ArmanimⅡ يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 03:11 PM
تاغ تېشى بولسا بولماسمىكى، مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇ ئىككىسىن ...
چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت . ئا ئۈستىدىكى قاشتېشى بىلەيزۈكنى نەچچە
پۇلغا ئالغىلى بولار ؟
بۇنداق سورىشىمدىكى مەقسىتىم : لايىقىمغا ، رۇزا ھېيىتتا بىر جۈپ قاشتېشى
بىلەيزۈك سوۋغا قىلىمەن دېگەن ئىدىم . بەك قىممەت بولسا ئالالمايمەن .
بولسىغۇ ئالماستىن ياسالغانلىرىنى سوۋغا قىلساق بولاتتى . ئەمما ، ھازىرقى
قىزلارغا ئىشەنگىلى بولمايدۇ . ھە دەپ قويۇپ سوۋغاتلارنى ئېلىۋېلىپ ۋاقتى
كەلسە يۈز ئۆرۈش ئويۇننىڭ ئورنىدىكى ئىش . يا كىيىن ئۇ نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ
بېرىڭ دېگىلى بولمايدۇ .
مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاچقا دەۋاتىمەن . ئىلگىرى بىر قىز بىلەن يۈرگەن ، ئۇمۇ
خېلى دىيانەتلىك ، ئىمانلىق قىز ئىدى . ئانام رەھمەتلىكتىن مىراس قالغان
ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار ( بۇ كىتابنى تاپماق تەس ) قۇرئاننىڭ ئۇيغۇرچە
تەرجىمىسى ، ۋە باشقا كىتابلارنى سوۋغا قىلغان ئىدىم . ئەمما ، كىيىن ئانام
قوشۇلمايدىكەن ئايرىلىپ كىتەيلى دەپ تۇرۇۋالدى .
شۇنىڭ بىلەن باشقا نېمە سورىسىڭىز بېرەي ، ئانامدىن قالغان كىتابلارنى قايتۇرۇپ
بېرىڭ دەپ ئۆزۈم ئىشلىتىۋاتقان ئالما تېلفۇننى بېرىپ كىتابلارنى قايتۇرۋالدىم .
بەلكىم چاكنىلىق قىلغاندىمەن ؟ ئەمما كىتابتىن باشقا نەرسە بولسا بۇنداق پەسلىك
قىلمايتتىم .