باش بەت | تور بېلىملىرى | يۇمشاق دىتاللار | جاھاندىكى ئىشلار | ناخشا-مۇزىكىلار | تاللانما ئەسەرلەر |
-
2009-04-25
جاۋاپسىز قالغان ھەزىل سۇئاللار - [ئەدەبىيات گۈلزارى]
1. كونىلاردا : «ئەلدىن - ئەلگە نەپ ، بولمىسا قوڭىغا تەپ » دىگەن گەپ بار ئىكەن. ھازىرقى جەمىيەتتە كۆپ كىشلەر ئۆزىنىڭ نەپسىگە چوغ تارتىدىغان تۇرسا ھەممىسىنىڭ قوڭىغا تەپكىلى تۇرسا قانداق بولۇپ كېتەر؟
2. «قەشقەردە ھاجىم تولا، كۇچادا قارىم تولا» بۇ گەپ توغرىمۇ ؟
3. «گۆش بىلەن ياغ بىر تۇغقان، پىيازنىڭ كۆيگىنى كۆيگەن» بۇ گەپنى قانداق چۈشەنسەم بولار؟
4. بەزىلەر - <<قىلىدىغان ئىشىم چېچىمدىن تولا>>-، دەيدىكەن. ئۇنداقتا تازلارنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوقمۇ؟
5. قايسى بىر كۈنى مەن « چۈجىسى بار توخۇ ئۇچالماس» دىگەن گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. ئاراڭلاردا بىرەرسىڭلار توخۇنىڭ، باشقا قۇشلاردەك ئۇچقىننى كۆرگەنمۇ؟
6. «قوناق تاپساڭ غازغا بەر، قىزىڭ بولسا تازغا بەر» سىلەرچە شۇنداق قىلسا بولارمۇ؟
7. كونىلاردا «سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس، ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس» دىگەن گەپ بار ئىكەن. ئەجىبا، سامان ئارىلاشتۇرمايمۇ لاي ئەتكىلى بولىدىغۇ. مەسىلەن: سېمىنۇتقا سامان ئارىلاشتۇرماي لاي ئېتىدىغۇ، بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟
收藏到:Del.icio.us