• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

يوقنىڭ گىپى بولدى،ئېپى بولمىدى – ئابدۇقادىر جالالىددىن

1608
ئاپتورى: ئابدۇقادىر جالالىددىن   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-24   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە
 

ئاپتور: ئابدۇقادىر جالالىددىن

 

ژۇرنالىست قۇربان مامۇت ئەپەندى: تەھرىراتىمىزغا جۇگوپىڭنىڭ «جۇڭگولۇقلاردا نېمە كەم» ناملىق نۇتۇقىنىڭ تەرجىمىسى كەلدى. مەزكۇر ماقالە كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان ئاكتۇئال قىممەتكە ئىگە ئىكەن. ئوقۇرمەنلىرىمىزنى توغرا تەپەككۇر يۆنىلىشىگە ئىگە قىلىدىغان بىرەر پارچە ئىلاۋىنى قىستۇرۇپ بەرسەك بولاتتى، قولغا قەلەم ئالغۇدەك ۋاقتىڭىز بارمۇ، دەپ سوراپ قالدى. يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە ۋاقتىمنى ئىزدىنىش ۋە پىكىر قىلىشنىڭ قۇرغاق مۇساپىسىدە ئۆتكۈزگەن بولساممۇ، ئوقۇرمەنلىرىمنى سۆيۈندۈرگىدەك چوڭ نەتىجىنى روياپقا چىقىرىپ بولالمىدىم. شۇنداق ئىكەن، شېئىر توپلاملىرى ۋە ماقالىلەرگە ئىلاۋە ياكى كىرىش سۆز دېگەندەك نەرسىلەرنى يېزىش مەن ئۈچۈن ئېھتىيات دائىرىسىدىكى ئىش. تەرجىمە ئەسەرنىڭ سەرلەۋھىسىدىكى «نېمە كەم» دېگەن ئىبارىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى باردەك تۇيۇلدى. بىراق جۇگوپىڭنىڭ ماقالىسىگە ئىلاۋە يېزىشنىڭ ئاسان ئىش ئەمەسلىكى ماڭا ئايان ئىدى. مەن جۇگوپىڭنى ئۇزۇندىن بېرى بىلىمەن. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا مەن ئۇنىڭ بىر قىسىم شېئىرىنى تەرجىمە قىلىپ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدۇرغانىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىشى گېرمان پەيلاسوپى ف. نىچىشېنىڭ بىر بۆلۈك ئەسىرىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ تەرجىمىسىدىكى نىچىشې بىلەن تونۇشقانىدىم. ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى ئۇنتۇپ كەتكەن نۇرغۇن قوي مىجەز ئادەمگە نىچىشېنىڭ «ھەممىنى قايتا باھالاش» تىن ئىبارەت جۇشقۇن تەشەببۇسىنى تولىمۇ زۆرۈردەك ھېس قىلاتتىم. جۇگوپىڭ ئەپەندى نوقۇل تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى تەتقىقاتچى، ئۇنىڭ نىچىشې ھەققىدە مەخسۇس ئەسەرلىرى بار، جۇڭگو ئوقۇرمەنلىرى ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيدىغان ئەقلىيە نەسىرلىرى بار. دېمەك ئۇ بۈگۈنكى جۇڭگودا روشەن تەسىرگە ئىگە مەدەنىيەت ئەربابى.

«جۇڭگولۇقلاردا نىمە كەم» – ماۋزۇنىڭ ئۆتكۈر بىشارەت خاراكتىرى باردەك قىلاتتى. ئۆزى مەنسۇپ بولغان دەۋردە نېمىنىڭ كەملىكى ئۈستىدە باش قاتۇرۇش تارىختىن بۇيان زىيالىيلار ئۆتەپ كەلگەن ۋەزىپە ئىدى. زىيالىيلاردىكى سەگەكلىك مەۋجۇد رېئاللىقنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان مەنزىرىسىگە يوشۇرۇنغان خەۋپلىك كېسەللىكلەرنى كۆرۈپ، ئۇنى داۋالايدىغان رېتسىپلارنى ئىزدەشتە ئىپادىلىنىدۇ. ماۋزۇدىكى «جۇڭگو» كەلىمىسى ناھايىتى چوڭ ئۇقۇم بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە تارىخ نۇقتىسىدىن سۈرۈشتۈرگەندە مۇرەككەپ، كۆپ قاتلاملىققا ئىگە. تارىختىكى جۇڭگو بىلەن بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ پەرقىنى نەزەرگە ئالغاندىمۇ، بۇ ئۇقۇمنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋردىكى مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسىمۇ، مەدەنىيەت قۇرۇلمىسىمۇ ھەرخىل تەركىبتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ھازىرقى ئاتمۇسفېرادا كۇڭزى مەدەنىيەت ئائىلىسىنىڭ چەمبىرىكى، ئىسلام مەدەنىيەت ئائىلىسى ۋە خېرىستىئان مەدەنىيەت ئائىلىىسىنىڭ چەمبىرىگى بىلەن كىرىشىپ، كۆزگە ئېنىق چېلىقىدىغان دىئالوگ نۇقتىلىرى شەكىللىنىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى ھەر بىر چەمبەرنىڭ مۇرەسسەگە كەلمەيدىغان ئۆزىگە خاس ئىچكى مەزمۇنلىرى ئاز ئەمەس. بۇ مەزمۇنلار ئوبيېكتىپ تەتقىق قىلىنىپ، ئادالەت مىزانلىرى بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلگەندە، مەدەنىيەتلەر دىئالوگى ساغلام كەيپىيات ئىچىدە ئورتاق ھەمكارلىقنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. ئەمدى جڭگوپىڭ ئەپەندىنىڭ ماقالىسىگە كەلسەك، ئۇنىڭ دىئاگنوزلىرى كۇڭزى مەدەنىيەت ئائىلىسىدىكى غوللۇق ئەزالارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇش ئاساسىدا قويۇلغانىدى. شۇڭا «نېمە كەم» دېگەن مەسىلىنى جۇگوپىڭدىن ئىلھام ئالغان ئاساستا، ھەر بىر ئېتنىك ھالقا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، تەرەققىيات يولى ۋە كەلگۈسىگە ئائىت ئىنتىلىشلىرى بىلەن تەدبىقلاپ، تەپەككۇر قىلىشى لازىم بولىدۇ.

بىزدە زادى نىمە كەم؟ – بىزنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىدىغان نۇقتىمىز باشقىلار بىلەن تامامەن ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، قىممەت قارىشىمىز، ھازىرقى ئەھۋالىمىز، يولۇققان مەسلىلىرىمىز ھېچكىمگە ئوخشىمايدۇ، ئەلۋەتتە. بىزدە جىق نەرسە كەم. بۇ كەم نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىكى قانداق نەرسىلەرنى باشتا ھەل قىلىش، قانداق نەرسىلەرنى ئاندىن ھەل قىلىشنىڭ ئەمەلىيەتنى شەرت قىلىدىغان تەرتىپلىرى بولىدۇ. كەم نەرسىلەرنى دەپ بىرىش بىزنىڭ بۇ ئىلاۋىمىزنىڭ مەخسىتى ئەمەس. ھەم ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغان جاۋابمۇ ئەمەس. ئۇ كۆپ قىرلىق رېئاللىق ۋە ساھەنى ئومۇميۈزلۈك كۆزدە تۇتۇپ، پەيدىنپەي ئېرىشىدىغان جاۋاب.

بىزدە نېمە كەم؟ – بىز جۇگوپىڭ ئەپەندىنىڭ جاۋابىنى ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ زوقىغا يارىشا ئىزاھلاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىگە پايدىلىق نۇقتىلارنى بەرسەك دىگەن ئۈمىدتىمىز.

جۇگوپىڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ نۇتۇقىدا جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي خاراكتېرى توغرىسىدىكى بىر ئەسىرلىك ئويلىنىشلارغا قايتا سەپسېلىپ چىقىپ، بىزدە مەنىۋىلىك كەم دېگەن يەكۈننى چىقىرىدۇ. ئۇ دەيدۇكى، جۇڭگولۇقلار غەرب تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھەربىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي زەربىلىرىنى تېتىغاندىن كېيىن سىلكىنىپ ئويغاندى ۋە ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن غەرىبنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى، سىياسىي تۈزۈلمىسىنى، ئاساسىي قانۇنىنى ئۆزلەشتۈرۈشنى ئجتىمائىي مۇقام قىلدى. زىيالىيلار مەيلى پەلسەپە ئۆگەنسۇن، مەيلى قانۇن تەتقىق قىلسۇن، ئەقلىي ئەمگەككە ياتىدىغان بارلىق ساھەدە پەقەت ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىنى تۇتقا قىلدى، ئۇلاردىكى مەنىۋى قىممەتنى بولسا نەزەردىن ساقىت قىلدى. «جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىدە مەنىۋى قىممەتكە ئورۇن يوق، ھەرقانداق مەنىۋى قىممەت – ئەركىنلىك، ئادالەت، بىلىم، پەن، دىن، چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك، مۇھەببەتنىڭ ئىشلىتىش قىممىتى بولمىسا، ئۇنى قىممەت سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلمايدۇ» دەيدۇ جۇگوپىڭ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، يۇقىرىقى مەنىۋى قىممەت ئامىللىرىنى يېگىلى بولىشى كېرەك. يېقىلغۇ قىلغىلى ياكى كۈنلۈك قىلىپ ئىشلەتكىلى، ئايروپىلان قىلىپ ئولتۇرغىلى بولىشى كېرەك. ھېچ بولمىغاندا، بىرەر ئىجتىمائىي مەقسەتنىڭ قورالى بولۇشى كېرەك. ئاندىن ئۇ قىممەت دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە بولىدۇ. مانا بۇ جۇڭگوچە ئۈنۈمپەرەسلىكنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ كۆرسىتىلىشى. جۇگوپىڭنىڭ سۆز ئورامىدىن مەلۇم بولىشىچە، جۇڭگولۇقلاردا داۋىخورلۇق ئىللىتى كۆزگە ئاسانلا چېلىقىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنى قالتىس چاغلاۋاتقاندا، غەربتىن دەشنام يەپ، ئۇلاردىن ئۆگەنمىسە بولمايدىغانلىقىنى ئاندىن ھېس قىلدى. ئۇلار بىرەر تەبىئىي ئاپەتكە ياكى كېلىشمەسلىككە ئۇچرىغاندا، بىرەر مەبۇتتىن كەچۈرۈم تىلەيدىغان بوپقالىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئەرۋاھىنى سېغىنىدىغان بوپقالىدۇ. بۇ يەردىكى روھىيەتتە مۇقەددەسلىك يوق دىگۈدەك بولۇپ، ئۇ پەقەت ھاياتلىقنىڭ بىرەر كرىزىسىنى شەرت قىلىپ مەيدانغا كېلىدۇ. بىرەر بەختسىزلىك ۋە كېلىشمەسلىكنىڭ قورشاۋىدا ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلغاندا، ئۆزىگە ئوخشاش بىرەر مەخلۇقنىڭ ياردىمىدىن قەتئىي ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغان ئەھۋالدا، ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر قۇتقۇزغۇچى بىلەن غايىبانە سىردىشىدىغان دىنىي ھېسسىيات جۇڭگولۇقلاردا ناھايىتى كەم دەپ ئەپسۇسلىنىدۇ جۇگوپىڭ. تارىختا ئۆتكەن مەدەنىيەت ئۇستازلىرىدىن شۇنداق بىر ئورتاق سادانى ئاڭلايمىزكى، دىنىي ھېسسىيات ئىرق ۋە مىللەتتىن ھالقىغان ئورتاق تىل سۈپىتىدە ئوخشىمىغان قىسمەت ۋە تەبىقىدىكى ئىنسانلارنى ھېسداشلىق، چۈشىنىش رىشتىلىرى بىلەن باغلاپ، مېھرىبانلىقتىن ئىبارەت خالىس نېمەتكە ئىگە قىلىدۇ. 2008-يىلى سىچۈەن ۋېنچۈۋەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە يولۇققان خەلقلەرگە ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى دۇنيا خەلقلىرىنىڭ يەتكۈزگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى دەل مۇشۇ تۇيغۇنىڭ ئپادىسىدۇر. گەرچە بۇنىڭدا سىياسىيونلارنىڭ دىپلوماتىيىسىنى يوق دىگىلى بولمىسىمۇ، بىراق، مۇشۇ دىپلوماتىيىنىڭ ئۆزىمۇ ئىنسانىي قېرىنداشلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس ھېسسىياتنى كۆتۈرۈپ چىقىش بىلەن پۇت تىرەپ تۇرىدۇ.

«دىننىڭ ماھىيىتى، مەن نېمە ئۈچۈن ياشايمەن، ئەتراپىمدىكى پايانسىز دۇنيا بىلەن مۇناسىۋىتىم نېمە دىگەندەك سۇئاللارغا بىرىلگەن جاۋابلاردا ئىپادىلىنىدۇ» دەيدۇ لېف تولىستوي. بىز بۇ سۇئاللارغا «مەن نەدىن كەلدىم، قەيەرگە بارىمەن» دېگەنلەرنىمۇ قوشۇپ قويىشىمىز كېرەك. بۇ سۇئاللار كىشىنى ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم توغرىسىدىكى سىرلىق، مېتافىزىك خىياللارغا يېتەكلەيدۇ.

ئەدەبىيات تارىخىدا مىللەتنىڭ بەلگىىسى سۈپىتىدە باھالانغان جالالىددىن رۇمىي، لېف تولىستوي، ھيۇگو، نەۋائىي كەبىي ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرى دەل ئىنسان بىلەن دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ مېتافىزىك تەسۋىرلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان.

جۇگوپىڭ يەنە ئۆزىنىڭ نۇتۇقىدا لىياڭ چىچاۋنىڭ جۇڭگولۇقلارنىڭ روھىدا ئەڭ كەم نەرسە ئاممىۋى ئەخلاق بولۇپ، جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەت يېتەرسىز دېگەن ھۆكۈمنى جۇڭگولۇقلارنىڭ دىن روھىنىڭ كەمچىللىكى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇ، ئەمەلىي قىممەتنى زىيادە تەكىتلىگۈچى ئىنگلىز پەلسەپىسىگە يېپىشقان يەن فۇ قاتارلىق مەرىپەت زىلالىيلىرىنى تەنقىدىي مەۋقەدە ئەسلەپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە، مېتافىزىك روھقا باي گېرمان پەلسەپىسىنى بىر ئۆمۈر تەتقىق قىلىپ تۈزۈك مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئىگە بولالمىغان ۋاڭ گوۋېينى ھەسرەت بىلەن قەيت قىلىدۇ.

جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي ئىستىقبال توغرىسىدىكى ئويلىنىشلىرى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىنىدۇ. 1984-، 1895-يىللىرىدا بولۇنغان جۇڭگو-ياپونىيە ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەت يىراقنى ئويلايدىغان كىشىلەردە بىز غەربنىڭ ھەربىي ۋە سانائەت بىلىملىرىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇلارنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئىقتىسادىي سېستىمىسى، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى، پەلسەپە ئىدىيىلىرىنىمۇ قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ئىكەن دېگەن قاراشنى پەيدا قىلىدۇ ۋە ئىشنى كەڭ كۆلەملىك تەرجىمە ھەرىكىتىدىن باشلايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتىنى سانلىق مەلۇمات نۇقتىسىدىن تېخىمۇ ئەمەلىي چۈشىنىپ باقايلى: 1910-1967-يىللاردا خېرىستىئان مىسىسئونېرلىرى تەرجىمە قىلغان ئەسەرلەر جەمئىي 795 پارچە بولۇپ، بۇنىڭدا دىنىي كىتابلار %86، ئادىمىيەت ۋە تەبىئىي پەنگە دائىر كىتابلار %6 بولغان. 1861-1895-يىللاردىكى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتىدە دىپلوماتىيە، ھەربىي ئىشلار، تەبىئىي پەن ۋە سانائەت جەھەتتىكى تەرجىمىلەرنىڭ نىسبىتى ئاشقان. 1850-1899-يىللاردا تەرجىمە قىلىنغان 567پارچە تەرجىمە ئەسەرنىڭ ئىچىدە قوللىنىشچان پەنگە دائىر كىتابلار %40. تەبىئىي پەنگگ دائىر كىتابلار %30، تارىخ-جۇغراپىيە كىتابلىرى %10، ئىجتىمائىي پەن كىتابلىرى %8، دىن، پەلسەپە، ئەدەبىيات-سەنئەت كىتابلىرى %5.3 ئەتراپىدا بولغان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە، ئامېرىكا كىتابلىرى %85نى، ياپونىيە كىتابلىرى %15نى ئىگىلىگەن. 1907-يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى مەخسۇس تەرجىمە ئىدارىسى قۇرۇپ، تەرجىمانلارنى تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرغان. ۋاڭ گوۋېي شۇ يەردە ئىشلەپ، كانت، شوپىنخاۋېر، نىچىشېلارنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلغان (Immanuel C.Y.Hsuنىڭ «زامانىۋى جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈشى، 1600-2000» ناملىق ئەسىرىگە قاراڭ).

يەن فۇ (严复-1854-1921) ئەنە شۇ زامانلاردىكى پىدائىي تەرجىمانلارنىڭ بىرى. ئۇ، 14يېشىدىن باشلاپ يېڭى مائارىپ (جەدىت مائارىپ) تا تەربىيە كۆرۈپ، 1876-يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە مەكتىپىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن. ئۇ ئەنگلىيىدە دارۋىن، خېشلى، سپېنسېر قاتارلىقلارنىڭ تەدرىجى تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ئۇ، ئەنگلىيىنىڭ ئومۇمىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن تەرجىمە قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ، جەمئىي سەككىز پارچە كىتابنى تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ تەرجىمىلىرى ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ يول بەلگىسى بولۇپ قالغان.

يەن فۇنىڭ قارىشىچە، غەرب شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققىي قىلغانكى، غەرب ئادەمنىڭ ئىقتىدارىنى ئاچىدىغان ئەركىنلىك، باراۋەر پۇرسەت مىخانىزىمىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇنداق مۇھىتتا ھەركىم مەجبۇرلانغان ھالدا ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە يارىشىدىغان بىر خاسلىقتا ئىنسانىي چىنلىقنى جارى قىلدۇرالايدۇ. جۇڭگودا بولسا كۇڭزى-مېڭزى ئەقىدىلىرى كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىنى خان-پادىشاھلارنىڭ رايىغا باغلاپ بەرگەن، كىشىلەر خانلارنىڭ مەنپەئەتىگە لايىق كېلىدىغان مۇقىملىق ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپ ئۈچۈن يېڭىلىق ۋە ئىسلاھاتنى تەرك ئېتىشكەن؛ ئۆتمۈشكە سېغىنىپ بۈگۈندىن ھەزەر ئەيلەشكەن. جۇگوپىڭ نەقىل ئالغان مۇنۇ بىر جۈملە سۆز ئەركىنلىكنىڭ مەنىسىنى ھەقىقەتەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ: «ئەڭ ياخشىسى ھەركىم ئۆزىنىڭ مەۋجۇدلۇق شەكلىنى ئۆزى قۇرۇپ چىقسۇن، بۇ، ئاشۇ خىل شەكىلنىڭ ئەڭ ياخشى بولغىنىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پەقەت ئۆزىنىڭلا شەكلى بولغىنىدىن.» مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن نەرسىنى تەۋسىيە قىلىمەن. لېكىن، مەجبۇرلاپ تاڭمايمەن. بۈركۈتنىڭ قانىتى ھەرقانچە بېجىرىم بولسىمۇ، ھەسەل ھەرىسىگە ياراشمايدۇ. پاشىنىڭ قانىتىمۇ ئۆزىگە ياخشى.

جون مىل تىكلىگەن ئەركىنلىك تەلىماتىنىڭ بۈگۈنكى مىراسخورلىرى ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەلەر بويىچە ۋايىغا يەتكۈزدى. ۋەھالەنكى، يەن فۇ تەرجىمە قىلغان «ئەركىنلىك توغرىسىدا» ناملىق ئەسەرنىڭ روھى جۇڭگو جەمئىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ يېتەرلىك بىر قېزىلما تېما.

مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئوقۇرمەنلىرىمگە بىر سوئال قويۇپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىم: 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئەنە شۇ ئاقارتىش خاراكتېرلىك تەرجىمە ھەرىكىتى بىزدە بارمۇ؟ بىز ھازىرغا قەدەر چىقارغان كىتابلىرىمىزنى ھەرقايسى ساھە بويىچە ستاتىستىكىلاپ، نېمىلەرنى قىلغانلىقىمىزنى، نېمىلەرنى قىلماي قويغانلىقىمىزنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ باقتۇقمۇ؟

خوش، گېپىمىزگە كېلەيلى. تارىختىكى نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئويغىنىش ئالدى بىلەن بىر مەيدان تەرجىمە ھەرىكىتىدىن باشلانغان. جۇڭگونىڭ يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ سەركەردىلىرى ھېسابلىنىدىغان شەخىسلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يېڭىلىق تەرجىمانلىرى ئىدى. ئەنە شۇ تەرجىمە ئەسەرلەردىن تۇتاشقان پىكىر يانغىنلىرى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ ئىچ-تېشىغا تىنىپ كەتكەن ئىللەتلىرىنى يورۇتۇپ، مەرىپەت، دېموكراتىيە، تەرەققىيات روھىدىكى نەتىجىلىك ھەرىكىتى ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا، ھاياتىي كۈچى بار جەمئىيەت تەنقىدچى كەلسە كېرەك. ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىگە ئىشەنمەيدىغان جەمئىيەت ماختانچاق كەلسە كېرەك. ئىنقىلابچى دېگەن گەپنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى ئۆتكۈر تەنقىدچى دېگەنلىكتۇر.

سۇن جۇڭشەن جۇڭگولۇقلارنىڭ خاراكتېرى توغرىسىدا توختالغاندا، مۇنداق بىر باياننى قىستۇرۇپ ئۆتىدۇ: «مەن بىر قېتىم بىر پاراخوت كاپىتانى بىلەن گەپلىشىپ قالدىم. ئۇ دېدىكى، جۇڭگولۇق بىر ئەلچى جاناب مېنىڭ مۇشۇ پاراخوتۇمدا ماڭغانىدى. ئۇ خالىغان يەرگە تۈكۈرۈپ قىممەتلىك گىلىمىمنىمۇ بۇلغۇۋەتتى. مەن ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق بولدى، دەپ سورىدىم. ئۇ: نېمە ئامال، مەن يىپەك ياغلىقىم بىلەن گىلەمنى تازلىۋەتتىم. شۇ چاغدا ئۇ ئەلچى جاناب خىيالىغا كەلمىگەندەك قاراپ تۇردى. ئەلچى تۇرۇپ شۇنداق قىلغان يەردە، ئادەتتىكى جۇڭگولۇقلار تېخىمۇ شۇنداق. بۇنىڭدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى تەربىيىلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. («جۇڭگونىڭ مىللىتى» دېگەن كىتابقا قاراڭ).

سۇن جۇڭشەن مەنچىڭ ئىستېلاسى تۈپەيلى بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەقلى ۋە ئەخلاقى ئۇخلاپ قېلىپ، ئۆزىمىز ئەينى يىللاردا كەشىپ قىلغان كومپاستىن تۈزۈك پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، غەربلىكلەر كومپاستىن پايدىلىنىپ جاھاننى قولىغا ئالدى، دەيدۇ. سۇن جۇڭشەن بۇ يەردە جۇڭگولۇقلارنىڭ مىللىي خاراكتېرىدىكى زەئىپلىكنىڭ سەۋەبىنى مۇستەملىكە بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ. ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان لۇشۈنمۇ ئۆز قېرىندىشىنىڭ پاجىئەسىنى تاماشا قىلىپ تۇرغان جۇڭگولۇقلارنى كۆرۈپ قاتتىق ھەسرەت چەككەن ۋە قەلىمىنىڭ تىغ ئۇچىنى مىللىيەتتىكى زەئىپلىككە قاراتقانىدى. خۇشى، چېن دۇشيۇلارمۇ ئۆز دەۋرىنىڭ تەنقىد بەرباچىلىرى ئىدى.

جۇڭگو مەدەنىيەت سەركەردىلىرىنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتىدىكى مىللىيەتنىڭ نېگىزى بولغان كۇڭزى ئەقىدىسى ھەققىدىكى تەنقىدىي ئويلىنىشلىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملاشماقتا. خې شىن ئەپەندى جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ سەرخىللارنى شاللاپ تاشلايدىغان مېخانىزىمىنى تەنقىدلەپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە كۇڭزىنى شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونلىرىنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ نېگىزىگە ئايلاندۇرۇش تەشەببۇسكارى. ھازىر بۇنداق مەسلەك خېلى كۆپىيىپ قالدى.

يېقىنقى يىللاردا جياڭ رۇڭنىڭ «بۆرە توتېمى» دىگەن رومانى چىقىۋىدى، تەنقىد ۋە ئالقىش غەۋغالىرى ئىچىدە ئىنتايىن بازار تاپتى. Pankaj Mishraدېگەن بىر ئاپتور «نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە 2008-يىلى ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، بۇ كىتابنى لۇشۈن تەكىتلىگەن «مىللەت خاراكتېرىنى ئىسلاھ قىلىش» نىڭ رومانلاشتۇرۇلۇشى دەپ باھالىدى. بىراق، روماننىڭ يايلاق مىللەتلىرىنىڭ خاراكتېرىگە ئاپىرىن ئوقۇپ، زامانىۋىلىققا سەل قارايدىغان خاھىشىنى سۆككەنلەر مەملىكەت ئىچىدە كۆپ بولدى. چۈشىنىشىمىزچە، جياڭ رۇڭ مۇنداق دېمەكچى: «ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، لېكىن، يەنىلا ئاساسنىڭ ئاساسى ئەمەس. قەيسىرانە ئىلگىرلەيدىغان مىللەت خاراكتېرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن مىللەتنى يۈكسەلدۈرەلەيدىغان ئىككى قاناتقا ئىگە بولغىلى بولىدۇ ( «بۆرە توتېمى» غا قاراڭ) . جۇڭگو تارىخىدا بۆرە توتېمىغا ئىشىنىدىغان تۈرك، مۇڭغۇل خەلقلىرى مىسلى كۆرۈلمىگەن شۆھرەتلىك سەھىپىلەرنى قالدۇرۇشقان. ئۇلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، بۆرىگە خاس جاسارىتى بىلەن تارىختا سەددىچىننىڭ ئىچكىرىسىدىكى تېرىقچىلىق خەلقلىرىنى ئىستېلا قىلغان. بۇنداق بۆرە روھى كېيىنكى غەربلىكلەرنىڭ روھىدا مۇجەسسەم بولۇپ، ئۇلار ئاشۇ خىل روھنى جەۋلان قىلدۇرۇپ جاھانغا كېڭەيگەن. دېمەك، بۆرە روھى دېگەنلىك ياۋاشلىقنى نومۇس بىلىدىغان ئىسيانكار روھ. دېمەك، جياڭ رۇڭ دەۋاتقان روھ بىلەن جۇگوپىڭ دەۋاتقان روھ يەنىلا جۇڭگولۇقلارغا نۆۋەتتە جىددىي كېرەك دەپ قارالغان روھ بولۇپ، ئوخشاش يولنىڭ ئىككى ئادەمچە مېڭىلىشىدۇر، خالاس.

