• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

دولان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر

1802
ئاپتورى: غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر   يوللانغان ۋاقتى:2015-12-04   سەھىپە:باشقا تۈرلەر, تارىخىي تەتقىقات, تۈركولوگىيە
 

ئاپتور: غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر

 

1. دولان ئۇيغۇرلىرى

دولانلار ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىمى، ئۇلار تارىم ئويمانلىقىدا، يەنى تارىم دەرياسى ۋادىلىرى، يەركەن دەرياسى ئېقىمىنى بويلاپ تاكى تەكلىماكان چۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى مەكىت، پوسكام، قاغىلىق، يوپۇرغا، پەيزىۋات، مارالبېشى، ئاۋات، شايار، ئاقسۇ، كۇچا، ئونسۇ، باي، توقسۇ، بۈگۈر، كورلا، لوپنۇر، چەرچەر، چاقلىق قاتارلىق جايلارغا تارقىلىپ، «دولانلىق»، «دولان يېزىسى»، «دولان مەھەللىسى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان يۇرتلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەنىدى. دولانلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە تەرەققىيات ھالىتى توغرىسىدا بىر مۇنچە ئىزدىنىشلەر ئېلىپ بېرىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، دولانلار ئۇزۇن تارىخقا ئىگە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تارىخى «كونا تاڭنامە» «(旧唐书)» دە تىلغا ئېلىنغان تېلى قەبىلىلىرىنىڭ ئىچىدىكى «دولانگې» (多览葛)دېگەن قەبىلىگە تۇتىشىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. جۇڭگونىڭ خەنزۇ ئالىمى سېن جۇڭميەن «تۈركلەر تارىخى» (突厥集史)دېگەن ئەسىرىدە تېلى قەبىلىلىرى ئىچىدە «دولانگى» قەبىلىسىنى سانايدۇ ۋە ئۇنىڭ ئايرىم بىر خەلق ئىكەنلىكى، tolanget دېيىلىدىغانلىقى، دوساننىڭ «موڭغۇل تارىخى» دا tulangkite دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. پروفسسور سىن جوڭميەن شۇنىڭ بىلەن بىللە موڭغۇل تارىخىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، «تېلاڭگۇتى»(铁良古特) تيەنلىگو (田列古)، «تېلاڭۋۇ» (贴良无)، «تېلىيەنگۇتى» (贴连鼓特)دېيىلىدىغان قەبىلىنىڭمۇ بولغانلىقى، بۇلارنىڭ خەن سۇلالىسى (مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 206 – يىلىدىن مىلادىيە 220 – يىلغىچە) بىلەن دىڭلىڭلارنىڭ، تاڭ سۇلالىسى (618 – 907 يىللار) بىلەن تېلىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا، بايقالنىڭ غەربىدە ياشىغانلىقى، دوساننىڭ «موڭغۇل تارىخى» دا te leng kou tes دەپ يېزىلغانلىقى، بۇلارنىڭ قىرغىزلار بىلەن كەمكەمچوت (侃侃帮特) لار ئارىسىدىكى ئورمانلىقتا ياشايدىغان ئايرىم بىر خەلق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

تىلشۇناس مىر سۇلتان ئوسمانوۋ تارىخىي پاكىتلار ۋە تىل پاكىتلىرى ئاساسىدا ھازىرقى دولان ئۇيغۇرلىرىنى تاڭ سۇلالىسى تارىخىدا تىلغا ئېلىنغان (多览葛)ياكى (多有葛)قەبىلىسىنىڭ ئۆزى… سىر تاردۇشلارنىڭ ھاكىمىيىتى يىقىلغاندىن كېيىن، دولانلار (دولانغىت) نىڭ ئاساسى قىسمى ئاۋۋال تىيانشان، ئاندىن ئاستا-ئاستا ھازىرقى مۇنبەت زېمىندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان، خالاس. دەپ كۆرسىتىدۇ.

دولانلار، ئەسىرلەردىن بېرى تارىم ۋادىسىدا ياشاش جەريانىدا، ئۆزىنىڭ ئاھالە سانىنى ئۆزۈكسىز كۆپەيتىپ، مۇكەممەل ئىنسانىي خاراكتېرلىرىنى تېخىمۇ يېتىلدۈرۈپ، كىشىلىك ئالاقە زىچلىقىنى چىڭىتىپ، ئەقىل – پاراسىتىنى ئۇلغايتىپ، ئەمگەك – مېھنەت مەشغۇلاتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇپ ۋە مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىتنىك ھالىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتىگە سالماق ھەسسىنى قوشتى.

 

2. دولانلارنىڭ مەدەنىيىتى

دولانلار ھايات سمفونىيەسىنى ئۈزۈلدۈرمەي جاراڭلىتىپ، تەبىئەتنىڭ مەئىشەتلىرىدىن لەززەتلىنىپ، كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىجتىمائىي بىرلىك ھالىتىدىن ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن، تالاي-تالاي يىللارنى تەبىئەت بىلەن كۈرىشىدىغان ئەمگەك، مېھنەت بىلەن ئۆتكۈزدى. ناتورال ئىگىلىكتىن ئىلمىي مەشغۇلاتقا ئۆتۈش ئۈچۈن قىممەتلىك ئەقىل – پاراسىتىنى سەرپ قىلدى. ئۇلارنىڭ ھايات مۇساپىسىدە قالدۇرغان ئىزلىرى روشەن ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر. دولانلار سانسىزلىغان مەدەنىيەت يالدامىلىرىنى ياراتتى. بۇخىل مەدەنىيەتنىڭ كۆپلىرى تاپان بېسىپ كەلگەن يېڭى مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە ئۆز تەسىرىنى مەلۇم ساندا ئۆتكۈزگەن ياكى ئورۇن باشاتقان ھالدا، سۈلكەتلىك ئورنىنى يوقاتقان؛ ئايرىملىرى بولسا، بۈگۈنكى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھالەت سەھنىسىدە ئۆزىنىڭ مۆتىبەر نوپۇزىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيىتى مول ۋە كۆپ خىل. ئۇنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تىپىغا ياتىدۇ. يەنى، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت خەزىنىسى جەمبىرىكىدە نېگىزلىك مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى بىرقەدەر روشەن ساقلاپ كەلگەنلەر دولانلار، دېسەك ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.

مەدەنىيەتنىڭ مەزمۇن دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئۇ ئىنسانلار جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ، جىسمانىي ۋە ئەقلىي كۈچ ئارقىلىق ياراتقان بارلىق ماددىي ۋە مەنىۋى مېھنەت سەمەرلىرى، بايلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنداق بولسا دولانلارنىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسى قانداق مەزمۇن ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.

 

1. ماددىي مەدەنىيەت

1) ئوۋچىلىق – چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئارىسىدا ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ئوۋچىلىق ئەمگىكىگە ۋارىسلىق قىلىشى بىرقەدەر كۈچلۈك. ئۇلار ھازىرمۇ بۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

چارۋىچىلىق – بۇ ئىنسانلارنىڭ ئوۋچىلىقتىن كېيىن شۇغۇللانغان مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، مۇنتىزىملاشقان ۋە كۆلەم جەھەتتە چوڭلۇققا ئىگە. ئۇلار تارىم ۋادىلىرىدىكى بىپايان ئوتلاقلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، كەڭ دائىرىدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. دولانلار باققان چارۋىچىلار تۆگە، ئات، كالا، ئىشەك، خېچىر، قوي، ئۆچكە، ئىت، توخۇ، كەپتەر، ئۆردەك، غاز، بۈركۈت، قارچىغا قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئۇلار بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ گۆش، سۈت، تۇخۇملىرىنى ئىستېمال قىلىپ، يۇڭ – تېرىلىرىنى تۇرمۇشقا ئىشلەتكەن، تۆگە، ئات، كالا، ئىشەك، خېچىرلارنى تىرىكلىكىدە قاتناش قورالى قىلىپ پايدىلانغان. ئۆز ئىستېمالىدىن ئاشقانلىرىنى قوشنا يېزا – كەنت، رايون ك كىشىلىرىگە سېتىپ بەرگەن ياكى مالغا ئالماشتۇرغان. دېمەك، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى شىنجاڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكىدە مۇھىم سالماقنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھەسسىمۇ كۆپ.

2) دېھقانچىلىق – ئېكىنچىلىك مەدەنىيىتى

دېھقانچىلىق ۋە ئېكىنچىلىك – چارۋىچى خەلقلەر كەشىپ قىلغان ئىشلەپچىقىرىش ئىگىلىكى.

دولان ئۇيغۇرلىرى ئېكىنزارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىلىرى ۋە پەسىل، تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرۇشىغا ئاساسەن، تۈجۈپىلىك ئىنچىكە تېرىقچىلىق پائالىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلگەن. ئۇلار ئاشلىق زىرائەتلىرىدىن بۇغداي (كۈزلۈك بۇغداي، يازغى بۇغداي)، ئارپا، قوناق (ئاق قوناق، كۆممىقۇناق)، تېرىق، شال؛ ياغلىق دان زىرائەتلىرىدىن زىغىر، ئاپتاپپەرەس، زاراڭزا، تالالىق زىرائەتلەردىن كېۋەز، كەندىر، يەنە ماش، پۇرچاق، نۇقۇت؛ يەل _ تېمىشلىك ئۆسۈملۈكلەردىن جىگدە، ئۆرۈك، شاپتۇل، توغاچ، ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار، ياڭاق، بادام، گىلاس، ئالما، نەشپۈت، ئەينولا، قوغۇن، تاۋۇز، يەنە كاۋا، قاپاق قاتارلىقلارنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قامدىغان.

دولانلار باغۋەنچىلىكتىن سىرت، ئورمانچىلىق ئېكولوگىيىسىگىمۇ ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قاراپ كەلگەن. دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان يەرلەر تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە تەبىئىي توغرارقىلىق رايونىدىن ئىبارەت. ئۇلار ئۆز يېرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىغا تولىمۇ ماسلاشقان ۋە ئۇ يەرنىڭ گۈزەل قىياپىتىنى قوغداشنى ئەنئەنىۋى ئىستخىيىلىك قاراش ئاساسىغا قويغان. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىم ۋادىسىنىڭ گۈزەللىكىنى، ياپيېشىل ئورمان، چەكسىز كەتكەن ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراشتەك ئىنسانىي خىسلەتلىرى زامان – زامانلاردىن بېرى جارى بولۇپ تۇرغاچقا، تارىم ھاۋزىسىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر ۋە توغراقلار زىيان – زەخمەتكە ئۇچرىماي، ئۆزىنىڭ ئاجايىپ جەزبىدار قىياپىتىنى بىزنىڭ دەۋرىمىز كىشىلىرىگە كۆرسىتىشكە مۇۋاپىق بولالىغان. بۇ كارامەت مۆجىزە دولانلار ئارىسىدا ئەۋلادتىن – ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئۇدۇم بولۇپ كېلىۋاتقان ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش، ئۇلارغا چوقۇنۇش ئەقىدىسىنىڭ شاراپىدىن دەپ بىلىشكە يېتەرلىك ئاساسلار بار. چۈنكى، ئۇلار يۇمران كۆچەتلەرنى كەسسە، ئۇشتىسا، ئىگىپ تاشلىسا، دەسسەپ چەيلىسە يامان بولىدۇ، ياغاچ ئوۋاقلىرىغا سىيسە ياكى دەسسىسە يامان بولىدۇ، دەرەخلەرنىڭ قوۋزىقىنى بىھۇدە سۇيۇۋەتسە، تىغ بىلەن ئەن سېلىپ قويسا، يالغۇز، چوڭ دەرەخلەرنىڭ تۈۋىگە تەرەت قىلىپ قويسا ياكى ئۇنى تېپىپ، ئۇرسا يامان بولىدۇ، دەرەخ يوپۇرماقلىرىدا ئەۋەتلىرىنى سۈرتسە يامان بولىدۇ؛ توغراقزارلىق ئارىسىدىكى ياكى ئۇزۇن يىللىق ئانا توغراقنىڭ قارنىدىكى سۇنى ئىچسە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ، ئورمان قويسا ساۋاپ بولىدۇ، ئۆز ئىگىدارچىلىقىدىكى يەل – يېمىشلەرنى كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە بەرسە ساۋاپ بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش بىر يۈرۈش ئېسىل ئەنئەنىۋى قاراشنى يېتىلدۈرگەن ھەم شۇنىڭغا ئاڭلىق يۇسۇندا رىئايە قىلىپ كەلگەن. دولانلار دەل – دەرەخلەرگە ۋوڭقۇر ئىخلاس قويغاچقا، ئۇنىڭ چوڭ، يېتىلگەنلىرىنى، قۇرۇپ قېلىشقا يۈزلەنگەنلىرىنى كېسىپ، تۇرمۇشنىڭ كېرەكلىك جايلىرىغا ئىشلەتكەن. ئائىلىدە كۈندىلىك ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن سايمانلارنى ياغاچتىن ياسىغان ۋە بۇنداق ياغاچ بۇيۇملارنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن. ئۇلار تەڭنە، سوزما، ھېجىر، تاۋاق، پىلىچەك، دۆشە، قۇشۇق، چۆمۈچ، سوغا، ئۇن تارتقۇ، ساندۇق، لوك، كالتەك، توقماق، چوماق، تاياق، دەم، بازغان، قاڭ، يالغۇز ئوغۇل، كاجۋا، لىڭگوك، ھارۋا، ئورۇندۇق، سەندەل، ئاخشاختا – نۇغۇچ، بۆشۈك، ئىشىك، كۈنگۈرە، شوتا، كاتەك، سېۋەت، زەمبىل، تەۋەڭ، ئۈسكەن، تۈگمەن سايمانلىرىدىن قوپارغۇ، يىپ چاقى، چىغىرىق، تارغاق – سۈزگۈچ، يىك گۈگۈت، تارشا گۈگۈت، ئېلغا، قامچا، چىراق پىيسى، كەتمەن، كەكە، پالتا، ئورغاق، پىچاق، قىڭراق ساپلىرى، ئارا، گۈرجەك، جىنازا ۋە باشقىلارنى ياغاچتىن ياساپ ئىشلەتكەن. يەنە ئۆي – جايلارنىڭ ئۈستىگە ياغاچ ئىشلەتكەن. تۈۋرۈكلەرنى ياغاچتىن قىلغان. بەزى يەرلەردە قەبرىستانلىقلارغىمۇ ياغاچ ئىشلەتكەن. ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن بايقالغان. يادىكارلىقلارغا قارىغاندا، تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئاھاللار جەسەتلەرنى ياغاچ ساندۇقلارغا ياكى تەڭنىلەرگە سېلىپ دەپنە قىلغان. بۇلار، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ئورمانچىلىق بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

دولان ئۇيغۇرلىرى ئورماننىڭ كىشىلىك دۇنياسى ئۈچۈن رولىنىڭ مۆلچەرلىگۈسىز درىجىدە چوڭ ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەچكە، تارىم ۋادىسىدىكى ئورمانلارنى تايانچ بازا قىلىپ، تىرىكچىلىك قىلىشتەك تۇرمۇش لوگىكىسىنى مۇقىملاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ بۇخىل ئادىتى ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش يولىدىكى ئەمگەكلىرى ئىچىدە توغرا تاللاش بولۇپ، تارىخقا يېزىلىدۇ.

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى ئۇلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت يارىتىشىدىكى ماددى ئاساستىن ئىبارەت ماكس بىلەن ئېنگىلېس «نېمىس ئىدېئولوگىيەسى» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەنىدى: «ئالدى بىلەن بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھاياتىنىڭ بىرىنچى ئالدىنقى شەرتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىمىز لازىم. بۇ ئالدىنقى شەرت، شۇنىڭدىن ئىبارەتكى، كىشىلەر تارىخنى يارىتىش ئۈچۈن ھايات كەچۈرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن بولسا ئالدى بىلەن كىيىم – كېچەك، ئۇزۇق – تۈلۈك، تۇرار جاي ۋە باشقا نەرسىلەرگە ئېھتىياج چۈشىدۇ. شۇڭا بىرىنچى تارىخىي پائالىيەت مۇشۇ ئىمتىيازلارنى قاندۇرىدىغان ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بولىدۇ. ئەينى زاماندا بۇ يەنە كىشىلەرنىڭ ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈنلا ھەر كۈنى ھەر سائەتتە ئېلىپ بېرىش زۆرۈر بولغان (ھازىرمۇ بىر نەچچە مىڭ يىلدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاش، بىر خىل تارىخىي پائالىيىتى يەنى بارلىق تارىخنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.» مانا مۇشۇ تارىخىي نۇقتىئىنەزەرگە قارىغاندا، دولان ئۇيغۇرلىرى شۇغۇللانغان ماددىي ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى زۆرۈرىي مەشغۇلات، ئۇ بىر يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى.

3) دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى مول ۋە رەڭگارەڭ، ئۇلارنى ھەر تەرەپلىمە بايان قىلىشقا بولىدۇ. ساقلاپ قېلىش، راۋاجلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكى بار. ئەۋلادلارنى سۆيۈندۈرىدۇ. دوستلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.

(1) خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى

دولان ئۇيغۇرلىرى خەلق ئېغىز ئىجادىيىتىگە ئىنتايىن باي. ئۇ مول مەدەنىيەت خەزىنىسىنى ھاسىل قىلغان. كەڭ دولان ئۇيغۇرلىرى ئەمگەكچىلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر فانتازىيەگە باي ھېكايە، چۆچەكلەر، ھېكمەت ۋە ئىبرەتكە تولغان ماقالە – تەمسىللەر، ئاقىل ۋە دانىشمەنلىككە يېتەكلەيدىغان لەتىپىلەر، كىشىلەرنىڭ ئىشقى ھەۋىسىنى كۈچەيتىدىغان ۋە ۋاپادارلىق، پاكلىق ئىدىيەسىنى چىڭىتىدىغان، ياردەم بېرىدىغان مۇھەببەت داستانلىرى، قەھرىمانلىق ۋە جاسارەتكە ئىنتىلدۈرىدىغان قەھرىمانلىق داستانلىرى، تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى بەدىئىي بوياق، يارقىن ۋە كۆركەم قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ناخشا – قوشاقلىرى تارقالغان. بىز ئۇ بىباھا خەزىنە ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش، تەبىئەت قارشى، ئەخلاق – پەلسەپىسىنى ئۆگىنىمىز ۋە تەتقىق قىلىمىز. ئۇلار ناھايىتى زور پايدىلىنىش قىممىتى ۋە ئىلمىي قىممەتكە ئىگە.

(2) تىل

تىل – ئىنسانلار ئالاقىلىسىدىكى زۆرۈرىي ۋاسىتە. دولانلارنىڭ ھازىر قوللىنىۋاتقان تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، تىلشۇناسلار فونتېتىكا، گىرامماتىكا ۋە لېكسىكا تەرەپلەردىن ئەتراپلىق ۋە ئىنچىكە تەكشۈرۈش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، دولانلارنىڭ تىلىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئايرىم بىرشىۋىسى دەپ ئايرىپ چىقتى. ئۇنىڭدا قەدىمكى دەۋىرلەرگە مەنسۇپ بىر مۇنچە ئالاھىدىلىكىلەر ساقلىنىپ قالغان. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان خېلى كۆپ لېكسىكا بايلىقلىرى، ئىتنوگىرافىيە ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ تارىم ئاھالىسىنىڭ ئىتنىك ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆگىنىش، چۈشىنىشىدە تېپىلغۇسىز ماتېرىيال. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى دائىرىسىدە ئايرىم خاس بىر شۋىسىنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقى (ئايرىملىق) جەھەتتە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىر يولىلا چۆرۈپ تاشلىۋەتمەي، ئۇنىڭ نېگىزلىك قىسمىغا ۋارىسلىق قىلىش، ساقلاپ قېلىش، تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىشتەك يەرلىك، مەھەللىي خاراكتېرلىك مۇستەھكەملىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تارىخ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارشى بويىچە ئېتىقاندا، قانچىكى ئىپتىدائىي، يەرلىك، مەھەللىي نەرسىلەر شۇنچىكى تەبىئىي، ساپ، خاراكتېرلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدا مىللىيلىك روشەن گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. تەتقىقات قىممىتى يۇقىرى بولىدۇ. ئومۇمەن، دولانلار ساقلاپ كېلىۋاتقان دولان ئۇيغۇر تىلى شىۋىسى بىر بايلىق.

(3) ناخشا، ئۇسسۇل، مەشرەپ

دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ناخشا، ئۇسسۇل، مەشرەپلەر كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئۇ كۈچلۈك مەھەللىۋى ۋە يەرلىك خاراكتېرگە ئىگە.

① دولانلارنىڭ ناخشىلىرى شوخ، ياڭراق، سۇزۇلۇشچان، ناخشىچىلار جاراڭلىق، ھەيۋەتلىك ئېيتىدۇ. يالغۇز ئېيتىدىغان ياكى كوللېكتىپ ئېيتىدىغان شەكىللىرىمۇ بار. دولانلار ناخشىلارنى يول – كوچا، ئېتىز – ئېرىق بويلىرى ۋە ئوتلاقلاردا ياكى مەشرەپ – سورۇنلاردا ئېيتىدۇ. دولانلارنىڭ ناخشىلىرى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالىدۇ، روھىنى كۆتىرىدۇ، دولان ناخشىلىرىنىڭ تېكىستلىرى ئاساسەن خەلق قوشاقلىرىدىن ئىبارەت. ئۇ مەشرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەمگەكچى خەلق تەرىپىدىن ھەرقايسى تارىخىي شارائىتلاردا ئىجاد قىلىنغان ۋە مېھنەتكەشلەرنىڭ قەلب ساداسىنى ئىزھار قىلىدىغان مۇھىم بىر قورالغا ئايلانغان.

دولان خەلق قوشاقلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۆتمۈش كونا جەمئىيەتتە بارلىققا كەلگەن بولغاچقا، ئۇلاردا زۇلۇم، ئىزىلىش، قاباھەت ئۈستىدىن قاتتىق شىكايەت قىلىنغان. زالىملارغا زەغەپ – نەپرەت ياغدۇرۇلغان. مەسىلەن: پېشقەدەملەر بىر – بىرىگە مۇنداق قوشاقلارنى ئېيتىپ چاي تۇتۇپ، يۈرەك دەردىنى ئىپادىلىگەن.

تۇغۇلدۇم ئاسارەتتە،

ئۆتتى ئۆمرۈم ھەسرەتتە.

زالىملاردىن قۇتۇلۇپ،

ئۆتەرمەنمۇ سائادەتتە.

بەگلىرىم بەگلىكتە قالدى،

پۇقرالىرى ئالۋاڭ بىلەن.

قازىلار پەتىۋا قىلادۇر،

دوغىسى يالغان بىلەن.

قاغىلار يۇ قاغىلار،

تام تۆپىسىدە يورغىلار،

ئاز قويدىغۇ بۇ جاننى،

باي خوجاملار، دوغىلار.

بۇلاردىن باشقا يەنە ھەر خىل مەزمۇندا، مەسىلەن، ئاتا – ئانا مېھرى، غېرىپ – مۇساپىرلىق دەردى، جۇدالىق، سېغىنىش ھەققىدىكى قوشاقلارنى ئېيتىپ، كۆڭۈل ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. ① يەنە بەزىلىرىدە ۋاپادالىق، چىداملىق، مېھنەت، خەلقچىلىق، يۇرت سۆيەرلىك ئىدىيەسى ئىپادىلەنگەن. ئومۇمەن ئۇلاردا خەلقنىڭ ئىتنىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەر تەرەپلىمە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىلىدۇ.

② دولان ئۇسسۇلى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىشى. ئۇ ئاساسەن مەشرەپلەردە ئورۇنلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇسسۇل بىلەن مەشرەپ ئورگانىك بىردەكلىككە ئىگە دەپ ئاتايمىز.

دولان ئۇسسۇلى ئادەتتە توققۇز يۈرۈشلۈك دولان مۇقامىغا ئوينىلىدۇ، دولان ئۇسسۇلى جەڭگىۋار، كۆتۈرەڭگۈ ئوۋ ئۇسۇلى بولۇپ، ئۇ ئاساسەن بەش ئۆزگىرىشىلىك ئاھاڭغا تۆت مۇقىم ھەرىكەت بىلەن ئوينىلىدىغان ۋەقەلىك ئۇسسۇلىدۇر.

③ مەشرەپ – ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇل ۋە ھەرخىل خەلق ئويۇنلىرى بىلەن خەلق ئۆرپ – ئادىتى بىرلەشتۈرۈلگەن بىر خىل ئويۇن شەكلى. ئۇ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ھەتتا بىر خىل ئۆرپ – ئادەتكە ئايلانغان. مەشرەپلەر ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا بىر خىل «سەنئەت ۋە ئۆرپ – ئادەت مەكتىپى» رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.

دولان مەشرىپى دولان ئۇيغۇرلىرى مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايلاردا ئوينىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوينىلىش ۋاقتى ئاساسەن، توي – تۆكۈنلەرگە مەركەزلەشكەن. باشقا چاغلاردا كەچقۇرۇنلۇقى كىشىلەرنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۇيۇشۇپ، بىر يەرگە جەم بولۇشى بىلەن ئوينىلىدۇ. بۇنداق يىغىلىش خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىش، خۇشال – خۇرام ھالدا ئۆزئارا سىردىشىش، بىر- بىرىگە بولغان چۈشىنىشىنى كۈچەيىتىش، ئىناق ئۆتۈش، قىز – يىگىتلەرنىڭ ئۇچرىشىپ، مۇھەببەت باغلاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىدىكى ياخشى جامائەت سورۇنى.

دولان مەشرىپى دولان مۇقاملىرىنى ئاساس قىلىدۇ ياكى دولان مەشرىپى مۇقاملارنى شەكىللەندۈرگەن دېيىشكىمۇ بولىدۇ. دولان مۇقامىنىڭ ھەربىرى بىر دۆرە (بىر مەيدان، بىر قېتىملىق) مەشرەپ بولۇپ، 15 – 20 مىنۇت داۋام قىلىدۇ. ھەربىر دۆرە مەشرەپ مۇقام (مۇقەددىمە)، چىكىتمە، سەنەم، سەنىقە (سەلىقە) ۋە سىرىلما دېگەن بەش قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ بەش قىسىم قالۇن، دولان راۋابى، قىل غىجەك ۋە داپنىڭ تەڭكەش قىلىنىشى ھەمدە نەغمىچىلەرنىڭ ناخشا بىلەن بىر – بىرىگە ئىنتايىن زىچ ماسلاشقان بەش خىل ئاھاڭ، شۇنداقلا تۆت ئۆزگىرىشلىك ئۇسسۇل بىلەن ئورۇنلىدۇ.

دولان مەشرەپلىرى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخىي تۇرمۇشىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىدۇ. دولان مەشرەپلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەن ۋە مۇلاھىزە قىلغان بىر مۇنچە ئىلمىي خادىملار بۇ نۇقتىنى ئىزچىل تەكىتلەپ كەلمەكتە. مەسىلەن: دولان يېزىلىدا ئورۇنلىدىغان بىر دۆرە مەشرەپنى مىسال قىلىپ، سۆزلىسەك ئۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:

مەشرەپ باشلىنىدىغان چاغدا، ئاۋۋال نەغمىچىلەردىن بىرى ئىنتايىن يۇقىرى ئاۋازدا جاراڭلىق مۇقام توۋلايدۇ. بۇ مۇقام مەشرەپنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تۈگىشى بىلەنلا نەغمىچىلەر تەڭلا داپ چېلىپ، مەشرەپنىڭ چىكىتمە قىسمىنى باشلايدۇ. چىكىتمە باشلانغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئەر – ئايال ياكى خالىغان كىشى بىلەن بىر جۈپتىن بولۇپ، ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ. مەشرەپنىڭ بۇ قىسمى نىسبەتەن سالماق، ئاستا بولۇپ، قەدەم ۋە ھەرىكەت يىنىك، رەتلىك، رېتىملىق بولىدۇ. ئەرلەر قولىنى مەردانە قىياپەتتە نۆۋەت بىلەن ئوڭ – سولغا رېتىملىق تاشلاپ، ئۆزى بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغۇچى تەرەپكە قاراپ ھەر ئۈچ قەدەمدە بىر قېتىم ئايلىنىدۇ. ئاياللار بولسا ئەرلەرنىڭ ھەرىكىتىگە ماسلاشقان ھالدا گاھى ئوڭ، گاھى سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، گويا ئەرلەرگە مەشئەل يورۇتۇپ بېرىۋاتقاندەك بىر قىياپەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇسسۇل ئوينىغۇچىلارنىڭ سانى مەيلى قانچىلىك كۆپ بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، پۈتۈن مەيداندىكى ئۇسسۇل ئويناۋاتقان كىشىلەرنىڭ پۇت ۋە قولى ھەرىكەتلىرى بىردەك بولۇپ، كىشىلەرگە خۇددى بىرلا كىشى ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ.

نەغمە سەنەم باسقۇچىغا كۆچكەندە ھەرىكەت (ئۇسۇل) بىردىن جىددىيىلىشىپ ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەر ۋە ئايال قوللىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ناھايىتى تېزلىك بىلەن ئوڭغا يېرىم، سولغا يېرىم پىرقىرىۋەتكەندىن كېيىن ئىنتايىن يېقىن ئارلىقتا بىر – بىرىگە تىگىپ كەتمەستىن، چاققانلىق بىلەن تۇللۇق بىر ئايلىنىپ، ئاندىن بىر – بىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتىدۇ.

سەلىقە باسقۇچىدا نەغمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇسسۇلمۇ ئۆزگىرىدۇ. ئۇسسۇلچىلار ئاستا – ئاستا بىرىنىڭ كەينىگە بىرى تىزىلىپ چوڭ بىر چەمبەر ھاسىل قىلىپ، گاھىدا ئوڭ، گاھىدا سول يۆنىلىشىنى بويلاپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ. ئۇسسۇلچىلاردىن تەركىب تاپقان بۇ چەمبىرەك تاكى نەغمە سىرىلما باسقۇچىغا كۆچكەنگە قەدەر ئۆز توپى ئەتراپىدا لەرزان ئايلىنىدۇ.

سىرىلما – مەشرەپنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، بۇ باسقۇچتا جىددىيىلىك ئورنىنى خوشاللىق كەيپىياتى ئىگىلەپ، غەلىبە تەنتەنىسى ئىپادە قىلىدۇ. نەغمىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۇسسۇلچىلاردىن ھاسىل بولغان چەمبەر پارچىلىنىپ، ھەممە كىشى يەككە ھالدا پىرقىراشنى ئاساس قىلىپ ئوينايدۇ. پىراقىراشنىڭ بارغانچە تېزلىشىشى بىلەن چارچىغان ياكى بېشى قايغانلار سەپتىن چېكىنىپ چىقىپ، ئاخىردا ئۇسسۇل ماھىرلىرىدىن بىر – ئىككى كىشى قالىدۇ. يۇقىرىقى تۆت باسقۇچلۇق ئۇسسۇلدىن كېيىن بىر دۆرە مەشرەپ ئاخىرلاشقان بولىدۇ.

دېمەك، يۇقىرىقى ئۇسسۇل جەريانى دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق ئەمگەكلىرىنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەينى زاماندا كىشىلەرنىڭ ئوۋغا ياكى دۈشمەنگە قارشى جەڭگە چىقىپ، يىرتقۇچىلارنى كۆرگەندىن كېيىن يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىشىپ، بىر يەرگە يىغىلغانلىقى، ئاندىن سۈرەن – چوقانلار بىلەن ئوۋ ياكى جەڭگە ئاتلىنىپ، رەقىبى بىلەن جان تىكىشىپ ئېلىشقانلىقى، ئاياللار مەشئەل كۆتۈرۈپ، ئەتراپنى يۇرۇتۇپ بەرسە، ئەرلەرنىڭ ئوڭ – سولغا بۇرۇلۇپ، گاھى ئىلگىرلەپ، گاھى چېكىنىپ ئوقيا ئاتقانلىقى، ئاخىردا، چوڭ بىر قورشاۋ ياساپ، رەقىبىنى ئۆلتۈرگەنلىكى ۋە بۇ غەلىبىگە تەنتەنە قىلىپ، شادلىقتا ساما سالغانلىقتىن ئىبارەت بىر خانلىق مەنزىرە كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولىدۇ.

دولان مەشرەپلىرى ئومۇمىيلىق جەھەتتە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئاساسەن ئوخشاپ كەتسىمۇ، لېكىن، قىسمەنلىك جەھەتتە بەزى پەرقلىنىدىغان تۈرلىرى بار. بۇلار ھېيت – ئايەم مەشرىپى، توي – تۆكۈن مەشرىپى، قاتار مەشرەپ، تەكلىپ مەشرەپ، ناماقۇللۇق مەشرىپى ۋە ئاداۋەتنى يۇيۇش مەشرىپى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.

مەشرەپ ئىچىدىكى «دەررە ئوينى»، «ئىككى خوتۇن ئېلىپ بېرىش»، «جۇۋازغا قېتىش»، «تىلسىز جانلىقلارنى دوراش»، «دېپى يوق سەنەمگە ئۇسسۇل ئويناش»، «سامسا يېقىش»، «سۈرەتكە تارتىش»، «دەررىگە بېسىش» قاتارلىق قىزىق كومىدىيەلىك ھەم دىرامماتىك تۈس ئالغان ئويۇنلار ئادەمنى ھەيراتتە قالدۇرىدۇ، ھاياجانلاندۇرىدۇ، كۈلدۈرىدۇ، ئۇ دولان ئۇيغۇرلىرى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋەقەلەر ۋە بېسىپ ئۆتكەن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ بىر قاتار مەسىللىرىنى جانلىق، ئوبرازلىق ۋە تەسىرلىك سۆرەتلەپ بېرىدۇ. بۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت تارىخى، جۈملىدىن دىراممىچىلىق تارىخىنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە.

زامان – زامانلاردىن بېرى ئويلىنىپ كېلىنىۋاتقان بۇ ئويۇنلار ھازىرمۇ شۇنداق ئوينىلىپ كەلمەكتە.

(4) مۇزىكا – مۇقام

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مۇزىكىسى دولان مۇقامىغا مۇجەسسەملەشكەن. بۇ مۇقاملار ئادەتتە «دولان توققۇز مۇقامى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

دولان مۇقاملىرى قەشقەر مۇقامى يەنى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ئوخشاش 12 يۈرۈش مۇقامدىن تەركىب تاپقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ توققۇزى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن. قالغان ئۈچ مۇقام بولسا ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يوقىلىپ كەتكەن ياكى ئۇنى تولۇق بىلىدىغانلار دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىپ، ھەربىر مەيدان مەشرەپتە ئورۇنلىنىۋاتقان بۇ مۇقامنىڭ نامى «زىل باياۋان»، «ئەرزال باياۋان»، «دولان راك مۇقامى»، «دولان مۇشاۋىرەك مۇقامى»، «سىم باياۋان مۇقامى»، «بوم باياۋان مۇقامى»،«دولان جۇلا مۇقامى»، «خودەك باياۋان مۇقامى»،«دۈگامەت باياۋان مۇقامى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

بۇ ناملارنىڭ بەزىلىرى گەرچە «ئون ئىككى مۇقام» ئىسىملىرى بىلەن ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئاھاڭ ۋە شەكىل جەھەتتىن پەرق قىلىدۇ. دولان مۇقاملىرىغا ئەلنەغمىلەرگە خاس بولغان يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە قالۇن، دولان راۋابى، قىل غەجەك، داپ قاتارلىق مۇزىكا ئەسۋابلىرى ياسالغان.

«دولان توققۇز مۇقامى» نىڭ ھەر بىر مۇقامى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 مىنۇتتىن ئورۇندىلىدۇ. توققۇز مۇقام بىر يولى ئورۇندالسا، جەمئىي بەش سائەتتە تۈگەيدۇ. بىر مۇقامنىڭ رېتىمى يەنە بىر مۇقامنىڭ رېتىمىغا ئوخشاش بولسىمۇ، ھەتتا مۇزىكا قۇرۇلمىسى جەھەتتە بىرى يەنە بىرىگە ئوخشىشىپ كەتكەندەك سىزىمنى بەرسىمۇ، لېكىن 45 ئۆزگىرىش ئاھاڭنىڭ ھېچقايسىسى (جەمئىي توققۇز مۇقام 45 ئاھاڭ، 90 كۇبلىت تېكىست) بىر – بىرىگە يېيىشچانلىقى، رېتىمنىڭ جەلپ قىلارلىقى، مۇزىكىلىق جۈملىلەرنىڭ باغلىنىپ كېلىشى، ئۇدار تىپلىرىنىڭ داپ تاكتلىقى ماسلىشىپ، كۈچلۈك تەسىرات ۋە مۇزىكىلىق ھېسسىيات ئىچىدە ئىجرا قىلىنىشى، ئاڭلىغۇچى كىشىلدە چوڭقۇر ھاياجان قوزغايدۇ. ئۇسسۇلچىلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال دولان دىيارىدىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى دولان ئۇيغۇرلىرى تارقىلىپ ئولتۇراقلاشقان بارلىق رايونلاردىمۇ ئورتاق ئىش بولۇپ قالدى.

(5) ئىپتىدائىي ئىشەنچ، دىنىي ئېتىقاد

ھازىرقى زامان دولان ئۇيغۇرلىرى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرىدە شۇ دىننىڭ مەزمۇنى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ.

لېكىن، بىز دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشى، بولۇپمۇ مەشرەپ ئويۇنلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئىنچىكلەپ كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇلاردا دولانلارنىڭ ئىپتىدائىي دىنىي ئېتىقادى شامان دىنىنىڭ تەسىرى بارلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئويۇن – مەشرەپلىرى ۋە ئادەتلىرىدە تۇتېمغا چوقۇنۇش ۋە تەبىئەتكە چوقۇنۇشنىڭ تەسىرى ساقلانغان. مەسىلەن: مەشرەپلەردە ھەرخىل جانلىقلارنى (ھايۋانلارنى) دوراش، يولۋاس ئويۇنى، تۆگە ياساش ئويۇنى قاتارلىقلار تۇتېم ئېتىقادىنىڭ تەسىرىدۇر. نۇرغۇن قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان تۇتېم ئېتىقادىنىڭ روشەن ئىپادىلىرىدىن بىرى شۇكى، تۇتېم قىلىنغان ھايۋانلارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرۈش ياكى خاس ئېتىقاد مۇراسىملىرىدا ھايۋانلارغا تەقلىد قىلىنغان ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلاشتىن ئىبارەت.

دولان مەشرەپلىرىدە ئورۇنلىنىدىغان ھايۋانلارنى دوراش ھەرىكىتى ئىچىدە ئىتنى دوراش ھەرىكىتى بار. ئارخېئولوگىيەلىك تېپىندىلار ۋە يازما ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىتنىمۇ تۇتېم قىلغان، خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى «دى» (狄)لار دەپ پۈتۈلگەن. شەرقى خەن دەۋرىدە يېزىلغان «سۆزلەر» (说文) دېگەن كىتابتا «شىمالدىكى دىلار ئىتقا چوقۇنىدۇ» دەپ يېزىلغان. خوتەن، مورى، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردىن ئىتنىڭ ھەيكەللىرى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشتا تېپىلغان بولۇپ، بۇنىڭ تۇتېم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تولىمۇ ئېنىق. ئۇلاردىن باشقا، خەلق ئارىسىدا ئىت تۇتىمىغا دائىر بەزى رىۋايەتلەر بار. دېمەك، دولان مەشرەپلىرىدە بولىدىغان ئىتنى دوراش ھەرىكىتى ئىستخىيىلىك ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بەلگىلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار.

«يولۋاس ئويۇنى» مۇ دولان مەشرەپلىرىدە ئوينىلىدىغان ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇمۇ يولۋاس تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەنزۇچە يېزىلغان «مۇتيەنزى تەزكىرىسى» ۋە «تاغ – دېڭىزلار قامۇسى» قاتارلىق كىتابلاردا قۇرۇم (كوئېنلۇن) تاغلىرىدا قورىغار شاھ ئانا (西王母) بارلىقى سۆزلەنگەن. ئۇلاردا «قورىغار شاھ ئانىنىڭ يولۋاستەك چىشلىرى، يىلپىزدەك قويرۇقى بار…» دېيىلگەن. ئىلمىي خادىملار مۇشۇ خاتىرىنى تەھلىل قىلىپ، قورىغار ئانا جەمەتى يولۋاس بىلەن يىلپىزنى تۇتېم قىلغان بولۇپ، ئۇ تۇتېم قىلىنغان ھايۋاندەك ياسىنىپ يۈرەر ئىكەن. دەپ قارايدۇ. «تاغ – دەريالار قامۇسى» دا ئالتۇن تاغ رايونىدا «ئادەم قىياپەتلىك، يولۋاس تەنلىك ئىلاھلار» بار دېيىلگەن. بۇمۇ يولۋاستەك ياسىنىپ يۈرۈيدىغان، يولۋاسنى تۇتېم قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئارخېئولوگىيە خادىملىرى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالغۇي (ئاراغۇل) جىلغىسىنىڭ شەرقى ئېغىزىدىن 1976 -، 1978 – يىللىرى قېزىپ چىققان يەتتە قەبرىدىن باشقا ئاخىرەتلىكلەر بىلەن بىر قاتاردا يولۋاس سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن ئالتۇن ياپراق ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنى ئۇچراتقان بولۇپ، بۇنىمۇ ئىلمىي خادىملار تۇتېم بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ چۈشەندۈرۈشمەكتە. دېمەك، «يولۋاس ئويونى» شىنجاڭدا ياشىغان قەدىمكى خەلقنىڭ يولۋاس ئېتىقادچىلىقى بىلەن تارىخىي باغلىنىشچانلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلىغان.

«تۆگە ياساش» دولان مەشرەپلىرىدە ئورۇنلىنىدىغان قىزىقارلىق ئويۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۆگە تۇتېمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئېيتىشقا ئاساسلار بار. قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە خان جەمەتىدىكى ئەرباپلارنىڭ «بۇغراخان» نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق تارىخىي ئۇچۇرلار بار. ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئالىملىرى قاراخانىيلارنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىسى تۆگىنى تۇتېم قىلغان دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆگىگە ئوخشاش ياسىنىپ، ئالاھىدە «تۆگە ياساش» ئويۇنىنى ئوينىشى ھەرگىز مەقسەتسىز ئېلىپ بارغان ھەرىكەت پائالىيىتى ئەمەس.

دولان ئۇيغۇرلىرىدا ئوت ئېتىقادچىلىقى، دولان ئۇيغۇرلىرىدا «چىراغ» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل مەھەللىۋى ئەنئەنىۋى ئادەت ساقلانغان. بۇنىڭدا بىرخىل قاراش بولۇپ، بىر خىل «چىراغ» تىكىلەر يەنە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز، قىز ۋە ئاق» بەرمەيتتى. ئۇلار بۇنى چىراغ ئارىلىشىپ كەتسە بالا – قازا كېلىدۇ، دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇنداق «چىراغ» تىن «قالپاق چىراغ»، «ئاقساق چىراغ»، «چولاق چىراق» ۋە ئىشتان سالدى چىراق» قاتارلىق بىر قانچە خىللىرى بار. بۇ مەسىلىنى ئوت ئېتىقادچىلىقىنىڭ تەسىرى دەپ چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى چىراغ ئوت چىقىرىدىغان سايمان، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەرتلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئارىسىدىمۇ ئوت ئېتىقادچىلىقى بولغان. مەسىلەن: ئارخېئولوگىيە خادىملىرى 1985 – يىلى 9 – ئايدا چەرچەن ناھىيەسىنىڭ زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن يۇلغۇن چىۋىقلىرىغا قىزىل يۇڭ يىپ يۆگەپ، خۇددى يېنىپ تۇرغان مەشئەلگە ئوخشىتىپ ياسالغان نوكچىلارنى بايقىغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىل دەۋرى 3000 يىللىق تارىخقا ئىگە. بۇ ئوپئۇچۇق ئوت ئېتىقادچىلىقنىڭ بەلگىسىدۇر. بىرخىل «چىراغ» تىكىلەرنىڭ يەنە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز، قىز ۋە ئاق» بەرمەسلىكى ئوتنى تۇتېم قىلغان ئۇرۇقلار ئارىسىدا بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك. «تۇز، قىز ۋە ئاق» نىڭ مەركىزى نۇقتىسى «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. قىزىنى باشقىلارغا ياتلىق قىلىش ئادەم بالىسىنىڭ خاراكتېرلىك بەلگىسى، ئىنسانلارنىڭ پادىلىق دەۋرىدە ئۇرۇق – تۇغقانلار ئارا نىكاھلىنىش بولىۋەرگەن. ئۇرۇقچىلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن بىر ئۇرۇقتىكىلەر ئۆزئارا نىكاھلىنىش مەنئى قىلىنغان. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى ئەجدادلىرى ئىچىدە «چىراغ» (ئوت) نى تۇتېم قىلغان مەلۇم بىر ئۇرۇق بولغانلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن، شۇ ئۇرۇق ئىچىدە ئۆزئارا نىكاھلىنىشنىڭ مەنئى قىلىنغانلىقى تارىخىي مۇقەرەرلىك، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەزكۇر ئۇرۇق ئەزالىرى كۆپىيىپ، ئۇرۇقنىڭ ئىچىكى ئۇرۇقنىڭ ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش يۈز بېرىپ، ئوخشاشلا «چىراغ» (ئوت) نى تۇتېم قىلغان بىر قانچە قانداش ئۇرۇق شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلار ئارىسىدا ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن. ئۆزئارا نىكاھلىنىش ئادىتى يوقىلىپ كەتمەي، ئاۋالقىدەكلا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇنىڭ نەتىجىسىدە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرنىڭ يەنە بىر خىل «چىراغ» تىكىلەرگە «تۇز، قىز ۋە ئاق» بەرمەسلىك ئەنئەنىسى شەكىللىنىپ، ئەۋلادىمۇ ئەۋلاد ساقلىنىپ كەلگەن. «تۇز» بەرمەسلىك بولسا، قىزغا قوشۇپ بېرىدىغان يېمەكلىك (نان، ئاش، تۇز) نى كۆرسەتسە كېرەك. يېڭى ئۆي كۆچكەندە ئالدى بىلەن «تۇزلۇق» نى كۆچۈرۈش شۇنىڭدىن قالغان. «ئاق» بۇ ئاق رەخت ۋە پاختىنى ئىپادىلىشى مۇمكىن. چۈنكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار «ئاق» رەڭنى بىرخىل خاسىيەتلىكنىڭ بەلگىسى دەپ قارىغان. ئاق رەخت پاختىدىن تەييارلانغان، تەبىئىي، پاكىزە رەخت بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىشى نورمال ئەھۋال. قىزلارغا بەخت يار بولسۇن مەنىسىدە «ئاق» (رەخت، يىپ، يۈرۈڭ) نى ھەمراھ قىلىپ، يولغا سېلىش ئادىتى بولغان بولسا، «تۇز، قىز، ئاق» تەڭداش ئۇقۇم بولغانلىقىدا ئارتۇقچە شۈبھىلىنىش يوق.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەزى ئۆرپ – ئادەتلىرىدە شامان دىنىنىڭ تەسىرى ساقلانغان. بۇ توغرىلىق ئەتراپلىق توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

(6) ئاسترونومىيەلىك قاراشلار

دولان ئۇيغۇرلىرى كۈندۈزلىرى كەڭ تەبىئەت قوينىدىكى ئېتىز – ئېرىق، قىر – دالىلار، يايلاق ۋە ئورمانلاردا، كىچىلەرنى بىپايان يۇلتۇزلۇق كۆك ئاسمان ئاستىدىكى پايانسىز ئېكىنزارلىقلاردا خامان تېپىش، دېھقانچىلىق قىلىش، چارۋا بېقىش بىلەن ئۆتكۈزۈش جەريانىدا ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەش بىلەن بىرگە، ئاسمان جىسىملىرى توغرىسىدا بىر مۇنچە ئاستىرونومىيەلىك بىلىملەرنى ۋە چۈشەنچىلەرنى توپلىغان. شۇنداقلا قىزىقارلىق قاراشلار ۋە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەلق ئارىسىدىكى تەبىئەت قاراشلىرىنىڭ ھەممىسى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغاندا، كىشىلەرنىڭ ھاياتلىق ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق ھالدا پەيدا بولغان ۋە تەبىئەتنىڭ سىرىنى بىلىش ئىستىتىكىلىرىدىن بارلىققا كەلگەن. دولان ئۇيغۇرلىرى كۈن، ئاي، يۇلتۇز، بوران، يامغۇر، كەلكۈن قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار قاراشلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن. دولانلار يۇلتۇزغا قاراپ كۈن ساناپ ھەرىكەت قىلىدىغان ئەنئەنىنى ساقلىغان. ئۇلارنىڭ مۇنەججىملىرى «نەس يۇلتۇز» ھەپتىنىڭ بىر كۈنى مەشرىقتە، بىر كۈنى مەغرىپتە، بىر كۈنى «شىمال تام» تەرەپتە، بىر كۈنى «بىر يۈرۈش» تەرەپتە، بىر كۈنى «ئاسماندا»، يەنە بىر كۈنى يەردە بولىدۇ، دەپ قارىغاچقا، سەپەرگە، ئوۋغا چىققۇچىلار ۋە توي قىلىپ قىز يۆتكىگۈچىلەر بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەمەل قىلىپ، يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، مۇنەججىم موللىلاردىن «نەس يۇلتۇز» نىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىش قىلاتتى. ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى ۋە چارۋا – ماللار بىر پىشكەللىككە ئۇچرىسا، ئۆينىڭ تۆت بۇلۇڭىغا نوكچە قويۇپ، ئوت يېقىپ، نەزىر – چىراق ئۆتكۈزەتتى.

بۇلاردىن باشقا دولانلار ئارىسىدا تارقىلىپ كېلىۋاتقان بەزى ئاستىرونومىيەلىك قاراشلارنى توپلاشقا، تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

(7) ئۆمۈرنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆمۈرنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈش، ئۇزۇن يىل ساغلاملىقنى ساقلاش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر ئۆمۈر كۆرۈش ئادىتىنىمۇ بىر «مەدەنىيەت ھادىسىسى» دەپ بىلىشكە بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان تۆت رايوننىڭ بىرى تارىم ۋادىسى بولۇپ، تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغانلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. دولان ئۇيغۇرلىرى ياشىغان يەرلەرنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى ياخشى، ھاۋاسى ساپ، تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان. كۈننىڭ يۇرۇتۇش ۋاقتى ئۇزۇن، سۈيى مول ۋە پاكىز. دولاندىكى ئۇزۇق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر سەھەر تۇرۇپ، ئەمگەك قىلىشقا ئادەتلەنگەن. پاكىزلىققا، قەرەللىك غىزالىنىشقا، ئىسسىق – سوغۇق تاماقلارنى تەڭشەپ يېيىشكە، گۆش، سۈت، قايماق، يەل – يېمىش يېيىشكە ئىزچىل ئەھمىيەت بەرگەن. تەبىئىي ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلغان. كۆڭلى – قارنىنى كەڭ تۇتقان، زىيادە چاچقۇنلۇق، قىزغانچۇقلۇقتىن ھەزەر ئەيلىگەن. ئىچىملىك، چىكىملىك، كەيىپ – ساپاغا بېرىلمىگەن. قىشتا ئىسسىق، يازدا يىلىڭ يۈرۈشكە، ھەتتا يالاڭئاياق يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. (ھازىرقى تىببىي ئىلىمدە يالاڭئاياق يۈرۈشنىڭ سالامەتلىككە كۆپ پايدىسىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانماقتا) كىر – قات، يوتقان – كۆرپىلەرنى ئاپتائتا قۇرۇتۇپ ياكى قاقلاپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغان. پاكىز، سۈزۈك بۇلاق ۋە ئېقىن سۇلارنى ئىچىپ تۇرغان. نەچچە ئەۋلاد بىر ئۆيدە ئىناق ئۆتكەن، چوڭلار ھۆرمەتلەنگەن، كىچىكلەر ئىززەتلەنگەن.

ئومۇمەن، دولان ئۇيغۇرلىرى ياشلىقتىن سالامەتلىكنى ئاسراش، قېرىغانسېرى ئۈمۈدۋار بولۇش، ھاياتنىڭ لەززىتىنى قانغىدەك تېتىپ، كەچۈرمىشلىرىدىن پۇشايمان قىلماسلىق، ئارتۇقچە مال – دۇنياغا بېرىلمەسلىك، ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق قاتارلىق ئەخلاق – پەزىلەتلىرى بىلەن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپانلىرى ھاياتىنى قانۇنىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ بۈگۈنكىدەك ئىلمىي نەزەرىيەلىرىنى ئىگەللىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما، ئۇلاردا يەرلىك، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش قارىشى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا ئالاھىدە ئەمەل قىلىدۇ. پەقەت، بىزنىڭ بۇ خىل قاراشنى نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، خالاس.

(8) بەزى ئۆرپ – ئادەتلەر ۋە ئېتنىك ئالاھىدىلىكتۇر

دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بەزى ئۆرپ – ئادەت، ئىنتىك ئالاھىدىلىكى بار. بۇلار بىر پۈتۈن ئۇيغۇر فولىكور مەدەنىيىتىنى بېيىتىشتا كۆرۈنەرلىك ئورۇنغا ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىگە توي – تۆكۈن، ئۆمۈر مۇراسىملىرى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە، تۇرالغۇ جاي، يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەك، دەپنە قىلىش ئادەتلىرى قاتارلىق بىر قاتار مەزمۇنلار كىرىدۇ. بۇ نۇقتىلارنى ئايرىم – ئايرىم تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلىدىغان بولساق، تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيىتى چوڭ بولغان قىممەتلىك نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.

دولان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر مىللىتى ئىچىدە قەدىمكى مىللىي ئەنئەنىلەرنى بىر قەدەر قويۇق ساقلاپ كەلگەن ئىجتىمائىي گورۇھ بولۇپمۇ مەشرەپلەردە ئەر – ئايالنىڭ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئوينىشى، ئويۇن ھەرىكىتىنى قىلىشى ۋە بېيىت ئېيتىشىشى بۇنىڭ جانلىق بىر مىسالى. بىزگە مەلۇمكى، قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇشۇنداق ئادەت بولغان. مەسىلەن: «ۋېي سۇلالىسى تارىخى» دا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان تېلىلار توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يېزىلغان: «ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىكلەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىدۇ، بەخت – تەلەيلىك ئادەملەر خۇشاللىقتىن ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چالغۇلارنى چېلىشىدۇ»، «ئادەتتىكى چاغلاردا چوڭ – كىچىك، ئەر – ئاياللار يىغىلىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ.»

ۋەھالەنكى، ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن ئاياللارنىڭ جامائەت سورۇنلىرىدا، بولۇپمۇ، ئويۇن – مەشرەپلەردە ئەركىن ھەرىكەت قىلىشى چەكلىمىگە ئۇچرىغان. بۇ ئادەت شەھەر – بازار ۋە ئۇنىڭغا يېقىن جايلاردا روشەن ئىپادىلەنگەن. دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەر – ئاياللار بىرلىكتە مەشرەپ ئويناشتەك ئادىتىنى ئىزچىل ساقلاپ كېلىشى ئۇلار ئارىسىدا يەنە باشقا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنىڭ بار ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇلار، ئەلۋەتتە چوڭقۇر تەكشۈرۈشنى، تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئومۇمەن، دولان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ھالىتى بىر قىممەتلىك مەدەنىيەت خەزىنىسى. ئۇنىڭدا ئېچىشنى كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ئېسىل جاۋاھىراتلار كۆمۈلۈپ ياتىدۇ. ئۇلارنى ئايرىۋاشلاش، ئىلغاش، رەتلەش مۇشۇ دەۋىر كىشىلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. كونا بىلەن يېڭى، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىق جىددىي ۋە تېز ئالمىشىۋاتقان، كونا نەرسىلەر، ئەنئەنىلەر مەقسەتسىز يوقىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھالقىلىق كۈنلەردە، دولان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئاشۇ ئاز ساندىكى يەرلىك، مەھەللىۋى گۆھەرلەرنى قۇتقۇزۇش، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جۈملىدىن جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى قۇتقۇزۇش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان يۈكسەك مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

مەنبە: «ئاۋات تارىخ ماتىرىياللىرى» 5-قىسىم. بۇ كىتاپ سىياسىي كېڭەش ئاۋات ناھىيىلىك كومېتىتى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 2009-يىلى ئۇيغۇر، خەنزۇ تىللىرىدا بېسىلغان. بۇ ماقالە ئۇيغۇرچە 46-66-بەتلەردە، خەنزۇچە 34-51-بەتلەردە ئىلان قىلىنغان.

 

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «دولان ئۇيغۇرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە دائىر بەزى مەسىلىلەر» - 1.7M :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

*

*

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!