ئىلىدا يېڭى مائارىپ قانداق باشلانغان
ئانا دىيارىمىزغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىلى ۋادىسى ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ ھەرىكىتى، يەنى جەدىتچە مائارىپ ھەرىكىتىدىكى ئاۋانگارت ئورۇنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. تارىختا ئىلى ۋادىسىدا ئېچىلغان جەدىتچە مەكتەپلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى باشقا يۇرتلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن ئۈستۈن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ…
ئالا ئىت قىياسى – چىڭغىز ئايتماتوف
ئالا ئىت قىياسى قولتۇقىنىڭ يېنىدىكى يېرىم ئارالسىمان تاغ قاپتىلىدا دېڭىزغا سىڭايان بىر قىيا كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت، يىراقتىن قارىماققا ئۇ دېڭىز بويىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بەھەيۋەت ئالا ئىتنىڭ بەئەينى ئۆزى. ئۇنىڭ بېلىدە يول-يول چاتقاللار بار…
كۆزىمىزدە سوغۇق نۇر – نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن
ئېسىمنى بىلسەم مەھەللىمىزدىكىلەر ناھىيە بازىرىنى «شەھەر» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەنىكەن. ئۇلار ھېلىھەم ئاشۇ قايناق ناھىيە بازىرىنى «شەھەر» دەپ ئېغىزىغا چوڭ ئالىدۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر، ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەت دېگەندەك مەمۇرىي ئۇقۇملارنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن سەل-پەل غەيرىيلىك ھېس قىلىشى تۇرغانلا گەپ…
«ئىلىم-پەن» ئۇخلاتمايدۇ – بىلگەجان
ئاپتور: تۇرسۇنجان بىلگە (بىلگەجان) ئالاھەزەل 12 يىل بۇرۇنقى 11-ئاينىڭ قار ياغقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئاپئاق قارغا پۈركەنگەن مەكتەپ ھويلىسىدا بىر توپ ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچىلار تاڭ يورۇماستا ئۆز-ئارا بەسلىشىپ بىر نىشانغا قاراپ تىز-تىز قەدەم ئالاتتى. ئۇلارنىڭ سوغۇققا قارىماي تا ...
قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا – ۋاڭ مېڭ
ئاپتور: ۋاڭ مېڭ ھەرزەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى 1 قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلە ...
قىيىنچىلىق ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى – زۇلپىقار بارات ئۆز باش
ياشاش – مەسىلە ھەل قىلىش جەريانى، قىينچىلىق – ھايات يولىدىكى ھەل قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغان بىر مەسىلە. قىيىنچىلىق – ئارزۇ، غايە بىلەن قوشكېزەك. ئارزۇ ، غايە قانچىكى ئۇلۇغۋار بولغانسېرى يېڭىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر شۇنچە كۆپ بولىدۇ…
دولان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر
دولانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى، ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدا، يەنى تارىم دەرياسى ۋادىلىرى، يەركەن دەرياسى ئېقىمىنى بويلاپ تاكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مەكىت، پوسكام، قاغىلىق، يوپۇرغا، پەيزىۋات، مارالبېشى، ئاۋات، شايار، ئاقسۇ، كۇچا، ئونسۇ، باي، توقسۇ، بۈگۈر، كورلا، لوپنۇر، چەرچەر، چاقلىق قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ…
قوش مەسچىت – مەمەتئېلى زۇنۇن
ئون توققۇز جۈپ دەرۋازا بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى، قۇرۇلۇش نۇسخىسى، مۇنار –گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ. ئىچكى –تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپمۇئوخشاش ئىككى مەسچىت بار. سىرىدىن تارتىپ، پىرامىداسىمان قالپاقلىق مىخلىرىغىچە تامامەن ئوخشىشىدىغان ئىككى دەرۋازىمۇ بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ…
مەۋجۇتلۇق نېمىلەرگە باغلىق؟
تەبىئەت مەڭگۈ سىرلىق، مەڭگۈ جەلپكار، مەڭگۈ يېڭى، تەبىئەتتىكى ھەر بىر مەۋجۇدات مەيلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دىنوزاۋرلار بولسۇن ياكى قۇرت – قوڭغۇز، پىت-بۈرگىلەر بولسۇن ۋە ياكى ئاسمان پەلەك شەمشاد، ياكى تەسكەي زەيكەشلەردىكى مۇخلار بولسۇن، ۋە ياكى ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلار ۋە زېمىندىكى ئۇششاق تاش، شېغىللار بولسۇن، ھەممىسى بىر مۆجىزە…
مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟ – يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش…