• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

ئالا ئىت قىياسى – چىڭغىز ئايتماتوف

2490
ئاپتورى: چىڭغىز ئايتماتوف   يوللانغان ۋاقتى:2016-01-30   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ھېكايە-پوۋىست
 

ئاپتور: چىڭغىز ئايتماتوف

 

ئالا ئىت قىياسى قولتۇقىنىڭ يېنىدىكى يېرىم ئارالسىمان تاغ قاپتىلىدا دېڭىزغا سىڭايان بىر قىيا كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ. دەرھەقىقەت، يىراقتىن قارىماققا ئۇ دېڭىز بويىدا ئوقتەك يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان بەھەيۋەت ئالا ئىتنىڭ بەئەينى ئۆزى. ئۇنىڭ بېلىدە يول-يول چاتقاللار بار. بېشىدىكى تۇرۇپ قالغان ئاق قارلار (يازنىڭ تومۇز ئىسسىقىدىمۇ ئېرىمەيدۇ) بەئەينى ساڭگىلاپ تۇرغان قۇلىقى، قورسىقىدىمۇ (تەسكەيدىكى ئويمان جاي) بىر تال ئاق بار. ئەتراپتىكى يىراق-يىراق جايلاردىن، مەيلى دېڭىز ياكى ئورمان ئارىسىدىن بولسۇن، ھەممىلا يەردىن بۇ ئالا ئىت قىياسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ.

قۇياش نەيزە بويى كۆتۈرۈلگەن چاغ، نىۋخى لارنىڭ بىر كېمىسى ئالا ئىت قىياسىدىن دېڭىزغا قاراپ يولغا چىقتى. كېمىدە ئۈچ ئوۋچى، بىر بالا بار ئىدى. ياش ھەم قاۋۇل ئىككى ئەر ئىككىدىن پالاق تۇتقان، كېمە قۇيرۇقىدا ئولتۇرغان بوۋاي غاڭزىسىنى ئالدىرىماي شورىغىنىچە رول باشقۇرماقتا.

كېمىنىڭ تۇمشۇقىدا ئولتۇرغان قارا كۆز، 11-12 ياشلاردىكى بالا چوڭلارغا لايخورەككە ئوخشاش پات-پات قاراپ قوياتتى. بوۋاي كايىپ كەتمىسۇن، دەپ ئۆزىنى چىڭ تۇتۇپ ئولتۇراتتى. ئۇ ناھايىتى خۇشال، ھاياجاندىن بۇرۇن تۆشۈكلىرى لىپىلداپ، يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلەر تېشىغا تېپىپ چىققانىدى. بۇ، ئاپىسىدىن قالغان ئىرسىيەت، ئاپىسىمۇ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەن چاغلىرىدا يۈزىدىكى سۇس سەپكۈنلىرى شۇئان تېشىغا تېپىپ چىقاتتى. بۇ سەپەر ئۇنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ باشلىنىشى، شۇڭا خۇشاللىقتىن قىن-قىنىغا پاتماي قالغانىدى ھەم بېشىنى لايخورەكتەك ئۇياق-بۇياققا تولغاپ، زور ھەۋەس، كۈچلۈك تەلپۈنۈش بىلەن ئەتراپىغا كۆز تاشلايتتى. مانا، قىرىسىق چوڭ بولۇپ تۇنجى قېتىم، ئەجدادلىرىدىن قېپقالغان كېمىدە ھەقىقىي ئوۋچىلار بىلەن پايانسىز دېڭىزغا ئوۋ ئوۋلىغىلى كېتىپ بارىدۇ. قىرىسىق ئالا ئىت قىياسىنىڭ بويىدا ئوينىغان چاغلىرىدا كۆرگىنى بىلەن دېڭىزنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ھەتتا ئۇنىڭ كېمىگە چۈشكەن چاغدا كۆرگىنى بىلەنمۇ قىلچە ئوخشىمايتتى. بۇ ئۇنى تاڭ قالدۇردى. بۇنى ئۇ كېمە دېڭىز قولتۇقىدىن لەپپىدە دېڭىزغا چىققان چاغدىلا بىلىپ بولغانىدى. دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ كەتكەن كۆز يەتكۈسىز بۇنداق مەنزىرىنى ئۇنىڭ تېخى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى. پايانسىز دېڭىز قىرىسىقنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ بۇنداق مەنزىرىنى كۆرىمەن دەپ خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدى. ئەتراپنىڭ ھەممىسى ئەسەبىيلەرچە داۋالغۇپ تۇرغان سۇ، گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسىيىپ تۇرغان شاش دولقۇنلار. بۇ يەردە كىشىلەرنى ۋەھىمىگە سالىدىغان تەگسىز قاراڭغۇ، چوڭقۇر بىر ھاڭلار بار. بۇ يەردە ئاسمان-قول يەتمەيدىغان ئاپئاق بۇلۇتلار مەيىن ئۈزۈپ يۈرگەن ئاسمانلا بار. مانا بۇ پۈتكۈل دۇنيا. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمە يوق، قىشمۇ يوق، يازمۇ يوق، ئېدىرمۇ يوق، سايمۇ يوق.

پۈتۈن جاھاننىڭ ھەممىلا يېرى سۇ.

ئۇلار شىددەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە. توسۇن ئاتتەك بىر تەشنالىق ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلىنغان جايغا تېزرەك ئۈزۈپ بېرىشقا دەۋەت قىلماقتا… ئۇلار تيۇلېن ئوۋلىغان چاغدىلا دېڭىز ئۆزگىرىشكە باشلىغانىدى. مانا ئەمدى دولقۇنلار بارغانچە كۈچەيگىلى ھەم زورايغىلى تۇردى. دېڭىز ئېقىنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك، لېكىن شامالنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگەن. كېمە بارغانچە قاتتىق داۋالغۇماقتا. بولۇپمۇ ئوۋچىلارنى ئەڭ ساراسىمىگە سېلىۋاتقىنى يەنىلا ھاۋا ئىدى. بۇ ھاۋاغا نېمە بولغاندۇ؟ باھار پەسلى تۇرسا، ھاۋادا غەلىتە نەرسىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنى نېمىسى؟ بىر خىل چاڭ-توزان يىراقتىكى ئوت كەتكەن قاراڭغۇ ئورماندىن كېلىۋاتقان ئىستەك يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە، كۆكۈچ پەردىگە ئوخشاش ئاسمانغا يېيىلماقتا ئىدى. گەرچە بۇ تۇمان ئاسماننىلا قاپلاپ ئۇلارنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى غەم بېسىشقا باشلىدى.

- نەدىن كەلگەن تۇماندۇ بۇ؟-دېدى ئورگان ئەتراپىغا نارازىلىق بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆز-ئۆزىگە. ئۇلار ئالدىراش پالاق ئۇراتتى، ھەربىر پالاق ئۇرغاندا ئوتتۇرانچى كۆكرەك ئارىلىغا كەلدۇقمىكىن دەپ ئالدىغا قارايتتى. ئۇ، ئۈچ كۆكرەك ئارىلى ئىچىدىكى ئەڭ قۇلايلىق، ئەڭ ئىشەنچلىك جاي ئىدى.

قارامتۇل كۈل رەڭ قويۇق تۇمان خۇددى غايەت زور سېپىلغا ئوخشاش، ئۇپۇقنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك توسۇۋالغان، دېڭىز بويلاپ ئۇلار تەرەپكە شىددەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى. ئەنە، تۇمان دېڭىزدا زور قايناملارنى ياساپ ئەسەبىي شىردەك ئېتىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ مەقسىتى كېمە، كېمىدىكىلەر، كۆرۈنۈپ تۇرغان ۋە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان جىمى مەۋجۇداتنى يۇتۇۋېتىش. تۇمان دەل ئۇلار ئارال دەپ خاتا ئويلاپ قالغان ھېلىقى جايدىن كېلىۋاتاتتى. ئۇ دەل قىرىسىق تۇنجى بولۇپ بايقىغان ھېلىقى تۇتۇق، جىمجىت نەرسە ئىدى. شۇ تاپتا ئۇ جاھاننى بىر ئېلىپ ئۇلارغا ئۈن-تىنسىز بېسىپ كەلمەكتە ئىدى.

- ئاۋۇنىڭغا قاراڭلار! ئاۋۇنىڭغا قاراڭلار! – قىرىسىق ئەنسىزلىك بىلەن ۋارقىراپ كەتتى، چوڭلار قاتتىق چۆچۈپ كېتىشتى. كېمىمۇ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ ئىرغاڭلاپ كەتتى. دەل شۇ پەيتتە قويۇق تۇمان ئارىسىدىن زور دولقۇنلار شىددەتلىك گۈركىرەپ ئېتىلىپ چىقىپ كەلدى. تاغدەك-تاغدەك دولقۇنلار ئۇلارغا سۈر-ھەيۋە بىلەن باستۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. – بېشىنى بۇراڭلار! – جان-جەھلى بىلەن ۋارقىرىدى ئورگان، – كېمىنى ئارقىغا بۇراڭلار! كېمىچىلەر ئەمدىلا كېمىنى دولقۇنغا توغرىلاپ تۇرۇشىغا تۇنجى بولۇپ يېتىپ كەلگەن زور دولقۇن كېمىنى ئۆرۈۋەتكىلى قىل قالدى. دولقۇنلار ئەسەبىيلەرچە ئوقچۇيتتى. سۇ شىددەتلىك داۋالغۇيتتى، تۇمان قۇيۇنتازدەك تولغىنىپ يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتاتتى. شۇندىلا ئۇلار تۇماننىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ۋە رەھىمسىز ئىكەنلىكىنى بىلدى.

- شامال يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! شامال يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! – ئورگان ۋارقىراپ تۇرۇشىغا ھەممە نەرسە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى. تۇمان كۆچكەن قاردەك باستۇرۇپ كېلىپ، ئۇلار بىردىنلا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە سولىنىپ قالغاندەك بولدى. كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆزلىرىنى باشقا بىر دۇنيادا كۆردى. ھەممە نەرسە كۆزدىن يىتتى. ئاسمان، دېڭىز، كېمىنىڭ ھەممىسى تۇمان ئىچىدە قالدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ چىرايلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرەلمىدى، خاتىرجەملىكى بۇزۇلۇپ ۋەھىمە باستى. دېڭىز گۈركىرىمەكتە، كېمە دولقۇنلارنىڭ زەربىسىدىن گاھ كۆتۈرۈلۈپ، گاھ پەسەيمەكتە ئىدى. چاچراپ چىققان سۇدىن كىيىملىرى ھۆل بولۇپ ئېغىرلىشىپ كەتتى. ھەممىدىن يامىنى، تۇماندا ھېچنېمىنى كۆرگىلى، نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى، قانداق تەدبىر قوللىنىش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئەمدى ئۇلارغا كېمىنى ئۆرۈلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ تۇرۇشتىن باشقا ئامال قالمىغانىدى. كېمىنى قايسى تەرەپكە ھەيدەشتىن ئېغىز ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دولقۇنلار ئۇلارنى نەلەرگە ئاپىرىپ قويىدۇ، تۇمان قاچان تارايدۇ، بۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

دېڭىز تىپتىنچ، ئەتراپنى گۆرىستان جىمجىتلىقى باسقان، كېمە مەيىن دولقۇنلاردا ئاستا تەۋرىنىپ تۇرىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ بارغۇدەك جايى، ماڭغۇدەك يولىمۇ يوق. پالاقلار سۇدا لەيلەپ تۇرىدۇ. ئەمرايىن بىلەن مېلگۇن ھېرىپ ھېچ ماغدۇرى قالمىغان، پالاق ئۇرغۇدەك كۈچىمۇ يوق، ئۆلۈكتەك ئۇخلىماقتا.

دېڭىزدا ئازراقمۇ شامال يوق، قاراڭغۇلۇقتا ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك ئېغىر سۈكۈتكە پاتقان، دېڭىز تىمتاس، تۇمان تىپتىنچ. كېمە سۇغا «قۇلۇپلىنىپ» قالغان. بارغۇدەك جايى… ماڭغۇدەك يولىمۇ يوق…

بوۋاي غەم-ئەندىشىلەر ئىچىدە كېمە قۇيرۇقىدا تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇپ، بىلمەيلا ئۇخلاپ قالدى. قىرىسق ئۇنى ئويغاتتى.

- بوۋا! بوۋا! – دېدى قىرىسق ئۇنى ئىرغىتىپ، – ئۇسساپ كەتتۇق.

بوۋاي ئويغاندى. ئۈچ قېرىندىشى ئۇنى چوڭ بىلىپ كۈتۈپ تۇرۇشاتتى. دېمەك، ئەڭ قورقۇنچلۇق ئىش مانا ئەمدى يۈز بېرىدۇ: ئۇ سۇ تەقسىم قىلىشى كېرەك…

تۇمان يەنىلا بۇرۇنقىدەك قويۇق، تىپتىنچ، جىمى مەۋجۇدات تىمتاسلىق ئىچىدە ئىدى.

ئەمدى كېمە ھەيدەشكە ئالدىراشنىڭ ھاجىتى قالمىغانىدى. چۈنكى، ئۇلار نىشانى يوق، نەگە مېڭىشنىمۇ بىلمەيتتى.

ئۇلار ئويغانغاندىن كېيىن بۇ يەردە تۇرۇۋېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پالاق ئۇرۇشقا باشلىدى. ئەمدى تەۋەككۈل قىلماي نېمە ئامال، بىر بولسا قۇرۇقلۇققا يېقىنلاپ بارىدىغان، بولمىسا دېڭىزغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ كېتىدىغان گەپ شۇ.

شۇنداق قىلغاندا ھەرھالدا ئاز-تولا ئۈمىد كۈتكىلى بولاتتى.

ئۈمىدنىڭ چوڭى تۇماننىڭ تارقاپ كېتىشىدە ئىدى. ئۇ چاغدا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ-دە.

مەيلى نېمىلا بولسۇن، پەقەت تۇمانلا تارىسا كەچتە يۇلتۇز كۆرگىلى بولىدۇ. ھازىر ھەممىدىن مۇھىمى يۇلتۇز كۆرۈش.

يەنە بىر ئۈمىد بىرەر ئارالغا بېرىپ قېلىش، ئۇ يەردە تەرەپلەرنى پەرق ئەتمەك ئاسانغا چۈشىدۇ.

ئۇلار قارىغۇلارچە تۇمانغا ئىچكىرىلەپ مېڭىۋەردى.

بىراق، تۇمان تارىمىدى ھەم تارايدىغاندەكمۇ قىلمايتتى، ئۆلۈكتەك قېتىپ تۇراتتى. قارىغاندا ئىنسان ئەقلى يەتمەيدىغان غەلىتە بىرنەرسە پۈتكۈل كائىناتنى-يەر، ئاسمان، دېڭىزنى يۇتۇۋالغاندەك قىلاتتى.

يەنە بىر تۈن كېلىشكە باشلىدى. ئۇلار ئەتراپنىڭ قاراڭغۇلىشىپ كېتىپ بارغىنىغا قاراپ شۇنداق جەزم قىلىشتى. ئاسمان يوق، بىر تال يۇلتۇزمۇ كۆرۈنمەيدۇ.

ئۇلار ھېچ مەقسەتسىزلا پالاق ئۇرماقتا.

ئۇلار يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنۈشىنى زارىقىپ كۈتمەكتە. شامال چىقسىكەن، بۇ رەزىل، ياۋۇز تۇماننى ئۇچۇرۇپ كەتسىكەن، دەپ ئارزۇ قىلماقتا. ھەممەيلەن ئويغاق، ئاسمان ئىلاھىنىڭ ئۆزلىرىگە يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاتا قىلىشىنى، شامال ئىگىسىنىڭ-دېڭىزنىڭ ئايىغىغا يوشۇرۇنۇپ ياتقان تۈكلىرى ئۇزۇن مەخلۇقنىڭ بالدۇرراق ئويغىنىشىنى تىلىمەكتە.

بىراق، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ پايدىسى بولمىدى، ئۇلارنىڭ نىداسىنى ھېچكىم ئاڭلىمىدى، تۇمانمۇ تارىمىدى.

قىرىسىقمۇ يۇلتۇزلارنى كۆرۈشكە ئالدىرىماقتا. ئادەتتە ئاسماندا جىمىرلاپ ئويۇنچۇقتەك كۆرۈنىدىغان بۇ يۇلتۇزلار شۇ تاپتا ئۇنىڭغا جاندىنمۇ ئەزىز بىلىنمەكتە. كېچىدىكى ئىشلاردىن ئۇ قاتتىق قورقۇپ كەتتى. بىر بالىنىڭ قەلبىنى مۇجۇپ مەڭگۈلۈك ئۈمىدسىزلىككە پاتۇرۇۋېتىش ئانچە تەس ئىش ئەمەس. بىراق، چوڭلار بىلەن بىللە كېتىۋېتىپ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان مۇشۇنداق بىر پەيتتە سەپىرىنىڭ تۈگەي دەپ قالغىنىنى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن بالا-قازالاردىن قۇتۇلۇپ ئەسەبىي تەبىئەتنى يەڭگەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدا يەنە، بۇ قېتىم قۇتۇلۇپ قالىدىغان ئوخشايمىز، دېگەن ئۈمىد پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئىشەنچى كامىلكى، پەقەت يۇلتۇزلا كۆرۈنسە تارتىدىغان جاپاسىمۇ تۈگەيتتى.

بىچارە بەختسىزلەر كېچىچە كۈتۈۋېرىپ كۆزلىرى تېشىلەي دېدى. بىراق، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. تۇمان قىمىرلاپمۇ قويمىدى، يۇلتۇزلار يوق، دېڭىز يەنىلا قاراڭغۇلۇق ئىچىدە.

ئۇلار كېچىچە ئۇسساپ چىقتى. دېڭىز ھاۋاسى نەم سوغۇق، بىراق ھەممىدىن يامىنى ئۇسسۇزلۇق ئىدى. ھەممەيلەن ئۇسساپ چاكىلداپ كەتكەن، ھەممىدىن بەكرەك ئۇسساپ كەتكىنى قىرىسق ئىدى. ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق ئازابلاندى. قىرىسىق ئاخىر چىدىيالماي ئورگان بوۋىسىدىن سۇ سورىدى. بىراق، ئۇ بەرگىلى ئۇنىمىدى.

- بولمايدۇ، – دېدى بوۋاي قاتتىقلىق قىلىپ، – ھازىر بەرمەيمەن. يەنە ئازراق چىدا!

تاڭمۇ ئاتتى، بىراق ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق. پەقەت كۆكۈچ تۇمان سەل كۆتۈرۈلۈپ، ئەتراپ بىرئاز كېڭەيگەندەك، ئۇلار بىر-بىرىنىڭ چىرايىنى پەرق ئەتكۈدەك بولدى. ئېغىر، تىپتىنچ سۇ كېمە ئەتراپىدا سىمابقا ئوخشاش سۇس پارقىراپ تۇراتتى. قىرىسىق ئەزەلدىن مۇنداق ئۆلۈك سۇنى كۆرۈپ باقمىغانىدى.

تىنىقچە شامال، ھېچقانچە ئۆزگىرىشمۇ يوق.

قىرىسىق چوڭلارنىڭ چىرايىنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى. ئۇلار ئورۇقلاپ، يۈز-كۆزىنى يىرىك ساقال-بۇرۇت بېسىپ كەتكەن، كۆزلىرىنىڭ نۇرى قېچىپ، كېسەل ئادەمنىڭكىدەك ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەتتا دادىسىدەك قاۋۇل، بەردەم ئادەممۇ تونۇغۇسىز بولۇپ قالغانىدى. پەقەت بومبۇر ساقىلىلا ئۆز پېتىچە، لەۋلىرى چىشلەۋېرىپ كۆكىرىپ كەتكەن. ئۇ قىرىسىققا ئېچىنىش نەزەرىدە ئۈن-تىنسىز قاراپ قويدى، ئەمما گەپ قىلمىدى. ھەممىدىن بەكرەك ئورۇقلاپ كەتكىنى ئورگان بوۋاي ئىدى. ئۇ مۈكچىيىپ دۈمچەككىلا ئوخشاپ قالغان. بۇغدىيىكى تومپىيىپ، بوينى تېخىمۇ ئۇزىراپ، كۆزلىرى تېخىمۇ چاپاقلىشىپ كەتكەنىدى. ئەمما، ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن يەنىلا ئورگاننىڭ خاراكتېرى چىقىپ تۇراتتى. ئاقساقاللارغا خاس ئەقىللىق، جىددى كۆزلىرىدە پەقەت ئۆزىلا بىلىدىغان ھەم چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان مەلۇم بىر سىر يوشۇرۇنۇپ ياتاتتى.

بۇ كۈن ئەڭ ئېغىر ئىش-سۇ تەقسىم قىلىشتىن باشلاندى. سۇنى ئورگان ئۆزى بۆلۈپ بەردى. ئۇ سوغىنى قولتۇقىغا چىڭ قىسىۋېلىپ ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئالدىرىماي قۇياتتى. قوللىرى بولسا دىر-دىر تىترەيتتى. ئۇ ھەممىدىن ئاۋۋال قىرىسىققا سۇ بەردى. قىرىسىق ئۇسساپ تاقىلداپ كەتكەچكە غۇرتۇلدىتىپ بىراقلا ئىچىۋەتتى. ئۇنىڭ ئۇسسۇزلۇقى بىردەملىككە بېسىلىپ ئىچىدىكى ئوت ئۆچكەندەك بولدى. جىددىلىشىپ كەتكىنىدىن قۇلاقلىرى ھەرە كىرىۋالغاندەك غوڭۇلدايتتى. بىراق، چۆمۈچنى قايتۇرۇپ بېرىشىگىلا خۇددى ئىچىدە يىرتقۇچ بىر ھايۋان تېپىرلاۋاتقاندەك ئىچى تېخىمۇ ئۆرتىنىپ كەتتى. ئاندىن مېلگۇن، ئاخىرىدا ئەمرايىن سۇ ئىچتى. ئۇلارنىڭ سۇ ئىچكەندىكى تۇرقى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىدى. قوللىرى دىر-دىر تىترەپ، سۇنى ئىچىپ بولۇپلا خۇددى ئورگاننىڭ گۇناھى باردەك، ئاران مۇشۇنچىلىك سۇ بەردىڭمۇ دېگەندەك ئۇنىڭغا قاراپمۇ قويماي چۆمۈچنى ياندۇرۇپ بەردى. نۆۋەت ئورگانغا كەلگەندە ئۇ بىر تېمىممۇ سۇ ئىچمەي، ئۈن-تىنسىز ھالدا سوغىنى ئەتتى. بۇنىڭغا قىرىسىقنىڭ زادىلا ئىشەنگۈسى كەلمىدى. ناۋادا سوغا ئۇنىڭ قولىدا بولغان بولسا تولدۇرۇپ تۇرۇپ ياكى قوپالماس بولۇپ قالغۇچە راسا ئىچكەن بولاتتى. كېيىن نېمە بولسا بولمامدۇ، سۇغا بىر قېنىۋالسىلا بولدى. لېكىن، ئورگان بوۋىسى بىر تېمىممۇ سۇ ئىچمىدى.

- نېمىشقا ئىچمەيسىز بوۋا؟ بىز ئىچكەندىكىن سىزمۇ ئىچمەمسىز! – دېدى ئەمرايىن ئاخىر چىداپ تۇرالماي بوغۇق ئاۋازدا، – تۈنۈگۈنمۇ ئىچمىدىڭىز، ئۆلۈشكە تېگىشلىك بولسا ھەممىمىز تەڭ ئۆلەيلى!

- مەن چىداشلىق بېرەلەيمەن! – دېدى ئورگان خاتىرجەم ھالدا.

- ياق، بۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ! – ئەمرايىن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ئاچچىقلىنىپ ئېيتتى، – ئەمىسە مەنمۇ ئىچمەيمەن!

- بولدى سۆزلەۋەرمىگىن، سۇمۇ ئازلا قالدى، – ئورگان سۇس كۈلۈمسىرەپ «سەن نېمانچە دۆت!» دېگەندەك بېشىنى چايقاپ قويدى. ئاندىن سوغىنىڭ ئېغىزىدىكى ياغاچنى چىقىرىپ چۆمۈچكە سۇ قۇيدى، – مېنىڭ ئۈچۈن قىرىسىق ئىچسۇن!

قىرىسىق گاڭگىراپ قالدى. باشقىلار ئۈن-تىنسىز قارىشىپ تۇراتتى. ئورگان چۆمۈچنى ئۇنىڭغا ئۇزاتتى:

- ھە قىرىسىق، ئىچە! بولدى تارتىنما.

قىرىسىق گەپ قىلمىدى.

- ئىچە! – دېدى مېلگۇن.

- ئىچكىن! – دېدى ئەمرايىن.

- ئىچكىن! – دېدى ئورگانمۇ.

قىرىسىق ئىككىلىنىپ قالدى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۇنى بىرلا كۆتۈرۈپ ئىچىۋەتكۈسى كېپكەتتى، بىراق ئۇنداق قىلمىدى.

- ياق! – دېدى ئۇ نەپسىنى بېسىپ، – بوۋا، ئۆزىڭىز ئىچىڭ!

ئۇنىڭ بېشى قېيىشقا باشلىدى.

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورگاننىڭ قوللىرى تىترەپ، ئېغىر خورسىندى، تەسىرلەنگىنىدىن بالىغا مىننەتدارلىق ۋە ئىچ ئاغرىتىش نەزىرىدە قارىدى.

- مېنى ئۆمرۈمدە ئاز سۇ ئىچتى دەۋاتامسەن؟ سەن تېخى ياشىشىڭ كېرەك. سېنىڭ… – بوۋاي گېپىنى تۈگەتمەيلا باشقا ياققا بۇرىۋەتتى، – مېنى چۈشىنىدىغانسەن قىرىسق؟ ئىچكىن، ئىچىۋەر، مېنىڭدىن ئەندىشە قىلما. ھە قېنى!

قىرىسىق سۇنى ئىچىۋەتتى. ئۇسسۇزلۇقى بىردەملىككە بېسىلىپ، ئۆزىنى يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. بىر پەستىن كېيىن يەنە ئۇسساپ كەتتى. شۇندىلا سۇنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدى. بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق. ئىشقىلىپ ئىچكىلى سۇ بولسىلا بولدى. مانا، مۇشۇنداق سۇمۇ تۈگەي دەپ قېلىۋاتىدۇ…

تۇمان تېخىچىلا رەھىمسىزلىك بىلەن دېڭىزنى قاماللاپ تۇرماقتا. دۇنيا تىپتىنچ، قاراڭغۇ، قويۇق تۇمان ئىچىدە. تىنىقچە شامال، ھېچبىر ئۆزگىرىشمۇ يوق. مېلگۇننىڭ شۇنچە تىللاپ-قارغاشلىرىمۇ كار قىلمىدى. شامال بۈۋىم ھېچنېمىنى كۆرمىگەن ھەم ئاڭلىمىغاندەك ئىدى. ئۇ يا ئاچچىقلانمىدى، يا قىمىرلاپمۇ قويمىدى. بوران-يامغۇرلار بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇممۇ قىلمىدى.

ئەمرايىن بىر جايدا تۇرۇۋەرمەسلىك ئۈچۈن يېنىككىنە پالاق ئۇرۇپ قويدى. قېيىق ئورنىدىن سەل قوزغالدى. ئورگان ئۈن-تىنسىز، چوڭقۇر خىيالدا، بەلكىم، ئۇ يەنە ياكى بولمىسا ئۆمرىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم «پەرىزات بېلىق» نى ئەسلەۋاتقان بولسا كېرەك.

قىرىسىق ئۇنى غەمكىن خىياللاردىن ئويغاتتى.

- بوۋا، بوۋا، شىمالىي قۇتۇپ ھۇۋقۇشى نېمىشقا ئارالغا قاراپ ئۇچىدۇ؟-سورىدى ئۇ چۈچۈك تىلدا.

- ھە راست، ساڭا دەپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. بۇنداق قويۇق تۇماندا پەقەت شۇلا ئارالغا ئوزۇق تۇتقىلى ئۇچۇپ بارالايدۇ. بەزىدە ئۇ تيۇلېننىڭ بالىلىرىنى تۇتۇپ يەيدۇ. ئۇنىڭ كۆزى بەك ئۆتكۈر، تۇمان ياكى كېچىلەردە ئەتراپنى كۈندۈزدىكىگە ئوخشاش كۆرەلەيدۇ. شۇڭا، ئۇنى ھۇۋقۇش دەيمىز. ھۇۋقۇشلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈكى ئاشۇنداق بولىدۇ.

- مېنىڭمۇ كۆزلىرىم شۇنداق ئۆتكۈر بولغان بولسا، – دېدى قىرىسىق قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىنى تەستە مىدىرلىتىپ، – قاياققا مېڭىشنى ھازىرلا دەپ بېرەتتىم. قۇرۇقلۇققا بىردەمدىلا يېتىپ بېرىپ سۇ دېگەننى راسا ئىچكەن بولاتتۇق… خەپ، مېنىڭمۇ ئاشۇنداق كۆزلىرىم بولغان بولسا ئىدى-ھە…

بىر كۈن مانا شۇنداق ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار تېخىچىلا دولقۇننىڭ شاۋقۇنى ئاڭلانسىكەن، شامال چىقىپ تۇماننى يىراققا ھەيدەپ كەتسىكەن، بىزگە نىجاتلىق يولى ئېچىلسىكەن، دەپ تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە. بىراق، دېڭىز تىمتاس، ناھايىتى زېرىكىشلىك، ھەتتا قارىسا ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىپ، قۇلاقلىرى ۋىڭىلداپ كېتەتتى. ئۇلار كۈن بويى سۇ، سۇ، سۇ دەپ چاكىلداپلا ئۆتتى. قىزىق ئىش: ئۇلار شۇنچە پايانسىز دېڭىزدا تۇرۇقلۇق ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ قالاي دەۋاتاتتى.

كەچقۇرۇن بولغاندا مېلگۇن زادى بولالمىدى. كۆزلىرىنىڭ نۇرى ئۆچۈپ سۆزدىن قالدى. ئورگان ئامالسىز ئۇنىڭغا گېلىنى نەمدىۋالغىلى ئازراق سۇ بەردى. قىرىسىقنىڭ نەپسى تاقىلداپ، چۆمۈچكە يەۋەتكۈدەك قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغىمۇ ئازراق بەردى. ئاخىردا ئەمرايىنغىمۇ ئازراق قۇيۇپ بەردى. بىراق، ئۆزى يەنىلا بىر تېمىممۇ ئىچمىدى. بۇ قېتىم ئۇ سوغىنى كېمىگە قويۇپ قويۇپ، خۇددى ئۇسسىمىغاندەك ھەم ھېچقانداق ئازاب تارتمىغاندەك مەلۇم بۈيۈك بىرنەرسە ھەققىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇن خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ كېمە بېشىدا خۇددى تىك چوققىغا قونۇپ تۇرغان يالغۇز بۈركۈتتەك ئۈن-تىنسىز، قىلچىمۇ ھودۇقماي ئولتۇراتتى. ئۆزىنى نېمىنىڭ كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا، غەيرەتكە كېلىپ، بار كۈچى بىلەن ئۆمرىنىڭ ئاداققى مىنۇتلىرىنى كۈتۈۋالماقچى ئىدى. قاراڭغۇ چۈشۈپ يەنە بىر كېچە باشلاندى.

بىراق، ھاۋادا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوق، تۇمان ئاۋۋالقىدەكلا تىپتىنچ، گۇگۇم دېڭىزنى قاپلىدى، ئاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا سوزۇلغان، چىداش مۇمكىن بولمىغان قورقۇنچلۇق قاراڭغۇ كېچە باشلاندى. ئەگەر كېچىدە تۇيۇقسىز شامال چىقىپ قالسا، مەيلى ئۇ بوران ياكى باشقا نېمە بولسۇن، ئىشقىلىپ ھاۋا ئېچىلىپ يۇلتۇز كۆرۈنسىلا بولاتتى! لېكىن، شامالنىڭ بىرەر شەپىسىمۇ يوق. دېڭىز دولقۇنسىز، ھاۋا تىپتىنچ… پايانسىز تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇقتا ھەممە نەرسە ھەرىكەتتىن قالغان. تۇماندا ئېزىپ قالغان يېگانە كېمە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق دەردىدە ھالىدىن كېتىپ، ئۆلەي دەپ قالغان كىشىلەرنى سۆرەپ، پېشانىسىگە پۈتۈلگەننى كۆرمەكچى بولغان كىشىدەك ئاستا ئايلىنىپ يۈرىدۇ…

قىرىسىق ئۆزىنىڭ قايسى چاغدا ئۇخلاپ قالغانلىقىنى بىلمەيلا قالدى. بىراق، قاتتىق ئۇسسۇزلۇق ئازابىدىن ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىغانىدى. قارىغاندا بۇ تىرىك دوزاخ ئازابىنىڭ چېكى يوق ئوخشايدۇ. كېرىكى سۇ! پەقەتلا سۇ، باشقىسىنىڭ لازىمى يوق! ئاچلىق ئاستا-ئاستا پەسىيىپ قالغان ئاغرىقتەك بىلىنمەي قالىدىكەن. بىراق، ئۇسسۇزلۇققا چىداش مۇمكىن ئەمەسكەن. ئۇنىڭغا ھېچنېمە كار قىلمايدىكەن…

ھېلىمۇ ئېسىدە، قىرىسىق كىچىك چاغلىرىدا بىر قېتىم قىزىتمىسى ئۆرلەپ يېتىپ قالدى. ئۇ قاتتىق بىئارام بولۇپ، ئۇسساپ كەتكەنىدى. ئاپىسى ئۇنىڭ بېشىدىن كەتمەي ھېلىدىن-ھېلىغا ھۆل لۆڭگىنى ئوت-كاۋاپ پېشانىسىگە ياقاتتى. ئوغرىلىقچە كۆز يېشى قىلىپ، توختىماي دۇرۇت ئوقۇيتتى. جىنچىراغنىڭ غۇۋا يورۇقىدا ئۇنىڭغا پەرىشان قارايتتى. دادىسى دېڭىزغا كەتكەن. ئۇ سۇ ئىچىشكە، دادىسىنىڭ تېز قايتىپ كېلىشىگە تولىمۇ تەقەززا ئىدى. بىراق، ئىككىلا تىلىكى ئەمەلگە ئاشمىدى. دادىسى ناھايىتى يىراقتا، ئاپىسى سۇ بەرگىلى ئۇنىماي ھەرقانچە قىينالساڭمۇ سۇ ئىچسەڭ بولمايدۇ، دېدى. ھۆل لۆڭگىنى ئۇنىڭ قۇرۇپ كەتكەن لەۋلىرىگە ياقتى. يۈرىكىدىكى تەشنالىق بىردەملىككە بېسىلغاندەك بولدى. بىراق، ئاز ئۆتمەيلا تېخىمۇ ئۇسساپ چىدىيالمايلا قالدى.

ھەرگىز سۇ ئىچمە، چىداشلىق بەر، شۇنداق قىلساڭ ياخشى بولۇپ قالىسەن، دەپ يېنىپ-يېنىپ نەسىھەت قىلاتتى ئاپىسى.

- چىداپ تۇرغىن قوزام! – دېدى ئۇ، – تاڭ ئاتقۇچە ياخشى بولۇپ قالىسەن، توختىماي «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەۋەرسەڭ ئۇسسۇزلۇقۇڭ بېسىلىپ قالىدۇ. قېنى، مەن دېگەندەك قىلىپ باق، چاشقان ئاكاڭغا يالۋۇرغىن، ئۇنى تېز كەل، سۇ ئەكېلىپ بەر دېگىن… ئوبدانراق يالۋۇر جۇمۇ…

ئۇ كېچىچە شۇ سۆزنى يادلاپ، ئۇسسۇزلۇققا تاقابىل تۇردى. چاشقان ئاكىسىنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۆزىگە سۇ بېرىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتتى. ئۇ «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەپ چاشقان ئاكىسىغا يېنىپ-يېنىپ يالۋۇردى. ئاندىن ئېسىنى يوقىتىپ ئۇيان-بۇيان ئۆرۈلۈشكە باشلىدى. بىراق، ئاغزىدىن يەنىلا «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دېگەن سۆز چۈشمەيتتى. چاشقان ئۇزۇنغىچە كۆرۈنمىدى. ئۇمۇ «چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» دەپ يىغلاپ، ۋارقىراپ يالۋۇرۇۋەردى. ئاخىر چاشقان يۈگۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇ خۇددى چىڭقى چۈشتە ئورماندىكى دەريادىن ئۇچۇپ كەلگەن سالقىن شامالدەك كىشىگە ھۇزۇر بېرەتتى. ئۇنىڭ شەكلىنىڭ قانداقلىقىنى بىلىش بەكمۇ تەس ئىدى. ئۇ ئاسماندەك سۇس كۆك، ھاۋادەك يېپيېنىك، كېپىنەكتەك توختىماي پىلدىرلاپ ئۇچۇپ تۇراتتى. چاشقان ئۇياقتىن بۇياققا ئۇچۇپ يۇمشاق بۇرۇتلىرىنى قىرىسىقنىڭ يۈزى، بوينى، بەدەنلىرىگە سۈركەشكە باشلىدى. ئۇ بۇنىڭدىن قاتتىق ھۇزۇرلىنىپ كەتتى. چاشقان ئاكىسى سۇ بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇ راسا قېنىپ ئۇزۇنغىچە توختىماي سۇ ئىچتى. سۇ دېگەن ئۆزىگە قاراپ دەريا-دەريا ئېقىپ كەلمەكتە ئىدى…

