ئوينامدۇق، ئاينىمدۇق – نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن
يامغۇرنىڭمۇ «پەرىشتە»، «ئالۋاستى»، «دەججال»ى بولامدۇ؟ تەبىئەتنىڭ ئەزەلىي قانۇنىيىتى جىمجىت داۋاملىشىدۇ. بىلىدىغان ئىنسان قۇرت-قوڭغۇزنىڭ ئۆمىلىشىدىن، بوراننىڭ گۈركىرىشىدىن، يامغۇرنىڭ شارقىرىشىدىن ئاجايىپ چوڭقۇر مەنىلەرنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ…
شىۋۇلدىكى رازىخان
2001-يىلى 12-مارت چۈشتىن بۇرۇن، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى گىرۋىكىدىكى كىرىيە بوستانلىقىغا قاراشلىق بىر نامرات يېزا. تۇتۇق ئاسماندىن توختىماي توپا يېغىپ تۇراتتى. ئەتىياز بىلەن قىش ئارىلىقىدا بولىدىغان مۇزدەك سوغۇق بەدەننى ھېلىدىن-ھېلىغا جۇغ-جۇغ قىلاتتى. چاڭ باسقان يوپۇرماقسىز دەل-دەرەخلەر شۈمشىيىپ تۇراتتى. شاخ-شۇمبىلار بىلەن قوشامداپ سېلىنغان ئاددىي ئۆيلەر بەكمۇ غېرىبانە كۆرۈنەتتى…
يالغانچىلىققا ئائىت 12 ھەقىقەت (بىلىمخۇمار)
ئامېرىكىدا مايكۇل جوسېفسون (Michael Josephson) ئىسىملىك بىر ئەخلاق مۇتەخەسسىسى بار. ئۇنىڭ «جوسېفسون ئەخلاق ئىنستىتۇتى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر شىركىتى بار بولۇپ، ئۇ قىلغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرى «ئەخلاق مۇھىم» (Character Counts) دېگەن پروجېكتتىن ئىبارەت. ئۇ نۇرغۇن چوڭ سورۇنلاردا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە نۇتۇق سۆزلىگەن…
ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار
ئىشلىرىنى تولۇق ئورۇندىغان ئادەم ئۆزى ئىز قالدۇرغان ھەر بىر تۈنۈگۈننى خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتىپ قويالايدۇ، شۇنىڭدەك ھەر بىر ئەتىنى كۆڭلى توق، ئىشەنچىلىك ھالدا قارشى ئالالايدۇ. بىراق ئىشلىرى چالا قالغان ئادەم ياكى ئىنسانىي ھاياتتىكى ئەڭ ئىپتىدائىي ھاجەتلەرگە باغلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئاشالمىغان ئادەم نېمە قىلىشى مۇمكىن؟
لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى
2007-يىلى روسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پورباجىن – لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى. بۇ خەۋە روسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پورباجىنغا تىكىلدى…
خەلقلا بولىدىكەن شائىر ياشايدۇ، شېئىر يوقالمايدۇ
«بوستان» ژورنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ، شائىر ھۆسەن روزى تىرىككە تون كىيدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ نامىدىكى «باشئەگىم ئاۋازى نەسىرىي ئەسەرلەر مۇكاپاتى» ئەيساجان مۇھەممەت نامىدىكى «گۆھەر زېمىن خاتىرە ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»نى تارقىتىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق.
بوستانلىق مەدەنىيىتى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي قىسمىتى
قۇملۇقلاردىكى پايانسىزلىق بىلەن بوستانلىقلاردىكى چەكلىمىلىك ھامان كىشىلەردە بىر خىل قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان زىددىيەتلىك كەيپىياتنى ھاسىل قىلىدۇ. تەكلىماكاننى چۆرىدەپ، بىر-بىرىدىن مۇئەييەن ئارىلىقتا ئايرىلىپ تۇرغان بوستانلىقلار گويا بارخانلار ئارىسىغا مەڭگۈ بەنت قىلىۋېتىلگەندەك…
مۇدىرىمىزنىڭ ئىلغارلىق ماتېرىيالى (فىليەتۇن)
مۇدىرىمىزنىڭ ئىسمى ماقۇلجان، ئەر، مىللەت تەۋەلىكى ئېنىق ئەمەس، بۇ يىل سوقۇۋالغان يېشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا 40 ياشقا كىرگىلى ئاران تۆت يىل بولدى. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى لەقىمى «سومكا» بولۇپ ھازىرقى لەقىمى «ئامبار» بۇنىڭدىن باشقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان بىر مۇنچە ئەركىلەتمە ئىسىملىرى بار تېخى…
بۈگۈنكى ئۇيغۇر روھىيەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە پىسخىك دىئاگنوز
كىشىلەر دائىم گىرۋەككە ئىنتىلىدۇ، لېكىن گىرۋەككە يېقىنلاشقانسېرى بىرخىل يوشۇرۇن ۋەھىمە ئۇلارنى قىيناشقا باشلايدۇ. «گىرۋەك» ، «پاسىل» ، «مەنزىل» قاتارلىق ئۇقۇملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلاردا ئۈمىد ۋە تەلپۈنۈشنى قوزغاشتىن باشقا، يەنە ئاللىقانداق تەشۋىش ۋە تېڭىرقاش تۇيغۇلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ…
تۇپراق ساداسى (نەسىر)
مەن گۈزەل ئەپسانىلەرنىڭ شىۋىرلاشلىرىغا قۇلاق سالدىم. ئۇ ماڭا ئەلمىساقتا كۆمۈلۈپ كەتكەن سىرلىق خەزىنىلەرنى خىرە-شىرە ئىما قىلدى. ئۇنىڭ يەنە كەلگۈسى خۇسۇسىدىكى بىشارەتلىرى ماڭا پايانسىز دەشتتىكى جەزبىدار ئالۋۇننى ئەسلەتتى…