ئىلىم-پەننىڭ 20-ئەسىردىكى تەرەققىياتى تارىختىكى پۈتكۈل تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەندەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەسىر ئاخىرىدىكى 20 يىللىق تەرەققىياتى ئۇنىڭ پۈتۈن بىر ئەسىرلىك تەرەققىياتىنى نەچچە قاتلىدى. بۇ گېپىمنىڭ ئاتالمىش سان ئويۇنى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. چۈنكى مېنىڭ نەزىرىمدىكى ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ھەرگىزمۇ بوغالتىرنىڭ دەپتىرىنى ۋاراقلاپلا قويىدىغان يۈزەكى ئەمگەك ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەدەبىيات ھادىسىلىرىنىڭ پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا قانچىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلىگەنلىكى ۋە يەنە قانچىلىك ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلەيدىغان يوشۇرۇن ئېنىرگىيىنى ئۆزىدە ھازىرلىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىنتايىن نازۇك بىر مەسىلىنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئېغىر تەتقىقات ئەمەلىيىتىدىن ئىبارەت. ئەدەبىياتىمىزنىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئارا سەھنىلەردىكى تەسىرىنى خۇلاسىلەش ئانچە قىيىن ئەمەس. ئەگەر بۇ نۇقتىدا ئىككى قوۋۇز گەپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ دېيىلسە، مۇشۇ قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە ئاز بىر قىسىم ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بەزى يىرىك ئەسەرلىرى خەنزۇچىغىلا ئەمەس، بەلكى چەتئەل تىللىرىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ تېگىشلىك باھالارغا ئېرىشتى. شېئىرىيەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىز تېخى پروزىدا ئېرىشكەن مۇۋەپپىقىيەتلىرىمىزدىن كۆپ ھالقىپ كەتتى. 1980-يىللاردا مەيدانغا كەلگەن ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھادىسىسى بايراقدار خەنزۇ ئەدىبلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ، خەنزۇلارنىڭ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن 2-قېتىم ئېتىراپ قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت ھادىسىلىرىگە باھا بېرىشتە باشقا مىللەتلەرنىڭ باھاسىنى ئۆلچەم قىلىۋېلىش بىر ھېسابتا ئۆزىمىزنى چۈشۈرگەنلىك بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. بىراق قەدىمىي مەدەنىيەتكە ۋە بىكىك پىسخىك قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە خويمۇ سوغۇققان بولۇپ قالىدىغان خەنزۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. بايراقدار خەنزۇ ئەدىبلىرىدىن جۇتاۋ: «ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ھەسرىتى ۋە غورۇرى» ناملىق ماقالىسىدا ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «گويا شائىر شۈي جىمۇ تۇنجى قېتىم كۆزەينەك تاقىغاندا ئاسماندا راستتىنلا نۇرغۇن چاقنىغان يۇلتۇزلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالغاندەك، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قالدىم… بىز ئورتاق بىر تۇپراقتا ياشاپ تۇرۇپمۇ بۇنچىۋالا كۆپ تالانتلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مەۋجۇدلىقىنى بىلمەپتۇق… ئۇلار يازغان شېئىرلارنىڭ سەۋىيىسى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى كۆپ قىسىم خەنزۇ يېڭى شېئىرلىرىنىڭكىدىن يۇقىرى. سېلىشتۇرۇپ كەلسەك، ئۇلار تېخىمۇ كۈچلۈك شېئىرىي خۇسۇسىيەتكە، ئىستېتىك تۇيغۇغا ۋە تەبئىي سەزگۈرلۈككە ئىگە… بۇنداق شېئىرلارنىڭ ئۈن-تىنسىز يوق بولۇپ كېتىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. مېنىڭچە، ‹شېئىرىيەت› ژۇرنىلى ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس سان چىقىرىپ، پۈتكۈل مەملىكىتىمىزدىكى شائىرلار ۋە ئوقۇرمەنلەرگە شېئىرنىڭ ئەسلى ھالىتىنى باشقىدىن تېتىتىپ قويۇشى كېرەك. ھازىرقى خەنزۇچە يېڭى شېئىرلارنى بەزىلەر: ‹ياۋروپا-ئامېرىكا شېئىرىيەت ئېقىمى› نىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسى، دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. مېنىڭچىمۇ شۇنداق. بۇ ئەگرى يولنى ماڭغان ۋاقتىمىز بەك ئۇزاق بولۇپ كەتكەچكە، ئەسلىدىكى نىشاننى ئۇنتۇپ قېلىش كېلىپ چىقتى. لېكىن ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى ئۆز شېئىرلىرىدا تىل، مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئۇلار بۇ دەۋردە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە روھىنى ھەر قەدەمدە ئىپادىلىگەن. بۇ شېئىرلاردىن بىز ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ مول ئىچكى دۇنياسىنى كۆرەلەيمىز. خەنزۇ مەدەنىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى پائال ئۆگىنىشى، ئۇنىڭدىن ئوزۇق ئېلىپ ئۆز مەزمۇنىنى كېڭەيتىشى كېرەك. تارىختا جۇڭگو روناق تاپقان چاغلاردا كەڭ قورساقلىق بىلەن باشقىلاردىن كۆپلەپ ئۆگەنگەن. تار بېكىنمىچىلىك قالاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ… شېئىر ۋە شائىرلار يېڭى مەسلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. مەن ئالدى بىلەن ئۇيغۇر شائىرلىرى ئارىسىدىن بۆسۈش نۇقتىسى تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن…»
مېنىڭچە مىللەتلەر ئارا چۈشىنىشنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈشتە، ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغان ئەدەبىياتىمىزنى خەنزۇلارغا تونۇشتۇرۇشقا تەخىرسىز زۆرۈرىيەت سۈپىتىدە كۈچ تەشكىللەپ تۇرۇپ، ئەھمىيەت بەرمەي بولمايدۇ. بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى زىلزىلىسى بولسا، جۇڭگودىكىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. ئەخمەتجان ئوسمانغا ئوخشاش يېڭى شېئىرىيەت ھادىسىسىدىكى ۋەكىللىك شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرى ئەرەب ئەللىرىدە زور تەنتەنە قوزغىدى. يۇقىرىقى نەتىجىلەر بىلەن شېئىرىيىتىمىزدە نەۋائىيدىن كېيىن نەۋائىيدەك شائىر چىقمىغانلىقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان 500يىللىق پاجىئەگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا خاتىمە بېرىلدى، دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز. ئەدەبىياتىمىزدىكى بۇ نەتىجىلەرنى ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە ئېرىشكەن ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيەت دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى ئەدەبىيات بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ قېنى ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىياتتىن ئىبارەت بۇ قان تولۇقلانسا، بىر مىللەت مەدەنىيىتىگە يېڭىباشتىن جان كىرگەن بىلەن ئوخشاش. «جان بولسا جاھان، ئاش بولسا قازان» دېگەندەك، مەدەنىيەتتىكى جانلىنىشنى قولدىن بەرمىگەن مىللەتكە جاھان ھامان قۇچىقىنى كەڭرى ئاچماي قالمايدۇ. دەرۋەقە، 20-ئەسىردە تەنتەربىيە، سەنئەت، سېركچىلىك، تىبابەت ۋە باشقا ساھەلەردە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا باشچىلاپ پاتقان خەلقىمىزگە غايەت زور ئىلھام بەردى، شۇنداقلا بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېتەرلىك ماختاشلارغا سازاۋەر بولدى. چۈنكى بىزدە ئۇلارنى ماختايدىغان ئەدىبلەر كۆپ. ئەمما ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ماختاشقا توغرا كەلگەندە، ھىندىستاننىڭ «كارۋان» فىلىمىدىكى ھاراقكەش شوپۇر مەستلىكىدە ئۆزىنى ساناشنى ئۇنتۇپ قالغىنىدەك، بىزمۇ ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك تۇرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە لۇشۈننىڭ: «ئەدىبلەر بىر-بىرىنى ياراتمايدۇ» دېگەن گېپى دورا بولۇپ قالغاندەك، تەنقىدچىلىكىمىزدە ئۆز-ئارا ئورۇنسىز چۆكۈرۈشلەر كۆپرەك بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك مۇنبىرى بىر مەھەل خوراز سوقۇشتۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، جامائەتچىلىككە ئەدەبىياتىمىزدا ھېچقانچە مۇۋەپپەقىيەت يوقتەك تۇيغۇ بېرىپ قويدۇق. ئەمەلىيەتتە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئانچە كىتاب ئوقۇپ كەتمەيدىغان ۋە تېلىۋىزور مەستانىسى بولۇپ قالغان خەلقىمىز ئەڭ كۆپ ھازا ئېچىپ يىغلىغان ۋە جىنازىلىرىنى كوچىغا پاتماي تالىشىپ كۆتۈرۈپ، بايراقتەك لەپىلدىتىپ ماڭغان ئۇلۇغلىرىمىز تېلىۋىزور ئېكرانىدىن چۈشمەيدىغانلار ئارىسىدىن چىقماي، دەل ئەدىبلىرىمىزدىن چىقتى.
ئەسىر ئاخرىدىكى 20 يىل ئىچىدە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەممىلا ژانىرلىرىدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرىلەش بولىۋەرمىدى. ئەدەبىياتىمىزدىكى تەرەققىيات شېئىرىيەت، پروزا ۋە نەسىرچىلىك ساھەلىرىدە كۈچلۈك گەۋدىلەندى. بۇلار ئىچىدە شېئىرىيەت ۋە پروزا ھەققىدە ئاز-تولا گەپ قىلىنغىنىدىن باشقا، نەسىرچىلىك ھەققىدە گەپ قىلىشقا توغرا كەلگەندە تەنقىدچىلىرىمىزمۇ «تۆگە كۆردۈڭمۇ، كۆرمىدىم» دەپ كۆزىنى قىسىۋېلىپ، ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىۋەردى. نەسىردىن ئىبارەت پروزا بىلەن شېئىرىيەت ئارىسىدا چېگرا ئايرىپ تۇرغان بۇ ئارىلىق ژانىر يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە بىزدە ھەقىقەتەن شېئىرىيەتكە يېتەلمىسىمۇ، ئەمما پروزا بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىپ، ئەدەبىي ژانىرلار تەرەققىياتى بىلەن ئاكتىپ ھەمجەھەتلىك پەيدا قىلىپ كەلدى. قىسقىغىنە تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە ھېكايە-پوۋېستچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئارقىدىنلا نەسىرچىلىك دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ۋەقەلەرنى پايپاق توقۇغاندەك توقۇپ ئولتۇرىدىغان نۇرغۇن ئەدىبلەر «ئىھ، ئاھ» دېگەندەك ئۈدەشلەر بىلەن باشلىنىدىغان لىرىك جۈملىلەرنىڭ قۇچاقلىرىغا تولا ھاياجانلىنىپ ھالىدىن كەتكەن مەجنۇن قىزلاردەك تۇشمۇ تۇشتىن تاشلىنىشتى. نەسىرچىلىك دولقۇنى ئەمدىلا پەسكويغا چۈشەي، دەپ تۇرىشىغا تېخىمۇ ياڭراق گۈلدۈر-قاراسلار بىلەن يېڭى شېئىرىيەت دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا خۇددى كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلگەن بۇ دولقۇن تالاي تەنقىدچىلەرنى قارا باستۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشىگە ئارقىدىنلا رومانچىلىق دولقۇنى كۆتۈرۈلدى. خۇددى رومانغا ئوخشاش ئۇزۇنغا سوزۇلىۋاتقان بۇ دولقۇننىڭ گاھ شاش، گاھ ئېزىلەڭگۈ سادالىرى ئىچىدە يېڭى ئەسىر بوسۇغىسىغا كەلدۇق. يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ئەدەبىيات دولقۇنلىرىنىڭ كۆپىنى بىرلا ئەمەس، بىر توپ قەلەم ساھىبىلىرى باشلاپ بەردى. ئەمما تەنقىدچىلىرىمىز نەزىرىدە يېتىم قىزدەك بوينىنى قىسىپ قالغان نەسىرچىلىك دولقۇنىنى بولسا، ئەينى يىللاردا ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە يېڭى كۆلەملىك زىلزىلە پەيدا قىلغان «قەلب سادالىرى» سەرلەۋھىلىك چاتما نەسىر باشلاپ بەردى. ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىنىڭ قايناق ھاياجانلىرى بىلەن مەست قىلىپ تاشلىغان بۇ نەسىرلەرنىڭ ئاپتورى ئەينى يىللاردا «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دا ناھەق قارىلىنىپ، تۈرمىگە كىرىپ يېڭىلا چىققان ۋە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ياغاچچىلىق، تامچىلىق قاتارلىق ھېلى بار، ھېلى يوق ئېغىر ئەمگەكلەرگە ياللىنىپ، مەدىكار ئىشلەپ يۈرگەن ئەخمەت ئىمىن ئىدى.
يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان، ئەخمەت ئىمىن باشلاپ بەرگەن نەسىرچىلىك دولقۇنىغا دەسلىپىدە بىراقلا خېلى زور بىر قوشۇن دېۋەيلاپ كىرىپ كەلدى. قارىماققا، بۇ جۇڭگولۇقلاردا ئەۋج ئالغان مودا قوغلىشىش دولقۇنىنىڭ ئەدەبىياتىدىكى ئەكس ساداسى بولسا كېرەك؟ ! كېيىنچە بۇ قوشۇندىن كۆپ ساندىكى ئەدىبلەر بىر-بىرلەپ چېكىندى. شۇنداقتىمۇ ئاز بىر قىسىم ئەدىبلەر يەنە ئاخىرىغىچە قولىغا قەلەم ئېلىپ، نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كەلدى. شۇڭا بۇ دەۋردە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پروزا ئەسەرلىرى دۆۋىلىرى ئىچىدە جۇلالىق تىل، ئىخچام شەكىل ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن رەڭدارلىق پەيدا قىلىپ بارغان نەسىر ئەسەرلىرنىڭمۇ سالماق ۋەزىن بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
نەسىرچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، ئارقا-ئارقىدىن نەشىر قىلىنغان توپلاملىرى جەمئىيىتىمىزدە خېلىلا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. ئەخمەت ئىمىننىڭ «باھار تىنىقى»، «ئانا قەسىدىسى»، ھېكايە ئىجادىيىتىنى ئاساس، نەسىر ئىجادىيىتىنى قوشۇمچە قىلىپ كەلگەن ئىجتىھاتلىق يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «كۈلۈپ كۆرگەنلىرىم ۋە كۆرۈپ كۈلگەنلىرىم»، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئەلا بىلىدىغان ئوبزورچىمىز ئەۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ قوشۇمچە مەھسۇلاتى سۈپىتىدە بازارغا سالغان «كەچۈر مېنى پەرىزات»، ئابدۇرېشىت سەلەي قاتارلىق ياش ئەدىبلەر بىرلىشىپ چىقارغان «يامغۇرلىق كېچىدىكى چاقماقلىق ئويلار» قاتارلىق نەسىر توپلاملىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تاغلىرىدا خېلىلا تورى بار ئەكس سادا ياڭراتتى. ئەخمەت ئىمىننىڭ «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىل 3-سانىدا، كېيىنكى تولۇقلىمىسى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1996-يىل 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «سادا» ناملىق ئاران يەتتە يېرىم بەتلا كېلىدىغان نەسىرى ھەققىدە ھەتتا مۇھاكىمىچىلىرىمىز 70كىلومېتىر يول بېسىپ، ئەڭ گۈزەل تەبىئەت قوينىدا-ئۈرۈمچى سار داۋاندا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى. دەرۋەقە نەسىرنىڭ ئۆزى ئاران يەتتە يېرىم بەتلىك بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭدىكى ئىخچام ھەجىم ئارقىلىق يۈدۈپ ماڭغان غايەت زور مەزمۇن گېزى كەلسە 70سائەتلىك مۇھاكىمىگىمۇ بەرداشلىق بېرەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭىمۇ بۇ قىسقىغىنە نەسىر ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمىنىڭ ۋەزنى توقۇم-توقۇم رومانلار ھەققىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇھاكىمىلەردىنمۇ ئېشىپ كەتتى. نەسىر گەرچە ئەپچىلەمنىڭ چاقچىقىدەك يىغىنچاق، چاققان ژانىر بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ مەنىۋى قۇدرىتىنى ھەرگىز سەل چاغلىغىلى بولمىغۇدەك. بۇمۇ يەنىلا نەسىر يازغۇچىلىرىنىڭ بەدىئىي دىتىغا باغلىق، ئەلۋەتتە. قىسقىسى، ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى يەتتە غېرىچ كېلىدىغان ئەپسانىۋى باشقا ئوخشايدىغان بۇ ئارىلىق ژانىردا يېزىلغان بەزى ئەسەرلەرنىڭ ئىخچام شەكىل بىلەن كۆتۈرۈپ قوپقان غايەت زور ئېستېتىك بوشلۇقى ۋە مەنا چوڭقۇرلۇقى بەزى مۇكەممەل يېزىلغان پوۋېست، رومانلارنىمۇ بېسىپ چۈشتى. بەزى نەسىرلەر تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك دېتاللارنى قايناق شېئىرىي كەيپىياتقا تويۇندۇرۇپ ئىپادىلەپ بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ئوقۇرمەنلەرنى چەكسىز روھىي ئەركىنلىك بىلەن تارتۇقلايدىغان تىلسىمات دۇنياسىغا ئوخشاپ قالدى. يالغۇز خۇدايىم بەرگەن ئەخمەت ئىمىننىڭلا ئەمەس، بەلكى ئابدۇقادىر جالالىددىن، ئەركىن نۇر قاتارلىق پەيلاسوپسىمان ياش ئەدىبلىرىمىزنىڭ ناگان-ناگاندا بىر يېزىپ قويغان نەسىرلىرىمۇ يۇقىرىقى بايانلىرىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقالايدۇ. «سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى» ناملىق چاتما نەسىرنىڭ ئاپتورى بولغان ئىنىسكىلوپېدىك ئالىم، مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نەسىرلىرىمۇ تىرەن ھېكمەتلەر بىلەن تويۇندۇرۇلغان. تالانتلىق شائىر ئەخمەتجان ئوسماننىڭ ھېكايە ياكى نەسىر دېگەندەك غەيرىي ناملار بىلەن ئېلان قىلدۇرغان بىر نەچچە پارچە نەسىرىمۇ نەسىرچىلىكىمىزنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىنى يېڭى ھاۋا بىلەن بىر قوچۇپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۈمىدلىك ئەدىبلىرىمىزدىن مۇختار مەخسۇت، ئەسقەر داۋۇت ۋە ئەنۋەر تاشتۆمۈرلەرنىڭ نەسىرلىرىمۇ پەلسەپىۋى پىكىرگە بايلىقى بىلەن ئالاھىدە دىققىتىمىزنى تارتىدۇ. نەسىرچىلىكىمىز ھەققىدە گەپ قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئىنساب بىلەن قولىغا قەلەم ئالغان ئوسمان قاۋۇلنىڭ نەسىرلىرىمۇ لىرىك تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن ئادەمنى ئۆزىگە خېلىلا جەلب قىلالايدۇ. لېكىن ئۇ نەسىرچىلىك ھەققىدە يازغان ماقالىسىدە گەپنى ئىنساب بىلەن باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما نەسىرچىلىك قوشۇنىدا باشقا ژانىرلارغا قارىغاندا خانىم-قىزلارنىڭ خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇپ قالغان. مەكتەپلەردە سالام خەت يازىدىغان قىزلارنىڭ گەپدان ئوغۇللاردىن جىق بولغىنىدەك، نەسىر يازىدىغان ئايال ئاپتورلار قوشۇنى بىزدە رەتكە تىزىپ كەلسە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان بىر ئۆچرەتنى ھاسىل قىلىدۇ. زۇلپىيە ئابدۇراخمان، ئاسىيە ئابدۇرېھىم، پاشاگۈل ئىسمائىل، ئالتۇنگۈل رەجەپ قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ نەسىرلىرىمۇ قىزغىن ھېسسىيات ۋە گۈزەل تەسەۋۋۇرلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلب تارلىرىغا ئەپچىل زەخمەك ئۇرالايدۇ.
ئوسمان قاۋۇل ئېيتقاندەك، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئارتۇقچىلىقى – ئۇنىڭ تىل جەھەتتىكى ئەركىن ۋە ئويناقلىقىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ نەسىرلەر بۇرۇنقى قاتمال ھالەتتىكى سىياسىي مۇھاكىمە، قۇرۇق شۇئارۋازلىق خاھىشىدىن ئازاد بولۇپ، ئانا تىلنىڭ ئەڭ گۈزەل، ئەڭ زور ئىپادىلەش كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر پىسخىكىسىنى پەلسەپىۋى پەللىگە كۆتۈرۈپ ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشقان. خېلى كۆپ ساندىكى نەسىرلىرىمىز لىرىك تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى ۋە تىلىنىڭ پاساھەتلىكلىكى بىلەن قاپىيە ۋە تۇراق بولمىغان شېئىرلارغا ئوخشاپ قالىدۇ. نەسىرچىلىكىمىزنىڭ شېئىرىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى نەسىرچىلىكىمىزنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىمىزنى ھەم ئۇلارنىڭ يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئومۇمىي گەۋدىسى ئىچىدىكى ئورنىنى جەزمەن مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىز لازىم. نەسىرچىلىك قوشۇنىدا «ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق» ئاپتورلار ناھايىتى جىق. باشتىن-ئاخىر ئىزچىل نەسىر ئىجادىيىتى بىلەنلا شۇغۇللىنىپ كەلگەنلەرنى تاسقىغاندا يەنىلا ئەخمەت ئىمىن ئۆزى يالغۇز دېگۈدەك ئېشىپ قالىدۇ. بۇ يەردە «قوينى قاسساپ سويسۇن» دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما ئەخمەت ئىمىندىكى ئۆزى سۆيگەن كەسىپكە باشچىلاپ كىرىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئەستايىدىللىقنى ھەممىمىز قەدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىياتىدا ھەر بىر دەۋردە ناھايىتى چوڭ-چوڭ «ئاممىۋى ئۇنتۇش» ھادىسىلىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى، شۇ كەسىپ بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىدىغان ژانىر ئىگىلىرىنىڭ تولىمۇ كەمچىللىكىدە. ئەخمەت ئىمىن ئىجادىيىتىدىكى ئىزچىللىق ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسىرچىلىكنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقىغا سەۋەبچى بولغان. ئىجادىيەتتىكى ئىزچىللىق بىر پۈتۈن بەدىئىي تەپەككۇرنى توختاۋسىز يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاچقىمۇ، ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىرلىرىدە نەسىرچىلىكىمىزدىكى يۇقىرى مۇۋەپپەقىيەتلەر تولۇق گەۋدىلەنگەندىن تاشقىرى يەنە نەسىرچىلىكىمىزدە كۆرۈلگەن تېما تەكرارلىقى، مىللىي خاسلىقنىڭ يېتەرسىزلىكى، باشقىلارنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى دوراش خاھىشى قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ ھېچقاندىقى سادىر بولمىدى. ئەخمەت ئىمىن بىردە ئانا ھەققىدە يازسا، بىردە ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ھەققىدە يازدى، ھەرگىزمۇ بىر تېمىنى قايتا-قايتا چايناۋەرمىدى. شۇنداقلا ئۆزى كۆتۈرۈپ چىققان تېمىنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ يېزىش ئەخمەت ئىمىن ئىجادىيىتىنىڭ باشقىلار ئالدىراپ يېتەلمەيدىغان بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى. نەسىرلىرىدە توختاۋسىز يېڭىدىن يېڭى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ماڭدى. تىل ۋە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى جەھەتتە مىللىي خاسلىقنى ساقلاشقا باشتىن ئاخىر دىققەت قىلالىدى. باشقىلارنى ۋە ئۆز-ئۆزىنى دوراش خاھىشىدىن ئىزچىل ساقلىنالىدى. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىش كەچكىچە ئۆز-ئۆزىنى دوراۋېرىش بىلەن روياپقا چىقمايدۇ. بىزدە ئۆزۈمگە خاس ئۇسلۇب يارىتىمەن، دەپ ئۆز-ئۆزىنى كەچكىچە دوراۋېرىدىغان، قىر ئاشالماي بىر ئىزىدا قويۇنتازدەك چۆرگىلەيدىغان ئەدىبلەرمۇ جىق. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ئىجادىيەتتە ئۆز-ئۆزىدىن توختاۋسىز ھالقىش ئارقىلىقلا مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ھەرگىزمۇ «تازنىڭ نېمىسى بار، تۆمۈر تارغىقى» دېگەندەك ئاتام زامانىدىن قالغان بىرلا سەنەمگە دەسسەۋېرىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلمەيدۇ. بىرلا مۇقامغا توۋلاۋېرىش ئاخىرى بېرىپ ئەنە شۇ مۇقامنىڭ ئۆزىنمۇ كونىرىتىپ، سېسىتىدۇ. بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئەدىبلىرىمىز ئەخمەت ئىمىندىن ئۈلگە ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
ئەمدى بىز تۆۋەندە ئەخمەت ئىمىننىڭ خاس نەسىر ئىجادىيىتى ھەققىدىلا توختىلىمىز. ئەخمەت ئىمىن 1980-يىللاردىن باشلاپ نەسىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. دەسلىپىدە «تىرىك يېتىمنىڭ ئاتىسىغا» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئائىلە ئىستىلى، ئائىلە مۇھىتىدىكى بۇلغىنىشقا قارىتا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەينى چاغدا پۈتكۈل ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى زىلزىلىگە سالغان. كىشىلىك تۇرمۇشتىكى تراگىدىيىلەرگە، رەزىللىكلەرگە ئەجەللىك سوققا بەرگەن ئەسىرى «قەلب سادالىرى» نىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا نەسىرچىلىك دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلىشىدە لەڭ ئۇرۇش رولىنى ئوينىغانلىقىنى يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتتۇق. «ئانا قەسىدىسى» ناملىق نەسىرىدە جاپاكەش ئانىلارنىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگەن بولسا، «لەيلىگۈل» سىمفۇنىيىسىگە ئاتالغان «مۇزىكىدىكى سۈرەت» ناملىق نەسىرىدە بىر خىل شائىرانە روھ، شائىرانە ھېس-تۇيغۇ ئارقىلىق مۇزىكىدىن ئالغان سېزىمىنى ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن. سىمفونىيىدە لەيلىگۈلنىڭ ئىجتىمائىي پاجىئەسى سۈرەتلەنگەن بولسا، ئەخمەت ئىمىن مۇزىكىدىنمۇ سۈزۈك بولغان، مۇزىكا ئارقىلىق يەتكىلى بولمايدىغان چوڭقۇر مەنا قاتلىمىغا ئىگە زور پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن. «سادا» ناملىق نەسىرىدە بولسا، تەبىئەتتىكى ۋە جەمئىيەتتىكى بۇلغىنىشنى يېڭى بىر نۇقتىدىن ئىنتايىن تەسىرلىك ئىپادىلەپ بەرگەن. ئەخمەت ئىمىن بۇ نەسىرىدە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزگەن. بىزنى قاپساپ كېلىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئىبارەت تەخىرسىز رېئاللىق ئۈستىدە تۇنجى قېتىم دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرەتكەن. تەرەققىيات بىلەن ئەسلى تەبىئەتنىڭ بۇزۇلىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ھەل قىلىش مەسلىسىنى ئېنىق ۋە چوڭقۇر ئوتتۇرىغا قويغان. «شەھەر بىر داسقا ئايلىنىپ، بىز بۇ داستىكى سۇ بىلەن قولىمىزنى يۇيىدىغان، ئاغزى-بۇرنىمىزنى چايقايدىغان، ھەتتا ئۇنى ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچىدىغان پاسكىنا ئاقىۋەتلەرگە قالارمىزمۇ؟» دەپ خىتاب قىلىدۇ ئەخمەت ئىمىن. مۇختار مەخسۇت ئېيتقاندەك: «شائىر ۋە يازغۇچىنىڭ ھەقىقىي قىممىتى پەقەت ئۇنىڭ شەخسىي تەسىراتى ۋە ھېسسىياتىنى قانداق بەدىئىي ماھارەت بىلەن تەنتەنە قىلغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى ياشاپ تۇرىۋاتقان زېمىن ۋە شۇ زېمىندىكى خەلقنىڭ خۇشھاللىقى، غەم-قايغۇسى ۋە قىيامەتلىك تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلاپ، دۇچ كېلىۋاتقان رېئال مەسلىلەر ئۈستىدە ئىجادكارغا خاس بەدئىي دىت بىلەن مەسئۇلىيەتچان پىكىر يۈرگۈزىشىدە كۆرۈلىدۇ.»
ئەخمەت ئىمىن «سادا» ناملىق نەسىرىدە ئەنە شۇنداق بىر مەسئۇلىيەتچان ئەدىب سۈپىتىدە مەدەنىيەت قاتلىمىمىزدىكى ئەشەددىي بىر يىمىرىلىشنى يەنى مەدەنىيەتنىڭ ئانىسى ۋە ماددىي تاكاممۇلى بولغان تەبىئەتنىڭ ۋەيران بولۇشىنى ئىچ-ئىچىگە پاتمىغان پىغان بىلەن كۆتۈرۈپ چىققان. خۇددى ئابدۇقادىر جالالىددىن ئېيتقاندەك: «ھاياتىمزنىڭ مۇھىت بىلەن تەقدىرداشلىقى ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا قەدىمكى تېما. سۇ، ھاۋا، تۇپراق، ئوت مۇقەددەسلىكى دىن، ئەخلاق ۋە كىشىلىك قارىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى سۈپىتىدە مىللىي خۇسۇسىيىتىمىزنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى بولۇپ كەلدى». شۇڭا، ئەركىن نۇر ئېيتقاندەك: «بىزنىڭ ھەرقانداق ساۋاتسىز دېھقانلىرىمىزمۇ مېۋىلىك باغ-ۋاران قىلسا ياكى كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلسا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇ دۇنيادا جەننەتكە كىرەلەيدىغانلىقىغا شەك-شۈبھىسىز ئىشىنىدۇ». ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ ئەنئەنىۋى ۋە مەڭگۈلۈك تېمىمىزنى ئەخمەت ئىمىن ئەدەبىياتىمىزغا يېڭىباشتىن قايتۇرۇپ كەلدى. تەبىئەتنى سۆيۈش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئاساسىي مىزان قىلىنغان ئەخلاقىمىز بۈگۈنمۇ ئۆزگەرگىنى يوق. بالدۇر شەھەرلەشكەن بولسىمۇ، سانائەتلىشىشنىڭ تەمىنى ئەمدى تېتىۋاتقان ئۇيغۇرلار سانائەت ئېھتىياجى ۋە مەئىشەت ئۈچۈن دۇنيانى ۋاشاڭ قىلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە بۇزۇلغان مۇھىتنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى. ماددىي تەرەققىيات مەنىۋى تەرەققىياتنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالغان مۇھىتتا ماددىي مەدەنىيەت بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ئەڭ بۇرۇن مۇناسىۋەت قۇرالىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەبىئەت قارىشى جاھانغا دورا بولۇپ قالدى. ئەخمەت ئىمىن ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىئەت قارىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىپتىدائىي ئەخلاق ھەقىقەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تەخىرسىز زۆرۈرىيەتكە ئايلانغانلىقى دەل جايىدا ھېس قىلغان. دېمەك، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا ئىنسان ئېكولوگىيىسىدىكى بۇزۇلۇشنى ئوڭشاشتا.
ئەخمەت ئىمىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999-يىل 5-، 6- (قوشما) سانىدا ئېلان قىلىنغان «تۇپراق ساداسى» دېگەن نەسىرىدە دىققەت مەركىزىنى ئەنە شۇ ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاغدۇرالىغان. «تۇپراق ساداسى» ئەخمەت ئىمىن ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە، شۇنداقلا 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شاھانە ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىزدە مۇنداق شاھانە ئەسەرلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ھەجمى ئاران بەش يېرىم بەتلا كېلىدىغان بۇ نەسىر ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ جەمئىيەت قارىشى، تەبىئەت قارىشى ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن قۇرۇلغان مۇكەممەل بىر ھېكمەتلىك دۇنيانى بىمالال يۈدۈپ ماڭالىغان. سۇ، تۇپراق، ھاۋا، ئوتتىن ئىبارەت تۆت ئانا زات ئوتتۇرىسىدا، شۇنداقلا شۇ خۇسۇستا تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىنسان، روھ (ياكى تەڭرى) دىن ئىبارەت بارلىقنىڭ تۆت ئاساسىي فورماتسىيىسى ئوتتۇرىسىدا يۈكسەك دەرىجىدە تەڭداش مۇناسىۋەت قۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل تۈزۈلۈشنىڭ گارمۇنىيىلىك ھېكمەتدارلىقىنى ئۆز ئەنئەنىۋى تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇكەممەل يوسۇندا تاماملىيالىغان مىللەتلەر بارماق بىلەن سانىغۇدەكلا. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرى ئەلمىساقتىن بۇيان ئەنە شۇنداق بىر لىللا مەۋقەنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى ۋە روھقىمۇ، تەنگىمۇ، ئەقىلغىمۇ، ھېسسىياتقىمۇ تەڭ ئېتىغار بېرىدىغان ساغلام مەدەنىيەت بەرپا قىلالىدى. ئۇيغۇر پەلسەپىسى ئەنە شۇنداق مۇكەممەل گارمۇنىيىلىك تۈزۈلۈشكە ئىگە بولغان، قارىمۇ قارشى زىددىيەتلىك قۇتۇپلار ئارا مۇۋاپىق نۇقتىدا ھەمجەھەتلىك پەيدا قىلالىغان، ھەقىقەتنى ئۆز چىرايىغا مۇناسىپ سادىقلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلىگەن، يۈكسەك ئادالەت تۇيغۇسى بىلەن تويۇندۇرۇلغان يىرىك تۆت پۇتلۇق پەلسەپە. ئۇيغۇر خاراكتېرى تىپىك تەبىئەتتىن ئەنداز ئالغان خاراكتېر، ئۇ ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە ئىزچىل تۈردە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلدى. شۇڭا ئۇلار ئىنتايىن تەبئىي ۋە ئەركىن پىكىر قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئۆلچەملىرىدىمۇ تەبىئەتكە شۇنداق مايىللىقنىڭ ئىزنالىرىنى كەڭ كۆلەمدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. شۇڭا «قۇتادغۇبىلىك» تەك پەلسەپىۋى مۇكەممەللىك ياراتقان ئالەمشۇمۇل ئەسەرلەرنىڭ بىز ئۇيغۇرلاردىن چىقىپ قېلىشى ئانچە ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. «تۇپراق ساداسى» ماھىيەتتە تۇپراقنىڭ تىلى ئارقىلىق ياڭرىتىلغان ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرىنىڭ تارىخ داۋانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەن يېڭى ئاۋازى.
شۇڭا، بۇ نەسىردىن گۈپۈلدەپ ئۇيغۇر پۇراپلا تۇرىدۇ. جۈملىلەردىن ئۇيغۇر روھى چاقناپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەرنى ساغلام ۋە زامانىۋى مىللىي ئەدەبىياتنىڭ نەسىرچىلىكىمىزدىكى تىپىك ئۈلگىسى، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇمكىن.
ئەخمەت ئىمىن بۇ نەسىرىدە «سادا» ناملىق نەسىرىدىن نەچچە قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىنسان ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلىشىدىن ئىبارەت نازۇك بىر دۇنياۋى مەسىلىگە ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرى بىلەن قوراللانغان ھالدا مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئىنساننىڭ ئۇلۇغلۇقىنى «قىممىتى ئىككى ئالەمنىڭ قىممىتىدىن ئارتۇق بولغان نۇرى ھېكمەتكە خېرىدار بولۇشنى ئاللادىن تىلەش بىلەن روياپقا چىققان» دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. بۇ بىزگە ئۇرخۇن مەڭگۈ تاشلىرىدىكى: «بىز كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق» دېگەن قىسقىغىنە بىر جۈملە ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ساماۋىي ۋە زېمىنىي ئىككى ئالەمگە باراۋەر ئىكەنلىكىمىزنى مۇئەييەنلەشتۈرەلىگەن «ئات ئۈستى مەدەنىيىتى» دىن تارتىپ ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ۋە يېقىنقى يىللاردا ساختا مەدەنىيەتكە مەستانە بولۇپ كېلىۋاتقان دۇنيانىڭ چاڭ-توزانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغان ئىنسانىي قىممەت قارىشىمىزنىڭ يېڭىباشتىن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئاپتور نەسىرىدە تۇپراقنى ئالەمدىن ئىبارەت بۇ تەڭرى دۆلىتىنىڭ پايتەختى ۋە روھ قۇشىنىڭ قوندىقى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ، تۇپراقنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر تەپەككۇر تارىخىنىڭ لىرىك كۈيىنى مەرغۇللىتىدۇ. ئۇ دەسلىپىدە پۈتكۈل بارلىقنىڭ ماھىيىتى شەپقەت-مۆرۈۋۋەت ئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئارقىدىنلا ئىنسانىي بارلىقنىڭ ماھىيىتى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ، تەڭرى ئىنساننى ئۆزىنىڭ يوشۇرۇنلىقىنى ئاشكارە قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. «شۇڭا، ئۇ ساڭا ئۆز روھىنى دېمىدە قىلدى، بۇ، مۇكەممەل روھ ئىدى. بۇ روھ ئۆز ئەركىنى ھەم لەگلەك كەبىي پەرۋاز قىلدۇرالايدىغان، ھەم ئەقىدە يىپى بىلەن تۇتۇپ تۇرالايدىغان قۇدرەتكە ئىگە» دەپ خىتاب قىلىدۇ. مەزكۇر خىتابتا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرىنىڭ تەڭشەك مەركىزى چاقماق چېقىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئاپتور نەسىرىدە باشتىن ئاخىر تۇپراق بىلەن ئىنساننى بىر گەۋدە سۈپىتىدە تەھلىل قىلىپ، ئوقۇرمەنلەر قەلبىدە ئەنە شۇ بىرلىككە نىسبەتەن ئېستېتىك دىلكەشلىك پەيدا قىلىشقا تىرىشقان.
بىر زاماندا جاھانكەزدى شائىرىمىز مەشرەپ ئۆزىنى چەكسىز ۋە رەڭدار ئىنسانىي سۈپەتلەرگە چېچىۋېتىلگەن سوبىستانىيىلىك ئىلاھىي بىرلىك سۈپىتىدە مېتافىزىك چوڭقۇرلۇقتىن بايقاپ، جەننەت ۋە دوزاخنى ئىسلام ئوتوپىيىلىرى بىلەن قۇلۇپلانغان ئاخىرەتتىن يۇلۇپ كېلىپ، رېئاللىقنىڭ ئۆزىگە جايلاشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلغان ھالدا مۈكچەيگەن ھەقىقەتنى ھاسسىدەك تۈزلەپ قويۇپ دارغا ئېسىلغانىدى. تەلىيىمىزگە يارىشا ھازىرمۇ ئەنە شۇنداق مېتافىزىك چوڭقۇرلۇققا شۇڭغۇپ كىرەلىگەن ئەدىبلىرىمىز ئاندا-ساندا ئۇچراپ قېلىۋاتىدۇ.
ئەخمەت ئىمىن «تۇپراق ساداسى» ناملىق نەسىر ئارقىلىق «رەھىم قىل، ئىنسان، ماڭا رەھىم قىل! بۇنىڭدا ئاتاڭغا رەھىم قىلغاننىڭ ساۋابى بار، رەھىم قىل ئىنسان، ئۆزۈڭگە رەھىم قىل! بۇنىڭدا ھەممىگە رەھمەت قىلغاننىڭ ساۋابى بار. ماڭا رەھمەت قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە رەھمەت قىلغىنىڭ!» دەپ چۇقان سالىدۇ. «ھېكمەت نۇرى ئەسلىدە ماڭا ئامانەت قويۇلغان، كېيىن ئۇنىڭ بىر زەررىسى پېشانەڭدىن ئورۇن ئالدى. شۇندىلا بىز بىر جان، بىر تەن بولدۇق، ئىنسان» دەيدۇ. ئۇ يەنە يۇقىرىقى چۇقانلىرىنى تېخىمۇ ھېكمەتدارلىققا ئىگە قىلىپ: «مېنى كۆيدۈرگىنىڭ ئۆزۈڭنى كۆيدۈرگىنىڭ، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرگىنىڭ ھەممىنى كۆيدۈرگىنىڭ!» دەيدۇ. ئۇ يەنە ئىنساننى سوبىستانىيىلىك بىرلىك سۈپىتىدە مۇقىملاشتۇرۇپ، كېيىنكى قۇرلاردا مۇرەككەپ ئىنسانىي ماھىيەتلەرنىڭ ھەمجەھەتلىك مارشىنى ياڭرىتىدۇ. ئىنساننىڭ تۇپراققا قايتىشىنى بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئەسلى ماھىيىتىگە قايتقانلىقى، دەپ قالتىس توغرا دېئاگنوز قويالىغان. ئاپتور ئاخىرىغا ئۇلاپلا ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ «مۇھەببەت ئەسلى ئىنسانغا بېرىلگەن تەبئىي ھوقۇق» دەپ جاكارلايدۇ. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرىدىن ئىلھام ئالغان ئالەم قارىشىنى تەبئىي يوسۇندا بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئىنسان بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دىققىتىنى ئاغدۇرىدۇ. «ئىنسانىيەتنىڭ ئىنسانغا بولغان ھوقۇقى جامائەلىشىش ۋۇجۇدقا چىققاندىن كېيىنكى زۆرۈرىيەت تۈپەيلى، ئىنسان ئۆزى پەيدا قىلغان ھوقۇق» دەپ جەمئىيەتنىڭ ئىنسانغا نىسبەتەن ئىككىلەمچى ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. ئارقىدىنلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇر تومۇرىدا قان بولۇپ ئېقىپ كەلگەن يۈكسەك ئادالەت تۇيغۇسى بىلەن ۋۇجۇدى لەرزىگە كەلگەن ھالدا كەسكىن خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھوقۇق ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتالىسا، ئۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ، مۇئەييەنلەشتۈرىلىدۇ. ئەگەر ئۇ ئىنسانغا بالايىئاپەت پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ چوقۇم ئىنكار قىلىنىشى، رەت قىلىنىشى كېرەك. ياشاش ھوقۇقى ئىنسانغا يارالمىشتىن تارتىپ بېرىلگەن تەبئىي ھوقۇق. بىر ئىنساننى بۇ ھوقۇقتىن يەنە بىر ئىنسان مەھرۇم قالدۇرىمەن، دەيدىكەن، ئۇ چوقۇم تەبئىيلىكنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ». ئارقىدىنلا ئۇ ئىنسانلارنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ تەڭ-باراۋەر ياشاش ھوقۇقىنى گەۋدىلەندۈرگەن ساغلام جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇ يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا جەمئىيەت بىلەن يەككە شەخسنىڭ مۇناسىۋىتىنى مۇھاكىمە مەركىزىگە قويۇپ تەسۋىرلەپ، تارىخىتا ئاز بىر قىسىم مۇستەبىتلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە تەتۈر چۆرگىلەپ قالغان قارغىش تەگكۈر جەمئىيەتلەرنىڭ ئىنسانىي خاسلىقىنى بىمەھەل قەتلى قىلىپ تاشلىغانلىقى ئۈستىدە ئاچچىق شىكايەت قىلىدۇ. تەڭرى مىليون ئىنساننى مىليون خىل چىراي شەكىلگە ۋە مىليون خىل مىجەز-خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ ياراتقان بۇ دۇنياۋى رەڭدارلىقنىڭ گۈلگۈن باغلىرىنىڭ جەمئىيەت ۋە مۇئەسسەسىلەرىنى ئىنسان تەبئىتى ۋە ئىنسانىي خاسلىق ئۈستىگە دەسسىتىدىغان سەپسەتىلەر ئاساسىدا قۇراشتۇرۇلغان يەر يۇتقۇر جەمئىيەتلەرنىڭ قارا بورانلىرىدا خانىۋەيران بولغىنىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ. «جەمئىيەت ئىنسان ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلغاندىلا، ئىنسان جەمئىيەت ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئىنسان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ بوينى باغلاقلىق ئىتى ئەمەس. ئىنسانلار ئۆزىدىكى چەكسىز تەبىئىي خۇسۇسىيەتنى نامايان قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. تەبىئەت رەڭدار، جەمئىيەتمۇ شۇنداق. ئۇ، رەڭدارلىقى بىلەنلا ئۆز ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئىنسان جەمئىيەتنىڭ بىر قېلىپتا قۇيۇپ چىقىرىدىغان كېسىكى ئەمەس، ئۇ، تەپەككۇر ئەركىنلىكىگە ئىگە. تەپەككۇر ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا روھ بىلەن تەڭ كىرگەن. ئىلاھىي قۇدرەتمۇ يوقىتالمىغان تەپەككۇر ئەركىنلىكىنى يوقاتماقچى بولغانلار تەبئىيلىكنىڭ لەنەت-قارغىشىغا ئۇچرىماي قالارمۇ؟ تەپەككۇرنى ئۆز ئەركىگە قويۇپ بەرمەسلىك، ئاللىقانداق نوپۇزلۇق ماركا چاپلانغان تەپەككۇرغا ئۆزلۈك تەپەككۇرىنىڭ بوينىنى باغلىتىپ قويۇش ئىنساننىڭ خاسلىقىنى يوقىتىدۇ. خاسلىق ھەربىر ئىنساننىڭ ئىچكى مۇۋازىنىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھەربىر ئىنساننىڭ خاس ئىچكى مۇۋازىنىتى يىغىلىپ، ئومۇمىي ئىنسان تەبىئىتىنىڭ مۇۋازىنەت تەڭكەشلىكىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن». مانا بۇ بايانلاردا ئاپتورنىڭ ئىنسان ئېكولوگىيىسى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى مۇھاكىمىلىرى پىشىپ ۋايىغا يەتكەن. بىز بۇ يەردە ئىنسانىي خاسلىقلارنىڭ تەڭكەشلىكىدە ياڭرىغان ئالەمشۇمۇل رەڭدارلىق گارمونىيىسىگە يۈكسەك بەدىئىي دىت بىلەن دېرىژورلۇق قىلىۋاتقان ئاپتورغا ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز. بۇ يەردە ئاپتور قايناق ھېسسىياتنىڭ كۈچى بىلەن ئالەمشۇمۇل رەڭدارلىققا سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلسىمۇ، ئارقىدىنلا ئۆزى مۇھاكىمە قىلىۋاتقان تېمىغا خاس ھالدا ئەقىل بىلەن ھېسسىيات ئوتتۇرىسىدىكى ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقتا دەلدۈگىنىپ كەتمەي، تىك تۇرغان ھالدا ئىنسانلارنى ئۆز خاسلىقىنى، ئۆزلۈك ئېڭىنى تېپىۋالغان رەۋىشتە ئىنسانىي رەڭدارلىقنىڭ ئالەمشۇمۇل گۈلگۈنلۈكىگە قوشۇلۇشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. توغرا، ھەركىم ئۆز تەڭشىكىنى كۆتۈرۈپ، ئالەمشۇمۇل رېتىمغا يانداشمىقى لازىم. مانى بۇ ئىنسان ئېكولوگىيىسى ئۇقۇمىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە ۋايىغا يەتكەن شەرھى. ھەركىم ئۆز ناخشىسىنى جايلاپ توۋلىيالمىسا، ئىنسانىي رەڭدارلىق گارمونىيىسى چالا تۇغۇلۇپ قالىدۇ، ھەتتا تۇغۇلماي قېلىشى مۇمكىن. ئۆزلۈك بىلەن ئىجتىمائىيلىق ھەرگىزمۇ بىرى ئوت، بىرى سۇ ئەمەس. بۇ ئىككىسى ئالدى بىلەن ئادەم ئاتا ۋە ئۇنىڭ قوۋۇرغىسىدىن تۆرەلگەن ھاۋۋا ئانىغا ئوخشاش ئاجرالماس بىر پۈتۈن گەۋدە. ئۇلارنى بىر-بىرىگە قارشى قىلىپ قويۇش پەقەت سەپسەتىنىلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خالاس. ئىجتىمائىيلىق سانسىز ئۆزلۈكلەرنىڭ تەڭداش بۆلەكلىك بىرىكمىسىدىن ئىبارەت بولۇشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ ئۆزلۈكلەرنى قەتلى قىلىدىغان مويتۇڭزىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى تەپەككۇرىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن تراگېدىك مەركەز، تەڭشەك پەلسەپىسى ياكى زاغرا تىل بىلەن ئېيتقاندا، «ياماندىن قورقمايدىغان، يۇۋاشنى بوزەك قىلمايدىغان» بىر خىل ئادالەت تۇيغۇسى دەل ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت. «ھاياتلىقنىڭ ھەمجەھەتلىكىنى ساقلاپ قالغان نۇھ كېمىسى توپان بالاسىدىن سالامەت چىققاندەك» بۇنداق تۇيغۇغا ئىگە بولغان ھەر قانداق مىللەت غالىب بارماقلىرى بىلەن قىيامەتنىڭ دەرۋازىسىنى قاقالايدۇ ياكى «تۆگە يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن ئۆتكىچە» ئۇلارغا قىيامەت قايىم بولمايدۇ. ئاخىرىدا ئەخمەت ئىمىن ئاكىنى ئۇيغۇر تەپەككۇر تارىخىدىكى ناگان-ناگاندا بىر ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان بىر يوشۇرۇن ئېقىم سۈپىتىدە مەدەنىيىتىمىزنى جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان قان بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلگەن ئەنە شۇ تراگېدىك مەركەزنىڭ دەل ئۈستىگە چۈشەلىگەن تەلەيلىك ئەدىبلىرىمىزدىن بولۇپ قالغانلىقى بىلەن مۇبارەكلەيمەن.
ئەسەر مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2000-يىل 4-، 5-سان
ئېلكىتاب ئىشلىگۈچى: مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى
مەزكۇر يازمىدا 1 پارچە ئىنكاس بار
ھەر قېتىم مۇشۇ ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىرلىرىنى ئوقۇساملا ئىنتايىن ھاياجانلىنمەن . ئىشقىلىپ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنسىلا ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىمەن.