، سېۋىن ھېدىننى"ھېدىن تۆرەم"دەپ ئاتايدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كېتىدۇ.چۈنكى، سېۋىن ھېدىننىڭ ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئارىلىقنى پىرژىۋالىسكىغا قارىغاندا خېلىلا قىسقارتقانىدى.





لوپنۇر كۆلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سېۋىن ھېدىن


سېۋىن ھېدىن لوپنۇر رايۇنىدا ئۆز تەسەۋۇرىدىنمۇ كۆپىرەك تەسىراتلارغا ئېرىشىدۇ."كرورەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاسى"، لوپنۇر ۋادىسىنىڭ تىرىك تارىخچىسى بولغان كۈنچىققانبەگ سېۋىن ھېدىننى ھەيران قالدۇرىدۇ. كۈنچىققانبەگ پۈتكۈل لوپنۇررايۇنىنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈشىنىڭ يىگانە گۇۋاھچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنەئابدال كەنتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئۆيلۈك لوپنۇرلۇقلارنىڭمۇ روھى تۆۋرۈكى ئىدى.لوپنۇر رايۇنىنىڭ بىر ئەسىردىن بۇيانقى ئۆزگىرىشلىرىنى ھېچكىم ئۇنىڭچىلىك بىلمەيتتى، كۈنچىققانبەگ بولغانلىقى ئۈچۈن سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇرغا قىلغان تۇنجى سەپىرى مۇۋاپىقىيەتلىك ئاخىرلىشىدۇ. شۇندىن باشلاپ، ياۋرۇپالىق بۇ مەشھۇر ئېكىسپىدىتسىيىچىنىڭ لوپنۇر كۆلى ۋە لوپنۇرلۇقلار بىلەن بولغان 40 يىللىق تارىخى رىشتىسى باغلىنىدۇ.





سىۋىن ھىدىننى قىزغىن قارشى ئالغان لوپنۇرلۇقلار


1899-يىلى، يەنى19-ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر ئېيىدا سېۋىن ھېدىن ئىككىنچى قېتىم لوپنۇر ۋادىسىغاقەدەم باسىدۇ ۋە لوپنۇر كۆلى ھەققىدە كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.ئەپسۇسكى، بۇ چاغدا لوپنۇرلۇقلارنىڭ مەنىۋى تۆۋرۈكى بولغان كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەنىدى. دەل شۇ يىلى، يەنى كۈنچىققانبەگ ئالەمدىن ئۆتكەن مىلادىيە 1898-يىلى لوپنۇر كۆلى بويىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھاياتلىق چىرىقى ئۆچىدۇ. لوپنۇر ۋادىسىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى بولغان ئابدال كەنتى قۇم-بورانلىرىنىڭ دەھشەتلىك ھۇجۇمى ئارقىسىداۋەيران بولىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ ئاخىرقى ئالتە ئائىلىلىك يەرلىك لوپنۇرلۇقلاركەنتنى تاشلاپ باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ. كۈنچىققانبەگنىڭ مەنسىپىگەۋارسلىق قىلالمىغان ئوغلى توختىئاخۇن سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئەتىرىتىگە يول باشلىغۇچى بولىدۇ.


سېۋىن ھېدىننىڭ لوپنۇر ۋادىسىغا قىلغان ئىككىنچى قېتىملىق سەپىرى ۋە بۇ جەرياندا ئېرىشكەن مۇۋاپىقىيەتلىرى ئۇنى دۇنياۋى مەشھۇر شەخسكە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئۇمۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا، تارىختىكى ھەقىقىي لوپنۇر كۆلىنىڭ ئەسلىدە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى شىمالىي بۇرجىكىدە ئىكەنلىكىنى، كېيىنچە بۇ سىرلىق كۆلنىڭ بۇنىڭدىن 1600 يىل ئىلگىرى سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى بىلەن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، يېڭى لوپنۇر كۆلىنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شەرقى قىسمىدا قايتىدىن پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىدۇ.شۇنداقلا "لوپنۇر كۆلى مەركىزىي ئاسىيادىكى كۆچمە كۆل" دېگەن ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىدە ئۇزۇن مەزگىل بەس-مۇنازىرەقوزغىغان لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.


ئەمەلىيەتتە سېۋىن ھېدىننىڭ بۇ قېتىمقى بۈيۈك بايقىشىنىڭ ئارقىسىغا قەدىمكى كرورەنلىكلەنىڭ ئەۋلادى بولغان ئۈچ نەپەر لوپنۇرلۇق يول باشلىغۇچىنىڭ تەڭداشسىز تۆھپىلىرى يۇشۇرۇنغانىدى. ئۇلار كۈنچىققانبەگنىڭ ئوغلى توختىئاخۇن، ئۆردەك ۋە ئابدۇرېھىم قاتارلىق لوپنۇرلۇق يولباشلىغۇچىلار ئىدى.





كروران قەدىمىي شەھرىنى بايقىغۇچى لوپنۇرلۇق ئۆردەك


بولۇپمۇ ئۆردەك بىلەن سېۋىن ھېدىننىڭ مۇناسىۋىتى ناھايتى يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق يىللار داۋاملاشقانىدى. ئەڭ ئاخىرقى تىپىك لوپنۇرلۇقلارنىڭ بىرى بولغان ئۆردەك ئېكىسپىدىتسىيە داۋامىدىكى بىر بورانلىق كېچىدە يىتتۈرۈپ قويغان تۆمۈر گۈرجەكنى تېپىپ كېلىمەن دەپ مۈگدەپ ياتقان بىر شەھەر خارابىسىنى بايقايدۇ. بۇ دەل تەكلىماكان قۇملۇقى ئاستىدا ئون نەچچە ئەسىرلەپ ئۇخلىغان قەدىمكى كروران شەھىرى ئىدى! قەدىمكى كروران شەھرىنىڭ قايتا بايقىلىشى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مىسلىسىز ئۇلۇغ دەۋىرگە باشلاپ كىردى. ئۆردەك- لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادلىرىدىن بىرى بولغان قۇملۇقتىكى بۇ يول باشلىغۇچى ئاشۇ قەدىمىي شەھەرنى بايقىغان چاغدا، دۇنيانىڭ يەنە بىر تەرپىدىكى ياۋرۇپا ئىلىم ساھەسىنىڭ زىلزىلىگەكېلىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيتتى. سېۋىن ھېدىن بۇ قېتىمقى تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيىسىنى مول نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ، قەشقەردە ئاخىرقى قېتىم ئۆردەك بىلەن كۆڭلى قىيمىغان ھالدا خوشلىشىدۇ ۋە ياۋرۇپاغا قايتىدۇ. ئۆردەكنىڭ قەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىشى سېۋىن ھېدىنغا ئويلاپ باقمىغان شان-شەرەپلەرئېلىپ كېلىدۇ.





قەدىمى جەسەتلەرنى تەتقىق قىلىۋاتقان سېۋىن ھېدىن


1928-يىلى سېۋىن ھېدىن ئۈچىنچى قېتىم چوڭ بىر تەكشۈرۈش ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىدۇ. ئۇ تۇرپاندا لوپنۇرلۇق سودىگەر توختىئاخۇندىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى قۇرۇق دەريا ئىزىغا سۇ كەلگەنلىكىنى  ۋە قۇم دەرياسى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ. چۈنكى، ئەسلىدىكى قەدىمىي قۇرۇق ئېقىننىڭ ئورنىغا يېڭى دەريانىڭ پەيدا بولىشى لوپنۇر كۆلىنىڭ يەنە ئەسلىدىكى ئورنىغا كۆچكەنلىكىدىن دېرەك بېرەتتى! سېۋىن ھېدىن دەرھال لوپنۇر ۋادىسىغا ئاتلانماقچى بولىدۇ، ئەممائۈرۈمچىگە يېتىپ بارغان ۋاقتىدا ياۋرۇپاغا قايتىش ھەققىدە جىددىي تېلېگرامماتاپشۇرىۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئامالسىز قول ئاستىدىكى كىشىلەرنى  لوپنۇر ۋادىسىغا بېرىپ تەپسىلىي تەكشۈرۈشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى ياۋرۇپاغا قايتىدۇ.


1934-يىلى سېۋىن ھېدىن تۆتىنچى قېتىم، يەنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم لوپنۇرغا سەپەر قىلىدۇ، لېكىن بۇچاغدا شىنجاڭ ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ئىچىدە قالغانىدى. سېۋىن ھېدىن باشچىلىقىدىكى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتى خېيىمخەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ، لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشنى باشلايدۇ. بۇ ۋاقىىتا ئۇ 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغانىدى. بۇ قېتىمقى سەپىرىدە ئۇ ئاللىقاچان قېرىپ بوۋاي بولۇپ قالغان ئۆردەك يەنە ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولىدۇ! سېۋىن ھېدىن ئۆزىنىڭ "كۆچمە كۆل"ناملىق كىتابىدا بۇ قېتىمقى ئۇچىرىشىنى مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: " قۇياش ئۇپۇق سىزىقىغا باش قويدى، دەريا يۈزىدىن قايتقان قىزغۇچ نۇرلار قۇمغاق ساھىلدىكى توغراق ۋە چاتقاللارنىڭ ياپىراقلىرىدا ئەكىس ئەتمەكتە ئىدى. قېيىقنىڭ باش تەرپىدەئولتۇرۇپ پالاق ئۇرىۋاتقان سادىق تۇيۇقسىز توۋلىۋەتتى:










قېيىقچى سادىق




_ ئۆردەك كەلدى!


مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ ياۋا ئۆردەكنىڭ قايسى تەرەپتىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرمەكچى بولدۇم. ئەمماكۆز ئالدىمدا ياۋا ئۆردەك ئەمەس، بەلكى قىرغاقتا ئىككى ئاتلىق كىشى ماڭا قاراپتۇراتتى. مەن دەرھال ئايرىلغىلى 30 نەچچە يىل بولغان لوپنۇرلۇق دوستۇم ئۆردەكنى تونۇدۇم، توۋا ئۇ راستىنلا ئۆردەك ئىدى! ئۇنىڭ چاچ-ساقاللىرى ئاقىرىپ بوي-بەستى مۈكچەيگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ساغلام ۋە تىمەن ئىدى.


مەن قېيىقنى قىرغاققا ھەيدەشنى بۇيرۇدۇم. ئۆردەك ئاتتىن چۈشۈپ، كېمىگە چىقتى ۋە كۆزلىرىگە لىق ياش ئالغان پېتى مېنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.


ئوتتۇز يىل بۇرۇنقى ياش، تەمبەل ئۆردەك ئەمدىلىكتە قېرىغانىدى. يىللار ئۇنىڭ قاتاڭغۇر جىسمىغائۆزىنىڭ رەھىمسىز ئىزلىرىنى سالغانىدى. يۈزلىرىگە قورۇق چۈشكەن بولۇپ، ئاپئاقساقاللىرى مەيدىسىگىچە ساڭگىلاپ تۇراتتى. ئۈستىگە كونىراپ رەڭگى ئۆڭگەن چاپان كىيگەن، بېلىنى بەلۋاغ بىلەن باغلىغان، بېشىغا تېرە مالىخاي كىيگەن ئۆردەك ماڭائۇزۇن زامانلار ئىلگىركى لوپنۇرلۇقلارنى ئەسلەتتى.


_ ئۆردەك،بۇنىڭدىن 32 يىل بۇرۇن بىز خوشلاشقاندىن كېيىن، سەن كۈنلىرىڭنى قانداق ئۆتكۈزدۈڭ؟


_ ئۆزلىرىگەخىزمەت قىلغاندىن باشلاپ، ماڭا خۇدايىم رىزقىمنى بېرىپ كەلدى، يامان ئەمەس كۈن ئۆتكۈزدۈم، لېكىن ئۆزلىرىنى قايتا كۆرەرمەن دېگەن خىيالدىن ئۈمىد ئۈزگەنىدىم.


_ بىزنىڭ بۇيەرگە كەلگەنلىكىمىزنى قانداق ئۇقتۇڭ؟


_ بىر ئاينىڭ ئالدىدا يېڭى كۆل تەرەپتىن كەلگەن بىرسى ماڭا ئۆزلىرىنىڭ كورلىغا كەلگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. شۇندىن تارتىپ مەن ئۆزلىرىنى ئىزدىدىم. 32 يىل ئىلگىرى بىز قەشقەردەئايرىلىدىغان چاغدا، ئۆزلىرى ماڭا ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئىدىلە، مەن ئۆزلىرىنى كۈتتۈم، ساقلىدىم، لېكىن قايتىپ كەلمىدىلە، ئىلگىرى ئۆزلىرىگە ئىشلىگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى، بۈگۈن دىدار كۆرۈشتۇق، مېنىڭ كۆڭلۈم ئاخىر ئەمىن تاپتى!


ئۆردەك 1899-يىلى11-ئايدىن باشلاپ ماڭا يول باشلىغۇچى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئۇ ماڭا ئەگىشىپ يېڭىكۆلدىن چەرچەن تاتىراڭغىچە بولغان تەكلىماكاننى كېسىپ ئۆتۈش سەپىرىگەقاتناشقانىدى. 1900-يىلى3-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆردەك تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، توساتتى نقەدىمكى كروران شەھەر خارابىسىنى بايقىغانىدى ۋە مېنى ئويلاپ باقمىغان مۇۋاپىقىيەتلەر بىلەن تەمىنلىگەنىدى. 1901-يىلى تىبەت ئىگىزلىكىدىكى لاساغا قىلغان سەپىرىمگىمۇ يول باشلاپ ماڭغانىدى.تىبەت ئىگىزلىكىدىكى بىر بورانلىق كېچىدەكۈزەتچىلىك قىلىۋاتقان ئۆردەكنىڭ چېدىرىمغا ئۈسۈپ كىرىپ، مېنى ئۇيقۇدىن ئويغىتىپ"بىر ئادەم كەلدى" دېگىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە.


مەن 1901-يىلى12-ئاينىڭ 29-كۈنى قەشقەردە يول باشلىغۇچۇم ئۆردەك بىلەن خوشلاشقانىدىم. ئۇ مېنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا قىلغان ئېكىسپىدىتسىيە ھاياتىمدىكى ئەڭ سادىق بۇرادىرىم ئىدى.


مانا بۈگۈن قېيىقچى سادىقنىڭ "ئۆردەك كەلدى" دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئالدىمدا ماڭاقاراپ تۇرغان كونا ھەمراھىم ئۆردەكنى كۆرگىنىمدە، ئۇنىڭ بىر زامانلاردا تىبەت ئىگىزلىكىدە قۇلىقىمغا ھۇدۇقۇش ئىچىدە پىچىرلىغان "بىر ئادەم كەلدى"دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. يىللار بىزنى قېرىتقانىدى، بىز ئۇزاققىچەبىر-بىرىمىزدىن كۆز ئۈزمەي قاراپ كېتىشتۇق.


ئۆردەكنىڭ قېشىدىكى يەنە بىر ئاتلىق يىگىت ئۇنىڭ ئوغلى سادىق ئىكەن. بىز قەشقەردە ئە ڭئاخىرقى قېتىم ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۆردەك لوپنۇرغا قايتىپ كېلىپ توي قىپتۇ.يېڭىكۆلنىڭ ئاياغ تەرپىدىكى چارا دېگەن جايدا قۇمۇش ساتما تىكىپ، بېلىقچىلىق ۋەئوۋچىلىققا تايىنىپ ياشاپ كەپتۇ". (9)







لوپنۇر كۆلىدىن چىققان لوخا بېلىق


سېۋىن ھېدىن يەنەمۇنداق يازىدۇ: " ئۆردەك بۇ قېتىم يەنە بىزنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىمىزگە قوشۇلدى.ئۇ بىزگە ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىللار ئىلگىرى بىر مۇنچە شەھەر خارابىلىرىنى كۆرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئۆيلەر ۋە بۇتخانىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى. بىزقىزىقىپ دەرھال ئۆردەكنىڭ ئارقىسىدىن ئاتلاندۇق، لېكىن شۇنچە ئىزدەپمۇ ھېلىقى نامەلۇم شەھەر خارابىسىنى  تاپالمىدۇق.ئۆردەك يەنە نۇرغۇن خارابىلەرنىڭ بارلىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى-يۇ، ئەمما زادى قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۆزىمۇ دەپ بېرەلمەيتتى. بىز شۇ چاغدىلا ئۆردەكنىڭ روھ ىكەيپىياتىنىڭ بىر خىل خاتا تۇيغۇ ۋە بىنورماللىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئۆردەك راستىنلا قېرىغانىدى! ئۇنىڭ 1900-يىلىدىكى جاسارىتى ۋە ھۆكۈم ئىقتىدارىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. خاتىرىسى خېلىلا چېكىنگەن بولۇپ، خىيالىي تۇيغۇبىلەن رىياللىقنى ئارلاشتۇرۋېتىدىغان بولۇپ قالغانىدى.


مەن شۇنداق قىلىپ ئۆردەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم خوشلاشتىم، شۇندىن باشلاپ ئۇنى قايتا كۆرمىدىم.كېيىن بېگماندىن ئاڭلىسام ئۇنىڭ كېيىنكى كۈنلىرى تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولۇپتۇ. مەن ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىدىن ئايرىلىپ ئۈرۈمچىگە كەتكەندە ئۆردەكمۇ ئەتىرەتتىن ئايرىلىپتۇ.





ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئېكىسپىدىتسىيە سەپىرىدە سېۋىن ھېدىن ئارخىلوگ بېرگمان بىلەن بىللە


بىر كۈنى ئۇ تىكەنلىكتىكى بىر بەگنىڭ ئۆيىگەبېرىپ ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە ئۇن-گۈرۈچ لازىملىقىنى، پۇلنى كېيىن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. بەگ ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىپ بىر مۇنچە ئۇن-گۈرۈچ بېرىپتۇ.لېكىن ئۆردەك بۇ نەرسىلەرنى ئېكىسپىدىتسىيە ئەتىرىتىگە بەرمەي ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپتۇ. كېيىن بۇ ئىش ئاشكارلانغاندىن كېيىن، ھېلىقى بەگ قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۆردەكنى قولغا ئالغۇزىۋېتىپتۇ.


بىچارە ئۆردەك!ئەسلىدە مەن ئۇنىڭ بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشمىگەن بولسام ياخشى بولاركەن. چۈنكى،ئۇنىڭ بۇ قېتىم ماڭا بەرگەن تەسىراتى بۇرۇنقىغا زادىلا ئوخشىمىدى، بۇنى پەقەت بىزنىڭ دوستلىقىمىز جەريانىدىكى كىچىككىنە بىر كېلىشمەسلىك دېيىشكىلا بولاتتى،خالاس! مەن مۇشۇ ئىش تۈپەيلى 1900-يىلىدىكى تەكلىماندا ئۆردەكنىڭ ماڭا قالدۇرغان گۈزەل خاتىرلىرىنى ھەرگىز، ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ كېتىشنى خالىمايمەن....!" (10)








قۇرۇق دەريانى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاتلانغان كارۋان


6



شۇندىن بۇيان سىرلىق لوپنۇر ۋادىسىغا ئەجنەبىي تەۋەككۈلچىلەر قايتا كەلمىدى، بىر مەھەل قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تارىم ئويمانلىقى ئېكىسپىدىتسىيەقىزغىنلىقى ئاخىرلاشتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ رايۇنىنىڭن تېنچسىز سىياسىي ۋەزىيىتىمۇ بۇ دولقۇننى توسۇپ قويدى.


لوپنۇر كۆلى ھەققىدىكى بەس –مۇنازىرىلەر شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. لوپنۇرلۇقلارمۇ ئانا كۆلنىڭ تەدىرىجىي قۇرۇپ كېتىشىگە ئەگىشىپ تارىم ۋە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى تەرەپلەرگە كۆچۈپ كېتىشتى ۋە تېرىم ئىگىلىكىنىڭ قوينىغا سىڭىپ كەتتى.


ئەمدىلىكتەلوپنۇر كۆلى ۋە بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن قەدىمكى لوپنۇرلۇقلار رىۋايەتكە ئايلاندى.ئابدال، قاراقۇرچىن قاتارلىق سىرلىق كەنتلەر، قۇمۇش ساتمىلار، دىماغقا گۈپۈلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان بېلىق پۇراقلىرى ھەم رىۋايەتكە ئايلاندى. كۈنچىققانبەگ،توختىئاخۇن ۋە ئۆردەك قاتارلىق ۋۇجۇدى تارىم ئويمانلىقىنىڭ يىراق ئۆتمۈشىگەتۇتىشىپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى لوپنۇرلۇقلارمۇ رىۋايەتكە ئايلاندى....





3-نۇمۇرلۇق قەبرىستانلىق ئەتىراپىغا توپلانغان لوپنۇرلۇق قېيىقچىلار


لوپنۇر كۆلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرىقى بۇرجىكىدىكى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بۇ يەردىكى ئىنسانلارنى چۆچۈتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنداق پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان چارە-تەدبىرلەر ئۇزاققىچە ئەمەلىيلەشمىدى. تارىمدەرياسىنى بويلاپ، ھەسسىلەپ ئۆزلەشتۈرۋالغان بوز يەرلەر بۇ ئەزىم دەريانىڭ ئەسىرلەر بويى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تىنىقىنى بارغانسىرى سۇسلاشتۇرۇپ باردى. ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمى لوپنۇر كۆلى تۇرماق، كېيىن بىنا بولغان تىكەنلىك يېزىسىنىڭ نېرىقى يېقىغىچىمۇ يېتىپ بارالمايدىغان بولدى. يەر ئىسلاھاتى، چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش، بوزئېچىش دولقۇنلىرى داۋامىدا، تارىم دەرياسىنىڭ لوپنۇرغىچە ئېقىپ بارىدىغان بۆلىكى ۋە مۇشۇ ئەتىراپتىكى پايانسىز توغراقلىق ئاستا-ئاستا ۋەيران بولدى. قۇم بورانلىرى يىلدىن-يىلغا كۈچىيىپ بوستانلىقلارغا بېسىپ كىردى ۋە كىشىلەرنى بارغانسىرى ئويمانلىقنىڭ گىرۋىكىگە سۈرۈلۈشكە مەجبۇر قىلدى. 80- يىللاردىن بۇيانقى ئىسلاھاتۋە ئېچىۋېتىش دولقۇنلىرى بۇ يەرگە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ مۇرەسسەسىزئېقىمىنى ئېلىپ كىردى. لوپنۇرلۇقلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئەسىرلەر بويى تارقىلىپ كەلگەن بېلىق پۇرىقىنى ئۇنتۇپ كېتىشكە كۆزى قىيمىغان ھالدا، ئۆز ئۆتمۈشىگە ئەلۋىدا دېيىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمدى ئۇلار لوپنۇر كۆلى ئۈستىدە ئۆتكۈزگەن تەبىئىي ھاياتىنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدۇ، قۇمۇش ساتمىلاردا چۈشىگەن كروران چۈشىنى مەڭگۈئەسلىيەلمەيدۇ. خۇددى سېۋىن ھېدىن لوپنۇردىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە يازغان خاتىرسىدە يازغىنىدەك: " ئەمدى بۇ يەردە كارۋانلار قايتا كۆرۈنمەيدۇ، قاتارتىزىلىپ بارخانلار ئۈستىدە ماڭىدىغان تۆگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرىمۇياڭرىمايدۇ. پوچتا ھارۋىلىرى بىلەن ئاتلىق يولۇچىلارنىڭ ئاياغ تېۋىشلىرىمۇئاڭلانمايدۇ. ئىلگىركى ھەممە كۆرۈنۈشلەر بىر-بىرلەپ غايىب بولىدۇ. شۇنداق ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سۈر-ھەيۋىسى بىلەن ماشىنا، تېخنىكىلىرىنىڭ سۈرەن- چۇۋقانلىرى يېقىن كەلگۈسىدە بۇ يەردە تارىخنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە شېئىرىي تۇيغۇنى كەلمەسكە ئېلىپ كېتىدۇ!... (11)






لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئاددىي قۇمۇش ساتما ئۆيلىرى


مانا بۇ لوپنۇركۆلىنىڭ سىرلىق تەزكىرىسى، لوپنۇرلۇقلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ كەتكەن ھېكايىسى، كۆچمەكۆلنىڭ رىۋايىتى... بۈگۈنكى ۋە كەلگۈسىدىكى تارىملىقلار مانا مۇشۇ كۆزنەكتىن ئۆزىنى تونۇيدۇ ھەمدە كېلەچەكنىڭ شولىسىنى كۆرىدۇ!








چەرچەن دەرياسىدىكى تەكشۈرۈش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش


ئىزاھاتلار



(1) (2) (3)نېكولاي پىرژىۋالىسكى:" لوپنۇرغا سەپەر"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل خەنزۇچە نەشرى، 160-، 116-، 118-، 119-بەتلەر.


(4) گابرېل بونۋالوت: (فىرانسىيە)، "ئادەمسىز جەزىرىنى كېسىپ ئۆتۈش"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىلى خەنزۇچە نەشرى. 99-،100-بەتلەر.


(5) (6) (7) (8)نېكولاي پىرژىۋالىسكى، يۇقىرىقى ئەسەر 123-، 262-، 263-، 284-، 132-، 145-، 137-،138-بەتلەر.


(9) (10) (11)سېۋىن ھېدىن: "كۆچمە كۆل"، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000-يىل خەنزۇچەنەشرى، 17-، 20-،52-، 54-، 122- بەتلەر.



مەنبە:"مىراس"ژورنىلى 2001يىلى 6-سان


سۈرەتلەرنىڭ مەنبەسى: پىرژىۋالىسكىنىڭ "لوپنۇرغا سەپەر"، سېۋىن ھېدىننىڭ "كۆچمە كۆل" ناملىق كىتابلىرى


تورغا يوللىغۇچى: لوپنۇرى


يازمىنىڭ توردىكى مەنبەسى: لوپنۇرى تور خاتىرسى


25.jpg


«ئايدا بىر دانا» 1-سان



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر ساھە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداش دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، سىلەرگە ئېھتىرام بولسۇن!

   ئۆتكەن ئايدا مەن «مۇنبەر پۇلى لازىم»  ناملىق بىر تېمىنى يوللاپ، مۇنبەرداشلارغا پات يېقىندا ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكەزمەكچى بولغانلىقىمنى ھەمدە مۇكاپات ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇنبەر پۇلۇمنىڭ ئاز بوپ قېلىشى سەۋەبلىك ھەرقايسىڭلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەمدە بۇلىشىڭلارنى چاقىرىق قىلغان ئىدىم. ئاللاھقا شۈكرى نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىم مېنى قوللىدى ۋە كۆڭۈللىرىدىكىنى ئىپادىلىدى، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە مېنى قوللىغان ھەربىر مۇنبەردېشىمغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

ھەممىڭلارغا ئايان خوتەن ۋىلايىتى ئىچىدە بىر مەزگىل تور ئۈزۈلۈپ قالغاچ پائالىيەت ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلەلمەي قالدى. ھەرقايسىڭلاردىن بۇ سەۋەبلىكمۇ كەچۈرۈم سورايمەن.

   ئەمدى پائالىيەت مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان سوئال جەمئىي 10 سوئال بولىدۇ.

   پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ماھىرلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (مۇكاپات سوممىسى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ 5000، 3000، 1500 مۇنبەر پۇلى بىلەن بولىدۇ. ھەمدە بىرىنچى بولغان ماھىر «ئايدا بىردانا» مۇنبەر مېدالىغا ئېرىشىدۇ.

پۇرسەت ھەممىمىزگەبار! قېنى كىم ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟  قېنى مەرھەمەت...


«ئايدا بىر دانا»


1-سۇئال: مۇنبەرداشلارغا ئۆزىڭىز خالاپ مەنىلىك يۇمۇر (لەتىپە، خەلىق چاقچىقى، قەشقەر پارىڭى) دىن بىرنى ئېيتىپ بېرىڭ.

2-سۇئال: دۆلىتىمىزدە 1949-يىلدىن 1959-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يۈزبەرگەن مۇھىم ۋەقە (ئىش) لاردىن تۆتنى ئېيتىپ بېرىڭ.

3-سۇئال: ئامېركا كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش» تىكى ئارتېسلاردىن شۇ فىلىمدىكى ئىسمى بۇيىچە 7 ئاساسلىق رولچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىڭ. (مىسال:غەرىبكە ساياھەت دېيىلسە. سۇنۋۇكۇڭ، تاڭسېڭ، جۇباجىيې، شاسېڭ دېگەندەك)

4-سۇئال:مەشھۇر پەيلاسوپ جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۈچ كەلىمە ئېيتىپ بېرىڭ.

5-سۇئال: پەيغەمبىرىمىز (مۇھەممەد س ئە ۋ) مىلادىيە يىلنامىسى بۇيىچە ھېسابلىغاندا قانچىنجى يىلى قانچىنجى ئاينىڭ قانچىنجى كۈنى دۇنياغا كەلگەن؟

6-سۇئال: ھىجرىيە 3-ئەسىردە «كۇتۇپۇس سىتتە» (يەنى ئالتە چوڭ) كىتابنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ھەدىسشۇناسلىق ئالتۇن دەۋىرگە قەدەم قويدى. ئۇنداقتا سىز بۇ ئالتە چوڭ كىتابنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرىڭ.

7-سۇئال: نىمە ئۈچۈن ئادەملەر (باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ) ئاچچىقى كەپ قالسا بارغانچە يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەيدۇ.

8-سۇئال: «ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگۈنىۋېرىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ»  بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى كىم ئېيتقان؟

9-سۇئال: مۇسابىقىدە ئىشلىتىلىدىغان پۇتبول بىلەن ئۆسمۈرلەر ، بالىلار ئوينايدىغان پۇتبولنىڭ چەمبەرئايلانمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانچە بۇلىدۇ؟

10-سۇئال: گۈزەل دۆلەت كانادانىڭ پايتەختى قەيەر؟ كانادانىڭ قايسى ئۆلكىسىگە جايلاشقان؟


يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ


«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.

ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.



جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!

قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!


جاۋاب بېرىش ۋاقتى: 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى 2-سان مۇسابىقىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋەمۇكاپات تارقىتىلىدۇ.

2013- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ (شەھىرى خوتەن)


«ئايدا بىر دانا» 2سان

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر ساھە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداش دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، سىلەرگە ئېھتىرام بولسۇن!
  
ئۆتكەن ئايدا كۆپچىلىك بىلەن بىرگە «ئايدابىر دانا»پائالىيىتىمىزنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالغان ئىدۇق. ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بۈگۈن بۇ مۇسابىقىمىزنىڭ 2-سانى دىققىتىڭلاردا بولغۇسى!ئالدى بىلەن ئۆتكەن ئايدىكى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچەلەرنى ئېلان  قىلىۋېتەي:
  بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:ئاي كەبى ،تىزىم نۇمۇرى-76670،توغرا جاۋاب-(9)دانە.
ئىككىنجى  دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:فەتھۇللاھ،تىزىم نۇمۇرى-95726،توغرا جاۋاب-(8)دانە.
ئىككىنجى  دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:ئۇيول،تىزىم نۇمۇرى-76363،توغرا جاۋاب-(8)دانە.
ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن توردىشىمىز:ئېلزات1119،تىزىم نۇمۇرى-96181،توغرا جاۋاب-(7)دانە.
رىغبەتلەندۈرىش مۇكاپاتىغا
ئېرىشكەن توردىشىمىز:ئائىشە326،تىزىم نۇمۇرى-79492،توغرا جاۋاب-(6)دانە.
  

   ئەمدى پائالىيەت مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان سوئال جەمئىي 10 سوئال بولىدۇ.

   پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ماھىرلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (مۇكاپات سوممىسى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ 5000، 3000، 1500 مۇنبەر پۇلى بىلەن بولىدۇ. ھەمدە بىرىنچى بولغان ماھىر «ئايدا بىردانا» مۇنبەر مېدالىغا ئېرىشىدۇ.

پۇرسەت ھەممىمىزگەبار! قېنى كىم ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟  قېنى مەرھەمەت...


                        «ئايدا بىر دانا»


1-سۇئال: مۇنبەرداشلارغا ئۆزىڭىز خالاپ ھەزىل سۇئالدىن بىرنى تاشلاڭ ھەمدە جاۋابىنى قۇشۇپ قۇيۇڭ.

2-سۇئال:ئادەم بەدىنىنىڭ باش قىسمىدىكى ئەزالاردىن 7ئەزانىڭ نامىنى  ئېيتىپ بېرىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولىنى سۆزلەپ بېرىڭ.
3-سۇئال:رەڭنى بىلدۈرىدىغان سۈپەتتىن 15نى ئېيتىپ بېرىڭ.(مىسال:ئاق،قىزىل دېگەندەك.بىراق،سۇس،قىزغۇچ دېگەندەك سۆزلەرنى  قۇشۇپ يېڭى رەڭ (سۈپەت)ياساشقا بولمايدۇ! قىزغۇچ،سۇس سېرىق دېگەندەك).
4-سۇئال:ئۇيغۇر تىلىمىزدا سۆز تۈركۈملىرى قانچىگە بۆلىنىدۇ؟ئۇلار قايسلار؟ھەر بىرىگە بىردىن سۆزنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىڭ.
5-سۇئال:پولونىڭ تۈرى كۆپ.ئۇنداقتا سىز قوناق پولوسىنى تەييارلاشتا  كىتىدىغان ئاساسلىق خۇرۇچلارنى دەپ بېرىڭ ھەمدە قوناق پولوسىنىڭ شىپالىق رولىنى سۆزلەپ بېقىڭ.
6-سۇئال:تىلىمىزغا چەتتىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەردىن 5نى مىسال قىلىپ كۆرسىتىڭ ھەمدە ئۆزىڭىز خالاپ يېڭىدىن ئۇيغۇرچە نام بېرىپ بېقىڭ.(مىسال:كومپىيۇتېر دېگەن ئاتالغۇنى ئۇيغۇرچە كەمپۈتەر دېگەندەك)
7-سۇئال:ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرىدىن 2پارچە ئېيتىپ بېرىڭ.
8-سۇئال:يامغۇر قانداق شەكىللىنىدۇ؟
9-سۇئال:ئۆمەر ئىبنى خەتتاب(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)توغرۇلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېقىڭ.
10-سۇئال:يالغانچىلىقنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىستىن 4نى مىسال قىلىپ كەلتۈرۈڭ.

ئالدىنقى ساندا بارلىق ماھىرلار 8-سۇئالغا جاۋاب بېرەلمىگەن.تۆۋەندە بۇ سۇئالنىڭ جاۋابى ئاشكارلىنىدۇ.8-سۇئال: «ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگۈنىۋېرىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ»  بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى كىم ئېيتقان؟(توغرا جاۋابى:ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)

يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ


«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.

ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.


جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!

قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!


يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ


«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.

ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.


جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!

قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!


جاۋاب بېرىش ۋاقتى: 2013- يىلى8- ئاينىڭ21- كۈنى باشلىنىپ، 9- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى3-سان مۇسابىقىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋەمۇكاپات تارقىتىلىدۇ.

2013- يىلى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ (خوتەن شەھىرى )

باشقۇرغۇچىلار ئېغىر ئالماي بۇ سان مۇسابىقىنىمۇ ئالدىنقى سانغا ئوخشاش ئىنكاسنى يۇشۇرۇن قىلىپ تەڭشەپ  قويساڭلارھەمدە تەۋسىيەلەپ قويساڭلار،تېمام 2كۈندەئۆچۈرۈلمىسىكەن دېگەن ئۈمۈدتەمەن!


تۇنجى ساننى بۇ ئادرېستىن كۆرۈڭ:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-108560-1-1.html


527.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-31 06:17 PM  


24.jpg
23.jpg
22.jpg
ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
subihan + 500
شاتيار + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
WiJD@N + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
larzan + 500 ماختاشقا تېگىشلىك
guzal~yurtum + 50 بەك ئىسىل ئىكەن.3-بەتك.
hokumran + 500 ئەجرىڭىزگە بارىكاللا!.
zulayha + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 2750   باھا خاتىرىسى

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32191
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 09:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلىنىڭ ئايمۇ ئاي چىقىپ تۇ ردىغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم.چۈنكى بۇ ژورنال مىسرانىم مۇنبىرنىڭ  ئىناۋىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

ئۇيغۇر ئوغلىغا كۆپ رەھمەت.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1068
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14065
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 519 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 09:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ئەجىر قىپسىز ،ئاشۇ قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 09:12:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز تۇللۇقنىڭ ئوقۇغۇچىسىكەنسز . تېمىنى ياخشى يوللاپسىز . لىكىن مىنىڭ تەكلىپىم سىز بۇ ئىش بىلەن ئاز ھەپىلىشىپ كىتاپ كۈرۈڭ . سىزگە نىسپەتەن بۇ ئىشلارنى قىلىش ۋاقىت ئىسراپچىلىقى .

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:01:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
rahmansaykin يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 09:12 PM
سىز تۇللۇقنىڭ ئوقۇغۇچىسىكەنسز . تېمىنى ياخشى يوللاپسى ...

رەھمەت ئاكا. ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە. مانا مىسرارنىم مۇنبىرىگە كىرگىنىمگە 1 يېرىم يىل بولۇپ قالدى. مۇنبەر مېنىڭ ئايرىلماس ئۈيۈم،سىلەر مېنىڭ قېرىنداشلىرىم ئىدىڭلار. لېكىن ھازىر مەن تۇلۇق ئېككىگە چىقتىم. يەنە 2 يىل قالدى. ئەمدى مۇنبەرگە كېرەلمەسلىكىم مۇمكىن. بۈگۈن دەم ئېلىش بولغاچقا ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ بۇ تېمىنى يوللاپ قويدۇم. بەلكىم بۇ مەن يوللىغان ئاخىرقى تېما بولىشى مۇمكىن.

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:05:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 09:06 PM
مىسرانىم مۇنبەر ژورنىلىنىڭ ئايمۇ ئاي چىقىپ تۇ ردىغانل ...

رەھمەت مەخەتجان مۇئەللىم. مۇنبەردە سىزدەك زېھنى ئۆتكۈر مائارىپچىللىرىنىڭ بولغىنى بىزنىڭ بەختىمىز، ئوقۇتقۇچى نېمىلا قىلمىسا ئادەم تەربىلەيدۇ. ئۇنىڭدا ئاڭ،ئىدىيە،بىلىم بولىدۇ. مەن تېخى كىچىك شۇڭا سىلەردەك چوڭلارنىڭ تەلىمىگە ھەرۋاقىت مۇھتاج بولىمەن.
مانا بۇ يىل مەن تۇلۇق 2 گە چىقتىم. قاتتىق ئۈگۈندىغان ۋاقتىم. شۇڭا ئەمدى مۇنبەرگە كېرەلمەيمەن. بۇ مەن يوللىغان ئاخىرقى تېما بوپ قېلىشى مۇمكىن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86577
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1584
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1406 سائەت
تىزىم: 2012-10-29
ئاخىرقى: 2015-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ  نىمداق  جىق بۈگۈن ئوقۇپ تۈگىمەيدىغان ئوخشايمەن.

قوچقارنىڭ  كەينىگە يانغىنى  ئۇنىڭ  قورققىنى  ئەمەس  -  ئەلتېكىن

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4226
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20145
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1663 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:06:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Rujak يوللىغان ۋاقتى  2013-8-31 09:12 PM
بەك ئەجىر قىپسىز ،ئاشۇ قوللىرىڭىزغا دەت كەلمىسۇن،

ئۇنداق دېمەك، بۇ پەقەت مېنىڭ قىزىقىشىم

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94193
يازما سانى: 334
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2001
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 410 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:13:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ، ئەجىرىڭىزگە رەخمەت .

ئى ئاللا ،دۇشمىنىمنىڭ قەسلىرىدىن ئادەملەرنىڭ پەسلىرىدىن يىراق قىلغايسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94844
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 287
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2013-4-14
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-31 10:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ئىنىم ......
مەنچە چىقمايمەن دېمەڭ ... چىقىڭ ،،،،   پىلان  تۇزۇپ ،ھەممە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەپتىسىگە بىرە قېتىم چىقىڭ .....

ئالىمنىڭ بۇزۇلغىنى ئالەمنىڭ بۇزۇلغىنى!
ئۆزۈڭنىڭ بۈزۇلغىنى خەلقىڭنىڭ بۇزۇلغىنى!
مەن دېگەندەك ياخشى ئەر بولاممىساممۇ يامان ئەمەس!
يامان ھەركىمنى كۆرسە ياخشى دىمەس!

بارچە بۇغداي بىز سامان!
بارچە ياخشى بىز يامان!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش