(شەھەرلىشىش ھەققىدە قايتا ئويلىنىش)
ئاپتور: نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن
1
ئېسىمنى بىلسەم مەھەللىمىزدىكىلەر ناھىيە بازىرىنى «شەھەر» دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەنىكەن. ئۇلار ھېلىھەم ئاشۇ قايناق ناھىيە بازىرىنى «شەھەر» دەپ ئېغىزىغا چوڭ ئالىدۇ. سىرتتىن كەلگەنلەر، ناھىيە، شەھەر، ۋىلايەت دېگەندەك مەمۇرىي ئۇقۇملارنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىپ مۇئامىلە قىلىدىغانلارنىڭ بۇنىڭدىن سەل-پەل غەيرىيلىك ھېس قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما بىزچە چۆلىي ئەزىمنىڭ يىراق بىر قەرنىگە قارىغاندا قايناق، ھەيۋەتلىك، زامانىۋى كۆرۈنگەن قاراقاش ناھىيە بازىرىنى «شەھەر» دېسە ئەرزىيتتى. بىزنىڭ ساددا كاللىمىزدا شەھەر دېگەننىڭ دەسلەپكى ئوبرازى ئەنە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەنىدى. كىشىلەر، توغرىسىنى ئېيتقاندا يېزىلىق-سەھرالىقىلار ئۇنىڭ بىر قەدەر رەتلىك، ئازادە، ئاسفالىتلاشتۇرۇلغان، كەچلىكلىرىمۇ يورۇپ تۇرىدىغان يول، كوچا، ئىمارەت، دۇكان-سارايلىرىغا قانداقتۇر ئېيتىپ بولغۇسىز قىزىقسىنىش، ھەۋەس، تەلپۈنۈش بىلەن قارايتتى، تىل چاكىلدىتاتتى. ئەمما ئۇلارنى ھەممىدىن بەك تارتىپ-سۆرەيدىغىنى، يۈرىكىگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجان سالىدىغىنى ئاجايىپ قايناق، ھەممىگە داڭلىق يەكشەنبە بازىرى ئىدى. ئادەم پاتماي مىغىلدىشىپ كېتىدىغان بازارنىڭ قايناقلىقى، ئاۋاتلىقى، گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان جۇشقۇنلۇقى، ھەريەر-ھەريەردىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ قىزغىنلىق ئىچىدىكى تىرىكچىلىك ئىزدىنىشى ماھىيەتتە قاراقاشتىن ئىبارەت بۇ «شەھەر» نىڭ كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا مەھكەم ئورناپ كەتكەن شەھەر ئوبرازى ئىدى. ئۇلار مانا شۇ قايناقلىقنى، ھاياجاننى ئىزدەيتتى. ئۇنىڭغا سودا، ئىنسانىي ئالاقە، دوست-بۇرادەرلىك، تۇغقاندارچىلىق، يالغانچى-كاززاپلىق، مۇتتەھەملىك، پۇختىلىق، پەسكەشلىك، ئاق كۆڭۈللۈك، بايلىق، دىۋانە- كەمبەغەللىك… ھەممە-ھەممە نەرسە مۇجەسسەملەنگەنىدى.
قاراقاشلىقلارنىڭ نەزەرىدىكى بۇ «شەھەر» بەجايىكى مىسلىسىز بىر ئىنسانىي قاينام ئىدى. سىز ئۇنىڭدىن جىمىكى لازىم نەرسىڭىزنى تاپالىشىڭىز مۇمكىن ئىدى. كىشىلەر قىستىلىشىپ يۈرۈپ دۇغاپ ئىچەتتى، ناۋايخانىلارنىڭ ئىسلاش چەللىسىنىڭ ئاستىدا ئولتۇرۇپ شورپىسى ئېقىپ تۇرغان گۆشگىردىلەرنى ئاۋايلاپ پۈۋلەپ يېيىشەتتى؛ ئۆيى «شەھەر»نىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكىلەرنىڭمۇ كوچىغا چىقىپ كىشىلەر بىلەن قىستىلىشىپ يۈرۈپ شاپتۇل- قوغۇن يەۋاتقىنىنى كۆرەتتىڭىز. قاراقاشنىڭ 17 يېزا-بازىرىدىنلا ئەمەس، گۇما، خوتەن، لوپ، ھەتتا بەزىدە قەشقەر-قاغىلىق، چەرچەن-چاقىلىقتىن كەلگەن خېرىدار، ئېلىپ-ساتارمەنلەرنىمۇ ئۇچرىتىش تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەنە شۇ يەرلەردىن كەلگەن تۈرلۈك-تۈمەن ئۇچۇر، خەۋەر، گەپ-سۆز، مەدەنىيەت، ئادەت مانا بۇ بازارغا − «شەھەر» گە جۇغلىناتتى-دە، يەنە تەرەپ-تەرەپكە تارايتتى.
ئەقلىمنى بىلگۈدەك چاغلاردا «شەھەر»نىڭ ھاياجانلىق تەرىپى ھەممىنىڭ ئېغىزىدا ئىكەن. ئۇ چاغلاردا ماتورلۇق قاتناشنىڭ تايىنى بولمىغاچقا، كىشىلەر كېچىلەپ ھارۋىدا، ئات-ئېشەكتە، ھەتتا پىيادە «شەھەر»گە ئاقاتتىكەن؛ ھەپتىدە بىر شەھەر ئويناپ بازار كۆرۈش خۇمارىدىنمۇ، «شەھەر»دە قىلىدىغانغا ئىش-سودىلىقى، يانچۇقىدا پۇلى بولمىسىمۇ باراتتىكەن. ھېلىھەم زېمىننىڭ بۇ سىرلىق، خىلۋەت تامانىدا مۇنداق «شەھەر» − بازار قىزغىنلىقى سۇسلىغىنى يوق. ھازىرمۇ خېلى زامانىۋىلىشىپ، تارىيىپ كەتكەن قاراقاشتىن ئىبارەت بۇ «شەھەر»گە يەكشەنبە كۈنى بېرىپ قالسىڭىز، مىغ-مىغ ئادەم قاينىمىدىن بېشىڭىز قايىدۇ. ئۇلار«شەھەر»دە ئىشى بولمىسىمۇ، پۇلى بولمىسىمۇ بازارغا كېلىۋېرىدۇ، خۇشلانسىمۇ، خۇيلانسىمۇ؛ شادلانسىمۇ، دەردكە پاتسىمۇ كېلىدۇ. قارىغاندا، بازار − شەھەر ئۇلار ئۈچۈن سودىلىق كاتېگورىيىسىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەندەك قىلاتتى. ئۇلار «شەھەر»دىن ھاياتنىڭ قايناقلىقىنى، ئىنسانلىقنىڭ قىممىتىنى، تىرىكلىكنىڭ مەنىسىنى، ئۇيغۇرلۇقنىڭ تەمىنى ئىزدەۋاتقاندەك، «شەھەر»نى ئۆز روھىيىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى سورۇن قىلىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇلاردا قانداقتۇر بىر نەرسىگە ئاجايىپ زور تەشنالىق، ئېچىرقاش، زارىقىش باردەك، ئۇنى شەھەردىن، بازاردىن، ئادەملەر توپىدىن، ھەرجاي-ھەرجايدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان يېڭىلىقلار ئىچىدىن ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. بولمىسا، سودا بولمىسىمۇ ئون-يىگىرمە كىلومېتىرلاپ يولنى پىيادە، ئات-ئېشەك، ھارۋىلىق دېگۈدەك بېسىپ كېلىپ كۈنلەپ ۋاقتىنى سەرپ قىلغىلى شۇنچە كۆپ قاراقاشلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر ساراڭمىتتى؟ سودىنى ھازىر شەھەردە قىلمىسىمۇ يېزىدا بازار، دۇكان دېگەن كۆپقۇ؟ ھەتتا ھەممە يېزىدا ھەپتىدە بىر كۈن بازار قىزىيدىغۇ؟!
مەدەنىيەت پسىخىكىسى نۇقتىسىدىن ئانالىز يۈرگۈزگەندە، قۇرغاق ئىقلىم يېتىلدۈرگەن مىجەز-پسىخىكا ئۇلارنى قاينام-تاشقىنلىققا، جۇشقۇنلۇق، ھاياجان، غىدىقلاشقا تەشنا قىلغان بولسا، تۈرلۈك سىياسىي، ئىجتىمائىي قاباھەتنىڭ قىستىشى تۈپەيلى نادانلىق، جاھالەت، بېكىك بۇرۇقتۇرملىق ئىلكىدە قالغان روھىي چاڭقاقلىق ئۇلارنى يېڭىلىققا، مەدەنىيەتكە، تەرەققىياتقا، يۈكسىلىشكە سىزىك قىلىۋەتكەنىدى. ئۇلار تىنىپ كەتكەن ئاشۇ روھىي قەھەتچىلىك، مەنىۋى قاغجىراقلىق ئىلكىدە تۇرۇپ قەلبىدىكى تەشنالىق، تۇرمۇشىدىكى غۇربەتچىلىك، ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى قاتمۇ-قات بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلاشقا يول، كۈچ، جاۋاب ئىزدىگەن بولۇشى مۇمكىن. بىز شۇنداق دەپ خۇلاسە چىقىرىشنى ئەقىلگە ئۇيغۇن دەپ قارايمىز. ئۇلار «شەھەر»دىكى ئاشۇ ئازغىنە تەرەققىيات، يۈكسىلىش مەنزىرىسىدىن كۆزىنى تويدۇرغان، مەنىۋىيىتىنى قاندۇرغان، بېيىش، روناق تېپىش، مانا شۇنداق راھەت، پاراغەت، باياشاتچىلىق، توقچىلىق، ئەركىن-ئازادىچىلىككە ئېرىشىش ئىستىكىگە تەسەللى ئىزدىگەن بولۇشى مۇمكىن. كىم ئۇلارنى شۇنداق ئويلىمىغان دېيەلەيدۇ؟ شەھەرگە كىرگەنلەر ئېگىز بىنالارغا، چىرايلىق زىننەتلەنگەن سودا دۇكانلىرىغا، سايىۋەنلىك ئاستىدا دۇغاپ ئىچىپ ئولتۇرۇپ رەخت، كىيىم-كېچەك سېتىۋاتقان سودىگەرلەرگە، ئىدارىلىرىغا ئالدىراش كېتىۋاتقان خىزمەتچىلەرگە ھەۋەس، قىزىقىش، ئەيمىنىش ئىچىدە قارايتتى. شەھەردە ھەممە نەرسە تەرەققىي قىلغان، مەدەنىيلەشكەن، باياشاتچىلىق، توقچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن دەپ قاراش بىزدەك مۇتلەق كۆپ قىسىم سەھرالىققا ئورتاق ئىدى. ئۇلار شەھەر، شەھەرلىكلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تەقدىر- قىسمىتىنى باغلاپ تۇرۇپ ئويلايتتى. شەھەر، شەھەرلىك دېسە ئەيمىنەتتى، تەپتارتاتتى، ھەتتا قورقاتتى. ئۇلار شەھەردىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتەتتى، خۇددى ئاشۇ شەھەر ئاتىلىدىغان يوغان قاينامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەنلا ئۆزلىرىنىڭ تەقدىرى بىردىنلا باشقىچە تۈس ئالىدىغاندەك يوشۇرۇن تۇيغۇ ئىلكىدە شەھەرگە تەلپۈنەتتى، شەھەردىن كەلگەنلەرنى چوڭ بىلەتتى، ئۇلارغا دەرد ئېيىتپ باققۇسى كېلەتتى، شەھەرگە بارغانلارمۇ ئۆزىنى يوغىناپ قالغاندەك سېزەتتى…
مەھەللىمىزدىكىلەرنىڭ شەھەرنى ئەنە شۇنداق زوق-ھەۋەس بىلەن تەرىپلىشى، شەھەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ كېرىلىپ، ئېغىزىنى تامشىتىپ سۆزلىشى ۋە ئامالنىڭ بارىچە شەھەرگە چىقىپ- كىرىش كويىدا بولۇشى مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدىمۇ ئاجايىپ شېرىن- لەززەتلىك ئوي-خىيال ئويغاتقانىدى. رەھمەتلىك ئانامغا ئەگىشىپ يۈك ماشىنىسىدا نەچچە قوينىڭ ئارىسىدا تۇنجى قېتىم «شەھەر»گە ماڭغاندىكى بالىلارچە ساددا قىزغىنلىقىم ۋە شۇ چاغدا كاللامدا شەھەر توغرىسىدا ھاسىل بولغان ئوبراز-تەسىرات ھېلىھەم ئېسىمدىن چىقمايدۇ.
كېيىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان چاغلاردا مۇئەللىملەرنىڭ شەھەر، شەھەردىكى مەكتەپلەر ھەققىدىكى تېخىمۇ «جەلپ قىلارلىق» − قىزىقتۇرغۇچى گەپلىرىنى ئاڭلىدۇق. ئۇلار شەھەرلەرنىڭ ئازادىلىكى، ئىمتىھاندىن ئۆتۈۋالساقلا ئويۇن دېگەن شەھەردىكى مەكتەپلەردە ئىكەنلىكى، دەرسكە چىقامسەن-چىقمامسەن ھېچكىمنىڭ كارى يوقلۇقى، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇئەللىملەرنى ئەخمەق قىلىپ، يالۋۇرتۇپ يۈرىدىغانلىغى ھەققىدە تالاي گەپ ساتقانىدى. بىزنىڭ كاللىمىزدا چوڭ شەھەر، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەنە شۇنداق بىر كۆرۈنۈش-ئوبرازى يېزا ئاتلىماي تۇرۇپلا شەكىللەنگەنىدى. ۋەھالەنكى، بىز كېيىنچە ئالدانغانلىقىمىزنى، ئۇلارنىڭ بىزنى ئىمتىھانغا ياخشىراق تەييارلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈنلا ئاشۇنداق رېئاللىقنى بوياپ كۆرسىتىش ئويۇنى ئوينىغانلىقىنى بىلدۇق. ئەمما خېلى كۆپ ۋاقتىمىز كاللىمىزدا بۇرۇنلا شەكىللەندۈرۈپ قويۇلغان شەھەر، شەھەردىكى مەكتەپلەرگە تەلپۈنۈش بىلەن ئۆتتى. كاللىمىزدا بۇرۇنلا شەكىللىنىپ قالغان ئاشۇ ئېزىتقۇ تۇمانلاردىن خالاس بولۇپ، ھەقىقىي رېئاللىققا يۈزلىنىپ بولغىچە بىز خېلى كۆپ ۋاقىت، زېھىننى بەدەل قىلغان، ھەتتا، ياق، مەكتەپ دېگەن ئاشۇنداق بولۇشى كېرەكتىغۇ دەپ ئاغرىنغانىدۇق. ئادەم مەلۇم بىر نەرسىنى كۆرمەي تۇرۇپ كاللىسىدا بۇرۇن شەكىللەندۈرۈۋالغان نۇرغۇن ئوبراز-تەسىرات ھەقىقەتەنمۇ كېيىنكى رېئاللىقنى توغرا تونۇش، ئۇنىڭغا مۇئامىلە قىلىشتا ئويلاپ باقمىغان قىيىنچىلىق-توسالغۇلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2001-يىلى سېنتەبىردە، مەن تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىگە، مۇنداقچە ئېيتقاندا دىيارىمىزدىكى مەركىزىي شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم. ۋەھالەنكى، كاللامدا ئاللىبۇرۇنلا ئۈرۈمچى ھەققىدە غايىۋى شەھەر كۆرۈنۈشى شەكىللىنىپ بولغانىدى. كىتابلاردىكى ئۈرۈمچى ۋە شەھەر ھەققىدىكى بايان-تەسۋىرلەردىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ كەلگەن ساۋاقداش، دوست- بۇرادەرلىرىمنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغان ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايە، گەپلەردىن تەدرىجىي شەكىللەنگەن بۇ كۆرۈنۈش تولىمۇ خۇنۈك، شەپقەتسىز، قاراڭغۇ، مۇزدەك سوغۇق تۇيغۇلار بىلەن مەزمۇنلانغانىدى. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە يول- ئۆتەڭلەرنىڭ قايسىبىرىدىكى ئۆكتەم-مۇتتەھەم ئاشپەز؛ ئاشخانىغا خېرىدار باشلىغۇچى لۈكچەك مىجەز زوراۋان كۈتكۈچى؛ بىر ماشىنا يولۇچىنى مەلۇم بىر ئاشخانىغا مەجبۇرىي تۆكۈپ بېرىپلا ھەقسىز غىزالىنىدىغان چالا كۆرەڭ شوپۇر؛ قايسىبىر ئۆتەڭنىڭ ھاجەتخانىسىغا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ بولاڭچىلىق قىلىدىغان خەنجەر-پىچاقلىق قارا يۈز ئوغرى-قاراقچى؛ قورقۇنچلۇق تاغ- داۋان؛ دەھشەتلىك ماشىنا ۋەقەلىرى؛ قۇشلىرىمۇ قارىداپ كەتكەن، قىش-ياز قار-يامغۇر ئۆكسىمەيدىغان، ئىس-تۈتەك دەستىدىن ئاسماننىمۇ، كۈننىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغان تۇمانلىق ئۈرۈمچى؛ لاي-پاتقاقلىق كوچىلار؛ ئادەم تىقما-تىقما قاينايدىغان دۆڭكۆۋرۈك؛ قايناق بازار؛ بازاردىكى تەپتارتماس ئوغرىلار؛ ئاشكارا خېرىدار چاقىرىدىغان پاھىشە سەتەڭلەر؛ كېچىلىك كۇلۇب-كىنوخانىلار؛ ئوغۇل-قىزلار كۈندۈزى ئاپئاشكارا سۆيۈشۈۋاتسىمۇ كارى يوق ئادەملەر؛ كۈندۈزى بوش قالىدىغان دەرسخانىلار؛ سىنىپتا ئۇخلاپ ئولتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلار؛ جۈپ-جۈپلەر بىلەن توشۇپ كېتىدىغان مەكتەپ قورۇسى، باغچىلار؛ كىملەرنىڭدۇ ئوقۇپ تۇرۇپ سىرتتىن ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرغانلىقى، بويىدا قالغانلىقى، تۇغۇپ قويغانلىقى؛ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئالداپ پۇل ئېلىپ خەجلەيدىغانلىقى؛ ياتاقلاردىكى ئەپسانىۋى گەپلەر؛ ئىچىش، چېكىشۋازلىق، ئولتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللېكتىپ ئۇرۇشۇپ كەتكەنلىكى، ھەتتا نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلگەنلىكى، ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالغانلىغى… ئۈرۈمچىگە كېلىشتىن ئىلگىرى تولا ئاڭلىغان بۇ پارچە-پۇرات ۋەقەلىكلەرنى بىرلەشتۈرگەندە قورقۇنچلۇق، قاباھەتلىك، خۇنۈك، رەزىل، ئىپلاس بىر كارتىنا كۆز ئالدىمدا پەيدا بولاتتى-دە، مەندە خۇددى تېررورلۇق فىلىملىرىدەك تەسىرات قالدۇراتتى. مەھەللىمىزدىكى ساددا دېھقانلار ئوتتەك قىزىقىش ۋە قانداقتۇر يوشۇرۇن ئۈمىد-ئىستەك بىلەن تەلپۈنىدىغان خوتەندىكى «شەھەر»دىن چىقماي تۇرۇپلا ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەر ھەققىدە تولىمۇ ۋەھىمىلىك بىر تۇيغۇ كاللامنى قالايمىقان قىلىپ تۇراتتى. ھەتتا شۇ مەزگىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە خوتەندە ئېچىلغان «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر يازغۇچىمىز: «بارىمەن دەپ تەييارلىق قىپسىز، ياخشى بوپتۇ، بېرىڭ. ئەمما ئەقىدىڭىز بەركامىل بولغاي. بولمىسا، ئۇ شەھەر سىزنى تېزلا يەپكېتىدۇ» دېدى تولىمۇ كۆيۈنگەن ئاھاڭدا. «يائاللا، – دېدىم ئىچىمدە، – قانداق شەھەر ئۇ؟»… كاللامدا ئۈرۈمچى، شەھەر ھەققىدىكى ئوي-كۆرۈنۈش تولىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئاساسەن ئېزىتقۇ، قاباھەتلىك− تەگسىز بىر قاينام سۈپىتىدە زاھىر بولماقتا ئىدى…
ھەقىقەتەنمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگىچە بولغان ئارىلىقتا دەككە-دۈككە، نامەلۇم قورقۇنچ، يوشۇرۇن ۋەھىمە ئىچىدە ئولتۇرغىنىم؛ ھاجەتكىمۇ قانداقتۇر ئەنسىزلىك ئىچىدە بارالماي قىينالغىنىم؛ دادام قايتا-قايتا تاپىلاپ ئىزمىلاپ ئېتىۋەتكەن يانچۇقۇمدىكى پۇلنى يول بويى ئۈستىدىن بېسىۋېلىپ ماڭغىنىم؛ ئاشپەز- كۈتكۈچىلەرگە ئەيمىنىپ قارىغىنىم ھەق-راست. سەپەر، شەھەر ھەققىدىكى ئاشۇ ۋەھىمىلىك گەپلەر ۋجۇدۇمغا ئورناپ كەتكەچكىمىكىن، ھېلىھەم سەپەرگە چىقساممۇ ئاشۇ قورقۇنچلۇق بايانلار ئېسىمگە چۈشسە، مىيقىمدا كۈلۈپ سالىمەن.
ئۈرۈمچىگە قەدەم باسقىنىمدىن تارتىپ ھېسابلىغاندا، مانا ھەش-پەش دېگۈچە ئالتە يىل بوپقاپتۇ. بۇ يىللاردا ئۈرۈمچىگە كېلىپ-كېتىپ تۇردۇم. شەھەر توغرىلىق ئۆزۈمگە تۇشلۇق تەسىرات- خۇلاسىگە ئېرىشتىم. بۇ شەھەرگە كېلىشتىن بۇرۇن باشقىلارنىڭ پاراڭلىرى تەسىرىدە كاللامدا شەكىللەنگەن ھېلىقى كۆرۈنۈش بىلەن مەن كۆرگەن، ھېس قىلغان شەھەر رېئاللىقى ئارىسىدا خېلىلا پەرق، زىددىيەت بار ئىدى. بىرى ئۇنىڭغا تەلپۈنەتتى، ئۇنىڭدىن نېمىلەرنىدۇر ئېرىشىشنى ئىزدەيتتى. ئەمما يەنە بىرلىرى شۇ شەھەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بولۇشىچە تىللايتتى، ئۇنى ئەڭ قاباھەتلىك تۈستە سۈرەتلەيتتى. بۇ ھال مەلۇم مەنىدە شەھەر، شەھەرلىشىش، تەرەققىيات مەسىلىلىرىگە كىشىلىرىمىزنىڭ قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى. بىز بۇ ھەقتە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ باقمىساق بولمايدىغاندەك قىلاتتى.
2
دۇنيادىكى تۇنجى شەھەرنىڭ زادى قاچان پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. ئەمما ئۇ مەيلى قاچان شەكىللەنگەن ۋە قانداق يوسۇندا تەرەققىي قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، شۈبھىسىزكى، شەھەر ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىشىش، تەرەققىي قىلىش يولىدىكى ئىزدىنىشىنىڭ كاتتا نەتىجىلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئامېرىكىلىق شەھەرشۇناس لۇئىس ۋونفورت: «شەھەر ئەڭ دەسلەپتە سودا ياكى ئۇستىخانىلار جەملەنمىسى شەكلى بىلەن ئەمەس، بەلكى دىنىي مۇقەددەسلىك ئورنى بىلەن مەيدانغا چىققان. ئۇ ئەڭ ئالدى بىلەن مەنىۋى كونترول مەركىزى» دەيدۇ ھەمدە شەھەرلەرنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي مەنبەسىنى ئۆلۈكلەر شەھىرى− قەبرىستانلىققا باغلايدۇ. ئۇنىڭچە، ئەڭ دەسلەپكى شەھەرلەر دىن، قەبرە، چېركاۋلارنى مەركەز قىلىپ گۈللەنگەن. «قەدىمكىلەر ئۆلگەنلەرنىڭ لايىقىدا دەپنە قىلىنىشىغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلگەن. ئۆلۈمگە بولغان ۋەھىمە ۋە قورقۇنچ ئۇلارنى ئاۋۋال ئۆلگەنلەر ئۈچۈن مۇقىم، كۆڭۈلدىكىدەك جاي تاللاشقا مەجبۇرلىغان… مانا شۇ تەرىقىدە قەبرىستانلىق، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆلۈكلەر شەھىرى، يەنى تىرىكلەر شەھىرىنىڭ دەسلەپكى ئومۇرتقىسى، يادروسى شەكىللەنگەن».خەنزۇ تەتقىقاتچىسى دەي جۈنلياڭ بولسا مۇداپىئەلىنىش پسىخكىسىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ: «شەھەر ئوخشاش بولمىغان جايلاردا ئوخشاش بولمىغان شەكىللىنىش، گۈللىنىش باسقۇچىنى بېسىپ ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئوخشاش ۋەزىپە ئۆتەپ كەلدى. يەنى ھەممە شەھەر مۇداپىئە، قوغدىنىش مەقسىتى ئۈستىگە قۇرۇلغان.دەيدۇ. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ خىل مۇداپىئە پسىخىكىسى، قوغدىنىش ئېھتىياجى بىلەن شەھەر قۇرۇش ئوتتۇرا ئىقلىمدىكى ھەدېسىلا شىمالدىكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ تۇرىدىغان مىللەتلەردە شەھەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىكى ئاساستۇر. «گېرمانىيىلىك جەمئىيەتشۇناس ماكس ۋېبىرمۇ جۇڭگودىكى شەھەرلەرنىڭ پەيدا بولۇش ۋە گۈللىنىشى كارخانىچىلارنىڭ رولىغا تايىنىپ ئەمەس، بەلكى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ پىلانلىشى ئارقىسىدا بولغان. پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدىغان سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە سۇلالىلەرنىڭ ئالمىشىشلىرى ھۆكۈمرانلارنىڭ مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەر قېلىن سېپىللار بىلەن قورشالغان. نەتىجىدە، پۇقرالار شەھەر ئىچىگە بېكىنىپ ياشاپ، ئەركىن سودا كارۋانلىرىغا ئايلىنالمىغان دەپ شەرھىلەيدۇ».دېمىسىمۇ، غەربتە شەھەر ئۇقۇمى خەنزۇتىلىدىكى شەھەر سۆزى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سېپىل، قەلئە، بازار، قورغان» مەنىلىرىدىن ئىبارەت مەدەنىيەت كونتېكىستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماستىن، بەلكى پۇقرا ۋە ئۇ بەھرلىنىدىغان ھوقۇق ئىبارىسىدىن شاخلىنىپ كەلدى ھەمدە يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەدەنىيەت ئۇقۇمىغا باغلاندى. ئەرەب تىلىدىكى «مەدەنىيەت»، «مەدەنىي» دېگەن ئاتالغۇلارمۇ ئەڭ دەسلەپ شەھەرلىشىش مەنىسىدىن كېڭەيدى. شەھەر سۆزى بىزگە پارسچىدىن كىرگەن بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا ئاساسلانغاندا قەدىمدە «كەند، بالىق، ئوردا» ئاتالغۇلىرى شەھەر مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن ھەمدە «شەھەر، قەلئە، ئوردا، خان شەھىرى» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، خەلقىمىز شەھەر ئۇقۇمىنى بىۋاسىتە ھالدا ھاكىمىيەت، ھوقۇق، دۆلەت ئۇقۇمى بىلەن باغلاپ چۈشەنگەن. ئۇنىڭدىنمۇ ئىلگىرىكى مەنبەلەرگە، مىسالەن «ئوغۇزنامە»، «مەڭگۈ تاشلار پۈتۈكلىرى»دىكى بايانلارغا قاراپ باقساق، قەدىمكى ئەجدادلىرىمىزدا شەھەرگە سولىنىپ ياشاپ ھاكىمىيەت تەشكىللەش ياكى مۇداپىئەلىنىش پسىخىكىسىنى دۆلەت، شەھەر ھاياتىنىڭ باش مىزانى قىلىشتەك مۇنداق ھالنى ئاساسەن ئۇچرىتالمايمىز. تارىخىي مەنبەلەردە خەلقىمىزنىڭ تۈركىي قوۋملار ئىچىدە ئەڭ بالدۇر شەھەر ھاياتىنى باشلىغانلىغى ھەمدە بۇ يەرلەردە شەھەر ھاياتىنىڭ ئىنتايىن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. دېمىسىمۇ، ھەربىر تارىخىي پاكىت بىزگە بۇ زېمىندا تالايلىغان سەلتەنەتلىك شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. بىز يىپەك يولى (كارۋان بۈيۈك) بويلاپ گۈللەنگەن پارلاق سودا لىنيىسىنى ۋە بۇ سودىنى كونترول قىلىپ، تۇتۇپ تۇرغۇچىلارنىڭ ئورۇن، ھوقۇق، سالاھىيەت مەسىلىسىنى ئويلىساقلا بۇ دىياردىكى شەھەر، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ھايات، يۈكسەلگەن ئاڭ-تەپەككۇر، تەرەققىي قىلغان ئىگىلىك، گۈللەنگەن ئەدەبىيات-سەنئەتنى ناھايىتى ئاسانلا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. يىپەك يولىنى بويلاپ قۇرۇلغان ھەربىر خانلىق، سۇلالىنىڭ ھاياتىي كۈچى، رىقابەت ئىقتىدارى، مەۋجۇدلۇق قىممىتى ماھىيەتتە ئۇنىڭ مانا شۇ سودا لىنيىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان شەھەرلىرىنى قانچىلىك دەرىجىدە كونترول قىلىپ تۇتۇپ تۇرالىشى، گۈللەندۈرەلىشى، تاشقى دۇنيا بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئاكتىپ دىئالوگ ئېلىپ بارالىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. سودا، ئالاقە، سىرتقا تەسىر كۆرسىتىش جەھەتتە ئاكتىپ ھالەتكە ئۆتۈش ھەممە جەھەتتىكى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكتىن دېرەك بېرەتتى ۋە شۇنداق ئۈستۈنلۈك نەتىجىسىدىلا ئەمەلگە ئاشاتتى. بۇ نۇقتىدا بۇ بىپايان زېمىندا قەد كۆتۈرگەن شەھەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئەڭ ئالدىدا سەپ تارتىپ كەلگەنىدى. مەدەنىيەت، مەرىپەت، قول ھۈنەرۋەنچىلىك، كىيىنىش، ئوقيا ئېتىش، ھەتتا قانداق ئات مىنىشقىچە ئۇلاردىن تارىغانىدى؛ ئۇلار ئالدىدا تىزى بارلار تىزلانغان، بېشى بارلار باش ئەگكەنىدى؛ بۇ ئەلنىڭ ئوغلانلىرى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين كەبىي جاھانگىرنى تەپتارتقۇزغانىدى؛ چىڭگىزخاندەك ياۋايى جاھان ئەركىسى بولمىش ئىستېلاچىلارغا ئىلىمدىن ئوزۇق، قول-تىلىغا يېزىق بەرگەنىدى؛ ھىندىستاندا مەيدانغا كەلگەن بۇددىزم ئۇدۇن، كۇسەندە ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان ۋە ئوتتۇرا ئىقلىمنى بۇددىلاشتۇرۇشتا چوڭ رول ئوينىغان، بىباھا بۇددا مەدەنىيىتى، مائارىپى، تەرجىمىشۇناسلىق، ئەدەبىيات-سەنئەت نەمۇنىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرگەنىدى؛ پىرسىيىدە مەيدانغا كەلگەن، ھېچقانداق ئەلدە دۆلەت دىنىغا ئايلىنىپ باقمىغان مانى دىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە دۆلەت دىنى شەكلىدە تېزلا گۈللىنىشكە ئېرىشىپ پارلاق مانى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلدى؛ ئەرەبىستان چۆللىرىدە ۋەھىي قىلىنغان ئىسلام دىنى قاراخانلارنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسى بىلەن بىرلىشىپ كېيىنكى مەزگىللەردە گۈللەنگەن مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، مەشھۇر مەدرىسەلەرنى، ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر شائىرلارنى، دانا يولباشچىلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ئەتراپتىكى ئەل-خەلقلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ ماڭالىغان؛ تىل، مەدەنىيەت، مائارىپ، ھاكىمىيەت، ئەدەبىيات-سەنئەت جەھەتتە غالىبلارچە بەيگىگە چۈشەلىگەنىدى؛ يۈسۈپ خاس ھاجىپ: «بۇ بەك ئەزىز بىر كىتابتۇر… مەشرىق ۋىلايىتىدە، پۈتكۈل تۈركىي خەلقلەر ياشايدىغان يەرلەردە، بۇغراخان تىلىدا تۈركىي سۆز بىلەن ھېچكىم بۇنىڭدىن ياخشىراق بىر كىتابنى يازغىنى يوق» دەپ غۇرۇر بىلەن مەيدە قاقتى؛ «مەن شۇ تۈركلەرنىڭ ئەڭ سۆزمەنلىرىدىن، پىكىرنى ئەڭ روشەن بايان قىلالايدىغانلىرىدىن، ئەڭ زېرەكلىرىدىن» دەپ يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان مەھمۇد قەشقەرىيمۇ: «ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس-تۈگىمەس بىر بايلىق بوپقالسۇن دەپ، ئۇلۇغ تەڭرىگە سېغىنىپ، بۇ كىتابنى تۈزۈپ چىقتىم» دېدى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن؛ «مەن تۈركىي خەلقلەرنىڭ خۇش تىللىرىغا بۈيۈك بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردىم» دېدى ئۇلۇغ شائىر مەۋلانە ئەلشىر نەۋائىي تۈركىي تىلىنىڭ يۈكسەك پاساھەت، بالاغىتىنى نامايىش قىلىپ تۇرۇپ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋايىغا يەتكەن تەرەققىيات، مەدەنىيلىشىشتىن دېرەك ئىدى. مەدەنىيەت جەھەتتىكى يېتەكچىلىك، سودىدىكى ئاكتىپ تەمىنلەش، ئىدىيە جەھەتتىكى تەڭمۇ تەڭ دىئالوگ پەقەت مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغۇچىلارنىڭ قولىدىنلا كېلەتتى. يۈك ئارتىلغان تۆگە كارۋانلىرىغا قۇشۇلغان ھالدا ھەرقايسى بوستانلىقتىكى خەلقنىڭ مەدەنىيىتى بىر-بىرى بىلەن ئۆزئارا ئۇچراشقانىدى. تەشەببۇسكار، قىزغىن ھاياتىي كۈچ ئىچىدىكى بۇ خىل ئىنتىلىش تەبىئىي ھالدا خەلقىمىزنىڭ گۈللەنگەن شەھەر مەدەنىيىتىنىلا ئەمەس، شەھەر، شەھەر ھاياتىغا، مەدەنىيلىشىشكە، شەھەرلەردە كەڭ كۆلەمدە ئەمەلگە ئاشالايدىغان مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشىغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىنىمۇ دەلىللەپ تۇرۇپتۇ. بىز فارابىينىڭ «پەزىلەتلىك شەھەر» ھەققىدىكى ئاجايىپ ئۆزگىچە ئىجتىمائىي غايىسىدىن ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇبىلىك»تە چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر ئاساسىدا ياراتقان ئۇتوپىك جەمئىيەت لايىھىسىدىن شەھەر مەدەنىيىتىنىڭ خېلىلا تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شەھەرگە بولغان قىزغىنلىق، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ ئەقلىي بالاغەت دەرىجىسىگە يەتكەنلىكىنى بايقايمىز. بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا قىزغىنلىق، كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، بەلكى ۋايىغا يەتكەن شەھەر مەدەنىيىتىدىن دالالەتتۇر. ھەقىقەتەنمۇ قوچۇ، كۇسەن، كروران، نىيا قەدىمىي شەھەر خارابىلىرى، قەشقەردىكى ۋە يەنە باشقا جايلاردىكى تالاي قەدىمىي ئىز، پاكىت، يازما ھۆججەت-ۋەسىقە ئاشۇ پارلاق شەھەرلەرنىڭ سودا، ھاكىمىيەت، ھوقۇق، دىن، مائارىپ، ئىدىيە، ئەدەبىيات-سەنئەت مەركەزلىرىگە ئايلانغانلىقىنى، بۇ شەھەرلەردە گۈللەنگەن مەدەنىيەت ئويغىنىشى ھەرىكەتلىرىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى مۇنازىرىسىز دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.
دېمەككى، شەھەرلىشىشنىڭ ئىپتىداسىنى ئەسلەپ كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم بىزدە شەھەر، شەھەر ھاياتىغا نىسبەتەن بىر خىل ئاكتىپ ئىنتىلىشنى كۆرىدۇ ھەمدە بىزدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇداپىئەلىنىش، قوغدىنىش ئېھتىياجى ئۈستىگە ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىق، باستۇرۇپ بېرىشنى ئادەت قىلغان يىراق زاماندىكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ بىر خىل ئەركىن تۇرمۇش سىستېمىسىغا ئىنتىلىش پسىخىكىسى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدۇ.
شۇنداق. شەھەر ئەنە شۇ يوسۇندا شەكىللەندى ۋە تەرەققىي قىلىپ مەدەنىيەتنىڭ، مەدەنىيلىشىشنىڭ بالىياتقۇسىغا ئايلاندى. ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ بۈيۈك مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى شەھەرلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا بارلىققا كەلدى ۋە كېڭەيدى. پېتېر بۇركىي: «شەھەرلەر بولمىغان بولسا، ئەدەبىي ئويغىنىشمۇ بولمىغان بولاتتى»دەيدۇ. شەھەرلەر بولمىغان بولسا مەدەنىيەتمۇ بولمىغان بولاتتى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىن كېيىنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىدا شەھەرلەرنىڭ ئوينىغان رولى مىسلىسىز بولدى. شەھەر بارلىق ئىجتىمائىي ئىنقىلاب، سىياسىي بۇرۇلۇش، تېخنىكا يېڭىلىنىشى، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ ئاۋانگارت سەھنىسى بولدى. ھەم مانا شۇ دەۋردىكى شەھەرلەرنى بەلگە قىلغان ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر نۇرغۇن ئەلنىڭ كېيىنكى نەچچە يۈز يىللىق تەقدىر- ئىستىقبالىنى، دۇنياۋى رىقابەتتىكى ئورنىنى بەلگىلەپ قويدى. رىم، فلورېنسىيە قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان ياۋروپا ئەدەبىي ئويغىنىشىغا تەڭكەش بولغان ھالدا شەرقتە سەمەرقەند، ھىرات قاتارلىق شەھەرلەرنى مەركەز قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىي ئويغىنىش دەۋرى مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن «شۇنىڭدىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئاسىيا جايلارنى ئۆز ئالدىغا بۆلۈشۈۋالغان، راۋاج تاپمىغان مۇسۇلمان پادىشاھلارنىڭ تەسىر دائىرە تالىشىش سەھنىسى بوپقالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە توختاپ قېلىپ ئالغا باسماسىلق ھالىتى شەكىللىنىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتلىرىنى قوبۇل قىلىش پۇرسىتى قولدىن كېتىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەككە – يېگانە ھالىتىنى كۈچەيتىۋەتتى».ياۋروپادا باشلانغان ئىدىيىۋى ئويغىنىش ناھايىتى تېزلا ئادەمىيەت پەنلىرى ۋە تەبىئەت پەنلىرىگە تەەرەققىي قىلدى- دە، كېيىنچە ئاڭ ئىنقىلابى پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھالدا سانائەت ئىنقىلابىغا تەرەققىي قىلدى. ۋەھالەنكى، ئوتتۇرا ئاسىيا ئايىغى چىقماس ئىچكى تەپرىقىچىلىك، تاشقى سىڭدۈرمىچىلىك ۋە توختاۋسىز نىزا ئاسارىتىدە ئەسلىدىكى شانۇ- شەۋكىتىنى توپىغا كۆمگىنىچە ئۆزىنىڭ سىرلىق، خىلۋەت، تار، بېكىك ئىچكى ئېقىنىغا بېشىنى تىقىپ ئىچكىرىلەپ كېتىۋەردى-دە، چۈشكۈنلۈك بۇ زونىدىكى ئەللەرنىڭ كېيىنكى نەچچە ئەسىرلىك تارىخىي قىسمىتىنىڭ خۇلاسىسى بوپقالدى. مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئاۋات شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلاندى؛ كېچە- كۈندۈز ئىلىم-مەرىپەت ھەققىدە تۈگىمەس ئىلمىي مۇتالىئە-تەلقىنلەر بىلەن قىزىپ تۇرىدىغان مەدرىسە- مۇتالىئە سورۇنلىرى «جاھالەت پىرلىرى» بولمىش تەلۋە، ئەسەبىي سوپى- ئىشانلارنىڭ ھەلقە- ساما، «ھۇم- ھۇم»لىرى بىلەن تولىمۇ قورقۇنچلۇق، «ئاللاغا مەدھىيە ئوقۇماستىن، ئەكسىچە كىمگىدۇر تەھدىت سېلىۋاتقاندەك» تۇيۇلىدىغان ۋەھىمىلىك چاچراندىلىرىغا لىق تولدى؛ كۇتۇپخانا، رەسەتخانىلار، دەستە- دەستە كىتابلار گۈرۈلدىتىپ كۆيدۈرۈلدى؛ تامامى ئەھلىي ئىلىمنىڭ ساقىلىدىن سۆرەپ چىقىرىلدى؛ ئەلنىڭ يۆلىكى، يۈرىكى بولمىش ساخاۋەتلىك مۆتىۋەر بايلارنىڭ ھەننىۋا بايلىقلىرى بۇلاپ- تالاندى؛ جەسەت- كاللىلاردىن مۇنار تىكلەندى، قانلار دەريا بولۇپ ئاقتى… بۇ خىل ئىلىمنى، ئالىمنى، باينى، بايلىقنى، مەرىپەت، مەرىپەت ئەھلىنى، كىتاب- كۇتۇبخانىلارنى دەپسەندە قىلىش، تۈگىتىش ھەرىكىتى تاكى 20- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ھەتتا سولچىل سىياسىي ھەرىكەتلەر تۈپەيلىدىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ تۈگىمەي تاكى 1970- يىللارنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزۈلمەي داۋاملاشتى. ھەيھاتكى، ھېلىمۇ بۇ ئەلدە ئالىم تولىكەن، ئىلىم تولىكەن؛ چىدام تولىكەن، ئۈمىد- ئارمان تولىكەن! دۇنيا تارىخىدا مۇنداق نەچچە ئەسىرلەپ ئالىم- ئۆلىمالىرى ئۆلتۈرۈلگەن، كىتاب- دەستۇرلىرى كۆيدۈرۈلگەن، خەلقى شەپقەتسىزلەرچە قىرغىن قىلىنغان ئەل بەكمۇ، بەكمۇ كەم ئۇچرايدۇ!
ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇسكى، ئاشۇ خورلۇق، بولاڭ- تالاڭ بىلەن ئۆتكەن ئەنسىز يىللار خەلقىمىزدىن دۇنياۋى رىقابەتكە تەشەببۇسكار ئورۇن، ئاكتىپ روھ، ئۈستۈن ئەۋزەللىك بىلەن قاتنىشىدىغان ساپا- خىسلەتنى ئېپكەتتى. ئۇلار قاتمۇ- قات زۇلۇم ئىسكەنجىسى ئاخىر سەل- پەل بوشاپ، دېمىنى ئېلىپ دۇنياغا باققىنىدا باشقىلار «سۇدا ئۈزۈپ، كۆكتە ئۇچۇپ» (ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىي) يىراققا ئۇزاپ كەتكەن، «ئۆتمۈشتە ئىلىم ۋە مەدەنىيەتنىڭ مەركىزى بولغان بۇ ئانا يۇرت نۇرسىز، يولسىز، سۇسىز قېلىپ خارابلاشقانىدى».بىر ئەلنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەلگىلەپ ماڭغۇچى سەرخىللارنىڭ تايىنى قالمىغان؛ ئىگىلىك، سانائەت، ئىقتىساد، ئىدىيە ھارۋىلىرىنىڭ چاقى سۇغۇرۇۋېلىنغان، شوتىسى سۇندۇرۇۋېتىلگەن؛ تەرەققىيات ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ماڭغۇچى ئاۋامنىڭ ئاڭ- ساپاسىدا قۇرغاق ھاياجاندىن ئۆزگە چوڭقۇر ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ ۋەزنى يوقىغان بىر ھالدا بىز ئاللىقاچان ھەقىقىي مەنىدىكى زامانىۋى شەھەرلىشىش، سانائەتلىشىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنىدا شىددەت بىلەن غۇلاچ تاشلاپ كېتىۋاتقان تاشقى دۇنيانىڭ رەھىمسىز رىقابىتىگە دۇچ كەلدۇق. ھەممىدە ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياجان بار ئىدى، ئەمما قولدىكى، كاللىدىكى ئەقىل- تەجرىبە، خۇلاسە، پىلان- لايىھىنىڭ تايىنى يوق ئىدى. مىڭبىر بالالىقتا ئېرىشكەن بۇ ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلىۋەتكۈسى بار ئىدىيۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت، جەريان، جۇغلانما كېرەك ئىدى. ھەممىنىڭ تاشقى ئالەم بىلەن باراۋەر دىئالوگلىشىپ ماڭغۇسى بار ئىدىيۇ، ئەمما ماغدۇر، قۇۋۋەت، كۈچ لازىم ئىدى…
ئۇزۇن مۇددەت بېكىكلىكتە تۇرغان خەلقىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى شەھەرلىشىشكە دۇچ كەلگەندىكى پسىخىكىسى تولىمۇ مۇرەككەپ بولدى. ئۇلار تاشقى دۇنيا ۋە ئۇنىڭ يۈزلىنىشى ھەققىدە ئېنىق چۈشەنچە تۇرغۇزۇپ بولغۇچە، نۇرغۇن يېڭىلىق تۇرمۇشىمىزغا كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلدى-دە، ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەتلىشىشكە باشلىدى. دېمەككى، شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلاردا بۇ ھەقتە ھېچقانداق تەييارلىق يوق، شەھەرلىشىشكە قاتناشقۇدەك ئىقتىدار- ساپا ھازىرلانمىغان، ھەتتا شەھەرلىشىش جەريانىدا نېمىلەرگە دۇچ كېلىش، نېمىنى قوبۇل قىلىش، ئۆزىدىكى قانداق ئېلمېنېتلارنى ساقلاپ قېلىش ھەققىدە ئاڭ- ئوي شەكىللەنمەي تۇرۇپلا خۇددى «توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتقاندەك» باشلىنىپ كەتتى. بىز ئاكتىپ قىزغىنلىق، تەشەببۇسكار ئورۇن، قىزغىن ئىشتىراكچىلىق ھوقۇقى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق، ئاڭسىز ھالدىكى ئەگىشىش، خالىغانچە دوراش، پاسسىپ قوبۇل قىلىش مەيدانى بىلەن قاتناشتۇق. بۇ ھال تەبىئىيلا ئاستا- ئاستا نۇرغۇن مەسىلە، ئويلىنىشنى ئېپكەلدى.
ھەرقانداق يېڭىلىق ھەرقانداق بىر ئەلدە ئۆزىگە يارىشا ئىنكاس- تەسىراتلارنى پەيدا قىلغىنىدەك، يېڭىدىن گۈللەنگەن شەھەر ۋە شەھەرلىشىش بىزدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلارنى شەكىللەندۈردى. دەسلەپكى مەزگىلدە ئۇ ناھايىتى ئاددىيلا بىردە ئەنئەنىنى تۇتقا قىلىۋېلىپ ھەممىنى قارا قويۇق ئىنكار قىلىش ياكى بولمىسا يېڭىلىق دەپلا يېپىشقىنىچە ھەممىسىنى قوبۇللاۋېرىش شەكلىدە زاھىرلانغان بولسىمۇ، لېكىن بارا- بارا شەھەر، شەھەرلىشىش جەريانىدا پەيدا بولغان تەسىرلەرنى نوقۇل سوغۇق نەزەر بىلەن كۆزىتىش خېلىلا ئەۋج ئېپكەتتى. بىر چاغلاردا يىپەك يولىنى بويلاپ تارقالغان ھەرقايسى بوستانلىقلاردا يۇلتۇزدەك چاقنىغان شەھەر- ئۆتەڭلەردە ئۆزلىرىدىكى تەشەببۇسكار، ئاكتىپ قىزغىنلىق بىلەن گۈللەنگەن شەھەر مەدەنىيىتىنى روياپقا چىقارغان ئەل- خەلقنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى شەھەر، شەھەرلىشىشتە تەشەببۇسكار مەيداندىن ئايرىلىپ قالغاننىڭ ئۈستىگە يەنە بۇ خىل مۇقەررەر يۈزلىنىشكە شۈبھە، گۇمان، ئەندىشە، ئەيىبلەش، يىرگىنىش بىلەن نەزەر تاشلاۋاتقاندەك، ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنى ئېپقېچىۋاتقاندەك بىر ھالنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى. بىز، ھەتتا مەندەك تەنتەك ھەۋەسكاردىن تارتىپ تونۇلغان ئەدىبلىرىمىزگىچە شەھەرنى «تاش» دەپ تولىمۇ سوغۇق، خۇنۈك، مېھىرسىز، غېرىبلىق، چۈشكۈنلۈك، زۇلمەتكە تولغان بىر تەرزدە بولۇشىچە سۈپەتلىگەنىدۇق. شەھەر ئەڭ گۈزەل ئەخلاق، ئەنئەنە، ۋاپا، دىيانەت، مۇھەببەت، سەمىمىيەت، كىشىلىك قەدىر- قىممەت، ئىنسانىي غۇرۇر، پەزىلەتلەرنى دەسسەپ- چەيلەيدىغان، كىشىلەرنى يولدىن چىقىرىدىغان، قىزلارنى بۇزىدىغان، ئەر- يىگىتلەرنى كاردىن چىقىرىپ ناجىنس مەخلۇقلارغا، خانىم-قىزلارنى شاللاق، ھاياسىز، رەسۋا، بۇزۇقلارغا، بالىلارنى تەبىئەتتىن ئايرىپ ھېچقانداق ئەقەللىي ئەخلاق، ئادەت، ئار- نومۇسنى بىلمەيدىغان، خېنىم مىجەز، لاتا غىلاپ، غىتمەك، بىر توپ قېچىر ئەۋلادقا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بىر سېسىق دەرگاھ سۈپىتىدە تەسۋىرلەندى. شەھەر كۆپىنچىمىزنىڭ ئېڭىدا بارلىق بىمەنىلىك، رەزىللىك، ئىپلاسلىق، ھاياسىزلىق، بۇزۇقچىلىق، شەھۋەتخورلۇق، مەنپەئەتپەرەسلىك، روھىي قۇلچىلىق، خېنىم مىجەزلىك، زەھەر، پاھىشىنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن بۇ يەردە بىزنىڭ ئەسەرلىرىمىزدىكى بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلەرنى، فىلىملىرىمىزدىكى كۆرۈنۈشلەرنى بىرمۇ- بىر تىزىپ، ساناپ ئولتۇرۇشنى ھەقىقەتەنمۇ ئەپسىز كۆردۈم. ئەمما بىز شەھەر تېمىسى، شەھەر ھاياتىغا بېغىشلانغان ھەرقانداق بىر يازما ياكى فىلىمنى كۆرۈپلا بايقىشىمىز تەس ئەمەسكى، بىز ھەقىقەتەنمۇ شەھەرنى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ۋەھىمىلىك قاينام، ھەتتا دوزاخ سۈپىتىدە تەسۋىرلەپتىمىز. ھەرقانداق بىر غەيرىي، بىنورمال، بىمەنە ئىجتىمائىي ئادەتنىڭ سەۋەبىياتى ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن شەھەر، شەھەرلىشىشنى جاۋابكارلىققا تارتىپتىمىز. توساتتىن چۆچۈپلا كەتتىم: بىز نېمە ئىش قىلىۋاتىمىز- ھە؟! شەھەر قانداق جاي؟ ئۇ راستتىنلا جىمى جىنايى-جاھالەت، زىنايى- زالالەتنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟ بىزنى ئىجتىمائىي قاباھەتلەرگە سۆرىگىنى راستتىنلا شەھەر، شەھەرلىشىشىمۇ؟ شەھەر، شەھەرلىشىشىنى بۇنچە ۋەھىمىلىك تەسۋىرلەيدىغان ئاڭ بىزگە نەدىن كەلدىيۇ، نېمە ئېپكەلدى؟