مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2395|ئىنكاس: 24

ئىللەتلەر ئۇستىدىن ئاۋامغا ئەرز . [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97216
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 68
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 14 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2014-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 12:19:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىللەتلەر ئۇستىدىن ئاۋامغا ئەرز .

ئاپتۇر:ئابلىكىم ئابدۇكىرىم (چىش دوختۇر)



     ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلىرىم ياخشىمۇ سىلەر، مەن تۆۋەندە ئەرىز قىلماقچى بولغان ۋەقەلىكلەر جەمىيتىمىزدە ھەقىقىي يۈزبىرۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاساس قىلىپ بايان قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزكۆزۇم بىلەن كۆرگەن، باشقىلاردىن ئاڭلىغان، جەمىئىيتىمىزدە يۈزبىرۋاتقان، مىللى ئۆرۈپ ئادىتىمىزدە ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان، توي-تۆكۇن نەزىر-چىراغلاردا تەرەققىي قىلىۋاتقان، قۇدا-باجلىق ئوتتۇرسىدا ساقايماس كېسەللەرنى پەيدا قىلىۋاتقان، يىڭىدىن مەيدانغا چىقىۋاتقان ، بۇ ئىللەتلەر تۇپەيلى ئاۋام خەلىقنىڭ يۈركىنى زىدە قىلىۋاتقان ئاپەت خارەكتىرلىك مىللەتنى زەيىپلەشتۇردىغان ھەر-خىل كونا يىڭى ئىللەتلەر ئۇستىدىن كەڭ خەلىق ئاممىسىغا ئەرىز سۇندۇم .

بۇ ئىللەتلەرنى پەيدا قىلىپ ئەۋج ئالدۇرۋاتقانلار بولسا، ئۆزىنىڭ قاندا شارائىتتا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىنىنى ئۇنتۇپ شەھەرگە كىرىپ ئازراق ھاللىنىپ ئەسلىنى ئۇنۇتقان كىشىلەر، ئۆزنىڭ ئازراق بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئالدىرايدىغان مەنمەنچىلەر، باشقىلارنىڭ بايلىقىنىڭ سايىسىدا سايىدايدىغان ئۇلار يارتىپ بەرگەن غەيرى ئۇسلۇپلۇق ئىللەتلەرنى گەۋدىلەندۇرۇپ كىڭەيتىشكە سەۋەپچى بولىۋاتقان تەخسىكەش پوداقچىلار، بىر جۈپ ياشنىڭ ئومۇرلۇك بەختىنى بۇزۇشقا سەۋەپچى بولىۋاتقان تويماس، ئاچكۆز ئاتالمىش قەن ئانا، سۇخەنچى قەنئاچىلار ، خوتۇنى ھەرخىل سورۇنلاردىن ئېلىپ كەلگەن زەللىلەرنى نېمە بۇ دەپ سورىماي يەيدىغان كۆڭلى قارا ئەرلەر، ھال كۇنۇم قانچىلىك دىمەي مودا قوغلىشىپ ئەرلىرىنىڭ تاپقىنىنى بەسلىشىش بىلەن تۇگتىدىغان يوتقانغا بىقىپ پۇت ئۇزاتمايدىغان باللىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ساپاسىز ئانىلار، جەمىئيەتتىكى ھەرخىل شەرمىي-ھاياسىز ئىشلارنىڭ كۆپىيشىگە سەۋەپچىي بولىۋاتقان ۋىجدانى يوق ئەرلەر ۋە ھاياسىز قىز-چوكانلار، بالا تىپىپ تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان باللىرىنىڭ نېمە ئش قىلىشى بىلەن كارى يوق   جەمىئيەتنىڭ بۇزلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار، ئۆزىنىڭ ھاجىلىق سالاھىتىنى ئۇنتۇپ دىنى شەرىيتىگە مۇخالىپ بولغان غەيرىي ئۇسلۇپلارنى مەيدانغا چىقىرىپ ئ.ۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۇرمەن دەپ جىنايەت پاتقىقىغا مىڭىۋاتقان ھاجى ۋە ھاجىخىنىملار، دىنى تونغا ئورنىۋالغان ئۆزىنى موللا، قارى ، بۇۋىم دەپ ئاتىۋالغان   ئۆزمەنپەتى ئۈچۈن دىنى ئىلىمىدىن پايدىلنىپ ھەرخىل پەتىۋالارنى توقۇپ ئاۋام خەلىقنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرۋاتقان  نەپسانىيەتچى موللا ، قارى، بۇۋۇملەر ئۇستىدىن خەلق ئاممىسىغا ئەرىز سۇندۇم .

   كەڭ ئوقۇرمەلەرنىڭ بۇ ئەرىزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن خەۋرى يوقلارغا خەۋەر قىلىپ ، ئەما ۋە ساۋاتسىزلاغا ئوقۇپ بىرىپ پۇتكۇل جەمىيەتتىكى كەڭ ئاۋامنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۇرۇپ سوت مەھكىمىسىگە ماسلىشىپ ئۇ جاۋاپكارلارغا ھۆكۈم چىقىرشىڭلارنى ئۇمۇت قىلىمەن، بۇ جاۋاپكارلارغا خەلق ئاممىسىنىڭ يۇمشاق قوللۇق قىلماي ئىغىرلىتىپ جازا بىرىشىگە ئىشىنىمەن ، شەرىيتىمىز ۋە مىللى ئۆرۇپ ئادىتىمىزگە مۇخالىپ بولغان بۇنداق ئىللەتلەر قايتىدىن سادىر بولسا ئاۋام خەلىقنىڭ بىخلىنىشى بىلەنلا يىلتىزدىن قۇرتۇپ مەڭگۈ باش كۆتۇرەلمەس قىلىشىغا تىلەكداشمەن .

   تۆۋەندە بۇ جاۋاپكارلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى بىر-بىرلەپ پاش قىلماقچى ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئىبرەت ئىلىپ جەمىيتىمىزدىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنىڭ تۇزلىشى ئۈچۈن قولىدىن كىلىشچە ھەسسە قوشۇشىغا ئىشىنىمەن .


1- جاۋاپكار:         ساپاسىز    ئانا   


ئۆزنىڭ ساۋاتسىزلىقىنى ئۇنتۇپ، جەمىئيەتتە قايسى خىل ئورۇندا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشىنى ئويلىماي ، يولدىشىنىڭ تاپقىنى نېمە مودا بولسا ئۆزىگە ياراشمىسىمۇ مەجبۇرىي ئالدۇرۇپ كىيىپ، ئىختىسادى كىرمىنىڭ  قانچىلىك بولىشى بىلەن كارى يوق ، يوتقانغا بىقىپ پۇت ئۇزاتماي، توي-تۆكۇن، نەزىر-چىراغ ۋە ھەرخىل ئاممىۋىي سورۇنلاردا چەتئەلنىڭ بايۋەتچە خىنىملىرىدەك ياسىنىپ ، يۇزى ۋە چاچلىرىنى ئوزىنىڭ يىشى ۋە چىرايىغا باقماي ھەرخىل ئۇسلۇپتا پەردازلاپ ، كۆز-كۆز قىلىپ شەرىيتىمىزگە مۇخالىپ بولغان يىڭى-يىڭى ئۇسلۇپلارنى ئويلاپ تىپىپ بازارغا سىلىپ ، ئەگەشكۇچلىرى بىلەن ئەتىدىن كەچكۇچە كوچا قاڭداش، بازار قاتراش، چاي ئويناش بىلەن پەخىرلىنىپ ، ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلمەي ، باللىرىمنى مەكتەپ تەربىيلەيدۇ، مەن ئاۋارە بولمىساممۇ بولىدۇ، پىشاينىسىگە نىم پۇتۇلگەن بولسا شۇنى كۆردۇ، مەن قانچىلىك ئوقۇپتۇم، خۇدايىم مىنى بۇ دۇنياغا ئەزىز قىلىپ يارتىپتىكەن ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۇرۋاتىمەنغۇ دەپ، ياش چوكانلار ۋە ئۆسۇپ يىتىلىۋاتقان قىزلارنى ئۆزىگە ئەگەشكۇچى قىلىپ ئۇلارنىڭ بەرپا قىلىپ بىرىۋاتقان غەيرىي ئۇسلۇپلۇق ئىللەتلىرىدىن پەخىرلىنىپ ، جەمىئيەتتە نۇرغۇن ناچار ئىللەتلەرنىڭ پەيدا بولىشىنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارى ساپاسىز ئانا .


2-   جاۋاپكار :   كۆڭلى   قارا   ئەر


     يىيىش، ئىچىش ، پۇل تىپىشتىن باشقىسى بىلەن كارى يوق قوسقى تويغىنىنى بىسىپ بىقىپ بىلدىغان ،بىكارلىق دىسە ئايىغىنىڭ چۆپ قالغالىقىنى بىلمەي يۇگرىدىغان، باشقىلارغا ئازراقمۇ نەپ بەرمەيدىغان، بۇ دۇنيادا ئۆزەم دەپلا ياشايدىغان، خوتۇنى نىم دىسە شۇنى ھەق دەپ مۇستەقىل ئەرلەرگە خاس بىرەر ئىغىز ھەق گەپ قىلماي، خوتۇنى سىزىپ بەرگەن سىزىقتا مىڭىپ، خوتۇنى يارتىپ بەرگەن ھەرخىل ئۇسلۇپلارغا ئۇسۇل ئويناپ، خوتۇندىن بىسوراق بىرتال قىلنىمۇ يۆتكىمەي ، جەمئىيەتتە دوست-بۇرادەرلىرى ئالدىدا قىلچىلىك ئىناۋىتى يوق سايىماخۇن، ئاخۇنۇم جىجىق دېگەن ئۇنۋانغا ئىرىشكەن ، ھەرخىل مەرىكە ۋە قۇدۋاجلىق ئوتتۇرسىدا خوتۇننىنىڭ دىگىنى دېگەن قىلغىنى قىلغان بولۇپ ھەق گەپتىن بىرەرنى قىلالماي، سىلە نىم دىسىللىرى شۇ راس دەپ، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن خوتۇنىنىڭ ئارقىغا كىرىپ بالا چاقىللىرىنىڭ ئۆمۈرلۈك بەختىگە ئولتۇرۇشقا سەۋەپچى بولىۋاتقان جاۋاپكار كۆڭلى قارا ئەر .


3- جاۋاپكار :   ۋىجدانى  يوق  ئەركەك .


      ئەتىدىن-كەچكىچە لاغايلاپ يۇرۇپ، چۇشكىچە شالىسىنى ئىقىتىپ ئۇخلاپ، بىرەر ئىشنىڭ پىشىنى تۇتماي ، ئاتا-ئانسىنىڭ يۇركىنى سىقىپ، نىمنىڭ ياخشىسى بولسا يەپ چىرايلىقىنى كىيىپ ، ئىش قىل دىسە ئىغىركىن دەپ ، مانداراق ئىشلارنى ياراتماي، تاماششاسى ئۈچۈن ئائىلىسىنى كالىدەك سىغىپ ، ساغىدىغان نەرسە چىقمىسا ئۆيسەرەمجانلارنى ئىچىقىپ سىتىپ، ھەرقىسىم نەرسىلەرنى ئىچىپ-چىكىپ ئۆزىنى زەيىپلەشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ جىنىنى ئۆزى قىيناپ ، ئاتا-ئانىسىنى قاڭغىر قاخشىتىپ ، دوست بۇرادەرلىرى ۋە جەمئىيەتتە قىلچىمۇ ئىناۋىتى يوق ئۆزىنىڭ يارامسىزلىقىدىن رەنجىمەي بۇ دۇنيادىن رەنجىيدىغان، دۆلەتكە يۇك بولۇپ مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان، ئاتا-ئانىسى بىقىپ چوڭ قىلغىنىغا پۇشايمان قىلدىغان ،  ئۈزۇم پىش –ئاغزىمغا چۈش دەپ ياتىغان جەمئىيەتنىڭ تەرتىپىنى بۇزۇپ ئەسكى پالاستەك سۆرۈلۈپ يۇرۈيدىغان ، يارلىپ قالغىنىغا پۇشايمان قىلدىغان جاۋاپكار ۋىجدانى يوق ئەركەك.


       4- جاۋاپكار:   ۋىجدانى   يوق   ئەر


ئۆرۇپ –ئادەت يولىنى تۇتۇپ مىڭىۋاتقان مىللى پوسۇندا كىينىۋالغان ئەر-ئاياللارنى كۆرسە بۇلار نىمدىگەن خۇراپىي ، ھازىر قايسى ئەسىردە ياشاتىمىز، بۇلارنىڭ كاساپىتىدىن تەرەققىي قىلالماي يۇرۇپتىكەنمىز دە دەپ، ئۇلارنى مەسخىرە قىلىپ كەمسىتىپ ياشايدىغان ، ئاياللىرى يىرىم يالىڭاچ كىيىم كەيسە مەدىينى، شۇشىئەن، يارشىملىق كىيىم ئاپسەن دەپ ماختايدىغان، كىيىم-كىچەك مەدەنىيەت ۋە تەرەققىياتقا ۋەكىللىك قىلدىغاندەك غەلىتە كەيگەن كىيىمدىن پەخىرلىندىغان ، ھەرقىسىم بەزمىخانلارغا ئايالىنى يۆتىلەپ بىرىپ ، ئىچىپ-چىكىپ باشقىلار ئايالىنىڭ بىلىنى تۇتۇپ قۇچاغلاپ كۆزنىڭ ئىچىگە قاراپ تاڭسا ئوينىسا ئۇ دېگەن بىزنىڭ دوستىمىز يامان نىيتى يوق بىز دېگەن ئىلمىي ئادەملەر قاچانغىچە خۇراپاتلىق قاراشتا يۇرىمىز دەپ ئوزىنىڭ مەدىنىيەتلىك ئىكەنلىكىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغان ، ئۆزى ئىچكىنىنى ئاز دەپ ئايالىغا بۇ دېگەن قىزىل چارچىغان بولساڭ نىرۋاڭنى ئارام ئالدۇردۇ ، كەيپىياتىڭنى تەڭشەيدۇ، ھارغىنچىلىقىڭنى تۇگتىدۇ، ئازراق ئىچىپ قويۇپ ئوزۇڭنى قويۇپ بىرىپ ئەركىن ئولتۇر دەپ ھەرقىسىم مەس قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى ئىچۇرۇپ ئايالىنىڭ ھاياسىز،  شەرمەندىچىلىك قىلمىشلىرىغا يول ئىچىپ بىرۋاتقان ، غەيرىي مىللەتنىڭ ئىللەتلىنى ئۆزىگە يۇقتۇرۇپ خۇپيانى ئۆزى ئۇياقتا خوتۇنى بۇياقتا تاماششا قىلىپ ، ئۆزى كۆندۇرۇپ قويغان ھەرخىل تاماششالاردىن خوتۇنىنى توسالماي، گەپ قىلسا داۋسىنى يەپ، خوتۇنىنىڭ قىلمىشلىرىنى سەزگەندە يىگىتلەرگە خاس ئىككى ئىغىز گەپ قىلىپ خوتۇنىنى ئۆزىدىن نىرى قىلالماي، خوتۇنىنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سىلىپ، ئىچىپ-چىكىپ لالما ئىتتەك سۆرۈلۈپ يۇرۇپ ئۆزىنى ئۆزى زەيىپلەشتۈرۈپ ، خوتۇنى بەرگەننى نېمە بۇ دەپ سورماي يەپ، بەرگىنىنى خەجلەپ جەمئىيەتتە خوتۇن –بالاچاقلىرى ئالدىدا قىچىمۇ ئىناۋىتى يوق 360 كۇن خوتۇنىنىڭ تىل ھاقارىتىنى ئاڭلاپ ، ئۆزىنىڭ ئەرلىك سالاھىيتىنى خورلاپ، ئەرلەرنىڭ شەنىگە داغ تەككۇزۇپ ياشايدىغان،  خىجىل بولماي سەن كىم دىسە ئەر دەيدىغان ، ئۆز خوتۇنىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ، جەمىيەتتىكىلەرنىڭ ئۆزىگە قويغان تەخەللۇشىدىن خىجىل بولمايدىغان، ئەرلىك غورورنى يوقاتقان دەييۇز ،   شەرمەندە ئىپلاس ئىشلارغا يول ئىچىپ بىرۋاتقان باش جاۋاپكار ۋىجدانىنى يوقاتقان ئەر.


5- جاۋاپكار : شەرمەندە  ھاياسىز  قىزلار     



كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ، ئۆزىنىڭ قىزلىق سالاھىتىنى
خورلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ شەنىگە داغ تەككۈزۈپ ، قىز تۇرۇپ قىزلارغا ئوخشاش يۇرمەي،  مودا بولدى دەپ ھەرقىسىم يىرىم –يالىڭاچ كىيىملەرنى كىيىپ ، يۇزىگە ھەرخىل نەرسىلەرنى سۇۋاپ، قاشلىرىنى تەيدۈرۈپ ، كىرپىكلىرىگە كىرپىك چاپلاپ، چاشلىرىنى ھەرەڭ-سەرەڭ بوياپ، جىنغا ئوخشاش ياسىنىپ ، يىگىتلەرگە ئۆزىنى سۇۋاپ ، ئۇلاردىن نەپ چىقمىسا خىجىل بولماي ئاندا مازدىن نەچچىنى تاشلىۋەتتىم دەپ ئاغزىغا ئىلىپ پەخىرلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا بىرقانچە يىگىتنىڭ مەشۇقى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھەرخىل ھەۋەسلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يىگىتلەرنى تۈرلۈك يوللار بىلەن قاختى-سوختى قىلىپ ، ئۆزىنى چىڭداپ ، جەمئىيەتتىكى ھەرخىل سورۇنلاردا ئويناپ نۇرغۇن يىگىتلەرنى قاخ-سەنەم قىلىپ چىقىدىغانلاردىن چىقىش چىقمىغاندا ئويناپ زىرىكتۇق ئەمدى بۇ ئويۇننىڭ پەيزى قالمىدى دەپ بۇۋېم بولۋىلىپ ، ياۋاش ساددا يىگىتلەرنى پەمىلەپ ئۇلارنى تۇرلۇك يوللار بىلەن قولغا كەلتۇرۇپ ،  ئىش كۆرمىگەن ھەتتا باشقىلارغا قولىنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزمىغان پاك قىز ھالەتتە پەدازلاپ، پۇتكۇن ئەپتى-بەشىرسىنى يوشۇرۇپ ، يىگىتلەرگە ئۆزىنى ئىشەندۈرۈپ ، ھەرخىل ھىلە-مىكىرلەرنى قوللۇنۇپ ئۇ يىگىتكە ئۆزىنى تىتىتىپ قويۇپ ، بىرنەچچە كۇن ئۆزىدىن ئەنسىرگەن ئاھ ئۇرغان قىياپەتكە كىرۋىلىپ ، ئۆيۇمگە كۆپ ئەلچىلەر كىلىۋاتىدۇ ئاتا-ئانامنىڭ بىسىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىدىم رەسۋا بولدىغان بولدۇم، بۇنداق ياشىغاندىن ئۆلۋالغىنىم ياخشى دەپ يىگىتنى ئالدىرتىپ ، تەييارلىقسىز يىگىت ئائىلىسى ئامالنىڭ يوقىدا يىغىش-قوناش قىلىش توينى قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ قىزنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى قىلغان تاماششالىرى ئىسىگە كىلۋىلىپ، بىر ئەرگە ئۈشكۈر قانائەت قىلماي خۇپيانى باشقا يىگىتلەر بىلەن بادى-كەلدى قىلىپ ، يولدىشىنى قاڭغىر-قاھشىتىپ پۇتكۇن شەرمەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى ئاشكارلاپ، شۇ ئائىلىنى قاقسەنەم قىلىپ ، رەسۋاچىلىپ يولىغا مىڭىۋاتقان ، شەرمى-ھاياسىز نۇمسى يوق قىز چوكانلارنىڭ جەمىيتىمىزدە كۇندىن-كۇنگە ئاۋۇپ شەرمەندە ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ ئىپلاس كىسەللىكلەرنىڭ يامرىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان جاۋاپكار شەرمەندە ھاياسىز قىز –چوكانلار.


6-جاۋاپكار:  تەخسىكەش  كۆتۈرمىچى پوداقچىلار .


جەمىيەتتىكى ناچار ھەشەمەتچىلىك ئىللەتلىرىنى گەۋدىلەندۇرۇپ كەڭەيتكۈچى ، باي ۋە باشلىقنىڭ يالاقچىسى ، ئۇلارنىڭ پوقىنىمۇ كۆككە كۆتۈرۈپ ھالۋا قىلالايدىغان، ئۇلارنى داڭلاپ ئاسماندا ئۇچۇرالايدىغان، ياخشى ئادەملەرنى ئۇلارغا چىقىپ بىردەمدىلا سىستىۋىتەلەيدىغان ، قىلدەك مەنپەت يىتىپ قالسا كىم سۆڭەك بەرسە غاجىلاپ چاپىنىنى كۆتۈرۈپ لالما ئىتتەك كەينىدىن يۈردىغان ، بالا چاقىللىرىنىڭ يەيدىغىنىنى سىقىپ پوداقچىلىققا دەسمى سالدىغان، كىچىككىنە ماختاپ قويسا ئاغزى قۇلقىغا يىتىدىغان ، تىللاپ تۇرسىمۇ خوش دەپ ھىجىيدىغان، قىلىنلىقتا ۋايىغا يەتكەن، گەپ ھار كەلمەيدىغان، كۆڭلى قارا، ۋىجدانى يوق، ئادەملەرنىڭ ئەڭ پەسەندىسى، ئەمەلدار ۋە بايلار ئالدىدا ئاللا بىلنىڭ سۆڭكى يوق ياراتقاندەك بىلىنى يايدەك ئىگىپ خوش، ئۆزلىرى ، ماقۇل، خوپ ، بولىدۇ دېگەن سۆزدىن باشقىنى قىلالمايدىغان ، پۇخرا ۋە كەمبىغانلارغا ئىستولبىدەك غادىيىپ تۇردىغان ، بۇ كىشىلارنى ئاللا باي ۋە باشلىققا خوشامەتچىلىك ، پوداقچىلىق قىلىش ئۈچۇنلا ياراتقاندەك ئۇلار ئۈچۈن قولىدىن پوداقچىلىك تەخسىسىنى مەڭگۈ چۈشۇرمەيدىغان ، بۇگۈن ئۇ يىقىلسا خوتنى يۆتكەپ يۇز ئۆرۈپ باشقىلارنىڭ يالىقىنى يالايدىغان ، خامىلىيۇندەك ئۆزگۇرۇشچان ، پەك ئەمەلدارلارنى نەپسانىيەتچىلىك يولىغا باشلاپ ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۇزۇشىگە سەۋەپچى بولدىغان ، بايلارنىڭ نەپسىنى يوغانتىپ ھالال-ھارامنى ئايرىماي يىيىشكە يول باشلايدىغان ، ئىللەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋايىغا يەتكۈزمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغان ، جەمئىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغۇچى جاۋاپكار تەخسىكەش كۆتۇرمىچى پوداقچىلار…   


7-جاۋاپكار :  ئەسلىنى  ئۇنۇتقان  كىشىلەر .


ئۆزىنىڭ قانداق شارائىتتا چوڭ بولغىنىنى ئۇنتۇپ شەھەرگە كىرىپ ئازراق ھاللىنىپ ، شەھەرنىڭ ئەلمى-تەلمىنى ئازراق چۇشۇنىۋالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئالدىراپ ھەرخىل سورۇنلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ ، خوتۇن بالا چاقلىرىنى ياۋروپا كىنولىردىكى خانىشلاردەك ياساپ ، ئۆز يۇرتلىقىنى ياراتماي ئەسلىنى ئۇنتۇپ ، ئۆزنىڭ مىللى ئۆرۇپ ئادىتىنى پۇتۇنلەي تاشلاپ ، قەدىمىي شەھەرلىككە مەدەنىيەت ئۇگتۇپ، خوتۇن قىزلىرىغا يىرىم يالىڭاچ كىيىملەرنى كەيگۇزۇپ كوچىلاردا ئادىغا سىلىپ مىڭىپ ، ئۇلارنىڭ كەيگەن كىيىمىدىن پەخىرلىنىپ، مىللى ئۆرۇپ ئادىتىمىزدە مەۋجۇت  بولمىغان يىڭى-يىڭى قىلىقسىز ئۇسلۇپلارنى مەيدانغا چىقىرىپ، ئاڭسىز، دۇنيا قارشى تىكلەنمىگەن بالىلار ئۇلارنى دوراپ ، ئاتا-ئانىسى تەربىيە قىلسا ئۆيدە ئاڭلاپ سىرىتقا چىقىپ ئۇلارنىڭ باللىرىغا ئوخشاش قىلغىلىقىنى قىلىپ،  ھاياسىز ، ئەخلاقسىز ، نۇمۇسسىز چوڭ بولۇپ ، خىجىل بولۇشنى بىلمەيدىغان شەرمىي-ھاياسى يوق ئادەملەرنىڭ جەمىئىيتىمىزدە ئاۋۇپ كىتىشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقان ، سەن كىم دىسە ئۇيغۇر دەپ مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈۋاتقان جاۋاپكار ئەسلىنى ئۇنۇتقان كىشىلەر.


8- جاۋاپكار: ئابروي    پەرەس   مەنمەنچىلەر


   دوست-بۇرادەرلىرى ئالدىدا ئۆزىنى بايۋەتچە كۆرسۇتۇپ قولى ئوچۇق سىخى بولىۋادىغان ، ئاتا-ئانىسى ۋە بالا-چاقلىرىغا يوقنىڭ گىپىنى تولا دەپ ئائىلىسىنى ئامبۇردەك سىقالايدىغان ، مۇناسىۋەتسىز باشقىلار ئالدىدا ئۆزىنى كۆرسۇتۇپ نۇرغۇن ئىقتىسادنى بۇزۇپ چىچىپ، ئاتا-ئانىسى ۋە بالا-چاقلىرىدىن پۇڭنىڭ ھىساۋىتىنى ئالدىغان ، قولىدىن ھىچ ئىش كەلمەيدىغان باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلاپ ئاممىۋى سورۇنلاردا كۆرسىتىشكە ئالدىرايدىغان، ئاتا-ئانىسى ۋە بالا-چاقىللىرىنىڭ گىلى ۋە سالامەتلىكىدىن خەۋەر ئالماي ئۇلارنىڭ مۇختاج بولۇپ ياشىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان ، ئاتا-ئانىسىنى يوقلىمايدىغان ، بال-چقلىرىنى تەربىيلەشكە كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماي بايۋەتچىدەك ياشاشنى ئارزۇ قىلدىغان لېكىن تىرىشمايدىغان جاۋاپكار قۇرۇق سۆلەت ئابرۇي پەرەس مەنمەنچىلەر.

يەنە بىرقىسىملىرى باركى ئۆمرىدە نۇرغۇن بايلىقلارغا ئىرشىپ يىتىم-يىسىرلەرنى يوقلاشنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرمەيدىغان ، داۋاملىق موللا،باي ۋە باشلىققا داستىخان سىلىپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتىنى كۆتۇرمەن دەپ يۇرۇيدىغان، ئاتا-ئانىسى ھايات چىغىدايوقلاپ تۇرماي ئۇلار ئۆلگەندە يوغان داشلارنى ئىسىپ كالا سويۇپ نەزىر قىلىپ ھەقىقىي نەزىرگە مۇختاج كىشىلەرگە يىگۇزمەي، ئۆزىنىڭ ئىشىپ تۇردىغان كىشىلەرگە بىرىپ ياغلىق ئۈچەيگە ياغ تىقىپ ، موللا قارىلارغا مىڭ لاپتىن قويۇپ ئۇلارنىڭ نەپسىنى يوغانتىپ ، ئۆزىنىڭ جامائىتى بولغان كەمبىغەنلەر ئۆلۈپ كەتسىمۇ ئۇلارنىڭ ئۆلۈمگە قاتناشمايدىغان، بۇ موللا قارىلارنىڭ  تەمەخۇر بولۇپ ياشىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان جاۋاپكار ئابرويپەرەس مەنمەنچىلەر .


9-جاۋاپكار: يولدىشىنى غاجايدىغان خوتۇن.


توينى قىلۋالغىچە پاختىكىڭ بولاي،توغۇيىڭ بولاي دەپ يىگىتنىڭ سايىسىنى ماراپ پاي-پىتەك بولۇپ قاترايدىغان ، تويدىن كېيىن قەن ئاتىسى ۋە قەن ئانىسى بىر ئۆمۇر جاپا تارتىپ بەرپا قىلغان ئۆز ئۆيىگە پاتمايدىغان، ئۇيان ئۆتسە دوق قىلىپ بۇيان ئۆتسە دوق قىلىپ ئۇلارنىڭ يۇركىنى سىقىپ ياشايدىغان ، ئىسراپ قىلماي گىلىغا يىەۇزۇپ ئۇچىسىغا كەيگۇزۇپ ئىختىساتچانلىق بىلەن تۇرمۇش باشقۇرۋاتقان ئۆزىگە نان بىرىۋاتقان ئائىلە ۋە يولدىشى ئۇستىدىن خۇلۇم-خوشنا دوست –بۇرادەرلىرى ۋە بىر تۇققانلىرىغا ئۇنداق قەلەندە بۇنداق دىۋانى ھەقىقىي پىخسىق دەپ غەۋەت قىلىپ غاجايدىغان، ئۆزنىڭ بىر تۇققانلىرىنىڭ گىپى چىقسا قويۇق چاچلىرى تىك تۇردىغان ، بۇندا ئەھۋالنى كۆپ كورۇپ تولا ئاڭلاپ سەسكىنگەن يولدىشى ئامالنىڭ يوقىدا خىتىڭنى ئىلىپ بايۋەتچىدىن بىرەرنى تىپېپ تىگىۋال دىسە رىزىنگىدەك بولۋۇلۇپ ئۇ ئائىلىدىن ۋاز كىچەلمەي يىگىتنى بىكار قىلىپ خاتىرجەم قىلماي ئۇچ كۇن ياخشى ئۆتسە تۆت كۇن خاپىلىڭ تىپىپ، ېرنىڭ تۇققانلىرى ياكى دوست-بۇرادەرلىرى كەلسە چومۇچ قازانغا تولا تىگىپ تاراق تۇرۇق قىلدىغان ياكى مىجەزىم يوق دەپ دومسىيىپ ياتىدىغان، ئۆزىنىڭ تۇققانلىرى كەلسە پاي-پىتەك بولۇپ قىلغىنى قىلىق تاپالمايدىغان ، ھەر باب بىلەن يولدىشىنى شىلدىغان، بىر ئۆيدە تۇرۇپ سىنىڭ مىنڭ دەپ ئايرىيدىغان ، بارىي يوقىنى بەكلا چاندۇردىغان ، باشقىلارغا ئۆزىنى سىلىشتۇرۇپ ئۇ ئۇنداق كىيىپتۇ بۇنداق ياشاپتۇ سىنىڭ ئۆيەڭدا كۇلگە مىلنىپ كۆمەچ بولاپ كەتتىم دەپ جىدەل تاپىدىغان ، جايىل ئىتقا ئوخشاش قاۋاپ تۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان ، شۇ ئائىلە ۋە يولدىشىنى مەڭگۇ يالجۇتمايدىغان ، ئۆزىنىمۇ خاپا قىلدىغان يولدىشىنىڭمۇ يۇركىنى زىدە قىلدىغان ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ بىرگە ياشاۋاتقان يولدىشىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ قاغايدىغان، خاتىرجەم ياشاشنى  ئەسلا خىيالىغا كەلتۇرمەيدىغان، ئۇشكۇر قانائىتى يوق ئىت ، ئېشەك نەسىللىك دەۋزىخى ، داغۋاز جاۋاپكار يولدىشىنى غاجايدىغان خوتۇن .


10-جاۋاپكار: توۋا قىلماس ھاجى ۋە ھاجى خىنىملار


   ئاللانىڭ مۇقەددەس قۇرئانى چۈشكەن ، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ياشىغان، ئىسلام دىنى شۇ ئورۇندىن دۇنياغا تارالغان ، مۇققەددەس ئورۇن دەپ ئاتالغان ، قۇربىتى يەتسە ئۆمرىدە بەش پەرىزنىڭ بىرى بولغان مەككە مەدىنىگە بىر قېتىم بىرىپ ھەج قىلىش پەرز قىلىنغان بەيتۇل مۇقەددەسكە بىر قىسىم ھاجى ۋە ھاجىخىنىملار ھاجى دېگەن نامنى ئىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئىقتىسادنى بۇزۇپ چىچىپ ، ۋاقتىنى  ئىسراپ قىلىپ ، جاپا تارتىپ ھەج قىلىپ كېلىپ ، پۇتكۇل كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى، دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى، كائىناتتىكى ھەرقانداق نەرسىگە رىزىق يەتكۇزۇپ بەرگۇچى ، ئىنسانلارنىڭ خىيالىغا كەلتۈرگەن ئىشلارنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچى، قىيامەتىڭ ئىگىسى بولغان، قۇدۇرتى چەكسىز ئۇلۇغ ئاللانىڭ قۇربىتىگە ئىشەنمەي، ئىسلام قانۇنىدا چەكلەنگەن ، قىلسا ئىغىر گۇناھ بولدىغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئادەملەر كۆرمەيدىغۇ دەپ بۇلۇڭ پۇچقاقلاردا، باشقا يۇرۇتلاردا قىلغىلقىنى قىلىپ ياشاۋاتقان ، پۇل تاپىمەن دەپ ھالال-ھارامنى ئايرىمايۋاتقان ، باشقىلارنى قاھتى –سوقتى قىلىپ رىسقىغا چاڭ سىلىۋاتقان ، بەزى نادانلار ئوتنى كىم تۇتسا شۇنىڭ قولى كويدىغانلىقىنى چۇشەنمەي ، ھاجى قىلسا يامىنى  يوقكەن بىز قىلساق گۇناھمۇ دەپ ئۇلارنىڭ ئىللەتلىرىنى دورايدىغان ، شەيتان چاقىرغان بۇ ھاجىلارنىڭ كاساپىتىدىن ئۇلار پەيدا قىلغان ئىللەتلەر تۇپەيلى ئاللا چاقىرغان ئاللانىڭ يولىنى تۇتۇپ مىڭىۋاتقان ھەقىقىي ھاجىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا زور تەسىر يەتكۇزدى، بۇ شەيتان چاقىرغان ھاجى ۋە ھاجىخىنىملار قىلمىشلىرىدىن خىجىل بولماي ئۆزنىڭ ئىناۋىتىنى كۆتۈرمەن دەپ شەرىئىتتە مەۋجۇت بولمىغان غەيرى-غەيرى ئۇسلۇپلارنى ئويلاپ تىپىپ ھەشەمەتچىلىك قىلىپ ئۆزىنى كۆرسۇتۇپ ياشىماقتا، قولى قىسقا كىشىلەر بۇلارنىڭ ئۇسلۇپلىرى تۇپەيلى قىز-ئوغۇللىرىنى ئۆلەپ ياتلىق قىلالماي ئۇ قىز –ئوغۇللار ئۆيلىنىش يىشىدىن ئاللىقاچان ئۆتۇپ كېتىپ ۋاقتىدا بىشىنى ئوڭلىماسلىق سەۋەبىدىن ھەرخىل ناشايان يوللاردا مىڭىپ شەرمىئىي-ھاياسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللۇنۇپ جەمىيەتتە قىلىقسىز ، ئەخلاقسىز ئىشلارنىڭ ئاۋۇپ كىتىشىگە شەيتان چاقىرغان ھاجى ۋە ھاجىخىنىملار ياراتقان غەيرىي ئۇسلۇپلۇق ئىللەتلەر سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ، يەنە بىر قىسىم تاپىنىنىڭ قىچىقى بار ئۆيدە جىم تۇرغۇسى كەلمەيدىغان شەيتان چاقىرغان ھاجىخىنىملار ئۆرۇپ ئادىتىمىزدە مەۋجۇت بولمىغان ،. شەرىيتىمىزگە مۇخالىپ بولغان ،. ئۇيغۇرلارنى كۆكلەتمەيدىغان تىخىمۇ روۋۇكلاشتۇردىغان ئۆي كۆرسۇتۇش چېيى ، يۇز كۆرشۇش چېيى، تونۇشۇش چېيى، ئىسىم يۆتكەش چېيى دېگەندەك ھەرخىل ناملار بىلەن يىڭى توي قىلغان بىر جۇپ ياشنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ نامراتلاشتۇردىغان ، بۇنداق قائىدە-يوسۇننىڭ كۆپلىكىدىن بۇ ھەشەمەتچىلىككە پۇل توشۈتۇپ بولالمىغان بىر تۇققانلىرى ئەۋلاتلىرى ئىچىدە توي بولۇشتىن سەسكىندىغان ، توي بولسا خۇشال بولماي قايغۇردىغان ، بۇنداق ئىللەتلەرنىڭ جەمئىيتىمىزدە يۇز بىرشىگە سەۋەپچى بولىۋاتقانلار بولسا ھارامدىن پۇل تاپقان بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئالدىراۋاتقان ، پۇتىنىڭ قىچىقى بار داغۋاز ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئۆتكۇزگەن جىنايەتلىرىدىن قورقۇپ ھەرەمگە 2-3 يىلدا بىر بىرىپ ئۆزىنى شىڭيەن قىلىپ تۇردىغان، ھەرەمدىن كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي قىلغىلىقىنى قىلىۋىردىغان، بەيتۇل مۇقەددەسكە پات-پات شەيتان چاقىرىپ تۇردىغان جاۋاپكار ھاجى ۋە ھاجىخىنىملار .


11-جاۋاپكار: تويماس  قەنئانا سۇخەنچى  قەنئاچا   


جەمىئىيتىمىزدە شۇنداق بىر قىسىم ئاچكۆز، تويماس قەنئانىلار سۇخەنچى قەنئاچىلار باركى بۇلار ئۆز ئوغۇللىرىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۇرشىگە چىداپ تۇرالمايدىغان ، ئوغلى بىلەن كىلنىنى پات-پات جىدەلگە سىلىپ تۇرمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان ، تۇخۇمدىن تۈك ئۇندۇردىغان، كىلىن ئانىسىنىڭ ئۆيدىن كەچلەپ ئۆيگە كەلگىچە شۇ ئۆيدە قازان قاينىمايدىغان ، كىلىننىڭ ئىلىپ كىلدىغان  داستىغىنىغا قاراپ ئولتۇردىغان ، ئاغزىغا تىتىغىدەك نەرسە ئىلىپ كەلگەن بولسا ئاغزىنىڭ ئۇچىدا ۋاي بالام دەيدىغان، مانداراق كەلگەن بولسا 15 كۇنگىچە كىلىننىڭ يۇرىكىنى سىقىپ ئەرزىمەس ئىشلارنى دەپ ئوغلىغا چىقىپ جىدەل تاپىدىغان ، كالىدەك خىزمىتىنى قىلغان كىلنى ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئىلىپ چىقماي ئانىللىرىنىڭ ئۆيگە بىرىپ 2-3 كۇن تۇرۇپ ساقىيىپ كەلسە دەپ ئىۋەتىپ  قويۇپ ئوغلىنىڭ غورورىنى يەرگە ئۇردىغان ، ھېيت ئايەم كەلسە بۇ ئۆينىڭ داستىخىنىنى راسلاپ كەلسە دەپ ئانسىنىڭ ئۆيگە كىلىنىنى بۇيرۇيدىغان ، يىشىكلەپ كەلمىگەن بولسا بىز ئاندا چۇپەيلەردىن ئەمەس دەپ كىلنىگە كۆتەرتىپ بىللە يولغا سەپ قويدىغان ، كىلنى تۇغۇپ خەۋەر بەرسە ئوغلىنى بارغىلى قويمايدىغان ، ئۆزبالسىنىڭ دوختۇرخانىغا تۆلەيدىغان تۇغۇت ھەققىنى تۆلەتمەيدىغان ، تولا بىرىۋەرسەڭ ئىناۋىتىڭ بولمايدۇ دەپ ئوغلىنى بالسىنى كۆرۇشكە بارغىلى قويمايدىغان ، ئېلىپ كەلگەن نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق شۇ قىزنىڭ تۇغتىدا خۇددى ئىجىقلىشىپ بەرگەندەك ئىسىم قويمىز دەپ بىر تالاي مىھمانلارنى ئىلىپ كېلىپ داستىخاننى ئاندا سالدى، ماندا سالدى ، ئالدىمىزغا تۇزۇك چىقمىدى دەپ قىز ئاتا-ئانا ئائىلىسىدىن يامانلاپ كىلدىغان ، ئۇششاق باللىنىڭ يىغىسىدىن بىشىم ئاغرىيدۇ دەپ تۇغتۇنى 6-7 ئايغىچە يۆتكىمەيدىغان ، ئۇلارنى يوقلاپ تۇرمايدىغان ، ئۇ ئانا-بالا نېمە بىلەن قۇۋەتلىندۇ دىگەننى ئويلىمايدىغان ، بۇ مەزگىلدە ئۆيدە خوتۇن يوق سەۋەپلىك ئوغلىنىڭ ھەرەڭ-سەرەڭ يوللاردا مىڭىپ شۇ ئائىلىگە خاپىلىق تىپىپ بىرۋاتقان بۇنداق ئىشلارنى كۆرۇپ تۇرۇپمۇ كاللىسىنى سىلكىمەيدىغان، ياخشى نىيەتنى ئويلىمايدىغان ،يىسەم،كەيسەم،شىلسام  بولاتتى دەپلا يۇردىغان ،بۇ قىلمىشلىردىن ھامان ھېساب بىردىغانلقنى ئويلماي ياشايدىغان جاۋاپكار تويماس ئاچكۆز قەنئانا سۇخەنچى قەنئاچىلار..  


    12-جاۋاپكار:ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئۇنۇتقان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار


         سەن كىم دىسە ئۇيغۇر دەيدىغان، ئۇيغۇرغا خاس ئۆرۈپ-ئادەتنىڭ بىرنىمۇ بىلمەيدىغان، ئۇيغۇرچە گەپ قىلسا ئاران چۇشۈندىغان، ئۆزتىدا قايتۇرۇپ جاۋاب بىرەلمەيدىغان، كىيۋالغان كىيمىگە قاراپ باشقا مىللەتمىكى دىسىڭىز چىرايى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىغان، خىجىل بولۇش تەپ تارتىشتىن ئازراقمۇ خەۋرىي يوق خىيالىغا نىمەكەلسە شۇنى دەۋىردىغان، كوچىلاردا، ئاممىۋىي سورۇنلاردا سىغىز چايناپ پاڭشىتىپ ئىتىپ يۇردىغان ، ئادەم بار يوق دىمەي قىلىقسىز ئىشلار بىلەن شۇغۇللىندىغان ، ئاندا قىلسام سەت تۇرا دىگەننى ئويلىمايدىغان ، ئاتا-ئانسىنى ھۆرمەتلىمەيدىغان ، ئۇلار بىلەن تەڭ تۇرۇپ زوكۇللىشىدىغان، سىنىڭ بىقىش مەجبۇرىيتىڭ بار دەپ قارايدىغان ، كالىدەك چوڭ بولغان ، دۇنيادا ھىچ قانداق مىللەتنىڭ ئۆرۇپ-ئادىتىدە مەۋجۇت بولمىغان غەيرىي ئادەتلەرنى يىتىلدۇرۇپ ياشاۋاتقان مۇشۇ بىر قىسىم بالىلارنىڭ بۇنداق چوڭ بولىشىغا سەۋەپچى بولغانلار دەل مەجبۇرىيتىنى ئۇنۇتقان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلاردۇر.

        ئەجداتلىرىمىز ئانا تىلىنى ، ئۆزنىڭ مىللى ئۆرۇپ ئادەتلىرىنى، ھەرخىل قائىدە-يوسۇنلارنى ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ كىچىكلەرنى ئىززەت قىلىشنى ، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۇمچان مېھرىبان بولىشىنى ، نىمنىڭ توغرا نىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ، ئۆزنىڭ مىللى قائىدە-يوسۇنلىرىنى، ئورۇپ-ئادەتلىرىنى بالا تۇغۇلۇپ 12 ياشقا كىرگىچە ئۇگتۇپ مىڭىسىگە سىڭدۇرۋىتىپ كەلگەن، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى يۇرگۇزۇلگەندىن كېيىن تۇغۇلغان بالىلارغا بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار تاپقىنىنى يىگۇزۇپ ياخشىسىنى كەيگۇزۇپ نىم دىسە شۇنى قىلىپ بىرىپ ئۇ بالىلار گەپ ئاڭلىماس ئەركە چوڭ بولۇپ ، جەمىيتىمىزگە نۇرغۇن ناچار خارەكتىردىكى بالىلارنىڭ ئاۋۇشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىسىغا كۆيمى يوق قائىدە يوسۇننى بىلمەيدىغان غەيرىي ئۇسلۇپتا چوڭ بولىۋاتقان بۇنداق بالىلار جەمىيەتنىڭ بايلىقىممۇ ياكى ئەخلىتىمۇ ، بۇلار چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانا بولماسمۇ ، ئۇلار تەربىيلىگەن بالىلار قانداق بولۇپ چىقار، كەلگۇسىدە بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن ئىغىز ئاچقىلى بولارمۇ ؟ شۇ بالىنى تەربىيلىگەن ئاتا-ئانىلار بۇلارنى ئويلاپ باققاندىمۇ ، يىمەي يىگۈزۇپ كەيمەي كەيگۇزۇپ ئازىلاپ باققان بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانلىرى ۋە بىر تۇققانلىرىغا كويمى بولمىغان ، قائىدە-يوسۇننى بىلمەيدىغان بۇندا بالىلارنىڭ جەمىيەتكە قانچىلىك مەنپەتىي يىتەر، بۇ بىر مىللەتنىڭ كەلگۇسىگە بىرىپ تاقىلدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۇستىگە ئالغۇچىلار بولسا ئۆز مەجبۇرىيتىنى ئۇنۇتقان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلاردۇر …


      13-جاۋاپكار: تويماس  نەپسانىيەتچى  موللا قارى  بۇۋىملەر



          ئازراق دىنىي ئۇقۇمغا ئىگە ، 5 ۋاق نامازنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق شەرىتلىرى بىلەن ئادا قىلىپ چىقالمايدىغان، ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۇشەنمەيدىغان، ھەدىسلەرنى ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن ئاڭلىۋالغان،  قۇلاق موللىسى، زۇۋاندىراز چالا مولىلار، ئۆزىنى موللا، قارى، بۇۋۇم دەپ ئاتىۋىلىپ ھەرخىل يوللار بىلەن دىننى سورۇنلارغا سوقۇنۇپ كىرىپ، نىمىنىڭ پەرز، نىمىنىڭ ۋاجىپ، نىمىنىڭ سۇننەت ئىكەنلىكىنى تۇپ نىگزىدىن چۇشەنمەي، چۇشەنسىمۇ مەنپەت توقۇنىشى غالىپ كېلىپ ئۆزمەنپەتى ئۈچۇن ھەرخىل پەتىۋالارنى توقۇپ دىنىمىز ئىچىگە ئىختىلاپ سىلىپ نىمنىڭ توغرا نىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بىشىنى قايمۇقتۇرۇپ ئىسلام دىنىدا ئەسلا مەۋجۇت بولمىغان خەلىقىمىز ئىڭىدىن چىقىرۋىتەلمەيۋاتقان باشقا دىنلاردىن مىراس قالغان ئادەتلەرنى ئەگەشكۇچىللىرىگە بۇندا قىلمىساق يامان بولىدۇ دەپ مەجبۇرى قىلدۇرۇپ، ئەۋىج ئالدۇرۇپ، تىخىمۇ روناق تاپقۇزۇپ ، بۇيان ئۆتسىمۇ ئىلىپ ، ئۇيان ئۆتسىمۇ ئىلىپ يانچۇقىنى چىڭداپ ، ئۆزنىڭ تويماس نەپسى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەپ ياشايدىغان ، ئۇلار ئۆلسە نامىزى، ئۇچى، يەتتىسى، قىرىقى، يىلى دەپ ئىلىپ ئاللانىڭ ئائىتىنى پۇلغا ساتىدىغان ، ھالال-ھارامنى ئايرىماي يەيدىغان، ئۆزمەنپەتى ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسلام دىنى ئالىملىرىنى باشقىلارغا چىقىپ، ئۇلارغا ئورا كولاپ غاجايدىغان، مۇنبەرگە چىقىپ دىنى قانۇنىي ھەقىقىي چۇشەندۇرمەي ماڭساڭمۇ يامان بولدۇ، تۇساڭمۇ يامان بولىدۇ دەيدىغان گەپتىن باشقىنى قىلماي، ئىسلام دىنىغا ئىتائەت قىلدىغان خەلق ئاممىسىنى مىدىرلىيالماس قىلىپ قويۇپ، ئۆزكوزى بىلەن كۆرۇپ تۇرغان ئەخلاققا زىت بولغان جەمىيتىمىزدە ئەۋج ئىلىۋاتقان ھەرخىل ئىللەتلەرنى تۇزەش توغرۇلۇق گەپ قىلماي، جامائەت چۇشەنمەيدىغان يادىلىۋالغان ئەرەپچە گەپتىن تۆت ئىغىز قىپ قويۇپ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، بۇنداق موللىلارنىڭ كاساپىتىدىن دىنىي قانۇنىنىي تولۇق چۇشەنمەيدىغان بىر قىسىم كىشلىرىمىزنىڭ جىنايەت يولىغا مىڭىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتقان، ئۆزىنىڭ خەلق .ئاممىسىنى توغرا يولغا باشلايدىغان ھەقىيقى سالاھىيتىنى ئۇنتۇپ نەپسانىيەتچىلىك يولىغا كىرۋالغان باش جاۋاپكار تويماس نەپسانىيەتچى موللا،قارى بۇۋۇملەر   .

                  ==========================

         يۇقارقىي بۇ ئىللەتلەر توغرىلىق قەلەم تەۋرىتىش ماڭا نىسپەتەن ناھايىتى مۇشكۇل بىر ئىش بولدى ،مەنمۇ يازمىسام ، باشقىلارمۇ يازمىسا بىزنى توغرا يولغا باشلايدىغانلىرىمىز  ئىللەتلەرنى تۇزەش توغرىلىق گەپ قىلمىسا ، بۇ ئىللەتلەر ۋابا كىسلىدەك يامراۋىرىپ جەمىيتىمىزنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا كۇندىن-كۇنگە تەرەققىي قىلىۋىشىگە قاراپ تۇرالماي دادىللىق بىلەن جەمىيەتنىڭ، بۇ مىللەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىللەتلىرى پاش قىلىشقا تىرىشتىم ، گەپلىرىم يىرىك ھەم قوپال ئوقۇرمەنلىرىمنىڭ مىنى كەچۇرشىگە ئىشىنىمەن ، كەڭ ئاۋامنىڭ بۇ ئىللەتلەرنى تۇزەش يولىدا قولىدىن كىلىشچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە تىلەكداشمەن..،…

                                                           ئاپتۇردىن   

                            2013-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۇنى .

                                                                         قەشقەر..

بۇ  .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 06:31 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
esqer + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 387 سائەت
تىزىم: 2015-1-16
ئاخىرقى: 2015-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 04:42:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمغا كىلىپ ئەڭ ياخشى جەمىئەتنى كۈزەتكەن تېمىدىن تۈنجىسىنى ئەمدى كۆردۈم .رەھمەت!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 822
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1220 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 04:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز . بۇرۇن بۇ يازمىڭىزنى ئەلكۈيىدە كۆرگەنتىم .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85728
يازما سانى: 1035
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 05:41:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  ھەققەتەنمۇ ھالاكەتكە قاراپ يۈزلىنىۋاتىمىز مۇشۇنداق كېتىۋىردىغان بولساق ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2210
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5455
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1334 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 05:49:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




تەخسىكەش  كۆتۈرمىچى پوداقچىلار  بەك كۆپكەن.




چوڭ دوختورلارغا، ياللانما ياكى پىراكتىكانىت دوختورلار ئالامەت پوداقچىلىك قىلىدىكەن.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 05:52 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96991
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2013-8-15
ئاخىرقى: 2013-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 05:59:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ، تېما ئېگىسىگە رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 2890
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16635
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2554 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 06:13:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوداقچىلىق ،تەخسىكەشلىكنىڭ بىزىگە يۇغقىنى قىززىق...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32189
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3382 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 06:36:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئەينەن يېزىپسىز.ئەمما يەنە بىر قىسىم پاقا مىجەزلەر قۇدۇقنىڭ ئىچىگە كىرۋىلىپ ئاسماننىڭ چوڭلۇقى مۇشۇ دەپ تۇرامۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-27 06:36 PM  


قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7491
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 249 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 07:18:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاخ  ئالامەت بوپتۇ

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96393
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2013-7-25
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-27 07:41:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش