بەرگى خازان – پوۋىست
كۆك قەرىدە ئالتۇن لېگەندەك چاقناپ تۇرغان قۇياش نۇرلىرىنى يەر-زېمىنغا سېخىيلىق بىلەن چېچىۋاتقان ياز كۈنى ئىدى. چىڭقى چۈش مەزگىلى بولغاچقا ھاۋا دىمىق، جاننى قاقشاتقۇدەك ئىسسىق. قىڭغىر-قىيسىق ئېتىز يولىدىكى قىزىق توپا ئۈستىدە كۆيگەن يالاڭئاياق پۇتىنى ئىتتىك-ئىتتىك يۆتكەپ، تىز چامداپ كېتىۋاتقان …
ئالا ئىت قىياسى – چىڭغىز ئايتماتوف
ئالا ئىت قىياسى قولتۇقىنىڭ يېنىدىكى يېرىم ئارالسىمان تاغ قاپتىلىدا دېڭىزغا سىڭايان بىر قىيا كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت، يىراقتىن قارىماققا ئۇ دېڭىز بويىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بەھەيۋەت ئالا ئىتنىڭ بەئەينى ئۆزى. ئۇنىڭ بېلىدە يول-يول چاتقاللار بار…
قوش مەسچىت – مەمەتئېلى زۇنۇن
ئون توققۇز جۈپ دەرۋازا بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى، قۇرۇلۇش نۇسخىسى، مۇنار –گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ. ئىچكى –تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپمۇئوخشاش ئىككى مەسچىت بار. سىرىدىن تارتىپ، پىرامىداسىمان قالپاقلىق مىخلىرىغىچە تامامەن ئوخشىشىدىغان ئىككى دەرۋازىمۇ بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدۇ…
بۇرۇت ماجراسى – مەمتىمىن ھوشۇر
يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋىدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزئەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. – ياخشىمۇ سىز؟…
بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ – لېف تولىستوي
لېف تولىستوي (1828-1910)، تولۇق ئىسمى لېف نىكولايېۋىچ تولىستوي. 19-ئەسىردىكى روسىيىلىك ئۇلۇغ ئەدىب.ئۇنىڭ«ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»، «تىرىلىش»، «ئاننا كارىنىنا»، «ھاجى مۇرات»، «ئىقرارنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
قىرتاق دەرد (پوۋىست)
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمىدىم. ئۆزۈم ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكايىلەرنى ئەسكە ئالغىنىمدا، يۈرىكىم ئاغرىپلا قالماي، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن روھىي دۇنيارىم ئۈنسىز تىترەيتتى. كىمگە ياش تۆكۈپ، كىمگە مەدھىيە ئوقۇشنى بىلمەيتتىم. تاللاش مېنى ھەقىقەتەن قىينايتتى…
چار خوراز (مەمتىمىن ھوشۇر)
كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم، ئاڭلىسام، يېقىندىن بېرى چەت ئەللەردە مەخسۇس خوتۇنى يوقلارغا خوتۇن، ئېرى يوقلارغا ئەر بولۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ روناق تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش. مەنغۇ چەت ئەلدە گالىستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەنلەرنى كۆرۈپ تازا كۈلگەنىدىم…
ئەڭ ئاخىرقى دەرس (دائۇدېت)
بۇ ھېكايە 1873- يىلى يېزىلغان. 1871- يىلى پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. پىرۇسىيە قوشۇنلىرى فرانسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئىلزاس، لوتارىنگىيە قاتارلىق فرانسىيەنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. فرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېت (1840- 1897) بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەم بۇ ھېكايىنى يازغان.
[ھېكايە] دولان ياشلىرى – زوردۇن سابىر
پالتاخۇن ھەر ۋاقىت تامىقىدىن كېيىن مۇشۇ قوشاقنى ئېيتاتتى. سىم باياۋان، بوم باياۋان، خۇدەك باياۋان مۇقاملرىنى ئېيتقاندا ئاقۋاش، قارا كۆز، ئۇزۇن چاچ ئاسىخان موماي قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، زوقى بىلەن تىڭشايتتى. بەزىدە ئەگىشىپ غىڭشىپمۇ قوياتتى…
[ھېكايە] ئېھ، توپىلىق يول – زوردۇن سابىر
گۈلئايشەم قىممىتى بار ھەممىلا نېمسىنى – ياشلىقېنى، ھۆسنىنى، ئار-نومۇسىنى… پۇلغا تېگىشىشكە رازى بولدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ غېمىنى يېگۈچىلەرنىڭ غەزىپىنى، نارازىلىقېنى قوزغىغىنى بىلەن ھاممىسىنىڭ خوشاللىقېنى، غورۇرىنى ئاشۇردى. ھاممىسى ئېقىۋاتقان ناندەك سالپىيىپ تۇرىدىغان ئىككى مەڭزىگە تېپىپ چىققان …