|
|
|
|
يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15-ئىيون چۈشتىن كىيىن شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى كۈتۈپخانىسى ئىلمي دوكلات زالىدا شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ <<مۇئەللىم>> ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن <<يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى مەملىكەتلىك ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى>> داغدۇغىلىق ھالدا ئېچىلدى. يىغىنغا رەھبەرلەر، مۇتەخەسىس-ئالىملاردىن باشقا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن، پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن ئوقۇتقۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار، ئاخبارات-نەشىرىيات ساھەسىدىكى رەھبەرلەر ۋە خىزمەتچى-خادىملار، ئاپتونوم رايونىمزدىكى مىللىي كارخانىلارنىڭ مەسئوللىرى، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دوكتۇر ۋە ماگىستىر-ئاسپىرانتلىرى، تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ <<مۇئەللىم>> شىركىتىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى شەھەر-ناھىيىلىرىدىكى خىزمەتچىلىرى بولۇپ جەمئىي 350 كە يىقىن ئادەم قاتناشتى.
تور ئاخبارات تاراتقۇلىرى مەخسۇس زىيارەت فىلىمى
بۇ قېتىمقى يىغىن يېڭى ئەسىردىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتىشىنى مەركەز قىلغان ، بىر قاتار ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ئىلمى ھالدا ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، <<تۈركىي تىللار دىۋانى>> دىكى سوزۇق تاۋۇشلار، بالىلارنىڭ تىل ئۆزلەشتۇرۈشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەجبۇريىتى، تىل پوزىتسىيەسى ۋە ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىندى ۋە يىغىندا يەنە شىنجاڭ <<مۇئەللىم>> ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئەخمەتجان نورۇز مىللىي تىل-يېزىقتىكى ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدە نوقتىلىق توختىلىپ ئۆتتى.
يىغىندىكى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يەنە بىر ئىش بۇقېتىمقى يىغىننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زور كۈچ بىلەن قوللىغان شىنجاڭ <<مۇئەللىم>> ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا شىركىتىدىكى ئىلىمسۆيەر ياشلار بۇ يىغىنىنىڭ يارقىن نوختىسى سۈپىتىدە تىلشۇناسلىق ساھەسىدىكى تۇنجى ۋە بىردىنبىر مۇكاپات- <<مۇئەللىم>> تىلشۇناسلىق مۇكاپاتىنى تەسىس قىلغانلىقى بولدى. بۇ مۇكاپات ئازاتلىقتىن بۇيان ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشى ساھەسىدە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات قوشۇنىنى تەشكىللەش، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش جەھەتلەردە يۈرەك-قېنىنى سەرپ ئەتكەن، مىننەتسىز بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان تىلشۇناسلارنىڭ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ۋە ياش تىلشۇناسلارغا ئىلھام بېرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
يىغىن ئاخىرىدا يىغىن ئىلمى ھەيئىتى ۋە شىركەت مەسئوللىرى بىرلىكتە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا كۆرىنەرلىك تۆھپە قوشقان تىلشۇناسلارنىڭ ئەمگەكلىرىنى سېلىشتۇرتۇش ئارقىلىق تاللاپ چىققان مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار، نەسرۇللا يولبۇلدى، چېن زوڭجېن، رازاق مەتنىياز، مۇھەببەت قاسىم، مۇھەممەترېھىم سايىت، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانى، لىتىپ توختى، جاۋ مىڭمىڭ،ئارسلان ئابدۇللا قاتارلىق 11 نەپەر تىلشۇناسقا <<مۇئەللىم>> تىلشۇناسلىق مۇكاپاتى تارقىتىلدى.
|
|
|
|
|
|