بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-07-16

    چەمبەرلىتاش تۈۋرۈكى پۈتتى. - [تۈركىيە]

    چەمبەرلىتاش تۈۋرۈكى پۈتتى.

    ئىستانبۇلنىڭ سىمۋول خاراكتېرلىك قۇرلىشلىردىن بىرى بولغان چەمبەرلىتاش تۈۋرۈكى ئالتە يىللىق رېمۇنىت خاراكتېرلىك ئىنشائات ئىشىدىن كىيىن يېقىندا رېمۇنت قىلىش خىزمىتى پۈتتى.  بۇ تۈۋرۈك مىلادىيىنىڭ 330-يىلى بىرىنچى كونستانتىن نامى ئۇچۇن سېلىنغان. شۇ ۋاقىتتىكى ئىستانبۇلنىڭ يەتتە ئېگىزلىكىدىن بىرى بولغان چەمبەرلىتاشقا سېلىندى. ھەر بىرى ئۈچ تون ئېغىرلىقتىكى بېتوننى قوللىنىش ئارقىلىق سېلىنغان تۈۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلىقى 57 مىتېر ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا تۈۋرۈكنىڭ ئۇستىدە قۇياشقا سالام قىلغان ھەيكەل بار ئىدى. 1081-يىلى تۈۋرۈكنى چاقماق چاقىدۇ شۇنىڭ بىلەن ھەيكەل ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئىمپېراتور تۈۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كىرسىت بەلگىسىنى قويدۇرىدۇ. ئوسمانىيە ئىمپېراتورلۇغى زامانىدا ئۈستىدىكى كىرست بەلگىسى چۇشۇرلىدۇ، كىيىن رېمۇنت قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تۈۋرۈكنىڭ يىقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن تۆمۈردىن دەستەك قويۇلىدۇ، ھازىرقى ئىسىمى شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان.

    ئىسپاتلانمىغان رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇددۇستىكى مازارلىقىدىن بەزى نەرسىلەرنىڭ بۇ يەرگە ئەكىلىپ كۆمۇلگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا خرىرىستىيانلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە خاتا چۈشىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇچۇن بۇ قېتىمقى رېمۇنت قىلىش خىزمىتىگە ئالتە يىل ۋاقىت ۋە بىر مىليون ئۈچ يۈز مىڭ لىرا(تەخمىنەن بىر مىليون دوللار) پۇل سەرپ قىلىندى.


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • چەمبەرلىتاش دىگىنىڭىز چەمبەرلىكتاش بولامدۇ؟
    Kurkumguli回复开往春天的地铁说:
    توغرا ئۇيغۇرچىدا چەمبەرلىكتاش دەيدۇ
    2010-07-16 19:49:36
ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>