مەن ئامېرىكىغا قانداق كەلدىم
بىزدە سەئۇدىدەك پۇلنىڭ كۈچى بىلەن مىليون ئوقۇغۇچىنى ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇدەك شارائىت يوق. ئەمما بىزدە، بىز تولا قاقشايدىغان بارلىق ئوبىيكتىپ ئامىللارنى چىقىرىۋەتسەكمۇ، ئەسلى 235 مىڭ دىگەن ساننىڭ ھىچ بولمىدى دېگەندىمۇ 1000 ئەتراپىدىكى سانىنى ئىگەللەش پۇرستىمىز بار ئىدى…
مەنزىل گۇرۇپپىسىدىن تورداشلارغا ئۇقتۇرۇش
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەنزىل تورىنىڭ ئەزىزى ئىشتىراكچىلىرى، سىلەرنىڭ بىر نەچچە يىل جەريانىدا مەنزىل تورىنى ۋە مەنزىل گۇرۇپپىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر. مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە «مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى»، «مەنزىل بىلوگى» ۋە «مەنزىل ئۈندىدار سالونى» قاتارلىق ئەمگەك مېۋىلىرىنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ كەلدى.
مائارىپنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم – ئابدۇقادىر جالالىددىن
كىشلەر توڭلاتقۇ، ماشىنا ۋە ئۆي دەپ چېپىپ يۈرىدۇ، مانا بۇ دەۋرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى. لېكىن، شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار بۇنداق ماددىي نەرسىلەرنى قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى غايە ۋە ھەقىقەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى ئەركىنلىك ۋە ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. – ئېيتىشتىيىن
ئاڭدىن تاڭغا ياكى ھاڭغا – نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن
ئالدىمدا چېچىلىپ ياتقان پۇلغا قارىدىم. ئۇنىڭغا ئىنتايىن نۇرغۇن مەنە-ماھىيەت سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن مەلۇم بىر دۆلەت، مىللەت، ھاكىم كۈچىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ئىدى. دۆلەت بولۇپ، ھاكىمىيەت قۇرۇپ بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئورتاق سىياسىي نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلالىغانلار ئۆزىگە خاس…
شېئىرىيەت دېڭىزىدىكى تەنھا ئارال – ئابدۇقادىر جالالىددىن
ياپونىيىلىك مەشھۇر جامائەت ئەربابى چىتيەن دازۇ مەشھۇر ئېنگلىز تارىخچىسى ۋە پەيلاسوپى ئارنولد تويىنبىدىن: «سىز قايسى دۆلەتتە تۇغۇلۇشنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «مەن بۇددا دىنى تارالغان جۇڭگو شىنجاڭدا تۇغۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى…
بۈگۈنكى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكى ۋە ئەخمەت ئىمىن
ئىلىم-پەننىڭ 20-ئەسىردىكى تەرەققىياتى تارىختىكى پۈتكۈل تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەندەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى 20 يىللىق تەرەققىياتى ئۇنىڭ پۈتۈن بىر ئەسىرلىك تەرەققىياتىنى نەچچە قاتلىدى. بۇ گېپىمنىڭ ئاتالمىش سان ئويۇنى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق…
ھوشۇر قارىيغا ئوچۇق خەت – يالقۇن روزى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھوشۇر قارىي ئەپەندى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2-يۈرۈش قانىلىدا «كېۋەز گۈلى» ماركىلىق خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئېلانىغا چىققىنىڭىز ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇ ئېلاندا سىز ئۈستىۋېشىڭىزغا قەشقەر دېھقانلىرىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ، چاپچىپ تۇرغان ئېشەككە مىنگەن ھالدا ئارقىڭىزغا…
بىر ئادەمگە نۇرغۇن زېمىن لازىممۇ – لېف تولىستوي
لېف تولىستوي (1828-1910)، تولۇق ئىسمى لېف نىكولايېۋىچ تولىستوي. 19-ئەسىردىكى روسىيىلىك ئۇلۇغ ئەدىب.ئۇنىڭ«ئۇرۇش ۋە تېنچلىق»، «تىرىلىش»، «ئاننا كارىنىنا»، «ھاجى مۇرات»، «ئىقرارنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
قىرتاق دەرد (پوۋىست)
قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بولۇپ ئويلىنىپ قالدىم، راستىمنى ئېيتسام نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمىدىم. ئۆزۈم ئاڭلىغان ئاشۇ ھېكايىلەرنى ئەسكە ئالغىنىمدا، يۈرىكىم ئاغرىپلا قالماي، مۇھەببەت بىلەن نەپرەت گىرەلىشىپ كەتكەن روھىي دۇنيارىم ئۈنسىز تىترەيتتى. كىمگە ياش تۆكۈپ، كىمگە مەدھىيە ئوقۇشنى بىلمەيتتىم. تاللاش مېنى ھەقىقەتەن قىينايتتى…
60 ياشتا ئويلىغانلىرىم – نۇرمۇھەممەت توختى
ئون نەچچە يىل ئىلگىرى بىر يەكشەنبىدە، بازار ئارىلاپ قالدىم. كۆپ نەرسىنى كۆرگەن بولۇشۇم مۇمكىن. ئەمما دىققىتىم بەكرەك تاۋارلارنىڭ باھاسىغا مەركەزلەشتى. دىققەت قىلدىمكى، زاۋۇت-كارخانلار مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى كارتۇچكىلارغا يېزىلىپ، تاۋارلارنىڭ ئۆزىگە ئېسىپ قويۇلىدىكەن. دېھقانلار ساتقىلى ئەكىرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى يېزىپ قويۇلمايدىكەن…