بلوگىمىز سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىدۇ!.

  • 2010-05-24

    يۆك(YOK) ھەققىدە - [تۈركىيە]

    يۆك(YOK) ھەققىدە

     

    يۆك-يۈكسەك ئۆگرەتىم كۇرۇلۇ دىگەن  تۈركچە سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى. ئۇيغۇرچە ئالى مائارىپ كومىتېتى دېسەكمۇ بولىدۇ. مەن ماقالەمدە قىسقارتىلغان يۆك سۆزىنى ئىشلەتتىم. ئالى مەكتەپكە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئىشلار مۇشۇ يەردە بېجىرىلىدۇ، تۈركىيىگە ئۇقۇشقا چىقماقچى ياكى خىزمەت ئىشلىگىنى كەلگەنلەرنىڭ بەزى ئىشلىرىنى مۇشۇ يەردە بېجىرىدۇ.

     

     تۈركىيىدە 95 دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتى، 51 شەخسى ئۇنۋېرسىتېت بولۇپ بۇلارنى مەمۇرىي جەھەتتىن مۇشۇ كومىتېت باشقۇرىدۇ. 1982-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسى قانۇنىغا ئاساسەن قۇرۇلغان. تۆۋەندىكى ئىشلارنى يۆك قىلىدۇ، ياكى ۋاسىتىلىك باشقۇرىدۇ.

     

    دىپلۇم ئېتىراپ قىلدۇرۇش: سىرتىقى دۆلەتلەردىن ئوقۇماقچى بولۇپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىپلۇمىسىنى ئېتىراپ قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەيدۇ، بۇرۇن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا بۇنداق قائىدە يوق ئىدى، ئەمما كىيىنكى يىللاردا بۇ ئىشنى خېلى چىڭ تۇتۇشقا باشلىدى، نورمالدا جۇڭگودىكى كۆپ قىسىم مەكتەپلەرنىڭ تۇلۇق كۇرس(باكلاۋېر)، ماگىستىرلىق ئۇنۋاننى ياكى دىپلۇمىسىنى  قوبۇل قىلىدۇ. تۈركىيىدە ئۇقۇش پۇتتۇرگەندە پەقەت دىپلوم بېرىدۇ، جۇڭگۇدىكىدەك ھەم دىپلوم ھەم ئۇنۋان بەرمەيدۇ.

     

    ئۇنۋېرسىتېت ۋە كەسىپكە بۆلۈش: ئۇقۇغۇچىلار بېرىشكە تىگىشلىك ئىمتىھانلارنى بېرىپ بولغاندىن كىيىن نەتىجىلىرى ۋە ئارزۇلىرى يۆك(ئالى مائارىپ كومىتېتى)گە كېلىدۇ، يۇقىرىدىكى نەرسىلەرگە ئاساسەن يۆك ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ۋە كەسىپلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ

     

    يۆك  تور بىكەت ئادىرسى:http://www.yok.gov.tr/

     

    چۈشىنەلمىگەن ياكى سورىماقچى بولغان سۇئالىڭىز بولسا قالدۇرۇپ قويۇڭ. مەن كىيىنكى ماقالىدە ئوقۇغۇچى تاللاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەركىزى(OSYM)، چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا مۇناسۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمە ھەققىدە يازىمەن.  


    收藏到:Del.icio.us




ئۇسلۇب ئاپتورى: پرېستان | تارقاتقۇچى ئورۇن: ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى | ئېلان-ھەمكارلىق
>