ياخشىمۇسىز تورداش، بۈگۈن (سائەت) قۇياش ئوغلى بلوگى قۇرۇلغىلى

 باش بەت  تور بېلىملىرى يۇمشاق دىتاللار   جاھاندىكى ئىشلار   ناخشا-مۇزىكىلار تاللانما ئەسەرلەر 

  • 2009-04-25

    بىر ئايالنىڭ يۈرەك سۆزى - [تاللانما ئەسەرلەر]

    1. قەدىرلىكىم، سىز تىرىشىپ پۇل تېپىڭ، پۇلىمىز ئازلىقىدىن بىز كۈنبويى ئۇنىڭ غېمىدە يۈرىيدىغان، كۆپلۈكىدىن باشقا ئاياللار تەڭ خەجلىشىپ بېرىدىغان بولۇپ قالمىسۇن.
    2.ماڭا غەمغورلۇق قىلىڭ، پىكرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ، مۇۋاپىق ئەركىنلىك بېرىڭ.                                              

    3.ئائىلەمدىكىلەرگە خۇددى ئۆز ئۆيىڭىزدىكىلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

    4.مەن سىزنىڭ كۈنىگە ئاز دىگەندە ئۈچ قېتىم، ئويغانغاندا، ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندا، كەچتە يېتىش ئالىدا ماڭا : "سىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىيىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    5.مىنىڭ مىجەزىم يوق چاغلاردا سىزنىڭ دوختۇر بولۇپ پىشانەمنى تۇتۇپ، تېمپۇراتۇرامنى ئۆلچىشىڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن، پەقەت بولالمىغاندا دوختۇرخا ئاپىرىپ ئەرلىك مەجبۇريىتىڭىزنى ئادا قىلىڭ.

    6. تۇغۇلغان كۈنلىرىمدە ( بۇ ئارتۇقچە ) ، ئاياللار بايىرىمىدا ئىدارمگە سوۋغا ئەۋەتىپ بارلىق كىشلەرگە مىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدۇرۇڭ.

    7. بەزىدە كەيپىم ياخشى بولماي چېچىلىپ قالغىنىمدا، باغرىڭىزغا بېسىپ  ئاستا سۆيۈپ قويۇڭ. سىزنىڭ باغرىڭىز مەن ئۈچۈن ئەڭ زور تەسەللى.

    8.مىنىڭ ئاغزىڭىزنى بۇزۇپ تىللىماڭ. چۈنكى سىز ماڭا:" سىز مىنىڭ ئەڭ كويۈمچان ئادىمىم" دىگەن ئىدىڭىز.

    9.ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشكەندە ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە ئۆيگە قايتىڭ. خىزمەت مۇھىم، مەن سىزنىڭ خىزمەتكە ئۆزىڭىزنى بېغىشلىشىڭىزغا قارشى ئەمەس. ئەمما ئىشتىن چۈشكەندە ئائىلىڭىزنىمۇ ئويلاپ قۇيۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    10.ۋاقتىڭىز يەتكەندە ماڭا بىر ۋاق مەززىلىك غىزا قىلىپ بەرسىڭىز بەك خوش بولاتتىم.

    11.كوماندۇرۇپكىغا چىققاندا چاقىرغۇ، يانغۇنىڭىزنىڭ توكى قالمايدىغان ئەھۋالنىڭ سادىر بولۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىدە قىلىمەن. بۇنداق چاغدا دائىم ماڭا تېلفۇن بېرىپ مەندىن ئەھۋال سوراپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    12. دەم ئالغان چاغلاردا ئۆي ئىشلىرىغا ئانچە - مۇنچە قارىشىپ بەرسىڭىز، مەن بىلەن مۇڭداشقاچ ياردەملەشكەن بولسىڭىز ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرساق نىمىدىگەن ياخشى.

    13. ماڭا مۇناسىۋەتلىك بەش چوڭ كۈننى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. يەنى: تۇغۇلغان كۈنۈمنى، ئىككىمىز تۇنجى كۆرۈشكەن كۈننى، توي قىلغان خاتىرە كۈننى، ئاشىق - مەشۇقلار بايرىمى ۋە 8 مارت ئاياللار بايرىمى قاتارلىقلارنى. بۇ كۈنى مەن سىزنىڭ ماڭا پەقەت بىر تال ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    14.دائىم سۆيگۈ پاراڭلىرى قىلىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    15. كوچىلاردا چىرايلىق قىزلارغا ئۇچراپ قالسىڭىز قاراپ قويسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى گۈزەللەرگە قاراش سۈننەت. ئەمما ۋاقتى بەش سىكونتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن.ئاخىردا ئۇنىڭ يەنىلا ماڭا يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويسىڭىز بولىدۇ (يالغاندىن بولسىمۇ).

    16. مىنىڭ خېلى كۆپ ئارتۇقچىلىقىم ۋە خېلى كەمچىلىكلىرىم بار. بەزىدە بۇلارنى ماڭا ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەسكەرتىپ قويسىڭىز بولىدۇ ( ئايرىم جايدا).

    17. بازارغا چىققاندا كىيىم، كىچەك، زىبۇ - زىننەت كىيىملىرىنى ئايلىنىشىمدىن بىزار بولماڭ. چۈنكى سىزنىڭ ئېلىكتىر سايمانلىرى، تەنتەربىيە بۇيۇملىرى پوكەيلىرىدە ئايلىنىدىغان چاغلىرىڭىزمۇ خېلى بارغۇ.

    18. مەن سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىڭىزگە ، مىھىربانلىقىڭىزغا مۇھتاج. مەن بىلەن پات- پات پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ.

    مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى


    收藏到:Del.icio.us




ئۇيغۇرچە بىلەن لاتىنچە يېزىقنى ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl+k نى بېسىڭ. يېزىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسىڭىز Ctrl+t نى بېسىڭ.