ئەتىگەندە ئويغاندى، بەك ئاجىزلاپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۆزىنى ناھايىتى يېنىكلەپ قالغاندەك، كۆڭلى يورۇپ كېسىلى ساقىيىپ كەتكەندەك ھېس قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھازىرغىچە شۇ ئاخشىمى ئۆزىگە سۇ بېرىپ ساقايتىپ قويغان چاشقان ئاكىسىنى زادى ئېسىدىن چىقارمىدى…

مانا ئەمدى كېمىدە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قالغاندا ئۇ ئىش يەنە ئېسىگە كەلدى. شۇ تاپتا چاشقان ئاكىسى يەنە بىر كەلگەن بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى-ھە! ئۇ قاتتىق ئازاب ئىچىدە چاشقان ئاكىسىغا يالۋۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويغان ئاپىسىنى ئېسىگە ئالدى، ئوت-كاۋاپ بولۇپ ئۇسسۇزلۇقتىن لەۋلىرى گەز باغلاپ ياتقاندا مېھرىبان ئاپىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ، كۆزلىرىدە ياش، يۈرىكى سۇ، ئۆزى ئۈچۈن سەكپارە بولغانلىرى، يېلىنىش ۋە تەشۋىش ئىچىدە ھېلىدىن-ھېلىغا ئۆزىگە قاراشلىرى… كۆز ئالدىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. شۇ تاپتا ئۇ قانداق قىلىۋاتقاندۇ؟ ئۆيدىمىدۇ؟ بەلكىم، قار-يامغۇر يىغلاپ قىرغاقتا كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ… بىراق، دېڭىز ئۇنىڭغا ھېچنېمىنى دەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ دەردىنى تەڭ تارتىشىپ بېرىدىغان ھېچكىم يوق. بەلكىم، ئاياللار بىلەن بالىلار ئالا ئىت قىياسىغا گۈلخان يېقىپ، ئەنسىرىمەڭ، خۇدا خالىسا دېڭىزغا كەتكەنلەر ئۆلمەي ساق كېلىپ قالامدۇ تېخى، دەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

بىراق، ھازىر ئۇلار گۆردەك قاراڭغۇ، تىمتاس تۇماندا بېشى قايغان، پۇتى تايغان يەرلەردە ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئەمدى ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ ئۆچكەن. ياق، ئۇلار ئۆزلىرىگە قارشى تەرەپكە نىسبەتەن تولىمۇ ئاجىز كېلىپ قالدى. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ بىرى مەڭگۈلۈك قاراڭغۇلۇق. بۇ قاراڭغۇلۇق كائىناتتا قۇياش ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى. يەنە بىرى كونا كېمىدە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ ئولتۇرغان ئادەملەرگە… پايانسىز دېڭىزدا ئىچكىلى سۇ، يېگىلى ئاش، يول كۆرسەتكىلى يۇلتۇزمۇ يوق…

قىرىسىق تۇغۇلۇپ شۇ كەمگىچە ھېچقاچان مۇنداق قاراڭغۇ دۇنيانى كۆرۈپ باقمىغان ھەم ھېچقاچان ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى مۇنچىلىك تارتىپ باقمىغانىدى. تېخىمۇ چىداشلىق بېرىش ئۈچۈن ئۆزىگە سۇ بېرىپ داۋالىغان، ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان چاشقان ئاكىسىنى ئويلاشقا باشلىدى…

«چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! – ئۇ ھېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ ئاپىسى ئۆگىتىپ قويغان بۇ سۆزنى ئىچىدە تەكرارلاشقا باشلىدى، – چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ! چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!» گەرچە ھېچقانداق مۆجىزە يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ناھايىتى ئىززەت-ئىكرام بىلەن يالۋۇرۇپ، چاشقان ئاكىسىنى چاقىرىۋەردى. شۇ تاپتا چاشقان ئاكىسى قىرىسىقنىڭ بارلىق ئۈمىدى ۋە ئۇسسۇزلۇقنى يېڭىشتىكى تۇمارى بولۇپ قالغانىدى…

چاشقان ئاكا، سۇ بەرچۇ!

قىرىسىق ھەدەپ شۇ سۆزنى تەكرارلاپ ئۇسسۇزلۇقىنى باسماقچى بولاتتى. بىر چاغدا ئۇخلاپ قالدى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن يەنە ئويغىنىپ كەتتى، قۇلىقىغا ئورگان بىلەن ئەمرايىننىڭ گەپلىشىۋاتقانلىقى ئاڭلاندى. ئۇلار قانداقتۇر بىر ئىش ئۈستىدە ئۇزۇنغىچە پىچىرلاشتى. ئۇلارنىڭ سۆھبىتى تولىمۇ غەلىتە ھەم چۈشىنىكسىز ئىدى. ئارىلاپ-ئارىلاپ ئۇزۇنغىچە جىمىپ كېتىشەتتى، بەزىدە گېپىنىڭ ئايىغىنى دېمەيتتى، بەزىدە گېپىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى. قىرىسىق ئورگانغا يېقىنراق بولغاچقا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئېنىقراق ئاڭلىيالىدى. بوۋاي سۆزلىگەندە قىينىلىپ ئاران-ئاران تىناتتى، شۇنىڭدىمۇ چىشىنى چىشلەپ ئاۋازىنى زورىغا بېسىپ تۇراتتى. دادىسى يىراقراق ئولتۇرغاچقا، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغىلى بولمىدى.

- ئەسلىدە سىزگە نەسىھەت قىلمىسام بولاتتى بوۋا، – دېدى ئەمرايىن خۇددى گېپىنى باشقىلارنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورققاندەك پەس ئاۋازدا، – شۇنداقتىمۇ ئوبدانراق ئويلاپ بېقىڭ. سىز دېگەن ئەقىللىق ئادەم.

- مەن ئويلىنىپ بولدۇم. ناھايىتى پۇختا ئويلاندىم. بۇنىڭدىن ياخشى چارە يوق، – دېدى ئورگان. قارىغاندا ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدىغاندەك قىلاتتى.

بىر پەس جىملىقتىن كېيىن ئەمرايىن:

- ھەممىمىز بىر كېمىدە، تەقدىرىمىزمۇ بىر. نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرمەمدۇق، – دېدى.

- تەقدىر، تەقدىر، – دېدى بوۋاي ئازابلانغان ھالدا ئۆز-ئۆزىگە غۇدۇراپ، – تەقدىردىن كىم قېچىپ قۇتۇلالاپتىكەن، – ئۇ بوغۇق ئاۋازدا سۆزلەشكە باشلىدى، – بىراق، بەزىلەر تەقدىرگە تەن بېرىدۇ، بەزىلەر قارشى چىقىدۇ. بىزغۇ ئەمدى تۈگەشتۇق. شۇڭا، بەزىلىرىمىز بالدۇرراق تەقدىرگە تەن بېرىپ، قالغانلىرىمىزنىڭ ئۇزاقراق ياشىشىغا ئىمكان قالدۇرۇشىمىز كېرەك. ئويلاپ باققىن، ناۋادا تۇيۇقسىزلا ھاۋا ئېچىلىپ، ئەتراپنى ئېنىق كۆرگىلى بولۇپ كەتسە، ئۆلەر-تىرىلىشىمىزگە قارىماي پالاق ئۇرۇپ ماڭىمىز، ئاخىر قۇرۇقلۇقمۇ كۆزىمىزگە خىرە-شىرە كۆرۈنىدۇ، لېكىن قۇرۇقلۇققا ئامان-ئېسەن يېتىۋالغۇچە ئىچىدىغانغا بىرنەچچە يۇتۇم سۇمۇ قالماي، ھەممىمىزلا ئۆلۈپ كەتسەك ئىنسان بالىسىغا بۇنىڭدىنمۇ ئوشۇق ئەلەم بولامدۇ؟

ئەمرايىن نېمىدۇر دەپ جاۋاب بەردى، ئەمما قىرىسىق ئېنىق ئاڭلىيالمىدى. ئۇلار يەنە جىممىدە بولۇپ قېلىشتى.

قىرىسىق ئۇخلاپ قالدى. ئەمما، بەزى گەپلەر يەنىلا ئاندا-مۇندا قۇلىقىغا كىرىپ قالاتتى:

- تۇرۇپ تۇرۇڭ، يەنە ئويلىنىپ بېقىڭ…

- ئەمدى بولدى، كۆرىدىغاننى كۆرۈپ بولدۇم… توسمىغىن، ھېچ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى…

- قاپقاراڭغۇ تۇرسا…

- بەرىبىر ئوخشاش…

- سىزگە دەيدىغان گەپلىرىم تېخى تۈگىمىگەنىدى…

- گەپ دېگەننى تۈگەتكىلى بولمايدۇ. بىزدىن كېيىنكىلەرمۇ سۆزلەپ تۈگىتەلمەيدۇ…

- مۇنداق قاراڭغۇدا…

- بولدى توسمىغىن. ئەمدى چىدىغۇدەك ماجالىم قالمىدى. ئۆزۈم خالىمىغاندىكىن…

- مۇنداق قاراڭغۇدا…

- سەن يەنە بەرداشلىق بېرەلەيسەن. ئاۋۇ يەردە ئازراق سۇ بار…

كىمنىڭدۇر پەنجىلىك، قوپال، يوغان قولى قىرىسىقنىڭ بېشىنى ئاستا سىلىدى. ئۇ چالا ئۇيقۇلۇقتا بۇنىڭ ئورگان بوۋىسىنىڭ قولى ئىكەنلىكىنى بىلدى. بوۋىسى خۇددى ئېسىدە مەڭگۈ تۇتۇۋالماقچى ۋە ئاسراپ قالماقچى بولغاندەك ئىللىق، يوغان قولى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى خېلىغىچە سىلاپ تۇردى…

قىرىسىق كۆزلىرىدە ئىسسىق ياش، ئۇيقۇدىن ئويغاندى. تېخىچىلا ئېغىر ئازاب، چەكسىز تەشۋىش ئىچىدە ئىڭراپ ياتاتتى. ياش يۇقى كۆزلىرىنى ئاستا ئېچىپ ئۆزىنىڭ چۈش كۆرگەنلىكىنى بىلدى. كېمە ئاستا تەۋرىنىپ تۇراتتى. تۇمان تېخىمۇ قارىيىپ، ھاۋا سوۋۇپ كەتكەن، دېمەك، تاڭ ئاتىدىغانغا ئاز قالغانىكەن. قىرىسق ئاستا قىمىرلاپ قويدى.

- بوۋا، سۇ ئىچىمەن. مەن بىر چۈش كۆردۈم، – دېدى ئۇ قولىنى ئورگان بوۋىسىغا سوزۇپ، بىراق، ئورگان يوق تۇراتتى.

- بوۋا! – دەپ ۋارقىرىدى قىرىسىق. ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى. قىرىسىق بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپىغا ئالاق-جالاق قارىدى:

- بوۋا، بوۋا، سىز قەيەردە؟

- ۋارقىرىما! – ئەمرايىن لىككىدە قېشىغا كېلىپ، ئۇنى باغرىغا چىڭ باستى، – ۋارقىرىمىغىن. ئەمدى بوۋاڭ يوق. ئۇ «پەرىزات بېلىق» نىڭ قېشىغا كەتتى.

بىراق، قىرىسىق ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغاندەك ئەمەس ئىدى:

- بوۋام قەيەردە؟ مېنىڭ بوۋام. بوۋام قەيەردە دەۋاتىمەن؟

- گېپىمنى ئاڭلىساڭچۇ! يىغلىما، ئەمدى مىڭ قىلغان بىلەن ئۇ يوق، – دادىسى ھەدەپ ئۇنى قايىل قىلماقچى بولاتتى، – بولدى يىغلىما. بوۋاڭ ساڭا سۇ ئىچۈرۈپ قوي دېگەن. يەنە ئازراق سۇ بار. يىغلىما. مانا ھازىرلا سۇ قۇيۇپ بېرىمەن. يىغلىمىساڭلا بولدى. تۇمان ئاز ئۆتمەيلا تاراپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا سەن…

1 2»

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «ئالا ئىت قىياسى» - 870K :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 2 پارچە ئىنكاس بار

  • نامسىز جاۋاب ↓

    ئەسسالام ئەلەيكۇم مەن يېڭىدىن توربەت ئاچقان مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا كىتابىڭىزدىن پايدىلانسام بۇلامۇ؟

  • نامسىز جاۋاب ↓

    بەكمۇ ياخشىكەن ئەجرىڭىز يەردە قالمىسۇن

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!