مـەدەنىيلىشىشمۇ، ياتـلىشىشمۇ؟ – يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق
مەن يەنە ئەنئەنە، مەدەنىيلىشىش، ياتلىشىش ھەققىدە قەلەم تەۋرىتىپ قېلىۋاتىمەن. بۇنىڭدىن مەقسەت كۆزىمىزدىن ياتلىشىپ مىللىي خاسلىقىمىزنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرىۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللار، ياخشى ئەنئەنىمىزدىن يىراقلاپ كەتكەن بەزى ئېزىقىشلار ئارقىلىق ئۆزىمىز ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىش ئۈچۈن ئەينەك كۆتۈرۈش…
يوقنىڭ گىپى بولدى،ئېپى بولمىدى – ئابدۇقادىر جالالىددىن
ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئەپەندى: تەھرىراتىمىزغا جۇگوپىڭنىڭ «جۇڭگولۇقلاردا نېمە كەم» ناملىق نۇتۇقىنىڭ تەرجىمىسى كەلدى. مەزكۇر ماقالە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئاكتۇئال قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئوقۇرمەنلىرىمىزنى توغرا تەپەككۇر يۆنىلىشىگە ئىگە قىلىدىغان بىرەر پارچە ئىلاۋىنى قىستۇرۇپ بەرسەك بولاتتى، قولغا قەلەم ئالغۇدەك ۋاقتىڭىز بارمۇ، دەپ سوراپ قالدى…
مەنزىل كىتابچىسى ئاندرويىد نۇسخىسى ئېلان قىلىندى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار: مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى قۇرۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ھەم ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 2014-يىلى 5-ئايدا مەنزىل كىتابچىسى كومپيوتىر نۇسخىسى ئېلان قىلىنىپ تورداشلارنىڭ ئېلكىتاب چۈشۈرۈش، ئوقۇش تەشنالىقىنى تېخىمۇ بىر دەرىجەدە قاندۇردى…
زادى قانداق ئانىلار ئۇلۇغ؟ – يالقۇن روزى
يېقىنقى يىللاردا شېئىر-قوشاقلاردا، سەھنە-ئېكرانلاردا «ئانىلار ئۇلۇغ»، «جاھاندا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان ئانا»، «ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ» دېگەندە ئوخشاش تەرىپ ۋە مەدھىيە سۆزلىرى خېلى كەڭ ئومۇملىشىپ قالدى. بۇنىڭ تۈرتكىسىدە، كىشىلەرمۇ بۇ سۆزلەرنى دائىم دېگۈدەك ئىستېمال قىلىدىغان بولدى…
ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتى ھەققىدە – بىلىمخۇمار
ھازىرغىچە نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە ھاياتنىڭ مەقسىتى ۋە قىممىتىدىكى يۇقىرىدەك بالداقلارنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ قويمىدى. ئۇلارنىڭ بالا تەربىيىسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندىمۇ «ئابرۇي» ۋە «پۇل» دېگەن بالداقلاردىن ھالقىپ ئۆتەلمىدى…
بۇرۇت ماجراسى – مەمتىمىن ھوشۇر
يەكشەنبە كۈنى بازار ئايلىنىپ كەلمەكچى بولۇپ كوچىغا چىقىۋىدىم، كىمدۇر بىرى ئارقامدىن دولامغا شاپىلاقلىدى، بۇرۇلۇپ ئېسىل كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، قارا كۆزئەينەك تاقىغان بىر كىشىنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈپ قول ئۇزىتىپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. – ياخشىمۇ سىز؟…
ئەدىبلەر نىمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ؟ – يالقۇن روزى
مەن ئەدەبىيات كوچىسىغا ئىشتىياق باغلىغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەت قارىشىغا ۋە ئىدىيەۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم. ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ساختىلىقنى، چىنلىق، رەزىللىكنى گۈزەللىك، قەبىھلىكنى مېھرىبانلىق دەپ چۈشىنىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ پەرقىنى مۈجمەل ئەدىبلەر كۆپ ئۆتكەن…
ئابدۇقادىر داموللام ۋە «مىفتاھۇل ئەدەپ»
مىللەتنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولۇشى ئالدى بىلەن مائارىپقا باغلىق. مائارىپ تەرەققىي قىلىدىكەن، ئۇ ھالدا مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى چىرماپ ئالغان قالاقلىق، نادانلىق، خۇراپاتلىققا ئوخشاش مەنىۋى ئىللەتلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئىلىم – پەننىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچقىلى، مىللەتنىڭ پەن – مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ…
نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت – بىلىمخۇمار
كۆپىنچە قېرىنداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بىر ئادەم ئۈچۈن نام-ئاتاق يارىتىشقا قارىغاندا ئۇنى قوغداپ ۋە ساقلاپ مېڭىش كۆپ تەسكە توختايدۇ. شۇڭلاشقا بىز داۋاملىق يېڭىدىن نام-شەرەپكە ئېرىشكەن كىشىلەر توغرىسىدىكى خەۋەر-دوكلاتلارنى ئاڭلاپ تۇرۇش بىلەن بىللە، بىرەر مۇھىم ئىشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ…
قاراخانىيلار ۋە ئىدىقۇت خانلىقى ھەققىدە
9-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە بولغان دەۋردە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت تەرەققىيات تارىخىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مىلادىيە 840-يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلە مەركىزىي ئاسىيا ئېتنىك ۋە سىياسىي ھەم مەدەنىيەت تەرەققىياتى يېڭى بىر دەۋرگە كىردى…