• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

مەن ئامېرىكىغا قانداق كەلدىم

2887
ئاپتورى: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ناسىن   يوللانغان ۋاقتى:2015-05-16   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە
 

ئاپتور: ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ناسىن

 

تېمنىڭ ئەڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ Open Doors دىگەن ئورگىنىنىڭ 2010-2011 ئوقۇش يىلىدىكى ئامېرىكىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۆلەت ۋە رايون بويىچە قىلغان سىتاستىكىسىنى كۆرۈپ باقايلى.

1. جۇڭگو: 157558

2. ھىندىستان: 103895

3. كۇرىيە: 73351

4. كانادا: 27546

5. تەيۋەن: 24818

6. سەئۇدى ئەرەبىستان: 22704

7. ياپونىيە: 21290

8. ۋېيتنام: 14888

9. مىكسىكا: 13713

10. تۈركىيە: 12184

11. نىپال: 10301

بۇ 2010-يىلىدىكى سىتاستىكىكەن. بايا تەكشۈرۈپ كۆرۈشۈمچە 2014-يىلى ئامېرىكىغا يېڭىدىن ئوقۇشقا كەلگەن جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 235 مىڭدىن ئېشىپتۇ. ھازىر ھىندىستان، كۇرىيە، تەيۋەن، ياپونىيەلەردىن ئوقۇشقا كېلىدىغانلار بارغانسىرى ئازلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئىران ئوقۇغۇچى سانى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆسۈۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ قاپتۇ. ئالدىنقى قېتىم ئايرۇپىلاندا كەلگىچە سەئۇدىلىق بىر پىراففىسور بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ھازىر ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتىتلاردىكى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى بىر يېرىم مىليوندىن ئاشىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى دۆلەت خىراجىتى بىلەن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىدىكەن.

بىزدە سەئۇدىدەك پۇلنىڭ كۈچى بىلەن مىليون ئوقۇغۇچىنى ئامېرىكىدا ئوقۇتقۇدەك شارائىت يوق. ئەمما بىزدە، بىز تولا قاقشايدىغان بارلىق ئوبىيكتىپ ئامىللارنى چىقىرىۋەتسەكمۇ، ئەسلى 235 مىڭ دىگەن ساننىڭ ھىچ بولمىدى دېگەندىمۇ 1000 ئەتراپىدىكى سانىنى ئىگەللەش پۇرستىمىز بار ئىدى، بۇ پۇرسەتقۇ ھېلىھەم بار. شۇغىنىسى ھەريىلى ئامېرىكىغا ماگىستىر-دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا كىلىدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى تولىمۇ ئاز. بۇ تىمىدا نىمىشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىمۇ ئازراق تەھلىل قىلىپ توختىلىشىپ ئۆتىشىم مۇمكىن، ئەمما ئاساسلىقى ئۆزۈمنىڭ خىزمەت قىلىپ بىر نەچچە يىللاردىن كېيىن قانداق قىلىپ ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىمنى ھىكايە قىلىپ ئۆتىمەن.

ھازىر ئالى مەكتەپكە يېڭى كىرگەن بىر ئوقۇغۇچى بار دەيلى. ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىش سىنارىيىسى تۆۋەندىكىدەك بولىشى مۇمكىن.

1. تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش. GPA سى 3. 5 دىن يۇقىرى بولۇش، پەقەت بولمىدى دىگەندىمۇ 3. 0 دىن تۆۋەن بولۇپ قالماسلىق. TOEFL، GRE ئىمتىھانلىرىدىن يۇقىرى نۇمۇر ئېلىش. يۇقىرىقى شارائىتلار ئاساسىدا ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى ياخشى تەييارلاپ ئىلتىماس قىلغاندا ئىلتىماسنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. جۇڭگودىن ھەر يىلى كېلىۋاتقان 200 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مۇشۇ يول بىلەن كىلىدۇ ھەم كىلىۋاتىدۇ.

2. تولۇق كۇرستىكى GPA سى تۆۋەن چىقىپ قالغانلار، دۆلەت ئىچىدە ماگىستىرلىققا ئۆرلەپ ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇيالىسا، ئەڭ مۇھىمى ماگىستىرلىقتا ئوقۇش جەريانىدا ئۆزى يالغۇز بولسۇن ياكى باشقا دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىشىپ بولسۇن بىر نەچچە پارچە (ئاز دىگەندىمۇ بىرەر پارچە بىرىنجى ئاپتۇر) ماقالىسىنى خەلقئارالىق ئىلمىي ژورنال ياكى خەلقئارالىق ئىلمىي يىغىنلاردا ئېلان قىلالىسا تولۇق كۇرستىكى نەتىجىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى مەلۇم دەرىجىدە تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ. (ئەمما ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلغاندا يەنىلا تولۇق كۇرستىكى نەتىجە ئەڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەمدە بۇ سىنارىيەدە تولۇق كۇرستىن بىۋاستە ئامېرىكىغا بارغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىغاندا 2-3 يىل ئارتۇق ئوقۇپ كەتكىنى كەتكەن بولىدۇ.)

3. تولۇق كۇرس GPA بەكلا تۆۋەن، ماگىستىرلىقنى دۆلەت ئىچىدىكى خەنچە يادرولۇق ئىلمىي ژۇرناللاردا ماقالە ئىلان قىلىپلا ئەپلەپ-سەپلەپ پۈتتۈرىۋالغان. خىزمەت قىلغىلى بىر-نەچچە يىل بولۇپ قالغان شارائىتتىمۇ يەنىلا ئامېرىكىغا كېلىپ تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دوكتۇرلۇققا كىرگىلى بولىدۇ. بۇ سىنارىيە دەل مىنىڭ ماڭغان يولۇم.

2012-يىلىنىڭ يىل بېشىدا ئامېرىكىغا چىقىپ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ بىر تەرەپتىن TOEFL، GRE ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىپتىمەن. 2012-يىلى 11-ئايدا GRE ۋە TOEFL ئىمتىھانلارنى ئوڭۇشلۇق بەرگەندە، دوسلىرىم مىنىڭ بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىۋاتقان ھەم ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ بولغان تۇرۇقلۇقمۇ قانداق قىلىپ بۇ ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق بىرەلىگىنىمنى سوراشقانتى، مەن ئىلتىماس ئىشلىرىم ئوڭۇشلۇق بولغاندا بىراقلا تىما قىلىپ يازاي دەپ ۋەدە بەرگەنتىم. بۇنىڭغىمۇ بىردەمدە ئىككى يىل بولۇپ قاپتۇ.

2012-يىلىنىڭ بېشىدا 2013-يىلى جەزمەن ئامېرىكىغا چىقىمەن دەپ ئىرادە باغلىۋىدىم. دىگەندەك 2013-يىلى دىكابىردا تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تۇپرىقىدا ئۆزۈمنى كۆردۈم. شۇغىنىسى ئۇ قېتىم ئامېرىكىغا كىلىشىم ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا تەتقىقات-تەجرىبە ئېلىپ بېرىپ تەييارلىغان سەككىز بەتلىك ئىلمىي ماقالەم قوبۇل قىلىنغان IEEE نىڭ لوس-ئانژىلىستىكى خەلقئارلىق ئىلمىي يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بولدى. لوس-ئانژىلىستا بىلىمخۇمار، تاشپولات ئاكىلىرىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش، سۆھبەتلىشىش، يەنە نۇرغۇن تەڭتۇش دوستلار بىلەن تونۇشۇش، سىردىشىشقا نائىل بولدۇم. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دوستلىرىم ماڭا ئامېرىكا تەسىراتى يېزىشنى تەۋسىيە قىلدى. مەن يەنىلا بۇ ئىشلارنى ئىلتىماس ئىشلىرىم ئۇتۇقلۇق بولغاندىن كېيىن قىلىشقا قويدۇم.

2014-يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا ھازىرقى مەكتىۋىم ماڭا تولۇق ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقىمنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى چىققان بولدى. ئەمما خىزمەتتىن چېكىنىش، ۋىزا بىجىرىش، ئائىلەمدىكىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چوڭلار، ئۇرۇق-تۇققانلار بىلەن خوشلىشىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بىر نەرسە يازالمايلا بۇ يىل 8-ئاينىڭ بېشىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش ئۈچۈن ئىككىنجى قېتىم ئامېرىكىغا قەدەم باستىم. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن بولسا ئوقۇش ئالدىراشچىلىقىدا بىردەمدىلا بىر مەۋسۇممۇ تۈگەپ، مانا ئەمدى قىشلىق تەتىلمۇ يېرىملىشاي دىگەندە بۇ تىمىنى باشلاپ ئولتۇرۇپتىمەن.

مەن مىنىڭ ھىكايىلىرىمنىڭ «ئامېرىكا چۈشى» نى كۆرۈۋاتقان ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بولسۇن، ياكى بۇرۇن شۇنداق چۈشلەرنى كۆرۈپ ھازىر ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالغانلارغا بولسۇن بەلگىلىك ئىلھام بولسىكەن دەيمەن.

ئۈستىدىكى قەۋەتتە تونۇشتۇرغان ئۈچ خىل سىنارىيەنى كۆرۈپ بەلكىم ھىس قىلغانسىلەر. ئامېرىكىغا كېلىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇشتىكى ئەڭ ئاسان ھەم قولاي يول دەل تولۇق كۇرسنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاش ئالدىنقى شەرت ئاستىدا تىل ئىمتىھانلىرىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتسىلا بولىدۇ. تىل ئىمتىھانلىرى بىرەر يىل كىچىكىپ كەتسىمۇ ھىچقىسى يوق، چۈنكى ئۇ ئىمتىھانلارنى قايتا-قايتىلاپ بېرىپ نۇمۇرنى يۇقىرىلىتىپ يېڭىلىغىلى بولىدۇ. ئەمما تولۇق كۇرسنى قايتا ئوقىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئەڭ مۇھىمى بارلىق تىرىشچانلىق بىلەن تولۇق كۇرسنى ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈش كىرەك.

ئىككىنجى سىنارىيە قارىماققا ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتى يۇقىرىدەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئورۇنداش بىرىنجى سىنارىيەگە قارىغاندا تەسرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2-3 يىل ئارتۇق ئوقۇپ كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندىمۇ، ئىلتىماس قىلغاندا يەنىلا تولۇق كۇرستىكى نەتىجىلەر ئاساس قىلىنغاچقا جەزمەن ئۇتۇقلۇق بولىدىغان بولمايدىغانلىقىغا يەنىلا ئېنىق گەپ قىلغىلى بولمايدۇ.

ئۈچىنجى سىنارىيە ھەممىدىن قىيىن، مەكتەپ شارائىتىدىن ئايرىلىپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت قىلىپ تىل ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىش، تەجرىبىخانا يوق (مىنىڭ كەسپىمگىغۇ بىر كومپيوتىر بولسىلا تەجرىبىخانا پۈتكەن بولىدۇ.) ، ئەڭ مۇھىمى يىتەكچى ئوقۇتقۇچى يوق، مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىدىغان باشقا ئاسپىرانتلار يوق شارائىتتا خەلقئارا ئۆلچەمدىكى ئىلمىي ماقالە تەييارلاشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكى ئېنىق.

ئەمما مىنىڭ بۇ ئۈچ سىنارىيە ئارقىلىق دەۋالماقچى بولغىنىم، ھەر قانداق ئادەم سەۋەنلىكتىن خالى بولالمايدۇ. مۇۋاپپەقىيەت قازىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا قەتئىي سەۋەنلىك سادىر قىلماسلىقتا ئەمەس، بەلكى سەۋەنلىكنى قانداق تونۇشتا ۋە ئۇنى كېيىن قانداق تولۇقلاشتا. تولۇق كۇرستا ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇيالماي قالدىڭىز، سىزنىڭ «ئامېرىكا چۈشى»ڭىز شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتىمۇ؟ ياق. ئەگەر تولۇق كۇرس نەتىجىلىرى بىلەن ئىلتىماس قىلالىشىڭىزغا كۆزىڭىز يەتمىسە، دۆلەت ئىچىدە ماگىستىرلىق ئوقۇڭ. ماگىستىرلىقىنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇڭ، خەلقئارا سەۋىيىدە ماقالە ئىلان قىلىڭ، سىزگە پۇرسەت يەنىلا بار. ماگىستىرلىقنىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئوقۇيالماي قالدىڭىز، سىزنىڭ ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۇرسىتىڭىز ئۆلدىمۇ؟ ئەلۋەتتە ياق. تەسرەك بولسىمۇ سىزگە سەۋەنلىكلەرنى تولۇقلاش پۇرسەت يەنىلا بار. ھەرگىزمۇ ئۆز ئارزۇيىڭىزدىن ئالدىراپ ۋاز كەچمەڭ. ھاياتىڭىزدا «ھەي، ئەسلى مۇنداق قىلسام بوپتىكەن» دىگەندەك ئەپسۇسلۇق قالمىسۇن. ئۆزىڭىز چىن دىلىڭىزدىن ئارزۇ قىلغان نىشانىڭىز ئۈچۈن، باشقا بارلىق ئارتۇق ئەندىشە-قورقۇنچلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تىرىشىپ بېقىڭ. ئىشىنىمەنكى ھەرگىزمۇ ھوسۇلسىز قالمايسىز.

بىر شەيئىنىڭ ھەممە تەرىپى مۇتلەق ياخشى ياكى مۇتلەق يامان بولمىغىنىدەك، جۇڭگودىكى ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا كىلىشتە ئاكتىپ ئامىللىرىمۇ بار. ئامېرىكىدىكى ئۇنىۋېرسىتىتلار 235 مىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنى بىكاردىن-بىكار قوبۇل قىلمايدۇ. ئاز بىر قىسىم پۇلنىڭ كۈچى بىلەن كەلگەنلەرنى ھىسابقا ئالمىغاندا، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتىتلىرىنىڭ جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى بۇنداق كۆپ قوبۇل قىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولسا ئۇلارنىڭ جۇڭگودىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياخشى ئوقۇپ كىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالىغانلىقىدىن بولىدۇ. بۇ خىل ئىشەنچ بىز جۇڭگولۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماسىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىدىمۇ ئوخشاش چوڭ رول ئوينايدۇ.

ئۆتكەندە Jeck بۇ يىل ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنى ئىلتىماس قىلىدىغانلارنى 500 دوللارلىق ئىلتىماس پۇلى بىلەن تەمىن ئېتىدىغانلىقىنى ئوقتۇردى. بۇنىڭدىن بۇ يىل قانچىلىك ئوقۇغۇچىنىڭ ئىلتىماس قىلغىنىنى پەرەز قىلىپ باقساڭلار بولىدۇ. (مەنچە كۆپ بولسا 10 دىن 20 كىچە ئادەم ئىلتىماس قىلدىغۇ دەيمەن.) بولسا كىلەر يىلى ئاز دىگەندىمۇ 100 ئوقۇغۇچى ھەممە شەرتلەرنى ھازىرلاپ تەڭلا ئىلتىماس قىلىپ، مەيدىسىگە مۇشلىغان Jeck نى قاق-سەنەم قىلىپ قويۇڭلار دەيمەن.

ھىكايەمنىڭ مۇندەرىجىسى تۆۋەندىكىچە:

1. نىشان-ئامېرىكا

2. ئىنگلىز تىل ئۆتكىلىدىن ھالقىش

3. IEEE دا ماقالە ئىلان قىلىش

4. لوس-ئانژىلىستىكى ھىكايىلەر

5. ئىستانبۇل تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتىتىغا قوبۇل قىلىنىپتىكەنمەن

6. بەش ئايلىق مۇشەققەتلىك كۈتۈش

7. ئامېرىكا مائارىپى ۋە جۇڭگو مائارىپىدىن دەسلەپكى سېلىشتۇرما

8. خاتىمە

 

نىشان-ئامېرىكا

2012-يىلىنىڭ يىل بېشىدا مەن بىردىنلا ئامېرىكىغا بېرىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇيمەن دىگەن ئىرادىگە كەپ قالدىم. بۇ ۋاقىتتا مەن ماگىستىرلىق ئوقۇشنى تۈگىتىپ شاڭخەيدىكى بىر چوڭ شىركەتتە تەتقىقاتچى ئېنژىنىر بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشقان، ئايالىمنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىنىڭ ئىككىنجى يىلى يېرىملاشقان ۋاقىتلار ئىدى. بۇ يەردە «بىردىنلا» دىگەن سۆزنى ئىشلىتىشىمدىكى سەۋەب، بىردىنلا دوكتۇرلۇق ئوقۇماقچى بولۇپ قالغىنىم ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى بۇرۇندىنلا كېيىنچە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش خىيال ۋە پىلان بار ئىدى، ھەم شۇ خىيالغا ئاساسەن، سونى، سايمېنس دىگەندەك دۇنياۋى 500 كۈچلۈك كارخانىلارنىڭ QA سۈپەت ئېنژىنىرلىقى، يۇمشاق دىتال ئېنژىنىرلىقى دىگەندەك خىزمەتلەرنى رەت قىلىپ ئۆز كەسپىمنىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغىلى بولىدىغان تەتقىقات ئېنژىنىرلىقى خىزمىتىنى تاللىغان ئىدىم. بۇ يەردە بىردىنلا سۆزىنى ئىشلىتىشىمدىكى سەۋەب، مەن ئۇندىن بۇرۇن ئىزچىل ئۆزۈمنى ياپونىيە بىلەن باغلاپ كەلگەنلىكىم ئۈچۈن ئىدى. چۈنكى تولۇق كۇرستىكى ئىككىنجى كەسپىم ياپون تىلى، تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن يىلىلا ياپونچە ئەڭ يۇقىرى دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولغان، ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدىن كېيىنلا مىنىڭ بىرىنجى چەتئەل تىلىم ئىنگلىز تىلى ئەمەس، ياپون تىلى بولۇپ كەلگەن. مەنمۇ شۇ يىللاردا ئۆزۈمنى كېيىن جەزمەن ياپونغا چىقىپ دوكتۇرلۇق ئوقۇيمەنغۇ ياكى ياپونغا چىقىپ ئىشلەيمەنغۇ دەپلا ئويلايتتىم. مەنلا ئەمەس، ساۋاقداش، دوست-بۇرادەرلىرىم، ھەتتا ئاتا-ئانام ھەم ئايالىممۇ مىنى كېيىنچە جەزمەن ياپونغا چىقىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىشاتتى. تورلاردا ياپون مەدەنيىتىگە ئائىت نەرسىلەرنى كۆپ ئىلان قىلغاچ نۇرغۇن تورداشلار ھەتتا مىنى ياپونىيەدە دەپمۇ ئويلىشاتتى.

ھازىر ئويلاپ باقسام مىنىڭ ياپونىيەگە ئەمەس ئامېرىكىغا چىقىش خىيالىغا كەپ قېلىشىمغا تۆۋەندىكى بىر قانچە سەۋەب باركەن.

بىرىنجىدىن، گەرچە ياپونغا چىقىپ باقمىغان بولساممۇ ئۇزۇن يىللار ياپوننىڭ كىنو-تېلىۋېزىيە، ئەدەبىيات-سەنئىتى بىلەن كۈندە دىگۈدەك ئىزچىل ئۇچرىشىش، ياپوننىڭ جۇڭگودىكى چوڭ شىركەتلىرىدە بىرنەچچە ئاي پىراكتىكا قىلىش داۋامىدا ياپونىيەنىڭ جەمئيەت، تۇرمۇش ئەھۋالى، كارخانا مەدەنيىتى دىگەندەكلەر بىلەن بەكلا تونۇش بوپ كەتكەنلىكىمدىن بولسا كىرەك. بىر نەرسە بەكلا تونۇش بولۇپ كەتكەندە تەبئىيلا ئۇنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىكەن. (مىنىڭ ياپونىيە توغرىلىق يازمىلىرىم تورلاردا خېلى كۆپ، قىزىققۇچىلار ئىزدىنىش ۋە بىلىكتىكى تىمىلىرىمنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.)

ئىككىنجىدىن، ياپونىيەنىڭ ئالى مەكتەپلەر ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى يېپىق شەكلى، ئىمتىھان ئاۋارىچىلىقرىلىرى ياقمىدى. بىلىشمچە دۆلەت خىراجىتى بىلەن چىقىشنى (公派) ئىلتىماس قىلىشتىن باشقا، ياپونىيەنىڭ ئالى مەكتەپلىرىگە جۇڭگودىن چىقماي تۇرۇپلا ئاسپىرانتلار ئىنىستىتۇتلىرىغا بىۋاستە ئىلتىماس قىلىش شارائىتى يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى. ياپونچە بىرىنجى دەرىجە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ بولغان يەردە، يەنە ياپونىيەگە تىل مەكتەپلىرىگە چىقىپ يۈرۈشنى ئېغىر ئالدىم.

ئۈچىنجىدىن، ماگىستىرلىق ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق تەتقىقاتچى ئېنژىنىر بولۇپ خىزمەت قىلىش داۋامىدا نۇرغۇنلىغان خىزمەت ۋە كەسپىمگە ئائىت ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىمكى، مىنىڭ كەسپىمدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك تەتقىقاتلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىدا ئىكەن. مىنىڭ تەتقىقات ساھەرىمدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىمۇ جەزمەن دىگۈدەك ئىنگلىزچە ئىلمىي ژۇرناللاردا ياكى ئىلمىي يىغىنلاردا ئىلان قىلىنىدىكەن. كەسپى جەھەتتىكى تەرەققىياتىمنى ئويلىغاندا ئامېرىكا بىرىنجى تاللاش بولىشى كىرەك ئىدى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن خېلى كۆپ ياپونلۇقلار بىلەن پاراڭلىشىپ ئۆزۈمنىڭ قانداقسىگە ياپونچە سەۋىيەم شۇنچە ياخشى تۇرۇپ ياپوننى ئەمەس ئامېرىكىنى تاللىغانلىقىمنى سۆزلەپ بەردىم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مىنىڭ ناھايىتى ئاقىلانە بىر قارار چىقارغانلىقىمنى تەستىقلاشتى.

تۆتىنجىدىن، يېشىم تېخىمۇ چوڭلاپ كېتىشتىن بۇرۇن ئۆزۈم ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىش ئۈچۈن ئاخىرقى قېتىم بىر كۈچەپ باقماقچى بولدۇم. ماگىستىرلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، ئۆزۈم ئارزۇلىغان خىزمەتكە ئېرىشىپ خىزمەت قىلىش داۋامىدا كېيىن قانداق قىلىش توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىدىغان بولۇپ قالغانتىم. نۇرغۇن تاللاش يوللىرىم بار ئىدى. شۇ ۋاقىتتىكى خىزمەتكە بەكرەك كۈچەپ بىر-ئىككى يىلدىن كېيىن باشقۇرغۇچىلىق ئورنىغا چىقسام، ئاڭغىچە ئايالىمنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىمۇ تۈگەپ خىزمەتكە چۈشسە، ئۆيگە ئايدا نەچچە تۈمەن مۇئاش كىرسە، ماشىنا ئالساق، بىر يۈرۈش ئۆي ئالساق، كېيىن يەنە بىر يۈرۈش ئۆي ئالساق، بولسا يەنە ئۆي ئالساق. كېيىن پۈتۈن ئۈمىد ئارزۇلىرىمىزنى باللىرىمىزغا باغلاپ ياشاپ كەتسەكمۇ بولىدىكەن. ئەلۋەتتە ياكى بولمىسا يەنە ئۆزۈمنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى شارائىتىم بىلەن مەيلى ياپونىيەگە كېلىپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بولسۇن مەيلى ياپونىيەنىڭ ئالى مەكتەپلىرىدە ئوقۇش ئۈچۈن بولسۇن تامامەن پۇرسەت ۋە مۇمكىنچىلىكمۇ بار ئىدى. ئەمما ھەر بىر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىدە بىر «ئامېرىكا ئارزۇسى» بار دىگەندەك، مەن ئۆزۈمنىڭ كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا ئىنتىلىدىغانلىقىمنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. ھەم مۇشۇ نىشان ئۈچۈن مەيلى ئۇ قانچىلىك قىيىن بولسۇن بىر تىرىشىپ بېقىش ئىرادىسىگە كەلدىم. چۈنكى نەتىجىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىي نەزەر مەن ئۆزۈمنىڭ ھاياتىدا بىرەر ئەپسۇسلۇقنىڭ قېلىپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايتتىم.

شۇنداق قىلىپ نىشان تىكلەندى. ئايالىم بىلەن پىكىرلەشتىم. بەختىمگە يارىشا، ئۇمۇ مال-دۇنيا، قۇرۇق شۆھرەتلەرنى چوڭ بىلمەيدىغانلاردىن بولۇپ، مىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. دادام بىلەن تىلفۇندا قىلماقچى بولغان پىلانلىرىم ئۈستىدە پىكىرلەشتىم. داداممۇ (رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.) قوش قوللاپ قۇۋۋەتلىدى. ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان مەزگىللەردە پۇلنى كۆپ بېرىدىكەن دەپ سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى كائۇستنى ئىلتىماس قىلايمىكىن دىسەم دادام: «نىمە قىلىسەن سەئۇدىدا، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغان ئىشىڭ بولسا بەكرەك تىرىشىپ ئامېرىكىغا ياكى ياپوندەك مائارىپ ھەقىقىي تەرەققىي قىلغان يەرلەرگە ئوقۇشقا چىقمامسەن!» دەپ ناھايىتى خاپا بولۇپ كەتكىنى ئېسىمدە. شۇڭا ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش پىلانىمنى دادامغا ئېيتقاندا ناھايىتى خوش بولۇپ كەتكەنتى. شۇغىنىسى دادامغا مىنىڭ پىلانلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى كۆرۈش نېسىپ بولماي قالدى، ئەپسۇس، مىڭ مىڭ ئەپسۇس.

مەن تورلاردىن ئامېرىكىدىكى ئالى مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش تەلەپلىرىنى ئىزدىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ئامېرىكا ئالى مەكتەپلىرىنى ئىلتىماس قىلىشتىكى شەرت شارائىتلىرىمنى دەڭسەپ باقتىم.

تولۇق كۇرس نەتىجەم ناھايىتى تۆۋەن. گەرچە قوش كەسىپ ئوقۇدۇم دىگىنىم بىلەن، نەتىجىلىرىمنىڭ تولىسى 60 بىلەن 70 نىڭ ئارىسىدا ئىدى. ماگىستىرلىق نەتىجەم خېلى يامان ئەمەس، ئەمما يەنىلا ئەلا دىگۈدەك ئەمەس. يېڭى تۇرمۇش قۇرغان ئائىلەمنى قامداش ئۈچۈن ماگىستىرلىق ئوقۇشنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە خىزمەت تېپىش ۋە چوڭ شىركەتلەردە پىراكتىكا قىلىش ئەڭ ئاساسلىق ئىش بولۇپ قېلىپ، شۇنىڭغا بەكرەك كۈچەپ، دۆلەت ئىچىدىكى يادرولۇق ئىلمىي ژۇرنالدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئىلان قىلىپلا ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئىدىم. خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنالدا ياكى ئىلمىي يىغىنلاردا ئېلان قىلغان ماقالەم يوق.

تىلغا كەلسەك، ئۇزۇن يىل ياپونچە بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرگەچكىمۇ، ياكى بۇ ياپون تىلىنىڭ مىھرى شۇنداق ئىسسق تىلمۇ بىلمىدىم. ياپونچە ئۈگىنىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئىنگلىزچە سەۋىيەم ئىزچىل تۆۋەنلەپ كەتكەنتى. گەرچە ئالى مەكتەپنىڭ ئىككىنجى يىلىدا 6-دەرىجىدىن ئۆتۈپ بولغان، ئالى مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىلى TOEFL ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ خېلى يۇقىرى نۇمۇر ئالغان بولساممۇ، كېيىنكى يىللاردا گەرچە ئوقۇپ چۈشىنىشتە كۆپ مەسىلە بولمىسىمۇ، بارغانسىرى ئىنگلىزچە تۈزۈكمۇ پاراڭلىشالمايدىغان، يېرىم بەت نەرسىنىمۇ قاملاشتۇرۇپ يازالمايدىغانلا بولۇپ قالغانتىم. بۇ جەھەتتە ياپوندىكى بالىلار ئۆز تەسىراتىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلار بولىدۇ. سىلەردىمۇ بۇ خىل ئەھۋال بولغانمۇ؟ ھازىرغۇ ئىنگلىزچەم كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى. ئەمما ياپونچىنى نەچچە يىللار ئىشلەتمەي ئۇنتۇپ قالدىممىكىن دىسەم، بىرەر ياپونلۇق ئۇچراپ قالسا يەنە سۇدەك پاراڭلىشىپ كېتەلەيدىكەنمەن. زادى مۇشۇ ياپون تىلىدا بىر گەپ بار.

شۇنىڭ بىلەن ئۆز شەرت-شارائىتىمغا باغلاپ 2012-يىللىق ئىككى چوڭ پىلان تۈزدۈم. شۇ ۋاقىتتىكى خىيالىمدا مۇشۇ ئىككى پىلاننى ئورۇندىسام، ئۇنىڭغا بىر نەچچە يىللىق تەتقىقات خىزمەت تەجرىبەم قوشۇلسا، مەن جەزمەن MIT، Calteck، ستەنفوردلارغا ئىلتىماس قىلىپ كىرەلەيتتىم. (نىمە دىگەن ئۇماق خىياللار ھە، مەن بۇ چاغدا ماقالەمنى ئوڭۇشلۇق ئىلان قىلغان تەقدىردىمۇ تولۇق كۇرستىكى تۆۋەن نەتىجىلىرىمنىڭ كېيىن مىنىڭ ئىلتىماس ئىشلىرىمغا ئۇنچىلىك چوڭ پۇتلىكاشاڭ بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىم.)

مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەن يېشىم 29 دىن ئېشىپ 30 قاراپ ماڭغان چاغدا ئۆزۈمگە بىر يېڭى نىشان تىكلەپ، ناھايىتى ئەستايىدىللىق ۋە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن بۇ پىلانلارنى ئورۇنلاشقا كىرىشتىم. مىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پىلانىم:

بىرىنجىسى، جەزمەن ئىنگلىز تىلىنى قايتىدىن پۇختىلاپ ئۈگىنىش. 2012-يىل ئاخىرىدىكى ئىلتىماس مەزگىلىدىن بۇرۇن جەزمەن GRE ۋە TOEFL ئىمتىھانلىرىنى بېرىپ بولۇش. بۇ ۋاقىتتا مەيلى ئىمتىھان ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى ئىلمىي ماقالە يېزىش ئۈچۈن بولسۇن ئىنگلىز تىلى مىنىڭ ئالدىمدىكى ناھايىتى چوڭ بىر توسۇق ئىدى.

ئىككىنجىسى، ماگىستىرلىق ۋە كېيىنكى خىزمەتتىكى تەتقىقاتلىرىمغا بىرلەشتۈرۈپ ئاز دىگەندە ئىككى پارچە ئىنگلىزچە ماقالىنى خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئىلان قىلدۇرۇش. (يېڭى تۇغۇلغان موزاي پىچاقتىن قورقمايدۇ دىگەن شۇ دە، مەن ئۇ ۋاقىتلاردا ئۆز كەسپىمدىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال ياكى ئىلمىي يىغىنلارنىڭ ئىسمى تۈگۈل، SCI بىلەن EI نىڭمۇ پەرقىنى بىلمەيتىم. كېيىن transaction لارغا ماقالە ئەۋەتىپ، رەت قىلىنىپ يۈرۈپ ئىلىم-پەننىڭ نەتىجىلىرىنىڭ ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدىغانلىقنى، نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ماقالە چىقىرىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى ناھايىتى چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتتىم.)

ئىنگلىز تىلى ئىمتىھان تەييارلىق ۋە ماقالە تەييارلاش ۋە ئىلان قىلىشتىكى ھىكايىلىرىم كېيىنكى بۆلەكلەردە داۋاملىشىدۇ.

 

ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم (1)

ياپونچىنى بىر يانغا قويۇپ، ئىنگلىزچىنى قايتىدىن رەسمىي قولغا ئېلىش ئېغىزدا ئېيتقاندەك ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى. چۈنكى 2005-يىلىدىن تاكى 2012-يىلىغىچە ھەر كۈنى جەزمەن بىرەر ئىككى قىسىم ياپونچە دىراما ياكى كارتۇن فىلىم كۆرۈش تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالايلا دىگەنتى. كۈندە كۆرىدىغىنىم ياپونچە تېلىۋىزىيە تىياتىرى ياكى كارتۇن فىلىملىرى، ئادەتتە ئاڭلايدىغىنىممۇ ياپوننىڭ كونا خەلق ناخشىلىرى ياكى مودا ناخشىلىرى بولغاچ ئايالىمنىڭمۇ تېخى تۇرۇپ تۇرۇپ «ھۇ، ياپونپەرەس» دەپ قويۇشلىرى بار ئىدى. شۇڭا مەنمۇ ياپونچىدىن بىراقلا قول ئۈزمەي، ياپونچە بىلەن ئۇچرىشىشنى بارا-بارا ئازايتىش، تۇرمۇشۇمدىكى ئىنگلىزچە مەزمۇنلارنى بارا-بارا كۆپەيتىش يولىنى تاللىۋالدىم.

بىر تىلنى ئۈگىنىش بىرنەچچە ھەپتە، بىر نەچچە ئايلىق قىسقا مۇددەت ئىچىدىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان جەريان ئەمەس ئىدى. ئەمەلىيەتتە «بىردىنلا» ئامېرىكىغا دوكتۇرلۇققا ئۇقۇش ئىرادىسىگە كىلىشتىن نەچچە ئاي بۇرۇنلا مەن ئىنگلىز تىلى سەۋىيەمنى ئۆستۈرۈش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ ھەركەت قىلىۋاتقان ئىدىم. چۈنكى كەسپىمدە ئۇتۇق قازىنىمەن دەيدىكەنمەن. ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم جەزمەن يۇقىرى بولمىسا بولمايتتى. تەتقىقاتچى ئېنژىنىرلىق خىزمىتىدە بىر مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ چۈشىنىپ، ئۇنىڭ پروگراممىسىنى يېزىپ تەجرىبە قىلىش تەلەپ قىلىناتتى. خەنچە ئىلمىي ماقالىلەر ناھايىتى سۇيۇق (水 دىگەننى سۇيۇق دەپ ئەپ باقتىم) بولغاچ، پايدىلىنىغىنىمىز ئاساسەن ئىنگلىزچە ئىلمىي ماقالىلەر ئىدى. پروگرامما ئېچىشتا بىرەر مەسلىگە دۇچ كەلسەكمۇ بىرىنجى بولۇپ گۇگۇلدىن ئىنگلىزچە كىرگۈزۈپ جاۋاب ئىزدەيتۇق.

ئىنگلىز تىلى سەۋىيەمنى قانداق قىلىپ ئۆستۈرەرمەن دىگەن خىياللار بىلەن يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىشتىن قايتقۇچە تاساددىپىي مىترو بىكەت بويىدىكى گىزىت بوتكىسىدا Shanghai Daily شاڭخەي كۈندىلىكى دىگەن ئىنگلىزچە گىزىتنى ئۇچرىتىپ قالدىم. بۇرۇن چوڭلارنىڭ «خەنزۇچىنى قانچىلىك بىلىلا» دىسە «گىزىت ئوقۇيالىغىدەك سەۋىيەرىم بار.» دەپ جاۋاب بىرىشىدىغانلىقى يادىمدىن كەچتى. نىمىشقا كۈندە ئىشقا كەلگۈچە بىر سائەت، ئىشتىن قايتقۇچە بىر سائەت ئولتۇرۇدىغان مىترودا تىلفۇن ئويناپ ئولتۇرغۇچە ئىنگلىزچە گىزىت ئوقۇپلا ماڭمايمەنمۇ دىگەن خىيال كاللامغا كەلدى. چۈنكى گىزىتنىڭ مەزمۇنى كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ئوقۇسا ئادەمنى زىرىكتۈرمەيتتى، ھەم گىزىتلەردە بەك تەس، مۇرەككەپ سۆزلەر ھەم جۈملىلەر كۆپ ئۇچرىمايتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەركۈنى قولۇمدا بىر پارچە ئىنگلىزچە گىزىتنىڭ بارلىقى بار بولدى. مىترودا ئىشقا بېرىپ كەلگۈچە، چۈشلۈكى ئۆزۈم ئېلىپ كەلگەن تامىقىمنى قىزىتىپ يىگۈچە (شىركەتنىڭغۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئۈچۈن ئەرزان ئاشخانىسى بار ئىدى، شۇغىنىسى مۇسۇلمانچە ئەمەستە) بىر قولۇمدا چوكا-قوشۇق بولسا يەنە بىر قولۇمدا گىزىت بولىدىغان بولدى. بىر كۈندە گىزىتنىڭ ھەممە يېرىنى ئوقۇۋىتىمەن دەيتتىمۇ ئوقۇپ بولالمايتتىم. كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۆيدە گىزىتلەر دۆۋىلىشىپ ئايالىم قاقشاشقا باشلىدى.

- ماۋۇ گىزىتلەرنى تاشلىۋىتىمەن، نىمانداق يىغىلىپ كەتكەن نەرسىلەر بۇ ئۆينى قالايمىقان قىلىپ، دەيتتى ئايالىم.

- تاشلىۋەتمەي تۇرۇڭ دەيمەن، تېخى ئوقۇمىغان يەرلەر بارتى ھەپتە ئاخىرىدا ئوقۇيدىغان. دەپ كىتەتتىميۇ كونا گىزىتلەرنى ئوقۇشقا ئۈلگۈرمەي يېڭى گىزىتلەر يىغىلىۋېرەتتى. (ئاخىرىدا ئۆي كۆچكەندە كىلولاپ بىراقلا سېتىۋەتتۇققۇ دەيمەن دۆۋىلىشىپ كەتكەن گىزىتلەرنى).

كۈندە ئىنگلىزچە گىزىت ئوقۇشنى بىرەر ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، مەن مەزمۇن جەھەتتىن تېخىمۇ رەڭدار بولغان Global Times دىگەن ئىنگلىزچە گىزىتنىڭمۇ بارلىقىنى بايقاپ، ئوقۇيدىغان گىزىتنى يەڭگۈشلىدىم. ئەلۋەتتە ئوقۇش ئۇسۇلىنىمۇ يېڭىلىدىم. بۇرۇن يېرىم ياتا چۈشەنسەممۇ خام سۆزلەردىن تاقلاپ ئۆتۈپ ئوقۇۋەرگەن بولسام ئەمدى گىزىتتىن مەن بىلمەيدىغان يېڭى سۆزلەر ئۇچرىسا دەرھال يانفۇنىمنى ئېلىپ لۇغەتتە تەكشۈرۈپ، يېڭى سۆزلەرنى يانفۇندا ساقلاپ قويىدىغان بولدۇم. ھەم ھەپتە ئاخىرلىرىدا ۋاقتىم چىقسا يىغىلىپ قالغان سۆزلەرنى قايتا ئېچىپ كۆرۈپ تەكرار قىلىدىغان بولدۇم. شۇنداق قىلىپ بۇ خىل ئۈگىنىشنى ئىككى-ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرۇپ ئىنگلىز تىلى سەۋىيەم ھەقىقەتەنمۇ ئۆسۈپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم.

ئەمما ئۈستىدە ئېيتقىنىمدەك بىر چەتئەل تىلىنى ئۈگىنىش ھەرگىزمۇ بىر نەچچە ئايلىق پارچە پۇرات ئۈگىنىش بىلەنلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش ئەمەستى. ئەمەلىيەتتىمۇ كېيىن مەن ئۆزۈمنىڭ ماگىستىرلىقتا يازغان خەنچە ئىلمىي ماقالەمنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسىنى يېزىپ باقماقچى بولۇپ كومپيوتىرنىڭ ئالدىدا يېرىم كۈن ئولتۇرۇپ ئۆزۈم رازى بولغۇدەك بىرەر ئابزاسمۇ يازالمىغان ئىدىم. دىمەك ياپونچىلىشىپ كەتكەن كاللىنى ئىنگلىزچە ئويلىيالايدىغان، ئىنگلىزچە تەپەككۇر قىلالايدىغان دەرىجىگە ئاپىرىش ناھايىتى مۈشكۈل بىر ئىش ئىدى. بۇ يەرنى يازغاچ تاشپولاتكامنىڭ ئامېرىكىغا دەسلەپ كەلگەندىكى ئىنگلىز تىلىنى قانداق ئۈگەنگەنلىك ھىكايىسى ئىسىمگە كەپ قالدى. ياپونىيەدە دوكتۇرلۇق پۈتتۈرگەن ۋە ياپوندىكى ئالى مەكتەپلەردە پروفېسسورلۇق قىلغان تاشپولاتكامنىڭ ئىنگلىزچە تىكسىتلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىقچىلىق ئىقتىدارى شۇ ۋاقىتتا ھەرگىز تۆۋەن ئەمەس بەلكى ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى مۇقەرەر، چۈنكى ھازىرقى زاماندا ھەرقانداق جايدىكى بىر ئىلمىي تەتقىقات ئىنگلىز تىلىدىكى زور ھەجىمدىكى ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشتىن ئايرىلالمايدۇ. لىكىن ئىنگلىز تىلىدا راۋان سۆزلىشەلەيدىغان، ئىنگلىز تىلىدا تەپەككۇر قىلالايدىغان سەۋىيەگە يىتىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن تاشپولاتكاممۇ تولۇق بىر يىل بار ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئىنگلىز تىلى ئۈگىنىپتىكەنتۇق.

ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانلىرىنى يىل ئاخىرىدىكى ئىلتىماس مەزگىلىگە ئۈلگۈرتۈپ بېرىشنى پىلانلىغاچقا يىل بېشىدىكى بىر قانچە ئايدا ئىلمىي ماقالىنىڭ ئىشلىرىنى پۈتتۈرىۋالماقچى بولدۇم. يەنە تاساددىپى پۇرسەتتە توردىن ئىنگلىز تىلىدا ئىلمىي ماقالنى قانداق يېزىش توغرىسىدىكى بىر خەنچە كىتابنى بايقاپ قېلىپ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كەتتىم-دە دەررۇ سېتىۋالدىم. ئۇ كىتابتا ئىنگلىزچە ماقالىنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرىدىكى كۆپ ئىشلىتىلىدىغان جۈملە شەكىللىرى ۋە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەر ئەمەلى مىساللار بىلەن تونۇشۇتۇرۇلغانتى. مەن خۇددى شۇ كىتابنى تەپسىلى بىر ئوقۇۋەتسەملا ماقالە دىگەننى بىردەمدە يېزىۋىتىدىغاندەك ھاياجان بىلەن ئۇ كىتابقا يېپىشتىم. شۇغىنىسى ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ كىتابنىڭ كېيىن ماقالەمنى يېزىشتا رولى دەسلەپتە ئويلىغاندەك ئۇنداق چوڭ بولۇپ كەتمىدى.

ئىلمىي ماقالىنى قانداق پۈتتۈرگەنلىكىم توغرىسىدىكى ھىكايە كېيىنكى بۆلەكتە يېزىش پىلانلانغان بولغاچقا، مەن بۇ يەردە مەزمۇن ئىھتىياجى بويىچە 2012-يىلى 1-ئايدىن بىراقلا 5-ئايغا كەتمەكچى. ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى تۆت ئايدا ناھايىتى كۆپ ئىشلار يۈز بەرگەن ئىدى. مەن ئۈچىنجى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى MIT، ستەنفوردلارنىڭ چۈشىگە مەس بولۇپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئەڭ ئاساسلىق قىلىپ ئىلان قىلماقچى بولغان ماقالەمنى يېزىۋاتقان ۋاقتىمدا تۇيۇقسىز كەلگەن ئەجەل خەۋىرى ماڭا غايەت زور زەربىلەرنى ئېلىپ كەلدى. مەن ئۆز روھى يۆلەنچۈكۈم، قەدىردان ئاتامدىن ئايرىلغان ئىدىم. يىغلاپ قاقشاپ يۈرۈپ نەزىر-چىراق ئىشلىرىنىمۇ تۈگەتتۇق. كېيىن شاڭخەيگە قايتىپ كەلگەن بولساممۇ بەكلا تۈگىشىپ كەتكەن ئىدىم. خىزمەتتىنمۇ ئىستىپا سوراپ چىقىپ كەتتىم. خىزمەت دىگەننى ھەر ۋاقىت تېپىۋالغىلى بولاتتى، ئەمما مەن يوقاتقان نەرسىنىڭ ئورنىنى ھەرگىزمۇ تولدۇرۇۋالغىلى بولمايتتى. ئۇ ۋاقىتتىكى قايغۇ-ھەسرەتلىرىمىنى بۇ يەردە يېزىپ بولالمايمەن. يۇقارقى قۇرلارنى پۈتكىچىمۇ كۆزلىرىم ئاللىقاچان ياشلىنىپ بولدى.

قەددىمنى قايتا كۆتۈرمىسەم بولمايتتى. خىزمەت قىلىپ ئۆينى باقمىسام بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن 4-ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدىن باشلاپ يەنە خىزمەت ئىزدەشكە باشلىدىم. ھېلىمۇ ئېنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ، 4-ئاينىڭ ئاخىرى بىر كىچىك شىركەتتە تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە ئىمتىھانىغا قاتناشقاندا دادامنىڭ گىپى چىقىپ قېلىپ ئۆزۈمنى تۇتالماي شۇ يەردە ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتكەنتىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ ماڭا چەكچىيىپ تۇرۇپ قالغان يولداشنى كۆرۈپ، ئۆزۈمگە ناھايىتى ئاچچىقىم كەلدى. ئۆز-ئۆزۈمگە ئىككىنجى باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈرمەسلىككە، قەيسەر ياشاشقا ۋەدە بەردىم. بىر سەۋەبتىن ئوقۇغان مەكتىپىم داڭلىق بولغاچقا، ئەڭ مۇھىمى بىر يىللىق ئەمەلى خىزمەت تەجرىبەم بولغاچقا ئىككى ھەپتىگە قالمايلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشلىرى كېلىشكە باشلىدى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى شۇ ۋاقىتقىچە ماڭا Offer بەرگەن 5 شىركەتنىڭ ئىچىدە كىچىك بولسىمۇ خىزمەت مەزمۇنى ماڭا ئەڭ يارىغان، ھەم مۇئاشنى ئەڭ ئۈستۈن قويغان بىر شىركەتنى تاللىدىم. ئۇ شىركەتنىڭ لىدىرى مىنى دەرھال خىزمەتكە چۈشسەم بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋىدى، مەن 6-ئايدىن باشلاپ ئىشلەش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردۈم.

خىزمەت مەسىلەم ھەل بولغاندىن كېيىن، پىلان بويىچە ئەمدى GRE ئىمتىھان تەييارلىقىنى رەسمىي باشلىمىسام بولمايتتى. ئىشقا چۈشۈشنى كېچىكتۈرۈشتىكى مەقسەد بولسا ئىككى ھەپتە ئىچىدە مۇشۇ تەييارلىقلارنى باشلاپ بىر ئىزغا چۈشىرىۋىلىش ئىدى.

1 2 3 4»

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «مەن ئامېرىكىغا قانداق كەلدىم» - 2.1M :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 2 پارچە ئىنكاس بار

  • hornisa جاۋاب ↓

    harmigatsiz hizmat wa ukux arisida tegirkap turgan maga ilham boldi rahmat … kalimigiz tohtimigay…ixlirigiz oguxluk bolsun .

  • shihidi جاۋاب ↓

    بۇ بىلۇگقىىمۇ مەزمۇن ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا ياخشى بۇلاكەن

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!