ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مەنزىل تورىنىڭ ئەزىزى ئىشتىراكچىلىرى، سىلەرنىڭ بىر نەچچە يىل جەريانىدا مەنزىل تورىنى ۋە مەنزىل گۇرۇپپىسىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ كەلگىنىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر.
مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدە «مەنزىل ئېلكىتاب گۇرۇپپىسى»، «مەنزىل بىلوگى» ۋە «مەنزىل ئۈندىدار سالونى» قاتارلىق ئەمگەك مېۋىلىرىنى تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇپ كەلدى. بۇ تور بەت ۋە سالونلاردىكى مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان ئېلكىتابلار، مەنزىل گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن ئېلكىتابلار، ئاۋازلىق ئەسەرلەر، «مەنزىل ئېلكىتاب ياساش گۇرۇپپىسى» تەرىپىدىن كومپيۇتېرغا بېسىپ تەييارلانغان ھەرقايسى ژۇرناللارنى مەنبە قىلغان ماقالىلەر، تورداشلار بىزگە يوللاپ تور بەتكە چىقىرىشقا ھاۋالە قىلغان ئەسەرلەر ھەمدە ئاپتورلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن تور بېتىمىزگە يوللاشقا تاپشۇرغان ئەسەرلەر… قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ كەلدى. كېلىش مەنبەسى ھەرخىل بولغان بۇ ئەسەرلەر ئىزچىل تۈردە ھەقسىز قىلىپ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇلدى.
مەنزىل گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر پايدا-مەنپەئەتنى كۆزلىمىگەن ئاساستا تورداشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كەلدى. گەرچە ئارىلىقتا بىر مەزگىل تور بەتكە مۇناسىپ دەرىجىدە ئېلان قىستۇرۇش ئارقىلىق تور بەت چىقىملىرىنى قامداشنى ئويلاشقان بولساقمۇ، ئېلان مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى ئېلان چېكىلىشىنى ھېسابلىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ نىيىتىمىزدىن ۋاز كەچتۇق.
ھازىر مەنزىل گۇرۇپپىسىنى تەشكىل قىلىپ تۇرغان ئەزالار ھەممىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلاردۇر. ھەربىر گۇرۇپپا ئەزاسى ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ ئالدىراش ئوقۇش ھاياتىدىن ۋاقىت ئاجرىتىپ مەنزىل گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ كەلدى.
نۆۋەتتە مەنزىل گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ ئالدىراش ۋاقتى كېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقىرىشنى لايىق تاپتۇق. ئالدىمىزدىكى بىر يىل دەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزغا چېكىت قويۇشتىكى ئەڭ مۇھىم بىر يىل بولۇپ، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە چىقىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىقلار، مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا قويغان تەلەپلىرىنى ئورۇنداش، ئۆگەنگەن بىلىملەرنى پۇختىلاش، ھەرخىل ئىمتىھانلارغا تەييارلىق قىلىش قاتارلىق ئاخىرى تۈگىمەس ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتىمىز. بۇ خىل بېسىم ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە ۋاقتىمىزنى ۋە زېھنىمىزنى ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ئىشقا يەنى ئوقۇش ئىشىغا قارىتىشنى قارار قىلدۇق.
شۇ سەۋەبلىك تورداشلارغا تۆۋەندىكى بىر نەچچە ئىشنى ئۇقتۇرۇش قىلماقچى:
1. كەلگۈسىدىكى بىر يىل ئىچىدە «مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى»، «مەنزىل بىلوگى»، «مەنزىل ئۈندىدار سالونى» قاتارلىق تور بەت ۋە سالونلاردىكى مەزمۇنلارنىڭ يېڭىلىنىشى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىشى ۋە بىر مەزگىل توختاپ قېلىشى مۇمكىن.
2. مەنزىل گۇرۇپپىسىغا ئىلخەت، چ چ قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېزىلغان تەكلىپ-پىكىر، تور بەتكە چىقىرىش ئۈچۈن يوللانغان ئېلكىتاب ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلماسلىقى مۇمكىن.
3. «مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى»، «مەنزىل بىلوگى»، «مەنزىل ئۈندىدار سالونى» قاتارلىقلارغا يېزىلغان ئىنكاسلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلماسلىقى مۇمكىن.
4. كىتاب چۈشۈرۈش بوشلۇقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن مەنزىل تورىدىكى سىغىمى چوڭ بولغان بىر قىسىم ئېلكىتابلار ياكى ئاۋازلىق ئەسەرلەر قىسقارتىلىشى مۇمكىن.
ئەگەر تورداشلارنىڭ پىكىر-تەكلىپى ياكى باشقا سوئاللىرى بولسا تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ.
ئىلخەت: book@menzil.biz
ئىلخەت: menzilbiz@163.com
چ چ: 846333585
ئاخىرىدا بىزنى ئىزچىل قوللاپ كەلگەن تورداشلارغا مەنزىل گۇرۇپپىسى نامىدىن تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز، ھەمدە يۇقارقى مەسىلىلەرنى توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: مەنزىل گۇرۇپپىسى
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى
مەزكۇر يازمىدا 31 پارچە ئىنكاس بار
چوڭ بىر يوقىتىش بوپتۇ
مەنزىل تورى تاقىلىپ قالمايدۇ، پەقەت مەزمۇن يېڭىلىنىشى ئاستىلىشى مۇمكىن. توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەن ئەخمەتجان قاسىمى دېگەن كىتابنى بېسىۋاتقان ئىدىم
ئەگەر ئۇ كىتابنى تور بېتىمىزگە يوللاش نىيىتىڭىز بولسا، ئىملا جەھەتتىن كاپالەتلىك قىلسىڭىزلا، ۋاقتى كەلگەندە بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.
ھەييى بەك ئەپسۇس مەن كىتاپلارنىڭ ھەممىنى چۈشۈرۋالماقچى ئىدىم. بوپتۇ ئۈگۈنىشىڭلار ياخشى بولغاي. بەيدۇنىڭ بوشلىقىدا ساقلانغان كىتاپ بولسا ساقلىۋالساق بولۇتتى رەھمەت.
مومكىن بولسا سىغىمى چوڭ بولغان كىتابلارنىمۇ يوقىتىۋەتمەي ساقلاپ قالغان بولساڭلار .
بىز ئامال بار بارلىق كىتابلارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمىز. ئىمكان بولمىغاندا بەزى سۈپەتسىز، چوڭ سىغىمدىكى كىتابلار چىقىرىۋېتىلىشى مۇمكىن.
ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بوپتۇ،،،،،مەنزىل بىر مەزگىل جىمىپ قالىدىكەندە
ئىشلىرىڭلار ئاسان بولغاي. يىڭلەنمىسىمۇ يۇقاپلا كەتمىسە مەن شۇنىڭدىن خۇشال
ئوخشاشكەنمىز، كەلگۈسىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم،مەنزىل ئېلكىتاب ئامبرى ھەقىقەتەن بەك پاكىزە تەرەققى قىلىۋاتقان ئىدى،مۇمكىن بولسا ئاستىلاپ قالسىمۇ بۇرۇنقى ماتېرىياللار يۇيۇلۇپ كەتمىسە دېگەن ئۈمۈدتىمەن،
ئەگەر بوشلۇق سەۋەبلىك بولسا ئۆچۈرۈلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولغان ماتېرىياللارنى باشقا بوشلۇقلارغا يوللىشىپ بەرسەك،ئۇلانما ئادرېسىنى ئۆزگەرتىپ قويۇپ ئاندىن يېڭى ماتېرىياللارنى بوشلۇققا يوللىساڭلارمۇ بولاتتى
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم، بەرگەن تەكلىپىڭىزگە رەھمەت! بىز ئامال قىلىپ بارلىق ماتېرىياللارنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىمىز.
مەنزىل بىلوگىدا بورۇن بىر ماقالە ئوقىغىنىم ئىسىمدە ، ئۇ ماقالىدا بىر نەچچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش ھاياتى ، كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ھەم كىيىنكى كۈنلىرى قاتارلىقلار بايان قىلىناتتى . شۇنى ئىزدەپ تاپالمىدىم . يا شۇ ۋاقىتتا تولۇق ئوقۇۋالماپتىكەنمەن .
سىز دېگەن ئەسەرنى مەنمۇ يادىمغا ئالالمىدىم، بەلكىم مەنزىل بىلوگى ئەمەس مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرىدىن كۆرگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.
ئۇ ماقالىدا بىر ئۇقۇغۇچىنىڭ 4 يىللىق ئۇقۇش قەريانىدا بىر كۈننىمۇ بىكار ئۆتكۈزمەي تېرىشىپ ئۇقۇپ ،ھازىر ئامېرىكىدا خىزمەت قىلىدىغنالىقى بايان قىلىناتتى .
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .سىلەردەك ئوت يۈرۈك قېرىنداشلارنىڭ تىرىشىشى بىلەن مەنزىل تورى بۇرۇنقىدىن تەرەققىي قىلىپ ، بىلىم تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ . ئەجرىڭلارنى ياراتقۇچىدىن تىلەيمەن . سىلەرنىڭ ئوقۇشتىن كىينكى كۈنلەردە بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى بىلىملەرنى بىز ئۈچۈن سۇنىشىڭلارغا تىلەكداشمەن . بىلىمڭلار زىيادە بولسۇن .
بۇگۈنكىدەك جەمىيەت بۇزۇلغان بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلار دا بۇزلۇش ئىغىر بولىۋاتىقان زامانلار دا ،ئۆزۈممۇ بىر ئوقۇغۇچى ئەمدى ، ئۆزۈڭ لارنىڭ مەنپەئەتىنى قىلچە ئويلىماي ،ئالتۇن ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ خالىس قىلغان ئىلمى ئەمگىكىڭ لار دىن سۆيۈندۈم . ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەۋەپ لىك مەزمۇن يوللىنىش نىڭ ۋاقتىنچەتوختاتوختاپ قىشىنى توغرا چۈشىنىمەن ۋە باشقىلار نىڭ مۇ توغرا چۈشىنىشىگە ئىشىنىمەن.بونىڭدىن كىيىن كى ئنتاھانىڭ لار غا نۇسرەت تىلەيمەن ، بىر مەزگىلدىن كىيىن ئالدىراش لىقىڭلار بىسىق قاندىن كىيىن مەنزەل تورىنى تىخىمۇ راۋاجلاندۇر شىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن
تور بېتڭلارغا يېڭى ئەزا قوبۇل قىلساڭلار بولمامدۇ؟
مېنزىل ئېلكىتاپ ئامبىرى مىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىم
مەن ئاندرويد سىستىمىلىق 6 سۇڭلۇق كىتاب ئوقۇغۇچتىن بىرنى ئالماقچىدىم . بۇ كىتابلارنى قاچىلاپ ئوقۇيالامدىم ماس كىلەمدۇ ؟
خەتلەر سەل كىچىكرەك چىقسىمۇ نورمال ئوقۇغىلى بولىدۇ.
ئەسسالالمۇ ئەلەيكۇم ، سىلەرگە كۆپ رەھمەت ،
سىغىمى چوڭ بولغان بىر قىسىم ئېلكىتابلار ياكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى قىسقارتماي ، مۇمكىن بولسا 360 تور دىسكىسىغا چىقىرىپ ھەمبەھىرلەپ قويساڭلار ياخشى بولار ئىدى .
مەنزىل توربىكىتىگە كۈندە كىرەلمىسەممۇ لىكىن ئايدا بىر ئارىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايمەن. سىلەرنىڭ مىھنەتسىز ئەجىر قىلىپ ئىقدىسادى قىممەتنى ئويلاشماي مۇشۇنداق بىر بىكەتنى قۇرغىنىڭلارغا ئاپىرىن. يارايسىلەر ، سىلەردەك كىشلەر مىللىتىمىزنىڭ بايلىغى. سىلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
بوشلۇق سېتىۋالساڭلار بولماسمۇ كىتابلار قىسقارتىلسا بەكلا ئەمەس ئاجايىپ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدىكەن.مەن بۇ توربەتتىكى بەزى كىتابلارنى چۈشۈرمەن دەپ بىر چوڭراق بارماق دېسكا ئالماقچى ئىدىم تېخى. ئۇكىتابلارنىڭ سىغىمى چوڭ ھەم ئاۋازلىق ئىدى.
بوشلۇق مەسىلىسى ھازىرچە ۋاقىتلىق ھەل بولدى. بىر نەچچە ئاي ئىچىدە كىتابلار قىسقارتىلمايدۇ. لېكىن، كېيىنچە نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان بىر قىسىم كىتابلارنى قىسقارتىشىمىز مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.
بوپتۇ قەتئى ئامال بولمىسا قاسقارتاسىلە بىراق تىل ئۈگنۈش سەھىپىسى ۋە كومپىيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنىڭ قەتئىي قىسقارماسلىقىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم،مەنمۇ بۇ كىلەر يىل سىلەرگە ئوخشاش ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،،سىلەنىڭ بۇ تور بىكەت ئىنتايىن ياخشى تور بىكەت ،چوڭ سىغىمدىكى ،پايدىىلنىش قىممىتى ھازىرچە يوق كىتابلار،چۈشۈرلۈش قىتىم سانى ئەڭ تۆۋەن بولغان كىتابلارنى ۋاقتىچە تازلاپ تۇرساڭلا بولىدۇ،لىكىن ئالدىراشچىلىق تۈگىگەندە چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ،،ئەڭ مۇھىم دەيدىغىنىم تىل ئۈگىنىش ماتىرياللىرىنى يۇيۋەتمەڭلا
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ھازىرچە بوشلۇق مەسىلىسىنى ۋاقىتلىق ھەل قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن كىتابلار قىسقارتىلمىدى. لېكىن، كېيىنچە نەشر ھوقۇقى مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان بىر قىسىم كىتابلارنى قىسقارتىشىمىز مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمىز.