• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا – ۋاڭ مېڭ

1208
ئاپتورى: ۋاڭ مېڭ   يوللانغان ۋاقتى:2016-01-16   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە
 

 ئاپتور: ۋاڭ مېڭ

ھەرزەتئەلى ئەخەت تەرجىمىسى

1

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ئۈستەل چىرىغىنىڭ نۇرى ئاپئاق ئورىگىنال قەغىزىگە چۈشكىنىدە، ئورىگىنال قەغىزىدىكى ھەر بىر قۇر رايىش، بىغۇبار، سەمىمىي رەۋىشتە سىزنىڭ ئۆزىگە جۇلا ۋە نىدا، جان ۋە قان ئاتا قىلىشىڭىزنى كۈتكىنىدە، سىز نېمىلەرنى كۆرىسىز؟ نېمىلەرنى ئويلايسىز؟

گەرچە كۈندۈزدىكى خىزمەت ۋە ئايىغى چىقماس ئىشلار سىزنى يەتكۈچە چارچاتقان بولسىمۇ؛ سىزنىڭمۇ تالايلارغا ئوخشاش مەسئۇلىيىتىڭىز، غەم – غۇسسىڭىز، ئىچ پۇشۇقلىرىڭىز بولسىمۇ؛ ئۆزىڭىزنىڭ مۇكەممەللىكتىن يىراقلىقىڭىز، بىر تالاي ئەيىبلىرىڭىز، ئاجىزلىقىڭىز، ئىپلاسلىقىڭىز، جاراھەتلىرىڭىزنىڭ بارلىقى ئۆزىڭىزگە ئايان بولسىمۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنىڭ باشقا تالاي كەسىپلەرگە ئوخشاش ئادەتتىكىچىلىكىنى، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشاش بۇ ساھەدىمۇ سوقۇنۇپ كىرىۋالغان پەسكەشلەرنىڭ… بارلىقىنى بىلسىڭىزمۇ؛ قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ دەقىقىلەردە، سىز ئۆزگىچە بىر تۇيغۇدا بولىسىز.

سىز خۇددى تەڭداشسىز غەيرەتكە كەلگەندەك، ئەقىللىق ھەم تەلەپچان ئوقۇرمەننى كۆرگەندەك بولىسىز؛ ئۇلار بىلەن ئەسرارلىشىپ، ئۇلارغا يازمىڭىزنى سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلب تارىنى چەكمەكچى بولىسىز. سان – ساناقسىز ئوقۇرمەننىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكى، سىزگە نەزەر سالغانلىقى سەۋەبلىك ئۆزىڭىزنى تەلەيلىك سانايسىز. ئۇلار سىزنىڭ يازمىڭىزغا بارىكاللا ئېيتىدۇ، ئالقىشلايدۇ. سىزنىڭ باش قەھرىمانىڭىز ئۈچۈن ھېسداشلىق ياشلىرىنى تۆكىدۇ. ئۇلار سىزنى ئەسلەيدۇ، سىزگە ھەشقەللا ئېيىتىدۇ. سىز ھەم تەشۋىشلىنىسىز، ھەم ئۆز بۇرچىڭىزنى ھېس قىلىسىز، چۈنكى سىز تالايلارنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ دىققەت ئوبيېكتىسىز. ئوقۇرمەنلىرىڭىز ئارىسىدا بىر زامان، بىر ماكاندىكى سەپداشلارلا بولۇپ قالماي، بەلكى يات ئەللەردىكى دوستلارمۇ، ئون يىل، يىگىرمە يىل، ھەتتا يۈز يىلدىن كېيىنكى ئىلغار ۋە ئەقىللىق كىشىلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن. ناۋادا ساختىلىق قىلسىڭىز، ئاۋامنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز؛ كۆز بويامچىلىق قىلسىڭىز ياكى ھۈنىرىڭىز پۈچەك بولسا، ئاۋامنىڭ مەسخىرىسىگە ۋە ئەيىبلىشىگە ئۇچرايسىز؛ ناۋادا ۋالاقتەگكۈرلۈك قىلىپ، ئۆزىڭىزنى قالتىس چاغلىسىڭىز ئاۋامدىن ئايرىلىپ قالىسىز. تەنقىدچى ۋە ئاۋام پۇقرادىن تارتىپ، پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچى، دوست ۋە دۈشمەنلەرگىچە سىزنىڭ يازمىڭىزدىن قۇسۇر تېپىپ، سۆز – چۆچەك قىلىشىدۇ. قىسقىسى، سىزنىڭ يۈزلەنگىنىڭىز كەڭ خەلق، جەمئىيەت، تارىختۇر؛ سىز مەغرۇرلىنىپ، شادلانسىڭىزمۇ، قارا تەرگە چۆمسىڭىزمۇ، ئەڭ نادىر ئەسىرىڭىز (ئۆزىڭىزگە قارىغاندا مۇكەممەل ۋە مۇپەسسەل بولغان)نى روياپقا چىقارسىڭىزمۇ، يەنىلا پەللىدىن يىراقسىز. ئەلۋەتتە، ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق، بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ئەسلا بولمايدۇ. خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخ ئالدىدا يۈزسىزلىك قىلسىڭىز، زەھەرنى شېكەر، تاشنى ماش كۆرسىتىپ، خەلقنى زەھەرلىسىڭىز بولمايدۇ. شۇڭا، سىز ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مۇقەددەس، تەۋرەنمەس ۋە يۈكسەكلىكىنى ھېس قىلسىڭىزلا، كەسكىن، ھوشيار ۋە قەتئىي بولسىڭىزلا قەلىمىڭىزنىڭ پاتمانلاپ ۋەزنى بولىدۇ.

ھاياجانلىنىپ، كۈچلۈك بىر غىدىقلىنىشنى ھېس قىلسىڭىز، بۇ دەل تۇرمۇشنىڭ ئىلھامى. ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكەن تالاي ئۇنتۇلغۇسىز كۈنلەر قەلبىڭىزدە دولقۇنلاپ، سىزنىڭ رەتلىشىڭىزنى، يىللار قالدۇرغان كىر – داغلارنى ئادالىشڭىزنى، غايىۋى ۋە ھەققانىيەت مەشئىلى بىلەن ئۆزلىرىنى يورۇتۇشىڭىزنى كۈتىدۇ. سىز تونۇيدىغان، روھىيىتىڭىز ۋە ھېسسىياتىڭىز بىلەن مۇرەككەپ باغلىنىشى بولغان ھەر خىل كىشىلەر پەرقلىق قىسمەتلىرى، خاراكتېرى، جىلۋىلىك تەبەسسۇمى، ئوتلۇق مېھىر – مۇھەببىتى، غەزەپ – نەپرىتى، سولماس ياشلىق جىلۋىسى، شۇنداقلا بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان ۋە لەھەتكە يول ئالغان قىسمەتلەردە كۆز ئالدىڭىزدا زاھىر بولىدۇ. ئۇلارمۇ ئۆز پارىڭىنى، مۇھەببەت – نەپرەتلىك ئالاقىسىنى باشلايدۇ. سىز كېلىسىز، مەن كېتىمەن. ۋاقىت بىر ئىزدا تۇرمايدۇ. گەرچە سىز تۇرۇۋاتقان ئۆي كاتەكتەك كىچىك، يېزىق ئۈستىلىڭىز كىچىك ھەم ئەبجەق بولسىمۇ، قولىڭىزغا قەلەم ئالغان ئاشۇ ئۆزگىچە پەيتلەردە، تاغۇ دەريا، يەرۇ ئاسمان، جان – جانىۋار، ئەر – ئايال، چوڭ – كىچىك، پىششىق – توڭ… ھەممە – ھەممىسى قەلب ئالىمىڭىزدە پەيدا بولۇپ، قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ. سىز ئۇلارنى پەردازلايسىز، قايتا نامايان قىلىسىز، باھالايسىز. تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقى ۋە خاپىلىقىنى، كىشىلەرنىڭ ئىزگۈلۈكى ۋە رەزىللىكىنى، تارىخنىڭ رەھىمسىزلىكى ۋە مۇرەككەپلىكىنى، يولنىڭ كەڭتاشالىقى ۋە ئەگرى – توقايلىقىنى، تەبىئەتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە رەھىمسىزلىكىنى، كەچمىشلىرىڭىزنى، ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزنى، بىلگەن – سەزگەنلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇرمەنگە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. گەرچە يازغىنىڭىز قىسقىغىنە بىر ئەسەر بولسىمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى دەسمايە قىلىسىز. شۇڭا سىز ئىجادىيەتنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئىجادىيەتنىڭ جاپاسىنىمۇ ھېس قىلىسىز.

سىز يەنە ئۆز ھېسسىياتىڭىزنىڭ غىدىقلىشىغىمۇ ئۇچرايسىز. سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بەئەينى بىر رويالدۇر. تۇرمۇش دەل رويالنى چالىدىغان قولدۇر. دەل شۇ قول تالاي ئۇستىلاردىن غالىب كېلىپ، تۈرلۈك كۈي، ئاھاڭلارنى ياڭرىتىدۇ، مەرسىيە ۋە قەسىدىلەرنى پۈتىدۇ. بەزىلىرى شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە كائىناتقا تارايدۇ، بەزىلىرى خاتىرىلىنىپ، قەلبخانىڭىزنىڭ بىنھانلىقىدا ساقلىنىدۇ. پەقەت تۈن جىملىقىدا، قەلىمىڭىز ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، ئورىگىنال قەغىزىڭىز ياڭراتقۇغا ئايلىنىپ، ھەتتا ئۆزىڭىزنىمۇ ھەيران قالدۇرىدىغان ئېسىل كۈيلەرنى ياڭرىتىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ رويال ساپمۇساق بولۇشى، كونۇپكىلىرى تولۇق، تارلىرى ياڭراق، گارمونىيىسى ماسلاشقان بولۇشى كېرەك. ئەگەر، ئەبجىقى چىقىپ، دات باسقان رويال بولسا، پەقەت قۇلاققا سەت ئاڭلىنىدىغان ئاۋاز چىقىرىپ، «ئاپەت»كە ئايلىنىدۇ.

ئېنىقكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزنى قوزغايدۇ، لېكىن، بۇنىڭدىنمۇ مۇقەددەس ۋە مۇھىم نەرسە دەل ھەقىقەتتۇر. كاللا كەتسە ھېچ گەپ يوق، يول توغرا بولسىلا بولدى. يولنىڭ توغرىلىقى جاندىنمۇ مۇھىم، يولنىڭ توغرىلىقى جاننىڭ كاپالىتى. يول خاتا بولسا، كاللا كېتىشتىن، تەھدىت ۋە پايدا ئالدىدا قاچقۇن، ھەتتا خائىن بولۇشتىن ساقلىنىش تەس. قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىخقا يۈزلىنىپ، ئۆزىڭىزنى كۆزىتىشىڭىز زۆرۈر. سىز ھەقىقەتنى تۇغ قىلماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا داغ تەگكۈزمەكچىمۇ؟ سىز ھەقىقەتنى قوغدىماقچىمۇ ياكى ئۇنىڭغا خائىن بولماقچىمۇ؟ ھەقىقەت ئۇ ھەرگىزمۇ تەييار كەلىمىلەرنى يادلاش ئەمەس. ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان دەستەك ياكى ئەسەردىكى ھىيلە – مىكىرمۇ ئەمەس. بىز ئەمەلىيەت ئىسپاتلىغان ماركسىزم – لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك. ھەقىقەتنى ئۆزىڭىزنىڭ قېنىڭىزغا، دىلىڭىزغا سىڭدۈرۈڭ. شۇندىلا قەلىمىڭىزنىڭ ۋەزنى بولىدۇ. ئۆزىڭىز ئىشەنمەيدىغان نەرسىلەرگە باشقىلارنى ئىشەندۈرۈش، ئۆزىڭىز تەسىرلەنمىگەن نەرسىلەر ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈش ئۇخلاپ چۈشىڭىزدۇر. تۇرمۇشنى، ھېسسىياتىڭىزنى، مەسئۇلىيىتىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا، تۇرمۇش ئىزنالىرىنى، بارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ۋە كۈيلەرنى جۇلالاتقان نۇرنى – ھەقىقەت نۇرىنى ئەسكە ئېلىشىڭىز شۈبھىسىزدۇر. پەقەت سىز ئۆز ئىجادىيىتىڭىز، پۈتكۈل تۇرمۇش تەسىراتىڭىز، زېھنىڭىز، ئەقلىڭىز ئارقىلىق دەلىللىگەن، ئىنتىلگەن، مۇشەررەپ بولغان نەرسىلەر؛ جان پىدالىق بىلەن ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي، تالاي قۇربانلارنى بەرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەقىقەت بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىندۇر. ئورۇق ئېشەكتەك ھاڭراش، باشقىلارنىڭ بۇرۇتىغا چالما تىزىش، خۇشامەتچىلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناش، تىلى شېكەر، دىلى زەھەر بولۇش… دېگەندەك قىلمىشلارنىڭ ھەقىقەت بىلەن ئەسلا ئالاقىسى يوق. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، تۈرلۈك پىكىر، قاراش، باھالار سىز بىلەن تىركىشىپ، تالاي ئىدىيىلەر قەلىمىڭىزنىڭ ئۇچىغا جەملىنىدۇ.

قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، ھەر خىل ئەبجەش ئىدىيىلەرمۇ پەيدا بولىدۇ. ۋىجدانىڭىزغا قارشى چىقىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ سىز غالىب بولماقنى، ئېتىراپ قىلىنماقنى ئارزۇلايسىز. تېخى ئۆزىڭىز كەم – كۈتىسىز بولغان شېرىن دەقىقىلەرنىمۇ ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز. سىز يەنە مەغلۇپ بولۇشتىن، ئىنكار قىلىنىشتىن ئېسەنكىرەيسىز. دائىم باشقىلارنىڭ ئەسىرىگە قايىل بولمايسىز، بەزىدە ئۆز ئىشەنچىڭىزنىمۇ يوقىتىسىز. سىز زامان رايىنى، قەلەمكەشلىك خاھىشىنى ۋە مۇھەررىرلەرنىڭ تەلىپىنىمۇ ئويلايسىز. تېخى ئارىسالدا بولىسىز، تەشۋىشلىنىسىز… لېكىن، بۇلار قورقۇنچلۇق ئەمەس، بۇنىڭدىن خالىي بولماقمۇ تەس. ئەمما سىز بار ئىمكان بىلەن سەۋرچان بولۇشىڭىز، ئەرزىمەس ئىشلارغا ئۇرۇنماسلىقىڭىز، رەزىل، چاكىنا، شەخسىيەتچى نىيەت – مەقسەتكە تايماسلىقىڭىز، غالىبلىق ئىستىكىڭىزنى ئىجادىيەت قىزغىنلىقى، دەپ قارىماسلىقىڭىز، يېزىش ئۈچۈنلا يازماسلىقىڭىز لازىمدۇر.

 

2

ئەسلىي سىزنىڭ غەلىبىڭىزنى ئالدىن تەبرىكلىسەم بولاتتى. چۈنكى سىز مەلۇم مۇددىئا ئۈچۈن، يېزىش ئۈچۈن يازدىڭىز. لېكىن، يەنىلا بىر سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭ، سىز بىر ئەدىبتە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈردىڭىزمۇ؟

قېنى، توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ؟ تۇخۇممۇ؟ دېگەندەك بىمەنە بىر مەسىلىنى، يەنى، يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ، ئەسەرمۇ(بۇ يەردىكى يازغۇچىلىق قانداقتۇر بىرەر كەسىپ، بىرەر شان – شەرەپ ياكى مەرتىۋە ئەمەس، بەلكى بىر خىل پەزىلەت ۋە ئىقتىداردۇر) دېگەن مەسىلىنى ئويلاپ كۆرۈڭ.

ئەگەر يازغۇچى بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ ئەسەر يازمايدىغان يازغۇچى بار؟ ئەگەر ئەسەر بۇرۇن پەيدا بولغان دېسەك، دۇنيادا نەدىمۇ يازغۇچىسىز ئەسەر بار؟ (ئەسەر يازىدىغانلارنى يازغۇچى دېمەي قەلەمكەش دەپ، كەمتەرلىك قىلساق، بۇنىڭ يولى باشقا بولىدۇ)

بەلكىم سىزمۇ ھېس قىلغانسىز، تۇنجى ئەسىرىڭىزنى روياپقا چىقىرىشتىن بۇرۇنلا، يازغۇچىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە ئىقتىدارنى يېتىلدۈرۈۋاتقان، ھازىرلاۋاتقان بولىسىز. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يازغۇچىدۇرسىز. ئوخشاشلا، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، قەغەزگە دۇردانە تۆككىنىڭىزدە، شۇ خىل پەزىلەت ۋە ئىقتىدار ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ ھەم مەلۇم دەرىجىدە مۇكەممەللىشىدۇ.

بۇ ئېھتىمال «توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغان» دېگەنلىكتۇر، ئەلۋەتتە. قولىڭىزدا قەلەم ئېلىشتىن ئىلگىرى، تولىمۇ ئىلگىرىكى چاغلاردا، سىز جەزمەن پازىل بىر ئىنسان بولۇشىڭىز؛ تىلىڭىز ھەم دىلىڭىزدا، باتىنىڭىز ھەم زاھىرىڭىزدا سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈلۈك يولىدىكى ئىستىكىڭىز ھەم ئەقىدىڭىز، ۋەتەن ۋە خەلققە بولغان مۇھەببىتىڭىز، تارىخقا بولغان ئىنتىلىشىڭىز ھەم ئىشەنچىڭىز قارار تاپقان بولۇشى لازىم. سىزدە مۇستەھكەم ۋە يۈكسەك بىر ئىخلاس بولۇشى، مەيلى گۈل – چېچەككە پۈركەنگەن باھار كۈنلىرى ياكى جۇت – شىۋىرغانلىق ئاياز كۈنلىرى بولسۇن، ئىخلاسىڭىز سۇسلىماسلىقى لازىم. سىز دۇنياغا ھەۋەس بىلەن باقسىڭىز، خەلققە ھەردەم ھەمنەپەس ھەم تەقدىرداش بولسىز، سىزنىڭ «ئىخلاس»ىڭىز قانداقتۇر ھەممىنى تەرك ئېتىپ، راھەت- پاراغەتتە يايرىغىنىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، بەلكى، دەل سىزنىڭ ماتېرىيالىزمچى بولغىنىڭىز، ھېچنېمىدىن قورقمىغانلىقىڭىز، تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىپ، توغرا قاراپ، ئۇنى چۈشەنگەنلىكىڭىز، خەلق بىلەن، تارىخىي تەرەققىيات بىلەن، ئەڭ ئىلغار قاتلام ۋە شۇ قاتلامنىڭ ھۆكۈمرانلىرى بىلەن مەڭگۈ بىللە ئىكەنلىكىڭىز ۋەجىدىندۇر.

بۇلار ئەقەللىي تەلەپ. ناۋادا سىز لالما ئىتتەك لاغايلاپ يۈرىدىغان، رەزىللىكتە نام ئالغان، ئىچى كاۋاك، ھۇرۇن، جېنىدىن تويغان، سەمىمىيەت، مېھىر – شەپقەت، ئىزگۈ ھالەتلەرنىڭ قۇدرىتى ۋە مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم بولسىڭىز، نادىر ئەسەرلەرنى يازالامسىز؟ قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا، مۇقەددەسلىك ۋە مۇشەققەتلىكىنى، شادىمانلىق ۋە پەرىشانلىقنى ھېس قىلالامسىز؟ مەنىۋى ئالىمى ئۆز ئوقۇرمەنلىرىدىن چاكىنا، ئاددىي؛ شۇنداقلا، ئىدىيە ۋە تەپەككۇردا توختاۋسىز ئۆزىنى يېڭىلاشنى، بېيىتىشنى خالىمايدىغانلار ئەڭ ياخشىسى قەلەم تۇتمىغان ياخشى.

سىزدە يەنە بەلگىلىك تۇرمۇش تەجرىبىسى بولۇشى، ھەردەم تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئېلىپ، ئۆز تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى بېيىتىشىڭىز، تولۇقلىشىڭىز، كېڭەيتىشىڭىز لازىم. ئادەمنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئادەمنى چۈشىنىشىڭىز، تاغنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن تاغنى كۆرگەن بولۇشىڭىز كېرەك. تەجرىبە قانچىكى مول، رەڭدار، تېرەن بولسا شۇنچە ئەۋزەلدۇر. بۇمۇ ھەم ئەقەللىي تەلەپ. كىتابلار دۆۋىسىگە كىرىۋېلىپ ھەدەپ يازغۇچى بولۇشنى ئويلىغان ئادەم مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ. بۇ بىر ئادىل ھەم كىنايىگە تولغان قائىدىدۇر.

يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن زۆرۈر، كەم بولسا بولمايدۇ. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. تۇرمۇشىمىزدا ئىدىيىۋى ساپاسى بىزدىن يۇقىرى، تەجرىبىسىمۇ مول نۇرغۇن كىشىلەر بار، ئەمما ئۇلارنىڭ قەلەم تۇتۇشقا لايىق بولۇشى ناتايىن.

يازغۇچىنىڭ پەزىلىتى ئۇنىڭ ئاشۇ قىزغىن، تۇيغۇن ۋە تېرەن يۈرىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەنە شۇ يۈرەك قىزغىن بولغاندىلا، ئۆز قەلبىدىكى ئوت بىلەن ئوقۇرمەننىڭ قەلبىگە ئوت سالالايدۇ. بەلكىم ئۇ كۆرۈنۈشتە سالماق، مەنىدە تېرەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇنىڭ قات – قېتىدا مۇز ئەمەس، ئوت بار. ئەنە شۇ يۈرەك تۇيغۇن بولغاندىلا، رەڭدار، سەزگۈر فوتو ئەينىكىگە ئوخشاش، دەقىقە ئىچىدىكى نۇر ۋە سۈرەتلەر ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، بىر تال چاچ، بىر تامچە سۇ بولسىمۇ ئۇنىڭدا ئۆز ئىزناسىنى قالدۇرىدۇ. ئۇ كونىرىغان نىگاتىپ بولماسلىقى، تۇتۇق سۈرەتلەرنى پەيدا قىلماسلىقى كېرەك. ئەنە شۇ يۈرەك تېرەن بولغاندىلا، كۆپلىگەن سېزىملەرنى، تەسىراتلارنى، ئىداراكلارنى توپلىيالايدۇ. ئۇ تېرەن بىر قۇدۇققا ئوخشاش سۈيىنى قانچە تارتسىڭىزمۇ قۇرۇپ قالماسلىقى، ئالتە ئاي ئاتقان پاختىڭىز، بىر چاپاننىڭ يېڭىگىمۇ يەتمەيدىغان ھالەت بولماسلىقى كېرەك.

يازغۇچىنىڭ قابىللىقى تۇرمۇشتىن زوقلىنىش ۋە تۇرمۇشنى ئىپادىلەشنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بۇنىڭدا ئەڭ مۇھىمى ئوبرازلىق تەپەككۇر ۋە تىل. قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشتىن بۇرۇن، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇۋاتقان ۋە تۇرمۇشنى كۆزىتىۋاتقان چاغدا، سىرداشقان، خاتىرە يازغان، سالام يوللىغان… چاغدا؛ ئۆزىڭىزنىڭ ئوبرازلىق تەپەككۇرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاۋلاۋاتقان بولىسىز. سىز دائىم ئەدەبىياتتىن تۇرمۇشنى ھېس قىلىسىز، يەنى ياخشى بىر ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تۇرمۇشقا بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە چۈشىنىشىڭىز چوڭقۇرلىشىدۇ، تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە سېھرىي كۈچىنى پەيدىنپەي تولۇقى بىلەن ھېس قىلىسىز. سىز دائىم تۇرمۇشتىن ئەدەبىياتنى بايقايسىز، يەنى، تۇرمۇشتا كۆپلىگەن گۈزەل، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان، جەلپ قىلىدىغان نەرسىلەر بار، يېزىشقا ئەرزىيدۇ. سىز يازغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قىممىتىگە تولۇق ئىشىنىسز. شۇڭا قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز.

سىز ئاشۇ پازىللىق ۋە قابىللىقنى ھازىرلىغان پەيتتە، بەلگىلىك شارائىتقا ئىگە بولغىنىڭىزدا، قولىڭىزغا قەلەم ئالسىڭىز ئىشەنچ ۋە مۇددىئايىڭىز ھازىرلىنىدۇ. ئەمما، دەسلەپكى تەييارلىقىڭىز قانچىكى پۇختا، روھىڭىز، ئەقلىڭىز، تەجرىبىڭىز ۋە بىلىمىڭىز قانچىكى مول بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تولۇق تاۋلانمىغان، جەۋھەرلەنمىگەن، تەلقىنلەنمىگەن، ھېسسىياتنىڭ تاۋلىشى ۋە تەسەۋۋۇر قانىتىنىڭ ئىنئامى بولمىغان، يېتىلىش، ئويلىنىش، قارارلاش، شادلىنىش، ئۈمىدسىزلىنىش، قايغۇرۇش، ۋاز كېچىش… قاتارلىقلار قايتىلانمىغىنىدا؛ ئىپادىلەش يولىدىكى توسالغۇلارنى يوقاتمىغان، ئۆز ئۇسلۇبىڭىزنى، ئۆز زىننىتىڭىزنى تاپمىغان، قەغەزگە پۈتۈلمىگەن، ئەسەر سىياقىغا كىرمىگەن ئەھۋالدا، ئەسەر يەنىلا غۇۋا، بىتايىن، جانسىز نەرسىدۇر. ئىجادىيەت شۇنداق نەرسىكى، ئوقۇرمەنگە نىسبەتەن يېڭى بولۇپلا قالماي، يازغۇچىغىمۇ يېڭى بولىدۇ؛ ئوقۇرمەننى تاڭ قالدۇرۇپلا قالماي، يازغۇچىنىمۇ تاڭ قالدۇرىدۇ. چۈنكى تۇرمۇشتىكى جۇغلىنىش، تەپەككۇردىكى جەريان پەقەت بىر سان ئۆزگىرىشى خالاس. پەقەت سىز قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، ئۆز ئۇسلۇبىڭىز، قۇرۇلمىڭىز، پېرسوناژلىرىڭىز، ۋەقەلىرىڭىز ۋە تىلىڭىزنى تاپقىنىڭىزدا، ئىجادىيەت داۋامىدا گۈللىنىش، ئۆزگىرىش ۋە تەرەققىيات بولىدۇ؛ قولغا قەلەم ئېلىپ، ھېس قىلىسىزكى، بۇ گۈللىنىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقىنىغا، يۈز بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل. سىزنىڭ كەيپىياتىڭىز نەقەدەر جىددىي ۋە نەقەدەر خۇشال – ھە!

 

3

ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت ۋە ئويلىنىش، سېغىنىش ۋە تەسەۋۋۇر، ئىككىلىنىش ۋە پەرىشانلىق، ئىشتىياق ۋە قىيالماسلىق ھالەتلىرى ئارقىلىق، ئاخىرى قولىڭىزغا قەلەم ئالدىڭىز. ئاخىرى ۋاقتىنچە ئاق تۇرغان قەغەزگە ئۆز ھاياتىڭىز، روھىڭىزنىڭ بىر قسىمىنى سىڭدۈردىڭىز. ئاپئاق قەغەز بەئەينى بىر بىپايان باغقا، قورۇققا ئوخشايدۇ، مانا سىز ھازىر شۇ قورۇققا كىرمەكچى. يېقىن كىشىلىرىڭىز ۋە دىلكەشلىرىڭىزنى، تەئەللۇقاتلىرىڭىزنى، قايناق ھاياتىڭىزنى ئېلىپ كىرمەكچى بولۇۋاتىسىز. سىز مەڭگۈ ئۆڭمەس، ئۆز ھاياتىڭىزدىنمۇ ئەبەدىيرەك بولغان يېزىق ئارقىلىق تولىمۇ قىسقا بولغان تۇرمۇشىڭىزنى ۋە تۇيغۇڭىزدىكى تەسىراتلارنى خاتىرىلەيسىز.

ئەمما، يەنىلا بىر مەسىلە سىزنى ئارامىدا قويمايدۇ، سىزنىڭ ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ يېزىشقا ئىشەنچىڭىز بارمۇ؟ ئۇ راستتىنلا ئوقۇرمەنگە بىرەر نەرسە ئاتا قىلالامدۇ؟ شۇ ئارقىلىق يېزىقچىلىقنىڭ قىممىتىنى ۋە مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ھازىرلىيالامدۇ؟

سىزنىڭ يازمىڭىز تەھرىر بۆلۈملەردە دۆۋىلىنىپ تۇرغان ساناقسىز يازمىلار ئىچىدە رىقابەت ئىقتىدارىغا ۋە ھەممىنى بېسىپ چۈشكۈدەك ھاياتىي كۈچگە ئىگىمۇ؟ ئۇ سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى، زېھنىڭىزنى ۋە قەلەم – سىياھىڭىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلامدۇ، يوق؟ ھەمراھىڭىزنىڭ كوتۇلداشلىرى، خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ شۈبھىلىك بېقىشلىرى، باشلىقىڭىزنىڭ نارازىلىقى ھېسابىغا يازمىڭىز ئاقىۋەت نۆلگە تەڭ بولامدۇ، يوق؟

يېزىقچىلىققا يېڭىلا كىرىشكەن ھەۋەسكارغا نىسبەتەن يۇقىرىقىلار بىر تېپىشماق خالاس. يازمىڭىزنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولۇشىنى كىم بىلىدۇ؟ ئەخلەتخانىغا تاشلىنامدۇ، قولىڭىزغا قايتىپ كېلەمدۇ؟ تەڭدىن تولىسى قىرقىلىپ، ئۆزىڭىزمۇ تونۇيالمايدىغان قىياپەتتە ئېلان قىلىنامدۇ؟ ئېلان قىلىنسىمۇ دېڭىزغا چۈشكەن تاشتەك ئۈنسىز غايىب بولامدۇ؟ ۋە ياكى ئۇتۇقلۇق ھالدا، ئوبزورچىلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ، ئالقىش ۋە ماختاشلار ئىچىدە يېڭى ھاياتىي كۈچكە نائىل بولۇپ، يېڭى قىياپەت بىلەن ئەدەبىيات سەھنىسىگە قەدەم تاشلامسىز؟

سىز يازمىڭىزنى تاماملاپ، تەھرىراتقا ئەۋەتىپ بولدىڭىز. ئەمما سىز يەنىلا تەشۋىشلىنىسىز ۋە شۈبھىلىنىسىز. تېخى چۈشىڭىزدىمۇ يازمىڭىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئويلىنىسىز، مۇھەررىرنىڭ «قارار»ىنى پەملەيسىز. ئاخىرى تەھرىر بۆلۈمدىن كەلگەن خەتنى تاپشۇرۇۋالغاندا، شۇم خەۋەر ياكى خۇش خەۋەرلىكى نائېنىق بولغاچقا جىددىيلەشكىنىڭىزدىن كونۋېرتنى ئېچىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايسىز.

ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىش بىمەنىلىك ھەم بىچارىلىك خالاس. ئەمما، كىممۇ ئۆز يازمىسىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلمىسۇن؟ قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىن ھەدەپ ئۆزىدىن گۇمانلىنىش ئاقىۋەتتە ئۆز كەسپىڭىزنى ۋەيران قىلىدۇ. بۇ بىر ئاپەت دېمەكتۇر. شۇنداقتىمۇ، قاراملىق قىلىشقا بولمايدۇ. توختىماي قەلەم تەۋرىتىش، ئۆز يازمىسىدىن ئۆزى سۆيۈنۈش، بىردەمدىلا تاماملاش، توختىماي قۇرۇق گەپ سېتىش، خەلقنى ئالداش، خىزمەتكە دەخلى يەتكۈزۈش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش… بۇنداق قىلىشنىڭ كىمگە پايدىسى بار؟

ئىشەنچ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ تونۇشىڭىز ھاجەتتۇر.

ئىنسان قىممىتى ئۆزىنى تونۇشتا كۆرۈلىدۇ. يېزىقچىلىقتا تېخىمۇ شۇنداق. سىز ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنى، تەپەككۇر تەلقىنلىرىڭىزنى چۈشىنىشىڭىز، ئۆز تەسىرات ۋە قاراشلىرىڭىزنىڭ جەملەنمىسىدىن قانداق جاۋاھىراتلارنى تاۋلاپ چىققىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشىڭىز لازىم. ھازىرقى بىر قىسىم ياشلارغا قارايدىغان بولساق، قولىغا قەلەم ئېلىپلا تارىخقا ئائىت زور ئەسەرلەرنى يازماقچى بولىدۇ. ئەپسۇس تارىخىي بىلىم ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئۆگىنىشكە مېھنەت سەرپ قىلمىغان تۇرسا مەغلۇپ بولۇشى مۇقەررەر- دە.

ئۇندىن باشقا سىز يەنە ئۆزىڭىزنىڭ بەدىئىي تالانتىڭىز ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىكى تەجرىبىڭىزنى، بەدىئىي ئىپادىلەشتىكى ئارتۇقچىلىقىڭىز ۋە كەمچىلىكىڭىزنى تونۇپ يېتىشىڭىز زۆرۈر. ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكتىن خالىي بولۇشقا ماھىر بولۇشىڭىز، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئۆزىڭىزنى بېيىتىپ بېرىشقا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز لازىم. يازغان ئەسەرنىڭ ناچار بولۇشى قورقۇنچلۇق ئەمەس، كايىش بىھاجەت. ئەمما تەلەي سىناش مۇددىئاسىدا، بېشى يوق چىۋىندەك ئۆزىنى ھەر تەرەپكە ئۇرۇش ئىدېئالىزمچىلىق ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكتۇر.

ناۋادا سىز ئۆزىڭىزنى تونۇپ يېتىپ، قىلماقچى بولغان سۆزىڭىزنىڭ مېغىزلىق، دېمىسىڭىز بولمايدىغان، زۆرۈرلۈكىدىن قولىڭىزغا قەلەم ئالمىسىڭىز بولمايدىغان ئەھۋالدا، سىز دۇچ كېلىدىغان تۇنجى مەسىلە تېما تاللاش مەسىلىسىدۇر. ئۇنداقتا تېمىنى زادى قايسى تەرەپلەرنى تۇتقا قىلىپ تاللىغاندا ئەسىرىڭىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.

1. يازماقچى بولغان تېمىنى چوقۇم تولۇق چۈشىنىشىڭىز لازىم. يازماقچى بولغان ئادەم، ۋەقە، زامان، ماكان، مۇھىت، قائىدىلەرگە قارىتا سىزدە مۇكەممەل ئەسلىمە بولۇشى لازىم. ئەسلىمە يازغۇچىنىڭ بايلىقى ھەم دەسمايىسى. سانسىزلىغان جانلىق ئەسلىمىلەر بولغاندىلا تەپەككۇرىڭىز، تەسەۋۋۇرىڭىز، توقۇلمىڭىز ۋە ئىستىكىڭىز بولىدۇ. ئەسلىمىسى يوق ئادەم لەقۋادۇر، ئەمما يازغۇچى ئەسلىمىگە باي ئىنساندۇر. شوپۇرنىڭ يول يۆنىلىشىگە، ساقچىنىڭ خەتەر بېشارەتلىرىگە نىسبەتەن كۈچلۈك ئەسلىمىسى بولغاندەك، يازغۇچىنىڭ ئىنسان ۋە ئۇنىڭ روھىي ھالىتى، پىسخىك كەچۈرمىشى، تۈرلۈك نازۇك ھالقىلارغا قارىتا كۈچلۈك ئەسلىمىسى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ توقۇلما ئىقتىدارى ۋە قايتا قۇراشتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ ئاشۇ كۈچلۈك ئەسلىمىسىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئەسلىمىنىڭ سادىق ھەمراھى ۋە ياردەمچىسى ئۇنتۇشتۇر. ئۇنتۇش دەل ئەسلىمىنىڭ چۆكۈندىلىرى، يازغۇچىغا نىسبەتەن بۇ تۇنجى قەدەمدىكى رەتلەش ۋە پىششىقلاش جەريانىدۇر. ئۇنتۇش تەبىئىي بولىدۇكى، ئۇ سىزنىڭ سۇبيېكتىپ ئارزۇيىڭىزغا بېقىنمايدۇ. بەلكىم سىز ئۆز ۋاقتىدا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن ئىشلارنى كېيىنچە تەلتۆكۈس ئۇنتۇپ كېتىشىڭىز مۇمكىن. پەقەت سىزنىڭ قەلب تارىڭىزنى تىترەتكەن، قەلبىڭىزنىڭ تېرەن قاتلىمىدىن ئورۇن ئالغان ئەسلىمىلا ئۇنتۇلۇشتىن خالىي قالىدۇ.

يېتەرلىك ئەسلىمە ۋە ئەسلىمىگە نىسبەتەن ئۇنتۇش سىزنىڭ تېما تاللىشڭىزدىكى ئىشەنچىڭىزنىڭ تۇنجى كاپالىتىدۇر.

2. سىز يازماقچى بولغان تېمىدا، ھەقىقەتمۇ بەزىبىر پايدىلىق بولغان، ئوقۇرمەنگە، خەلققە بىلدۈرۈشكە تېگىشلىك، قەلبىڭىزدىن ئۇرغۇپ چىققان پىكىرلەر بولىدۇ. سىز يازماقچى بولغان ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە قارىتا ئۇزۇن مەزگىل ئويلىنىسىز. پىكىرلىرىڭىز ئۇزۇن مەزگىللىك مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ جەۋھىرىدۇر. يازىدىغان نېمىڭىز تاسادىپىي بىر ئىلھامنىڭ تۈرتكىسىدىن بولغان تەقدىردىمۇ، مەسىلەن: سىز ئاڭلىغان بىرەر ھېكايە، تاپشۇرۇۋالغان بىرەر پارچە خەت، بىر قېتىملىق يامغۇر، بىر تال گۈل، بىرەر ناخشا، ھەتتا ئەتراپىڭىزدىكى بىرەرسىنىڭ ئەسىرى سىزنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىزغا سەۋەب بولۇشى، ئىلھامىڭىزنى قوزغىشى مۇمكىن. بەلكىم بۇ خىل قىزغىنلىق ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما سىز پەقەت ئىلھامغىلا تاينىۋالسىڭىز بولمايدۇ. سىز يازماقچى بولغان تېمىڭىزدا ئوقۇرمەنگە بىلدۈرگۈدەك قانچىلىك قىممەت، قانداق سادا، قانچىلىك شۈبھىلەرنىڭ بارلىقىنى؛ يازماقچى بولغىنىڭىزنىڭ يۈرەك سۆزلىرىڭىزمۇ ئەمەسمۇ؟ باشقىلارغا پايدىسى بارمۇ – يوقمۇ؟ دېمىسىڭىز بولمىغۇدەك جىددىي گەپمۇ – ئەمەسمۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باش قاتۇرۇپ ئويلىنىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئەتراپلىق تەپەككۇر، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەستايىدىل ئويلىنىش بولمايدىكەن، ئەسەرنىڭ ئاساسىي ئىدىيىسى، ئىدىيىۋى ئەھمىيىتى بولمايدۇ. سىز ئەسەر يازغىنىڭىزدا بەلكىم بىردەمدىلا تاماملىشىڭىز، بىرەر پارچە ھېكايىگە بىر نەچچە سائەتلا سەرپ قىلىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما سىزنىڭ ئەسىرىڭىز چېتىشلىق بولغان تۇرمۇش، ئادەم ۋە ۋەقەلەرگە بولغان باھا دەل سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك تەجرىبىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزنىڭ ھاسىلاتىدۇر. قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، يېزىشنى باشلىغاندىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت قەلبىڭىزنى ئىگىلىۋالغان پىكىرلەر ئۆزىگە خاس سىياقتا، تەمگە، پۇراققا، كىشىگە زوق ئاتا قىلىدىغان ھالەتكە ئىگە بولىدۇ.

مانا بۇ ئىشەنچىڭىزدىكى ئىككىنچى كاپالەتتۇر. مانا بۇ سىز ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلغان، ھېس – ھاسىلاتلىرىڭىز بولغان، ئەھمىيەتلىك نەرسىلەردۇر.

3. سىز يەنە ئۆز يازمىڭىزنىڭ سېھرىي كۈچكە، جەلپكارلىققا، قىزغىنلىققا تويۇنغانلىقىغا ئىشىنىشىڭىز، شۇنداقلا بۇلارنى تونۇپ يېتىشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز لازىم. سىزنىڭ ئۇنى يېزىشىڭىز قانداقتۇر ئەدەبىياتقا قىزىقىشىڭىز، يازغۇچىلىققا ھەۋەس قىلىشىڭىز ۋەجىدىن ئەمەس، شۇنداقلا مەلۇم بىر خىل تېمىنىڭ بازارلىق ئىكەنلىكى، تەھرىراتلارنىڭ ئاشۇ خىل تېمىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاشۇ خىل تېما سىزنىڭ قەلب قەسىرىڭىزنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ، سىزگە يىلان كەبى چىرمىشىپ، سىزنى ئارامىڭىزدا قويماي، قولىڭىزغا قەلەم ئېلىشىڭىزنى كۈتكەنلىكى، تەخىرسىزلىكى، يازمىسىڭىز سىزگە ئاراملىق بولمايدىغانلىقى سەۋەبلىك قولىڭىزغا قەلەم ئالىسىز. ئۇ سىزنى مەپتۇن قىلىدۇ، سىزگە ئاراملىق بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزىگە خاس ئاھاڭغا، ساداغا ۋە سىياققا ئىگە؛ ئۇ بەلكىم قايغۇ ئىلكىدە كۆزدىن ياش ئىچەر، تېرەنلىكىدىن كۆزگە مۇڭ تۆكەر، جۇشقۇنلۇقىدىن تەنگە كۈچ قوشار، رەھىمسىزلىكىدىن دىلغا ۋەھىمە سالار، خۇشاللىقىدىن كەيپنى چاغ قىلار، ئۆتكۈرلۈكىدىن جاننى يايرىتار، ھەزىللىكىدىن كۆڭۈل خۇش بولار، يەكتالىقىدىن ئاپىرىن ئېيتقۇزار، يېقىشلىقىدىن جان ئارام تاپار، مۇكەممەللىكىدىن دىلنى يورۇتار… ئۇ بەلكىم ساناقسىز جەلپكارلىققا ئىگە بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ھەرگىزمۇ مەززىسىز ھەم مەنىسىز بولماسلىقى كېرەك.

مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ ئۈچىنچى كاپالىتى. جەلپكارلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى يېزىش يېزىقچىلىقنى جاپالىق ئەمگەككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە قەلبىڭىزنىڭ ئېھتىياجى، روھىڭىزنىڭ ئىشتىياقى ھەم گۈزەللىكنىڭ ئىمتىيازىغا ئايلاندۇرىدۇ.

4. ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقتا «يەكتا» بىر ئەسەرنى روياپقا چىقىرىۋاتقىنىڭىزغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولۇشى كېرەك. ئادەمنىڭ ئىقتىدارى پەرقلىق بولىدۇ. يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىمۇ ھەم شۇنداق. ئەمما يېزىقچىلىقتا چوقۇم ئىجادىيلىق بولۇشى كېرەك، ئىجادىيلىق بولمىسا قەلەم تۇتماڭ. يېزىقچىلىقتا مەغلۇپ بولغان، يازمىڭىز ئىنكار قىلىنغان ھالەتتىمۇ، شاتۇتى كەبى دورامچىلىقتىن، تەقلىدچىلىكتىن خالىي بولۇڭ. تەقلىدچىلىك ئەدەبىياتنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنىدۇر. تەقلىدچىلىك بولىدىكەن ئەدەبىيات مەۋجۇت بولمايدۇ.

ھەربىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى، بوي – تۇرقى باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ياپراق بولمىغىنىدەك، مۇتلەق ئوخشاش ئىككى ئادەممۇ بولمايدۇ. ھەر بىر ئادەم ئاۋام ئارىسىدا يۈرگىنىدە ھەمراھىنىڭ، دوستلىرىنىڭ ئۆزىنى تونۇيالماسلىقىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. چۈنكى ھەربەندە خاس بىر ئىجادىيەت. ئەپسۇسكى، سىز ئۆز ئەسىرىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئەسىرى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قېلىشىدىن ئېسەنكىرەيسىز. ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىدا تالايلارنىڭ بىر خىل تۈس، بىر خىل ھالدا ئىكەنلىكىدەك ئوخشاشلىق ھالىتىنى بايقايسىز، بۇ نەقەدەر يىرگىنچلىك ۋە بىچارىلىك – ھە !

بۇ خىل مەغلۇبىيەتتىن خالىي بولۇشتىكى نېگىزلىك مەسىلە ئىجادىيەت داۋامىدا ئۆزىڭىزنىڭ خاس تۇرمۇش سەرگۈزەشتىڭىزنى، ئۆز روھىيىتڭىزنى قېدىرىشقا. ئۆزىڭىزنىڭ بەدىئىي ئۇسلۇبىڭىزنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ماھىر بولغان – بولمىغانلىقىڭىزدا. ھەرگىزمۇ «جاھان رەپتارى»غا مەپتۇن بولماڭ، ئۇتۇققا ئېرىشكەن ئەسەرنىڭ ئۇسلۇبىغا كۆز تىكمەڭ، دورامچىلىق قىلىش، مۈشۈككە قاراپ يولۋاس سىزىش نەقەدەر تېتىقسىزلىق، نەقەدەر بىزارلىق – ھە ! خاسلىق ئىشەنچىڭىزنىڭ تۆتىنچى كاپالىتى.

5. سىز ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئەسلىمىگە، تەپەككۇرغا، ئىشتىياق ھەم خاسلىققا ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە قەلەم تەۋرىتىشكە تۇشلۇق بۆسۈش نۇقتىسىغا ئىگە. دېمەكچى، سىز يازماقچى بولغان ئەسەر ئەمدى سىزگە نىسبەتەن ئەبجەش، رەتسىز ئۇقۇم ئەمەس، بىر خىل قايناق، قىزغىن ھەۋەس تېخىمۇ ئەمەس. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئاشكارىلاپ، سىزگە تەلمۈرمەكتە. ئۇ بەلكىم بىرەر پېرسوناژنىڭ خاس خاراكتېرى بولۇشىمۇ، بىرەر ھېكايىنىڭ پۈتكۈل سۇژىتى بولۇشىمۇ، ۋەقەلىكنىڭ مۇقەددىمىسى ياكى خاتىمىسى بولۇشىمۇ، بىر بۆلۈك قەلب ئىزھارى بولۇشىمۇ، ھەتتا مۇھىت تەسۋىرى ياكى پورترېت تەسۋىرى بولۇشىمۇ مۇمكىن. دەل يۇقىرىقىلار سىزنىڭ روياپقا چىققۇسى ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىسى ۋە ئۇسلۇبىدۇر. مانا بۇ ئىشەنچىڭىزنىڭ بەشىنچى كاپالىتى.

يۇقىرىقى بىر قانچە تەرەپ سىزنىڭ قەلەم تەۋرىتىشىڭىزنىڭ ئاساسى ۋە يۆلەنچۈكى بولىدۇ. ئەلۋەتتە يۇقىرىقى بىر قانچە تەرەپتىن باشقا يەنە سىزنىڭ تەپەككۇر كامالىتىڭىز، تۇرمۇش تەجرىبىڭىز، بەدىئىي ئىقتىدارىڭىز، بەدىئىي ئىپادىلەش ماھارىتىڭىزمۇ مۇھىمدۇر. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزىڭىز چۈشەنگەن نەرسىلەرنى باشقىلارغا چۈشەندۈرەلىشىڭىز، سىز تەسىرلەنگەن نەرسىلەر باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلىشى، سىزنى مەپتۇن قىلغان نەرسىلەرنىڭ ئوقۇرمەننى مەپتۇن قىلىشى ناتايىن. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىڭىز چۈشەنمىگەن، تەسىرلەنمىگەن، مەپتۇن بولمىغان نەرسىلەرنى مەجبۇرىي زورلاپ يازسىڭىز سىزگە قۇچاق ئاچىدىغىنى مەغلۇبىيەت يولىدۇر.

 

4

ھازىر، سىز ئاچقۇچلۇق، نازۇك، جاپالىق ۋە پارلاق بولغان باسقۇچقا قەدەم ئالدىڭىز. بۇ جەرياندا سىز رېئاللىقتىكى ئەسلىمىلەر قوينىدىن تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى بەدىئىي دۇنياغا يۈزلىنىسىز. مانا بۇ ئىجادىيەتتۇر. چۈنكى، بۇنداق بىر دۇنيا ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز ئۇنى يارىتىدۇ. مانا بۇ تەپەككۇر. سىز روھىي تالالىرىڭىز بىلەن ئنى توقۇيسىز، روھىي تۈۋرۈكىڭىز ئارقىلىق بۈيۈك بىر ئىمارەت بەرپا قىلىسىز؛ روھىي چاپچىشلىرىڭىز بىلەن بىپايان دالىنى بارلىققا كەلتۈرىسىز؛ روھىي ئۆتكۈرلىكىڭىز بىلەن تاغ باغرىنى قازىسىز.

بۇ يەنە توقۇلمىدۇر. چۈنكى ئۇ ھەقىقىي ئەمەس. ناۋادا بۇ پەقەت رېئاللىقتىن پەرقسىز ھالدىكى تەسۋىرلەش بولسا، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ھەر قانچە گۈزەل تۇرمۇشتىمۇ تەكرارلىنىدىغان ئاددىي، ئەھمىيەتسىز ئىشلار بولىدۇ؛ ئەسلىدە بىباھا، جەلپكار نەرسىلەر ئېتىبارسىز، بىنەزەر قالىدىغان، ۋاقىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىدىغان، چاكىنىلىق تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. شۇڭا ئاددىي ھالدىكى خاتىرىلەش، تەسۋىرلەش ئەدەبىيات بولالمايدۇ.

ئەلۋەتتە، پەزلى پازىل ھەم تۇيغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن، ھەقىقىي بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن، تۇرمۇش مەڭگۈ ئۆز سېھېىي كۈچىنى يوقاتمايدۇ. ئۆتكەن ھەر بىر كۈن يېڭى تۇيغۇ، يېڭى پىكىر ئاتا قىلىدۇ. ئەمما يىللارنىڭ ھەر بىر كۈنى ھەم كۈنلەرنىڭ ھەر بىر سائىتى پۈتۈنلەي ئوخشاش ۋە باراۋەر بولغان ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە دېيىشكە بولمايدۇ.

ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ دۇنيا ئويدۇرمىلىققا تولغان. تالايلىغان توقۇلما پېرسوناژلار توقۇلما مۇھىت ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ توقۇلما تۇرمۇشىنى ئۆتكۈزۈپ، سۈنئىي ياشلىرىنى تۆكىدۇ.

بۇلار توقۇلمىدۇر، ئەمما ساختا ئەمەس، قارىماققا ئۇ بارلىق ئەينەنلىكتىنمۇ ھەقىقىيدەك كۆرۈنىدۇ؛ ئۇ شۇ قەدەر روشەن، جانلىقكى، خۇددى سىز ئۇنىڭدىكى ئاۋازنى ئاڭلىغاندەك، پېرسوناژلارنى كۆرگەندەك، شۇ جايدا ھازىردەك ھېس قىلىسىز. ئۇ يەنە شۇ قەدەر ئەمەلىي، ئۇيغۇن، قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى، سىز ئۇنى ھەقىقىي دەپ تونۇپ، دائىم ئاپتورنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا بۇنداق كەچمىشلەرگە يولۇققانلىقىنى، باش پېرسوناژنىڭ پروتوتىپىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىسىز ھەم ئۇنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىسىز.

ئۇ ئىنتايىن مەپتۇنكار بولۇپ، خۇددى بارلىق رېئال تۇرمۇشتىن ھەسسىلەپ كۆركەمدەك، رېئاللىقتىكى بارلىق كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، روھىي چاڭقاقلىققا شىپا، جان – تەننى ئاسارەتتىن جۇدا، ھېسسىي خۇمارىمىزغا داۋا، جاسارىتىمىزگە لاۋا ئاتا قىلالايدىغاندەك كۆرۈنىدۇ.

دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر قىسىم ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەۋەسكارلىرى بۇ خىل ئىجادىيەت ئالىمىگە قەدەم ئالالمايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە توقۇلما قىلىش يالغانچىلىقتىن ئىبارەت. ئۆزى بىلگەنچە يول تۇتۇش، بىھۇدە ئويلىنىش، تېزىنى باسسا مېزى چىقىش، قەلىمى ئاجىز كېلىش سەۋەبلىك يازمىسى ئاخىرى مەغلۇپ بولىدۇ.

ئۇنداقتا، ئەسلىمىدىن تەسەۋۋۇرغا، رېئاللىقتىن توقۇلمىغا، تۇرمۇشتىن بەدىئىيلىككە سەكرەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىر زادى نەدە؟

ئالدى بىلەن ئىككى مىسال كەلتۈرەي. مەسىلەن: سىزنىڭ كىچىك ۋاقتىڭىزدا بىر دوستىڭىز بار، سەبىي بالىلىق چاغلارنى بىرگە ئۆتكۈزدۈڭلار، يەرۇ ئاسماننى شىپى كەلتۈرۈپ، چىن دوستلۇققا قەسەم ئىچتىڭلار، ئەمما تەقدىر سىلەرنى بالدۇرلا ئايرىۋەتتى. ياكى ۋاقىتلىق ئايرىلدىڭلار، ياكى ۋاقىتسىز ئايرىلدىڭلار. كۆرۈشمىگىنىڭلارغا تالاي يىللار بولدى. ئەمما سىزنىڭ بالىلىققا بولغان سېغىنىشىڭىز كۈچىيىپ، كۈچلۈك سېغىنىش بىلەن بالىلىق چاغدىكى دوستىڭىزنى ئەسكە ئالغاندا سىز كادىرلارنى تەكشۈرگۈچى مۇپەتتىشتەك ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى، كەمچىلىكى، تەرجىمىھالى دېگەنلەرنى ئويلامسىز؟ ھېسابات تەكشۈرگەندەك بىرگە ئۆتكەن چاغلارنى سانامسىز؟ سىرتتىن كەلگەن كادىرلارنى كۈتۈۋالغان كەبى قاپىقىڭىزنى تۈرۈپ ئەسلىمىلەر قوينىدا يۈرەمسىز؟ ياق، كۆڭۈل ئالىمىڭىزدە تولىمۇ ئوماق، تولىمۇ دىلكەش بىر ئوبراز تەبىئىي رەۋىشتە زاھىر بولىدۇ، گەرچە مۇكەممەل بولمىسىمۇ، ئاددىي بولغان، سىزگە نىسبەتەن ئالاھىدە تەسىرگە ئىگە ئۇنتۇلماس بىر ھالەت پەيدا بولىدۇ. مانا بۇلار دوستىڭىزنىڭ ئىزناسى، بالىلىقىڭىز، مەڭگۈ قايتىلانماس بالىلىقىڭىزنىڭ سىمۋولىدۇر. سىز بۇلارنى ئويلىغىنىڭىزدا ئاچچىق ھەم تاتلىق كۆز ياشلىرىڭىز ئىختىيارسىز تۆكۈلىدۇ. ھېسسىياتىڭىزنىڭ داۋالغۇشىغا ئەگىشىپ، ئەسلىمىلەر قوينىدا دوستىڭىزنىڭ ئوبرازى شەكىللىنىدۇ. بۇ ئوبراز بالىلىق چاغلاردىكىدىن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ ئوماق، تېخىمۇ ھۆرمەتلىك، تېخىمۇ دىلكەش بولىدۇ. ھەتتا، ئەينى چاغدىكى ئاددىي ئىشلارمۇ سىزنىڭ سېغىنىشىڭىزنىڭ شاپائىتىدىن ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولىدۇ ھەم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ.

ئەمدى مۇھەببەتلىشىشنى مىسال ئالساق، سىز بىراۋنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىڭىز، ئەمما ئۇنىڭغا بولغان چۈشىنىشىڭىز يېتەرلىك ئەمەس، سىز تېخى ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمىدىڭىز، سىز ئۇنىڭ تۇيغۇڭىزغا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيسىز، ھەتتا سىز ئۆز سۆيگۈڭىزنىڭ تەقدىرىنى ھەم بىلمەيسىز. ئەمما، سىزدە ئويغانغان ئاتەش كەبى مۇھەببەت سىزنى مەست قىلىدۇ. سىزدە تالاي مۇددىئا، تالاي ئارزۇ، تالايلىغان ئىستەكلەر تۇغۇلىدۇ؛ كۆكتىكى بۇلۇت، دەريادىكى سۇ، قىرغاقتىكى دەل – دەرەخ، گۈل بەرگىدىكى شەبنەم قاتارلىقلار مەشۇقىڭىزنى ئويلاشقا سەۋەب بولىدۇ. «ناۋادا ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرسە…» دەپ، تالاي گۈزەل ۋە بەختلىك چاغلارنى ئويلاپ ئۈلگۈرىسىز؛ ناۋادا ئۇ سىزنى چۈشەنمىسە، تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن بولسا، ئۇنىڭغا ئىمكان بېرىسىز؛ ناۋادا دېڭىزغا چۈشۈپ كەتسە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن سۇغا شۇڭغۇپ، ئۇنى قۇتقۇزىسىز. ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يارىلىنىسىز. ئۇ تالدەك ئېگىلىپ، سىزگە باققاندا دەرد – ھەسرىتىڭىزنى ئۇنىڭغا ئىزھار قىلىسىز…

يۇقىرىقىلاردىن ئايانكى، بۇ خىل سېغىنىش ۋە ئىستەك، بۇ خىل توقۇلما كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ توقۇلمىسى مۇكەممەل، ئاڭلىق بولىدۇ؛ يازغۇچى بۇ خىل ئىقتىدارغا ماھىر كېلىدۇ. كۆزىنى يۇمسىلا ئۆزىنىڭ دۇنياسىغا غەرق بولىدۇ.

دېمەكچى، بۇ خىل تەسەۋۋۇر ۋە توقۇلما ھېسسىيات مۇھەببەت ۋە نەپرەتتىن، ئەسلەش ۋە ئىنتىلىشتىن، خۇشاللىق ۋە ئىلھامدىن، ھەتتا غەزەپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ۋەھىمىدىن ئايرىلالمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەسەۋۋۇر خام خىيالنى روياپقا چىقىرىدۇ. ئەمما يازغۇچىنىڭ بۇ خىل تەسەۋۋۇر كۈچى تولۇق ۋە مۇكەممەل تەرەققىي قىلغان خالاس. چەت ئەللىكلەرنىڭ قارىشىچە، ئىجادىيەتتىكى پىسخىكىلىق جەريان دەل بىر خىل روھىي كېسەللىك ھادىسىسى. بىر خىل چۈش ھالىتى، ھېستىرىيە كېسىلى (بىنورمال روھلىنىش)نىڭ قوزغىلىشى ئىمىش. بۇنداق بىمەنە سەپسەتىنى بىز قوبۇل قىلمايمىز، ئەلۋەتتە. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئاڭ، مۇددىئا ۋە ئىدراكنىڭ يېتەكلىشى ۋە چەكلىشى ئاستىدىكى مەنىۋى پائالىيەت، ئەمگەك، مەنىۋى ئىشلەپچىقىرىشتۇر. ئەمما، نېمىشقا بۇ خىل «روھىي كېسەللىك» قارىشى پەيدا بولغانلىقىنى ئويلىنىپ باقساق ئورۇنسىز بولماس. يازغۇچى ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، گەرچە ئەتراپلىق پىلان تۈزگەن بولسىمۇ، ئويلاپ يەتمىگەن، ھېسسىياتنىڭ داۋالغۇشى ۋە قەلەمنىڭ يۈرۈشىگە بويسۇنغان تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ. مانا بۇ ئاتالمىش «تەڭرىدىن كەلگەن ئىلھام»دۇر. ئىجادىيەت ئالىمىگە كىرگەندىن كېيىن، ھەقىقەتمۇ مەستۇ مۇستەغرەق بولىدىغان «مەپتۇنلۇق» ھالەت شەكىللىنىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى كۆپتۈرۈپ روھىي كېسەللىك دېيىش بىمەنىلىكتۇر. ئەمىسە ئازراقمۇ «مەپتۇنلۇق» بولمىسا، قانداقمۇ قەلەم تەۋرەتكىلى بولسۇن.

شۇنىسى ئېنىقكى، «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەندەك شەرتلىك باغلىغۇچى سۆزلەر دائىم تەسەۋۋۇرنىڭ باشلىنىشىدۇر. يازغۇچى «ناۋادا»، «ئەگەر»لەرگە بېقىپ ئويلاشقا ئەڭ ماھىر ۋە ئەڭ ئامراق ئىنساندۇر. رېئاللىقتىكى ئادەملەر، رېئاللىقتىكى تۇرمۇش «ئەگەر»، «ناۋادا»لار سەۋەبىدىن ئۆزىدە يېڭى بىر مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاخبارات يېزىقچىلىقى ئوخشىمايدۇ. ئاخباراتتا «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەرنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە كەم بولسا بولمايدۇ، رېئاللىقتا يۈز بەرگەن ئىشلار پەقەت ئۆز ھالىتىدە، مۇقىم بولىدۇ. تەكشۈرگىلى، سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەمما «ئەگەر»، «ناۋادا» دېگەنلەر چەكسىز بولىدۇ. ئوخشاش تۇرمۇش خام ماتېرىيالىغا ئوخشىمىغان «ئەگەر»لەر قوشۇلسا، ئوخشىمىغان ئەسەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. مىڭلىغان «ئەگەر»نىڭ مىڭلىغان يېزىش ئۇسۇلى بولىدۇ. ئەمما سىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشىسى بىر خىل بولغىنى ياخشى. مىڭلىغان «ئەگەر»لەر ئىچىدىن ئەڭ ياخشىسىنى تاللاش، ئاشۇ «ئەڭ ياخشى»سى ئۈچۈن مىڭلىغان «ئەگەر»لەرنى ئويلاش دەل ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. ئەگەر شۇنى تېپىۋالسىڭىز بۇ دەل ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر.

سەمىمىي ھېسسىيات ئىجادىيەتكە كىرىشىشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. سىز ھەرگىزمۇ «تەلەپ»ئۈچۈن، جاھان رەپتارى ئۈچۈن يازىدىغان يولغا قەدەم قويماسلىقىڭىز؛ بىلەرمەنلىك، چاققانلىق ۋە «خامېلېئون»لىققا تايىنىپ، تېرىپ – تۆشەپلا ئىش قىلماسلىقىڭىز لازىم. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى قىڭغىر يولدۇر. بۇنداق ئۇسۇلدا روياپقا چىققان ئەسەرنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇنىڭ ھالاكىتىدۇر. ئەلۋەتتە، ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەسەۋۋۇر بىلەن شەخسكە تەۋە بولغان ھېسسىيات داۋالغۇشى، پىسخىك پائالىيەتتىكى تەسەۋۋۇر ئوخشىمايدۇ. مەيلى سىز قىيامەتلىك دوستىڭىزنى ئەسلەڭ ياكى مەشۇقىڭىزنى سېغىنىڭ، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز قىلچىمۇ ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالمايدۇ. ئادەتتە ئىجتىمائىي ئەھمىيەت مەسىلىسى بولمىغان ئەھۋالدا، شەخسنىڭ ھېسسىي پائالىيىتىنىڭ يۈكسەك بولۇشىنى، ئېسىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈزلىنىدىغىنى خەلق، جەمئىيەت ۋە تارىختۇر. بارلىق ھېسسىيات داۋالغۇشلىرى ئىجادىيەتنىڭ ئېنېرگىيىسى بولالمايدۇ؛ شۇنداقلا بارلىق تېمىلارمۇ يېتەرلىك ھېسسىي مەنبەگە ئېرىشەلمەيدۇ. تۇرمۇشنىڭ ئەھمىيىتى، جەمئىيەتنىڭ باھاسى بىلەن پىسخىك پائالىيەتلىرىڭىزنى؛ ئاڭلىق ھالدىكى ئىجادىيەت بىلەن تەبىئىي رەۋىشتىكى تەسەۋۋۇرىڭىزنى بىرلەشتۈرۈشىڭىز، بىردەكلىككە ئىگە قىلىشىڭىز كېرەك. مانا بۇ ئىجادىيەتنىڭ جاپاسى ۋە ئازابىدۇر. شۇنداقلا ئىجادىيەتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ھالاۋىتىدۇر.

يۇقىرىدا مىسالغا ئالغان ئىككى مەسىلىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا يۈز بەرگەن، يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان، تېخى بىخ يېرىپ چىقمىغان، تېخى ئىلكىمىزگە ئۆتمىگەن نەرسىلەردىن كېلىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتمۇ دەل شۇنداق. ئۇمۇ تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. تۇرمۇشتىكى مەلۇم خىل بىزارلىقتىن كېلىدۇ. «يوقىتىپ قويغان ۋە ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەر ئەڭ قىممەتلىكتۇر.» بۇ خىل ئەمەلىيەتكە قىسمەن ماس كېلىدىغان قاراش ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بەلكى، پىسخىك پائالىيەتلىرىمىزنىڭ مەلۇم قانۇنىيىتىگە ماس كېلىدۇ. سىز ئۆز دىلبىرىڭىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىۋاتقاندا، سىزنىڭ خىيال قىلىدىغىنىڭىز سەيلە قىلىش بولماستىن، بەلكى سەيلە قىلىشنىڭ خۇشاللىقى. سىز ئېرىشكەن مۇھەببەت لەززىتى خىيالىڭىزنى تېخىمۇ يىراق ۋە ئۇزاقتىكى بارچە نەرسىلەرگە، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىگە، باقىيلار ۋە پانىيلارغا، تەبىئەت ۋە ھاياتلىققا باغلايدۇ. سىزنىڭ كەچمىشلىرىڭىز قانچىكى مول، قەلبىڭىز قانچىكى ئالىيجاناپ بولسا، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزمۇ شۇنچە بىپايان بولىدۇ. بۇ دەل، كىشىلەر ئۆز تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تۇرمۇشنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي يەنە ئۆز ئارمانلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ، تەسەۋۋۇر بوشلۇقىدا رېئاللىقتا ئىشقا ئاشمىغان تۈرلۈك ئارمانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دېگەنلىكتۇر. ئەلۋەتتە، ناۋادا سىزنىڭ مەنىۋىيىتىڭىز پۇچەك، مېھىر – مۇھەببىتىڭىز سۇس، ئارزۇ – ھەۋەسلىرىڭىز چاكىنا بولسا، سىز مەلۇم «ساھە»گە كىرگەن تەقدىردىمۇ، نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقىرالامسىز؟ ياكى تۇرمۇشىڭىز مەنىسىز، ئاساسسىز بولسا، ئەدەبىياتنى سۆيۈپ، ئۇنىڭ يىلتىزى بولغان تۇرمۇشنى سۆيمىسىڭىز، سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىز مەنبەسىز سۇغا، يىلتىزسىز دەرەخكە ئوخشاش پەقەت قۇرۇق پاراڭدىن ئىبارەت خالاس. ئۇنداقتا ئىجادىيەت راستتىنلا «روھىي كېسەل» تۈسىنى ئالامدۇ – قانداق؟

 

5

بۇ خىل تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ نادىر ئەسەرلەرنى يازغىلى بولامدۇ؟ مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە. بىز يۇقىرىقى بايانلار ئارقىلىق بەدىئىي مۇلاھىزىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسى، قايناق ھاياجان ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر (ئاتالمىش «ئەگەر، ناۋادا»لارغا بېقىنىپ پىكىر قىلىش بەدىئىي تەپەككۇردۇر) قاتارلىق مۇھىم ئامىللىرى بىلەن تونۇشتۇق. بۇ جەرياندا سىز قانداق قىيىنچىلىق ۋە جاپالارغا يولۇقىسىز؟

بىرىنچى خىل ئەھۋال. سىزنىڭ تەسىرلىك، ئەھمىيەتلىك تۇرمۇش تەجرىبىڭىز بولىدۇ. سىز تۇرمۇشتىن ياخىش بىر ماتېرىيالغا ئېرىشكەندە ئۇنى يازماقچى بولىسىز، ئالدىراپ – تېنەپ قولغا قەلەم ئالسىز، ئاقىۋەتتە يازغىنىڭىز تولىمۇ ئاددىي، مەنىسىز، ئادەتتىكى خەۋەرچىلىكمۇ چىقمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بەزى يازغۇچىلارغا ھەسەت قىلىسىز، سىزنىڭچە ئۇلار خۇددى تايىنى يوق بىر نېمىلەرنى قۇراشتۇرۇپ قويسىلا ئەپلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ يازغان يازمىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ، تارقىلىدۇ، تەسىر پەيدا قىلىدۇ، ئەمما سىزنىڭ يازغىنىڭىزنى باشقىلار نەزىرىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.

يەنىلا يازغۇچىلارغا ھەسەت قىلمىغىنىڭىز، مۇھەررىر ۋە ئوقۇرمەننىڭ پەقەت داڭدارنىلا تونۇيدىغانلىقىغا گۇمان قىلمىغىنىڭىز ياخشى. ئەمەلىيەتتە سىز ئەدەبىي ئىجادىيەت باسقۇچىغا كىرمىگەن تۇرسىڭىز، باشقىلاردىن رەنجىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ بەزى ئىشلارنىڭ ئادەمنى تەسىرلەندۈرۈشى دەل ئۇنىڭ ياخشىلىقىدا، ئېسىللىقىدا، ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بولۇپ ئۆتكەن، ئىشەنچلىك ئىشلاردۇر. مەسىلەن: ئالتۇن تېپىۋالسىمۇ كۆز قىرىنى سالماسلىق، باشقىلار ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىش، جان پىدالىق بىلەن ئىشلەش، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئەمگەك قىلىش… بۇلارنىڭ ھەممىسى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلاردۇر. ئاخباراتلار بىزگە قاچان، نەدە، كىم، بۇ ئىشلارنى قانداق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەندە، ئۇلاردىن سۆيۈنىمىز، ئۇلاردىن ئۆگىنىشنى نىيەت قىلىمىز. ئەمما، بۇ ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس. ئۇ ئىشلار ئوقۇرمەننىڭ قەلب تارىنى چېكەلمەيدۇ، تەسەۋۋۇرىنى قوزغىيالمايدۇ. سىز بۇلارنى يازغاندا، ئۇ ئىشلارنىڭ ئاخباراتلىق خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىسىز، ھەم بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ كىشىنى زوقلاندۇردىغان پەللىسىگە يېتەلمەيسىز. سىزدە بۇ خام ماتېرىياللارنى جۇلالاتقۇدەك قىزغىنلىق يېتەرلىك ئەمەس. سىزدە رېئاللىقتا ئىشقا ئاشمايدىغان ھەم ئىشقا ئېشىشى قىيىن بولغان ئىشلارنى يازمىڭىزدا روياپقا چىقارغۇدەك تەسەۋۋۇر كەمچىل. ئەمما ئېنىقكى، يازمىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئازراقلا ئۆزگەرتىش بولسا رېئاللىقتىكى نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇنداق ئەسەردە قانچىلىك تەم بولماقچى؟ بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇپ ئاۋارە بولغاندىن گېزىتتىن خەۋەر كۆرسە ياخشى ئەمەسمۇ؟

ئىككىنچى خىل ئەھۋال. سىزدە يېتەرلىك غەيرەت – شىجائەت بار. سىزنىڭ تالاي ھەسرەتلىرىڭىز، خۇشاللىقىڭىز، تېرەن ئويلىرىڭىز ۋە ئارزۇلىرىڭىز ئاشكارىلانماقچى، ئەمما سىز مۇۋاپىق ئىپادىلەش شەكلىنى، مۇۋاپىق پېرسوناژ ۋە سۇژىتنى تاپالمايۋاتىسىز. بۇ خىل ئەھۋالدا سىزدە دائىم كۈچلۈك ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بولىدۇ. سىز گاھ كۈلۈپ، گاھ يىغلاپ، توختىماي يازىسىز، ئەمما يازمىڭىز تېخى پۈتمەي تۇرۇپلا بەل قويۇۋېتىسىز. يازغانلىرىڭىز مەنىسىز، مۈجمەل بولۇپ، ئوقۇغان ئادەمنى گاراڭ قىلىپ قويىدۇ. ھەتتا ئۆزىڭىز تەسىرلىنىپ تۇرۇپ يازغان نەرسىمۇ باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ساختا، ياسالما، چاكىنا كۆرۈنىدۇ. خەلق ئارىسىغا چۆكۈڭ، تۇرمۇشقا چۆكۈڭ، سىز سۆيىدىغان، سىز يازىدىغان نەرسىلەر شۇ يەردىدۇر.

ئۈچىنچى خىل ئەھۋال. سىز مۇكەممەل بولغان ۋەقەلىككە ئىگە. مەيلى ئاڭلىغان، كۆرگەن ياكى ئۆز تەسەۋۋۇرىڭىز قېتىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تولۇق بىر ۋەقەلىك قولىڭىزدا، سىزنى تەبرىكلەيمەن ! ئەمما، قەلەم تەۋرىتىپ يازغاندىن كېيىن ئاددىي، مەنىسىز، ئاجىز چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. قاتتىقراق قىلىپ ئېيتسام، بەلكىم سىز بۇ ۋەقەلىكنى ۋەيران قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۈچۈن يېڭى، قىزىقارلىق، مەنىلىك بولغان ۋەقەلىكلا كۇپايە قىلمايدۇ. ئەگەر بۇ ۋەقەلىك سىزنىڭ روھىڭىزغا، تۇرمۇش تەجرىبىڭىزنىڭ جانلىق بىر قىسمىغا ئايلىنالمىسا؛ ئەگەر سىز پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىزدىن، كىشىلىك ھايات ھەققىدىكى چۈشەنچە ۋە تەسىراتلىرىڭىزدىن، پەلسەپىۋى پىكىرلىرىڭىزدىن، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن ئاشۇ ۋەقەلىككە ئۆزىڭىزگە خاس رەڭ، پۇراق، ئۇسلۇب ۋە بايان ئاتا قىلالمىسىڭىز؛ بولۇپمۇ، پۈتكۈل تۇرمۇش تەجرىبىڭىز ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزدىن شۇ ۋەقەلىككە زۆرۈر بولغان تولۇقلاش، ئۆزگەرتىش، تەسەۋۋۇر ئاتا قىلالمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى سەۋرچان بولغىنىڭىز، بۇ قىممەتلىك ۋەقەلىكنى يېنىكلىك بىلەن ۋەيران قىلماسلىقىڭىز كېرەك.

تۆتىنچى خىل ئەھۋال. سىزدە بىر تالاي ماتېرىيال، ئوبراز، ۋەقە، پېرسوناژ ۋە ھېس – ھاياجان بار، ئەمما تېخى باش – ئاخىر رەتلەنمىگەن. قارىماققا يېزىشقا ئەرزىيدۇ، لېكىن قانداق يېزىشنى بىلمەيسىز. بۇ خىل ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. ئۆزىڭىزنى تەمكىن تۇتۇپ، قايناق ھاياجىنىڭىزنى بېسىۋېلىڭ. بىر تالاي ئەسلىمە ۋە خىياللىرىڭىزنى تەلقىنلەڭ. چىگىش خىياللىرىڭىزنى رەتلەڭ. كەيپىياتىڭىز نورماللىشىپ، تەمكىن بولغاندا، ئاشۇ بىر تالاي ماتېرىياللار ئىچىدىن ئاۋۋال ئەڭ تارتىملىق، جەلپكار، كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان نەرسىلەرنى تۇتقا قىلىڭ؛ بۇنى بۆسۈش نۇقتىسى قىلغان ئاساستا كېڭەيتىش ئېلىپ بارسىڭىز، ئۇتۇق سىزگە يار بولغۇسى.

بەشىنچى، ئالتىنچى، يەتتىنچى ۋە سەككىزىنچى خىل ئەھۋال… كىم بىلسۇن يەنە قانچە خىل ئەھۋال بار؟ مۇشەققەتنى ۋە ھالاۋەتنى ئۆزىڭىز كۆرىسىز، يولنى ئۆزىڭىز ماڭىسىز، قەدەمنى ئۆزىڭىز ئالىسىز. گەرچە ھەربىر ئەسەر بىر ئىجادىيەت، ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان مەنىۋى بايلىق، ئەدەبىياتقا قوشۇلغان يېڭىلىق بولسىمۇ، ئەڭ تەجرىبىلىك يازغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆز ئىجادىيىتى داۋامىدا ھەر ۋاقىت يېڭى، بايقىمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. يېڭى، بايقىمىغان قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قىيىنچىلىق بىلەن ئىجادىيلىق بىرگە بولىدۇ. باشقىلارغا تونۇشلۇق بولغان، دورالغان نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىشنىڭ توسالغۇسى ئاز بولىدۇ، ئۇنداق نەرسە ھەم ئەرزىمەس بولىدۇ. جاھالەت بىر گەز ئۆرلىسە، ئادالەت مىڭ گەز ئۆرلەيدۇ. غالىبلىق بىلەن گۇمرانلىق بىللە مەۋجۇت بولىدۇ… كىم سىزنى قولىغا قەلەم ئالسۇن دەپتۇ؟

 

6

ئەگەر بىز ھەر قانداق بىر تەمسىلنىڭ چولتىلىقىنى ئېتىراپ قىلساق، تەمسىلنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىگە يوشۇرۇنغان مەنە سەۋەبلىك كۇكۇلىمىزدىن ئىلىنىپ قېلىشتىن، بەتنامغا قېلشىتىن، ھۆل خىشقا دەسسەشتىن قورقماي بەدىئىي تەسەۋۋۇر باسقۇچىغا قەدەم قويغىنىمىزدا ئۆزىمىزنى نېمە ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ ئويلايمىز؟

سىزنىڭ شۇغۇللىنىۋاتقىنىڭىز ئىلاھىي ئىشلاردۇر (ئەمما سىز ئىلاھ بولماقچى ئەمەس). سىز مۇكەممەل بىر دۇنيا بەرپا قىلماقچى؛ سىز ئاسمان – زېمىن، تاغۇدەريا، جان – جانىۋار، يىل – ئاي، جۇت – شىۋىرغان، قار – مۇز، بىپايان دېڭىز، ھەيۋەتلىك تاغ، ياپيېشىل ۋادا، چەكسىز چۆللۈك، قېرى – ياش، ئەر – ئاياللارنى ياراتماقچى؛ بۇلارنىڭ كېلىپ – كېتىشى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ئامەت – ئاپىتى، غەلىبە – مەغلۇبىيىتى… تەقدىرى سىزگە باغلىق.

سىز بۇلارنى ئويلىشىڭىز، كۆرۈشىڭىز، ھېس قىلىشىڭىز، بۇلار ئۈچۈن باش قاتۇرۇشىڭىز لازىم. شۇندىلا سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز ھەقىقىي ئىشەنچلىك، روشەن ۋە ئەينەن، مۇقىم بولىدۇ. شۇندىلا شۇلار ئىچىدىن ئۆزىڭىز ماھىر، ئارتۇقچىلىقىڭىزنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان ھەم جەمئىيەت ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى تاللىشىڭىزغا قۇۋۋەت ھازىرلىنىدۇ. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز ئازغىنا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى سىزگە ئاياندۇر. گەرچە سىزنىڭ يازغىنىڭىز بېشارەتلىك، غۇۋا بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرىڭىزدا بارچىسى شۇنداق چۈشىنىشلىك ھەم ئايدىڭدۇر…

ئەگەر سەللا بىخۇدلۇق قىلسىڭىز ۋاقىت، پەسىل، ئورۇن، مەزگىل، سىياق، چىراي ياكى بىر تال چاچ ئۈستىدە بىپەرۋالىق قىلىپ، چاتاق كۆرۈلسە، خالىغانچە ئىش تۇتسىڭىز، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسىڭىز، پەلەك تەتۈر ئايلىنىدۇ، ۋاقىت قالايمقانلىشىپ، سىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىڭىز كۇمپەيكۇم بولىدۇ، يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.

ئەكسىچە، ئىنچىكە، ئەستايىدىل بولسىڭىز ئىلاھىي ۋەزىپىڭىزنى بەجانىدىل ئورۇنلاش، بەدىئىي ئالىمىڭىزنى يارىتىش جەريانىدا كۆزلىرىڭىز چارچاشتىن قىزىرىپ، چاچ – ساقاللىرىڭىز چىگىشلىشىپ كەتكەن؛ تالاي مېھنەت سەرپ قىلغان، پۈتكۈل زېھنىڭىزنى خوراتقان، قايتا – قايتا ئۆزگەرتكەن، ئاھ ئۇرۇپ، ئىشەنچىڭىزنى يوقاتقان چاغلىرىڭىز بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، ئاشۇ بەدىئىي ئالىمىڭىز روياپقا چىقىپ، ئۇ يەرگە قەدەم باسقىنىڭىزدا، بەدىئىي ئالىمىڭىز شۇنچىلىك سۈزۈك، شۈبھىسىز. جانلىق، جۇلالىق تۈسكە كىرىدۇكى، ئۇنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىڭىز ئىكەنلىكىگە گۇمانلىنىسىز، ئۇنى ئەسلىدىنلا ئاشۇنداق ھالدا دەپ ئويلايسىز. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە بېقىنمايدىغان، ھەتتا ئۇنى «ياراتقۇچى» بولغان سىزنىڭمۇ ئىرادىڭىزگە بېقىنمايدىغان ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇققا ئايلىنىدۇ. خىيالىڭىزچە سىز پەقەت دېڭىزچى، ئېكسپېدىتسىيىچى، ساياھەتچىگە ئوخشاش ئۇنى تاسادىپىي بايقاپ قالدىڭىز خالاس. خىيالىڭىزدا، بارلىق جەريان، راۋاج، كومېدىيىلىك كۆرۈنۈش ۋە كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان ئىش ۋە يەكۈنلەرنىڭ ھەممىسى شۇ دۇنيا ۋە شۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ راۋاجىنىڭ نەتىجىسى، سىز ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلمەيسىز؛ بارلىق ئىنچىكە، ۋايىغا يەتكەن جەريانلار، ئىنچىكە ھالقىلار، شارائىت، جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىندىنلا مەۋجۇت، سىز پەقەت سەمىمىيلىك بىلەن تەسۋىرلىدىڭىز؛ بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇلما، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش، كومپوزىتسىيە ۋە تەكرارلىق، تەسىرلىك، ھەيران قالارلىق قۇرلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىنلا شۇنداق بېكىتىلگەن؛ بارلىق تىل، مۇكەممەل ياكى كەمتۈك، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھەم كىشى ئويلىمىغان جۈملىلەر پەقەت رېئاللىقتىكى كىشىلەردە بار بولغان ئالاھىدىلىك؛ رېئاللىق ئەسكە سالغان ياكى كىشىلەر ئۆزى ئېيتقان گەپلەر. سىز پەقەت سادىق پۈتۈكچى خالاس. سىز ئەنە شۇنداق ئويلايسىز.

دېمەكچى، ئىجادىيەتنىڭ مېۋىسى كەم – كۈتىسىز بولىدۇ. ئىجادكار ئۆزىنىڭ ئىجادكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ھەم گۇمانلىنىدۇ. «ياراتقۇچى» بەدىئىيلىك ئالىمىدە بىر قۇلغا، كاتىپقا، پۈتۈكچىگە ئايلىنىدۇ؛ ئىخلاس بىلەن تاماملىغان ئەمگىكىڭىز تېرىپ – تۆشەپ پۈتتۈرگەن ئىشقا، ئايىغىڭىزنىڭ چەمى تېشىلگۈچە ئىزدەپ تاپقان نەرسىڭىز ئاسان ئېرىشكەن نەرسىگە، تۆمۈرنى سۈركەپ يىڭنە قىلغان ئىشىڭىز ئاددىي ئەمگەككە، ئاقىۋەتتە بېرىپ، تەسۋىر ۋە بايانغا، قەغەزگە قۇرلانغان يېزىقلار جانلىق ئادەم ۋە ھەقىقىي ئىشلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ نەقەدەر ھەم يەنە نەقەدەر ئاددىي بىر كەسىپ – ھە!

 

7

تەڭرى ياراتقان مەجۇداتنىڭ نېگىزى ئادەمدۇر. يېزىقچىلىقتىكى نېگىزلىك ۋەزىپىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى تەسۋىرلەشتۇر. گەرچە قىسمەن ئەسەرلەر ئەپسانىۋى ۋەقەلەر ياكى شەيئى – ھادىسىلەرنى يېزىشنى ئاساس قىلسىمۇ، ئۇنىڭدا ئىپادىلىنىدىغىنى يەنىلا ئىسناننىڭ تەقدىرى ۋە پىسخىكىسىدۇر.

بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىمىزدا، «تەڭرى» ئىنساننى تۇپراقتىن ياسىغاندىن كېيىن، ئۆز تىنىقى ئارقىلىق ئۇنىڭغا جان ئاتا قىلغان.

بۇ قاراش ئومۇمىي جەھەتتىن يازغۇچىدىن ئىبارەت «تەڭرى»گىمۇ ماس كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، تۇپراقنى مەنبە قىلىدۇ، يەنى پېرسوناژ يارىتىشتىكى ماتېرىيال تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئۆز تىنىقىنى سىڭدۈرۈش، يەنى روھىڭىز، ھېسسىياتىڭىز ۋە تەپتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا سىڭدۈرىسىز.

ئەسىرىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئاساسى بولۇشى كېرەك. سىزنىڭ مەلۇم پېرسوناژنى تەسۋىرلىشىڭىز قانداقتۇر مەلۇم خىل ئۇقۇمنى ئىزاھلاش ياكى سۇبيېكتىپ تەسەۋۋۇرىڭىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ھەقىقەتەنمۇ ئاشۇ خىلدىكى ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقانلىقىڭىز ۋە ئۇلارنى دىلكەشلىرىڭىزنى چۈشەنگەندەك چۈشەنگەنلىكىڭىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىر تىۋىشىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا، سېيماسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلەلىگەنلىكىڭىز سەۋەبىدىندۇر.

ئۇلار(پېرسوناژ)غا ئۆز روھىڭىزنى سىڭدۈرۈشىڭىز، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇشىڭىز، ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى ياكى نەپرىتى، ھۆرمىتى ياكى رەھمى، كۆيۈمى ياكى ئۆچلۈكى، مەدھىيىسى ياكى مەسخىرىسى بىلەن بىرىكىشىڭىز… قىسقىسى، ئۇلار بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇشىڭىز كېرەك. مەلۇم پېرسوناژنىڭ تەسۋىرى تاماملىنىش پەيتىدە، پويىز ئىستانسىسىدا يېقىنلىرىڭىزنى ساقلىغاندەك ياكى دۇئېل مەيدانىدا رەقىبىڭىزنى كۈتكەندەك بىتاقەت بولىسىز، تەمتىرەيسىز. ئاشۇ پېرسوناژلار ھەرىكەتلىنىپ، زورايغاندا، ئۇلا ئۈچۈن تەشۋىشلىنىسىز، ھەسرەتلىنىسىز، شادلىنىسىز، قاقاقلايسىز، غەزەپلىنىسىز، تېرىكىسىز، تەنتەنە قىلىسىز، ئاھ ئۇرىسىز… مەلۇم پېرسوناژ سەھنىدىن ئايرىلغاندا ياكى ئەسىرىڭىز تاماملىنىش پەيتىدە، بارلىق پېرسوناژ سىز ۋە ئوقۇرمەنلەر بىلەن خوشلىشىدىغان چاغدا، كۆزىڭىز قىيمايدۇ، پەرىشان بولىسىز، ۋەدىلىشىسىز، ئەمما دىدارلىق كۈنلەرگە ئۈمىدلىنىسىز.

ئاشۇ پېرسوناژلارنىڭ ھەقىقىيلىكىگە ئىشىنىشىڭىز، ئۇلارنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىشىڭىز، ئۇلارنى ئۆز سەنىمىگە دەسسىتىشىڭىز لازىم. شاھمات ئۇرۇقچىلىرىدەك خالىغانچە بويسۇندۇرۇشتىن، ئۇنىڭ دوپپىسىنى بۇنىڭغا كىيدۈرۈشتىن ساقلىنىشىڭىز لازىم. ئۇنداق بولمايدىكەن، سىزدىن ئىبارەت ئىجادكار ئاتالمىش «تەڭرى» ئىساننى ھالاك قىلغۇچى ئالۋاستىغا ئايلىنىدۇ. چەت ئەل چۆچەكلىرىدىكىگە ئوخشاش، چاتاقچى قولىڭىز تېگىپ كەتكەن ئادەم شۇ ھامان كېرەكسىز تاشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.

پېرسوناژلىرىڭىز بىلەن سىردىشىشىڭىز، مۇنازىرىلىشىشىڭىز، ئۇلارنىڭ قەلب تەكتىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلىرى ئۈستىدە توختاۋسىز سوئال سورىشىڭىز لازىم. ئۆزىڭىزنى پېرسوناژلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ روھىنى قېزىشىڭىز لازىم. ئەڭ ھاماقەت، ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئەكسىيەتچى دۈشمەن ياكى ئەسكى ئادەممۇ ئۆز قىلمىشلىرىنى يولسىز دەپ قارىمايدۇ. جاھىل، ئىدىيىسى قاتماللار ۋە بيۇروكراتلارنىڭمۇ تەۋرەنمەس يولى، باشقىلانى تەسىرلەندۈرگۈدەك ئەلەملىرى بولىدۇ. ئۆز پېرسوناژلىرىڭىزنىڭ سۆزلىشىگە، مۇنازىرە قىلىشىغا، ھال ئېيتىشىغا ئىمكان بېرىشىڭىز لازىم. پېرسوناژلارنى پەقەت تەلتۆكۈس قازغاندىلا ئاندىن ئۇلارغا توغرا ۋە قايىل قىلارلىق باھا بەرگىلى بولىدۇ. تېشى پال – پال ئىچى غال – غاللارنى ھەرقانچە تەرىپلىسىڭىزمۇ يەنىلا ئۇچىغا چىققان تېتىقسىزلىق بولىدۇ.

پېرسوناژنىڭ خاسلىقىغا ئېتىبار بېرىشىڭىز لازىم. ھەرقانداق ئادەم باشقىلاردىن پەرقلىق بولىدۇ. ھەرقانچە ئوخشاش بولسىمۇ ئىككى ئادەم ئوخشاش بىر ئىشنى قىلسا، بىر خوتۇننى ئالسا، ئوخشاش نەپەس ئالسا بولمايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز ياراتقان پېرسوناژ باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالسا بۇ ھەقىقەتەنمۇ غەلىتىلىكتۇر. مەسىلە شۇ يەردىكى، سىز ھە دېسە ئۇ پېرسوناژنىڭ ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان ئىشلىرىنى، پەرقسىز ھالەتلىرىنى يېزىشتىن ساقلىنىڭ.

ھەر بىر ئادەم ئۆزگىچە بىر دۇنيادۇر. ئۇنىڭدىن دەۋر، مىللەت، سىنىپ، تارىخ ۋە جەمئىيەتنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. ھەرقانداق خاسلىقنىڭ ئۆزگىچىلىكى بولىدۇ. خاسلىقنى ئالدىراڭغۇلۇق، بىپەرۋالىق… قاتارلىق مىجەزنىڭ بەلگىسى قىلىۋالماڭ. بۇ خىل يۈزەكى بىر تەرەپ قىلىش ئوبراز يارىتىشقا پايدىسىزدۇر.

پېرسوناژنى كۆڭۈلدىكىدەك يارىتىش ئۈچۈن سىز ئەڭ مۇھىمى ئىنسانپەرۋەر روھقا، مېھنەتكەشلەردىكى ئىنسانىي خىسلەتكە باي بولۇشىڭىز كېرەك. ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى، ئىنسانىيەتنى سۆيۈشىڭىز، كىشىلەرگە كۆيۈنۈشىڭىز لازىم. شۇندىلا ھەر بىر ئىنساننىڭ قەلب دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئېرىشەلەيسىز. ئىنسانىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىگە، تەرەققىي قىلىشىغا، پارلاق ئىستىقبالىغا ئىشىنىشىڭىز لازىم. قەھرىمان ياكى دۈشمەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇلارنى ئادەملىك سۈپىتى بىلەن يېزىشىمىز، ئالۋاستى ياكى ئىلاھ ئورنىغا قويماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى كۆز ئالدىمىزدىكى ھەر خىل ئىشلار جەننەت ياكى دوزاختا ئەمەس، بەلكى رېئاللىقتا يۈز بېرىدۇ.

قولىڭىزغا قەلەم ئېلىپ، بىر قانچە پېرسوناژنى قاملاشتۇرۇپ يېزىڭ ! بولۇپمۇ ئاشۇ سۆيۈملۈك، يېقىملىق، ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى يېزىڭ. تالايلىغان ئاددىي كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ سۆيۈملۈك، تېخىمۇ يېقىملىق بولالايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ سانسىز بايلىقلارنى يوشۇرۇپ ياتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھازىرقىدىنمۇ ئالىيجاناپ، پەزىلەتلىك بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈڭ. قەلىمىمىزنى كەڭ خەلقنىڭ قەلبىدىن گۆھەر قېزىشقا، شۇ ئارقىلىق مەنىۋىيەت مۇنارىمىزنى مۇستەھكەملەشكە ئىشلىتەيلى. پەقەت خەلقنى سۆيگەن كىشىلا ياخشى پېرسوناژ يارىتالايدۇ. بۇنىڭ ئورنىنى ھەرقانداق ئېسىل تەدبىرمۇ باسالمايدۇ. خەلقنى سۆيگەن يازغۇچىلار خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالايدۇ، بۇ ھەر قانداق قۇرۇق ماختاشتىن قىممەتلىكتۇر.

 

8

ئەدەبىياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ياش دوست ! قولىڭىزغا قەلەم ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىش، نۇرغۇن تەييارلىق قىلىش ئارقىلىق ئاخىرى تالاي ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، پەللىگە يېقىنلاشتىڭىز. ۋۇجۇدىڭىزدا بىر يازغۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە مۇئەييەن ئىقتىدارنى ھازىرلىدىڭىز. قايناق ھېسسىيات ۋە رېئاللىقىڭىز ئارقىلىق تېمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللىدىڭىز. تەسەۋۋۇرىڭىز يېڭىچە ھەم ئىللىق بىر دۇنيانى ياراتتى. پېرسوناژ روھىيىتىگە سىڭىپ كىرىدىڭىز ھەم ئۆزىڭىزنىڭ پېرسوناژلىرىنى ۋە ۋەقەلەرنى بەش قولدەك چۈشىنىپ يەتتىڭىز. قولىڭىزدىكى قەلەم تېپىرلاشقا، تەشۋىشلىنىشكە، تاقەتسىزلىنىشكە، بەيگە ئالدىدىكى تۇلپارغا ئوخشاش چاپچىشقا باشلىدى. سىز پەقەت چۇلۋۇر بىلەنلا ئۇنى تۇتۇپ تۇرالايسىز. پەقەت سىزنىڭ «تىرت» دېگەن بۇيرۇقىڭىز بولسىلا ئۇ جان جەھلى بىلەن ئالغا قاراپ ئېتىلىدۇ.

ئەمما يەنە بىر مەسىلە – قۇرۇلما مەسىلىسى سىزنىڭ بېشىڭىزنى قاتۇرىدۇ، بولۇپمۇ ئەسىرىڭىز ھەقىقەتەنمۇ رېئاللىقنى ئاساس قىلغان، تۇرمۇشتىن ئوزۇق ئالغان بولسا، سىز بىر قەدەر مۇكەممەل مەزمۇننى يازماقچى بولىسىز، بولۇپمۇ يازماقچى بولغىنىڭىز زور ھەجىملىك ئەسەر بولسا، ئۇنداقتا سىز قەيەردىن تۇتۇش قىلىپ، قانداق داۋاملاشتۇرىسىز؟ قانداق قىلىپ كىشىنى جەلپ قىلىدىغان كەم – كۈتىسىزلىككە ئىگە قىلىسىز؟ قانداق قىلىپ ئۆزگىچە تەرتىپكە ھەم رەڭدارلىققا ئىگە قىلىسىز؟

قۇرۇلمىنىڭ ۋەزىپىسى شۇ يەردىكى، ئۇ بىر قاتار زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىدۇ. بىر قاتار مۈشكۈلاتلارنى يېڭىدۇ، يۈزەكى ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتىدۇ. چېچىلاڭغۇ قىلماستىن مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، چەكتىن ئاشۇرماستىن موللاشتۇرىدۇ. تومتاق قىلماستىن چۈشەندۈرىدۇ، تېرە تاراقشىتماستىن تېرەنلىككە ئىگە قىلىدۇ… بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇنداق ئىدىتلاش پەقەت تەجرىبىگە، ئۆز تۇيغۇسى بىلەن ھېس قىلىشقا، دەڭسەشكە باغلىق.

ئەسەرنىڭ بايان تەرتىپىگە كەلسەك، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە تەرەپتىن ئويلىنىش كېرەك: 1. شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ نورمال تەرتىپى بويىچە، ۋاقىت تەرتىپىگە ئاساسەن يېزىش؛ 2. باياننىڭ قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئوقۇرمەننى جەلپ قىلىش، چۈشىنىشلىك بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئۇندىن باشقا يەنە بايان بىلەن مۇھاكىمىنى ئارىلاشتۇرۇش، ئۆتمۈشنى ئەسلەش، قىزىقتۇرۇش… ئىشقىلىپ ھېكايە ئېيتىشقا ماھىر بولۇش لازىم؛ 3. پىسخىك پائالىيەتنىڭ قانۇنىيىتى ۋە تەرتىپى بويىچە يېزىش. باغلىما تەسەۋۋۇر، قوزغىتىش، خام خىيال، رېئاللىق، سىرتقى دۇنيا، ئىچكى دۇنيا قاتارلىقلارنى ئۆزئارا باغلاپ يېزىش قاتارلىقلار. يەنە باشقا ئۇسۇللارمۇ بار، ئەلۋەتتە.

مەيلى قانداقلا يازماڭ، تەلەپ بىر. ئۇ بولسىمۇ ئۆز ئەسىرىڭىزنى ئوقۇرمەننىڭ قەلبى بىلەن ھېس قىلىشقا، كۆزىتىشكە ماھىر بولۇشىڭىز كېرەك. سىز يازارمەن، شۇنداقلا ئوقۇرمەن. بۇ يەردە ئۆز – ئۆزىنى ماختاش دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ قىلچىمۇ مەسخىرە تۈسى يوق. سىز ئۆزىڭىزنى ماختىسىڭىز شۇنى بايقايسىزكى، بىر خىل كۈچ سىزنى داۋاملىق يېزىشقا ئۈندەيدۇ، ياكى سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىزنى، قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشىڭىزگە تۈرتكە بولىدۇ. سىز قەلبىڭىزدىكى بۇ خىل ساداغا قۇلاق يېقىشىڭىز، ئۆزىڭىز بېكىتىۋالغان قېلىپقا بېكىنۋالماسلىقىڭىز لازىم؛ بىر ئەسەرگە نىسبەتەن ئەقەللىي بولغان شۇنداقلا، ئاسانلىقچە ئورۇندىغىلى بولمايدىغان تەلەپ شۇكى، «ئوقۇغۇسى كېلدىغان» بولۇشتۇر. «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» ئەسەر ھەرقانچە قالتىس بولسىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمايدۇ. ئاتالمىش ئۆز – ئۆزىنى ماختاش، قۇرۇلمىنى ھېس قىلىش ۋە كۆزىتىشتىكى ئىقتىدار دەل «ئوقۇغۇسى كېلىش – كەلمەسلىك»تىكى سەزگۈرلۈكتۈر. ئازراقلا «ئوقۇغۇسى كەلمىگەن» تۇيغۇ بولسىلا قەلەمنى توختىتىپ، باشقىغا تۇتۇش قىلىش كېرەك.

قۇرۇلما جەھەتتە، ئابزاسلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزىقچىلىق ئۇسۇلى، سۆز ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىسى قاتارلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تەدبىرلىك، ئۆزگىرىشچان بولۇش؛ بايان ئەسلەشكە، تەسۋىر، ھېسسىيات ۋە مەنتىقىگە توسالغۇ بولماسلىقى لازىم؛ ئوڭ بايان، تەتۈر باياندىن كېيىن قىستۇرما بايان كەلسىمۇ بولىدۇ، دېئالوگدىن كېيىن مونولوگ كەلسىمۇ بولىدۇ. تراگېدىيە بىلەن دراما ئارىسىدىمۇ ئۈمىد، بەزلەش ۋە ھەزىلگە ئورۇن بولۇشى؛ كومېدىيە ئارىسىدىمۇ كەسكىن، سۈرلۈك كەيپىيات بولۇش چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك. قىسقىسى، ئوقۇرمەننى يېڭىچە بىر يولغا باشلىشىڭىز، ھەر قەدەمدە كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز يېڭى نەرسىلەرگە يولۇقتۇرۇشىڭىز لازىم. ئوقۇرمەننىڭ قەلب ئالىمى بىلەن بىرلىشىشىڭىز لازىم.

ئومۇمەن «ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان» نەرسىلەرگە قارىتا سىزمۇ «يازغۇسى كەلمەيدىغان» ھالدا بولۇشىڭىز لازىم.

ئەلۋەتتە، ئەرزان مال قوغلاشسىڭىز بولمايدۇ. چاكىنا نەرسىلەر بىلەن بازارنى كېڭەيتىپ، ئەسىرىڭىزنىڭ ئىدىيىۋى ساپاسى ۋە بەدىئىي زوقىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولمايدۇ. جەلپ قىلىشتىكى مەكسەت تۆۋەنلىتىش ئەمەس، بەلكى يۇقىرى كۆتۈرۈشتۇر.

 

9

«قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…» يېتەرلىك يېزىلدى. قولىغا قەلەم ئالغان ياش دوستلارنىڭ كەيپىنىمۇ ئوبدانلا ئۇچۇردى. ھەتتا سىزنى «دەرھال قەلەمنى تاشلاش» خىيالىغىمۇ كەلتۈردى. كىممۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئېنىق چۈشەندۈرەلىسۇن؟ بۇ بىر خىل تۇرغۇنلىقى ئاز، تاسادىپىيلىقى كۆپ؛ قېلىپى ئاز، ئۆزگىرىشى كۆپ بولغان مەنىۋى پائالىيەتتۇر.

شۇڭلاشقا، سىز ھەرگىزمۇ «قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا…» غا ئوخشاش ئىجادىيەت سەپسەتىلىرىگە بەك ئىشىنىپ كەتمەڭ. ئەكسىچە، سىزگە نەپ بېرىدىغىنى يەنىلا ئەمەلىي تۇرمۇشقا، ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدىئىيلىككە، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە ئائىت كونا پاراڭلاردۇر.

ئەدەبىي ئىجادىيەت بىر خىل ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان ھۈنەر. ئەمما ھۈنەردىن باشقا يەنە مۇھىم تەركىبلەرمۇ بار. شۇڭا ئۇنىڭ ئەپلىك چارىسى يوق ھەم مىراس قالدۇرغىلى بولمايدۇ. دۇنيادا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان تامچى، موزدۇزلار بار، ئەمما ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان يازغۇچى يوق.

تىلنى ئېلىپ ئېيتساق، قەغەزگە جىجىلاش ئارقىلىق تىلنى مەڭگۈ بېيىتقىلى بولمايدۇ. تىل بىر خىل بەلگە، پەقەت تۇرمۇش تەجرىبىسى، كەچمىشلىرى، بىلىمى مول بولغان، ھېسسىياتقا باي، ئىدىيىسى مول بولغان كىشىلا تىلغا باي بولىدۇ. پەقەت كاللىسى سەگەك، ھېسسىياتى نازۇك، كۆزى ئۆتكۈر، بىلىمى ئەتراپلىق كىشىلا تىلدا نەپىس ۋە تېرە بولالايدۇ. پەقەت تەسىراتى چوڭقۇر، تەپەككۇرى تېرەن، بىلىمى چوڭقۇر كىشىنىڭ تىلىلا ئۆتكۈر بولىدۇ. شۇڭا ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ماھارەت تاشقى ئامىلدۇر.

سىزگە يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويايكى، تىرىشىپ يازسىلا ياخشى يازغىلى بولمايدۇ، ھەممە ئادەم يېزىقچىلىققا ماس كېلىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب «يازما» ۋە «يېزىش»تا ئەمەس.

مەغلۇبىيەتتىن قورقماڭ، لېكىن قارىسىغا ئىش قىلماڭ. ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيىتىڭىزدىن ساۋاق ئېلىپ، سەۋەبىنى تېپىپ، ئۆزگەرتىپ مېڭىڭ. ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىڭ.

ئۆزگەرتىشتىن قورقماڭ. مۇھەررىر سىزگە ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەرگەندە بىلەرمەنلىك قىلماڭ، تېرىكمەڭ. ئەمما ئۆزگەرتىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭ، قىلدەك يېرىنى دەپ، پىلدەك يېرىگە تەسىر يەتكۈزمەڭ. ناۋادا ئۆزگەرتىش پىلانىڭىز سىز ئويلىغاندەك ئۇقۇشلۇق بولماي، ئەكسىچە، بېشىڭىزنى قاتۇرسا، ھەتتا ئەسىرىڭىزنىڭ بەدىئىي ئالىمىدە قالايمىقانچىلىق، تۇرغۇنلۇق ۋە ۋەيران بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئۆزگەرتىشتىن ۋاقتىنچە ساقلىنىڭ.

دائىم يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئالدىڭىزدىكى ھەر خىل شەيئى ۋە شارائىتلاردىن، ھالەتلەردىن قورقماڭ. بىزنىڭ كۆزدە تۇتىدىغىنىمىز بىر خىل غايىۋى ھالەت. رېئاللىقتىكى ئىجادىيەت داۋامىدا نۇرغۇن پەرقلىق ھالەتلەر مەۋجۇت. مەسىلەن: ھەۋەسكارلار ئۆگىنىش داۋامىدا تام گېزىتى، قارا تاختاي گېزىتى، ئىشتىن سىرتقى مەدەنىي پائالىيەتلەر، ئەدەبىيات – سەنئەت شەكلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان سىياسىي تەشۋىقاتلار، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق تەشۋىقاتى، پىلانلىق تۇغۇت تەشۋىقاتى… دېگەنلەردىن ئۆزىنى قاچۇرماسلىقى كېرەك. بۇ ئىشلارنى قىلىش خەلققە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، قەلىمىڭىزنى تاۋلاشقىمۇ پايدىلىق؛ شۇنداقلا سىزنىڭ ئىجادىي پائالىيىتىڭىزنى رەھبەرلەرنىڭ ۋە ئەتراپتىكىلەرنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

دائىم يازسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۆز خىزمىتىڭىزگە تەسىر يەتكۈزسىڭىز، يېزىقچىلىقنى ئۆمۈرلۈك كەسىپ قىلىشنى يەڭگىللىك بىلەن قارار قىلسىڭىز بولمايدۇ. يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەتراپتىكىلەرگە، دوستلىرىڭىزغا كۆرسىتىڭ. ئۆزىڭىزگە تەلەپنى قاتتىقراق قويۇڭ. تولۇق چۈشەنمەيدىغان، يېڭىلىقى يوق، چۇۋالچاق، ئىشەنچىڭىز يوق نەرسىلەرنى تەھرىراتلاغا ئەۋەتىش ھاجەتسىز. كۆپرەك يازسىڭىز بولىدۇ، ئەمما تەھرىراتلارغا ئەۋەتىشتە تەلەپچان بولۇڭ. تەلەي سىنايدىغان، تەۋەككۈلچىلىك قىلىدىغان ئىشنى قىلماڭ. ئەسىرىمنى ئەستايىدىل كۆرمەپتۇ، ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلماپتۇ، دەپ مۇھەررىردىن ئورۇنسىز ئاغرىنماڭ، كايىماڭ. ناۋادا سىز ئەستايىدىل بولماي، تۇتۇرۇقسىز يازمىڭىزنى ھەممە يەرگە ئەۋەتسىڭىز، بۇ مۇھەررىرنىڭ ئەمگىكىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەتبۇئات ئورۇنلىرى شۇنچە كۆپ تۇرسا، بىرىگە ماس كەلمىسە، يەنە بىرىگە ماس كېلىدۇ. يازغىنىڭىز راستتىنلا ياخشى بولسا ھامان تاشلىنىپ قالمايدۇ. ئەلۋەتتە، مۇھەررىرگە پىكرىڭىزنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك، ئەمما ئۆزىڭىزگە قاتتىق تەلەپ قويسىڭىزلا، ئۇلارمۇ سىزنىڭ نارازىلىقىڭىزنى قوزغىمايدۇ.

زىيادە قىزىق قان بولۇپ كەتمەڭ، بولمىسا چارچاپ قالىسىز. ئاشۇ ئوتتەك ئىجادىيەت قىزغىنلىقىڭىز بىلەن تەۋرەنمەس ئىرادىڭىزنى، سەگەك كاللىڭىزنى بىرلەشتۈرۈڭ.

ئۇتۇن قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ، خالىغانچە باشقىلاردىن ياردەم سورىماڭ، قانداقتۇر داڭلىق كىشىلەرگە تايىنىپ نام چىقىرىشنى خام خىيال قىلماڭ. ئۇرۇق سۈپەتلىك بولسىلا ناچار شارائىت، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىمۇ بىخلىنالايدۇ. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشى ئۆزىگە باغلىق. ھەر قانداق ئۇرۇقنىڭ بىخلىنىشىغا مەلۇم بىر جەريان كېتىدۇ. ئەلۋەتتە، جەمئىيەت مۇئەييەن شارائىت، مۇۋپىق ھارارەت ۋە نەملىك بىلەن تەمىنلىشى، يېڭى كۈچلەرنى بوغىدىغان، سەل قارايدىغان ئەھۋاللارنى توسۇشى لازىم. مۇھىم مەسىلە شۇكى، ئۆزىنى يېڭى كۈچ دەۋالىدىغان ھەۋەسكارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يېڭى كۈچ بولۇشى ناتايىن.

قولغا قەلەم ئالغاندىن كېيىنكى مۇشەققەت ۋە قولغا قەلەم ئېلىشنىڭ كارامىتى ئۈستىدە كۆپ سۆزلىدۇق. ناۋادا سىزدە ھەقىقەتەنمۇ شۇ خىل ئىقتىدار ۋە غايە بولسا، جاپا – مۇشەققەتتىن قورقمايسىز، يېزىقچىلىق ئۈچۈن بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايسىز. «يازغۇچىغا نىسبەتەن ۋاقىت ھامان يېتەرسىز»، «ئاشىقلىقتىن شائىرلىق چىقىدۇ» دېگەندەك ھېكمەتلەرنىڭ ھېلىھەم مۇئەييەن ئاساسى بار. قىيىنچىلىقتىن قورقماسلىق ئىلىم – پەننىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، شۇنداقلا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشنىڭمۇ ئالدىنقى شەرتى. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە مۇشەققەتلىكىگە، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشتىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا، كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سېھرىي كۈچىگە قارىغاندا، ئۇتۇق قازىنىش ۋە قازانماسلىق ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇ كەسىپنى سۆيگەن ئىكەنسىز، ئىشتىياق ھەم ئېھتىيات بىلەن ئۆزىڭىزنى بېغىشلاڭ، غەلىبە سىزگە يار بولغاي !

 

(جۇڭگو ياشلار نەشرىياتى 2007 – يىل 1 – ئايدا نەشر قىلغان ۋاڭ مېڭنىڭ «جاھاندارچىلىق پەلسەپەم» ناملىق كىتابتىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى)

توردىكى مەنبە: تارىم ژۇرنىلى تور بېكىتى

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «قولىڭىزغا قەلەم ئالغاندا» - 1.5M :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 1 پارچە ئىنكاس بار

  • نۇريەم مەمەت جاۋاب ↓

    بۇ ئەسەر كىتابنىڭ قايسى بابىدىن تەرجىمە قىلىنغان ؟

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!