ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ھەر ساھە كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تورداش دوستلىرىمىز، قېرىنداشلىرىمىز، سىلەرگە ئېھتىرام بولسۇن!
ئۆتكەن ئايدا مەن «مۇنبەر پۇلى لازىم» ناملىق بىر تېمىنى يوللاپ، مۇنبەرداشلارغا پات يېقىندا ئەھمىيەتلىك بىر پائالىيەت ئۆتكەزمەكچى بولغانلىقىمنى ھەمدە مۇكاپات ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇنبەر پۇلۇمنىڭ ئاز بوپ قېلىشى سەۋەبلىك ھەرقايسىڭلارنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەمدە بۇلىشىڭلارنى چاقىرىق قىلغان ئىدىم. ئاللاھقا شۈكرى نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىم مېنى قوللىدى ۋە كۆڭۈللىرىدىكىنى ئىپادىلىدى، مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېقىندىن ياردەمدە بولغان ۋە مېنى قوللىغان ھەربىر مۇنبەردېشىمغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن.
ھەممىڭلارغا ئايان خوتەن ۋىلايىتى ئىچىدە بىر مەزگىل تور ئۈزۈلۈپ قالغاچ پائالىيەت ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلەلمەي قالدى. ھەرقايسىڭلاردىن بۇ سەۋەبلىكمۇ كەچۈرۈم سورايمەن.
ئەمدى پائالىيەت مەزمۇنىغا كەلسەك، بۇ پائالىيەت ئايدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىلىدۇ. چىقىرىلغان سوئال جەمئىي 10 سوئال بولىدۇ.
پائالىيىتىمىزگە ئىشتىراك قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن توغرا جاۋاب بەرگەن ماھىرلار ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىپ، دەرىجە بۇيىچە مۇكاپاتلىنىدۇ. (مۇكاپات سوممىسى يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ 5000، 3000، 1500 مۇنبەر پۇلى بىلەن بولىدۇ. ھەمدە بىرىنچى بولغان ماھىر «ئايدا بىردانا» مۇنبەر مېدالىغا ئېرىشىدۇ.
پۇرسەت ھەممىمىزگەبار! قېنى كىم ئەڭ تېز، ئەڭ توغرا، ئەڭ تولۇق جاۋاب بېرەلەيدۇ؟ قېنى مەرھەمەت...
«ئايدا بىر دانا»
1-سۇئال: مۇنبەرداشلارغا ئۆزىڭىز خالاپ مەنىلىك يۇمۇر (لەتىپە، خەلىق چاقچىقى، قەشقەر پارىڭى) دىن بىرنى ئېيتىپ بېرىڭ.
2-سۇئال: دۆلىتىمىزدە 1949-يىلدىن 1959-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا يۈزبەرگەن مۇھىم ۋەقە (ئىش) لاردىن تۆتنى ئېيتىپ بېرىڭ.
3-سۇئال: ئامېركا كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتىرى «تۈرمىدىن قېچىش» تىكى ئارتېسلاردىن شۇ فىلىمدىكى ئىسمى بۇيىچە 7 ئاساسلىق رولچىلارنىڭ ئىسمىنى ئېيتىپ بېرىڭ. (مىسال:غەرىبكە ساياھەت دېيىلسە. سۇنۋۇكۇڭ، تاڭسېڭ، جۇباجىيې، شاسېڭ دېگەندەك)
4-سۇئال:مەشھۇر پەيلاسوپ جالالىدىن رۇمىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۈچ كەلىمە ئېيتىپ بېرىڭ.
5-سۇئال: پەيغەمبىرىمىز (مۇھەممەد س ئە ۋ) مىلادىيە يىلنامىسى بۇيىچە ھېسابلىغاندا قانچىنجى يىلى قانچىنجى ئاينىڭ قانچىنجى كۈنى دۇنياغا كەلگەن؟
6-سۇئال: ھىجرىيە 3-ئەسىردە «كۇتۇپۇس سىتتە» (يەنى ئالتە چوڭ) كىتابنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن ھەدىسشۇناسلىق ئالتۇن دەۋىرگە قەدەم قويدى. ئۇنداقتا سىز بۇ ئالتە چوڭ كىتابنىڭ نامىنى ئېيتىپ بېرىڭ.
7-سۇئال: نىمە ئۈچۈن ئادەملەر (باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ) ئاچچىقى كەپ قالسا بارغانچە يۇقۇرى ئاۋازدا سۆزلەيدۇ.
8-سۇئال: «ئىلىمنى پۇرسەت بولسىلا ئۆگۈنىۋېرىش كېرەك. چۈنكى ئىلىم زۆرۈر بولغان پەيتتە پۇرسەت تېپىلمايدۇ» بۇ ھېكمەتلىك سۆزنى كىم ئېيتقان؟
9-سۇئال: مۇسابىقىدە ئىشلىتىلىدىغان پۇتبول بىلەن ئۆسمۈرلەر ، بالىلار ئوينايدىغان پۇتبولنىڭ چەمبەرئايلانمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا قانچە بۇلىدۇ؟
10-سۇئال: گۈزەل دۆلەت كانادانىڭ پايتەختى قەيەر؟ كانادانىڭ قايسى ئۆلكىسىگە جايلاشقان؟
يەنە مۇنبەر پۇلى ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان تورداشلار بولسا تۈزۈت قىلىنمايدۇ
«ئايدا بىر دانا» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۇنۋېرسال بىلىمىڭىزنى سىناپ كۆرۈڭ.
ئىشىنىمەنكى ( ئاللاھ خالىسا) سىز بىرىنچى بولالايسىز.
جاۋابى بىر قەدەر توغرا بولغان تورداشلىرىمىزغىمۇ ئايرىم كۆڭۈل سوۋغىمىز بار!!!
قېنى، غەلىبە كۈتۈپ تۇرغۇچىلارغا ئەمەس، تىرىشقانلارغا مەنسۇپ!!!
جاۋاب بېرىش ۋاقتى: 2013- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى باشلىنىپ، 8- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ سان پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى 2-سان مۇسابىقىدە ئېلان قىلىنىدۇ ۋەمۇكاپات تارقىتىلىدۇ.
2013- يىلى 7- ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ (شەھىرى خوتەن)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-7-21 11:32 AM