• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت – بىلىمخۇمار

1058
ئاپتورى: بىلىمخۇمار (ئەركىن سىدىق)   يوللانغان ۋاقتى:2015-08-05   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە
 

ئاپتور: بىلىمخۇمار (ئەركىن سىدىق)

كۆپىنچە قېرىنداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، بىر ئادەم ئۈچۈن نام-ئاتاق يارىتىشقا قارىغاندا ئۇنى قوغداپ ۋە ساقلاپ مېڭىش كۆپ تەسكە توختايدۇ.  شۇڭلاشقا بىز داۋاملىق يېڭىدىن نام-شەرەپكە ئېرىشكەن كىشىلەر توغرىسىدىكى خەۋەر-دوكلاتلارنى ئاڭلاپ تۇرۇش بىلەن بىللە، بىرەر مۇھىم ئىشتا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىگە داغ كەلتۈرگەن كىشىلەر توغرىسىدىكى خەۋەر-دوكلاتلارنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز.  بۇلۇپمۇ مەن بۇنداق ئىشنى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىن ھەر يىلى بىر قانچە قېتىم ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ تۇرىمەن.  مەن ئاڭلاپ ۋە كۆرۈپ تۇرىدىغان ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىگە داغ كەلتۈرىۋالغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتىگە ئوخشاش مەشھۇر سىياسونلار، ھەمدە ھوللىۋۇد (Hollywood) تىكى داڭلىق كىنو ئارتىسلىرى بار.

شۇڭلاشقا نامغا ئېرىشكەن ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ساقلاپ مېڭىش بىر ئىنتايىن ئېغىر ۋەزىپە بولۇپ تۇيۇلىدۇ.  بۇنداق ئادەملەر ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ھەر بىر گەپ-سۆز ۋە ئىش-ھەرىكەتتە نەچچە ھەسسە، ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە دىققەت قىلمىسا، داۋاملىق ئەينەككە قاراپ تۇرمىسا، داۋاملىق ئۆزىنى بىلەپ تۇرمىسا، ۋە داۋاملىق ئۆز-ئۆزىدىن «مەن كىم؟ ھازىر ئىشلارنى قانداقراق قىلىپ كېتىۋاتىمەن؟ مەن باشقىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقىۋاتىمەنمۇ؟ ھازىر قايسى جەھەتلەردە بەكرەك تىرىشىشىم كېرەك؟» دەپ سوراپ تۇرمىسا بولمايدۇ.

بىر ئادەمنىڭ قاتتىق ئىشلەپ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ، ئاندىن نام-ئاتاققا ئىگە بولۇش جەريانى خۇددى بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتە بەلگىلىك قىممەت يارىتىشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ، قاتتىق ئىشلەپ، شىركەت قۇرۇپ، شىركەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.  ئەگەر سىز جەمئىيەتتە بەلگىلىك قىممەت يارىتىش مەقسىتىدە شىركەت قۇرسىڭىز، سىز ساختىپەزلىك قىلمايسىز، ئادەم ئالدىمايسىز، يالغان گەپ قىلمايسىز، ھەقىقىي مېنىدە، ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ تۇرۇپ شىركەت ئۈچۈن ئىشلەيسىز.  ئاندىن شىركەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۇنىڭ «قوشۇمچە مەھسۇلاتى» سۈپىتىدە سىز باي بولىسىز.  شىركىتىڭىزدىكى باشقا بارلىق خادىملارمۇ باي بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى داڭلىق كارخانىچىلارنىڭ تەرجىمىھالىنى كۆرسىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يۇقىرىقىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى بايقايسىز.  ئەگەر سىز پەقەت پۇل تېپىپ، تېز باي بولىۋېلىش ئۈچۈن شىركەت قۇرسىڭىز، سىز كۆپىنچە ھاللاردا يۇقىرىدا دېيىلگەن ئىشلارنىڭ قارىمۇ-قارىشىسىنى قىلىشىڭىز، شۇنىڭ بىلەن شىركەت ياخشى ماڭماي، بايمۇ بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن.  مەن شىمالىي كالىفورنىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق يۇقىرى تېخنولوگىيەلىك شىركەتلەر بازىسى بولغان كىرىمنى جىلغىسى (Silicon Valley) دا باشقىلار بىلەن شىرىكلىشىپ، بىر قانچە شىركەت قۇرۇش جەريانىدا، ئۆزۈم شېرىكلەشكەن كىشىلەر ئىچىدە ئاشۇنداق ئادەملەردىن بىر-قانچىنى ئۇچراتتىم.  مەن ئۇ شىركەتلەرنىڭ ئىنژېنېرلىق ئىشلىرىغا ياكى تېخنولوگىيىسىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۇمگە ئالغان بولغاچقا، شىركەتنىڭ باش لىدېرلىرى (باشلىقلىرى) سادىر قىلغان ھېلىقىدەك ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشكە كۈچۈم يەتمىدى.  بىز ئەينى ۋاقتىدا يېڭى قۇرغان شىركەتلىرىمىزگە «ئۇرۇقلۇق مەبلەغ» ھەل قىلالماسلىقىمىزغا دۇنيانىڭ ئوپتىكا سانائىتىنىڭ تۆۋەنگە قاراپ مېڭىشى ئاساسىي سەۋەب بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا يۇقىرىدىكىدەك يالغانچىلىق ئىللەتلىرىمۇ ئازراق سەۋەب بولغان.

ئەگەر سىز پەقەت نام-ئاتاققا ئېرىشىش ئۈچۈنلا قاتتىق تىرىشسىڭىز، كۆپىنچە ۋاقىتتا مەقسىتىڭىزگە يېتەلمەيسىز.  ئەمما ئۆزىڭىزدىن باشقا ئادەملەر ۋە جەمئىيەت ئۈچۈن مەلۇم قىممەت يارىتىش يولىدا ئۆزىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاتاپ، ھەقىقىي مېنىدە قاتتىق تىرىشسىڭىز، سىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، نام-ئاتاق ۋە بايلىق سىزگە ئاشۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ «قوشۇمچە مەھسۇلاتى» بولۇپ ئۆزلىكىدىن كېلىدىغان ئىشلار كۆپ.

نام-ئاتاق ئۈچۈن تىرىشىدىغانلارنىڭ بەزىلىرى ئائىلىسىدىكىلەرنى گوللايدۇ، دوستىغا خىيانەت قىلىدۇ، ۋە مىللەتنى ئالدايدۇ.  ھەمدە ئۆز تىرىشچانلىقىنى مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملايدۇ.  ياكى بولمىسا ئۇلار دەسلىۋىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانسىمۇ، ئېرىشكەن نام-شۆھرىتى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلمەيدۇ.  كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ كېتىپ، ئېرىشكەن نام-ئاتاقلىرى بىلەن مەغرۇرلىنىپ كېتىپ، بەلنى قويىۋېتىپ، بۇرۇنقىدەك تىرىشماي، ئاستا-ئاستا تۆۋەنگە قاراپ مېڭىپ، ئاخىرى بۇرۇنقى ئىزىغا چۈشۈپ قالىدۇ.  بەزىلىرى ھەتتا بۇرۇنقى ئورنىدىنمۇ تۆۋەنرەك ئورۇنغا چۈشۈپ كېتىدۇ.  مەن ھازىرغىچە بولغان ئۆمرۈمدە بۇنداق ئادەملەردىن بىر قانچىنى ئۇچراتتىم.

 نام-ئاتاق ئىستىكى ھەممە ئادەملەردە بار.  يەنى ئاللاھ ئىنسانلارنى ياراتقاندا، ئۇلارنى ئاشۇنداق خۇسۇسىيەت بىلەن بىللە ياراتقان بولۇپ، نام-ئاتاققا ئىنتىلىش ھەممە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى.  شۇڭلاشقا نام-ئاتاققا ئېرىشسە ئېغىزىدا دېمىسىمۇ، كۆڭلىدە ھەممە ئادەم خوش بولىدۇ.  ئەمما، ئوخشىمىغان ئادەملەردە نام-ئاتاق قوغلىشىش ئىستىكىنىڭ دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.  مېنىڭ يۇقىرىدىكى بايانلىرىم بىر ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ مەن ئەمەلىيەتتە بىلىدىغان ياكى تور دۇنياسىدا تونۇشقان بىر قانچە ئادەملەرگە قارىتىلغان ئەمەس.  ھەمدە ئۇ نام-ئاتاققا ھەددىدىن زىيادە بەك قىزىقىدىغان، ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايدىغان، ھەمدە نام-شۆھرەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان كىشىلەرگە قارىتىلغان.

مەن كىچىك ۋاقتىمدا بالىلار باشلانغۇچتا 5 يىل، ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ 5 يىل ئوقۇيتتى.  مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاقسۇ 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە 1971-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئوقۇغان.  شۇ چاغدا سىنىپ باشلىقى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى، بىر جەمئىيەت  تەكشۈرۈش گۇرۇپىسىنىڭ مەسئۇلى، ۋە بىر ئوقۇغۇچىلار شېئىرلار توپلىمىنىڭ مەسئۇلى دېگەنگە ئوخشاش بىر قاتار ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالغان. ھەمدە ھەممە پەنلەردىكى ھەممە دەرسلەرنى پەۋقۇلئادە ياخشى ئوقۇغان.  تولۇقسىز 3-يىللىقتىكى ۋاقتىمدا تولۇقسىز 2-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈپ باققان.  شۇنداق بولغاچقا مەن شۇ مەزگىلدىلا بىر ئاز نام-ئاتاققا ئېرىشكەن.  بۇنداق ئەھۋال مەن ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن يەنە باشلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل تۈردە داۋاملىشىپ كەلدى.  شۇڭلاشقا مەن نام-شەرەپكە ئېرىشكەن بىر ئادەم يېرىم يولدا مەغلۇپ بولۇپ كەتمەي، ئۆزى ئېرىشكەن نام-شەرەپنى ساقلاپ مېڭىشى ئۈچۈن قانداق ياشىشى كېرەكلىكىنى بىر ئاز بىلىمەن.

يېقىندا ئۇيغۇرچە تورلاردا «مەشھۇرلۇق»، «نام-ئاتاق»، ۋە «شۆھرەتپەرەسلىك» ئۈستىدىكى پاراڭلار كۆپ بولدى.  ئۇنداق پاراڭلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن مەن يېقىنقى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ئاشۇنداق «مەشھۇرلۇق» ئۈستىدىكى بەس-مۇنازىرە ئۈچۈن ئازراق يېڭى بىلىم تەقدىم قىلالارمەنمۇ، دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىدىم.  توساتتىن مەن بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا ئۇچراتقان، ھەمدە ئۆزۈم ناھايىتى ياخشى كۆرۈپ ساقلاپ قويغان بىر پارچە ئىنگلىزچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.  ئۇ ماقالە ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ياش زىيالىي مەلۇم بىر سورۇندا ئۆزى توغرىسىدا سۆزلىگەن بىر لېكسىيىنىڭ تېكىستى بولۇپ، ئۇنىڭ تېمىسى «نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت ھەققىدە» دىن ئىبارەت.  مەن مەزكۇر ماقالىدە ئاشۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىنى تونۇشتۇرىمەن.  بۇ يەردە مەن ئەسلىدىكى ماقالىنىڭ ئاپتورىنىڭ  ئىسمىنى ۋاقتىنچە «ئويغان» دەپ ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇ ئاپتورنى ئوقۇرمەنلەرگە كېيىنچە بىر مۇۋاپىق پەيتنى تېپىپ تەپسىلى تونۇشتۇرىمەن.

 

forum

1-رەسىم: تارىختىكى مەشھۇرلىرىمىزنىڭ مىسالى.

 

تۆۋەندىكىسى ئويغاننىڭ نۇتۇقىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى.  ئەگەر مەن ئۇنىڭغا ئۆز كۆز-قارىشىمنى قوشماقچى بولسام، ئۇنى بىر ئايرىم «ئىلاۋە» شەكلىدە قىستۇرۇپ قويىمەن.

سالام! مېنىڭ ئىسمىم ئويغان.  مەن بۇ يىل 36 ياش بولۇپ، مېنىڭ 6 بالام بار.  مەن ھاياتىمنى ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بىر كەسپنى قىلىپ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ رازىمەن.

مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆزۈمدە مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ئۆگىنىشكە يۈكسەك قىزىقىش يېتىلدۈردۈم.  مەن ھازىر مۇقەددەس كىتابنى تەشۋىق قىلىشنى ۋە ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىشنى تۈپ مەقسەت قىلغان بىر ئىنستىتۇتنى ماڭدۇرۇۋاتىمەن.  مۇشۇنداق يۈكسەك قىزىقىش مېنىڭ ئالدىنقى 16 يىللىق ھاياتىمنى ناھايىتى ئالدىراش ئۆتكۈزۈشكە سەۋەب بولدى.  شۇ جەرياندا مەن ئۆزۈم ئاڭلىق ھالدا بىلمەي تۇرۇپ، بەزى چەمبىرەكلەر ئىچىدە داڭلىق بولۇپ قالدىم.  قالغانلىرىدا بولسا يامان نام بىلەن داڭ چىقاردىم.  مەن دەرس ئۆتىۋاتقىلى ۋە لېكسىيە سۆزلەۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى.  ھازىر توساتتىن ھەر قېتىملىق لېكسىيىدىن كېيىن كىشىلەر بىر-بىرىنى يانغا ئىتتىرۋېتىپ مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرىشىدىغان، مەن بىلەن رەسىمگە چۈشىدىغان، ۋە ماڭا مېنىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىنى قانداق ياخشى تەرەپلەرگە ئۆزگەرتكىنىمنى دەيدىغان بىر خىل ئەھۋال كۆرۈلۈشكە باشلىدى.  بۇ ماڭا ئۆزۈم توغرىلىق ئەمەس، باشقا بىرسى توغرىلىق يۈز بەرىۋاتقان ئىشتەك تۇيىلىدىغان بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئەتىراپىمدىكىلەر باشقا بىر كىشى توغرىلىق سۆزلەۋاتقاندەك تۇيۇلدى.  مېنىڭ مۇشۇنداق ئۆزلۈكسىز كۈچلىنىۋاتقان ئوبرازىم مېنى ئۆز خىزمىتىمنىڭ قانداق باشلانغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا مەجبۇرلىدى.  ئەمەلىيەتتە ئۇ مېنى ئۆزۈم ھازىر ئېرىشكەن ئورۇن ھەققىدە قايتا-قايتا ئويلىنىشقا قىستىدى.  مەن تۆۋەندە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئىشلار ئۆزۈمنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى بولۇپ، ئۇ يەنە مەن ئويغاننىڭ پەقەت ئۆزۈم توغرىسىدىكى باھالىرىمدىنلا ئىبارەت.   مەن ھازىر دەيدىغان گەپ-سۆزلەر ھەرگىزمۇ باشقا بىر ئاممىۋىي نۇتۇقچى، زىيالىي، پائالىيەتچى ياكى لىدېرغا ماس كەلمەيدۇ.

 

1. نام-ئاتاققا ئېرىشىش گۇناھ ئەمەس

ھاياتتا يۈز بېرىدىغان ھەممە ئىشلار بىر خىل سىناقتىن ئىبارەت.  مەن ئۆزۈم ئېرىشكەن نام-شەرەپنى ياراتقۇچىمىز ماڭا ئاتا قىلغان ئوزۇق ياكى قۇۋۋەتنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايمەن.  مەن ئۇنداق بىر شەرەپكە لايىق ئەمەس بولىشىم مۇمكىن، ئەمما مەن ھازىر ئۇنىڭغا ئېرىشتىم، شۇڭلاشقا مەن ئۇنى بىر ئۇلۇغۋار مەقسەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىم كېرەك.  بىز ھەممىمىز ياراتقۇچىمىز ئاتا قىلغان سوۋغاتلار، شارائىتلار ۋە قىيىن ئۆتكەللەرگە قارىتا ئەنە شۇنداق يول تۇتۇشىمىز كېرەك.

مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نام-ئاتاق ياراتقۇچىدىن كەلگەن ھەقىقىي نېمەتتۇر.  ئۇ دەسلىۋىدە مېنى دۇنيادىكى ناھايىتى داڭلىق زىيالىيلار ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.  ئۇنىڭدىن باشقا مۇقەددەس كىتاب ۋە ئۇنىڭ تىلى ئۈستىدە ناھايىتىمۇ قىممەتلىك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئەمما دۇنيا ئاساسەن بىلمەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر بار بولۇپ، ئۇلار مېنى ئۆزلۈكىدىن ئىزدەپ كېلىپ، ماڭا ئۆزلىرىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى سوۋغا قىلدى.  بۇ تەتقىقاتلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ۋە ئادەمنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ئەگەر ئۇلار بولمىغان بولسا، مەن ئۆز خىزمىتىمنى ھازىرقىدەك قىلالمىغان بولاتتىم.  مېنىڭ نام-ئاتىقىم ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى مەن ئارقىلىق يورۇقلۇققا چىقىرىشقا تۈرتكە بولغان بولۇپ، مەن ئۇلارنىڭ ماڭا ئاشۇنداق بىر پۇرسەتنى بەرگىنىدىن ئىنتايىن چوڭقۇر مىننەتدارمەن.  مېنىڭ نام-ئاتىقىم ماڭا يەنە بىر-بىرىنىڭ خىزمىتىنى تولۇقلايدىغان، ئەمما بۇرۇن ئۆز-ئارا تونۇشمايدىغان كىشىلەرنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ قويۇش پۇرسىتىنى ئاتا قىلدى.  شۇڭلاشقا ھازىر بۇ جەھەتتە كەڭ دائىرىلىك ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىش ئىشلىرى يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر مەندە ھازىرقىدەك ئاممىۋىي ئوبراز بولمىغان بولسا، بۇنداق ئىشلار مېنىڭ باھانەمدە يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

 

2. نام-ئاتاققا ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ كەمتەرلىكنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ

مەن ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ئاستىراق ئۆگىنەلەيدىغان بىر ئادەم. بۇرۇن مەن ئۈچۈن 15 ئادەمگە لېكسىيە سۆزلەش بىلەن 50 مىڭ ئادەمگە لېكسىيە سۆزلەشنىڭ ھېچ قانداق پەرقى يوق ئىدى.  ئەمما مېنىڭ نامىم چىققاندىن كېيىن، مەن نۇرغۇن ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاندىن مەن پەقەت ئۆزۈمنىلا چۈشىنىپ، باشقىلارنى چۈشەنمىسەم بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم.

مەن ئەڭ دەسلىۋىدە ئۆزۈم بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن كەلگەن كىشىلەرنى ئۇچراتقاندا ھەم ئۇلارغا ھەيران قالغان، ھەم ئۇلاردىن سەسكەنگەن ئىدىم.  «ماڭا بىر ناخشا چولپىنىغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان قانداق بىر تەتىقسىز قىلىق بۇ؟» دەپ ئويلىغان ئىدىم.  ئەمما، كېيىنچە بۇرۇن مەن ئۆزۈممۇ ئاشۇ كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بىر سالاھىيەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.  ئۆزۈمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى، ئۆزۈمنىڭكى توغرا دەپ ئويلاپ، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلمىگىنىمنى ھېس قىلدىم.  شۇڭلاشقا مەن ئۇنداق قىلىقلىرىمنى ئۆزگەرتمىسەم بولمىدى.  بىر مەزگىل ۋاقىتتىن كېيىن مەن بۇرۇن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.  مەن ھازىر جامائەت ئىچىگە چۆكۈۋاتىمەن.  شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىلەن مېنىڭ مۇناسىۋىتىم يېقىنلىشىپ، ئۇلار مېنىڭ لېكسىيىلىرىمدىن باشقىچە مەنپەئەت ئېلىۋاتىدۇ.

ئىلاۋە: سىز بىر ئادەمگە تەربىيە قىلغاندا، پەقەت ئۇ ئادەم سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھەقىقىي تۈردە كۆيۈنىۋاتقانلىقىڭىزنى تولۇق ھېس قىلغاندىلا، ئاندىن سىز قىلغان تەربىيە يېتەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ.  ئۇنداق بولمايدىكەن، مەيلى سىز قانچىلىك بىلىملىك بولۇپ كېتىڭ، مەيلى سىز قانچىلىك داڭلىق بولۇپ كېتىڭ، مەيلى سىز قىلغان گەپ-سۆزلەر قانچىلىك توغرا، قانچىلىك دانا ۋە قانچىلىك قىممەتلىك بولسۇن، قارشى تەرەپ سىزنىڭ ھېچ قانداق گەپ-سۆزلىرىڭىزنى ھەقىقىي تۈردە قوبۇل قىلمايدۇ.

ئەگەر مەن كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك بىر ھالەتكە كەلگەنلىكىگە، ياكى ئۇلارنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىگە ھۆرمەت قىلمايدىكەنمەن، باشقىلار ئالدىدا ئۆزۈمنى ئۆزۈمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان كىشىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ۋە ئۇلار توغرىسىدا قالايمىقان ھۆكۈم چىقىرىدىغان بىر ئادەم قىلىپ كۆرسىتىپ قويىدىكەنمەن.  مەن بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشىۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغان بىر ئادەم كېيىنچە بۇ قىلغىنىمدىن مىننەتدار بولۇپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە مېنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرىمنى ئائىلىسىدىكى باشقا كىشىلەر بىلەن ۋە دوستلىرى بىلەن ھەمبەھرىمەن بولىدىغان بىر ئادەم بولۇپ چىقىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.  مەن بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشكەن بىر ئادەم كېيىنچە مەن توغرۇلۇق ياخشى سۆزلەرنى تارقىتىشى مۇمكىن.  بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ.  كىشىلەر مېنىڭ لېكسىيىلىرىمنى نەچچە يۈز سائەت ئاڭلاپ، شۇ ئارقىلىق مەن بىلەن روھىي باغلىنىش ھاسىل قىلغان بولۇشى مۇمكىن.  ئۇلار مېنىڭ لېكسىيىلىرىمنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆز ھاياتلىرىدا بىر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ بېرىش نېمىتىگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىشىمۇ مۇمكىن.  ئاشۇنداق بىر ئەھۋالدا، ئۇلارنىڭ مېنىڭ يەنىمغا كېلىپ، مەن بىلەن بىر پارچە رەسىمگە چۈشىۋېلىشنى تەلەپ قىلىشىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ قىممىتى بار بولۇشى مۇمكىن.  ئۇ ماڭا بولغان مۇھەببەت ۋە مىننەتدارلىقنىڭ نامايەندىسى بولۇشى مۇمكىن.  ئەگەر مەن ئۇلارنى رەت قىلسام، ئۆزۈمگە ھېچ قانداق زىيان بولمايدۇ.  ئەمما، مېنىڭ ئاشۇ قىلىقىم ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى يارىلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرىشى مۇمكىن.  مەن بۇ ئىشنى قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاش ئارقىلىق ئۆگەندىم.  ئەمما، مېنىڭ باشقىلارنىڭ مەن بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىشىغا يول قويىشىمنى «ئۆزىنى كۆرسىتىش» دەپ ئويلايدىغانلار داۋاملىق چىقىپ تۇرىدۇ.  مەن ئۇلارغا «قانداق ئويلىسىڭىز ئويلاۋېرىڭ»، دەيمەن.

 

3. نام-ئاتاق رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۈمىد پەيدا قىلىدۇ

ئاشۇنداق ئىش كەم دېگەندىمۇ مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتتى.  بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن مېنى ھېچ كىم بىلمەيتتى.  مەن ھازىرمۇ 14 يىلدىن بۇرۇنقى مەن بىلەن ئوخشاش.  مەن ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆپرەك تەجرىبە توپلىغان بولۇپ، بىر قىسىم ئىشلارنى بۇرۇنقىدىن ياخشىراق چۈشىنىمەن.  ئەمما، فېيىسبۇك (Facebook) تا ھازىر مېنىڭ يېرىم مىليون ئەگەشكۈچىلىرىم بار بولغانلىقى ئۈچۈنلا بىر ئورنى ئۆستۈرۈلگەن روھانىي زات بولۇپ قالمىدىم.  مېنىڭ خىزمىتىم، تۆھپەم، كەسپىي بىلىمىمنىڭ دائىرىسى ۋە مېنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان قىزىقىشىمنىڭ ھەممىسى ئاساسەن بىرلا ساھەگە مەركەزلەشكەن.   ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ كەسپىي ساھەسىنىڭ ئۆزىدىمۇ مەن ئۆزۈم بىر زىيالىي بولماستىن، مەن پەقەت ھەقىقىي زىيالىيلار بىلەن كەڭ خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى.  ئەمەلىيەت دەل ئەنە شۇنداق.  ئەمما، مەن شۇنى بايقىدىمكى، دىنىمىزنىڭ ئىشەنگۈچىلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى بىر جەمئىيەت ئەربابىغا مۇئامىلە قىلغاندا بىر قانچە جەھەتلەردە ئاشقۇنلۇق قىلىپ قويىدىكەن. مەن دۇچ كەلگەن ئىجابىي ئاشقۇنلۇقلاردىن مۇنداقلىرى بار:

 

(1)«مەن پەقەت سىزنىڭ لېكسىيەلىرىڭىزنىلا ئاڭلايمەن.  مېنىڭ باشقا بىرسىگە ئېھتىياجىم يوق.»

مەن سىزنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۇھەببىتىڭىزگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەمما سىز ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتمىسىڭىز بولمايدۇ.

(2) «مەن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەت، ئائىلە تۇرمۇشى، چۈشكۈنلىشىش، زەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قېلىش، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئىنتىلىشكە ئوخشاش ئېغىر مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىمەن؟»

مەن ئۆزۈم ھازىر قىلىۋاتقان ئىشتا ھەم بىر ئوقۇتقۇچى، ھەم بىر ئوقۇغۇچى.  سىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ناھايىتى ئېغىر مەسىلىلەر بولۇپ، سىز ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن سالاھىيىتى توشىدىغان مەسلىھەتچىلەرنى تاپمىسىڭىز بولمايدۇ.  سىز مېنى بۇنداق ئىشلارنى ياخشى قىلالايدۇ، دەپ ئويلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەن سىزگە پايدىدىن زىياننى كۆپرەك ئەكىلىپ بېرىشىم مۇمكىن.

لېكىن، مەن سىز دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلار، مەسىلىلەر ۋە قىيىن ئۆتكەللەرنى چۈشىنىشنى ئىستەيمەن.  چۈنكى مەن ئۇلارنى چۈشەنسەم، ئۇلارنى باشقىلارغا ئاڭلىتالايمەن، ھەمدە سىزگە ۋە باشقىلارغا پايدىلىق بولىدىغان بەزى مەسلىھەتلەرنى بېرەلەيمەن.  مەن مۇشۇنداق بىر پۇزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى.  مەن كىشىلەردىن كەلگەن ئېلخەتلەرنى ئوقۇپ، كەڭ جامائەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشلارنى خاتىرلىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ لېكسىيىلىرىدە ئوتتۇرىغا قويىمەن.  ماڭا ھەر كۈنى بىر مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئېلخەت كېلىدۇ.  ئەگەر مەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بەرسەم، مەسىلەن، بىر ئەلخەتكە بىر مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلسام، ئۇ ھالدا مەن ئۆز ئۆمرۈمنى باشقا ھېچ قانداق ئىشنى قىلماي ئۆتكۈزسەم بولىدۇ.

(3) «بۇ ئىشتا پەقەت سىزلا ماڭا ياردەم قىلالايسىز. بۇ سوئالغا سىزدىن باشقا ئادەم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.»

ياردەم ياراتقۇچىمىزدىن كېلىدۇ. مەندىن ئەمەس. مېنىڭ سىزگە ياردەم قىلىش كۆڭلۈمنىڭ بارلىقىدا گەپ يوق، ئەمما مەن ياردەم قىلالماسلىقىم مۇمكىن.  مەن يېقىندا باشقىلار ماڭا ئېلىپ كەلگەن بىر قىسىم سوئال ياكى مەسىلىلەرنى ئاشۇ ساھەلەردە كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە باشقا كىشىلەرگە يەتكۈزۈپ بەردىم.

سەلبىي جەھەتتە، كىشىلەر ماڭا مۇنداق دەيدۇ (نەقىل):

–نېمىشقا ئىراق ياكى پەلەستىن ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–نېمىشقا دىنىمىزنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–نېمىشقا ئەقىدە ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–نېمىشقا ھالال گۆش ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–نېمىشقا ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–نېمىشقا ئەرلەرنىڭ ھوقۇقى ھەققىدە سۆزلىمەيسىز؟

–سىز مېنىڭ ئېلخېتىمگە ياكى بىزگە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىش تەلىپىمگە جاۋاب قايتۇرمىدىڭىز. شۇنىڭدىن قارىغاندا سىز پەقەت مۇشۇ دۇنياغىلا قىزىقىدىغان، ئۈممەتلەر بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدىغان بىرسى ئىكەنسىز.

–نېمىشقا بىزنىڭ جامائىتىمىزنى زىيارەت قىلمايسىز؟ بىز كىچىك بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداقمۇ؟ سىز پەقەت چوڭ سورۇنلارنىلا ياخشى كۆرىسىز. مەن سىزدىن ھەممەيلەنگە تەڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلاتتىم.  قارىغاندا سىز ئۇنداق قىلمايدىغان ئوخشايسىز. (نەقىل تۈگىدى)

مەن ئۇچرىغان سەلبىي ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە تىزىپ چىقىش مۇمكىن ئەمەس، ئەمما مېنىڭچە سىز يۇقىرىدىكى قۇرلاردىن بىر ئومۇمىي چۈشەنچىگە ئىگە بولدىڭىز.  مەن تەدرىجى ھالدا مۇنداق بىر ئىشنى تونۇپ يەتتىم: بىزنىڭ كۆپلىگەن دىنداش قېرىنداشلىرىمىز يا جامائەت ئەربابىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، يا ئۇلارنى چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدۇ.  بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس.

بەزىلەر مەن سۆزلىگەن لېكسىيىلەرنىڭ ئىچىدىكى بىرەرسىدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالسا، ئۇلار شۇنىڭدىن كېيىن مېنىڭ لېكسىيىلىرىمدىن ئۆمۈرلۈك قول ئۈزىدۇ.  بۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتكە قوللىنىلغان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۇسۇلدۇر.  سىز قىلغان بىر ئېغىز سۆز ئۈچۈن سىزنىڭ دوستلىرىڭىز ياكى ئائىلە كىشىلىرىڭىز سىزدىن مەڭگۈلۈك قول ئۈزگەن بىر ئەھۋالنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.  بىز بىر-بىرىمىزنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىساق بولىۋېرىدۇ.  بەزىدە مەنمۇ خاتا گەپ قىلىپ سالىدىغان بولۇپ، سىزنىڭ مېنىڭ پىكرىمگە قوشۇلمىغانلىقىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.  مەن شۇنىڭلىق بىلەن بىر شەيتانغا ئۆزگىرىپ قالمايمەن.  ئىنسانلارنىڭ مۇكەممەللىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن ئاخىرلاشقان.

بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بىرەر ئادەم مەۋجۇت ئەمەس.  بىر ئادەمدىن ئاشۇنداق ئۈمىد كۈتۈش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئىش ئەمەس، مۇۋاپىق ئىش ئەمەس، ھەمدە ساغلام ئىشمۇ ئەمەس.  مەن ئۆزۈمنىڭ لېكسىيىلىرىدە بەزى مۇھىم ئىشلارنى تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىش داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.  مەن بەزى جامائەتلەرنى زىيارەت قىلالمايدىغان ئىشلارمۇ داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ.

مەن بۇرۇن 15 ئوقۇغۇچىغا دەرس ئۆتۈپ يۇرگىنىمدە دەرسىمدىكى ئوقۇغۇچىلار مەندىن ھەر بىر مەسىلىگە نىسبەتەن ئۆزۈمنىڭ ئېنىق مەيدانىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى.  ئەمما مەن نام-ئاتاققا ئېرىشكەندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ماڭا بولغان ئۈمىدىمۇ ئۆزگەرگەندەك قىلىدۇ.  مەن ئۇنداق ئەھۋالغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، بەزى مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماسلىقتىكى سەۋەبلەرنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشقىمۇ تىرىشىمەن.

مەن كىچىك ۋاقتىمدا دۇنيا خۇددى بىر ئاق قەغەزدىكى قارا-رەڭلىك خەتلەردەك ئاددىي ئىدى.  ئۇنىڭدىن كېيىن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن ئۆزۈمنىڭ دىنىمىز ۋە خەلقئارالىق سىياسەتلەر ئۈستىدىكى نۇرغۇن قاراشلىرى، پىكىرلىرى ۋە يەكۈنلىرىنىڭ تولىمۇ ئاددىي ۋە خام ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتىم.  مەن ئارقىغا بىر قەدەم چېكىنىشنى، ئۆزۈمگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشنى، ۋە «مېنىڭ بىلىمىم يېتەرلىك ئەمەس» لىكىنى خوشاللىق بىلەن ئېتىراپ قىلىشنى ئۆگەندىم.  ئەگەر مەن لېكسىيە سۆزلەش مەيدانىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم تولۇق چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە خالىغانچە پىكىر قاتناشتۇرسام، تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان بولىمەن.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن كەڭ خەلق ئاممىسى مەندىن دىنىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئاۋازىمنى داۋاملىق ئاڭلىتىپ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىۋاتقاندەك، مەندە ئۆزۈم تولۇق چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن سۈكۈت قىلىپ تۇرۇش ھوقۇقى يوقتەك ھېس قىلىمەن.  مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، سىلەرگە مۇنداق بىر ئىشنى ئېيتىپ قوياي: يۇقىرىدىكى ئىشلار قەتئىي يۈز بەرمەيدۇ.  سىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويساممۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزۈم يېتەرلىك دەرىجىدە چۈشەنمەيدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە پىكىر بايان قىلمايمەن.  مەن ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىدا سىلەرگە دېمەي تۇرۇپ ئۆزۈمنى مەلۇم بىر داۋاغا ئاتايمەن. دىندا سىلەرگە دېمەي تۇرۇپ مەلۇم بىر مەيدان تۇتىمەن.  سىياسەتتىمۇ سىلەرگە دېمەي تۇرۇپ مەلۇم بىر يولنى تاللايمەن.  مېنىڭ يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى سىلەرگە دېيىشنى خالىماسلىقىمدىكى سەۋەب، سىلەرگە خاتا چۈشەنچە بېرىپ قويماسلىق.  يەنى، سىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى ساھەدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز-قاراشلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ دىنىي بىلىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ ئويلاپ قېلىشىڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش.  مېنىڭ ھەممە كۆز-قاراشلىرىمنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ناتايىن.  دىنىي لىدېرلەرنىڭمۇ سىياسىي كۆز-قارىشى بار بولىدۇ.  ئەمما ئۇنداق كۆز-قاراشلار دىنىي كۆز-قاراش بولالمايدۇ.  مۇشۇ جەھەتلەردە مەن ئۆزۈمگە مەلۇم مىقتاردىكى مەسئۇلىيەتلەر يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ياكى سۈكۈت قىلىمەن، ياكى بولمىسا بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئاشۇ ساھەلەردە ھەقىقىي ئىلىم سالاھىتىگە ئىگە كىشىلەرگە ئۆتۈنۈپ بېرىمەن.  مېنىڭ بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇنقى بىر قىسىم كۆز-قاراشلىرىم شەخسىي كۆز-قاراشلار بولۇپ، ئۇلار ئۇنچىۋالا دىنىي قىممەتكە ئىگە ئەمەس ئىدى.  ھازىر فېيىسبۇكتا مېنىڭ يېرىم مىليون ئەگەشكۈچىلىرىم بار.  مەن ئۇلارغا شۇنى خوشاللىق بىلەن جاكارلايمەنكى، بۇنىڭدىن 14 يىل بۇرۇن مەۋجۇت بولغان ھېلىقىدەك ئەھۋال ھازىرمۇ ھېچ قانداق ئۆزگەرگىنى يوق.

 

4. نام-ئاتاق ئۆز قىممىتىنىڭ ناماياندىسى ئەمەس

مېنىڭ ئەتىراپىمدا مېنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئائىلە ئەزالىرىم ۋە يېقىن دوستلىرىم بار بولۇپ، ئۇلار مەن نام-ئاتاققا ئېرىشىشتىن جىق بۇرۇنلا مېنى ئوبدان بىلەتتى.  بۇ جەھەتتە مەن ئۆزۈمنى ناھايىتىمۇ تەلەيلىك ئادەم، ياكى ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن ئادەم، دەپ ھېس قىلىمەن.  بۇ كىشىلەر مېنى بىر دىنىي زات دەپ ئويلىمايدۇ.  شۇڭلاشقا مەن ئۇلارنى ئۆزۈمنىڭ رىزقى (rizq) دەپ ھېسابلايمەن.  مەن ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىر ئاددىي ئادەم.  ئۇلار بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرۇمدا رەسمىي ئەدەپ-قائىدە مەۋجۇت ئەمەس، ھەمدە ئۆزۈم ھەققىدە ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۋېتىلگەن بىر ئوبرازمۇ مەۋجۇت ئەمەس.  مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقۇچىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئاشۇ يېقىنلىرىم بىلەن بىللە ياشاپ، داۋاملىق ئۇلارغا ئۆزۈمنى باھالىتىپ تۇرىمەن.  ئۇلار مېنىڭ بىر مۆجىزىلىك ئادەم بولۇش سالاھىتىگە ئىگە ئەمەسلىكىمنى، بىر جۈپ ئەر-خوتۇننىڭ 15 ياشلىق بالىسى بىلەن بىر قېتىم پاراڭلىشىپ قويۇشۇم بىلەنلا ئۇ بالىنىڭ مەسىلىسى ياكى ئاشۇ ئائىلىنىڭ مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ.  ئۇلار سورىغاندا مەن ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىمەن، ئەمما كۆپىنچە ۋاقىتلاردا مەن بىر مەسلىھەت بەرگۈچى سالاھىيىتى بىلەن ئەمەس، مەسلىھەت قوبۇل قىلغۇچى سالاھىيىتىدە تۇرۇپ ئىش قىلىمەن.  ياخشى يېرى، ئۇلار مېنى بىر مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇپ، مەيلى مەن سوراي ياكى سورىماي، مەيلى مەن ئاڭلاشنى خالاي ياكى خالىماي، ئۇلار داۋاملىق تۈردە ماڭا ئۆزۈمنى بىر تېخىمۇ ياخشىراق ئادەم قىلىشقا پايدىلىق بولغان مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ.  مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقۇچىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.

مەن ئۇزاققا سوزۇلغان ئەمەلىيەتتىن مۇنداق بىر ئىشنى بايقىدىم:  ئۆزۈمنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھەقىقىي باھا يىغىن-كونفېرېسلاردىن كەلمەيدۇ، لېكسىيىلەردىن كەلمەيدۇ، ۋە ئىنتېرنېتتىكى ئىنكاسلاردىنمۇ كەلمەيدۇ.  بەلكى ئۇنداق باھا مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ئاشۇ بىر گۇرۇپپا سەمىمىي دوستلۇرۇم ۋە يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن كېلىدۇ.  مانا شۇلار ماڭا ھەقىقىي ئەھۋالنى ئەينەن دەپ بېرىدۇ.  مەن بۇنىڭ ئۈچۈن ياراتقۇچىمىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.

 

5. نام-ئاتاق كۆپتۈرمىچىلىككە ئوڭ-تاناسىپ بولىدۇ، ئەمما مەن ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايمەن

ماڭا باشقىلارغا ئىمان ئاتا قىلالىغۇدەك قابىلىيىتى بار، دەپ قارايدىغان كىشىلەر بار.  شۇنداقلا ماڭا دەججال (Dajjal) غا ئوخشاش قەبىھ نىيەتلىك ئادەم، دەپ قارايدىغان كىشىلەرمۇ بار.  بۇ ئىككى خىل كىشىلەردىكى ئورتاقلىق شۇكى، ئۇلار خاتا ھالدا مەندە باشقىلارنىڭ يۈرىكىنىڭ ئىچىگە قاراپ، ئۇلاردىكى سەمىمىيلىكنىڭ دەرىجىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان قابىلىيەت بار، دەپ ئويلايدۇ.

بىزنىڭ گۈزەل دىنىمىزدا، بىز كىشىلەرنى بىر پەيغەمبەر دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋەتمەي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە مەلۇم دەرىجىدىكى گۈزەللىك بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز.  بىز كىشىلەرنىڭ بۇزۇلغان نىيەتلىرى ھەققىدىكى قىياسلارنى قوبۇل قىلماي، باشقىلارغا باھا بېرىشتە پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىش-ھەرىكەتلىرىگە قارايمىز.  باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، سىز ۋە مەن بىر-بىرىمىزنىڭ گەپ-سۆزلىرى بىلەن ئىش-ھەرىكەتلىرىنى تەنقىد قىلساق بولىدۇ.  ئەمما، بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ نىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىشىمىز دىنىمىزدا پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.  بۇ بىزنىڭ بارلىق دىنداش قېرىنداشلىرىمىزغا چىقىرىلغان ئورتاق پرىنسىپتۇر.  مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يۇقىرىقىدەك 2 خىل كۆپتۈرمىچىلىكنىڭ مەن ئۈچۈن ھېچ قانداق قىممىتى يوق.

مەن ئىنتېرنېت تورلىرىدا ئۆزۈمگە قانداق تۆھمەتلەرنىڭ چاپلانغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن تورلارنى تەكشۈرۈپ يۈرمەيمەن.  شۇنداقلا ماڭا ئوقۇلغان مەدھىيىلەر ۋە كۆپتۈرمە چىرايلىق سۆزلەرگە ئاساس تاپالمايمەن.  مەن پەقەت ئۆز قابىلىيەتلىرىمنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشقا، ئۆزۈمنى ئۆزلۈكسىز ياخشىلاشقا، ھەمدە يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۆز تۇرمۇشۇمدىكى ھەقىقىي كىشىلەر بىلەن بولغان سەمىمىي مۇناسىۋەتنى ساقلاپ مېڭىشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن.   بىر قىسىم كىشىلەر نېمە دىسە دەۋەرسۇن، مەن قىلىدىغانغا ئۇلارنىڭ گەپ-سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىشتىن ياخشىراق ئىشلار ناھايىتىمۇ كۆپ.  بىز ياراتقۇچىمىزنىڭ دىنىغا ئېتىقاد قىلساقلا، ئۇ بىزگە ئابرۇي-غۇرۇر ئاتا قىلىدۇ، ھەمدە بىزنىڭ ئابرۇي-غۇرۇرىمىزنى قوغدايدۇ.  ئەگەر مەن ئۆز ئىشىمغا سادىق بولىدىكەنمەن، ياراتقۇچىمىز مەندىكى ئومۇمىي ئەخلاقىي سۈپەتلەر (my integrity) نى چوقۇم قوغدايدىغان بولۇپ، مەن ئۆزۈمگە تەۋە بولمىغان نەرسىلەرنىڭ قوغدالغان-قوغدالمىغانلىقى ھەققىدە ئەنسىرەپ يۈرمىسەممۇ بولىدۇ.

6. مېنىڭ نامىم چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن، باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەن ئۈچۈن شەرەپ

مەن ئۆز ئۆمرۈمنى مۇقەددەس كىتابنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ مەن ئۈچۈن بىر زور شان-شەرەپ.  شۇنچە كۆپ كىشىلەرنىڭ مەن قىلىۋاتقان ئىشنىڭ پايدىسىنى كۆرگەنلىكى مەن ياراتقان تۆھپە بولماستىن، ئۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ سوۋغىتىدۇر.  مەن ئۆزۈم پايدا يەتكۈزىۋاتقان كىشىلەردىن ئۈستۈن تۇرمايمەن.  ئۇنىڭ ئەكسىچە، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارنىڭ بىر ئاددىي خىزمەتچىسى، دەپ ھېسابلايمەن.  مەندە پۈتۈن دۇنيادىكى ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن بىر خىل مۇھەببەت ۋە ساداقەتمەنلىك بار بولۇپ، ئۇلارنى سۆز بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن.  سىلەر مېنىڭ خەلقىم، ۋە مېنىڭ ئائىلەم.

سىزنىڭ كۆز-قارىشىڭىز مېنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالدىمۇ، مېنىڭ كۆزۈمدە سىز ھەرگىزمۇ مەندىن تۆۋەن تۇرىدىغان ئادەم ئەمەس.  مەندە سىزنىڭ ياراتقۇچىمىزنىڭ ئالدىدىكى قىممىتىڭىزنى باھالايدىغان سالاھىيەت يوق.  مەن پەقەت ياراتقۇچىمىزدىن مېنىڭ ۋە سىزنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىۋېتىشنىلا تىلەيمەن.

 

7. مەن ئۆزۈمنىڭ نام-ئاتىقىنى قانداق ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىمەن؟

ياراتقۇچىمىز ئۆزىنىڭ مۇقەددەس كىتابى ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنى شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان گۈزەل ئۇسۇللار بىلەن يېتەكلەيدۇ.  خۇددى ئوخشاش يامغۇر ئوخشىمىغان رەڭلەردىكى گۈللەر ۋە ئوخشىمىغان تەمدىكى يېمىش دەرەخلىرىنى ئۆستۈرگەنگە ئوخشاش، مۇقەددەس كىتاب ئوخشىمىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان ياخشىلىقلارنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ.  مەن ئۆزۈمدىكى بارلىق ئاممىۋىي ئوبرازلاردىن پايدىلىنىپ، ئاشۇ مۇقەددەس كىتابقا بولغان رەھمىتىمىزنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچەيمەن.  ھەمدە ياراتقۇچىمىزدىن مېنى شۇنىڭغا چۇشلۇق مۇكاپاتلاشنى تىلەيمەن.  مەن يۇقىرىدا دېگەن سۆزلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش ئۆزىڭىزگە باغلىق.  ئەمما، مەن سىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلمىسەممۇ، مەن سىزگە شۇنى دېيەلەيمەنكى، مەن ياراتقۇچىمىز ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك سۆزلىرى بىلەن سىزگە مەدەت بېرىپ ۋە سىزنى ئۇلۇغۋار ئىشلارغا ئاتلاندۇرۇپ، بىزگە سىز ئارقىلىق ئاتا قىلىدىغان نۇرغۇنلىغان گۈزەل نەرسىلەر ھەققىدە ھاياجانلىنىۋاتىمەن.

ئويغاننىڭ نۇتقى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى.

 

8. ئاخىرقى سۆز

كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ خەۋىرىدە بولغۇنىدەك، يېقىنقى بىر-ئىككى ئاينىڭ مابەينىدە، ئۇيغۇرچە تور-بەتلەرنىڭ بىر قىسمىدا نام-ئاتاق ۋە «شۆھرەتپەرەسلىك» ھەققىدە خېلى كەسكىن بەس-مۇنازىرە ۋە مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.  ئاشۇ بەس-مۇنازىرىگە قاتناشقان كۆپىنچە قېرىنداشلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ياكى ئوقۇش ئىستاژى ئۇنىڭدىنمۇ ئۈستۈن بولغان كىشىلەر بولۇشى مۇمكىن.  يەنى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تايانچلىق رولىنى ئۆتەيدىغان زىيالىيلار بولۇشى مۇمكىن.  ھەقىقىي سەمىمىيەتلىك بىلەن ئانالىز قىلغاندا، ئۇ بەس-مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلەرنىڭ پايدىلىق تەرەپلىرى بىلەن پايدىسىز تەرەپلىرىنىڭ ھەر ئىككىسى مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز.  ئاشۇنداق ئانالىزلار مەزكۇر ماقالىنىڭ دائىرىسىگە تەۋە ئەمەس بولۇپ، مەن ئۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئارتۇق توختالمايمەن.  مەن مەزكۇر ماقالىدە ئامېرىكىدىكى ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بىر داڭلىق دىنىي زىيالىينىڭ نام-ئاتاق ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۈم.  مەن ئۇ كىشىدە بىزگە ئۈلگە بولالايدىغان كۆپلىگەن نەرسىلەر بار، دەپ ئويلايمەن.  مەن يۇقىرىدا تونۇشتۇرغان ئۇنىڭ نام-ئاتاق ھەققىدىكى كۆز-قاراشلىرى ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.  بىر قىسىم قېرىنداشلار مەزكۇر يازما ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نام-ئاتاق ھەققىدىكى تونۇشلىرىنى توغرىۋالسا، ياكى تولۇقلىۋالسا، مەن ئۆزۈمنىڭ مەزكۇر يازمىنى تەييارلاش ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن رازى بولىمەن.

مەن كېيىنچە بىر خىل ئالاھىدە بەس-مۇنازىرە، يەنى «ھەل قىلغۇچ سۆھبەت» ھەققىدە مەخسۇس توختىلىمەن.  مەقسىدىم ئوقۇرمەنلەرنى بەس-مۇنازىرىنى ئىلمىي، ئۈنۈملۈك ۋە ئاقىلانە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھازىرقى زامان پەننىي-بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارغا مۇشۇ جەھەتتە ياردەم قىلىش.

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى

 

بۇ ماقالىنى ئىنىمىز تۇرسۇن ئەرتۇنا تەھرىرلىدى.

بۇ ماقالىنى ھېچكىمدىن سورىماي، مەنبەسىنى بەرگەن ئاساستا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز، ياكسى ئېلكىتابقا ئوخشاش باشقا ھەر قانداق شەكىلدە ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ. بۇ ماقالە بارلىق ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ.

 

ئەسەر مەنبەسى: باغداش مۇنبىرى

 

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «نام-ئاتاق، كىشىلىك تۇرمۇش ۋە مەجبۇرىيەت» - 900K :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

*

*

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!