مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 22128|ئىنكاس: 114

تۈركىيەنىڭ سىنىپىي كۈرۈشى    تاقاش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25431
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7790 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2013-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 07:36:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تۈركىيەنىڭ سىنىپىي كۈرۈشى
ئاپتورى: ئىئان بۇرۇما (گوللاندىيە)
تەرجىمىدە: نەپرەت 2009

gezi-ramadan.jpg


كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى تۈركىيە شەھەرلىرىدە تەۋرەپ كەتكەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش دولقۇنىنى سىياسىيلاشقان ئىسلامغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ئېتىراز ھەرىكىتى دەپ چۈشەندى. ئەڭ دەسلەپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىستانبول شەھەر مەركىزىدىكى غازى باغچىسىنى چېقىپ سودا مەركىزى قىلىپ ئۆزگەرتىشكە قارشى ئاممىۋى يىغىلىشتىن تېزلىكتە بىر مەيدان قىممەت قاراشنىڭ توقۇنۇشىغا ئۆزگىرىپ كەتتى.
يۈزەكى قارىغاندا، توقۇنۇش زامانىۋى تۈركىيەدىكى دەھرىيلىك بىلەن دىن، دېموكراتىيە بىلەن مۇستەبىتلىكتىن ئىبارەت تۈپتىن ئوخشىمايدىغان قىممەت قاراشقا ۋەكىللىك قىلدى. بەزىلەر تۈركىيەدىكى قارشىلىق ھەرىكىتى بىلەن ۋول كوچىسىنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر «تۈركىيە باھارى» قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئېنىقكى، نۇرغۇن تۈركىيە ئاممىسى، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردىكى ئامما باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ بارغانسېرى مۇستەبىتلىشىۋاتقان ئىستىلىغا، ئۇنىڭ مېدىيەلەرنى قاتتىق كونترول قىلىشىغا، ھەيۋەتلىك مەسچىتلەرنى ياساشقا ئامراق بولىشىغا، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى چەكلىشىگە، ئوخشىمىغان سىياسىي قاراشتىكىلەرنى قولغا ئېلىشى ۋە نۆۋەتتىكى نامايىش ھەرىكەتلىرىگە زوراۋانلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشىدىن ئىنتايىن بىزار بولدى. كىشىلەر ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ھازىرقى دىندىن خالىي قانۇننىڭ ئورنىنى ئېلىشىدىن، ئىسلام دىنىنىڭ كېيىنكى ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىكى كامال ئاتا تۈركنىڭ تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا  كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى ۋەيران قىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
بۇنىڭدىن سىرت يەنە سوپىلار ۋە شىئە مەزھىپى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دىنىي ئاز سانلىق توپ ئالاۋىي مەزھىپىنىڭ ئىشلىرى بار. دەھرىي كامال دۆلىتىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشكەن ئالاۋى مەزھىپىنىڭ ئەردوغانغا ئىشەنمەسلىكى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، ئەردوغان 16-ئەسىردە ئالاۋىلارنىڭ ئەجدادلىرىنى قىرغىن قىلغان سۇلتاننىڭ ئىسمىنى بوسفور دېڭىز بوغۇزىنى ئاتلىغان بىر كۆۋرۈككە نام قىلماقچى بولۇشى ئالاۋى ئاممىسىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتتى.
شۇڭا، دىن تۈركىيە مەسىلىسىنىڭ يادروسى بولۇپ قالدى. سىياسىيلاشقان ئىسلامغا قارشى تۇرغۇچىلار دىن ماھىيەتتە دېموكراتىيە بىلەن سۇ بىلەن ئوتتەك چىقىشالمايدۇ دەپ قارايدۇ.
ئەمما مەسىلە ئۇنچە ئاددىي ئەمەس. دەھرىي كامال دۆلىتى ئەردوغاننىڭ خەلقچىل ئىسلام ھاكىمىيىتىغا قارىغاندا تېخىمۇ دېموكراتىك ئەمەس؛ ھەتتا تېخىمۇ مۇستەبىت بولىشى مۇمكىن. يەنە بى نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، يەنى ئىستانبول تاكسىم مەيدانىدا تۇنجى قېتىم قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ قارشى تۇرغىنى مەسچىت ئەمەس، بەلكى سودا مەركىزى. ئىسلام شەرىئىتىگە بولغان ۋەھىمە بىلەن ئەردوغان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان تەرەققىيات سودىگەرلىرى ۋە كارخانىچىلارنىڭ ئەخلاقسىزلارچە نەپسانىيەتچىلىكىگە بولغان غەزەپ بىر بىرىدىن قېلىشمايدۇ. تۈركىيە باھارى كۈچلۈك سولچىل ھېسىياتنى ئىپادە قىلدى.
شۇڭا، گەرچە ھازىرقى زامان ئىسلام دىنىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ئېنىق قىلمىدى، كۆزىتىش نۇقتىسىنى ئالماشتۇرۇپ باققانغا يەتمەيدۇ، ئېنىقلا ئاللاقاچان ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن سىنىپ نۇقتىسىدىن مەسىلىگە قارىساق تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولىدۇ. مەيلى تەرەققىيپەرۋەر بولسۇن ياكى سولچىل ئارقا كۆرۈنۈشى بار نامايىشچىلار بولسۇن ھەممىسى شەھەرلەردىكى سەرخىللار قاتلىمىدىن كەلگەن، غەربلىشىش، رەڭۋازلىق، دەھرىيلىك ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى. باشقا بىر جەھەتتىن، ئەردوغان تۈركىيەنىڭ چەت ۋىلايەتلىرى ۋە يېزا-كەنتلىرىدە يەنىلا زور شۆھرىتى بار، مائارىپ تەربىيىسى تۆۋەن، نىسپىي نامرات، مۇتەئەسسىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كشىلەرنىڭ ئەردوغاننى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى يۇقىرى.
گەرچە ئەردوغاندا شەخسىي مۇستەبىتلىك خاھىشى كۆرۈنەرلىك مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى نوقۇل ھالدا دېموكراتىيە بىلەن دىكتاتورىنىڭ توقۇنۇشى دەپ قاراش خاتا بولۇشى مۇمكىن. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، ئەردوغاننىڭ خەلقچىل ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ مۇۋاپپىقىيىتى ھەمدە ئاۋام تۇرمۇشىدا بارغانسېرى كۆپلىگەن دىنىي تۈس ۋە ئادەتلەرنىڭ كۆرۈلىشى تۈركىيەنىڭ بارغانسېرى دېموكراتىيەلەشكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.
كامال دەھرىي دۆلىتى باستۇرغان ئۆرپ-ئادەتلەر (مەسىلەن خانىم-قىزلارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا ياغلىق چىگىشى) نىڭ قايتىدىن  پەيدا بولىشىنىڭ سەۋەبى تۈركىيە يېزا-كەنتلىرىدىكى ئاممىنىڭ تەسىرى تېخىمۇ چوڭ بولماقتا. ياش ئېتىقادلىق قىزلار شەھەردىكى ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇماقتا. مۇتەئەسسىپ چەت ۋىلايەتلەردىكى تۈركىيە ئاممىسى سايلامدا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى.
ئوخشاشلا، سودىگەرلەر ۋە دىنىي خەلقچىللەرنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى تۈركىيەگە خاس ھادىسە ئەمەس. نۇرغۇن يېڭىدىن گۈللەنگەن كارخانىچىلار، مەسىلەن ياغلىق چىگىدىغان خانىم-قىزلارنىڭ ھەممىسى ئاناتولىيەدىكى يېزا-كەنتلەردىن كەلگەن. يېڭىدىن بېيىغان چەت ۋىلايەتلەردىكى بۇ ئامما ئەسلىدىكى ئىستانبول سەرخىللىرىدىن يىرگىنىدۇ، خۇددى تېكساس ياكى كانزاس سودىگەرلىرى نيۇيورك، ۋاشىنگىتون قاتارلىق شەرىقى دېڭىز قىرغىقىدىكى سەرخىللار قاتلىمىغا نەپرەتلەنگەندەك.
ئەمما تۈركىيە تېخىمۇ دېموكراتىك دېيىش بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ ئەركىن دېيىش پۈتۈنلەي ئىككى ئىش. بۇمۇ «ئەرەب باھارى» ئېچىپ بەرگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بارلىق كىشىلەرنى سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش دېموكراتىك ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ مۇھىمدۇر. بولۇپمۇ ئىنقىلاب مەزگىلىدە، يۇقىرىدا دېيىلگەن سۆز قىلىش ھوقۇقى ناھايىتى ئاز ھاللاردا مۆتىدىل مەيدان بولىدۇ.
بىز مىسىر، تۈركىيە، ھەتتا سۇرىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كۆرگەن ھادىسىلەر ئەنگلىيە ئەركىنلىكپەرۋەر پەيلاسوپى ئىسايئاخ بېرلىن تەسۋىرلىگەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ياخشى شەئىيلەرنىڭ سىغىشالماسلىقىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. ياخشى نەرسىنىڭ ھەمىشە بىردەك يېقىنلىقىغا ئىشىنىش بىر خىل ئۇقۇشماسلىق. بەزىدە ئوخشاش ياخشى نەرسىمۇ توقۇنۇشىدۇ.
ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئازابلىق سىياسىي بۇرۇلۇش مۇساپىسى دەل شۇنداق. دېموكراتىيە ياخشى نەرسە، ئوخشاشلا يەنە ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىقمۇ بار. ئەلۋەتتە كۆڭۈلدىكىدەك ئەھۋالدا ئۇلار تىنچلىقتا بىرگە تۇرالايدۇ. ئەمما ھازىر ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم جايلىرىدا، ئۇلار ئۆز ئارا توقۇنۇشماقتا. دېموكراتىيەنىڭ كۈچىيىشى رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ۋە كەڭ قورساقلىقنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مەسىلەنگە ئېيتساق، كىشىلەر سۇرىيەدىكى بەشار ئەسەدنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئۆكتىچى قوراللىقلارغا ئاسانلا ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەمما دەمەشىقنىڭ يۇقىرى قاتلام سىنىپىدا غەرب مۇزىكىلىرى ۋە كىنولىرىنى ياخشى كۆرىدىغان دەھرىي ئەر-ئاياللار بار، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خرىستىئان مۇرىتى ۋە ئالاۋى مەزھىپىنىڭ ئادەملىرى، بەشار ئەسەد غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىن ئېھتىمال داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالماسلىقى مۇمكىن. گۈللىنىش پارتىيىسىدىكىلەر ھەقىقەتەن مۇستەبىتلەرچە باستۇردى ھەمدە ۋاسىتىسى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى، ئەمما ئاز ساندىكى مۇھاجىرلار ۋە دەھرىي سەرخىللار قوغداشقا ئېرىشتى.
ئەمما ئىسلام دىنىنى كونترول قىلىش مۇستەبىتلىكنى قوللاشنىڭ سەۋەبى ئەمەس. تېگى تەكتىدىن ئالغاندا، سىياسىيلاشقان ئىسلامنىڭ زوراۋانلىق پائالىيىتى يۇقىرىدا دېيىلگەن مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى. مۇستەبىتلەرنىڭ ھوقۇق تۇتقان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئىسلامدا تېخىمۇ شىددەتلىك توپىلاڭ ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىدۇ.
بۇ ئوخشاشلا ئەردوغان ۋە سودا مەركىزىنى قۇرغۇچىلارنى قوللاپ، تۈركىيە نامايىشچىلىرىنى باستۇرۇشنىڭ سەۋەبى ئەمەس. نامايىشچى ئاممىنىڭ ئەردوغاننىڭ قىلچە تەپتارتماي مېدىيە ۋە ئاممىۋى جامائەت پىكىرىنى باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار. ئەمما توقۇنۇشنى دىن ئىپادە قىلغان ھەققانىيەت كۈرىشىگە قارشى دەپ قاراش ئوخشاشلا بىر خاتالىق.
ئىسلام ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشى دېموكراتىيەنىڭ مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىق دۆلەتلەردە ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ساقلانغىلى بولمايدىغان نەتىجىسى. ئوتتۇرا شەرق ئاممىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى دېموكراتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەركىنلىكنى ئوجۇقتۇرۇۋېتىشىنى قانداق توسۇپ قېلىشتۇر. تۈركىيە يەنىلا دېموكراتىك دۆلەت. بىز ئەردوغانغا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تۈركىيەنى تېخىمۇ ئەركىن قىلىشىنى ئۈمىد قىلىشىمىز كېرەك.
مەنبە:ئوكيان تورى


