مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولۇڭ!
مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان 2 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان خەلقىمىزگە ئەڭ ياخشى بولغان بىلىم مەنبەسىنى تەمىن ئېتىش مەقسىتىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ جەرياندا خەلقىمىزنىڭ كىتابقا بولغان تەشنالىقى ۋە قىزغىنلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ «مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى» ۋە «مەنزىل بىلوگى» دىن ئىبارەت بىر نەچچە تور بەت مەيدانغا كەلدى.
چار خوراز (مەمتىمىن ھوشۇر)
كۆزۈم بىلەنغۇ كۆرمىدىم، ئاڭلىسام، يېقىندىن بېرى چەت ئەللەردە مەخسۇس خوتۇنى يوقلارغا خوتۇن، ئېرى يوقلارغا ئەر بولۇپ بېرىدىغان بىر كەسىپ روناق تاپقىلى تۇرۇپتۇدەك، ئۇلارنىڭ ئاياللىرى غۇنچە بوي، ئەرلىرى شۇنچە قاۋۇل كېلەرمىش. مەنغۇ چەت ئەلدە گالىستۇك باغلىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ يۈرگەنلەرنى كۆرۈپ تازا كۈلگەنىدىم…
ئەڭ ئاخىرقى دەرس (دائۇدېت)
بۇ ھېكايە 1873- يىلى يېزىلغان. 1871- يىلى پرۇسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى. پىرۇسىيە قوشۇنلىرى فرانسىيە زېمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، ئىلزاس، لوتارىنگىيە قاتارلىق فرانسىيەنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنىنى بېسىۋالدى. فرانسىيە خەلقى قوزغىلىپ قارشىلىق كۆرسەتتى. فرانسىيە يازغۇچىسى دائۇدېت (1840- 1897) بۇ قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشقان ھەم بۇ ھېكايىنى يازغان.
بىر پارچە خىشنىڭ سىرى – يالقۇن روزى
بۇ يىل ئاپرىلدا غۇلجا شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن بىر پارچە ئاق رەڭلىك خىشنى تاپشۇرىۋالدىم. ئادەتتىكى ئەھۋالدا بىر پارچە خىش تىلغا ئالغۇچىلىغى يوق تولىمۇ ئاددىي نەرسە، ئەمما ماڭا ئەۋەتكەن بۇ بىر پارچە ئاق خىش ئاجايىپ زور تارىخىي كەچۈرمىشلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ، مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ئاز ئۇچرايدىغان بېباھا مىراس…
يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت – ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن
سۇمۇرۇغ مېنى جاۋاھىرلار غارىغا ئېلىپ كىردى. قولۇمغا «جاھاننامە» ئەينىكىنى ئالدىم. كۆزۈمگە قىزىل يۇلغۇنلۇق يولدا مەرۋايىتتەك تىزىلىپ كېتىۋاتقان تۆگە كارۋىنى كۆرۈلدى…
- «جاھاننامە» دىن
[شېئىر] ئابدۇقادىر ئابباس تۇزتۇراق شېئىرلىرىدىن 3 پارچە
شاراقلاپ زەنجىرى سۆرەلگەن پېتى
كېلىدۇ مۇھەببەت بولۇپ يالماۋۇز.
باغلىنىپ يۈرەكلەر بولىدۇ پايخان ،
مۇھەببەت ئالدىدا قالغاندا يالغۇز.
[ھېكايە] دولان ياشلىرى – زوردۇن سابىر
پالتاخۇن ھەر ۋاقىت تامىقىدىن كېيىن مۇشۇ قوشاقنى ئېيتاتتى. سىم باياۋان، بوم باياۋان، خۇدەك باياۋان مۇقاملرىنى ئېيتقاندا ئاقۋاش، قارا كۆز، ئۇزۇن چاچ ئاسىخان موماي قىلىۋاتقان ئىشىنى توختىتىپ، زوقى بىلەن تىڭشايتتى. بەزىدە ئەگىشىپ غىڭشىپمۇ قوياتتى…
[ھېكايە] ئېھ، توپىلىق يول – زوردۇن سابىر
گۈلئايشەم قىممىتى بار ھەممىلا نېمسىنى – ياشلىقېنى، ھۆسنىنى، ئار-نومۇسىنى… پۇلغا تېگىشىشكە رازى بولدى. بۇ ئىش ئۇنىڭ غېمىنى يېگۈچىلەرنىڭ غەزىپىنى، نارازىلىقېنى قوزغىغىنى بىلەن ھاممىسىنىڭ خوشاللىقېنى، غورۇرىنى ئاشۇردى. ھاممىسى ئېقىۋاتقان ناندەك سالپىيىپ تۇرىدىغان ئىككى مەڭزىگە تېپىپ چىققان …
[ماقالە] ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن مۇئەللىم بىلەن ياپوندا بىللە بولغان ۋاقىتلار
ئابدۇشۈكۈر مۇئەللىمنى ياپونغا تەكلىپ قىلغان ئىككى پروفېسسور مەن ياپونغا كېلىشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ساياھەتتە بولغان، ھەمدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغىمۇ كېلىپ، ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، مەن ئۇلار بىلەن شۇ چاغدا تونۇشۇپ قالغان ئىدىم…
[ماقالە] يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش
دەرۋەقە، بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەسۇرلىقىنى ئارسلان، پەرۋازىنى لاچىن قىلىپ، شۆھرىتىنى ئىپاردەك تاراتقان ۋە ئەزىز ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى ئۈنچە-مارجانلىق دەريادەك نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم بارخانلىرى تەكتىگە كۆمۈپ قويۇپ، نېمىدىن ئايرىلىپ، نېمىگە دۇچ كەلگەنلىكىمىزنى ئاڭقىرالماي، مانا بەش ئەسىرنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق…