• بلوگ بىلدۈرگىلىرى
  • پىلان ۋە خۇلاسە
  • ئەدەبىي ئەسەرلەر
  • ئېلكىتاب ئامبىرى
  • مەنزىل كىتابچىسى

مەۋجۇتلۇق نېمىلەرگە باغلىق؟

1931
ئاپتورى: ئابدۇرېھىم دۆلەت   يوللانغان ۋاقتى:2015-11-26   سەھىپە:ئەدەبىي ئەسەرلەر, ماقالە
 

ئاپتور: ئابدۇرېھىم دۆلەت

 

تەبىئەت  مەڭگۈ سىرلىق، مەڭگۈ جەلپكار، مەڭگۈ يېڭى، تەبىئەتتىكى ھەر بىر مەۋجۇدات مەيلى نەسلى قۇرۇپ كەتكەن دىنوزاۋرلار بولسۇن ياكى قۇرت – قوڭغۇز، پىت-بۈرگىلەر بولسۇن ۋە ياكى ئاسمان پەلەك شەمشاد، ياكى تەسكەي زەيكەشلەردىكى مۇخلار بولسۇن، ۋە ياكى ئاسماندىكى سانسىز يۇلتۇزلار ۋە زېمىندىكى ئۇششاق تاش، شېغىللار بولسۇن، ھەممىسى بىر مۆجىزە، بىر ھېكمەت  ئەسرارلارغا باي كىتاب. تولىمىز غەپلەتتە بولغاچ بۇ مۆجىزىلەرنى ھېس قىلالمايمىز. سىز تاغدا كېتىپ بېرىپ تۇيۇقسىز بىر نەرسىگە پۇتلىشىپ يىقىلدىڭىز قارىسىڭىز ئۇ بىر تاشكەن، سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ يەنە يولىڭىزغا راۋان بولدىڭىز، ئەمما يەنە بىردەمدىن كېيىن يەنە پۇتلىشىپ يىقىلدىڭىز، قارىسىڭىز بۇ قېتىم پۇتلاشقىنىڭىز بىر ئۈستەل سائىتىكەن، تۇيۇقسىز بۇنىڭدىن ناھايىتى ھەيران قالدىڭىز، باشتا تاشقا پۇتلاشقاندا مېڭىۋەرگەن ئىدىڭىز، ئەمدى يەنە نېمىشقا مېڭىۋەرمەيسىز؟ تاشقا پۇتلىشىش بىلەن سائەتكە پۇتلىشىشنىڭ نېمە پەرقى بار؟ ياكى تېخىمۇ ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، تاش بىلەن سائەتنىڭ پەرقى نېمە؟ نېمىشقا سائەت دىققىتىڭىزنى قوزغىيالايدۇ؟ تاش قوزغىيالمايدۇ؟ مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ ھىدايەت ياكى زالالىتىنى بەلگىلەيدىغان تەپەككۇر ئۇسۇلى.

پىكىر قىلىش ئادىتىگە ئىگە كىشىلەر ئۈچۈن تەبىئەت ئاجايىپ بىر مەكتەپ، ئوقۇش پۇلى ئالمايدىغان، ھەممە ئادەمگە باراۋەر ئېچىۋېتىلگەن مەكتەپ، ئىنسانلار -دىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ بۇ مەكتەپتىن قوبۇل قىلىدىغان تەسىرات ئىلھاملىرىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش ئادىتى، ئىنتىزامى بىلەن باشقا ھايۋانلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئىجتىمائىي توپ شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ھەسەل ھەرىلىرى بىر كەم – كۈتىسىز مۇكەممەل جەمئىيەت، ئۇلاردىكى ئىش تەقسىماتى، سالاھىيەت پەرقى، ئىنتايىن ئىنىق ئايرىلغان ئۇلار ھەم ئىجتىمائىي بىرلىك ھەم ئىقتىسادىي بىرلىك، ھەم سىياسىي بىرلىك، ئۇلارنىڭ ساقچىلىرى تازىلىق ئىشچىلىرى، بالا باققۇچىلىرى، ساتىراشلىرى، جانلىق سۇ ئامبارلىرى، جانلىق شامالدۇرغۇچلار، ھەسەل پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرى، گۈل چېڭى تەييارلاش سېخلىرى، ئانا ھەرە جەۋھىرى ئىشلەش ماھىرلىرى، موم، يىلىم ئىشلەش ئورۇنلىرى بار. ئۇلارنىڭ پائالىيىتى مۇتلەق بىر ئىنتىزام ئاستىدا بىرلىككە كەلگەن، ئۇلارنىڭ قەتئىي خىلاپلىق قىلىشقا، ئۆزگەر تىشكە بولمايدىغان مۇقەددەسلىشىپ كەتكەن پرىنسىپ-قائىدىلىرى، ئەنئەنىلىرى، قېلىپلاشقان ياشاش ئادىتى بار. شۇڭلاشقىمۇ ئۇلارنى بىر جەمئىيەت، بىر پادىشاھلىق دەيمىز.

ھەسەل ھەرە جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ، يەنە كېلىپ يەككە – يېگانە ھالەتتە ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ ھەسەل ھەرىسگىلا خاس بولغان ئىجتىمائىي جەمئىىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى تۆۋەندىكىدەك ئۇچ ئامىلغا باغلىق.

بىرىنچىدىن ھەسەل ھەرىلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، تىرىك ياشىشى ئۈچۈن گۈل-چېچەكلەرگە پۈركەنگەن تاغ، دالا، باغلاردا، ئېتىزلاردا ياشىشى كېرەك. ئوزۇقلۇق ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، ئورگانىك ئاساسى. ئۇلارغا ئۆزىگە خاس لايىق بولغان تەبىئىي مۇھىت بولۇشى كېرەك. تەبىئىي مۇھىت بولماي ئۇلار ياشىيالمايدۇ. دېمەك، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن زۆرۈر بىرىنچى شەرت ئۇلارنىڭ ياشىشىغا ماس بولغان تەبىئىي مۇھىت. ياكى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك دېگەندە ئورۇنلۇق.

ئىككىنچىدىن: ھەسەل ھەرىلىرى يەككە ياشىمايدۇ، ئۇلار توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىلاپلىق قىلغىلى بولمايدىغان ياشاش قانۇنلىرى بار. ئۇلار بۇ قائىدە-ئەنئەنىلىرىگە خىلاپلىق قىلسا گەرچە يەككە-يەككە تىرىك ياشىيالىسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى ھەسەل ھەرىسى جامائىتى بولالمايدۇ، يەنى ئۆزلۈك سالاھىيتىنى يوقىتىدۇ، دېمەك ھەسەل ھەرىلىرىنىڭ ھەقىقىي ھەسەل ھەرىلىرى جەمئىيىتى بولۇپ ياشىشى ئۇچۇن ئىككىنچى مۇھىم ئاساس ئۇلارنىڭ قېلىپلاشقان، تۇراقلاشقان ياشاش ئادىتى.

ئۈچىنچىدىن ئۇلاردا ھوقۇق – مەجبۇرىيەت ناھايىتى ئېنىق ئايرىلغان، ئۇلار بىر پادىشاھلىق، ھەر بىر ئەزاسىنىڭ ئۆزىگىلا خاس ھوقۇقى – مەجبۇرىيىتى بار. ئۇلار شۇ چەكلىمىدىن چىقىپ كەتمەي، پادىشاھلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مەسىلەن، ساقچى ھەرىلەر. سىرتتىن كەلگەن يات ھەرىلەرنى ئۇۋىسىغا كىرگۈزمەيدۇ، دېمەك ئۇلارنىڭ شۇنداق ئېنىق ئايرىلغان ھوقۇق- مەجبۇرىيىتى ئۇلارنىڭ بىر يىمىرىلمەس، ئىناق، ئىنتىزامچان بىر جامائەت بولۇپ ياشىشىنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى. يەنى بىخەتەرلىك كاپالىتى.

بىز بۇنى يەنى مەۋجۇتلۇقنىڭ بۇ ئۈچ خىل شەرتىنى مەلۇم مىللەتكە، جەمئىيەتكە، دۆلەتكە، تەتبىقلىيالايمىز؟ مېنىڭچە پۈتۈنلەي تەتبىقلاشقا بولىدۇ. مېنىڭچە بىر جەمئىيەت بىر قوۋمنىڭ مەجۇتلۇقىمۇ دەل يۇقىرىقى ئۈچ ئامىلغا باغلىق. تۆۋەندە مەن ئۇنى ئىقتىسادى، مەدەنىيەت، ھوقۇق دەپ ئاتايمەن.

 

ئىقتىساد

 

  بۇ ھەممىگە ئايدىڭ ئاددىي ھەقىقەت. تەبىئەت دۇنياسىدا گۈللەپ ياشناۋاتقان ھەرقانداق مەۋجۇتلۇق مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان ياكى ئۆسۈملۈك بولمىسۇن، ھەممىسى ئۇلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئورگانىك ئاساسىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئېنېرگىيىگە موھتاج، تەبىئەتتە سىرتقى ئېنېرگىيە تاپالماي مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدىغان نەرسە يوق. ئۇنداقتا ئېنېرگىيە نەدىن كېلىدۇ؟

 مانا دەل بۇ سوئالنىڭ جاۋابى ھازىرقى بايان تېمىمىز بولغان «ئىقتىساد» نىڭ يىلتىزى. ئادەتتە ئادەم تىرىك ياشىشى ئۇچۇن، يېمەك – ئىچمەككە، مۇۋاپىق تېمپىراتۇرىغا موھتاج، بۇ ئەڭ دەسلەپكى شەرت. بۇنىڭلىق بىلەن ئىقتىساد بىلەن يېمەك- ئىچمەك، كىيىم-كېچەكنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، ئىككىسى ئايرىم-ئايرىم ئۇقۇم دەپ قارىساق بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە يېمەك- ئىچمەك ئىقتىسادقا تەڭ ئەمەس، شۇنداقلا ئىقتىساد ۋە يېمەك -ئىچمەكنىڭ ئۆزى دېگەنلىك تېخىمۇ ئەمەس. ئەمما پاكىت شۇكى، ئادەمنىڭ تىرىكلىكى ئەڭ ئاۋۋال بىۋاسىتە يېمەك-ئىچمەككە باغلىق، ئادەم ئىقتىساد ئامىللىرى بولغان پۇل ياكى باشقا بايلىقلارنى يېسىمۇ ئۆلۈپ قالمايدۇ، زاۋۇت، كان-كارخانىلار، بازار-ئېتىزلار بولسىمۇ ئىنسان قورسىقىنى تويغۇزسىلا تىرىك ياشاپ كېتىۋېرىدۇ، يەنىلا مەۋجۇت بولالايدۇ، ئۇنداقتا نېمىشقا بىز بۇ يەردە مەۋجۇتلۇقنىڭ بىرىنچى شەرتىنى ئوزۇقلۇق دېمەي نېمە دەپ ئىقتىساد دەيمىز؟

 بۇنىڭدا ئاۋۋال بىز، مەن تىلغا ئالغان مەۋجۇتلۇقنىڭ قايسى مەنىدىكى مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىز كېرەك.

 بىرىنچىدىن بۇ بىر شەخسنىڭ مەۋجۇتلىقىغا قارىتىلغان، بەلكى بىر قوۋم، بىر جەمئىىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىتىلغان.

 ئىككىنچىدىن بۇ مەيلى قۇل، مەيلى خان بولسۇن، ئىشقىلىپ ئۆلۈپ قالمىغانلا گەۋدىلەرگە قارىتىلغان، بەلكى باشقىلارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلىگەن ئورۇندا باشقىلار بىلەن باراۋەر مەۋجۇتلۇققا قارىتىلغان.

 ئۈچىنچىدىن ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت قىممىتىنى يوقاتماي ساقلاپ قالغان، ئۆزلىرىگە ئۈزۈل-كېسىل ۋەكىللىك قىلالىغان، رېئاللىقنى ئۆزىلا ئىنكاس قىلالىغان، ۋەكىللىك مەۋجۇتلۇققا قارىتىلغان.

 بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بىر قوۋمنىڭ نەسلى پۇرسىتىنىڭ قۇرۇپ كەتمەي، نېمىگە ئوخشىسا ئوخشاپ، ئىشقىلىپ تىرىك مىدىرلاپ يۈرگىنى ئۇلارنىڭ مەن دېگەن مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقى ئەمەس، مەن دېمەكچى بولغان مەۋجۇتلۇق ئوقۇمىدا ئىنسانلارنىڭ ئىشقىلىپ ئۆلۈپ قالماي ياشاشتەك ئەڭ ئىپتىدائىي، ئەڭ ئەقەللىي مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىسىدىن ئاسمان زېمىن پەرقلىنىدۇ. يەنە كېلىپ مەن تەكىتلەۋاتقان مەۋجۇتلۇق ئۇقۇمى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قوۋم-جەمئىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى بولماستىن بەلكى ھازىرقى زاماندىكى جەمئىيەتلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىدۇر. ھازىرقى زامان جەمئىييەتلىرى ئۈچۈن نوقۇل يېمەك – ئىچمەك ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ مەن يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ئۈچ خىل مەنىدىكى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولالمايدۇ. بۇ ئىپتىدائىي جەمئىيەتكىلا ماس كېلىدىغان ئۆلچەم، شۇڭلاشقا بىز بۇ يەردە ئىقتىسادى دېگەن بۇ ئۇقۇمنى ئالدىنقى شەرت قىلىمىز، ھازىرقى زامان ئىنسانلىرىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى ھەر قانداق بىر دەۋردىكىدىن زىچ ھەم ئايرىلماس.

 بولۇپمۇ سۇلالىلەر دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىپ سانائەتچىلىكنىڭ تۈرتكىسىدە مەيدانغا كەلگەن كاپىتالىزىمنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ھازىرقى زامان جەمئىيەتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش ئىقتىسادىنىڭ بىر قوۋمنىڭ مەۋجۇتلۇققا بولغان تەسىرىنى تارىختىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن پەللىگە يەتكۈزدى. ئىقتىساد دۆلەت، جەمئىىيەتنىڭ ماددىي نېگىزىلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى، ھوقۇقى، بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. دۆلەتلەرنىڭ ئونى ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدىغان بولدى، ئەلۋەتتە ئىقتىساد دۆلەتلەرنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىدىكى مۇھىم پەرق كۆرسەتكۈچكە ئايلاندى، دۆلەت، جەمئىيەتنىڭ بارلىق پائالىيىتى ئىقتىسادنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدىغان بولدى، ئەلۋەتتە بايلىق تارىختىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ دۆلەت قۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ماددىي ئاساسى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقنى كاپالەتلەندۈرىدىغان كۈچلۈك ئاجىزلىقنى-ئاجىزلىقىنى بەلگىلەش رولى ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ كۈچلۈكلۈك ئوقۇمىدا پەرق بار. كۈچلۈكلۈك روشەنكى مەلۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈش ئاساسىدا ئايرىلىدۇ، سىزنى كۈچلۈك دەپ قارىساق، ئۇ ھالدا بۇ ئەتراپىڭىزدا سىزدىن ئاجىز كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، چۈنكى ئاشۇ ئاجىزلاردىن كۈچلۈك بولغانلىقىڭىز ئۈچۈنلا سىزنى كۈچلۈك دەيمىز. ئەگەر ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەر سىزدىن كۈچلۈك بولسا سىزنى كۈچلۈك دېيىشنىڭ ئۆزى بىر ھاماقەتلىك بولىدۇ. دېمەك، قەدىمكى دۆلەتلەر ئاساسەن ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى ئۆز خەلقىگە سېلىشتۇرۇپ، قارشى تۇرۇپ قالسا باشقۇرالىغۇ -دەك كۈچى بولسا، ئۆزىنى كۈچلۈك ھېسابلاپ، ئۆزىنى ئەتراپتىكى بىر نەچچە قوشنىسىغلا سېلىشتۇرۇپ خۇلاسىگە كەلگەن ھەم قەدىمكى دۆلەتلەرمۇ ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىگە مەنە جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ، قەدىمكى دۆلەتلەردە ھازىرقى دۆلەتلىرىدىكىدەك روشەن چېگرا پەرقى بولمىغان، ئۇلار پەقەت پاسىل بولغان پۇقرانىڭ سالاھىيەت مەنىسىمۇ ئوخشىمايدۇ.

 شۇڭلاشقا، ماركوپۇلو، نەسىردىن ئەپەندى، تاڭ شۇەنزاڭلارمۇ پاسپورتسىز سەپەر قىلالىغان، دېمەك قەدىمكى دۆلەتلەردە كۈچلۈك، روشەن قوشنا ئۇقۇمى بولمىغان، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قۇدرىتىمۇ بىر تولىمۇ ئېنىقسىز نىسپىي ئۇقۇم. ئەمما، ھازىرقى زامان دۆلەتلەردە قوشنىنىڭ مەنىسى ئۆزگەردى، ھازىر جۇغراپىيىۋى مەنىدىكى تام قوشنىسىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ھازىر يەر شارىدىكى 200 نەچچە دۆلەتنىڭ ھەممىسى بىر- بىرى بىلەن قوشنا، ھازىر ئاسىيا قىتئەسىدىكى ئىراق، ئۆزبېكىستان، ئىران، تۈركىيە ياكى كوۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن غەم يىمەي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئا ق ش دىن ياكى ياۋروپادىكى ئەنگىلىيىدىن غەم يەۋاتىدۇ، ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئېھتىياجى قەدىمكى دۆلەتلەرنىڭكىدىن كۆپ كۈچلۈك، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزىنى باشقا دۆلەتلەرگە ئېتىراپ قىلدۇرۇش، خەلقئارالىق جەمئىيەت تۆرىدىن ئورۇن ئېلىش ئارزۇ-ئىستىكىمۇ، تارىختىكى ھەر قانداق دەۋردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك، دېمەك ھازىرقى زامان دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق كۈچلۈك بولۇش رولى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ھازىرقى زاماندا ئىقتىسادنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە مۇھىملىقىنى بەلگىلىگەن، شۇڭلاشقىمۇ ئېنېرگىيە ھازىرقى دەۋردىكى دۇنيا سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان ماھىيەتلىك ئامىلغا ئايلىنىپ قالغان.

 يەنە بىر جەھەتتىن ھازىرقى زامان دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىقى، شۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىنىڭ ئىلغار-قالاق، ئومۇملۇق-ئۇقۇمسىزلىق بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىلدۇرماسلىق شۇ ھاكىمىيەتنىڭ ئىقتىدارىنى، قانۇنىيلىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم. دۆلەتنىڭ تۈپكى باش سىياسىتىمۇ يەنىلا ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش دېگەندەك ھەممە ساھەلىرى ئىقتىسادىي قىممىتى مەركىزى خىزمىتى نۇقتىسى قىلىدۇ، ھەتتا ئوتتۇرا -باشلانغۇچ مەكتەپلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئىقتىساد بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ھالقا، ھازىر ئىقتىساد بىرىنچىدىن دۆلەتنى قۇرۇش ئاساسى، ئىككىنچىدىن قوغداش كاپالىتى، ئۈچىنچىدىن بىخەتەرلىك ئىچكى ئېھتىياجى، قاراپ باقىدىغان بولساق، ھازىرقى دۇنيادىكى ئاساسلىق توقۇنۇش، ئۇرۇشلارمۇ تەرەققىي قىلمىغان 3-دۇنيا ئەللىرىدە يۈز بېرىۋاتىدۇ، كۆپىنچە شۇ ئەللەرنىڭ ئىچكى سىياسىتىمۇ تىنچ ئەمەس، قەدىمكى خەلقلەر بىلەن ھازىرقى زامان خەلقلىرى ئوخشىمايدۇ، قەدىمكى دۆلەتلەردىكى خەلقلەر پەقەت پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى ئىدى، دۆلەتكە ھاكىمىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىم شەكىللەندۈرەلمەيتتى، خەلق دۆلەتنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان پەلسەپە، خەلق پەرۋا قىلمايدىغان ھالەت ئىدى. دۆلەتنىڭ خەلقنى رازى قىلمىقىمۇ ئوڭاي ئىدى، ئەمما ھازىر خەلقلەر بىۋاسىتە ھاكىمىيەتكە بېسىم شەكىللەندۈرەلەيدۇ، ھازىر بىر كۈنلۈك قورسىقى تويسىلا شۈكرى دەيدىغان خەلق يوق، ئۇلار ئۆيدىكى يوللۇق ۋېلىسىپىتنى باشقا ئەل پۇقرالىرىنىڭ پىكاپلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتلىرىدىن ئاغرىنىدۇ، نارازى بولىدۇ، نارازىلىق كۈچىيىپ، ئۆزىنى پىكاپقا ئىگە قىلالمىغان ھاكىمىيەتنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇرلايدۇ، قوشنا ئۇقۇمنىڭ ئۆزگىرىشى، خەلقلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىدىن باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالىشى، ئۇلاردا ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى باشقا ئەل ھۆكۈمەتلىرگە سېلىشتۇرۇپ، خۇلاسە چىقىرالايدىغان ئىمكانىيەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، بۇ خىل ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بولسا خەلقنى رازى قىلىشتىكى ئامىل ئىقتىسادىنى باش نىشانى قىلىش تۈپ دۆلەت سىتىراتېگىيسى بولۇش زۆرۈرىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن .

ھازىرقى زامان ھۆكۈمەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادنى ياخشى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاش ئەڭ مۇھىم تەلەپ، ئىلگىرى، دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ مەسلىھەتچىسى ھەربىي ئالىم، سىياسىيونلار بولغان بولسا، ھازىر مەسلىھەتچىلەر، ئىقتىسادى شۇناس، جەمئىيەتشۇناسلاردىن چىقىدىغان بولدى، بولۇپمۇ ھازىرقى دۇنيادا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيە، سىياسىتىنى قانداق تۈزۈش، ئۇلارنىڭ گۈللىنىش ياكى ھالاكىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. بۇنىڭدىن كېيىنكى دۇنيا ئىقتىسادىي چىگرالار ئاساسەن يوقالغان دۇنيا بولىدۇ، ئەگەر دۆلەتلەر ناھايىتى دانا بولمىسا، ئۇلار بىلىپ-بىلمەي ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىغا ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، ھازىر گەرچە دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ياخشى تەرەققىي قىلغان، ئىقتىسادىي ئاساسى ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل ياخشى ھالەت مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. ھەر ۋاقىت ئىقتىسادنىڭ ۋەيران بولۇش، تۈگۈشىش خەۋپى بار. ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىساد باشقۇرۇشتىكى ناباپلىقى ھەر ۋاقىت شۇ دۆلەتنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىشى مۇمكىن. 1997- يىلىدىكى شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا پۇل – مۇئامىلە كرىزىسى ۋە ھازىرقى ئارگېنتىنانىڭ ئۇچرىغان قىيىنچىلىقى بۇ مەسىلىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، بۇنڭدىن 3-4 يىل ئاۋۋال ئارگېنتىنا 3-دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىيات ئۈلگىسى دەپ تەرىپلىنەتتى، مانا ئەمدى كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچىلا ۋەيرانە دۆلەتكە ئايلىنىپ قالدى.

دېمەك، بۈگۈنكى دۇنيا جەمئىيىتىنى غايەت زور بىر تور دېسەك، بۇ تور ئىقتىسادتىن ئىبارەت يىپتا توقۇلغان، نۇرغۇن ساددا، ئاق كۆڭۈل، قىزىققان كىشىلەر ئىقتىسادنىڭ رولىنى ئىنكار قىلىپ روھىي كۈچنىڭ رولىغا ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچ قىلىدۇ. ئۇلار نامراتلىق تۈپەيلىدىن تارتقان تالاپەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، (رېئاللىق تاڭغان مەسىلىلەرگە ئارقىسىنى قىلىۋېلىش ئاجىزلارنىڭ بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى) ئۇلار ئېرىشىشنى ئارزۇلاۋاتقان نەرسىلەر ئۆزى ئېتىراپ قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، شۇ نەرسىلەرنىمۇ ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار قورسىقى ناھايىتى ئېچىپ كەتكەن، ئەمما باشقىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىۋاتقان ناننىڭ ئۆزىنىڭمۇ قورسىقىنى تويغۇزالايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدىغان ھاماقەتلەردۇر. ئاجىزلارنىڭ ئېرىشەلمىگەن نەرسىلىرى كۈچلۈكلەردە بولسا، شۇ نەرسىدىنمۇ ئېۋەن تېپىپ چىقالايدۇ. يۇقىرىقىدىن يەكۈن چىقارماق ھازىرقى زامان جەمئىيەتلىرىمۇ پەن تېخنىكا سانائىتىنىڭ ئىقتىسادنى غايەت زور تەرەققىي قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن. دېمەك، ئۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ئىقتىسادتىن ئايرىلالمىغان ھازىرقى مەۋجۇتلۇقلىقى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىمۇ  ئوخشاشلا ئىقتىسادنى باش شەرت قىلىدۇ.

خوش، ئىقتىسادنىڭ ھازىرقى زامان جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقنى سۆزلەپ ئۆتتۇق، ئۇنداقتا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن نېمىلەرگە تايىنىدۇ؟

بىرىنچىدىن ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاۋۋال ماددىي بايلىق مەنبەسى، يەنى خام ئەشيا بولۇش كېرەك، بۇ بىرىنچى شەرت، مەشنىڭ ئۆينى ئىسسىتىشى ئۈچۈن، ئاۋۋال ئوتۇن – كۆمۈر بولمىسا بولمىغاندەك بىر ئىش، بۇ ھەرگىزمۇ بايلىق مەنبەسى مول زېمىنغا جايلاشقان خەلقلەر چوقۇم بايلىق مەنبەسى كەمچىل زېمىندىكى خەلقلەردىن باي، كۈچلۈك كېلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، مەيلى خام ئەشيا شۇ زېمىندىن چىقسۇن ياكى باشقا چىقىدىغان جايلاردىن سېتىلىۋېلىنسۇن، ئۇ چوقۇم ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنىڭ ماددىي ئالدىنقى شەرتى، ئۇنىڭ ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى ئۇنىڭ ئاز-كۆپلۈكى تەرپىدىنلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. مانا بۇ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئىككىنچى مۇھىم ئامىل ئەقىل جۇغلانمىسى.

ئىككىنچىسى، ئەقىل جۇغلانمىسى. بۇ ماددىي ئامىل، يەنى خام ئەشيادىن قانداق پايدىلىنىشنى، ئۇنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولۇپ، ئاددىيراق ئېيتقاندا، ھۈنەر- سەنئەت، ھازىرقى زامان تىلى بىلەن ئېيتقاندا، پەن تېخنىكا، بىلىمنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ فۇنكسىيسى خام ئەشيانى تىرىلدۈرىدۇ . خام ئەشيا ئەسلى بىر ئۆلۈك ماددىي نەرسە، ئەمما ئۇ ئەقىلنىڭ پىششىقلىشىدىن ئۆتكەندە، يېڭى قىممەت ئىقتىدار قېتىلغان يېڭىچە بىر بۇيۇمغا ئايلىنىدۇ، ھازىرقى زاماندىكى باي-نامراتلار پەرقى ئۆزىدىكى خام ئەشيادىن قانچىلىك پايدىلىنىش ئىقتىدارى، يەنى چۈشىنىشلىك دېگەندە ئۇلاردىكى پەن-تېخنىكا جۇغلانمىسىدىن قانچىلىك يېڭى قىممەت ئىقتىدار قېتىلغان يېڭىچە بىر بۇيۇمغا  ئايلىنىدۇ،ھازىرقى زامان تېخنىكا جۇغلانمىسىدىن پەيدا بولغان، بۇ يەردە مېڭە بىرىنچى ئامىل، تۆمۈر بايدىمۇ بار، نامراتتىمۇ بار، ئەمما تۆمۈر بايدا ماشىنا، تانكا، ئايروپىلانغا ئايلانغان بولسا، نامراتتا، كەتمەن، گۈرجەك، بولقىغا ئايلانغان، پەن-تېخنىكا دەل تۆمۈرنىڭ نېمىگە ئايلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل.

ئەقىل جۇغلانمىسى ئىچىدىكى يەنە بىر مۇھىم ئامىل ئادەملەردىكى تىجارەت ئىقتىدارى، بۇ تەييار بولغان مەھسۇلاتنى بازاردا پايدىغا ئايلاندۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى زاماندا بۇ پەۋقۇلاددە ئىقتىدار بولۇپ، بۇنىڭ بولماسلىقى بىلەن نۇرغۇن خام ئەشيالىرى، مەھسۇلاتلىرى بار كىشىلەر يەنىلا باي بولالماي يۈرىدۇ. مەسىلەن، دېھقاندا زېمىن بار، ئاشلىق كۆپ، ئەمما ئاشلىق سودىگەرلىرى دېھقاندىن باي، قاسساپلار چارۋىچىدىن باي.

بەزى ھاللاردا مەلۇم بىر جاينىڭ كىشىلىرى ھۈنەر، تېخنىكىغا، تىجارەتكە ماھىر بولۇشى، تەبىئىي بايلىقىمۇ بولۇشى، ئەمما يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقى مۇمكىن، بۇنداق ۋاقىتتا بىز سەۋەبنى، شۇ يەردىكى ئىقتىسادىي سىستېمىنىڭ بەرپاچىسى ھۆكۈمەتتىن ئىزدەيمىز.

ئۈچىنچىسى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە مەلۇمكى ھازىرقى زاماندا، ئىقتىساد يۈكسەك دەرىجىدە تۈزۈملەشكەن، سىستېمىلاشقان، دۆلەت تەرىپىدىن بىر تۇتاش ئىدارە قىلىنىدىغان، بىر پۈتۈن سىستېما، شۇنداقلا دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى ھۆكۈمەت ئۆز فۇنكسسىيسىنى، ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان ساھە، مەن يۇقىرىقى تىلغا ئالغان ئىقتىسادىي تۈزۈلمە دەل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۈچۈن تۈزۈپ چىققان ئىقتىسادىي تەدبىر، تۈزۈم سىياسەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن سىستېمىسىنى كۆرسىتىدۇ، ياكى بۇ باشقىچە ئېيتقاندا، ماركسىزىم پەلسەپىسىدىكى ئىقتىسادىي بازىغا قۇرۇلىدىغان ئۈستقۇرۇلما، ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنىڭ قانداق بولۇشى، مەزكۇر رايوندىكى خام ئەشيا، پەن – تېخنىكا ئەۋزەللىكىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى شارائىت، تاشقى مۇھىت جەھەتتىن بەلگىلەيدۇ، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تاشقى مۇھىت يارىتىپ بېرىدۇ، بىر ئادەم يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە نۇرغۇن پايدىلىق ئەمەلىي بىلىم بىلىشى، شۇ رايوندا شۇنىڭ بىلىمىگە ماس تەبىئىي شارائىتمۇ بولۇشى كېرەك، ئەمما شۇ جايدىكى شۇ تەبىئىي بايلىق ھەققىدىكى سىياسەت، تەدبىرلەر تولىمۇ قالاق، ئۈنۈمسىز (مەسىلەن، باج يۇقىرى، رەسمىيەت تولا دېگەندەك ) ھېلىقى بىلىملىك ئادەم يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقى مۇمكىن.

جۇڭگومۇ باشتا كوپىراتسىيىلىشىش يولىدا ماڭدى (ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ بىر ئىقتىسادى تۈزۈلمە)، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى، 78- يىلدىن كېيىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئىقتىسادتا ياخشىلىنىش كۆرۈلدى، ئەمما يەنىلا بەزى مەسىلىلەر يوقالمىدى، كېيىن پىلانلىق ئىگىلىكتىن بازار ئىگىلىكىگە ئۆتتى، ئەمدىلىكتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىردى، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى، ئىقتىسادى تۈزۈلمىدىكى زور ئىسلاھاتلار بولۇپ، ھەر بىر قېتىملىق ئىسلاھات، جۇڭگوغا غايەت زور پايدا ئېلىپ كەلدى. ئىقتىسادىي تۈزۈلمىدىكى ئىقتىساد ماھىيەتتە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ئەركىن -ئازادە ئىقتىسادىي مېخانىزم يارىتىپ بېرىپ ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى ھەددىدىن زىيادە چىڭ كونترول قىلىۋېلىشىنى بوشاشتۇرۇشتۇر، ھازىرقى دۇنيادىكى ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكنى، يەنى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلشىۋالمايدىغانلىقىنى، بازارنىڭ تەبىئىي قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز .

ئەمدى بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ مۇناسىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا بۇ ئۈچىنىڭ مۇناسىۋىتى بىر-بىرىگە چەمبەر چاس باغلانغان بولىدۇ، بىر-بىرىگە تايىنىدۇ، بىر-بىرىنى شەرت قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئامىلنى ئالاھىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتى بار دەپ قاراشقا بولمايدۇ، بۇلاردىن بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ھازىرقى زاماننىڭ ئىقتىسادى ھالىتىدىن قارىغاندا، كېيىنكى ئىككى ئامىل پەن-تېخنىكا سەۋىيىسى ۋە تۈزۈلمە ئەۋزەللىكنى تېخىمۇ، بەكرەك مۇھىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە، ئەلۋەتتە، خام ئەشيا ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى، ئەمما ھازىر خام ئەشيانى خام ئەشيا پېتى سېتىپ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پەقەت قالاق ئەللەرنىڭلا ئىقتىسادىي ئەندىزىسىگە ئايلىنىپ قالدى، بىرى بىر تاغار بۇغداينى 100 كويغا سېتىپ خوش بولسا، يەنە بىرى بىر تاغار بۇغدايدىن 1000 كويلۇق قىممەت يارىتىپ پۇل تاپالايدۇ، بۇ يەردە بىلىم شۇنداق زور دەرىجىدىكى پەرقنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. ھازىرقى زامان دۇنيا ئىقتىسادى خەرىتىسىگە قاراپ باقىدىغان بولساق، تەبىئىي بايلىقلارنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك تەرەققىي قىلمىغان 3- دۇنيا ئەللىرىگە جايلاشقانلىقىنى، ئەمما بۇ بايلىقلاردىن شۇلار ئەمەس، بەلكى تەرەققىي تاپقان ئەللەرنىڭ بەكرەك ۋايىغا يەتكۈزۈپ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇلارنىڭ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئۆتكەندە تېلېۋىزوردا« دۇنيادىكى ئىشلار» پروگراممىسىدا 100 چە ئادەمنىڭ لوندۇندا ئېشەككە قەھۋە ئارتىپ نامايىش قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى، چۈشەندۈرۈلۈشىچە، يەر شارى مىقياسىدا قەھۋە ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلىپ قەھۋە تەمىنلەش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن قەھۋەنىڭ زور دەرىجىدە چۈشۈپ كېتىپ قەھۋە ئىشلەپ چىقارغۇچىلار زور زىيان تارتقان، پايدىنى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىپ پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان زاۋۇت-شىركەتلەر ئالغان، بۇ كىشىلەر زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ پايدىسىنىڭ بىر قىسمىنى قەھۋە تېرىغۇچىلارغا ئايرىپ بەرسۇن، دەپ نامايىش قىلغانىكەن، قەھۋە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە ئافرىقىدىكى دۆلەتلەردىن چىقىدۇ، ئۇنى سېتىۋېلىپ پىششىقلايدىغان شىركەت-زاۋۇتلار بولسا، ياۋروپا، ئامېرىكىدا.

ياپونىيە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان تەبىئىي بايلىق ئىنتايىن كەمچىل دۆلەت، ئەمما ئىقتىسادى ئى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ياپونىيىنىڭ پەن- تېخنىكا، تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقى كەمچىل بولۇشتەك كەمچىلىكىنى تولۇقلاپ كەتكەن.

يەنە مىسالغا ئالىدىغان بولساق، يۇرتىمىز شىنجاڭ جۇڭگونىڭ مۇھىم پاختا، ئاشلىق بازىسى، ئەمما نامراتلىق بۇ يەرنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك ئالاھىدىلىكى، بۇ يەردە پاختا كۆپ ئىشلەپ چىقىرىلغان بىلەن پاختىدىن ئىشلىنىدىغان بازار تاپقان داڭلىق مەھسۇلاتلار يوق دېيەرلىك. مېۋە كۆپ چىققان بىلەن باققاللار نامرات. دېمەك، تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى تېخنىكا، تۈزۈلمە ئەۋزەللىكىدىن ئايرىلىپ قالسا، ئۇ بىر قۇرۇق شوئارغا ئايلىنىدۇ، قاراپ باقىدىغان بولساق، قەيەر نامرات، ئىقتىسادىي قالاق بولسا، شۇ يەرنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەت تۈزۈلمىسى قالاق، قۇرۇق رەسمىيەت -قائىدە ھەددىدىن زىيادە تولا. ناۋادا بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسى ئىلغار، سىياسەتلىرى ئۈنۈملۈك بولسا، گەرچە ئۇ يەردىن خام ئەشيا چىقمىسىمۇ، پەن-تېخنىكا ئەۋزەللىكى بولسىمۇ، شۇ رايون چوقۇم تەرەققىي قىلىدۇ. ئىلغار تۈزۈلمىلەشكەن مۇھىت خام ئەشيانىمۇ، پەن تېخنىكىنىمۇ جەلپ قىلىپ ئەكېلەلەيدۇ، دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەر بۇنىڭ تىپىك مىسالى. شياڭگاڭ ئەسلى بىر كىچىككىنە بېلىقچىلىق يۇرتى، ئەمما ھازىرغا كەلگەندە دۇنيانىڭ مۇھىم پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ بىرى. بۇ يەردىكى ھەل قىلغۇچ ئامىلمۇ شياڭگاڭنىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئەۋزەللىككە قېتىلغان تۈزۈلمە ئەۋزەللىكى.

