ئىلاۋە : ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئۆي -مۈلۈك بازىرىدىكى خېلى نامى بار باي ھەم مۇشۇ ساھەدە توردا توختىماي ماقالە يازىدىغان رېن جىچىياڭنىڭ « بىز ئۆيلەرنى پۇلى بارلارغا سالىمىز، پۇلى يوقلار قاخشىمىسۇن»، « ئۆي باھاسى يەنە ئۆسۈشى كېرەك»دېگەندەك ماقالىلىرىنى كۆرگەنىدىم.مانا ئەمدى بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىسى باشلانغان مەزگىلدە تۇيۇقسىز « نامراتلارنىڭ بالىلىرى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسۇن» دېگەن ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم ھەم ئۇنى ئىنكاس شەكلىدە تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم . بۇنداق قىلىشىم قانداقتۇر مۇشۇ ماقالىدىكى ئىدىيەنى قوللىغانلىقىمنى چۈشەندۈرمەيدۇ.بۇ ماقالە بىر تەرەپلىمىلىك خاھىشلاردىن خالىي بولمىسىمۇ ئەمما، مەلۇم ئاساسىمۇ يوق ئەمەس.شۇنداقتىمۇ مەن مەيلى قانداق تەبىقىدىكى گېراژدان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بارلىق شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىر ئۆمۈر ئوقۇش-ئۆگۈنۈش ئىستىگىنى تۇرغۇزۇپ ، شۇ يولدا بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك ، دەپ قارايمەن.
نامراتلارنىڭ بالىلىرى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇمىسۇن
بوزقىر تەرجىمىسى
«نامراتلارنىڭ بالىلىرى ئۇنۋېرسىتېتتا ئوقۇمىسۇن» دېگەن تېمىدا بىر نەرسە يېزىشنى ئۇزۇندىن بۇيان خىيال قىلىپ كەلگەن بولساممۇ ئەمما، مۇشۇنداق تېمىنى يازسام نامرات بالىلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىپ كېتىپ قالىدۇ ھەم ئەخلاقسىزلىق بولىدۇ، دەپ قاراپ بولدى قىلغانىدىم. ئەمما، مۇشۇ ھەقتە يۈز بېرىۋاتقان نۇرغۇن قاباھەتلىك ئىشلار نېرۋىرىلىرىمنى توختاۋسىز غىدىقلاۋەرگەچكە ئاخىر بۇ ھەقتە يېزىپلا قالماي يەنە ئېلان قىلىۋەتتىم:
ئاپتورنىڭ بۇ ھەقتىكى تېمىنى يېزىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاساسلىرى بار :
1-ئايرىم ساندىكى پەۋقۇلئاددە تالانىت ئىگىلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا نامراتلارنىڭ بالىلىرى بەرىبىر ياخشى ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرەلمەيدۇ.چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئائىلە شارائىتى، ئاساسىي مائارىپنى قوبۇل قىلىش شارائىتى ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ياخشى ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرەلمەسلىكىنى بەلگۈلىگەن.
2- ياخشى ئۇنۋېرسىتېتلارغا كىرەلىگەن تەقدىردىمۇ ئوقۇيالىشى ناتايىن.بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى دېمىسەممۇ ھەممىگە ئايدىڭ.
3-نامراتلارنىڭ بالىلىرى ئۇنۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىشسىز قالىدۇ. ياخشى ئىدارىلەرنى تاپالمايدۇ. ئۇلار دۆلەت مەمۇرلىرى تىپىدىكى ئىش ئورۇنلىرىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمەسلىكى كېرەك.چۈنكى، ئۇنداق ئورۇنلار پۇلدارلار ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ بالىلىرىدىن ئاشمايدۇ.
4-نامرات بالىلار چوڭ شەھەرلەر بولۇپمۇ پەۋقۇلئاددە چوڭ شەھەرلەردە قېلىپ قالغان تەقدىردىمۇ توي قىلىش ، ئۆي ئېلىش بېسىمىغا دۇچ كېلىدۇ. شەھەرلەر مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بولالمايدۇ، ئۇلار بىر ئۆمۈر شەھەرلەرنىڭ ئۆگەي بالىسى بولۇپ ئۆتىدۇ.
شۇڭا نامرات بالىلار بالدۇرراق ئوقۇشتىن چېكىنىپ بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتقىنى ياخشى. مۇشۇنداق قىلغاندا ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي يەنە ئاز-تولا كىرىم قىلالايدۇ. ھەم ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزىنىڭ ئوچۇقىدا بالدۇرراق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، جانغا ئەسقاتىدىغان بىرەر ھۈنەر-كەسىپنىڭ بېشىنى تۇتۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقلىرىنى بالدۇرراق باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق بارا-بارا پىشىپ يېتىلىپ، چوڭلارنى بالدۇرراق غەمدىن خالاس قىلالايدۇ.
http://blog.ifeng.com/article/3035391.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bozqir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-8 07:38 PM