«راۋانيول»دىن خۇشخەۋەر!!!...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم «راۋانيول» مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەزىز قوللىغۇچىلىرى:
بىز «شىنجاڭ قارتال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى»نامىدىن سىلەرگە سەمىمىي سالامىمىزنى يوللايمىز.
«شىنجاڭ قارتال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى» 2008–يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى روياپقا چىقىرىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىل–يېزىقىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشنى ئۆزىنىڭ ئالىي مەقسىتى قىلغان خۇسۇسىي شىركەت. ئىككى يىلدىن ئارتۇق جاپالىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش، ئۇچۇر توپلاش ۋە رەتلەش ئارقىلىق، شىركىتىمىز 2011–يىلى 4–ئايدا ھەقىقىي نەشىردىكى تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە ۋە مەزكۇر خەرىتە سەپلەنگەن «راۋانيول» ماركىسىدىكى بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە سىستېمىلىقGPS سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش ئۈسكۈنىسىنى بازارغا سېلىپ، رايونىمىزدا ئۇيغۇرچە سىستېمىلىق يول باشلاش ئۈسكۈنىسى بولماسلىقتەك تارىخقا خاتىمە بەرگەن ئىدى.
بۇقېتىم شىركىتىمىز يەنە ئاز بولمىغان ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلىپ، ئىلگىرىكى تۇنجى ئەۋلاد «راۋانيول» ئۇيغۇرچە خەرىتىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىپ تولۇقلاش ئارقىلىق، رايونىمىز تەۋەسىدىكى يېڭىدىن ياسالغان بىرقىسىم يول بۆلەكلىرى، ساياھەت ئورۇنلىرى بۇ قېتىمقى يېڭى خەرىتىگە تولۇقلاپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە سىستېمىغا مەيلى سۈپەت، كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، ياكى ئىقتىدار ۋە سەپلىمە جەھەتتىن بولسۇن نۇرغۇنلىغان يېڭىلىقلارنى قوشتى. ئەڭ مۇھىمى يول باشلاش خەرىتىسىنىڭ ئۇچۇرى يېڭىلاندى.
شىركىتىمىز خېلى بۇرۇنلا بىزنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ خېرىدار دوستلارغا قەرەللىك ھالدا يول باشلاش خەرىتىسىنى يېڭىلاپ بېرىدىغانلىقىمىزنى ئېيتقان بولساقمۇ، نەتىجىدە يول باشلاش خەرىتىسى ئۆز قەرەلىدە يېڭىلىنالمىدى. بۇ ئىشتا بىز سىلەردىن ئەپۇ سورايمىز. ئەمما ھەممە ئىشنىڭ مۇئەييەن سەۋەبى بولغانغا ئوخشاش، خەرىتىمىزنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يېڭىلىنىپ بۇلالماسلىقىدىمۇ بىر نەچچە مۇھىم سەۋەب بار، ئەلۋەتتە.
بىرىنچىدىن، ئالدىنقى قېتىملىق خەرىتە ۋۇجۇدقا چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، بىر قىسىم ئىنتايىن قارا نىيەت، پەسكەش، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان نۇمۇسسىز، نەپسانىيەتچى كىشىلەرنىڭ نىيىتى بۇزۇلدى. شىنجاڭ قارتال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى شۇنچە كۆپ ئەجىر- مېھنەت، ۋاقىت ۋە مەبلەغ سەرپ قىلىپ يىغىپ رەتلىگەن ئۇچۇرلار ۋە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە ئوغۇرلىنىپ، باشقا ماركىدا ياكى راۋانيول ماركىسىدىكى ئوغرىلانغان ساختا خەرىتە بازارغا سېلىندى. شۇ سەۋەبتىن بۇ قېتىمقى خەرىتىنىڭ ئۆز قەرەلىدە يېڭىلىنىشى، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىنىڭ دەل ۋاقتىدا خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى.
ئىككىنچىدىن، شىركىتىمىز نۇرغۇن ئىقتىساد، ئادەم كۈچى ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىشلەپ چىقارغان تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇرچە يول باشلاش خەرىتىسى بازارغا سېلىنىپ ھېچقانداق ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىلماي تۇرۇپلا، خەرىتىمىز ئوغرىلىنپ ساختا خەرىتىلەر ئەرزان باھادا سېتىلغانلىقتىن، شىركىتىمىز ئېغىر دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىدى. بۇ ئىش تۈپەيلىدىن بىزنىڭ كېيىنكى قەدەمدىكى خەرىتە يېڭىلاش ۋە تەييار بولغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۇيغۇرچە خەرىتىسىنى چىقىرىشنى توسقۇنلۇققا ئۇچراتتى.
ئۈچىنچىدىن، ئۈرۈمچىدىكى«مىجىت ئاپتۇموبىل توك يوللىرى رېمونتخانىسى»دىكى مىجىت مەلۇم بىر خەنزۇ بىلەن بىرلىشىپ سىستېمىنى يەشكۈزۈدى. بىرەر قېتىم شىركىتىمىزگە كېلىپ بىزدىن خەرىتە سېتىۋېلىپ بىز بىلەن ھەمكارلىشىش توغرىلىق سۆزلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا ھەربىر خەرىتە ئۈچۈن خەنزۇغا پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىپ، ئوغرىلانغان خەرىتىنى ھەرقايسى جايلارغا يۇشۇرۇنچە تارقاتتى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يەكەندىكى «مەنزىل ئاپتۇموبىل بېزەكچىلىك دۇكىنى»دىكى نۇرمەمەت بىزنىڭ خەرىتىنى ئوغرىلىغاننى ئاز دەپ «خەرىتە دېگەن ئومۇمنىڭ، كىم ئوغرىلاپ ئىشلەتسە بولىۋېرىدۇ» دەپ نۇمۇسسىزلارچە بىلجىرلاپ، «مەنزىل» نامىدىكى ئوغرىلانغان خەرىتىنى ساتتى. ئويلاپ باقايلى، بۇ نېمىدىگەن رەسۋالىق، نېمىدىگەن نۇمۇسسىزلىق!!! ئەجىبا، بىزنىڭ بۇ ئىش ئۈچۈن سالغان 2 مىليوندىن ئارتۇق مەبلەغ ۋە 20 نەچچە نەپەر شىركەت خادىمىنىڭ 2 يىللىق جاپالىق ئەجىر-مېھنىتىنىڭ ئەمگەك مېۋىسى ئاشۇنداق نۇمۇسسىز ئوغرىلار تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنسا بۇ ئىش قانداقمۇ ئەقىلغا سىغىدۇ؟!
خەلقىمىزدە ئەزەلدىن كىشىنىڭ ھەققىنى يېمەيدىغان،ھارامدىن قورقىدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار ئىدى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىر قىسىم نۇمۇسسىز كىشىلەر ھەق-ناھەق، ھالال-ھارام دەپ ئايرىماستىن شىركەت ۋە شىركەتتىكى بارلىق خادىملارنىڭ ھەققىنى يېدى، بىز بۇنىڭغا رازى ئەمەس. بۇلار ھامان بىركۈنى قىلغان ئاشۇ ئوغۇرلىقنىڭ سورىقىنى تارتىدۇ.
شىركىتىمىز قىلىۋاتقان بۇ ئىشنىڭ قىيىن ھەم مۇرەككەپلىكىنى ئانچە ياخشى چۈشەنمىگەن بىرقىسىم كىشىلىرىمىز ئۇقۇشماستىن ئاشۇ ئوغرىلانغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغان بولسا، يەنە بىرقىسىم خېلى ئۇقۇمۇشلۇق سانىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ تۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى ئازغىنە مەنپەئەتنى قوغلىشىپ ساختا مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالدى. شۇڭا بىز بۇقېتىم خەرىتىدىكى نۇرغۇن ئورۇنلارغا راۋانيول،قارتال شىركىتى دېگەندەك خەرىتىنىڭ ھەقىقي ئىكەنلىكنى كۆرسىتىدىغان ئۇچۇرلارنى كىرگۈزدۇق. كەڭ خېرىدارلارنىڭ مۇشۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق ھەقىقىي نەشردىكى خەرىتىنى تاللاپ سېتىۋېللىشىنى سەمىمي ئۈمىد قىلىمىز.
دېمەك«راۋانيول»ماركىسىدىكى بۇ مەھسۇلاتلار پەقەت ۋە پەقەت «شىنجاڭ قارتال شىركىتى»دىكى خادىملارنىڭ ھالال ئەجىر-مېھنىتىنىڭ مەھسۇلىدۇركى، ئاتالمىش باشقا ماركا ۋە نامدا ئاتالغان بۇ تۈردىكى ھەرقانداق مەھسۇلات ئېنىقتىن - ئېنىق بىزدىن ئوغرىلانغان، ساختا، ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!!!
بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا بۇخىل ئوغرىلانغان، ساختا، ناچار سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى قانداقتۇر ئاددىي ھالدىكى سېتىش - سېتىۋېلىش مەسىلىسىلا بولماستىن بەلكى، تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئۇيغۇر ئېلېكتىرون بازىرىنى قالايمىقان قىلىشقا ئورۇنغان ۋە قالايمىقان قىلىۋاتقان ئاشۇ ئاز بىرقىسىم ئىنتايىن ساپاسىز، نومۇسسىز، قارانىيەت، پەسكەش، قەلبىدە قىلچە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق خەرىتە ئوغرىلىرىنىڭ ھارام ئارىلاشقان سودىسىغا يانتاياق بولغانلىق، ئۇلارنىڭ بۇ ناچار قىلمىشىنى قوللىغانلىق، خەلقىمىزنىڭ ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئېغىر ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق، شۇنداقلا قارتال شىركىتىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقوقى ۋە ئابرويىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچراتقانلىق، ئەڭ مۇھىمى، مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى ۋە ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە تەتقىقاتىنى زور زىيانغا ئۇچراتقانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئەلۋەتتە.
ئاخىرىدا رايونىمىزدىكى كەڭ خەلق ئاممىسىدىن كۈتۈدىغان ئۈمۈدىمىز شۇكى، بىز ۋە بىزگە ئوخشىغان مىللىي شىركەت ۋە كارخانىلار سىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىڭلارغا ۋە يېقىندىن يار-يۆلەك بولۇشىڭلارغا مۇھتاج. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەممىمىز بىرلىكتە مىللىتىمىزنىڭ ئېلېكتىرون بازىرىنى قالايمىقان قىلىۋاتقان ئاشۇ بىرقىسىم خەرىتە ئوغرىلىرىنى تازىلاپ يوقىتىشقا تەڭ كۈچ چىقىرايلى، ئۇيغۇرچە ئېلېكتىرونلۇق خەرىتە تەتقىقاتىنىڭ ساغلام بازار مۇھىتىدا ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا يېقىندىن ماسلىشايلى.
شىركىتىمىز سىزگە شۇنى سەمىمي ئەسكەرتىدۇكى:
ساختا مەھسۇلاتتىن يىراق تۇرايلى
ھارام ئارىلاشقان سودا - سېتىققا يېقىن كەلمەيلى
يامانغا يانتاياق بولمايلى
بۇ ئىشلار سىزگە ھەم بىزگە، جۈملىدىن مىللىتىمىزگە كۆپ زىيانلىقتۇر!!!
شىنجاڭ قارتال خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-28 11:12 AM