يىتىشسىزلىك بىر خىل ئېھتىياجنىڭ نامايەندىسى بولۇپ، ئۇ، ئىنساندىكى ئەقلىي، مەنىۋى، جىسمانىي پائالىيەتلەرگە تۈرتكە بولىدۇ. ئىنساننىڭ مەنىۋى سەۋىيىسى يۈكسەلگەنسېرى يىتىشسىزلىك ھەققىدىكى بايقاشلىرىنىڭ مەزمۇنىمۇ شۇنچە مول بولىدۇ. ياشاش ئۆلچىمىدىكى بىر ھايۋانىي ئادەم بىلەن قەھرىماننىڭ پەرقى دەل «ماڭا نېمە كېرەك، بۈگۈن نېمە كېرەك، كەلگۈسىدە نېمە كېرەك؟» دېگەن سوئاللارغا بەرگەن جاۋابنىڭ پەرقىدە كۆرۈلىدۇ. ئىت ئۆزىنىڭ رىزقىنى ئىگىسىدىن ئالىدۇ. شۇڭا، ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئىگىسىنىڭ رايى بىلەن چەكلىنىدۇ. بۆرە ئۆزى تېپىپ يەيدۇ. شۇڭا، ھۇشيارلىق بىلەن قەيسەرلىك ئۇنىڭ خاراكتېرى. ئىنسانلار ئائىلىسىدىمۇ كرىزىسنى بۇرۇن بايقىغانلار كېيىن بايقىغانلارغا ئۈلگە بوپكەلدى. غەربلىكلەر ئۆزىدە يوق نەرسىلەرنى ئەقلىي ئىختىرالارنىڭ كۈچى بىلەن يىراق يەرلەردىن ئېلىپ كەلدى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قەدىمى يەرشارىنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلىدى. بىر خەنزۇ ئاپتورنىڭ مۇنداق بىر يازمىسىنى ئىنتېر تورىدىن كۆرگەنىدىم: «ئىنگلىزلار دېڭىز ئاتلاپ بېرىپ ئامېرىكا بىلەن كانادانى قولىغا ئالدى. ئاۋسترالىيە، يېڭى زېللاندىيەلەرنىمۇ ئالدى. مانا بۈگۈن ئۇلار تەلتۆكۈس ئىنگلىز دۇنياسى بوپكەتتى. ئىنگلىز تىلىمۇ دۇنياۋى ئالاقە تىلى بوپكەتتى. ئەگەر بۇ دېڭىز يولىنى مۇسۇلمانلار ئاچقان بولسا، بۈگۈن بىزنىڭ بالىلىرىمىز مەكتەپلەردە ئىنگلىز تىلىنىڭ ئورنىغا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن بولاتتى.» ئېھتىياج ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى كەڭ دائىرىدە چۈشەنگەنسېرى شۇنچە ئاقىلانە يول بىلەن پارلاق كېلەچەكنى ئاپىرىدە قىلىدۇ. ۋەھالەنكى، ھېچ يەرنى كۆرۈپ باقمىغانلارنىڭ ئەقلى ۋە ئەخلاقى تەبىئىي ھالدا يېگىلەپ قالىدۇ.

مۇسابايۇفلار، مۇھىدىيلارمۇ تاشقى دۇنيانى چۈشەنمىگەن بولسا ئۆزىگە كېرەكلىك نەرسىلەر ھەققىدە ماھىيەتلىك تونۇشقا ئىگە بولالمىغان بولاتتى. ئەگەر ئۇلاردىن بۇرۇنقى ئەجدادلار تاشقى دۇنيانى بالدۇرراق كۆرسە، ئىلىدا قۇرۇلغان زاۋۇتلار قەشقەر، خوتەن، كورلا، قۇمۇللاردا بۇرۇنراق قۇرۇلۇپ، دەسلەپكى بىر تۈركۈم ئىشچىلار تەبىقىسى شەكىللەنگەن بولسا، دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولار ئىدى! ؟

ئويلىنىش مۇئەممالىرى ساناقسىز، لېكىن زىيالىي كۈچىمىز بەك ئاز، زىيالىيلارنى بايقاش ۋە قوللاش دىتىمىز يوق ھىسابتا.

جۇگوپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەر نۆۋەتتىكى رىقابەتلىك دۇنياغا يىتىشەلەيدىغان مىللىي خاراكتېر ھەققىدىكى كرىزىسلىك پىكىرلەرنىڭ پەقەتلا بىرىدۇر. ھازىر خەنزۇچە مەتبۇئاتلاردا بۇنداق مۇنازىرە تىپىدىكى ماقالە-ئەسەرلەر ناھايىتى كۆپ.

ئەمما، مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە، بۈگۈنكىلەرنىڭ مۇلاھىزىلىرى يەن فۇ، ۋاڭ گوۋېي دەۋرىدىكى مۇلاھىزىلەرنىڭ تىپىغا باققاندا، ئۈزۈل-كېسىل ئەمەس بولۇپ، دېگەندەك چاقىرىق كۈچىگە ئىگە بولۇپ باقمىدى. يەر شارىلىشىش بىلەن مىللىيەت تەقەززالىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بۈگۈنكى جۇڭگو زىيالىيلىرىنى گاڭگىرىتىپ قويغاندەك قىلىدۇ.

جۇگوپىڭنىڭ تەشەببۇسلىرىغا بۇ ئىلاۋىنى يېزىۋاتقىنىمدا، بەزىبىر ئىشلار ئېسىمگە كېلىپ تۇرىۋالدى. بۇمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ مۇلاھىزىسىگە خۇرۇج بوپ قالار: تەۋەيىمىزدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار بولۇپ، يىراقلاردىن كېلىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار خېلى كۆپ. ئاتا-ئانىلار ئۇلارنى ئەتىگەن-ئاخشاملاردا ماشىنا بىلەن توشۇيدۇ. ئۇلار چۈشتە ئائىلىلىرىگە قايتالمىغاچقا، قوشنىلىرىمىز ئائىلە تامىقى مۇلازىمىتى بىلەن ئۇلارنى جەلپ قىلدى. بۇ مۇلازىمەت بىر مەزگىل قاتتىق بازار تاپتى. ئۇلار چۈش ۋاقىتلىرىدا لىفىتلارغا پاتماي قالاتتى. ئۇلار بىر-بىرىنى قىستىشىپ لىفىتلارغا چىققاندا، ئۇلاردىن بۇرۇن كېلىپ لىفىتنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرغان چوڭلارنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ قويمايتتى. ۋاراڭ-چۇرۇڭلار قۇلاق-مېڭىنى يەيتتى. كارىدور ۋە زاللار ئۇلار تاشلىغان يېمەكلىك شۆپۈكلىرى بىلەن بۇلغىناتتى. شۇنىڭ بىلەن بەزى ئاھالىلەردىن پىكىر چىقتى. رەھبەرلىك قارار چىقىرىپ، ئائىلە تامىقى مۇلازىمىتىنىڭ قانۇنسىز مۇلازىمەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنى دەرھال توختىتىش لازىملىقىنى ئېيتتى. بۇ خىل مۇلازىمەتنى ئاچقانلارنىڭ بىر قىسمى مەزكۇر بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى ئىدى. قارارنىڭ كۈچى بىلەن ھېلىقى كەپسىز بالىلار ئانچە كۆزگە چېلىقىپ كەتمىدى. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن كەچقۇرۇنلىرى ئۇلارنى كۆرىدىغان بوپ قالدۇق. ئۇقساق، ئۇلار ئوقۇتقۇچىسىدىن ئائىلە تەكرارى قوبۇل قىلارمىش. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپچى بولۇش بىلەن بىرگە تىجارەتچىمۇ بوپكەتكەنىدى. بالىلار ناھايىتى شەخسىيەتچى بولۇپ، ئاممىۋى تەرتىپنى ئۇنتۇپ كەتكەنىدى. ئۇلار پەقەت ئوقۇتقۇچىسىنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلاتتى. ئەتراپتىكىلەر ھاي دېسە ئۈنۈم بەرمەيتتى. مانا بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ ئاۋانگارت مەكتەپلىرىدىكى ئادىمىيەت روھىنىڭ ياندىن كۆرۈنۈشىدۇر. ئەمەلىيەتتە مەكتەپلەردە قانۇن، تەرتىپ، نىزاملار سۆزلىنىپ تۇرىدۇ. بۇلاردا دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنىڭ روھى مۇجەسسەم. لېكىن، بۇ روھ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاس كىشىلىك خاراكتېرىدىن راۋۇرۇس ئورۇن ئالمىغان. دۆلەت بېكىتكەن بەلگىلىمىلەرگە ئەستايىدىل قارىماسلىقتەك بۇنداق ھادىسە دەل جۇڭگولۇقلارنىڭ گراژدانلىق ئېڭىنىڭ تېخىچە ئاجىزلىقىنىڭ ئالامىتى ئىدى. يەنە بىر ئىشمۇ مەزكۇر تېمىمىزغا باپ كېلىدۇ: ئامېرىكىلىق بىر قىز ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى سۈپىتىدە دىيارىمىزدىكى بىر مەكتەپتە بىر مەزگىل تۇرغانىكەن. قىز مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن مېھمان سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپتۇ. رەھبەرلىك ئۇ قىزنىڭ پاسپورتى بىلەن ئىمپورت پىكاپ سېتىۋالسا ئەرزان بولىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، «سىزنىڭ نامىڭىزدا بىر پىكاپ سېتىۋالغىمىز بار ئىدى، سىزگە كېرەك بولغاندا سىز ئىشلىتىڭ، قالغان ۋاقىتلاردا بىز ئىشلەتسەك قانداق دەيسىز» دېگەنىكەن، ئۇ قىز «يالغانچىلىق قىلساق پەرۋەردىگار كەچۈرەمدۇ؟» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. رەھبەر نېمە دېيىشنى بىلمەي تۇرۇپ قاپتۇ. ئەگەر بىز بۇ قىزنى بىر خىرىستىيان مۇخلىسى دېسەك، يۇقارقى جاۋاب ئۇ قىزنىڭ ئەقىدىسىدىن دېرەك بېرىدۇ؛ ئەگەر بىز بۇ قىزنى ئامېرىكا پۇقراسى دېسەك، ئۇ قىز ئۆز دۆلىتىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى بولغان بولىدۇ. شۇ قىز ھەققىدىكى يەنە بىر ھېكايە قىزنىڭ ئەخلاقىنى تېخىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ دەپ قارايمەن: تۆت-بەش يىگىت دەرۋازا ئالدىدا گەپلىشىپ تۇرىۋاتقاندا، يەنە شۇ قىز ئاچچىقسۇ ئېلىنغان شېشىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ، لېكىن، ئۇ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، شىشە سۇنۇپتۇ. ئاچچىقسۇ تۆكۈلۈپتۇ. قىز ئوڭايسىزلانغان ھالدا ئەتراپتىكىلەرگە «Sorry! – كەچۈرۈڭلار» دەپ كىرىپ كېتىپتۇ. ئون مىنۇتلاردىن كېيىن ئۇ قىز سۈپۈرگە ۋە ئەخلەت ئالغۇچنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، يولدىكى شىشە سۇنۇقلىرىنى پاكىز تازىلىۋېتىپتۇ. ھېلىقى تۆت-بەش يىگىتمۇ بۇ ئەھۋالدىن قاتتىق ئوڭايسىزلىنىپتۇ.

خۇددى ھېكايىدىكى پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرى ئەڭ ئۇششاق دېتاللاردا تىپىكلەشكەندەك، بىر مىللەتنىڭ خاراكتېر ساپاسىمۇ تۇرمۇشتىكى تاسادىپىي كىچىك ھادىسىدە مەركەزلىك ئەكىس ئېتىدۇ. ئەلۋەتتە، بىر ئوچۇم ئادەم بىر مىللەتكە تولۇق ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. لېكىن ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ھالىتىدىن بەلگىلىك بېشارەتلەرنى بېرەلەيدۇ. بىر مىللەت ياكى بىر دۆلەتتە ئۆزىنىڭ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرغۇسىز گۈزەل خاراكتېر بايلىقىنى گۆھەردەك ساقلاپ تۇرغان كىشىلەر تۈركۈمى ھامان بولىدۇ. مەسىلە، ئۇنىڭ كۆلىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىدە ۋە ئۇنىڭ قانچىلىك نەزەرگە ئېلىنغانلىقىدا.

گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ كارىل ياسپېرس 1960-يىللاردا ئەينى ۋاقىتتىكى گېرمانىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى تەنقىتلەپ: ئالىي مەكتەپلەر پەقەتلا پەن ئۆگىتىدۇ. ئېتىقاد، پەندىن ھالقىغان مەنىدىكى ھەقىقەتنىڭ ئورنى يوقاپ كەتتى، دېگەنىكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، غەرب ئۆزىنىڭ مەنىۋىيەت ساھەلىرىنى تەنقىد ئۈگىلىرى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ ماڭغان. تەنقىدىي روھ غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىر گېنىغا ئايلانغان.

داڭلىق دىنشۇناس Hang Kungجۇڭگودىكى دىنلار ھەققىدە توختالغاندا، شىر ئۇسسۇلى خەن دەۋرىدىن باشلاپ پەيدا بولغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنى ھەممە يەردە كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگودىكى ئەڭ دەسلەپكى شىرلار بۈگۈنكى ئىران ۋە ئافغانىستان رايونىدىكى خانلار تەرىپىدىن تارتۇقلانغان دەيدۇ. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، بۇرۇن 夕(xi)دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەخلۇق خەلققە ئاپەت سالغاندا، شىر(狮) ئۇنى ھەيدىۋەتكەنىكەن. بۇ مەخلۇق كېيىن پەيدا بولغاندا، شىر خانلارنىڭ بوسۇغىسىنى قوغداش بىلەن بوپكېتىپ، باشقىلارغا چولىسى تەگمەپتۇ. پۇقرالارمۇ ئاخىرى ئامال تېپىپتۇ. بۇلار بامبۇك ۋە لاتا-پۇرۇچلاردىن شىر ياساپ، ھېلىقى مەخلۇقنى قوغلاپتۇ.

ئەسلىدىكى شىرلارنىڭ سۈر ھەيۋىسى ئەمدى كىشىلەر ئۈچۈن بىر ئويۇنغا ئايلىنىپ كەتتى. ناۋادا يېزىقچىلىقمۇ پەقەت مۆتىۋەرلەرنىڭ گېپىنى قىلىپ، ئادەتتىكى ئاۋامنىڭ گېپىنى قىلمىسا، ئۇمۇ يېزىق ئويۇنىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇ دېگەن قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدىكى ئىش. قەلەم بىلەن مەدىكارلىق قىلىشمۇ ئەنە شۇ يېزىق ئويۇنىنىڭ بىر تىمسالى بولۇپ، بۇنىڭغا گىرىپتار بولغانلارمۇ جۇگوپىڭ ئەپەندىنىڭ تەنقىد دائىرىسىدىن نېرى بولمىسا كېرەك.

2009-يىل 5-مارت شەھىرى ئۈرۈمچى

ئاپتور شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتىدا ئەدەبىيات پروفېسسورى.

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «يوقنىڭ گىپى بولدى،ئېپى بولمىدى» - 850K :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 2 پارچە ئىنكاس بار

  • خالىد جاۋاب ↓

    مەن ئەزا بولۇپ كىرىپ ، يا خشى ئ‍ەسەرلەرنى ئ‍وقۇغۇم بار .

  • yu su p j an جاۋاب ↓

    kalimingga dart barmisun

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!