|
|
|
|
ھىجرىيە 1434- يىلى شەبان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى دۈشەنبە مەككە مۇكەررەمە مەسجىدى ھەرەمنىڭ ئىچىدىكى، دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قىبلىسى مۇقەددەس كەبە شېرىف گۈل سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان زەمزەم سۈيى بىلەن يۇيۇلدى. كەبە شېرىفنى ئەسلىدە پادىشاھ ئۆزقولى بىلەن يۇيىدۇ. بۇ قېتىم پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ چەتئەلدە بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەككە مۇكەررەمە رايون باشلىقى شاھزادە خالىد ئىبنى فەيسەل پادىشاھنىڭ ئورنىدا كەبىنى يۇدى.
بۇقېتىمقى كەبىنى يۇيۇش مۇراسىمىغا ،مىسىر ئەرەپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانداتۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بىلەن كونسۇلۇ ئىشتىراك قىلدى. مۇقەددەس كەبە شېرىفنى يۇيۇش مۇراسىمىغا ئىككى ھەرەم ۋە مۇقەددەس جايلار رەئىسى ،دوكتۇر ئابدۇرراھمان سۇدەيس،مەككە مۇكەررەمە شەھەر باشلىقى دوكتۇر ئۇسامە بار ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار بىلەن كاتتا ئۆلىمالار قاتناشتى.
شاھزادە فەيسەل ئالدى بىلەن ئىككى رەكئەت نامازئوقۇدى، ئاندىن كەبىنى تاۋاپ قىلدى. كېيىن كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكى ئېچىلدى. ئۇيەردە مەۋجۇد بولغان مۇسۇلمانلار كەبىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن تەڭ «ئاللاھۇئەكبەر، ئاللاھۇ ئاكبەر» دەپ تەكبىر ساداسىنى ياڭراتتى.
مۇقەددەس كەبىنى يۇيۇش مۇراسىمى ئىككى رەكئەت ناماز بىلەن باشلايدۇ، كەبىنى يۇيۇدىغان ھەيئەت كەبىنىڭ ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدۇ، ئاندىن ئاق رەخنى گۈل سۈيى ئارىلاشتۇرۇلغان زەمزەم سۈيىگە چىلاپ كەبىنىڭ تاملىرىنى ۋە يەرنىپۈتۈنلەي يۇيىدۇ. ئاندىن يەنە يېڭى ئاق رەخ بىلەن تام بىلەن يەر باشتىن ئاخىرئېيتىپ قۇرۇتۇلىدۇ. ئاندىن خالىس گۈلدىن چىقىرىلغان مەخسۇس ئەتىر چېچىلىدۇ ۋەئەنبەردىن ئىسرىق سېلىنىدۇ.
مۇقەددەسكەبىنى يۇيۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى. رەسۇلۇللاھسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە پەتھى قىلىنغان كۈنى كەبىنىڭ ئىچىنى مۇبارەك قولى بىلەن يۇيۇپ پاكلىغان. شۇنىڭدىن بېرى مۇسۇلمان باشلىقلار ھەر يىلى كەبىنى
ئىككى قېتىپ يۇيۇپ چېقىدۇ. بىرى شەبان ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنە بىر ھەج ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنى. ئاللاھ كەبىنى ئەزىز قىلسۇن ۋە ئۇ كەبىگە يۈزلەنگەن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلسۇن. كاپىرلارنى خار قىلسۇن. ئامين!
http://merifet1.com/read.php?tid=7359&u=9219
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-2 11:11 PM
|
|
|
|
|
|