• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

ئاڭدىن تاڭغا ياكى ھاڭغا – نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

911
ئاپتورى: نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن   يوللانغان ۋاقتى:2015-04-30   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە, پەلسەپىۋى ئەسەرلەر

«قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ»

«باينىڭ ياتقۇسى كەلمەس، گاداينىڭ قوپقۇسى»

 _ ئۇيغۇر خەلق ماقال _ تەمسىللىرىدىن ( مەسئۇل مۇھەررىردىن )

 

1

پۇل !

ئالدىمدا چېچىلىپ ياتقان پۇلغا قارىدىم. ئۇنىڭغا ئىنتايىن نۇرغۇن مەنە-ماھىيەت سىڭىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن مەلۇم بىر دۆلەت، مىللەت، ھاكىم كۈچىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىسى ئىدى. دۆلەت بولۇپ، ھاكىمىيەت قۇرۇپ بىر بايراق ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، ئورتاق سىياسىي نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلالىغانلار ئۆزىگە خاس بەلگە، شەكىل، تامغا، ئويمىلار ئاساسىدا پۇل-تەڭگە تارقىتاتتى. ھەربىر يېزىق، سىزىق، خەت، نەقىش، بەلگە، سۈرەتتىن ئۇلارنىڭ مەۋجۇدلۇق كۈچى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقىنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس ئىدى. ئەنە شۇ قەغەز-پۇلنىڭ يەنە باشقا ئەل-خەلق پۇللىرى ئالدىدىكى قىممەت، ئورنى ئارقىلىق شۇ مىللەت، خەلقنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى، نوپۇزى، ئىقتىسادىي، سىياسىي كۈچى ۋە تەرەققىيات سەۋىيىسىنى، ئۇنى باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسىنى بىلگىلى بولاتتى. دۇنيادا قانچە خىل پۇل بارلىقىنى بىلمەيمەن. مەن بىلىدىغىنى ئون خىلغىمۇ بارمايدۇ. دېمەككى، بىر دۆلەتنىڭ پۇل-تەڭگىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىمۇ تەبىئىي ھالدا شۇ دۆلەت خەلقى ئۇنۋېرسال ھاياتىي كۈچىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. ئۇنۋېرسال كۈچى قانچە زور دۆلەتنىڭ پۇلىنىڭلا ئەمەس، ھەممە-ھەممە نەرسىسىنىڭمۇ ئىناۋىتى، قىممىتى شۇنچە ئاشاتتى، تونۇلاتتى، ھەممە يەردە ئۆتەتتى؛ مادارى ئاجىز ئەلنىڭ ھېچنىمىسى باشقا يەردە ئۆتمەيتتى، پۇلىنىڭمۇ كۇرسى چۈشەتتى، پاخاللىشاتتى، ھەتتا مەۋجۇدلۇق قىممىتىنىمۇ يوقىتاتتى. ھەقىقەتەنمۇ، ئۆلگەن پۇل-تەڭگىلەر زەئىپلەشكەن ئەل-خەلقنىڭ چۈشكۈن ھال-تۇرقىنىڭ نىگاتىپىدۇر.

پۇل!!

پۇلغا قارىدىم، قارىغاندىمۇ ناھايىتى ئۇزاق سەپسالدىم. ئۇ ئەمدى گۈللۈك قەغەر ھالىتىدىن ئۆزگىرىپ ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەنە-قىممىتى بولمىش ئىقتىساد، مال-دۇنيا، بايلىق تۈسىگە كىرىۋاتاتتى ۋە شۇ قەدەر يالتىراق، جۇلالىق نۇر چىقىراتتى. قاراپ تۇرۇۋەردىم، كاللام قۇپقۇرۇپ، ھېسسىز ئىدى. پەقەت كۆزۈمنى ئۈزمەي، بارلىق زېھنىي كۈچۈمنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ قارىغۇملا كەلگەنىدى. يالىلداۋاتقان ئالتۇندەك ساپسېرىق بىر نۇر تاختىسى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى-دە، ئەكسىم كۆرۈندى. ئىقتىساد ئەينىكىدە ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىلا ئەمەس مەن تەۋە بولغان ئىجتىمائىي تۈركۈمنى تولىمۇ ئېنىق كۆردۈم. بىزنىڭ پەخىرلىنىپ مەيدە قېقىشلىرىمىز، ئاغرىنىشلىرىمىز، دۇنياۋى يۈزلىنىشنى كۆزىگە ئىلىپمۇ قويماي ئۆز خىيالىدىكى غايىۋى ئالەمدە يەنىلا مۇغەمبەر خىياللار، ساماۋى ئىستەكلەر بىلەن بىغەملەرچە ياشاۋېرىدىغان بىچارە كۆرەڭلىكىمىز، كۈلكىمىز، يىغىمىز، ھەممە-ھەممە ھالىمىز ئۇندا مانا مەن دەپ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.

پۇل!!!…

كۆزۈمنى ئۇنىڭدىن ئالدىم ۋە ئاشۇ بايلىق، مال-دۇنيا، ئىقتىساد ھەققىدىكى قالايمىقان ئوي-خىياللىرىمىنى بىر يەرگە يىغماق بولدۇم. ھەرقانداق بىر ئادەم ۋە خەلقنىڭ ھەرقانداق بىر شەيئى، نەرسە-ھادىسىگە نىسبەتەن مەلۇم دەرىجىدە جەمئىيەتلەشكەن ئېڭى بولىدۇ. جەمئىيەت ئەزالىرىدا بەلگىلىك نىسبەتتە ئومۇملاشقان بۇ خىل ئاڭ-تونۇش تەبىئىي ھالدا ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال تەرەققىيات كۈچ-سەۋىيسىگە ھەل قىلغۇچ ياخشى ياكى يامان تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۆزۈمنى قويۇۋېتىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم. خىيالىمدا پۇل، بايلىق، مال-دۇنيانى بىر تەرەپتە، يەنە بىر تەرەپتە بىزنىڭ ئىقتىساد ھەققىدىكى قاراش-ئېڭىمىزنى قويۇپ باقماق بولدۇم.

 

2

خەلقىمىزنىڭ ھاياتلىق چۈشەنچىلىرىنىڭ پەلسەپىۋى تۈستە ئەڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولغان ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىنى تەكرار-تەكرار ئاختۇردۇم. چۆچەك، رىۋايەت-ئەپسانە، لەتىپە-قوشاقلارنى بىرمۇ-بىر ۋاراقلاپ چىقتىم. كۆرگىنىم، مال-دۇنياغا بېرىلمەسلىك، بارىغا شۈكۈر قىلىش ھەققىدىكى دەۋەت-تەشەببۇس يىغمىلىرى، دۇنياغا بېرىلگەنلىكنىڭ پۇشايمىنى، ھەتتا بايلىق، مال-دۇنيانىڭ زىيىنى، بالاسى، بايلارنىڭ رەزىللىكى، ئاچ كۆزلۈكى، ئەقىلسىز-ئەخمەقلىقى ھەققىدىكى پۈتمەس-تۈگىمەس تەكرار-تەكرار بايانلار ئىدى. خەلقىمىز مال-دۇنيانى ئەمەس، ئىلىمنى، ئەخلاقنى، مەنىۋى تاكامۇللۇقنى قوغلىشىشنى ۋە شۇنىلا مەڭگۈلۈك دوست تۇتۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىپ كەپتۇ ۋە كۆپىنچە ئۇيغۇرنىڭ چۈشەنچىسىدە بايلىق قوغلىشىش ئادەمنى پۇشايمانغا، ھاڭغا باشلايدىغان يول دەپ قارىلىپ، بايلار ئەڭ رەزىل، ئەخمەق، دۆت ئادەملەر قاتارىدا سۈپەتلىنىپ كەپتۇ. بايلارنى، پۇلدارلارنى، بەگلەرنى ئەڭ پەس، نەپرەتلىك تۈستە سۈپەتلەش ۋە كەمبەغەل-يوقسۇل، ھەتتا قەلەندەر-دىۋانىلەرنى مېھرىبان، تەقۋا، خالىس نىيەتلىك كىشىلەر قاتارىدا تەرىپلەش، پۇل-مالنى دوست تۇتماسلىق ئۇيغۇر ئەدەبىي ھاياتىنىڭ ئۈزۈلمەس مىلودىيسى بوپكەپتۇ. ئۇيغۇر خەلق لەتىپە-چۆچەك، ماقال-تەمسىللىرىنى بىرەر قۇر ۋاراقلاپ باققانلا ئادەم: «توۋا، بۇ ئەلنىڭ باي، غەنى-زەردارلىرى، بەگلىرى شۇنچە ئىپلاس، رەھىمسىز، ئاچكۆز، ئىنساپسىز، ھاماقەت، دۆت بولغىيمىتتى» دېمەي قالمايدۇ.

توغرا، ئۇيغۇر ئىجتىمائىي ھاياتىدا ۋاپا، ئەخلاق، ئىلىم-مەرىپەت قوغلىشىش ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان، شۇنداقلا سەل قاراشقا ئەسلا بولمايدىغان ئانا باش تېمىلاردۇر. مەن ھەم روھىي-مەنىۋى تاكامۇللۇق قوغلىشىشنى ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ مەڭگۈ يىقىلماس تۇغ-بايرىقى دەپ قارىغۇچىلاردىن. لېكىن، ھەرقانداق بىر نەرسىنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەكىتلەش يەنە بىر نەرسىگە سەل قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ-دە، ئويلاپ باقمىغان يامان ئاقىۋەتلەرنى چىللايدۇ. ھەم تاكامۇللۇق ھەرگىزمۇ بىر تەرەپنىڭ كامالەتكە يېتىشى بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەس.

بىز تارىختىن بېرى سودىغا ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقىرىپ كەلگەن خەلقمىز. لېكىن، سودىغا ماھىر، مەدەنىيەت پىسخىكىسى سودىغا ئاجايىپ ماس كېلىدىغان بۇ خەلقنىڭ تەپەككۇر قاتلىمىدا يەنە نېمىشقا پۇل، مال-دۇنيانى تىللاش، ئازغۇنلۇقنى شۇنىڭدىن يامان كۆرۈش، بايلاردىن ئاغرىنىش، نەپرەتلىنىشتەك خاھىش ساقلىنىپ كېلىدۇ؟ بىز بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاڭدا تەپەككۇردا، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دۆلەتچىلىكتە چېكىنگەن، چۈشكۈنلەشكەن دەۋرنىڭ ئىنكاسى دېيىشكە مەجبۇرمىز. چۈنكى، مال-دۇنيانى تىللاش ئەزەلدىن يېتەرلىك پۇل-مالغا ئېرىشەلمىگەن يوقسۇللارنىڭ ئىشى بوپكەلگەن، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، روھىي بايلىقنى، مەنىۋى كامالەت-تاكامۇللۇقنىلا كۈچەپ تەكىتلەپ، ئىنساننىڭ ماددىي پاراغىتىگە، جەمئىيەتنىڭ ماددىي تۈۋرۈكىگە سەل قاراش خەلقىمىزنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خارۇ-زارلىققا مۇپتىلا قىلغان يىرگىنىچلىك خاتا قاراشتۇر. جاھالەتلىك كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردە ئەۋجىگە چىققان بۇ خىل سوپىزىمچە تەركىدۇنياچىلىق خەلقىمىزنى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىگىلىك جەھەتتىن خارابلىققا، مەدەنىيەت جەھەتتىن گۇمرانلىققا باشلاشتىن ئۆزگە ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمىدى. تولىمۇ غۇۋا-مەۋھۇم نەرسىلەرگە ھەددىدىن زىيادە بېشىچىلاپ كىرىپ كېتىش خەلقىمىزنىڭ قەددىنى پۈكۈۋەتتى. مەنىۋىيەت، روھ، ئۇ ئالەم دەپلا باشقا ھەرقانداق نەرسىگە ھەتتا ھاكىمىيەت، سىياسەت تۇرمۇش، تۈزۈم، ئىقتىسادقىمۇ ئارقىسىنى قىلىۋالغان خەلقىمىز مەنىۋى جەھەتتىن يۈكسىلىشنىڭ ئورنىغا چۈشكۈنلۈككە، ناباب شۈكۈرچانلىققا، قۇل مىجەز روھىي مەھكۇملۇققا تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدە پاتتى، خانلىقلار ۋەيران، ئىگىلىك گۇمران، خەلق سەرسان، يۈرەكلەر لەختە-لەختە قان بولدى. ئىقتىسادنى مۇھىم دەپ قارىماسلىق، پۈتۈن ئەسلى-ۋەسلى بىلەن جاننىمۇ، جاھاننىمۇ ئۇنتۇپ ئۇ دۇنيالىقنى قوغلىشىش بۇ ئەلنىڭ ئىگىلىكىنى، مەدەنىيىتىنى خاراب قىلىۋەتتى. ناباب شۈكۈرچىلىك، بېكىنمە ئىدىيە، ئۆزىدىن ئاشمايدىغان ئىپتىدائىي ناتۇرال ئىگىلىك، ئاددىي قول سانائەتتىن ئۆزگە سانائەت ئاساسى بولمىغان بۇ ئەلدە «بوياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىك»[1] چىقمىدى. ئىگىلىك سۇندى. خەلق مازار ماشايىقلاردىن نىجادلىق تىلەپلا يۈرۈپ نورمال ھاياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىن ئەقىدىسىدىنمۇ ئايرىلىپ قالدى-دە خارلىققا يۈز تۇتتى، مەرىپەت بۇ ئەلدىن كۆتۈرۈلدى. «ئۆتمۈشتە ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان بۇ ئانا يۇرت نۇرسىز، يولسىز، سۇسىز قېلىپ خارابلاشتى»[2]. «جاھالەت پىرلىرى» دەپ لەنەتلەنگەن ئالدامچى-رىياكار سوپىلار پۇلنى، بايلىقنى، ئىقتىسادنى مۆئمىنلەرنى ئازدۇرغۇچى-يولدىن چىقارغۇچى شەيتان دەپ سۈرەن سېلىۋاتقاندا، ھەتتا «كىشى بۇ دۇنيادا قانچە ئازابلانسا، ئۇ دۇنيادا شۇنچە راھەت كۆرىدۇ» دەپ بىدئەت تارقىتىپ ئەل-ئاۋامنىڭ قولىدىكى ھەددى-ھېسابسىز مال-دۇنيانى ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىۋاتقاندا، ئۆزلىرى ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپا، بۇزۇقچىلىق قىلىۋاتقاندا، «ئېيتقىنكى، ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟»[3] دەپ سورايدىغان ۋە «ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن»[4] دېگەنغۇ دەيدىغان ئادەم چىقمىدى. چىقسىمۇ، بۇنىڭغا قۇلاق سالىدىغان، ئۆزلىرى ياقلاۋاتقان ئىدىيە-مەسلەكنىڭ توغرا-خاتالىقىدىن گۇمان قىلىپ باقىدىغان ئادەم كۆپ چىقمىدى. ناماز، روزا، زاكات، ھەج، ئىلىم تەھسىل قىلش قاتارلىق پەرز ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى يېتەرلىك ئىقتىسادتىن مۇستەسنا ھالدا لاياقىتىدە ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ھەتتا زور ئىقتىساد توپلاش كېرەكلىكىنى ئويلايدىغانلار كۆپ بولمىدى. بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار، قىلغانلار بىلەن قىلمىغانلار، بەرگەنلەر بىلەن بەرمىگەنلەر، تولۇق چۈشىنىپ ئەمەل قىلغانلار بىلەن چۈشەنمەي تۇرۇپ قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلەرنىڭ دەرىجىسى تەڭ بولامدۇ؟ ناچار تۇرمۇشقىمۇ شۈكۈر قىلپ ياشاۋەر دەپ قايسى شەرىئەت، قايسى قانۇن، قايسى ھۆكۈمدار ئېيتتى؟ ئۆزىنى تاشلىۋەتكەنلەرنى ياراتقۇچىنىڭمۇ تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقىدىغان ئاممىۋى توپنىڭ شەكىللەنمەسلىكى بۇ ئەلنى چۈشكۈنلۈك، تەركىدۇنياچىلىق، ئاڭقاۋ-نادانلىقنىڭ قارا پاتقىقىغا يەتكىچە پاتۇرۇۋەتتى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئىسلام مۇتەپپەككۇرى مۇسا جارۇللانى: «توۋا، بۇ ئەلگە ئىسلام كەينىچىلەپ كىرىپتۇ» دەپ ياقا تۇتقۇزغان شالغۇت ئېتىقاد بۇ ئەلنى قۇللۇق، شۇملۇق، رەزىللىك، جاھالەت، خورلۇقنىمۇ ھېس قىلالماس، ئىپلاسلىققىمۇ ياقا تۇتالماس دەرىجىدە ئاڭقاۋ-نادان قىلىۋەتكەن، كۆزىنى قارا تۈتەكلەر بىلەن پەردىلىۋەتكەنىدى.

ھەقىقەتەنمۇ، ئاڭدىكى، ئىدىيىدىكى كورلۇق مەۋجۇدلۇقنىڭ زۇلمەتلىك گۆرىنى قازىدۇ. ئاڭنىڭ تېڭى ئاتمىغۇچە بىزنىڭ جاھالەت ھاڭىدا ياتقىنىمىز ياتقان. جاھالەت تۈتەكلىرى باسقان دەۋر ئۆتتى، كەتتى. ۋەھالەنكى، ئەسىر، ئېرا ئالماشقان، پەن-تېخنىكا تەرەققىي قىلغان، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ھەممىنى چوڭقۇر كرىزىس تۇيغۇسىغا سۆرەۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىز بەزى-بەزىدە بايلارنى، بېيىغانلارنى، ئىقتىساد ئۈچۈن تىرىشىپ، تىرمىشىۋاتقانلارنى ئەيىبلەش، تىللاش، سېسىتىش ھەتتا ھاقارەتلەشلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ھازىرغىچە ئەخلاق، پەزىلەت، ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرى بىلەن پۇل-بايلىق، مال-دۇنيا چۈشەنچىلىرى بىر-بىرى بىلەن زادىلا چىقىشالمايدىغان قارىمۇ-قارشى ئۇقۇملاردۇر. بەزىلىرىمىز ھېلىھەم شۇنداق قارايمىز: پۇل-بايلىق ئادەمنى بۇزىدۇ، مال-دۇنياغا بېرىلىش ئىنساننى ئاچكۆز، رەھىمسىز، نەپسانىيەتچى، ۋىجدانسىز، ئىمانسىز قىلىۋېتىدۇ؛ بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئېسىل ئادەم پۇل-مالغا بېرىلمەيدۇ؛ ئەخلاقلىق، ئىلىملىك، ۋىجدانلىق ئادەم مال-دۇنيانى دوست تۇتمايدۇ؛ مال-دۇنيانى دوست تۇتقان ئادەم چوقۇمكى ئۇنچىۋالا ياخشى، توغرا نىيەتلىك ئادەم ئەمەس؛ بايلار، بېيىغانلار چوقۇمكى ھارامغا، بۇزۇقچىلىققا، ۋىجدانسىزلىققا يېقىن تۇرىدۇ. مانا بۇلار بىزنىڭ بايلىق، ئىقتىساد قارىشىمىز بىلەن باغلانغان ھاياتلىق چۈشەنچە ۋە غايىلىرىمىز. بايلارغا ۋە ئۇلارنىڭ پەزىلەت، ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قاراش، ئۇلارنى ئارقىسىدىن سېسىتىشقا چۈشۈش ھېلىھەم بىزدىكى ئومۇمىي ھال.

خوش، ئۇنداق بولسا، بىز روھىي بايلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپلا نەچچە ئەسىر ياشىدۇق، لېكىن بىز روھىي جەھەتتىن نېمىشقا تا ھازىرغىچە ئۇنچىۋالا مۇكەممەل ئەمەس، ھەتتا خېلىلا ئاجىز. ئەخلاقنىلا، ھەدېسىلا ياخشىلىق، قەلب گۈزەللىكى، يامان خىياللاردىن نېرى تۇرۇش، ھارام ئوي، مال-دۇنيا، ھاۋايى-ھەۋەسلەرگە بېرىلمەسلىكنىلا تەكىتلىدۇق. لېكىن يامانلىق بىزدىن قانچىلىك نېرى كەتتى؟ نامرات، ياۋاش، مۆئمىن بولۇشلا بىر ئىنساننى مەڭگۈلۈك ئىززەتكە ئىگە قىلامدۇ؟ ھەقىقىي مۆئمىنلىك زادى قانداق بولۇشى كېرەك؟ پۈتكۈل جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىلا مال-دۇنياغا بېرىلمىسە، ئىقتىساد ئۈچۈن چاپمىسا، مال-دۇنيا، بايلىق تەشۋىشى قىلماي يۈرسە ئاندىن بۇ جەمئىيەت، بۇ مىللەت ھەقىقىي بەخت-سائادەت يولىغا قەدەم قويغان بولامدۇ؟ ئۇنداقتا، بۇ جەمئىيەتنىڭ پاراۋانلىق، ئۇل قۇرۇلىشىنى كىم قىلىدۇ؟ مال-دۇنياغا بېرىلمەسلىكنىڭ ئۆزىلا ياخشىلىققا تەڭمۇ؟ ئىقتىسادقا بېرىلىش ھەقىقەتەن يولدىن، تاپتىن چىققانلىق، بۇزۇلغانلىقمۇ؟ پۇل ئىلىمنىڭ، پەزىلەتنىڭ، مەدەنىيەتنىڭ دۈشمىنى، كىشىلەرنى يولدىن چىقارغۇچى شەيتانى لەئىنمۇ؟ پۇل تاپقانلار راستتىنلا بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟

 

3

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، پۇل، ئىقتىساد، بايلىق ھېسسىز، جانسىز نەرسە. پۇلدا نىيەت، كۆڭۈل، قەلب، ياخشى-يامانلىق تۇيغۇسى دەيدىغان نەرسە ئەسلا مەۋجۇد ئەمەس، بەلكى پۇل-بايلىققا يۈزلەنگەن ئىنساندا نىيەت، غەرەز، نەپس، ئوي-خىيال بار. بايلىق، مال-دۇنيا رەزىل، شەپقەتسىز ئازدۇرغۇچى نەرسە ئەمەس، بەلكى پۇلنى قانداق يوسۇندا تېپىش، ئىشلىتىش ئاندىن پازىللىقنى ياكى غاپىللىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. پۇلدا كۆتىڭىزنى ئېرتسىڭىزمۇ، ئۇنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بەرسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ياخشى ئىش قىلسىڭىزمۇ ياكى بۇزۇقچىلىق قىلسىڭىزمۇ ئۇ ھامان شۇك! تامامەن ئىنساننىڭ نەپسى-رايىغا بويسۇنغان جانسىز نەرسىنى تىللاپ، سېسىتىپ، ئۆزىمىزنىڭ نەس، پەس ئىللەتلىرىنى ئۇنىڭ گەدىنىگە توقۇم قىلىپ ئارتىپ قويۇپ، غۇربەتچىلىكتە چىرايىمىز زەپىراندەك سارغىيىپ، كالپۇك يالاپ ئولتۇرۇشىمىز باردۇر. بۇنى زادى قانداق مەنتىقە دەپ چۈشىنىش كېرەك؟

مەن ئىلىم-مەرىپەت، مەنىۋى كامالەت، ئادىمىيلىك تۇيغۇلىرى پۇل-مال، ئىقتىساد-بايلىق بىلەن چىقىشالمايدۇ دېسە ئىللا-بىللا ئىشەنمەيمەن. جاھاندا مەنىۋى كامالەت ماددىي كاپالەتتىن بىر قەدەممۇ ئايرىلىپ باققان ئەمەس. ئىنساندا بايلىقلا بولۇپ، ئەقىل-پاراسەت، ئەخلاقىي، روھىي ساپا بولمىسا ئۇ ھەقىقەتەن ھايۋانغا ئوخشاپ قالىدۇ. شۇنداقلا ئەقىل، ئەخلاق، ئىنساب، دىيانەتلا بولۇپ بايلىق بولمىسا، ئۇنىڭ ھاياتى خارلىقتىن، مۈشكۈلچىلىكتىن قۇتۇلالمايدۇ. بىر ساغلام ئاڭ-ئەقىل ھەرگىزمۇ ماددىي مەئىشەتنى چەتكە قاقمايدۇ ۋە شۇنداقلا مۇستەھكەم ئەقىدىگە ئىگە ئىنسان ئىقتىساد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىلىم-ئىمانىنى بۇلغىمايدۇ بەلكى بايلىق بىلەن ئۇنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ. ئىنساننىڭ ئۆزىگە ئەڭ بۈيۈك سوۋغات سۈپىتىدە تارتۇقلاپ بېرىلگەن ئەقىل-ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلىماسىتىن باشقىلاردىن، ھەتتا ئۆز رەقىبلىرىدىنمۇ زەئىب، پەس، خار، ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى، خارلىققىمۇ سۈكۈت قىلىپ ياشىشى، مېنىڭچە، ياراتقۇچىنىمۇ غەزەپلەندۈرىدىغان يىرگىنىچلىك مىسكىنلىكتۇر. يېتەرلىك ماددىي مەئىشەتسىز ساماۋى ئىستەكلەر ئات-ئېشەكنىڭ ئورنىدا ساپان تارتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ رولىنى قانداق تونۇش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانداق ھەرىكەت قىلىش سىزنى سۈزۈك تاڭغا ياكى قاراڭغۇ ھاڭغا باشلايدۇ. مۇھەممەد ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە ئىدى، ئۇ سودا قىلدى، سودا، ئىقتىساد، پۇل بىلەن بولغان يېقىن ئالاقە ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ھەرقانداق ئىشتىكى دۇرۇس سەمىمىيىتىنى گۇمران قىلىۋەتمىدى. خەدىچە باي ئايال ئىدى، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش مۇھەممەدنىڭ ۋىجدانىنى بۇلغىۋەتمىدى. پەيغەمبەرلىك ۋەھىي قىلىنغاندىن كېيىنمۇ خەدىچە يەنە شۇ ساداقەت-سەمىمىيىتى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ يېقىن ئەگەشتى. پۇل، مال-دۇنيا ئۇنىڭ ھىدايەت تېپىشىغا توسقۇنلۇق قىلمىدى. ئەبۇبەكرى ۋە كېيىنچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يېقىندىن ئەگەشكەن نۇرغۇن ساھابىمۇ ھەم بايلاردىن ئىدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ كۆزىنى غەپلەت پەردىلىرى بىلەن چۈمپەردىلىۋەتمىدى ۋە بەلكى ئۇلار ئۆز مۈلكى، مال دۇنياسى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولدى. بىز ھەدىستىن ئەبۇبەكرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇغا جەننەت بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى بىلىمىز. خوش، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مال-دۇنياسى قايسى ئىلىمگە، قايسى ئەخلاق، پەزىلەت، ۋىجدان، سەمىمىيەتكە قانداق زەرەرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ مۇسابايېفلارنىڭ پۇلى ئۇلارنى يولدىن چىقاردىمۇ؟ ئۇيغۇر مىللىي بۇرژۇئازىيىسىنىڭ ئۇلىنى ئارتۇقچە جاھان تەشۋىشى بىلەن كارى بولماي يۈرۈشىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئاتالمىش تەقۋادار بەندىلەر سالدىمۇ ياكى ئۆز ئەقلى، مال-دۇنياسى بىلەن ئادىمىيلىك سۈپەتتە ياشاشنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلگەن مۇسابايېفلار سالدىمۇ؟ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋەكىلى، شۇنداقلا ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم شائىر ئەھمەد زىيائىي پۈتكۈل ئۆمرىنى يېزىقچىلىق، نەشىرىياتچىلىق ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلدى. لېكىن ئۇ كاتتا باي ئىدى. ئەينى يىللىرى قەشقەردە بارى-يوق ئىككى ماشىنىنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئىدى. ئۇ لاداخ يولىدا سودا قىلىپ ناھايىتى كۆپ پايدىمۇ ئالغانىدى. خوپ، كىم ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمانلانسۇن؟ توغرا، نۇرغۇن ئىنسان پۇل تېپىپلا ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. مال-دۇنياغا يەتتى، ۋىجدانىدىن كەتتى. ئەمما بىر ئىنساننىڭ بۇزۇلىشىدا ياكى تۈزۈلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغىنى ئۇنىڭ ھاياتلىق ئەقىدە-ئېتىقادىنىڭ دەرىجىسىمۇ ياكى تاپقان-تەرگىنىمۇ؟ ساغلام ئاڭدىن كەتكەن زەئىپ بەندىلەر پۇل تاپسىمۇ-تاپالمىسىمۇ بۇزۇلىۋېرىدۇ. ھىدايەتنىڭ پاكىز، ئارامبەخش نۇرىغا چۆمگەنلەر دۇنيا قىسمەتلىرىنىڭ بېشىدا قانداق چۆرگىلىشىدىن قەتئىينەزەر ئۆز ئىمانى ئالدىدا مەڭگۈ بەرقارار تۇرۇۋېرىدۇ ۋە ئىنسانغا تۈپ نېگىزىدىن تالىق قىلپ بېرىلگەن نەرسىنىڭ خارلىق ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىنسان ئەڭ مۇقەددەس سوۋغات قىلىپ بېرىلگەن ئەقلى، جىسمىنى ئىشقا سېلىپ ئۆز ئەھۋالىنى ياخشىلاش ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىش كېرەكلىكىنى چىن قەلبى بىلەن تونۇپ يېتىدۇ. پەزىلەت ئىگىلىرى ئەزەلدىن خار تۇرمۇشقا رازى بولغان ئەمەس ۋە توقچىلىقتىن كېرىلگەنمۇ ئەمەس. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشقىمۇ رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ خار، زەئىپ، پەس، راسۋا قىلىۋېتىدۇ. ئۆز ئەقلى ۋە مال-دۇنياسىنى ئەڭ ئەزگۈ ئىشلارغا سەرپ قىلىشنى بىلىدىغان ئادەم پۇل-مالغا سەجدە قىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن قاراپمۇ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى ئۆز ئەقلى، كۈچى، ھالال تىرىشچانلىقى بىلەن تاپىدۇ. پۇل بىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى ياخشىلايدۇ، ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى، مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئىش قىلىدۇ. ھاياتلىق ئەقىدىسى تازا بولمىغان ئادەملەرلا پۇل-مالنى دەپ ۋىجدانىدىن، ئىمانىدىن كېتىدۇ، پۇل ئۈچۈنلا ئەڭ رەسۋا-نومۇسسىز ئىشلارنىمۇ قىلىۋېرىدۇ ياكى پۇل تېپىپلا چاكىنىلىشىپ كېتىدۇ. بىز ئىنساننىڭ قولىدىكى پۇلدىن ئەمەس، پۇل ئالدىدىكى ئىنساننىڭ ھەرىكەت ھالىتىدىن ئۇنىڭ ساپاسىغا باھا بېرەلەيمىز.

 

4

ئىنسان بۇ دۇنياغا ئاپرىدە بولغان دەقىقىدىن باشلاپلا ماددىي ئېھتىياجنىڭ ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ. ئۇ ساغلام يېتىلىش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىشى، كېيىنىشى، يېتىپ-قوپىدىغان ئۆي ماكانغا ئىگە بولۇشى كېرەك. دېمەككى، ئىقتىساد ئۇنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىلىدۇر. ئۇ ئۆسۈپ مەلۇم ياشقا يەتكەندىن كېيىن تەربىيىلىنىشى كېرەك. ياخشى تەربىيىلىنىش مۇھىتىغا ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەت، نىكاھ، ئايال، ئائىلە قاتارلىق ئىشلار ئۈچۈنمۇ دەل پۇل-ئىقتىساد كېرەك. ئىقتىساد بىر ئادەمنىڭ تەربىيىلىنىشى، يېتىلىش سۈپىتى ۋە ئۆز غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش ھالدا ئىككى ئائىلىدە تۇغۇلغان ئىككى بوۋاقنىڭ يېتىلىش، تەربىيىلىنىش ئەھۋالىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. چوقۇمكى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى، قول ئىلكىدە بار ھاللىق ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بوۋاق بىلەن يەنە بىر كۆك نامرات دېھقاننىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئالەمشۇمۇل پەرق بولىدۇ. زۇنۇن قادىرىينىڭ «ماغدۇر كەتكەندە» ناملىق ھېكايىسىدىكى باقىنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان «ئىنجىمارۇق جىن تەپكەنلەر» بىلەن موسابايېفلار ئائىلىسىنىڭ بەگزادىلىرىنىڭ يېتىلىش، تەربىيىلىنىش ۋە ھاياتقا بولغان تونۇش، بىلىش، پوزىتسىيە-مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ؟ باقى ئۆز پۇشتىدىن تامغان بالىلىرىنى «تىلىگەنگە بەرسە بولمامدىغاندۇ بۇ ئىتنىڭ كۈچۈكلىرىنى» دەپ سەپرالارچە (نامراتلارنىڭ تولىسى سەپرا كېلىدۇ) ۋارقىراپ تىللايدۇ. بەلكىم باھارخان كىرىنى يۇيۇپ، نېنىنى يېقىپ بېرىۋاتقان باينىڭ بالىلىرى دادىسىدىن جاندىن ئۆتىدىغان مۇنداق ئاھانەتلىك تىللارنى مەڭگۈ ئاڭلاپ باقماسلىقى، ئاڭلىسىمۇ دادىسىنىڭ ئۆگىنىش، تىرىشىش ھەققىدىكى ھەيۋە-تەنىسىنى ئاڭلىشى-كۆرۈشى مۇمكىن. نامراتلارنىڭ كۆزىدىنلا ئاچلىق، ئاجىزلىق، سۇنۇقلۇق، يىگىلەپ قېلىش، چۈشكۈنلۈك، مىسكىنلىكنىڭ كۆڭۈلنى ئەزگۈچى بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يېتىش تەس ئەمەس. يوقسۇزلۇق ئىنساننى تەربىيىدىن، دۇنيانى ئەركىن نەزەر بىلەن بىلىش، چۈشىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ-دە، ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئېچىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئىقتىدارلار كۆمۈلۈپ قالىدۇ ياكى يېتەرلىك پۇرسەتكە ئېرىشىپ ئۇنىڭغا ئوت ياقىدىغان چوغقا ئېرىشىپ بولغىچە خوراپ تۈگەيدۇ. قانچىكى نامرات ئەل شۇنچە ئاڭقاۋ، تەربىيىسىز ۋە ھەتتا ئىلىم ئېلىشتىنمۇ قاچىدىغان خۇراپىي، نادان پېتى قالىدۇ. نامراتلارنىڭ چامىسى يېتىدىغىنى، كۆرگىنى، بىلىدىغىنى شۇنچە ئاددىي ئەرزىمەس بولغاچقا ئويلايدىغىنىمۇ، قىلىدىغىنىمۇ، جۈرئەت قىلىدىغىنىمۇ شۇنچە چەكلىك، تار بولىدۇ ۋە ئوڭايلا شۈكۈرچان، ھورۇن، بوشاڭ، تىرىشماس، لايغەزەل، قورقۇنچاق، خىيالپەرەس، ھە دېسىلا زارلايدىغان يىغلاڭغۇ مىجەر بوپقالىدۇ. مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ باينىڭ بالىسى ئەقىللىق، نامراتنىڭ بالىسى كارغا كەلمەس چىقىدۇ دېگەننى تەرغىپ قىلماقچى ئەمەسمەن. مەيلى قانداق ئائىلىدە تۇغۇلغان بولسۇن، ئىنسان ئۆز ئەقلى، ئىرادىسىگە تايانسىلا مۇھىت پەيدا قىلغان چەكلىمىلەردىن ھامان ھالقىپ چىقالايدۇ، ھەتتا كاتتا نەتىنجىلەرنى يارىتالايدۇ. ھەم پۇل، ياخشى مۇھىت بولسىلا تالانتلىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىققىلىمۇ بولمايدۇ. ئەمما بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش، تەربىيلىنىشى ئۈچۈن ئەۋزەل مۇھىت، يېتەرلىك ئىقتىسادىي يۆلەك بولسا ئۇنىڭ ساغلام، جۇشقۇن يېتىلىشى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ ۋە ئۆزىدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ئىقتىدارنى يەنىمۇ ياخشى، ئەركىن ۋە كۆپ تەرەپتىن جارى قىلدۇرالايدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. بەزى ھاللاردا قۇرۇق غايە، ئەقىل بىلەنلا كاتتا ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. يوقسۇزلۇق سېنىڭ ئالدىڭغا نۇرغۇن بىھۇدە توساق-چەكلىمىنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ. سەن ئاشۇ توساقلاردىن بىر ئاماللارنى قىلىپ ھالقىپ بولغۇچە ئالتۇندەك ئېسىل نۇرغۇن پۇرسەت، ۋاقىتنى قولدىن بېرىپ قويىسەن، ھەتتا ئۆزۈڭدىكى كۆۋەجەپ تېشىپ تۇرغان تالانت-ئىقتىدارلارنىمۇ خورىتىپ قويىسەن. مەن ئەتراپىمدا تالانتى تېشىپ تۇرغان نۇرغۇن بالىنىڭ ئىقتىساد-پۇل سەۋەبلىك ئوقۇيالماي توختاپ قالغىنىنى ۋە ياكى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ئارماندا لەۋ چىشلەپ قالغىنىنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇلار تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇسا، ئۆگەنسە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى كۆپلەپ يارىتالايدىغان، مىللىتىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن زور ھەسسە قوشالايدىغان، كەم تېپىلىدىغان تالانت ئىگىلىرى ئىدى. پۇل-ئىقتىسادنىڭ يوقسۇزلۇقى ئۇلارنىڭ تىلىنى بوغدى، يولىنى توستى. ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاشخانىلاردا قاچا يۇيۇۋاتقان، كۈتكۈچىلىك قىلىۋاتقان، خەقنىڭ ئېغىر، مەينەت ئىشلىرى ئۈچۈن ھېسابسىز ۋاقتى، زېھنى، كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتقانلار بىزدە ئازمۇ؟ مەن ئۆز غايىسى ئۈچۈن جان تىكىپ ئىزدىنىۋاتقان، بولۇپمۇ ئەقىل-بىلىم بىلەن قەد كۆتۈرۈش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز تىرىشىۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىمغا شۇ قەدەر ھۆرمەتتە باقىمەن ۋە شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەڭ ئېسىل ۋاقتى، ئەڭ قىممەتلىك تالانت-ئىقتىدارىنى بىر-بىرلەپ خورىتىپ ئۆلتۈرىۋاتقان يوقسۇزلۇقتىن ئىبارەت بۇ تاشتىن قاتتىق رەھىمسىزلىك ئۈچۈن چوڭقۇر قايغۇرىمەن. ئۇلاردا يېتەرلىك ئىقتىساد بولغان بولسا خەقلەرنىڭ مەدىكارلىقنى قىلغان ۋاقىتتا تېخىمۇ غەيرەت-شىجائەت بىلەن بېرىلىپ ئۆگەنمەسمىدى؟ بەزىلەر ساددا، گۆدەك قاراش بىلەن قىيىنچىلىقنىڭ بولغىنى ياخشى، ئۇ ئىنساننى تېخىمۇ بەردەم، چىداملىق ۋە تىرىشچان قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمما قىيىنچىلىق بىر ئادەمنىڭ يېڭىش ئىقتىدار چېكىدىن ئېشىپ كەتكەندە، ئۇ ئادەمنى بەردەم-چىداملىق ئەمەس، چۈشكۈن-يىغلاڭغۇ قىلىۋېتىدۇ؛ ئادەمدىكى ئۇرغۇپ تۇرغان شىجائەت ئوتلىرىغا مۇز-مۆلدۈر ياغدۇرىدۇ. بىر ئىنساننىڭ ئالغا ئىلگىرلەش يولىنى چەكلەپ، توسۇپ تۇرغان مۇنداق زور قىيىنچىلىقنى يالغۇر ئىرادە، تىرىشچانلىق، ئاتالمىش غايە بىلەن يېڭىپ بولۇش بەكمۇ تەس. ئەگەردە يەڭدى دېگەندىمۇ، يېڭىپ بولۇش ئۈچۈن ئالتۇندەك ئېسىل پۇرسەتلەرنى قۇربان قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

مەن كۆپىنچىمىزنىڭ بېشىدا ئىقتىسادنىڭ، موھتاجلىقنىڭ ئىنتايىن شەپقەتسىز قارا سايىسى ئەلەڭشىپ يۈرگەندەكلا ھېس قىلىپ قالىمەن. ئىجادىي، ئەقلىي ئىقتىدارى ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ يوقسۇزلۇق سەۋەبىدىنلا ئوقۇيالماي، ئۆلمەي تىرىكچىلىك قىلىش ئۈچۈنلا (بۇ، مەۋجۇدلۇقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئەمەس) كوچىلاردا ھارۋا سۆرەپ باققاللىق قىلىپ جان بېقىۋاتقان، ناۋايخانىلاردا كۈل تارتىۋاتقان، ئاشخانىلاردا قاچا يۇيۇۋاتقان، ئىس بۇخسۇپ تۇرىدىغان كاۋابدانلار ئالدىدا كارنىيى يىرتىلغۇدەك ۋارقىراپ خېرىدار چىللاۋاتقان، ئەرزان باھالىق كىيىملەرنى قولتۇقلىۋېلىپ كوچا ئارىلاۋاتقان، كىچىك تۇرۇپلا قولىغا چوتكا ئېلىپ خەقنىڭ تاپىنىغا يالۋۇرۇپ ئېڭىشىۋاتقان ھەربىر نارەسىدە بالىنىڭ كاللىسىدا ئىقتىسادىي بىقوۋۇللۇقنىڭ، ماددىي يوقسۇزلۇقنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ۋە ئاھانەتلىك مەسخىرىسى گىدىيىپ تۇرماقتا؛ مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ھەقلەر ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىلگەن بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنە بالىلىرىنى يوقسۇزلۇق، قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئىلاجىنىڭ بارىچە ئوقۇشتىن چىقىرىۋېلىشنىڭ كويىدا تىركىشىپ يۈرىدىغان دېھقانلار يوق ئەمەس. ئاشۇ دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كۆز قارىچۇقىدەك ئەتىۋار بالىلىرىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلىگۈسى، ئوقۇتقۇسى، كۆزىنى ئاچقۇسى يوقمۇ؟ تېخى يېقىندىلا گېزىتتىن ئافغانىستانلىق بىر ئايالنىڭ تاشتىن قاتتىق موھتاجلىق ئالدىدا ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىزىنى ئەرگە بېرىۋەتكىنىنى، مۇنداقچە ئېيتقاندا سېتىۋەتكىنىنى ئوقۇدۇم. كىمنىڭ ئۆز بالىسىنى جاھالەتنىڭ، نادانلىقنىڭ تۇتقۇنىغا ئايلاندۇرۇپ بەرگۈسى بار؟ كىمنىڭ ئوقۇغۇسى، بىلىم ئالغۇسى، جاھان كۆرۈپ كۆزىنى ئاچقۇسى يوق. بەلكىم كېرىيىنىڭ شىۋۇل يېزىسىدىكى 20 يۈەن ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي دوڭغاق جىگدىگە ئېسىلىپ ئۆلىۋالغان ئاشۇ 13 ياشلىق بالىنىڭمۇ ئوتتەك ئوقۇغۇسى، بىلىم ئالغۇسى، ئۆزىنىڭ ئار-نومۇسى، ياشاش ھوقۇقىنى خارلىقتا قويماي راۋۇرۇس ياشىغۇسى بولغىيتتى؟[5]. كىچىك تۇرۇپلا ئېغىر ئىش-ئەمگەكنىڭ ئاستىدا يەنجىلىۋاتقان، تەربىيىسىز قېلىۋاتقان ۋە ھەتتا كىچىك تۇرۇپلا جەمئىيەتكە چىقىپ قېلىپ تۈرلۈك ناشايان قىلىق، جىنايى ئىشلار، ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭمۇ بەلكىم ئوقۇپ تۈزۈك ئادەملەردىن بولۇپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ھاياتنىڭ خۇۋلۇقىنى كۆرگىسى بار بولغىيتتى…

ھەقىقەتەنمۇ ئىقتىساد بىلەن بىز تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولالايمىز، ئۆزىمىز زامانغا خاس ئاڭ، مەدەنىيەت، ساپا بىلەن قوراللاندۇرالايمىز. پۇل مەلۇم مەنىدە شەخسنىڭ ئىززەت-ئابرويى، غورۇرى، كىشىلىك ئىززىتىنى قوغداشنىڭ مۇھىم قورالىدۇر. يوقسۇزلار ھەرقاچان باشقىلارنىڭ ئالدىدا بىچارە، ئاجىز بوپكەلگەن، ئۇلارنىڭ پىكىر-دەۋاسى يوللۇق بولغان تەقدىردىمۇ جاھاننىڭ نەزىرىگە كەمدىنكەم ئىلىنىپ كەلگەن. چىڭ خانىدانلىقىنىڭ چىرىك-زەئىپلىكى جۇڭگو خەلقىنى ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز خورلۇق، كەمسىتىش، دەپسەندە قىلىنىشقا دۇچار قىلدى. ھەتتا جۇڭگودىكى چەتئەللىكلەر باغچا، كونسىسىيلىرىگە «جۇڭگولۇق بىلەن ئىت كىرمىسۇن» دەپ خەت ئېسىپ فىئودال تۈزۈمنىڭ ئاجىز-زەيپانە ھامىيلىقىدا ئىڭراپ ياتقان جۇڭگولۇقلارنى ئىتتىنمۇ پەس ھالدا مەسخىرە قىلىپ ئوينىدى. بۇ ئالەمنىڭ پۈتكۈل ماددىي مەئىشىتىنى تەرك ئېتىپ ئۇ ئالەمنىڭ راھەت-پاراغىتىنىلا تەۋسىيە قىلىدىغان، رايىشلىقنىلا ئەڭ مۇقەددەس پەزىلەت دەپ بىلىدىغان خەلق ئۆزىنىڭ زىمىنى، دۆلىتى، بايلىقىنى ئەمەس ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي غۇرۇرىنى، شەخسىيىتىنى، ئۆز زىمىنىدا ئۆز مەيلىچە ياشاش ھوقۇقىنىمۇ ساقلاپ قالالمايدۇ. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئاجىز، زەئىپ مادارى ئۇنىڭ مىللىي، دىنىي غورۇرىنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئىسرائىلىيىنىڭ تاپىنىدىن تارتىپ چىقالمىدى. نېمىشقا؟ قاش كۆتۈرگىدەك مادار يوق، ئىقتىساد يوق. ھەربىي كۈچ-ئۆزىنىڭ مىللىي، ئىنسانىي غورۇرىنى قوغداپ قالىدىغان قالقان بەكمۇ ئاجىز. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «جاھان پەيلاسوپىنىڭ مال-دۇنياسى بولمىسا قانچە سۆزمەن بولسىمۇ، تىلى كىشەنلىنىدۇ». ئىقتىساد-نوپۇز، كۈچ، غورۇر، ئار-نومۇس تۇيغۇلىرىنىڭ قالقىنىدۇر.

يوقسۇل ئادەم بارالايدىغان، كۆرەلەيدىغان بوشلۇق تولىمۇ چەكلىك ۋە تار بولىدۇ. مۇنداق بېكىنمىچىلىك تەبىئىي ھالدىلا تەپەككۇردىكى، بىلىشتىكى، تونۇشتىكى ئاددىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كېرىيە ناھىيىسىنىڭ دەريا بويى يېزىسىدىن ئىبارەت تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرسىگە جايلاشقان بېكىك، ئىپتىدائىي مۇھىتتا قامىلىپ نەچچە يۈز يىل ياشىغان كىشىلەر، دەريا بويىدىن باشقا ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغاچقا، دەريا بويىدا تۇنجى كىنو قويۇلغاندا قورقۇپ قېچىشقان، يېزىغا تۇنجى قېتىم ماشىنا كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا يېسۇن دەپ قومۇش-پاسار تاشلىغانىدى[6]. قۇدۇقتىكى پاقا ئۆزى كۆرەلەيدىغان دائىرىنىلا دۇنيا مۇشۇ دەپ چۈشەنگەنگە ئوخشاشلا ئادەممۇ ئۆزى بىلگەن، كۆرگەن نەرسىلىرىگە تۇشلۇق ھۆكۈم چىقىرالايدۇ. بىزدە «شەھەر كۆرگەن ئىتتىنمۇ قورق» دەيدىغان گەپ بار. بۇ، بىلىش مەزمۇنىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ساپا-سۈپەتكە كۆرسىتىدىغان ھەل قىلغۇچ تەسىرىنىڭ مۇھىملىقىغا ئىشارە. دېمىسىمۇ، قاراپ باقىدىغان بولساق، نامراتلىقى تۈپەيلى ئۆمۈر بويى ئۆيىدىن ۋەياكى مۇئەييەن چەكلىك مۇھىتتىن ھالقىپ چىقالماي بېكىنىپ ياشىغان كىشىلەردىن ھېچقاچان دۇنياغا، مىللەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان تالانت ئىگىلىرى چىقمىغان. جاھان كۆرگەن ئەزىمەتلەرلا بىر مىللەتنى ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئېنىق نىشانغا باشلاپ ماڭالىغان. بىز ئابدۇقادىر داموللام، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىي، مەمتېلى ئەپەندىلەرنىڭ ھاياتىغا قاراپ باقايلى. ئۇيغۇر مەدەنىي ئويغۇنىشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن باھادىر سۈپەت بۇ ئەزىمەتلەر يەتكىچە بىلىم ئالغان، جاھان كۆرگەن، دۇنيانىڭ، زامانىۋى يۈزلىنىشىنىڭ قانداق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلگەن ۋە جاھالەت-خۇراپاتلىققا پاتقان نادان-مەزلۇم خەلقنىڭ ئېڭىنى ئاقارتىش ۋە قەددىنى تىكلەش ئۈچۈن ھاياتىنى بەدەل قىلىپ جاھالەت بىلەن ئېلىشقانىدى. ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى جاھان كۆرگەن، نەزىر ئېچىلغان مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەر بولمىغان بولسا، بەلكىم ئۇلارمۇ تالايلىغان كىشىمىزگە ئوخشاشلا ئۆز كۈنىنىڭ ئۆتكىنىگە شۈكۈر قىلىپلا ئۆتۈپ كېتەر ئىدى. دۇنيانى كۆرۈش، دۇنياۋى يۈزلىنىش بىلەن يۈزمۇ-يۈز ئۇچرىشىش ئارقىلىقلا ئويغانغان شەخسلەرلا مىللەت مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن نېمە قىلىش، قانداق قىلىش مەسىلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يۈكسەك ئىستىراتىگىيىلىك ئاڭ بىلەن ياشىيالايدۇ. بولمىسا ئاددىي كاللا، قۇرۇق خىيال بىلەن ھاياتنى، ئەقىلنى، تالانتنى، پۇرسەتنى سورۇپ تۈگىتىۋېتىدىغان گەپ. تالانتلىق يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ» ناملىق تارىخى ھېكايىسىدىكى راخمان گۇگۇت پاجىئەسىگە سىغدالغان ئېغىر تىراگىدىيە بۇ نۇقتىنى كۈچلۈك دەلىللەپ تۇرۇپتۇ[7].

بىزنىڭ بەزى ساددا ئادەملىرىمىز ھە دېسىلا پۇل ئادەمنى بۇزىدۇ، دەپلا قارايدۇ ۋە ئىقتىسادنىڭ بىر ئىنساننىڭ شەخسىيىتىنى، ھوقۇقىنى، غورۇرىنى قوغداشتىكى رولىغا سەل قارايدۇ. كۆپ پۇل تاپقان ئادەمنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمان قىلىش، بېيىغانلارنى سېسىتىشقا ئۇرۇنۇش، ئۇلارنىڭ كەينىدىن تۈرلۈك بولمىغۇر سۆز-چۆچەك توقۇش بىزنىڭ ئاۋام پۇقرالىرىمىزدىلا ئەمەس، ھۆرمەتلىك، بىلىملىك زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئىچىدىمۇ خېلى ئېغىر. ئەمما بىلىش كېرەككى، ئىقتىساد، بايلىق توپلىغان ئادەم ئىقتىدارسىز ئەمەس، بەلكى تالانتلىقتۇر. ئۆزىدىكى تالانت-ئىقتىدارنى بايقىيالىغان ۋە ئۆز بىلىمىنى ھەممىگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قىممەتكە، بولۇپمۇ ئىجادىيەتكە، تاۋارغا، مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرالىغان ئادەم ھەقىقىي تالانتلىق ئىقتىدارلىقتۇر. شەخسنىڭ ئۆزىدىكى بارلىق ئەقىل-ئىقتىدارنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشى ئۇنىڭ يالغۇر ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن كۈچەيتىپ، نەپلەندۈرمەستىن، ئۇ ياشاۋاتقان توپنىمۇ ماس ھالدا مەنپەئەتكە ئىگە قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىقتىساد ساھەسىدە بىر تالانتلىق شەخسنىڭ بارلىققا كېلىشى ئۇنىڭ ئەتراپىدىن يەنە نۇرغۇن تالانت مايسىسىنى كۆكلىتىدۇ. بىر كارخانىنىڭ قۇرۇلۇشى يالغۇز شۇ كارخانىنىڭ قۇرغۇچىسىنىلا ئەمەس، شۇ توپتىن نان تېپىپ يەيدىغان يەنە مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن گال ئىگىسىنى ئىش، ئىش ئورنى، تىرىكچىلىك پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ھەمدە شۇ رايوننىڭ ئىگىلىكىنى نەچچە ھەسسىلەپ جانلاندۇرىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت «كىتاب خالتىسى» ئالىمىدىن، سوپۇن ئىشلەپچىقارسىمۇ كارخانىچى، تىجارەتچىسىنى ئەتىۋار بىلىدۇ، ياساش، ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تالانت ئىگىلىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەيدۇ. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدا مۇسابايلار دىيارىمىزغا تۇنجى زامانىۋى كۆن-خۇرۇم زاۋۇتىنى قۇرۇش ئۈچۈن زاۋۇتنىڭ ماشىنا-زاپچاسلىرىنى گېرمانىيىدىن روسىيىگە ئېلىپ كەلگەندە چار پادىشاھ ھەيرانۇ-ھەس قالغان ھەمدە زاۋۇتنى روسىيىدە قۇرۇشقا يۇمشاق-قاتتىق ۋەدە ۋاستىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ مۇسابايلارغا بېسىم قىلغان. مۇسابايلار زاۋۇتنى روسىيىدە ئەمەس، غۇلجىدا قۇرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئېيتىپ چار پادىشاھنىڭ تەلىپىنى قەتئىي رەت قىلغاندىن كېيىن، روسىيە تەرەپ زاۋۇتنى 90 كۈن ئىچىدە چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ كېتىش، بولمىسا روسىيىدە قۇرۇش توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن. دېمەككى چار پادىشاھ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدىكى مۇنداق كاتتا زاۋۇتنىڭ روسىيىدە قۇرۇلسا روسىيە ئىقتىسادىنى شىددەت بىلەن يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتى. مۇسابايلار زاۋۇتنى پويىز ئارقىلىق روسىيىنىڭ ئۇمىسكىي شەھىرىگە، پاراخوت بىلەن سىمپولاتنىسكىي شەھىرىگە ئەكىلىدۇ. ئۇ يەردىن قورغاسقىچە بولغان 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق قاتناش ئىنتايىن قولايسىز يولنى ئادەم ياللاپ تۈزلەپ راۋانلاشتۇرىدۇ، 286 يەرگە كۆۋرۈك سالىدۇ. زاۋۇتنى چۇۋۇپ پارچىلاپ، چوڭى تۆت توننا، ئەڭ يېنىكى بىر يېرىم توننا كېلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى كۆتۈرەلەيدىغان چوڭ ھارۋىلارنى ياسىتىپ، 96 ئۆكۈز تەييارلاپ، ھەربىر ھارۋىغا ئالتىدىن 12 گىچە ئۆكۈز قېتىپ غۇلجىغا ئېلىپ كېلىدۇ [8]. بىز بۇ يەردە مۇسابايلار كارخانىسىنىڭ تاپقان غايەت زور پايدىسى ھەققىدە توختالمايمىز. ئەمما قاراپ باقايلىكى، بىر زاۋۇتنىڭ دىيارىمىزدا، جۈملىدىن ئەينى ۋاقىتتا بىر قەدەر تەرەققىي تاپقان دەپ قارالسىمۇ يەنىلا قول سانائەتتىن ئۆزگە سانائەت شەكىللەنمىگەن غۇلجا زىمىنىدا قەد كۆتۈرۈشى ۋە ئىش باشلىغىچە بولغان جەرياندا قانچىلىك ئادەم بۇ كاتتا خەيرلىك ئىشتىن نەپلەندى، ئىش باشلىغاندىن كېيىن زاۋۇتتا قانچىلىك ئادەم تېخنىكا ئۆگەندى؟ ئىش تاپتى؟ مۇشۇ بىر زاۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن بەل باغلىغان ئەقىل-ئىقتىدار ئىگىلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن يېڭىچە مەكتەپ قۇرۇلدى؛ ئۇيغۇر يېڭىچە مائارىپى بارلىققا كېلىپ ئاڭ-تەپەككۇر جەھەتتىن ئويغىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى؛ يىگىرمە نەچچە خىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تېخىمۇ كۆپ كەسىپ-تۈر، ئىگىلىك شەكىللىرى مەيدانغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل يېزا-قىشلاقلىرىدا ئەمەس، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ سانائەت، ئىقتىساد، ئىگىلىك، تېخنىكا، سودا-تىجارەت، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق قاتارلىق ساھەلىرى ئۈزۈلمەس بىر سېستىما بولۇپ شەكىللەندى. دېمەككى، بىر ئاڭ-تەشەببۇسنىڭ باش كۆتۈرۈشى نۇرغۇن يېڭىدىن-يېڭى تەپەككۇر بۇلىقىنىڭ كۆزىنى ئاچىدۇ. بىرەيلەننىڭ بېيىشى تەبىئىي ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بىرنەچچە، ھەتتا نەچچە ئون، نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ غېمىنى ھەل، كېمىنى تەل قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆزىنى ئاچىدۇ، يولىنى كېڭەيتىدۇ، ئىشىنى يۈكسەلدۈرىدۇ، جەمئىيەتتە ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن رىقابەتلىشىدىغان نۇرغۇن تالانت ئىگىسىنى مەيدانغا چىقىرىدۇ-دە، سانائەت، سەھىيە، مائارىپ، دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق، سودا-سېتىق، قاتناش-تىرانسپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى شىددەت بىلەن كۈچەيتىدۇ. «ئارمان» شىركىتىنىڭ تالقىنى خوتەن ياڭىقىنىڭ بازىرىنى چىقاردى ۋە يەنە شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بولغان نوقۇت، بادام، ئۆرۈك مېغىزى… قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىستىمال بازىرىنى كېڭەيتتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا بىزدە تالقان، شەربەت، سوپۇن، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ئىچىملىك، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان كارخانىلار كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇ ئەڭ ئالدى بىلەن مۇشۇ رايون سانائىتىنىڭ، ئىقتىسادىنىڭ ۋە پۈتكۈل ئىشلەپچىقىرىش، ئىگىلىك شەكىل-فورمىلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى، نۇرغۇنلىغان ئەقىل، ئىقتىدار، تالانت ئىگىسىنىڭ مەيدانغا چىقىشىنى ۋە دادىل رىقابەت ئارقىلىق مۇشۇ رايون مىللىي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى تۈرتكىلىك رول بىلەن تەمىنلىدى. بۇ، تەبىئىي ھالدا ئۇلار تەۋە بولغان تۈركۈمنىڭ مەدەنىيەت مەۋجۇدلۇقىنى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.

ھەقىقەتەنمۇ، مەلۇم بىر مىللەتنى، مەدەنىيەتنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ كۈچلۈك ۋە يارقىن تۈستە نامايان قىلىدىغىنى يالغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت، ناخشا-ئۇسسۇل ۋە ياكى پالان پۇستان نەرسە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى دەل كۈچ، نوپۇز، ھەيۋە، ھوقۇقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك، مەركەزلىك ئىپادىسى، كاپالىتى، يۆلىكى بولمىش پەن-تېخنىكا، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئەۋزەللىكتۇر. بۇ قانداقتۇر ئىقتىسادتىن، پەن-تېخنىكىدىن باشقا نەرسىلەرنى چەتكە قاققانلىق ئەمەس. بىر مىللەت ئۈچۈن ھەممە نەرسە مۇھىم. ئەمما ھەرقانداق ۋاقىتتا ھەممىلا نەرسىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئوخشاش بولۇۋەرمەيدۇ. نەسرىددىن ئەپەندىممۇ ئالتۇن بىلەن ھەقىقەتنىڭ بىرىنى تاللاشتا ئىككىلەنمەي ئالتۇننى تاللىغان ھەمدە ھەيران قالغان بايغا «كىمدە نېمە كەم بولسا شۇنى ئالىدۇ، تەقسىر» دېگەنىكەن. بىزگە ھازىر ئەڭ مۇھىمى ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كېلەلەيدىغان ئەقىل، تېخنىكا، ئىقتىسادتۇر. بىزدە سەنئەت بار، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات، بايلىق بار. بىزدە ئەڭ كېمى تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە جان تىكىپ ئىشلەش روھىدۇر. بىر چاغلاردا يۆتكەپ سېتىش، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن داڭق چىقارغان سودا تالانتىنى بۈگۈنكى بىلىم، ئەقىل، تېخنىكىنى ئۇل قىلغان زامانىۋى سودا-سانائەت سېستىمىسى ئىچىدە تەرەققىي قىلدۇرۇشلا بىزنىڭ قەدىمىمىزنى تىكلىيەلەيدۇ، خىرەلەشكەن كىملىكىمىزنى يورۇتالايدۇ. يەنە كېلىپ بىر مىللەتتە ياساش سانائىتى شەكىللەنمەي تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىقتىسادى ۋە ياكى مەدەنىيىتى ھەقىقىي مەنىدە گۈللىنەلمەيدۇ. ئىجتىمائىي ئىنسانشۇناسلىقنىڭ پېشۋاسى ھېسابلىنىدىغان مالىنوۋىسكىي: «بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز، ئىلغار-قالاقلىقى ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرىدە ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمنى قورال چىقىرىدۇ»[9] دەيدۇ. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان قورال، ئەلۋەتتە نوقۇل ھەربىي ۋاستە بولماستىن، بەلكى شۇ مىللەت ئەزالىرى ئىگە بولغان دېھقانچىلىق، سانائەت، تۇرالغۇ، قاتناش، ئالاقە، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋاستىلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرسىتەتتى. يەنى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ ئىلغان تېخنىكا ئارقىلىق قوراللىنىش سەۋىيسى، ياساش، ئىختىرا قىلىش ئىقتىدارى مەركەزلىك تۇتقا قىلىنغانىدى. دېمىسىمۇ، ھېچقاچان نەرسە ياساش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان بىر مىللەت ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ۋاستىنى سىرتتىن قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە، بۇنداق خەلق قولىدىكى پۇل-مالغۇ ئۆزىمۇ ئىگە بولالمايدۇ. ئىختىرادا، ياساش سانائىتىدە كۈچلۈك ئەل-خەلقلەر قىينالمايلا يەنە بىر دۆلەتنىڭ بايلىق، ئىقتىسادىنى يۇلۇپ ئالالايدۇ. ھەتتا، بىل. گايتىستەك تالانتلىق ئىقتىدار ئىگىلىرى، كارخانىچىلار يېڭى بىر مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىش بىلەن ئۆز ئۆيىدىن چىقماي تۇرۇپمۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭ تامامىي قەرنە-بۇرجىكىدىن سۈپۈرۈپ-سۈپۈرۈپ پۇل يىغىۋالالايدۇ. تارىمنىڭ ئەڭ خىلۋەت بۇرجىكىدىكى بىر جاپاكەش دېھقان موتسىكلىت سېتىۋىلىش ۋاستىسى بىلەن چۆرگىلەپ ياپونىيىنىڭ Suzuki شىركىتىگە بىر ئۆمۈر قان-تەر تۆكۈپ تاپقان-تەرگىنىنى چاڭگاللىتىپ تۇتقۇزۇپ قويىدۇ. ھەممە نەرسىدە قوبۇل قىلىش، سېتىۋېلىش ھالىتىدىلا تۇرغان ئەل-خەلقلەر ھەقىقەتەنمۇ ئۆز زېمىنىدىكى، ئۆز قولىدىكى پۇل-بايلىققا ئىگە بولالمايدۇ. ئىقتىسادنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن بايلىق ئەۋزەللىكى، تېخنىكا ئۈستۈنلۈكى، تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بايلىقنىڭ بولۇشى بىلەنلا مەلۇم بىر رايون باي بوپكەتمەيدۇ. سەندە تېخنىكا، ئەقىل بولمىسا، ھەددى-ھېسابسىز بايلىقنىڭ ئۈستىدە ياتقىنىڭ بىلەنمۇ «ئالتۇن تاۋاق كۆتۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان تىلەمچى» گە ئايلىنىپ قالىسەن (مەسئۇل مۇھەررىردىن)، كالپۇكۇڭنىڭ گەز باغلىغىنى باغلىغان، پېشانەڭ ئاپتاپ كۆرمەيدۇ. دېمەك، بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، ئىقتىساد، كۈچ، نوپۇزدا زورىيىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تېخنىكا بىلەن قوراللانغان كارخانا-زاۋۇت، ياساش سانائىتىنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ياساش ئىقتىدارى بولمىغان مەدەنىيەت ھەممە نەرسىنى باشقىلاردىن سېتىۋېلىش جەريانىدا ئۆزىنى قۇۋۋەتلەپ تۇرىدىغان ئىقتىسادتىن ئايرىلىپ قالىدۇ، مەدەنىيىتى ئىزچىل تۈردە باشقا كۈچلۈك ئەل-خەلقلەر مەدەنىيىتى تەرىپىدىن زەرەتلىنىدۇ، ئۆزگەرتىلىدۇ. سانائەت شەكىللەنمىگەن ئەلدە ئىقتىساد گۈللەنمەيدۇ، مەدەنىيەت يۈكسەلمەيدۇ. بۇ مەنىدىن بىر كارخانا، بىر زاۋۇت، بىر شىركەتنىڭ قۇرۇلۇشى قانداقتۇر ئۇنى قۇرغۇچىلارنىلا مەنپەئەتلەندۈرىدىغان پايدا قازىنى بولماستىن، شۇ ئەل-خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى سىرتقا، باشقىلارنىڭ قولىغا ئېقىپ كېتىشىدىن توسۇپ قالىدىغان، شۇ رايوننىڭ ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈپ، مەدەنىيىتىنى قوغدايدىغان، جانلاندۇرىدىغان، سالاھىيىتىنى باشقىلارغا تونۇتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك ۋاستە-قالقاندۇر. ئۆز كارخانىلىرىنى بارلىق كۈچى بىلەن قوللاش ھەر بىر ۋىجدانلىق پۇقرا ئۈچۈن ھەرقانداق ئۇلۇغ قۇرۇق گەپتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئەڭ بىۋاستە، ئەڭ ئۈنۈملۈك قوللاش، مەدەت، غورۇر، مىللىي روھتۇر.

مەۋجۇدلۇق قوغداشقا موھتاج. ھەر قانچە شانلىق مەدەنىيەتمۇ يېتەرلىك قوغداش، كۈچلەندۈرۈشكە ئېرىشەلمىسە گۇمران بوپكېتىدۇ. شانلىق مەدەنىيەت ئىزنالىرى ياراتقان مايالار، ئازتېكلار، ئىندىئانلار قېنى؟ سىگانلارنىڭ نوقۇل سەنئەتكىلا دۈم چۈشۈپ، تىلەپ-تېرىپ يەپ ياشىشى ئۇلارغا ماكان سەرگەردانلىقتىن باشقا بۆلەك نېمە ئېلىپ كەلدى؟ ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قاراخانلار خانلىقىنىڭ سەلتەنىتىنى قايسى قۇم بارخانلىرىدىن ئىزدەيمىز؟ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى مۇداپىئە قىلالىغانلار شۇنچە يېڭىلمەستۇر. بىلىش كېرەككى، بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى، بىر مىللەتنىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى كۈچەيتىشى ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر تەرەپنى تەكىتلەش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغان جەريان ئەمەستۇر. شەھەرنىڭ شەرقى قوۋۇقىنى ساقلىساق غەربىي قوۋۇقىغا ئوت كېتىپ قېلىشى تامامەن مۇمكىن. ھەم قوغدىنىش ھېچقاچان گەپ، ئۇسۇل، روھقا ئالاقىدار چىرايلىق سۆزلەر، قەلب گۈزەللىكى دېگەندەك مەۋھۇم ئىبارىلەر بىلەن بولغان ئەمەس. مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ: «دىققەت قىلىڭلار، كۈچ ئېتىشتىدۇر؛ دىققەت قىلىڭلار، كۈچ ئېتىشتىدۇر». بۈگۈنكى ئېتىش، قوغدىنىش دەل ئەقىل، تېخنىكا، ئىقتىسادتىكى ئېتىش، ئۇرۇشتۇر. ئۇنۋېرسال ساپادا ئاجىز ئەل مەلۇم بىر ساھەدە گۈللىنىش بىلەنلا دۇنياغا تونۇلالمايدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارى، بىر مىللەتنى ئويغىتىش، يۈكسەلدۈرۈشتە تەننى ئەمەس، ئەڭ مۇھىم روھنى داۋالاش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپ دوختۇرلۇق ئوقۇشىنى تاشلاپ پۈتكۈل ئۆمرىنى ئەدەبىياتقا بېغىشلىغان گىگانىت ئەدىب لۇشۈن ئاخىرى شۇنداق خۇلاسە چىقارغانىدى: «جۇڭگو جەمئىيىتىدە مەيلى قانچىلىك زور ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلسۇن ۋە ھەتتا بۇ ئىسلاھات ئوت ياكى شەمشەر بوپكەتسۇن، بەرىبىركەن… نېمە ئۈچۈن؟ ئەڭ چوڭ سەۋەب، جۇڭگونىڭ پارتىيىۋى ئارمىيىسىنىڭ بولماسلىقىدا». ھەتتا ئۇ كېيىنچە ئەدەبىياتنىڭ بىر مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇشتا ئۆزى ئويلىغاندەك ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالمايدىغانلىقىنىمۇ تەن ئالغانىدى[10]. ئۇ بىر مىللەت، بىر دۆلەتنى ۋە ئۇنىڭ مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى ھەقىقىي مەنىدە قۇتقۇزۇپ چىقىش ئۈچۈن مەنىۋى جەھەتتىن ئويغىتىش-ئويغىنىشنىڭلا يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى، ئېنىق مەقسەت-نىشانغا، سىياسىي پروگراممىغا ئىگە يېتەكچى كۈچ ۋە شۇنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان مىليونلىغان جەڭچى ئەزىمەت، كۈچلۈك ھەربىي قورال، ئۇلارنى ھەممە تەرەپتىن يۆلەپ تۇرىدىغان زور ئىقتىسادىي كۈچ بولمىسا ئازادلىق، مەۋجۇدلۇق دېگەنلەرنىڭ ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنىدى. ئاشۇ تەن ئېلىش، ئاشۇ تونۇپ يېتىشنىڭ كەينىدە بىر مىللەت، دۆلەتنىڭ، ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى گۈللەپ-ياشنىشىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئامىلدىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى چىن قەلبىدىن تەن ئېلىش بار ئىدى.

 

5

دۇنيا شىددەتلىك تۈستە يەر شارىلىشىۋاتىدۇ. يەر شارىلىشىش تۈپ نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىلىشىشىدۇر. دۆلەت، مىللەت چېگرىلىرىدىن ھالقىغان دۇنياۋى كۆلەملىك ئىقتىسادىي يۇغۇرۇلۇش كۈچلۈكلەر يەيدىغان يەمنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ ۋە ئاجىزلار ئۇچرايدىغان بېسىم، خىرىس، كرىزىسنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. خەلقئارا ئىقتىسادنىڭ ئەركىن بازار بويلاپ ئېقىشى سىرتنىڭ، چەتئەللەرنىڭ تاۋار-مەھسۇلاتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ كىرىدۇ-دە، ئەقىل، تېخنىكا، سودا رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. كىشىلەرنىڭ ئەڭ سۈپەتلىك ماللارغا بولغان تەبىئىي مايىللىقى بايلىقنىڭ ئىقتىساد، تېخنىكىدا كۈچلۈك ئەللەرگە ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سانائىتى ئاجىز ئەللەر تېخىمۇ ئاجىزلىشىدۇ. مۇنداق كەسكىن سودا ئۇرۇشىدا ئەگەردە كىشىلەردە ئۆز رايونىنىڭ سانائىتى، كارخانىلىرىغا بولغان كۈچلۈك قوللاش پوزىتسىيىسى، ۋايىغا يەتكەن ئىقتىسادىي ئاڭ، بايلىق تەپەككۇرى بولمىسا قولىدىكى سىرتقا كېتىۋېرىدۇ، كارخانا-شىركەتلىرى ۋەيران بولۇۋېرىدۇ، ئىقتىسادتىن ئىبارەت مەدەنىيەتنى يۆلەيدىغان تىرەك ئاجىزلىغان ھامان ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى ئىپادىلەپ تۇرغۇچى بارلىق تەركىبمۇ رەھىمسىز سودا، مەنپەئەت ئۇرۇشىدا ھامان ئاجىز، زەئىپ، خار، قالاق ھالدا قېقىندى-سوقۇندى ھالغا چۈشۈپ قېلىۋېرىدۇ.

دۇنياغا قارىدىم: سانائەتلىشىش، زامانىۋىلىشىش دۇنيانىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىگە ئايلانغان؛ تارىمغا، تەكلىماكان بويلىرىغا قارىدىم: كەتمەن-تاغار، ئېشەك ھارۋىسى بىلەن تېرىقچىلىق قىلىش تېخىچە بۇ زىمىننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنىڭ خېلى بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىپ تۇرۇپتۇ؛ دۇنياغا سەپسالدىم: ئىقتىساد، ھوقۇق، كۈچ، نوپۇز، سالاھىيەتنىڭ قالقىنى دەپ قارىلىپ تۇرۇپتۇ. ۋەھالەنكى، بىر قىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىدا تېخىچە سوپىستىك دۇنيا قاراشنىڭ تاتۇقى ساقلانغان ھالدا پۇل ئىلىمنىڭ، پەزىلەتنىڭ، ئەخلاقنىڭ دۈشمىنى دەپ قارىلىپ تۇرۇپتۇ؛ دۇنيا ئەقىللىقلەر، ئىقتىدارلىقلار پۇل تاپىدىغان زامان كەلدى دەپ قاراپ يۈرۈپتۇ. «ئوقۇغاننىڭ پايدىسى يوق» دەيدىغان بىدئەت قاراش بىزدە تېخى تۈگىگىنى يوق. بىلىمنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن كۆپىنچىمىز ئۇيىلىمىز. دۇنياغا كۆز سالدىم: كىشىلەر پۇل، ئىقتىساد ئارقىلىق ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ، كۈچ توپلاۋاتىدۇ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ، دۇنيانى ئەركىن ساياھەت قىلىپ ئۆزىنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىۋاتىدۇ، بىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىۋاتىدۇ؛ بىزدە ئاتالمىش «بىلىملىكلەر» ئىش تاپالماي ئاۋارە، بىكار لاغايلاپ يۈرۈشتىن نۇمۇسمۇ قىلمايدىغان كىشىلەر ئەتراپىمىزدا ساماندەك؛ ساياھەت قىلىش، دۇنيانى كۆرۈش، دۇنياۋى يۈزلىنىشنىڭ ھەقىقىي بەشەرىسىنى تەن ئېلىپ تۇرۇپ تەپەككۇرىنى يۈكسەلدۈرۈش بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشى ئۈچۈن ئويلاشمۇ قىيىن، مۇمكىن ئەمەستەك تۇيۇلىدىغان سىرلىق ئىش. دۇنيا تاۋار ئىشلەپچىقىرىپ، پۈتكۈل دۇنياغا ئايلاندۇرۇپ سېتىپ پۇل تاپىدىغان ئەقىل-تالانت ئىگىلىرىنىڭ قاپىقىغا خۇشامەت قىلىپ تۇرۇپتۇ؛ بىز ئۇششاق ئېلىپساتارلىق بىلەنمۇ يەنە تېخى دۇنيانى مەنسىتمەيمىز. كىشىلەر خۇسۇسىي مال-مۈلكى بىلەنمۇ مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈملىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ دۆلەت، رايون ھالقىغان سودا، بازار مونوپولىيىسىنى يۈرگۈزمەكتە؛ ئەمما مەن دۆلەت ھالقىغان كارخانا، شىركەتلىرىمىزدىن ساناشقا قانچە بارماق چىقىرالايمەن؟ ئەڭ ئەقەللىيسى، ئۈرۈمچى رايونىنىڭ ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتەلىگۈدەك كۈچلۈك كارخانا، گۇرۇھتىن قايسىسى، قانچىسى بار؟ ئۈرۈمچىدىن مىللىي كارخانىلىرىمىزنىڭ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرگەن سودا بىناسى، كارخانا، زاۋۇت بىناسىدىن نەچچىنى سانىيالايمىز؟ باشقىلار كىشى ئاڭلىسىمۇ ھاڭ-تاڭ قالغۇدەك بايلىقنىڭ ئىگىسى تۇرۇپمۇ يەنە ئۈن-تىنسىز، ھەشەمسىز، داۋراڭسىز ھالدا چۈمۈلىدەك ئۆمىلەپ ئىشلەپ تۇرۇپتۇ. كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئۇلارنىڭ پۇل تېپىشتىكى مەقسىتى يالغۇر ياخشى يېيىش، ئىچىش، راھەت ياشاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قۇدرەت تېپىش، زامانىۋى مىللەتلەرگە خاس ساپا-سۈپەت، روھ بىلەن ياشاش ئىدى. بۇخىل ياشاش روھى ئومۇملاشقان خەلقلەر قارىسا ھەممىسىلا ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما مۇنداق تىرىشىش، رىقابەت روھى ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا ئېگىلمەس-پۈكۈلمەس توپ قىلىپ قۇرۇپ چىقاتتى ھەمدە ئۇلارنىڭ قولىدىكى خۇسۇسىي پۇل-ماللار يىغىلىپ كېلىپ يەنە شۇ ئەل-خەلقنىڭ ئىقتىسادىنى يىمىرگىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە كۈچلەندۈرۈپ، مەدەنىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇراتتى. قارىدىم، بىر ئايلىق مائاشىنى يەنە بىر ئايغا ئۇلاشتۇرالماي نەچچە يەردە تاسمىسى بوشاپ كېتىدىغان مائاشلىقلىرىمىزنىڭ قانداق يەپ، قانداق كىيىپ، قانداق تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ھەممىمىز ئوبدان بىلىمىز. ئىككى نان تاپسا بىرىنى داپ چېلىش بىزدە مودا. ئاشۇ پۇل، ئىقتىسادنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئەھمىيەتلىك يوللارغا سەرپ قىلىش ۋە ھەتتا يەنىمۇ كۆپەيتىش كۆپىنچىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ. ئۆتكەندە مەلۇم بىر ناھىيىدە بىر نەچچە يىل يىغىلىپ قالغان ئۆستى مائاشنى تارقاتقاندا ئىككى بالىلىق بىر ئايالنىڭ 14 مىڭ يۈەنگە بىر چاپان سېتىۋالغانلىقىنى، غەزىپىگە پايلىمىغان ئېرىنىڭ شۇ بازاردىلا خوتۇنىنى ئۈچ تالاق قىلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. ئىقتىسادقا نىسبەتەن چوڭچىلىق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش ياكى قۇلچىلىق قىلىش كۆزى مال-دۇنيا كۆرمىگەن گاداينىڭ ئىشىدۇر. بىز باشقىلارنىڭ مال-مۈلكى، ئىقتىسادىي بىلەن ئۆز ئىززەت-نەپسىنى خارلىقتىن قوغداۋاتقانلىقى توغرىلىق پاراڭلارغا قۇلاق سېلىۋاتقاندا، يەنە بىر ياندىن پۇلنى دەپ ئوغرىلىق، يانچۇقچىلىق ۋە ھەتتا نومۇسىنى سېتىشتەك ئىپلاس شەرمەندىلىكلەرنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز. ھەقىقەتەنمۇ، پۇل-بايلىققا بولغان خوجايىنلارچە روھ سېنى ئىككى دۇنيا ئىززەتلىك، پاك، ئۆزگەرمەس دەرىجىدە سەمىمىي قىلىدۇ. پۇلغا بولغان بىنورمال ئاڭ-قاراش، پۇلنى كۆرسىلا رەزىللىشىپ كېتىدىغان تۇترۇقسىز كىشىلەرنى ياكى پۇلنى، بايلىقنى دەپلا ۋىجدانىنىمۇ، ئىمانىنىمۇ سېتىشتىن يانمايدىغان نومۇسسىز كىشىلەرنى مەيدانغا چىقىرىدۇ.

ھەر قانداق بىر جەمئىيەتتە ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ نامرات بوپقېلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس، ئەمما ئومۇمىي ئاھالىنىڭ خېلى كۆپ بىر قىسمىنىڭ نامرات بوپقېلىشى ئويلىنىشقا ۋە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك پاجىئەدۇر. توغرا، ھېچكىمنىڭ نامرات بوپقالغۇسى يوق، ئۇ ھەم يالغۇز شەخسكىلا مۇناسىۋەتلىك ئىشمۇ ئەمەس. ئىقتىساد مەسىلىسى تۈزۈم، بايلىق ئەۋزەللىكى، بىلىم-تېخنىكا قاتارلىق ئامىللارغا باغلىنىدۇ. ئەمما بىز ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن كېرەك بولغان بايلىق ئەۋزەللىكىنى رايونىمىزدىن يەتكىچە تاپالايمىز. تۈزۈلمىنىڭ ئىمكانىيىتىمۇ بارغانسىرى كېڭىيىۋاتىدۇ. مۇنداق شارائىتتىمۇ نامرات قېلىش، ئىقتىسادتا قەد كۆتۈرەلمەسلىك بىۋاستە شەخسنىڭ ئىدىيىسى، تىرىشچانلىقى، ئىقتىدارىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. دېمەككى، بىزدە ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىق بولۇۋاتقىنى دەل تېخنىكا، ئەقىل، بىلىمدۇر ۋە بايلىقنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ھەقىقىي، ئاڭلىق تونۇشتۇر. نامراتلىق تىراگېدىيسى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاڭ-ئىدىيىسىدە ئىقتىسادقا قارىتا ئېغىر دەرىجىدە تونۇش، قاراش خاتالىقى بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بىز ئىقتىسادنىڭ مۇھىملىقىغا قارىتا ئېنىق ۋە كەسكىن تونۇش تۇرغۇزماي، قانداق قىلغاندا ئىقتىسادىي جەھەتتە يۈكسەلگىلى بولىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرماي تۇرۇپ نامراتلىق قۇتۇلالمايمىز. ئىدىيىمىزدىكى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان بارلىق قالايمىقان بىلجىرلاش، جۆيلۈشنى چۆرۈۋەتمەي تۇرۇپ ئەقىلنىمۇ، ئىقتىسادنىمۇ، تېخنىكىنىمۇ تاپالمايمىز. لۇشۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا: «يۈكسىلەيلى، خاتىرجەم ياشايلى دەيدىكەنمىز، ‹گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدىيە› لەرنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن، دۇنيا كەڭ بولسىمۇ، تېڭىرقاپ قالغان خەلق ئاخىرى ئۆزىنى سىغدۇرغۇدەك يەرمۇ تاپالماي قالىدۇ». ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، ئىقتىساد مۇھىم دەپ قويۇپ لاغايلاپ يۈرۈش ياكى پۇل تاپسىلا ھاكاۋۇرلىشىپ، چاكىنىلىشىپ كېتىش تولىمۇ چاكىنا ئىقتىسادىي ئاڭدۇر.

دېگەنلىرىم ماددىي مەئىشەتنىڭ رولىنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ تەرغىپ قىلىشمۇ؟ ياق. مەن مەنىۋىيەتنىڭ سۈزۈك دۇنياسىنىڭ كامالىتىنى پۈتكۈل ئىشقى-ۋۇجۇدى بىلەن كۈيلىگۈچىلەردىن. ۋەھالەنكى، كامالەت ھېچقاچان يالغۇز روھتىنلا تەركىب تاپقان ئەمەس، سۈزۈكلۈكنىڭ ئۆزىلا ھەممە تەركىبنىڭ تولۇق بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر ئەلدە مەنىۋى يۈكسەكلىكنى تەرغىپ قىلىدىغان كىشىلەرمۇ، ماددىي كاپالەت ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان كىشىلەرمۇ لايىقىدا بولۇشى كېرەك ھەم بۇ ئىككىسى بىر-بىرىنى چەتكە قاقماستىن، بەلكى قان بىلەن گۆشتەك تەبىئىي بىرلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بىر ئەل-قوۋمدا بۈگۈنكى دۇنياغا يۈزلەنگەن ھەقىقىي مەنىدىكى ئىقتىساد ئېڭى شەكىللەنمىسە، بۇنداق جەمئىيەتتە ئەقىل ۋە تەرەققىياتنى بەلگە قىلغان جانلىق، جۇشقۇن گۈللىنىش مەنزىرىسى بارلىققا كېلەلمەيدۇ. شۇڭىمۇ مېنىڭ ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېما ئۈستىدە شۇنچە زورۇقۇپ توختالغۇم كەلدى. مەن بىزدىكى تولىمۇ كەم ئاشۇ نەرسە ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداپ ھەقىقىي ئادەمدەك غۇرۇر، قىممەت تۇيغۇسىدا ياشىشىمىزنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۆزىمىزگە نىسبەتەن كاتتا-چوڭ ئەمما كىملەرنىڭدۇر نەزىرىدە ئەرزىمەس، پەس كىشىلەردىن بوپقېلىشتىن سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن!

2007- يىل 2- ئاينىڭ 27- كۈنى ، شەھىرى ئۈرۈمچى

 

پايدىلىنىغان ماتېرىيال مەنبەلىرى

[1] ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن: «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 1995-يل 5-، 6-سان.

[2] بۇ، قەشقەردىكى جەدىدچىلىك ھەركىتىنىڭ يېتەكچلىرىدىن بىرى بولغان ھاجى ئەلىنىڭ «ۋاقىت» گېزىتىگە ئەۋەتىلگەن ماقالىسىدە يېزىلغان تەسۋىر بولۇپ، ئوئىشى شىنچىرۇ «نوشېرۋان يائوشېفنىڭ ساياھىتى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىگە قىستۇرما قىلغان. «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى 2004-يىل 2-سان.

[3] «قۇرئان كەرىم»، «قەسەس» سۈرىسى 77-ئايەت. بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.

[4] «قۇرئان كەرىم»، «ئەئراف سۈرىسى» 32-ئايەت. بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى 1986-يىل نەشرى.

[5] بۇ ھەقتىكى مەلۇمات ئۈچۈن يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2001-يىل 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان «شائىرغا كېسەل تەگكەن كۈنلەردە» ناملىق ئەدەبي خاتىرىسىگە قارالسۇن.

[6] ئۆمەرجان ئىمىن: «تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2006-يىل ئۆكتەبىر نەشرى.

[7] نۇرمۇھەممەت توختى: «ئالتە كۈنلۈك پادىشاھ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2000-يىل 1-سان.

[8] بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۈچۈن شېرىپ خۇشتار ئەپەندىنىڭ «مۇسابايېف ۋە ئۇنىڭ سودا كارخانىسى» ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن؛ «ھۈسەينىيە روھى – تەكلىماكاندىكى ئويغىنىش»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2000-يىل سېنتەبىر نەشرى.

[9] مالىنوۋېسكىي: «مەدەنىيەت ھەققىدە» «خۇاشيا» نەشرىياتى 2002-يىل يانۋار نەشرى 4-بەت.

[10] «20-ئەسىر جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخى»، جۇڭشەن ئۇنۋېرستىتى نەشرىياتى 2004-يىل ئاۋغۇست نەشرى 9-بەت.

 

ئەسەر مەنبەسى: «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2007-يىل 3-سان

كومپيۇتېرغا بېسىپ تەييارلىغۇچى: ئابدۇللاھ

ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى

 

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «ئاڭدىن تاڭغا ياكى ھاڭغا» - 908K :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 4 پارچە ئىنكاس بار

  • ياسىنجان جاۋاب ↓

    ئېسىل! ياقتۇردۇم.

  • ياسىنجان جاۋاب ↓

    بولسا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژۇرنىلىنىڭ تەپەككۇر مىۋىلىرى دېگەن سەھىپىسىدىكى نادىر ھېكمەتلەرنى يوللاپ قويساڭلار.
    ياشلىققا ئائىت تېمىلارنى كۆپرەك يوللىساڭلار. رەھمەت!

  • تاھىرجان جاۋاب ↓

    ھەقىقەتەن قايىل قىلارلىق ماقالىكەن. سوراپ باقسام مەنبەنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەرلەردە تارقاتساق بولارمۇ؟

    • MenzilBiz جاۋاب ↓

      ئەسەر ئىچىدىكى ئەسلى ئەسەر مەنبەسى ۋە مەنزىل تورىنى ئەسكەرتىپ تارقاتساڭلار بولىدۇ.

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!