ئاپتور: ئابدۇقادىر جالالىددىن
- كىشلەر توڭلاتقۇ، ماشىنا ۋە ئۆي دەپ چېپىپ يۈرىدۇ، مانا بۇ دەۋرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى. لېكىن، شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى، ئۇلار بۇنداق ماددىي نەرسىلەرنى قوغلىشىپ كەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىزدەيدىغىنى غايە ۋە ھەقىقەت بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى ئەركىنلىك ۋە ئەمىنلىككە ئېرىشىدۇ. - ئېيتىشتىيىن
بىر قانچە مەكتەپنىڭ تەكلىپى بىلەن ياش ئەۋلادلارغا نىشانسىز ۋە مەقسەتسىز ئوقۇشنىڭ خەتىرى توغرىسىدا سۆزلىگەنىدىم. سۆزلىگەنلىرىمنىڭ ئاساسىي روھىنى ئوقۇرمەنلىرىمگە تەقدىم قىلاي دېدىم. - ئاپتور
دەرستىن چۈشۈپ كېتىۋاتسام، بىر قىز ماڭا سالام قىلىپ قالدى، مەنمۇ سالىمنى ئىلىك ئالدىم. ئۇ قىز مەن ئىشلىگەن شۇ مەكتەپنىڭ تەكلىپى بىلەن دەرس ئۆتۈۋاتقانىكەن. قىزنىڭ ئېيتىشىچە، مېنىڭ بىر قىسىم يازمىلىرىم بىلەن ئوبدان تونۇش ئىكەن، شۇڭا ئازراق پاراڭلاشقۇسى بار ئىكەن. پاراڭدىن مەلۇم بولدىكى، ئۇ قىز مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ماگىستىرلىقىنى تاماملىغانىكەن. خەنزۇچە، ئىنگلىزچە تىل تەلەپلىرىگە لايىق بولۇش بىلەن بىرگە، نەتىجىسىمۇ خېلى ياخشى ئىكەن. تۈركچىنىمۇ يامان ئەمەس چۈشىنىدىكەن. بىر يىلدىن بېرى تەكلىپ بىلەن دەرس ئۆتۈپ كەپتۇ. خىزمىتى تەلەپلەرگە لايىق بولغاچقا، ئىشلەتكەن ئورۇننىڭ داۋاملىق تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكۈسى بار ئىكەن. قىز بۇ ئورۇننىڭ مۇقىم ئوقۇتقۇچىسى بولۇشنى تەلەپ قىپتۇ. لېكىن، ئىشتات يوق دېگەن جاۋابنى ئاپتۇ. دېمەك، قىزنىڭ خىزمىتىگە ئېھتىياج بار ئىكەن، ئۆزىگە ئېھتىياج يوق ئىكەن. مەن ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا شۇنى بايقىدىمكى، قىز خىزمەت ۋە ئۆگىنىشكە نىسبەتەن ئاكتىپ ئىكەن، خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىپتۇ، يەنە داۋاملىق ئۆگەنگۈسى بار ئىكەن. جان بېقىپلا توختاپ قالماي، جەمئىيەت ئۈچۈن ئاز-تولا ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدىكەن. قىز خىزمەت ئىزدەپ جىق ئورۇنغا قاتراپ بېقىپتۇ، نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپتۇ. قىز سۆھبەت داۋامىدا ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى. مەن جىم تۇردۇم. قىزلار ئادەتتە روھىي گادىرماچلارنى يىغلاپ تۇرۇپ ئېرىغدايدۇ. لېكىن، ئويلاندىم، قىزنىڭ گەپ-سۆزىدە بىر نەرسە ئۆگەنگەن ئادەمگە خاس سالاھىيەت بار، پاراسەت بار، ھاياتىي كۈچ بار، مېنىڭ خىزمەت مۇھىتىمدىكى، ياكى مەن ئۇچراتقان باشقا خىزمەت مۇھىتىدىكى كىشىلەر بىلەن باراۋەر ساپا بار، بەزى تەرەپلەردە ئۇلاردىن ئۈستۈن. جەمئىيەتتە ئۇنچىلىك ئوقۇغان ئادەملەرمۇ ئاز، لېكىن، ئۇنىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىدىغان خېرىدار يوق. قىز خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا ئۆزىنىڭ تەبىئىتى كۆتۈرمەيدىغان تەلەپلەرگە يولۇقۇپتۇ، بۇنىڭدىن خورلۇق ھېس قىپتۇ.
- ھېچقىسى يوق، – دېدىم ئۇ قىزغا، – ئېزىتقۇلارنىڭ قايمۇقتۇرۇشىغا يەم بوپكەتمىسىڭىزلا ھېچقىسى يوق. بىر قىزنىڭ كۈچى يەنىلا ئۇنىڭ قىزلىق غۇرۇرى ئۈستىگە قۇرۇلغان گۈزەللىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتىدە بولىدۇ. ئۆزىڭىز ساغلام ئىكەنسىز، ئايال ۋە ئانا بولغۇدەك سالاھىيەت سىزدە بار ئىكەن. سىزگە ئەر ۋە پەرزەنتلىرىڭىزگە ئاتا بولالىغۇدەك ئادەم ھامان تېپىلىدۇ. بىر قىز ئۈچۈن بۇ بەك مۇھىم.
- مەن ئاللىبۇرۇن ئۇ خىل ئائىلىنىڭ ئىگىسى، – دېدى قىز، – رولۇمنى ئائىلىدە ھەم جەمئىيەتتە تەڭ ئۆتىسەم دەيمەن.
- ئەسلىدە، بىر ئايالنىڭ ئائىلدىكى ۋەزىپىسىنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى ئورۇندالغان ئەھۋال ئاستىدا كاتتا خىزمەت ئىدى. شۇنداقتىمۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن ئىشلەشنى ئويلاپسىز، غەيرەتلىك ئىكەنسىز.
بۇ، جەمئىيەتتە مەن يولۇقتۇرغان نۇرغۇن مىسالنىڭ بىرى، ئەلۋەتتە. مەسىلىلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ، تىپىمۇ كۆپ. ئوقۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى چۆرىدىگەن نۇرغۇن توقۇناققا نىسبەتەن يۇقىرىقى ئەمەلىيەت نورمال بىر مىسال بولالايدۇ.
بىر ھېسابتا قىزنىڭ چوقۇم ئىز ئىزدەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىراق، بۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە ھامىيلىق قىلالايدىغان بىر تىرەكنى شەرت قىلىدۇ. يەنە بىر ھېسابتا قىزنىڭ بىلىمىدىن پايدىلىنىدىغان بىر ئىجتىمائىي قۇرۇلما بولۇشى كېرەككى، بۇ قۇرۇلمىدا مەلۇم بىر ھوقۇق گۇرۇھى مونوپوللۇقىنىڭ ئورنىنى قانۇن ۋە پۇرسەت ئالدىدا باراۋەرلىك ئىگىلىگەن بولۇشى كېرەك.
«سۇمۇرغ ئازنىسى» ژۇرنىلىنىڭ يېقىنقى بىر سانىدىن كۆرۈشىمچە، 2003-يىلى 24-ئۆكتەبىردە ۋېن جياباۋ زۇڭلى چۇڭچىڭدىكى سەنشىيا سۇ ئامبىرى كۆچمەنلەر رايونىغا زىيارەت قىلىپ بېرىپتۇ. بىر ئايال كەنت كادىرلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي: «زۇڭلى، سىزگە دەيدىغان بىر گەپ بار ئىدى» دەپ توۋلاپتۇ. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئېرى سىرتتا ئىشلەپ، 2000 يۈەن ئەتراپىدىكى ئىش ھەققىنى ئالالماي، بىر يىل ئۈچ ئاي مابەينىدە دەۋا قىلىپ ئاقتۇرالماي كەلگەنىكەن. نەتىجىدە، ئىش ھەققى شۇ كۈنى ئاخشىمىلا ئايالنىڭ قولىغا تېگىپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئاڭلىغان بىر توپ دېھقان ھېلىقى ئايالنى ئىزدەپ، ئالالمىغان پۇلىنى ئېلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. ئايال: «مەندە ئۇنداق كۈچ يوق، پۇلۇمنى زۇڭلى ئېلىپ بەردى» دەپتۇ. بىر دېھقاننىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق قاتراپ سورالمىغان دەۋاسى، زۇڭلىنىڭ بىر ئېغىز گېپى بىلەن ھەل بولغان. مانا بۇ خاتا ھالدا يامراپ كەتكەن قانۇن بىلەن ھوقۇقنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى ھوقۇقنىڭ رولى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ تەكىتلىگەن «قەدىر-قىممەت» قانداق بولغاندا تولۇق ئەمەلگە ئاشىدۇ؟ بۇ يەنىلا جۇڭگودىكى كۆپ ساندىكى ئاممىنىڭ ساداسى.
بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش بىزنىڭ ھازىرقى تېمىمىز ئەمەس، لېكىن، ئادەمدىكى قەدىر-قىممەت مەسىلىسى بىرلا قانۇن ساھەسىگە ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ بارلىق چوڭ-كىچىك ساھەسىگە بېرىپ تۇتىشىدۇ. ئەمما قەدىر-قىممەت تۇيغۇسى ئالدى بىلەن شەخسنىڭ ئۆزىدە بولۇشى، شەخستە ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قوغدايدىغان ئاڭ بولۇشى، قەدىر-قىممەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان جاسارەت بولۇشى كېرەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەخسنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قوغدايدىغان قانۇنىي يوللار ھەر ۋاقىت ئوچۇق بولۇشى، ئايرىم ھوقۇق سەرخىللىرىنىڭ كونترولىدىن قۇتۇلغان بولۇشى كېرەك. قانۇن بەرگەن قەدىر-قىممەت ھەر بىر شەخسنىڭ ئاڭلىق پائالىيىتى دەرىجىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلماي، قانداقتۇر مەلۇم كىشىلەرنىڭ «دىيانىتى» گە بېقىندۇرۇپ قويۇلسا، جەمئىيەت قەدىر-قىممەت ۋە قابىلىيەتنىڭ دەپنىگاھىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي مەنزىرىگە تەبىئىي بىر كۆنۈكۈش بىلەن قاراپ تۇرۇشى نەدىن كەلگەن؟ ئەلۋەتتە، مەدەنىيەتتىن كەلگەن دېمەي تۇرالمايمىز.
ئادەتتە، ھەر يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدە ھەممىمىز ئوخشاش پاتىپاراق بوپكېتىمىز، مەن ئىمتىھان نەتىجىسى تېخى ئېنىق بولمىغان بىر تۈركۈم بالىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش مەسلىھەتچىسى بوپقالىمەن. يۇرتداشلار، ئۇرۇق-تۇغقانلار، تونۇشلار، دوست-بۇرادەرلەر تەرەپ-تەرەپتىن كېلىشىدۇ، تەكرار داستىخانلار زورمۇ-زور سېلىنىدۇ. پىرىنسىپ پىرىنسىپ بولمىغاچقا، ئارزۇسى ياكى نەتىجىسى ئۇدۇل كەلمىگەن پەرزەنتلەرنىڭ يۈز خاتىرە، ئادەمگەرچىلىك، مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىنىڭ قىڭغىر يوللىرى ھاۋالە قىلىنىدۇ. جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم:
- ئۇنى-بۇنى يېزىپ، جامائەتكە يۈزلەندۈرۈپ تۇرغاچقا، بەزىلەر مېنى ئاز-تولا ھۆرمەت قىلىدۇ. لېكىن مەن ئەمەلىي ھۆرمەتنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بەك بولسا بىر قېتىملىق داستىخانغا ئەرزىيمەن. مەن نان قايغۇسىدىكى ئادەملەرگە گەپ بېرەلىدىم، نەپ بېرەلمىدىم. ئىشخانىلاردىكى ئورۇندۇق ساھىبلىرىغا ھېچقانداق ئەمەلىي پايدا بەرگىنىم يوق. شۇڭا، كىشىلەر گەپ بىلەن يۈزۈمنى قىلىدۇ. مېنىڭ يۈزۈم بىرەر ئادەمنى بىرەر ئورۇنغا تىقىشقا يەتمەيدۇ. سىلەرگە قىلىپ بەرگۈدەك بۇغداي سۆزۈم بار، لېكىن بۇغداي نېنىم يوق. شۇڭا مەندىن قورسىقىڭلار تويمايدۇ.
كىشىلەرنىڭ ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى ئۇنتۇشقان ھالدا بوسۇقلاردا قاتراپ يۈرۈشى، بۇ يەردىكى پۇقرالىقنىڭ تۈزۈك تەربىيە ئاساسى ۋە تۈزۈم كاپالىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. كىشىلەرنىڭ پىرىنسىپ ياكى قائىدە-تۈزۈمدىن چەتنىگەن غەيرىي يوللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى، يۈز ۋە ئادەمگەرچىلىكنى دەستەك قىلىشنى يوللۇق بىلىشتەك غەيرىي قانۇنىي ئىجتىمائىي سىستېمىنى ئەسلىتىپ قويدى.
مائاشلىق بولۇش كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ خاتىرجەم، بىخەتەر يولى بوپكەلدى. بۇ يەنىلا ئۇزۇن داۋام قىلىپ كەلگەن رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى ئىنكاسى. پۈتكۈل ئەقىدىسى، زېھنى، جىسمانىي كۈچى، ۋاقتى، ئادىمىيلىك مىزانى قاتارلىقلارنى مائاشقا بەخشەندە قىلىۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بايلىق ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ ماددىي مۇنقەرزلىكنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش سىزىقىغا دەسسىمەي كېلىشى، ئۇلارنى مەۋجۇت تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكىدىن بىخەتەر پايدىلانغان تەلەيلىكلەر قاتارىدا كۆرسەتتى. ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئىگىلىك تىكلەش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى يۆلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش تەشەببۇسلىرى دائىم ياڭراپ تۇرسىمۇ، كىشىلەر يەنىلا ھۆكۈمەتنىڭ مائاش دەپتىرىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئەڭ قىينالماي ياشاش ئۇسۇلى دەپ قاراشتى. ئىمتىھان ئەنە شۇ «ئىمتىياز»غا ئېرىشىشىنىڭ بىردىنبىر پۇرسىتى بوپقالدى.
بىر ئادەمنىڭ تەقدىرى ئاشۇ بىر قېتىملىق ئىمتىھاندىن ئۆتۈشكە باغلىق بوپقالدى. بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەلىم-تەربىيىدىكى نەتىجىسى قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى بىلەن ئۆلچەندى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، مائارىپ مەسئۇللىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەرنىڭ سانىدىكى كۆپلۈككە بولغان مەسئۇلىيەت بولۇپ، گويا توخۇ فېرمىسىنىڭ خوجايىنى چۈجىلەرنى ئەڭ تېز ۋە ئەڭ كۆپ ئەي قىلسا جىق نەپكە ئېرىشكەندەك بىر ھالەتنى يادىمىزغا سالىدۇ. مائارىپ ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، نان ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە بالىلىرىغا ئىمكانقەدەر يۇمشاق نان يەيدىغان پۇرسەتنى كەلتۈرۈپ بېرىش، ھېچبولمىغاندا، قاتتىق-قۇرۇق ناننى قولغا كەلتۈرۈش تىرىشچانلىقىدىن باشقا بەرسە ئەمەس بوپقالدى. بالىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، جەمئىيەت ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىپ، ئەنە شۇ ئىرادىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ «ياخشى» بولۇشتىن ئىبارەت بوپقالدى. مانا بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا سۇيىئىستېمالچىلىق (پايدىلىنىش ۋە نەپ ئېلىش) مائارىپى بولۇپ، سۇيىئىستېمالچىلىقنىڭ ئىنتايىن چاكىنا بىر تۈرى ھېسابلىنىشقا تېگىشلىك. بۇنىڭدا ھېچقانداق ئالىيجاناب مەقسەت يوق، تۈزۈك غايىۋى مەزمۇن يوق، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەت يوق، پەقەت جان بېقىشقا بولغان ئەسەبىي يېپىشقاقلىق روھىي ھالىتى بار. بەزىلەر بۇ مائارىپنى «ئىمتىھان مائارىپى» دېدى. بۇ قەدەر سىپايە تۈسىگە ئىگە سۈپەت بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، خېلى كۆپ ساندىكى ئاۋام ئۈچۈن جان بېقىش مائارىپى بوپقالغان. بەزىلەرنىڭ «جان بېقىش ياخشى»، «جان بېقىش سۈپەت»، «جان بېقىش مۇۋەپپەقىيەت»، «جان بېقىش مەسئۇلىيەت» دېيىشى، كونكرېت شارائىتتىكى تەخىرسىزلىك ۋە رېئاللىقنى چىقىش قىلغان. بىر قارىسا ئۇ، مائارىپنىڭ مەقسىتىنى چاكىنىلاشتۇرۇش بولۇپ كۆرۈنىدۇ، بىر قارىسا ئۇ، مائارىپنىڭ مەقسىتىدىكى يەرلىك ئەمەلىيلىك بولۇپ كۆرۈنىدۇ. چۈنكى، جان بېقىش ئالىيجاناب تۆھپە يارىتىشتىن مۇھىم. جان بېقىش تەقەززاسىدىن ھالقىغاندىلا نوبېل مۇكاپاتى ئېلىشنى ئويلىغىلى بولىدۇ.
ھازىرغا قەدەر سەردانە ئوقۇغۇچى (一流学生) نېمە بىلەن ئۆلچەندى؟ ئەمەلىيەتتىن ئالغاندا، سەردانە ئىمتىھان بەرگۈچى سەردانە ئوقۇغۇچى بولۇپ ھېسابلاندى. بۇلار مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئۈستۈنلۈكىنى نامايان قىلىشتىكى كوزىرى بولدى، ئۇلار ھەر خىل ئېتىبار ۋە بەھرىمەنلىككە ئېرىشتى، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نەزىرىگە ئېلىندى. كىشىلەر نەزەرىيە جەھەتتىن سەردانە ئوقۇغۇچىنى نوقۇل پەن ۋە ئىمتىھان نەتىجىسى بىلەن ئۆلچەپ قويماسلىقىنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ تەشەببۇسقا ئەمەل قىلىنمىدى.
«ئامېرىكىدىكى ساپا مائارىپى»، «ئامېرىكىدىكى ئويۇن مائارىپى»، «ئامېرىكىدىكى تىرىكچىلىك مائارىپى»، «ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» دېگەندەك كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، مائارىپشۇناس خۇاڭ چۈەنيۈ (黄全愈) ئەپەندى خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئەليۇلئەلالارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى تاللىماي قويغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەليۇلئەلالارنىڭ چوقۇم سۈپەتلىك ئوقۇغۇچى بوپكېتىشى ناتايىن ئىكەن. خۇاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، سەردانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە سەردانە ئوقۇغۇچىلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما، سەردانە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سەردانە ئوقۇغۇچى بوپكېتىشى ناتايىن.
خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىدىن باشقا، بىر قانچە نۇقتا بويىچە ئېلىپ بارىدىكەن:
بىرى، مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خۇسۇسىي ئەھۋالى، ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش ئەھۋالى، ئائىلە ئەھۋالى قاتارلىقلار.
يەنە بىرى، دەرستىن سىرتقى ئەھۋال. بۇنىڭ دائىرىسى:
1. ئىلمىي پائالىيەت: ئىلمىي ۋەكىللەر ئەترىتى، ماتېماتىكا ئەترىتى، مۇنازىرە ئەترىتى، ھەر خىل ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئەترىتى، تەتقىقات ئەترىتى، ماقالە يېزىش كۇرژۇكى، ئىختىرا كۇرژۈكى… قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشقانمۇ-يوق؟
بۇ ئارقىلىق ئۆگىنىش قۇرتلىرى ئايرىپ چىقىلىدىكەن. دەرس بىلەنلا بولۇپ، قالغان ئىشلار بىلەن كارى يوقلار «كىچىك قۇرت» ھېسابلىنىدىكەن. دەرس بىلەن كارى بولماي، ھە دېسىلا پائالىيەت بىلەن بوپكەتكەنلەر «چوڭ قۇرت» ھېسابلىنىدىكەن. ھەر ئىككى «قۇرت» تاللىنىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدىكەن.
2. دەرستىن سىرتقى پائالىيەت: بۇنىڭدا ھەر خىل تەنتەربىيە پائالىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدىكەن؛ بۇ جەھەتتىكى ئاكتىپلار ئالاھىدە نەزەرگە ئېلىنىدىكەن.
3. ئىجتىمائىي پائالىيەت: ئەدەبىيات-سەنئەت، ساخاۋەت، پىدائىيلىق كەبىي ھەر خىل پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسىمۇ-ئەمەسمۇ؟
4. ئىشلەش تەجرىبىسى: جەمئىيەتتە بىكار ۋاقىتلىرىدا ئىشلەپ ئاز-تولا پۇل توپلاپ ئۆزىنىڭ بىر قىسىم خىراجىتىنى قامدىيالىغانمۇ-يوق؟ بۇ يەردىكى ئىش ھەقسىز بولغان بولسا نەزەرگە ئېلىنمايدىكەن.
خارۋاردنىڭ يۇقىرىقىدىن باشقا كۆزىتىش جەدۋەللىرىمۇ بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدىن ئوبيېكتىپ ئىگىلەشكە، ھەقىقىي ياخشى ئوقۇغۇچىنى تاللاپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتى نامرات ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدىكەن. ھاللىق ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچى بىلەن نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئوقۇغۇچىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى باراۋەر كېپقالغان شەرت ئاستىدا، نامرات ئائىلىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچى ئالدى بىلەن تاللىنىدىكەن. چۈنكى، نامرات شارائىتتا تۇرۇپ ياخشى نەتىجە قازانغان بالىلاردىكى يوشۇرۇن ئىقتىدار تېخىمۇ زور بولىدىكەن.
زادى ئىمتىھان بىر ئادەمنىڭ ئىقتىدارىغا مۇتلەق دىئاگنوز قويالامدۇ؟ ئىمتىھان سوئالىنى چىقارغانلارنىڭ پاراسەت ئۆلچىمى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق قىلسا ئەقىلگە مۇۋاپىق بولامدۇ؟ ئىمتىھاننىڭ مەقسىتى ئادەم تەربىيىلەشمۇ ياكى ئادەم شاللاشمۇ؟ خۇاڭ چۈەنيۇ ئەپەندى جۇڭگودىكى ئىمتىھانلار بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىمتىھانلارنى سېلىشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«جۇڭگو مەكتەپلىرىنىڭ ئىمتىھان ئېلىشىدىكى مەقسىتى مەسىلە بايقاپ ئادەم شاللاش، ئامېرىكا مەكتەپلىرىدىكى ئىمتىھاننىڭ مەقسىتى مەسىلە بايقاپ، مەسىلىلەرنى ئۆزگەرتىش». ( «ئامېرىكىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2003) خۇاڭ ئەپەندى جۇڭگو مائارىپىدىكى ئىمتىھانلارنى مۇنداق بىر ھېكايە ئارقىلىق ئوبرازلىق سۈرەتلەيدۇ:
پادىشاھ ئوردىغا ساھىبجامال تاللىماقچى بوپتۇ. بىر ئائىلىنىڭ بەش قىزى بولۇپ، ھەممىسىنىڭ ئوردىغا تاللىنىپ كىرگۈسى بار ئىكەن. لېكىن بىر ئائىلىدىن پەقەت بىرلا نامزات تاللىنىشى كېرەك ئىكەن.
قىزلارنىڭ ئاتا-ئانىسى مەسلىھەتلىشىپ، بەش قىزىغا ئادىل-باراۋەر پۇرسەت بەرمەكچى بوپتۇ ۋە قىزلىرىغا ئوخشاشلا ئۈچ يىل تەييارلىق ۋاقتى ۋە مىڭ تەڭگىدىن پۇل بېرىپتۇ. ئاندىن قىزلارنىڭ ھامما ۋە يەڭگىلىرىدىن ساھىبجامال تاللاش كومىسسىيەسى قۇرۇلۇپتۇ. ئىمتىھاننىڭ ئادىل بولۇشى ئۈچۈن بېرىلگەن نومۇرنى نەق مەيداندا ئاشكارا كۆرسىتىشنى بېكىتىپتۇ. كىمنىڭ نومۇرى يۇقىرى بولسا، شۇ ئوردىنىڭ ساھىبجامال تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشسا بولىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بەش قىز ھامما ۋە يەڭگىلىرىنىڭ تەقلىد قىلىپ پۇتىنى كىچىك قىلىپ بوغۇپتۇ، يەنە بىر ئىككىنچى ھاممىسىنى دوراپ بېلىنى قورۇپتۇ. بىرى قاش چەكسە، يەنە بىرى كۆكسىنى يوغىنىتىپتۇ، يەنە بىرى بولسا ئامېرىكىدىن كىرگۈزۈلگەن لازېر نۇرلۇق ماشىنىدا قوش قاپاق قىلدۇرۇپتۇ.
ئاخىرىدا، ئۈچىنچى قىز غەلىبە قىپتۇ. چۈنكى، ئۇ ھامما ۋە يەڭگىلىرىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئوبرازىنى ئۆزىدە شۇنداق مۇجەسسەم قىپتۇكى، ھەتتا ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇ قىزىنى تونىيالماي قاپتۇ. قىزدا كىچىك پۇت، ئىنچىكە بەل، تولغان مەيدە، قەلەمقاش، بىراق، لازېر نۇرلۇق ئاپپارات قاپاقنى بۇزۇپ قويغانىكەن.
بۇغۇ بىر ئويدۇرما ھېكايە، ئەمما ئۇنىڭدا ئىمتىھاننىڭ ماھىيىتىگە ياتىدىغان چىنلىق بار. مۇشۇ چىنلىق مەزكۇر ھېكايىنى جەلىپكارلىققا ئىگە قىلغان. بۇ يەردىكى «ئادىل» ئىمتىھان نېمىنى تەلەپ قىلغان؟
ئادەم ئىمتىھاننى دەپ ئۆزىگە ئۆزى ئوخشىماي قالغان، ئۆز قابىلىيىتىنى يوشۇرۇپ دورامچى بوپقالغان ۋە دورامچى (تەقلىدچى) بولغانسېرى ئىمتىھاندىن ئۆتكەن. بۇ ھېكايە كۆز ئالدىمدىكى كۆپلىگەن ئەدەبىيات ئاسپىرانتىنى ئېسىمگە سالىدۇ: ئۇلار ئىنگلىزچە، خەنزۇچە ۋە كەسپىي ئىمتىھانلاردىن ئۆتكەن، لېكىن ئەدەبىياتنى سۆيىدىغان ئادەمگە ئوخشىمايدۇ. يۈرىكى بىلەن ئەدەبىيات ئىككى يەردە.
ھەر قانداق مائارىپ تۈزۈلمىسىدە ئىمتىھان بىر ۋاستە، ھەرگىزمۇ مەقسەت ئەمەس. لېكىن ئىمتىھان بىزدە مائارىپ ۋە مەمۇرىيەت بيۇروكراتلىرىنىڭ ئادەم باشقۇرۇشتىكى سېھىربازلىقىغا ئوخشاپ قالدى. مەلۇم مەنىدە، ئىمتىھان نەپسانىيەتنىڭ سىپايە يېيىلغان تورىغا بەكرەك ئوخشاپ قالدى. تۈرلۈك ئايىغى چىقماس تەلەپلەرنىڭ بېسىمىدا نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئۈن-تىنسىز ماسلىشىش، ھەرىكەت ۋە پىكىرىدىكى ئىجادىيلىق، خاسلىقتىن ۋاز كېچىشنى ئاقىلانە يول سۈپىتىدە تاللىۋالدى. مۇستەقىل پىكىر ئاۋارىچىلىك ئېلىپ كەلسە ۋە بۇ ئاۋارىچىلىكنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن ئۈمىد ئۈزۈلسە، جىم تۇرۇش ئادەمنىڭ مېڭىسىدىن تارتىپ يۈرىكىگىچە ھەممە نېمىسىنى چىرىتىۋېتىدۇ.
ئەنگلىيەلىك ماتېماتىك ۋە پەيلاسوف ۋايتىخد (A.N.Whitehead) «مائارىپ بىلىمنى قانداق ئىشلىتىشنى ئۆگىتىش سەنئىتىدۇر» دەيدۇ. ئېينىشتىيىن: «مەكتەپلەرنىڭ مەقسىتى مۇستەقىل پائالىيەت قىلالايدىغان ۋە مۇستەقىل ئويلىيالايدىغان ئادەملەرنى تەربىيەلەش» دەيدۇ. بىلىم ۋە ئىجادىيەت جەھەتتە بىزگە ئۈلگە بولالايدىغان يۇقىرىقى ئىككى ئالىمنىڭ سۆزلىرىدىن مۇنداق بىر پىكىرنى قۇراشتۇرالايمىز:
نوقۇل تەييار بىلىمنى ئۆگىتىپ، ئىشلىتىشنى ئۆگەتمىگەن مائارىپ بىلىمدىن ئىبارەت سۈپىتى چىرايلىق نەرسە ئارقىلىق تەپەككۇرنى كىشەنلەيدۇ. ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ بىلىمىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلماسلىق كىشىنى دۆتلەشتۈرىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇقى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى قولدىن بېرىش بەدىلىگە باشقىلاردىن ئۆگىنىش ساق چىشنى قومۇرۇۋېتىپ، ئالتۇن چىش سالغاندەك بىر ئىش. شۇڭا، يېڭى ئۆگەنگەن بىلىملەر شەخسنىڭ خاسلىقى، ئەجدادلار ياراتقان بىلىملەر بىلەن بىردەك بولۇشى، ئىنساننىڭ غۇرۇر-ئىززىتىنى شەرت قىلغان ئەركىن تاللاش ۋە بەخت قارىشىغا زىت بولماسلىقى كېرەك.
ئامېرىكا مائارىپ روھىنىڭ پېشۋالىرىدىن بىرى جن دېۋېي (John Dewey) مۇنداق بىر گەپنى قىلغان: «بىر ئادەمنىڭ دۆت، ھاماقەت ۋە كەم ئەقىل بوپقېلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ ئادەم ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتى ۋە كېيىنكى نەتىجىسىنى بىلمىگەن». «زورلاپ تېڭىلغان مەقسەتنىڭ چاتىقى چوڭقۇر سەۋەبلەرگە ئىگە، – دەيدۇ دېۋېي يەنە بىر يەردە، – ئوقۇتقۇچى مەقسەتنى يۇقىرىدىن قوبۇل قىلىدۇ، يۇقىرى بۇ مەقسەتنى ئۆزىدىن يۇقىرى ئورگاندىن قوبۇل قىلغان. ئوقۇتقۇچى ئۇ مەقسەتنى ئوقۇغۇچىلارغا تاڭىدۇ. نەتىجىدە، ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ پاراسىتى تورمۇزلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچى مۇپەتتىشلەر، دەرسلىك كىتاب، مېتود ۋە ئالدىنئالا بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرىنىڭ چەكلىمىسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەسى ۋە دەرسلىك بىلەن باغلاشقا ئامالسىز قالىدۇ». (دېۋېي: «دېموكراتىيە، تەجرىبە، مائارىپ»، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 2009)
تۇرمۇشتىكى خوجايىنلىقنىڭ بىر شەرتى، بىر ئادەم ئۆز ھەرىكىتىنىڭ مەقسىتىنى ئۆزى بەلگىلىشى كېرەك، ئاندىن ئۇ ئادەم شۇ مەقسەت يولىدا ئاكتىپ ۋە قىزغىن بولىدۇ. مائارىپتىن ئىبارەت ئىستىقبال ئىشىدا مەقسەتنى بەلگىلەش تېخىمۇ ئەمەلىي ۋە ئاقىلانە بولۇشى كېرەك بولىدۇ. مەقسىتىنى ئۆزى بېكىتەلمىگەن مائارىپ تۇيۇق يوغا ماڭغان مائارىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇشىدىكى مەقسىتىنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچى گالۋاڭ ئوقۇغۇچى، ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇشتىكى مەقسىتىنى چۈشەنمىگەن ئوقۇتقۇچى كىتاب قالاپ ئۇماچ ئەتكەن قورساق بەندىسىدۇر.
ئارىدا مەن ئۈرۈمچى شەھىرى 23-ئوتتۇرا مەكتەپ مۇدىرىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلەپ قالدىم ۋە نۇتۇقىمنى مۇنداق بىر ھېكايىدىن باشلىدىم:
بىر ئامېرىكىلىق، بىر فىرانسىيەلىك ۋە بىر يەھۇدىي ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىگە تاشلىنىپتۇ.
تۈرمە دائىرىلىرى بۇ ئۈچ جىنايەتچىگە: «ھەر بىرىڭلارنىڭ بىردىن تەلىپىڭلارنى قاندۇرۇشقا بولىدۇ» دەپتۇ. ئامېرىكىلىق تاماكىغا ئامراق ئىكەن، تاماكا تەلەپ قىپتۇ، ئۇنىڭغا ئۈچ يەشىك تاماكا بېرىلىپتۇ. فىرانسىيەلىك رومانتىك بولغاچقا، چىرايلىق بىر ئايالنىڭ ھەمراھ بولۇشىنى تەلەپ قىپتۇ. يەھۇدىي بولسا تېلېفون تەلەپ قىپتۇ.
ئۈچ يىلدىن كېيىن ئامېرىكىلىق تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ تاماكىسىنى چىشلەپ تۇرۇپ «چاقماق، چاقماق!» دەپ توۋلاپتۇ. ئەسلىدە ئۇ چاقمىقىنى ئۇنتۇپ قالغانىكەن.
كەينىدىن فىرانسىيەلىك تۈرمىدىن چىقىپتۇ، ئۇنىڭ قۇچىقىدا بىر بالا، گۈزەل ئايالىنىڭ قولىدا بىر بالا بولۇپ، ئايالى ئۈچىنچى بالىغا قورساق كۆتۈرۈپ بولغانىكەن. فىرانسىيەلىك ئۈچ بالىنى چوڭ قىلىشنىڭ غېمىنى يېيىشكە باشلاپتۇ.
ئاخىرىدا يەھۇدىي تۈرمىدىن چىقىپتۇ. ئۇ، تۈرمە باشلىقىنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ: «تېلېفون بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. ئۈچ يىلدىن بېرى سىرت بىلەن ئالاقەم ئۈزۈلۈپ قالمىغاچقا، تىجارىتىممۇ توختاپ قالمىدى، پايدام 200% ئۆستى. سىز ماڭا ئالىي پىكاپتىن بىرنى تەقدىم قىلغان بولدىڭىز.»
ھېكايە ئەنە شۇنداق ئاخىرلىشىدۇ. مەن ئوقۇغۇچىلاردىن: «سىلەرچە كىم توغرا قىلغان؟» دەپ سورىدىم.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يەھۇدىنىڭ قىلغىنىنى توغرا دېدى.
مەن ئېيتتىمكى، بۇ بىر قىممەت قاراش مەسىلىسى. ھەر قانداق بىر قىممەت قاراشنىڭ چوڭقۇر ئىجتىمائىي يىلتىزى بولىدۇ. ئامېرىكىلىق پاراۋان جەمئىيەتنىڭ پۇقراسى بولغاچقا، ھاياتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئارتۇق تەشۋىشتە بولمىغان، شۇڭا، بۈگۈننى چوڭ بىلگەن. فىرانسىيەلىكمۇ شۇنداق، ئۇمۇ ئۆز خاھىشى بويىچە تاللىغان.
مەن بالىلاردىن سورىدىم: «پەرزەنتلىك بولۇش فىرانسىيەلىكنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟» بالىلار فىرانسىيەلىكنىڭ نەتىجىسنىمۇ ئېتىراپ قىلدى. يەھۇدىي ئۇزۇن يىللىق ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىدە سودىغا تايانمىسا بولمايدىغان بولغان. مەن بالىلارغا ئېيتتىمكى، ئۆمۈردىكى نەتىجە قازىنىشنىڭ ئۆلچىمى سان-ساناقسىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىراۋنىڭ ئۆلچىمى يەنە بىرسىگە ئۆلچەم بولالمايدۇ، مۇۋەپپەقىيەتتە ھۆكۈمران ئۆلچەم يوق. مۇبادا بىرىڭلار ئالىم، بىرىڭلار ئادۋوكات، بىرىڭلار دېھقان، بىرىڭلار ھۈنەرۋەن، بىرىڭلار كارخانىچى بولىمەن؛ بىرىڭلار بىر ياخشى ئائىلە ئايالى بولىمەن دېسەڭلارمۇ پىكرىم يوق. بۇلارنىڭ ھەممىسى غايە، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ھالال ياشىغىلى بولىدۇ. مەن پەقەت بىر نەرسىگە قوشۇلمايمەن: ئەقلىڭلار ۋە تېنىڭلار ساق تۇرۇپ خەقتىن تىلەپ يېيىش ۋە ئۇلارنىڭ قولىغا قاراشلىق بوپقېلىش.
ئارىدا بىر قىز ئوقۇغۇچى قول كۆتۈردى، سۆزلىشىگە ئىجازەت بەردىم.
- كەلگۈسىدە بىر خۇسۇسىي ئالىي مەكتەپ ئاچقۇم بار، سىزنىڭچە قانداق بولار؟
- سىز ئۆزىڭىز دىلغۇل بولمىسىڭىزلا، كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.- دېدىم مەن.
بىر ئوغۇل بالا قول كۆتۈردى:
- مەن سىياسىيون بولالامدىم؟
- سىياسىيون سىياسىيون بولۇشنى باشقىلاردىن سوراپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ئۆز غايىسى ۋە ئىرادىسى بويىچە كىشىلەرنى ئېتىراپ قىلدۇرىدۇ.
يەنە بىر قىز ئوقۇغۇچى قول كۆتۈردى:
- سىزنىڭچە، ئائىلە ئايالى بولۇش يارامسىزلىقمۇ؟
- ئېرىگە ئانىدەك مېھرىبان، پەرزەنتلىرىگە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىدەك مەسئۇلىيەتچان ئائىلە ئايالى بولۇش شۇ قەدەر شەرەپلىككى، ئۇنىڭ تۆھپىسى ھەر قانداق ئۇلۇغ ئىنساننىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
ئوقۇغۇچىلار چاۋاك چالدى. ئۇلار قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئەركىن ۋە سەمىمىي پاراڭلىشىشنىڭ لەززىتىنى تېتىغانىدى.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش بەختنىڭ ئاچقۇچىنى قولغا ئالغانلىق بىلەن تەڭ ئەمەس. مېنىڭ نۇرغۇن سودىگەر ۋە ھۈنەرۋەن دوستۇم بار، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى مەندىن كۆپ ئۈستۈن. ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆز ئېتىقادى، غايىسى ۋە ئىنتىلىشلىرى بىلەن ھالال ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. ئۆيىدە ئولتۇرغان ئاياللىرىنىڭ كۆڭۈل يارىسى خىزمەتتىكىلەرنىڭ كۆڭۈل يارىسىدىن ئېغىر ئەمەس. ئۇلار ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئىگىلىك يارىتىش، مۇكەممەل بىر ئائىلىنى نورمال باشقۇرۇش، ھەتتا جەمئىيەتكە ساخاۋەت قولىنى سۇنۇش لاياقىتىنى ھازىرلىغان. ئۇلار بىر قانچە بالىسىنى نورمال ئوقۇتۇۋاتىدۇ. بەزىلىرى بالىلىرىنى ئالاھىدە ئارزۇ-ئارمان بىلەن چەت ئەللەرگە چىقىرىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەتتىن يىراق، ئادەم كولدۇرلىتىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ دەبدەبىلىك دىپلوم ئالغاندىن كۆرە بىر-ئىككى ھۈنەرنى پۇختا ئۆگەنگەن ياخشىراق. ھۈنەر ئۆگىنىش ھېلىقى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ بولغان پۇل بىلەن ھەل بولىدۇ. بىر ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى رېمونتچىسى بىر ئىجتىمائىي پەن دىپلوم ئىگىسىگە قارىغاندا يەر شارىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە مۇستەقىل ياشىيالايدۇ. مەن بۇ يەردە ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەۋاتقىنىم يوق. مۇستەقىل دۇنيا قارىشى يوق ئىجتىمائىي پەنچى شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن يالتىراق (سولياۋ) خالتىكى، مۇقىم بىر ھۈنەرنىڭ ئىگىسى بولۇش يالتىراق خالتا بوپقېلىشتىن كۆپ ئەۋزەل.
ھازىر بىزدىكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەشتە مەكتەپلەرگە تايىنىش بىلەنلا بولدى قىلىدىغان بولدى. بۇنى مەلۇم مەنىدە تەلىم-تەربىيەنى ھۆددىگە بېرىش دېسەكمۇ بولىدۇ. پەرزەنتلىرىنى مەكتەپلەرگە ياكى يەسلىلەرگە بېرىپ قويۇش بالىلارنى تەربىيەلەش بۇرچىنى ياخشى ئادا قىلىش بولامدۇ؟ مەسىلە ھەرگىز ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. تۇغۇپ، قورسىقىنى تويغۇزۇپ قويسا چوڭ بوپقالىدىغان زامانلار كەلمەسكە كەتتى. ئەگەر ئېھتىيات قىلمىساڭ ئۆزۈڭنىڭ پۇشتىدىن بولغان بالا باغرىڭغا پاتقان پىچاق بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. «كارل ۋېتىرنىڭ ئائىلە تەربىيەسى» دېگەن كىتابتا «قۇدرەتلىك رىم ئىمپېرىيەسى دەل ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئۆزى تەربىيەلىمىگەنلىكى تۈپەيلى ھالاك بولغان» دېگەن بىر گەپ بار. ئەنگلىيەلىك ئەدىب خاربورت «بىر ئاتا مىڭ مەكتەپ مۇدىرىدىن ئەۋزەل» دېگەن بىر گەپنى قىلىدۇ. مانا بۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرنىڭ ئىستىقبالىدا كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغان تەربىيەچىلىك رولىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
كورلا شەھىرى 4-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا سۆزلىگەن بىر قېتىملىق نۇتۇقىمدا «باشقىلارغا يۆلەنمەي ياشاشنى ئۆگىنىش نۆۋەتتىكى مائارىپ يۆنىلىشىمىز بولۇشى كېرەك. ھازىردىن باشلاپ سىلەردە ئېنىق ئوقۇش نىشانى شەكىللەنمىسە، دەۋرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالىسىلەر» دېدىم ۋە ئۇلارغا مۇنداق بىر ھېكايىنى ئېيتىپ بەردىم:
ئۈچ نەپەر قۇرۇلۇش ئىشچىسى بار ئىكەن، ئۇلار كۈن بويى جاپالىق ئىشلەپ، تام قوپۇرىدىكەن. بىر يولۇچى ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇلاردىن سوراپتۇ:
- نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟
- تام قوپۇرۇۋاتىمەن، – دەپتۇ بىر ئىشچى.
- بىر سائەت ئىشلىسەم بەش يۈەن تاپىمەن، – دەپتۇ ئىككىنچى بىرى.
يولۇچى ئازراق مېڭىپ ئۈچىنچى ئىشچىنىڭ ئالدىغا بېرىپتۇ ۋە ئوخشاشلا يۇقىرىقى سوئالنى سوراپتۇ:
- نېمە قىلىۋاتىسەن؟
ئۈچىنچى ئىشچى يىراقلارغا تىكىلىپ، نېمىلەرنىدۇر خىيال قىلىۋاتقانىكەن. ئۇ:
- كۇتۇپخانا سېلىۋاتىمەن. بۇ ئىش ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن ئادەمگە روھىي جەھەتتىن تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشىم مەڭگۈلۈك ئىش، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
ئۇزۇن يىللار ئۆتۈپتۇ، ئاۋۋالقى ئىككى ئىشچى ئىشچى پېتى قېلىپ، تامچىلىق بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈپ كەپتۇ. ئۈچىنچى ئىشچى بولسا ئىنتايىن داڭلىق بىناكارلىق ئۇستىسى-ئىنژېنېرىغا ئايلىنىپتۇ.
مەن ئوقۇغۇچىلاردىن «يۇقىرىقى ئۈچ ئىشچىنىڭ ئىچىدە ئۈچىنچى ئىشچىنىڭ كەلگۈسى نېمە ئۈچۈن باشقىچە بولدى؟» دەپ سورىدىم.
ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دېگۈدەك «ئۈچىنچى ئىشچى ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ» دېيىشتى. ئېسىل ناۋاي بىلەن چۈپەي ناۋاينىڭ پەرقى شۇكى، چۈپەي ناۋاي پۇل ئۈچۈنلا نان ياقىدۇ، ئېسىل ناۋاي نان يېقىشقا دائىر ياخشى-يامان، پاسكىنا-پاكىز، ھالال-ھارام، خېرىدار ۋە بازار قاتارلىق بىلىملەرگە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق چۆپقەتلىرىنى قەدىرلەشنى بىلىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مەسئۇل بولىدۇ. مېنىڭ نەزىرىمدە بۇنداق ناۋاي پۇل ئۈچۈن تەتقىقات تۈرى ئىشلەيدىغان ئالىمدىن ئادىمىيلىك جەھەتتە خېلىلا ئۇلۇغ.
ئەسەر مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2010-يىل 4-سان
كومپيۇتېرغا بېسىپ تەييارلىغۇچى: رۇقىيە