ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ خەنزۇچە نەشىردىكى شىئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن
ياپونىيىلىك مەشھۇر جامائەت ئەربابى چىتيەن دازۇ مەشھۇر ئېنگلىز تارىخچىسى ۋە پەيلاسوپى ئارنولد تويىنبىدىن: «سىز قايسى دۆلەتتە تۇغۇلۇشنى ئۈمىد قىلىسىز؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «مەن بۇددا دىنى تارالغان جۇڭگو شىنجاڭدا تۇغۇلۇشنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى («21-ئەسىرگە نەزەر». چىتيەن دازونىڭ بېغىشلىمىسى).
تويىنبى ئەپەندىنىڭ بۇ سۆزىنى ئاددىيلا بىر ئارزۇ دېيىشكە بولمايتتى، بەلكى ئۇ شىنجاڭنىڭ بۇددىزم دەۋرىدىكى پارلاق ھەم مىسلىسىز سەنئىتىنى، كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان مەدەنىيىتىنى ۋە ھاياتى كۈچىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بىر پەيلاسوپنىڭ لېرىك قەلبى ئىدى. تالاي يىللارنىڭ تۇمانلىق باغرىدا غۇۋا تۈس ئېلىشقا باشلىغان تارىخ ئۆزىنىڭ تولىمۇ چالا ياكى يېرىم-ياتا گەۋدىسى بىلەن تارىخچىلاردىن تەسەۋۋۇر تەلەپ قىلىدۇ. ئىلمى قىياسقا ئۆزگىرىشتىن بۇرۇنقى ئەنە شۇ تەسەۋۋۇر تارىخچىنىڭ چىنلىقىغا تەشنا قەلبىنىڭ رومانتىكىسى سۈپىتىدە نۇر چېچىپ، داۋاملىق ئىچكىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، تارىخچىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچنىڭ بىر قىسمى چىنلىق، يەنە بىر قىسمى شېئىردۇر. بۇ، ئەقىل تىزگىنىنىڭ كۆرۈنمەس ئۇچىنى ھەقىقەتكە تاپشۇرغان تارىخچىلارغا مەنسۇپ.
تارىخنىڭ خاتىرىلەشتىن ئىبارەت ھەممىگە مەلۇم ئەھمىيىتىمۇ بار. بىراق ئۇنتۇشتىن ئىبارەت كېسىلىمۇ بار. بۇنداق كېسەل ئوردا تارىخچىلىرىدا ھەممىدىن ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ئىنسان روھىنىڭ ھېسسىيات مەنتىقىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، جەمئىيەتنىڭ ھۆكۈمرانغا مايىل ئاتالمىش لوگىكىسىنى توقۇپ چىقىرىشىدۇ. چىڭغىز ئايماتوف «ئەسىرگە تەڭ بىر كۈن» ناملىق رومانىدا ئۇنتۇشنىڭ كېلەچەكتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر زىيانلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئۆتتى. ئۇنتۇش ئۇنۇتقۇچىنى پاجىئەگە زورلاش بىلەن بىرگە ئۇنتۇلدۇرغۇچىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، زىياننى پۈتكۈل ئىنسانىيەت تەڭ تارتىدۇ. قەھرىمانلارنىڭ جاسارەتلىرى، شائىرلارنىڭ تراگېدىك ھېسلىرى ئەنە شۇ سەۋەنلىكنىڭ بەلباغلىرىدا بوغۇلۇپ، بۈگۈننىڭ ئېنىرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ.
جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ غەرب تەرىپىگە قارىسىڭىز، زور گەۋدىنى تەشكىل قىلغان بىر جاي بار، ئۇ بولسىمۇ، بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى. دۇنيا تارىخىنىڭ، جۈملىدىن جۇڭگو تارىخىنىڭ قاتمۇ قات رىشتى بۇ رايونغا شۇنداق باغلانغانكى، بىز بۇ تارىخنى كەينىگە قايتۇرۇپ ۋاراقلىغانسېرى مەدەنىيەتكە دائىر ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى بايقايمىز. بۇ يەردە ئىران، يۇنان، ھېندىستان مەدەنىيىتى ئەنئەنىۋى، يەرلىك تۇران (ئۇيغۇر) مەدەنىيىتى ئاساسىدا تەرەققىياتنىڭ يېڭى لېنىيىسىنى ھاسىل قىلغان. بۇ يەردە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قىتئەلەگە ئايرىپ تۇرۇۋاتقان شامان دىنى، بۇددا دىنى، ئىسلام دىنى شۇنداقلا ئاز-تولا خىرىستىئان دىنى ئامىللىرىنىڭ مۇجەسسىمى بار.
بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا ھون چەۋەندازلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك كۆلەڭگىلىرى بار، تۈرك ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇنلار بار، ئۇيغۇر كىمياگەرلىرى تاۋلاپ چىققان تۆمۈرنىڭ مەزمۇتلۇقى بار. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدا گۈزەل قىزلار دەرەخلەرنىڭ كاۋىكىدا تۇغۇلىدۇ، ئادەملەر ساماۋىي نۇر تەرىپىدىن زېمىنگە تېرىلغان، ئادەملەر زېمىندىن ئۈنىدۇ. بۇ يەردىكى بوۋاقلار كۆك بۆرىلەرنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ، ئاۋازىنى ئاڭلىسا شادلىنىدۇ. بۇ يەردىكى بوۋاقلار 40 كۈن ئىچىدىلا باتۇرغا ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ قەدىم تارىخىنى ماگېللان تەرىپىدىن «تىنچ» دەپ سۈپەتلەنگەن تىنچ ئوكيانمۇ سۆزلەيدۇ: ئاشۇ يىراق تىنچ ئوكياندا ئۇيغۇرلار قۇرغان قۇياش ئىمپىرىيىسىنىڭ سىرلىق ئەرۋاھى چايقىلىپ تۇرىدۇ (چىرچىۋارد: «قەدىمكى‹مۇ›چوڭ قۇرۇقلۇقى» 1997-يىل موسكۋا سۇفىيا نەشرىياتى، روسچە نەشرىدىن يەتكەن ئۇچۇر) .
بۇ يەردە پەيغەمبەرلەرنىڭ مۇرۈۋەتلىك ئالقانلىرى دەستىلەنگەن، ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىدىن قۇم ھېكمەتلىرى ئاپىرىدە بولغان. بۇ يەردىكى قۇملار بەئەينى چۈش قۇدۇقلىرى. تارىخنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ۋە قان-ياشلىق قىسمەتلىرى زېمىننىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ساقىپ يۈرۈپ، ئاشۇ قۇدۇقنىڭ سۈيىگە ئايلانغان. ئاسمان ھەر كۈنى مۇشۇ قۇدۇقتا يۇيۇنىدۇ.
بۇ يەر مەڭگۈلۈك چىڭقى چۈش. قۇياش ئەڭ سەمىمى نۇرلىرىنى بۇ يەرگە بىرىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى قوقاستەك قىزىپ كەتكەن زېمىنگە دەسسەپ يۈرۈپ، بەدەنلىرىنى مىس رەڭدە تاۋلايدۇ. ئۇلار بىپايان ئوت دېڭىزىدا قىيامەتنىڭ تەنھالىقىنى مەشىق قىلىدۇ. ئۇلار قۇرۇپ، قاغجىراپ كەتكەن لەۋلىرىدىن كەۋسەردەك سەگىتمە ناخشىلار ئۇرغۇپ چىقىپ، كۆڭۈل ۋادىسىدا باراقسان بوستانلارنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ يەرنىڭ قىزلىرىنىڭ مېڭىشىدا دۈنخۇاڭ غارلىرىدىكى سەنەملەرنىڭ نەپىس جەۋلانلىرى بار. مىڭئۆي تارىخ ھەزىم قىلالمىغان مىڭ قوڭغۇراق. يىللار شامىلىنىڭ توختاۋسىز تېگىشى ئىنسانىيەتنىڭ تېخى تەبىر تاپمىغان نازاكەتلىك پىنھان چۈشىدىن سادا بىرىدۇ.
بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى خۇددى ۋاڭ مېڭ تەسۋىرلىگەندەك ساددا، ئاق كۆڭۈل، ھېسياتچان ۋە يۇمۇرلۇق. لېكىن ئۇلارنىڭ ساددىلىقىدا پەيلاسوپلارغا خاس چوڭقۇرلۇق بار. ۋاڭ مېڭنىڭ تىل ئۇسلۇبىغا بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شوخ ۋە بەڭباش گېنلىرى قوشۇلۇپ كەتكەن. ۋاڭ مېڭ ئۇيغۇر تىلىنى ئىككىنجى ئانا تىلىم دىگەن. تىل روھى ۋەتەن. بۇ تىلدا ئوخشىمىغان ھايات ئىقلىملىرى تۇغقانغا ئايلىنىدۇ. تاش ئۇخلاپ قالغان كۈي بولۇپ چىقىدۇ. زەھەر ئاقساقاللارنىڭ خاسىيەتلىك دۇئاسى بىلەن شەربەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ تىلدا تۇمانلار كۈلۈمسىرەيدۇ، ئاسمان پەقەت چېكىت بولۇپ قالىدۇ. بۇ تىل مەڭگۈلۈككە سوزۇلغان ئۇزاق يول. يۇلتۇزلار شائىرلارنىڭ سەپىرىدىن ئۈنگەن توزاق.
بۇ يەردە شۇنداق بىر روھى كامالەت بار: بۇ كامالەت نەسىرىددىن ئەپەندىگە ئوخشاش ھېكمەتلىك كۈلەلەيدىغان كومېدىيىلىك ئوبرازنى ياراتقان. ئەگەر نەسىرىددىن ئەپەندى نامىغا توقۇلغان لەتىپىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، ئۇنىڭ كۈلكىسى ھادىسىلەر مەنتىقىسىنى زورمۇ زور بۇرمىلاشتىن كەلگەن يۈزەكى كۈلكە ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ماھىيىتىگە يېتىشتىن كېيىنكى تەسەۋۋۇپچە كۈلكە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ بىپەرۋالىقىدا ئالەملىك قانۇنىيەتكە نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت ئەكس ئەتكەن، ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىدا ھۆكۈمرانلار ۋە جاھانسازلارغا قارىتا ئاچچىق تەنە بار. ئۇ، كىشىلىك خاراكتېرنىڭ ھەممە قىرلىرىنى ئۆزىگە تولۇق مەركەزلەشتۈرگەن تەۋەككۇلانە ئوبراز. بۇ كومېدىيىلىك ئوبرازنىڭ ئەكسىچە بولغان يەنە بىر سەنئەت مۆجىزىسى بار، ئۇ بولسىمۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ زور مۇزىكىلىق داستان ئۇيغۇر 12مۇقامى. ئۇيغۇرلار ھايات، ئالەم ۋە ئىلاھ بىلەن بولغان سىرلىق دىئالوگنى ۋە بۇ دىئالوگنىڭ قاتلىمىدىن ئوخچۇپ چىققان مەنە فونتانلىرىنى مۇزىكا رەۋىشىدە ئىزھار قىلىدۇ. بۇ مۇزىكىلاردا شۇنداق بىر مۇڭ باركى، بۇ مۇڭ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ھاياتنىڭ كوچىلىرىدا ئېزىپ يۈرگەن ئادەمنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن دىرەك بەرمەيدۇ، ئەكسىچە پانى ھاياتتىن ھالقىشتىن كېيىنكى ئىلاھى ماكاننىڭ چەكسىزلىكىدە تونۇلغان ھەيرانلىق، ئىزتىراپ، بىلىشكە بولغان تەشنالىق، ئالەم روھى ئىلكىدىكى لاماكانلىق بار. ئۇنىڭدىكى تېكىسىتلەر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى جەۋھەرلەر سۈپىتىدە مۇزىكىدىن ئىبارەت پەرىشتىلەر تىلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى ئۆتىگەن. نەسىرىددىن ئەپەندىدە ھاياتقا نىسپەتەن كومېدىيىلىك نەزەر ئىپادىلەنگەن بولسا، ئۇيغۇر 12 مۇقامىدا بىرخىل سىرلىق تەشۋىش، شېرىن تەلپۈنۈش، يارقىن مۇڭ ئەكس ئەتكەن. مانا بۇ ھاياتقا تۇتۇلغان يەڭگىل ۋە قاتتىق پوزىتسىيىنىڭ ئوخشاش قىممەتتىكى يۈكسەك ئېستېتىك دۇنياغا ئايلاندۇرۇلۇشى.
تارىخ، تەرەققىيات، تەبىئەت، خاتىرە…
تارىخ بۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن، ئىنسان كامالىتى ھەققىدىكى بەدىئىي بايقاشلاردىن
ئوكتاۋىئوپاز يازغان سىرلىق تەنھا قەسىرنى قۇرۇپ چىققان. بۇ قەسىر ئۆزىدىكى ھەرقانداق تەۋەككۈلچىنى ئىرماش-چىرماش كوچىلىرى بىلەن مۇقەددەس بىر سۈزۈكلۈككە يېتەكلەيدۇ. بۇ سۈزۈكلۈك دەل ئەبەدىيلىكنىڭ ئىشىكى. تەكلىماكان ئەنە شۇ سىرلىق تەنھا قەسىرنىڭ ماددىي كۆرۈنۈشى بولۇپ، بۇ يەردىكى قۇم بارخانلىرى تىنماي چىقىپ تۇرغان شاماللاردا ئورنى ۋە ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ. لەھزىلەر ئارا تۇغۇلغان قۇم قەلئەلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تالاي ئەسىرلىك تىلسىملارنى شاماللار تىلىدا بوغۇق جاكارلاپ، ئىككىنجى بىر شەكىلگە كىرىدۇ. مانا بۇ سىر تاشقىنى. بۇ تاشقىندىن يىراق ئۆتمۈشنىڭ ھاۋالىسى بەرق ئۇرۇپ تۇرىدۇ، ھازىرنىڭ ئۇپۇقلىرى جامال ئېچىپ نۇر يامراشلىرىنىڭ سۈرئىتىدە يېڭىچە ئالەمگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ.
تارىخ، تەرەققىيات، ئۇنتۇش، ئېزىقىش…
دېڭىز يوللىرىنىڭ ئېچىلىشى ۋە مەدەنىي ئالاقىلارنىڭ دېڭىز ئارقىلىق بولۇشى يىپەك يولىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۈملىدىن تەكلىماكان ۋادىلىرىدىكى تورسىمان تۈگۈنلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا باشلىدى. ھىندىستان، كەشمىر، شام (سۈرىيە) ، ئىران، ئىراقلىقلارغا شۇنداقلا چاڭئەن، سۇجۇلارغا مېڭىپ تۇرىدىغان سودا كارۋانلىرىنىڭ ھەيۋەتلىك كولدۇرما ئاۋازلىرى ئاستا-ئاستا سۇسلىشىپ، كىشىلەرنىڭ جاھانغا پۇر كەتكەن ئىجادكار روھى ئوكيان ساھىللىرىنى ئېكىسپىدىتسىيىلىرى ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇشقا باشلىغان ياۋروپا كىشىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا نۇر چېچىشقا باشلىدى.
ئەنە شۇ شانلىق تارىخ، ئەنە شۇ پارلاق مەدەنىيەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا، رەسىملەرنىڭ ئەينى دەۋرلەردىكى گارمۇنىك گۈللىنىشى ئەمدىلىكتە جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ساناقلىق ئالىملارلا بىلىدىغان گۈزەل رىۋايەت بولۇپ قالدى. دەۋرنىڭ سىرلىق مۆجىزىلىرى داڭلىق مۇزېيلارغا نوپۇز ۋە شۆھرەت ئاتا قىلغۇچى قىممەتلىك بىزەككە ئايلاندى، شۇنداقلا تىرىك تارىخنىڭ سۆلىتى، كۈچى ۋە قەھرى بولۇشتىن قالدى. ئۇلاردىن ھوزۇرلىنىش، ئۇلارنى بىلىش پەقەت ئاز ساندىكى ئاكادىمېكلارنىڭ ئىشى بولۇپ قالدى.
گارسىيە ماركوس «100 يىل غېرىبلىق» رومانىدا لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ دۇنياۋىي ئورتاقلىق ۋە گۈللىنىشتىن مەھرۇم ھالدىكى تەنھالىقىنى دۇنياغا ئاڭلاتتى. مانا ھازىر كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، لاتىن ئامېرىكىسى ئەمدىلىكتە ھەرگىز تەنھا ئەمەس، ئۇلار بۈگۈن ھەيۋەتلىك دۇنياۋىي ئېقىمنىڭ شاۋقۇنلۇق دولقۇنلىرىغا ئايلاندى. ئۇلاردىن چىققان گارسىيە ماركوس، پابلو نېرودا، ئوكتاۋىئوپاز، بورخىس، ئاستۇرىياس قاتارلىقلارنى پۈتكۈل جاھان ئۇستاز، دەپ تونۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرى ئىنسان تەقدىرىنىڭ ئۆزگىچە خىلۋەت كۆرۈنۈشلىرىنى تەسۋىرلەپ، كىشىگە چىن ئىنسانىي سۆيگۈ ۋە گۈزەللىك ھەققىدە چوڭقۇر ساۋاقلارنى بېرىدىغان ئۇنىۋېرسىتېتقا ئايلاندى.
تەكلىماكان ۋادىلىرىدا مول مەدەنىيەت خەزىنىسىنى قۇچاقلاپ ياتقان كىشىلەر لاتىن ئامېرىكىسى مۇشۇ ئەسىردە تەرك ئەتكەن ئېغىر تەنھالىقنى ئۆزىنىڭ تەقدىرى سۈپىتىدە كۆرۈپ كەلمەكتە. راستىنى ئېيتقاندا، بۇ ھەرگىزمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ تاللىۋېلىشى ئەمەس، بەلكى ئۇنتۇغاق تارىخنىڭ يالدامىسى. بۇ يەرنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئەدەبىياتى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان ئىقلىملىرىدىكى تۈرلۈك خەلقلەرنى، دىنلارنى، ئۇلارنىڭ ھەقىقەت يولىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئۆزىنىڭ رېئال مەسىلىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىيالىدى. بۇ يەرنىڭ خەلقى ئۆزىنىڭ چۆچەك ئەپسانىلىرىدە، قىسسە-داستانلىرىدا دۇنياۋىيلىقنى تېما قىلدى. 15-ئەسىردىكى بۈيۈك ئۇيغۇر شائىرى ئەلىشىر نەۋائىي ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەر ھەققىدە داستان يازدى. ئۇنىڭ قەلىمىدە خوتەن شاھزادىسى پەرھاد ئەرمەنىستان مەلىكىسى شېرىننى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، قۇرغاقچىلىق ۋەھىمىسىدە قالغان ئەرمەن خەلقىگە سۇ باشلاپ كىلىدۇ. مانا بۇ بىز بۈگۈن ھە دەپ تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىنتىرناتسىئونالىزىم. پىلاتون، ئارىستوتېل ئىدىيىلىرى مىڭ يىل ئىلگىرىلا فارابى ئارقىلىق بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىگە ئۆزلەشتۈرگەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىگ» ئەسىرىدە گرېك ماتېماتىكلىرىنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ. ئەلىشىر ناۋائىينىڭ ئەسەرلىرىدە سوقرات غاردىكى ئەۋلىيا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھەتتا گرېك ئالىملىرى خەلقىمىزگە شۇ قەدەر ئومۇملاشقانكى، بىر قىسىم قىسسە-چۆچەكلەردە پەيغەمبەرلەر قاتارىدا مۇقەددەسلەشتۈرۈلىدۇ.
بۈيۈك پارس شائىرى شەيخ سەئدىنىڭ «گۈلىستان» ئەسىرى بۇ يەردىكى ئەنئەنىۋى مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات دەرسلىكى بولۇپ كەلدى. ئەرەپ-پارس تىللىرى بۇ يەردىكى مىڭ يىللىق مائارىپ تارىخىدا ئۈگۈنۈش ئىزچىل يولغا قويۇلۇپ كەلگەن چەتئەل تىللىرى ئىدى. خوجا ھاقىز، جالالىددىن رۇمىي قاتارلىق پارس تىللىق شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرى بۇ يەردە ھەممىگە تونۇش. سەئىدىيە خانلىقى ۋە ئاپپاق خوجا دەۋرىدىكى ئوردىلاردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرىلەردە جالالىددىن رۇمىينىڭ شېئىرلىرى بىۋاستە پارسچە ئوقۇلاتتى. 19-ئەسىرگە كەلگەندە بۇ شائىرلارنىڭ دىئالېكتىك ئېلېمېنتلارغا باي تەسەۋۋۇپ ئىدىيىلىرى گېرمانىيە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ ئىلھام بۇلىقىغا ئايلاندى. گېگىل جالالىددىن رۇمىينى ئۆزىگە تەسىر كۆرسەتكەن بۈيۈك ئۇستاز قاتارىدا تىلغا ئالىدۇ. گيۇتى ھافىزنىڭ غەزەللىرىنى تولۇپ تاشقان رومانتىك قىزغىنلىق بىلەن قەدىرلەيدۇ، ئۇنىڭغا تەقلىد قىلىپ نۇرغۇن شېئىرلارنى يازىدۇ (گيۇتىنىڭ «西东合集» ناملىق توپلىمىغا قارالسۇن) .
شەيخ سەئدىنىڭ قەشقەرگە كەلگەندە ھېيتگاھ مەسجىتىدە ناماز ئوقۇغانلىقى ھەققىدە قەيتلەر بار. ئەرەب تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنىڭ كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان غەززالىنىڭ قەشقەر مەدرىسلىرىگە كېلىپ مۇدەررىسلىك قىلغانلىقى ھەققىدە خەلق قىسسىلىرى بار. بۇنىڭدىن سىرىتقى دۇنياغا نىسبەتەن روھىيەت ئىشىكلىرىنى داغدام ئېچىۋەتكەن، ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى بايلىقىنى يىمىرىلمەس ئىممۇنىت كۈچى بىلەن ھەزىم قىلغان بىر خەلقنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. تۇران، ھىندىستان، ئىران، يۇنان، ئىراق قاتارلىق ئەللەر بىلەن قۇتۇپلاشقان مەركۇر مەدەنىيەت بەلباغلىرىدىن تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قېرىنداشلىقنى، ئىلغارلىقنى ۋە بىر-بىرىگە بولغان ساپ پەرۋىشكارلىقنى تونۇپ يېتىش تەس ئەمەس.
20-ئەسىر ئەنە شۇنداق جەڭگىۋار ئەنئەنە ئېغىر ۋەيران بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتىكى چۈشكۈنلۈك ئەۋجىگە چىققان، ئىجابى روھ يىگىلىگەن، ياتلىشىشنىڭ بوھرانلىرى ئۈزۈلمەي يۈز بېرىپ تۇرغان بىر ئەسىر بولدى. بىز زامانىۋىيلىقنىڭ دۇنياۋى رەپتارىدىن خېلى يىراقتا قالدۇق. ئەجدادلىرىمىزنىڭ شاھ، غالىب روھى گاڭگىرىغان، توغرا ئەقىدىنى تاپالمىغان ھالىتىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولدى. دىمەك، تارىختا بۇرۇن گۈللەنگەن مىللەتلەردە كۆرۈلگەن ھازىرقى ئەنە شۇنداق قاتمال ھالەت بىزدە ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە ئەكس ئەتتى.
روھىي سۇلغۇنلۇق ئۇنىڭ بىۋاستە مەھسۇلى بولغان شېئىرىيەتتە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. شېئىرىيەت ئىنسان روھىدىن ئىبارەت بۇ ئوربىتىدىن چىقىپ كەتكەنسېرى يۇمرانلىقىنى، بىغۇبارلىقىنى، ھالال ۋە خاسلىقىنى يوقاتتى. قىپقالغىنى تولا ئىشلىتىپ جۇلىقى چىقىپ كەتكەن قاپىيە شەكلى، تۇراقلىشىپ فورمۇلاغا ئوخشاپ كەتكەن بىر قانچە ئوبرازلاردىن ئىبارەت. شېئىرىيەت ئۆزىنىڭ ئەنە شۇنداق كېسەلچان ئەپتى بىلەن دىداكتىكا ئېلىپ باردى. ساختا ئوبراز، يالغان چىچەنلىك ۋە تاشقى بىزەكدارلىقى بىلەن دەۋرنىڭ ماھىيەتتىن يىراق كۆپۈكلىرىنى كۈيلىدى. چوڭقۇر دېڭىز شېئىرىيەتتىن خالى قېلىۋەردى. شائىرلارنىڭ خىيالىدا پوئېتىك پەرۋاز، پەلسەپىۋى سېنتىزلاش پۈتۈنلەي غايىپ بولدى. شېئىرلار بۇيرۇتما قىلىپ يېزىلىدىغان بولدى. ئۆزىدىكى سەمىمىيلىكنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىغان بۇ شىئىرلار دەۋىرنىڭ شائىر دۇنياسىغا بولغان چاكىنا ئارىلىشىشىنى چاندۇرۇپ قويدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بۇ ھال ئەلۋەتتە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئەدەبىيات بىلەن تەقدىرداش كېلىپ چىقتى.
جەمئىيەتتە شېئىرىيەت ئۈچۈن جىددىي كېرەك بولىدىغان ئوكسىگىننىڭ بولماسلىقى تىلنىڭ مېيىپلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سۆزلەر ئۆزىنىڭ تۇيغۇغا نامراتلىقى تۈپەيلىدىن لاپسىيىپ قالدى. بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ تەبىئىيىتىگە يات رېئاللىقنى ھامان قوبۇل قىلالمايدۇ. جۇڭگولۇقلار ئاپەتلىك «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» دىن كېيىنكى ئازراق روھى ئازادىلىكنى ئاخىر تاپتى. بۇ ئاز-تولا روھى ئازادىلىك غايىسىگە ئېچىلغان رۇجەكتىن كىشىلەر ئۆز تەبىئىيتىگە لايىق غايىۋى رەڭلەرنى كۆرۈپ، كۆزلىرىنى ئاچىدۇ، ئۆزى ھەققىدە سەمىمىي ئويلاشقا ئۈلگۈرىدۇ، شۇنداقلا ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىنكاس ۋە ئىپادىلەشنى ماھىيەتكە شۇنچە يېقىنلاشتۇرىدۇ. مەشھۇر ئەدەبىي ئوبزورچى شى ميەن ئەپەندى مۇنداق دېگەنىدى: «شېئىرىيەت سەنئىتىنىڭ سولۇپ يەنە ياشنىشى، ھالاك بولۇپ يەنە ھاياتلىق تېپىشى ھەرقانداق كۈچ رەت قىلالمىغان بىر خىل تارىخىي قانۇنىيەت» ( «گۇڭگا شېئىرلاردىن تاللانما»، باھار شامىلى ئەدەبىيات-سەنئەت نەشرىياتى، 1987-يىل شېنياڭ) .
ئۇزاق مەزگىللىك قاتماللىقتىن كېيىنكى بىردىنبىر تاللاش ئەلۋەتتە ئۆزگەرتىش ۋە ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بولىدۇ، بۇ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە، جۈملىدىن شېئىرىيەت ساھەسىدە بىر دولقۇننى شەكىللەندۈرىدۇ. بېي داۋ، شۇتېڭ، گۇچېڭ قاتارلىقلار مانا مۇشۇ دولقۇننى پەيدا قىلغان ئىسسىق بوران ئىدى. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرى گويا تۇرمۇشتا يوق نەرسىلەرنى غۇۋا قىلىپ دەپ بىرىدۇ. ئۇ نەرسىلەر سىرتقى تۇرمۇش ھادىسىلىرىغا تەدبىقلىغاندا ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ روھىي ھادىسىلىرىغا شۇنچە يېقىن ئىدى. ئۇلارنى باتىن (روھىي) كۆز بىلەن كۆرگەندە شۇنچە يارقىن، گۈزەل بولۇپلا قالماي يەنە رېئاللىقنىڭ خىلۋەت بىر پارچە زېمىنى بوپ چىقىدۇ.
بېي داۋ باشچىلىقىدىكى «گۇڭگا شېئىرلار» بارلىققا كەلگەندە ۋە بۇ ھەقتە قىزغىن بەس-مۇنازىرە بولۇۋاتقاندا، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەخمەتجان ئوسمان باشچىلىقىدىكى شېئىرىيەت ھەرىكىتى باشلاندى. بىر قىسىم ياش شائىرلار بېي داۋ قاتارلىق زامانداش شائىرلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلدى. مۇختار مەخسۇت، پەرھات ئىلياس قاتارلىق شائىرلار بېي داۋ، شۇتېڭلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ تونۇشتۇردى. ئۇلار خەنزۇ شېئىرىي تىل قۇرۇلمىسىدىكى بەزى مىللىي خاسلىقلارنى ئۇيغۇر شېئىرىي تىلىدا سىناق قىلدى. بىراق ئەخمەتجان ئوسماننىڭ تەسىر قوبۇل قىلىشىدىكى روھىي زېمىنى ئەرەب تىلىدىن ئىبارەت بولدى. ئۇ، سۈرىيىنىڭ دەمەشق ئۇنىۋېرسىتېتىدا 6 يىل ئوقۇش جەريانىدا مىستېتىك تۇيغۇغا باي ئەرەب شېئىرىيىتى بىلەن يېتەرلىك تونۇشتى. روھىيەتتىكى مۇرەككەپ ھادىسىلەرنىڭ كۆرۈنمەس دەرىجىدىكى نازۇك قۇلۇپلىرىنى تۈمەن مىڭ ھۈنەر بىلەن ئېچىپ تاشلايدىغان مۇزىكىدار ئەرەب تىلى ئۇنى مەنە پەلەكلىرىنىڭ يارقىن سەييارىلىرى ئارىسىغا باشلاپ كىردى. ئىنساننى چەكلىك مەبۇدلار ۋە پانىي نوپۇزلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئازاد قىلىپ، ھەقىقەتنىڭ ئۇپۇغىنى ئىلھامبەخش سۆيگۈ بىلەن ئېچىپ بەرگەن مۇقەددەس «قۇرئان كەرىم» ئۇنىڭ شېئىرىيەت ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان سەزگۈلىرىنى كەسكىن ئويغاتقاندا، پانىي ئاسارەتكە مەھكۇم ئۇنىڭ ۋۇجۇدى تىتىلىپ كەتكۈدەك بولاتتى. بۇنى ئۇنىڭ شېئىردىن ئىبارەت تەرجىمىھالى ئايان قىلدى. ئۇ، ئىلاھىي دۇنيانىڭ پايانسىزلىقىدا ئۆزىنىڭ بەندىلىكىنى ھېس قىلاتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىنىڭ ئىسيانىدىن مەغرۇرلانغاندا، ئۆزىنىڭ ئىبلىسلىقىنى ئاشكارىلايتتى. ئۇنىڭ پەلسەپە مەكتىپىدىن قوبۇل قىلغانلىرى ئىبلىستەك خۇشپۇراق ۋە مەس قىلغۇچى ئىدى، شۇنداقلا ئىبلىستەك گۇناھبەخش ئىدى. ئۇ، مەڭگۈلۈك پالىنىشنىڭ سەپىرىدە بايقاش ئېلىپ باراتتى، بايقاشلىرىدىن كېلىپ چىققان سامانى قان تېمىپ تۇرغان يۇلتۇزلىرى بىلەن مىخلاتتى. بۇ يۇلتۇز سۆز ئىدى، قان ئېرىشىش بەدەللىرى ئىدى.
ئەخمەتجان ئوسماننىڭ سۇرىيىدە نەشر قىلىنغان «تويلار سىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا سۇرىيە ئوبزورچىسى نازىم مۇھەننا «باياۋان ئېستېتىكىسى» دېگەن نامنى بەرگەنىدى. باياۋاندا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئوبراز ۋە قىياپەتلەر بولمايدۇ. بىپايان ئاسماننىڭ تېگىدە سىدام قۇم دۇنياسى ئۇپۇققا كىرىپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە ۋاقىت گويا توختاپ قېلىش رەۋىشىدە چەكسىز كېڭەيگەن بولىدۇ. ئۇ يەردە باشلىنىش يوق، ئاخىرلىشىشمۇ يوق. ئۇ يەردە ئاۋازمۇ يوق. سۈكۈنات بۇ ئىقلىمنىڭ بىردىنبىر تىلى. سۈكۈنات پىكىر ۋە شېئىرنىڭ ئېقىش يۆنىلىشى. مانا بۇ تەبىئەتتىكى تەسەۋۋۇپ. شائىر بۇ يەردىن ئۆزى تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان سىرلىق تەكلىماكاننىڭ رەمزىنى كۆرىدۇ. ئۇ، ئەرەب باياۋانلىرىدا يۈرۈپمۇ قەلبىنى ئۆزىنىڭ ئانا سەھرالىرىدا دومىلىتىدۇ.
ياش شائىرلار ئالدى بىلەن شېئىرنى ساختا بۇرچكارلىقتىن ئازاد قىلدى. ئۇلار «شېئىرنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىپىسى بار» دېگەن سۆزدىن دادىل گۇمانلىنىپ، شېئىرنى پاك ئادىمىي خاسلىق سۈپىتىدە تونۇدى. شېئىر بىر قاتار قائىدە-نىزاملارنىڭ يىغىندىسى ياكى قانداقتۇر بىر ئىجتىمائىي نوپۇزنىڭ بېقىندىسى ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئۆز-ئۆزىنى سېزىش قۇدرىتى، بۇنداق سېزىش مۇئەييەن مۇھىتنى شەرت قىلغان ھالدا يۈز بىرىدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە پەيدا بولدى:
A: شېئىر چۈشىنىلىشى كېرەك، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ.
B: شېئىر چۈشىنىلىشى ئەمەس، ھېس قىلىنىشى كېرەك. تەلپۈنۈش يۈزدە-يۈز چۈشىنىشنىڭ مەھسۇلى ئەمەس.
A: شېئىر بىر خىل ئىدىيە مۇكەممەللىكى.
B: شېئىر بىر خىل كەيپىيات، بىرخىل ئۈزۈك سىزىق.
A: شېئىر مەنتىقىدە.
B: شېئىر مەنتىقىنىڭ سىرتىدا.
A: قاپىيە شېئىرنىڭ ھۆسنى.
B: قاپىيە شېئىردىكى مۇزىكىنىڭ ئەڭ ئاشكارا ئامىلى. «شېئىر ئاۋاز بىلەن تۇيغۇ ئوتتۇرىسىدىكى تەۋرىنىش» (پول ۋالېرىي) .
روشەنكى، ياشلار شېئىرىيىتى مەزمۇن ئاسارەتلىرى ۋە شەكىل قانائەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ، شېئىرىيەتنى ياتلىشىشتىن ئىلگىرى ھەقىقىي ھالەتكە قايتۇرۇش ھەرىكىتىدىن بەلگە بەردى. ئۇلار غەرب مودىرنىزم ئەدەبىياتىدىكى سىمۋۇلىزىم، ھالقىما رېئالىزىم، ئىشارىزم شېئىرلىرىنىڭ تىل، قۇرۇلما جەھەتتىكى ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگەندى ۋە ئۆزلەشتۈردى. لېكىن ياشلارنىڭ شېئىرىيىتى يەنىلا «ئوغۇزنامە»، تاش ئابىدىلەر، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي، مەشرەپ، موللا بىلاللارنىڭ ئاساسلىرى ئۈستىگە قۇرۇلغان شېئىرىيەتتۇر. چۈنكى ياشلار ئەجدادلىرى تەرىپىدىن پىشۇرۇلغان شېئىرى تىلنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئىمكانىيەتلىرىنى زورايتىشقا تىرىشتى. گەرچە ئۇلار غەربتىن ئۆگەنسىمۇ، ئەممە ئانا تىلدىكى ئىرسىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى مىللىيەت ئۇلارنى مۇستەقىل خاھىشقا ئۈندىدى. ئۇلار ھېرمان ھىسسىي ئارقىلىق ئەھمەد يەسسەۋىينى، سان جون پېرىس ئارقىلىق ئەلىشىر نەۋائىينى قايتا تاپتى. ئۇلار ئەجدادلىرى ياراتقان شېئىرىيەتتىن دۇنياغا ئورتاق بولغان ئامىلنىڭ نۇرغۇن ئىكەنلىكىنى بايقاپ، غورۇرلاندى.
بېي داۋلار تارىخىي ئويلىنىشنى چىقىش نۇقتىسى قىلغان بولسا، ئۇيغۇر ياش شائىرلىرى مىللىي ئەپسانىلەرنىڭ دۇنياۋىي مەنىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنى نىشان قىلدى. چۈنكى ئىنساننىڭ قابىلىيەت بايلىقىنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە قېزىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان كېيىنكى سانائەت دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋى تېرىمنى ئاساس قىلغان دېھقان مىللىتى سۈپىتىدە ياشاۋاتاتتى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلەن تەبىئەت جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى پوئېتىك تەپەككۇر ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇ خەلقنىڭ مىجەزىدە، تىلىدا، ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىدە قويۇق شائىرانە قاننىڭ ئىسسىق ھىدى ئۆرلەپ تۇرىدۇ. ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي دارۋىنىزم ئەڭ رەھىمسىز تۈس ئالغان بۈگۈنكى شارائىتتىمۇ بۇ خەلق ئۆزىنىڭ تەقدىرىگە بالىلارچە مەسۈملۈك بىلەن تىكىلىپ قارايدۇ. سانائەتنىڭ تاراق-تۇرۇقلىرى ۋە بۇلغىنىشلىرى قاپلىغان، كۆيگەن نېفىت گازى پۇراپ كەتكەن ھاۋادا بۇ خەلقتىن يەنىلا تۇپراق، ئۆسۈملۈك پۇراپ تۇرىدۇ. مانا بۇ شېئىر قاغجىراۋاتقان دۇنيادىكى ساپ شېئىر .S.T ئېللئۇت سۈرەتلىگەن باياۋان بۈگۈنكى دۇنيادا ئاپەت خاراكتېرلىك كېڭەيدى، شېئىرنىڭ ۋەتىنى تارايدى. شېئىر بۈگۈنكى شارائىتتا كىشىلەرنىڭ قېنى ۋە مىجەزىدىكى جەۋھەر ئەمەس، ئەكسىچە ماھارەتكە ئايلاندى. شۇڭلاشقا دۇنيا بۇ خەلقنى سەزمىدى. لاتىن ئامېرىكىسىمۇ بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان ئېغىر تەنھالىق بۇ خەلقنى شېئىرنى، مۇزىكىنى، شارابنى، خۇدانى سۆيۈشكە ئۆگەتتى. بارغانسېرى ئىچ مىجەز بولۇپ كەتكەن بۇ خەلق ئالەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئۆز زىددىيىتىنىڭ ئىچكى تاناسىپلىقى ئارقىلىق چۈشىنىدىغان بولدى. ئۇلار پاكىز قەلبىنىڭ ئەڭ خىلۋەت ئىچىگە چېكىنىۋەرگەچكە، ئۆزىنىڭ پايانىنى ئالەمگە باراۋەر ھېس قىلىدىغان بولدى.
مانا بۇ شائىر مىللەتنىڭ تەقدىر مەنتىقىسى. شېئىرىيەت ھۈجەيرىسىدىن پۈتكەن بۇ ھالال ۋۇجۇد نۇرغۇن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ياكى نۇرغۇن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
ئۇيغۇر شېئىرىيەت دۇنياسى تېخى ھېچكىم بايقىمىغان يېگانە ئارال، لېكىن بۇ ئارال روبىنزون كېروزوغا ئۇچراپ قالغان ھېلىقى ياۋايىلار ئارىلىغا ئوخشىمايدۇ. بۇ يەردە مىللىي خاسلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان پارلاق مەدەنىيەت ۋە شېئىرىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق سۇلالىسى بار.
قولىڭىزدىكى بۇ توپلام بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياش شائىرلىرىنىڭ دېڭىزىدىن ئىرغىپ چىققان بىر چاڭگال سەدەپ، ئۇنى بىر پۈتۈن مىللىي شېئىرىيەتنىڭ بالاغىتى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تارىختىكى بىر قانچە قېتىملىق بالاغەتنى تەكرارلاشقا بولغان كۈچلۈك ئىنتىلىشنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە تونۇسىڭىز بولىدۇ.
كىمگىدۇر شېئىرىيەت نىقاب بولسا گەر،
كىم ئۈچۈندۇر دۇكان بايلىق مەنبەسى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن بولسا نىقاب ئەمەس دەرد،
شۇنداق ئاغرار ئىدى نازىم يۈرىكى.
- «نازىم يۈرىكى»
مانا بۇ روس شائىرى يېۋگېنىي يېۋتوشېنكونىڭ ئۇيغۇر شائىرى موللا بىلال نازىمىغا بەرگەن باھاسى.
شېئىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ھاياتنىڭ ئۆزى، ئۇ ئوقۇيدىغان نەرسە ئەمەس، ياشايدىغان نەرسە.
ئەسەر مەنبەسى: شىنجاڭ مەدەنىيىتى 1999-يىل 5-، 6-سان
كومپيۇتېرغا بېسىپ تەييارلىغۇچى: bilimhumar
مەزكۇر يازمىدا 1 پارچە ئىنكاس بار
مەنزىل تور بىكتىگە كۆپ تەشەككۈر ، ئېسىل يازمىلار بىلەن بىزنى تەمىنلەۋاتىدۇ ، يازماڭلار ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.