مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 38876|ئىنكاس: 206

قارا كۆز (ھىكايە)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 824
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 07:52:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
         psb (1).jpg



                                               قارا كۆز (ھىكايە )
  مەن قارا كۆز ،ئەقلىمنى بىلسەم مىنى ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق دەپ ئاتايدىكەن ،شۇنداق ئۇلۇغ ئاللاھ ماڭا شۇنداق چىرايلىق بىر جۈپ قارا كۆز ئاتا قىلغان ،بۇ ئۆمرۈمدىكى بىردىنبىر ئارزۇيۇم ھەم شۇ بىر جۈپ قارا كۆزۈم بىلەن ماڭا ئاسىي بولمىغان ،ماڭا ھەقىقى موھەببەت بىلەن قارىغان مەن ھەم مىنى سۆيگەن كىشلەرنىلا كۆرسەم دەيمەن ،،،
مەن سۆيدىغان ،رىئاللقتا ئەمەس چۈشۈمدىلا كۆردىغان مەن ئاشىق بىر جۈپ چىرايلىق كۆز ،ئەنە ئۇ يەردە مېنى يېنىغا بىرشىمنى چاقىرۋاتىدۇ ،ئۇنىڭغا يىقىن كەلدىم ،،ياق ،،بايىقى چەكسىز مۇھەبەتكە تولغان بىر جۈپ قارا كۆزگە نەپرەتلىك ياش تولدى ...
-سىز كىم ،،نىمىشقا مېنى دائىم يىنىڭىزغا چاقىرسىز ،
-نەرگىز ،،سەن مېنىڭ ...
-ئەمسە بۇ ياشلار ...
ئۇ يىراقلاپ كەتتى ،،،،،،
-ھەدە ،كۆزۈڭنى ئاچە ..سىنى يەنە قارا بىسىپ قاپتۇ ،،،
ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرۋاتقىنىمغا خىلى ۋاقىت بولدى ،دائىم چۈشۈمگە كىردىغان ئۇ بىر جۈپ كۆزنىڭ ئىگىسى زادى كىمدۇ ؟؟؟
كۈن چقىپ كىتىپتۇ ،،،ۋايجان تايىنىلىق مىنى يەنە نۇرغۇن ئىش كۈتۈپ تۇردۇ ،،،
-بەك ئۇخلايسەن ھە ..قوپە ،ئاپام سىنى تاللا بازىرغا بىرىپ نەرسە كىرەك سىتۋىلىپ كەلسۇن دەپ چىقىپ كەتتى ..سىڭلىمنىڭ بۇ گىپى نىرۋامغا چىقتى ،،،
-ساڭا چىچەك چىقىپ قاپتىما سەن بارساڭ نىمە بولدىكەن ..
-ۋىيى ،مەن يا ماشىنا ھەيدىيەلمىسەم ،مەن ئۆي تازىلايمەن خىنىم مەنمۇ بىكا قالمايمەن ،،
ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇق گەپ تالاشقۇم كەلمىدى ،،بوپتۇلا خەپ ئەرگىمۇ تېگىپ چىقىپ كىتەرمەن ،،لىكىن قىنى شۇ تىگىدىغان ئەر ،،،ھەي بويتاقچىلىق ...
چىيىمنى ئالدىراپ ئىچتىمدە ۋالىدەمنىڭ بۇيرۇقلىرنى بىجا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماشىننى ھەيدەپ ماڭدىم ..
ئۇھ،،ئۈرۈمچىدە دەم ئىلىش كۈندە ماشىنا بىلەن سىرىتقا چىقىپ نەرسە كىرەك سىتۋىلىش ھەرەمگە بىرىشتىنمۇ تەس ،،يول توسىلىپ قالدى ..ئالدىمدىكى ماشىنىلار ھىچ بىر قوزغىلدىغاندەك ئەمەس ،،ئۈندىدارنى ئاچتىم دوسلار چەمبىركىدە ھىچ بىر يېڭىلىق يوق ،،ئىچىم پۇشتى ،،ۋايجان بىردەم ناخشا قوياپ ئۇسسۇل ئوينايچۇ ،،
قول دىگەننى كۆتۈرۈپ تازا ئويناۋاتاتتىم ..مىڭەمدە چاقماق چاققاندەك بولدى ،،
ئۇلۇغ خۇدا ئالدىدىكى ئىككى ئەينەكنى كۆتۈرۋىتىشنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم ..ئوڭ تەرەپكە ئاستا قارىدىم ئۇھ...ھىچكىم يوق ،ئەمما مەن ئولتۇرغان تەرەپ ،،
-يائاللا ،يىنىمدىكى ماشىندا شۇنداق كىلىشكەن تۆت بالا ماڭا قاراپ كۈلۈپ بىر قىسم بوپ قالاي دەپ قاپتۇ ..
ھاۋادا لەيلاۋاتقان قولۇمنى ئاران تەسلىكتە يىغىشتۇرۇپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم ..
چەكسىز شۈكرى ئاللاھىم يول ئىچىلدى ،،ئوتتا ئولتۇرغاندەك مەن يولۇمنى داۋام قىلدىم
-ھەي ،قاراكۆز ،مۇشۇنداق سەتچىلىكلەرگە سەنلا قالەمسەن زادى ،،مۇشۇنداق ساراڭدەك قىلىقلارنى قىلىپ يۇرۈپ يەنە توي قىلغىدەك ھىچكىم يوق دەپ كىمدىن ئاغرىنسەن ،،يەنە خاتىرجەم 2يىل يۈرگىن ...
تاللا بازىرنىڭ ئالدىغا كەلدىم ،،ماشىنا توختاتقىدەك بىرە ئورۇن يوق ،،كۆزۈم چىقىپ كەتكەن بىر ماشىنىغا چۈشتى،،ئوقتەك ھەيدەپ ئۇتەرەپكە ماڭدىم ،ئالدى تەرەپتىن يەنە بىر ماشىنا شۇ ئورۇننى كۆزلەپ كىلۋاتاتتى ،،،بۇنداق يەرلەردە مەن قاراكۆز ھەرگىز بوش قويۋەتمەيمەن ئەلۋەتتە ...
لىكىن قارشى تەرەپ مەندىن چاققان چىقتى ،،ئەمما مەنمۇ بوش كەلمەي ماشىننڭ تۇمشىغنى ئۇ ئورۇنغا توغۇرلاپ ئۆزۈممۇ كىرەلمەي ئۇ ماشىننىمۇ كىرگۈزمەي تۇرۋالدىم ،،ئۇ ياق سىگنال بىرىۋەردى ،،سىزدە با لابا مەندىمۇ بار ،،مەنمۇ بەردىم ..تۇيۇقسىز ئۇ ماشىننىڭ ئىشىكى ئىچىلىپ ئىچىدىن بايامقى مېنىڭ ماشىندا ئۆتكۈزگەن سەنئەت كىچىلىكىمنى كۆرۈپ قالغان بالىلارنىڭ بىرسى ئىچىدىن چۈشتى ،،
-يائاللا،،ما ئىشنى كۆرەڭ ئەمدى ،،مانداق ئۇچرىشىپ قالىدىغان گەپ ،،
-توك توك ..تۇيۇقسىز دىرىزە چىكىلدى  ..شۇ بالا ئەينەكنى چۈشۈرۈشنى شەرەت قىلىپ تۇراتتى ،،
-نىمە بولدى ..دىدىممەن ،،
-سىز ئەجىبا مېنىڭ بالدۇر كەلگىنىمنى كۆرمىدىڭىزما ،،شۇنداقمىكىن دەي دىسەم شۇنداق چىرايلىق يوغان بىرجۈپ كۆزىڭىز باركەن ،،
-كۆردۈم ،ئەمما مەنمۇ سز بىلەن تەڭ كەلدىمدە ..
-سىز سەل غەلىتىمۇ قانداق ،،قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلۋاتىسىزغۇ ..
-ۋىيى نىمە يالغان گەپ قىلىپتىمەن ،،بۇ ئورۇن سىزگە بىرەسىدىن مىراس قالمىغان بولغىيتى ..
-ھا ھاھ ئۇنىڭ ئويۇن كۆرۈشكە چۈشكەن ئاغىنلىرى كۈلۈشكە باشلىدى ،،
-قاراڭ ،ئاللاھ سىزگە چىراينى ئايىماي بىرىپتىكەن ،ئەمما شۇ ،،
-ھە نىمە ،،نىمە دىمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى دىمەي قويۇڭ ھە ..
-ھوي ئۇرۇپ قويامسىز قانداق ،،،
-توۋۋا دەڭە شۇنداق ئاقكۆڭۈل قىز مەن ..ئەمما بەك ئالدىرايمەن ،..مۇشۇ تاپ ئاپام مىنى ساقلاپ ئولتۇردۇ ،،بۇ قىتم سىزگە لىيفىڭ روھىمنى قىلالمايمەن ..كەچۈرۈڭ ھە ،،شۇنداق دىدىمدە ماشىننى قوزغاتتم ..تەلىيىمگە يەنە بىر ماشىنا چىقىتى ...شۇنىڭ بىلەن قىينالمايلا ماشىنامنى توختىتىپ تاللا بازىرغا كىرىپ كەتتىىم ..
مۇشۇ ئاپام شۇنچىلىك جىق نەرسە بۇرۇيدىكىن ماڭا ھەرقىتىم تۇغۇلغىنىمغا پۇشايمان قىلدۇرۋىتىدۇ زادى ،،سىتۋالغان نەرسىلىرىمنى كۆتۈرەلمەي بەك تەستە ماشىنا تەرەپكە قاراپ كىتىپ بارمەن ...
-ئەكىلىڭ مەن كۆتۈرشۈپ بىرەي ،،
بىشىمنى كۆتۈرۈپ قارىسام بايىقى بالا ،،ئالدىمدا كۈلۈپ تۇراتتى ..
-بولدى رھمەت ..
ئۇ گىپىمگە قۇلاقمۇ سالماي قولۇمدىكى نەرسىلەرنى ئالدى ..
-تاس قاپسىز زادى كۆتۈرەلمەي ئۆردەكتەك ئىرغاڭشىپ قالغىلى ،،،
-شۇ بەك جىق نەرسە ،،،تۇيۇقسىز بۇ بالىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ،،بۇ بالا ھەقىقەتەن بەك قاملاشقان ئىدى ،،
بولۇپمۇ ئۇنىڭ شۇ بىر جۈپ كۆزى ،،تۇيۇقسىز دائىم چۈشۈمدە كۆردىغان شۇ بىرجۈپ كۆز ئىسىمگە كەلدى ،،يۈركىم قارتلا قىلىپ قالدى ،،توۋۋا دە نەرگىز ئۇنداق ئىشلار پەقەت كىنۇلاردا يۈز بىردۇ ،،
-ھەي دىققەت قىلىڭ ،،ئۇنىڭغا قاراشقىمۇ ئۈلگۈرمىدىم --توڭ قىلىپ بىر نەرسىگە ئۈسسىدىمكى كاللامدىن قۇشقاچ ئۇچۇپ چىقپ كەتتى ،،
-ھا ھاھ ھوي قىز بالا نىمە كۈپكۈندۈزە تۈرۈككە ئۈسسۈپ يۈرۈيسىز ،،
-كۈلمەڭە ..ھەجەپكەنسىز ،،نومۇس ھەم ئاغرىقتىن كۆزۈمدىن ياشلار سىرغىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،،
-ئاللا ،چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،،يىغلىماڭ بولدى ،،
يۈزۈمگە بىر قول تەگدى ،،
ئۇ قولى بىلەن يۈزۈمنى ئۆزىگە قاراتتى ،،
-يىغلىماڭ ،،بۇ چىرايلىق كۆزلىرىڭىز نەمدەلمىسۇن ،،مەن خالىمايمەن ،،بىلەمسىز ؟
ئۇنىڭ شۇ بىر جۈپ كۆزلىرگە ئاجايىپ چۈشنىپ بولغىلى  بولمايدىغان بىىر خىل ھىسيات يوشۇرۇلغان ئىدى ..
يۈركۈم تۇنجى قىتىم تاتلىق بىر سىزىمدىن بوش ئاغدى ،،
تۇيۇقسىز تىترىگەن تىلفۇنۇم مىنى بۇ ھىسلاردىن ئويغاتتى ..
ئاپام ئىكەن ،،تىلفۇننى ئالساملا قار -يامغۇر سۆزلەيدىغىنى ئېنىق ،،شۇنىڭ بىلەن بىسۋىتىپ ماشىنغا چىقتىم ..
-تىلفۇنىڭىزني ئىشلىتىۋالايمۇ ،،مېنىڭ توكى تۈگەپ تاقىىلىپ قاپتۇ ،،ئاغىنلىرىمنى تىپىۋالاي ،،
ئۇنىڭغا تىلفۇنۇمنى بەردىم ،،ئۇ بىر دوستىغا ئۇرۇپ كۆرشىدىغان يەرنى دىيىشۋالدى ،،،
-رەھمەت ،،ئىسمىڭز نىمە ،،
-نەرگىز ،،ئەمما مېنى ھەممىسى قارا كۆز دەيدۇ ،،
-بەك ماس كەپتۇ ،،بوپتۇ قارا كۆز .ئاللاھ خالىسا يەنە ئۇچرىشىپ قالىمىز ئىسمىم شاھزاد
ئۇ شۇنداق دىدە كىتىپ قالدى ..
بەلكىم بۇ ئۆمرۈمدە بۈگۈنكىدەك خىيالى يۈرۈپ باقمىغان بولسام كىرەك ،قۇلقۇم تۈۋىدە ئۇنىڭ ئاۋازى ،،كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ چىرايى ،،ئىغىر بېسىق ھالىتى ..
ئەجىبا موھەببەت دىگەن مۇشۇمىدۇ ،،نۇرغۇن كىشلەرنى بەخىت بۆشۈكىدە ئەللەيلەپ يەنە نۇرغۇن كىشلەرنى ھىجران كوچىسدا سەرسان قىلۋاتقان موھەببەت مۇشۇمىدۇ ،،،ياق ،،نىمە بولۋاتسەن قارا كۆز ،،سەن ئۇ بالىنى پەقەت بىر قىتىم كۆردۈڭ ،،بەلكىم ئۇنىڭ سەندەك موھەبىتى باردۇ ،،ساراڭ بولما ،،
-ھەدە ،،يانفۇنۇڭ سايراۋاتىدۇ ،،،
-ۋەي ..ئاداش نەدە سەن ،،،
-ھە ،،ئادىلە ..مەن ئۆيدە سەنچۇ ،،
-مەنمۇ ئۆيدە ..ئاداش ئەتە دەم ئىلىش كۈنىكەن باغچىغا بىرىپ كىلەيلى ،،
-ۋىيى ،دەم ئىلىش كۈنى دەپ كەتكۈدەك سەن بىلەن مەن دۆلەت خىزمەتچىسىمىدۇق ،،،ھىھى ،،
-يائاللا قارا كۆز ،،ساڭا گەپ قىلغىلى بولمايدۇ زادى ،،،بولدى ئەتە سىنى ئالغىلى بارمەن ،،كۈنچۈشكىچە ئۇخلىماي ئەتىگەن تۇر جۇمۇ ،،،
ئادىلە مېنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇم ئىدى ،،ئۇنىڭ بىلەن باغچىغا كەلدۇق ،،بۇ ئىككىمىز ئوخشاشلا ساراڭلاردىن ئىدۇق ..بىر بولدۇقمۇ پۈتۈن نەرسىنى ئۇنتۇپ كىتەتتۇق ..تۇيۇقسىز يانفۇنۇم سايرىدى ،،ناتۇنۇش نومۇر ،،
-ۋەي كىمۇ ،،،
-ھوي ..قارا كۆز ،،قايداراق دەيمەن ،،،
تونۇش ئاۋازدىن يۈركۈم تىپچەكلەپ كەتتى ،،،
-ياخشى ،سىز كىمۇ ،،قەستەن تونۇماسقا سىلۋالدىم ..
-ئاللا ،،مەن شاھزاد..نەدە سىز دەيمەن ،،،
-ھە ..ياخشىما ،،مەن شۇ باغچىدا دوستۇم بىلەن ئوينىغىلى كەلگەن ،،،
-يو،،مانداق دەڭ ،،ھە ياخشى بولاپتۇ ..ئەمسە ئويناۋەرىڭ خوش ..
ئۇنىڭ تىلفۇن قىلغىندىن شۇنداق خوش بولدۇم ،،
-ۋوي كىمۇ ،،بەك خوش بولۇپ كەتتىڭمۇ ،،بىرەسنى تاپقان ئوخشىمامسەن ،،،
-ۋاي ،،ماڭە تاپسام سەندىن يوشۇرامدىم ،،
ھەممە ئويۇننى ئويناپ سەل خەتەرلىك بولغان تىز پويۇزنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئادىلە ئىككىمىز چىقايلىمۇ چىقمايلىمۇ دەپ تۇرۇپ قالدۇق ،،
-ھە ..قورقىۋاتامسىز ياكى ،،،،،،
ئارقامغا ئىتتىك ئۆرلۈپ قارىدىم ،،شاھزاھ ھىلقى كۈندىكى دوسلىرى بىلەن كۈلۈپ تۇراتتى ،،
-بۇ بۇ سىز بۇ يەردە نىمە قىلسىز ،،
-ما گەپنى كۆرۈڭ بىزمۇ ئوينىغىلى كەلدۇق سىلەرگە ئوخشاش ...
-ھە ..ياخشى بوپتۇ ،،
-كىلىڭلار بىللە چىقىمىز ،،،
-توۋۋا دە جۇما ئاداش پۇل بەرسىمۇ چىقمايمەن بۇنىڭغا ،،،ئۇنىڭ دوسلىرى چىكىندى ..ئادىلەمۇ چىقمايمەن دەپ چەتكە چىقتى ،،ئۇ ئىككىمىز قالدۇق ...
ئىشقىپ سەكرەپ چۈشۋىلىشمغا ئامالىم يوق ،ئەمما مومامنى كۆرۈپ يىنىپ چۈشتۈم ،،،ئۇنىڭمۇ ھالى مەندىن قىلىشمايتى ..
مانا شۇنداق قىلىپ شاھزاد بىلەن ئالاقەم باشلاندى ،،ئۇ مىنى تۇنجى قىتىم مۇھەببەتنىڭ كوچىسىغا باشلاپ كىردى ،،ئۇنىڭ بىلەن بولسام ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكىننى بىلمەيتىم ..ئۇمۇ مېنىڭ تۇنجى مۇھەببەتلىك ھىسلىرىمنى شۇنداق قەدىرلەيتى ،،ھەر قىتىم قولىمىزنى تۇتىشىپ ماڭغان ۋاقتىمىزدا بىزگە ھەۋەس ھەم ھەسەت بىلەن تىكىلگەن كۈزلەردىن ئۆزۈمنى شۇنچىلىك بەخىتلىك ھىس قىلاتتىم ،،   
                                                            (داۋامى بار )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 824
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 07:55:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سالام تورداشلار ..سىلەر بىلەن يەنە يۈز كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خوشالمەن ،،بۇ ئەسىرىمنى ئۆتكەندە بىر يوللاپ مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇنبەردىن ئۆچۈرگۈزۋەتكەنتم ،،ئەمدى تۈزىتىپ قايتىدىن يوللىدىم ،،بۇ قىتىم تولۇق يوللايمەن ،،ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشنىپ بۇ ئەسىرىمنى يەنە بىر قىتىم قوبۇل قىلىپ قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرنى بىرشىنى ئۈمۈد قىلمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 1096
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4460
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1089 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 09:43:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‏ئۆتكەندە بىر قېتىم يوللىغان ئىدىڭىز.بۇ قېتىم يەنە شۇنداقلا يوقاپ كەتمەي،ئەسەرنى تولۇق يوللىۋىتەرسىز ھە. بەك تەقەززا بوپ كەتتۇق.

باراۋەرلىكىنى قايرىپ قويۇپ،ئىتپاقلىقنى تەكىتلەش.   سىنپىي زۇلۇم  (لېنىن)

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1641
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10963
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2223 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 11:00:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايە مۇھاببەت ھېكايىسىكەن،  ئاخىرى قانداق بۇلا....  مۇھاببەت ھېكايىلىرى ئاخىردا پاجىئە بىلەن ئاياغلىشاتتى،   بۇنىڭ داۋامىغا قاراپ باقاي....  

داۋامىنى تىزراق يوللىۋىتەسىز.....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan ساغلاملىقىڭىز ئۈچۈن يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ
dawir111 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-18 11:41:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88234
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 824
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 97 سائەت
تىزىم: 2012-12-7
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 12:02:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
dawir111 يوللىغان ۋاقتى  2013-8-18 11:41 PM
بۇ ھىكايىنىمۇ يەنە نەچچە كۇن يىزىپ خوش ياقمىسا يەنە يا ...

مەن ئەسەر يوللاپ مۇشۇ ۋاقىتقىچە خوشياقماي يازمايدىغان ئىشنى قىلمىدىم .بۇ ئەسەرنى ئۆتكەندە قايتا تەھرىرلەش ئۆزگەرتىش سەۋەبىدىن توختاتقان ...توغرا چۈشنىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1036
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4195
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 412 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 12:14:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە دىسەم يەنە شۇ بولدىلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95726
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1024 سائەت
تىزىم: 2013-6-4
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 12:27:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاتلىقنىڭ قەدىمىگە مەرھابا.
توختىتىش سەۋەبىنى سوراپ ئۇچۇر يازسام قايتۇرمىغىنىغا......... ھىھ

ئىسلام سەنسىزمۇ غەلبە قىلىدۇ،سەن ئىسلامسىز يولدىن ئازىسەن،ھالاك بولىسەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19555
يازما سانى: 1860
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4317
تۆھپە نۇمۇرى: 319
توردا: 1002 سائەت
تىزىم: 2010-11-29
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 01:32:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنمۇ يوللانغانغۇ دەيمەن ھە

ھىجاب ئاتا بوۋاڭدىن،ئەرەپلەردىن قالغانمۇ دىگۈچىلەرگە بىر كەلىمە سۆز،جەھەننەم ساڭا ئەبۇجەھىلدىن قالغانمۇ؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96352
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-19 09:50:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىلغان ھىكايىكەن.لىكىن مەن ھازىر مۇشۇ ‹‹داۋامى بار››دىگەن سوزگە تازا ئىشەنمەس بوپقالدىم جۇمۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش