باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2009-04-25
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
ئالدى بىلەن سىزگە دەپ قوياي سىز ئالداندىڭىز!بۇ يەردە قانداقتۇر بىر گۈزەل ئايالنىڭ رەسىمى يوق.ئەممە سىز ئانىڭىزنى ئەڭ گۈزەل ئايال دەپ بىلسىڭىز داۋامىنى كۆرۈڭ:
ئانىڭىز سىزگە بىر ئۆمۈر نىمە قىلىپ بەردى؟بىلەمسىز؟
بىر ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە سۈت بىرىپ پەپىلەپ باقتى،ئەمما سىزئۇنىڭ بەدىلىگە ئۇنىڭغا ھەر ئاخشىمى يىغلاپ بەردىڭىز. ئۈچ ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە كۆيۈنۈپ بىر قاچا تاماق ئىتىپ بەردى،ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە سىز قاچىڭىزدىكى تاماقنى يەرگە تۆكۈۋەتتىڭىز.
تۆت ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە رەڭلىك قەلەم ئىلىپ بەردى،ئەمما سىز ئۇنىڭ بەدىلىگە ئۆينىڭ تاملىرىغا ھەر خىل رەسىملەرنى سىزىپ قويدىڭىز.
بەش ياش ۋاقتىڭىزدا، ئانىڭىز سىزگە ھەر خىل چىرايلىق كىيىم-كىچەكلەرنى ئىلىپ بەردى،ئەمما سىز ئۇنىڭ بەدىلىگە كۈندە پاتقاق يەردە ئوينىدىڭىز.
يەتتە ياش ۋاقتىڭىزدا ،ئانىڭىز سىزگە توپ ئىلىپ بەردى،ئەمما سىز ئۇنىڭ بەدىلىگە قوشنىڭىزنىڭ دەرىزىسىنى چىقىۋەتتىڭىز. <
توققۇز ياش ۋاقتىڭىزدا ،ئانىڭىز سىزگە نۇرغۇن پۇل خەجلەپ بىر رويال ئىلىپ بەردى،ئەمما سىز ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر-ئىككى قىتىم چىلىپ قويۇپ مەشىقنى داۋاملاشتۇرمىدىڭىز.
11 ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنى دوستلىرىڭىز بىلەن بىرگە كڭنو كۆرۈشكە ئاپاردى، ئەمما سىز ئۇنىڭ بەدىلىگە ئانىڭىزنى باشقا بىر رەتتىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدىڭىز.
13ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنى چىچىڭىزنى قىسقارتىشىڭىزنى جىكىلىدى، ئەممە سىز ئانىڭىزغا سەن ھازىر مودا بولۇۋاتقان چاچ پوسۇنلىرنى بىلمەيسەن دىدىڭىز.
14ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنىڭ بىر ئايلىق يازلىق لاگىر پۇلىڭىزنى تۆلۈۋەتتى،ئەممە سىز بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئانىڭىزغا بىر قىتىممۇ تىلىفۇن قىلىپ قويمىدىڭىز.
15ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز ئىشتىن چۈشۈپ كىلىپ سىزنى بىر قۇچاقلاپ قوياي دىۋىدى،ئەمما سىز ئارقىڭىزغا بۇرۇلۇپلا ھوجرىڭىزغا كىرىپ كەتتىڭىز.
17ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز بىر موھىم تىلىفۇننى ساقلاۋاتقان ئىدى،ئەمما سىز تىلىفۇننى قۇچاقلىغان پىتى دوستىڭىز بىلەن بىر كىچە پاراڭلىشىپ چىقتىڭىز.
18ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگىنىڭىزدىن مەمنۇن بولۇپ كۆز يىشى قىلدى،ئەمما سىز سىرىتتا دوستلۇرىڭىز بىلەن بىر كىچە ئولتۇرۇش قىلىپ ئويناپ كەلدىڭىز.
19ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇلىڭىزنى تۆلەش بىلەن بىرگە سىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى،ئەمما سىز ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا خىجىل بولۇشتىن قورقۇپ ئانىڭىزنى يىراقتىنلا يولغا سىلىپ قويدىڭىز.
20ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزدىن"كۈندە نەگە بىرىۋاتىسەن"دەپ سورىسا ،سىز "سەندەك بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن"دەپ جاۋاپ بەردىڭىز.
23ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزنىڭ يىڭى ئۆيىڭىزگە بىر يۈرۈش ئائىلە جاھازلىرى ئىلىپ بەردى،ئەمما سىز دوسلۇرۇڭىزغا بۇ نەرسىلەرنى ياراتمايدىۈانلىقىڭىزنى ئەيىتتىڭىز.
30ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز سىزگە بالىنى قانداق بىقىش كىرەكلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى،سىز "ھازىرقى دەۋىر ئوخشىمايدۇ "دەپ جاۋاپ بەردىڭىز.
40ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز تۇغۇلغان كۈن خاتىرسىگە سىزنى تەكلىپ قىلدى،ئەمما سىز ئالدىراش ئىكەنلىكىڭىزنى ئىيىتتىڭىز.
50ياش ۋاقتىڭىزدا،ئانىڭىز تولا ئاغرىقچان بولۇپ قالدى،ئەمما سىز بالىڭىزنىڭ غىمىدە ئالدىراش...
ئاخىرى ئانىڭىز بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى،سىز توساتتىن ئانىڭىز ئۈچۈن قىلىپ باقمىغان ئىشلىرىڭىزنى ئويلاپ قاتتىق ئازاپ چەكتىڭىز...................
ئەگەر سىزنىڭ ئانىڭىز ھازىر ھايات بولسا بۇندىن كىيىن چوقۇم تىخىمۇ كۆيۈنۈڭ!!! تىخىمۇ قەدىرلەڭ!!! ;
مۇبادا ئانىڭىز سىزدىنمەڭگۈلۈك ئايرىلغان بولسا ئىسىڭىزدە بولسۇنكى ئانا مىھرى دۇنيادا ھەممىدىن ئۇلۇغ!!!
ئانىڭىز ،دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال!!!
ئويلىنىپ كۆرۈڭ بىز ئانىلىرىمىزغا نىمە قىلىپ بېرەلىدۇق؟ ئۇلارنىڭ ھالىغا يەتتۇقمۇ؟؟؟
收藏到:Del.icio.us