قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر پەيلاسوپ سوقرات «ھەقىقەتنى بىر ئادەم سۆزلەيدۇ، پىتنە-پاساتنى مىڭ ئادەم سۆزلەيدۇ» دېگەن ئىكەن ھەقىقەتنى قوغداش مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ دارغا ئېسىلغان سوقرات ئۆز زامانداشلىرى ئىچىدە ھەقىقەتنى سۆزلىگەن ساناقلىقلا كىشلەرنىڭ بىرى بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئافېنا سوتىدا سۆزلىگەن چاغدىكى جاراڭلىق ئاۋازى تاكى ھازىرغىچە ياڭراپ تالاي كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالماقتا، ئەلۋەتتە ھەقىقەتلا ئىجازەتسىز ساياھەت قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە.
مەن ئەدەبىيات كوچىسىغا ئىشتىياق باغلىغاندىن بۇيان ئوقۇغان ئەسەرلىرىمدە ئەدىبلەرنىڭ ھەقىقەت قارىشىغا ۋە ئىدىيەۋى مەۋقەسىگە بەكرەك قاراپ كەلدىم. ئادەتتە ئەدەبىيات تارىخىدىكى ساختىلىقنى، چىنلىق، رەزىللىكنى گۈزەللىك، قەبىھلىكنى مېھرىبانلىق دەپ چۈشىنىدىغان ياكى ئۇلارنىڭ پەرقىنى مۈجمەل ئەدىبلەر كۆپ ئۆتكەن، شۇڭا، نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ يازغانلىرى تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەي، دەۋر شاماللىرىدا توزۇپ تۈگىگەن، بىز ئىنسانىيەتنىڭ ئەدەبىيات تارىخىغا ھەقىقەت نەزىرى بىلەن قارايدىغان بولساق، ھەرخىل مەۋقەدىكى ئەدىبلەرنى، يەنى ھەقىقەت ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدەنگەن ئىزدىنىش روھىغا باي، پاراسەتلىك ئەدىبلەرنى: ھەقىقەت مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرالىغان جاسارەتلىك ئەدىبلەرنى، ھەقىقەت ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاپ تىللاردا داستان بولغان ئوت يۈرەك ئەدىبلەرنى: ھەقىقەتتىن بىخەۋەر ھالدا ياشاپ ئۆتكەن ئالىجوقا ئەدىبلەرنى: ھەقىقەتنى تونۇغان ئەمما يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان توخۇ يۈرەك ئەدىبلەرنى، ھەقىقەتنى قوغداشقا ھەرقاچان تەييار تۇرغان پىداكار ئەدىبلەرنى، بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى سېتىپ خەجلەپ ئادەتلەنگەن «ھايانكەش» ئەدىبلەرنى كۆرىمىز.
ھەر قايسى ئەل ئەدەبىياتىنىڭ ئاسمىنىدا نۇرانە يۇلتۇزلاردەك چاراقلاپ، ئۆزىگە تىكلىگەن جۈپ-جۈپ كۆزلەرنى قاماشتۇرىۋېتىدىغان ئەدىبلەر دەل تارىخنىڭ رەھىمسىزلىك بىلەن تاسقاشلىرىدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈپ، جاھان ئەھلىنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ئەدىبلەردۇر. بىلىش قانۇنىيىتى بويىچە ئېيتقاندا، بىر ئادەمنىڭ تونۇشى تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىش جەريانىنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. بىز ھەرقانداق ئەدىبىنىڭ ھەقىقەتنى بىلىش جەرياننى مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە كۆزىتىمىز. مۇشۇنداق ئىلىمى پوزىتىسيە بويىچە قارىغاندا دېققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدىغىنى ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن، ئېنىقراق ئېيتقاندا ھەقىقەت قارىشىدىن پۇشايمان خاراكتېرلىك خۇلاسە چىقارغان بىر قىسىم ئەدىبلەردۇر. پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ بىلىشلىرى جەريانىدا، بىر ئادەمنىڭ بارلىق بىلىش جەريانىدا سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ تامامەن ماس، بىردەك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، سەپسەتىدىن قۇتۇلماق تەس. لاتىنلارنىڭ «خاتالاشمايدىغان ئادەم يوق، خاتالىقىدا چىڭ تۇرىۋېلىش كالۋالىق، ئاقىللار خاتالاشمايدىغانلار ئەمەس، بەلكى خاتالاشسا شۇئان تۈزىتىدىغانلاردۇر» دەيدىغان ھېكمەتلىك سۆزى بار. بىر ئەدىبكە نىسبەتەن ئېيتقاندا ئىلگىرىكى ئىجادىيەت يولىدىن پۇشايمان قىلىش قارىماققا كىشىنى ئۆكۈندۈرىدۇ، ئەمما چوڭقۇرراق كۆزەتسەك، پۇشايمانلىق تەپەككۇر قىلىش مەزكۇر كىشىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىدا، قىممەت قارىشىدا تۈپتىن بۇرۇلۇش بولغاندا، ھەقىقەتنى يېڭى باشتىن چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەندە كۆرۈلىدىغان ئىجابىي سۈپەت ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. بىر ئۆمۈر ھەقىقەتنى تونۇش، چۈشىنىش بەختىگە مۇيەسسەر بولالماي ئۆتۈپ كەتكەن ۋە ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئەدىبلەرگە سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەت ئىزدەپ ۋە ھەقىقەتنى چۈشىنىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش بىر ئەدىب ئۈچۈن بەخت ھەم يۇقىرى مەنىۋى ساپا ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.
ئۆزىنىڭ ئىجادى ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتېرلىك خۇلاسە چىقارغان بىر خىلدىكى ئەدىبلەر بىزنىڭ مىللىي ئەدەبىيات تارىخىمىزدىمۇ بار. مەن 1980-يىللاردىن بۇيان ئۈز ئەدىبلىرىمىزنىڭ ھەقىقەت قارىشىغا، يەنى ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتكەن چىنلىققا، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى سۆزلە جاسارىتىگە ۋە ھەقىقەت ئىزدەش قىزغىنلىقىغا، قىسقىسى، خەلقىمىزنىڭ تارىخى كەچۈرمىشى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىغا بەكرەك دىققەت قىلىپ كەلدىم، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ھەقىقەت بولسىلا، قەلىمىدە ئەكس ئەتمەي قالمايتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ سۆز جۈملىلىرى ئارىسىدا، مىسرا-كۇپلىتلىرىنىڭ قات-قاتلىرىدا ھەقىقەت دۇردانىلىرىنىڭ بار-يوقلىقىنى بەكرەك زىغىرلىدىم. شۇ جەريانىدا بىر قىسىم ئەدىبلىرىمزنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى ۋە مەۋقەسىدىن پۇشايمان خاراكتېرلىك خۇلاسە چىقارغانلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇ يىرى دىققەتكە سازاۋەركى، ئۇلار بۇ خىلىدىكى ئەسەرلىرىنى 55 ياشتىن كېيىنكى ياش باسقۇچىدا يازغان ئىدى. ئومۇمىي مەنىدىن ئېيتقاندا، قەلەمكەشلەرنىڭ ئۆمۈرلۈك ئىجادىيەت مۇددىئاسى ۋە مەۋقەسىدە بۇرۇلۇش ياسىشى، شۈبھىسىزكى، مەزكۇر ئەدىبىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىغا ئالاھىدە قىممەت بېغىشلايدۇ.
20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا ئۆزىنىڭ ھەقىقەت قارىشىنى چىن مەنىسى بىلەن يېڭىلاپ ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىدىن پۇشايمان خاراكتېرلىك خۇلاسە چىقارغان ئەدىبلەر ئانچە كۆپ ئەمەس. ئەسىلىدىنلا ھەقىقەتكە بولغان ھېرىسمەنلىك ھېسسىياتى يوق، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى ئادەت قىلمىغان ئەدىبلەر نېمە يېزىشىدىن قەتئىينەزەر ھەقىقەت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا قايسى كۈچنىڭ يېشىل چىرىغى يېقىلسا نىشاننى شۇ ياققا بۇراپ، ئاغزىغا نېمە كەلسە، شۇنى يېزىپ ياشاپ كېتىۋېرىدۇ. ئەمما، ھەقىقەتكە ھېرسىمەن، ھەر ۋاقىت ھەقىقەتنى تېپىشنىڭ، ئۇنى تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ كويىدا بولغان ئەدىبلەر ھەقىقەتنى تاپقان ياكى يېڭىۋاشتىن تونۇغان چېغىدا ئىدىيەدە تامامەن «قاسراق» تاشلاپ، يىپيېڭى قىياپەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ خىلدىكى ئەدىبلىرىمىزدىن ھازىرچە مىنىڭ بىلىدىغانلىرىمدىن نېم شېھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، روزى سايىت قاتارلىقلار بار.
شائىر نېم شېھىت 1971-يىلى ئاۋغۇستتا ئانا يۇرتى بايدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ناھايىتى قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان چاغلىرىدا «پېقىرنىڭ ئىقرارى» ناملىق ئېسىل شېئىرىنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ھەقىقەتنى تامامەن خاتا چۈشىنىپ كەلگەن پۇشايمىنىنى چوڭقۇر نادامەت بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن.
شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1981-يىلى يېشى 58 گە ئۇلاشقاندا «ھىدايەتنامە» (يەنە بىر ئىسمى «ئۆمۈر ھەققىدە مۇخەممەس») ناملىق نادىر شېئىرىنى ئىجاد قىلىپ ئەڭ تۈپ ھايات ھەقىقىتىنى خاتا چۈشىنىپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى تەن ئالغان. شائىر بۇ بىر پۈتۈن شېئىرىنى «ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى» دېگەن مىسرا بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ساماۋى ھەقىقەتنى يىڭىباشتىن، چىن مەنىسى بىلەن تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 1993-يىلى يېشىنىڭ 60 قا تولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازغان كاتتا ئەسىرى «ئۆمۈر تەلقىنلىرى» دە ئۆزىنىڭ 60ياشتا مېتافىزىكىلىق ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ئارىف بولغانلىقىنى، يەنى ئويغانغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. ئۇنىڭ «ئارىف» لىقىنىڭ مەنىسى تېخىمۇ كەڭ ھەقىقەت مەزمۇنىنى ئۈز ئىچىگە ئالغان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەنىۋى مۇساپىسىدە روشەن ھالدا ئويغانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ مەنىلىك قىلىپ، «60 ياشتىمۇ غەپلەتتە قالغان كىشىنى زېمىن لەرزىسى بىلەن تەقدىر زىلزىلىلىرىمۇ ئويغىتالمايدۇ» دەپ ئېيتقان.
شائىر روزى سايىت 1998-يىلى 55 يېشىدا يازغان «بېغشلىما» ناملىق شېئىرىدا ئۆزىنىڭ رېئال دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ھەقىقەتنى خاتا تونۇغانلىقىنى ھەم ئىلگىرىكى خاتا ئىجادىيەت مۇددىئاسى ھەققىدىكى پۇشايمانلىق ھېسسىياتىنى ناھايىتى دادىل ھالدا مۇنداق ئىپادىلىگەن:
قەلەمنى ھەر مۇقامغا يورغىلاتتىم، مەيلىگە قويماي،
تېرىقنى «تاغ» قىلىپ يازدىم، غۇلاچىنى «بىر ئىلىك» قىلدىم.
تېخى «ئايغىر غۇنلاپتۇ، – دېدىم، قۇملار چېچەكلەپتۇ..»
دېمەك ئىلھامنى يالغاننىڭ چىراغىغا پىلىك قىلدىم.
يېشىم ئەللكتىن ئاشقاندا، دېدىم، بەس! ھەقنى سۆزلەيمەن،
ئۆزۈمنى زاتى مەنسۇردەك كۇلاھۇ-جەندىلىك قىلدىم.
بىلىڭلار ئۇشبۇ يازمامدىن مىنىڭ ھالىمنى ئوغلانلار،
كېتەرمەن بىئەجەل مەيلى، ئاۋامنى خەندەلىك قىلدىم!…
دېمەك، بىزنىڭ 20-ئەسىر ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەقىقەت ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش، رېئاللىقنى يېڭىباشتىن تونۇش ئارقىلىق ھەق-ناھەقنى ئېنىق ئاڭقىرىغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەت قارىشىدىكى بۇ خىل روشەن ئۆزگىرىشنى مەردانە ھالدا قەغەز يۈزىدە تەن ئالغان ئەدىبلىرىمىز مېنىڭ بىلىشىمچە يۇقىرىقى تۆت زات.
شەرقنىڭ مۇتەپەككۇرى كۇڭرى «يېشىم ئاتمىشقا يەتكەندە، باشقىلارنىڭ سۆزىنىڭ ھەق-ناھەق ئىكەنلىكىنى شۇئان ئاڭقىرىۋالىدىغان بولدۇم» دېگەن ئىكەن. بەلكىم ئاتمىش ياش ھەقىقەتنى تونۇش يېشى دەپ قارالسا كېرەك، ياش ئاتمىش ياشقا ئۇلاشماي تۇرۇپ ھەقىقەتنى تونۇغىلى، چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولمايدۇ دەپ كېسىپ ئېيتقىلىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.
چۈنكى ھەقىقەتنى تونۇش مەسىلىسى ھە دېگەندىلا ياشقا باغلىق بولىۋەرمەيدۇ. ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر تارىخىدا ياش، قىران چاغلىرىدا ھەقىقەتنى ئاجايىپ ئېنىق تونۇغان، چوڭقۇر چۈشەنگەن تالاي ئەدىبلەر ئۆتكەن.
ھەقىقەت دېگەن نېمە؟ دېگەن بۇ مەسىلىگە مۇتەپەككۇرلار مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن ئېنىقلىما بېرىشتى: ھەقىقەت – مۇقەررەر قانۇنىيەت. ھەقىقەت – لوگىكا. ھەقىقەت – ئىنسانىيەت ئەقىل-پاراسىتىنىڭ مەنبەسى. بۇ يەردىكى مۇقەررەر قانۇنىيەت تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەردىكى مۇقەررەر قانۇنىيەتنى، لوگىكا بولسا تەپەككۇرنىڭ لوگىكىلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەقىل-پاراسەتنىڭ مەنبەسى - مەڭگۈلۈك «ساماۋى ئەقىل» نى كۆرسىتىدۇ. بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، پىكىر چىن بولسا يەنى پىكىر بىلەن رېئاللىق بىردەك بولسا، مانا بۇ ھەقىقەت بولىدۇ. ئادەتتە چىنلىق ياخشىلىق، گۈزەللىك ھەقىقەتنىڭ ئۆلچىمى سۈپىتىدە تەكىتلىنىدۇ. لوگىكا چىنلىقنى، سەنئەت گۈزەللىكنى، ئېتىكا ياخشىلىقنى تۈپ مەقسەت قىلىدۇ. ھەقىقەت سوبيېكتىپنىڭ ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى توغرا ئىنكاس قىلىشى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ ماسلىقى، بىردەكلىكنى ئىپادىلەيدۇ. سەپسەتە ئوبيېكتىپ شەيئى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ بۇرمىلانغان ئىنكاسى بولۇپ، سۇبيېكتىپ بىلەن ئوبيېكتىپنىڭ بىر بىرىدىن يىراقلىشىشى بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدۇ. مۇئەييەن دائىرىدە، مۇئەييەن ئوبيېكتىپ شەيئىگە قارىتا، ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت، سەپسەتە ھامان سەپسەتە. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار. لېكىن، پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە بىر-بىرىگە تايىنىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلىقى بىر-بىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. ھەقىقەت بولمىسا، سەپسەتە بولمايدۇ، سەپسەتە بولمىسا ھەقىقەتمۇ نامايەن بولمايدۇ. مۇتەپەككۇر ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن «يوقلۇق بارلىقنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق باھالىغۇچىسى» دېگەن ئىدى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا يالغاننىڭ مەنىسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ھەقىقەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.
20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدا جەدىتچىلىك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتىنى قوزغىغان مۇتەپەككۇر ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللام 1910-يىللارنىڭ بېشىدە يازغان «نەسىھەتى ئامما» ناملىق ئەسىرىدە «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق زامانى ئەمەس. ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىدۇر! جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر. باشقا مىللەتلەر ئىلىم ۋە مەرىپەت سايىسىدا ھاۋادا ئۇچۇپ پەرۋاز قىلماقتا، سۇ ئاستىدا بولسا خۇددى قۇرۇقلۇقتا يۈرگەندەك ئەركىن ئۈزۈشمەكتە. بىز تېخى غەپلەت ئۇيقۇسىدا ياتماقتىمىز. ئۇيقۇ ئۆلۈمنىڭ بۇرادىرى ۋە مۇقەددىمىسىدۇر. بۇ ھالەتتە دائىم ئۇخلىماق يوقۇلۇش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر! ھېلىھەم ۋاقىت ھەم پۇرسەت بار!» دەپ چۇقان سالغان.
ئۆزىنى «كۆكتە يۇلتۇزلار يانار، يەردە پەقەت شائىر يانار…» دەپ خارەكتېرىلىگەن ئوت يۈرەك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ 1930-يىللىرىنىڭ بېشىدا يازغان بىر شېئىردا نادانلىقىمىز، بېپەرۋالىقىمىزغا قاتتىق ئېچىنىپ:
كېلىدۇ بىر كۈن پۇشايمان قىلىسەن،
تەكتىگە گەپنىڭ شۇ چاغدا يىتىسەن.
«خەپ» دېسەڭ ئۇ چاغدا ئۈلگۈرمەي قالۇر،
شۇندا ئۇيغۇر سۆزىگە تەن بېرىسەن!
دەپ كېسىپ ئىيتقان. بىز ئابدۇقادىر داموللام بىلەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بۇ خىتابلىرىدىكى ئەكس ئەتكەن تارىخى ھەقىقەتكە گۇمان بىلەن قارىيالايمىزمۇ؟ ئەقىل كۆزى روشەن بۇ ئىككى ئەدىبىڭ دانا ھۆكۈمى ئىجتىمائىي رېئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەررەر يۈزلىنىشىنى چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە چۈشىنىش ئارقىلىق يەكۈنلەنگەن لوگىكىلىق تەپەككۇرى ئەمەسىمۇ؟ ئۇلار نېمە ئۈچۈن زامانداشلىرىغا قارىغاندا شۇنچە چوڭقۇر ھەم دانا ئويلىيالىغان؟ بۇ يەردىكى روشەن سەۋەب شۇكى: ئۇلار ئۆزلىرىنى مەۋجۇت كرىزىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا دادىل يۈزلىنىپ ۋە چوڭقۇر چۈشىنىپ تەپەككۇر قىلغاچقا ھەقىقەت ھېسابلىنىدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالىغان، كىرىزىس ئېڭى يوق بولغان ئادەمنىڭ ھەقىقەت بىلەن بولغان ئارىلىقى تولىمۇ يىراق بولغان بولىدۇ.
بىلىشمىز كېرەككى، ساماۋى ھەقىقەتتىن تاشقىرى ھەر قانداق ھەقىقەت مۇتلەق بولمايدۇ. شۇڭا، ھەربىر شەخس، ھەربىر قوۋمنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تارىخى كەچۈرمىشلىرىگە، ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا يارىشا تۈرلۈك غايە مەقسەتلىرى بولىدۇ. شۇڭا غايە مەقسەت ئۇلارنىڭ نەزىردىكى ھەقىقەت مەشئىلىگە تۇتاشقان بولىدۇ، بۇ ھەقىقەت مەشئىلىنى ھەر بىر كىشىنىڭ پەرق ئېتىش ئىقتىدارى، چۈشىنىش قابىلىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭغا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ ھەرخىل بولىدۇ. ھەقىقەت مەشئىلىنى دەس كۆتۈرۈپ ئۆز خەلقىنىڭ ھايات يولىغا نۇرانە سايە چۈشۈرۈپ ياشاش يولىدا كۈرەش قىلىدىغانلارمۇ بولىدۇ. ھەقىقەت مەشئىلىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاش ھەلەكچىلىكىدە ئۆمۈر بويى بىر جاۋۇر يۇندىنى كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ناكەسلەرمۇ بولىدۇ. ھەقىقەت دېگەن نېمە؟ سەپسەتە دېگەن نېمە؟ پەرۋايى پەلەك ھالدا بىر ئاشقازاننىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئارستوتېل ئېيتقاندەك ياشاش ئۈچۈن يېيىش ئەمەس، يېيىش ئۈچۈن ياشايدىغان ئەرزىمەس كىشىلەرمۇ بولىدۇ.
ئەگەر چىن مەنىسى بىلەن چۈشىنىدىغان بولسا، ئەدىبلەر ھەرگىز ئادەتتىكى كىشىلەر ئەمەس، ئەگەر ئەدىبلەر ئەدىبلىكىنى مەسئۇلىيەت دەپ بىلمەي ئابرۇي-مەنپەئەت دەپ چۈشىنىدىغان بولسا، تۈپتىن خاتالاشقان بولىدۇ. ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، مۇئەييەن دەۋردىكى ئەدىبلەر ئۆز مىللىتىنىڭ روھى دۇنياسىنى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ نۇرانە شولىسى بىلەن يورۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە تۈپ قىممەت قارىشىنى چۈشەنگەن، نۆۋەتتىكى مىللىي ئېھتىياجىنى ئۆزىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىغا ئايلاندۇرغان، ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئېنىق تونۇغان، بۇ خىل مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشىتىن ھەرگىز باش تارتمايدىغان بولۇشى كېرەك. ھەر بىر دەۋرنىڭ، ھەربىر جەمئىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بولىدۇ، ئەدىبلەر دەۋرنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى، جەمئىيەتنىڭ تومۇرىنى ماھىرلىق بىلەن تۇتۇشى لازىم. ئەدىبلەردە دەۋرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تۇنۇيدىغان ئۆتكۈر دىت، جەمئىيەت تومۇرىنى تۇتۇش جەھەتتىكى ئالاھىدە سەزگۈرلۈك بولمايدىكەن، ئەل قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى دەۋەتنى ھەرگىز ھېس قىلالمايدۇ، ئانا خەلقىنىڭ قەلبىدىكى بىلىنەر-بىلىنمەس پىچىرلاشلىرى ئاڭلاشقا قادىر بولالمىغان ئەدىب، ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى مەڭگۈ قىممەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. ئۇنداق ئەدىب ئەرزىمەس كويلاردا سوكۇلداپ، سورۇن-سەھنىلەردە كاپىلداپ، قۇرۇق شۆھرەت غېرىبى بولۇپ ئۆزگىنىمۇ، ئۆزگىلەرنىمۇ ئالداپ ئۆتىۋېرىدۇ. ئاخىرقى ھېسابتا تارىخ تەرىپىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدىغان ئەخلەت ئەدىبلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ خالاش!
ھەققى ئەدىب ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىش، ھەقىقەتنى ئىزدەش، ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتە ئاۋانگارتلىق روھىغا ئىگە بولىدۇ، ھەقىقەت ئىزدەش روھى توق ئەدىب كىتابخانلارنى بەكلا ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، مەن بۇنداق ئەدىبلەرنى «ئەخلەت ئەدىبلەر» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن. ھەقىقەتنى سەپسەتە بىلەن بىر تەكىيگە باش قويغۇزۇش مەقسىتىدە نىكاھ ئوقۇپ يۈرگەن ئەدىبلەرنى بولسا، «ئەخمەق ئەدىبلەر» دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە بۇ ئىككى خىل ئەدىب مېنىڭ نەزىرىمدە ھەقىقەتنى خالىغان باھادا سېتىپ خەجلەپ ئادەتلىنىپ كەتكەن «ھايانكەش» ئەدىبلەردىن ئەۋزەلرەك. چۈنكى ئۇ ئىككى خىل ئەدىب ھامىنى ھەقىقەت يولىدا تىز پۈكۈپ پۇشايمان ياشلىرىنى تۆكۈشى ئېھتىمال. ئەمما، «ھەقىقەت ھايانكەشلىرى» نى قۇتقۇزۇش بەسى مۈشكۈل.
مەن نەزىرىنى ھەقىقەتكە تىككەن، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ھەقىقەتكە ئېتىقاد قىلىدىغان، مۇئەييەن ھەقىقەت قارىشىغا ئىگە، ھەقىقەتنى سۆيىدىغان، ھەقىقەتنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولسىمۇ چۈشەنگەن. ئۇنى ئىپادىلەشكە ئۆزىنى ئاتىغان ئەدىبلەرنى دادىل پىكىرلىك ئەدىبلەر، دانا پىكىرلىك دەپ ئىككى خىلغا ئايرىپ چۈشىنىپ باقتىم. دادىل پىكىرلىك ئەدىبلەر ھەقىقەتنى سۆزلەش جەھەتتىكى جەسۇرلىقى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرى چوڭقۇر بولمىسىمۇ، پىكىرلەرنىڭ دادىللىقى بىلەن ئەزىمەت ئەدىبلەردىن ھېسابلىنىدۇ، ئۇلاردا مۇتەپەككۇرلارغا خاس دانا پىكىر، چوڭقۇر بىلىم، ئىلىمى قاراش، مۇكەممەل ئىدىيە بولمىسىمۇ، خەلقىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېيەلەيدىغان ئەزىمەتلەرگە خاس يارقىن خاسلىق بار. قاراشلىرى بىلەن زامانداشلىرىنىڭ ئەقلىنى ئويغىتالمىسمۇ، مەردانە چۇقان-سادالىرى بىلەن زامانداشلىرىنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرۇپ ھېسسىياتىنى ئۇرغۇتالايدۇ، ھەقىقەتنى سۆيۈش، ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش جەھەتتىكى پىداكارلىقى بىلەن ئۇلار گاھىدا كىشىنىڭ مەستلىكى كەلگۈدەك دەرىجىدە ئاجايىپ كۈچلۈك بولۇپ كېتىدۇ. گاھىدا كىشىنىڭ ئىچى ئاغىرىغۇدەك دەرىجىدە ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئەمما، ھەرگىز شەرمەندە ئورۇنغا چۈشۈپ قالمايدۇ.
بىر قوۋمىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلغۇچى زىيالىيلار توپىغا ھاياتى كۈچ بېغىشلايدىغان ئېنىرگىيەنى دانا پىكىرلىك، چوڭقۇر بىلىملىك، مۇستەقىل ئىدىيەگە ئىگە مۇتەپەككۇر ئەدىبلەر يەتكۈزۈپ بىرىدۇ، بۇ خىل ئەدىبلەر ناھايىتى ساناقلىق بولىدۇ. ئۇلار پىكىر، ئىدىيەلىرىنى بىر قوۋمىنىڭ ئۈگە-ئېگىلىرىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بىز يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ قىممىتى ئارىدىن مىڭ يىللار ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە ئىچ-ئىچىمىزدىن قايىل بولغان ھالدا تەن ئالماقتىمىز، ئۇنىڭ قەۋەت-قەۋەتلىرىگە سىڭگەن تەپەككۇر دۇردانلىرى بىلەن ئىدىيە ئۇچقۇنلىرى كۆز ئالدىمدا بىر مۇكەممەل ئىدېئال جەمئىيەتنىڭ مودېلىنى نامايان قىلماقتا. ھەقىقەتەنمۇ بىر مۇتەپەككۇر ئەدىب بىر مىللەتنىڭ تارىخىدا پارلاق ماياكتەك يېنىپ، مىللەت ئەزالىرىنى كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان ئاپەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇلار تىرىشسا ئېرشەلەيدىغان ئامەتلەردىن بېشارەت بېرەلەيدۇ. ئۇلار بۇ خىل روھى ۋە سالاھىتى بىلەن مىللەتنىڭ مەنىۋى داھىيلىرىغا ئايلىنىدۇ.
مېنىڭچە دادىل پىكىرلىك ئەزىمەت ئەدىبلەر بىلەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇتەپەككۇر ئەدىبلەرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىردە پۇشايمانلىق ھېسسىياتىدا ئۆكۈنۈپ ئەسەر يېزىشى ئاز كۆرۈلسە كېرەك. سەۋەبى، ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى يىراق-يىراقلاردا چاقناۋاتقان ھەقىقەت يۇلتۇزلىرىغا ئاداشماي تىكىلگەن، ئۇلارنىڭ بارماقلىرى ھەقىقەت مەشئىلىنىڭ دەستىسىنى باشتىن-ئاخىرى بوشاشماي مەھكەم تۇتقان بولىدۇ. ئادەتتە بىز ھەقىقەتنى تونۇش باشقا مەسىلە، بىلىم سەۋىيەسى بىلەن تەپەككۇر قابىلىيىتى باشقا مەسىلە دەپ چۈشىنىمىز، مۇشۇ مەندىن ئېيتقاندا، ئەدىبلىرىمىز نېمە ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ، دېگەن مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە مەلۇم دەرىجىدە يىقىنلاشقىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. ئادەتتە، بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل، ئەمما ھەقىقەت ھەققىدىكى تونۇشى مۈجمەل ئالىم-ئەدىبلەر ھەممە دەۋردە، ھەممىلا جايدا ئۇچرايدۇ. بىز ماقالىلىرىمىزنىڭ باش تېمىسىنى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئەدىبلەرنىڭ بىلىم-ماھارىتى بىلەن ھەقىقەتنى بىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە نەزەر سالساقمۇ، مۇئەييەن بىلىم-ماھارەت ھازىرلىغان، ئەمما ھەقىقەتتىن يىراق ئەدىبلەرنى خىلى كۆپ كۆرىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: يېزىقچىلىق ئالدى بىلەن بىر خىل ماھارەت، نۇرغۇن ئەدىبلەرنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى بولمىسىمۇ، مۇتەپەككۇرلۇق سالاھىيىتى ھازىرلانمىغاچقا «سۆز ۋادىسىدا ئېزىقىپ يۈرگۈچىلەر» قاتارىدا كولدۇرلاپ يۈرۈۋېرىدۇ. يەنە بىر قىسىم ئەدىبلەرنىڭ مۇئەييەن بىلىم قۇرۇلمىسى بولسىمۇ، بىلىش مەقسىتى ئايدىڭ بولمىغاچقا، يەنى كىم ئۈچۈن يېزىش، نېمە ئۈچۈن يېزىش چۈشەنچىسى ئايدىڭ بولمىغاچقا ھەر مۇقامغا يورغىلاپ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەتچىگە ئايلىنىدۇ، شۇڭا بىر كىشىدە بىلىم ۋە ماھارەتنىڭ بولۇشى ئۇنىڭ ھەقىقەتنى تۇنۇغانلىقىغا باراۋەر دەپ چۈشىنىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
ئاپتورى: يالقۇن روزى (ئوبزورچى. شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتنىڭ مۇھەررىر)
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلى 2010-يىللىق-6 سانى