دېمەك، يۇقىرىقى بايانلىرىمىزدىن شۇ مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇكى، ئىقتىسادىي تەرەقىياتتىكى يۇقىرىقى ئۇچ ئامىلنىڭ بىرى كەم بولسا بولمايدۇ، بولۇپمۇ تېخنىكا، تۈزۈلمە بۈگۈنكى دۇنيا ئىقتىسادىدا تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ ھەل قىلغۇچ ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەگەر بىز نامراتلىقىمىزنىڭ سەۋەبىنى ئىزدىسەك چوقۇم مۇشۇ ئۇچ خىل ئامىل بىلەن ئۇچرىشىپ قالىمىز. خام ئەشيا ماددىي شەرت، تېخنىكا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، تۈزۈلمە بولسا زۆرۈر شارائىت.

 

مەدەنىيەت

مەن باشتا تىلغا ئالغان «بۇ مەۋجۇتلۇق ئۆزىمىزگىلا ۋەكىللىك قىلالايدىغان مەۋجۇتلۇق بولۇشى كېرەك» دېگەن سۆز ھېلىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى مۇمكىن، مانا بۇ دەل بىر جەمئىىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت سالاھىيىتى كۆزدە تۇتۇلۇپ ئېيتىلغان .

ئۇنداقتا، خاسلىق دېگەن نېمە؟ بۇ سۆزنىڭ مەنىسىدىنلا مەلۇم بولۇپ تۇرۇدىكى، خاسلىق مەلۇم شەيئىنىڭ ئۆزىدىلا بار بولغان، ئۇنى باشقا شەيئىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان، ئالامەت، خۇسۇسىيەتلەر. بۇ ئالامەت، خۇسۇسىيەتلەر بىرلىشىپ شۇ شەيئىنىڭ سالاھىيتىنى شەكىللەندۈرىدۇ، مانا بۇ سالاھىيەت شۇ شەيئىنىڭ ئۆزلۈكىنى ساقلاپ ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلىدىغان، ئۆزىگىلا دېرەك بېرىدىغان يات شەيئىلەرگە ئوخشاپ قېلىشتىن ساقلايدىغان مۇھىم كاپالەت .

بىر مىللەت بىر قوۋم، بىر جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئۇلارنى باشقا قوۋم، جەمئىيەتلەردىن ماھىيەتلىك پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغىنى مەزكۇر جەمئىىيەتنىڭ ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا سەۋىيسى ياكى نوپۇسى ۋە ياكى ئۇلارنىڭ ئىگە بولغان تېرىتورىيىسى بولماستىن، بەلكى شۇ جەمئىىيەتنىڭ مىراس مەنىۋى تىندۇرمىسى بولغان مەدەنىيتىدۇر. پەقەت مەدەنىيەتلا ئۇلارنىڭ (شۇ جەمئىىيەتنىڭ) ھەقىقىي سالاھىيىتىگە ۋەكىللىك قىلالايدۇ، ئۇنىڭ كىملىكىنى، قانداق جەمئىيەتلەرنىڭ دوستى، قانداق جەمئىيەتلەرنىڭ دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ،، بۇ خۇددى كىمنى قوللاپ، كىمگە قارشى تۇرۇشنى بىلەلمىگەن ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ زادى كىملىكىنىمۇ تازا ئېنىق ئاڭقىرالمىغاندەك ئىش.

بىزنىڭ ھازىرقى مۇلاھىزىمىز، مەدەنىيەتنىڭ زادى قانداق ئۇقۇم، ئىكەنلىكى ئۇنىڭ قانداق خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ بارلىقى، بەلكى مەدەنىيەتنىڭ بىر جەمئىيەت مەۋجۇتلۇقىدا تۇتقان ئورنى ھەم مەدەنىيەتنىڭ كۈچىيىشدە تايىنىدىغان زۆرۈر ئامىللىرى ھەققىدە بولىدۇ.

ئىنساننىڭ مېڭە، قەلبكە ئىگە ئىكەنلىكى ئۇلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرقلىنىپ مەدەنىيەتلىك ياشىشىنى بەلگىلىگەن، ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەتتىن مەھرۇم ھالەتتە ئىنسان ھېسابلانغانلىقى شەيئى قىممىتىنى ھازىرقى زامان كىشىلىرىدەك ماددىي نۇقتىدىنلا ئۆلچەيدىغان، كۆزەتمەيدىغانلارغا ئايان بىر پاكىت.

ئادەم ئۆزىنىڭ تىرىك تۇرالىغانلىقىنى ئەڭ زور مۇۋاپەقىيەت دەپ ساناپ شۇنىڭدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ ئولتۇرمايدىغان بىر مەخلۇق، ئۇ قىلغان ھەر قانداق ئىشتىن مەنە ئىزدىگۈچى، دەل ئىنسانلارنىڭ توختاۋسىز مەنە ئىزدەش تەبىئىتى مەدەنىيەتنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، مەدەنىيەتنى غايەت زور مەنىلەر تۈرى دېسەك، ئىنسان شۇ تورغا ياماشقان بىر ئۆمۈچۈك، مەلۇم بىر ئادەملەر توپىنىڭ ئوخشاش بىر جۇغراپىيىلىك مۇھىتتا ئۇزاق مۇددەت بىرگە ياشىشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئورتاق تارىخىي كەچۈرمىشلىرى شۇ تۈپتىن باشقا كىشىلەر توپىدا بولمىغان خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ خاسلىقلار شۇ توپنىڭ ھەر قانداق بىر ساھەسىگە مەيلى تەپەككۇر ئۇسۇلى، پەلسەپىۋى ئىديىسى، قارىشى، مەيلى كىيىم-كېچىكى، يېمەك-ئىچمىكى، يۈرۈش تۇرۇشى، پسىخىكىسى، تىرىكچىلىك ئۇسۇلى، بىناكارلىق. ئۇسۇلى. . . بولمىسۇن، ھەممىگە ئورتاق سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ خىل خاسلىقلار دەل شۇ توپنىڭ مەدەنىيىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىدىن مەدەنىيەتنى بەلگىلىك كىشىلەر توپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئورتاق تارىخىي قىسمەتنى باشتىن ئۆتكۈزۈش جەريانىدائىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھە، قاتلاملىرىدا شەكىللەنگەن ئورتاقلىقلارنىڭ يىغىندىسى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ياكى ئۇ ئۇزاق تارىخىي مۇساپىلەردە تەدرىجىي شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مىراس. ئارتولوتوينىڭ قارىشىچە بولغاندا، مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىشى، دىن بولسا مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى.

ئىنسانلار ئۆز ئارا پەرق- ئوخشاشلىق ئارىلىشىپ كەتكەن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مۇتلەق كەسكىن پەرق، مۇتلەق ئوخشاش مەۋجۇت بولمايدۇ، ئىنسانلاردا پەرق بار، ئورتاقلىمۇ بار، ئەمما پەرق، ئورتاقلىق ئىنسانلار تەۋە بولغان مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئوخشاش بىر مەدەنىيەتكە تەۋە ئادەملەردە ئوخشىمىغان مەدەنىيەتكە تەۋە ئادەملەرگە قارىغاندا ئورتاقلىق كۆپ بولىدۇ. ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئەھلى، كونكىرېت مەسىلىلەردە پەرقلەنگەن بىلەن ئەممە ئابستراكت ئۇمۇمىي مەسىلىلەردە ئورتاقلىقنى ساقلايدۇ. ياۋروپالىقلار زوقلانغان نەرسىلەردىن ئەرەبلەر نەپرەتلىنىشى ئەرەبلەر ئارزۇلىغان نەرسىلەرنى، ياۋروپالىقلار نەزىرىگىمۇ ئىلماسلىقى مۇمكىن. مانا بۇنى مەدەنىيەت بەلگىلەيدۇ، مەدەنىيەت دەل شۇ جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىكى ھېسابلىنىدۇ، مەدەنىيەت ئۆز ئەھلىگە ئورتاق غايە، ئورتاق پىكىر قىلىش ئۇسۇلى، ئورتاق قىممەت قارىشى بىرىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ شۇلارنىڭ مەۋقەسى، بايرىقى ھېسابلىنىدۇ، باشقىلار ئۇلارنى شۇ بايرىقى بىلەن تونۇيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئېتراپ قىلىدۇ، دېمەك، بىر قەۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا نىسبەتەن شۇ قەۋمنىڭ سالاھىيىتى، كىملىكى، كىم بىلەن بىر سەپتە كىم بىلەن ئەمەسلىكى ئۇلار تەۋە مەدەنىيەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، يەنە مەدەنىيەت بىر قوۋمنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ يىغىندىسى بولغاچقا، شۇ قوۋمنىڭ مەۋجۇتلۇقنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن ئايرىلىپ تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس .

 ئەسكەرتىشكە تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، مەدەنىيەت ئۆز قوۋمىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئۆزىگە خاس قىممەتكە، مەنىگە ئىگە قىلسىمۇ، ئەمما شۇ قوۋمنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بەلگىلىيەلمەيدۇ (ئەلۋەتتە بۇنىڭغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ، ئەمما بەلگىلىيەلمەيدۇ ).

مەدەنىيەت بىر پۈتۈن سىستېما، ئەمما ئۇ نۇرغۇن تەركىپ ئامىللاردىن تەركىب تاپقان، بۇ ئامىل تەركىبلەرنىڭ مۇھىم، يا ئەمەسلىكىنى شۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىچىدە تۇتقان ئورنى، مەدەنيەتكە قارىتا ئوينايدىغان رولى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. بۇ ئامىل تەركىپلەرنىڭ مۇھىم، يا ئەمەسلىكى شۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئىچىدە تۇتقان ئورنى، مەدەنيەتكە قارىتا ئوينايدىغان رولى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، بەزى تەكىبلەر يادرولۇق، نېگىزلىك بولىدۇ، يوللار مەدەنىيەتنىڭ يىلىكى ھېسابلىنىدۇ يەنە بەزىلىرى ئىككىلەمچى ئورۇندا بولىدۇ، ئۇلار يىلىكنىڭ تاشقى ئىپادىلىرى ياكى قاسىرىقى بولىدۇ، قاسىراقنى ئالماشتۇرۇش گەرچە مەدەنىيەتكە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۇ مەدەنىيەتنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ، ئەمما يىلىك چۇقۇم بولۇشى، يوقالماسلىقى شەرت، مەدەنىيەت يىلىكىنىڭ يوقىلىشى ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەتنىڭ يوقىلىشى ھېسابلىنىدۇ، مېنىڭچە بىر مەدەنىيەتنىڭ دۇنيا، ئىنسان تۇرمۇش ھەققىدىكى تۈپكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى ھاياتلىق ھادىسىلىرىرىگە تۇتقان قېلىپلاشقان ھۆكۈم-ئۆلچەملىرى تىلى مەزكۇر مەدەنىيەتنىڭ يىلىكى ھېسابلىنىدۇ.

 ئاۋام ئۆز مەدەنىيتىنى ھاسىل قىلغان مۇھىتتا ئىستىخىيىلىك تەرىزدە مەدەنىيتىنى سىزغان يىل بويىچە ياشايدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ جەرياندا ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ رېئاللىقتىكى ئىستىقبالى، تەقدىرى، قىممىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ. مەدەنىيتى تەھدىتكە، كۈچلۈك بېسىمغا،يات مادەنىيەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان چاغدا، ئاندىن ئۆز مەدەنىيىتى ھەققىدە ئويلىنىشقا قىممىتىنى قايتىدىن تونۇپ يېتىشكە باشلايدۇ، ئەمما بۇ چاغدا ئۇلار خېلىلا كېچىككەن بولىدۇ، بۇ چاغدا ئۇلار ئۆز مەدەنىيتىنى قوغداشقا، تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچەيتىشكە توغرا كىلىدۇ، ئۇنداقتا مەدەنىيەتنىڭ كۈچىيىشىدە تايىنىدىغان ئامىللىرى نېمە؟ مەن بۇنى تۆۋەندىكى تۆت ئامىلغا يىغىنچاقلىدىم.

1. نوپۇس. ئەلۋەتتە بۇ شۇ مەدەنىيەتكە تەۋە كىشىلەرنىڭ ئاز كوپلىكىنى كۆرسىتىدۇ مېنىڭچە نۇپۇسنىڭ مۇھىملىقىنى ئۇقۇرمەنلەر چۇشەنسە كېرەك. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئامىلى ئادەمسىز مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايان ھەقىقەت. ئەمما، نوپۇس يەنىلا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس. مەسىلەن، 19- ئەسىرلەردە ھىندى جۇڭگو مەدەنىيىتى ناھايىتى زور نۇپۇسقا ئىگە ئىدى، ئەمما مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئۇلارنىڭ نۇپۇسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ تۈزمىدى.

2. تېررىتورىيە. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، مەدەنىيەت گەۋدىسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىدىكى زېمىن ئاساسى، بۇمۇ ئوخشاشلا بولمىسا قەتئىي بولمايدىغان ئامىل. ئەمما يەنىلىلا ھەل قىلغۇچ ئامىل ئەمەس، يۇقىرىقى مىسال يەنىلا بۇنى چۇشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، جۇڭگۇ، ھىندىستاننىڭ زېمىنىنىڭ چوڭلۇقى ھەممىگە ئايان.

3. كۈچ. بۇ سىياسىي ئىقتىسادى ئەمەلىي كۇچى، ھەربىي كۈچ، پەن – تېخنىكا كۇچىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە بۇنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى ھەممە ئادەم ھىس قىلالايدۇ. شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىقتىدارىنى، ھەتتا تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئامىل. بۇ مەدەنىيەتنىڭ كېڭىيىشىنىڭ، تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى.

4.يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى. بۇ مەدەنىيەتنىڭ ھەزىم قىلىش، ماسلىشىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ، يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك مەدەنىيەت ئۆزىنىڭ سىجىل مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن قاسىراق تاشلايدۇ، ئەمما قاسىراقنىڭ تاشلىنىشى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىسىگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، يىلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، روشەنكى يېڭى قاسىراق يەنىلا ئەسلىدىكى مۇسكۇلدىن ئوزۇقلىنىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىدە ئەبەدىيلىك قىممىتىگە ئىگە نەرسىلەر، شۇنداقلا ۋاقىتلىق نەرسىلەرمۇ بولىدۇ.

 قىسقىسى، بىر مەدەنىيەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ھالىتى، ئىپادىسى، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئامىللاردىن شەكىللەنگەن رېئال ئەمەلىي كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، ھەم بۇ ئامىللار مەدەنىيەتنىڭ كۆلىمى ۋە ئېنېرگىيسىنى ھاسىل قىلىدۇ، مەدەنىيەتنىڭ خاسلىقى پەقەت ئۇنى باشقا مەدەنىيەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئامىل بولۇپ قالماستىن مۇھىمى شۇ مەدەنىيەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىچكى مەزمۇنى، نېگىزى بولىدۇ، يۇقىرىقى توت خىل ئامىل ئادەتتە بىر بىرى بىلەن كىرىشىپ كېتىدۇ، ھازىرقى زاماننىڭ ئومۇمىي ھالىتىدىن قارىغاندا 3-ۋە 4- ئامىلنىڭ مەدەنىيەت گەۋدىسىگە كورسىتىدىغان تەسىرى بەكرەك گەۋدىلىك بولماقتا.

 قىسقىسى، مەدەنىيەت بىر جەمىئەتنىڭ ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە مەزمۇنىدىن ئىبارەت، مەزمۇنسىز گەۋدە ھېچنىمىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ئۆز مەدەنىيىتىدىن ئايرىلغان جەمىئيەت، يۇقالغان جەمىئيەت، گەرچە ئادەملىرى تىرىك يۈرسىمۇ. ئەمدى توختىلىدىغىنىمىز مەۋجۇتلۇقنىڭ 3-مۇھىم ئامىلى ھۇقۇق.

 روشەنكى، ئادەم يەككە – يىگانە ھالدا ياشايدىغان مەخلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئىجتىمائىي سىياسىي مەخلۇق، ئىنساننىڭ بىر ئىجتىمائىي گەۋدىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ ياشىشى ئۇنىڭ سىياسي سالامەتكە ئىگە بىر بىرلىك بولۇشى بەلگىلەنگەن. ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇرەككەپ ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ياكى ئىنسانلاردىكى باشقۇرۇش باشقۇرۇلۇش، ھۆكۈمىرانلىق قىلىش، قىلىنىش مۇناسىۋىتى ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىگە خاس بىر ئىجتىمائىي بوشلۇق ياراتقان، بۇنى ئىنسانلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى مەيدانغا كەلتۈرگەن. مانا بۇ ئىجتىمائىي بوشلۇق ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم قورال شۇ بوشلۇققا لايىقلاشقان ھوقۇقتىن ئىبارەت.

 ھەر بىر يەككە شەخىسنىڭ بەھرىمەن بولغان ھۇقۇق شۇ شەخسنىڭ، شۇ ئىجتىمائىي گەۋدە ئىچىدىكى سىياسىي سالاھيتىنى، ئىجتىمائىي ئورنىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ ئورۇن بولسا، شۇ شەخسنىڭ پائالىيەت ئەركىنلىكىنىڭ چىڭ چېگرىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىش زۈرۈركى، مەن باشتىلا تىلغا ئالغان مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنىسىنى شەرھلىگەندە «بۇ مەۋجۇتلۇق مەيلى خان، مەيلى قۇل بولسۇن، ئىشقىلىپ ئۆلۈپ قالمىغانلا گەۋدىگە قارىتىلغان»، دېگەنىدىم، بۇنىڭدىن شۇنى بىلمەك قىيىن ئەمەسكى، مەلۇم بىر قوۋمنىڭ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېتراپ قىلىشىشىغا ئېرىشىشى ئورۇندا باراۋەر بولالىشى دەل ئۇلار بەھرىمەن بولىۋاتقان ھۇقۇقنىڭ خاراكتىرى دەرىجىسى كۆلىمى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

 ھوقۇققا بولغان چۇشەنچە تارىختىن بۇيان ھەرخىل بولۇپ كەلدى، تا بۈگۈنگە قەدەر پۇتۈن دۇنيا خەلقى ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان مۇقىم بىر ئۆلچەملىك ھوقۇق چۈشەنچىسى مەيدانغا كەلگىنى يوق. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئوخشىمىغان ئىدېئولوگىيە، ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمگە تەۋە قەۋملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ھوقۇق ھەققىدىكى بىر قاتار، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان چۈشەنچىلەر بار. مەلۇم نوقتىدىن ھوقۇق ھەققىدىكى ئوخشىمايدىغان چۈشەنچىلەر يۇقىرىقى تىلغا ئېلىنغان ئوخشىمىغان ئىجتىمائىي سىياسىي مۇھىت ئاستىدىكى خەلقلەرنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ئەركىنلىك ۋە ئادا قىلىدىغان مەجبۇرىيەتلەرنىڭ ئومۇمىي رامكىسىنى بەلگىلىگەن شۇنداقلا ھازىرقى سىياسىي، ئىجتىمائى ئىختىلاپلارنىمۇ كەلتۇرۈپ چىقارغان دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بولۇپمۇ ھوقۇق ھەققىدىكى چۇشەنچىدە شەرق بىلەن غەرب پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان قاراشقا ئىگە.

 غەربلىكلەر نەزىرىدە شەيئىلەر پۇتۇنلەي ھاكىم مۇتلەق، مۇستەبىت شەخسنىڭ ھوقۇقى مۇتلەق كاپالەتكە ئىگە ئەمەس بۇ يەردە كوللىكتىپنىڭ ھۇقۇقى چەكسىز، شەخس ھەر ۋاقىت كوللېكتىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھۇقۇقىدىن ۋاز كېچىشى، كوللېكتىپ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى تەقدىم قىلىشى كېرەك. كوللىكتىپ شەخسنىڭ ئەركىنىلىكى، ھۇقۇقى، ئىقتىدارىنى بۇغۇۋالغان كوللېكتىپ ئالدىدا شەخىس ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ. پۇقرالىرىنىڭ مەجبۇرىيتى ئۇلارنىڭ ھوقۇقىدىن بەكرەك تەكىتلىنىدۇ. . .

 شەرقلىقلەرنىڭ نەزىرىدە بولسا، غەرب شەخىسنىڭ ھوقۇقنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلەپ، ئۇنى مۇقەددەس دەخلىسىز ئۇرۇنغا قويغان، كوللېكتىپنىڭ ھۇقۇقى نەزەردىن ساقىت قىلىنغان. شۇ سەۋەبتىن جەمئيەتتە شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك ئەجەللىك ئىدىيلەر ئەۋج ئالغان، ھوقۇق بەكلا تەكىتلىنىپ مەجبۇرىيەتكە سەل قارالغان، كوللېكتىۋىزىملىق روھى يوقاپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ئاجىزلىغان . . . . . . .

 ئەلۋەتتە، ئوخشىمىغان چۈشەنچىلەرنىڭ بولۇشنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە، يەنە شۇ ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت پەرقىدىن كەلگەن، مەيلى ھازىر بىرلىككە كەلگەن بىرەر چۈشەنچە تېخى مەيدانغا كەلمىگەن بولسىمۇ ياكى ھەر قايسى ئەل خەلقلىرى ئارسىدا بۇ ھەقتە روشەن ئىختىلاپلار بولسۇن، شۇنىسى ئېنىقكى، دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر شەخس ياكى جەمئىيەت مۇئەييەن بىر ھوقۇق ھالىتىنى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، (مەيلى بۇ خىل ھۇقۇق ھالىتىنىڭ دەرىجىسى، خاراكتېرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر) ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شۇ ھوقۇق ئايرىپ تەسەۋۋۇر قىلغىلىمۇ، چۇشەنگىلىمۇ بولمايدۇ، ھوقۇقسىز ئۇلارمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ.

 مەلۇمكى، ئىنسان خۇددى ئارىستوتىل ئېيتقاندەك بىر سىياسىي مەخلۇق، ئۇ دۆلەت جەمىئىيەت دېگەندەك بەلگىلىك سىياسىي كاتېگورىيەلەردە ياشايدۇ، بۇ سىياسىي كاتېگورىيەلەر شەخسكە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ھوقۇق بېرىدۇ، ئۇنىڭ سىياسىي سالاھىيىتىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ يەردىكى سىياسىي سالاھىيەت ماھىيەتتە شۇ شەخسنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق مەجبۇرىيىتىنىڭ دائىرىسى، خاراكتىرىگە ئاساسەن ئېيتىلغان. بولۇپمۇ بۈگۈنكى دۇنيادا بەلگىلىك دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئادەملەر ئاساسەن دېگۈدەك يوق (پەقەت ياۋايى ئادەملەردىن سىرت) ئادەملەر دەل شۇ دۆلەت ئىچىدە ياشايدۇ، پائالىيەت قىلىدۇ، دۆلەت شەخسنىڭ شۇ دۆلەت پۇقرالىق سالاھىيتىنى، ئۇنىڭ شۇ دۆلىتىنىڭ قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرى ئارقىلىق بەلگىلەپ بېرىدۇ. يەنى ئۇنىڭ پۇقرا سالاھىيىتىدىكى قانۇنلۇق پائالىيەت چىگرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇ پەقەت شۇ دۆلەت ئىچىدىكى شەخسكە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۇك ئورتاق بولىدۇ، ئەمما پۇقرالارنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان ساھەلىرىدىكى ئورنى، ئۇلارغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئايرىم-ئايرىم سالاھىيەت، ھۇقۇق ئەكېلىدۇ، دۆلەتنىڭ يەنە ئوخشىمىغان رايۇنلارغا نىسبەتەن تۈزگەن قانۇن – سىياسەتلىرى بولىدۇ، بۇلار شۇ رايون خەلقىنىڭ سىياسىي ھالىتىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ، ھوقۇقنى ئېنىق بەلگىلەپ بېرىشتىكى ئىچكى سەۋەپ شۇكى، ‹‹ئادەملەر توغرا ئىشنىمۇ، خاتا ئىشنىمۇ، قانۇنلۇق ئىشنىمۇ، قانۇنسىز ئىشنىمۇ قىلىدۇ››، شۇڭلاشقا ئۇلارغا قىلىدىغان ئىش بىلەن قىلمايدىغان ئىشنى، قانۇنلۇق ئىش بىلەن قانۇنسىز ئىشنى كۆرسىتىپ بىرىش ئىجتىمائى تەرتىپنى تىنچ ساقلاش زۈرۈرىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ . شۇڭلاشقا، بىر قاتار قانۇن – پرىنسىپلار ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە توغرا كېلىدۇ . (بۇ يەردە ناھايىتى بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، كىم كىمگە سىزنى بەلگىلەپ بېرىدۇ ؟ بەلگىلەپ بەرگۈچىدىكى بەلگىلەش ھوقۇقى نەدىن كەلگەن؟ ئەگەر ھۆكۈمرانلار بەلگىلىسە، ئۇ ھالدا ھۆكۈمرانلارنىڭ لاياقىتىنى كىم بەلگىلىگەن؟ كىم ئېتىراپ قىلغان؟ ئەلۋەتتە، بىزنىڭ ھازىرقى مۇلاھىزىمىز بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە ئەمەس) دەل شۇ كۆرسىتىپ بېرىلگەن دائىرە ئادەملەرنىڭ قانۇنلۇق، ئەركىن پائالىيەت قىلىدىغان دائىرىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 نېمىشقا بىز بۇ يەردە «پائالىيەت» دېگەن ئۇقۇمنى ئالاھىدە تىلغا ئالىمىز؟ چۈنكى، بىر شەخسنىڭ ياكى بىر جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى شۇلارنىڭ پائالىيىتىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىدۇ، شۇ پائالىيەتنىڭ چەكلىمىسىز، توسقۇنىسىز ئېلىپ بېرىلىشى ھەمدە پائالىيەتنىڭ دائىرىسى، مەۋجۇتلۇق تەرەققىياتقا بىر قاتار ئىجتىمائىي سەۋەب بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. دېمەك، ھوقۇق مەۋجۇتلۇقنىڭ ھالىتىنى، تەرەققىياتىنى بەلگىلەشتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ھوقۇق پائالىيەتنىڭ سېپىلى. كىشىلەر بۇ سېپىل ئىچىدە قوغدىشىدۇ، ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ، مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن دەخلىسىز كۈرەش قىلىدۇ. چوڭ – كىچىكلىكنى بەلگىلەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ سېپىلنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىچۇ؟.

قانۇن تۈزگۈچىلەرنىڭ ياكى ھۆكۈمرانلارنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسى بەلگىلەيدۇ. چۈنكى، قانۇن تۈزگۈچىلەر ئۆز ئېڭىدىكى كىشىلەر مۇشۇنچىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، دېگەن چۈشەنچە بويىچە قانۇن، سىياسەت تۈزىدۇ، پۇقرالارنىڭ ھۇقۇقىنى بەلگىلەپ بېرىدۇ.

 كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بەلگىلەپ بېرىلگەن ھوقۇققا بولغان چۈشەنچىسىنى بەلگىلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆزىنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك دائىرىدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەلمەي، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ھوقۇقىدىنمۇ بەھرىمەن بولالماسلىقى مۇمكىن. يەنە بىر جەھەتتىن كىشىلەر ھۆكۈمرانلار ئۆزلىرىگە بەلگىلەپ بەرگەن ھوقۇقى يەنە كەم، بىز يەنە مۇنۇ ھوقۇقلاردىنمۇ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك دەپ قاراپ، ھەر خىل يوللار بىلەن يەنىمۇ كۆپرەك ھوقۇقنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

 بىر دۆلەت ئىچىدىكى ئوخشىمىغان جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ شۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادى-سىياسىي ئورنى، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ، بىخەتەرلىككە كۆرسىتەلەيدىغان تەسىرىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى تەرىپىدىن شۇ جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي ھوقۇق ھالىتى بەلگىلىنىدۇ.

 قىسقىسى، ھوقۇق ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي مەنىسىگە ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ خاراكتېرى،دائىرىسى، دەرىجىسى، شۇ جەمئىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، تەرەقىياتغا مۇھىم بىر ئەۋزەللىك بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ھازىرقى زاماننىڭ ھالىتىدىن قارىغاندا ھوقۇق دائىرىسى كەڭرەك جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى، تېز بولماقتا. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېچىۋېتىلگەن شەھەرلەر، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرىقى پىكرىمىزنى دەلىللەيدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە باشقا رايونلاردا بولمىغان ئەۋزەللىك ھوقۇق ئەۋزەللىكى بار.

 

ئۈچىسىنىڭ مۇناسىۋىتى

 بىز يۇقىرىدا مەۋجۇتلۇقتىكى ئۈچ مۇھىم ئامىل ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھوقۇق ھەققىدە ئايرىم-ئايرىم يۈزەكى بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتتۇق. ئەمدى بۇ ئۈچ ئامىلنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

 ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت، ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا بىر-بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش مۇناسىۋىتى بولىدۇ. چۈنكى، مەدەنىيەتنىڭ ماددىي قاتلىمىمۇ، مەنىۋى قاتلىمىمۇ بولىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ ماددىي قاتلىمى دەل بىر جەمئىىيەتنىڭ ماددىي قاتلىمى دەل بىر جەمئىىيەتنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيتىدىكى قېلىپلاشقان، خاسلاشقان شەكىللەرنى ھەم مەدەنىيەتنىڭ ماددىيلاشقان بەلگىلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەلۇمكى مەدەنىيەت بىر قاتار سىمۋوللۇق بەلگىلىرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. بۇنىڭدىن ھەر بىر بەلگە بىردىن مەنىگە دالالەت قىلىپ تۇرىدۇ.

يەنى ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس پارسون مەدەنىيەتنىڭ ئىچكى مەزمۇنىنى تۆۋەندىكىدەك قاتلاملارغا بۆلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي فورمىسىنى، بۇ جەمئىيەتنىڭ «A» قاتلىمى، يەنى بىيولوگىيەلىك تەشكىلى قۇرۇلمىسى.

1. جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي تەشكىلىي شەكلى. ئادەملەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تۈرى. بۇ خىل مۇناسىۋەت تۈرى تۈزۈملەشكەن شەكىلدە توقۇلىدۇ. مەسىلەن، ئۇرۇق-تۇغقانچىلىق، ئىقتىسادى مۇناسىۋەت، سىياسىي قانۇن تۈزۈم دېگەندەك. بۇ «1» قاتلىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

2. جەمئىيەتنىڭ ئېدىئولوگىيسى، مەنىۋى مەھسۇلاتلىرى مەسىلەن، دىن سەنئەت دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3. جەمئىىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى كىشىلەر ئۆز ھەرىكىتىنى ئاڭلىق كونترول قىلىش،چەكلەش ئېڭى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق تەلىپى بولغان قىممەت ئۆلچىمى دېگەندەك، بۇ «L» قاتلىمى دەپ ئاتىلىدۇ.

دېمەك شۇ روشەنكى، پارسوننىڭ قارىشىچە بولغاندا ئىقتىساد مەدەنىيەت كاتېگورىيىسىگە كىرىدۇ، يەنى «A» قاتلىمى.

ئىقتىساد بىلەن مەدەنىيەتنىڭ بىر-بىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ، بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاۋۋال ئىقتىسادىي مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئاساسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ھەم مەدەنىيەتنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، تەرەققىياتى، كۈچلۈك-ئاجىزلىقى، شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىلغار ھالىتى، تەشەببۇسلىرى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەستىن مۇھىمى شۇ مەدەنىيەتنىڭ ماددىي ئاساسى، ئارقا تىرىكى بولغان ئىقتىسادىي ئەھۋالى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ، باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس، مەدەنىيەتلەرنىڭ زاۋاللىقى، ئۇنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۆتكەنلىكى كونىرىغانلىقى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەلكى شۇ مەدەنىيەت ئەسلىدىكى ئىقتىسادى كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى، مەدەنىيەتنى قوغدىغۇدەك ماغدۇرىنىڭ يوقلۇقى تۈپەيلىدىن بولىدۇ. مەدەنىيەت ئۆزى كۈچىيىپ قالمايدۇ، يوقاپ كەتمەيدۇ، بۇ يەنىلا شۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. يەنە بىر ئەھۋال شۇكى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى كۈچلۈك قوۋملەرنىڭ مەدەنىيىتى باشقىلارنى ئۆزىگە بەكلا جەلپ قىلىدۇ. باشقىلار ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە باغلاپ چۈشىنىپ، شۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىنتىلىدۇ، (مەسىلەن، غەربنىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي مۇۋاپەقىيىتىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭمۇ ھازىرقىدەك كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى بەلگىلىگەن) ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ مەدەنىيەتمۇ ئىقتىسادقا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىقتىساد مۇ مەدەنىيەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

 يەنى مەدەنىيەتكە تەۋە بولغان تەپەككۇر ئۇسۇلى،يېڭىلىق يارىتىش روھى ئىجادچانلىق ئىقتىدارى، بايلىق دېگەنلەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىپ پائال ئىجابىي مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئىقتىسادقا تەسىر كۆرسىتىپ (مەسىلەن، يەھۇدىيلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىدىكى ئىقتىساد قارىشى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ھالىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، يەنە جۇڭگو تارىخىدىكى خەن، سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىلا كاپىتالىزمنىڭ بىخلىرى بولغان ئىشخانا ئىگىلىكى مەيدانغا كەلگەن، ئەمما كاپىتالىزم جۇڭگودا ئەمەس، ياۋروپادا مەيدانغا كەلدى. بەلكى، بۇنى بۇ ئىككى رايۇندىكى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.

 ماركس ۋېبېر كاپىتالىزمنىڭ پەيدا بولۇشىنى ياۋروپادىكى دىن ئىسلاھاتنىڭ نەتىجىسى بولغان پىروتستانت دىنىغا باغلاپ ئىزاھلايدۇ. ھەتتا بۈگۈن بەزى جەمئىيەتشۇناسلار ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى 1-ئامىل مەدەنىيەت دەپ قارىماقتا. سامۇئېل خومتىڭتون «مەدەنىيەتنىڭ رولى» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق يازىدۇ: «90-يىللارنىڭ بېشىدا مەن كانا ۋە كورىيىنىڭ 60- يىللاردىكى بەزى ئىقتىسادىي ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى يولۇقتۇرۇپ قالدىم. ھەيران بولغىنىم شۇ بولدىكى، ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە دارامىتى ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش ئىدى،… 30 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈندە بولسا كورىيە ئاللىقاچان سانائەت گىگانىتىغا ئايلىنىپ 14- ئورۇنغا چىقتى…كانادا، بولسا بۇنداق ئۆزگىرىش يۈز بەرگىنى يوق، ھازىر ئۇلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە دارامەت كورىيىنىڭ 14دەن 1گە توغرا كېلىدۇ. تەرەققىيات سۈرئىتىدىكى بۇ ئاسمان-زېمىن پەرقنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭدا نۇرغۇن ئامىللار بار. مېنىڭچە بولسا مەدەنىيەت بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم ئامىل كورىيەلىكلەر تېجەشلىك مەبلەغ سېلىشقا، مائارىپ، تەشكىلات، ئىنتىزامغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىشچان ئەمما كانالىقلار قىممەت قارىشى ئوخشىمايدۇ، قىسقىسى بۇ يەردە مەدەنىيەت رول ئويناۋاتىدۇ».

 بىز ئۆزىمىزنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساقمۇ، مەدەنىيەت ئېڭىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايقايمىز. سوپى-ئىشانلار ئىنسانلارنىڭ ئىدىيىسىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەندىن باشلاپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى، قىممەت قارىشىدا چوڭقۇر مەپكۇرىلەر ئولارنىڭ بۇ دۇنيا، ئۇ دۇنيا،ھايات، ئەمگەك، ئىقتىساد، ئىلىم دېگەنلەرگە تۇتقان پوزىتسىيە، چۈشەنچىسىنى ئومومىيۈزلۈك ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. سوپى ئىشانلار تەلىماتىدىكى تەركىدۇنياچىلىق، بۇ دۇنيادىن قول ئۈزۈش، بارلىقىنى ئاخىرەتكىلا ئاتاش، بارىغا قانائەت قىلىش، يوقنى ئىزدىمەسلىك، ھەممىنى سىغدۇرۇۋېتىش…تەك قاراشلار ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىغا ئۆزلىشىپ ئۇيغۇرلاردا بايلىق، پۇلغا ئىنتىلمەيدىغان، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى زۆرۈر دەپ قارىمايدىغان خاھىش باش كۆتەردى. مانا بۇ ھادىسە مەلۇم نۇقتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە ئەسىردىن بۇيانقى ئومۇميۈزلۈك نامرات ھالىتىنى بەلگىلىۋەتتى، ھەتتا بۈگۈنمۇ زور تەسىر كۆرسىتىپ تۇرۇۋاتىدۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

 شۈبھىسىزكى، قىممەت قاراش ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە، پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم مەدەنىيەت تەركىبى. ئوخشاش بىر مەدەنىيەت ئەھلىنىڭ قىممەت قارىشى ئومۇمەن ئوخشاش بولىدۇ. ئادەم ياخشى،ياماننى، گۈزەللىك-رەزىللىكنى قىممەت قارىشى بىلەن ئۆلچەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، قىممەت قارىشى تەركىبىدە مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشىمۇ، ۋاقىتلىق قىممەت قارىشىمۇ بولىدۇ، مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشى دېگىنىمىز: ۋەتەنپەرۋەرلىك، ۋاپادارلىق دېگەندەك ئادەمدە ساقلىنىش زۆرۈر قىممەت قاراشلار. ۋاقىتلىق قىممەت قاراش دېگىنىمىز بىزگە بىر مەزگىل يېتەكچىلىك قىلغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىدىغان، ئەسقېتىشچان تىپتىكى قاراشلار،بۇ خىل قاراشلار بىزگە بىۋاسىتە پايدىلىق بولغاچقا، بىز ئۇنىڭغا ئەگىشىمىز، ئەمما مەڭگۈلۈك قىممەت قاراشلارغا بولسا بىز پايدا-زىيان ھېسابلاشمايمىز،مەسىلەن: بىر دۆلەت ئىقتىسادتا كۈچىيىشى ئۈچۈن، دۆلەتتە خەلققە تىرىشىپ ئىشلەشنى، ئەمگەكچانلىق گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشى… مۇمكىن. ئەمما، بېيىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە بولسا تىرىشچانلىق تەبىئىيلا كېمىيىشى مۇمكىن. بۇ يەردە يېتەكچى ئورۇندىكىسى دەل ۋاقىتلىق قىممەت قاراشتىن ئىبارەت.

 بەزى دۆلەتلەر ناھايىتى باي، خەلقىمۇ شۇنداق باياشات، ئەمما ئۇلار خۇددى ھېچنېمىسى يوق نامراتلاردەك ناھايىتى تىرىشچان، يەنىلا توختىماي پۇل تاپىدۇ، ھەتتا مەلۇم دەرىجىدە بېيىپ، تىرىشمىسمۇ جېنىنى خاتىرجەم بېقىپ كەتكۈدەك ھالەتتىمۇ، يەنىلا توختىماي تىرىشىۋېرىدۇ. خۇددى پۇلى يوق چاغدىكىدەكلا تىرىشىدۇ. مانا بۇ يەردە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشى دېمەك، ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولىدىغىنى مەڭگۈلۈك قىممەت قاراشتۇر.

 ئىقتىسادىي جەھەتتىكى مەڭگۈلۈك قىممەت قارىشىغا ئىگە ئادەملەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئازادە قامدىيالىغۇدەك پۇل-مالغا ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ توختىماي تىرىشقىنىدىن قارىغاندا ئۇنىڭ تىرىشىش مەقسىتىنىڭ نۇقۇل پۇل تېپىش، جېنىنى بېقىشقىلا ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭ توختىماي تىرىشىشىغا تۈرتكە بولۇۋاتقان مەلۇم بىر ئامىل بارلىقىنى كۆرۋالالايمىز. دەل مۇشۇ «مەلۇم بىر ئامىل» ۋاقىتلىق قىممەت قاراشقا ئىگە تەۋە بولماستىن، مەڭگۈلۈك قىممەت قاراش تەركىبىدە بولىدۇ.

 دېمەك، ئىقتىسادى تەرەققىي قىلمايدىغان ھەم قىلمىغان جەمئىيەتتە دەل ھېلىقى «مەلۇم بىر ئامىل» يوق. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بولىدۇكى، ئىقتىساد زۆرۈر بولىدىغان ياكى باشقىچە ئېيتقاندا، پۇل بولمىسا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدىغان پۇلنى جىددىي تەلەپ قىلىدىغان مەلۇم بىر غايە، مەقسەتمۇ، بىر شەخسنىڭ، ھەتتا بىر جەمئىىيەتنىڭ، مىللەتنىڭ باي-نامرات ھالىتىنى بەلگىلەيدۇ. مەڭگۈلۈك قىممەت قاراشنىڭلا كۈچى پۈتمەس-تۈگىمەس بولىدۇ. ئەلۋەتتە ئەسكەرتىش زۆرۈركى، بۇ قىممەت قاراش ئىقتىسادى تەرەققىياتنى بەلگىلەيدىغان بىردىنبىر ھەل قىلغۇچ ئامىل دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ رولى ناھايىتى زور. بىر جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى نۇقۇل قىممەت قاراشقىلا باغلاپ قويۇشمۇ تازا ئاقىلانىلىك ئەمەس.

 تۆۋەندە بەزىبىر مەدەنىيەت ئامىللىرىغا بولغان چۈشەنچىدىكى پەرقنىڭ بەلگىلىك جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى قىسقىچە سېلىشتۇرۇپ چىقىمىز.

 

بىرىنچى دىن.

 روشەنكى، دىن ئىنسانلار جەمئىيتى قىممەت قارىشىنىڭ مۇھىم مەنبەسى، دىن ئۆزى بىر پۈتۈن مۇكەممەل سىستېما بولسىمۇ، بەلگىلىك دەۋر، بەلگىلىك ماكان، ئوخشاش بىر دىن تەركىبىدىكى ئوخشىمىغان تەشەببۇسلارنى تەقەززا قىلىدۇ. جەمئىيەتتە بەزىلىرى يەنە بەزىلىردىن تەرغىب قىلىنمايدۇ ۋە تەكىتلەنمەيدۇ. بۇنى كونكرېت ئېھتىياج بەلگىلەيدۇ. بەكرەك تەكىتلەنگەنلىرى جەمئىىيەتنىڭ بىر پۈتۈن ئىدىيىسىگە ئايلىنىپ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسىگە ئايلىنىدۇ. تەكىتلىنىۋاتقان قاراشلارنىڭ تەركىبىدىكى بايلىق، نامراتلىق، پۇل ھەققىدىكى تەشەببۇسلار شۇ جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئېڭىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئىقتىساد تۇرغۇن جەمئىيەتتە چوقۇم دىننىڭ شۈكۈر قىلىش، نامراتلىق،بۇ دۇنيانىڭ ۋاپاسىزلىقى، ھەققىدىكى ئەھكام تەشەببۇسلىرى بەكرەك تەكىتلىنىدۇ، ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەت بولسا،بايلىقنىڭ مۇھىملىقى، ئىقتىسادىي كۈچنىڭ دىنغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى بەكرەك تەكىتلىنىدۇ. بۇ خىل پەرق دەل شۇ جەمئىيەتتىكى باي – نامراتلارغا بولغان باھا، قاراشلاردا بەكرەك روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىقتىسادقا توسالغۇ قىلىۋاتقاندەك جەمئىيەتتە كىشىلەر پۇل تېپىۋالغانلارنى گۇناھ سادىر قىلىۋاتقاندەك پۇل تاپماي شۈكرانلىق بىلەن ياشايدىغانلارغا ئۇلار توغرا يولدا مېڭىۋاتقاندەك قارايدۇ.

 

ئىككىنچى شەخسكە بولغان تونۇش

ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەتتە، شەخسنىڭ رولى كوللېكتىپنىڭ ئىچىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. شەخسكە ئىشەنچ قىلىنمايدۇ، ئىقتىسادنىڭ ھەقىقىي تۈرتكىسى شەخسنىڭ ئىجادچانلىقى ۋە ئەركىنلىكىدۇر.شەخسنىڭ ئەركىنلىكى كوللېكتىپقا بەخشەندە قىلىنغان جەمئىيەتتە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات قەدىمى بەك ئاستا بولىدۇ. شەخس پەقەت ئۆزى ئۈچۈن ئىشلىگەندىلا، ئۆزىنىڭ ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولالايدىغىنىنى ھېس قىلغاندىلا ئۇنىڭ ئاكتىپچانلىقى چەكسىز بولىدۇ، ھەيدەكچى كەتمەيدۇ،ئەگەر بىر ئادەم ئەقىدە – قاراشلاردا ئادەمگە ئەگەشسە، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىرەر ئىشتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، ئىجادچانلىقى بولمايدۇ. شەخسكە ئىشىنىش، ئۇنىڭ ئىقتىدارى، كۈچىگە ھۆرمەت قىلىش ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ بەلگىسى. ئەكسىچە شەخسنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ئىقتسادىي تەرەققىي قىلمايدىغان جەمئىيەتنىڭ تىپىك ئالامىتى. خۇددى ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسى مارىئانو ئېيتقاندەك پەقەت «خەلق»،«ئامما»لا بولۇپ شەخس بولمىسا تەرەققىيات بولمايدۇ.

 

ئۈچىنچى غايە.

ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمايدىغان جەمئىيەتتە، خىيالى ئوتوپىيە، فانتازىيە بەكرەك ھۆكۈم سۈرىدۇ، ھېسسىي ئۇقۇملار بەكرەك بازار تاپىدۇ.رېئالىزملىق ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن تېپىلىدۇ، ۋەھالەنكى تۇرمۇشى، ئەمەلىيىتىدە ئۇلار ئەمەلىي كۈچىگە قارىغاندا مەۋھۇم كۈچلەرگە بەكرەك ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قانۇندىن ھالقىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تەرەپبال نەتىجىلەرنى تاما قىلىدۇ.

ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەتتە بولسا، ئەمەلگە ئاشىدىغان، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشلار مەقسەت قىلىنىدۇ. بىراق كەلگۈسى ئىشلارغا قارىغاندا ئەتىكى ئىشلارنى بالدۇر كۈنتەرتىپكە كىرگۇزىدۇ. بۇ جەمئىيەتتە ئۈبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىدۇ .

 

تۆتىنچى بايلىق قارىشى.

ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلمايدىغان جەمئىيەتتە كۆز ئالدىدىكى نەرسىنى بايلىق دەپ قاراپ،ئۇنىڭ يەنە بايلىق يارىتىش قىممىتىگە قارىغاندا نەق ئىشلىتىش قىممىتىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. بايلىق ئېتىزدا،بازاردا……. دەپ قارىلىدۇ، ئەمما ئىقتىسادىي تەرەققىي قىلىدىغان جەمئىيەتتە بولسا بايلىق ئېچىلمىغان، بايقالمىغان جايلاردا، بايلىق يېڭىلىق يارىتىشتا دەپ بىلىدۇ. خۇددى مارىئانو ئېيتقاندەك «ئىقتىسادىي توسالغۇ جەمئىيەتتە كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ بۈگۈنىگە كۆڭۈل بۆلسە، ئىقتىسادقا تۈرتكە جەمئىيەتتە كىشىلەر كومپيۇتېرنىڭ كېيىنكى ئەۋلادىغا كۆڭۈل بولىدۇ.»

 

بەشىنچى رىقابەت ئېڭى.

ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەتتە رىقابەت دۈشمەنلىشىش دەپ قارىلىپ، ھەمكارلىشىش،ياردەملىشىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. ئۇلار رىقابەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى باراۋەرلىك دەپ قاراپ، رېئاللىقتا بولىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئوتوپىك باراۋەرلىكنى قوغلىشىدۇ.

رىقابەت ئىقتىسادقا تۈرتكە جەمئىىيەتنىڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكى .پەقەت رىقابەتتىلا ئادەمنىڭ بارلىق ئىقتىدارى، يوشۇرۇن كۈچى تولۇق قېزىلىدۇ.ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەتتە بولسا كىشىلەر رىقابەتنىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلىشىش ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ، رىقابەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشىدۇ. ھالبۇكى، ھەمكارلىقتا بولسا چوقۇم بىر تەرەپ بىر تەرەپكە يۇلىنىۋالىدۇ، مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ، تىرىشچانلىقى زور دەرىجىدە كېمىيىپ كېتىدۇ.

 

ئالتىنچى ھوقۇق مەجبۇرىيەت ئېڭى.

تېگىشلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش، ۋەزىپىسىنى تونۇش ……. دېگەن چاقىرىقلار ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىىيەتنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسى، ئۇ يەردە مەجبۇرىيەت ھوقۇقتىن بەكرەك تەكىتلىنىدۇ، يۇقىرىنىڭ بەكرەك كۆڭۈل بولىدىغىنى پۇقرانىڭ ھوقۇقى قانچىلىك كاپالەتكە ئىگە بولدى؟ بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك ئەمما بەھرىمەن بولالمىغان قانداق ھوقۇقلىرى بار؟دېگەنلەر ئەمەس، بەلكى ئۇلار قايسى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىدى؟ قايسى ۋەزىپە مەسئۇلىيەتتىن باش تارتىۋاتىدۇ؟……دېگەنلەردىن ئىبارەت بىلىش كېرەككى شەخسنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئىجادچانلىقى مۇۋاپىق ھوقۇق دائىرىسىدە ئاندىن ئوبدان جارى بولىدۇ، قېزىلىدۇ.

 

يەتتىنچى مائارىپ ئېڭى.

ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەتتە مائارىپ بىلىنىپ بولغان بىلىملەرنى ئۆگىتىش جەريانى بولسا، ئىقتىسادقا تۈرتكە جەمئىيەتتە مائارىپ بىلگەن بىلىملەر ئاساسىدا تېخى بىلىنمىگەن ساھەلەرنى بايقاش جەريانى .ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ مېڭىسى توشقۇزۇشقا تېگىشلىك قاچا بولسا، ئىقتىسادقا تۈرتكە جەمئىيەتتە ياغدۇرۇشقا تېگىشلىك مەشئەلدۇر. تەييار قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىنماي قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي نەتىجىنىڭ يۇقىرى باھاغا ئېرىششتى، مۇئەييەنلەشتۈرۈلۇشى ئىقتىسادقا توسالغۇ جەمئىيەت مائارىپنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولسا، گۇمانلىنىش، يېڭى، مۇخالىپ پىكىر-قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇش ۋە ئۇنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادقا تۈرتكە جەمئىىيەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى.

دېمەك، شۇنداق خۇلاسىگە كېلىشكە بۇلىدۇكى، مەدەنىيەت ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر مىللەتكە نىسبەتەن مەدەنىيەت قىممەت قارىشىدىكى نۇرغۇن پاسسىپ تەركىبلەرنى چىقىرىپ تاشلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر ۋاسىتە.

ئەمما شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، مەدەنىيەتكە تايىنىپلا كۈچلۈك بولغىلى بولمايدۇ، مۇھىمى يەنىلا ئىقتىساد، بۇ ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس گىرەلىشىپ كەتكەن.

 

ئىقتىساد ۋە ھوقۇق

ئىقتىساد ۋە ھوقۇق مۇقەررەر يوسۇندا بىر-بىرىنى كۈچەيتىدۇ، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بىر- بىرى بىلەن ئوڭ تاناسىپ، بىرى كۆپەيسە يەنە بىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كۈچىيىدۇ. ئاجىزلىسا ئاجىزلايدۇ.

ھەممىگە ئايانكى، ھوقۇق ماھىيەتتە سىياسىي ئۇقۇم بولۇپ، ئىقتىساد بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمەلىيەتتە ئىقتىساد بىلەن سىياسىينىڭ مۇناسىۋىتىدۇر. گەرچە كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر كىشىلەردىكى ھوقۇق تەقسىملىنىشىگە ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتسىمۇ، ئەمما مېنىڭچە بۇنى پۈتۈنلەي بەلگىلىيەلمەيدۇ، چۈنكى ئىنسانلارنىڭ پائالىيىتى پەقەت ئىقتىسادىي پائالىيەتلا ئەمەس. بۈگۈنكى دۇنيادا ئىقتىساد بىلەن ھوقۇقنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ بەك زىچلىشىپ كەتتى. ئومۇمىي ھالەتتىن قارىغاندا ئىقتىسادىي كۇچلۇك بولغانلارنىڭ مەيلى شەخس بولسۇن ياكى دۆلەت بولسۇن بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۈقىمۇ كۆپ بۇلىۋاتىدۇ. بۇنى ھازىرقى دۇنيانىڭ رېئاللىقىدىن كۆرمەك تەس ئەمەس. غەرب ئىقتىسادتا ئەڭ كۈچلۈك، شۇنداقلا بۈگۈنكى دۇنيا سىياسىتىدىكى يېتەكچى كۈچ، بۇنى ئولارنىڭ كۈچلۈك ئىقتىساد، كۈچلۈك ھەربىي كۈچى بەلگىلىگەن. يەنە بىر جەھەتتىن دۆلەت ئىچىدىكى غايەت زور ئىقتىسادىي گۇرۇھلارنىڭ ھوقۇقىمۇ ئالاھىدە زور بولىدۇ، دۆلەتمۇ ئۇلارغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىدۇ، ئۇلارمۇ دۆلەتنىڭ سىياسەت بەلگىلىشىگە ئىنتايىن ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

ھوقۇق بولسا كىشىلەرنى تېخىمۇ كەڭرى پائالىيەت بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ھوقۇق سىياسەت ئەۋزەللىكمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر خىل كۆرۈنمەس مەبلەغ بولۇپ، قولىدا پۇلى بار، ئەمما سىياسەت- ھوقۇق ئەۋزەللىكى يوقلار ناھايىتى تېزلا ھوقۇق سىياسەت ئەۋزەللىكى بارلارنىڭ ئارقىسىدا قېلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ بۈگۈننى دۇنيادا، ھوقۇق، سىياسەت ئەۋزەللىكى ئىقتىسادنى كۈچەيتىشكە مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، خام ئەشيا ئەۋزەللىكىدىن بەكرەك مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھازىر قاراپ باقىدىغان بولساق، ئىقتىسادتا تەرەققىي قىلغان ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ئاجىز ئەللەرگە قارىغاندا ھوقۇق تۈزۈلمىسى جەھەتتە كۆپ ئىلغار. مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى، شەخسلەرنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەت ھوقۇقىنىڭمۇ، ئىقتىسادىي ئاجىز ئەللەر، خەلقلەرگە قارىغاندا كۆرۇنەرلىك دەرىجىدە ئەركىن ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

 

ھوقۇق ۋە مەدەنىيەت

بىر قوۋمنىڭ ھوقۇق چۇشەنچىسى ئاۋۋال شۇ خەلقنىڭ مەدەنىيتىدىكى ھوقۇق ھەققىدىكى قاراشلاردىن كىلىدۇ. شۇ قوۋم ھوقۇقىنى شۇ قاراشلار بويىچە تونۇيدۇ ۋە شۇ بويىچە ئىجرا قىلىدۇ. مەسىلەن، غەربلىكلەر بىلەن شەرقلىقلەرنىڭ ھوقۇق مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر بار. مۇقەررەركى مەلۇم بىر قوۋمنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسى شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەۋجۇتلۇق ھالىتىگە مەدەنىيەت تەرەققىياتى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىر قوۋمنىڭ شەكىللەنگەن بولىدۇ، ھەتتا ئىجتىمائىي تۈزۈم بەزى جەمئىيەتشۇناسلار مەدەنىيەت تۈزۈمىنىڭ ماھىيەتتە شۇلارنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىلىرىدىن ئاشتى دەپ قارايدۇ، ئەسئەت سۇلايماننىڭ «تارىم قوۋۇقى چىكىلگەندە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار:«ياپونىيە ئېكىسپىدىتسىچىسى تاجىنا قەشقەردىن خوتەنگە ماڭىدىغان يولدا بىر قونالغۇغا چۈشىدۇ، شۇ چاغدا بىر ئۇيغۇر كېلىپ ئۇلارغا بىر ئەرزنامە سۇنىدۇ، ئەسلىدە ئۇ شۇ جايدىكى جۇڭگو ئەمەلدارى بىر تەرەپ قىلىپ بولغان يەر تالىشىش ماجىراسى ئىكەن، تاجىبا بۇ ئىش توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: بۇ كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ياردىمى بولىدىغانلا بولسا، كىمنىڭ ئۇلارغا كېلىپ باشلىق بولۇشى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئىلگىرىمۇ شۇنداق ئىدى، ھازىرمۇ شۇنداق ئىكەن».

دېمەك، بۇ ۋەقەلىكتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلاردا شۇ مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۆزىنى ھوقۇقسىز دەپ قارىغان،بۇ دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق چۈشەنچىسىگە، ئېڭىغا باغلىق.

ئەمدى ھوقۇقنىڭ مەدەنىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە كەلسەك، ھوقۇق يەنىلا شۇ مەدەنىيەتنىڭ قالقىنى، قوغدىغۇچىسى بولۇش رولىنى ئويناپ، مەدەنىيەت ئەھلىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىگە ئەمەل قىلىشىغا، ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىشىغا ئەركىن بوشلۇق يارېتىپ بىرىدۇ، ھوقۇقتىن مەھرۇم ھالەتتە مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالماق تەس. چۈنكى، مەدەنىيەت تەبىئىيلا ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ھوقۇققا موھتاج، ئەگەر بىر مەدەنىيەت قەغەزدە، نەزەرىيە مەۋجۇت بولۇپ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان ھوقۇققا ئېرىشەلمىسە، بۇنداق مەدەنىيەت ئۆزلۈكىدىن ئاجىزلىشىپ قالىدۇ. مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەدەنىيەت ئەھلىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى قانچىلىك نامايان قىلالىشى،ئىپادىلىشى، باشقىلارغا تونۇتالىشىغا باغلىق. ئەگەر، بىر قوۋم ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان ھوقۇقتىن مەھرۇم بولغاندا،بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ مەدەنىيەت مەزكۇر جەمئىيەتتە ئاستا- ئاستا، باشقا بىر تاجاۋۇزچى مەدەنىيەتكە ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇر بولىدۇ، ئۇلار ئەۋلادلىرىمۇ ئۆز مەدەنىيىتىنى مۇزېي مازارلاردىن كۆرۈپ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئۇلارنىڭ ئىزنا، ئىپادىلىرىنى كۆرەلمىگەچكە، تەبىئىيلا ئۆز ئەسلىدىن، مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىشقا باشلايدۇ.

ئەمدى يۇقىرىقىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىغىنچاق قىلغاندا بۇ ئۈچ خىل مەۋجۇتلۇقتا خۇددى داڭقاننىڭ ئۈچ پۇتىدەك مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىرى كەم بولسا داڭقان ئۆرە تۇرالمايدۇ.

مەدەنىيەت بىر جەمئىىيەتنىڭ كىملىك سالاھىيىتىنى، مەنىسىنى، مەزمۇنىنى شەكىللەندۈرسە، ئىقتىساد شۇ جەمئىيەتنىڭ ماددىي ئاساسىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك تىرىكى بولىدۇ، ھوقۇق بولسا مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئىززەت ھۆرمىتىنى، باراۋەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.

قىسقىسى، مەدەنىيەت- سالاھىيەت، ئىقتىساد قورال، ھوقۇق، قالقاندۇر.

 

خاتىمە

دۇنيادا مەۋجۇت بولۇشنى، تەرەققىي قىلىشنى ئىستىمەيدىغان قوۋم بولمىسا كېرەك. ھازىر ئاجىز قوۋملەردە شۇنداق بىر روھ بولۇشى كېرەككى، ئۇلار بارلىق رومانتىك خىيال، فانتازىيىلىك غايىلەرنىڭ مەستۇ – مەستانىلىقىدىن قۇتۇلۇشى، پەقەتلا ئەمەلىي پائالىيەتنىڭلا ئۆزىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى، پەقەت رېئاللىققا دادىل يۈزلەنگەندىلا، رېئاللىقنىڭ سوئاللىرىدىن ئۆزلىرىنى قاچۇرمىغاندىلا(گەرچە بۇ رېئاللىق ئۇلار خالىمىغان رېئاللىق بولسىمۇ) رېئاللىقتىكى بارلىق ئۆزلىرىگە پايدىلىق ئامىللارنى بايقاپ پايدىلانغاندىلا، ئاندىن مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى چۇشىنىپ يېتىشى كېرەك.

غايە تىكلىمەك قىيىن ئەمەس، ۋەھالەنكى غايىگە يەتكۈزىدىغان ۋاسىتە يول تاللىماق بەسىي مۈشكۈلدۇر.

 

ئېلكىتاب چۈشۈرۈش : «مەۋجۇتلۇق نېمىلەرگە باغلىق؟» - 950K :

مەنزىل تورىدىن چۈشۈرۈش كومپيۇتېر نۇسخىسى يانفۇن نۇسخىسى

مەزكۇر بىلوگ «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە بولۇپ، مەنزىل گۇرۇپپىسىنىڭ ئېلكىتاب، پائالىيەت، يېڭىلىق، ئۇقتۇرۇش ۋە خەۋەرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەمدە، مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى ياساپ چىققان ئېلكىتابلارنىڭ تېكىست نۇسخىسى يوللىنىدۇ.

مەزكۇر يازمىدا 1 پارچە ئىنكاس بار

  • تۇرخۇمار جاۋاب ↓

    بۇ ئۇسلۇبىڭىز بەك چىرايلىقكەن :!:

  • كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ كېتىڭ...

    جاۋابنى بىكار قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنى چېكىڭ.

    *

    *

    icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 
    يەنە210ھەرپ كىرگۈزەلەيسىز

    باش بەت | مەنزىل ئېلكىتاب ئامبىرى | مەنزىل كىتابچىسى | مەنزىل تور تېخنىكىسى | ئېلخەت يوللاڭ
    مەزكۇر بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى «مەنزىل گۇرۇپپىسى» غا تەۋە!