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzdil.com + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5425
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11200
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 350 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-29 11:53:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كامال ئاتا تۈرك!!! ھەممە دۆلەت ،مىلللەت مۇشۇنداق ئىسىل ئادەمگە مۇھتاج!

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kapitan2 + 10 تامامەن توغرا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسىل ئەتىرىم بولسا:مىنىڭ تەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57007
يازما سانى: 2824
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9675
تۆھپە نۇمۇرى: 1148
توردا: 866 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 12:01:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈركىيە مەسىلىسى دىن بىلەن دېموكىراتىيە مەسىلىسى

ئاسماندىن ھۆرلۈك يامغۇرى ياغسا، قۇللۇققا كۆنگەنلەر كۈنلۈكنى ئاچىدۇ....... ئىسىت!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83992
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2012-8-16
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 12:14:31 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە تۈركىيە ئەردۇغاندەك رەھپەرلەرگە تېخىمۇ مۇھتاج.

ھەربىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95887
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2013-6-12
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 12:28:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi يوللىغان ۋاقتى  2013-7-30 12:00 AM
تۇركىيەگە  مۇستاپا كامال ئاتا تۇركتەك كىشلەر كېرەك.
ئە ...

مۇستاپا كامالنىڭ ياغلىق چىگىشنى چەكلىشى ، 30 يىلدەك زۇڭتۇڭ بولىۋېلىشى ، بىر پارتىيە تۈزىمىنى يولغا قويىشى دىمكۇراتىيە ؟ ئەردوغاننىڭ مۇخپىر سالاھىتىگە كىرۋالغان چەتئەللەرنىڭ ئاش نېنى بىلەن سەمىرىپ كەتكەن بىر قانچە كىشىنى تۇتۇپ سوراققا تارتىشى مۇستەبىتلىكما؟
ئەلۋەتتە مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيە دۆلىتى ئۈچۈن قىلغان تۆھپىلىرىنى ئېتراپ قىلىمەن ، ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەتتە تۈركىيەگە مۇستاپا كامالدەك كىشىنىڭ كېرىكى يوق .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دىلكەش + 10 ھاراققا بەكلا ئامراق .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5889
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 798 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:03:46 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kaLGundi ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﻰ  2013-7-30 12:41 AM
ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﯩﻢ ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﭼﯩﮕﯩﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯚ ...

ئىسمى جىسمىڭغا لايىق، مۇستاپا كامالدەك بىر دەھرى كەلگۈندى ئوخشايشەن!  يازغان ئىنكاسلىرىڭدىن، دەھرىلىكىڭ چىقىپ تۇرىدۇ! مۇستاپا كامال روس چوشقىللىرىنىڭ بىر دەھرى قونچىقى ئىدى! تۈركىيە ئەردۇغاننىڭ قولىغا چىقىپتى، تۈرك قېرىنداشلىرىمىز ئىقتىسادى يۈكسىلىپ، دىمۇكراتىيەگە ئىرىشىپ قۇدرەت تاپماقتا! .  بۇنى كۆرەلمىگەن ئەتراپتىكى بىرقىسىم دەھرى ھاكىمىيەتلەر يېقىندا ئەردۇغانغا قارشى نامايىش قىلدى! ئىنشائاللا ھەنىم بولسا ئەردۇغان بۇدەھرىلەر نامايىشىنى بىتچىت قىلدى! دەھرىلەرنىڭ مەقسىدى، تۈركىيەنىمۇ ھازىرقى مىسىر ۋە سۈرىيەدەك قىلىش ئىدى! ....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
pahri123 + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80054
يازما سانى: 826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 457 سائەت
تىزىم: 2012-5-12
ئاخىرقى: 2013-8-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:04:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىلا شەرەپسىزدىن ئىككىسى كېرىپ سۆزلەپ كىتىپتۇ يا ، تۈركىيە رەجەپ تاييىپ ئەردۇغاندەك كىشىلەرگە موھتاج .

دوستىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر خوشال ئۆتىسىز.جۆرىڭىزنى توغرا تاللاڭ،بىر ئۆمۈر بەخىتلىك ئۆتىسىز.كەسپىڭىز

رۋايەتتكى زەنجىر پالۋان كەلدى!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94010
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1225
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 456 سائەت
تىزىم: 2013-3-28
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:07:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەردوغان  ھەقىقى  ۋىژدانلىق  ئىسىل  رەھبەر .،.
دۇنيانىڭ  ھەرقانداق  يىرىدىكى  بىر  ناھەقچىلىككە  كۆكرەك كىرىپ چىقالايدۇ .،
ئەسكى  يامان  ئىشنى  ، پاھىشۋازلىق ،ئوغۇرلۇق  قاتارلىق  چىكىدىن  ئاشقان  
ئەخلاقسىزلىقنى  توسۇغىنى  قانداقسىگە مۇستەبىتلىك  ئەمدى .،.
ئەركىنلىك  دەپ  ھايۋاندەك  ياشىسا  بولامدىكەن ،..

-_-ئۆسەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى پالۋان دەپ ، چۆكەر يۇرتنىڭ باللىرى بىر بىرسىنى گالۋاڭ دەپ -_-...!!!






















.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 3019
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4486
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2818 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2013-9-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:15:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرتۇرا يوللىغان ۋاقتى  2013-7-30 01:03 AM
ئىسمى جىسمىڭغا لايىق، مۇستاپا كامالدەك بىر دەھرى كەل ...


چىرايلىق مۇنازىرە قىلىشنى بىلسەڭ قىل.
بولمىسا مەن بىلەن ئېتىشما. بىكار قەۋزىيەت بۇلاپ قالىسەن.
مۇستاپا كامال روسلارنىڭ قونچىقى دىگەن شۇ ساڭا ئوخشاش ئادەملەر تاپقان گەپ.
سىنىڭ ئۇ ئەردوغانىڭ ھازىرچە تۇركىيەگە زۇڭتۇڭ بۇلۇش ئۇچۇن ھىچقانداق ۋاستە تاللىماي ساڭا ئوخشاش قۇلىقى گاس ئەقلى كەمتۇكلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىلەن ھەقىقى دىمىكراتىيە ئىچىدە ياشاۋاتقان خەلىقلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.  
ئەردوغان ئاكاڭ نوچىلىق قىلىپ ئىسرائىليەگە شىلتىڭ ئېتىۋىدى
ئىسرائىليە تۇركىيەگە ھەربىي قورال ياراق جەھەتتە ياردەم بېرشىنى توختاتتى.
ياۋرۇپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەرمۇ تۇركىيەگە بولغان ياردەمنى توختاتتى.
ئاندىن  تۇركىيەنىڭ خېلى تەرەقى قىلغان ھەربى ھازىرلىقلىرى شۇ جايىدا توختاپ قالدى.
ئىقدىساتتا چىكىنىش ھەم بىر تۇركۇم مەسسىلىلەر ئىختىلاپلار پەيدا بولدى.
كاللسىى ئىشلەيدىغان رەھپەر ھەرگىز بۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-7-30 01:22 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
دىلكەش + 10 تۈفى دىسەم ئوشۇق كىتە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11334
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8516
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2013-8-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-7-30 01:23:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىچ بولمىغاندا ئەردوغاننىڭ يىغىن ئاچقان، نۇتۇق سۆزلىگەن سىن كۈرۈنۈشلىرىنى كۆرۈپ بېقىپ سۆزلەڭلا قېرىنداشلا، مەسچىتلىرىمىزدىكى ئىماملىرىمىز دىن ئارتۇقراق سۆزلەيدۇ، گەپنى ئاز قىلاي.........  ئەڭ مۇھىمى توغرا يولنى كۆرسىتىپ بەرگىنى، توغرا يولغا باشلىغىنى ھەقىقى ئادەم،  نىمە قىلغۇڭ كەلسە شۇنى قىل دىسە ئەتراپىمىزدىكىلەردەك بوپ كىتىدىغان گەپ!!!!

سەۋىر قىلساق غورىدىن ھالۋا پىشىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش