مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 645|ئىنكاس: 0

قىز-ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى قانداق بۇلىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 12149
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 02:13:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ىز-ئاياللارنىڭنامازدىكى كىيىنىشى  قانداق بۇلىشى كېرەك

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەنباشلايمەن.

      ئەزىزقېرىنداشلار ئايال زاتىنىڭ كىيىنشى ھەقتە تالاي سۆھبەتلەر بۇلۇندى.ھەتتا مەنمۇمۇشۇ كىيىنىش ھەقتىكى تىمىلارغا تۇلا پىكىر قاتناشتۇرۇپ بەزىلەرنىڭ نەزەرىدەغەيۋەتخور ئاتالغانمۇ بولدۇم.بىراق ھېچقىسى يوق.ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭكۆرسەتمىلىرىدىن بىر ھەرىپ بىلسەم شۇ بىر ھەرىپنى قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپەمبار دەپ قارىغاچقا ،مۇشۇ ئەقىدە ھەقتىكى تىمىلارغا بەكلا قىزىقىمەن.ھەم مۇشۇنداقتىمىلارنى بەكلا يازغۇم كېلىدۇ.ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ مەدىتىسىز قۇلۇمدىن ھېچ ئىشكەلمەيدۇ.پاك ئاللاھىمنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن بىر قىسىم تىمىلارنى سىزلەرگەسۇندۇم.ھەرقايسىڭلار ياخشى باھالارنى بەردىڭلار،ئەلۋەتتە گۈھەر ياتىدۇسايدا،تۇنىمىساڭ نىمە پايدا »دېگەندەك مىسرانىمدىكى نۇرغۇن گۈھەرپۇرۇشلارنىڭ تۇنىشى ھېسقىلالىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۇرىشى بىلەن كەمىنە ھەمشىرەڭلارنىڭ يازمىلىرى سىلەرنىڭقوللىشىڭلارغا ئېرىشكىنىدىن  كۆپ خۇرسەنبولدۇم.بۇمۇنبەردە  مەن تۇنىمايدىغان ئەمماتۇيغۇلىرىمىز تۇنىشىدىغان ،مەۋھۇم چىراي،تۇنۇش تۇيغۇلۇق قېرىنداشلىرىمنىڭبارلىقىدىن تۇلىمۇ سۈيۈنىمەن!!!ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزنۇرى بىلەن ئىككى دۇنيادا سائادەتمەنقىلغاي!!!!!

      قېرىنداشلارقۇيۇق ئەنئەنىۋى مۇھىتتا چوڭ بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن مۇشۇ زامانىۋىمەدەنىيەتلەرتەسىرىدە ئەسلىدىن ياتلىشىپ ،كېتىۋاتقان ئاياللار توپىغا تۇلا نەزەرسالىمەن.بۇ ھەقتە گەپنى ئۇزارتماي بولدى..بۇ تىمىدا ئاياللارنىڭ سىرتتىكى قىياپىتىھەقتە توختالمايمەن .ئاللاھ خالىسا باشقا كۈنى پىكىرلىشەرمىز. ئاللاھ مىللىتىمئىچىدىكى  ھەر بىر ئايال ھەمشىرىلىرىمىزگەروشەن ھىدايەت،مۇستەھكەم ئىمان،ۋە تەقۋالىق ئاتا قىلغاي ئۆز گېپىمگەكەلسەم،ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى  ھەقتە پىكىرلەشمەكچىمەن.بۇ تىمىنى مۇنبەردىكى ئايالھەمشىرىلىرىم بىۋاستە كۈرەلىگەن بىلەن ،شىرمەت ئەرلەر بۇ تەۋسىيەنىئەھلى-ئاياللىرىڭلارغا قىزلىرىڭلارغا ھەمشىرىلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويغان بولساڭلارپەقىر يانغىننىڭ  قەلەم تەۋرىتىش مۇددىئاسىيەنىمۇ  خۇرسەنلىككە ئىگە بۇلۇر ئىدى.چۈنكىبۇ مەن بىر شەخىسنىڭ بىلىمى ئەمەس بەلكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بولغاچقا،قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قاراپ سىزلەرگە سۇندۇم.ئاللاھ ھەممىمىزگەرەھمەت قىلسۇن .ھەقنى تەۋسىيە قىلغان،يەتكۈزگەن،(يەتكۈزمىسىمۇ يەتكۈزگەنلەرنى ئەيىپلىمىگەن)ھەر بىر قېرىنداشلارغا زۇلجەلالىل ۋەلئىكرام بولغان ئاللاھ ئۆز رەھمىتىدائىرىسىگە كىرگۈزگەي!!!!!!

          قېرىنداشلار  مۇقەددەس قۇرئانىمىز ئاياللارنى ھىجاپلىنىشقابۇيرۇدى.روشەنكى بۇ ئاياللارنى تېخىمۇ ئەزىزلەش ئۈچۈن ئىدى.خۇددى گۈھەر قات-قاتيۆگەكلەر ئىچىدە تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنىدەك خەلقىمىز بۇنى ئۆز ھېكمەتلىرىدە«يېپىقلىقئاياققا ھەممىنىڭ كۈزى چۈشىدۇ»دەپ ئىپادىلىگەن ئىدى. ئىشقىلىپ ئىسلامنىڭئاياللارغا قىلغان كەڭچىلىكى ۋە ئازادىلىكىنى ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنگەنلەرلا بىلەتتى..

          نۇرغۇنناماز ئۇقۇيدىغان ھەمشىرىلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ نامازدىكى قىياپىتىنىكۆردۈم.سىرتتىكى قىياپىتىنى (تەسۋىرلىسەم گېپىم تۈگىمەيدۇ) دېمەي بولدى.نامازدىكىتۇرقى ئۆلچەمسىز.ھەتتا كىچىكىدىن باشلاپلا يۈزىنى يۆگەپ چوڭ بولغان كۆپلىگەنخېنىملارمۇ يالاڭئاياق ناماز ئۇقۇيدىكەن .نورمال يۈرىدىغانلىرى بولسا چاچلىرىنى تۇلۇقياپماي،بەزىدە تېخى ياغلىقىنى كەينىگە چىگىپ ،كۆكرەكلىرى ئۇچۇق،ھەر قېتىم سەجدىگەبارسا يوپكىسى تارتىشىپ بەل قىسمى ئوبدانلا كۈرۈنۈپ قالغان.ھەتتا بەزى سۇمبۇلچاچلار جەينامازدا يىلاندەك سويلانغان.يەنە تېخى بەزىلىرى ئىشتان بىلەن سېركولپاچاق ھالەتتە نىپىز گاز ياغلىقلار بىلەن (سۈزۈك،شايى رومال ئارتىشقۇ ياغلىقئارتقانلىق ھىساپلانمايدۇ.چۈنكى چاچلارنىڭ يىلتىزىمۇ كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ ئۇنداقنەرسىدە،ياغلىق ئارتىشتىن مەقسەت ئەۋرەت بولغان چاچلارنى ،بۇيۇنلارنى يېپىشئۈچۈندۇر)ناماز ئۇقۇغان.كىيىملەر بەكلا تار،قىسقا .....ھەتتاتېخى بەزىلەر كالتەيەڭلىك كىيىم بىلەن ،چاچلىرىنى تومپايتقان ھالەتتە ناماز ئۇقۇۋاتقان. بەزىلەرگە گەپقىلسام ئەمىسە پەلەيمۇ كىيەمدىم دەپ تەنە قىلغانلارمۇ بولدى.كىتاپلارنى كۆردۈم.بىراقئاددى بىلىمىم ،يۈزەكى چۈشەنچەم بىلەن پىكىر قىلىش سالاھىيىتىم بولمىغاچقائالىملارغائايال كىشىنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى ھەقتە  مۇراجئەت قىلدىم.مۆھتەرەم ئالىملىرىمىز-« ئايالكىشىنىڭ  نامازدا يۈزى ۋە بارماقلىرىدىنباشقا تىرناقچىلىك يېرى ئۇچۇق قالسا نامىزى ناماز ئەمەس يەنى ناماز ئۇقۇغان ھېساپئەمەس،مەيلى ئۇزۇن چاچ بولسۇن ،مەيلى قىسقا چاچ بولسۇن بىرتال چاچمۇ كۈرۈنۈپقالماسلىقى كېرەك.ئەۋرەتلەرنى يېپىش ناماز ئىچىدە مەيلى ناماز سىرتىدا بولسۇنپەرىز.ئەۋرىتى كۈرۈنۈپ قالغان كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەت ئەمەس»دەپ تەلىم بەردى.كەمىنەمۇبىرەر يىل بۇرۇنقى پايپاقسىز ئۇقۇغان نامازلىرىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.بىراقئەتراپىمىزغا قارىساق تۇلۇق ئۇرانغان خېنىملارنىڭ پايپاقسىز ھالدا، ساپما ئاياقبىلەنلا سىرتلاردا يۈرىشى دىلنى غەش قىلىدۇ.چۈنكى ئاللاھ بىزنى «ئىسلام دىنىغاپۈتۈنلەي كىرىڭلار،شەرىئەتنىڭ بەزى ئەھكاملىرىنى قىلىپ  بەزى ئەھكاملىرىنى  قىلمىساڭلار گۇناھكار بۇلىسىلەر »دەپئېيتتى.ئەمما كۇفرى ئۈستۈلۈكنى ئىگىلىگەن بۇ زاماندا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭچۈمپەردىسىزمۇ ،دىنىمىزنىڭ باشقا ئەركانلىرىنى ئادا قىلىشىمىزنىڭ ئۈزى كاتتا ئەجرەئەزىمدۇر.چۈنكى قانداق زاماندا ،قانداق شارائىتتا ياشاۋاتىمىز،ھەممەيلەنگە ئايان.

        شۇڭاھەمشىرىلىرىم نامازدىكى تۇرقۇڭلارغا رىئايە قىلىڭلار،كەڭرى كۆينەك(رۇكۇدا قۇرساقبەل كۈرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن) چاچنى تۇلۇق يېپىش ئۈچۈن بېشىڭلارغا لېچەككىيىڭلار.كۆينەكنىڭ يېڭى ئۇزۇن بولسۇن.قول بېغىشىمىز ئۇچۇق قالمىسۇن.پۇتۇڭلارغاچۇقۇم پايپاق كىيىڭلار.ئىشتان بىلەن سېركول پاچاق بۇلۇپ،ئۇزۇن يەڭلىك بولسىمۇبىراق،نېپىز سۈزۈك يەڭلىك كىيىملەر بىلەن ناماز ئۇقۇساق قەتئى بولمايدۇ.چۈنكى بىزكائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان رەببىمىزگە قۇللۇق بىلدۈرىمىز.ئادەتتە ئۆيدە كىيگەنكىيىملەر بىلەن سىرتقا چىقىشتىن ئۇيىلىمىز-يۇ(بەزىلىرىمىزدە بۇنداق ھېسياتيوق.ئۇخلاش كىيىملىرى بىلەن يوتقاندىن چىققان ھالەتتىكىدەكلا ئۆيىمىز ئەتراپلىرىدانورمال يۈرىۋېرىمىز) ئەجىبا بىزنىڭ ئىگىمىز بولغان جانابىي ئاللاھتىن نىمىشقائۇيالمايمىز؟؟؟؟نىمىشقا سېركول پاچاق،كالتە يەڭ،ياكى قۇرساق بەللەر كۈرۈنۈپقالغان،كۆكسىلىرىمىز ھەركەتچان ...،چاچلار كۈرۈنگەن ۋە بەزىدە تومپايغان نېپىزروماللار بىلەن  ھالدا ئاللاھىمىزغاپىچىرلاشتىن ئۇيالمايمىز. ؟؟؟؟؟نۇرغۇنلىرىمىز سىرتتىكى كىيىنىشىمىزدەئۆزرىلىكمىز.(پەقەت چۈمپەردىگە-ھە!!!يالاڭباش،كالتە يوپكا ئۇچۇق پاچاقلىقىمىز،ئىشتانكەيگەن ئاچا تاياقتەك تۇرقىمىز قەتئى ئۆزرە ئەمەس گۇمراھلىق!)چۈنكى ئىسلامىيەتكەتىغ ئۇچىنى قاراتقان دىن دۈشمەنلىرى قۇترىماقتا.ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ،ئاللاھئۈزىنىڭ مۈلكى بولغان پاك  دىنىمىزنى ئۈزىقوغداپ بەرگەي،ۋە  ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغاي

         ئەيھەمشىرىلىرىم،نامازدىكى تۇرقۇڭلارنى تۈزەڭلار.نامازدىكى تۇرقىنى تۈزىگەن ئايالچۇقۇمكى ئۇزاق ئۆتمەي سىرتتىكى تۇرقىنى تۈزىدۇ.چۈنكى نامازلار دەرگاھى ھەققەئۆرلىگەندە ،بىز بىلىپ بىلمەي قىياپىتىمىزنى تۈزەيمىز.ئەي ھەمشىرەم بۈگۈندىن  ھازىرقى نامازدىن باشلاپ چېچىڭىزنى تۇلۇق يۆگەپ،چاچقىسقۇچلارنى ئېلىۋېتىپ،چاچنى كۆينەك ئىچىگە تىقىپ،پايپاق كىيىپ،ھۇشۇقنى يېپىپتۇرىدىغان كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ ناماز ئۇقۇڭ،ئاللاھ خالىسا بىر ئايدا قانداقراقتۇيغۇدا بۇلىسىزكىن؟؟؟؟نىيەت –ئەمەللىرىڭىزدە قانچىلىك يۈكسېلىش بۇلىدۇكىن؟؟؟؟

ئەمدى بەزىلەر سىرتقا چىققاندا ناماز ۋاقتى بۇلۇپقالسا ،لېچەك كۆينەك قېلن پايپاقلارنى سومكىغا سېلىپ يۈرەمدىم؟؟دەپ قالارسىلەر؟؟؟؟بىز سىرتقا ھەمىشە چىقمايمىز.ئىشلەيدىغىنىڭلار بولسا ناماز پىشىن چۈشلۈك دەمئېلىشتا بۇلىدۇ.ناماز ئەسىر بولسا ئىشتىن چۈشكەندە بۇلىدۇ.قالدى نامازلارنىڭ ۋاقتىئۆز قۇلىمىزدا .تاساددىبى سىرتتا بۇلۇپ قالساق سىز ناماز ئۈچۈن ئالدىراپ ئۆيگەقايتسىڭىز،چۇقۇمكى مەرھەمەتلىك ئاللاھىمىزمۇ سىزگە رەھمەت ،خاتىرجەملىكئىشىكلىرىنى ئېچىپ بىرىشكە ئالدىرايدۇ.چۈنكى دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەنئارام تاپىدۇ.

ئەي ھەمشىرەم نامازدىكى تۇرقىڭىزنى جىددىتۈزەڭ!نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئۇقۇڭ.ئىككى سەجدىنى توخۇ دان چۇقۇغاندەكتىزلىكتە قىلماڭ.ئىككى سەجدە ئارىسىدا كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم «رەببىغفىرلى»دەپئاندىن ئىككىنچى سەجدىگە بېرىڭ.نامازدا ئەسنىمەڭ.ئۇيەر بۇ يەرلىرىڭىزنى قاشلىماڭ.(ھەتتا ھەرە چاقسىمۇ ناماز ئىچىدە ئۈركۈتۈش نامازنى بىكار قىلىدۇ)ئۆزرىسىز يەرنىتايىنىپ قوپماڭ.قىيام،روكۇ سەجدىلەردىكى ھالىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.ئاياللارنىڭقىيامدىكى تۇرقى -ئوڭ قۇلىنى سول قۇلىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ كۆكسىدە قويغان ھالەتتە،ئىككى پۇتىنى بەك چوڭ ئاچماي(بىر مۇش پاتقىدەك)تۇرىمىز.بەزى ئاياللار قول باغلاپ،پۇتلىرىنى كەرگەن ھالەتتە ناماز ئۇقۇيدىكەن.بۇ خىل ھالەتنى مۇجتەھىت ئالىملارقوللىمىدى.يەنى بىز ئىنسان نامازنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھنىىڭ ئەزىمىتى ۋەكاتتىلىقىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تەۋەززۇ ئۇقۇشىمىز كېرەك.

      ئەيھەمشىرىلىرىم بۇ يازمىنى يوللاپ بەزىلەرنىڭ ئۆز ئارا تىللىشش سورۇنىغا ئايلىنىپقالسا ،ئۈمۈدۈمنىڭ ئەكسىچە بولغان بۇلىدۇ.ئۈچۈرۈلگەن شۇنداق ياخشى بىر تىمامدىمۇياساۋۇلجان بىلەن كەلگۈنداخۇن ئەسىرلىك تىللىشىشلارنى ئېلىپ بارغانئىدى.قېرىنداشلار ئۆزئارا زەھىرىمىزنى سانچىپ ياتلارنى خۇشال قىلىش ئىمانىمىزغامۇخالىپ ئىشتۇر.شۇڭا ھەممەيلەن چىرايلىق پىكىرلىشەيلى .

تۈگەنچە ؛-قېنى ھەمشىرىلىرىمھەممەيلەن ئۈزىمىزدىن باشلايلى.چاچلار تۇلۇق يۆگەلسۇن،تومپايغان چاچلانىقۇيۇۋېتىڭ. كالتە يەڭ ياكى ئۇزۇن  نېپىزيەڭلىك كىيىملەرنى كەيمەي،ئۇزۇن قېلىن بەدەن كۈرۈنۈپ قالمايدىغان  كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ ،پۇتىمىزنى يۆگەپ، چاچۋە بۇيۇن تۇلۇق يېپىلىشى ئۈچۈن بېشىمىزغا لىچەك كىيىپ،ئىشتانلىق سېركول پاچاق ھالەتنى قەتئى تۈزۈتۈپ، ناماز ئۇقۇڭ . ئاللاھبىلەن قەسەمكى ،سىز نامازدىكى ھالىتىڭىزنى رۇستلاپ ئۇقۇسىڭىز،جەزمەنكى ئۇزاقئۆتمەي ئوي-پىكرىڭىزدە چوڭ بۇرۇلۇش بۇلىدۇ.(ئەلۋەتتە تاھارەتنى كامىل ئېلىش بەكمۇھىم،تاھارەتتە مەسىلە بولسا يەنە نامازنىڭ مەقبۇلىيىتىگە دەخلى قىلىدىغانگەپ.ئاللاھ خالىسا تاھارەتتىكى پەرىز،سۈننەت ،مۇستەھەپلەر،نامازدىكىپەرىز،ۋاجىپ،سۈننەت ،مۇستەھەپلەر،مەكرۇھات ۋە مۇفسىدات توغرىسىدا ئايرىم تىمايوللايمەن.)

   قېنى ھەمشىرىلىرىم ،ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈننامازدىكى تۇرقىمىزنى ئۆزگەرتەيلى.بەزىلەر مەن ناماز ئۇقۇغىلى مانچە يىل بولدى دەپئويلارسىلەر.ئېسىڭلاردا بولسۇن قەدىردانلىرىم، ئەللىك يىل ئىبادەت قىلغان ئادەمبىلەن بەش يىل ئىبادەت قىلغان ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ئىبادەتقىلغان يىل سانى بىلەن ئەمەس بەلكى  مەقبۇلىيەت دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.ئەللىك يىلناماز ئۇقۇغان ھېساپ ئەمەس،بەلكى بىر يىل بولسىمۇ  نامازنى تەئدىل-ئەركانبىلەن ئۇقۇپ ،مەقبۇل بولغىنى ھېساپ!!!!!

بىر ئۆمۈر ئىبادەت قىلغانبىرسىدىن بەلكىم ساناقلىق يىللا ئىبادەت قىلغان بىراق بەندىنىڭ ساۋابى كۆپ بۇلىشىمۇمكىن .چۈنكى بىز غەيىپنى بىلمەيمىز.ئاللاھ ھەممىگە ئالىمدۇر. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەنئاللاھقا يۈزلىنىپ ،ئاللاھنى چىن يۈرۈكىدىن تۇنۇپ،جان-تىنى بىلەن ئاللاھقائېسىلغان ،يۈرۈكىدە خۇنۇكلۇك ئەمەس تەقۋالىق گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان ئەقلى بىلىشباسقۇچىدىكى بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ،بىر ئۆمۈر ئىبادەتقىلغان،بىراق يۈرۈكىدە سىلكىنىش بولمىغان ئىلمان سۇدەك      سۇسئېتىقادتا  باشقىلار ناماز ئۇقۇسا نامازئۇقۇپ،مەسچىتكە كىرسە مەسچىتكە كىرىپ خۇددى ئادەتلىنىشتەك بىر خىل ھېسسى بىلىشباسقۇچىدىن ھالقىيالمىغان  يوۋاش يۇمشاقئۆز پايدا خۇنۇكلاردىن تەقۋالاردىن  كاتتابۇلىشى مۇمكىن.

     ئەزىز ھەمشىرىلىرىم،ھېچقايسىمىز توققۇزياشتىن باشلاپلا نامازنى تۇلۇق ئادا قىلغانلاردىن ئەمەسمىز.ھەتتا بەزىلىرىمىزتېخىغىچە ناماز باشلىيالمىغان بۇلىشىمىز مۇمكىن.ئەگەر شۇنداق بولسا نىمىگەساقلايمىز؟؟؟كېيىنچە دەيدىغان بۇ سۆز شەيتاننىڭ بىزنى كىشەنلەيدىغانزەنجىرى.كېيىنچە دېيىشكە سالاھىيىتىمىز يوق.چۈنكى ئۈلۈم ياش-قېرى دىمەيدۇ.قېرىغىچەھايات تۇرىمەن دەيدىغانغا ھېقايسىمىزنىڭ قۇلىدا ھۆججەت يوق!!!!شۇڭا بىر كۈنبولسىمۇ نامازنى تۇلۇق تەئدىل –ئەركان بىلەن،قىياپىتىمىز دۇرۇست ھالدا ئاداقىلىۋالايلى!!!!!ئەتە باشلايمەن دەپ كەينىگە تارتماڭ ھەمشىرەم،!چۈنكى ئەتە ھەقتەقۇلىمىزدا ھۆججەت يوق.بىر مىنۇت ھاياتكەنمىز ئاللاھىمىزغا يۈزلىنىپ قىياپىتىمىزنى رۇستلاپبىر مىنۇت ئىستىغفار ئېيتىۋالايلى!!!!!!!! كېلىڭ ھەمشىرەم !!ئاللاھقا يۈزلىنەيلى!!!بىخوتلۇق،غاپىللىق ،گۇمراھلىق ئاسىيلىق يىغلاپ قالسۇن،ئىبلىس،ۋە ئادىمى شەيتانلار  يىغلاپ قالسۇن.شۇندىلا پاك ئاللاھىمىز بىزدىنمەمنۇن بولغۇسى!!!!!

1434-يىلى (شەئبان)   8-ئاينىڭ 6-كۈنى



كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش