بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-06-06

    گۈزەل ماكان -گۈلخانە - [تۈركىيە]

    گۈزەل ماكان -گۈلخانە


    گۈلخانە باغچىسى دېڭىزنىڭ بۇيىدا چىرايلىق ياسالغان بولۇپ تارىختىمۇ مەشھۇر. ئوسمان ئېمپىريىسىنىڭ سۇلتانلىرى مۇشۇ باغچىنىڭ يېنىدىكى توپكاپى سارىيىدا ياشىغان. تۈركچە بۇ يەرنى گۈلخانە پاركى دەپ ئاتايدۇ. ئىستانبۇلنىڭ مەشھۇر قۇرۇلۇشلىرىدىن سۇلتان ئەخمەت جامەسى، ئاياسوفيا، يەرگە پاتقان ساراي قاتارلىقلارغىمۇ يېقىن.

     
    گلوبۇس-بۇ گلوبۇس ناھايىتى بۇرۇن ياسىلىپتىكەن. تارىخى قىممىتىنى ساقلاش ئۇچۇن ئاشۇ پېتى كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنى قويۇپ قويغان. يېقىن كېلىپ قارىسىڭىز نۇرغۇن خاتا يېرى بارلىقنى بىلۋالايسىز.
    ياپيېشىل بىر مەنزىرىسى بار،


    مۇستاپا كامالنىڭ ھەيكىلى بار، باغچىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا.

    ئاشق ۋەيسەل دېگەن ناخشىچىنىڭمۇ ھەيكىلى قاتۇرۇلغان.


    كۈز ۋاقىتى رومانتىك بىر تۇيغۇ بېرىدۇ.


    بەزى كۈنلىرى جىمجىت ماڭسىڭىز نۇرغۇن نەرسىنى ئويلىيالايسىز ياكى پاراڭلىشالايدىغان دوستلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان يېرى. ئادەتتە بۇ يەردە قويۇپ قويۇلغان ئورۇندۇقلاردا كۆڭۈل ئىزھار قىلىشىپ ئولتۇرغان ياش قىز -يىگىتلەرنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.


    دېڭىزغا قاراپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچسىڭىز دېڭىزدىن ھۇزۇرلىنالايسىز.


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>